# File Name: Holy-Bible---Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic---Standard-Edition.noia # File Size: 8768168 # File Date: 03/27/2024 23:17:33 # File Purpose: Supporting resource for the Aionian Bible project # File Location: https://resources.AionianBible.org # File Copyright: Creative Commons Attribution No Derivative Works 4.0, 2018-2024 # File Generator: ABCMS (alpha) # File Accuracy: Contact publisher with corrections to file format or content # Publisher Name: Nainoia Inc # Publisher Contact: https://www.AionianBible.org/Publisher # Publisher Mission: https://www.AionianBible.org/Preface # Publisher Website: https://NAINOIA-INC.signedon.net # Publisher Facebook: https://www.Facebook.com/AionianBible # Bible Name: مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق) # Bible Name English: Uyghur Bible (arabic script) # Bible Language: Uyghur tili # Bible Language English: Uyghur # Bible Copyright Format: CC Attribution ShareAlike 4.0, 2018-2024 # Bible Copyright Text: CC Attribution ShareAlike 4.0 # Bible Source: Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee # Bible Source Version: 11/7/2023 # Bible Source Link: https://ebible.org/details.php?id=uigara # Bible Source Year: 2010 # Bible Format: Standard formatting without annotation # INDEX BOOK CHAPTER VERSE TEXT # # BOOK 001 GEN Genesis يارىتىلىش 001 GEN 001 001 مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى. 001 GEN 001 002 ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. 001 GEN 001 003 خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 001 GEN 001 004 خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى. 001 GEN 001 005 خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. 001 GEN 001 006 ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار [يۇقىرى-تۆۋەن] ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى. 001 GEN 001 007 شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. 001 GEN 001 008 خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. 001 GEN 001 009 ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. 001 GEN 001 010 خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. 001 GEN 001 011 ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ 001 GEN 001 012 يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. 001 GEN 001 013 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. 001 GEN 001 014 خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ 001 GEN 001 015 ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. 001 GEN 001 016 خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 001 GEN 001 017 خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. 001 GEN 001 019 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. 001 GEN 001 020 خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى. 001 GEN 001 021 شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. 001 GEN 001 022 خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى. 001 GEN 001 023 شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. 001 GEN 001 024 خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. 001 GEN 001 025 شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. 001 GEN 001 026 ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى. 001 GEN 001 027 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى. 001 GEN 001 028 خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. 001 GEN 001 029 ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ 001 GEN 001 030 شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. 001 GEN 001 031 خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. 001 GEN 002 001 شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى. 001 GEN 002 002 خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى. 001 GEN 002 003 يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى. 001 GEN 002 004 پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ 001 GEN 002 005 زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 001 GEN 002 006 لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى. 001 GEN 002 007 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى. 001 GEN 002 008 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 001 GEN 002 009 پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، [مېۋىلىرى] يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. 001 GEN 002 010 باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. 001 GEN 002 011 بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 001 GEN 002 012 بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. 001 GEN 002 013 ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 001 GEN 002 014 ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى. 001 GEN 002 015 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى. 001 GEN 002 016 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ 001 GEN 002 017 ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. 001 GEN 002 018 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. 001 GEN 002 019 پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. 001 GEN 002 020 بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. 001 GEN 002 021 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. 001 GEN 002 022 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. 001 GEN 002 023 ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى. 001 GEN 002 024 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. 001 GEN 002 025 ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى. 001 GEN 003 001 يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 003 002 ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 001 GEN 003 003 ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. 001 GEN 003 004 يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 001 GEN 003 005 بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 003 006 ئايال دەرەخنىڭ [مېۋىسىنىڭ] يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. 001 GEN 003 007 يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. 001 GEN 003 008 كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 001 GEN 003 009 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى. 001 GEN 003 010 ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى. 001 GEN 003 011 [خۇدا] ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. 001 GEN 003 012 ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى. 001 GEN 003 013 پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 003 014 پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن. 001 GEN 003 015 ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن». 001 GEN 003 016 ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى. 001 GEN 003 017 ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. 001 GEN 003 018 يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. 001 GEN 003 019 تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى. 001 GEN 003 020 ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى. 001 GEN 003 021 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. 001 GEN 003 022 پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن [ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك]، دېدى. 001 GEN 003 023 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. 001 GEN 003 024 ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى. 001 GEN 004 001 ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى. 001 GEN 004 002 ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى. 001 GEN 004 003 بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. 001 GEN 004 004 ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. 001 GEN 004 005 لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى. 001 GEN 004 006 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ 001 GEN 004 007 ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا [سېنى پايلاپ] بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. 001 GEN 004 008 قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. 001 GEN 004 009 پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 004 010 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ! 001 GEN 004 011 ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن. 001 GEN 004 012 سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى. 001 GEN 004 013 بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك! 001 GEN 004 014 مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى. 001 GEN 004 015 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى. 001 GEN 004 016 شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 001 GEN 004 017 قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ ھانوخنى تۇغدى. ئۇ ۋاقىتتا قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتاتتى؛ ئۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ھانوخ دەپ ئاتىدى. 001 GEN 004 018 ھانوختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەھۇيائىل تۆرەلدى، مەھۇيائىلدىن مەتۇشائىل تۆرەلدى، مەتۇشائىلدىن لەمەخ تۆرەلدى. 001 GEN 004 019 لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. 001 GEN 004 020 ئاداھ يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرىدىغان كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى. 001 GEN 004 021 ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. بۇ چىلتار بىلەن نەي چالغۇچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى. 001 GEN 004 022 زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 001 GEN 004 023 لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم. 001 GEN 004 024 ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى. 001 GEN 004 025 ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا باشقا بىر ئەۋلاد تىكلەپ بەردى، دېدى. 001 GEN 004 026 شېتتىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئېنوش دەپ ئات قويدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى. 001 GEN 005 001 بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى. 001 GEN 005 002 ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 005 003 ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. 001 GEN 005 004 شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 005 ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 006 شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى. 001 GEN 005 007 ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 008 شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 009 ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى. 001 GEN 005 010 كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 011 ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 012 كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى. 001 GEN 005 013 ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 014 كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 015 ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. 001 GEN 005 016 يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 017 ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 018 يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى. 001 GEN 005 019 ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 020 يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 021 ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. 001 GEN 005 022 مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى. 001 GEN 005 023 ھانوخنىڭ [يەر يۈزىدە] بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛ 001 GEN 005 024 ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ [تۇيۇقسىز كۆزدىن] غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. 001 GEN 005 025 مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى. 001 GEN 005 026 لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 027 مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 028 لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز [يەرگە] ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 005 030 نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 005 031 لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 005 032 نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى. 001 GEN 006 001 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، 001 GEN 006 002 خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى. 001 GEN 006 003 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى. 001 GEN 006 004 شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى. 001 GEN 006 005 پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى. 001 GEN 006 006 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. 001 GEN 006 007 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى. 001 GEN 006 008 لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى. 001 GEN 006 009 نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى. 001 GEN 006 010 نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. 001 GEN 006 011 پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. 001 GEN 006 012 خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى. 001 GEN 006 013 شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. 001 GEN 006 014 ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. 001 GEN 006 015 سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. 001 GEN 006 016 كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا. 001 GEN 006 017 چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. 001 GEN 006 018 لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. 001 GEN 006 019 ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛ 001 GEN 006 020 تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. 001 GEN 006 021 ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى. 001 GEN 006 022 نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى. 001 GEN 007 001 پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم. 001 GEN 007 002 ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، ھارام ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىرىك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەكىر. 001 GEN 007 004 چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». 001 GEN 007 005 شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى. 001 GEN 007 006 يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 001 GEN 007 007 توپاندىن [قۇتۇلۇپ قېلىش] ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى. 001 GEN 007 008 ھالال ھايۋانلار بولسۇن، ھارام ھايۋانلار بولسۇن، قۇشلار بىلەن يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولسۇن، [ھەربىر تۈردىن] بىر جۈپ-بىر جۈپتىن ئەركەك-چىشى بولۇپ، خۇدا نۇھقا بۇيرۇغاندەك كېمىگە، نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. 001 GEN 007 010 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. 001 GEN 007 011 نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى. 001 GEN 007 012 يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى. 001 GEN 007 013 دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى. 001 GEN 007 014 ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى. 001 GEN 007 015 ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. 001 GEN 007 016 كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى. 001 GEN 007 017 توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى. 001 GEN 007 018 سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى. 001 GEN 007 019 سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى. 001 GEN 007 020 سۇلار [تاغلاردىن] يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. 001 GEN 007 021 بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛ 001 GEN 007 022 قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 001 GEN 007 023 يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى. 001 GEN 007 024 بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى. 001 GEN 008 001 خۇدا نۇھنى، شۇنداقلا كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بارلىق مال-چارۋىلارنى ئەسلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر شامال چىقىرىپ يەر يۈزىنى يەلپۈتتى ۋە سۇلار يېنىشقا باشلىدى. 001 GEN 008 002 چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بۇلاقلار ۋە ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېتىلىپ، ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇر توختىدى. 001 GEN 008 003 سۇلار بارغانسېرى يەر يۈزىدىن ياندى؛ بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئازلىدى. 001 GEN 008 004 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى. 001 GEN 008 005 سۇلار ئونىنچى ئايغىچە بارغانسېرى ئازىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. 001 GEN 008 006 قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئۆزى ئورناتقان دەرىزىنى ئېچىپ، 001 GEN 008 007 بىر قۇزغۇننى سىرتقا چىقاردى. ئۇ يەر يۈزىدىكى سۇلار تارتىلىپ بولغۇچە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈردى. 001 GEN 008 008 ئۇنىڭدىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى چىقاردى. 001 GEN 008 009 لېكىن سۇلار تېخىچە پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي، نۇھنىڭ قېشىغا كېمىگە يېنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 001 GEN 008 010 ئۇ يەتتە كۈن ساقلاپ، بۇ كەپتەرنى كېمىدىن يەنە سىرتقا چىقاردى. 001 GEN 008 011 كەپتەر كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى؛ مانا، ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا يېڭى ئۈزۈۋالغان زەيتۇن يوپۇرمىقى بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. 001 GEN 008 012 ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، كەپتەرنى يەنە سىرتقا چىقاردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمىدى. 001 GEN 008 013 نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سۇ يەر يۈزىدىن قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ قارىۋىدى، يەرنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. 001 GEN 008 014 ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. 001 GEN 008 015 ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار. 001 GEN 008 017 ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 008 018 شۇنىڭ بىلەن نۇھ، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. 001 GEN 008 019 جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى. 001 GEN 008 020 شۇ چاغدا نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ ئۇ ھالال جانىۋارلار بىلەن ھالال قۇشلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۆتكۈزدى. 001 GEN 008 021 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ [مەمنۇن بولدى]؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن. 001 GEN 008 022 بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە، تېرىش بىلەن ئورما، سوغۇق بىلەن ئىسسىق، ياز بىلەن قىش، كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى. 001 GEN 009 001 خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار. 001 GEN 009 002 يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. 001 GEN 009 003 مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم. 001 GEN 009 004 لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 001 GEN 009 005 قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن. 001 GEN 009 006 كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر. 001 GEN 009 007 ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». 001 GEN 009 008 ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن 001 GEN 009 011 مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». 001 GEN 009 012 خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛ 001 GEN 009 014 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس. 001 GEN 009 016 ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى. 001 GEN 009 017 خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. 001 GEN 009 018 نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. 001 GEN 009 019 بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر. 001 GEN 009 020 نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. 001 GEN 009 021 ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. 001 GEN 009 022 قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى. 001 GEN 009 023 شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. 001 GEN 009 024 نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ 001 GEN 009 025 قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى. 001 GEN 009 026 ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 001 GEN 009 027 خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى. 001 GEN 009 028 نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. 001 GEN 009 029 بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 010 001 تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ 001 GEN 010 002 يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. 001 GEN 010 003 گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى. 001 GEN 010 004 ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى. 001 GEN 010 005 بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. 001 GEN 010 006 ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى. 001 GEN 010 007 كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى. 001 GEN 010 008 كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى. 001 GEN 010 009 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان. 001 GEN 010 010 ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى. 001 GEN 010 011 ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى). 001 GEN 010 013 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، 001 GEN 010 014 پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. 001 GEN 010 015 قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. 001 GEN 010 016 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 001 GEN 010 017 ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، 001 GEN 010 018 ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. 001 GEN 010 019 قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى. 001 GEN 010 020 يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 001 GEN 010 021 شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. 001 GEN 010 022 شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ 001 GEN 010 023 ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى. 001 GEN 010 024 ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. 001 GEN 010 025 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. 001 GEN 010 026 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 001 GEN 010 027 ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، 001 GEN 010 028 ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، 001 GEN 010 029 ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 001 GEN 010 030 ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. 001 GEN 010 031 يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 001 GEN 010 032 يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان. 001 GEN 011 001 ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى. 001 GEN 011 002 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 001 GEN 011 003 ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. 001 GEN 011 004 ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى. 001 GEN 011 005 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى. 001 GEN 011 006 پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. 001 GEN 011 007 شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى [باشقا-باشقا قىلىپ] قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى. 001 GEN 011 008 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى. 001 GEN 011 009 شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. 001 GEN 011 010 تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى. 001 GEN 011 011 ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 012 ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. 001 GEN 011 013 شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 014 شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. 001 GEN 011 015 ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 016 ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. 001 GEN 011 017 پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 018 پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى. 001 GEN 011 019 رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 020 رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى. 001 GEN 011 021 سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 022 سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. 001 GEN 011 023 ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 024 ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. 001 GEN 011 025 تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 001 GEN 011 026 تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى. 001 GEN 011 027 تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى. 001 GEN 011 028 لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى. 001 GEN 011 029 ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. 001 GEN 011 030 لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى. 001 GEN 011 031 تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 001 GEN 011 032 تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. 001 GEN 012 001 پەرۋەردىگار [ئەسلىدە] ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن. 001 GEN 012 002 شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ 001 GEN 012 003 كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. 001 GEN 012 004 ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە [ھاراندىن] ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى. 001 GEN 012 005 ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال-مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. 001 GEN 012 006 ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى). 001 GEN 012 007 پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى. 001 GEN 012 008 ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. 001 GEN 012 009 ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى. 001 GEN 012 010 زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى. 001 GEN 012 011 ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن. 001 GEN 012 012 شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ. 001 GEN 012 013 شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 012 014 ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى. 001 GEN 012 015 پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى. 001 GEN 012 016 پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى. 001 GEN 012 017 ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى. 001 GEN 012 018 شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ 001 GEN 012 019 نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى. 001 GEN 012 020 پىرەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئابرام توغرىسىدا ئەمر قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى، ئايالىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ يولغا سېلىۋەتتى. 001 GEN 013 001 شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى. 001 GEN 013 002 ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى. 001 GEN 013 003 ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا، 001 GEN 013 004 قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. 001 GEN 013 005 ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى. 001 GEN 013 006 ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛ 001 GEN 013 007 بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى). 001 GEN 013 008 شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن. 001 GEN 013 009 مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى. 001 GEN 013 010 ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى. 001 GEN 013 011 شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى. 001 GEN 013 012 ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى. 001 GEN 013 013 سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى. 001 GEN 013 014 لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛ 001 GEN 013 015 چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن. 001 GEN 013 016 سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ. 001 GEN 013 017 ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 013 018 شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى. 001 GEN 014 001 شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى، 001 GEN 014 002 ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. 001 GEN 014 003 بۇ [بەشىنىڭ] ھەممىسى كېلىشىپ سىددىم ۋادىسىغا، يەنى «شور دېڭىزى» ۋادىسىغا يىغىلدى. 001 GEN 014 004 ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلايومەرگە بېقىندى بولدى، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، كېدورلايومەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. 001 GEN 014 005 ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ 001 GEN 014 006 ئاندىن ئۇلار ھورىيلارنى ئۇلارنىڭ سېئىر تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. 001 GEN 014 007 ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى. 001 GEN 014 008 شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛ 001 GEN 014 009 مۇشۇ [بەشەيلەن] ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى. 001 GEN 014 010 سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي [ئورەكلىرى] بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى. 001 GEN 014 011 [غالىب كەلگەن تۆت پادىشاھ بولسا] سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئېلىپ كەتتى. 001 GEN 014 012 ئۇلار يەنە ئابرامنىڭ جىيەنى لۇتنىمۇ ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ سودومدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 001 GEN 014 013 ھالبۇكى، قۇتۇلۇپ قالغان بىرسى بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئابرامغا ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئامورىي مامرەنىڭ دۇبزارلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە بولسا ئەشكول ۋە ئانەرنىڭ ئاكىسى ئىدى؛ بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. 001 GEN 014 014 ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، [تۆت پادىشاھنى] قوغلاپ دانغىچە باردى. 001 GEN 014 015 كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، 001 GEN 014 016 پۈتكۈل [ئولجا ئالغان] مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا [بارلىق قالغان] ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى. 001 GEN 014 017 ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. 001 GEN 014 018 سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىزەدەكمۇ نان بىلەن شاراب ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇ زات بولسا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرىنىڭ كاھىنى ئىدى؛ 001 GEN 014 019 ئۇ [ئابرامنى] بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن! 001 GEN 014 020 شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. 001 GEN 014 021 ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى. 001 GEN 014 022 لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى، 001 GEN 014 023 مەن سەندىن ھەتتا بىر تال يىپ نە بىر تال بوغقۇچىنىمۇ نە سېنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسەڭنى ئالمايمەن؛ بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدوم» دېيىشىڭ مۇمكىن. 001 GEN 014 024 شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن [غەنىيمەتتىن] ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 015 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى. 001 GEN 015 002 لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى. 001 GEN 015 003 ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى. 001 GEN 015 004 شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى. 001 GEN 015 005 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 015 006 ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ [ئىشەنچنى] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى. 001 GEN 015 007 يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى. 001 GEN 015 008 لېكىن [ئابرام]: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 015 009 [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى. 001 GEN 015 010 شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى. 001 GEN 015 011 قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى. 001 GEN 015 012 لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى. 001 GEN 015 013 ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ. 001 GEN 015 014 لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ. 001 GEN 015 015 ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن. 001 GEN 015 016 لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، [نەسلىڭ] بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى. 001 GEN 015 017 شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى. 001 GEN 015 018 دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار، 001 GEN 015 020 ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، 001 GEN 015 021 ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى. 001 GEN 016 001 ئەمما ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى؛ 001 GEN 016 002 ساراي ئابرامغا: ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى. 001 GEN 016 003 شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى). 001 GEN 016 004 ئابرام ھەجەرنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلگىنىدە، ئۇ ئايال خوجايىنىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى. 001 GEN 016 005 ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. 001 GEN 016 006 ئابرام سارايغا: ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى. 001 GEN 016 007 ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا: 001 GEN 016 008 ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى. 001 GEN 016 009 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى. 001 GEN 016 010 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 016 011 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر-جاپايىڭنى ئاڭلىدى. 001 GEN 016 012 ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى. 001 GEN 016 013 ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 016 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇدۇق: «بەئەر-لاھاي-روي» دەپ ئاتالدى. ئۇ قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدىدۇر. 001 GEN 016 015 ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 001 GEN 016 016 ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگەندە ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى. 001 GEN 017 001 ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن. 001 GEN 017 002 مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 017 003 ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ 001 GEN 017 004 ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 001 GEN 017 005 شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم. 001 GEN 017 006 مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. 001 GEN 017 007 مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛ 001 GEN 017 008 مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 017 009 ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك. 001 GEN 017 010 مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن. 001 GEN 017 011 شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. 001 GEN 017 012 بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن. 001 GEN 017 013 ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ. 001 GEN 017 014 لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 017 015 خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن. 001 GEN 017 016 مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 017 017 ئىبراھىم [يەنە] ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى. 001 GEN 017 018 ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى. 001 GEN 017 019 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ. 001 GEN 017 020 ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. 001 GEN 017 021 بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 017 022 خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. 001 GEN 017 023 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى. 001 GEN 017 024 ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى. 001 GEN 017 025 ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. 001 GEN 017 026 ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل دەل شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خەتنە قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەر كىشىلەر، مەيلى ئۆيىدە تۇغۇلغان بولسۇن ياكى ياتتىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەتنە قىلىندى. 001 GEN 018 001 پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. 001 GEN 018 002 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: 001 GEN 018 003 ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛ 001 GEN 018 004 ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. 001 GEN 018 005 سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، 001 GEN 018 006 ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى. 001 GEN 018 007 ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى. 001 GEN 018 008 ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى. 001 GEN 018 010 بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى. 001 GEN 018 011 ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى. 001 GEN 018 012 شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى. 001 GEN 018 013 پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ 001 GEN 018 014 پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 018 015 ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى. 001 GEN 018 016 ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. 001 GEN 018 017 پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ 001 GEN 018 018 چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ 001 GEN 018 019 چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 020 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، 001 GEN 018 021 مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». 001 GEN 018 022 شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. 001 GEN 018 023 ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ 001 GEN 018 024 شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ 001 GEN 018 025 ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 018 026 پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 027 ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. 001 GEN 018 028 مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. 001 GEN 018 029 ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، [پەرۋەردىگار]: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 030 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 031 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 032 ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 001 GEN 018 033 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. 001 GEN 019 001 ئىككى پەرىشتە كەچتە سودومغا يېتىپ كەلدى؛ شۇ چاغدا لۇت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: 001 GEN 019 002 ــ مانا، ئەي خوجىلىرىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ قونۇپ قالغايسىلەر؛ ئاندىن ئەتە سەھەر قوپۇپ يولغا چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، دېۋىدى، بۇلار جاۋابەن: ــ ياق، بىز شەھەر مەيدانىدا كەچلەيمىز، ــ دېدى. 001 GEN 019 003 ئەمما ئۇ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇۋىدى، ئاخىر ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچلارنى پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار غىزالاندى. 001 GEN 019 004 ئۇلار تېخى ياتمىغانىدى، شەھەردىكىلەر، يەنى سودومنىڭ ئەركەكلىرى، ياش، قېرى ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى؛ 001 GEN 019 005 ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. 001 GEN 019 006 لۇت دەرۋازىنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، 001 GEN 019 007 ئۇلارغا: ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار! 001 GEN 019 008 مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى. 001 GEN 019 009 لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى. 001 GEN 019 010 ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ لۇتنى ئۆيگە ئۆز قېشىغا تارتىپ ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى 001 GEN 019 011 ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى. 001 GEN 019 012 ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! 001 GEN 019 013 چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى. 001 GEN 019 014 شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» ــ دېدى. ئەمما ئۇ [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى. 001 GEN 019 015 تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: ــ ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، ــ دېدى. 001 GEN 019 016 ئەمما ئۇ تېخىچە ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىيلەن لۇتنىڭ قولىنى، ئايالىنىڭ قولىنى ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. 001 GEN 019 017 ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى. 001 GEN 019 018 لېكىن لۇت ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي! 001 GEN 019 019 مانا، كەمىنەڭ كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپتى، جېنىمنى قۇتقۇزدۇڭ، ماڭا زور مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ؛ ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن؛ ئۇنداق قىلسام، ماڭا بىرەر ئاپەت چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتەرمەنمىكىن. 001 GEN 019 020 قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك [شەھەر] ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. 001 GEN 019 021 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەير، بۇ ئىشتىمۇ ساڭا ماقۇل بولاي، سەن ئېيتقان شۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي. 001 GEN 019 022 ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان. 001 GEN 019 023 لۇت زوئارغا يېتىپ بارغاندا كۈن نۇرى يەر يۈزىگە چېچىلغانىدى. 001 GEN 019 024 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەرشتىن، ئۆز يېنىدىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ۋە ئوت ياغدۇرۇپ، 001 GEN 019 025 شۇ شەھەرلەرنى، پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى ھەمدە شەھەرلەردىكى بارلىق ئاھالىلەر ۋە يەردىن ئۈنگەنلەرنى قوشۇپ بەربات قىلدى. 001 GEN 019 026 لېكىن لۇتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قارىۋىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى. 001 GEN 019 027 ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم قوپۇپ ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا چىقىپ، 001 GEN 019 028 سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، يەر يۈزىدىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك تۈتۈن ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆردى. 001 GEN 019 029 ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى. 001 GEN 019 030 ئەمما لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ، تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر ئۆڭكۈردە تۇردى. 001 GEN 019 031 ئەمدى چوڭ قىز كىچىكىگە: ــ ئاتىمىز بولسا قېرىپ كەتتى؛ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇ يۇرتتا بىزگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ھېچ ئەر كىشى قالمىدى. 001 GEN 019 032 قېنى، ئاتىمىزنى شاراب بىلەن مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى؛ شۇنداق قىلساق، بىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇقىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. 001 GEN 019 033 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، چوڭ قىزى كىرىپ ئاتىسى بىلەن ياتتى. لېكىن لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. 001 GEN 019 034 ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، چوڭى كىچىكىگە: ــ مانا، مەن ئاخشام ئاتام بىلەن ياتتىم؛ بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچكۈزەيلى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتقىن؛ شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ نەسلىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. 001 GEN 019 035 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، كىچىك قىزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. 001 GEN 019 036 شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 001 GEN 019 037 چوڭى بولسا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى موئاب قويدى؛ ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 001 GEN 019 038 كىچىكىمۇ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بەن-ئاممى قويدى. ئۇ بۈگۈنكى ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 001 GEN 020 001 ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى. 001 GEN 020 002 شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى [ئۆزىگە] خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى. 001 GEN 020 003 لېكىن [بىر كۈنى] كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى. 001 GEN 020 004 ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟ 001 GEN 020 005 ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى. 001 GEN 020 006 خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم. 001 GEN 020 007 ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. 001 GEN 020 008 ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. 001 GEN 020 009 ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى. 001 GEN 020 010 ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى. 001 GEN 020 011 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم. 001 GEN 020 012 ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى. 001 GEN 020 013 لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى. 001 GEN 020 014 ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى. 001 GEN 020 015 ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى. 001 GEN 020 016 ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن». 001 GEN 020 017 ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار [يەنە] بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى. 001 GEN 021 001 ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى. 001 GEN 021 002 ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 021 003 ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى. 001 GEN 021 004 ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى. 001 GEN 021 005 ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. 001 GEN 021 006 ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى. 001 GEN 021 007 ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى. 001 GEN 021 008 بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. 001 GEN 021 009 ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ [ئىسھاقنى] مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. 001 GEN 021 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى. 001 GEN 021 011 [ساراھنىڭ] بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى [ئىسمائىلمۇ] ئۇنىڭ ئوغلى-دە! 001 GEN 021 012 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ. 001 GEN 021 013 لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى. 001 GEN 021 014 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى. 001 GEN 021 015 ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى. 001 GEN 021 017 خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ [يىغا] ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى. 001 GEN 021 018 ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 021 019 شۇئان خۇدا [ھەجەرنىڭ] كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى. 001 GEN 021 020 خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. 001 GEN 021 021 ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. 001 GEN 021 022 ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر. 001 GEN 021 023 ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى. 001 GEN 021 024 ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى. 001 GEN 021 025 ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى. 001 GEN 021 026 ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى. 001 GEN 021 027 ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى. 001 GEN 021 028 ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. 001 GEN 021 029 ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 001 GEN 021 030 ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 001 GEN 021 031 بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 021 032 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى. 001 GEN 021 033 ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. 001 GEN 021 034 ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 022 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 001 GEN 022 002 ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى. 001 GEN 022 003 ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. 001 GEN 022 004 ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى. 001 GEN 022 005 ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى. 001 GEN 022 006 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. 001 GEN 022 007 ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 001 GEN 022 008 ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى. 001 GEN 022 009 ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى. 001 GEN 022 010 ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى. 001 GEN 022 011 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى. 001 GEN 022 012 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى. 001 GEN 022 013 ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. 001 GEN 022 014 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 001 GEN 022 015 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ 001 GEN 022 016 سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 001 GEN 022 017 ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ. 001 GEN 022 018 سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 022 019 ئاندىن ئىبراھىم يىگىتلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ باردى. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بەئەر-شېباغا يول ئالدى. ئىبراھىم بەئەر-شېبادا تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 022 020 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا مىلكاھمۇ ئىنىڭ ناھورغا بىرقانچە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ»، دېگەن خەۋەر يەتتى. 001 GEN 022 021 ئۇلار بولسا تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇز ۋە ئارامنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئەل، 001 GEN 022 022 ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى. 001 GEN 022 023 (بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 022 024 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېنىزىكى رەئۇماھمۇ تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ دېگەنلەرنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 023 001 ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى. 001 GEN 023 002 ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. 001 GEN 023 003 ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ: 001 GEN 023 004 ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى. 001 GEN 023 005 ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 023 007 ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ، 001 GEN 023 008 ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، 001 GEN 023 009 ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 023 010 شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ 001 GEN 023 011 يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى. 001 GEN 023 012 ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، 001 GEN 023 013 شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. 001 GEN 023 014 ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: 001 GEN 023 015 ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى. 001 GEN 023 016 ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى. 001 GEN 023 017 شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى 001 GEN 023 018 ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، [يەنى ئەفروننىڭ] شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. 001 GEN 023 019 شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. 001 GEN 023 020 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى. 001 GEN 024 001 ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. 001 GEN 024 002 ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛ 001 GEN 024 003 مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي، 001 GEN 024 004 بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. 001 GEN 024 005 خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى. 001 GEN 024 006 ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن! 001 GEN 024 007 مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن. 001 GEN 024 008 شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى. 001 GEN 024 009 شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. 001 GEN 024 010 ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. 001 GEN 024 011 ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى. 001 GEN 024 012 ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. 001 GEN 024 013 مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ. 001 GEN 024 014 ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى. 001 GEN 024 015 ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛ 001 GEN 024 016 قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى. 001 GEN 024 017 خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى. 001 GEN 024 018 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى. 001 GEN 024 019 ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى. 001 GEN 024 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى. 001 GEN 024 021 ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى. 001 GEN 024 022 تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا: 001 GEN 024 023 سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 024 024 قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى، 001 GEN 024 025 يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، [سىلەرگە] قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى. 001 GEN 024 026 شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ: 001 GEN 024 027 ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى. 001 GEN 024 028 قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى. 001 GEN 024 029 ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. 001 GEN 024 030 چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى. 001 GEN 024 031 لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى. 001 GEN 024 032 ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛ 001 GEN 024 033 ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى. 001 GEN 024 034 ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛ 001 GEN 024 035 پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى. 001 GEN 024 036 خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام [ئوغلىغا] ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى. 001 GEN 024 037 خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە، 001 GEN 024 038 بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى. 001 GEN 024 039 ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم، 001 GEN 024 040 ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن. 001 GEN 024 041 شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى. 001 GEN 024 042 شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ 001 GEN 024 043 مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم، 001 GEN 024 044 ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم. 001 GEN 024 045 كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم، 001 GEN 024 046 ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى. 001 GEN 024 047 ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛ 001 GEN 024 048 ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم. 001 GEN 024 049 ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 024 050 ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز. 001 GEN 024 051 مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 024 052 ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 001 GEN 024 053 ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى. 001 GEN 024 054 ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى، 001 GEN 024 055 قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 024 056 ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 024 057 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ 001 GEN 024 058 رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى. 001 GEN 024 059 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى. 001 GEN 024 060 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى. 001 GEN 024 061 شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى. 001 GEN 024 062 ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛ 001 GEN 024 063 ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى. 001 GEN 024 064 رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. 001 GEN 024 066 خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى. 001 GEN 024 067 ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى. 001 GEN 025 001 ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. 001 GEN 025 002 ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 025 003 يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى. 001 GEN 025 004 مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 001 GEN 025 005 ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛ 001 GEN 025 006 ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. 001 GEN 025 007 ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. 001 GEN 025 009 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. 001 GEN 025 010 بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 001 GEN 025 011 ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى. 001 GEN 025 012 تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ 001 GEN 025 013 ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، 001 GEN 025 014 مىشما، دۇماھ، ماسسا، 001 GEN 025 015 ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. 001 GEN 025 016 بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى. 001 GEN 025 017 ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. 001 GEN 025 018 [ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى] ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى. 001 GEN 025 019 ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. 001 GEN 025 020 ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. 001 GEN 025 021 ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى. 001 GEN 025 022 ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، [ھامىلىدار] بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. 001 GEN 025 023 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى. 001 GEN 025 024 ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى. 001 GEN 025 025 ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى. 001 GEN 025 026 ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى. 001 GEN 025 027 بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى. 001 GEN 025 028 ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى. 001 GEN 025 029 بىر كۈنى ياقۇپ [پۇرچاق] شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. 001 GEN 025 030 ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى). 001 GEN 025 031 ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى. 001 GEN 025 032 ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. 001 GEN 025 033 ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى. 001 GEN 025 034 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى. 001 GEN 026 001 [قانائان] زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى. 001 GEN 026 002 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن. 001 GEN 026 003 موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛ 001 GEN 026 004 نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ [نامى] بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ 001 GEN 026 005 چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى. 001 GEN 026 006 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 026 007 ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى. 001 GEN 026 008 لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى. 001 GEN 026 009 ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى. 001 GEN 026 010 ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى. 001 GEN 026 011 ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى. 001 GEN 026 012 ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى. 001 GEN 026 013 بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. 001 GEN 026 014 ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. 001 GEN 026 015 بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى. 001 GEN 026 016 ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى. 001 GEN 026 017 ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 026 018 ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا [قۇللىرى] بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى. 001 GEN 026 019 ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى. 001 GEN 026 020 لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 026 021 ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 026 022 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى. 001 GEN 026 023 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى. 001 GEN 026 024 پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 026 025 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى. 001 GEN 026 026 ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى. 001 GEN 026 027 ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى. 001 GEN 026 028 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى. 001 GEN 026 030 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى. 001 GEN 026 031 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى. 001 GEN 026 032 ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى. 001 GEN 026 033 ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 001 GEN 026 034 ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 001 GEN 026 035 ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى. 001 GEN 027 001 ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 001 GEN 027 002 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. 001 GEN 027 003 شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛ 001 GEN 027 004 مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. 001 GEN 027 005 ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە، 001 GEN 027 006 رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. 001 GEN 027 008 ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن. 001 GEN 027 009 سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي. 001 GEN 027 010 سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 027 011 لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن. 001 GEN 027 012 مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى. 001 GEN 027 013 ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ [ئوغلاقلارنى] ئېلىپ كەل، ــ دېدى. 001 GEN 027 014 ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى. 001 GEN 027 015 ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ، 001 GEN 027 016 ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ، 001 GEN 027 017 ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. 001 GEN 027 018 ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى، 001 GEN 027 019 ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. 001 GEN 027 020 ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى. 001 GEN 027 021 ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى. 001 GEN 027 022 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى. 001 GEN 027 023 ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونىيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. 001 GEN 027 024 ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى. 001 GEN 027 025 ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. [ياقۇپ] ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى. 001 GEN 027 026 ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى. 001 GEN 027 027 ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن! 001 GEN 027 028 خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى، يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئاشلىق-تۈلۈك بىلەن شارابنىمۇ كۆپ بەرگەي. 001 GEN 027 029 خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى. 001 GEN 027 030 شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 001 GEN 027 031 ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. 001 GEN 027 032 ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى. 001 GEN 027 033 بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى. 001 GEN 027 034 ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى. 001 GEN 027 035 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى. 001 GEN 027 036 ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 027 037 ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى. 001 GEN 027 038 ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. 001 GEN 027 039 ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ «مانا، تۇرالغۇ جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىدىن نېرى، ئېگىز ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولۇر؛ 001 GEN 027 040 سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن؛ لېكىن چېگرىدىن چىقىپ كەزگىنىڭدە، سەن بوينۇڭدىن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چىقىرىپ سۇندۇرۇۋېتىسەن» ــ دېدى. 001 GEN 027 041 شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى. 001 GEN 027 042 لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛ 001 GEN 027 043 ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛ 001 GEN 027 044 ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن. 001 GEN 027 045 ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى. 001 GEN 027 046 ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. 001 GEN 028 001 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛ 001 GEN 028 002 بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن. 001 GEN 028 003 ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي، 001 GEN 028 004 شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى. 001 GEN 028 005 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى. 001 GEN 028 006 ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنى پادان-ئارامغا شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭا جېكىلەپ: سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالمىغىن، دېگەنلىرىنى ئۇقۇپ، ياقۇپنىڭمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پادان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە، 001 GEN 028 008 ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى. 001 GEN 028 009 ئۇ ئىسمائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھازىرقى خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 001 GEN 028 010 ياقۇپ بولسا بەئەر-شېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ، 001 GEN 028 011 بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەچكە شۇ يەردە قونماقچى بولدى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، ئۇخلىغىلى ياتتى. 001 GEN 028 012 ئۇ بىر چۈش كۆردى: ــ مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى. 001 GEN 028 013 مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ: ــ «مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بېرىمەن. 001 GEN 028 014 نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. 001 GEN 028 015 مانا، مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، قەيەرگە بارساڭ سېنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ چۈنكى ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سېنى تاشلىمايمەن» ــ دېدى. 001 GEN 028 016 ئاندىن ياقۇپ ئويغىنىپ: ــ بەرھەق، پەرۋەردىگار بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن ئۇنى بىلمەپتىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 028 017 ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى. 001 GEN 028 018 ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، [خاتىرە] تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. 001 GEN 028 019 ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى بەيت-ئەل دەپ ئاتىدى؛ ئەمما ئىلگىرى ئۇ جاينىڭ ئېتى لۇز ئىدى. 001 GEN 028 020 ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ، 001 GEN 028 021 مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن يېنىپ بارسام، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ؛ 001 GEN 028 022 شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى. 001 GEN 029 001 ئاندىن ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەشرىقتىكى قوۋملارنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. 001 GEN 029 002 ئۇ قارىۋىدى، مانا، يايلاقتا بىر قۇدۇق تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى تۇراتتى؛ چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلارنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. 001 GEN 029 003 قاچانىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلسا، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. 001 GEN 029 004 ياقۇپ [پادىچىلاردىن]: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى. 001 GEN 029 005 ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى. 001 GEN 029 006 ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇ سالامەتمۇ، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ. مانا ئەنە ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، دېدى. 001 GEN 029 007 ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى. 001 GEN 029 008 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ئاۋۋال پادىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن يۇمىلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قويلارنى سۇغىرىمىز، دېدى. 001 GEN 029 009 ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى. 001 GEN 029 010 شۇنداق بولدىكى، ياقۇپ ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزى راھىلە بىلەن ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى كۆرگەندە، ئۇ قوپۇپ بېرىپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى. 001 GEN 029 011 ئاندىن ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ تاشلىدى ۋە راھىلەگە: ــ مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىۋكاھنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا خەۋەر بەردى. 001 GEN 029 013 شۇنداق بولدىكى، لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇپ لابانغا [كەچۈرمىشلىرىنىڭ] ھەممىسىنى دەپ بەردى. 001 GEN 029 014 لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 029 015 ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى. 001 GEN 029 016 لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى؛ چوڭىنىڭ ئېتى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئېتى راھىلە ئىدى. 001 GEN 029 017 لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق ئىدى؛ ئەمما راھىلەنىڭ بولسا تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ھۆسنى-جامالى چىرايلىق قىز ئىدى. 001 GEN 029 018 ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: ــ مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى. 001 GEN 029 019 لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى. 001 GEN 029 020 ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. 001 GEN 029 021 ۋاقىت توشقاندا ياقۇپ لابانغا: ــ مانا مېنىڭ كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرەي، دېدى. 001 GEN 029 022 لابان شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى يىغىپ، زىياپەت قىلىپ بەردى. 001 GEN 029 023 لېكىن شۇنداق بولدىكى، كەچ كىرگەندە، ئۇ چوڭ قىزى لېياھنى ياقۇپنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بىللە بولدى. 001 GEN 029 024 لابان ئۆز دېدىكى زىلپاھنى قىزى لېياھغا دېدەك قىلىپ بەردى. 001 GEN 029 025 ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. 001 GEN 029 026 لابان: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا كىچىكىنى چوڭىدىن ئىلگىرى ياتلىق قىلىدىغان رەسىم-قائىدە يوق. 001 GEN 029 027 ئەمدى سەن چوڭىنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىن؛ ئاندىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى؛ ئۇ سېنىڭ ماڭا يەنە يەتتە يىل قىلىدىغان خىزمىتىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 029 028 ياقۇپ ماقۇل بولۇپ، لېياھنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 001 GEN 029 029 لابان دېدىكى بىلھاھنى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. 001 GEN 029 030 بۇ تەرىقىدە ياقۇپ راھىلەنىڭمۇ قېشىغا كىردى؛ ئۇ راھىلەنى لېياھدىن زىيادە ياخشى كۆردى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى. 001 GEN 029 031 ئەمما پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى. 001 GEN 029 032 لېياھ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار خارلانغىنىمنى كۆردى؛ ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «رۇبەن» قويدى. 001 GEN 029 033 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنى ھەم ماڭا بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمېئون قويدى. 001 GEN 029 034 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى لاۋىي قويدى. 001 GEN 029 035 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى. 001 GEN 030 001 ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 030 002 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. 001 GEN 030 003 ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە. 001 GEN 030 004 شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى. 001 GEN 030 005 بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 006 راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى. 001 GEN 030 007 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 008 راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى. 001 GEN 030 009 لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى. 001 GEN 030 010 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 011 لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى. 001 GEN 030 012 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 013 لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى. 001 GEN 030 014 بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى. 001 GEN 030 015 [لېياھ] ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 030 016 ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. 001 GEN 030 017 خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 018 شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى. 001 GEN 030 019 لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 030 020 لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى. 001 GEN 030 021 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى. 001 GEN 030 022 ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى. 001 GEN 030 023 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى. 001 GEN 030 024 ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى. 001 GEN 030 025 راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن. 001 GEN 030 026 مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى. 001 GEN 030 027 لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، [يېنىمدىن كەتمە]. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، [ياقۇپ] يەنە: ــ 001 GEN 030 028 ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى. 001 GEN 030 029 [ياقۇپ] ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان. 001 GEN 030 030 چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. 001 GEN 030 031 شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن. 001 GEN 030 032 مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 001 GEN 030 033 كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 030 034 ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 030 035 شۇ كۈنى [لابان] تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، 001 GEN 030 036 ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى. 001 GEN 030 037 لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى. 001 GEN 030 038 ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ [تاغىل] چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى. 001 GEN 030 040 ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى. 001 GEN 030 041 ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. 001 GEN 030 042 لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى. 001 GEN 030 043 شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى. 001 GEN 031 001 ئەمما ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: ــ ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئېرىشكەن بۇ دۆلىتى ئاتىمىزنىڭ تەئەللۇقاتىدىن كەلگەن، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. 001 GEN 031 002 ياقۇپ لاباننىڭ چىرايىغا قارىۋىدى، مانا، ئۇ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى. 001 GEN 031 003 بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: ــ سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ زېمىنىغا، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 031 004 شۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپ ئادەم ئەۋەتىپ، راھىلە ۋە لېياھنى ئۆز پادىسى تۇرغان كۆكلەمگە چاقىرىپ كېلىپ 001 GEN 031 005 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاتاڭلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ماڭا بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى؛ ئەمما ئاتامنىڭ خۇداسى مەن بىلەن بىللە بولۇپ كەلدى. 001 GEN 031 006 كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتاڭلارغا ئىشلەپ بەرگىنىم سىلەرگە ئايان؛ 001 GEN 031 007 ھالبۇكى، ئاتاڭلار مېنى ئەخمەق قىلىپ، ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. 001 GEN 031 008 ئەگەر ئۇ: «ئالا-چىپار قوزىلار ھەققىڭ بولىدۇ»، دېسە، بارلىق پادىلار ئالا-چىپار قوزىلىغىلى تۇردى. ئۇ: «تاغىل قوزىلار ھەققىڭ بولسۇن»، دېسە، بارلىق پادىلار تاغىل قوزىلىغىلى تۇردى. 001 GEN 031 009 بۇ تەرىقىدە خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا بەردى. 001 GEN 031 010 پادىلار كۈيلىگەن ۋاقىتتا مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنى كۆردۇمكى، مانا، ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ياكى ئالا-چىپار ئىدى. 001 GEN 031 011 ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: «ئەي ياقۇپ»، دېۋىدى، مەن جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن»، دېدىم. 001 GEN 031 012 ئۇ ماڭا: ــ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن؛ مانا ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر؛ چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. 001 GEN 031 013 مەن بەيت-ئەلدە [ساڭا كۆرۈنگەن] تەڭرىدۇرمەن. سەن شۇ يەردە تۈۋرۈكنى مەسىھلەپ، ماڭا قەسەم ئىچتىڭ. ئەمدى سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىندىن چىقىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ زېمىنىغا يانغىن» دېدى. 001 GEN 031 014 راھىلە ۋە لېياھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تېگىشلىك نېسىۋە ياكى مىراس قالمىغانمۇ؟ 001 GEN 031 015 بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى! 001 GEN 031 016 شۇنداق بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئاتىمىزدىن ساڭا ئېلىپ بەرگەن بارلىق دۆلەت بىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. ئەمدى خۇدا ساڭا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. 001 GEN 031 017 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تۆگىلەرگە مىندۇرۇپ، ئېرىشكەن بارلىق ماللىرى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى، يەنى پادان-ئارامدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا قانائان زېمىنىغا قاراپ يول ئالدى. 001 GEN 031 019 لابان بولسا قويلىرىنى قىرقىغىلى كەتكەنىدى؛ راھىلە ئۆز ئاتىسىغا تەۋە «ئۆي بۇتلىرى»نى ئوغرىلاپ ئېلىۋالدى. 001 GEN 031 020 ياقۇپ ئارامىي لابانغا ئۆز قېشىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماي ئۇنى ئالداپ قويغانىدى. 001 GEN 031 021 ئۇ بار-يوقىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى؛ ئۇ دەريادىن ئۆتۈپ گىلېئاد تېغى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. 001 GEN 031 022 ئۈچىنچى كۈنى، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقىنى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. 001 GEN 031 023 ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، يەتتە كۈنلۈك يولغىچە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، گىلېئاد تېغىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. 001 GEN 031 024 لېكىن كېچىسى خۇدا ئارامىي لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا: «سەن ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!» دېدى. 001 GEN 031 025 لابان ياقۇپقا يېتىشىپ بارغاندا، ياقۇپ چېدىرىنى تاغنىڭ ئۈستىگە تىكگەنىدى. لابانمۇ تۇغقانلىرى بىلەن گىلېئاد تېغىنىڭ ئۈستىدە چېدىر تىكتى. 001 GEN 031 026 لابان ياقۇپقا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىدەك ئېلىپ كەتتىڭ؟ 001 GEN 031 027 نېمىشقا يوشۇرۇن قاچىسەن، ماڭا خەۋەر بەرمەي مەندىن ئوغرىلىقچە كەتتىڭ؟ ماڭا دېگەن بولساڭ مەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە چاڭ چېلىپ، سېنى ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 001 GEN 031 028 شۇنداق قىلىپ سەن ماڭا ئۆز ئوغۇللىرىم ۋە قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلدىڭ. 001 GEN 031 029 سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى؛ لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭنىڭ خۇداسى ماڭا سۆز قىلىپ: «ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە» دېدى. 001 GEN 031 030 خوش، سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى تولىمۇ سېغىنغىنىڭ ئۈچۈن كەتمەي قويمايسەن؛ لېكىن نېمىشقا يەنە مېنىڭ بۇتلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟ ــ دېدى. 001 GEN 031 031 ياقۇپ لابانغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن قورقۇپ قاچتىم؛ چۈنكى سېنى قىزلىرىنى مەندىن مەجبۇرىي تارتىۋالامدىكىن، دېدىم. 001 GEN 031 032 ئەمدى بۇتلىرىڭغا كەلسەك، ئۇلار كىمدىن چىقسا شۇ تىرىك قالمايدۇ! قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مەندىن قانداقلا نېمەڭنى تونۇۋالساڭ، ئۇنى ئېلىپ كەت، ــ دېدى. ھالبۇكى، ياقۇپنىڭ راھىلەنىڭ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. 001 GEN 031 033 لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئاندىن لېياھنىڭ چېدىرى ھەم ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىدى. لېياھنىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 001 GEN 031 034 راھىلە بولسا ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى تۆگىنىڭ چومىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان پۈتكۈل چېدىرىنى ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. 001 GEN 031 035 راھىلە ئاتىسىغا: ــ ئەي خوجام، ئالدىڭدا تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولمىغىن؛ چۈنكى مەن ھازىر ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمەن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، لابان ھەممە يەرنى قويماي ئاختۇرۇپمۇ، ئۆي بۇتلىرىنى تاپالمىدى. 001 GEN 031 036 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاچچىقلاپ لابان بىلەن جېدەللىشىپ كەتتى. ياقۇپ لابانغا: ــ سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە سەۋەنلىك، نېمە گۇناھ بار؟ 001 GEN 031 037 سەن ھەممە يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭ، ئۆيۈڭنىڭ نەرسىلىرىدىن بىرەر نېمە تاپالىدىڭمۇ؟ بىرنېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بىلەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن، ئۇلار بىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلسۇن. 001 GEN 031 038 مەن مۇشۇ يىگىرمە يىل قېشىڭدا تۇردۇم؛ ھېچقاچان ساغلىقىڭ ۋە چىشى ئۆچكىلىرىڭ بالا تاشلىۋەتمىدى؛ پادىلىرىڭدىن قوچقارلىرىڭنى يېگىنىم يوق. 001 GEN 031 039 بوغۇۋېتىلگەنلىرىنى قېشىڭغا ئېلىپ كەلمەي، بۇ زىياننى ئۆزۈم تولدۇردۇم؛ كېچىسى ئوغرىلانغان ياكى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن سەن ئۇنى مەندىن تۆلىتىپ ئالدىڭ. 001 GEN 031 040 مېنىڭ كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتتىكى، كۈندۈزى ئىسسىقتىن، كېچىسى سوغۇقتىن قىينىلىپ، ئۇيقۇ كۆزۈمدىن قاچاتتى. 001 GEN 031 041 مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ يىگىرمە يىلدا ئۆيۈڭدە تۇرۇپ شۇنداق بولدى؛ ئون تۆت يىل ئىككى قىزىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم، ئالتە يىل پاداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭ. 001 GEN 031 042 ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى. 001 GEN 031 043 لابان ياقۇپقا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ ئوغۇللار مېنىڭ ئوغۇللىرىم، بۇ پادا بولسا مېنىڭ پادام بولىدۇ؛ شۇنداقلا كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر؛ ئەمما مەن بۈگۈن بۇ قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان ئوغۇللىرىنى نېمە قىلاي؟ 001 GEN 031 044 قېنى كەل، سەن بىلەن ئىككىمىز بىر ئەھدە تۈزۈشەيلى، بۇ مەن بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 031 045 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئېلىپ ئۆرە تىكلەپ تۈۋرۈك قىلىپ قويدى. 001 GEN 031 046 ئاندىن ياقۇپ قېرىنداشلىرىغا: ــ تاش يىغىڭلار، ــ دېۋىدى، تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ دۆۋىلىدى، شۇ يەردە تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا غىزالىنىشتى. 001 GEN 031 047 لابان بۇ دۆۋىنى «يەگار-ساھادۇتا» دەپ ئاتىدى، ياقۇپ ئۇنىڭغا «گالېئەد» دەپ ئات قويدى. 001 GEN 031 048 لابان: ــ بۇ دۆۋە بۈگۈن سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن دۆۋىنىڭ نامى «گالېئەد» ئاتالدى. 001 GEN 031 049 ئۇ جاي يەنە «مىزپاھ»، دەپمۇ ئاتالدى؛ چۈنكى لابان يەنە: ــ ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشمىگەن ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا قاراۋۇل بولۇپ كۆزىتىپ تۇرسۇن. 001 GEN 031 050 ئەگەر سەن قىزلىرىمنى بوزەك قىلساڭ، ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇنلارنى ئالساڭ، باشقا ھېچ كىشى قېشىمىزدا ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، مانا، خۇدا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا گۇۋاھچىدۇر! 001 GEN 031 051 لابان ياقۇپقا يەنە: ــ مانا، بۇ دۆۋىگە قارا، مەن بىلەن سەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تىكلەپ قويغان بۇ تۈۋرۈككىمۇ قارا؛ 001 GEN 031 052 كەلگۈسىدە بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكمۇ مەن يامان نىيەت بىلەن بۇ دۆۋىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە ئۆتمەسلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى يامان قىلىپ بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مېنىڭ تەرىپىمگە كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن گۇۋاھچى بولسۇن. 001 GEN 031 053 ئىبراھىمنىڭ ئىلاھى، ناھورنىڭ ئىلاھى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىلاھلىرى ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن، ــ دېدى. ياقۇپ بولسا ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغۇچى بىلەن قەسەم قىلدى. 001 GEN 031 054 ئاندىن ياقۇپ تاغ ئۈستىدە بىر قۇربانلىق سۇنۇپ، قېرىنداشلىرىنى ئۆزى بىلەن تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ھەمداستىخان ئولتۇردى ۋە كېچىسى تاغدا قوندى. 001 GEN 031 055 ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان ئورنىدىن تۇرۇپ، نەۋرىلىرى بىلەن قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۆز ئۆيىگە راۋان بولدى. 001 GEN 032 001 ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. 001 GEN 032 002 ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى. 001 GEN 032 003 ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، 001 GEN 032 004 ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم. 001 GEN 032 005 ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 032 006 خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 032 007 ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى. 001 GEN 032 008 ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى. 001 GEN 032 009 ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! 001 GEN 032 010 ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن. 001 GEN 032 011 ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. 001 GEN 032 012 سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى. 001 GEN 032 013 ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ، 001 GEN 032 016 بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 032 017 ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، 001 GEN 032 018 ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى. 001 GEN 032 019 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى. 001 GEN 032 021 شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى. 001 GEN 032 022 ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 001 GEN 032 023 ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. 001 GEN 032 024 ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 001 GEN 032 025 لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى. 001 GEN 032 026 ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ. 001 GEN 032 027 ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. 001 GEN 032 028 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى. 001 GEN 032 029 ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. 001 GEN 032 030 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 032 031 ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى. 001 GEN 032 032 بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى. 001 GEN 033 001 ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛ 001 GEN 033 002 ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 001 GEN 033 003 ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. 001 GEN 033 004 ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى. 001 GEN 033 005 ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. 001 GEN 033 006 ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛ 001 GEN 033 007 ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى. 001 GEN 033 008 ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. 001 GEN 033 009 لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى. 001 GEN 033 010 ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم! 001 GEN 033 011 ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، [خۇدادىن كۆرگەن] بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. 001 GEN 033 012 ئاندىن ئەساۋ: ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى. 001 GEN 033 013 ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 001 GEN 033 014 شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال-چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى. 001 GEN 033 015 ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. 001 GEN 033 016 ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى. 001 GEN 033 017 ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى. 001 GEN 033 018 شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان-ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. 001 GEN 033 019 ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ، 001 GEN 033 020 شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 034 001 بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 001 GEN 034 002 شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى. 001 GEN 034 003 ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى. 001 GEN 034 004 شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن: ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى. 001 GEN 034 005 ياقۇپ [شەكەمنىڭ] قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى. 001 GEN 034 006 شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛ 001 GEN 034 007 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار [شەكەمنىڭ] قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. 001 GEN 034 008 ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار! 001 GEN 034 009 بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛ 001 GEN 034 010 بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 034 011 شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. 001 GEN 034 012 مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى. 001 GEN 034 013 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛ 001 GEN 034 014 ئۇلارغا: ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ. 001 GEN 034 015 پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا، 001 GEN 034 016 قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز. 001 GEN 034 017 ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى. 001 GEN 034 018 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى. 001 GEN 034 019 يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى. 001 GEN 034 020 شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ: ــ 001 GEN 034 021 بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا-سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز. 001 GEN 034 022 لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ. 001 GEN 034 023 شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 034 024 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى. 001 GEN 034 025 ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ 001 GEN 034 026 ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. 001 GEN 034 027 ئاندىن ياقۇپنىڭ [بارلىق] ئوغۇللىرى: «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ-تالاڭ قىلدى. 001 GEN 034 028 ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى، 001 GEN 034 029 شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. 001 GEN 034 030 ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى. 001 GEN 034 031 ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 035 001 ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن [مەن] تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى. 001 GEN 035 002 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار. 001 GEN 035 003 ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى. 001 GEN 035 004 شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. 001 GEN 035 005 ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. 001 GEN 035 006 بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى. 001 GEN 035 007 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 035 008 رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى. 001 GEN 035 009 ياقۇپ [شۇ يول بىلەن] پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. 001 GEN 035 010 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى. 001 GEN 035 011 ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ. 001 GEN 035 012 مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 035 013 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. 001 GEN 035 014 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. 001 GEN 035 015 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 035 016 ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. 001 GEN 035 017 ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى. 001 GEN 035 018 شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى. 001 GEN 035 019 راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 001 GEN 035 020 ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا. 001 GEN 035 021 ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى. 001 GEN 035 022 ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ 001 GEN 035 023 لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى. 001 GEN 035 024 راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى. 001 GEN 035 025 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى. 001 GEN 035 026 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى. 001 GEN 035 027 ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى. 001 GEN 035 028 ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى. 001 GEN 035 029 ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى. 001 GEN 036 001 تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ 001 GEN 036 002 ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ 001 GEN 036 003 ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى. 001 GEN 036 004 ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. 001 GEN 036 005 ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى. 001 GEN 036 006 ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى. 001 GEN 036 007 چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى. 001 GEN 036 008 بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 001 GEN 036 009 تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ 001 GEN 036 010 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 001 GEN 036 014 ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 036 015 ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، 001 GEN 036 016 ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 001 GEN 036 017 ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 001 GEN 036 018 ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى. 001 GEN 036 019 بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، [ئېدومىيلارنىڭ] ئەمىرلىرى ئىدى. 001 GEN 036 020 ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ [ئېدوم] زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. 001 GEN 036 022 لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى. 001 GEN 036 023 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. 001 GEN 036 024 زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى. 001 GEN 036 025 ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى. 001 GEN 036 026 دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى. 001 GEN 036 027 ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى. 001 GEN 036 028 دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى. 001 GEN 036 029 ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. 001 GEN 036 031 ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ 001 GEN 036 032 بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى. 001 GEN 036 033 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 001 GEN 036 034 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 001 GEN 036 035 ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. 001 GEN 036 036 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 001 GEN 036 037 ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 001 GEN 036 038 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 001 GEN 036 039 ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. 001 GEN 036 040 ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. 001 GEN 037 001 ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. 001 GEN 037 002 تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى. 001 GEN 037 003 يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى. 001 GEN 037 004 ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى. 001 GEN 037 005 ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 001 GEN 037 006 يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. 001 GEN 037 007 مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. 001 GEN 037 008 ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. 001 GEN 037 009 كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. 001 GEN 037 010 ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 037 011 شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. 001 GEN 037 012 ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى. 001 GEN 037 013 ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. 001 GEN 037 014 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى. 001 GEN 037 015 شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى. 001 GEN 037 016 ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى. 001 GEN 037 017 ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. 001 GEN 037 018 ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى. 001 GEN 037 019 ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. 001 GEN 037 020 كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى. 001 GEN 037 021 ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى. 001 GEN 037 022 رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى). 001 GEN 037 023 يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. 001 GEN 037 025 ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. 001 GEN 037 026 يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 001 GEN 037 027 كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى. 001 GEN 037 028 مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. 001 GEN 037 029 رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، 001 GEN 037 030 ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. 001 GEN 037 031 ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ، 001 GEN 037 032 ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى. 001 GEN 037 033 ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى. 001 GEN 037 034 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 001 GEN 037 035 ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. 001 GEN 037 036 ئەمدى مىدىيانىيلار [يۈسۈپنى] مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى. 001 GEN 038 001 ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. 001 GEN 038 002 شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى. 001 GEN 038 003 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى. 001 GEN 038 004 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. 001 GEN 038 005 ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى. 001 GEN 038 006 يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 001 GEN 038 007 لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى. 001 GEN 038 008 بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى. 001 GEN 038 009 ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 001 GEN 038 010 ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 001 GEN 038 011 يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 038 012 ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى. 001 GEN 038 013 تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى. 001 GEN 038 014 شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى. 001 GEN 038 015 ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. 001 GEN 038 016 ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى. 001 GEN 038 017 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، 001 GEN 038 018 ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 001 GEN 038 019 ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى. 001 GEN 038 020 يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. 001 GEN 038 021 ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى. 001 GEN 038 022 بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى. 001 GEN 038 023 يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى. 001 GEN 038 024 ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى. 001 GEN 038 025 لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى. 001 GEN 038 026 يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى. 001 GEN 038 027 ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى. 001 GEN 038 028 ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى. 001 GEN 038 029 لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى. 001 GEN 038 030 ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى. 001 GEN 039 001 يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. 001 GEN 039 002 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 001 GEN 039 003 ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى. 001 GEN 039 004 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 001 GEN 039 005 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى. 001 GEN 039 006 شۇنىڭ بىلەن [پوتىفار] بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى. 001 GEN 039 007 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى. 001 GEN 039 008 ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ. 001 GEN 039 009 بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى. 001 GEN 039 010 گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، 001 GEN 039 011 شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛ 001 GEN 039 012 بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. 001 GEN 039 013 ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، 001 GEN 039 014 ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم! 001 GEN 039 015 ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى. 001 GEN 039 016 شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى. 001 GEN 039 017 ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى. 001 GEN 039 018 لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى. 001 GEN 039 019 ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى. 001 GEN 039 020 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى. 001 GEN 039 021 لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى. 001 GEN 039 022 شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى. 001 GEN 039 023 زىندان بېگى يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ ھەرنېمە قىلسا پەرۋەردىگار ئۇنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى. 001 GEN 040 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى. 001 GEN 040 002 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ، 001 GEN 040 003 ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى. 001 GEN 040 004 پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى. 001 GEN 040 005 ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى. 001 GEN 040 006 ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ 001 GEN 040 007 شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 040 008 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 040 009 بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛ 001 GEN 040 010 بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛ 001 GEN 040 011 پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى. 001 GEN 040 012 يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 001 GEN 040 013 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن. 001 GEN 040 014 لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. 001 GEN 040 015 چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. 001 GEN 040 016 باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن. 001 GEN 040 017 ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى. 001 GEN 040 018 يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 001 GEN 040 019 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى. 001 GEN 040 020 ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛ 001 GEN 040 021 ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى. 001 GEN 040 022 لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى. 001 GEN 040 023 ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. 001 GEN 041 001 توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ [نىل] دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك. 001 GEN 041 002 ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك. 001 GEN 041 003 ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. 001 GEN 041 004 بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. 001 GEN 041 005 ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ. 001 GEN 041 006 ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى. 001 GEN 041 007 بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. 001 GEN 041 008 ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى. 001 GEN 041 009 ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. 001 GEN 041 010 بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛ 001 GEN 041 011 شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى. 001 GEN 041 012 شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى. 001 GEN 041 013 شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى. 001 GEN 041 014 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى. 001 GEN 041 015 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى. 001 GEN 041 016 يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 041 017 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن. 001 GEN 041 018 قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. 001 GEN 041 019 ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن. 001 GEN 041 020 بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ. 001 GEN 041 021 ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. 001 GEN 041 022 ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. 001 GEN 041 023 ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. 001 GEN 041 024 بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى. 001 GEN 041 025 يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ [جانابلىرى] پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى. 001 GEN 041 026 بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر. 001 GEN 041 027 ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر. 001 GEN 041 028 مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى. 001 GEN 041 029 مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛ 001 GEN 041 030 ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. 001 GEN 041 031 كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 001 GEN 041 032 لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 001 GEN 041 033 ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن. 001 GEN 041 034 پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن. 001 GEN 041 035 بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن. 001 GEN 041 036 [يىغىلغان] شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 041 037 بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى. 001 GEN 041 038 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. 001 GEN 041 039 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ. 001 GEN 041 040 سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 041 041 ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى. 001 GEN 041 042 بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 001 GEN 041 043 ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. 001 GEN 041 044 ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى. 001 GEN 041 045 پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 001 GEN 041 047 مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى. 001 GEN 041 048 يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى. 001 GEN 041 049 شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى. 001 GEN 041 050 ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 041 051 يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛ 001 GEN 041 052 ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. 001 GEN 041 053 مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى. 001 GEN 041 054 ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى. 001 GEN 041 055 ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 041 056 ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى. 001 GEN 041 057 ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى. 001 GEN 042 001 ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى. 001 GEN 042 002 ئاندىن يەنە: ــ ماڭا قاراڭلار، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاندىن شۇ يەردىن بىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك قالىمىز، ــ دېدى. 001 GEN 042 003 بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا يولغا چىقتى. 001 GEN 042 004 لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى. 001 GEN 042 005 شۇنىڭدەك ئاچارچىلىق قانائان زېمىنىدىمۇ يۈز بەرگەچكە، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدى. 001 GEN 042 006 يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. 001 GEN 042 007 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا ئۇلارنى تونۇدى؛ لېكىن ئۇ تونۇشلۇق بەرمەي، ئۇلارغا قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ: ــ قەيەردىن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: ــ قانائان زېمىنىدىن ئاشلىق ئالغىلى كەلدۇق، ــ دېدى. 001 GEN 042 008 يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. 001 GEN 042 009 يۈسۈپ ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر جاسۇس، بۇ ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 042 010 ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى! 001 GEN 042 011 بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى. 001 GEN 042 012 ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 042 013 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئەسلىدە ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق؛ بىز ھەممىمىز قانائان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز؛ لېكىن كەنجى ئىنىمىز ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدى؛ يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى، ــ دېدى. 001 GEN 042 014 ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر! 001 GEN 042 015 پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەيسىلەر؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن سىنىلىسىلەر. 001 GEN 042 016 ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى. 001 GEN 042 017 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى. 001 GEN 042 018 ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن خۇدادىن قورقىدىغان ئادەممەن؛ تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىڭلار: ــ 001 GEN 042 019 ئەگەر سەمىمىي ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرىۋەرسۇن، قالغىنىڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ 001 GEN 042 020 ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى. 001 GEN 042 021 ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى. 001 GEN 042 022 رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 042 023 ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆز گەپلىرىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بىلمىدى. 001 GEN 042 024 ئۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىمېئوننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلىدى. 001 GEN 042 025 ئاندىن يۈسۈپ ئەمر چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ھەر بىرسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇپ، سەپەر ھازىرلىقلىرىمۇ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى. 001 GEN 042 026 شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئېشەكلىرىگە ئاشلىقلىرىنى ئارتىپ، شۇ يەردىن كەتتى. 001 GEN 042 027 ئەمما ئۆتەڭگە كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى ئېشىكىگە يەم بەرگىلى تاغىرىنى ئېچىۋىدى، مانا، ئۆز پۇلى تاغارنىڭ ئاغزىدا تۇراتتى. 001 GEN 042 028 ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 001 GEN 042 029 ئۇلار قانائان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ: 001 GEN 042 030 ــ ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قوپال گەپ قىلدى، بىزگە زېمىننى پايلىغۇچى جاسۇستەك مۇئامىلە قىلدى؛ 001 GEN 042 031 ئەمدى بىز ئۇنىڭغا: «بىز بولساق سەمىمىي ئادەملەرمىز، جاسۇس ئەمەسمىز. 001 GEN 042 032 بىز بىر ئاتىدىن بولغان ئوغۇللار بولۇپ، ئون ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىدۇق؛ بىرى يوقاپ كەتتى، كىچىك ئىنىمىز ھازىر قانائان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ يېنىدا قالدى» دېسەك، 001 GEN 042 033 ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى مېنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاچ قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ 001 GEN 042 034 ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەلەيمەن. ئاندىن قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن ۋە سىلەر زېمىندا سودا-سېتىق قىلساڭلار بولىدۇ» ــ دېدى. 001 GEN 042 035 ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى. 001 GEN 042 036 ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى. 001 GEN 042 037 رۇبەن ئاتىسىغا: ــ ئەگەر مەن بىنيامىننى قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن؛ مەن ئۇنى قېشىڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 042 038 لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. 001 GEN 043 001 ئاچارچىلىق زېمىننى ئىنتايىن ئېغىر باسقانىدى. 001 GEN 043 002 بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ تۈگەتكەندە، ئاتىسى ئۇلارغا: ــ يەنە بېرىپ بىزگە ئازغىنا ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 043 003 لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھېلىقى كىشى بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن. 001 GEN 043 004 ئەگەر ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز. 001 GEN 043 005 ئەمما ئەۋەتىشكە ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز؛ چۈنكى ھېلىقى كىشى بىزگە: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن، ــ دېدى. 001 GEN 043 006 ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا ماڭا شۇنچە يامانلىق قىلىپ ئۇ كىشىگە: «يەنە بىر ئىنىمىزمۇ بار» دېدىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 043 007 ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى. 001 GEN 043 008 يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: ــ بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتكىن؛ بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقايلى؛ شۇنداقتا بىز ۋە سەن، بىزلەر ھەم بالىلىرىمىز ئۆلمەي، تىرىك قالىمىز. 001 GEN 043 009 مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي. 001 GEN 043 010 چۈنكى ھايال بولمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، ــ دېدى. 001 GEN 043 011 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار. 001 GEN 043 012 قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىپ، تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۆزۈڭلارغا ياندۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. 001 GEN 043 013 ئىنىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ، قوزغىلىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار. 001 GEN 043 014 ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى. 001 GEN 043 015 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر شۇ سوۋغاتنى ئېلىپ، قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى تۇتۇپ، بىنيامىننى ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. 001 GEN 043 016 يۈسۈپ بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تائام تەييار قىلغىن؛ چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك غىزانى مەن بىلەن يەيدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 043 017 ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. 001 GEN 043 018 ئۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىنگىنىدىن قورقۇشۇپ: ــ ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا ياندۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندۇق؛ ئۇنىڭ مەقسىتى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈستىمىزدىن بېسىپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىش ئوخشايدۇ، ــ دېيىشتى. 001 GEN 043 019 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭغا: ــ 001 GEN 043 020 ئەي خوجام، بىز ھەقىقەتەن ئەسلىدە مۇشۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق؛ 001 GEN 043 021 شۇنداق بولدىكى، بىز ئۆتەڭگە كېلىپ ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، مانا ھەربىرىمىزنىڭ پۇلى، ئەينى ئېغىرلىقى بويىچە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ؛ شۇڭا بىز بۇنى ياندۇرۇپ قولىمىزدا ئالغاچ كەلدۇق. 001 GEN 043 022 ئاشلىق ئالغىلى قولىمىزدا باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق؛ ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق، ــ دېدى. 001 GEN 043 023 ئۇ ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلاردا سىلەرگە بايلىق ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ؛ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم، ــ دېدى. ئاندىن ئۇ شىمېئوننى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقتى. 001 GEN 043 024 ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. 001 GEN 043 025 ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتنى تەييارلاپ قويدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەردە غىزا يەيدىغىنىنى ئاڭلىغانىدى. 001 GEN 043 026 يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتنى ئۆيگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. 001 GEN 043 027 ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 043 028 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ھاياتتۇر، ــ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 001 GEN 043 029 يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى. 001 GEN 043 030 يۈسۈپنىڭ ئۆز ئىنىسىغا بولغان سېغىنىش ئوتى قاتتىق كۈچىيىپ، يىغلىۋالغۇدەك خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تازا بىر يىغلىۋالدى. 001 GEN 043 031 ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: ــ تائاملارنى قويۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. 001 GEN 043 032 خىزمەتكارلار يۈسۈپكە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە يۈسۈپ بىلەن بىللە تاماققا كەلگەن مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم تاماق قويدى؛ چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى. 001 GEN 043 033 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، ھەربىرى چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزۇلدى؛ چوڭى چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قېلىشتى. 001 GEN 043 034 يۈسۈپ ئالدىدىكى داستىخاندىكى تاماقلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەردى. ئەمما بىنيامىنغا بەرگىنى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش كەيپ قىلىشتى. 001 GEN 044 001 ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛ 001 GEN 044 002 ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 001 GEN 044 003 ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى. 001 GEN 044 004 لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟ 001 GEN 044 005 خوجام شۇ [جامدا] شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. 001 GEN 044 006 بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. 001 GEN 044 007 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن! 001 GEN 044 008 بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟ 001 GEN 044 009 كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ [جام] تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى. 001 GEN 044 010 غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى. 001 GEN 044 011 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى. 001 GEN 044 012 غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى. 001 GEN 044 013 بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. 001 GEN 044 014 شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى. 001 GEN 044 015 يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. 001 GEN 044 016 يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى. 001 GEN 044 017 لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 044 018 ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا. 001 GEN 044 019 ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا، 001 GEN 044 020 بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك، 001 GEN 044 021 سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە. 001 GEN 044 022 بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك، 001 GEN 044 023 سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا. 001 GEN 044 024 شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛ 001 GEN 044 025 ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، 001 GEN 044 026 بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق. 001 GEN 044 027 سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. 001 GEN 044 028 بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم. 001 GEN 044 029 ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. 001 GEN 044 030 ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، 001 GEN 044 031 شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. 001 GEN 044 032 چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم. 001 GEN 044 033 شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە! 001 GEN 044 034 چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى. 001 GEN 045 001 يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى. 001 GEN 045 003 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. 001 GEN 045 004 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 001 GEN 045 005 ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 001 GEN 045 006 چۈنكى ھازىر زېمىندىكى ئاچارچىلىققا ئىككى يىل بولدى؛ لېكىن تېخى يەنە بەش يىلغىچە ھېچ تېرىلغۇمۇ بولمايدۇ، ئورمىمۇ بولمايدۇ. 001 GEN 045 007 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە دۇنيادا بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ بىر نىجاتلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنىڭ تىرىك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 001 GEN 045 008 شۇنداق بولغانىكەن، مېنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتكۈچى سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرەۋنگە ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتكۈل زېمىنغا باش ۋەزىر قىلىپ قويدى. 001 GEN 045 009 ئەمدى تېزدىن ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتكۈل مىسىرغا خوجا قىلىپ قويدى. سەن ھايال قىلماي، مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن؛ 001 GEN 045 010 سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر. 001 GEN 045 011 ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتىڭنى نامراتلىق بېسىۋالمىسۇن دەپ مەن سېنى شۇ يەردە باقىمەن؛ چۈنكى يەنە بەش يىل ئاچارچىلىق باردۇر»، دېدى، ــ دەڭلار. 001 GEN 045 012 ــ مانا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ۋە ئىنىم بىنيامىننىڭ كۆزلىرى سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئۆز ئاغزىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ. 001 GEN 045 013 ئاتامغا مېنىڭ مىسىردىكى بۇ بارلىق شان-شەرىپىم ھەمدە سىلەرنىڭ بارلىق كۆرگىنىڭلار توغرىسىدا ئېيتىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 001 GEN 045 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىنيامىنغا ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى؛ بىنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا يۆلىنىپ يىغلىدى. 001 GEN 045 015 ئاندىن يۈسۈپ بارلىق قېرىندشالىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىندشالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. 001 GEN 045 016 يۈسۈپنىڭ قېرىندشالىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈلدى؛ بۇ پىرەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق ئىش بولدى. 001 GEN 045 017 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ قېرىنداشلىرىڭغا: ــ «سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار؛ ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىپ، 001 GEN 045 018 ئاتاڭلار ۋە جەمەتىڭلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار؛ مەن مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل يەرلەرنى سىلەرگە بېرەي؛ سىلەر بۇ زېمىندىن چىققان نازۇ-نېمەتلەردىن يەيسىلەر» ــ دېگىن. 001 GEN 045 019 ساڭا بولغان ئەمرىم شۇكى، سەن ئۇلارغا: «بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلارنى ئېلىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدەك ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار. 001 GEN 045 020 پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل جايلار سىلەرنىڭكى بولغاچقا، ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن» دەپ بۇيرۇغىن، ــ دېدى. 001 GEN 045 021 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق قىلدى؛ يۈسۈپ پىرەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلارنى بېرىپ، يولى ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بەردى. 001 GEN 045 022 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر كىيىم بەردى؛ لېكىن بىنيامىنغا بولسا ئۇ ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە، بەش قۇر كىيىم بەردى. 001 GEN 045 023 ئۇ ئاتىسىغىمۇ شۇ ھەدىيەلەرنى، يەنى مىسىرنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ھاڭگا ئېشەك ھەمدە ئاشلىق، نان ۋە ئاتىسىغا يول تەييارلىقى ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى. 001 GEN 045 024 ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى. 001 GEN 045 025 ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانائان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا بېرىپ، 001 GEN 045 026 ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى. 001 GEN 045 027 لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى. 001 GEN 045 028 ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى. 001 GEN 046 001 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. 001 GEN 046 002 كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى. 001 GEN 046 003 ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن. 001 GEN 046 004 مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 046 005 ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 001 GEN 046 006 چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. 001 GEN 046 008 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛ 001 GEN 046 009 رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى. 001 GEN 046 010 شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل. 001 GEN 046 011 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. 001 GEN 046 012 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى. 001 GEN 046 013 ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون. 001 GEN 046 014 زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل. 001 GEN 046 015 بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى. 001 GEN 046 016 گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. 001 GEN 046 017 ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى. 001 GEN 046 018 بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى. 001 GEN 046 019 ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. 001 GEN 046 020 يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. 001 GEN 046 021 بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد. 001 GEN 046 022 بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى. 001 GEN 046 023 داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم. 001 GEN 046 024 نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. 001 GEN 046 025 بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى. 001 GEN 046 026 ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى. 001 GEN 046 027 يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى. 001 GEN 046 028 ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى. 001 GEN 046 029 يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى. 001 GEN 046 030 ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى. 001 GEN 046 031 ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ 001 GEN 046 032 بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي. 001 GEN 046 033 شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، 001 GEN 046 034 سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ. 001 GEN 047 001 يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ، 001 GEN 047 002 قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەشەيلەننى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. 001 GEN 047 003 پىرەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: ــ نېمە ئوقىتىڭلار بار، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مال باققۇچىلارمىز، ــ دېدى. 001 GEN 047 004 ئاندىن ئۇلار پىرەۋنگە ئىلتىماس قىلىپ: ــ قانائان زېمىنىدا قاتتىق قەھەتچىلىك بولغاچقا، كەمىنىلىرىنىڭ قويلىرىمىزنى باقىدىغانغا يايلاقمۇ يوق؛ شۇڭا بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشقا كەلدۇق؛ جانابلىرىدىن تەلەپ قىلىمىزكى، كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن يۇرتىدا تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ــ دېدى. 001 GEN 047 005 پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ قېشىڭغا كەلدى؛ 001 GEN 047 006 مانا مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭنى زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدە ئولتۇرغۇزغىن؛ ئۇلار گوشەن يۇرتىدا ماكان قىلسۇن. شۇنىڭدەك، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى بىلسەڭ، بۇلارنى مېنىڭ چارپايلىرىمغا نازارەتچى قىلغىن، ــ دېدى. 001 GEN 047 007 كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى؛ ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 001 GEN 047 008 ئاندىن پىرەۋن ياقۇپتىن: ــ ئۆمرۈڭنىڭ يىل-كۈنلىرى نەچچىگە يەتتى؟ ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 047 009 ياقۇپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ مۇساپىرلىق سەپىرىمنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى؛ ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمۈر سەپىرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى، ــ دېدى. 001 GEN 047 010 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 001 GEN 047 011 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى. 001 GEN 047 012 يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى. 001 GEN 047 013 ئەمما ئاچارچىلىق قاتتىق ئېغىر بولغاچقا، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىلمىدى؛ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنى ئاچارچىلىقتىن خاراپلىشىپ كەتتى. 001 GEN 047 014 يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى بارلىق پۇلنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. 001 GEN 047 015 ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. 001 GEN 047 016 يۈسۈپ جاۋابەن: ــ پۇلۇڭلار قالمىغان بولسا، چارپايلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭلار، مەن ماللىرىڭلارىغا ئوزۇق-تۈلۈك تېگىشىپ بېرىمەن، ــ دېدى. 001 GEN 047 017 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارپايلىرىنى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگىلى تۇردى؛ يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، قوي پادىلىرى، كالا پادىلىرى ۋە ئېشەكلىرىنىڭ ئورنىغا ئوزۇق-تۈلۈك بەردى؛ شۇ يىلى ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ باقتى. 001 GEN 047 018 ئۇ يىل ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز؛ پۇلىمىز تۈگىدى، چارپاي مال پادىلىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ ئىلكىدە، خوجىمىزنىڭ ئالدىدا تەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى. 001 GEN 047 019 نېمىشقا كۆز ئالدىلىرىدا بىز ھەم يېرىمىزمۇ ئۆلۈپ كەتسۇن؟ ئەمدى سىلى ئۆزىمىز ۋە يېرىمىزنى ئوزۇق-تۈلۈككە تېگىشىپ ئېلىۋالغايلا؛ ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز پىرەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىز ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك تۇرۇشىمىز، يېرىمىزمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇق-تۈلۈك بەرگەيلا، دېدى. 001 GEN 047 020 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېرىلغۇ يېرىنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى؛ چۈنكى ئاچارچىلىق قاتتىق بولغاچقا، مىسىرلىقلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن پىرەۋننىڭ بولۇپ قالدى. 001 GEN 047 021 يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە كۆچۈردى. 001 GEN 047 022 پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئۇ ئالمىدى؛ چۈنكى كاھىنلارغا پىرەۋن تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەچكە، ئۇلار پىرەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۈلۈشىنى يەپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى. 001 GEN 047 023 يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار. 001 GEN 047 024 ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى. 001 GEN 047 025 ئۇلار جاۋابەن: ــ سىلى جېنىمىزنى قۇتقۇزدىلا. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساقلا، پىرەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ تۇرايلى، ــ دېدى. 001 GEN 047 026 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ: ــ «ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى پىرەۋنگە بېرىلسۇن» دەپ بۇ ئىشنى بۈگۈنگە قەدەر مىسىر زېمىنى ئۈچۈن قانۇن-بەلگىلىمە قىلدى. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پىرەۋنگە تەۋە بولمىدى. 001 GEN 047 027 ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدا، گوشەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ جايدا يەر-زېمىنلىك بولۇپ، ئاۋۇپ، تولىمۇ كۆپەيدى. 001 GEN 047 028 ياقۇپ مىسىر زېمىنىدا ئون يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى؛ بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ ئۆمۈر كۈنلىرى بىر يۈز قىرىق يەتتە يىلغا يەتتى. 001 GEN 047 029 ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛ 001 GEN 047 030 بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىم بىلەن ياتىدىغان ۋاقتىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ گۆرىستانىغا دەپنە قىلغىن، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئېيتقىنىڭدەك قىلاي، ــ دېدى. 001 GEN 047 031 ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى؛ ئاندىن ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى. 001 GEN 048 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. 001 GEN 048 002 بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. 001 GEN 048 003 ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ 001 GEN 048 004 ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى. 001 GEN 048 005 ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. 001 GEN 048 006 ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ. 001 GEN 048 007 ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى. 001 GEN 048 008 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى. 001 GEN 048 009 يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى. 001 GEN 048 010 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ [ياخشى] كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. 001 GEN 048 011 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى. 001 GEN 048 012 يۈسۈپ بالىلارنى [ياقۇپنىڭ] تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. 001 GEN 048 013 ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. 001 GEN 048 014 لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. 001 GEN 048 015 ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا، 001 GEN 048 016 ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى. 001 GEN 048 017 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، 001 GEN 048 018 ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى. 001 GEN 048 019 لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 048 020 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. 001 GEN 048 021 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. 001 GEN 048 022 مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم. 001 GEN 049 001 ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [ھەممىڭلار] جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ 001 GEN 049 002 يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار. 001 GEN 049 003 ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ، 001 GEN 049 004 لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى! 001 GEN 049 005 شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! 001 GEN 049 006 ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى. 001 GEN 049 007 ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن. 001 GEN 049 008 ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار، 001 GEN 049 009 يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟ 001 GEN 049 010 شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. 001 GEN 049 011 ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار. 001 GEN 049 012 ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار. 001 GEN 049 013 زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار. 001 GEN 049 014 ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛ 001 GEN 049 015 ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار. 001 GEN 049 016 دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار. 001 GEN 049 017 دان يول ئۈستىدىكى يىلان، چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار. 001 GEN 049 018 ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم! 001 GEN 049 019 گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر. 001 GEN 049 020 ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر. 001 GEN 049 021 نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. 001 GEN 049 022 يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر. 001 GEN 049 023 يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى. 001 GEN 049 024 ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ [كۈچ] ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!) 001 GEN 049 025 [ئاشۇ كۈچ] ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) [يەنى] ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر! 001 GEN 049 026 سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر. 001 GEN 049 027 بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى. 001 GEN 049 028 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 001 GEN 049 029 ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ 001 GEN 049 030 ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. 001 GEN 049 031 شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم. 001 GEN 049 032 بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». 001 GEN 049 033 ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى. 001 GEN 050 001 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. 001 GEN 050 002 ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى. 001 GEN 050 003 بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. 001 GEN 050 004 ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى. 001 GEN 050 006 پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى. 001 GEN 050 007 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. 001 GEN 050 008 يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى. 001 GEN 050 009 ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى. 001 GEN 050 010 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. 001 GEN 050 011 شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر. 001 GEN 050 012 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ 001 GEN 050 013 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. 001 GEN 050 014 يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى. 001 GEN 050 015 لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى. 001 GEN 050 016 ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ 001 GEN 050 017 «سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى. 001 GEN 050 018 ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى. 001 GEN 050 019 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟ 001 GEN 050 020 سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى. 001 GEN 050 021 شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى. 001 GEN 050 022 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. 001 GEN 050 023 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى. 001 GEN 050 024 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. 001 GEN 050 025 ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى. 001 GEN 050 026 يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى. # # BOOK 002 EXO Exodus مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 002 EXO 001 001 ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل [بىلەن بىللە] مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ 002 EXO 001 002 رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، 002 EXO 001 003 ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 002 EXO 001 004 دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر. 002 EXO 001 005 ئەمدى ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى. 002 EXO 001 006 كېيىن يۈسۈپ، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى. 002 EXO 001 007 شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىللار كۆپ تۇغۇلۇپ، تېز ئاۋۇپ، ئىنتايىن كۈچەيدى؛ ئۇلار زېمىنغا بىر كەلدى. 002 EXO 001 008 ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 002 EXO 001 009 ئۇ خەلقىگە: مانا، ئىسرائىللارنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە ئاۋۇپ ھەمدە بىزدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتتى. 002 EXO 001 010 ئەمدى بىز ئۇلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى؛ بولمىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، مۇبادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىز تەرەپكە ئۆتۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى. 002 EXO 001 011 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇلارنى قاتتىق ئەمگەكلەر بىلەن خارلاش ئۈچۈن ئىش باشلىرىنى تەيىنلەپ نازارەتچىلىككە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پىرەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رائامسەس دېگەن ماددىي ئەشيا ساقلايدىغان شەھەرلەرنى ياساپ بەردى. 002 EXO 001 012 لېكىن ئۇلارنى [قانچە] ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى. 002 EXO 001 013 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 002 EXO 001 014 مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، خىش-كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىزلارنىڭ ھەرخىل ئەمگەكلىرىگە سېلىپ، ئىشنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق ئېغىرچىلىق سالدى؛ ئۇلارنى نېمە ئەمگەككە سالمىسۇن، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. 002 EXO 001 015 مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى): 002 EXO 001 016 ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 001 017 لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى ئوغۇل بوۋاقلارنى تىرىك قويدى. 002 EXO 001 018 شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 002 EXO 001 019 تۇغۇت ئانىلىرى پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك، ساغلام-تىمەن بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇت ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 001 020 نەتىجىدە، خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئىسرائىل خەلقى داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. 002 EXO 001 021 شۇنداق بولدىكى، تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقىدىغان ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئائىلىلىك بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. 002 EXO 001 022 بۇنىڭ بىلەن پىرەۋن بارلىق پۇخرالىرىغا: ــ ئىسرائىللاردىن يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاڭلار، لېكىن قىز بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار، دەپ ئەمر قىلدى. 002 EXO 002 001 لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 002 EXO 002 002 بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. 002 EXO 002 003 ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. 002 EXO 002 004 ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى. 002 EXO 002 005 ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. 002 EXO 002 006 ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى. 002 EXO 002 007 ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 002 EXO 002 008 پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 002 EXO 002 009 پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. 002 EXO 002 010 بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى. 002 EXO 002 011 مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 002 EXO 002 012 ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. 002 EXO 002 013 ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى. 002 EXO 002 014 ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى. 002 EXO 002 015 پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. 002 EXO 002 016 مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى. 002 EXO 002 017 ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى. 002 EXO 002 018 ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 002 EXO 002 019 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى. 002 EXO 002 020 ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 002 021 مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 002 EXO 002 022 ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. 002 EXO 002 023 نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى. 002 EXO 002 024 خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 002 EXO 002 025 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى. 002 EXO 003 001 مۇسا بولسا قېينئاتىسى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترونىڭ قوي پادىسىنى باقاتتى. ئۇ قويلارنى باشلاپ چۆلنىڭ ئەڭ چېتىگە خۇدانىڭ تېغى، يەنى ھورەب تېغىنىڭ باغرىغا كەلدى. 002 EXO 003 002 شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. 002 EXO 003 003 مۇسا: ــ مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ــ دەپ ئويلىدى. 002 EXO 003 004 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ [ئازغانلىققا] كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: ــ مۇسا! مۇسا! ــ دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 002 EXO 003 005 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر. 002 EXO 003 006 مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئېتىۋالدى. 002 EXO 003 007 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى [خارلاۋاتقانلىقىدىن] قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. 002 EXO 003 008 شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. 002 EXO 003 009 مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. 002 EXO 003 010 ئەمدى سەن كەل، مەن سېنى خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن پىرەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 003 011 لېكىن مۇسا خۇداغا: ــ مەن كىم ئىدىم، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىرالىغۇدەك؟ ــ دېدى. 002 EXO 003 012 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ، ــ دېدى. ۈ 002 EXO 003 013 شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. 002 EXO 003 014 خۇدا مۇساغا: ــ مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن ــ دېدى. ئاندىن ئۇ: ــ بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى. 002 EXO 003 015 خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن. 002 EXO 003 016 ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ 002 EXO 003 017 شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈم شۇدۇركى، مەن سىلەرنى مىسىرنىڭ زۇلۇمىدىن چىقىرىپ، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى، ــ دېگىن، دېدى. 002 EXO 003 018 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن، ئۆزۈڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلگە بېرىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيسىز» ــ دەڭلار. 002 EXO 003 019 لېكىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ھەتتا قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ ئاستىدا تۇرۇپمۇ، سىلەرنى يەنىلا قويۇپ بەرمەيدىغىنىنى بىلىمەن. 002 EXO 003 020 شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن [پىرەۋن] سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. 002 EXO 003 021 بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتۇرىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر شۇ يەردىن چىققىنىڭلاردا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. 002 EXO 003 022 بەلكى ھەربىر ئايال كىشى ئۆز قوشنىسىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق يات ئايالدىن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقايسىلەر، كىيدۈرىسىلەر؛ شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر، ــ دېدى. 002 EXO 004 001 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، بەلكى: «پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى»، دېيىشى مۇمكىن، دېدى. 002 EXO 004 002 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. 002 EXO 004 003 ئۇ: ــ ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. 002 EXO 004 004 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. 002 EXO 004 005 [پەرۋەردىگار يەنە]: ــ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 004 006 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. 002 EXO 004 007 ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. 002 EXO 004 008 پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. 002 EXO 004 009 ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. 002 EXO 004 010 ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى. 002 EXO 004 011 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ 002 EXO 004 012 ئەمدى سەن بارغىن، مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىپ تۇرىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 004 013 لېكىن ئۇ: ــ ئەي ئىگەم! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن [بۇ ئىشقا] خالىغان [باشقا] بىرسىنى ئەۋەتىپ، شۇنىڭ قولى بىلەن قىلغىن! ــ دېدى. 002 EXO 004 014 بۇنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى مۇساغا تۇتىشىپ: ــ لاۋىيلاردىن بولغان ئاكاڭ ھارۇن بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گەپنى ئوبدان قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىشقا ئاللىقاچان يولغا چىقتى؛ ئۇ سېنى كۆرسە، كۆڭلى تولىمۇ خۇش بولىدۇ. 002 EXO 004 015 ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت؛ مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭلارنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. 002 EXO 004 016 ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆزلەيدۇ؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ ساڭا ئېغىز بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا خۇدادەك بولىسەن. 002 EXO 004 017 بۇ ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىسەن، ــ دېدى. 002 EXO 004 018 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېينئاتىسى يەترونىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىجازەت بەرگەيلا، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا باراي، ئۇلار ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ كۆرۈپ كېلەي، دېدى. يەترو مۇساغا: ــ ئامان-ئېسەن بېرىپ كەلگىن، ــ دېدى. 002 EXO 004 019 مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــمىسىرغا يېنىپ بارغىن! چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، ــ دېدى. 002 EXO 004 020 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بىر ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىر زېمىنىغا بېرىشقا يولغا چىقتى. ماڭغاندا مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى ئالغاچ كەتتى. 002 EXO 004 021 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىرغا يېنىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بول، مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بارلىق كارامەتلەرنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خەلقنى قويۇپ بەرمىگۈدەك قاتتىق قىلىمەن. 002 EXO 004 022 سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. 002 EXO 004 023 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا: ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» ــ دېگىن، ــ دېدى. 002 EXO 004 024 ئەمما مۇسا سەپەر قىلىپ بىر قونالغۇغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 002 EXO 004 025 شۇنىڭ بىلەن زىپپوراھ بىر چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى ئېرىنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: ــ سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن! ــ دېدى. 002 EXO 004 026 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى). 002 EXO 004 027 پەرۋەردىگار ھارۇنغا: ــ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسا بىلەن كۆرۈشكىن، دېۋىدى، ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. 002 EXO 004 028 مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھارۇنغا دەپ بەردى. 002 EXO 004 029 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بېرىپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. 002 EXO 004 030 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. 002 EXO 004 031 بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. 002 EXO 005 001 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 005 002 لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى. 002 EXO 005 003 ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. 002 EXO 005 004 لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى. 002 EXO 005 005 پىرەۋن يەنە: ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى. 002 EXO 005 006 شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ــ 002 EXO 005 007 ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. 002 EXO 005 008 لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ: «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ. 002 EXO 005 009 ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 005 010 شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە: پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم. 002 EXO 005 011 ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 005 012 بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى. 002 EXO 005 013 نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ: سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى. 002 EXO 005 014 ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى. 002 EXO 005 015 ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ 002 EXO 005 016 ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن [نازارەتچىلەر] يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى. 002 EXO 005 017 لېكىن ئۇ يەنە: ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر: «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر. 002 EXO 005 018 قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە [ئاۋۋالقىدەك] تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى. 002 EXO 005 019 ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى [پىرەۋننىڭ]: «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا-قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى. 002 EXO 005 020 ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. 002 EXO 005 021 ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى. 002 EXO 005 022 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟ 002 EXO 005 023 چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى. 002 EXO 006 001 لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ قۇدرەتلىك بىر قولدىن مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 006 002 ئاندىن خۇدا مۇساغا [يەنە] سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 002 EXO 006 003 مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم. 002 EXO 006 004 مەن ئۇلار بىلەن: ــ «سىلەر مۇساپىر بولۇپ ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە باغلىشىپ ۋەدە قىلغانمەن. 002 EXO 006 005 ئەمدى مەن مىسىرلىقلار قۇل قىلىپ زۇلۇم سالغان ئىسرائىللارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان شۇ ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 002 EXO 006 006 شۇڭا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن ئۆزۈم سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ، قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. 002 EXO 006 007 سىلەرنى ئۆز قوۋمىم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆزۈم خۇدايىڭلار بولىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچىنىڭ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 002 EXO 006 008 مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». 002 EXO 006 009 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. 002 EXO 006 010 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ 002 EXO 006 011 بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە: «ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىڭدىن كېتىشىگە يول قوي»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. 002 EXO 006 012 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: مانا، ئىسرائىللار ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، پىرەۋن قانداقمۇ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر ئادەمگە قۇلاق سالسۇن؟ ــ دېدى. 002 EXO 006 013 ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارغا ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە ئىسرائىللار توغرۇلۇق: ــ «ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىرىلسۇن» دېگەن ئەمر يەتكۈزۈشىنى بۇيرۇدى. 002 EXO 006 014 تۆۋەندىكىلەر جەمەت باشلىقلىرى: ــ ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانۇق، پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. بۇلار بولسا رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى. 002 EXO 006 015 شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانلىق ئايالدىن بولغان سائۇللار ئىدى؛ بۇلار شىمېئوننىڭ نەسىللىرى ئىدى. 002 EXO 006 016 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، نەسەبنامىلىرىگە ئاساسەن: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى؛ لاۋىينىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى. 002 EXO 006 017 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە: ــ لىبنى ۋە شىمەي. 002 EXO 006 018 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئامرام، يىزھار، ھېبرون بىلەن ئۇززىئەل. كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. 002 EXO 006 019 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ماھلى ۋە مۇشى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى. 002 EXO 006 020 ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى، يوكەبەد ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 002 EXO 006 021 يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى. 002 EXO 006 022 ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى. 002 EXO 006 023 ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئاممىنادابنىڭ قىزى ئېلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب بىلەن ئابىھۇنى، ۋە ئەلىئازار بىلەن ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى. 002 EXO 006 024 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى. 002 EXO 006 025 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى. 002 EXO 006 026 پەرۋەردىگارنىڭ: ــ ئىسرائىللارنى قوشۇنلاردەك توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، دېگەن ئەمرىنى تاپشۇرىۋالغۇچىلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. 002 EXO 006 027 ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىرىلسۇن، دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە سۆز قىلغانلار دەل بۇ كىشىلەر، يەنى مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى. 002 EXO 006 028 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغان ۋاقتىدا 002 EXO 006 029 مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە دېگىن»، دەپ ئەمر قىلدى. 002 EXO 006 030 لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر كىشىگە پىرەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» ــ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. 002 EXO 007 001 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن پىرەۋننىڭ ئالدىدا سېنى خۇدانىڭ ئورنىدا قىلدىم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ. 002 EXO 007 002 مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى [ئۇنىڭغا] دەيسەن؛ ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن پىرەۋنگە ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. 002 EXO 007 003 لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. 002 EXO 007 004 شۇنداقتىمۇ، پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ قولۇمنى ئۇزىتىپ، چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز قوۋمىم ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىمەن. 002 EXO 007 005 ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە سوزغىنىمدا، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 007 006 مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق تاپىلىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. 002 EXO 007 007 ئۇلار پىرەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشقا، ھارۇن سەكسەن ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى. 002 EXO 007 008 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: ــ 002 EXO 007 009 ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ــ ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. 002 EXO 007 010 شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. 002 EXO 007 011 ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. 002 EXO 007 012 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى. 002 EXO 007 013 بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 002 EXO 007 014 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق؛ ئۇ قوۋمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. 002 EXO 007 015 ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال. 002 EXO 007 016 سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر» دېيىشكە ئەۋەتكەنىدى؛ لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ ئاڭلىمىدىڭ. 002 EXO 007 017 شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «سەن شۇ [ئالامەت] بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دەيدۇ ــ مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، 002 EXO 007 018 دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ». 002 EXO 007 019 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى. 002 EXO 007 020 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. 002 EXO 007 021 دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى. 002 EXO 007 022 لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛ 002 EXO 007 023 ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى. 002 EXO 007 024 دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن بارلىق مىسىرلىقلار ئىچكۈدەك سۇ تېپىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئەتراپلىرىنى كولىدى. 002 EXO 007 025 پەرۋەردىگار دەريانى ئۇرۇپ، يەنە يەتتە كۈن ئۆتتى. 002 EXO 008 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. 002 EXO 008 002 لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن. 002 EXO 008 003 دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. 002 EXO 008 004 پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى. 002 EXO 008 005 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى. 002 EXO 008 006 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. 002 EXO 008 007 لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى. 002 EXO 008 008 پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى. 002 EXO 008 009 مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى. 002 EXO 008 010 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. 002 EXO 008 011 پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى. 002 EXO 008 012 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى. 002 EXO 008 013 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى. 002 EXO 008 014 خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، [پۈتكۈل] يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى. 002 EXO 008 015 لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 002 EXO 008 016 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى. 002 EXO 008 017 ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى. 002 EXO 008 018 جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. 002 EXO 008 019 ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 002 EXO 008 020 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر! 002 EXO 008 021 چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ. 002 EXO 008 022 لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن. 002 EXO 008 023 شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. 002 EXO 008 024 پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى. 002 EXO 008 025 پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 008 026 لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟ 002 EXO 008 027 بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى. 002 EXO 008 028 پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى. 002 EXO 008 029 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى. 002 EXO 008 030 مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى. 002 EXO 008 031 پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى. 002 EXO 008 032 لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. 002 EXO 009 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. 002 EXO 009 002 ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 002 EXO 009 003 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. 002 EXO 009 004 لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى. 002 EXO 009 005 پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. 002 EXO 009 006 ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. 002 EXO 009 007 پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. 002 EXO 009 008 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. 002 EXO 009 009 شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 009 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. 002 EXO 009 011 جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. 002 EXO 009 012 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 002 EXO 009 013 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛ 002 EXO 009 014 چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. 002 EXO 009 015 چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ. 002 EXO 009 016 ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى. 002 EXO 009 017 سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟ 002 EXO 009 018 مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن. 002 EXO 009 019 شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى. 002 EXO 009 020 بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى. 002 EXO 009 021 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى. 002 EXO 009 022 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. 002 EXO 009 023 مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. 002 EXO 009 024 مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. 002 EXO 009 025 مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. 002 EXO 009 026 پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. 002 EXO 009 027 پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى. 002 EXO 009 028 يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 009 029 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. 002 EXO 009 030 لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى. 002 EXO 009 031 شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى. 002 EXO 009 032 لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى. 002 EXO 009 033 مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى. 002 EXO 009 034 ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى. 002 EXO 009 035 بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. 002 EXO 010 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بارغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشىم ئۈچۈن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويدۇم. 002 EXO 010 002 بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق رەسۋا قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى سەن ئوغلۇڭنىڭ ئاندىن نەۋرەڭنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزىسەن. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، دېدى. 002 EXO 010 003 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭنى ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇشنى قاچانغىچە رەت قىلىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر. 002 EXO 010 004 چۈنكى ئەگەر سەن قوۋمىمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن ئەتە سېنىڭ يۇرتۇڭغا چېكەتكە ئەۋەتىمەن. 002 EXO 010 005 ئۇلار سىلەر زېمىن يۈزىنى كۆرمىگۈدەك قىلىپ يېپىۋېتىدۇ، سىلەرنىڭ مۆلدۈردىن ئامان قالغان نەرسىلىرىڭلارنىمۇ، دالالاردا ئۆسكەن ھەممە دەل-دەرەخلىرىڭلارنىمۇ يەپ كېتىدۇ. 002 EXO 010 006 ئۇلار ئوردا-سارايلىرىڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ سارايلىرى، شۇنداقلا بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئاپەتنى ئاتا-بوۋاڭلىرىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان» ــ دېدى-دە، بۇرۇلۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 002 EXO 010 007 پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئادەم بىزگە قاچانغىچە تۇزاق بولار؟ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا بۇ ئادەملەرنى قويۇپ بەرگەيلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغىنىنى تېخىچە كۆرمەيۋاتامدىلا؟ ــ دېدى. 002 EXO 010 008 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا يەنە چاقىرىتىپ كېلىندى. ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىڭلار؛ لېكىن بارىدىغانلار زادى كىملەر؟ ــ دېدى. 002 EXO 010 009 مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ ياشلىرىمىز ۋە قېرى-چۈرىلەر بىلەن، ئوغۇللىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن، قوي ۋە كالا پادىلىرىمىزنى ئېلىپ ھەممىمىز بارىمىز؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، دېدى. 002 EXO 010 010 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرگىنىمدە، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! مانا، ئالدىڭلاردا بالايىئاپەت تۇرۇپتۇ! 002 EXO 010 011 يوقسۇ، بۇنداق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئاراڭلاردىن ئەر كىشىلەرلا بارسۇن! چۈنكى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار دەل شۇ ئەمەسمىدى! ــ دېدى-دە، ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 002 EXO 010 012 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، زېمىندىكى ھەرخىل ئوتياشلارنى، يەنى مۆلدۈردىن ئامان قالغاننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ، دېدى. 002 EXO 010 013 مۇسا ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار شۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. سەھەردە، شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. 002 EXO 010 014 چېكەتكىلەر مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىرنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىمۇ باستى. ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ئىلگىرى بۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغان، مۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ. 002 EXO 010 015 ئۇلار پۈتكۈل زېمىننىڭ يۈزىنى قاپلىدى، يەر قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار مۆلدۈردىن ئامان قالغان زېمىندىكى ھەممە ئوتياشلارنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنى تەۋەسىدىكى دەل-دەرەخلەردە ياكى دالادىكى گۈل-گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى. 002 EXO 010 016 ئاندىن پىرەۋن ئالدىراپ-تېنەپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھ قىلدىم. 002 EXO 010 017 ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن بۇ ئۆلۈمنى مەندىن ئېلىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 010 018 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. 002 EXO 010 019 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شامالنى بۇراپ غەرب تەرەپتىن ئىنتايىن كۈچلۈك بوران چىقىرىپ، چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى؛ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تەۋەسىدە بىر تالمۇ چېكەتكە قالمىدى. 002 EXO 010 020 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدى. 002 EXO 010 021 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم سىلىسا قولىغا تۇيۇلغۇدەك قويۇق قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 010 022 ئاندىن مۇسا قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، قويۇق بىر قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى. 002 EXO 010 023 ئۈچ كۈنگىچە بىرى يەنە بىرىنى كۆرەلمەس ۋە يا ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوزغىلالماس بولدى؛ لېكىن بارلىق ئىسرائىللار ئولتۇرغان جايلاردا يورۇقلۇق بار ئىدى. 002 EXO 010 024 پىرەۋن مۇسانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. پەقەت قوي ۋە كالا پادىلىرىڭلار قالسۇن؛ بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، دېدى. 002 EXO 010 025 مۇسا جاۋابەن: ــ ئۇنداقتا خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا [ئىناقلىق] قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا لازىملىق چارپايلارنى سەن بىزگە بېرەمسەن؟ 002 EXO 010 026 ئۆزىمىزنىڭ چارپايلىرىمىز بىز بىلەن بىرگە كېتىشى كېرەك، بىر تۇيىقىمۇ كەينىدە قالسا بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بۇلاردىن تاللىشىمىز لازىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارغا قايسى قۇربانلىقلار بىلەن ئىبادەت قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز، ــ دېدى. 002 EXO 010 027 لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. 002 EXO 010 028 پىرەۋن مۇساغا: ــ ئالدىمدىن يوقال! ھېزى بول، ئىككىنچى ماڭا كۆرۈنگۈچى بولما! چۈنكى يۈزۈمنى يەنە كۆرگەن كۈنۈڭ جېنىڭدىن ئايرىلىسەن، ــ دېدى. 002 EXO 010 029 مۇسا ئۇنىڭغا: ــ راست ئېيتتىڭ! مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى ئىككىنچى كۆرگۈچى بولمايمەن، ــ دېدى. 002 EXO 011 001 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ. 002 EXO 011 002 ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى 002 EXO 011 003 (پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى). 002 EXO 011 004 ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. 002 EXO 011 005 شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ. 002 EXO 011 006 بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ. 002 EXO 011 007 لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر». 002 EXO 011 008 ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 002 EXO 011 009 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى. 002 EXO 011 010 مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى. 002 EXO 012 001 پەرۋەردىگار مىسىر يۇرتىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 012 002 بۇ ئاي سىلەرگە ئايلارنىڭ ئىچىدە بېشى، يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ. 002 EXO 012 003 سىلەر پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە سۆز قىلىپ: ــ بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەممىڭلار ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر قوزىنى ئېلىڭلار؛ ھەربىر ئائىلىگە بىردىن قوزا ئېلىڭلار. 002 EXO 012 004 ئەگەر مەلۇم بىر ئائىلە بىر قوزىنى يەپ بولالمىغۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۆي ئىگىسى يېنىدىكى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئادەم سانىغا قاراپ بىر قوزا ئېلىڭلار؛ ھەربىر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ھېسابلاپ مۇۋاپىق بىر قوزا ھازىرلاڭلار. 002 EXO 012 005 ھەربىرىڭلار تاللايدىغان قوزاڭلار بېجىرىم، بىر ياشلىق ئەركەك بولسۇن؛ قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللانسىمۇ بولىدۇ. 002 EXO 012 006 قوزىنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە يېنىڭلاردا تۇرغۇزۇڭلار، ــ دېگىن. ــ شۇ كۈنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى تاللىغان مېلىنى گۇگۇمدا سويسۇن. 002 EXO 012 007 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ گۆش يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ باش تەرىپىگە ھەم ئىككى يان كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. 002 EXO 012 008 ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يېسۇن؛ ئۇنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن. 002 EXO 012 009 قەتئىي خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى باش، پۇت ۋە ئىچ-قارىنلىرى بىلەن ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يەڭلار. 002 EXO 012 010 ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى ئەتىگە قالدۇرماڭلار. ئەگەر ئەتىگە ئېشىپ قالغانلىرى بولسا، ئۇنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 002 EXO 012 011 سىلەر ئۇنى مۇنداق ھالەتتە يەڭلار: ــ ئۇنى يېگەندە بەللىرىڭلارنى چىڭ باغلاپ، ئاياغلىرىڭلارغا كەش كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتقان ھالدا تېز يەڭلار. ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر. 002 EXO 012 012 چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 002 EXO 012 013 شۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى سىلەر ئولتۇرغان ئۆيلەردە سىلەرگە [نىجات] بەلگىسى بولىدۇ؛ بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىنى ئۇرغىنىمدا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋابا-ئاپەت سىلەرگە تەگمەيدۇ. 002 EXO 012 014 بۇ كۈن سىلەرگە خاتىرە كۈن بولسۇن؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەڭلار؛ ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈ ئۆتكۈزۈڭلار. 002 EXO 012 015 يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار؛ بىرىنچى كۈنى ئۆيۈڭلاردىن [بارلىق] خېمىرتۇرۇچلارنى يوق قىلىڭلار؛ چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان نان يېسە، شۇ كىشى ئىسرائىل قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 002 EXO 012 016 بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى تۈزۈڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق بىر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىنمىسۇن؛ پەقەت ھەر كىشىنىڭ يەيدىغىنىنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا قىلساڭلار بولىدۇ. 002 EXO 012 017 مەن دەل شۇ كۈنى سىلەرنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىم ئۈچۈن سىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ شۇ كۈننى نەسىلدىن-نەسىلگە ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە ھېيت كۈنى قىلىپ بېكىتىڭلار. 002 EXO 012 018 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى، كەچقۇرۇندىن تارتىپ شۇ ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. 002 EXO 012 019 يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن؛ چۈنكى مۇساپىر بولسۇن، زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن، كىمكى بولدۇرۇلغان نەرسىلەرنى يېسە شۇ كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 002 EXO 012 020 سىلەر ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نەرسىنى يېمەي، قەيەردىلا تۇرساڭلار، پېتىر نان يەڭلار. 002 EXO 012 021 مۇسا ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بېرىپ ھەربىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە ئۆزۈڭلارغا بىر قوزىنى تارتىپ چىقىرىپ پاسخا قوزىسىنى سويۇڭلار. 002 EXO 012 022 ئاندىن بىر تۇتام زۇپا ئېلىپ ئۇنى قاچىدىكى قانغا چىلاپ، قاچىدىكى قاننى ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىگە سۈركەڭلار. سىلەردىن ئەتىگەنگىچە ھېچكىم ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن قەتئىي چىقمىسۇن. 002 EXO 012 023 چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، زېمىننى كېزىپ ئۆتىدۇ؛ ئۇ ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىدىكى قاننى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ھالاك قىلغۇچىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۇرۇشىدىن توسۇش ئۈچۈن [مۇھاپىزەت قىلىپ] ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. 002 EXO 012 024 بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە سۈپىتىدە تۇتۇڭلار. 002 EXO 012 025 سىلەر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا بۇ ھېيتلىق ئىبادەتنى تۇتۇڭلار. 002 EXO 012 026 بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ ئىبادىتىڭلارنىڭ مەنىسى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، 002 EXO 012 027 سىلەر: «بۇ مىسىرلىقلارنى ئۇرغىنىدا، مىسىردا ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىمىزنى قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا بولغان «ئۆتۈپ كېتىش» قۇربانلىقى بولىدۇ» ــ دەڭلار. شۇنى ئاڭلىغاندا، خەلق ئېڭىشىپ [خۇداغا] سەجدە قىلدى. 002 EXO 012 028 ئاندىن ئىسرائىللار قايتىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار دەل مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئەمر قىلغاندەك ئىش كۆردى. 002 EXO 012 029 ۋە شۇنداق بولدىكى، يېرىم كېچە بولغاندا، پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇنجىسىدىن تارتىپ زىنداندا يېتىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. 002 EXO 012 030 ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئۆي قالمىغاچقا، شۇ كېچىسى پىرەۋننىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مىسىرلىقلار كېچىدە ئورنىدىن قوپتى؛ مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن قاتتىق پەرياد كۆتۈرۈلدى. 002 EXO 012 031 پىرەۋن كېچىدە مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ تۇرۇڭلار، سىلەر ۋە ئىسرائىللار بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار! 002 EXO 012 032 سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە قوي، ئۆچكە، كالا پادىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 012 033 مىسىرلىق پۇقرالارمۇ «ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكۈدەكمىز» دېيىشىپ، خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كېتىشكە ئالدىراتتى. 002 EXO 012 034 خەلق تېخى بولمىغان خېمىرلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. 002 EXO 012 035 ئىسرائىللار مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە قىلىپ، مىسىرلىقلاردىن كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. 002 EXO 012 036 پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزغىنى ئۈچۈن مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سورىغانلىرىنى بەردى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى. 002 EXO 012 037 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالتە يۈز مىڭچە ئەركەك بولۇپ، رامسەستىن چىقىپ، سۇككوت شەھىرىگىچە پىيادە ماڭدى. 002 EXO 012 038 ئۇلار بىلەن بىللە چوڭ بىر توپ شالغۇت خەلقمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى، يەنە نۇرغۇن چارۋىلار، كۆپلىگەن كالا-قوي پادىلىرى بىلەن بىللە چىقتى. 002 EXO 012 039 مىسىردىن ئالغاچ چىققان خېمىردىن ئۇلار پېتىر نان-توقاچلارنى ئەتتى؛ چۈنكى ئۇلار مىسىردا بىردەم-يېرىم دەم تۇرغۇزۇلماي ھەيدەلگىنى ئۈچۈن خېمىر بولمىغانىدى؛ ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. 002 EXO 012 040 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل بولدى. 002 EXO 012 041 شۇنداق بولدىكى، شۇ تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقاندا، دەل شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كەتتى. 002 EXO 012 042 شۇ كۈنى كېچىدە ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىلغىنى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كېچىسى دەپ تۇتۇشى كېرەك؛ شۇ كېچىنى بارلىق ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۇتۇپ، تۈنىشى كېرەك. 002 EXO 012 043 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ پاسخا قوزىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە شۇ بولسۇنكى،: ــ ھېچقانداق يات ئەللىك ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. 002 EXO 012 044 لېكىن ھەركىمنىڭ پۇلغا سېتىۋالغان قۇلى بولسا، ئۇ خەتنە قىلىنسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن يېسۇن. 002 EXO 012 045 ئەمما ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى مەدىكار بۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. 002 EXO 012 046 گۆشنى باشقا بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقمىغىن؛ بىرلا ئۆيدە يېيىلسۇن؛ قوزىنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن. 002 EXO 012 047 پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن. 002 EXO 012 048 ئەگەر سېنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان مۇساپىر بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاسخا ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بارلىق ئەركەكلىرى خەتنە قىلىنسۇن؛ ئاندىن كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزسۇن. ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان كىشىدەك سانالسۇن. لېكىن ھېچبىر خەتنىسىز ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. 002 EXO 012 049 زېمىندا تۇغۇلغان كىشى ھەم ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىر ئۈچۈن ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. 002 EXO 012 050 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى دەل پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغاندەك شۇ ئىشلارنى ئادا قىلدى. 002 EXO 012 051 شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقاردى. 002 EXO 013 001 پەرۋەردىگار مۇساغا: 002 EXO 013 002 ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى. 002 EXO 013 003 مۇسا خەلقكە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مىسىردىن ئىبارەت «قۇللۇق ماكانى»دىن چىققان بۇ كۈننى ياد ئېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان نەرسە يېيىلمىسۇن. 002 EXO 013 004 ئابىب ئېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى يولغا چىققان كۈن. 002 EXO 013 005 ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ [ئابىب] ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن. 002 EXO 013 006 يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان ھېيت ئۆتكۈزۈلسۇن. 002 EXO 013 007 يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يېيىلسۇن؛ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نان تېپىلمىسۇن ۋە يا چېگرىلىرىڭ ئىچىدە ھېچ خېمىرتۇرۇچمۇ كۆرۈنمىسۇن. 002 EXO 013 008 شۇ كۈنى سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: «مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ياد قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ [ھېيتنى] ئۆتكۈزىمەن»، دەپ چۈشەندۈرگىن. 002 EXO 013 009 پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-تەلىمىنىڭ ھەمىشە ئاغزىڭدىن چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن چىقاردى. 002 EXO 013 010 ئەمدى بۇ بەلگىلىمىنى يىلمۇ-يىل بېكىتىلگەن ۋاقتىدا تۇتقىن. 002 EXO 013 011 پەرۋەردىگار سەن بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قىلغان قەسىمى بويىچە سېنى قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك: ــ 002 EXO 013 012 بارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسەن؛ شۇنداقلا چارپاي مېلىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. 002 EXO 013 013 ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىرنەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئوغۇللىرىڭلار ئارىسىدا بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ھۆرلۈك بەدىلى تۆلۈشۈڭ كېرەك. 002 EXO 013 014 كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: «بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر»، دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئازاد قىلدى. 002 EXO 013 015 شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن. 002 EXO 013 016 بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە-]بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال، چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقاردى» ــ دېگىن. 002 EXO 013 017 ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. 002 EXO 013 018 شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ تەرتىپ بىلەن ماڭدى. 002 EXO 013 019 مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىۋالدى؛ چۈنكى يۈسۈپ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان [قېرىنداشلىرىنى]: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى مۇشۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ قەسەم قىلدۇرغانىدى. 002 EXO 013 020 ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. 002 EXO 013 021 ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى. 002 EXO 013 022 بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى. 002 EXO 014 001 پەرۋەردىگار مۇساغا: 002 EXO 014 002 ــ سەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن. 002 EXO 014 003 شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن: «ئىسرائىللار زېمىندا ئېزىپ قالدى، چۆلنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلايدۇ؛ 002 EXO 014 004 ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى. 002 EXO 014 005 «ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ: «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى. 002 EXO 014 006 [پىرەۋن] دەرھال جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى باشلاپ يولغا چىقتى. 002 EXO 014 007 ئۇ يەنە ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە لەشكەر باشلىقلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى. 002 EXO 014 008 پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى. 002 EXO 014 009 مىسىرلىقلارنىڭ [ھەممىسى] يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى. 002 EXO 014 010 پىرەۋن يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىللار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! شۇنى كۆرگەندە ئىسرائىللار تولىمۇ قورقۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا-پەرياد كۆتۈردى. 002 EXO 014 011 ئۇلار مۇساغا: ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟! 002 EXO 014 012 مىسىردا تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىز ساڭا: «بىزنى مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشىمىزغا قويغىن، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەپ ئېيتمىغانمىدۇق؟ مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىمىز چۆلگە كېلىپ ئۆلگىنىمىزدىن ئەۋزەل بولاتتى! ــ دېدى. 002 EXO 014 013 بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە: ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 002 EXO 014 014 پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى. 002 EXO 014 015 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ نېمىشقا سەن ماڭا پەرياد كۆتۈرىسەن؟ ئىسرائىللارغا: «ئالدىغا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. 002 EXO 014 016 لېكىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىزغا ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن؛ شۇنداقتا، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. 002 EXO 014 017 مانا، مەن ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلىمەن. 002 EXO 014 018 شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، دېدى. 002 EXO 014 019 ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، 002 EXO 014 020 مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى. 002 EXO 014 021 مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى. 002 EXO 014 022 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. 002 EXO 014 023 ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى. 002 EXO 014 024 تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى. 002 EXO 014 025 ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: ــ يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 002 EXO 014 026 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، ــ دېدى. 002 EXO 014 027 مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى. 002 EXO 014 028 سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى. 002 EXO 014 029 لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. 002 EXO 014 030 شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ دېڭىزنىڭ بويىدا ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. 002 EXO 014 031 ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئىشلەتكەن زور قۇدرىتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ قۇلى مۇساغا ئىشەندى. 002 EXO 015 001 شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ مۇنۇ كۈينى ئېيتتى: ــ «مەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتاي، چۈنكى ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 002 EXO 015 002 مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛ ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛ ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن. 002 EXO 015 003 پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر. 002 EXO 015 004 پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى. 002 EXO 015 005 چوڭقۇر سۇلار ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى، ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتتى. 002 EXO 015 006 سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار، قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. 002 EXO 015 007 ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ، سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ، ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. 002 EXO 015 008 دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن سۇلار دۆڭ بولۇپ ئۆرلىدى، جۇشقۇنلىغان دولقۇنلار دۆڭ كەبى تىك تۇردى، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر سۇلار قاتۇرۇپ قويۇلدى. 002 EXO 015 009 دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن، ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن، قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن». 002 EXO 015 010 لېكىن سەن نەپىسىڭ بىلەن پۈۋلىدىڭ، دېڭىز ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى؛ ئۇلار جۇشقۇنلۇق سۇلاردا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى. 002 EXO 015 011 ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، ئەي پەرۋەردىگار، كىم سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟ پاك-مۇقەددەسلىك ئىچىدە ئۆز ھەيۋىتىڭنى كۆرسىتىدىغان، ھەمد-مەدھىيىلەر ئارىسىدا دەھشەتلىك تۇرىدىغان، مۆجىزە-كارامەت يارىتىدىغان، سەندەك كىم بولسۇن؟ 002 EXO 015 012 سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇزىتىشىڭ بىلەن، يەر-زېمىن ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. 002 EXO 015 013 لېكىن ئۆزۈڭگە ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان قوۋمنى رەھىمدىللىقىڭ بىلەن باشلاپ چىقتىڭ؛ سەن ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا قۇدرىتىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىپ يېتەكلىدىڭ. 002 EXO 015 014 يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛ فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى. 002 EXO 015 015 ئاندىن ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ موئابنىڭ پالۋانلىرىنى بولسا، راسا تىترەك باستى؛ قانائان زېمىنىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقتى؛ 002 EXO 015 016 قورقۇنچ ۋە دەھشەت ئۇلارنى باستى؛ بىلىكىڭنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلار خۇددى تاشتەك مىدىرلىيالماي قالدى؛ خەلقىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە. 002 EXO 015 017 ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ، ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن، ئۆز ماكانىڭ قىلغان جايغا، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قوللىرىڭ تەييارلىغان مۇقەددەس جايغا، ئى رەب، ئۇلارنى ئېلىپ بارىسەن. 002 EXO 015 018 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ! 002 EXO 015 019 چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛ پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى، لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى». 002 EXO 015 020 ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 002 EXO 015 021 مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ «پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!». 002 EXO 015 022 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى. 002 EXO 015 023 ئاندىن ئۇلار ماراھقا يېتىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇ جاينىڭ نامى «ماراھ» دەپ قويۇلغان. 002 EXO 015 024 ئۇ ۋاقىتتا خالايىق: ــ بىز نېمە ئىچىمىز؟ ــ دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. 002 EXO 015 025 ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر دەرەخنى كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرەخ ياغىچىنى ئېلىپ، سۇغا تاشلىۋىدى، سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا ھۆكۈم-بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئۇلارنى سىناپ، مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 015 026 «ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن». 002 EXO 015 027 ئاندىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. شۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە سۇلارنىڭ بويىدا چېدىر تىكتى. 002 EXO 016 001 ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئېلىمدىن يولغا ئاتلاندى؛ مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى. 002 EXO 016 002 ئەمما ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى چۆلدە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. 002 EXO 016 003 ئىسرائىللار ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى! شۇ يەردە بىز گۆش قايناۋاتقان قازانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىگەنمىدۇق؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ بىزنى بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار! ــ دېيىشتى. 002 EXO 016 004 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن. 002 EXO 016 005 ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار يىغىۋالغانلىرىنى تەييارلىسۇن؛ ئۇ باشقا كۈنلەردە ئېرىشىدىغىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 016 006 ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بارلىق ئىسرائىللارغا: ــ بۈگۈن ئاخشام سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە 002 EXO 016 007 ئەتە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى؛ بىزگە كەلسەك، سىلەر يامان گېپىمىزنى قىلىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىم ئىدۇق؟ ــ دېدى. 002 EXO 016 008 مۇسا يەنە: پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىپ، ئەتە ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بەرگەندە [بۇنى بىلىسىلەر]؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلدىغىنىڭلارنى ئاڭلىدى. ئەمدى بىز نېمە ئىدۇق؟ سىلەرنىڭ غوتۇلداشقىنىڭلار بىزلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارىتىلغاندۇر، ــ دېدى. 002 EXO 016 009 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ يامان گەپ بىلەن غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. 002 EXO 016 010 شۇنداق بولدىكى، ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا، ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىۋىدى، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى بۇلۇتتا ئايان بولدى. 002 EXO 016 011 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 016 012 ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ يامان گەپ قىلىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمدى ئۇلارغا: «گۇگۇمدا سىلەر گۆش يەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە ناندىن تويۇنىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر» ــ دەپ ئېيتقىن، دېدى. 002 EXO 016 013 كەچقۇرۇندا شۇنداق بولدىكى، بۆدۈنىلەر ئۇچۇپ كېلىپ، چېدىرگاھنى قاپلاپ كەتتى؛ ئەتىسى ئەتىگەندە، چېدىرگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى. 002 EXO 016 014 ئەتراپتا ياتقان شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مانا، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە قىراۋدەك نېپىز، كىچىك-كىچىك يۇمىلاق نەرسىلەر تۇراتتى. 002 EXO 016 015 ئىسرائىللار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن: ــ بۇ نېمىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بۇ پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوزۇق-تۈلۈكتۇر. 002 EXO 016 016 پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى ئەمر قىلىپ دېدىكى، «ھەربىرىڭلار يەيدىغىنىڭلارغا قاراپ ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا قاراپ، ھەربىر ئادەمگە بىر ئومەر مىقداردا يىغىڭلار؛ ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىڭلار» ــ دېدى. 002 EXO 016 017 ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، بەزىسى كۆپرەك، بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى. 002 EXO 016 018 ئۇلار ئۇنى ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىۋىدى، كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى؛ ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى. 002 EXO 016 019 مۇسا ئۇلارغا: ــ ھېچقانداق ئادەم بۇلاردىن ھېچنېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن، دېدى. 002 EXO 016 020 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ بەزىلەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويغىنى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى. 002 EXO 016 021 شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگىنى چىقىپ ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى؛ قالغانلىرى بولسا ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى. 002 EXO 016 022 لېكىن ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى يىغدى؛ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر مىقداردا يىغىۋالدى؛ ئاندىن جامائەت ئەمىرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى. 002 EXO 016 023 مۇسا ئۇلارغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى: ــ ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولىدۇ؛ پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قايىنىتىپ، ئېشىپ قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئەتىگە ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 016 024 ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئېشىپ قالغاننى ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇۋىدى، ئۇلار سېسىپ قالمىدى، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى. 002 EXO 016 025 مۇسا ئۇلارغا: ــ بۇنى بۈگۈن يەڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن دالادىن تاپالمايسىلەر. 002 EXO 016 026 ئالتە كۈن سىلەر يىغساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈنىدە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 016 027 ھالبۇكى، يەتتىنچى كۈنى خەلقتىن بىرنەچچىسى ئوزۇق-تۈلۈك يىغقىلى چىقىۋىدى، ھېچنېمە تاپالمىدى. 002 EXO 016 028 پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇشنى رەت قىلىسىلەر؟ 002 EXO 016 029 مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى. 002 EXO 016 030 شۇنىڭ بىلەن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى. 002 EXO 016 031 ئىسرائىللار بۇ ئوزۇقنى «ماننا» دەپ ئاتىدى؛ ئۇنىڭ [شەكلى] يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدەك، رەڭگى ئاق بولۇپ، تەمى ھەسەلگە مىلەنگەن قوتۇرماچقا ئوخشايتتى. 002 EXO 016 032 مۇسا ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى، ــ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، مەن سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە ئاتا قىلغان ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كومزەككە بىر ئومەر توشقۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 016 033 مۇسا ھارۇنغا: ــ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا كۆرسىتىشكە ساقلاش ئۈچۈن بىر كومزەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقداردا ماننا سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، ــ دېدى. 002 EXO 016 034 [كېيىن،] ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك كومزەكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى. 002 EXO 016 035 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى. 002 EXO 016 036 ئەينى چاغدا بىر «ئومەر» «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. 002 EXO 017 001 ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى. 002 EXO 017 002 شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى. 002 EXO 017 003 لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. 002 EXO 017 004 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى. 002 EXO 017 005 پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛ 002 EXO 017 006 مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى. مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق قىلدى. 002 EXO 017 007 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا زادى بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى. 002 EXO 017 008 شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. 002 EXO 017 009 مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى. 002 EXO 017 010 يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى. 002 EXO 017 011 شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى. 002 EXO 017 012 مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى. 002 EXO 017 013 شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى. 002 EXO 017 014 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى. 002 EXO 017 015 ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى 002 EXO 017 016 ۋە مۇسا: ــ ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېيىلگەنىدى، ــ دېدى. 002 EXO 018 001 مۇسانىڭ قېينئاتىسى، يەنى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترو خۇدانىڭ مۇسا ئۈچۈن ھەمدە ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق قىلغانلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىدى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 002 EXO 018 002 شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئەسلىدە ئۆز يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپوراھ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقتى (بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەنىدى. 002 EXO 018 004 يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى). 002 EXO 018 005 شۇنداق قىلىپ مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ چۆلدە، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر تىكگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى. 002 EXO 018 006 ئۇ ئەسلىدە مۇساغا: ــ «مانا، مەنكى قېينئاتاڭ يەترو سېنىڭ ئايالىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدى. 002 EXO 018 007 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېينئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى؛ 002 EXO 018 008 ئاندىن مۇسا قىيناتىسىغا ئىسرائىلنىڭ ۋەجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پىرەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يول بويى بېشىغا چۈشكەن جەبىر-جاپالارنى بايان قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىنى ئېيتىپ بەردى. 002 EXO 018 009 بۇنى ئاڭلاپ يەترو پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقىدىن، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن شادلاندى. 002 EXO 018 010 يەترو شادلىنىپ: ــ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۇرلەر بولغاي! ئۇ بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! 002 EXO 018 011 مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم؛ چۈنكى ئۇ دەل ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى ــ دېدى. 002 EXO 018 012 ئاندىن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو خۇداغا ئاتاپ بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە [تەشەككۇر] قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئاقساقىلى مۇسانىڭ قېينئاتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائام يېيىشكە كەلدى. 002 EXO 018 013 ئەتىسى مۇسا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى؛ خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشتى. 002 EXO 018 014 مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى نېمە ئىش؟ نېمىشقا سەن [بۇ ئىشتا] يالغۇز ئولتۇرىسەن، بارلىق خەلق نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ چۆرەڭدە تۇرىدۇ؟ ــ دېدى. 002 EXO 018 015 مۇسا قېينئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەلق خۇدادىن يول ئىزدەشكە مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ. 002 EXO 018 016 قاچانكى ئۇلارنىڭ بىر ئىش-دەۋاسى چىقسا ئۇلار يېنىمغا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن ۋە شۇنداقلا خۇدانىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 018 017 مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ. 002 EXO 018 018 سەن جەزمەن ئۆزۈڭنى ھەمدە چۆرەڭدە تۇرغان خەلقنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن؛ چۈنكى بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ. سەن ئۇنى يالغۇز قىلىپ يېتىشەلمەيسەن. 002 EXO 018 019 ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي ۋە [شۇنداق قىلساڭ،] خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خۇداغا مەلۇم قىلغىن؛ 002 EXO 018 020 سەن خەلققە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. 002 EXO 018 021 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. 002 EXO 018 022 شۇنىڭ بىلەن بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سورايدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ئىش-دەۋا چىقىپ قالسا، بۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن؛ لېكىن ھەممە كىچىك ئىش-دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى بېجىرىسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى يېنىكلىتىپ، يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. 002 EXO 018 023 ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ۋە خۇدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇسا، ئۆزۈڭ [ۋەزىپەڭدە] پۇت تىرەپ تۇرالايسەن ۋە خەلقىڭمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدۇ، دېدى. 002 EXO 018 024 مۇسا قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 002 EXO 018 025 مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ قويدى. 002 EXO 018 026 بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سوراپ تۇردى؛ تەسرەك ئىش-دەۋالارنى بولسا، مۇساغا يوللايتتى، كىچىك ئىش-دەۋالارنى بولسا ئۆزلىرى سورايتتى. 002 EXO 018 027 ئاندىن مۇسا قېينئاتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. 002 EXO 019 001 ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، دەل ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى. 002 EXO 019 002 ئۇلار رەفىدىمدىن چىقىپ، سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى؛ ئىسرائىل شۇ يەردە، تاغنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ چېدىر تىكتى. 002 EXO 019 003 مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار تاغدىن ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ياقۇپنىڭ جەمەتىگە سۆز قىلىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ــ 002 EXO 019 004 «مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. 002 EXO 019 005 ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر ــ چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ 002 EXO 019 006 ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى. 002 EXO 019 007 شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 002 EXO 019 008 خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇسا خەلقنىڭ جاۋاب سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكۈزدى. 002 EXO 019 009 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا خەلق ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ھەمىشە ساڭا ئىشەنسۇن دەپ، يېنىڭغا قارا بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە كېلىمەن، دەپ ئېيتتى. مۇسامۇ خەلقنىڭ دېگەنلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاڭلاتتى. 002 EXO 019 010 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدۇرغىن. 002 EXO 019 011 ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى بارلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ. 002 EXO 019 012 سەن خەلق ئۈچۈن [تاغنىڭ] ئەتراپىغا بىر پاسىل قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، تاغقا چىقماڭلار ياكى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ؛ 002 EXO 019 013 ئۇنىڭغا ھەتتا بىرەر قولى تېگىپ كەتسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، شۇنداق قىلسا، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن» ــ دەپ ئېيتقىن. لېكىن كاناي ئۇزۇن چېلىنسا، ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىگە چىقسۇن، دېدى. 002 EXO 019 014 مۇسا تاغدىن چۈشۈپ خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلقنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلدى؛ ئۇلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدى. 002 EXO 019 015 ئاندىن مۇسا خەلققە: ــ ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرۇڭلار؛ ھېچكىم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، دېدى. 002 EXO 019 016 ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى. 002 EXO 019 017 مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى. 002 EXO 019 018 پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. 002 EXO 019 019 كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىنتايىن قاتتىق چىقتى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى. 002 EXO 019 020 پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىغا، تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشتى؛ ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىرىۋىدى، مۇسا تاغقا چىقتى. 002 EXO 019 021 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن چۈشۈپ خالايىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئۇلار «پەرۋەردىگارنى كۆرىمىز» دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلاردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئېيتقىن. 002 EXO 019 022 پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار [سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 019 023 مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ خالايىقنىڭ سىناي تېغىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ: تاغنى «مۇقەددەس» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا پاسىللارنى بېكىتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدىڭ، ــ دېدى. 002 EXO 019 024 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ماڭ، سەن چۈشۈپ كەتكىن. ئاندىن سەن ھارۇننى ئېلىپ، بىللە چىققىن؛ لېكىن كاھىنلار ۋە خەلق بولسا پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بارايلى دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ بولمىسا، [پەرۋەردىگار سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 019 025 شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلقنىڭ قېشىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا بۇ سۆزنى يەتكۈزدى. 002 EXO 020 001 خۇدا مۇنۇ بارلىق سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 020 002 مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن. 002 EXO 020 003 سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. 002 EXO 020 004 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما. 002 EXO 020 005 سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، 002 EXO 020 006 ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. 002 EXO 020 007 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. 002 EXO 020 008 شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. 002 EXO 020 009 ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ 002 EXO 020 010 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. 002 EXO 020 011 چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى. 002 EXO 020 012 ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. 002 EXO 020 013 قاتىللىق قىلما. 002 EXO 020 014 زىنا قىلما. 002 EXO 020 015 ئوغرىلىق قىلما. 002 EXO 020 016 قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. 002 EXO 020 017 سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما. 002 EXO 020 018 پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى 002 EXO 020 019 ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى. 002 EXO 020 020 مۇسا خالايىققا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. 002 EXO 020 021 شۇنىڭ بىلەن خالايىق نېرىدا تۇردى؛ لېكىن مۇسا خۇدا ئىچىدە تۇرغان قويۇق بۇلۇتنىڭ قېشىغا يېقىن باردى. 002 EXO 020 022 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار. 002 EXO 020 023 سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئىلاھ دەپ كۈمۈشتىن بۇتلار ياسىماڭلار، ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇتلارنى ياسىماڭلار. 002 EXO 020 024 ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى [ھۆرمەت بىلەن] ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. 002 EXO 020 025 ــ ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشلاردىن قۇربانگاھ ياسىماقچى بولساڭ، يونۇلغان تاشلاردىن ياسىمىغىن؛ چۈنكى تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ. 002 EXO 020 026 قۇربانگاھىمغا چىقىدىغان پەلەمپەي بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولغاندا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە ئەۋرىتىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن»، ــ دېدى. 002 EXO 021 001 ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ 002 EXO 021 002 ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. 002 EXO 021 003 ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن. 002 EXO 021 004 ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن. 002 EXO 021 005 لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، 002 EXO 021 006 ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ [ئىبادەت سورۇنىنىڭ] ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. 002 EXO 021 007 ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن. 002 EXO 021 008 ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. 002 EXO 021 009 ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن. 002 EXO 021 010 ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. 002 EXO 021 011 ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن. 002 EXO 021 012 كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 002 EXO 021 013 لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى [ئۆلگۈچىنىڭ] جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن. 002 EXO 021 014 لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە [پاناھ ئىزدەپ] قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 002 EXO 021 015 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 002 EXO 021 016 كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 002 EXO 021 017 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 002 EXO 021 018 ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، 002 EXO 021 019 ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن. 002 EXO 021 020 ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن [ئىگىسى] چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. 002 EXO 021 021 لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن. 002 EXO 021 022 ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. 002 EXO 021 023 ئەگەر [ئايال ياكى بالا] زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، 002 EXO 021 024 كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، 002 EXO 021 025 كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن. 002 EXO 021 026 ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. 002 EXO 021 027 شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن». 002 EXO 021 028 ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. 002 EXO 021 029 لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 002 EXO 021 030 لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن. 002 EXO 021 031 كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن. 002 EXO 021 032 كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن. 002 EXO 021 033 ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، 002 EXO 021 034 ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ. 002 EXO 021 035 ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن. 002 EXO 021 036 لېكىن كالىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلىماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈسكۈچى كالىنىڭ ئىگىسى كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئۆلۈك كالا ئۇنىڭ بولسۇن. 002 EXO 022 001 ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن. 002 EXO 022 002 ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن. 002 EXO 022 003 لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك. 002 EXO 022 004 ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 005 ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 006 ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 007 ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 008 لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. 002 EXO 022 009 ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 010 ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، 002 EXO 022 011 ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. 002 EXO 022 012 لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 013 ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ. 002 EXO 022 014 ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 015 لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن. 002 EXO 022 016 ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. 002 EXO 022 017 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن. 002 EXO 022 018 جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن. 002 EXO 022 019 ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 002 EXO 022 020 كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن. 002 EXO 022 021 سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار. 002 EXO 022 022 ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. 002 EXO 022 023 سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛ 002 EXO 022 024 شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ. 002 EXO 022 025 ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار. 002 EXO 022 026 ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. 002 EXO 022 027 چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن. 002 EXO 022 028 خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما. 002 EXO 022 029 خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن. سەن ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن. 002 EXO 022 030 كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن. 002 EXO 022 031 سىلەر ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس كىشىلەر بولىسىلەر؛ شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن بوغۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار. 002 EXO 023 001 يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن. 002 EXO 023 002 توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما. 002 EXO 023 003 كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما. 002 EXO 023 004 دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. 002 EXO 023 005 ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر. 002 EXO 023 006 ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما. 002 EXO 023 007 ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن. 002 EXO 023 008 شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. 002 EXO 023 009 مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر. 002 EXO 023 010 ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال. 002 EXO 023 011 لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن. 002 EXO 023 012 ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. 002 EXO 023 013 مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن. 002 EXO 023 014 ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن. 002 EXO 023 015 ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. 002 EXO 023 016 سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز. 002 EXO 023 017 يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن. 002 EXO 023 018 سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما. 002 EXO 023 019 زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. 002 EXO 023 020 مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. 002 EXO 023 021 سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر. 002 EXO 023 022 لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن. 002 EXO 023 023 چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. 002 EXO 023 024 سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ [بۇتلىرىنى] ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛ 002 EXO 023 025 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. 002 EXO 023 026 بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن. 002 EXO 023 027 مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. 002 EXO 023 028 ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. 002 EXO 023 029 ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن، 002 EXO 023 030 بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى [پۈتۈنلەي] مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن. 002 EXO 023 031 سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ [ئەفرات] دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. 002 EXO 023 032 سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە. 002 EXO 023 033 ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ. 002 EXO 024 001 ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار. 002 EXO 024 002 پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى. 002 EXO 024 003 مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 002 EXO 024 004 ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى. 002 EXO 024 005 يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى. 002 EXO 024 006 ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى. 002 EXO 024 007 ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى. 002 EXO 024 008 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى. 002 EXO 024 009 ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى. 002 EXO 024 010 ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى. 002 EXO 024 011 لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى. 002 EXO 024 012 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى. 002 EXO 024 013 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. 002 EXO 024 014 ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى. 002 EXO 024 015 شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. 002 EXO 024 016 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛ 002 EXO 024 017 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. 002 EXO 024 018 مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى. 002 EXO 025 001 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 025 002 سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار. 002 EXO 025 003 سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، 002 EXO 025 004 كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت، 002 EXO 025 005 قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، 002 EXO 025 006 چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، 002 EXO 025 007 ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن. 002 EXO 025 008 مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن [شۇلاردىن] ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن. 002 EXO 025 009 ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار. 002 EXO 025 010 ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. 002 EXO 025 011 سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. 002 EXO 025 012 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. 002 EXO 025 013 سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ 002 EXO 025 014 ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن. 002 EXO 025 015 بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن. 002 EXO 025 016 مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن. 002 EXO 025 017 ساندۇقنىڭ [ياپقۇچى سۈپىتىدە] سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن. 002 EXO 025 018 ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. 002 EXO 025 019 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. 002 EXO 025 020 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. 002 EXO 025 021 سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. 002 EXO 025 022 مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. 002 EXO 025 023 ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. 002 EXO 025 024 ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. 002 EXO 025 025 سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. 002 EXO 025 026 سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن. 002 EXO 025 027 شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن. 002 EXO 025 028 بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ. 002 EXO 025 029 شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن. 002 EXO 025 030 مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن. 002 EXO 025 031 سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. 002 EXO 025 032 چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛ 002 EXO 025 033 بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. 002 EXO 025 034 چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. 002 EXO 025 035 بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. 002 EXO 025 036 ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن. 002 EXO 025 037 سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن. 002 EXO 025 038 ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 002 EXO 025 039 چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 002 EXO 025 040 ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن. 002 EXO 026 001 مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن. 002 EXO 026 002 ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. 002 EXO 026 003 يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. 002 EXO 026 004 سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن. 002 EXO 026 005 بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن. 002 EXO 026 006 مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن. 002 EXO 026 007 مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن. 002 EXO 026 008 يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. 002 EXO 026 009 يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن. 002 EXO 026 010 سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن. 002 EXO 026 011 سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن. 002 EXO 026 012 لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. 002 EXO 026 013 چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى [تولۇق] ياپسۇن. 002 EXO 026 014 بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن. 002 EXO 026 015 مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن. 002 EXO 026 016 ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. 002 EXO 026 017 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن. 002 EXO 026 018 چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛ 002 EXO 026 019 بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن. 002 EXO 026 020 شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛ 002 EXO 026 021 بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. 002 EXO 026 022 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن. 002 EXO 026 023 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن. 002 EXO 026 024 بۇ [بۇلۇڭ تاختايلىرى] ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن. 002 EXO 026 025 ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ. 002 EXO 026 026 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، 002 EXO 026 027 چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن. 002 EXO 026 028 تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن. 002 EXO 026 029 تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. 002 EXO 026 030 چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن. 002 EXO 026 031 سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن. 002 EXO 026 032 ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن. 002 EXO 026 033 پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن. 002 EXO 026 034 ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. 002 EXO 026 035 شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن. 002 EXO 026 036 بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. 002 EXO 026 037 بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن. 002 EXO 027 001 سەن قۇربانگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. 002 EXO 027 002 ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىغىن؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 002 EXO 027 003 قۇربانگاھنىڭ ياغ [ۋە كۈلىنى] ئېلىشقا داسلارنى ياسىغىن؛ ئۇنىڭغا خاس بولغان گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىغىن؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مىس ئىشلەتكىن. 002 EXO 027 004 قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىغىن؛ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مىس ھالقا ياساپ بېكىتىپ قويغىن. 002 EXO 027 005 شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلغىن، شۇنداقتا شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 002 EXO 027 006 قۇربانگاھقا ئىككى بالداق ياسىغىن؛ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بولسۇن، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 002 EXO 027 007 قۇربانگاھنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. 002 EXO 027 008 قۇربانگاھنى تاختايلاردىن ياسىغىن، ئىچى بوش بولسۇن؛ ئۇ تاغدا ساڭا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە [ھۈنەرۋەنلەر] تەييار قىلسۇن. 002 EXO 027 009 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى توقۇغىن؛ شۇ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. 002 EXO 027 010 پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 002 EXO 027 011 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 002 EXO 027 012 ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئون خادىسى ۋە ئون تەگلىكى بولسۇن. 002 EXO 027 013 ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز بولسۇن. 002 EXO 027 014 بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 002 EXO 027 015 يەنە بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 002 EXO 027 016 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىگىرمە گەز كېلىدىغان بىر پەردە قويۇلسۇن؛ پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن تۆت تەگلىكى بولسۇن. 002 EXO 027 017 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. 002 EXO 027 018 ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر ئىككى تەرىپى ئەللىك گەز بولسۇن؛ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ئىشلەنگەن پەردىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن؛ خادىلارنىڭ تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. 002 EXO 027 019 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن. 002 EXO 027 020 ــ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، چىراغقا ئىشلىتىشكە زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى قېشىڭغا كەلتۈرۈشكە ئىسرائىللارنى بۇيرۇغىن. 002 EXO 027 021 جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ تاشقىرىدا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنىڭ يېنىق تۇرغۇزۇش ئىشىدا بولسۇن. بۇ ئىش دەۋردىن-دەۋرگىچە ئىسرائىللارغا ئەبەدىي بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. 002 EXO 028 001 سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. 002 EXO 028 002 ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن. 002 EXO 028 003 ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. 002 EXO 028 004 ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن. 002 EXO 028 005 ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛ 002 EXO 028 006 ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ [كەشتىلىتىپ] ئىشلەتسۇن. 002 EXO 028 007 ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. 002 EXO 028 008 ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن. 002 EXO 028 009 ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛ 002 EXO 028 010 ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن. 002 EXO 028 011 خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن. 002 EXO 028 012 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. 002 EXO 028 013 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى كۆزلۈك ۋە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىپ ئېتىلگەن ئىككى زەنجىر ياساتقىن؛ ئاندىن ئېشىلمە زەنجىرلەر كۆزلۈكلەرگە بېكىتىلسۇن. 002 EXO 028 015 «ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن. 002 EXO 028 016 ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن. 002 EXO 028 017 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛ 002 EXO 028 018 ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛ 002 EXO 028 019 ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛ 002 EXO 028 020 تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن. 002 EXO 028 021 بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن. 002 EXO 028 022 قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن. 002 EXO 028 023 قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ 002 EXO 028 024 ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، 002 EXO 028 025 ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن. 002 EXO 028 026 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. 002 EXO 028 027 مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن. 002 EXO 028 028 قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن. 002 EXO 028 029 شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. 002 EXO 028 030 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. 002 EXO 028 031 ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن. 002 EXO 028 032 توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن. 002 EXO 028 033 ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئاسقىن ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويغىن؛ توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتكۈل چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار... بېكىتىلسۇن. 002 EXO 028 035 ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. 002 EXO 028 036 ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛ 002 EXO 028 037 ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛ 002 EXO 028 038 ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن. 002 EXO 028 039 بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن. 002 EXO 028 040 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن. 002 EXO 028 041 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن. 002 EXO 028 042 ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن. 002 EXO 028 043 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن قۇربانگاھقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن [تامبالنى] كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەسىللىرى ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 002 EXO 029 001 ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن) 002 EXO 029 002 ھەمدە پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلارنى تەييارلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغىن؛ 002 EXO 029 003 نانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى، تورپاقنى ۋە ئىككى قوچقارنى بىللە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. 002 EXO 029 004 سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ 002 EXO 029 005 ئاندىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا خالتا كۆڭلەك، ئەفود تونى ۋە ئەفودنى كىيدۈرگىن، قوشېننى تاقىغىن؛ ئاندىن بېلىگە ئەفودنىڭ كەشتىلەنگەن بەلۋېغىنى باغلىغىن. 002 EXO 029 006 بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس ئوتۇغاتنى تاقاپ قويغىن. 002 EXO 029 007 ئاندىن مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن. 002 EXO 029 008 ئاندىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرگىن؛ 002 EXO 029 009 ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن. 002 EXO 029 010 — سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. 002 EXO 029 011 ئاندىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىغىن؛ 002 EXO 029 012 تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ، قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قۇيغىن. 002 EXO 029 013 ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماينى، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى ئاجرىتىپ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. 002 EXO 029 014 تورپاقنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە تېزىكىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 002 EXO 029 015 ئاندىن سەن قوچقارلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ 002 EXO 029 016 ئاندىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىدىن قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. 002 EXO 029 017 قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى گۆش پارچىلىرى ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، 002 EXO 029 018 پۈتۈن قوچقارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ــ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يەتكۈزىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 002 EXO 029 019 كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 002 EXO 029 020 ئاندىن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ قېنىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. 002 EXO 029 021 ئاندىن قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قاندىن ۋە مەسىھلەش مېيىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان بولىدۇ. 002 EXO 029 022 ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش [قۇربانلىقىغا ئاتالغان] قوچقاردۇر) ــ 002 EXO 029 023 — بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ، 002 EXO 029 024 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇننىڭ قوللىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقۇزغىن. 002 EXO 029 025 ئاندىن سەن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. 002 EXO 029 026 سەن ھارۇننى كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلاتقىن؛ بۇ سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇ. 002 EXO 029 027 شۇنىڭدەك، سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىلغان تۆشى بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىلغان ئارقا پۇتىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان شۇ ئۈلۈشلەرنى «مۇقەددەس» دەپ ئايرىپ بېكىتكىن. 002 EXO 029 028 شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. 002 EXO 029 029 ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. 002 EXO 029 030 ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىن بولسا، جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشكەندە، بۇ كىيىملەرنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. 002 EXO 029 031 سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا پىشۇرغىن؛ 002 EXO 029 032 ئاندىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى بىلەن سېۋەتتىكى نانلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يېسۇن؛ 002 EXO 029 033 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشىدە خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغاندا كافارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن، لېكىن بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، يات كىشى بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىسۇن. 002 EXO 029 034 ئەگەر كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىق گۆشىدىن ياكى ناندىن ئەتىگە ئازراق ئېشىپ قالسا، ئېشىپ قالغاننى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەت؛ بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. 002 EXO 029 035 سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. 002 EXO 029 036 ھەر كۈنى كافارەت قىلىنىشقا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنغىن. قۇربانگاھنىڭ ئۆزىنى گۇناھتىن پاك قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرگىن، مۇقەددەس قىلىنسۇن دەپ، ئۇنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھلىگىن. 002 EXO 029 037 يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 002 EXO 029 038 مانا، قۇربانگاھتا ھەمىشە سۇنىدىغانلىرىڭ مۇنۇلار: ــ ھەر كۈنى بىر ياشلىق ئىككى قوزا قۇربانلىق قىلىنسۇن. 002 EXO 029 039 بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى گۇگۇمدا قۇربانلىق قىلىپ سۇنغىن. 002 EXO 029 040 بىرىنچى قوزا بىلەن بىرگە زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۇنىدىن [ئەفاھنىڭ] ئوندىن بىرى ۋە يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شاراب قۇشۇپ سۇنۇلسۇن. 002 EXO 029 041 ئىككىنچى قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنلىك قۇربانلىقنىڭكىدەك، خۇشبۇي بولۇشى ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيە بىلەن قوشۇپ سۇنغىن. 002 EXO 029 042 شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن [پەرۋەردىگار] شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. 002 EXO 029 043 شۇنىڭدەك مەن شۇ يەردە ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس قىلىنىدۇ. 002 EXO 029 044 مەن جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىمەن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆزۈمگە كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشقا ئايرىپ مۇقەددەس قىلىمەن. 002 EXO 029 045 شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 002 EXO 029 046 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇداسى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 002 EXO 030 001 سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن. 002 EXO 030 002 ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. 002 EXO 030 003 سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن. 002 EXO 030 004 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن. 002 EXO 030 005 بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. 002 EXO 030 006 خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن. 002 EXO 030 007 ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن. 002 EXO 030 008 شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ. 002 EXO 030 009 سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيە سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەنى تۆكمەڭلار. 002 EXO 030 010 ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم [خۇشبۇيگاھنىڭ] مۈڭگۈزلىرىگە كافارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ [خۇشبۇيگاھ] پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. 002 EXO 030 011 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 030 012 سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن. 002 EXO 030 013 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. 002 EXO 030 014 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن. 002 EXO 030 015 ئۆز جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن. 002 EXO 030 016 سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كافارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ. 002 EXO 030 017 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 030 018 سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن [يوغان] بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. 002 EXO 030 019 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. 002 EXO 030 020 ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن. 002 EXO 030 021 ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 002 EXO 030 022 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 030 023 سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، 002 EXO 030 024 قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛ 002 EXO 030 025 بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ. 002 EXO 030 026 سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، 002 EXO 030 027 شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، 002 EXO 030 028 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛ 002 EXO 030 029 سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ. 002 EXO 030 030 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. 002 EXO 030 031 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ. 002 EXO 030 032 ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. 002 EXO 030 033 كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 002 EXO 030 034 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛ 002 EXO 030 035 خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ. 002 EXO 030 036 سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن. 002 EXO 030 037 سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ. 002 EXO 030 038 كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. 002 EXO 031 001 پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 031 002 مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم؛ 002 EXO 031 003 ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، 002 EXO 031 004 تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، 002 EXO 031 005 ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم. 002 EXO 031 006 شۇنىڭدەك مانا، مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم، شۇنداقلا مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەممە نەرسىلەرنى ياسىسۇن دەپ، بارلىق پەم-پاراسەتلىك كىشىكەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدىم؛ 002 EXO 031 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى، چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى، 002 EXO 031 008 شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، 002 EXO 031 009 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى ياسىيالايدىغان، 002 EXO 031 010 خىزمەت كىيىملىرى، يەنى كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى توقۇيالايدىغان، 002 EXO 031 011 مەسىھلەش مېيى ۋە مۇقەددەس جايغا تەييارلىنىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەردىن خۇشبۇينى ياسىيالايدىغان بولدى. مەن ساڭا ئەمر قىلغىنىم بويىچە ئۇلار بارلىق ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ. 002 EXO 031 012 پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 002 EXO 031 013 سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ ئۇلارغا: ــ «سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى چوقۇم تۇتۇڭلار؛ چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ. 002 EXO 031 014 شابات كۈنى سىلەرگە مۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى تۇتۇڭلار؛ كىمكى ئۇنى بۇزسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ؛ بەرھەق، كىمكى ئۇ كۈنىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. 002 EXO 031 015 ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ كىمكى شابات كۈنىدە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ. 002 EXO 031 016 ئىسرائىللار شابات كۈنىنى تۇتۇشى كېرەك؛ ئۇلار ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تۇتسۇن. 002 EXO 031 017 بۇ مەن بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان بىلەن زېمىننى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئېلىپ راھەت تاپقانىدى»، ــ دېگىن. 002 EXO 031 018 خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاختايلار تاشتىن بولۇپ، [سۆزلەر] خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن ئۇلارغا پۈتۈلگەنىدى. 002 EXO 032 001 خەلق مۇسانىڭ تاغدىن چۈشمەي ھايال بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ قېشىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ، بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھ ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن ھېلىقى كىشىگە نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. 002 EXO 032 002 ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 002 EXO 032 003 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خەلق ئۆز قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ ھارۇننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 002 EXO 032 004 ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسكىنە بىلەن قۇيما بىر موزاينى ياساتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار مانا بۇدۇر! ــ دېيىشتى. 002 EXO 032 005 ھارۇن ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىتىپ ئاندىن: «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلدى. 002 EXO 032 006 ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى. 002 EXO 032 007 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تېزدىن پەسكە چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. 002 EXO 032 008 مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن شۇنچە تېزلا چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قۇيما موزاينى ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ قۇربانلىق كەلتۈرۈشتى ھەمدە: «ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭ مانا شۇدۇر!»، دېيىشتى، ــ دېدى. 002 EXO 032 009 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، بۇ خەلقنى كۆرۈپ قويدۇم؛ مانا، ئۇلار دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. 002 EXO 032 010 ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 032 011 لېكىن مۇسا خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، نېمىشقا سەن غەزەپ ئوتۇڭنى ئۆزۈڭ زور قۇدرەت ۋە كۈچلۈك قول بىلەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىسەن؟ 002 EXO 032 012 مىسىرلىقلار مازاق قىلىپ: ــ ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، [ئۇلارنىڭ خۇداسى] ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېيىشسۇنمۇ؟ ئۆز ئوتلۇق غەزىپىڭدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش نىيىتىڭدىن يانغايسەن! 002 EXO 032 013 ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى. 002 EXO 032 014 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە: «بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن» دېگەن نىيىتىدىن ياندى. 002 EXO 032 015 مۇسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. تاختايلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى؛ ئۇ يۈزىگىمۇ، بۇ يۈزىگىمۇ پۈتۈكلۈك ئىدى. 002 EXO 032 016 بۇ تاختايلار بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغىنى، پۈتۈلگەنلىرى بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكىنى ئىدى، ئۇ تاختايلارغا ئويۇلغانىدى. 002 EXO 032 017 يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى. 002 EXO 032 018 لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز نە نۇسرەت تەنتەنىسى ئەمەس، نە مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادى ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! ــ دېدى. 002 EXO 032 019 مۇسا چېدىرگاھغا يېقىن كېلىپ، موزاينى ۋە جامائەتنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق دەرغەزەپ بولدىكى، تاختايلارنى قولىدىن تاشلاپ تاغنىڭ تۈۋىدە چېقىۋەتتى. 002 EXO 032 020 ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى. 002 EXO 032 021 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: سەن ئۇلارنى شۇنچە ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزغۇدەك، مۇشۇ خەلق ساڭا نېمە قىلدى؟ ــ دېدى. 002 EXO 032 022 ھارۇن جاۋاب بېرىپ: ــ خوجامنىڭ غەزەپ-ئاچچىقى تۇتاشمىغاي! بۇ خەلقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زەزىللىككە مايىل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. 002 EXO 032 023 ئۇلار ماڭا: ــ «بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھنى ياساپ بەرگىن؛ چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن شۇ ئادەمگە نېمە بولغىنىنى بىلمەيمىز»، دېدى. 002 EXO 032 024 مەن ئۇلارغا: «كىمدە ئالتۇن بولسا شۇنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېسەم، ئۇلار ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى؛ مەن ئۇنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، مانا، بۇ موزاي چىقتى، ــ دېدى. 002 EXO 032 025 مۇسا خەلقنىڭ قانداقسىگە تىزگىنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ چۈنكى ھارۇن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشقا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنىدى. 002 EXO 032 026 مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: ــ كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى. 002 EXO 032 027 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى. 002 EXO 032 028 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى؛ شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئىچىدىن ئۈچ مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. 002 EXO 032 029 ئاندىن مۇسا: ــ ھەربىرىڭلار بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار؛ چۈنكى ھەربىرىڭلار ھەتتا ئۆز ئوغلۇڭلار ھەم قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئايىمىدىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بەخت-بەرىكەتنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈردۇڭلار، دېدى. 002 EXO 032 030 ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى. 002 EXO 032 031 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ: ــ ھەي...! بۇ خەلق دەرۋەقە ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئالتۇندىن ئىلاھلارنى ياساپتۇ! 002 EXO 032 032 لېكىن ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۇنىغايسەن...، ئۇنىمىساڭ، ئىسمىمنى ئۆزۈڭ يازغان دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكىن! ــ دېدى. 002 EXO 032 033 پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: ــ كىمكى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆز دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. 002 EXO 032 034 ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى. 002 EXO 032 035 بۇ سۆزدىن كېيىن پەرۋەردىگار خەلقنىڭ ھارۇننىڭ قولى بىلەن موزاينى قۇيدۇرۇپ ياساتقىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىدى. 002 EXO 033 001 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. 002 EXO 033 002 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 002 EXO 033 003 سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ [زېمىنغا] بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى. 002 EXO 033 004 خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى. 002 EXO 033 005 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «[پەرۋەردىگار]: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى. 002 EXO 033 006 شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى. 002 EXO 033 007 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى. 002 EXO 033 008 شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. 002 EXO 033 009 ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 002 EXO 033 010 پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى. 002 EXO 033 011 شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى. 002 EXO 033 012 مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ. 002 EXO 033 013 ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى. 002 EXO 033 014 ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم [سەن] بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. 002 EXO 033 015 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ [بىز] بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛ 002 EXO 033 016 چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى. 002 EXO 033 017 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى. 002 EXO 033 018 شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى. 002 EXO 033 019 [پەرۋەردىگار]: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى. 002 EXO 033 020 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى. 002 EXO 033 021 ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 002 EXO 033 022 مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. 002 EXO 033 023 ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى. 002 EXO 034 001 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. 002 EXO 034 002 سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. 002 EXO 034 003 لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى. 002 EXO 034 004 مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى. 002 EXO 034 005 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. 002 EXO 034 006 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، 002 EXO 034 007 مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» ــ دەپ جاكارلىدى. 002 EXO 034 008 شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ 002 EXO 034 009 ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى. 002 EXO 034 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ [كارامەت] ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ. 002 EXO 034 011 مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. 002 EXO 034 012 ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛ 002 EXO 034 013 بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. 002 EXO 034 014 چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. 002 EXO 034 015 بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ 002 EXO 034 016 سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن. 002 EXO 034 017 ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن. 002 EXO 034 018 پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر. 002 EXO 034 019 بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن. 002 EXO 034 020 لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا [قوزا] بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. 002 EXO 034 021 سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. 002 EXO 034 022 يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار. 002 EXO 034 023 سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. 002 EXO 034 024 چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ. 002 EXO 034 025 ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما. 002 EXO 034 026 زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. 002 EXO 034 027 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى. 002 EXO 034 028 ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە [پەرۋەردىگار] تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى. 002 EXO 034 029 مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. 002 EXO 034 030 ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى. 002 EXO 034 031 لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. 002 EXO 034 032 شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. 002 EXO 034 033 مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ [سۆزلىگەندە] يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛ 002 EXO 034 034 قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى. 002 EXO 034 035 ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى. 002 EXO 035 001 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرلەر مۇنۇلاردۇر: ــ 002 EXO 035 002 ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك كۈنى بولسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولسۇن. ھەركىم شۇ كۈنىدە ئىش-ئەمگەك قىلسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 002 EXO 035 003 شابات كۈنىدە بارلىق تۇرالغۇلىرىڭلاردا ھەرگىز ئوت قالىماڭلار، ــ دېدى. 002 EXO 035 004 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئەمر مانا شۇكى: ــ 002 EXO 035 005 ئۆزۈڭلارنىڭ ئاراڭلاردىن پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» كەلتۈرۈڭلار؛ كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىنى كەلتۈرسۇن: يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، 002 EXO 035 006 كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ، ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، 002 EXO 035 007 قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى، 002 EXO 035 008 چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر، 002 EXO 035 009 ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار». 002 EXO 035 010 ــ «ئاراڭلاردىكى بارلىق ماھىر ئۇستىلار كېلىپ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بەرسۇن: 002 EXO 035 011 ــ [مۇقەددەس] چېدىر بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يوپۇقلىرىنى، ئىلغۇلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، 002 EXO 035 012 ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى، 002 EXO 035 013 شىرە ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى ۋە «تەقدىم نانلىرى»نى، 002 EXO 035 014 يورۇقلۇق ئۈچۈن ياسالغان چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، ئۇنىڭ چىراغلىرى ۋە چىراغ مېيىنى، 002 EXO 035 015 خۇشبۇيگاھ ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، دورا-دەرمەكلەردىن ئىشلەنگەن خۇشبۇينى، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «ئىشىك پەردىسى»نى، 002 EXO 035 016 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، بالداقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى، 002 EXO 035 017 ھويلىنىڭ پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىنى، 002 EXO 035 018 چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى، 002 EXO 035 019 توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن». 002 EXO 035 020 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. 002 EXO 035 021 ئاندىن كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەربىرى، روھى ئۆزلىرىگە تۈرتكە بولغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، جامائەت چېدىرىنى ياساشقا، شۇنداقلا چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سەرەمجانلارنى ياساشقا ۋە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»نى كەلتۈرگىلى تۇردى. 002 EXO 035 022 ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى. 002 EXO 035 023 كىمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بولسا، شۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 002 EXO 035 024 كۈمۈش يا مىستىن كۆتۈرمە ھەدىيە كەلتۈرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى شۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ سۇندى. كىمدە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سەرەمجانلارغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەلدى. 002 EXO 035 025 قولى چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېگىرىپ، شۇ ئېگىرگەن يىپ ۋە رەختلەرنى، يەنى كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەختلەرنى كەلتۈردى، 002 EXO 035 026 شۇنىڭدەك كۆڭلى قوزغالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. 002 EXO 035 027 ئەمىرلەر ئەفود ۋە قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىقلار ۋە ياقۇتلارنى، 002 EXO 035 028 دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى. 002 EXO 035 029 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەرقايسىغا بىر نەرسە بېرىشكە كۆڭلى تارتقان بولسا، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەربىرى شۇنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىختىيارىي ھەدىيە بەردى. 002 EXO 035 030 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ، 002 EXO 035 031 ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، 002 EXO 035 032 ئۇنى تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان ــ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، 002 EXO 035 033 ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى. 002 EXO 035 034 ئۇ يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە، شۇنىڭدەك ھەم دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگە [باشقىلارغا] ھۈنەر ئۆگىتىش نىيەت-ئىستىكىنى سېلىپ، 002 EXO 035 035 ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى دانالىق-ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت بىلەن كەشتىچىلىك قىلىشقا ھەمدە باپكارلىققا ئىقتىدارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەرخىل لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى. 002 EXO 036 001 شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». 002 EXO 036 002 شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى. 002 EXO 036 003 ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. 002 EXO 036 004 ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ، 002 EXO 036 005 مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى. 002 EXO 036 006 ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. 002 EXO 036 007 چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى. 002 EXO 036 008 مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى. 002 EXO 036 009 ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. 002 EXO 036 010 [بەزالەل] يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى. 002 EXO 036 011 ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى. 002 EXO 036 012 بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى. 002 EXO 036 013 مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. 002 EXO 036 014 ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى. 002 EXO 036 015 يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. 002 EXO 036 016 يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى. 002 EXO 036 017 ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى. 002 EXO 036 018 ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى. 002 EXO 036 019 ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى. 002 EXO 036 020 ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى. 002 EXO 036 021 ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى. 002 EXO 036 022 ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى. 002 EXO 036 023 ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛ 002 EXO 036 024 ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى. 002 EXO 036 025 شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى، 002 EXO 036 026 شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 002 EXO 036 027 چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى. 002 EXO 036 028 ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى. 002 EXO 036 029 بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى. 002 EXO 036 030 شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى. 002 EXO 036 031 بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، 002 EXO 036 032 چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى. 002 EXO 036 033 ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى. 002 EXO 036 034 ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 002 EXO 036 035 ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى. 002 EXO 036 036 ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى. 002 EXO 036 037 ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى. 002 EXO 036 038 ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى. 002 EXO 037 001 ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 002 EXO 037 002 ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 002 EXO 037 003 ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى. 002 EXO 037 004 ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ 002 EXO 037 005 ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. 002 EXO 037 006 ئۇ [ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە] ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى. 002 EXO 037 007 ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛ 002 EXO 037 008 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى. 002 EXO 037 009 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى. 002 EXO 037 010 ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 002 EXO 037 011 ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 002 EXO 037 012 ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى. 002 EXO 037 013 ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى. 002 EXO 037 014 شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى. 002 EXO 037 015 شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى. 002 EXO 037 016 ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، [«شاراب ھەدىيەلىرى»نى] قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 002 EXO 037 017 ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. 002 EXO 037 018 چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛ 002 EXO 037 019 بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 002 EXO 037 020 چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى. 002 EXO 037 021 بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. 002 EXO 037 022 ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. 002 EXO 037 023 ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 002 EXO 037 024 ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 002 EXO 037 025 ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى. 002 EXO 037 026 ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 002 EXO 037 027 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى. 002 EXO 037 028 ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 002 EXO 037 029 ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى. 002 EXO 038 001 ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. 002 EXO 038 002 ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىدى؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىدى. 002 EXO 038 003 ئۇ قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ــ ئۇنىڭغا خاس بولغان داسلارنى، گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىدى؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مىستىن ياسىدى. 002 EXO 038 004 قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىدى؛ شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلدى؛ شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 002 EXO 038 005 ئۇ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مىس ھالقىنى قۇيۇپ ياسىدى. 002 EXO 038 006 ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىدى. 002 EXO 038 007 ئاندىن ئۇ قۇربانگاھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالداقلارنى قۇربانگاھنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇ قۇربانگاھنى تاختايلاردىن، ئىچىنى بوش قىلىپ ياسىدى. 002 EXO 038 008 ئۇ يەنە يۇيۇنۇش دېسىنى مىستىن، ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مىستىن ياسىدى؛ ئۇ بۇلارنى «كۆرۈشۈش چېدىرى»نىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن ياسىدى. 002 EXO 038 009 ئاندىن ئۇ چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىدى. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. 002 EXO 038 010 پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 002 EXO 038 011 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 002 EXO 038 012 شۇنىڭغا ئوخشاش غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى؛ پەردىلەرنى ئېسىشقا ئون خادا ۋە خادىلارنىڭ ئون تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 002 EXO 038 013 ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. 002 EXO 038 014 بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. 002 EXO 038 015 يەنە بىر تەرىپىدىمۇ ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. 002 EXO 038 016 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن تىكىلگەنىدى. 002 EXO 038 017 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلارنىڭ تەگلىكى مىستىن، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى؛ خادىلارنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈشتىن قاپلانغانىدى. ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى. 002 EXO 038 018 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچىلەر تەرىپىدىن كەشتىلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشاش بولۇپ بەش گەز ئىدى. 002 EXO 038 019 ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن مىستىن ياسالغان تۆت تەگلىكى بار ئىدى؛ خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 002 EXO 038 020 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھەم چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن ياسالدى. 002 EXO 038 021 مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، [خۇداغا] ئاتالغانىدى): ــ 002 EXO 038 022 يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى؛ 002 EXO 038 023 دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى؛ ئۇ بولسا نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى ھەمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپتىن ئاق كاناپ رەختكە كەشتە تىكەلەيدىغان ئۇستا ئىدى. 002 EXO 038 024 مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل ئىدى. 002 EXO 038 025 جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈمۈش بولسا مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ئىدى. 002 EXO 038 026 بۇ كۈمۈش نوپۇسى رويخەتكە ئېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىنغانىدى ــ دېمەك، كىمكى يىگىرمە ياش يا ئۇنىڭدىن چوڭ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەربىرى بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل كۈمۈش بەردى. ساناقتىن ئۆتكەن كىشى ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. 002 EXO 038 027 مۇقەددەس جاينىڭ تەگلىكلىرىنى ھەم ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ تەگلىكلىرىنى قۇيۇشقا يۈز تالانت كۈمۈش كەتتى؛ يۈز تالانت كۈمۈشتىن يۈز تەگلىك ياسىلىپ، ھەربىر تەگلىك ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى. 002 EXO 038 028 ئۇ قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل كۈمۈشتىن خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياسىدى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلىدى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە چاتىدىغان بالداقلارنى ياسىدى. 002 EXO 038 029 «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن مىس بولسا يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى. 002 EXO 038 030 بۇنىڭدىن ئۇ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تەگلىكلىرىنى، مىس قۇربانگاھنى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، 002 EXO 038 031 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى خادا تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەگلىكلەرنى، چېدىرنىڭ بارلىق قوزۇقلىرىنى ۋە ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ياسىدى. 002 EXO 039 001 پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان [كاھىنلىق] كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى. 002 EXO 039 002 [بەزالەل] ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى. 002 EXO 039 003 ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى. 002 EXO 039 004 ئۇلار ئەفودنىڭ [ئالدى ۋە كەينى] قىسمىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى. 002 EXO 039 005 ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 039 006 ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى. 002 EXO 039 007 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى. 002 EXO 039 008 ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى. 002 EXO 039 009 ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى. 002 EXO 039 010 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى: ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى. 002 EXO 039 011 ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس، 002 EXO 039 012 ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس، 002 EXO 039 013 تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى. 002 EXO 039 014 بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلدى. 002 EXO 039 015 ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛ 002 EXO 039 016 ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ 002 EXO 039 017 ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، 002 EXO 039 018 ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى. 002 EXO 039 019 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى. 002 EXO 039 020 مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى. 002 EXO 039 021 ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 039 022 [بەزالەل] ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى. 002 EXO 039 023 توننىڭ [باشقا كىيىلىدىغان] تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى. 002 EXO 039 024 ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى. 002 EXO 039 025 ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى. 002 EXO 039 026 [كاھىنلىق] خىزمىتىگە ئائىت [قوڭغۇراقلار] توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 039 027 ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛ 002 EXO 039 028 سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ 002 EXO 039 029 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 039 030 ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛ 002 EXO 039 031 ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 039 032 شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى. 002 EXO 039 033 ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى، 002 EXO 039 034 شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى، 002 EXO 039 035 ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، 002 EXO 039 036 شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى، 002 EXO 039 037 ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى، 002 EXO 039 038 ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا-دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى، 002 EXO 039 039 مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى، 002 EXO 039 040 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى، 002 EXO 039 041 مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى. 002 EXO 039 042 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى. 002 EXO 039 043 مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. 002 EXO 040 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ 002 EXO 040 002 بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن. 002 EXO 040 003 ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛ 002 EXO 040 004 شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. 002 EXO 040 005 ئالتۇن [بىلەن قاپلانغان] خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن. 002 EXO 040 006 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛ 002 EXO 040 007 ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. 002 EXO 040 008 ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛ 002 EXO 040 009 ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ [پۈتكۈل چېدىر] مۇقەددەس بولىدۇ. 002 EXO 040 010 سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ. 002 EXO 040 011 سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. 002 EXO 040 012 ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ 002 EXO 040 013 ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، [ماڭا ئايرىپ] مۇقەددەس قىلغىن. 002 EXO 040 014 ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، 002 EXO 040 015 ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ [بەلگىسى] بولىدۇ. 002 EXO 040 016 مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى. 002 EXO 040 017 شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. 002 EXO 040 018 مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى. 002 EXO 040 019 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە [ئىچكى] يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 020 ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ [ھالقىلىرىدىن] ئۆتكۈزۈپ، «كافارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى. 002 EXO 040 021 ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 022 ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى] پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى. 002 EXO 040 023 «تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 024 ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى، 002 EXO 040 025 چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 026 ئاندىن ئۇ [خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى] ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛ 002 EXO 040 027 ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 028 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى. 002 EXO 040 029 ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 030 يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى. 002 EXO 040 031 مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 002 EXO 040 033 ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى. 002 EXO 040 034 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. 002 EXO 040 035 بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى. 002 EXO 040 036 قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى. 002 EXO 040 037 بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى. 002 EXO 040 038 چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى. # # BOOK 003 LEV Leviticus لاۋىيلار 003 LEV 001 001 ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 001 002 سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك. 003 LEV 001 003 ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. 003 LEV 001 004 ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. 003 LEV 001 005 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 001 006 ئاندىن [قۇربانلىق قىلغۇچى] كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن 003 LEV 001 007 ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. 003 LEV 001 008 ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. 003 LEV 001 009 لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 003 LEV 001 010 ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. 003 LEV 001 011 ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 001 012 [قۇربانلىق قىلغۇچى] بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. 003 LEV 001 013 لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 003 LEV 001 014 ئەگەر [قۇربانلىق قىلغۇچى] پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. 003 LEV 001 015 كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. 003 LEV 001 016 لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ 003 LEV 001 017 ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 003 LEV 002 001 ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيە سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. 003 LEV 002 002 ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن [كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ] يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 003 LEV 002 003 ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 002 004 ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن. 003 LEV 002 005 ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. 003 LEV 002 006 سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 003 LEV 002 007 سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. 003 LEV 002 008 شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. 003 LEV 002 009 كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 003 LEV 002 010 ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 002 011 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. 003 LEV 002 012 بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن. 003 LEV 002 013 سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن. 003 LEV 002 014 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ 003 LEV 002 015 سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 003 LEV 002 016 كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. 003 LEV 003 001 بىرسىنىڭ سۇنىدىغىنى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولسا، شۇنداقلا كالىلاردىن سۇنسا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. 003 LEV 003 002 ئۇ سۇنىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 003 003 سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ 003 LEV 003 004 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. 003 LEV 003 005 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. 003 LEV 003 006 بىرسىنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنىدىغىنى ئۇششاق مالدىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. 003 LEV 003 007 ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، 003 LEV 003 008 قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 003 009 سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى، يەنى ئۇنىڭ مېيىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، ــ پۈتۈن مايلىق قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىغا يېقىن يەردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، 003 LEV 003 010 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. 003 LEV 003 011 كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 003 LEV 003 012 ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 003 013 ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 003 014 ئاندىن سۇنغۇچى كىشى بۇ قۇربانلىقتىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، 003 LEV 003 015 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. 003 LEV 003 016 كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ماينىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر. 003 LEV 003 017 بۇ ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا سىلەرگە ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ھېچقانداق ماي ياكى قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 003 LEV 004 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 004 002 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، [تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن]: ــ 003 LEV 004 003 ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 003 LEV 004 004 ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. 003 LEV 004 005 ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛ 003 LEV 004 006 كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. 003 LEV 004 007 شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ 003 LEV 004 008 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى، 003 LEV 004 009 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجراتسۇن 003 LEV 004 010 (خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 004 011 لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى، 003 LEV 004 012 يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. 003 LEV 004 013 ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 003 LEV 004 014 شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 004 015 جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. 003 LEV 004 016 مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛ 003 LEV 004 017 شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى [مۇقەددەس جاينىڭ] پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. 003 LEV 004 018 شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ 003 LEV 004 019 كاھىن [تورپاقنىڭ] ئىچىدىن بارلىق مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 004 020 ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىغا ئوخشاش بۇ تورپاقنىمۇ شۇنداق قىلسۇن؛ ۋە دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 004 021 ئاندىن ئۇ تورپاقنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلگىرىكى تورپاقنى كۆيدۈرگەندەك بۇ تورپاقنىمۇ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 004 022 ئەگەر بىر ئەمىر بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 003 LEV 004 023 ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنسۇن؛ 003 LEV 004 024 ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ بىر گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 004 025 كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئاندىن قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 003 LEV 004 026 ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 004 027 ئەگەر پۇقرالاردىن بىرى بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 003 LEV 004 028 ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ، يەنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېجىرىم بىر چىشى ئۆچكىنى سۇنسۇن؛ 003 LEV 004 029 ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن. 003 LEV 004 030 ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ قالغان بارلىق قېنىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 003 LEV 004 031 ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 004 032 ئەگەر ئۇ كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، بېجىرىم بىر چىشى قوزىنى سۇنسۇن. 003 LEV 004 033 ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقى [قوزىسىنىڭ] بېشىغا قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىسۇن. 003 LEV 004 034 ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئۇنىڭ قالغان بارلىق قېنىنى ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 003 LEV 004 035 ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان قوزىنىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك، ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بارلىق قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 005 001 ئەگەر بىرسى مەلۇم ئىشقا گۇۋاھچى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا كۆرگىنى ياكى بىلگىنىدىن مەلۇمات بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. 003 LEV 005 002 ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛ 003 LEV 005 003 ئەگەر شۇنىڭدەك بىرسى ئۆزى تۇيماي مەلۇم كىشىنىڭ ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 005 004 ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 005 005 بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛ 003 LEV 005 006 ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. 003 LEV 005 007 ئەگەر ئۇ قويلاردىن [قۇربانلىق] قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن. 003 LEV 005 008 ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، [كاھىن] ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛ 003 LEV 005 009 ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 005 010 ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 005 011 ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 005 012 ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن [سۇنغۇچىنىڭ] «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 005 013 بۇ يول بىلەن ئۇ شۇ گۇناھلاردىن قايسىسىنى قىلغان بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەلەردىكىگە ئوخشاش قالغان قىسمى كاھىنغا تەۋە بولىدۇ. 003 LEV 005 014 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 005 015 بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن. 003 LEV 005 016 ئاندىن شۇ كىشى مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 005 017 ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛ 003 LEV 005 018 شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 005 019 بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. 003 LEV 006 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 006 002 ئەگەر بىرسى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۆزىگە ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن بىر نەرسە ياكى قوشنىسىدىن زوراۋانلىق بىلەن بۇلۇۋالغان مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا يالغان گەپ قىلغان بولسا ياكى قوشنىسىدىن ناھەقلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا، 003 LEV 006 003 ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تانسا ياكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچسە، 003 LEV 006 004 ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇلىۋالغان ياكى ناھەق تارتىۋالغان نەرسە ياكى ئۇنىڭغا ئامانەتكە بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن، 003 LEV 006 005 ياكى ئۇ ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باھاسى بويىچە تۆلىسۇن، شۇنداقلا شۇ باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمى بويىچە قوشۇپ تۆلىسۇن؛ ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى قىلغان كۈنىدە تۆلەمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن. 003 LEV 006 006 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەت بويىچە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلسۇن. 003 LEV 006 007 كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 006 008 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 006 009 سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق بولىدۇ: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار. 003 LEV 006 010 كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛ 003 LEV 006 011 ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن. 003 LEV 006 012 قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 006 013 ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن. 003 LEV 006 014 ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 006 015 ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ. 003 LEV 006 016 ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. 003 LEV 006 017 ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 006 018 ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگە ئاراڭلاردا ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغانلىرىدىن بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. 003 LEV 006 019 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 006 020 ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن. 003 LEV 006 021 ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن. 003 LEV 006 022 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ [ھەدىيەنى] شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن. 003 LEV 006 023 كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن. 003 LEV 006 024 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 006 025 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 006 026 گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن. 003 LEV 006 027 ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن. 003 LEV 006 028 قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن. 003 LEV 006 029 كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 006 030 ھالبۇكى، مۇقەددەس جايدا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى جامائەت چېدىرىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق گۇناھ قۇربانلىقى بولسا، ھەرگىز يېيىلمىسۇن، بەلكى [پۈتۈنلەي] كۆيدۈرۈلسۇن. 003 LEV 007 001 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ [قۇربانلىق] «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 007 002 كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ [كاھىن] قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 003 LEV 007 003 [قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى] بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، 003 LEV 007 004 ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن. 003 LEV 007 005 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ. 003 LEV 007 006 كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 007 007 گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن. 003 LEV 007 008 كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ. 003 LEV 007 009 تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. 003 LEV 007 010 ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ. 003 LEV 007 011 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ 003 LEV 007 012 سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. 003 LEV 007 013 شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛ 003 LEV 007 014 ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن [قوش قوللاپ] سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى [قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە] سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. 003 LEV 007 015 تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ [قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى] تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن. 003 LEV 007 016 ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛ 003 LEV 007 017 لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. 003 LEV 007 018 ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. 003 LEV 007 019 شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم [ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن] قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. 003 LEV 007 020 لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 007 021 كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 007 022 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 007 023 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار. 003 LEV 007 024 ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. 003 LEV 007 025 چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 007 026 سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار. 003 LEV 007 027 كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 007 028 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 007 029 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن. 003 LEV 007 030 ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 003 LEV 007 031 كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن. 003 LEV 007 032 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار. 003 LEV 007 033 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن. 003 LEV 007 034 چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم. 003 LEV 007 035 [مۇسا] ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر. 003 LEV 007 036 [مۇسا] ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ [ئىسرائىللارغا] دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 003 LEV 007 037 كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر. 003 LEV 007 038 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى. 003 LEV 008 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ 003 LEV 008 002 ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ، 003 LEV 008 003 [ئىسرائىلنىڭ] پۈتۈن جامائىتىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن، ــ دېدى. 003 LEV 008 004 مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، جامائەت جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. 003 LEV 008 005 ئاندىن مۇسا جامائەتكە: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىش مانا مۇنداق، ــ دېدى. 003 LEV 008 006 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، 003 LEV 008 007 [ھارۇنغا] كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى. 003 LEV 008 008 ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ، 003 LEV 008 009 بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى. 003 LEV 008 010 ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. 003 LEV 008 011 ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. 003 LEV 008 012 ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. 003 LEV 008 013 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى. 003 LEV 008 014 ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى. 003 LEV 008 015 ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى. 003 LEV 008 016 ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 003 LEV 008 017 بىراق [مۇسا] تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 003 LEV 008 018 ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 003 LEV 008 019 [ھارۇن قوچقارنى] بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛ 003 LEV 008 020 [ھارۇن] قوچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى. 003 LEV 008 021 ئۈچەي-قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى. 003 LEV 008 022 ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 003 LEV 008 023 ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى؛ ۋە مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۇۋاپ قويدى. 003 LEV 008 024 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈردى، ئۇلارنىڭ ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارماقلىرىغىمۇ سۇۋاپ قويدى، قالغان قاننى مۇسا قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىگە سەپتى. 003 LEV 008 025 شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېيى بىلەن مايلىق قۇيرۇقىنى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي بىلەن جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا مېيىنى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئېلىپ ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ، 003 LEV 008 026 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر زەيتۇن ماي توقىچى ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ بۇلارنى ماي بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىدە قويدى؛ 003 LEV 008 027 ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. 003 LEV 008 028 ئاندىن مۇسا بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق ئىدى. 003 LEV 008 029 ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى. 003 LEV 008 030 ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى. 003 LEV 008 031 مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛ 003 LEV 008 032 لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 003 LEV 008 033 سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ. 003 LEV 008 034 بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى. 003 LEV 008 035 سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». 003 LEV 008 036 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 003 LEV 009 001 سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، 003 LEV 009 002 ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن گۇناھ قۇربانلىقىغا بېجىرىم بىر موزاينى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېجىرىم بىر قوچقارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىن، 003 LEV 009 003 ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛ 003 LEV 009 004 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن». 003 LEV 009 005 ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى. 003 LEV 009 006 مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى. 003 LEV 009 007 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى. 003 LEV 009 008 شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى. 003 LEV 009 009 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى. 003 LEV 009 010 گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 003 LEV 009 011 گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى. 003 LEV 009 012 ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان [قوچقارنى] بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. 003 LEV 009 013 ئاندىن ئۇلار پارچە-پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى. 003 LEV 009 014 ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. 003 LEV 009 015 ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى. 003 LEV 009 016 ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى كەلتۈرۈپ بۇنىمۇ بەلگىلىمە بويىچە سۇندى. 003 LEV 009 017 ئاندىن ئۇ ئاشلىق ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 003 LEV 009 018 ئاندىن خەلققە بولىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن قوچقارنى بوغۇزلىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. 003 LEV 009 019 ئۇلار تورپاق بىلەن قوچقارنىڭ ماي قىسمىنى، يەنى مايلىق قۇيرۇقى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان مايلىرىنى، ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ چاۋا مېيىنى ئېلىپ، 003 LEV 009 020 بۇ ماي پارچىلىرىنى ئىككى تۆشنىڭ ئۈستىدە قويدى، [ھارۇن] بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 003 LEV 009 021 ئاخىرىدا ھارۇن ئىككى تۆش بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتىنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. 003 LEV 009 022 ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، [قۇربانگاھتىن] چۈشتى. 003 LEV 009 023 مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ، يەنە يېنىپ چىقىپ خەلققە بەخت تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل خەلققە ئايان بولدى؛ 003 LEV 009 024 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى. 003 LEV 010 001 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدېنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ 003 LEV 010 002 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 003 LEV 010 003 مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى. 003 LEV 010 004 مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى. 003 LEV 010 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى. 003 LEV 010 006 مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن. 003 LEV 010 007 ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 003 LEV 010 008 پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 010 009 «سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 003 LEV 010 010 شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛ 003 LEV 010 011 شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». 003 LEV 010 012 مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 010 013 بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. 003 LEV 010 014 ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن. 003 LEV 010 015 ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». 003 LEV 010 016 ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: 003 LEV 010 017 ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى. 003 LEV 010 018 مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى. 003 LEV 010 019 لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن [توغرا ئىش قىلىپ] ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ [گۆشىنى] يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى. 003 LEV 010 020 مۇسا بۇنى ئاڭلاپ جاۋابىدىن رازى بولدى. 003 LEV 011 001 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 011 002 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ 003 LEV 011 003 ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 003 LEV 011 004 لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 005 سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 006 توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 007 چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 008 سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 009 سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ 003 LEV 011 010 لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 003 LEV 011 011 مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. 003 LEV 011 012 سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 003 LEV 011 013 ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، 003 LEV 011 014 قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 003 LEV 011 015 ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 003 LEV 011 016 مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 003 LEV 011 017 ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس، 003 LEV 011 018 ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، 003 LEV 011 019 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن. 003 LEV 011 020 بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. 003 LEV 011 021 ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ 003 LEV 011 022 بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. 003 LEV 011 023 لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن. 003 LEV 011 024 بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 011 025 كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 011 026 تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم [ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە] تەگسە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 011 027 تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 003 LEV 011 028 كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 029 يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، 003 LEV 011 030 سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. 003 LEV 011 031 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 003 LEV 011 032 بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ. 003 LEV 011 033 بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. 003 LEV 011 034 ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 011 035 ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. 003 LEV 011 036 لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. 003 LEV 011 037 ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 011 038 لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 011 039 ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 011 040 كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 011 041 يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. 003 LEV 011 042 قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر. 003 LEV 011 043 سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ 003 LEV 011 044 چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى [ئۆزۈمگە] ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. 003 LEV 011 045 چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. 003 LEV 011 046 شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. 003 LEV 011 047 بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. 003 LEV 012 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 012 002 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 012 003 سەككىزىنچى كۈنى ئوغلى بولسا خەتنە قىلىنسۇن. 003 LEV 012 004 ئايال بولسا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن؛ پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن. 003 LEV 012 005 ئەگەر ئۇ قىز تۇغسا ئۇنداقتا ئادەت كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك تۇرۇپ، ئاندىن ئاتمىش ئالتە كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن. 003 LEV 012 006 مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 012 007 كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، شۇ ئايال ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇنىدىن پاك بولىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر. 003 LEV 012 008 ئەگەر ئۇنىڭ قوزىغا قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا كەلتۈرسۇن؛ ئۇلارنىڭ بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، يەنە بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئايال پاك بولىدۇ. 003 LEV 013 001 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 013 002 بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر چىقان، ياكى تەمرەتكە ياكى پارقىراق تاشما چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ جاراھىتى پەيدا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھارۇن كاھىننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. 003 LEV 013 003 كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ جاراھىتىگە قارايدۇ؛ جاراھەت بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن ھەمدە جاراھەتمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، بۇ پېسە-ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. شۇڭا كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. 003 LEV 013 004 لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ يالتىراق چىقان ئاق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنمىسە ۋە تۈكىمۇ ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن بۇ جاراھەت بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 005 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا قارىسۇن ۋە ئەگەر جاراھەت ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 006 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە جاراھەتنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان ۋە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ جاراھەتنىڭ پەقەت بىر چاقا ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېسەل كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ پاك سانالسۇن. 003 LEV 013 007 لېكىن ئەگەر ئۇ كاھىنغا كۆرۈنۈپ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن شۇ چاقا تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر قېتىم كاھىنغا كۆرۈنسۇن. 003 LEV 013 008 كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە-ماخاۋدۇر. 003 LEV 013 009 ئەگەر بىركىمدە پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن. 003 LEV 013 010 كاھىن ئۇنىڭ جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ۋە ئەگەر تېرىسىدە ئاق بىر چىقان پەيدا بولغان، تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا ۋە چىقان چىققان جايدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا، 003 LEV 013 011 بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە-ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق. 003 LEV 013 012 لېكىن ئەگەر پېسە-ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە-ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا، 003 LEV 013 013 ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن. 003 LEV 013 014 لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 013 015 كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت-گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت-گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. 003 LEV 013 016 ھالبۇكى، ئەگەر ئەت-گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن. 003 LEV 013 017 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 013 018 ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ، 003 LEV 013 019 ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. 003 LEV 013 020 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر. 003 LEV 013 021 لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 022 ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ [پېسە-ماخاۋ] جاراھىتىدۇر. 003 LEV 013 023 ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. 003 LEV 013 024 ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق-قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا، 003 LEV 013 025 كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. 003 LEV 013 026 لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، داغنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئاقىرىپ كەتكەن تۈك بولمىسا، شۇنداقلا داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق بولمىسا، بەلكى رەڭگى سۇس بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 027 يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن؛ داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر. 003 LEV 013 028 ئەمما ئەگەر داغ جايىدا توختاپ، يېيىلمىغان بولسا، شۇنداقلا رەڭگى سۇس بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن بولغان چاۋارتقۇ، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ كۆيۈكنىڭ تاتۇقى، خالاس. 003 LEV 013 029 ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ساقىلىدا جاراھەت پەيدا بولسا، 003 LEV 013 030 كاھىن جاراھەتكە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر جاراھەت ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ جاراھەت قاقاچ بولۇپ، باش ياكى ساقالدىكى پېسە-ماخاۋنىڭ ئالامىتىدۇر. 003 LEV 013 031 ئەگەر كاھىن قاقاچ جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق قارا تۈكمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 032 كاھىن يەتتىنچى كۈنى قاقاچقا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ قاقاچ كېڭىيىپ كەتمەي، ئۈستىدىمۇ ھېچقانداق سېرىق تۈك بولمىسا، شۇنداقلا قاقاچ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، 003 LEV 013 033 جاراھىتى بار كىشى بارلىق چاچ-ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن؛ قاقاچنىڭ ئۆزىنى غىردىمىسۇن. كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن. 003 LEV 013 034 يەتتىنچى كۈنى كاھىن قاقاچقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن ئۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 013 035 لېكىن ئەگەر ئۇ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە، 003 LEV 013 036 كاھىن ئۇنىڭغا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، سېرىق تۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر. 003 LEV 013 037 ئەگەر قاقاچ جايىدا شۇ پېتى قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قاقاچ ساقايغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىشى كېرەك. 003 LEV 013 038 ئەگەر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولۇپ، بۇ داغلار پارقىراق ھەم ئاق بولسا 003 LEV 013 039 كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى شۇ داغلار سۇسلىشىپ بوز رەڭگە يۈزلەنگەن بولسا، بۇ تېرىدىن چىققان بىر تاشما، خالاس؛ بۇ كىشى پاك سانالسۇن. 003 LEV 013 040 ئەگەر بىركىمنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پەقەت بىر تاقىر باش، خالاس؛ ئۇ پاك سانالسۇن. 003 LEV 013 041 ئەگەر ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكى پېشانە تەرىپىدىن چۈشكەن بولسا، ئۇ پەقەت پاينەكباش، خالاس؛ ئۇ يەنىلا پاك سانالسۇن. 003 LEV 013 042 لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، ئۇنداقتا شۇ جاراھەت ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدىكى پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. 003 LEV 013 043 كاھىن جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشىدا ياكى پاينەك بېشىدا ئىششىق جاراھەت بولسا ھەمدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدەك قىزغۇچ ئاق كۆرۈنسە، 003 LEV 013 044 ئۇنداقتا ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولۇپ، ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق جاراھەت چۈشكەن بولغاچ، كاھىن ئۇنى مۇتلەق «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. 003 LEV 013 045 شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك. 003 LEV 013 046 شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن. 003 LEV 013 047 ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى پەيدا بولسا، 003 LEV 013 048 يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى بولسا، 003 LEV 013 049 شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. 003 LEV 013 050 كاھىن [داغقا] سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز-داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن. 003 LEV 013 051 ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز-داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز-داغ چۈشكەن كىيىم-كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز-داغ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 013 052 شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز-داغ بولسا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز-داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر. 003 LEV 013 053 لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز-داغ كېڭەيمىگەن بولسا، 003 LEV 013 054 ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن. 003 LEV 013 055 بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 013 056 لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن. 003 LEV 013 057 ئەگەر بۇ ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم-كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن. 003 LEV 013 058 لېكىن ئەگەر ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن. 003 LEV 013 059 پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭكىدەك ئىز-داغ پەيدا بولغان يۇڭ ياكى كاناپ رەختتىن توقۇلغان كىيىم-كېچەك (ئىز-داغ ئۆرۈش يىپتا ياكى ئارقاق يىپتا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاك ياكى ناپاك جاكارلاشقا بولىدۇ. 003 LEV 014 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 014 002 پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى پاك قىلىنىدىغان كۈنىدە بەجا قىلىش كېرەك بولغان قانۇن-بەلگىلىمە مانا تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. 003 LEV 014 003 كاھىن چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ، پېسە-ماخاۋ بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، 003 LEV 014 004 ئۇنداقتا كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە پاك، تىرىك قۇشتىن ئىككىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسۇن. 003 LEV 014 005 ئاندىن كاھىن قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار دەپ بۇيرۇسۇن؛ 003 LEV 014 006 ئاندىن تىرىك قۇشنى بولسا، كاھىن ئۇنى كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قۇش بىلەن بىرگە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلىسۇن، 003 LEV 014 007 ئاندىن پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىشى بىلەن ئۇنى پاك دەپ جاكارلىسۇن؛ ۋە تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن. 003 LEV 014 008 پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك. 003 LEV 014 009 يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ-ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ. 003 LEV 014 010 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر [ئەفاھنىڭ] ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن. 003 LEV 014 011 ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن. 003 LEV 014 012 ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 003 LEV 014 013 قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ. 003 LEV 014 014 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۈرۈپ قويسۇن. 003 LEV 014 015 ئاندىن كاھىن شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. 003 LEV 014 016 كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن سەپسۇن. 003 LEV 014 017 ئاندىن كاھىن قولىدىكى قالغان مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈلگەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن. 003 LEV 014 018 سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 014 019 ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن. 003 LEV 014 020 كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ. 003 LEV 014 021 لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن 003 LEV 014 022 ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛ 003 LEV 014 023 سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 014 024 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 003 LEV 014 025 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن. 003 LEV 014 026 ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. 003 LEV 014 027 شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. 003 LEV 014 028 ئاندىن كاھىن ئۆزى قولىدىكى مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن. 003 LEV 014 029 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىن قولىدىكى ماينىڭ قالغىنىنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن؛ 003 LEV 014 030 ئاندىن شۇ كىشى ئۆز قۇربىغا قاراپ پاختەكتىن بىرنى ياكى باچكىدىن بىرنى سۇنسۇن؛ 003 LEV 014 031 ئۆز قۇربىغا قاراپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ يولدا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 014 032 ئۆزىدە پېسە-ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. 003 LEV 014 033 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 014 034 ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەر ئىگە بولىدىغان شۇ زېمىندىكى بىر ئۆيگە بىرخىل پېسە-ماخاۋ يارىسىنى ئەۋەتسەم، 003 LEV 014 035 ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك. 003 LEV 014 036 كاھىن بولسا: ــ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولمىسۇن ئۈچۈن مەن بېرىپ بۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قاراشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكارلاڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كاھىن كىرىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن. 003 LEV 014 037 ئۇ شۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئۆينىڭ تاملىرىغا ۋابا داغلىرى يۇققان جايلار كاۋاك بولسا، ھەم يېشىلغا مايىل ياكى قىزغۇچ بولۇپ، تامنىڭ يۈزىدىن قېنىقراق بولسا، 003 LEV 014 038 كاھىن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىشىكنى يەتتە كۈنگىچە تاقاپ قويسۇن. 003 LEV 014 039 ئاندىن كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى ئىز-داغ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، 003 LEV 014 040 كاھىن: ــ ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. 003 LEV 014 041 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قىردورسۇن ۋە ئۇلار قىرغان سۇۋاقنى بولسا شەھەرنىڭ تېشىدىكى ناپاك بىر جايغا تۆكۈۋەتسۇن. 003 LEV 014 042 ئاندىن ئۇلار باشقا تاشلارنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىدا قويسۇن ۋە باشقا ھاك لاي ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى قايتىدىن سۇۋىسۇن. 003 LEV 014 043 ئەگەر ئۇ تاشلارنى چىقىرىپ، ئۆينى قىردۇرۇپ قايتىدىن سۇۋاتقاندىن كېيىن، ئۆيدە ۋابا دېغى يەنە پەيدا بولسا، 003 LEV 014 044 ئۇنداقتا كاھىن يەنە كىرىپ بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئىز-داغ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆيگە يۇققىنى چىرىتكۈچ ۋابا بولىدۇ؛ ئۆي ناپاك سانىلىدۇ. 003 LEV 014 045 بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆينى، يەنى ياغاچ-تاش ۋە بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋەتسۇن. 003 LEV 014 046 كىمدەكىم ئۆي تاقالغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىرسە، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 003 LEV 014 047 ئەگەر بىركىم ئۆي ئىچىدە ياتقان بولسا، كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ ۋە ئەگەر بىرسى ئۆيدە غىزالانغان بولسا، ئۇمۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن. 003 LEV 014 048 لېكىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا ئۆي سۇۋالغاندىن كېيىن ۋابا ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۆينى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋابا ساقايغان بولىدۇ. 003 LEV 014 049 ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت بىلەن زوفا ئېلىپ كېلىپ، 003 LEV 014 050 قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن؛ 003 LEV 014 051 ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زوفا، قىزىل رەخت ۋە تىرىك قۇشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا، شۇنداقلا ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن؛ 003 LEV 014 052 بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆينى قۇشنىڭ قېنى، ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زوفا ۋە قىزىل رەخت ئارقىلىق ناپاكلىقتىن پاكلايدۇ. 003 LEV 014 053 ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدا، دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆي پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 014 054 بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە-ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ، 003 LEV 014 055 كىيىم-كېچەك ۋە ئۆيگە يۇققان پېسە-ماخاۋ ۋاباسى، 003 LEV 014 056 تېرىدىكى چىقانلار، تەمرەتكە ۋە پارقىراق ئاق ئىز-داغلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. 003 LEV 014 057 شۇ بەلگىلىمىلەر بىلەن بىر نەرسىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ناپاك، قايسى ئەھۋالدا پاك بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشكە كۆرسەتمە بېرىشكە بولىدۇ؛ مانا بۇ پېسە-ماخاۋ توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. 003 LEV 015 001 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 015 002 ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار: ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 003 ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛ 003 LEV 015 004 مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ. 003 LEV 015 005 كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 006 شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 007 كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 008 ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 009 قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە [ئاقما بولغان] كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 010 كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 011 ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 012 ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن. 003 LEV 015 013 قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 015 014 سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. 003 LEV 015 015 كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 015 016 ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 017 شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 018 ئەر ۋە ئايال كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 019 ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 020 «ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 021 ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 022 ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 023 ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 024 ئەگەر بىر ئەر كىشى شۇ ھالەتتىكى ئايال بىلەن بىرگە ياتسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇن ناپاكلىقى شۇ ئەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن؛ ئۇ ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپىمۇ ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 025 ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 026 قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن-كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن-كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 027 ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 003 LEV 015 028 ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ. 003 LEV 015 029 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. 003 LEV 015 030 كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 015 031 سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. 003 LEV 015 032 ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، 003 LEV 015 033 شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. 003 LEV 016 001 ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. 003 LEV 016 002 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. 003 LEV 016 003 ھارۇن [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛ 003 LEV 016 004 ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن. 003 LEV 016 005 ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. 003 LEV 016 006 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. 003 LEV 016 007 ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. 003 LEV 016 008 ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. 003 LEV 016 009 ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 003 LEV 016 010 لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن. 003 LEV 016 011 ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛ 003 LEV 016 012 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛ 003 LEV 016 013 ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ. 003 LEV 016 014 ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن. 003 LEV 016 015 ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. 003 LEV 016 016 ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن. 003 LEV 016 017 ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 016 018 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ 003 LEV 016 019 ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلىدۇ. 003 LEV 016 020 ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛ 003 LEV 016 021 ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. 003 LEV 016 022 بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن. 003 LEV 016 023 ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن. 003 LEV 016 024 ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 016 025 شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 016 026 «ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. 003 LEV 016 027 كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 016 028 ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. 003 LEV 016 029 ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. 003 LEV 016 030 چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر. 003 LEV 016 031 بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. 003 LEV 016 032 كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، 003 LEV 016 033 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 016 034 بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن [ھارۇن] پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 003 LEV 017 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 017 002 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ 003 LEV 017 003 ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 017 005 بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر. 003 LEV 017 006 كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. 003 LEV 017 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 003 LEV 017 008 سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى [باشقا] قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، 003 LEV 017 009 ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن. 003 LEV 017 010 ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 003 LEV 017 011 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 003 LEV 017 012 شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. 003 LEV 017 013 ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. 003 LEV 017 014 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم. 003 LEV 017 015 كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. 003 LEV 017 016 لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 003 LEV 018 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 018 002 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 018 003 سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە ياكى مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان قانائان زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار؛ ئۇلارنىڭ رەسىم-ئادەتلىرىدە يۈرمەڭلار، 003 LEV 018 004 بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 018 005 سىلەر چوقۇم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك؛ ئىنسان ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتتا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 018 006 ــ ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايالغا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 018 007 ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكىنىڭ بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. 003 LEV 018 008 ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى شۇنداق قىلساڭ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. 003 LEV 018 009 سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. 003 LEV 018 010 سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ۋە ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىدۇر. 003 LEV 018 011 سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. 003 LEV 018 012 سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. 003 LEV 018 013 سەن ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. 003 LEV 018 014 ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا يېقىنلىق قىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھامماڭدۇر. 003 LEV 018 015 سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. 003 LEV 018 016 سەن ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى بۇ ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. 003 LEV 018 017 سەن بىر ئايالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزىنىمۇ [خوتۇنلۇققا ئېلىپ] ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش پەسەندىلىكتۇر. 003 LEV 018 018 سەن ئايالىڭ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇنداق قىلساڭ خوتۇنۇڭغا كۈندەشلىك ئازابىنى كەلتۈرىسەن. 003 LEV 018 019 سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك تۇرغان ۋاقتىدا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. 003 LEV 018 020 سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما. 003 LEV 018 021 سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 018 022 سەن ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندەك ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولما. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر. 003 LEV 018 023 سەن ھېچ ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى ناپاك قىلما؛ شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ مۇناسىۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئالدىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش نىجىسلىقتۇر. 003 LEV 018 024 سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن چىقىرىۋاتقان تائىپىلەر بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ناپاك قىلغان 003 LEV 018 025 ۋە زېمىنىمۇ ناپاك بولغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدەك ئۇ زېمىنمۇ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 003 LEV 018 026 لېكىن سىلەر بولساڭلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار؛ سىلەردىن ھېچكىم، مەيلى يەرلىك ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن 003 LEV 018 027 (چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى). 003 LEV 018 028 شۇنداق قىلىپ زېمىننى ناپاك قىلساڭلار، زېمىن ئۆزى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان ئەللەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 003 LEV 018 029 چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 018 030 سىلەر مەن سىلەرگە تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىلىشىڭلار زۆرۈردۇر؛ ــ دېمەك، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر تۇتقان شۇ يىرگىنچلىك رەسىم-قائىدىلەرنى تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 019 002 سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك. 003 LEV 019 003 سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 004 سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 005 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك يول بىلەن ئۇنى سۇنۇڭلار. 003 LEV 019 006 سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن؛ ئۈچىنچى كۈنىگە قالغىنى بولسا ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. 003 LEV 019 007 ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمى ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە قۇربانلىق ھارام ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. 003 LEV 019 008 كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلدى؛ ئۇنداق كىشى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 019 009 سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن. 003 LEV 019 010 ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 011 سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. 003 LEV 019 012 مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 013 ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما. 003 LEV 019 014 گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 015 ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن. 003 LEV 019 016 ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 017 سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن. 003 LEV 019 018 سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 019 سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە. 003 LEV 019 020 ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن. 003 LEV 019 021 ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن. 003 LEV 019 022 كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 003 LEV 019 023 سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. 003 LEV 019 024 تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن. 003 LEV 019 025 ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار [زېمىن] مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 026 سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار. نە پالچىلىق نە جادۇگەرلىك قىلماڭلار. 003 LEV 019 027 سىلەر بېشىڭلارنىڭ چېكە-چۆرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ دۈگىلەك قىلىۋالماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى بۇزماڭلار. 003 LEV 019 028 سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 029 سەن قىزىڭنى بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا، زېمىندىكىلەر بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە بېرىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى ئەيش-ئىشرەت قاپلاپ كېتىدۇ. 003 LEV 019 030 سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ھۆرمەتلەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 031 جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايانماڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 032 ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 033 بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار، 003 LEV 019 034 بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 035 سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلاردا، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ھېچقانداق ناھەقلىك بولمىسۇن؛ 003 LEV 019 036 سىلەردە ئادىل تارازا، ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئەفاھ كەمچىنى بىلەن ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 019 037 سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 020 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 020 002 سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. 003 LEV 020 003 ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 003 LEV 020 004 ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، 003 LEV 020 005 مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 003 LEV 020 006 جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 003 LEV 020 007 شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 020 008 قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 020 009 ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 010 ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ. 003 LEV 020 011 ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 012 بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 013 بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 014 ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ. 003 LEV 020 015 بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار. 003 LEV 020 016 ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 017 بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 018 بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 020 019 سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 020 020 بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ. 003 LEV 020 021 بىرسى ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ. 003 LEV 020 022 سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 003 LEV 020 023 سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى. 003 LEV 020 024 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 020 025 شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار-قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار-قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. 003 LEV 020 026 سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن. 003 LEV 020 027 جىنكەش ياكى سېھىرگەر بولغان ھەرقانداق ئەر ياكى خوتۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ خەلق ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 003 LEV 021 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ بىر كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلگەنلەر ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. 003 LEV 021 002 پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ــ ئانىسى بىلەن ئاتىسى، ئوغلى بىلەن قىزى ۋە ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ 003 LEV 021 003 شۇنىڭدەك ئەگەر ئاچا-سىڭلىسى ئەرگە تەگمەي پاك قىز ھالەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ 003 LEV 021 004 چۈنكى [كاھىن] ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك. 003 LEV 021 005 كاھىنلار بېشىنى يېرىم-ياتا قىلىپ چۈشۈرمەسلىكى، ساقىلىنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى ھەم چۈشۈرمەسلىكى، بەدىنىگىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماسلىقى كېرەك، 003 LEV 021 006 بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. 003 LEV 021 007 ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان. 003 LEV 021 008 ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن. 003 LEV 021 009 ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. 003 LEV 021 010 بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛ 003 LEV 021 011 ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك. 003 LEV 021 012 ئۇ [ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا] مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 021 013 ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛ 003 LEV 021 014 تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك. 003 LEV 021 015 بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن. 003 LEV 021 016 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 021 017 سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛ 003 LEV 021 018 مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن، 003 LEV 021 019 پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن، 003 LEV 021 020 دوك بولسۇن، پارپا بولسۇن، كۆزىدە ئاق بولسۇن، قىچىشقاق بولغان بولسۇن، تەمرەتكە باسقان بولسۇن ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلگەن ھەركىم بولسۇن، 003 LEV 021 021 ھارۇن كاھىننىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇنداق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە يېقىن بارمىسۇن؛ ئۇنداق كىشى مېيىپتۇر؛ ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنۇشقا يېقىن كەلمىسۇن. 003 LEV 021 022 ھالبۇكى، ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېسۇن. 003 LEV 021 023 پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». 003 LEV 021 024 بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىپ بەردى. 003 LEV 022 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 022 002 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». 003 LEV 022 003 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 022 004 ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، 003 LEV 022 005 ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) 003 LEV 022 006 مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن 003 LEV 022 007 ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر. 003 LEV 022 008 ئۇ [ئۆزلۈكىدىن] ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 022 009 ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، [شۇ ئۆلۈك] تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 003 LEV 022 010 كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. 003 LEV 022 011 ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. 003 LEV 022 012 كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. 003 LEV 022 013 لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك. 003 LEV 022 014 ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن. 003 LEV 022 015 [كاھىنلار] ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ 003 LEV 022 016 بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». 003 LEV 022 017 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 022 018 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، 003 LEV 022 019 ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار. 003 LEV 022 020 ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. 003 LEV 022 021 بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن. 003 LEV 022 022 كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ. 003 LEV 022 023 تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. 003 LEV 022 024 ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار. 003 LEV 022 025 خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 003 LEV 022 026 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 022 027 بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ. 003 LEV 022 028 مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار. 003 LEV 022 029 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار. 003 LEV 022 030 ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 022 031 سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 022 032 مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ، 003 LEV 022 033 خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلدىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 023 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 023 002 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ 003 LEV 023 003 (ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ). 003 LEV 023 004 سىلەر بېكىتىلگەن كۈنلىرى مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى مانا مۇنۇلاردۇر: ــ 003 LEV 023 005 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ. 003 LEV 023 006 شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر. 003 LEV 023 007 بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 003 LEV 023 008 سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 003 LEV 023 009 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 023 010 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 003 LEV 023 011 كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ. 003 LEV 023 012 سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛ 003 LEV 023 013 شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار. 003 LEV 023 014 سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى [يېڭى ھوسۇلدىن] ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 003 LEV 023 015 ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛ 003 LEV 023 016 يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى [ھوسۇلدىن] بىر ئاشلىق ھەدىيە سۇنۇڭلار. 003 LEV 023 017 ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. 003 LEV 023 018 ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە بېجىرىم قوزا، ياش بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار؛ ئۇلارغا خاس ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى قوشۇپ، ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈشكە سۇنۇلسۇن. 003 LEV 023 019 بۇنىڭدىن باشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى قوزىنى كەلتۈرۈڭلار؛ 003 LEV 023 020 كاھىن بۇلارنى، يەنى شۇ ئىككى قوزىنى دەسلەپكى ھوسۇل نانلىرىغا قوشۇپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگار ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس سانىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن. 003 LEV 023 021 شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 003 LEV 023 022 ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 023 023 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 023 024 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار. 003 LEV 023 025 ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار. 003 LEV 023 026 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 023 027 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كافارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛ 003 LEV 023 028 ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر. 003 LEV 023 029 ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 003 LEV 023 030 كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 003 LEV 023 031 شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ. 003 LEV 023 032 ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار. 003 LEV 023 033 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 023 034 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ. 003 LEV 023 035 بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 003 LEV 023 036 يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 003 LEV 023 037 سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛ 003 LEV 023 038 بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر. 003 LEV 023 039 سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ. 003 LEV 023 040 بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد-خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر. 003 LEV 023 041 سىلەر ھەر يىلى بۇ يەتتە كۈننى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بىر ھېيت سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈڭلار؛ دەۋردىن-دەۋرگىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. سىلەر ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار. 003 LEV 023 042 يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار. ئىسرائىلدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىدە تۇرسۇن. 003 LEV 023 043 بۇنىڭ بىلەن مەن ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلىدۇ. ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 023 044 شۇنداق قىلىپ مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن شۇ ھېيتلىرىنى ئىسرائىللارغا بايان قىلدى. 003 LEV 024 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 024 002 ئىسرائىللارغا چىراغ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى ساڭا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغىن. 003 LEV 024 003 ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 003 LEV 024 004 ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ چىراغلارنى پاك چىراغداننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن. 003 LEV 024 005 سەن يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇنىدىن ئون ئىككى توقاچنى ئەتكىن. ھەربىر توقاچ بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن. 003 LEV 024 006 ئاندىن سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پاك شىرەنىڭ ئۈستىگە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن. 003 LEV 024 007 ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە، ئەسلەتمە نان بولىدۇ. 003 LEV 024 008 بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر. 003 LEV 024 009 نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. 003 LEV 024 010 ئانىسى ئىسرائىلىي، ئاتىسى مىسىرلىق بىر ئوغۇل بار ئىدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا باردى؛ ئۇ چېدىرگاھتا بىر ئىسرائىلىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. 003 LEV 024 011 ئۇلار سوقۇشقاندا ئىسرائىلىي ئايالنىڭ ئوغلى كۇپۇرلۇق قىلىپ، [مۇقەددەس] نامنى بۇلغاپ قارغىدى. خەلق ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شېلومىت بولۇپ، ئۇ دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. 003 LEV 024 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى. 003 LEV 024 013 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 024 014 قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. 003 LEV 024 015 ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ. 003 LEV 024 016 پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، [مۇقەددەس] نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن. 003 LEV 024 017 ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 003 LEV 024 018 بىرسى بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاننى تۆلەپ، جانغا-جان تۆلەپ بەرسۇن. 003 LEV 024 019 بىركىم ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلسا، ئۇ ئۆزگىگە قانداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. 003 LEV 024 020 بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن. 003 LEV 024 021 كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن. 003 LEV 024 022 سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 024 023 مۇسا ئىسرائىللارغا شۇلارنى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلدى. 003 LEV 025 001 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 025 002 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن. 003 LEV 025 003 سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛ 003 LEV 025 004 ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن. 003 LEV 025 005 ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر. 003 LEV 025 006 ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل-دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن 003 LEV 025 007 ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ. 003 LEV 025 008 شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ. 003 LEV 025 009 شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كافارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كافارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر. 003 LEV 025 010 شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر. 003 LEV 025 011 بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر. 003 LEV 025 012 چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز-دالىلاردىن تېپىپ [ھەممىڭلار] يەيسىلەر. 003 LEV 025 013 ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 003 LEV 025 014 سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار. 003 LEV 025 015 قوشناڭدىن [يەرنى] سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن. 003 LEV 025 016 «[ئازادلىق يىلى»غىچە] بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ. 003 LEV 025 017 سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 025 018 سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 003 LEV 025 019 شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 003 LEV 025 020 ئەگەر سىلەر: ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار، 003 LEV 025 021 [سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى]، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن. 003 LEV 025 022 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر. 003 LEV 025 023 يەر-زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس. 003 LEV 025 024 سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر-زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك. 003 LEV 025 025 ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن. 003 LEV 025 026 ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا، 003 LEV 025 027 ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، [ئازادلىق يىلىغىچە] قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن. 003 LEV 025 028 لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 003 LEV 025 029 ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. 003 LEV 025 030 لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن-نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس. 003 LEV 025 031 لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ. 003 LEV 025 032 لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. 003 LEV 025 033 لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، [لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا]، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ. 003 LEV 025 034 شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ. 003 LEV 025 035 ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن. 003 LEV 025 036 سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن. 003 LEV 025 037 پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن. 003 LEV 025 038 خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 003 LEV 025 039 ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛ 003 LEV 025 040 بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛ 003 LEV 025 041 ئاندىن ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە يېنىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 003 LEV 025 042 چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىم بولغاچقا، ئۇلارنى قۇلدەك سېتىشقا يول قويماڭلار. 003 LEV 025 043 سەن ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمايسەن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن. 003 LEV 025 044 لېكىن ئۆزۈڭگە قۇل ياكى دېدەك ئالماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى يات ئەللەردىن شۇنداق قۇل يا دېدەك سېتىۋالساڭ بولىدۇ. 003 LEV 025 045 بۇلاردىن باشقا، ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، يەنى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان، زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلاردىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ. 003 LEV 025 046 سىلەر مۇشۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ، ئۇلارغا مۈلۈك بولۇشقا قالدۇرساڭلار بولىدۇ؛ مۇشۇلارنى ئەبەدگىچە قۇل قىلساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار ئارىسىدا بولسا، بىر-بىرىڭلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. 003 LEV 025 047 ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا، 003 LEV 025 048 ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. 003 LEV 025 049 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. 003 LEV 025 050 ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ [ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا] ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن. 003 LEV 025 051 ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛ 003 LEV 025 052 ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن. 003 LEV 025 053 بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن. 003 LEV 025 054 ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ. 003 LEV 025 055 چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل-بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 003 LEV 026 001 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 026 002 مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 026 003 ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، 003 LEV 026 004 مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن. 003 LEV 026 005 شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 003 LEV 026 006 مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقىتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛ 003 LEV 026 007 سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلايسىلەر، ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. 003 LEV 026 008 سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلايدۇ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭلار بولسا ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. 003 LEV 026 009 مەن سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىپ، سىلەرنى پەرزەنت كۆرگۈزۈپ كۆپەيتىمەن، سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى مەزمۇت تۇرغۇزىمەن. 003 LEV 026 010 سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 003 LEV 026 011 مەن ئۆز ماكانىمنى ئاراڭلاردا تۇرغۇزىمەن ۋە قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلەنمەيدۇ. 003 LEV 026 012 مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. 003 LEV 026 013 مەن سىلەرنى مىسىردا ئۇلارنىڭ قۇللىرى بولۇشتىن ھۆر قىلىشقا شۇ زېمىنىدىن چىقارغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، قەددىڭلارنى تىك قىلىپ ماڭغۇزدۇم. 003 LEV 026 014 ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي، 003 LEV 026 015 بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار، 003 LEV 026 016 مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ. 003 LEV 026 017 مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر. 003 LEV 026 018 بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن، 003 LEV 026 019 كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛ 003 LEV 026 020 ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ. 003 LEV 026 021 ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن. 003 LEV 026 022 ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ. 003 LEV 026 023 سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار، 003 LEV 026 024 مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛ 003 LEV 026 025 ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر. 003 LEV 026 026 سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر. 003 LEV 026 027 ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار، 003 LEV 026 028 مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا-تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن. 003 LEV 026 029 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛ 003 LEV 026 030 شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 003 LEV 026 031 مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، [قۇربانلىقىڭلارنىڭ] خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛ 003 LEV 026 032 زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ. 003 LEV 026 033 سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ. 003 LEV 026 034 ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. 003 LEV 026 035 ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ. 003 LEV 026 036 ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ. 003 LEV 026 037 گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ. 003 LEV 026 038 ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ. 003 LEV 026 039 ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ. 003 LEV 026 040 ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ، 003 LEV 026 041 شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا، 003 LEV 026 042 ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن. 003 LEV 026 043 چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى. 003 LEV 026 044 ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 026 045 مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 003 LEV 026 046 پەرۋەردىگار مۇسانى ۋاسىتە قىلىپ، سىناي تېغىدا ئۆزى بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ھۆكۈملەر، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلار مانا شۇلار ئىدى. 003 LEV 027 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 003 LEV 027 002 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىرسى پەۋقۇلئاددە بىر قەسەم قىلىپ مەلۇم كىشىنىڭ جېنىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ 003 LEV 027 003 يېشى يىگىرمە بىلەن ئاتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولغان ئەر كىشى بولسا، سەن توختىتىدىغان قىممىتى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن؛ ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن. 003 LEV 027 004 ئايال كىشى بولسا، ئاراڭلاردا توختىتىلغان قىممىتى ئوتتۇز شەكەل بولسۇن. 003 LEV 027 005 ئەگەر يېشى بەش بىلەن يىگىرمىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، ئەركەك ئۈچۈن توختىتىلىدىغان قىممىتى يىگىرمە شەكەل بولۇپ، ئايال كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. 003 LEV 027 006 ئەگەر يېشى بىر ئاي بىلەن بەش ياشنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەش شەكەل، قىز بالا ئۈچۈن ئۈچ شەكەل كۈمۈش بولسۇن. 003 LEV 027 007 ئەگەر ئاتمىش يا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشتىكى كىشى بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئەر كىشى ئۈچۈن ئون بەش شەكەل، خوتۇن كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. 003 LEV 027 008 ئەگەر بىرسى توختىتىلغان قىممىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئۆزىنى كاھىننىڭ ئالدىدا تەق قىلسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى بېكىتسۇن. كاھىن قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرسۇن. 003 LEV 027 009 ئەگەر بىرسى [قەسەم قىلىپ] پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛ 003 LEV 027 010 ھايۋان ناچار بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىنى ياكى ياخشىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى تېگىشىشكە ياكى ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبادا ئاتىغۇچى ئۇ ھايۋاننىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھايۋاننى يەڭگۈشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىنىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن. 003 LEV 027 011 ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىققا لايىق بولمايدىغان بىر «ناپاك» ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋاننى كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن؛ 003 LEV 027 012 ئاندىن كاھىن ئۆزى ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا شۇنداق بولسۇن. 003 LEV 027 013 ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ ھايۋاننى قايتۇرۇۋلماقچى بولسا، توختىتىلغان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن. 003 LEV 027 014 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا، شۇ قىممىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 003 LEV 027 015 كېيىن ئەگەر ئۆينى ئاتىغۇچى كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ توختىتىلغان قىممىتىگە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن ئۆي يەنە ئۇنىڭ بولىدۇ. 003 LEV 027 016 ئەگەر بىرسى ئۆز مال-مۈلكى بولغان ئېتىزلىقنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇرۇق تېرىلىدىغانلىقىغا قاراپ توختىتىلسۇن؛ بىر خومىر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، قىممىتى ئەللىك شەكەل كۆمۈشكە توختىتىلسۇن. 003 LEV 027 017 ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلسا، سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن. 003 LEV 027 018 لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن. 003 LEV 027 019 ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ. 003 LEV 027 020 ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، 003 LEV 027 021 بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ. 003 LEV 027 022 ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا، 003 LEV 027 023 كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. 003 LEV 027 024 لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. 003 LEV 027 025 سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ. 003 LEV 027 026 لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى. 003 LEV 027 027 ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن. 003 LEV 027 028 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ. 003 LEV 027 029 ئەگەر بىر ئادەم خۇداغا مۇتلەق خاس ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 003 LEV 027 030 يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر. 003 LEV 027 031 بىرسى ئۆز ئۆشرىلىرىدىن مەلۇم بىرنەرسىنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ شۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن. 003 LEV 027 032 كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن. 003 LEV 027 033 ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن. 003 LEV 027 034 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى. # # BOOK 004 NUM Numbers چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 004 NUM 001 001 ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 001 002 سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن. 004 NUM 001 003 ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار. 004 NUM 001 004 ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ. 004 NUM 001 005 تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛ 004 NUM 001 006 شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛ 004 NUM 001 007 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛ 004 NUM 001 008 ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛ 004 NUM 001 009 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ 004 NUM 001 010 يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛ 004 NUM 001 011 بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛ 004 NUM 001 012 دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر؛ 004 NUM 001 013 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛ 004 NUM 001 014 گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛ 004 NUM 001 015 نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا». 004 NUM 001 016 بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى. 004 NUM 001 017 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ، 004 NUM 001 018 ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى. 004 NUM 001 019 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇسا سىناي چۆلىدە ئۇلارنى شۇنداق ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 004 NUM 001 020 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 021 رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 022 شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 023 شىمېئون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 024 گادنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 025 گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى بولدى. 004 NUM 001 026 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 027 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 028 ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 029 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 030 زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 031 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 032 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: — ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 033 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 034 [يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى] ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 035 ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 036 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 037 بىنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 038 داننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 039 دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 040 ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 041 ئاشىر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 042 نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 043 نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 001 044 يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن. 004 NUM 001 045 شۇنداق قىلىپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛ 004 NUM 001 046 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى. 004 NUM 001 047 بىراق لاۋىيلار ئاتا جەمەت-قەبىلىسى بويىچە ساناقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى. 004 NUM 001 048 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 001 049 «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن. 004 NUM 001 050 لېكىن سەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ] ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى ھەم ئۇنىڭغا دائىر بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن؛ ئۇلار [ئىبادەت] چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرىدۇ؛ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار شۇلار بولسۇن، ئۇلار چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكسۇن. 004 NUM 001 051 چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ [لاۋىيلارغا] يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 004 NUM 001 052 ئىسرائ‍ىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن. 004 NUM 001 053 بىراق [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» — دېگەنىدى. 004 NUM 001 054 ئىسرائىللار ئەنە شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئۇلار شۇنداق قىلدى. 004 NUM 002 001 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 002 002 ئىسرائ‍ىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن. 004 NUM 002 003 كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئۆز تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قىسمى بويىچە بارگاھ قۇرىدىغىنى يەھۇدابولسۇن؛ يەھۇدالارنىڭ ئەمىرى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولسۇن. 004 NUM 002 004 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى. 004 NUM 002 005 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن؛ ئىسساكارلارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولسۇن. 004 NUM 002 006 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى. 004 NUM 002 007 ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن؛ زەبۇلۇنلارنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولسۇن. 004 NUM 002 008 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى. 004 NUM 002 009 ئومۇمەن يەھۇدا بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشى؛ ئۇلار ئالدى بىلەن يولغا چىقسۇن. 004 NUM 002 010 — جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن. 004 NUM 002 011 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى. 004 NUM 002 012 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى شىمېئون قەبىلىسى بولسۇن؛ شىمېئونلارنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولسۇن. 004 NUM 002 013 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى. 004 NUM 002 014 ئۇلارنىڭ يېنىدا گاد قەبىلىسى بولسۇن؛ گادلارنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولسۇن. 004 NUM 002 015 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى. 004 NUM 002 016 رۇبەن بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشى؛ ئۇلار ئىككىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. 004 NUM 002 017 ئاندىن جامائەت چېدىرى بىلەن لاۋىيلارنىڭ بارگاھى باشقا بارگاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن؛ ئۇلار قانداق بارگاھ قۇرغان بولسا، شۇنداق يولغا چىقسۇن؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئورنىدا ئۆز تۇغى ئاستىدا بولسۇن. 004 NUM 002 018 — كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن. 004 NUM 002 019 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى. 004 NUM 002 020 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ماناسسەھ قەبىلىسى بولسۇن؛ ماناسسەھلەرنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولسۇن. 004 NUM 002 021 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى. 004 NUM 002 022 ئۇلارنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن؛ بىنيامىنلارنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولسۇن. 004 NUM 002 023 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى. 004 NUM 002 024 ئومۇمەن ئەفرائىم بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۈچىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. 004 NUM 002 025 — شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن. 004 NUM 002 026 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى. 004 NUM 002 027 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئاشىر قەبىلىسى بولسۇن؛ ئاشىرلارنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولسۇن. 004 NUM 002 028 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى. 004 NUM 002 029 ئۇلارنىڭ يېنىدا نافتالى قەبىلىسى بولسۇن؛ نافتالىلارنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولسۇن. 004 NUM 002 030 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى. 004 NUM 002 031 دان بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۆز تۇغلىرى ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە يولغا چىقسۇن. 004 NUM 002 032 يۇقىرىدىكىلەر ئۆز ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر؛ قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە بارگاھلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى. 004 NUM 002 033 بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى. 004 NUM 002 034 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى. 004 NUM 003 001 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. 004 NUM 003 002 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 004 NUM 003 003 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ [مۇسا] ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى. 004 NUM 003 004 لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 004 NUM 003 005 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 003 006 سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل. 004 NUM 003 007 ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. 004 NUM 003 008 ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. 004 NUM 003 009 سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. 004 NUM 003 010 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى. 004 NUM 003 011 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 003 012 — قارا، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. 004 NUM 003 013 چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 004 NUM 003 014 ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: — 004 NUM 003 015 — سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى. 004 NUM 003 016 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 004 NUM 003 017 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى. 004 NUM 003 018 گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. 004 NUM 003 019 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 004 NUM 003 020 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى. 004 NUM 003 021 گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 004 NUM 003 022 بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 003 023 گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛ 004 NUM 003 024 گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. 004 NUM 003 025 گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە، 004 NUM 003 026 شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى. 004 NUM 003 027 كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 004 NUM 003 028 بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى. 004 NUM 003 029 كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. 004 NUM 003 030 كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. 004 NUM 003 031 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى. 004 NUM 003 032 لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى. 004 NUM 003 033 مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى. 004 NUM 003 034 بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى. 004 NUM 003 035 مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. 004 NUM 003 036 مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، 004 NUM 003 037 شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى. 004 NUM 003 038 ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم [مۇقەددەس] جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى. 004 NUM 003 039 مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى. 004 NUM 003 040 پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. 004 NUM 003 041 سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. 004 NUM 003 042 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 004 NUM 003 043 بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى. 004 NUM 003 044 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 003 045 سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 004 NUM 003 046 ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛ 004 NUM 003 047 شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›. 004 NUM 003 048 ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر. 004 NUM 003 049 ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛ 004 NUM 003 050 ئۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى. 004 NUM 003 051 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى. 004 NUM 004 001 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 004 002 سەن لاۋىيلار ئىچىدىن ئاتا جەمەتى بويىچە كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزىملىغىن، 004 NUM 004 003 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ چىق. 004 NUM 004 004 كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بولىدۇ. 004 NUM 004 005 بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «[ئەڭ مۇقەددەس جاي]»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ 004 NUM 004 006 ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىنى دېلفىننىڭ تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە كۆك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزسۇن. 004 NUM 004 007 تەقدىم نان [تىزىلغان] شىرەگە كۆك بىر رەخت سېلىنىپ، ئۈستىگە لېگەن، تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەر تىزىپ قويۇلسۇن؛ شىرەدىمۇ «دائىمىي نان» تىزىلىپ تۇرىۋەرسۇن؛ 004 NUM 004 008 بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستى قىزىل رەخت بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، ئاندىن كۆتىرىدىغان بالداقلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلسۇن. 004 NUM 004 009 ئۇلار كۆك رەخت ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان بىلەن ئۈستىدىكى چىراغلارنى، پىلىك قىسقۇچلارنى، كۈلدانلارنى ۋە چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ماي قاچىلايدىغان قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن. 004 NUM 004 010 ئۇلار يەنە چىراغدان بىلەن چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان ھەممە قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. 004 NUM 004 011 ئالتۇن خۇشبۇيگاھقا كۆك بىر رەخت سېلىپ، يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرگۈچكە قوش بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 004 NUM 004 012 مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچىلارنى كۆك بىر رەخت بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن بىر ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. 004 NUM 004 013 ئۇلار قۇربانگاھنى كۈلىدىن تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېيىپ قويسۇن. 004 NUM 004 014 ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار —كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 004 NUM 004 015 پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. 004 NUM 004 016 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ مېيى، خۇشبۇي ئەتىر، دائىمىي تەقدىم قىلىنىدىغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن مەسىھلەش مېيىغا قاراش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، مۇقەددەس جاي ھەم مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا قاراشتىن ئىبارەت. 004 NUM 004 017 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 004 018 سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛ 004 NUM 004 019 بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلمەي، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇلار «ئەڭ مۇقەددەس» بۇيۇملارغا يېقىنلاشقان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسۇن؛ 004 NUM 004 020 ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 004 NUM 004 021 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 004 022 گەرشون ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەتى ۋە ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. 004 NUM 004 024 گەرشون ئائىلىلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 004 NUM 004 025 — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى، 004 NUM 004 026 ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تارتىلغان ھويلىدىكى پەردىلەر بىلەن كىرىش دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى، شۇلارغا خاس تانىلىرىنى ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرسۇن؛ بۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلسۇن. 004 NUM 004 027 گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىسى، يەنى ئۇلار كۆتۈرىدىغان ۋە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ نېمە كۆتۈرىدىغانلىقىنى سىلەر بەلگىلەپ بېرىڭلار. 004 NUM 004 028 گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان خىزمىتى شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. 004 NUM 004 029 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ، ئۇلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈز؛ 004 NUM 004 030 ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. 004 NUM 004 031 ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، 004 NUM 004 032 ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلار، ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇقلىرى، تانالىرى، بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ھەم شۇلارغا كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بولسۇن؛ ئۇلار كۆتۈرىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى نامىنى ئاتاپ بىر-بىرلەپ ھەر ئادەمگە كۆرسىتىپ بېرىڭلار. 004 NUM 004 033 مەرارى جەمەت-ئائىلىلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. 004 NUM 004 034 مۇسا بىلەن ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 004 NUM 004 036 ئۇلاردىن جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ چىقتى. 004 NUM 004 037 مۇشۇلار كوھات جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 004 NUM 004 038 گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ 004 NUM 004 040 ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولۇپ چىقتى. 004 NUM 004 041 مۇشۇلار گەرشون جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 004 NUM 004 042 مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ 004 NUM 004 044 ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولۇپ چىقتى. 004 NUM 004 045 مۇشۇلار مەرارى جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 004 NUM 004 046 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. 004 NUM 004 048 ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئادەم بولۇپ چىقتى. 004 NUM 004 049 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ھەركىم ئۆزى قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكىگە ئاساسەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك بولدى. 004 NUM 005 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 005 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى. 004 NUM 005 004 ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى. 004 NUM 005 005 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 005 006 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە، 004 NUM 005 007 ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن. 004 NUM 005 008 زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن. 004 NUM 005 009 شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. 004 NUM 005 010 ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن. 004 NUM 005 011 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 005 012 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، 004 NUM 005 013 — دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا، 004 NUM 005 014 — شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا› 004 NUM 005 015 ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر. 004 NUM 005 016 كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن. 004 NUM 005 017 كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن. 004 NUM 005 018 كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن. 004 NUM 005 019 كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن. 004 NUM 005 020 لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛ 004 NUM 005 021 ئاندىن كاھىن ئۇ خوتۇنغا قارغىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا: «ــ پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقىڭ ئىچىدە قارغىش ۋە قەسەم ئىچىش دەستىكىگە ئايلاندۇرسۇن؛ بۇ قارغىش سۈيى ئىچ-قارنىڭغا كىرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، يوتاڭنى يىگىلىتىۋەتسۇن» دېگەندە، ئۇ خوتۇن: «ئامىن، ئامىن» دېسۇن. 004 NUM 005 023 شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن، 004 NUM 005 024 ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ. 004 NUM 005 025 كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن. 004 NUM 005 026 كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن. 004 NUM 005 027 كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ. 004 NUM 005 028 لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. 004 NUM 005 029 مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا 004 NUM 005 030 ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن. 004 NUM 005 031 ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ. 004 NUM 006 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 006 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا، 004 NUM 006 003 ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن. 004 NUM 006 004 ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بارلىق كۈنلەردە، ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى، مەيلى ئۈزۈم ئۇرۇقى بولسۇن، پوستى بولسۇن، ئۇلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. 004 NUM 006 005 ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم دەپ قەسەم قىلغان كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلەر ئۆتۈپ بولمىغۇچە، ئۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك. 004 NUM 006 006 ئۇ قەسەم ئىچكەن بارلىق كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆلۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. 004 NUM 006 007 ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. 004 NUM 006 008 ئۆزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن بارلىق كۈنلەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن. 004 NUM 006 009 مۇبادا بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان بېشى بۇلغانغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنى ۋە كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىمۇ چېچىنى ئالدۇرسۇن. 004 NUM 006 010 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەكنى ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاھىنغا تاپشۇرسۇن. 004 NUM 006 011 كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالغان گۇناھىنى تىلەپ كافارەت قىلسۇن؛ نازارىي شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز بېشىنى قايتىدىن مۇقەددەس-پاك قىلسۇن، 004 NUM 006 012 ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى يېڭىۋاشتىن باشلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن؛ ئىلگىرىكى كۈنلىرى بولسا ئىناۋەتسىز ھېسابلانسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغا] ئاتىغان ھالىتى بۇلغانغان. 004 NUM 006 013 نازارىيلاردىن بىرى ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغىلا] ئاتىغان كۈنلەر توشقان كۈنىدە ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق: ــ كىشىلەر ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكەلسۇن؛ 004 NUM 006 014 ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق چىشى بېجىرىم بىر قوزىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوشقارنى كەلتۈرسۇن، 004 NUM 006 015 شۇنداقلا بىر سېۋەت پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ھەمدە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە شۇ قۇربانلىقلارنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن. 004 NUM 006 016 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ، نازارىينىڭ شۇ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن؛ 004 NUM 006 017 ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوشقارنى سۇنسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سېۋەت پېتىر ناننى سۇنسۇن؛ كاھىن شۇلار بىلەن تەڭ نازارىي قوشۇپ تەقدىم قىلغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ سۇنسۇن. 004 NUM 006 018 نازارىي جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقىغا بەلگە قىلىپ قويۇۋەتكەن چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنى ئېلىپ ئىناقلىق قۇربانلىقى ئاستىدىكى ئوتقا قويسۇن. 004 NUM 006 019 نازارىي شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا ئاتىغانلىق چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كاھىن قايناپ پىشىرىلغان قوشقارنىڭ بىر ئالدى قولىنى ھەم سېۋەتتىن بىر پېتىر نان بىلەن بىر پېتىر ھەمەك ناننى ئېلىپ كېلىپ نازارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن. 004 NUM 006 020 كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆرۈسۇن؛ بۇلار پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئالدى قول بىلەن قوشۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا بېرىلسۇن؛ ئاندىن كېيىن نازارىي شاراب ئىچسە بولىدۇ. 004 NUM 006 021 شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن. 004 NUM 006 022 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 006 023 سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: — 004 NUM 006 024 «پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي؛ 004 NUM 006 025 پەرۋەردىگار يۈزىنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە يورۇتۇپ، سىلەرگە شاپائەت قىلغاي؛ 004 NUM 006 026 پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، سىلەرگە خاتىرجەملىك بەرگەي!» ــ دەپ تىلەڭلار. 004 NUM 006 027 ئۇلار شۇنداق قىلىپ نامىمنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. 004 NUM 007 001 مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىگەن كۈنى، ئۇ چېدىرنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلار، قۇربانگاھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلىرىنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى؛ شۈ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولغان، قەبىلە ئەمىرلىرى كېلىپ ھەدىيەلەرنى سۇندى؛ شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىغا نازارەت قىلغۇچىلار ئىدى. 004 NUM 007 003 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى. 004 NUM 007 004 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ 004 NUM 007 005 جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، — دېدى. 004 NUM 007 006 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا بىلەن ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 004 NUM 007 007 ئۇ گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز بەردى. 004 NUM 007 008 مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارغا قارايتتى؛ 004 NUM 007 009 لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى. 004 NUM 007 010 قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا ئەمىرلەر سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇشتى. 004 NUM 007 011 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، — دېدى. 004 NUM 007 012 بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولدى. 004 NUM 007 013 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 014 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 015 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 016 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 017 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 018 ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئىسساكارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولدى. 004 NUM 007 019 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 020 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 021 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 022 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 023 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 024 ئۈچىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى زەبۇلۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولدى. 004 NUM 007 025 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 026 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 027 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 028 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 029 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 030 تۆتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى رۇبەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولدى. 004 NUM 007 031 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 032 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 033 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 034 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 035 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 036 بەشىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى شىمېئون ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولدى. 004 NUM 007 037 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 038 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 039 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 040 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 041 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 042 ئالتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى گاد ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولدى. 004 NUM 007 043 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 044 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 045 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 046 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 047 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 048 يەتتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولدى. 004 NUM 007 049 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 050 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 051 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 052 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 053 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 054 سەككىزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ماناسسەھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولدى. 004 NUM 007 055 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 056 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 057 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 058 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 059 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 060 توققۇزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى بېنيامىن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولدى. 004 NUM 007 061 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 062 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 063 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 064 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 065 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 066 ئونىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى دان ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولدى. 004 NUM 007 067 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 068 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 069 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 070 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 071 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 072 ئون بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولدى. 004 NUM 007 073 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 074 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 075 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 076 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 077 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 078 ئون ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى نافتالى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولدى. 004 NUM 007 079 ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 004 NUM 007 080 ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 004 NUM 007 081 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 004 NUM 007 082 گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 004 NUM 007 083 ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 004 NUM 007 084 قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: — جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى، 004 NUM 007 085 ھەربىر كۈمۈش لېگەننىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل، ھەربىر كۈمۈش داسنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل ئىدى؛ مۇشۇ قاچا-قۇچىغا كەتكەن كۈمۈش مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى؛ 004 NUM 007 086 خۇشبۇي بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتۇن پىيالە ئون ئىككى بولۇپ، مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، ھەربىر ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى ئون شەكەل چىقتى؛ بۇ ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ ئالتۇنى جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە شەكەل چىقتى؛ 004 NUM 007 087 كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: — جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛ 004 NUM 007 088 ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن سۇنۇلغىنى جەمئىي يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە، بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلىنىپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا مۇشۇلار. 004 NUM 007 089 مۇسا [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى. 004 NUM 008 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 008 002 سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى. 004 NUM 008 003 ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. 004 NUM 008 004 چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى. 004 NUM 008 005 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 008 006 سەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن. 004 NUM 008 007 ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كافارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن. 004 NUM 008 008 ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر. 004 NUM 008 009 سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛ 004 NUM 008 010 لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. 004 NUM 008 011 ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن. 004 NUM 008 012 لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن. 004 NUM 008 013 سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل. 004 NUM 008 014 لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائ‍ىللاردىن ئايرىپ چىق. 004 NUM 008 015 ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل. 004 NUM 008 016 چۈنكى ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر. 004 NUM 008 017 چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم. 004 NUM 008 018 مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر. 004 NUM 008 019 ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم. 004 NUM 008 020 مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائ‍ىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 004 NUM 008 021 لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى [گۇناھتىن] پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت قىلدى. 004 NUM 008 022 ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى. 004 NUM 008 023 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 008 024 لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛ 004 NUM 008 025 ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛ 004 NUM 008 026 لېكىن ئۇلار جامائەت چېدىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما چېدىردىكى رەسمىي ۋەزىپىدە بولمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئەنە شۇنداق قىل. 004 NUM 009 001 مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ: — 004 NUM 009 002 ئىسرائ‍ىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛ 004 NUM 009 003 يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. 004 NUM 009 004 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. 004 NUM 009 005 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى. 004 NUM 009 006 بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: — 004 NUM 009 007 بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى. 004 NUM 009 008 — توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا. 004 NUM 009 009 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 009 010 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. 004 NUM 009 011 ئۇنداق كىشىلەر ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن؛ [ھېيت تائامىنى] پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېسۇن؛ 004 NUM 009 012 ئۇلاردىن ئەتىگە ئازراقمۇ قالدۇرمىسۇن ۋە [قوزىسىنىڭ] ئۇستىخانلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ سۇندۇرغۇچى بولمىسۇن؛ ئۇلار ھېيتنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. 004 NUM 009 013 ھالبۇكى، پاك بولغان، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەمما ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئېتىبار بەرمىگەن كىشى بولسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنىنى سۇنمىغانلىق ىۈچۈن، ئۇ ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 004 NUM 009 014 ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن. 004 NUM 009 015 ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى. 004 NUM 009 016 دائىم شۇنداق بولاتتى؛ [كۈندۈزى] بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى. 004 NUM 009 017 قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى. 004 NUM 009 018 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى. 004 NUM 009 019 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائ‍ىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛ 004 NUM 009 020 مۇبادا بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ ۋاقىتتا بارگاھ قۇرۇپ ياتاتتى، ئاندىن يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەرگە ئاتلىناتتى. 004 NUM 009 021 ۋە مۇبادا بۇلۇت پەقەتلا كەچتىن ئەتىگەنگىچە توختاپ، ئەتتىگەندە بۇلۇت يەنە كۆتۈرۈلسە، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى؛ مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار سەپەرگە چىقاتتى. 004 NUM 009 022 بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. 004 NUM 009 023 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار بارگاھ قۇراتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن ئەمرى بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتاتتى. 004 NUM 010 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 010 002 سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 004 NUM 010 003 ئىككى كاناي چېلىنغاندا پۈتكۈل جامائەت سېنىڭ يېنىڭغا جامائەت چېدىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغان بولسۇن. 004 NUM 010 004 ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن. 004 NUM 010 005 سىلەر قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا كۈن چىقىش تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن. 004 NUM 010 006 ئاندىن سىلەر ئىككىنچى قېتىم قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا جەنۇب تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن؛ ئۇلار يولغا چىققان چاغدا كاناي قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىنىشى كېرەكتۇر. 004 NUM 010 007 جامائەتنى يىغىلىشقا چاقىرىدىغان چاغدا، كاناي چېلىڭلار، ئەمما قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالماڭلار؛ 004 NUM 010 008 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى، كاھىن بولغانلار كانايلارنى چالسۇن؛ بۇلار سىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولسۇن. 004 NUM 010 009 ئەگەر سىلەر ئۆز زېمىنىڭلاردا سىلەرگە زۇلۇم سالغان دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقساڭلار، قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلىسىلەر. 004 NUM 010 010 بۇنىڭدىن باشقا، خۇشال كۈنلىرىڭلاردا، بېكىتىلگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە، سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغىنىڭلاردا، قۇربانلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن [كانايلار] سىلەرنى خۇدايىڭلارغا ئەسلەتكۈچى بولىدۇ؛ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 004 NUM 010 011 ئىككىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى بۇلۇت ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى؛ 004 NUM 010 012 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى. 004 NUM 010 013 بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. 004 NUM 010 014 يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى. 004 NUM 010 015 ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى. 004 NUM 010 016 زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى. 004 NUM 010 017 ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. 004 NUM 010 018 رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى. 004 NUM 010 019 شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى. 004 NUM 010 020 گاد قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. 004 NUM 010 021 ئاندىن كوھاتلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى؛ ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت چېدىرىنى [كۆتۈرگۈچىلەر] كېلىپ ئۇنى تىكلەپ قويۇشقانىدى. 004 NUM 010 022 ئەفرائىم بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئىدى. 004 NUM 010 023 ماناسسەھ قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل ئىدى. 004 NUM 010 024 بىنيامىن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئىدى. 004 NUM 010 025 دان بارگاھى ھەممە بارگاھلارنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر ئىدى. 004 NUM 010 026 ئاشىر قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل ئىدى. 004 NUM 010 027 نافتالى قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا ئىدى. 004 NUM 010 028 بۇلار ئىسرائ‍ىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى. 004 NUM 010 029 مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: — بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، — دېدى. 004 NUM 010 030 لېكىن ھوباب مۇساغا: — ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، — دېدى. 004 NUM 010 031 مۇسا ئۇنىڭغا: بىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسىلە؛ چۈنكى سىلى چۆلدە قانداق بارگاھ قۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىلا، سىلى بىزگە كۆز بولۇپ بەرسىلە. 004 NUM 010 032 شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! — دېدى. 004 NUM 010 033 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى. 004 NUM 010 034 ئۇلار چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىدىغان چاغلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولاتتى. 004 NUM 010 035 ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى. 004 NUM 010 036 ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى. 004 NUM 011 001 ۋە شۇنداق بولدىكى، خەلق غوتۇلدىشاتتى، ئۇلارنىڭ غوتۇلداشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئىنتايىن رەزىل ئاڭلاندى؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوت-يالقۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇتىشىپ، بارگاھنىڭ چېتىدىكى بەزىلەرنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. 004 NUM 011 002 خەلق بۇ چاغدا مۇساغا يالۋۇرىۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگاردىن تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسىيىپ ئۆچتى. 004 NUM 011 003 پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇ يەرگە «تابەراھ» دەپ ئات قويدى. 004 NUM 011 004 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائ‍ىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟ 004 NUM 011 005 ھېلىمۇ ئېسىمىزدىكى، بىز مىسىردىكى چاغلاردا پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ بېلىق يېيەلەيتتۇق، يەنە تەرخەمەك، تاۋۇز، پىياز ۋە كۈدە پىياز بىلەن سامساقمۇ بار ئىدى. 004 NUM 011 006 مانا بۇ يەردە ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ماننادىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئەمدى بىزنىڭ جېنىمىزمۇ قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى. 004 NUM 011 007 ماننا گويا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىغا، كۆرۈنۈشى گويا كەھرىۋاغا ئوخشايتتى. 004 NUM 011 008 كىشىلەر ئۇيان-بۇيان چېپىپ ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا ئېزىپ، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، يا بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيتتى؛ تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى. 004 NUM 011 009 كېچىدە بارگاھقا شەبنەم چۈشكەندە، ماننامۇ شۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى. 004 NUM 011 010 مۇسا خەلقنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىغا-زار قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى؛ بۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى، بۇ ئىش مۇسانىڭ نەزىرىدىمۇ يامان كۆرۈندى. 004 NUM 011 011 مۇسا پەرۋەردىگارغا: — سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟ 004 NUM 011 012 يا مەن بۇ پۈتۈن خەلققە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇلارنى تۇغدۇممۇ؟ سەن تېخى ماڭا: «سەن ئۇلارنى مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلغان شۇ يەرگە يەتكۈزگۈچە، خۇددى باققان ئاتىسى ئەمچەكتىكى بوۋاقنى باغرىغا ئالغاندەك باغرىڭغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭ» دەۋاتىسەن؟ 004 NUM 011 013 مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە. 004 NUM 011 014 مەن بۇ خەلقنى كۆتۈرۈشنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. 004 NUM 011 015 ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! — دېدى. 004 NUM 011 016 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن. 004 NUM 011 017 مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ سېنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن؛ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بۆلۈپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن بىلەن بىللە خەلقنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن سەن ئۇنى ئۆزۈڭ يالغۇز كۆتۈرمەيدىغان بولىسەن. 004 NUM 011 018 سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. 004 NUM 011 019 سىلەر بىر كۈن، ئىككى كۈن ئەمەس، بەش كۈن، ئون كۈن ئەمەس، يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، 004 NUM 011 020 بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار». 004 NUM 011 021 مۇسا: — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛ 004 NUM 011 022 ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى. 004 NUM 011 023 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى. 004 NUM 011 024 شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. 004 NUM 011 025 ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. 004 NUM 011 026 لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. 004 NUM 011 027 ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: — ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى. 004 NUM 011 028 مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: — ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى. 004 NUM 011 029 لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى. 004 NUM 011 030 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى. 004 NUM 011 031 ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى. 004 NUM 011 032 خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى. 004 NUM 011 033 ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى. 004 NUM 011 034 شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى. 004 NUM 011 035 كېيىن خەلق قىبروت-ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى. 004 NUM 012 001 مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›. 004 NUM 012 002 ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. 004 NUM 012 003 مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. 004 NUM 012 004 پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى. 004 NUM 012 005 ئاندىن پەرۋەردىگار [ئەرشتىن] بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى. 004 NUM 012 006 ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. 004 NUM 012 007 لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ 004 NUM 012 008 مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى. 004 NUM 012 009 پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى. 004 NUM 012 010 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. 004 NUM 012 011 ھارۇن مۇساغا: — ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. 004 NUM 012 012 ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى. 004 NUM 012 013 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى. 004 NUM 012 014 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى. 004 NUM 012 015 شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. 004 NUM 012 016 ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى. 004 NUM 013 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 013 002 مەن ئىسرائ‍ىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى. 004 NUM 013 003 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. 004 NUM 013 004 تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا، 004 NUM 013 005 شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات، 004 NUM 013 006 يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب، 004 NUM 013 007 ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال، 004 NUM 013 008 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا، 004 NUM 013 009 بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى، 004 NUM 013 010 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل، 004 NUM 013 011 يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى، 004 NUM 013 012 دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل، 004 NUM 013 013 ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر، 004 NUM 013 014 نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى، 004 NUM 013 015 گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل. 004 NUM 013 016 مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى. 004 NUM 013 017 مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار. 004 NUM 013 018 ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛ 004 NUM 013 019 ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛ 004 NUM 013 020 ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى. 004 NUM 013 021 ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى. 004 NUM 013 022 ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى. 004 NUM 013 023 ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى. 004 NUM 013 024 ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«[ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى]»› دەپ ئاتالدى. 004 NUM 013 025 ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى. 004 NUM 013 026 ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. 004 NUM 013 027 ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. 004 NUM 013 028 بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. 004 NUM 013 029 ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى. 004 NUM 013 030 كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى. 004 NUM 013 031 لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى. 004 NUM 013 032 ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن. 004 NUM 013 033 بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن [گىگانت] ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى. 004 NUM 014 001 شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى. 004 NUM 014 002 ئىسرائ‍ىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! 004 NUM 014 003 پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، [دۈشمەننىڭ] ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دەپ غوتۇلداشتى. 004 NUM 014 004 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى. 004 NUM 014 005 مۇسا بىلەن ھارۇن پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتتى. 004 NUM 014 006 شۇ يەرنى چارلاپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب كىيىملىرىنى يىرتىپ، 004 NUM 014 007 پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: — بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن. 004 NUM 014 008 ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. 004 NUM 014 009 سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى. 004 NUM 014 010 ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارغا ئايان بولدى. 004 NUM 014 011 پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟ 004 NUM 014 012 مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى. 004 NUM 014 013 مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: — «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛ 004 NUM 014 014 ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى. 004 NUM 014 015 ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى: 004 NUM 014 016 «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ. 004 NUM 014 017 ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ: 004 NUM 014 018 «پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن. 004 NUM 014 019 مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!». 004 NUM 014 020 پەرۋەردىگار: — «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم. 004 NUM 014 021 لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ. 004 NUM 014 022 ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار، 004 NUM 014 023 مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىمەن دېگەن ئۇ زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ؛ مېنى مەنسىتمىگەنلەردىن بىرىمۇ ئۇ يۇرتنى كۆرەلمەيدۇ. 004 NUM 014 024 لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ. 004 NUM 014 025 ‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار [تاغلىق] جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى. 004 NUM 014 026 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 004 NUM 014 027 — مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ [توختاۋسىز] غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. 004 NUM 014 028 سەن ئۇلارغا: — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام! 004 NUM 014 029 سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە 004 NUM 014 030 سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ [قەسەم قىلىپ]، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ. 004 NUM 014 031 سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ. 004 NUM 014 032 بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ. 004 NUM 014 033 سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. 004 NUM 014 034 سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن. 004 NUM 014 035 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ. 004 NUM 014 036 مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار، 004 NUM 014 037 يەنى ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئەكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋابا كېسىلى تېگىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 004 NUM 014 038 زېمىننى چارلاپ كېلىشكە بارغان ئادەملەر ئىچىدىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبلا ھايات قالدى. 004 NUM 014 039 مۇسا بۇ گەپلەرنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە ئېيتىۋىدى، ھەممىسى بەك ھەسرەت چەكتى. 004 NUM 014 040 ئۇلار ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا تۇرۇپ تاغقا چىقىپ: — مانا بىز كەلدۇق! پەرۋەردىگار ئېيتقان يۇرتقا چىقىپ ھۇجۇم قىلايلى؛ چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، — دېيىشتى. 004 NUM 014 041 — سىلەر يەنە نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ — دېدى مۇسا، — بۇ ئىش غەلىبىلىك بولمايدۇ! 004 NUM 014 042 پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا بولمىغاچقا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇمغا چىقماڭلار. 004 NUM 014 043 چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ. 004 NUM 014 044 لېكىن، گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە مۇسا بارگاھتىن قوزغالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز مەيلىچە تاغقا چىقىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. 004 NUM 014 045 شۇنىڭ بىلەن ئامالەكلەر بىلەن شۇ تاغدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلار چۈشۈپ ئۇلارنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، بىتچىت قىلىپ قىرغىن قىلدى. 004 NUM 015 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 015 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا، 004 NUM 015 003 ئەگەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي بولسۇن دەپ بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، قۇربانلىق كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن بولسۇن. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، قەسەمنى ئادا قىلىش قۇربانلىقى بولسۇن، ئىختىيارىي قۇربانلىق ياكى سىلەرگە بېكىتىلگەن ھېيتلاردىكى زۆرۈر قۇربانلىق بولسۇن، 004 NUM 015 004 قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىنىغا بىر ئاشلىق ھەدىيەسىنى قوشۇپ كەلتۈرسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قوزا بولسا، ئۇنداقتا ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى بولسۇن؛ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن. 004 NUM 015 006 قۇربانلىقىڭ قوچقار بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۈچتىن بىر ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى بولسۇن 004 NUM 015 007 ۋە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. 004 NUM 015 008 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ياكى قەسەم ئادا قىلىش قۇربانلىقى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە تورپاق ئاتىغان بولساڭ، 004 NUM 015 009 ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى، 004 NUM 015 010 شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن. 004 NUM 015 011 ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن. 004 NUM 015 012 سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر. 004 NUM 015 013 شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن. 004 NUM 015 014 شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. 004 NUM 015 015 پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ-دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر. 004 NUM 015 016 سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن. 004 NUM 015 017 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 015 018 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا، 004 NUM 015 019 شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار. 004 NUM 015 020 سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن. 004 NUM 015 021 دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 004 NUM 015 022 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، 004 NUM 015 023 يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، 004 NUM 015 024 جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە-نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 004 NUM 015 025 شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان. 004 NUM 015 026 بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر. 004 NUM 015 027 ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 004 NUM 015 028 كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 004 NUM 015 029 بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائ‍ىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 004 NUM 015 030 لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 004 NUM 015 031 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 004 NUM 015 032 ئىسرائ‍ىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى. 004 NUM 015 033 ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلار ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 004 NUM 015 034 ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تېخى كۆرسىتىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇنى قاماپ قويدى. 004 NUM 015 035 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى. 004 NUM 015 036 ئاندىن پۈتۈن جامائەت ئۇ ئادەمنى بارگاھ سىرتىغا ئەپچىقىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 004 NUM 015 037 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 015 038 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛ 004 NUM 015 039 بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار، 004 NUM 015 040 مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن. 004 NUM 015 041 مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن. 004 NUM 016 001 لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون 004 NUM 016 002 ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. 004 NUM 016 003 ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى. 004 NUM 016 004 مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 004 NUM 016 006 سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ 004 NUM 016 007 ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. 004 NUM 016 008 مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 004 NUM 016 009 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟ 004 NUM 016 011 شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. 004 NUM 016 012 مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز! 004 NUM 016 013 سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ 004 NUM 016 014 ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى. 004 NUM 016 015 بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى. 004 NUM 016 016 مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. 004 NUM 016 017 ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى. 004 NUM 016 018 شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. 004 NUM 016 019 كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. 004 NUM 016 020 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 016 021 سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، 004 NUM 016 022 مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى. 004 NUM 016 023 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 016 024 سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. 004 NUM 016 025 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 004 NUM 016 026 مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى. 004 NUM 016 027 شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. 004 NUM 016 028 مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: 004 NUM 016 029 — ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. 004 NUM 016 030 ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. 004 NUM 016 031 مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. 004 NUM 016 032 يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى. 004 NUM 016 033 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. 004 NUM 016 034 ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. 004 NUM 016 035 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى. 004 NUM 016 036 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 016 037 سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ 004 NUM 016 038 شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. 004 NUM 016 039 شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. 004 NUM 016 040 شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. 004 NUM 016 041 ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. 004 NUM 016 042 ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. 004 NUM 016 043 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. 004 NUM 016 044 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 016 045 مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. 004 NUM 016 046 مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. 004 NUM 016 047 ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. 004 NUM 016 048 ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. 004 NUM 016 049 كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. 004 NUM 016 050 ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى. 004 NUM 017 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 017 002 «سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن. 004 NUM 017 003 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ھاسىسىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن، چۈنكى ھەربىر ئاتا جەمەت قەبىلە باشلىقى ئۈچۈن بىر ھاسا ۋەكىل بولىدۇ. 004 NUM 017 004 سەن بۇ ھاسىلارنى جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئالدىغا، يەنى مەن سېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرگە قويغىن. 004 NUM 017 005 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». 004 NUM 017 006 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 004 NUM 017 007 مۇسا ھاسىلارنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا ئەكىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى. 004 NUM 017 008 ۋە شۇنداق بولدىكى، مۇسا ئەتىسى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا كىرىۋىدى، مانا، لاۋىي جەمەتىگە ۋەكىل بولغان ھارۇننىڭ ھاسىسى بىخ سۈرۈپ، غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ، بادام چۈشكەنىدى. 004 NUM 017 009 مۇسا ھاسىلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ھەركىم ئۆز ھاسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. 004 NUM 017 010 پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى. 004 NUM 017 011 مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۆزىگە قانداق بۇيرۇغان بولسا ئۇ شۇنداق قىلدى. 004 NUM 017 012 ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق! 004 NUM 017 013 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقانلار ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز مۇتلەق نەپەستىن قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ — دېيىشتى. 004 NUM 018 001 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭدىكىلەر سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى، شۇنىڭدەك سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر. 004 NUM 018 002 سەن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەرنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشتۈر ھەم ئۇلارنى خىزمىتىڭنى قىلىشى ئۈچۈن باشلاپ ئېلىپ كەل؛ بىراق سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئالدىدا خىزمەتلەرنى قىلسۇن. 004 NUM 018 003 ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر. 004 NUM 018 004 ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەپ، قىلىدىغان ھەربىر ئىشىنى قىلسۇن؛ پەقەتلا ھېچ يات كىشىلەر سىلەرگە يېقىنلاشمىسۇن. 004 NUM 018 005 قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائ‍ىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار. 004 NUM 018 006 مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان. 004 NUM 018 007 لېكىن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپەڭلەردە تۇرۇپ، قۇربانگاھتىكى بارلىق ئىشلارنى ھەم پەردە ئىچىدىكى ئىشلارنى بېجىرىڭلار؛ سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەر شۇنداق بولسۇن. كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى، خىزمىتىمدە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە سوۋغا قىلىپ بەردىم؛ يات ئادەملەر يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈۋېتىلسۇن. 004 NUM 018 008 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. 004 NUM 018 009 ئىسرائ‍ىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ. 004 NUM 018 010 سەن شۇ [ئۈلۈشۈڭنى] «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن، سىلەردىن بولغان ھەربىر ئەر كىشى ئۇنى يېسۇن؛ ئۇ ساڭا «ئەڭ مۇقەددەس» دەپ بىلىنسۇن. 004 NUM 018 011 مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائ‍ىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. 004 NUM 018 012 زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم. 004 NUM 018 013 ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. 004 NUM 018 014 ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ. 004 NUM 018 015 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ-چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن. 004 NUM 018 016 تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال. 004 NUM 018 017 پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن. 004 NUM 018 018 ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ. 004 NUM 018 019 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ. 004 NUM 018 020 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — [ئىسرائىل] زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن. 004 NUM 018 021 لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. 004 NUM 018 022 بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائ‍ىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. 004 NUM 018 023 جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ. 004 NUM 018 024 چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم. 004 NUM 018 025 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 018 026 سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 004 NUM 018 027 بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ. 004 NUM 018 028 بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار. 004 NUM 018 029 سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار». 004 NUM 018 030 شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. 004 NUM 018 031 شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ 004 NUM 018 032 سىلەر [شۇ ئۈلۈشلەردىن] ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائ‍ىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر». 004 NUM 019 001 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 019 002 مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. 004 NUM 019 003 سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. 004 NUM 019 004 كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن. 004 NUM 019 005 ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن. 004 NUM 019 006 كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن. 004 NUM 019 007 ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 004 NUM 019 008 سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 004 NUM 019 009 پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر. 004 NUM 019 010 سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. 004 NUM 019 011 ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 012 ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى [ئاشۇ سۇ] بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ. 004 NUM 019 013 ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ. 004 NUM 019 014 ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 015 ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 016 شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 017 كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن. 004 NUM 019 018 ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن. 004 NUM 019 019 ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم [پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ] ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 020 لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ. 004 NUM 019 021 بۇ ئىسرائ‍ىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 004 NUM 019 022 ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 004 NUM 020 001 بىرىنچى ئاينىڭ ئىچىدە ئىسرائ‍ىللار، يەنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى زىن چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، قادەشتە تۇرۇپ قالدى؛ مەريەم شۇ يەردە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. 004 NUM 020 002 جامائەتكە ئىچىدىغانغا سۇ يوق ئىدى، ئۇلار يىغىلىپ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى. 004 NUM 020 003 خەلق مۇسا بىلەن تەگىشىپ: —قېرىنداشلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن چاغدا بىزمۇ بىللە ئۆلسەك بوپتىكەن! 004 NUM 020 004 سىلەر نېمە ئۈچۈن بىز ۋە چارپايلىرىمىزنى بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنى بۇ چۆل-جەزىرىگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ 004 NUM 020 005 سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ بۇنداق دەھشەتلىك يەرگە ئەكەلدىڭلار؟ بۇ يەردە يا تېرىقچىلىق قىلغىلى يەر بولمىسا، يا ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئانار بولمىسا، ئىچىدىغانغا سۇمۇ بولمىسا، — دېيىشتى. 004 NUM 020 006 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ دۈم يىقىلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئۇ ئىككىسىگە ئايان بولدى. 004 NUM 020 007 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 020 008 ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن. 004 NUM 020 009 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى. 004 NUM 020 010 مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى. 004 NUM 020 011 ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى. 004 NUM 020 012 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى. 004 NUM 020 013 سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. 004 NUM 020 014 مۇسا قادەشتىن ئېدوم پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «قېرىنداشلىرى ئىسرائىل مۇنداق دەيدۇ: — بىز تارتىۋاتقان جەبر-جاپالارنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم، 004 NUM 020 015 بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا چۈشكەن بولۇپ، بىز مىسىردا ئۇزاق زامان تۇرۇپ كەتتۇق؛ مىسىرلىقلار بىزگىمۇ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يامان مۇئامىلە قىلدى؛ 004 NUM 020 016 بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز. 004 NUM 020 017 ئەمدى بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا، بىز ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلاردىن ئۆتمەيمىز، قۇدۇقلىرىڭلادىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ «خان يولى» بىلەن مېڭىپ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئوڭ-سولغا بۇرۇلمايمىز» — دېدى. 004 NUM 020 018 لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى. 004 NUM 020 019 ئىسرائ‍ىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى، 004 NUM 020 020 ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم [پادىشاھى] ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائ‍ىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى. 004 NUM 020 021 شۇنداق قىلىپ ئېدوملار ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ئەنە شۇ يوسۇندا يول قويمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئېدوملارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى. 004 NUM 020 022 ئۇلار قادەشتىن يولغا چىقتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ھور تېغىغا كەلدى. 004 NUM 020 023 پەرۋەردىگار ئېدومنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 020 024 ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ. 004 NUM 020 025 سەن ھارۇن بىلەن ئوغلى ئەلىئازارنى ئېلىپ ھور تېغىغا چىققىن؛ 004 NUM 020 026 ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قوي؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلۈپ، ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلىدۇ. 004 NUM 020 027 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۈچەيلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. 004 NUM 020 028 مۇسا ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قويدى؛ ھارۇن تاغنىڭ چوققىسىدا ئۆلدى. ئاندىن مۇسا بىلەن ئەلىئازار تاغدىن چۈشۈپ كەلدى. 004 NUM 020 029 پۈتكۈل جامائەت ھارۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى ھارۇن ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ماتەم تۇتتى. 004 NUM 021 001 جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى. 004 NUM 021 002 ئاندىن ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى. 004 NUM 021 003 پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى. 004 NUM 021 004 ئۇلار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىز بويىدىكى يولنى بويلاپ ماڭدى؛ خەلق مۇشۇ يول سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تولىمۇ تاقەتسىز بولۇپ، 004 NUM 021 005 خۇداغا ۋە مۇساغا قارشى چىقىپ: — سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى چۆل-جەزىرىدە ئۆلسۇن دەپ مىسىر زېمىنىدىن باشلاپ چىققانسىلەر؟ بۇ يەردە يا ئاشلىق، يا سۇ يوق، كۆڭلىمىز بۇ ئەرزىمەس نانلاردىن بىزار بولدى، دېيىشتى. 004 NUM 021 006 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائ‍ىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. 004 NUM 021 007 خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 004 NUM 021 008 پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ شەكلىنى ياساپ خادىغا ئېسىپ قويغىن؛ يىلان چېقىۋالغان ھەربىرى ئۇنىڭغا قارىسىلا قايتا ھاياتقا ئېرىشىدۇ، — دېدى. 004 NUM 021 009 مۇسا مىستىن بىر يىلان ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويدى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يىلان بىركىمنى چېقىۋالغان بولسا، ئۇ بۇ مىس يىلانغا قارىسىلا، ئۇلار ھايات قالدى. 004 NUM 021 010 ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 021 011 يەنە ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئاب زېمىنىنىڭ ئۇدۇلىدا كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئىيە-ئىبارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 021 012 ئۇلار يەنە ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ زەرەد جىلغىسىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 021 013 يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېتىدىن چىقىپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ، ئېقىپ تۇرغان ئارنون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا چېدىر تىكتى ‹چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابىيلارنىڭ چېگرىسى بولۇپ، موئابىيلار بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 004 NUM 021 014 شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›. 004 NUM 021 016 [ئىسرائ‍ىللار] يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ بەئەرگە كەلدى؛ «[بەئەر]» قۇدۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنى يىغ، مەن ئۇلارغا ئىچىدىغان سۇ بېرەي» دېگەندە شۇ قۇدۇقنى كۆزدە تۇتقان. 004 NUM 021 017 شۇ چاغدا ئىسرائ‍ىللار مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقان: — «ئاھ قۇدۇق، چىقسۇن سۈيۈڭ بۇلدۇقلاپ، ناخشا ئېيتىڭلار، قۇدۇققا بېغىشلاپ: 004 NUM 021 018 بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر، خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن، ھاسىلىرى بىلەن قازغان». ئىسرائ‍ىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا، 004 NUM 021 019 ماتتاناھتىن ناھالىيەلگە، ناھالىيەلدىن باموتقا، 004 NUM 021 020 باموتتىن موئاب دالاسىدىكى جىلغىغا، يەنە چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ تۇرغان پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ باردى. 004 NUM 021 021 ئىسرائ‍ىللار ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: 004 NUM 021 022 — بىزنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزگە ئىجازەت بەرگەيلا؛ بىز سىلىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىغا كىرمەيمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ تەۋەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە «خان يولى»دىن چىقمايمىز، — دېدى. 004 NUM 021 023 سىھون ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز چېگرىسىدىن ئۆتكىلى قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئىسرائ‍ىللار بىلەن سوقۇشىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارلىق خەلقىنى يىغىپ چۆلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ ياھازغا كېلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. 004 NUM 021 024 ئىسرائ‍ىللار ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئارنون دەرياسىدىن ياببوك دەرياسىغىچە، يەنى ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى؛ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا بەك مۇستەھكەم ئىدى. 004 NUM 021 025 ئىسرائ‍ىللار بۇ يەردىكى ھەممە شەھەرنى ئىگىلىدى ھەم ئامورىيلارنىڭ شەھەرلىرىگە، يەنى ھەشبونغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى. 004 NUM 021 026 چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى. 004 NUM 021 027 شۇ سەۋەبتىن شائىرلار: — «ھەشبونغا كېلىڭلار! مانا سىھوننىڭ شەھىرى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلسۇن، سىھوننىڭ شەھىرى مەھكەم قىلىنسۇن. 004 NUM 021 028 چۈنكى ھەشبوننىڭ ئۆزىدىن چىقتى بىر ئوت، سىھوننىڭ شەھىرىدىن بىر يالقۇن يالقۇنلاپ، يۇتۇۋەتتى موئابتىكى ئار شەھىرىنى، ئارنوندىكى ئېگىز جايلارنىڭ ئەمىرلىرىنى. 004 NUM 021 029 ۋاي ساڭا ئەي موئاب! ھەي كېموشنىڭ ئۈممىتى، تۈگەشتىڭلار! چۈنكى [كېموش] ئۆز ئوغۇللىرىنى قاچقۇنغا ئايلاندۇردى، قىزلىرىنى ئەسىرلىككە بېرىپ، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا تۇتۇپ بەردى! 004 NUM 021 030 بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى. 004 NUM 021 031 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى. 004 NUM 021 032 مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئامورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى. 004 NUM 021 033 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائ‍ىللار بۇرۇلۇپ، باشاننىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى چىقىپ ئەدرەيدە ئىسرائ‍ىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ تۈزدى. 004 NUM 021 034 پەرۋەردىگار مۇساغا: — قورقما، مەن ئۇنى، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ھەم زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ سەن ئۇنى ئىلگىرى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغاندەك قىلىسەن، — دېدى. 004 NUM 021 035 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەم بارلىق خەلقىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. 004 NUM 022 001 ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 022 002 ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئامورىيلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق كۆرۈپ تۇرغانىدى. 004 NUM 022 003 موئابلار خەلقتىن ئىنتايىن قورقۇشتى، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ ئىدى؛ موئابىيلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ سەۋەبىدىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. 004 NUM 022 004 موئابىيلار مىدىيان ئاقساقاللىرىغا: «بۇ بىر توپ ئادەم ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى، خۇددى كالا ئېتىزدىكى ئوتنى يالمىغاندەك يالماپ يەپ كېتىدىغان بولدى» — دېيىشتى. ئۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى. 004 NUM 022 005 ئۇ ئەلچىلەرنى بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئالدىغا، بالائامنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇلۇغ دەريا بويىدىكى پېتور شەھىرىگە بېرىپ، بالائامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ: پادىشاھىمىز: — «قارىسىلا، بىر خەلق مىسىردىن چىققانىدى؛ مانا، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى، مانا ئۇلار بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ چۈشتى. 004 NUM 022 006 ئۇلار مېنىڭدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمدى ئۆزلىرى كېلىپ بۇ خەلقنى مەن ئۈچۈن بىر قارغاپ بەرگەن بولسىلا؛ بەلكىم مەن ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىشىم مۇمكىن؛ چۈنكى ئۆزلىرى كىمگە بەخت تىلىسىلە شۇنىڭ بەخت قۇچىدىغانلىقىنى، كىمنى قارغىسىلا، شۇنىڭ قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دەيدۇ، دەڭلار، — دېدى. 004 NUM 022 007 موئابنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مىدىياننىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىدا پال سېلىش ئىنئاملىرىنى ئېلىپ ماڭدى؛ ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالاقنىڭ گەپلىرىنى يەتكۈزدى. 004 NUM 022 008 بالائام ئۇلارغا: — بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى بويىچە سىلەرگە جاۋاپ يەتكۈزىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن موئابنىڭ شۇ ئەمىرلىرى بالائامنىڭكىدە قونۇپ قالدى. 004 NUM 022 009 خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ: — سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ئادەملەر كىم؟ — دېۋىدى، 004 NUM 022 010 بالائام خۇداغا: — موئاب پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ماڭا: 004 NUM 022 011 «قارىسىلا، مىسىردىن بىر خەلق چىققانىدى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى؛ بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاپ بەرسىلە، شۇنداق قىلسىلا بەلكىم ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلىشىم مۇمكىن» — دېدى، — دېدى. 004 NUM 022 012 خۇدا بالائامغا: سەن ئۇلار بىلەن بىللە بارساڭ بولمايدۇ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغان، — دېدى. 004 NUM 022 013 بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: — سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى، — دېدى. 004 NUM 022 014 موئابنىڭ ئەمەلدارلىرى قوپۇپ بالاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بالائام بىز بىلەن بىللە كېلىشكە ئۇنىمىدى، — دېدى. 004 NUM 022 015 شۇنىڭ بىلەن بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۆتىۋەر ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى، 004 NUM 022 016 ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛ 004 NUM 022 017 چۈنكى مەن ئۆزلىرىنى زور شان-شۆھرەتكە ئېگە قىلىمەن؛ نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن؛ شۇڭا ماڭا ئەشۇ خەلقنى قارغاپ بەرسىلىلا بولىدۇ»، — دېدى. 004 NUM 022 018 بالائام بالاقنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋابەن: — بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش قىلاي، خۇدايىم پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بۇيرۇغانلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمەن. 004 NUM 022 019 سىلەرمۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، پەرۋەردىگار يەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدا ماڭا نېمە دەيدىكىن، شۇنى بىلەي، — دېدى. 004 NUM 022 020 شۇ كېچىسى خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ ئۇنىڭغا: — ئۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن، لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغانلىرىم بويىچە ئىش قىلىشىڭ كېرەك، — دېدى. 004 NUM 022 021 بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ ئېشىكىنى توقۇپ موئابنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. 004 NUM 022 022 خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. 004 NUM 022 023 مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى. 004 NUM 022 024 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى. 004 NUM 022 025 ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى. 004 NUM 022 026 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى. 004 NUM 022 027 ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى. 004 NUM 022 028 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى، 004 NUM 022 029 بالائام ئېشەككە: — سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى. 004 NUM 022 030 ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، — ياق، — دېدى [بالائام]. 004 NUM 022 031 ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى. 004 NUM 022 032 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم. 004 NUM 022 033 ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى. 004 NUM 022 034 بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى. 004 NUM 022 035 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. 004 NUM 022 036 بالاق بالائامنى كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قارشى ئېلىش ئۈچۈن موئابنىڭ ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى، چېگرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە كەلدى: 004 NUM 022 037 — مەن سىلىنى چاقىرىشقا شۇنچە جىددىي ئەلچى ئەۋەتكەنىدىم، نېمە ئۈچۈن كېلىشكە ئۇنىمىدىلا؟ مەن سىلىنى شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلالمايتتىممۇ؟ — دېدى بالاق بالائامغا. 004 NUM 022 038 — قارىسىلا، مانا كەلدىمغۇ، ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا بىرنېمە دېيەلەيتتىممۇ؟ — دېدى بالائام، — خۇدا ئاغزىمغا نېمە گەپنى سالسا، مەن شۇنىلا دەيمەن. 004 NUM 022 039 بالائام بالاق بىلەن بىللە يولغا چىقىپ كىرىئات-خۇزوتقا كەلدى. 004 NUM 022 040 بالاق كالا، قويلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن بالائام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەمىرلەرگە ئەۋەتىپ بەردى. 004 NUM 022 041 ئاندىن بالاق ئەتىسى سەھەردە بالائامنى بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر قىسمىنى كۆردى. 004 NUM 023 001 بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى. 004 NUM 023 002 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى. 004 NUM 023 003 بالائام بالاققا: — سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى. 004 NUM 023 004 خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: — مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى. 004 NUM 023 005 پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 004 NUM 023 006 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 004 NUM 023 007 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: — كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن. 004 NUM 023 008 تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟ 004 NUM 023 009 مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ. 004 NUM 023 010 ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي! 004 NUM 023 011 بالاق بالائامغا قاراپ: — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى. 004 NUM 023 012 — پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام. 004 NUM 023 013 بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى. 004 NUM 023 014 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى. 004 NUM 023 015 بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى. 004 NUM 023 016 پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 004 NUM 023 017 بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. — پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق. 004 NUM 023 018 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن. 004 NUM 023 019 تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟ 004 NUM 023 020 مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن. 004 NUM 023 021 ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر. 004 NUM 023 022 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر. 004 NUM 023 023 چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: — «تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!» دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ! 004 NUM 023 024 مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، ھەرگىز ياتمايدۇ!». 004 NUM 023 025 بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى. 004 NUM 023 026 بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى. 004 NUM 023 027 بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى. 004 NUM 023 028 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى. 004 NUM 023 029 بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى. 004 NUM 023 030 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى. 004 NUM 024 001 بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى [ئىككى] قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى. 004 NUM 024 002 بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 004 NUM 024 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزى ئېچىلمىغان ئادەمنىڭ ئېيتىدىغان كالام سۆزى، 004 NUM 024 004 يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى: — 004 NUM 024 005 ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل! 004 NUM 024 006 گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك، خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك، گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك، دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛ 004 NUM 024 007 سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛ پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ. 004 NUM 024 008 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛ دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ، ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ. 004 NUM 024 009 ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ». 004 NUM 024 010 بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە! 004 NUM 024 011 ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى. 004 NUM 024 012 بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە: 004 NUM 024 013 «بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ 004 NUM 024 014 ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى. 004 NUM 024 015 ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى، 004 NUM 024 016 تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى: — 004 NUM 024 017 مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛ ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز، كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛ چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى، بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ. 004 NUM 024 018 ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ. 004 NUM 024 019 ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ». 004 NUM 024 020 ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى». 004 NUM 024 021 ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ، 004 NUM 024 022 لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە». 004 NUM 024 023 بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: — «ئاھ ، تەڭرى بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا، كىم تىرىك قېلىشقا قادىر بولار؟ 004 NUM 024 024 كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛ لېكىن [كىتتىمدىن كەلگۈچى] ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر. 004 NUM 024 025 شۇنىڭ بىلەن بالائام ئورنىدىن قوپۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى؛ بالاقمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى. 004 NUM 025 001 ئىسرائ‍ىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى. 004 NUM 025 002 ئۇ قىزلار ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ [ئىسرائ‍ىللارمۇ] قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى. 004 NUM 025 003 ئىسرائ‍ىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى. 004 NUM 025 004 پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائ‍ىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى. 004 NUM 025 005 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى. 004 NUM 025 006 ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائ‍ىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. 004 NUM 025 007 كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ، 004 NUM 025 008 ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى. 004 NUM 025 009 شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى. 004 NUM 025 010 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 004 NUM 025 011 — «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائ‍ىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم. 004 NUM 025 012 شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن! 004 NUM 025 013 بۇ [ئەھدە] ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». 004 NUM 025 014 ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى. 004 NUM 025 015 ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. 004 NUM 025 016 پەرۋەردىگار مۇساغا: — 004 NUM 025 017 سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛ 004 NUM 025 018 چۈنكى ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرگە ئارام بەرمىگەن؛ پېئوردىكى ئىشتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىڭلىسى بولغان مىدىياننىڭ بىر ئەمىرىنىڭ قىزى كوزبىنىڭ ئىشىدىمۇ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرنى ئازدۇرغان، — دېدى. كوزبى ۋابا تارقالغان كۈنىدە پېئوردىكى ئىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 004 NUM 026 001 ۋابادىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 026 002 سىلەر پۈتكۈل ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتى ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلاپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. 004 NUM 026 003 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائ‍ىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا: 004 NUM 026 004 «پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى [تىزىملىنىپ] ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. [تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى]: — 004 NUM 026 005 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛ 004 NUM 026 006 ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى. 004 NUM 026 007 بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى. 004 NUM 026 008 پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ 004 NUM 026 009 ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى. 004 NUM 026 010 يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن. 004 NUM 026 011 لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن. 004 NUM 026 012 شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛ 004 NUM 026 013 زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى. 004 NUM 026 014 بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 015 گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛ 004 NUM 026 016 ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛ 004 NUM 026 017 ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى. 004 NUM 026 018 بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 019 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن. 004 NUM 026 020 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى. 004 NUM 026 021 پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى. 004 NUM 026 022 بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 023 ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛ 004 NUM 026 024 ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى. 004 NUM 026 025 بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 026 زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى. 004 NUM 026 027 بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 028 يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى: — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى. 004 NUM 026 029 ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى: — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى. 004 NUM 026 030 تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى: — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛ 004 NUM 026 031 ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛ 004 NUM 026 032 شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى. 004 NUM 026 033 ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى. 004 NUM 026 034 بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 035 تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە: — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى. 004 NUM 026 036 شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى. 004 NUM 026 037 مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 004 NUM 026 038 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛ 004 NUM 026 039 شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى. 004 NUM 026 040 ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى. 004 NUM 026 041 بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 042 تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 004 NUM 026 043 شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 044 ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى. 004 NUM 026 045 بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى. 004 NUM 026 046 ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى. 004 NUM 026 047 بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 048 نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛ 004 NUM 026 049 يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى. 004 NUM 026 050 بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 051 يۇقىرىقىلار ئىسرائ‍ىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى. 004 NUM 026 052 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 026 053 زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن. 004 NUM 026 054 مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن. 004 NUM 026 055 ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت-قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن. 004 NUM 026 056 مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر [ئائىلە-جەمەتكە] بۆلۈپ بېرىلسۇن. 004 NUM 026 057 تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار: — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى. 004 NUM 026 058 بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى: — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن. 004 NUM 026 059 ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ مىسىردا تۇغۇلغان قىزى ئىدى؛ ئۇ ئامرامغا ھارۇن، مۇسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاچىسى مەريەمنى تۇغۇپ بەرگەن. 004 NUM 026 060 ھارۇندىن ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار تۆرەلگەن. 004 NUM 026 061 لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا غەيرىي بىر ئوتنى سۇنغاندا ئۆلۈپ كەتكەن. 004 NUM 026 062 لاۋىيلار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان بارلىق ئەركەكلەر ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يىگىرمە ئۈچ مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلارغا ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراس [زېمىن] بۆلۈپ بېرىلمىگەن. 004 NUM 026 063 يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەملەر موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر. 004 NUM 026 064 بىراق بۇ ئادەملەر ئىچىدە مۇسا بىلەن كاھىن ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. 004 NUM 026 065 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار توغرىسىدا: «ئۇلار چۆلدە ئۆلمەي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئادىن باشقا بىرىمۇ قالمىغان. 004 NUM 027 001 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى. 004 NUM 027 002 ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: 004 NUM 027 003 — بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى. 004 NUM 027 004 نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى. 004 NUM 027 005 مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. 004 NUM 027 006 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 027 007 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. 004 NUM 027 008 سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. 004 NUM 027 009 قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. 004 NUM 027 010 قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. 004 NUM 027 011 ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائ‍ىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». 004 NUM 027 012 پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق. 004 NUM 027 013 كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن. 004 NUM 027 014 چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى. 004 NUM 027 015 مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ: 004 NUM 027 016 — ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى. 004 NUM 027 018 سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي، 004 NUM 027 019 ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي. 004 NUM 027 020 سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. 004 NUM 027 021 ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، [ئەلىئازار] ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك. 004 NUM 027 022 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛ 004 NUM 027 023 [ئەلىئازار] قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى. 004 NUM 028 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 028 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن. 004 NUM 028 003 سەن ئۇلارغا يەنە: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلار مۇنداق بولىدۇ: — ھەر كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئىككىنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. 004 NUM 028 004 ئەتىگىنى بىرنى، گۇگۇمدا بىرنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 028 005 يەنە تۆتتىن بىر ھىندىن سوقۇپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 004 NUM 028 006 سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق مانا شۇدۇر. 004 NUM 028 007 ھەربىر قوزا ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى تۆتتىن بىر ھىن شاراب بولىدۇ؛ ئېچىتما ئىچىملىك بولغان شاراب ھەدىيەسى مۇقەددەس جايدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇپ تۆكۈلسۇن. 004 NUM 028 008 سەن ئىككىنچى بىر قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنكىدەك ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىلەن قوشۇپ سۇنغىن؛ ئۇ خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. 004 NUM 028 009 — شابات كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزا سۇنۇلسۇن؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن ۋە شاراب ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن؛ 004 NUM 028 010 بۇ ھەربىر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان شابات كۈنىدىكى قۇربانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ بىلەن دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 028 011 — ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ يەنى ئىككى ياش تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بېجىرىم يەتتە ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. 004 NUM 028 012 ھەر تورپاق بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، قوشقارغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، 004 NUM 028 013 ھەربىر قوزا بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. 004 NUM 028 014 ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بولسا: — ھەربىر تورپاق بېشىغا شارابتىن يېرىم ھىن، قوشقار بېشىغا ھىننىڭ ئۈچتىن بىرى، ھەربىر قوزا بېشىغا ھىننىڭ تۆتتىن بىرى سۇنۇلسۇن. بۇ ھەر ئايدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، يىلنىڭ ھەر ئېيىدا شۇنداق قىلىنسۇن. 004 NUM 028 015 بۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان گۇناھ قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە شاراب ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 028 016 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» [قوزىسى سۇنۇلسۇن]. 004 NUM 028 017 شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت باشلىنىدۇ؛ يەتتە كۈن پېتىر نان يىيىلسۇن. 004 NUM 028 018 بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك، 004 NUM 028 019 شۇ كۈنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، بىر قوچقار ۋە يەتتە بىر ياشلىق ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار؛ ئۇلار ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن؛ 004 NUM 028 020 شۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 004 NUM 028 021 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 004 NUM 028 022 شۇنىڭدەك [گۇناھىڭلار] ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 028 023 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار. 004 NUM 028 024 سىلەر بۇ تەرىقىدە ئۇدا يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئاشۇنداق ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇپ سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسىنىڭ سىرتىدا سۇنۇلىدۇ. 004 NUM 028 025 يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. 004 NUM 028 026 «دەسلەپكى ئورما» كۈنى، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا سىلەر يېڭى ئاشلىق ھەدىيەنى پەرۋەردىگارغا سۇنغان چاغدا مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 004 NUM 028 027 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار. 004 NUM 028 028 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 004 NUM 028 029 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 004 NUM 028 030 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە [گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە] بىر تېكە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 028 031 شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىگە قوشۇپ ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›، شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 001 يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ [ئۇ كۈنى] ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ. 004 NUM 029 002 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. 004 NUM 029 003 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 004 NUM 029 004 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 004 NUM 029 005 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 006 شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 007 يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. 004 NUM 029 008 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›. 004 NUM 029 009 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 004 NUM 029 010 شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، 004 NUM 029 011 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 012 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛ 004 NUM 029 013 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›. 004 NUM 029 014 شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 004 NUM 029 015 ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، 004 NUM 029 016 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 017 ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 018 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. 004 NUM 029 019 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 020 ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 021 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 022 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 023 تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 024 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 025 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 026 بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 027 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 028 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 029 ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 030 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 031 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 032 يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 033 ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 034 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 035 سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 004 NUM 029 036 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 004 NUM 029 037 ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 004 NUM 029 038 شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 004 NUM 029 039 بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر. 004 NUM 029 040 شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائ‍ىللارغا ئۇقتۇردى. 004 NUM 030 001 مۇسا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: — 004 NUM 030 002 ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك. 004 NUM 030 003 قىز بالا ياش بولۇپ، تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەن بولسا، 004 NUM 030 004 ئەمما ئاتىسى قىزىنىڭ قەسىمىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ھەممە ۋەدىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 004 NUM 030 005 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاڭلىغان چاغدا ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئاتىسى ئۇنى توسقان بولغاچقا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى كەچۈرىدۇ. 004 NUM 030 006 — ئەگەر ئۇ قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە ئاغزىدا تەنتەكلىك بىلەن ۋەدە قىلغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا، 004 NUM 030 007 ئېرى شۇنى ئاڭلىغان بولسا، لېكىن ئاڭلىغان كۈنى ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە قىلغان گەپلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 004 NUM 030 008 ئەگەر ئېرى ئاڭلىغان كۈنى ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاغزىدىن چىقارغان تەنتەك گەپلىرىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. 004 NUM 030 009 لېكىن تۇل خوتۇن ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلار قىلغان قەسەم، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بولسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 004 NUM 030 010 ئەگەر ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قەسەم-ۋەدە ئىچكەن، 004 NUM 030 011 ئېرى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق شۈك تۇرۇۋېلىپ توسمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قىلغان قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 004 NUM 030 012 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، ئايال ئاغزىدىن چىقارغان ۋەدە بېرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئېرى بۇلارنى رەت قىلغان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. 004 NUM 030 013 ئايالنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۇنىڭ چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن دەپ قىلغان قەسەم-ۋەدىسىنى ئۇنىڭ ئېرى ئىناۋەتلىكمۇ قىلالايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ قىلالايدۇ. 004 NUM 030 014 ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرگەن بارلىق قىلغان قەسەملىرىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئېرىنىڭ ئاڭلاپ تۇرغان كۈنىدە گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىدۇر. 004 NUM 030 015 لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. 004 NUM 030 016 يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى، يەنى ئېرى بىلەن ئايالى، ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، تېخى ياشلىقىدا بولغان قىزى ئوتتۇرىسىدىكى نىزام-بەلگىمىلەردۇر. 004 NUM 031 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 004 NUM 031 002 سەن مىدىيانلاردىن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىنتىقامىنى ئال، ئاندىن ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن، — دېدى. 004 NUM 031 003 مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: — ئاراڭلاردىن جەڭگە چىقىشقا بىر تۈركۈم ئادەملەرنى قوراللاندۇرۇڭلار؛ ئاندىن ئۇلار مىدىيانلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلانسۇن. 004 NUM 031 004 سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەڭ قىلىشقا مىڭدىن ئادەم ماڭدۇرۇڭلار. 004 NUM 031 005 شۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن مىڭدىن، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئادەم جەڭ قىلىشقا قوراللاندۇرۇلدى. 004 NUM 031 006 مۇسا ھەر قەبىلىدىن مىڭدىن ئادەمنى جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ھەمدە ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدۇردى، فىنىھاسنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە ئاگاھ كاناي بار ئىدى. 004 NUM 031 007 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ 004 NUM 031 008 مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، يەنە مىدىياننىڭ ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا دېگەن بەش پادىشاھىنى ئۆلتۈردى؛ يەنە بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى. 004 NUM 031 009 ئىسرائ‍ىللار مىدىيانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتۈن چارۋا ماللىرى، قوي پادىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلدى؛ 004 NUM 031 010 ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى بارلىق شەھەر ۋە بارلىق بارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى؛ 004 NUM 031 011 ئۇلار ئادەم بولسۇن مال بولسۇن بارلىق غەنىيمەت، بارلىق ئولجىنى ئېلىپ كەتتى؛ 004 NUM 031 012 ئۇلار تۇتقان ئەسىرلەرنى ھەم ئولجا-غەنىيمەتنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە، ئىئوردان دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى بارگاھقا ئەكىلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازارغا، شۇنداقلا ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتىگە تاپشۇردى. 004 NUM 031 013 مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. 004 NUM 031 014 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتقان ھەربىي سەردارلارغا، يەنى مىڭبېشى، يۈزبېشىلارغا خاپا بولۇپ: — 004 NUM 031 015 سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟ 004 NUM 031 016 قاراڭلار، دەل شۇلار بالائامنىڭ ھىيلە-مەسلىھەتى بىلەن پېئوردىكى ئىشتا ئىسرائ‍ىللارنى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ 004 NUM 031 017 ئەمدى سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. 004 NUM 031 018 بىراق ياش قىزلار، يەنى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۆزلىرىڭلارغا تىرىك قالدۇرۇڭلار. 004 NUM 031 019 سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن؛ سىلەر ۋە سىلەر ئەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلسۇن. 004 NUM 031 020 بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى. 004 NUM 031 021 كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە: — مانا پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە: 004 NUM 031 022 ئالتۇن، كۈمۈش، مىس. تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق 004 NUM 031 023 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پاك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، يەنىلا «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» بىلەن پاكىزلاڭلار؛ ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنى شۇ سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار. 004 NUM 031 024 يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، ئاندىن سىلەر پاك ھېسابلىنىسىلەر؛ ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرسەڭلار بولىدۇ، — دېدى. 004 NUM 031 025 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 031 026 سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛ 004 NUM 031 027 ئولجا-غەنىيمەتنى ئىككىگە بۆل، يېرىمىنى جەڭگە چىققانلارغا بەر، قالغان يېرىمىنى بارلىق جامائەتكە بەر. 004 NUM 031 028 سەن يەنە چىقىپ جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەر ئالىدىغان ئادەم، كالا، ئېشەك ياكى قوي پادىلىرىدىن بەش يۈزدىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۈلۈش بولسۇن دەپ ئايرىغىن؛ 004 NUM 031 029 سىلەر شۇنى لەشكەرلەرگە تەۋە بولغان يېرىمىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇڭلار. 004 NUM 031 030 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمىنىڭ ئادەم، كالا، ئېشەك، قوي پادىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ھايۋانلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار. 004 NUM 031 031 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 004 NUM 031 032 ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ، 004 NUM 031 033 كالا يەتمىش ئىككى مىڭ، 004 NUM 031 034 ئېشەك ئاتمىش بىر مىڭ، 004 NUM 031 035 ئەركەكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن قىزلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ چىقتى. 004 NUM 031 036 جەڭگە چىققانلارنىڭ ئۈلۈشى، يەنى ئۇلارغا تەۋە يېرىمى، قوي جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز؛ 004 NUM 031 037 بۇ قوي پادىلىرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئالتە يۈز يەتمىش بەش بولدى؛ 004 NUM 031 038 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى يەتمىش ئىككى بولدى. 004 NUM 031 039 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئاتمىش بىر بولدى. 004 NUM 031 040 ئادەم ئون ئالتە مىڭ چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئوتتۇز ئىككى ئادەم بولدى. 004 NUM 031 041 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئۈلۈشنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 004 NUM 031 042 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگىنى — 004 NUM 031 043 جامائەتكە تەۋە بولغان شۇ يېرىمى — قوي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز، 004 NUM 031 044 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، 004 NUM 031 045 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز، 004 NUM 031 046 ئادەم ئون ئالتە مىڭ ئىدى. 004 NUM 031 047 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان شۇ يېرىمىنىڭ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا تاپشۇردى. 004 NUM 031 048 پۈتكۈل قوشۇننىڭ سەردارلىرى، مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرى مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، 004 NUM 031 049 مۇساغا: — خىزمەتكارلىرىنىڭ قول ئاستىدا جەڭ قىلغان لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ساناقتىن ئۆتكۈزسەك بىرىمۇ كەم چىقمىدى. 004 NUM 031 050 شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى. 004 NUM 031 051 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئۇلار ئەكەلگەن ئالتۇنلارنى، يەنى ئالتۇندا ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملارنى ئالدى. 004 NUM 031 052 ئۇلارنىڭ مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىدىن ئالغىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇلدى؛ بارلىق ئالتۇن جەمئىي ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شەكەل چىقتى 004 NUM 031 053 ‹لەشكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقانىدى›. 004 NUM 031 054 مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىنىڭ قولىدىن ئالتۇننى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن يادنامە قىلدى. 004 NUM 032 001 رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن گادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كالا پادىلىرى تولىمۇ كۆپەيگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ يائازەرنىڭ زېمىنى بىلەن گىلېئادنىڭ زېمىنىغا كۆزى چۈشتى؛ ۋە مانا، شۇ زېمىن چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان يەر ئىدى. 004 NUM 032 002 شۇڭا ئۇلار مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: — 004 NUM 032 003 ئاتاروت، دىبون، يائازەر، نىمراھ، ھەشبون، ئەلەئالەھ، سەبام، نېبو، بەئون دېگەن يەرلەر، 004 NUM 032 004 يەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگار مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن يەرلەر بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باپ يەرلەر ئىكەن، قۇللىرىنىڭمۇ چارۋا مېلى بار، — دېدى 004 NUM 032 005 ۋە يەنە: — ئەگەر سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆت دېمەي، بۇ يەرنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرسىلە، — دېدى. 004 NUM 032 006 مۇسا گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا: — قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققان ۋاقتىدا سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرامتىڭلار؟ 004 NUM 032 007 سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائ‍ىللارنىڭ [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە كۆڭۇللىرىنى سوۋۇتۇسىلەر؟ 004 NUM 032 008 ئىلگىرى مەن قادەش-بارنېئادىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى شۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقانىدى. 004 NUM 032 009 ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا چىقىپ، ئۇ زېمىننى كۆرۈپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ كۆڭلىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن سوۋۇتقان. 004 NUM 032 010 شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قەسەم قىلىپ: 004 NUM 032 011 «مىسىردىن چىققان يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار چىن كۆڭلىدىن ماڭا ئەگەشمىگەچكە، ئۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا «سىلەرگە ئاتا قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى كۆرسە، [مەن پەرۋەردىگار بولماي كېتەي]! 004 NUM 032 012 پەقەت كەنىززىيلەردىن بولغان يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشكەن بولغاچقا، زېمىننى كۆرەلەيدۇ»، دېگەنىدى. 004 NUM 032 013 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا رەزىل بولغاننى قىلغان ئەشۇ بىر ئەۋلاد ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگۈزدى. 004 NUM 032 014 ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە! 004 NUM 032 015 ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن بۇرۇلۇپ كەتسەڭلار، ئۇنداقتا ئۇ [ئىسرائ‍ىللارنى] يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ھالدا سىلەر بۇ بارلىق خەلقنى خاراب قىلغان بولىسىلەر، — دېدى. 004 NUM 032 016 ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزغا قوتان، بالىلىرىمىزغا قەلئە-شەھەر سالايلى. 004 NUM 032 017 بىز بولساق قوراللىنىپ، ئىسرائ‍ىللارنى ئۆزىگە تەۋە جايلىرىغا باشلاپ بارغۇچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز؛ بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر سەۋەبلىك، بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز مۇستەھكەم شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك. 004 NUM 032 018 ئىسرائ‍ىللار ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە بىز ئۆيىمىزگە ھەرگىز قايتمايمىز. 004 NUM 032 019 چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى زېمىنغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى زېمىنغا تەڭ ئىگىدار بولمايمىز، چۈنكى مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىشتىدۇر، — دېدى. 004 NUM 032 020 مۇسا ئۇلارغا: — ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىنىپ جەڭگە چىقىپ، 004 NUM 032 021 سىلەردىن قوراللانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بولغاندا، 004 NUM 032 022 شۇ زېمىن پەرۋەردىگار ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ بولغاندا ئاندىن قايتساڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا گۇناھسىز ھېسابلىنىسىلەر؛ بۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ. 004 NUM 032 023 لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. 004 NUM 032 024 ئەمدى سىلەر ئاغزىڭلاردىن چىققان گېپىڭلار بويىچە ئىش تۇتۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەر، قوي پادىلىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار، — دېدى. 004 NUM 032 025 گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى مۇساغا: — قۇللىرى غوجام ئېيتقىنىدەك قىلىدۇ. 004 NUM 032 026 خوتۇن-بالا چاقىلىرىمىز، كالىلار ۋە بارلىق چارپايلىرىمىز گىلېئادنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قالىدۇ؛ 004 NUM 032 027 لېكىن قۇللىرى، جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغانلارنىڭ ھەربىرى غوجام ئېيتقاندەك [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ، — دېدى. 004 NUM 032 028 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرۇلۇق كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلە باشلىقلىرىغا تاپىلاپ، 004 NUM 032 029 ئۇلارغا: — ئەگەر گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭگە چىقىشقا سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە، ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بوي سۇندۇرۇلسا، ئۇنداقتا سىلەر گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار. 004 NUM 032 030 ئەگەر ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتمەيمىز دېسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىراسى ئاراڭلاردا، يەنى قانائان زېمىنىدا بولسۇن، — دېدى. 004 NUM 032 031 گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى: — پەرۋەردىگار قۇللىرىغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بىز شۇنداق قىلىمىز. 004 NUM 032 032 بىز قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرىمىز، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى زېمىن بىزگە مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بولىدۇ، — دېيىشتى. 004 NUM 032 033 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى. 004 NUM 032 034 گادنىڭ ئەۋلادلىرى دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر، 004 NUM 032 035 ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ، 004 NUM 032 036 بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى. 004 NUM 032 037 رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى [يېڭىدىن] ھەشبون، ئەلەئالەھ، كىرىئاتايىم، 004 NUM 032 038 نېبو، بائال-مېئون ‹يۇقىرىقى ئىسىملار ئۆزگىرتىلگەن› ۋە سىبماھنى سالدى؛ ھەم ئۇلار سالغان شەھەرلەرگە يېڭىدىن نام بەردى. 004 NUM 032 039 ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلېئادقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى. 004 NUM 032 040 شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرغا بېرىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 004 NUM 032 041 ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر ئامورىيلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنى ھاۋوت-يائىر دەپ ئاتىدى. 004 NUM 032 042 نوباھ كىنات ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ كىناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى. 004 NUM 033 001 تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛ 004 NUM 033 002 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: — 004 NUM 033 003 بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى [ئىسرائ‍ىللار] رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى. 004 NUM 033 004 بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى. 004 NUM 033 005 ئىسرائ‍ىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 006 ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 007 ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 008 پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 009 ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 010 ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 011 قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 012 سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 013 دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 014 ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى. 004 NUM 033 015 رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 016 سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 017 قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 018 ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 019 رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 020 رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 021 لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 022 رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 023 كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 024 شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 025 ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 026 ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 027 تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 028 تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 029 مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 030 ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 031 موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 032 بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 033 خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 034 يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 035 ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 036 ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 037 قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 038 ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى. 004 NUM 033 039 ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. 004 NUM 033 040 ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائ‍ىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى. 004 NUM 033 041 ئىسرائ‍ىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 042 زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 043 پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 044 ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 045 ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 046 دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 047 ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 048 ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى. 004 NUM 033 049 موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى. 004 NUM 033 050 پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 033 051 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، 004 NUM 033 052 زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار. 004 NUM 033 053 سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. 004 NUM 033 054 سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار. 004 NUM 033 055 ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛ 004 NUM 033 056 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». 004 NUM 034 001 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 034 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: — 004 NUM 034 003 سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛ 004 NUM 034 004 شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛ 004 NUM 034 005 ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. 004 NUM 034 006 كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ. 004 NUM 034 007 شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛ 004 NUM 034 008 پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛ 004 NUM 034 009 چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. 004 NUM 034 010 ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن. 004 NUM 034 011 بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 004 NUM 034 012 ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». 004 NUM 034 013 مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛ 004 NUM 034 014 چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛ 004 NUM 034 015 بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». 004 NUM 034 016 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 034 017 تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. 004 NUM 034 018 سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار. 004 NUM 034 019 بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب. 004 NUM 034 020 شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل. 004 NUM 034 021 بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد. 004 NUM 034 022 دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى. 004 NUM 034 023 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل 004 NUM 034 024 ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل. 004 NUM 034 025 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛ 004 NUM 034 026 ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛ 004 NUM 034 027 ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛ 004 NUM 034 028 نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى. 004 NUM 034 029 مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائ‍ىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى. 004 NUM 035 001 پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 035 002 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق ئەمر قىل، ئۇلار مىراس قىلىپ ئېرىشكەن زېمىندىكى بەزى شەھەرلەرنى لاۋىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرسۇن؛ ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى يايلاقلارنىمۇ لاۋىيلارغا بەرسۇن. 004 NUM 035 003 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان شەھەرلىرى بولىدۇ ۋە شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلارغا ئۇلارنىڭ چارپايلىرى، باشقا مال-مۈلۈكلىرى ھەمدە بارلىق ھايۋانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 004 NUM 035 004 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەردىكى يايلاقلار سېپىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مىڭ گەز بولسۇن. 004 NUM 035 005 سىلەر يەنە شەھەر سىرتىدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز، شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى مىڭ گەز ئۆلچەڭلار، شەھەر ئوتتۇرىدا بولسۇن؛ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ يەرلەر ئۇلار ئۈچۈن يايلاقلار بولسۇن. 004 NUM 035 006 سىلەر لاۋىيلارغا بەرگەن شەھەرلەر ئىچىدە ئالتە شەھەر «پاناھلىق شەھىرى» بولسۇن؛ سىلەر شۇلارنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىكىتىڭلار؛ بۇلاردىن باشقا ئۇلارغا يەنە قىرىق ئىككى شەھەر بېرىڭلار. 004 NUM 035 007 سىلەر لاۋىيلارغا بېرىدىغان شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز بولۇپ، شۇ شەھەرلەر بىلەن ئۇلارغا تەۋە يايلاقلار ئۇلارغا بېرىلسۇن. 004 NUM 035 008 سىلەر ئۇلارغا بېرىدىغان شۇ شەھەرلەر ئىسرائ‍ىللار مىراس قىلغان تەۋەلىكلەردىن بولسۇن؛ ئادىمى كۆپرەك بولغانلاردىن كۆپرەك، ئادىمى ئازراق بولغانلاردىن ئازراق ئېلىڭلار؛ ھەربىر قەبىلە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسقا ئاساسەن شەھەرلەردىن بەزىلىرىنى ئېلىپ لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسۇن. 004 NUM 035 009 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 035 010 سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا، 004 NUM 035 011 تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قېچىپ بېرىۋېلىشىغا بىرنەچچە شەھەر تاللاپ بېكىتىڭلار. 004 NUM 035 012 شۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلەر ئادەم ئۆلتۈرگۈچى تاكى جامائەت ئالدىدا سوراققا تارتىلغۇچە، قىساسكارنىڭ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر بولىدۇ. 004 NUM 035 013 سىلەر بېكىتكەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە پاناھلىنىدىغان ئالتە شەھەر بولىدۇ. 004 NUM 035 014 پاناھلىق شەھىرى ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئۈچ شەھەر، قانائان زېمىنىدىمۇ ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ قويۇڭلار. 004 NUM 035 015 بۇ ئالتە شەھەر ئىسرائ‍ىللار، يات ئەلدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھلىق شەھەرلىرى بولسۇن؛ تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە قېچىشقا بولىدۇ. 004 NUM 035 016 — ئەگەر بىراۋ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 004 NUM 035 017 ئەگەر بىراۋ قول كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك تاش بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 004 NUM 035 018 ئەگەر بىراۋ ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىدۇ؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 004 NUM 035 019 قان قىساس ئالغۇچى كىشى شۇ قاتىلنى ئۆلتۈرسۇن؛ ئۇ قاتىلنى ئۇچراتقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن. 004 NUM 035 020 ئەگەر بىراۋ ئۆچمەنلىك بىلەن بىرسىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ ياكى مۆكۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، 004 NUM 035 021 ياكى ئۆچەكىشىپ مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئادەم ئۇرغۇچى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ قاتىل بولىدۇ؛ قان قىساس ئالغۇچى كىشى قاتىلنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈۋەتسۇن. 004 NUM 035 022 لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆچى يوق، تاسادىپىي ئىتتىرىۋېتىش ياكى مەقسەتسىزلا بىرەر نەرسە ئېتىپ، 004 NUM 035 023 ياكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك ھەرقانداق بىر تاشنى ئادەمنى كۆرمەي ئېتىپ سېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچى بولمىسا، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا؛ 004 NUM 035 024 بۇنداق ئەھۋالدا، جامائەت شۇ قانۇن-ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قان قىساس ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا كېسىم قىلسۇن. 004 NUM 035 025 جامائەت تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قان قىساس ئالغۇچى كىشىنىڭ قولىدىن جەزمەن قۇتقۇزۇۋالسۇن؛ ئۇلار ئۇنى قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىگە [ئامان-ئېسەن] قايتۇرۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن مۇقەددەس ماي بىلەن مەسىھلەنگەن باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇ شۇ شەھەردە تۇرسۇن. 004 NUM 035 026 لېكىن تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەگەر قېچىپ بېرىۋالغان پاناھلىق شەھىرىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، 004 NUM 035 027 شۇنداقلا قان قىساس ئالغۇچى كىشى ئۇنى پاناھلىق شەھىرىنىڭ پاسىللىرىنىڭ سىرتىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قان قىساس ئالغۇچى قان تۆكۈش گۇناھىنى تارتمايدۇ؛ 004 NUM 035 028 چۈنكى تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى ئەسلىدە باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكۈچە پاناھلىق شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قايتىپ بارسا بولىدۇ. 004 NUM 035 029 — بۇلار سىلەر تۇرۇشلۇق ھەممە يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولسۇن. 004 NUM 035 030 باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. 004 NUM 035 031 ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 004 NUM 035 032 شۇنىڭدەك پاناھلىق شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالغان كىشى ئۈچۈن باش كاھىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆز يېرىگە قايتىپ كېلىۋېلىشىغا ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. 004 NUM 035 033 شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. 004 NUM 035 034 ئۆزۈڭلار ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى مەن ئۆزۈم ماكان قىلغان زېمىننى بۇلغىماڭلار؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا ماكان تۇتقۇچىدۇرمەن. 004 NUM 036 001 يۈسۈپ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: — 004 NUM 036 002 «پەرۋەردىگار ئىلگىرى غوجامغا چەك تاشلاپ زېمىننى ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان؛ غوجاممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قېرىندىشىمىز زەلوفىھادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئالغان. 004 NUM 036 003 لېكىن، ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنداق بولغاندا بىز چەك تاشلاپ ئېرىشكەن مىراس تۈگەيدۇ. 004 NUM 036 004 ئىسرائ‍ىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ». 004 NUM 036 005 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئەمر قىلىپ: — يۈسۈپ قەبىلىسىدىكىلەر توغرا ئېيتىدۇ. 004 NUM 036 006 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. 004 NUM 036 007 شۇنداق بولغاندا ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. 004 NUM 036 008 ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. 004 NUM 036 009 مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى. 004 NUM 036 010 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. 004 NUM 036 011 زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىدىن ماھلاھ، تىرزاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئۆز تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. 004 NUM 036 012 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق بولدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى يەنىلا ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى. 004 NUM 036 013 بۇلار پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغان ئەمرلەر ۋە ھۆكۈملەردۇر. # # BOOK 005 DEU Deuteronomy قانۇن‭ ‬شەرھى 005 DEU 001 001 تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ 005 DEU 001 002 ھورەب تېغىدىن چىقىپ، سېئىر تېغىنىڭ يولى بىلەن قادەش-بارنېئاغا بارغۇچە جەمئىي ئون بىر كۈنلۈك يول ئىدى. 005 DEU 001 003 ھالبۇكى، مۇسا بۇ بارلىق سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى دەپ ئۆزىگە تاپىلىغىنى بويىچە ئىسرائىللارغا ئېيتقان ۋاقتى قىرىقىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولدى؛ 005 DEU 001 004 بۇ ۋاقىت مۇسا ھەشبوننى پايتەخت قىلغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ۋە ئاشتاروت ۋە ئەدرەينى پايتەخت قىلغان باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. 005 DEU 001 005 شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى موئاب زېمىنىدا مۇسا [پەيغەمبەر] بۇ قانۇن-تەلىمنى شەرھلەشكە باشلاپ، مۇنداق دېدى: ــ 005 DEU 001 006 «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ھورەب تېغىدا بىزگە سۆز قىلىپ: ــ «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغ ئەتراپىدا تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ 005 DEU 001 007 ئەمدى بۇرۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامورىيلار تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىككە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان بارلىق جايلارغا، جۈملىدىن ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە، تاغلىقلارغا، ئويمانلىققا، جەنۇبقا، دېڭىز بويلىرىغا، ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ھەم لىۋان زېمىنىغا بېرىڭلار. 005 DEU 001 008 مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى. 005 DEU 001 009 شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن. 005 DEU 001 010 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر. 005 DEU 001 011 ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرنى ھازىرقىدىن يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، شۇنداقلا ۋەدە قىلغىنىدەك سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! 005 DEU 001 012 لېكىن مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداقمۇ سىلەرنىڭ جاپالىرىڭلارنى، يۈكۈڭلارنى ۋە تالاش-تارتىشىڭلارنى كۆتۈرەلەيمەن؟ 005 DEU 001 013 ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلاردىن دانىشمەن، يورۇتۇلغان مۆتىۋەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىمەن» ــ دېدىم. 005 DEU 001 014 سىلەر بولساڭلار ماڭا: ــ «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ياخشى گەپ بولدى»، دېدىڭلار. 005 DEU 001 015 شۇنىڭ بىلەن مەن قەبىلىلىرىڭلاردىن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى، يەنى دانىشمەن ھەم مۆتىۋەر ئادەملەرنى تاللاپ، ئۈستۈڭلەرگە يولباشچى قىلىپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلەپ، قەبىلىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەرخىل ئەمەللەرنى تۇتۇشقا تىكلىدىم. 005 DEU 001 016 شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛ 005 DEU 001 017 ھۆكۈم چىقارغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلماڭلار؛ مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن سىلەر ھەممىسىنىڭلا ئىشلىرىنى سوراڭلار. سىلەر ئىنسانلارنىڭ سۆلىتىدىن قورقماسلىقىڭلار كېرەك، چۈنكى مۇشۇ ھۆكۈم چىقىرىش ئىشى خۇداغا تەۋە ئىشتۇر. سىلەرگە تەس چۈشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» ــ دېدىم. 005 DEU 001 018 ئەينى چاغدا مەن قىلىشقا كېرەك بولغان بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تاپىلىغانمەن. 005 DEU 001 019 بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغاندەك ھورەبتىن چىقىپ، ئامورىيلارنىڭ تاغلىقىغا باردۇق ۋە سىلەر شۇ يولدىكى بىپايان، دەھشەتلىك چۆلنى كۆردۇڭلار؛ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ، قادەش-بارنېئاغا كەلدۇق. 005 DEU 001 020 ۋە مەن سىلەرگە: ــ «سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە ئاتا قىلىدىغان، ئامورىيلارنىڭ تېغىغا يېتىپ كەلدۇق. 005 DEU 001 021 مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ زېمىننى ئالدىڭلارغا قويدى؛ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقاندەك، شۇ يەرگە چىقىپ ئۇنى ئىگىلەڭلار؛ قورقماڭلار، ھېچ ھودۇقماڭلار» ــ دېدىم. 005 DEU 001 022 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا: ــ «بىز زېمىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئادەملەرنى ئەۋەتەيلى؛ ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، چىقىشىمىز كېرەك بولغان يول ۋە بىز ئۇچرايدىغان شەھەرلەر توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزسۇن» ــ دېدىڭلار. 005 DEU 001 023 بۇ ئىش نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنۈپ، مەن ئاراڭلاردىن ئون ئىككى ئادەمنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى تاللىدىم. 005 DEU 001 024 ئۇلار يولغا ئاتلىنىپ تاغقا بېرىپ، ئەشكول جىلغىسىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتى. 005 DEU 001 025 ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى. 005 DEU 001 026 ھالبۇكى، سىلەر زېمىنغا چىقىشقا ئۇنىمىدىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار 005 DEU 001 027 ۋە ئۆز چېدىرىڭلاردا قاقشاپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغانلىقىدىن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان. 005 DEU 001 028 ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز: «شۇ يەردىكى ئادەملەر بىزدىن چوڭ ھەم ئېگىز بىر خەلق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىنتايىن چوڭ، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز شۇ يەردە ئاناكىيلارنى بايقىدۇق»، دەپ كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى» ــ دېدىڭلار. 005 DEU 001 029 شۇڭا مەن سىلەرگە: «قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ 005 DEU 001 030 سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىسىر زېمىنىدا كۆز ئالدىڭلاردا بارلىق قىلغانلىرىدەك سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ؛ 005 DEU 001 031 سىلەر يەنە چۆل-باياۋاندىمۇ بارلىق ماڭغان يوللىرىڭلاردا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كەلگۈچە ئىنسان ئۆز ئوغلىنى قۇچىقىدا كۆتۈرگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭمۇ سىلەرنى كۆتۈرگىنىنى كۆردۇڭلار. 005 DEU 001 032 شۇنىڭدەك گەرچە ئۇ يەنە كېچىدە ئوتتا، كۈندۈزدە بۇلۇت ئىچىدە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، بارگاھ تىككۈدەك يەرلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئىشەنمىدىڭلار. 005 DEU 001 034 پەرۋەردىگار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ: 005 DEU 001 035 «بۇ رەزىل دەۋردىكىلەردىن ھېچبىر ئادەم ھەرقانداق يول بىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىشنى قەسەم قىلغان بۇ ياخشى زېمىننى كۆرگۈچى بولمايدۇ! 005 DEU 001 036 پەقەت يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب پۈتۈن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەچكە، شۇلا زېمىننى كۆرىدۇ ۋە ئۇ ئۆز پۇتى بىلەن كېزىپ چىققان بارلىق يەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بېرىمەن» ــ دەپ قەسەم قىلدى. 005 DEU 001 037 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن. 005 DEU 001 038 لېكىن ئالدىڭدا خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كىرەلەيدۇ. ئۇنى كۈچلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭغا مىراس قىلدۇرىدۇ. 005 DEU 001 039 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ: «ئۇلار [دۈشمەنلەرنىڭ] ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان بالىلىرىڭلار بولسا، كىرىدۇ؛ مەن ئۇ يەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن ۋە ئۇلار ئۇنى ئىگىلەيدۇ. 005 DEU 001 040 لېكىن سىلەر بولساڭلار، بۇرۇلۇپ قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن چۆل-باياۋانغا قايتتىڭلار» ــ دېدى. 005 DEU 001 041 شۇ چاغدا سىلەر ماڭا جاۋاب بېرىپ: «بىز دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە جەڭ قىلغىلى چىقىمىز» ــ دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قورال-ياراقلىرىڭلارنى ئېسىپ، تاغقا چىقماقچى بولدۇڭلار. 005 DEU 001 042 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ئۇلارغا: ــ «چىقماڭلار، جەڭ قىلماڭلار، چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەمەسمەن؛ سىلەر چوقۇم دۈشمەنلىرىڭلار ئالدىدا مەغلۇپ بولىسىلەر»، دېگىن، دېدى. 005 DEU 001 043 مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ تاغقا چىقتىڭلار. 005 DEU 001 044 لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 005 DEU 001 045 سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. 005 DEU 001 046 شۇنىڭ بىلەن سىلەر قادەشتە نۇرغۇن كۈنلەر تۇرۇپ قالدىڭلار ــ سىلەر قانچە كۈنلەر شۇ يەردە تۇردۇڭلار! 005 DEU 002 001 ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئېيتقاندەك قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن سەپەرگە ئاتلاندۇق؛ بىز نۇرغۇن كۈنلەر سېئىر تېغى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. 005 DEU 002 002 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ 005 DEU 002 003 «سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. 005 DEU 002 004 خەلققە: ــ سىلەر سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىندىشىڭلار ئەساۋلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان بولدۇڭلار؛ ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىپ، 005 DEU 002 005 ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەتتا تاپانچىلىق يەرنىمۇ بەرمەيمەن؛ چۈنكى سېئىر تېغىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. 005 DEU 002 006 سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىڭلار، پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىڭلار. 005 DEU 002 007 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قولۇڭلاردىكى بارلىق ئەجىرنى بەرىكەتلەپ كەلگەن؛ ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىپايان چۆل-باياۋاندىن مېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قىرىق يىل سىلەر بىلەن بىللە بولدى؛ ھېچ نەرسىدىن كەم بولمىدىڭلار» ــ دېدى. 005 DEU 002 008 شۇنىڭ بىلەن بىز سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋلارنىڭ زېمىنىدىن ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن، شۇنداقلا ئېلات ۋە ئېزىئون-گەبەردىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ موئابدىكى چۆل-باياۋان يولى بىلەن ماڭدۇق. 005 DEU 002 009 پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى 005 DEU 002 010 (ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. 005 DEU 002 011 ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ. 005 DEU 002 012 سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش). 005 DEU 002 013 [پەرۋەردىگار: ] «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق. 005 DEU 002 014 قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى؛ بۇ دەل خۇددى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇ دەۋردىكى جەڭچىلەر بارگاھتىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىدى. 005 DEU 002 015 دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى بارگاھتىن يوقىتىپ تۈگەتكۈچە ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قارشى چىققانىدى. 005 DEU 002 016 ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ جەڭچىلەر ئۆلۈپ خەلق ئارىسىدىن پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىن، 005 DEU 002 017 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ 005 DEU 002 018 «سىلەر بۈگۈن موئابنىڭ، يەنى ئارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىسىلەر. 005 DEU 002 019 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسىلەر؛ ئەمما ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى. 005 DEU 002 020 (بۇ زېمىنمۇ «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئىلگىرى گىگانتلار شۇ يەردە تۇرغانىدى؛ ئاممونىيلار ئۇلارنى «زامزۇملار» دەپ ئاتايدۇ. 005 DEU 002 021 ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى [ئاممونىيلارنىڭ] ئالدىدا يوقىتىشى بىلەن [ئاممونىيلار] ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. 005 DEU 002 022 پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھورىيلارنى يوقاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئەساۋلار ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. 005 DEU 002 023 ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى). 005 DEU 002 024 ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ 005 DEU 002 025 مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». 005 DEU 002 026 شۇ چاغدا مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھونغا كەدەموت چۆلىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ــ 005 DEU 002 027 «بىزنىڭ زېمىنىڭدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغايسەن؛ ئوڭغا، سولغا بۇرۇلماي، پەقەتلا يولدىن چىقماي ماڭىمىز. 005 DEU 002 028 سەن ماڭا ئوزۇق-تۈلۈكنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن، سۇنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن؛ بىز پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتىمىز، خالاس. 005 DEU 002 029 سېئىردا تۇرۇۋاتقان ئەساۋلار، ئاردا تۇرۇۋاتقان موئابىيلار بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك سەنمۇ بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگۈچە شۇنداق مۇئامىلە قىلغايسەن» ــ دېدىم. 005 DEU 002 030 لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق). 005 DEU 002 031 پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا، مەن ئالدىڭلاردا سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇشقا باشلىدىم؛ ئىشنى باشلاڭلار، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىشقا كىرىشىڭلار» ــ دېدى. 005 DEU 002 032 سىھون دەرۋەقە ئۆزى ۋە بارلىق خەلقى بىز بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ياھازغا چىقتى. 005 DEU 002 033 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭ ئۆزىنى، ئوغۇللىرىنى ۋە بارلىق خەلقىنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق. 005 DEU 002 034 شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئەركەك، قىز-ئايال ۋە بالىلارنى بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتۇق؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى تىرىك قويمىدۇق. 005 DEU 002 035 بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. 005 DEU 002 036 ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. 005 DEU 002 037 ھالبۇكى، سىلەر ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، چېگرىسى بولغان پۈتكۈل ياببوك ۋادىسىغا، تاغدىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھەرقايسى يەرگە يېقىنلاشمىدىڭلار. 005 DEU 003 001 ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى. 005 DEU 003 002 پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى. 005 DEU 003 003 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق. 005 DEU 003 004 شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى. 005 DEU 003 005 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. 005 DEU 003 006 بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. 005 DEU 003 007 بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. 005 DEU 003 008 شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق 005 DEU 003 009 (ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛ 005 DEU 003 010 بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق 005 DEU 003 011 (شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان). 005 DEU 003 012 بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛ 005 DEU 003 013 گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ. 005 DEU 003 014 ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). 005 DEU 003 015 گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم. 005 DEU 003 016 رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛ 005 DEU 003 017 يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم. 005 DEU 003 018 مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛ 005 DEU 003 019 پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛ 005 DEU 003 020 پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە [جەڭ قىلىڭلار]؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. 005 DEU 003 021 شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ. 005 DEU 003 022 سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. 005 DEU 003 023 شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ 005 DEU 003 024 «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟ 005 DEU 003 025 سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم. 005 DEU 003 026 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما. 005 DEU 003 027 سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. 005 DEU 003 028 يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى. 005 DEU 003 029 شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق. 005 DEU 004 001 ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. 005 DEU 004 002 مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. 005 DEU 004 003 سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛ 005 DEU 004 004 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چىڭ باغلانغانلاردىن ھەربىرىڭلار بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرۇۋاتىسىلەر. 005 DEU 004 005 مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم. 005 DEU 004 006 سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ. 005 DEU 004 007 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغان ھەربىر تىلەكلىرىمىزدە بىزگە يېقىن تۇرغىنىدەك، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان بىر خۇداسى بولغان بىزگە ئوخشاش باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ 005 DEU 004 008 مەن ئالدىڭلارغا قويغان مۇشۇ پۈتكۈل قانۇندىكىدەك ئادىل بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئىگە بولغان سىلەردەك باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ 005 DEU 004 009 ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛ 005 DEU 004 010 سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» ــ دېگەنىدى. 005 DEU 004 011 سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛ 005 DEU 004 012 پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. 005 DEU 004 013 ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى. 005 DEU 004 014 ۋە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلىپ، سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا ئۇلارنى ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگىتىشنى تاپىلىدى. 005 DEU 004 015 ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)، 005 DEU 004 016 ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، مەيلى ئەركەك ياكى ئايال سۈرىتىدە، مەيلى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئاسماندا ئۇچىدىغان ھەرقانداق قۇش بولسۇن، مەيلى يەر يۈزىدە ھەرقانداق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردىكى ھەرقانداق بېلىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدە ھېچقانداق شەكىل-قىياپەتتىكى ئويما بۇتنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسىماڭلار، 005 DEU 004 019 ياكى شۇنىڭدەك، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا قاراپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، يەنى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇننى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭلار مايىل بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىپ قۇللۇقىغا كىرمەڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان. 005 DEU 004 020 لېكىن سىلەرنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆز مىراسى بولغان بىر خەلق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن «تۆمۈر تاۋلاش خۇمدانى»دىن، يەنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 005 DEU 004 021 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن ماڭا غەزەپلىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىدىغان ياخشى زېمىن توغرىسىدا: ــ «سەن شۇ يەرگە كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن» دەپ قەسەم قىلدى. 005 DEU 004 022 شۇڭا مەن مۇشۇ زېمىندا ئۆلۈشۈم مۇقەررەر؛ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيمەن؛ بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. 005 DEU 004 023 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مەنئى قىلغان ئويما بۇتنى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكىل-قىياپىتىنى ياسىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار. 005 DEU 004 024 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر. 005 DEU 004 025 سىلەر پەرزەنتلەر، پەرزەنتىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ، زېمىندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىرخىل شەكىل-قىياپەتتە بولغان ئويما بۇتنى ياسىغان، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى رەنجىتىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بولساڭلار، 005 DEU 004 026 مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. 005 DEU 004 027 پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىغا تارقىتىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى ھەيدىشى بىلەن سىلەر شۇ ئەللەر ئارىسىدا كىچىك بىر قالدۇق بولىسىلەر. 005 DEU 004 028 سىلەر شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ياغاچتىن ياكى تاشتىن ياسالغان، نە كۆرەلمەيدىغان، نە ئاڭلىيالمايدىغان، نە يېمەيدىغان، نە پۇرالمايدىغان، پەقەت ئىنساننىڭ قولىنىڭ ياسىغىنى بولغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر. 005 DEU 004 029 سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. 005 DEU 004 030 سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. 005 DEU 004 031 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ. 005 DEU 004 032 ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ 005 DEU 004 033 سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ 005 DEU 004 034 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟ 005 DEU 004 035 پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ [ئۇلۇغ] ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر. 005 DEU 004 036 سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار. 005 DEU 004 037 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا باغلىغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى مىسىردىن شەخسەن ئۆزى زور قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقاردى؛ 005 DEU 004 038 ئۇ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆزۈڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سىلەرگە مىراس قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلغاندۇر. 005 DEU 004 039 شۇڭا بۈگۈن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى ۋە كۆڭلۈڭلارنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلاركى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدىكى ئاسمانلاردا بولسۇن، ئاستىدىكى يەر-زېمىندا بولسۇن خۇدادۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىرى يوقتۇر. 005 DEU 004 040 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار». 005 DEU 004 041 ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛ 005 DEU 004 042 مەقسىتى، ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى بولماي، تاسادىپىي قوشنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۆلتۈرگەن كىشى شۇ يەرلەرگە، يەنى شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىپ ئامان-ئېسەن قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 005 DEU 004 043 بۇ شەھەرلەر بولسا: ــ رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىدىن چۆل-باياۋاندىكى بەزەر، گادلارنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموت، ماناسسەھلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاندىن ئىبارەت ئىدى. 005 DEU 004 044 مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا قويغان قانۇن مانا تۆۋەندىكىدەك: ــ 005 DEU 004 045 (بۇلار بولسا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۇلارغا جاكارلىغان ئاگاھ-گۇۋاھلار، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر؛ 005 DEU 004 046 مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان. 005 DEU 004 047 شۇ چاغدا ئىسرائىللار [سىھوننىڭ] ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنىنىمۇ ئىگىلىگەنىدى؛ 005 DEU 004 048 ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە، 005 DEU 004 049 شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى). 005 DEU 005 001 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى ئىسرائىل، مەن بۈگۈن قۇلاقلىرىڭلارغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! 005 DEU 005 002 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىز بىلەن ھورەب تېغىدا ئەھدە تۈزدى. 005 DEU 005 003 بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن، يەنى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك قالغان بىزلەر بىلەن تۈزدى. 005 DEU 005 004 تاغدا ئوت ئىچىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنىدى 005 DEU 005 005 (شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار). 005 DEU 005 006 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. 005 DEU 005 007 سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. 005 DEU 005 008 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ 005 DEU 005 009 سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن. 005 DEU 005 010 ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. 005 DEU 005 011 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. 005 DEU 005 012 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. 005 DEU 005 013 ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ 005 DEU 005 014 لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر. سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ، مەيلى ئېشىكىڭ، مەيلى ھەرقانداق باشقا ئۇلىغىڭ، ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇلۇڭ ۋە دېدىكىڭ سەندەك ئارام ئالالايدۇ. 005 DEU 005 015 سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سېنى شۇ يەردىن چىقارغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىنى تۇتۇشنى ئەمر قىلغان. 005 DEU 005 016 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ. 005 DEU 005 017 قاتىللىق قىلما. 005 DEU 005 018 ھەم زىنا قىلما. 005 DEU 005 019 ھەم ئوغرىلىق قىلما. 005 DEU 005 020 ھەم قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. 005 DEU 005 021 ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما». 005 DEU 005 022 ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا [سۆزلەرنى] قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى. 005 DEU 005 023 ۋە شۇنداق بولدىكى، قاراڭغۇلۇقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ۋە ئوتلۇق تاغ كۆيگىنىدە سىلەر، يەنى قەبىلە باشلىقلىرىڭلار ۋە ئاقساقاللىرىڭلار يېنىمغا كېلىپ: ــ 005 DEU 005 024 «مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى ۋە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئوت ئوتتۇرىسىدىن ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. 005 DEU 005 025 ئەمدى بىز جېنىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى مۇشۇ دەھشەتلىك ئوت بىزنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋەرسەك ئۆلۈپ كېتىمىز. 005 DEU 005 026 چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟ 005 DEU 005 027 سەن ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغىن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ساڭا سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىمىز» ــ دېدىڭلار. 005 DEU 005 028 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ بۇ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرى دۇرۇستۇر. 005 DEU 005 029 كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ئەمرلىرىمنى ئىزچىل تۇتىدىغان بىر قەلب بولسىدى، ئۇلارنىڭ ھالى ۋە بالىلىرىڭنىڭ ھالى مەڭگۈگە ياخشى بولاتتى! 005 DEU 005 030 سەن بېرىپ ئۇلارغا: «چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار» ــ دېگىن. 005 DEU 005 031 سەن بولساڭ يېنىمدا تۇرغىن؛ مەن سېنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ كېرەك بولغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەۋەلىك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا تۇرۇپ بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولىدۇ. 005 DEU 005 032 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار! 005 DEU 005 033 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ». 005 DEU 006 001 «مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر [دەريادىن] ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ 005 DEU 006 002 (شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر. 005 DEU 006 003 سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ 005 DEU 006 004 ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛ 005 DEU 006 005 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن. 005 DEU 006 006 مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ 005 DEU 006 007 سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ 005 DEU 006 008 ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ 005 DEU 006 009 سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن. 005 DEU 006 010 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە، 005 DEU 006 011 ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، 005 DEU 006 012 ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول. 005 DEU 006 013 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن. 005 DEU 006 014 سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛ 005 DEU 006 015 چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. [ئەگەر شۇنداق قىلساڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ. 005 DEU 006 016 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار. 005 DEU 006 017 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ-ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار. 005 DEU 006 018 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر، 005 DEU 006 019 شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر. 005 DEU 006 020 كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ-گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا، 005 DEU 006 021 سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن: «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان. 005 DEU 006 022 پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛ 005 DEU 006 023 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان. 005 DEU 006 024 پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛ 005 DEU 006 025 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ». 005 DEU 007 001 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. 005 DEU 007 002 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. 005 DEU 007 003 سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ 005 DEU 007 004 چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. 005 DEU 007 005 سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ 005 DEU 007 006 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. 005 DEU 007 007 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار، 005 DEU 007 008 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. 005 DEU 007 009 شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ 005 DEU 007 010 لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. 005 DEU 007 011 سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار. 005 DEU 007 012 چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ 005 DEU 007 013 سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. 005 DEU 007 014 سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ 005 DEU 007 015 پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ. 005 DEU 007 016 سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. 005 DEU 007 017 ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ، 005 DEU 007 018 ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن، 005 DEU 007 019 ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 005 DEU 007 020 ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ 005 DEU 007 021 سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر. 005 DEU 007 022 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. 005 DEU 007 023 لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. 005 DEU 007 024 ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ. 005 DEU 007 025 سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. 005 DEU 007 026 سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر. 005 DEU 008 001 مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. 005 DEU 008 002 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. 005 DEU 008 003 دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. 005 DEU 008 004 بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. 005 DEU 008 005 سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ 005 DEU 008 006 شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن. 005 DEU 008 007 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق-ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا-دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ 005 DEU 008 008 بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا، 005 DEU 008 009 ــ سەن ھېچنېمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛ 005 DEU 008 010 سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىسەن. 005 DEU 008 011 مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛ 005 DEU 008 012 بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، 005 DEU 008 013 كالا-قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن-كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن، 005 DEU 008 014 كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛ 005 DEU 008 015 (ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل-باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن، 005 DEU 008 016 سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان) 005 DEU 008 017 ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە: «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن. 005 DEU 008 018 شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ. 005 DEU 008 019 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. 005 DEU 008 020 پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر. 005 DEU 009 001 ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن). 005 DEU 009 003 سەن بۈگۈنكى كۈندە شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇ يالماپ يۇتقۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مۇشۇ ئەللەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئالدىڭدا ئۇلارنى تېزدىن يىقىتىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىگىلەپ، پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقاندەك ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىسەن. 005 DEU 009 004 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭدىن ھەيدىگەندە سەن كۆڭلۈڭدە: «ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەكلەپ كىردى» دېمىگىن؛ بەلكى شۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. 005 DEU 009 005 سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭ سېنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن ياكى كۆڭلۈڭنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكىدىن ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قەسەم قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. 005 DEU 009 006 ئەمدى شۇنى بىلىپ قويغىنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ ياخشى زېمىننى ساڭا مىراس قىلغىنى سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن ئەمەس، چۈنكى سەن ئەسلى بوينى قاتتىق بىر خەلقسەن. 005 DEU 009 007 ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ. 005 DEU 009 008 سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى. 005 DEU 009 009 شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛ 005 DEU 009 010 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن ئىككى تاختاينى تاپشۇردى؛ ئۇلاردا پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدە سىلەرگە سۆزلىگەن چاغدا، جامائەت يىغىلغان كۈنى ئېيتقان بارلىق سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى. 005 DEU 009 011 ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى. 005 DEU 009 012 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مۇشۇ يەردىن چۈشكىن؛ چۈنكى سەن مىسىردىن چىقارغان خەلقىڭ ئۆزلىرىنى بۇلغىدى؛ ئۇلار تېزلا مەن ئۇلارغا تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ ئۆزلىرىگە قۇيما بىر بۇتنى ياسىدى» دېدى. 005 DEU 009 013 پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. 005 DEU 009 014 مېنى توسما، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن ۋە شۇنداق قىلىپ، سېنى ئۇلاردىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» ــ دېدى. 005 DEU 009 015 مەن بۇرۇلۇپ، تاغدىن چۈشتۈم؛ تاغ بولسا ئوت بىلەن يالقۇنلاۋاتاتتى؛ ئىككى ئەھدە تاختىيى ئىككى قولۇمدا ئىدى. 005 DEU 009 016 مەن كۆردۈم، مانا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا گۇناھ قىلىپسىلەر؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بىر موزاينى ياساپسىلەر؛ سىلەر تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كېتىپسىلەر. 005 DEU 009 017 مەن ئىككى تاختاينى ئىككى قولۇمغا ئېلىپ، چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم. 005 DEU 009 018 سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم) 005 DEU 009 019 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى يوقىتىدىغان قاتتىق غەزىپى ھەم قەھرىدىن قورقتۇم. پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ تىلىكىمنى ئاڭلىدى. 005 DEU 009 020 پەرۋەردىگار ھارۇندىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىمۇ يوقاتماقچى بولدى؛ مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم. 005 DEU 009 021 مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى، يەنى ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئۇنى ئوتتا كۆيدۈردۈم ۋە ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىۋەتتىم؛ ئۇنىڭ توپىسىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشىدىغان ئېرىق سۈيىگە چېچىۋەتتىم 005 DEU 009 022 (سىلەر يەنە تابەراھ، ماسساھ، كىبروت-ھاتتاۋاھدىمۇ پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردۈڭلار. 005 DEU 009 023 پەرۋەردىگار سىلەرنى قادەش-بارنېئادىن [قانائانغا] ماڭدۇرماقچى بولۇپ سىلەرگە: «چىقىپ، مەن سىلەرگە تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەندىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدىڭلار، نە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، نە ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار. 005 DEU 009 024 مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار). 005 DEU 009 025 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى. 005 DEU 009 026 شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛ 005 DEU 009 027 ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن؛ بۇ خەلقنىڭ باشباشتاقلىقىغا، ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ياكى گۇناھىغا قارىمىغايسەن؛ 005 DEU 009 028 بولمىسا، سەن بىزنى ئېلىپ چىققان شۇ زېمىندىكىلەر: «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا نەپرەتلەنگىنى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا يوقىتىشقا [مىسىردىن] چىقاردى» ــ دەيدۇ. 005 DEU 009 029 قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زور كۈچۈڭ ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىڭ بىلەن [مىسىردىن] چىقارغان خەلقىڭ ۋە سېنىڭ مىراسىڭدۇر» ــ دېدىم. 005 DEU 010 001 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاينى ئويۇپ چىقىپ، تاغقا يېنىمغا كەل. ئۆزۈڭگە ياغاچتىن بىر ساندۇق ياسىغىن. 005 DEU 010 002 مەن بۇ تاختايلارغا سەن چېقىۋەتكەن ئاۋۋالقى تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يازىمەن؛ سەن ئۇلارنى ساندۇققا قويىسەن» ــ دېدى. 005 DEU 010 003 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم، ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاي ئويۇپ چىقتىم؛ ئىككى تاختاينى قولۇمدا كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم. 005 DEU 010 004 پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئوت ئىچىدىن تاغدا جامائەت يىغىلغان كۈندە سىلەرگە ئېيتقان شۇ ئون ئەمرنى ئاۋۋالقى پۈتۈكتەك تاختايلارغا يازدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ماڭا تاپشۇردى. 005 DEU 010 005 مەن بۇرۇلۇپ تاغدىن چۈشۈپ تاختايلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويدۇم؛ پەرۋەردىگار ماڭا تاپىلىغىنىدەك ئۇلار تېخى ئۇنىڭدا تۇرماقتا. 005 DEU 010 006 شۇ چاغدا ئىسرائىللار بەئەروت-بەنە-يائاكاندىن موسەراھقا يول ئېلىپ ماڭدى؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلدى ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىنلىق قىلدى. 005 DEU 010 007 ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر). 005 DEU 010 008 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. 005 DEU 010 009 شۇڭا لاۋىي قەبىلىسىنىڭ [ئىسرائىل] قېرىنداشلىرى ئىچىدە نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراسىدۇر. 005 DEU 010 010 مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى. 005 DEU 010 011 پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى باشلاپ ئالدىدا يول ئالغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىشقا ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرسۇن» ــ دېدى. 005 DEU 010 012 ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ 005 DEU 010 014 مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مەنسۇپتۇر؛ يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. 005 DEU 010 015 ھالبۇكى، پەرۋەردىگار پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك بارلىق ئەللەر ئارىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى. 005 DEU 010 016 شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار. 005 DEU 010 017 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛ 005 DEU 010 018 ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر. 005 DEU 010 019 شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار. 005 DEU 010 020 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن؛ سەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولغىن، ئۇنىڭغا باغلانغىن ۋە [پەقەت] ئۇنىڭ نامىدىلا قەسەم ئىچكىن. 005 DEU 010 021 ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇ سەن مەدھىيىلەيدىغان، سېنىڭ خۇدايىڭدۇر؛ 005 DEU 010 022 ئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى؛ ۋە ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى. 005 DEU 011 001 ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن. 005 DEU 011 002 شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ جازا-تەربىيىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىنى، مىسىر زېمىنىدا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈستىگە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرمىگەن بالىلىرىڭلارغا سۆزلىمەيمەن 005 DEU 011 004 (چۈنكى ئۇلار [پەرۋەردىگارنىڭ] مىسىرنىڭ قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى، يەنى قىزىل دېڭىزنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۇلارنى غەرق قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى، 005 DEU 011 005 ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى، 005 DEU 011 006 ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛ 005 DEU 011 007 [مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن]؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى. 005 DEU 011 008 ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر 005 DEU 011 009 ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. 005 DEU 011 010 چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛ 005 DEU 011 011 بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ-جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ، 005 DEU 011 012 ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. 005 DEU 011 013 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار، 005 DEU 011 014 ئۇ: «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛ 005 DEU 011 015 مەن شۇنداقلا مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت-چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ-ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ. 005 DEU 011 016 قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛ 005 DEU 011 017 بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر. 005 DEU 011 018 سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ 005 DEU 011 019 سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ 005 DEU 011 020 ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. 005 DEU 011 021 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ. 005 DEU 011 022 مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار، 005 DEU 011 023 ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر. 005 DEU 011 024 تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە [ئەفرات] دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. 005 DEU 011 025 ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ. 005 DEU 011 026 مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ 005 DEU 011 027 مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ 005 DEU 011 028 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ. 005 DEU 011 029 شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر. 005 DEU 011 030 بۇ [تاغلار] ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، گىلگالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا، مەغرىب يولىنىڭ ئارقىسىدا، مورەھتىكى دۇب دەرەخلىرىگە يېقىن يەردە ئەمەسمۇ؟ 005 DEU 011 031 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ سىلەر دەرۋەقە ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلىشىسىلەر. 005 DEU 011 032 سىلەر مەن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ بارلىق ھۆكۈملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. 005 DEU 012 001 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغاندا، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىڭلاردا كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەر مانا مۇنۇلاردۇر: ــ 005 DEU 012 002 سىلەر ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ ئېگىز تاغلار، دۆڭلەر ۋە ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدىكى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولغان ئىبادەتگاھلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك؛ 005 DEU 012 003 ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. 005 DEU 012 004 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇلاردەك قىلماڭلار، 005 DEU 012 005 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛ 005 DEU 012 006 شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي-كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛ 005 DEU 012 007 سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر. 005 DEU 012 008 سىلەر بىز بۈگۈن قىلغىنىمىزدەك، يەنى ھەربىرىڭلار ئۆز بىلگىنىڭلارچە قىلغىنىڭلاردەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ 005 DEU 012 009 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ئاراملىق ھەم مىراسقا تېخى يېتىپ كەلمىدىڭلار. 005 DEU 012 010 بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇ سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئارام بەرگەندىن كېيىن، سىلەر تىنچ-ئامان تۇرغاندا، 005 DEU 012 011 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ سىلەر شۇ يەرگە كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئەكىلىسىلەر؛ 005 DEU 012 012 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر. 005 DEU 012 013 سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى ئۇدۇل كەلگەن جايلاردا قىلماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن؛ 005 DEU 012 014 پەقەت پەرۋەردىگار ھەممە قەبىلىلىرىڭنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى قىل ۋە شۇ جايدا مېنىڭ ساڭا بارلىق تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىل. 005 DEU 012 015 ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. 005 DEU 012 016 سىلەر پەقەت ئۇنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر قېنىنى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىشىڭلار كېرەك. 005 DEU 012 017 سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا-قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر-يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ 005 DEU 012 018 بەلكى بۇلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا يېيىشىڭ كېرەك، يەنى سەن، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇل-دېدىكىڭ ۋە سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىرگە يېسەڭ بولىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن شادلىنىسەن. 005 DEU 012 019 ئۆزۈڭگە ھېزى بولغىنكى، سەن زېمىندا تۇرغان بارلىق كۈنلىرىڭدە لاۋىيلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 012 020 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك چېگرالىرىڭنى كېڭەيتكەندە، سەن كۆڭلۈڭ تارتىپ: «گۆش يەيمەن» دېسەڭ، سەن كۆڭلۈڭنىڭ تارتقىنىچە گۆش يېسەڭ بولىدۇ. 005 DEU 012 021 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جاي سەندىن بەك يىراق بولسا، سەن پەرۋەردىگار ساڭا تەقدىم قىلغان كالا-قويلاردىن ئېلىپ سويىسەن؛ مەن ساڭا تاپىلىغاندەك ئۇلارنى سويىسەن ۋە شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە بوغۇزلاپ يەيسەن. 005 DEU 012 022 جەرەن ياكى كېيىك يېگەندەك ئۇلارنى يەيسەن؛ مەيلى پاك مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. 005 DEU 012 023 پەقەت شۇنىڭدىن ھېزى بولغىنكى، ئۇلارنىڭ قېنىنى يېمە؛ چۈنكى جان دېگەن قاندىدۇر؛ سەن گۆشنى جان بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 012 024 سەن قاننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ بەلكى ئۇنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋەت. 005 DEU 012 025 سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن. 005 DEU 012 026 بىراق سەندىكى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ۋە قەسەمگە باغلىق نەرسىلەرنى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا ئاپىرىسەن؛ 005 DEU 012 027 سەن [شۇ يەردە] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى، گۆش بىلەن قېنىنى سۇنغىن؛ باشقا قۇربانلىقلىرىڭنىڭ قېنىنىمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە قۇيغىن ۋە گۆشىنى يېگىن. 005 DEU 012 028 مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ. 005 DEU 012 029 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بارىدىغان يەردىكى ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا يوقىتىدۇ. شۇ چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ شۇ يەردە تۇرغىنىڭدا، 005 DEU 012 030 شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە: ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە. 005 DEU 012 031 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن. 005 DEU 012 032 مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. 005 DEU 013 001 ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە 005 DEU 013 002 ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، 005 DEU 013 003 شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ. 005 DEU 013 004 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. 005 DEU 013 005 شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. 005 DEU 013 006 قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە، 005 DEU 013 008 ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ 005 DEU 013 009 قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. 005 DEU 013 010 ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛ 005 DEU 013 011 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ. 005 DEU 013 012 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ، 005 DEU 013 014 شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، 005 DEU 013 015 ئۇنداقدا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت. 005 DEU 013 016 ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك. 005 DEU 013 017 تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ. 005 DEU 013 018 سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ. 005 DEU 014 001 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى ھېچ كەسمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ياكى ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ 005 DEU 014 002 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن؛ پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۆھىرى بولغان بىر خەلق بولۇشى ئۈچۈن سېنى تاللىغاندۇر. 005 DEU 014 003 سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 014 004 تۆۋەندىكىلەر سىلەر يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: ــ كالا، قوي، ئۆچكە؛ 005 DEU 014 005 كېيىك، جەرەن، بۇغا، ياۋا ئۆچكە، ئاھۇ، بۆكەن، ياۋا قوي، 005 DEU 014 006 شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 005 DEU 014 007 لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ). 005 DEU 014 008 چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. شۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ھەم ئۆلۈكلىرىگە تەگمەسلىكىڭلار كېرەك. 005 DEU 014 009 سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ، 005 DEU 014 010 لېكىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولمىغانلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ. 005 DEU 014 011 بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ 005 DEU 014 012 بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى، 005 DEU 014 013 قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن، قورۇلتاز-تاپقۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 005 DEU 014 014 ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 005 DEU 014 015 مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 005 DEU 014 016 ھۇۋقۇش، ئىبىس، ئاق قۇ، 005 DEU 014 017 ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، قارنا، 005 DEU 014 018 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ بىلەن شەپەرەڭ دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن. 005 DEU 014 019 ھەربىر قاناتلىق ئۆمۈلىگۈچى ھاشارەتلەر بولسا سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 005 DEU 014 020 سىلەر بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 005 DEU 014 021 سىلەر ھېچقانداق ئۆلۈك جانۋارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنداق نەرسىنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بېرىڭلار؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ ياكى ئۇنى يات ئەللىكلەركە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن. سەن ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ. 005 DEU 014 022 سەن جەزمەن ھەر يىلى ئېتىزدىكى ھەممە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىشىڭ كېرەك؛ 005 DEU 014 023 سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن. 005 DEU 014 024 ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ، 005 DEU 014 025 سەن شۇ چاغدا ئۇنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا تېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا بارغىن 005 DEU 014 026 ۋە كۆڭلۈڭ نېمە تارتسا، مەيلى كالا، قوي، مەي-شاراب، مۇسەللەس بولسۇن، ياكى شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭ تارتقان ھەرقانداق نەرسىنى شۇ پۇلغا ئالساڭ بولىدۇ؛ ئاندىن سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر شۇ يەردە ئۇنىڭدىن يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا شاد-خۇرام بولىسىلەر. 005 DEU 014 027 شەھەر-يېزىلىرىڭدا تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق. 005 DEU 014 028 ھەر ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن شۇ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ چىقار؛ سەن ئۇنى شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە توپلا؛ 005 DEU 014 029 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 015 001 ھەربىر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن بىر «خالاس قىلىش»نى جاكارلىغىن. 005 DEU 015 002 بۇ «خالاس قىلىش» مۇنداق بولىدۇ: ــ بارلىق قەرز ئىگىلىرى قوشنىسىغا بەرگەن قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ ئۇنى قوشنىسىدىن ياكى قېرىندىشىدىن تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى. 005 DEU 015 003 چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك. 005 DEU 015 004 ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛ 005 DEU 015 005 پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ پۈتۈن ئەمرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭلار شۇنداق بولىدۇ. 005 DEU 015 006 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ؛ سەن كۆپ ئەللەرگە كاپالەتلىك ئېلىپ قەرز بېرىسەن، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسەن؛ سەن كۆپ ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىسەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. 005 DEU 015 007 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن كەمبەغەل بىر ئادەم بولسا، سەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى قاتتىق قىلما ياكى ھاجىتى چۈشكەن قېرىندىشىڭغا قولۇڭنى يۇمۇۋالما؛ 005 DEU 015 008 سەن بەلكى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولۇڭنى ئوچۇق قىل ۋە ئۇنىڭدا نېمە كەم بولسا چوقۇم ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆتنە بېرىپ تۇر. 005 DEU 015 009 كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ: يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. 005 DEU 015 010 سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 015 011 چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا: «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» ــ دەپ تاپىلىدىم. 005 DEU 015 012 سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت. 005 DEU 015 013 ئۇنى قويۇۋەتكەندە قۇرۇق قول قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ؛ 005 DEU 015 014 سەن چوقۇم قويلىرىڭدىن، خامىنىڭدىن ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن تەقدىم قىلىشىڭ كېرەك؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە سەن ئۇنىڭغا بەر. 005 DEU 015 015 سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم. 005 DEU 015 016 ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا: «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ) 005 DEU 015 017 ــ شۇ چاغدا سەن بىگىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىكتە تەش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دېدىكىڭگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن. 005 DEU 015 018 [قۇلۇڭنى] يېنىڭدىن قويۇۋېتىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاچقا، قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ؛ [ئۇنى قويۇۋەتسەڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنى بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 015 019 كالىلىرىڭ ۋە قويلىرىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغان بارلىق تۇنجى ئەركەك موزاي-قوزىلىرىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتا؛ كالىلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ھېچقانداق ئەمگەككە سالما، قويلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىما. 005 DEU 015 020 سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر ھەر يىلى شۇ مېلىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا يەڭلار. 005 DEU 015 021 بىراق [شۇ] ھايۋانلارنىڭ بىر يېرى مېيىپ بولسا، مەيلى ئۇ مەجرۇھ ، كور ياكى ئۇنىڭدا ھەرقانداق نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك. 005 DEU 015 022 بەلكى ئۇنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە يېسەڭ بولىدۇ؛ كىشىلەر مەيلى پاك ياكى ناپاك بولسۇن، ئۇنى جەرەن ياكى كېيىكنى يېگەندەك يېسە بولىدۇ. 005 DEU 015 023 پەقەت سەن ئۇنىڭ قېنىنى يېمە؛ قېنىنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك تۆكۈۋەت. 005 DEU 016 001 ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان. 005 DEU 016 002 سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛ 005 DEU 016 003 شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن. 005 DEU 016 004 يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك. 005 DEU 016 005 سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛ 005 DEU 016 006 بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن. 005 DEU 016 007 ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ. 005 DEU 016 008 سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن. 005 DEU 016 009 ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛ 005 DEU 016 010 ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن. 005 DEU 016 011 شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر. 005 DEU 016 012 سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن. 005 DEU 016 013 سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر. 005 DEU 016 015 پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن. 005 DEU 016 016 يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛ 005 DEU 016 017 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن. 005 DEU 016 018 خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك. 005 DEU 016 019 ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. 005 DEU 016 020 سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن. 005 DEU 016 021 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك 005 DEU 016 022 ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 005 DEU 017 001 پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 005 DEU 017 002 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا، 005 DEU 017 004 ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا، 005 DEU 017 005 سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك. 005 DEU 017 006 بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. 005 DEU 017 007 ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر. 005 DEU 017 008 شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار. 005 DEU 017 009 سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. 005 DEU 017 010 سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك. 005 DEU 017 011 سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار. 005 DEU 017 012 ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر. 005 DEU 017 013 شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ. 005 DEU 017 014 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا: «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ، 005 DEU 017 015 شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 017 016 [پادىشاھ] بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى. 005 DEU 017 017 پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك. 005 DEU 017 018 پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك. 005 DEU 017 019 شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. 005 DEU 017 020 شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ. 005 DEU 018 001 لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، 005 DEU 018 002 بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 005 DEU 018 003 كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ. 005 DEU 018 004 سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛ 005 DEU 018 005 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان. 005 DEU 018 006 ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە 005 DEU 018 007 ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا، 005 DEU 018 008 ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. 005 DEU 018 009 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 018 010 ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك 005 DEU 018 011 ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛ 005 DEU 018 012 چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. 005 DEU 018 013 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛ 005 DEU 018 014 چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ. 005 DEU 018 015 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. 005 DEU 018 016 بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. 005 DEU 018 017 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى. 005 DEU 018 018 مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. 005 DEU 018 019 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن. 005 DEU 018 020 ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن. 005 DEU 018 021 ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، 005 DEU 018 022 بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما. 005 DEU 019 001 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى تائىپىلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋاقتىدا ۋە سىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە تۇرغىنىڭلاردا، 005 DEU 019 002 سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ 005 DEU 019 003 شۇنداقلا، ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىۋالسۇن دەپ يول ھازىرلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىراس بولۇشقا سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ رايونغا بۆلىسىلەر. 005 DEU 019 004 تىرىك قېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە قېچىپ بېرىۋالغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە مۇنداق: ــ ئۇ قوشنىسىنى تاسادىپىيلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇنداقلا ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان بولسا، شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالسا بولىدۇ. 005 DEU 019 005 مەسىلەن، ئۇ قوشنىسى بىلەن ئوتۇن كېسىشكە ئورمانغا كىرگەن بولۇپ، دەرەخنى كېسىشكە پالتىنى كۆتۈرگەندە پالتا بېشى سېپىدىن ئاجراپ كېتىپ قوشنىسىغا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنداقتا جاۋابكار كىشى بۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ ھايات قالىدۇ؛ 005 DEU 019 006 بولمىسا، قان قىساسى ئالغۇچى غەزىپى قاينىغاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قوغلايدۇ ۋە يول ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلىدە قوشنىسىغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق ئىدى. 005 DEU 019 007 شۇڭا مەن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلار شۇنداق ئۈچ شەھەرنى ئايرىشىڭلار كېرەك» دەپ ئەمر قىلىمەن. 005 DEU 019 008 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك چېگرايىڭلارنى كېڭەيتىشنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى سىلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛ 005 DEU 019 009 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا دائىم مېڭىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمرنى تۇتساڭلارلا ئۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ شەھەردىن باشقا يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر. 005 DEU 019 010 ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ. 005 DEU 019 011 لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا، 005 DEU 019 012 ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. 005 DEU 019 013 سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن، شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلدىن تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ دېغىنى تازىلىغان بولىسىلەر؛ ئاندىن ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ. 005 DEU 019 014 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك. 005 DEU 019 015 مەلۇم جىنايەت ياكى گۇناھ توغرىسىدا بىرسىگە «ئۇ گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىشتا يالغۇز بىرلا گۇۋاھچى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەممە ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن بېكىتىلسۇن. 005 DEU 019 016 بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا، 005 DEU 019 017 دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛ 005 DEU 019 018 سوراقچى بەگلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرسۇن؛ ئەگەر ھېلىقى گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشى توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، 005 DEU 019 019 ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر. 005 DEU 019 020 قالغان خەلقمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلايدۇ ۋە قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۇنداق رەزىل ئىشنى يەنە قىلمايدۇ. 005 DEU 019 021 سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار؛ جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن. 005 DEU 020 001 ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر. 005 DEU 020 002 سىلەر جەڭگە چىقىش ئالدىدا كاھىن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ خەلققە سۆز قىلىپ 005 DEU 020 003 ئۇلارغا: ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ 005 DEU 020 004 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىدۇ» ــ دەپ ئېيتسۇن. 005 DEU 020 005 شۇ چاغدا ئەمەلدارلار خەلققە مۇنداق دېسۇن: ــ «ئاراڭلاردا بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتىمىغان بىرسى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى [خۇداغا] ئاتىشى مۇمكىن. 005 DEU 020 006 تەك سېلىپ ئۈزۈمزار بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بىركىم بارمۇ؟ بار بولسا ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىشى مۇمكىن. 005 DEU 020 007 بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن». 005 DEU 020 008 ئاندىن مەنسەپدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ: «قورقۇپ كەتكەن، جۈرئەتسىز بىركىم بارمۇ؟ ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن. بولمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىمۇ ئۇنىڭكىدەك جاسارەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتسۇن. 005 DEU 020 009 ئەمەلدارلار خەلققە شۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇنلارغا سەردارلارنى تىكلىسۇن. 005 DEU 020 010 سىلەر ھۇجۇم قىلىشقا مەلۇم بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار. 005 DEU 020 011 ئەگەر ئۇلار سۈلھىنى خالايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممە خەلق سىلەرگە بېقىنىپ قۇللۇق ھاشاردا بولىدۇ. 005 DEU 020 012 لېكىن سىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشقا ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسا سىلەر ئۇنى قورشاڭلار. 005 DEU 020 013 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئەركەكنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ 005 DEU 020 014 لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرى، كالا بىلەن شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى، يەنى بارلىق غەنىيمەتنى ئۆزۈڭلارغا ئولجا قىلىپ ئېلىڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر. 005 DEU 020 015 سىلەردىن يىراقتا بولغان، [زېمىنغا تەۋە بولمىغان] ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىگە شۇنداق قىلىڭلار. 005 DEU 020 016 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىنىقى بار ھېچ نەرسىنى تىرىك قويماي، 005 DEU 020 017 بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك. 005 DEU 020 018 بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىكى ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا گۇناھ قىلىدىغان بولىسىلەر. 005 DEU 020 019 بىر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىپ قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كەسمەڭلار؛ چۈنكى دالادىكى دەرەخلەر قورشىۋېلىش كېرەك بولغان ئادەممىدى؟ 005 DEU 020 020 لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، سىلەر بىلەن سوقۇشقان شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ غۇلىتىشقا شۇ دەرەخلەردىن ئىستىھكام-پوتەيلەرنى ياسىساڭلار بولىدۇ. 005 DEU 021 001 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، دالادا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەت تېپىلسا، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەم مەلۇم بولمىسا، 005 DEU 021 002 ئاقساقاللىرىڭلار بىلەن سوراقچى بەگلىرىڭلار چىقىپ ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن؛ 005 DEU 021 003 ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بولسا ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتوروقمۇ سېلىنمىغان ئىنەك تېپىپ كەلسۇن؛ 005 DEU 021 004 شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىنەكنى سۈيى توختىماي ئاقىدىغان، ھەيدىلىپ تېرىلمىغان بىر جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ جىلغىنىڭ ئۆزىدە ئىنەكنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن؛ 005 DEU 021 005 شۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە تاللىغاندۇر. ھەربىر دەۋا ۋە ھەربىر تاياق جازاسى ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە كېسىلسۇن. 005 DEU 021 006 ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەردىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى شۇ جىلغىغا كېلىپ، بوينى سۇندۇرۇلغان ئىنەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇپ 005 DEU 021 007 گۇۋاھلىق بېرىپ: «قوللىرىمىز بولسا بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى؛ 005 DEU 021 008 ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگەيسەن ۋە ناھەق ئاققان قاننىڭ گۇناھىنى ئىسرائىل خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» ــ دېسۇن؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قان گۇناھىغا كافارەت كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. 005 DEU 021 009 سىلەر شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ گۇناھىنى ئۆزۈڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن بولىسىلەر. 005 DEU 021 010 ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار، 005 DEU 021 011 بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ، 005 DEU 021 012 ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ، 005 DEU 021 013 ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ. 005 DEU 021 014 كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن. 005 DEU 021 015 ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا 005 DEU 021 016 ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ. 005 DEU 021 017 ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن. 005 DEU 021 018 ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا، 005 DEU 021 019 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛ 005 DEU 021 020 ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن. 005 DEU 021 021 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ. 005 DEU 021 022 ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ۋە جەسىتىنى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان بولساڭلار، 005 DEU 021 023 ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر. 005 DEU 022 001 سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر. 005 DEU 022 002 ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. 005 DEU 022 003 سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن. 005 DEU 022 004 ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن. 005 DEU 022 005 ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ. 005 DEU 022 006 ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛ 005 DEU 022 007 ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. 005 DEU 022 008 يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن. 005 DEU 022 009 ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ. 005 DEU 022 010 سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن. 005 DEU 022 011 يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن. 005 DEU 022 012 سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن. 005 DEU 022 013 ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، 005 DEU 022 014 ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، 005 DEU 022 015 ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، 005 DEU 022 016 ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ 005 DEU 022 017 ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. 005 DEU 022 018 ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، 005 DEU 022 019 ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 005 DEU 022 020 لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، 005 DEU 022 021 قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 005 DEU 022 022 ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 005 DEU 022 023 ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، 005 DEU 022 024 ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 005 DEU 022 025 ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. 005 DEU 022 026 قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. 005 DEU 022 027 چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان. 005 DEU 022 028 ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا، 005 DEU 022 029 قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 005 DEU 022 030 ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك. 005 DEU 023 001 كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 005 DEU 023 002 كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 005 DEU 023 003 ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن. 005 DEU 023 004 سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى. 005 DEU 023 005 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان. 005 DEU 023 006 سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا [ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار]نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار. 005 DEU 023 007 لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار. 005 DEU 023 008 بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ. 005 DEU 023 009 دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن. 005 DEU 023 010 ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛ 005 DEU 023 011 كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن. 005 DEU 023 012 [ھاجىتىڭلار] ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار. 005 DEU 023 013 سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆرەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت. 005 DEU 023 014 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. 005 DEU 023 015 ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن. 005 DEU 023 016 ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار. 005 DEU 023 017 ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن. 005 DEU 023 018 بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر. 005 DEU 023 019 سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ. 005 DEU 023 020 ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ. 005 DEU 023 021 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. 005 DEU 023 022 لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. 005 DEU 023 023 ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك. 005 DEU 023 024 سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن. 005 DEU 023 025 قوشناڭنىڭ پىشقان زىرائەتلىكىگە كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ ئالساڭ بولىدۇ؛ ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائەتلىرىگە ئورغاق سالغۇچى بولما. 005 DEU 024 001 ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. 005 DEU 024 002 ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. 005 DEU 024 003 بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە 005 DEU 024 004 ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن. 005 DEU 024 005 ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن. 005 DEU 024 006 ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ. 005 DEU 024 007 ئەگەر بىركىم ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىنىڭ بىرىنى بۇلاپ كېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ۋە ياكى ئۇنى سېتىۋەتسە شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 005 DEU 024 008 پېسە-ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولسا، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، لاۋىي كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بارلىق كۆرسەتكىنىنى قىلىڭلار؛ مەن ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسام شۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 005 DEU 024 009 مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار. 005 DEU 024 010 ئەگەر سەن ئۆز بۇرادەر-قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن؛ 005 DEU 024 011 بەلكى تاشقىرىدا تۇرۇپ تۇر؛ ساڭا قەرزدار كىشى ئۆزى ساڭا بېرىدىغان كاپالەتنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقسۇن. 005 DEU 024 012 شۇ كىشى يوقسۇل بولسا سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان [كىيىمنى] يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن؛ 005 DEU 024 013 ھېچ بولمىغاندا سەن بەلكى كاپالەتنى كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆز تونىنى يېپىنىپ ئۇخلىغاندا، ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭ بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق سانىلىدۇ. 005 DEU 024 014 ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن. 005 DEU 024 015 ئۇ نامراتلىقتىن ئۆز ھەققىگە ئىنتىزار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىگەن شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ھەققىنى چوقۇم بەرگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ، بۇ ئىش گۇناھ بولۇپ بېشىڭغا چۈشىدۇ. 005 DEU 024 016 بالىلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئاتا ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن؛ بەلكى جىنايىتى بار بولغان ھەربىر كىشى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن. 005 DEU 024 017 سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما، 005 DEU 024 018 بەلكى ئۆزۈڭنىڭ مىسىردا قۇل بولۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇپ كەلگىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. 005 DEU 024 019 سەن ئېتىزلىقىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغ ئۆنچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىپ بارمىغىن؛ ئۇ ئۆنچە مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ بارلىق ئەمگىكىنى بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 024 020 زەيتۇن دەرىخىڭنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىدا قالغانلىرىنى قايتا قاقما؛ قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. 005 DEU 024 021 ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ۋاشاڭ قىلمىغىن. قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. 005 DEU 024 022 ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن؛ شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. 005 DEU 025 001 ئەگەر ئىككى كىشى بىرنەرسىنى تالىشىپ قېلىپ، ھۆكۈم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت ئالدىغا كەلسە، ئۇنداقتا سوراقچىلار دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ ھەقدارنى ھەق، گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھكار دەپ جاكارلىسۇن. 005 DEU 025 002 ئەگەر گۇناھكار ئادەم دەررىگە لايىق بولسا، سوراقچى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساناپ دەررىلىسۇن. 005 DEU 025 003 لېكىن پەقەت قىرىق دەررىلا ئۇرۇلسۇن؛ شۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن، كۆپ ئۇرۇلسا شۇ قېرىندىشىڭ كۆز ئالدىڭدا كەمسىتىلگەن بولىدۇ. 005 DEU 025 004 سەن خامان تېپىۋاتقان كالىنىڭ ئاغزىنى بوغمىغىن. 005 DEU 025 005 ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛ 005 DEU 025 006 ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئىسمى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ تۇنجى بالىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلسۇن. 005 DEU 025 007 لېكىن ئەگەر بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى [شەھەر] دەرۋازىسىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئېرىمنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلدا قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى؛ ئۇ مەن ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇنىمىدى»، دەپ ئېيتسۇن. 005 DEU 025 008 ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، 005 DEU 025 009 يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن. 005 DEU 025 010 شۇ كىشىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: «كەشى سېلىنغۇچىنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالسۇن. 005 DEU 025 011 ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەملىشىپ ئېرىنى ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا، 005 DEU 025 012 ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي قولىنى كېسىۋەت. 005 DEU 025 013 سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن. 005 DEU 025 014 ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئەفاھ ساقلىما. 005 DEU 025 015 تارازا تېشىڭ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن؛ ئەفاھىڭمۇ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ. 005 DEU 025 016 چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ. 005 DEU 025 017 مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ 005 DEU 025 018 ئۇلار خۇدادىن قورقماي، يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ-چارچاپ ھالىڭلار قالمىغان چاغدا، كەينىڭلاردا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئۇ خۇدادىن ھېچ قورقمىدى. 005 DEU 025 019 شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مىراسىڭ بولسۇن دەپ ساڭا ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئەتراپىڭدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئامالەكلەرنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدە ئەسلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆچۈرۈۋەت؛ بۇ ئىشنى ئۇنۇتما. 005 DEU 026 001 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا، 005 DEU 026 002 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛ 005 DEU 026 003 ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان زېمىنغا كىردىم، بۈگۈن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغىنىغا گۇۋاھمەن»، دەپ ئېيتىسەن. 005 DEU 026 004 كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ؛ 005 DEU 026 005 ئاندىن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيسەن: ــ «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب بىر ئارامىي ئىدى؛ مىسىرغا چۈشۈپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ يەردە سانى ئاز مۇساپىر بولسىمۇ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئۇلۇغ، كۈچلۈك، چوڭ بىر خەلق بولدى. 005 DEU 026 006 لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، زۇلۇم سېلىپ بىزنى ئېغىر ئەمگەككە سالدى. 005 DEU 026 007 ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىۋىدۇق، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ بىز تارتىۋاتقان خارلىق، جاپا ۋە زۇلۇمغا نەزىرىنى سالدى. 005 DEU 026 008 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قول ۋە ئۇزارتقان بىلەك، دەھشەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ 005 DEU 026 009 بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى! 005 DEU 026 010 ئەمدى مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن بۇ زېمىننىڭ مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلدىم»، دەيسەن. شۇلارنى دەپ، سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىسەن؛ 005 DEU 026 011 شۇنداق قىلىپ سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇڭلار؛ ئۆزۈڭ، لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردا تۇرىدىغان مۇساپىرلار قوشۇلۇپ شادلىنىڭلار. 005 DEU 026 012 سەن ھەر ئۈچىنچى يىلىدا، يەنى ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە يىلىدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەن لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە شۇلاردىن يەپ تويۇنسۇن دەپ بېرىسەن؛ 005 DEU 026 013 ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ شۇنداق دەيسەن: «مەن ئۆيۈمدىن [خۇداغا] مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا تاپىلىغان ئەمر بويىچە بۇلارنى لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا بەردىم؛ مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى نە بۇزمىدىم، نە٪ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم؛ 005 DEU 026 014 ماتەم تۇتقانلىرىمدا شۇلاردىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ بۇنىڭدىن بىرنېمىنى ئالمىدىم؛ ئۆلگەن كىشىگە ئاتاپ بۇنىڭدىن ھېچنېمە بەرمىدىم، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر ئىشتا سەن ماڭا ئەمر قىلغىنىڭ بويىچە قىلدىم. 005 DEU 026 015 ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن». 005 DEU 026 016 بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل. 005 DEU 026 017 سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ خۇدايىڭ بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا قوبۇل قىلدىڭ؛ 005 DEU 026 018 ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى. 005 DEU 026 019 شۇنداق بولسا، ئۇ سىلەرگە ئىززەت، نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ بېرىپ، ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەللەردىن سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر. 005 DEU 027 001 مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرنى تۇتۇڭلار. 005 DEU 027 002 ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈندە، سىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى تىكلەپ ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار؛ 005 DEU 027 003 ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. 005 DEU 027 004 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ بۈگۈنكى ئەمرىم بويىچە شۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. 005 DEU 027 005 سىلەر شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانگاھ ياساڭلار؛ 005 DEU 027 006 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بۇ قۇربانگاھى يونۇلمىغان، پۈتۈن تاشلاردىن ياسالسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار، 005 DEU 027 007 ۋە شۇ يەردە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار، ئۇلاردىن يەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. 005 DEU 027 008 سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار». 005 DEU 027 009 ئاندىن مۇسا بىلەن لاۋىي كاھىنلار پۈتكۈل ئىسرائىلغا سۆز قىلىپ: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. 005 DEU 027 010 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار» ــ دېيىشتى. 005 DEU 027 011 شۇ كۈنى مۇسا خەلققە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 005 DEU 027 012 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن. 005 DEU 027 013 بۇلار، يەنى رۇبەن، گاد، ئاشىر، زەبۇلۇن، دان بىلەن نافتالى ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە لەنەت ئوقۇشقا تۇرسۇن. 005 DEU 027 014 ئۇ ۋاقىتتا لاۋىيلار ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ 005 DEU 027 015 «كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 016 «كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 017 «كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىسە لەنەتكە قالسۇن»، دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 018 «كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 019 «كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 020 «كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن ياتسا، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 005 DEU 027 021 «كىمكى ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 005 DEU 027 022 «كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ھەمشىرىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» ــ دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 005 DEU 027 023 «كىمكى قېينئانىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 005 DEU 027 024 «كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 025 «كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 027 026 «كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 005 DEU 028 001 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛ 005 DEU 028 002 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ بۇ ھەممە بەخت-بەرىكەتلەر ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ 005 DEU 028 003 سەن شەھەردە بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، سەھرادىمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. 005 DEU 028 004 بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى بىلەن يېرىڭنىڭ مېۋىسى، چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى، يەنى كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭ تۇغقىنى بولسا، بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. 005 DEU 028 005 سېۋىتىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ، تەڭنەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ. 005 DEU 028 006 سەن كىرسەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، چىقساڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن. 005 DEU 028 007 ساڭا قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئالدىڭدا مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر يول بىلەن ساڭا ھۇجۇمغا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن ئالدىڭدىن قاچىدۇ. 005 DEU 028 008 سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 028 009 ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ يوللىرىدا ماڭساڭ، ئۆزى قەسەم بىلەن ساڭا ۋەدە قىلغاندەك پەرۋەردىگار سېنى تىكلەپ ئۆزىگە مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ. 005 DEU 028 010 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭنى كۆرۈپ سەندىن قورقىدۇ. 005 DEU 028 011 پەرۋەردىگار سېنى ياشنىتىدۇ؛ ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا سېنى ئۆز بەدىنىڭنىڭ مېۋىسى بىلەن چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنى مول ۋە بەركەتلىك قىلىدۇ. 005 DEU 028 012 پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بەرىكەتلەش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى ساڭا ئاچىدۇ؛ ئۆزۈڭ ھېچ كىمدىن قەرز ئالمايسەن، بەلكى كۆپ ئەللەرگە قەرز بېرىسەن. 005 DEU 028 013 پەرۋەردىگار سېنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ؛ سەن پەقەت ئۈستى بولۇپ، ئاستى بولمايسەن. ئەگەر مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ، 005 DEU 028 014 شۇنداقلا مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەممە سۆزلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتمىسەڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ قۇللۇقىغا كىرمىسەڭ، شۇنداق بولىدۇ. 005 DEU 028 015 لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ 005 DEU 028 016 سەن شەھەردە لەنەتكە قالىسەن، سەھرادىمۇ لەنەتكە قالىسەن. 005 DEU 028 017 سېۋىتىڭ لەنەتكە قالىدۇ، تەڭنەڭمۇ لەنەتكە قالىدۇ. 005 DEU 028 018 بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى، يېرىڭنىڭ مېۋىسى، كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇغقىنى لەنەتكە قالىدۇ. 005 DEU 028 019 سەن كىرسەڭمۇ لەنەتكە قالىسەن، چىقساڭمۇ لەنەتكە قالىسەن. 005 DEU 028 020 سېنىڭ پەرۋەردىگارنى تاشلىغان رەزىل قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۇ سەن يوق قىلىنغۇچە، تېزدىن ھالاك قىلىنغۇچە، قولۇڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنىڭ ئۈستۈڭگە لەنەت، پاراكەندىلىك ۋە دەشنەم چۈشۈرىدۇ. 005 DEU 028 021 پەرۋەردىگار سەن ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن سېنى يوقاتقۇچە ساڭا ۋابا چاپلاشتۇرىدۇ. 005 DEU 028 022 پەرۋەردىگار سېنى سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ياللۇغلۇق كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، چاۋىرىش ئاپىتى ۋە ھال ئاپىتىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئاپەتلەر سەن يوق قىلىنغۇچە سېنى قوغلايدۇ. 005 DEU 028 023 بېشىڭنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، ئايىغىڭنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك بولىدۇ. 005 DEU 028 024 پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭدا ياغىدىغان يامغۇرنى توپا-چاڭ ۋە قۇم قىلىدۇ؛ ئۇلار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئاسماندىن ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. 005 DEU 028 025 پەرۋەردىگار ئۆزى سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالىسىلەر. 005 DEU 028 026 ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار بىلەن يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ؛ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. 005 DEU 028 027 پەرۋەردىگار سېنى مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى، چىقان-ھۈررەكلەر، تەمرەتكە، قىچىشقاق بىلەن ئۇرىدۇ. 005 DEU 028 028 پەرۋەردىگار سېنى ساراڭلىق، كورلۇق ۋە پاراكەندىلىك بىلەن ئۇرىدۇ. 005 DEU 028 029 سەن كۈپكۈندۈزدە كور كىشى قاراڭغۇدا تەمتىلىگەندەك تەمتىلەپ يۈرىسەن، بارلىق يوللىرىڭ ئاقمايدۇ؛ سەن كۈندىن-كۈنگە پەقەت زۇلۇم بىلەن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغۇچى بولىسەن، سېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. 005 DEU 028 030 سەن بىر خوتۇن بىلەن ۋەدىلەشسەڭ باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن ياتىدۇ؛ ئۆينى سالساڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرالمايسەن، تەك تىككەن بولساڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن. 005 DEU 028 031 كالاڭ كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا سويۇلىدۇ، لېكىن گۆشىدىن يېيەلمەيسەن؛ قاراپ تۇرۇپ ئېشىكىڭ سەندىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، ساڭا يېنىپ كەلمەيدۇ. قويلىرىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە ياردەمگە ھېچكىم چىقمايدۇ. 005 DEU 028 032 ئوغۇل بىلەن قىزلىرىڭ باشقا بىر ئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ، كۆزلىرىڭ پۈتۈن كۈن ئۇلارغا تەلمۈرۈش بىلەن چارچايدۇ؛ لېكىن قولۇڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. 005 DEU 028 033 يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىنى سەن تونۇمايدىغان بىر ئەل يەپ كېتىدۇ؛ سەن بارلىق كۈنلىرىڭدە ئېزىلىپ زۇلۇم تارتىسەن؛ 005 DEU 028 034 كۆزلىرىڭ كۆرگەن ئىشلاردىن سەن ساراڭ بولۇپ كېتىسەن. 005 DEU 028 035 پەرۋەردىگار سېنى تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە، تىزىڭ بىلەن پاچاق-پۇتلىرىڭغىچە ساقايماس دەھشەتلىك يارا-چاقىلار بىلەن ئۇرىدۇ. 005 DEU 028 036 پەرۋەردىگار سېنى ئۆز ئۈستۈڭگە تىكلىگەن پادىشاھىڭغا قوشۇپ ئۆزۈڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ تونۇمىغان بىر ئەلگە تۇتۇپ بېرىدۇ. سەن شۇ يەردە تۇرۇپ ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىسەن. 005 DEU 028 037 سەن پەرۋەردىگار سېنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ۋەھىمە، سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىسەن. 005 DEU 028 038 سەن ئېتىزلىققا بېرىپ كۆپ ئۇرۇق چاچىسەن، لېكىن چېكەتكىلەر ئۇلارنى يەپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن ئاز يىغىپ كېلىسەن. 005 DEU 028 039 تاللارنى تىكىپ پەرۋىش قىلساڭمۇ، ئۇلارنى قۇرتلار يەپ كېتىپ، نە مېۋىسىنى يىغالمايسەن، نە شاراب ئىچەلمەيسەن. 005 DEU 028 040 زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدە زەيتۇن باغلىرىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېيى بىلەن بەدىنىڭنى مەسىھلەپ مايلىيالمايسەن؛ چۈنكى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر پىشمايلا چۈشۈپ كېتىدۇ. 005 DEU 028 041 ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنت كۆرسەڭمۇ، لېكىن ئۇلار يېنىڭدا تۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ. 005 DEU 028 042 سېنىڭ ھەربىر دەرىخىڭ بىلەن يېرىڭنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەر ئۆزىنىڭ قىلىدۇ. 005 DEU 028 043 ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سەندىن بارغانسېرى ئۈستۈن بولۇپ، سەن بارغانسېرى تۆۋەن بولۇپ قالىسەن. 005 DEU 028 044 ئۇ ساڭا قەرز بەرگۈچى بولىدۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا قەرز بېرەلمەيسەن. ئۇ باش بولىدۇ، سەن قۇيرۇق بولىسەن. 005 DEU 028 045 سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇ ساڭا تاپىلىغان ئەمر ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى سەن ھالاك قىلىنغۇچە سېنى قوغلاپ يېتىپ، ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. 005 DEU 028 046 بۇ لەنەتلەر ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك چۈشىدىغان مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ. 005 DEU 028 047 سەن كەڭرىچىلىكتە شادلىق ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولمىغاچقا، 005 DEU 028 048 بۇنىڭ ئورنىغا سەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدە بولۇپ پەرۋەردىگار ساڭا قارشى ئەۋەتىدىغان دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ قالىسەن؛ ئۇ سېنى ھالاك قىلغۇچە بوينۇڭغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالىدۇ. 005 DEU 028 049 پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەنى يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن سەن تىلىنى بىلمەيدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىدىغان بىر ئەلنى ساڭا قارشى ئەۋەتىدۇ. 005 DEU 028 050 ئۇ ئەلپازى ئەشەددىي، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە ياشلارغا مېھىر كۆرسەتمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ. 005 DEU 028 051 ئۇ سەن ھالاك بولغۇچە، چارۋىلىرىڭنىڭ نەسلى بىلەن يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سېنى يوقىتىپ بولمىغۇچە ساڭا نە ئاشلىق، نە يېڭى شاراب، نە زەيتۇن مېيى، نە كالاڭنىڭ موزايلىرى نە قوي پادىلىرىڭنىڭ قوزىلىرىدىن بىر نېمىنى قويمايدۇ. 005 DEU 028 052 سەن تايانغان پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى ھەممە ئېگىز، مەھكەم سېپىللىرىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكۈچە، ئۇ پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى بارلىق دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدىكى ھەممە دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ. 005 DEU 028 053 شۇ ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قىستاپ كېلىشلىرى بىلەن بولغان قامال-قىستاڭنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئىچىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان، ئۆز تېنىڭنىڭ مېۋىسى بولغان ئوغۇللىرىڭنىڭ گۆشىنى ۋە قىزلىرىڭنىڭ گۆشىنى يەيسەن. 005 DEU 028 054 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نازۇك، ئىنتايىن سىلىق-سىپايە بىر ئادەم قېرىندىشى، قۇچىقىدىكى ئايالى، شۇنداقلا تېخى تىرىك بالىلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ 005 DEU 028 055 شۇڭا، دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسىدە سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنېمە قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يەۋاتقان بالىلىرىنىڭ گۆشىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئازراقمۇ بەرمەيدۇ. 005 DEU 028 056 ئاراڭلاردىكى ئەسلىدە نازۇك ۋە سىلىق-سىپايە بولغان، سىلىق-سىپايىلىكى ۋە نازۇكلۇقىدىن پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەشنىمۇ خالىمايدىغان ئايال قۇچىقىدىكى ئېرى، ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ چۈنكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسى بىلەن سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنەرسە قالمىغاچقا، ئۇ ئۆز پۇتى ئارىلىقىدىن چىققان بالا ھەمراھى بىلەن ئۆزى تۇغقان بالىلىرىنى يوشۇرۇنچە يەيدۇ. 005 DEU 028 058 سەن بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىدىن قورقمىساڭ، 005 DEU 028 059 پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدىغان ۋابالار ھەم نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابالارنى ئاجايىب قىلىدۇ؛ ئۇ دەھشەتلىك، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ۋابالارنى ۋە ئېغىر، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە ۋە نەسلىڭگە چۈشۈرىدۇ؛ 005 DEU 028 060 پەرۋەردىگار سەن قورقىدىغان، مىسىردىكى بارلىق كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرۈپ، ساڭا چاپلاشتۇرىدۇ. 005 DEU 028 061 شۇنىڭدەك بۇ قانۇنىي كىتابتا پۈتۈلمىگەن ھەممە كېسەل ۋە ھەممە ۋابانىمۇ پەرۋەردىگار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدۇ. 005 DEU 028 062 شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن بولساڭلارمۇ، ئەمدىلىكتە ئاز بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدىڭلار. 005 DEU 028 063 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر. 005 DEU 028 064 پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ 005 DEU 028 065 سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا نە ئارام تاپالمايسىلەر، نە تاپىنىڭلار تىرەپ تۇرغۇدەك ھېچ مەزمۇت جاي بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەلكى شۇ يەردە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ جېنىڭلارنى سولاشتۇرىدۇ. 005 DEU 028 066 سىلەر قاراپ تۇرۇپ جېنىڭلار قىلدا ئېسىقلىقتەك تۇرىدۇ؛ سىلەر كېچە-كۈندۈز دەككە-دۈككىدە بولۇپ جېنىمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ــ دەپ قورقىسىلەر؛ 005 DEU 028 067 كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن. 005 DEU 028 068 پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىپ: «سىلەر بۇ يولنى ئىككىنچى يەنە كۆرمەيسىلەر» دېگەن شۇ يول بىلەن سىلەرنى كېمىگە چۈشۈرۈپ مىسىرغا ياندۇرىدۇ. سىلەر شۇ يەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا ئۆزۈڭلارنى ساتىسىلەر، لېكىن سىلەرنى ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ. 005 DEU 029 001 تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە باغلاش ئۈچۈن موئاب زېمىنىدا مۇساغا تاپىلىغان سۆزلەردۇر. بۇ ئەھدە پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە قىلغان ئەھدىدىن باشقا بىر ئەھدە ئىدى. 005 DEU 029 002 مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر زېمىنىدا پىرەۋنگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە كۆز ئالدىڭلاردا نېمە ئىش قىلغىنىنى كۆردۈڭلار، 005 DEU 029 003 يەنى شۇ چوڭ ئاپەتلەر بىلەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 005 DEU 029 004 لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى. 005 DEU 029 005 مەن قىرىق يىل سىلەرنى باياۋاندا يېتەكلەپ يۈردۈم؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۈستۈڭلاردىكى كىيىملىرىڭلار كونىرىمىدى، پۇتۇڭلاردىكى كەشىڭلارمۇ كونىراپ كەتمىدى. 005 DEU 029 006 خۇدا ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ، سىلەرگە يېيىشكە نان، ئىچىشكە شاراب ياكى كۈچلۈك ئىچىملىك نېسىپ قىلمىدى. 005 DEU 029 007 سىلەر بۇ جايغا يېتىپ كەلگىنىڭلاردا ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئەمما بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق؛ 005 DEU 029 008 بىز ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئېلىپ رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەردۇك. 005 DEU 029 009 ئەمدى سىلەر ھەممە ئىشلىرىڭلاردا راۋاج تېپىش ئۈچۈن بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. 005 DEU 029 010 بۈگۈن ھەممىڭلار ــ قەبىلە باشلىقلىرىڭلار، ئاقسقاللىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەرلىرى، 005 DEU 029 011 كىچىك بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، چېدىرگاھىڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، شۇنداقلا ئوتۇن كەسكۈچىلىرىڭلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلىرىڭلارمۇ، ھەممىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىسىلەر؛ 005 DEU 029 012 مەقسەت شۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن قەسىمى بىلەن باغلىغان ئەھدىگە داخىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، 005 DEU 029 013 ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ سىلەرنى بۈگۈن ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۆزى سىلەرگە خۇدا بولۇشتۇر. 005 DEU 029 014 لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەنلا ئەمەس، 005 DEU 029 015 بەلكى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ يەردە بىز بىلەن بىرگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن 005 DEU 029 016 (چۈنكى سىلەر بىزنىڭ مىسىر زېمىنىدا قانداق تۇرغانلىقىمىز ۋە سەپىرىمىزدە ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قانداق ئۆتۈپ كەلگىنىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ 005 DEU 029 017 سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار). 005 DEU 029 018 ئەھدىنىڭ مەقسىتى بولسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەر، ھەربىر ئايال، ھەربىر ئائىلە ۋە ھەربىر قەبىلىلىرىڭلاردىن بۈگۈن كۆڭلى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن يېنىپ، شۇ ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كېتىدىغان ھېچ كىشى بولمىسۇن، شۇنداقلا ئاراڭلاردا ئۆت سۈيى ۋە ئەمەن چىقىرىدىغان يىلتىز پەيدا بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈندۇر. 005 DEU 029 019 دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇكى، شۇ لەنەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆز كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىنى بەخت-بەرىكەتلىك ساناپ: «مەن قانچە باشباشتاقلىق بىلەن ماڭساممۇ، تىنچ-ئامانلىقتا تۇرىۋېرىمەن»، دېگۈچى شۇنداق بىر كىشى بولىدۇ؛ نەتىجىدە، نەم يەرمۇ چاڭقاق يەرگە ئوخشاشلا ۋەيران قىلىنىدۇ. 005 DEU 029 020 پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىلەن ئوتلۇق قەھرى تۈتۈندەك شۇ كىشىگە چۈشىدۇ؛ بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرىدۇ. 005 DEU 029 021 پەرۋەردىگار بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممە لەنەتلىرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىدىن ئۇنى ئايرىپ چىقىپ، ئاپەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ. 005 DEU 029 022 كەلگۈسى دەۋر بولسا، يەنى سىلەردىن كېيىن چىقىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە شۇنداقلا يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار شۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر بىلەن كېسەللەرنى كۆرىدۇ؛ 005 DEU 029 023 پەرۋەردىگار غەزىپى ۋە قەھرى بىلەن ۋەيران قىلغان سودوم، گوموررا، ئادماھ ۋە زەبوئىملارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدەك زېمىننىڭ ھەممە يېرى گۈڭگۈرتلىشىپ، شورلىشىپ، كۆيۈپ كەتكىنىنى، تېرىقچىلىقمۇ، ھوسۇلمۇ بولمىغىنىنى، ئوت-چۆپمۇ ئۈنمىگىنىنى كۆرىدۇ؛ 005 DEU 029 024 بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛ 005 DEU 029 025 ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىپ: «ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغىنىدا ئۇلار بىلەن بېكىتكەن ئەھدىنى تاشلاپ، 005 DEU 029 026 بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. 005 DEU 029 027 مانا بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا تۇتىشىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى. 005 DEU 029 028 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار غەزەپ، ئاچچىق ۋە زور قەھر بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن يۇلۇپ، باشقا بىر يۇرتقا تاشلىدى» ــ دېيىلىدۇ. 005 DEU 029 029 ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. 005 DEU 030 001 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، 005 DEU 030 002 ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ، 005 DEU 030 003 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ. 005 DEU 030 004 گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ. 005 DEU 030 005 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ؛ 005 DEU 030 006 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر. 005 DEU 030 007 شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ. 005 DEU 030 008 سىلەر بولساڭلار يېنىپ كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. 005 DEU 030 009 شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا، بەدىنىڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارپاي ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنىمۇ ئاۋۇتۇپ سىلەرنى زور ياشنىتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ. 005 DEU 030 010 سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ. 005 DEU 030 011 چۈنكى مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلىغان بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس ياكى سەندىن يىراقمۇ ئەمەس. 005 DEU 030 012 بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەمەس، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. 005 DEU 030 013 ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. 005 DEU 030 014 چۈنكى بۇ سۆز بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر. 005 DEU 030 015 مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛ 005 DEU 030 016 چۈنكى ئۆزۈم ساڭا ھۆكۈم بېرىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىڭلار، دەپ بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىدىم؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ياشاپ ئاۋۇپ، ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ. 005 DEU 030 017 لېكىن ئەگەر كۆڭلۈڭنى تەتۈر قىلىپ، قۇلاق سالماي ئازدۇرۇلۇپ، باشقا ئىلاھلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇنغىلى تۇرساڭ، 005 DEU 030 018 مەن شۇنى بۈگۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ھالاك بولماي قالمايسىلەر؛ سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيسىلەر. 005 DEU 030 019 مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛ 005 DEU 030 020 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن». 005 DEU 031 001 ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛ 005 DEU 031 002 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى. 005 DEU 031 003 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ [دەريادىن] ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ [دەريادىن] ئۆتىدۇ. 005 DEU 031 004 پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 005 DEU 031 005 ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر. 005 DEU 031 006 جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!». 005 DEU 031 007 ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن. 005 DEU 031 008 مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى. 005 DEU 031 009 مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 005 DEU 031 010 مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا، 005 DEU 031 011 ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن. 005 DEU 031 012 شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. 005 DEU 031 013 شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». 005 DEU 031 014 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى. 005 DEU 031 015 پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. 005 DEU 031 016 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ. 005 DEU 031 017 شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ. 005 DEU 031 018 لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. 005 DEU 031 019 ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن. 005 DEU 031 020 چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. 005 DEU 031 021 ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». 005 DEU 031 022 شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. 005 DEU 031 023 ئاندىن [پەرۋەردىگار] نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى. 005 DEU 031 024 مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن 005 DEU 031 025 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: 005 DEU 031 026 ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. 005 DEU 031 027 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر! 005 DEU 031 028 مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار. 005 DEU 031 029 چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر». 005 DEU 031 030 ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ 005 DEU 032 001 «قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! 005 DEU 032 002 تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك، كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ. 005 DEU 032 003 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار! 005 DEU 032 004 ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر. 005 DEU 032 005 ئەمما [ئۆز خەلقى] ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر! 005 DEU 032 006 ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ 005 DEU 032 007 ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. 005 DEU 032 008 ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر-بىرىدىن بۆلگىنىدە، ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن. 005 DEU 032 009 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر. 005 DEU 032 010 ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛ 005 DEU 032 011 خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك، 005 DEU 032 012 پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. 005 DEU 032 013 ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛ 005 DEU 032 014 ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، قوزىلارنىڭ يېغىنى، باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ. 005 DEU 032 015 لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، بوردىلىپ كەتتىڭ، تويۇنۇپ كەتتىڭ! ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى. 005 DEU 032 016 ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 005 DEU 032 017 ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى. 005 DEU 032 018 سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ. 005 DEU 032 019 پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ 005 DEU 032 020 «مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر. 005 DEU 032 021 ئىگە-تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن. 005 DEU 032 022 چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ. 005 DEU 032 023 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ يا-ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن. 005 DEU 032 024 ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن. 005 DEU 032 025 تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 005 DEU 032 026 مەن: «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم، 005 DEU 032 027 بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، [بۇ ئىشنى قىلمىدىم]. 005 DEU 032 028 ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل-پەمى يوقتۇر. 005 DEU 032 029 ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى! 005 DEU 032 030 ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟ 005 DEU 032 031 چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن! 005 DEU 032 032 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر، 005 DEU 032 033 شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر. 005 DEU 032 034 [پەرۋەردىگار]: «بۇلارنىڭ [ھەممىسى] مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟ 005 DEU 032 035 ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ. 005 DEU 032 036 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ [ئازىيىپ]، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 005 DEU 032 037 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟ 005 DEU 032 038 ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن! 005 DEU 032 039 ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 005 DEU 032 040 چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ، 005 DEU 032 041 چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن! 005 DEU 032 042 مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن». 005 DEU 032 043 ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ». 005 DEU 032 044 ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. 005 DEU 032 045 ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ 005 DEU 032 046 ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك. 005 DEU 032 047 چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى. 005 DEU 032 048 يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 005 DEU 032 049 سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن. 005 DEU 032 050 ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛ 005 DEU 032 051 چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار. 005 DEU 032 052 شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن. 005 DEU 033 001 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ 005 DEU 033 002 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، سېئىردىن چىقىپ [ئىسرائىل] ئۈستىگە پارلىدى؛ پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى. 005 DEU 033 003 دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ. 005 DEU 033 004 مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛ 005 DEU 033 005 خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى. 005 DEU 033 006 «رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». 005 DEU 033 007 [مۇسا]نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». 005 DEU 033 008 ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ. 005 DEU 033 009 ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى. 005 DEU 033 010 مانا، [لاۋىيلار] ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. 005 DEU 033 011 ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» 005 DEU 033 012 ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ» 005 DEU 033 013 يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، شەبنەم بىلەن، يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن، 005 DEU 033 014 كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، 005 DEU 033 015 قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، 005 DEU 033 016 يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. 005 DEU 033 017 ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». 005 DEU 033 018 زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن! 005 DEU 033 019 مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». 005 DEU 033 020 گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛ 005 DEU 033 021 شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». 005 DEU 033 022 دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». 005 DEU 033 023 نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». 005 DEU 033 024 ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ پۇتى مايغا چىلانسۇن. 005 DEU 033 025 دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». 005 DEU 033 026 «ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ. 005 DEU 033 027 ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ. 005 DEU 033 028 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ. 005 DEU 033 029 بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». 005 DEU 034 001 ئاندىن مۇسا موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدىن چىقىپ نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتكۈل زېمىننى كۆرسەتتى؛ گىلېئادتىن دانغىچە، 005 DEU 034 002 پۈتكۈل نافتالى بىلەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ زېمىنىنى، يەھۇدانىڭ پۈتكۈل زېمىنى بىلەن قوشۇپ مەغرىبتىكى دېڭىزغىچە، 005 DEU 034 003 جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، «خورما شەھىرى» دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى زوئار شەھىرىگە قەدەر، ھەممىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 005 DEU 034 004 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «مەن قەسەم قىلىپ: «بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىن مانا مۇشۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىم، لېكىن سەن شۇ يەرگە ئۆتۈپ كىرەلمەيسەن» دېدى. 005 DEU 034 005 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ يەردە، يەنى موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى. 005 DEU 034 006 ئۇ ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى تاغ جىلغىسىدا، بەيت-پېئورنىڭ ئۇتتۇرىسىدا دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. 005 DEU 034 007 مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ تورلاشمىغان ۋە ماغدۇرىدىن ھېچ كەتمىگەنىدى. 005 DEU 034 008 ئىسرائىللار مۇسا ئۈچۈن موئابدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى. 005 DEU 034 009 مۇسا قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دانالىق بەرگۈچى روھ بىلەن تولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 005 DEU 034 010 مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛ 005 DEU 034 011 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە، 005 DEU 034 012 ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى. # # BOOK 006 JOS Joshua يەشۇئا 006 JOS 001 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ خىزمەتكارى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 006 JOS 001 002 مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن قوزغىلىپ، بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۇلارغا، يەنى ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگىن. 006 JOS 001 003 مەن مۇساغا ئېيتقىنىمدەك، پۇتۇڭلارنىڭ تاپىنى قەيەرگە تەگكەن بولسا، شۇ جاينى سىلەرگە بەردىم؛ 006 JOS 001 004 چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ لىۋانغىچە، ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەفرات دەرياسىدىن كۈن پېتىشتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ. 006 JOS 001 005 سېنىڭ بارلىق ھايات كۈنلىرىڭدە ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ. مەن ئۆزۈم مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 006 JOS 001 006 سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن. 006 JOS 001 007 مېنىڭ قۇلۇم مۇسا ساڭا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەتئىي جۈرئەتلىك ۋە تولىمۇ قەيسەر بولغىن؛ سەن قەيەرگىلا بارساڭ ئىشلىرىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يا ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمە؛ 006 JOS 001 008 بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن. 006 JOS 001 009 مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر. 006 JOS 001 010 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا خەلقنىڭ باشلىرىغا بۇيرۇپ: ــ 006 JOS 001 011 سىلەر چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ خەلققە: ــ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييار قىلىڭلار، چۈنكى ئۈچ كۈن توشقاندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىسىلەر، ــ دەڭلار، دېدى. 006 JOS 001 012 يەشۇئا رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە سۆز قىلىپ: ــ 006 JOS 001 013 خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاراملىق ئاتا قىلىپ بۇ زېمىننى سىلەرگە بەرگەن، دەپ ئېيتقىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 006 JOS 001 014 خوتۇن بالا-چاقاڭلار ۋە چارپايلىرىڭلار مۇسا ئۆزى سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى زېمىندا قالسۇن، لېكىن ئاراڭلاردا قانچىلىك باتۇر پالۋان بولساڭلار، سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ جەڭ قىلىڭلار؛ تاكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرگە ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش ئارام ئاتا قىلىپ، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۇ ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننى ئىگىلەتگۈچە شۇنداق قىلىڭلار. ئاندىن سىلەر تەۋەلىكىڭلار بولغان زېمىننى، يەنى خۇدانىڭ قۇلى بولغان مۇسا سىلەرگە تەقسىم قىلغان، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بۇ زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. 006 JOS 001 016 ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزگە ئەمر قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز، سەن بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسەڭ، شۇ يەرگە بارىمىز. 006 JOS 001 017 بىز ھەممە ئىشتا مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىنىمىزدەك ساڭا قۇلاق سالىمىز؛ بىردىنبىر تىلىكىمىز، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولغاي! 006 JOS 001 018 كىمكى سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سەن بىزگە بۇيرۇغان ھەرقانداق سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۆلتۈرۈلىدۇ! سەن پەقەتلا جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، ــ دېدى. 006 JOS 002 001 ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى. 006 JOS 002 002 لېكىن بىرسى كېلىپ يېرىخو پادىشاھىغا: ــ بۈگۈن كېچە ئىسرائىللاردىن بىرنەچچە كىشى بۇ زېمىننى چارلىغىلى كەپتۇ، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 006 JOS 002 003 شۇنىڭ بىلەن يېرىخو پادىشاھى راھابنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەر يېرىنى پايلىغىلى كەپتۇ، ــ دېدى. 006 JOS 002 004 لېكىن ئۇ ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەرۋەقە بۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم؛ 006 JOS 002 005 قاراڭغۇ چۈشۈپ، قوۋۇقنى ئېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئادەملەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنى تېزدىن قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، ــ دېدى. 006 JOS 002 006 لېكىن ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە رەتلەپ يېيىپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى. 006 JOS 002 007 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ قوغلىغۇچىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ يولى بىلەن چىقىپ دەريا كېچىكلىرىگىچە قوغلاپ باردى. ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەرنىڭ قوۋۇقى تاقالدى. 006 JOS 002 008 شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىيلەن تېخى ئۇخلاشقا ياتمىغانىدى، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ 006 JOS 002 009 ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا سىلەردىن بولغان ۋەھىمەڭلار بىزلەرگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا ھالىدىن كېتەي دېگىنىنى بىلىمەن؛ 006 JOS 002 010 چۈنكى بىز سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى قورۇتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىھون بىلەن ئوگنى قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. 006 JOS 002 011 بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەرقايسىمىزنىڭ روھى چىقىپ كەتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا يۇقىرىدا، ئاسمانلارنىڭ ھەمدە تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر. 006 JOS 002 012 ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى. 006 JOS 002 014 ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭ، سىلەر جېنىڭلاردىن ئايرىلساڭلار، بىزمۇ جېنىمىزدىن ئايرىلغايمىز! شۇنىڭدەك شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بىزگە بۇ زېمىننى ئىگە قىلغۇزغاندا، بىز جەزمەن سىلەرگە مېھرىبانلارچە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىمىز، دېدى. 006 JOS 002 015 شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى). 006 JOS 002 016 ئايال ئۇ ئىككىسىگە: ــ قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار؛ قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەر ئۆز يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 002 017 ئىككىسى ئايالغا: ــ ئەگەر سەن بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز: ــ 006 JOS 002 018 مانا، بىز زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن بىزنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بۇ قىزىل تانىنى پەنجىرىگە باغلاپ قويغىن؛ ئاندىن ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىڭنى، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ بارلىق جەمەتىدىكىلەرنى ئۆيۈڭگە، ئۆزۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن. 006 JOS 002 019 شۇنداق بولىدۇكى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىققان ھەركىمىنىڭ قېنى ئۆز بېشىدا بولىدۇ؛ بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمىز؛ لېكىن بىراۋ ئۆيۈڭدە سەن بىلەن بىللە بولغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قول سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشكەي! 006 JOS 002 020 ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان بۇ قەسەمدىن خالاس بولىمىز، ــ دېدى. 006 JOS 002 021 راھاب جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلەردەك بولسۇن دەپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئايال پەنجىرىگە ئۇ قىزىل تانىنى باغلاپ قويدى. 006 JOS 002 022 ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار [شەھەرگە] قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى. 006 JOS 002 023 ئاندىن بۇ ئىككىسى تاغدىن چۈشۈپ، قايتىپ ماڭدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. 006 JOS 002 024 ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. 006 JOS 003 001 يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى. 006 JOS 003 002 ئۈچ كۈن توشۇپ، سەردارلار چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ، 006 JOS 003 003 خەلققە ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، يەنى لاۋىيلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار. 006 JOS 003 004 لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق قالسۇن؛ قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغانسىلەر، ــ دېدى. 006 JOS 003 005 يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 003 006 ئاندىن يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 006 JOS 003 007 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ ھەممە ئىسرائىلنىڭ مېنىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك، سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن ئېتىبارەن سېنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلىمەن. 006 JOS 003 008 ئەمدى سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇڭلار، ــ دېگىن، ــ دېدى. 006 JOS 003 009 يەشۇئا ئىسرائىللارغا: ــ بۇ ياققا كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، دېدى. 006 JOS 003 010 ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 006 JOS 003 012 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللاڭلار، ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن بولسۇن؛ 006 JOS 003 013 شۇنداق بولىدۇكى، پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەندە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى، يەنى باش ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۈزۈپ تاشلىنىپ، دەريا كۆتۈرۈلۈپ دۆڭ بولىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 003 014 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ 006 JOS 003 015 ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)، 006 JOS 003 016 يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى. 006 JOS 003 017 پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى. 006 JOS 004 001 پۈتكۈل خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ 006 JOS 004 002 خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللىغىن، ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم بولسۇن، 006 JOS 004 003 ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مەزمۇت تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزۈڭلار بۈگۈن كېچە بارگاھ تىكىدىغان يەرگە قويۇڭلار، دېگىن، دېدى. 006 JOS 004 004 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى؛ 006 JOS 004 005 ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانىغا ماس ھالدا بىردىن تاشنى ئېلىپ مۈرەڭلەرگە قويۇڭلار. 006 JOS 004 006 چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار: ــ بۇ تاشلارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ــ دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇلارغا: ــ 006 JOS 004 007 ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ قويۇلدى؛ [ئەھدە ساندۇقى] ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۈزۈپ قويۇلدى؛ شۇڭا بۇ تاشلار ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر. 006 JOS 004 008 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، قونىدىغان جايغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، شۇ يەردە قويۇپ قويدى. 006 JOS 004 009 بۇنىڭدىن باشقا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مۇستەھكەم تۇرغان جايدا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بولسا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ. 006 JOS 004 010 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا خەلققە ئېيتىشقا تاپىلىغان بارلىق ئىشلار ئورۇنلانغۇچىلىك، يەنى مۇسا ئەسلىدە يەشۇئاغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلگۈچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. خەلق شۇ يەردىن تېزدىن ئۆتۈۋاتاتتى. 006 JOS 004 011 شۇنداق بولدىكى، بارلىق خەلق تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ [ئەھدە] ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. 006 JOS 004 012 رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرمۇ مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك سەپتە تۈزۈپ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. 006 JOS 004 013 جەمئىي بولۇپ قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، جەڭ قىلىشقا تەييار تۇردى. 006 JOS 004 014 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار يەشۇئانى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى. 006 JOS 004 015 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ 006 JOS 004 016 ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. 006 JOS 004 017 شۇڭا يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 006 JOS 004 018 شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرىنىڭ تاپىنى قۇرۇقلۇقنى دەسسىشى بىلەنلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئىككى قىرغىقىغىچە تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى. 006 JOS 004 019 خەلق بولسا بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرقىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىرگاھ تىكتى. 006 JOS 004 020 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئالغاچ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى بولسا، يەشۇئا ئۇلارنى گىلگالدا تىكلەپ قويدى؛ 006 JOS 004 021 ئاندىن ئىسرائىللارغا: ــ كېيىن بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ــ بۇ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، دەپ سورىسا، 006 JOS 004 022 سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار: ــ «ئىسرائىل ئىلگىرى قۇرۇق يەرنى دەسسەپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنىدى؛ 006 JOS 004 023 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۇلىرىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۆتكۈچە ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى؛ 006 JOS 004 024 يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ قولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلسۇن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى» ــ دېدى. 006 JOS 005 001 شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى قانائانىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئوردان سۇلىرىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ روھى چىقاي دەپ قالدى. 006 JOS 005 002 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ سەن چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم خەتنە قىلغىن، دېدى. 006 JOS 005 003 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى «خەتنىلىك دۆڭلۈكى»دە خەتنە قىلدى. 006 JOS 005 004 يەشۇئانىڭ ئۇلارنى خەتنە قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىردىن چىققان جەڭگە يارىغۇدەك ھەممە ئەركەكلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ يولىدا ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. 006 JOS 005 005 چۈنكى مىسىردىن چىققان بارلىق خەلق خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىردىن چىقىپ چۆللۈكنىڭ يولىدا يۈرگەن ۋاقىتتا ئىسرائىل ئارىسىدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنىسىز قالغانىدى؛ 006 JOS 005 006 چۈنكى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان، مىسىردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى جەڭگە يارىغۇدەك بارلىق ئەركەكلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئىسرائىللار قىرىق يىل چۆلدە يۈرگەنىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ سىلەرنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتنى كۆرگۈچىلەر قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى. 006 JOS 005 007 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باستۇرغان ئەۋلادلىرى بولسا، يولدا خەتنە قىلىنمىغاچقا، يەشۇئا ئۆزى ئۇلارنى خەتنە قىلدى. 006 JOS 005 008 بارلىق خەلق خەتنە قىلىنىپ، ساقايغۇچىلىك چېدىرلىرىدا، ئۆز ئورۇنلىرىدىن چىقماي تۇردى. 006 JOS 005 009 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ بۈگۈن مەن مىسىرنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۈستۈڭلاردىن يۇمىلىتىۋەتتىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايغا «گىلگال» دەپ نام قويۇلۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. 006 JOS 005 010 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىلگالدا چېدىر تىكىپ تۇردى. بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشىمى يېرىخو دىيارىنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. 006 JOS 005 011 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ ئەتىسى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى، جۈملىدىن شۇ كۈنى پېتىر نانلارنى ۋە قوماچلارنى يېدى. 006 JOS 005 012 ئۇلار شۇ زېمىننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېگەندىن كېيىن، ئەتىسى «ماننا»نىڭ چۈشۈشى توختىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللارغا ھېچ ماننا بولمىدى؛ شۇ يىلدا ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى. 006 JOS 005 013 ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 006 JOS 005 014 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» ــ دېدى. يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ ئۇنىڭغا: ــ رەببىمنىڭ قۇلىغا نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ دەپ سورىدى. 006 JOS 005 015 پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: ــ پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر، دېۋىدى، يەشۇئا شۇنداق قىلدى. 006 JOS 006 001 يېرىخو سېپىلىنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن مەھكەم ئېتىلىپ، ھېچكىم چىقالمايتتى، ھېچكىم كىرەلمەيتتى. 006 JOS 006 002 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ مانا، مەن يېرىخو شەھىرىنى، پادىشاھىنى ھەمدە باتۇر جەڭچىلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم. 006 JOS 006 003 ئەمدى سىلەر، يەنى بارلىق جەڭچىلەر شەھەرنى بىر قېتىم ئايلىنىپ مېڭىڭلار؛ ئالتە كۈنگىچە ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭلار. 006 JOS 006 004 ھەمدە يەتتە كاھىن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قوچقار مۈڭگۈزىدىن ئېتىلگەن يەتتە بۇرغىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن؛ يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە سىلەر شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلىنىسىلەر؛ كاھىنلار بۇرغىلارنى چالسۇن. 006 JOS 006 005 شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قوچقار بۇرغىلىرى بىلەن سوزۇپ بىر ئاۋاز چىقارغىنىدا، بارلىق كىشىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەنتەنە قىلىپ توۋلىسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ سېپىللىرى تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ھەربىر ئادەم ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كىرىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 006 006 شۇنىڭ بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭلار؛ يەتتە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن، دېدى. 006 JOS 006 007 ئۇ خەلققە: ــ چىقىپ شەھەرنى ئايلىنىڭلار؛ قوراللىق لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، دېدى. 006 JOS 006 008 يەشۇئا بۇنى خەلققە بۇيرۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ بۇرغىلارنى چالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئېلىپ مېڭىلدى. 006 JOS 006 009 قوراللىق لەشكەرلەر بۇرغا چېلىۋاتقان كاھىنلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى. 006 JOS 006 010 يەشۇئا خەلققە بۇيرۇپ: ــ مەن سىلەرگە: «توۋلاڭلار» دېمىگۈچە نە توۋلىماڭلار، نە ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار، نە ئاغزىڭلاردىن ھېچبىر سۆزمۇ چىقمىسۇن؛ لېكىن سىلەرگە «توۋلاڭلار» دېگەن كۈنىدە، شۇ چاغدا توۋلاڭلار، ــ دېگەنىدى. 006 JOS 006 011 شۇ تەرىقىدە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنى بىر ئايلاندى. خالايىق چېدىرگاھقا قايتىپ كېلىپ، چېدىرگاھدا قوندى. 006 JOS 006 012 ئەتىسى يەشۇئا تاڭ سەھەردە قوپتى، كاھىنلارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەنە كۆتۈردى؛ 006 JOS 006 013 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ توختىماي چېلىپ ماڭاتتى؛ [كاھىنلار] ماڭغاچ بۇرغا چالغاندا، قوراللىق لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. 006 JOS 006 014 ئىككىنچى كۈنىمۇ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، يەنە چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. ئۇلار ئالتە كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ تۇردى. 006 JOS 006 015 يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ئوخشاش ھالەتتە يەتتە قېتىم شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى؛ پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. 006 JOS 006 016 يەتتىنچى قېتىم ئايلىنىپ بولۇپ، كاھىنلار بۇرغا چالغاندا يەشۇئا خەلققە: ــ ئەمدى توۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى! 006 JOS 006 017 لېكىن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغانلىقى ئۈچۈن [سىلەرگە] «ھارام»دۇر؛ پەقەت پاھىشە ئايال راھاب بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرلا ئامان قالسۇن؛ چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 006 JOS 006 018 لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر. 006 JOS 006 019 ئەمما بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنسۇن؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۇلسۇن، ــ دېدى. 006 JOS 006 020 شۇنىڭ بىلەن خەلق توۋلىشىپ، كاھىنلار بۇرغا چالدى. شۇنداق بولدىكى، خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن قاتتىق توۋلىۋىدى، سېپىل تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى؛ خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتلىنىپ كىرىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. 006 JOS 006 021 ئۇلار ئەر-ئايال بولسۇن، قېرى-ياش بولسۇن، قوي-كالا ۋە ئېشەكلەر بولسۇن شەھەر ئىچىدىكى ھەممىنى قىلىچلاپ يوقاتتى. 006 JOS 006 022 يەشۇئا ئۇ زېمىننى چارلاپ كەلگەن ئىككى ئادەمگە: ــ سىلەر ئۇ پاھىشە خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىڭلار، دېدى. 006 JOS 006 023 شۇنىڭ بىلەن ئىككى چارلىغۇچى ياش يىگىت كىرىپ، راھابنى ئاتا-ئانىسى بىلەن قېرىنداشلىرىغا قوشۇپ ھەممە نەرسىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. 006 JOS 006 024 خالايىق شەھەرنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى. 006 JOS 006 025 لېكىن يەشۇئا پاھىشە ئايال راھابنى، ئاتا جەمەتىدىكىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك ساقلاپ قالدى؛ ئۇ بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەشۇئا يېرىخونى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 006 JOS 006 026 ئۇ چاغدا يەشۇئا ئاگاھ-بېشارەت بېرىپ: ــ بۇ يېرىخو شەھىرىنى قايتىدىن ياساشقا قوپقان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قارغىش ئاستىدا بولىدۇ؛ ئۇ شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ، شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان چاغدا كىچىك ئوغلىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 006 027 پەرۋەردىگار يەشۇئا بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا كەڭ تارقالدى. 006 JOS 007 001 لېكىن ئىسرائىل «ھارام» نەرسىلەر ئۈستىدە ئىتائەتسىزلىك قىلدى؛ چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان دېگەن كىشى ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى. 006 JOS 007 002 يەشۇئا يېرىخودىن بەيت-ئەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئايى شەھىرىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر چىقىپ ئايى زېمىنىنى چارلاپ كەلدى. 006 JOS 007 003 ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەشۇئاغا: ــ ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىككى-ئۈچ مىڭچە ئادەم بولسىلا ئايىغا ھۇجۇم قىلىپ [ئۇنى ئىگىلىيەلەيدۇ؛] ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاز بولغاچقا، پۈتكۈل خەلقنى ئاۋارە قىلىپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، ــ دېدى. 006 JOS 007 004 شۇنىڭ بىلەن خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە چىقتى؛ لېكىن بۇلار ئايىنىڭ ئادەملىرى ئالدىدىن قېچىپ كېتىشتى. 006 JOS 007 005 ئايىنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن خەلقنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. 006 JOS 007 006 يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى. 006 JOS 007 007 يەشۇئا: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنى نېمىشقا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزگەنسەن؟ بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇۋەرگەن بولساق بوپتىكەن! 006 JOS 007 008 ئەي رەببىم! ئىسرائىل ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قاچقان يەردە مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟ 006 JOS 007 009 قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى. 006 JOS 007 010 لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن قوپ! نېمىشقا شۇنداق دۈم ياتىسەن؟ 006 JOS 007 011 ئىسرائىل گۇناھ قىلدى! ئۇلار يەنە مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ ھەم ھارام بېكىتىلگەننى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى. 006 JOS 007 012 شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن. 006 JOS 007 013 ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا: ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر. 006 JOS 007 014 ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن. 006 JOS 007 015 شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن». 006 JOS 007 016 يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە-قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛ 006 JOS 007 017 ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە-ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى. 006 JOS 007 018 زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن-بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى. 006 JOS 007 019 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، [ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن] قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. 006 JOS 007 020 ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق-مۇنداق قىلدىم: 006 JOS 007 021 مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى. 006 JOS 007 022 شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى. 006 JOS 007 023 ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. 006 JOS 007 024 ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى. 006 JOS 007 025 يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 006 JOS 007 026 ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» [«(ئاقور جىلغىسى)»] دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. 006 JOS 008 001 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ھېچ قورقما، ھەم ھودۇقمىغىن. تۇرۇپ، بارلىق جەڭچىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ، ئايى شەھىرىگە چىققىن. مانا، مەن ئايىنىڭ پادىشاھى، خەلقى، شەھىرى ۋە زېمىنىنى قوشۇپ سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. 006 JOS 008 002 سەن يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ ئايى شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. پەقەت سىلەر بۇ قېتىم شەھەردىن ئولجا ۋە چارپايلارنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا پىستىرما قويغىن، ــ دېدى. 006 JOS 008 003 شۇنىڭ بىلەن، يەشۇئا بىلەن ھەممە جەڭچىلەر قوزغىلىپ، ئايىغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. يەشۇئا ئوتتۇز مىڭ باتۇر جەڭچىنى ئىلغاپ كېچىدە ئۇلارنى ماڭدۇردى 006 JOS 008 004 ۋە ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «سىلەر ئاگاھ بولۇپ، شەھەردىن بەك نېرى كەتمەي شەھەرنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھەممىڭلار بۆكتۈرمە ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭلار. 006 JOS 008 005 مەن ئۆزۈم بىلەن قالغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ شەھەرگە يېقىن بارىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزغا چىقىپ ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز؛ 006 JOS 008 006 ئۇلار جەزمەن بىزنىڭ كەينىمىزدىن قوغلايدۇ؛ ئۇلار: «ئىسرائىللار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزدىن قېچىپ كەتتى» دەپ ئويلايدۇ، بىز ئۇلارنى ئازدۇرۇپ شەھەردىن يىراق ئېلىپ چىقىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز. 006 JOS 008 007 ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۆكتۈرمىدىن قوپۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ شەھەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. 006 JOS 008 008 شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۇ شەھەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋېتىڭلار. مانا، مەن سىلەرگە ئەمر بەردىم». 006 JOS 008 009 يەشۇئا ئۇلارنى يولغا سالدى، ئۇلار بېرىپ بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئايىنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە سېلىپ ماراپ ئولتۇردى. يەشۇئا بولسا ئۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئارىسىدا قوندى. 006 JOS 008 010 ئەتىسى سەھەر يەشۇئا قوپۇپ، خەلقنى يىغىپ تەكشۈردى؛ ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە خەلقنىڭ ئالدىدا ئايىغا قارشى ماڭدى. 006 JOS 008 011 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە جەڭچىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىپ، ئايىنىڭ شىمال تەرىپىدە چېدىر تىكتى. ئۇلار چۈشكەن جاي بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. 006 JOS 008 012 يەشۇئا بەش مىڭچە ئادەمنى تاللاپ ئېلىپ بېرىپ، بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە تۇرغۇزغانىدى. 006 JOS 008 013 شۇنداق قىلىپ، بارلىق خەلق، يەنى شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارگاھتىكى قوشۇن بىلەن غەرب تەرىپىدىكى پىستىرما قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بۆلۈندى. شۇ كېچىسى يەشۇئا ئۆزى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشتى. 006 JOS 008 014 ئايىنىڭ پادىشاھى شۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شەھەردىكىلەر ئالدىراپ سەھەر قوپۇشتى؛ پادىشاھ بىلەن بارلىق خەلقى ئىسرائىل بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چىقتى. لېكىن پادىشاھنىڭ شەھەرنىڭ كەينىدىكى پىستىرما قوشۇندىن خەۋىرى يوق ئىدى. 006 JOS 008 015 يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل بولسا ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن يېڭىلگەنگە سېلىپ، چۆل تەرەپكە قاچتى. 006 JOS 008 016 شەھەردە بار خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى؛ ئۇلار كېلىپ يەشۇئانى قوغلىغاندا، ئۇلار ئازدۇرۇلۇپ شەھەردىن يىراق قىلىندى. 006 JOS 008 017 ئايى بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلنى قوغلاشقا چىقمىغان ھېچبىر ئەر كىشى قالمىدى؛ ئۇلار شەھەرنى ئوچۇق قويۇپ، ھەممىسى ئىسرائىلنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى. 006 JOS 008 018 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ قولۇڭدىكى نەيزىنى ئايىغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېۋىدى، يەشۇئا قولىدىكى نەيزىنى شەھەرگە قارىتىپ ئۇزاتتى. 006 JOS 008 019 ئۇ قولىدىكى نەيزىنى ئۇزاتقان ھامان پىستىرمىدا ياتقانلار جايىدىن تېزلا چىقىپ، يۈگۈرگىنىچە شەھەرگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىپ شۇئان ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 006 JOS 008 020 ئايىنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شەھەردىن ئاسمان-پەلەك ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆردى، يا ئۇ ياققا يا بۇ ياققا قاچايلى دېسە، ھېچ ھالى قالمىغانىدى؛ چۆل تەرەپكە قاچقان ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 008 021 يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل پىستىرما قوشۇننىڭ شەھەرنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا شەھەردىن تۈتۈننىڭ ئۆرلەپ چىققىنىنى كۆرۈپ، يېنىپ كېلىپ، ئايىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگىلى تۇردى. 006 JOS 008 022 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرنى ئالغانلارمۇ شەھەردىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بەزىلىرى بۇ تەرەپتىن، بەزىلىرى ئۇ تەرەپتىن قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 006 JOS 008 023 ئۇلار ئايىنىڭ پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 006 JOS 008 024 ئىسرائىل دالادا ئۇچرىغان بارلىق ئايىلىقلارنى، يەنى ئۆزلىرىنى چۆلگىچە قوغلاپ كەلگەنلەرنى قىرىپ يوقاتقاندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يوقىتىلغانىدى)، بارلىق ئىسرائىل ئايىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 006 JOS 008 025 شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەر-ئاياللار، يەنى ئايىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مىڭ ئادەم ئىدى. 006 JOS 008 026 چۈنكى يەشۇئا ئايىدا تۇرۇۋاتقان ھەممە ئادەم يوقىتىلمىغۇچە قولىدىكى ئۇزۇتۇپ تۇرغان نەيزىسىنى يىغمىغانىدى. 006 JOS 008 027 ھالبۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بۇيرۇغان سۆزى بويىچە ئىسرائىللار شەھەردىكى چارپاي بىلەن ئولجىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدى. 006 JOS 008 028 ئاندىن يەشۇئا ئايى شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى ئەبەدگىچە خارابىلىك دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق تۇرماقتا. 006 JOS 008 029 ئايىنىڭ پادىشاھىنى بولسا، ئۇ بىر دەرەخقە ئاستۇرۇپ، ئۇ يەردە كەچكىچە تۇرغۇزدى. كۈن پاتقاندا يەشۇئا ئەمر قىلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەرنىڭ قوۋۇقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلىۋەتتى؛ بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا. 006 JOS 008 030 ئاندىن يەشۇئا ئېبال تېغىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قۇربانگاھ ياسىدى. 006 JOS 008 031 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ ئىسرائىلغا بۇيرۇغىنى بويىچە، مۇساغا نازىل قىلىنغان قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، قۇربانگاھ ھېچبىر تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزۈلمىگەن پۈتۈن تاشلاردىن ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ تۇردى. 006 JOS 008 032 شۇ يەردە يەشۇئا ئۇنىڭ تاشلىرىنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مۇسا پۈتكەن قانۇننى كۆچۈرۈپ پۈتۈپ قويدى. 006 JOS 008 033 ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىملىرى، مەيلى مۇساپىرلار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغانلار بولسۇن، ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار بولغان لاۋىيلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ دەسلەپتە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى تىلەشكە خەلقنىڭ يېرىمى گەرىزىم تېغى ئالدىدا، يەنە بىر يېرىمى ئېبال تېغى ئالدىدا تۇردى. 006 JOS 008 034 ئاندىن يەشۇئا قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قانۇندىكى ھەممە سۆزلەرنى، جۈملىدىن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرى ۋە لەنەت سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەردى. 006 JOS 008 035 يەشۇئا بۇلارنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوقۇپ بەردى؛ مۇسانىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىدىن ھېچبىر سۆزنى قالدۇرمىدى. 006 JOS 009 001 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى، يەنى تاغلىق رايوندىكى، شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى، ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى، لىۋاننىڭ ئۇدۇلىغىچە سوزۇلغان بارلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار ۋە شۇنىڭدەك ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، 006 JOS 009 002 ھەممىسى بىر بولۇپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئىتتىپاقلاشتى. 006 JOS 009 003 ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا، 006 JOS 009 004 ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى [ئۇزۇن] سەپەردە بولغاندەك كۆرسىتىپ، ئېشەكلەرگە كونا تاغار-خۇرجۇن بىلەن كونا، يىرتىق-ياماق شاراب تۇلۇملىرىنى ئارتىپ، 006 JOS 009 005 پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا كەشلەرنى كىيىپ، كونا جۇل-جۇل ئېگىنلەرنى ئۈستىگە ئورىغان ئىدى؛ ئۇلار سەپەرگە ئالغان نانلارنىڭ ھەممىسى پاختىلىشىپ قۇرۇپ كەتكەنىدى. 006 JOS 009 006 ئۇلار گىلگال چېدىرگاھىغا بېرىپ يەشۇئانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا: ــ بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق؛ بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار، دېدى. 006 JOS 009 007 لېكىن ئىسرائىللار ھىۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرلىكلەر بولۇشۇڭلار مۇمكىن؛ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزىمىز؟ ــ دېدى. 006 JOS 009 008 ئۇلار يەشۇئاغا: ــ بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: ــ سىلەر كىم، قەيەردىن كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 006 JOS 009 009 ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ قۇللىرىڭ بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق يۇرتتىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى، 006 JOS 009 010 شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىئورداننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن ئاشتاروتتا تۇرۇقلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگقا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق. 006 JOS 009 011 شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز بىلەن يۇرتتا تۇرغۇچى ھەممە خەلق بىزگە سۆز قىلىپ: ــ قولۇڭلارغا سەپەرگە لازىملىق ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئىسرائىللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ قۇللۇقۇڭلاردا بولىمىز؛ شۇڭا بىز بىلەن ئەھدە تۈزۈڭلار»، دەڭلار، دەپ بىزنى ئەۋەتتى. 006 JOS 009 012 سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قاراپ يولغا چىققان كۈنىدە بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن ئالغان نان ئىسسىق ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قۇرۇپ، پاختىلىشىپ كېتىپتۇ. 006 JOS 009 013 بۇ شاراب تۇلۇملىرى بولسا شاراب قاچىلىغاندا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ كىيىملەر ۋە كەشلەر سەپەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى، ــ دېدى. 006 JOS 009 014 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى، لېكىن پەرۋەردىگاردىن يول سورىمىدى. 006 JOS 009 015 شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى. 006 JOS 009 016 ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. 006 JOS 009 017 ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات-يېئارىم ئىدى. 006 JOS 009 018 جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى. 006 JOS 009 019 لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز. 006 JOS 009 020 بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى. 006 JOS 009 021 ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە: ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى. 006 JOS 009 022 ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟ 006 JOS 009 023 بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 009 024 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق. 006 JOS 009 025 ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. 006 JOS 009 026 يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. 006 JOS 009 027 لېكىن شۇ كۈنى يەشۇئا پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا جامائەت ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتۇن يارغۇچىلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلار دەپ بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. 006 JOS 010 001 شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك يەشۇئانىڭ ئايى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىنى، يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، ئايى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلغىنىنى، گىبېئوندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسرائىل بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 006 JOS 010 002 ئۇ ۋە خەلقى قاتتىق قورقتى؛ چۈنكى گىبېئون بولسا ئايىدىن چوڭ شەھەر بولۇپ، پايتەخت شەھەرلىرىدەك ئىدى؛ ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى تولىمۇ باتۇر پالۋانلار ئىدى. 006 JOS 010 003 شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك ھېبروننىڭ پادىشاھى ھوھام، يارمۇتنىڭ پادىشاھى پىرئام، لاقىشنىڭ پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى دەبىرگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ 006 JOS 010 004 مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ گىبېئونلارغا ھۇجۇم قىلىشىمىز ئۈچۈن ماڭا مەدەت بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇلار بولسا يەشۇئا ۋە ئىسرائىللار بىلەن سۈلھ تۈزۈۋالدى، ــ دېدى. 006 JOS 010 005 شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى ــ ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 006 بۇنىڭ بىلەن گىبېئونلىقلار گىلگالدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سەن ئۆز قۇللىرىڭنى تاشلىۋەتمەي، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ مەدەت بېرىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن؛ چۈنكى تاغلىق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ــ دېدى. 006 JOS 010 007 بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بارلىق جەڭچىلەرنى، جۈملىدىن ھەممە باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ گىلگالدىن يولغا چىقتى. 006 JOS 010 008 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ ئۇلاردىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئالدىڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 010 009 يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ پۈتۈن كېچە مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشتى. 006 JOS 010 010 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى، يەشۇئا ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ قىرىپ، بەيت-ھورونغا چىقىدىغان داۋان يولىدا قوغلاپ، ئازىكاھ بىلەن ماككەداھقىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. 006 JOS 010 011 ئۇلار ئىسرائىلدىن قېچىپ، بەيت-ھوروننىڭ داۋانىدىن چۈشۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگار تاكى ئۇلار ئازىكاھقا يەتكۈچە ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ-چوڭ مۆلدۈر-تاشلارنى ياغدۇردى. ئۇلار ئۆلدى؛ مۇشۇ مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىسرائىللار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنلەردىن كۆپ ئىدى. 006 JOS 010 012 ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!» 006 JOS 010 013 شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى. 006 JOS 010 014 پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان شۇنداق بىر كۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 006 JOS 010 015 ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. 006 JOS 010 016 ئەمما ئۇ بەش پادىشاھ بولسا قېچىپ ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋالدى. 006 JOS 010 017 شۇنىڭ بىلەن بىرسى يەشۇئاغا مەلۇم قىلىپ: ــ ئۇ بەش پادىشاھ تېپىلدى؛ ئۇلار ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋاپتۇ، دېدى. 006 JOS 010 018 يەشۇئا: ــ ئۇنداق بولسا غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى يۇمىلىتىپ قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئادەملەرنى كۆزەتكە قويۇڭلار. 006 JOS 010 019 لېكىن سىلەر توختاپ قالماي دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ كەينىدە قالغانلارنى قىرىڭلار؛ ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىگە كىرگۈزمەڭلار، چۇنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېدى. 006 JOS 010 020 ئاندىن شۇنداق بولدىكى، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارنى قىرىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ يوقاتتى؛ لېكىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدۇق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە كىرىۋالدى. 006 JOS 010 021 ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ-سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. 006 JOS 010 022 يەشۇئا: ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 006 JOS 010 023 ئۇلار شۇنداق قىلىپ بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 006 JOS 010 024 ئۇ پادىشاھلار يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەر سەردارلىرىغا: ــ كېلىپ پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدىنىگە قويۇڭلار، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى. 006 JOS 010 025 ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 010 026 ئاندىن يەشۇئا پادىشاھلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى؛ ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇردى. 006 JOS 010 027 كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاپ، غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى قويۇپ قويدى. بۇ تاشلار تاكى بۈكۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. 006 JOS 010 028 ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. 006 JOS 010 029 ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ماككەداھتىن چىقىپ، لىبناھقا بېرىپ لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 030 پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ يەشۇئا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. 006 JOS 010 031 ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لىبناھدىن چىقىپ، لاقىشقا بېرىپ، ئۇنى قامال قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 032 پەرۋەردىگار لاقىشنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار ئىككىنچى كۈنىلا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئېلىپ، دەل لىبناھقا قىلغىنىدەك، شەھىرىدىكى خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 006 JOS 010 033 ئۇ ۋاقىتتا گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام لاقىش شەھىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن يەشۇئا ئۇنى بارلىق ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى تىرىك قويماي ئۆلتۈردى. 006 JOS 010 034 ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لاقىشتىن چىقىپ، ئەگلونغا بېرىپ ئۇنى قامال قىلىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 035 ئۇلار شۇ كۈنى شەھەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئادەملەرنى قىلىچلىدى؛ شۇ كۈنى يەشۇئا شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتى؛ ئۇ دەل لاقىشقا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلدى. 006 JOS 010 036 ئاندىن يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى ئەگلوندىن چىقىپ ھېبرونغا بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 037 ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، دەل ئەگلوندا قىلغاندەك ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممە ئادەمنىڭ ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ يوقاتتى. يەشۇئا شەھەرنى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەرنى مۇتلەق يوقاتتى. 006 JOS 010 038 ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار دەبىرگە بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 010 039 ئۇ شەھەرنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇلاردىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا ھېبرونغا قىلغىنىدەك، لىبناھقا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، دەبىر بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. 006 JOS 010 040 بۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ پۈتۈن يۇرتنى، يەنى تاغلىق رايوننى، جەنۇبىي نەگەۋ يۇرتىنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، داۋاندىكى يۇرتلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھەممە يۇرتنى ئىشغال قىلىپ بارلىق پادىشاھلىرى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ھېچكىمنى قويماي، بەلكى نەپەسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق يوقاتتى. 006 JOS 010 041 يەشۇئا قادەش-بارنېئادىن تارتىپ گازاغىچە بولغان يۇرتلارنى، شۇنىڭدەك گوشەننىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى تاكى گىبېئونغىچىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 006 JOS 010 042 بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يەشۇئا بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىسرائىل تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلدى. 006 JOS 010 043 ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. 006 JOS 011 001 ئەمما ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بۇلارنى ئاڭلاپ مادوننىڭ پادىشاھى يوباب بىلەن شىمروننىڭ پادىشاھى ۋە ئاقسافنىڭ پادىشاھىغا ئادەم ئەۋەتتى، 006 JOS 011 002 شۇنداقلا شىمالدىكى تاغلىق رايوندىكى پادىشاھلارغا، كىننەروتنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق ۋە غەربتىكى دور ئېگىزلىكىدىكى ھەممە پادىشاھلارغا ئەلچى ئەۋەتتى؛ 006 JOS 011 003 ئۇ يەنە شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى قانائانىيلار، ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر بىلەن تاغلىق رايوندىكى يەبۇسىيلار ۋە ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى مىزپاھ يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلارنى چاقىردى. 006 JOS 011 004 ئۇلار، يەنى پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوشۇنلىرى چىقتى؛ ئۇلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. 006 JOS 011 005 بۇ ھەممە پادىشاھلار بىر بولۇپ يىغىلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەروم سۇلىرىنىڭ بويىدا چېدىرلارنى تىكتى. 006 JOS 011 006 لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە تاپشۇرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسەن، ــ دېدى. 006 JOS 011 007 بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مەروم سۇلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشۈپ ھۇجۇم قىلدى. 006 JOS 011 008 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلارنى ئۇرۇپ چوڭ زىدون ۋە مىسرەفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى مىزپاھ ۋادىسىغىچە سۈرۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 006 JOS 011 009 يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 006 JOS 011 010 شۇ چاغدا يەشۇئا قايتىپ بېرىپ، ھازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ھازور بولسا شۇ دەۋرلەردە ئاشۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بېشى ئىدى. 006 JOS 011 011 [ئىسرائىللار] شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى، 006 JOS 011 012 شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. 006 JOS 011 013 لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى. 006 JOS 011 014 ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى. 006 JOS 011 015 پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، مۇسامۇ يەشۇئاغا شۇنى بۇيرۇغانىدى ۋە يەشۇئامۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى شۇ بويىچە ئادا قىلدى. 006 JOS 011 016 شۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق رايوندىكى زېمىنلارنى، بارلىق جەنۇبىي نەگەۋ زېمىنىنى، بارلىق گوشەن زېمىنىنى، ئويمانلىقتىكى زېمىنلارنى، تۈزلەڭلىكتىكى زېمىنلارنى ۋە ئىسرائىلنىڭ تاغلىق رايونلىرىنى ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، 006 JOS 011 017 سېئىر داۋىنىغىچە سوزۇلغان ھالاك تېغىدىن تاكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى لىۋان جىلغىسىغا جايلاشقان بائال-گادقىچە بولغان زېمىننى ئىگىلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. 006 JOS 011 018 شۇ تەرىقىدە يەشۇئا بۇ ھەممە پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلدى. 006 JOS 011 019 گىبېئوندا ئولتۇراقلاشقان ھىۋىيلاردىن باشقا، ھېچبىر شەھەر ئىسرائىل بىلەن سۇلھ تۈزمىدى. ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەڭ ئارقىلىقلا ئالدى. 006 JOS 011 020 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق قىلىنىشى، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش نىيىتىدە بولۇشى پەرۋەردىگاردىن ئىدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىشى؛ يەنى، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىنماي، ئەكسىچە پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىدى. 006 JOS 011 021 ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا كېلىپ ئاناكىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن، ھېبروندىن، دەبىردىن، ئانابدىن، يەھۇدانىڭ ھەممە تاغلىق رايونى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىق رايونىدىن يوقاتتى؛ يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. 006 JOS 011 022 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى. 006 JOS 011 023 شۇ تەرىقىدە يەشۇئا پەرۋەردىگار مۇساغا ۋەدە قىلغاندەك پۈتكۈل زېمىننى ئالدى؛ يەشۇئا ئۇنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قوشۇن-قەبىلىسى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. 006 JOS 012 001 ئىسرائىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىش تەرىپىدە [ئىككى] پادىشاھنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ھەرمون تاغلىقىغا تۇتاشقان زېمىن بىلەن شەرق تەرەپتىكى بارلىق ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى ئىگىلىدى. شۇ [ئىككى] پادىشاھلار بولسا: ــ 006 JOS 012 002 [بىرسى] ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون؛ ئۇ ئاروئەر (ئاروئەر ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدا) ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ، گىلېئادنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياببوك دەرياسىغىچە (بۇ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى ئىدى) بولغان يەرلەردە سەلتەنەت قىلاتتى؛ 006 JOS 012 003 ئۇ سەلتەنەت قىلغان زېمىن يەنە شەرق تەرەپتىكى كىننەروت دېڭىزىدىن تارتىپ ئاراباھ دېڭىزىغىچە، يەنى شور دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى بەيت-يەشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇب تەرىپىدە پىسگاھ تېغىنىڭ داۋانلىرىنىڭ چېتىگىچە سوزۇلغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 006 JOS 012 004 ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار [دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ] قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى). 006 JOS 012 005 ئۇ ھەرمون تېغىدىكى يۇرتلارغا، سالكاھ ۋە پۈتكۈل باشان زېمىنىغا، يەنى گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە، شۇنىڭدەك گىلېئادنىڭ يېرىمىغا، تاكى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ چېگرىسىغىچە سەلتەنەت قىلاتتى. 006 JOS 012 006 پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغانىدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ زېمىننى رۇبەنلەرگە، گادلارغا ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەرگەنىدى. 006 JOS 012 007 تۆۋەندىكىلەر يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى لىۋان جىلغىسىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، سېئىرنىڭ داۋانلىرىنىڭ يېنىدىكى ھالاك تېغىغىچە بولغان زېمىنلاردىن ئىبارەت ئىدى. يەشۇئا بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇن-قەبىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى، 006 JOS 012 008 جۈملىدىن تاغلىق يۇرتنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، ئېگىزلىكتىكى داۋانلارنى، چۆللۈكنى ۋە جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈپ بەردى: ــ 006 JOS 012 009 ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بىرى يېرىخونىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ يېنىدىكى ئايىنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 010 بىرى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، بىرى ھېبروننىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 011 بىرى يارمۇتنىڭ پادىشاھى، بىرى لاقىشنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 012 بىرى ئەگلوننىڭ پادىشاھى، بىرى گەزەرنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 013 بىرى دەبىرنىڭ پادىشاھى، بىرى گەدەرنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 014 بىرى خورماھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئارادنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 015 بىرى لىبناھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئادۇللامنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 016 بىرى ماككەداھنىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 017 بىرى تاپپۇئاھنىڭ پادىشاھى، بىرى ھەفەرنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 018 بىرى ئافەكنىڭ پادىشاھى، بىرى لاشاروننىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 019 بىرى مادوننىڭ پادىشاھى، بىرى ھازورنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 020 بىرى شىمرون-مەروننىڭ پادىشاھى، بىرى ئاقسافنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 021 بىرى تائاناقنىڭ پادىشاھى، بىرى مەگىددونىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 022 بىرى كەدەشنىڭ پادىشاھى، بىرى كارمەلنىڭ يېنىدىكى يوكنېئامنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 023 بىرى دور ئېگىزلىكىدىكى دورنىڭ پادىشاھى، بىرى گويىمنىڭ پادىشاھى، 006 JOS 012 024 بىرى تىرزاھنىڭ پادىشاھى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز بىر پادىشاھ ئىدى. 006 JOS 013 001 ئەمما يەشۇئا ياشىنىپ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئەمدى قېرىپ قالدىڭ، يېشىڭمۇ چوڭىيىپ قالدى، لېكىن يەنە ئىگىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن زېمىن بار. 006 JOS 013 002 بۇ زېمىنلار بولسا مۇنۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ ۋە گەشۇرىيلارنىڭ بارلىق يۇرتلىرى، 006 JOS 013 003 يەنى مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىھور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرىپىدىكى ئەكرون شەھىرىنىڭ چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان يەرلەر (شۇ يۇرت قانائانىيلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى)، جۈملىدىن گازا، ئاشدود، ئاشكېلون، گات ۋە ئەكروندىكى بەش فىلىستىي ئەمىر باشقۇرىدىغان يۇرتلار بىلەن ئاۋۋىيلارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى يۇرتلىرى؛ زىدونىيلارغا تەۋە بولغان مەئاراھدىن تارتىپ ئافەك بىلەن ئامورىيلارنىڭ چېگراسىغىچە بولغان قانائانىيلارنىڭ بارلىق زېمىنى؛ 006 JOS 013 005 گەبالىيلارنىڭ زېمىنى ۋە بارلىق لىۋان زېمىنى، يەنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولغان زېمىنلار؛ 006 JOS 013 006 لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت-مايىمغىچە سوزۇلغان تاغلىقتا بارلىق ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ، يەنى زىدونىيلارنىڭ زېمىنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىسرائىل ئالدىدىن قوغلىۋېتىمەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇنى چەك تاشلاپ ئىسرائىللىقلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك. 006 JOS 013 007 سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن». 006 JOS 013 008 رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، [ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى] بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى: ــ 006 JOS 013 009 ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى، 006 JOS 013 010 ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛ 006 JOS 013 011 گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛ 006 JOS 013 012 [گىگانتلار بولغان] رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. 006 JOS 013 013 لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا. 006 JOS 013 014 لېكىن [مۇسا] لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى بەرمىگەن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 006 JOS 013 015 مۇسا رۇبەنلەر قەبىلىسىگە، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە يۇرتلارنى مىراس قىلىپ بەردى. 006 JOS 013 016 ئۇلارنىڭ زېمىنى بولسا ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە مەدەبانىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىك، 006 JOS 013 017 ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەر، دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائال-مېئون، 006 JOS 013 018 ياھاز، كەدەموت، مەفائات، 006 JOS 013 019 كىرىئاتايىم، سىبماھ، ۋە «جىلغا تېغى»دىكى زەرەت-شاھار، 006 JOS 013 020 بەيت-پېئور، پىسگاھ تېغىدىكى داۋانلار، بەيت-يەشىموت، 006 JOS 013 021 تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، [سىھونغا] بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 006 JOS 013 022 شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى. 006 JOS 013 023 رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. 006 JOS 013 024 مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى. 006 JOS 013 025 ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە، 006 JOS 013 026 ھەشبوندىن تارتىپ رامات-مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە، 006 JOS 013 027 جىلغىغا جايلاشقان بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت ۋە زافونلار، ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى قالغان قىسمى، دەريانى ياقىلاپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ئىدى. 006 JOS 013 028 گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. 006 JOS 013 029 مۇسا ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگىمۇ مىراس بەرگەنىدى؛ ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە بۇ مىراس بۆلۇپ بېرىلگەنىدى: ــ 006 JOS 013 030 زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرى (بۇ يېزا-كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)، 006 JOS 013 031 گىلېئادنىڭ يېرىمى بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ سەلتەنىتىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەي شەھەرلىرى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە قىلىنغان بولۇپ، ماكىرلارنىڭ يېرىم قىسمىغا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بۆلۇپ بېرىلگەنىدى. 006 JOS 013 032 مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قېتىدا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بولغان ۋاقتىدا بۆلۈپ بەرگەن مىراسلار مانا بۇ زېمىنلار ئىدى. 006 JOS 013 033 لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى تەقدىم قىلمىدى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 006 JOS 014 001 ئىسرائىللارنىڭ قانائان زېمىنىدىن ئالغان مىراسلىرى تۆۋەندىكىدەك؛ ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى جەمەت-ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ مىراسلارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن. 006 JOS 014 002 پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توققۇز يېرىم قەبىلە توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى چەك تاشلاش بىلەن بۆلۈپ بېرىلدى. 006 JOS 014 003 چۈنكى قالغان ئىككى قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى بولسا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقسىم قىلغانىدى؛ لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ مىراس بەرمىگەنىدى 006 JOS 014 004 (يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى). 006 JOS 014 005 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى. 006 JOS 014 006 يەھۇدالار گىلگالغا، يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلدى، كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئادىمى بولغان مۇساغا مەن بىلەن سېنىڭ توغراڭدا قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؛ 006 JOS 014 007 پەرۋەردىگارنىڭ ئادىمى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، مەن قىرىق ياشتا ئىدىم؛ چىن [ئېتىقادلىق] كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم. 006 JOS 014 008 ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى سۇ قىلىۋەتكەنىدى. لېكىن مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئەگەشتىم. 006 JOS 014 009 ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ: ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى. 006 JOS 014 010 ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم. 006 JOS 014 011 مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ-دەرمانىم باردۇر. 006 JOS 014 012 ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن». 006 JOS 014 013 بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى. 006 JOS 014 014 شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن 006 JOS 014 015 (ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. 006 JOS 015 001 يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛ 006 JOS 015 002 جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، 006 JOS 015 003 «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، 006 JOS 015 004 ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى. 006 JOS 015 005 شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 006 JOS 015 006 ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛ 006 JOS 015 007 ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛ 006 JOS 015 008 ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ 006 JOS 015 009 چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ، 006 JOS 015 010 ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛ 006 JOS 015 011 ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى. 006 JOS 015 012 غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى. 006 JOS 015 013 يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. 006 JOS 015 014 كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. 006 JOS 015 015 ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى). 006 JOS 015 016 كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. 006 JOS 015 017 كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. 006 JOS 015 018 شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 006 JOS 015 019 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. 006 JOS 015 020 تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ 006 JOS 015 021 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر، 006 JOS 015 022 كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ، 006 JOS 015 023 كەدەش، ھازور، يىتنان، 006 JOS 015 024 زىف، تەلەم، بېئالوت، 006 JOS 015 025 ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)، 006 JOS 015 026 ئامام، سېما، مولاداھ، 006 JOS 015 027 ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت، 006 JOS 015 028 ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا، 006 JOS 015 029 بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم، 006 JOS 015 030 ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، 006 JOS 015 031 زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ، 006 JOS 015 032 لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 015 033 شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ، 006 JOS 015 034 زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام، 006 JOS 015 035 يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ، 006 JOS 015 036 شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 015 037 بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد، 006 JOS 015 038 دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، 006 JOS 015 039 لاقىش، بوزكات، ئەگلون، 006 JOS 015 040 كاببون، لاھماس، قىتلىش، 006 JOS 015 041 گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 015 042 بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان، 006 JOS 015 043 يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب، 006 JOS 015 044 كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛ 006 JOS 015 045 يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر، 006 JOS 015 046 شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ، 006 JOS 015 047 ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 006 JOS 015 048 تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 006 JOS 015 049 دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، 006 JOS 015 050 ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، 006 JOS 015 051 گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 015 052 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان، 006 JOS 015 053 يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ، 006 JOS 015 054 ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 006 JOS 015 055 بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 006 JOS 015 056 يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ، 006 JOS 015 057 كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 006 JOS 015 058 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور، 006 JOS 015 059 مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 006 JOS 015 060 بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 006 JOS 015 061 چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ، 006 JOS 015 062 نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 015 063 لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. 006 JOS 016 001 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ چىققان مىراس زېمىن بولسا يېرىخوغا تۇتاش بولغان ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆللەرگىچە بولغان يۇرتلار ۋە يېرىخودىن چىقىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيت-ئەلنىڭ تاغلىق رايونىغا سوزۇلغان يۇرتلار ئىدى. 006 JOS 016 002 چېگرىسى بەيت-ئەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ چېگرىسىدىكى ئاتاروتقا يېتىپ، 006 JOS 016 003 ئاندىن غەرب تەرىپىگە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشۇپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ چېتىگە چۈشۈپ، گەزەرگە بېرىپ دېڭىزدا ئاخىرلىشاتتى. 006 JOS 016 004 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىملار ئېرىشكەن مىراس ئۈلۈشى مانا شۇ ئىدى. 006 JOS 016 005 ئەفرائىملارنىڭ جەمەت-ئائىلىرى بويىچە ئالغان زېمىنىنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىدەك: ــ مىراس زېمىننىڭ شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى ئاتاروت-ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت-ھورونغىچە يېتىپ، 006 JOS 016 006 ئاندىن دېڭىزغا بېرىپ شىمالغا قاراپ مىكمىتاتقا چىقتى؛ ئاندىن يەنە شەرق تەرىپىدىكى تائانات-شىلوھقا قايرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە قاراپ يانوئاھقا، 006 JOS 016 007 يانوئاھدىن چۈشۈپ ئاتاروت بىلەن نائاراتقا يېتىپ، يېرىخوغا تۇتىشىپ ئىئوردان دەرياسىغا چىقتى. 006 JOS 016 008 چېگرا تاپپۇئاھدىن غەرب تەرەپكە چىقىپ كاناھ ئېقىنىغىچە بېرىپ، دېڭىزغا يېتىپ ئاياغلاشتى. ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرىگە تەگكەن مىراس ئۈلۈشى شۇ ئىدى. 006 JOS 016 009 بۇنىڭدىن باشقا ئەفرائىملار ئۈچۈن ماناسسەھنىڭ مىراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە شەھەرلەر ئايرىلغانىدى؛ بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاراشلىق كەنت-قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى. 006 JOS 016 010 ئەمما [ئەفرائىملار] گەزەردە ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىگەنىدى؛ شۇڭا قانائانىيلار تا بۈگۈنگىچە ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مەخسۇس ھاشارچى مەدىكارلار بولۇپ تۇرماقتا. 006 JOS 017 001 ماناسسەھ يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەبىلىسىگىمۇ چەك تاشلىنىپ مىراس بېرىلگەن. ماناسسەھنىڭ تۇنجى ئوغلى ماكىرنىڭ [ئەۋلادلىرى] (ماكىر گىلېئادنىڭ ئاتىسى ئىدى) باتۇر پالۋان بولغاچقا، ئۇلارغا گىلېئاد بىلەن باشان مىراس قىلىپ بېرىلدى. 006 JOS 017 002 ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ، جۈملىدىن ئابىئېزەرلەر، ھەلەكلەر، ئاسرىئەللەر، شەكەملەر، ھەفەرلەر بىلەن شېمىدالار ئۆز جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس ئۈلۈشىنى ئالدى. بۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەر جەمەت ئائىلىلىرى ئىدى. 006 JOS 017 003 ئەمدى ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 006 JOS 017 004 ئۇلار كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇساغا بىز توغرۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز قاتارىدا مىراس بېرىشكە ئەمر قىلغانىدى، دېدى. شۇنى دېۋىدى، [يەشۇئا] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇلارغا مىراس بەردى. 006 JOS 017 005 بۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گىلېئاد بىلەن باشان زېمىنلىرىدىن باشقا، ماناسسەھكە يەنە ئون ئۈلۈش يەر بېرىلدى. 006 JOS 017 006 چۈنكى ماناسسەھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قاتارىدا مىراسقا ئىگە بولغانىدى؛ گىلېئاد زېمىنى ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى. 006 JOS 017 007 ماناسسەھنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولسا ئاشىردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى مىكمىتاتقا بېرىپ، ئاندىن جەنۇب تەرىپىگە قايرىلىپ، ئەن-تاپپۇئاھدا تۇرغۇچىلارنىڭ جايىغىچە تۇتىشاتتى. 006 JOS 017 008 چۈنكى تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى بولسا ماناسسەھگە تەگكەنىدى؛ لېكىن ماناسسەھنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا تەۋە ئىدى. 006 JOS 017 009 چېگرىسى ئۇ يەردىن كاناھ ئېقىنىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن چىقتى. ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بولسا ماناسسەھنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ، ئەفرائىمغا تەگدى. ماناسسەھنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ دېڭىزغا يېتىپ ئاخىرلىشاتتى. 006 JOS 017 010 جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا، شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەھكە تەۋە ئىدى؛ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمال تەرىپىدە ئاشىرنىڭ ئۈلۈشىگىچە يېتىپ، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقانىدى. 006 JOS 017 011 ماناسسەھكىمۇ ئىسساكار بىلەن ئاشىرنىڭ ئۈلۈشلىرى ئىچىدىن بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، ئىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، دور ئاھالىسى بىلەن دورغا قاراشلىق كەنتلەر، ئەن-دور ئاھالىسى بىلەن ئەن-دورغا قاراشلىق كەنتلەر، تائاناق ئاھالىسى بىلەن تائاناققا قاراشلىق كەنتلەر ۋە مېگىددو ئاھالىسى بىلەن مېگىددوغا قاراشلىق كەنتلەر، يەنى «ئۈچ ئېگىزلىك» دېگەن يۇرت تەگدى. 006 JOS 017 012 لېكىن ماناسسەھ بۇ شەھەردىكىلەرنى قوغلىۋىتەلمىدى؛ قانائانىيلار شۇ يۇرتلاردا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى. 006 JOS 017 013 ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن مۇتلەق قوغلىۋېتەلمىدى. 006 JOS 017 014 يۈسۈپلەر بولسا يەشۇئاغا: ــ بىزلەر پەرۋەردىگار ھازىرغىچە شۇنداق بەرىكەتلەپ كەلگەن، چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا چەك تاشلاش بىلەن بىزگە پەقەت بىر ئۈلۈش مىراس، بىر پارچە يەرلا بەردىڭ؟ ــ دېدى. 006 JOS 017 015 يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر چوڭ بىر خەلق بولساڭلار، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر بىلەن [گىگانت] رەفايىيلار يۇرتىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر جاينى چىقىرىۋېلىڭلار، دېدى. 006 JOS 017 016 لېكىن يۈسۈپلەر: ــ تاغلىق يۇرت بىزگە يەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىلغىدا تۇرۇۋاتقانلار، مەيلى بەيت-شېئاندا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە بولسۇن ياكى يىزرەئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈردىن جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن، دېدى. 006 JOS 017 017 شۇنداق دېۋىدى، يەشۇئا يۈسۈپ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە چوڭ بىر خەلقسىلەر ۋە زور كۈچۈڭلار باردۇر؛ شۇڭا سىلەرگە پەقەت بىر ئۈلۈشلا مىراس بېرىلسە بولمايدۇ؛ 006 JOS 017 018 ئاشۇ پۈتكۈل تاغلىق يۇرتمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى كېسىپ بوشىتىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ ئىگە بولىسىلەر؛ قانائانىيلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋىتەلەيسىلەر، ــ دېدى. 006 JOS 018 001 پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، 006 JOS 018 002 لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى. 006 JOS 018 003 شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟ 006 JOS 018 004 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ-خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن. 006 JOS 018 005 ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن. 006 JOS 018 006 سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. 006 JOS 018 007 ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر». 006 JOS 018 008 [زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن] كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى. 006 JOS 018 009 شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى. 006 JOS 018 010 ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 006 JOS 018 011 بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى. 006 JOS 018 012 ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت-ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛ 006 JOS 018 013 ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت-ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى؛ 006 JOS 018 014 چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. 006 JOS 018 015 جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات-يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛ 006 JOS 018 016 چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن-روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛ 006 JOS 018 017 ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن-شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ، 006 JOS 018 018 ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى. 006 JOS 018 019 ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت-ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى. 006 JOS 018 020 شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت-ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى. 006 JOS 018 021 بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر: ــ يېرىخو، بەيت-ھوگلاھ، ئېمەك-كەزىز، 006 JOS 018 022 بەيت-ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت-ئەل، 006 JOS 018 023 ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، 006 JOS 018 024 كەفار-ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى؛ 006 JOS 018 025 بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت، 006 JOS 018 026 مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ، 006 JOS 018 027 رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ، 006 JOS 018 028 زەلاھ، ھا-ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 001 ئىككىنچى چەك شىمېئونغا چىقتى، يەنى شىمېئونلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى بولسا يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 006 JOS 019 002 ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مىراسى ئىچىدە بەئەر-شېبا، شېبا، مولاداھ، 006 JOS 019 003 ھازار-شۇئال، بالاھ، ئېزەم، 006 JOS 019 004 ئەلتولاد، بىتۇل، خورماھ، 006 JOS 019 005 زىكلاگ، بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇساھ، 006 JOS 019 006 بەيت-لىبائوت ۋە شارۇھەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 019 007 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئېتەر، ئاشان بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار 006 JOS 019 008 ھەمدە جەنۇب تەرەپتىكى بائالات-بەئەر (يەنى جەنۇبدىكى راماھ)غىچە بولغان بۇ [تۆت] شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇلار شىمېئونلار قەبىلىسىنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئېرىشكەن مىراسى ئىدى. 006 JOS 019 009 شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى يەھۇدالارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى؛ چۇنكى يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۆزلىرىگە كۆپلۈك قىلغانىدى، شۇڭا شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن بېرىلدى. 006 JOS 019 010 ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراس چېگرىسى سارىدقا باراتتى، 006 JOS 019 011 چېگرىسى غەرب تەرەپتە مارېئالاھقا بېرىپ داببەشەتكە يېتىپ يوكنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېقىنغا تۇتىشاتتى؛ 006 JOS 019 012 ئۇ سارىدتىن شەرق تەرىپىگە قايرىلىپ، كۈن چىقىشقا بۇرۇلۇپ كىسلوت-تابور يۇرتىغا تۇتىشىپ، دابىراتقا ئۆتۈپ، يافىياغا باردى؛ 006 JOS 019 013 ئاندىن شۇ يەردىن ئۇ شەرق تەرىپىگە كۈن چىقىشقا [يەنە] بۇرۇلۇپ، گات-ھەفەر ۋە ئەت-كازىنغا كېلىپ نېئاھقا سوزۇلغان رىممون يۇرتىغا يېتىپ باردى. 006 JOS 019 014 ئاندىن ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، ھانناتونغا يېتىپ بېرىپ، يىفتاھ-ئەلنىڭ جىلغىسىدا ئاخىرلاشتى. 006 JOS 019 015 ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى يەنە كاتتات، ناھالال، شىمرون، يىدالاھ ۋە بەيت-لەھەمنىمۇ ئوراپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 006 JOS 019 016 بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار زەبۇلۇنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 017 تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا چىقتى، يەنى ئىسساكارلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 006 JOS 019 018 ئۇلارغا بېرىلگەن يۇرتلار يىزرەئەلگىچە بولۇپ، كەسۇللوت، شۇنەم، 006 JOS 019 019 ھافارئايىم، شىئون، ئاناھارات، 006 JOS 019 020 راببىت، كىشىئون، ئېبەز، 006 JOS 019 021 رەمەت، ئەن-گاننىم، ئەن-ھادداھ ۋە بەيت-پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ 006 JOS 019 022 ئاندىن چېگرىسى تابور، شاھازىماھ ۋە بەيت-شەمەشكە يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلاشتى؛ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 019 023 بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىسساكارلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 024 بەشىنچى چەك ئاشىرلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 006 JOS 019 025 ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەلكات، ھالى، بەتەن، ئاقساف، 006 JOS 019 026 ئاللاممەلەك، ئامېئاد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل بىلەن شىھور-لىبناتقا تۇتىشىپ، 006 JOS 019 027 ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت-داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن [زېمىنى] بىلەن يىفتاھ-ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت-ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛ 006 JOS 019 028 ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى. 006 JOS 019 029 ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛ 006 JOS 019 030 زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. 006 JOS 019 031 بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 032 ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ 006 JOS 019 033 ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى-نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى. 006 JOS 019 034 ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت-تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى. 006 JOS 019 035 نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت، 006 JOS 019 036 ئاداماھ، راماھ، ھازور، 006 JOS 019 037 كەدەش، ئەدرەي، ئەن-ھازور، 006 JOS 019 038 يىرون، مىگدال-ئەل، ھورەم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەشلەر بولۇپ، جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 006 JOS 019 039 بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار نافتالىلار قەبىلىسىنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 040 يەتتىنچى چەك دانلارنىڭ قەبىلىسىگە چىقتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى. 006 JOS 019 041 ئۇلارنىڭ مىراس زېمىنى بولسا زورېئاھ، ئەشتائول، ئىر-شەمەش، 006 JOS 019 042 شائالاببىن، ئايجالون، يىتلاھ، 006 JOS 019 043 ئېلون، تىمناتاھ، ئەكرون، 006 JOS 019 044 ئەل-تەكەھ، گىببېتون، بائالات، 006 JOS 019 045 يەھۇد، بەنە-باراك، گات-رىممون، 006 JOS 019 046 مە-ياركون، راككون ۋە يافونىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇرتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 006 JOS 019 047 لېكىن دانلارنىڭ زېمىنى ئۆز قولىدىن كەتكەن بولغاچقا، دانلار چىقىپ لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئاھالىسىنى قىلىچلاپ يوقىتىپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ماكانلاشتى؛ ئاندىن ئۇلار لەشەمگە ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئۇنى دان دەپ ئاتىدى. 006 JOS 019 048 مانا بۇلار، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار دانلار قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى. 006 JOS 019 049 بۇ تەرىقىدە [ئىسرائىللار] زېمىننى چېگرا-چېگرا بويىچە بۆلۈپ بولدى؛ ئاندىن ئۇلار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ئۆز ئارىسىدىن مىراس بۆلۈپ بەردى. 006 JOS 019 050 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يەشۇئا تىلىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىدىكى تىمنات-سېراھ دېگەن شەھەرنى بەردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا تۇردى. 006 JOS 019 051 مانا بۇلار ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ كاتتاباشلىرى بىر بولۇپ شىلوھدا، جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ بۆلۈپ تەقسىم قىلغان مىراسلاردۇر. بۇ تەرىقىدە ئۇلار زېمىننىڭ تەقسىماتىنى تۈگەتتى. 006 JOS 020 001 پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 006 JOS 020 002 سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛ 006 JOS 020 003 بىلمەي، تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەرقانداق كىشى ئۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولىدۇ. 006 JOS 020 004 [ئادەمنى شۇنداق ئۆلتۈرگەن] كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ قوۋۇقىغا كېلىپ، شۇ يەردە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتسۇن؛ ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا جاي بەرسۇن. 006 JOS 020 005 ئەمدى قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن؛ چۈنكى شۇ كىشىنىڭ بۇرۇندىن ئۆز قوشنىسىغا ھېچ ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان، بەلكى تاسادىپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. 006 JOS 020 006 [ئادەم ئۆلتۈرگەن] كىشى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە شۇ شەھەردە تۇرسۇن؛ ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىگە، يەنى قېچىپ چىققان شەھەردىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلسۇن. 006 JOS 020 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى، 006 JOS 020 008 يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۈزلەڭلىكنىڭ چۆلىدىكى بەزەرنى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموتنى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاننى تاللاپ بېكىتتى. 006 JOS 020 009 مانا بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇشقا بىكىتىلگەن شەھەرلەردۇر؛ كىمكى بىلمەي، تاسادىپىلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشىدىن بۇرۇن، قان قىساسكارنىڭ قولىدا ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كېتىشكە بۇ شەھەرلەر بېكىتىلگەن. 006 JOS 021 001 ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، 006 JOS 021 002 قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدا ئۇلارغا: ــ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەرۋەردىگار بىز توغرۇلۇق: «ئۇلارغا تۇرۇشقا شەھەرلەرنى، ماللىرى ئۈچۈن يايلاقلارنى قوشۇپ بەرگىن»، دەپ ئېيتقان، دېدى. 006 JOS 021 003 شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى: ــ 006 JOS 021 004 بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛ 006 JOS 021 005 ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى. 006 JOS 021 006 گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى. 006 JOS 021 007 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى. 006 JOS 021 008 بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى. 006 JOS 021 009 ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى: ــ 006 JOS 021 010 (چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى): ــ 006 JOS 021 011 ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات-ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى. 006 JOS 021 012 لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت-قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى. 006 JOS 021 013 شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى، 006 JOS 021 014 ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى، 006 JOS 021 015 ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى، 006 JOS 021 016 ئايىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت-شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 017 مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى، 006 JOS 021 018 ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى. 006 JOS 021 019 بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 006 JOS 021 020 ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار: ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن 006 JOS 021 021 ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 022 كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت-ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ 006 JOS 021 023 بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 024 ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 025 بۇنىڭدىن باشقا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناق بىلەن يايلاقلىرى، گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 026 بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 006 JOS 021 027 لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛ 006 JOS 021 028 يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 029 يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن-گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ 006 JOS 021 030 بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 031 ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛ 006 JOS 021 032 بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت-دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 033 بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 006 JOS 021 034 قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 035 دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 036 بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 037 كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 038 بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى، 006 JOS 021 039 ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. 006 JOS 021 040 بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى. 006 JOS 021 041 ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. 006 JOS 021 042 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. 006 JOS 021 043 پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. 006 JOS 021 044 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 006 JOS 021 045 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىگە ۋەدە قىلغان ھىممەتلىرىدىن ھېچبىرى قالدۇرۇلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 006 JOS 022 001 ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ 006 JOS 022 002 سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛ 006 JOS 022 003 سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار [سىلەرگە] ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛ 006 JOS 022 004 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار. 006 JOS 022 005 پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى. 006 JOS 022 006 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت-بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 006 JOS 022 007 ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ، 006 JOS 022 008 ئۇلارغا: ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى. 006 JOS 022 009 ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى. 006 JOS 022 010 رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى. 006 JOS 022 011 ئىسرائىللارغا: «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. 006 JOS 022 012 ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى. 006 JOS 022 013 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى 006 JOS 022 014 ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. 006 JOS 022 015 بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا: ــ 006 JOS 022 016 مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟ 006 JOS 022 017 پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق. 006 JOS 022 018 سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ. 006 JOS 022 019 ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار. 006 JOS 022 020 زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟». 006 JOS 022 021 شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 006 JOS 022 022 «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار! 006 JOS 022 023 ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛ 006 JOS 022 024 ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا: «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ 006 JOS 022 025 ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق. 006 JOS 022 026 شۇڭا بىز: «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، 006 JOS 022 027 بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. 006 JOS 022 028 ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز. 006 JOS 022 029 پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!». 006 JOS 022 030 كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى. 006 JOS 022 031 ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى. 006 JOS 022 032 ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى. 006 JOS 022 033 بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى. 006 JOS 022 034 رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار: ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى. 006 JOS 023 001 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بېرىپ ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈپ، شۇنداقلا يەشۇئا قېرىپ، يېشىمۇ چوڭىيىپ قالغاندا، 006 JOS 023 002 يەشۇئا پۈتكۈل ئىسرائىلنى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوراقچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مەن قېرىپ قالدىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى. 006 JOS 023 003 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يەردىكى بارلىق تائىپىلەرگە قانداق ئىشلارنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار؛ چۈنكى سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر. 006 JOS 023 004 مانا، مەن ئۆزۈم يوقاتقان ھەممە ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قالغان بۇ تائىپىلەرنىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ قەبىلە-جەمەتىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە، سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەردىم. 006 JOS 023 005 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر. 006 JOS 023 006 شۇڭا سىلەر تولىمۇ قەيسەر بولۇپ مۇسانىڭ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ 006 JOS 023 007 شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردا قېلىپ قالغان بۇ تائىپىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئالماڭلار ياكى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار؛ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇلارغا باش ئۇرماڭلار؛ 006 JOS 023 008 بەلكى بۈگۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار. 006 JOS 023 009 چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن چوڭ-چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندۇر؛ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئادەم ئالدىڭلاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. 006 JOS 023 010 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغىنى ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئادىمىڭلار ئۇلارنىڭ مىڭ ئادىمىنى تىرىپىرەن قىلىدۇ. 006 JOS 023 011 شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈڭلارغا قاتتىق سەگەك بولۇڭلار! 006 JOS 023 012 چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ-باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا-باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭلار، 006 JOS 023 013 ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر. 006 JOS 023 014 مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى. 006 JOS 023 015 لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، [ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ] باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ». 006 JOS 024 001 ئاندىن يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوتچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىردى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغاندا 006 JOS 024 002 يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار: ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى. 006 JOS 024 003 لېكىن مەن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردىم. 006 JOS 024 004 ئاندىن مەن ئىسھاققا ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم؛ ئەساۋغا سېئىر تاغلىق رايونىنى تەۋەلىك قىلىپ بەردىم، ياقۇپ بىلەن ئوغۇللىرى بولسا مىسىرغا چۈشۈپ باردى. 006 JOS 024 005 كېيىنرەك مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئەمەللىرىم بىلەن ئۇلارغا دەھشەتلىك ۋابالارنى چۈشۈردۇم؛ ئاندىن سىلەرنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. 006 JOS 024 006 مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار [قىزىل] دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە، مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى قوغلاپ دېڭىزغىچە كەلدى. 006 JOS 024 007 ئىسرائىللار شۇئان پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىۋىدى، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا تۇم قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى؛ ئاندىن دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ ياپتى. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ مىسىردا نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار؛ ئاندىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇردۇڭلار. 006 JOS 024 008 كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كەلدىم؛ ئۇلار سىلەر بىلەن سوقۇشقاندا مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدىڭلار. مەن ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىۋەتتىم. 006 JOS 024 009 ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى، زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق قوپۇپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭگە چۈشتى ۋە سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى چاقىرىپ كەلدى؛ 006 JOS 024 010 لېكىن مەن بالائامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە قايتا-قايتا بەخت-بەرىكەت تىلىدى ۋە مەن سىلەرنى [بالاقنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزدۇم. 006 JOS 024 011 كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ 006 JOS 024 012 مەن ئالدىڭلارغا سېرىق ھەرىنى ئەۋەتتىم، سېرىق ھەرە ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ھەيدىۋەتكەندەك ئۇلارنىمۇ ھەيدىۋەتتى؛ بۇ ئىش سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوقيايىڭلار بىلەن بولمىدى. 006 JOS 024 013 مەن سىلەرگە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن بىر زېمىننى، ئۆزۈڭلار ياسىمىغان شەھەرلەرنى بەردىم، ۋە سىلەر شۇلاردا ماكان قىلدىڭلار؛ ئۆزۈڭلار تىكمىگەن ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلاردىن مېۋىلىرىنى يەۋاتىسىلەر» دەيدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 024 014 ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. 006 JOS 024 015 لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار ــ مەيلى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. 006 JOS 024 016 خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگارنى تەرك ئېتىپ باشقا ئىلاھلارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش بىزدىن نېرى بولسۇن! 006 JOS 024 017 چۈنكى بىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا ماڭمايلى، قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەيلى، بىزنى ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىدۇر! 006 JOS 024 018 پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان بارلىق تائىپىلەرنى، جۈملىدىن ئامورىيلارنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى؛ شۇڭا بىزمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز؛ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تەڭرىمىزدۇر! ــ دېدى. 006 JOS 024 019 يەشۇئا خەلققە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ. 006 JOS 024 020 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 024 021 لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. 006 JOS 024 022 بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 006 JOS 024 023 ئۇ: ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى. 006 JOS 024 024 خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى. 006 JOS 024 025 شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى. 006 JOS 024 026 ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى. 006 JOS 024 027 ئاندىن يەشۇئا خەلققە: ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. 006 JOS 024 028 يەشۇئا شۇلارنى دەپ خەلقنى يولغا سېلىپ، ھەربىرىنى ئۆز مىراس يېرىگە ياندۇردى. 006 JOS 024 029 بۇ ئىشلاردىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. 006 JOS 024 030 ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. 006 JOS 024 031 يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە مۆجىزىلىك ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. 006 JOS 024 032 يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى بولسا، ئىسرائىللار ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇلارنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇپ شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كەسىتاھ كۈمۈشكە سېتىۋالغان يەردە دەپنە قىلدى. شۇ يەر يۈسۈپلەرنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ قالدى. 006 JOS 024 033 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. # # BOOK 007 JDG Judges باتۇر ھاكىملار 007 JDG 001 001 ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 001 002 پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ يەھۇدا چىقسۇن؛ مانا، مەن زېمىننى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى. 007 JDG 001 003 ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا ئاكىسى شىمېئونغا: ــ سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ، مەنمۇ ساڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا سەن بىلەن بىللە چىقىپ [سوقۇشىمەن]، دېۋىدى، شىمېئون ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. 007 JDG 001 004 يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا، پەرۋەردىگار قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، ئون مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. 007 JDG 001 005 ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەك دېگەن پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنى ئۇرۇپ قىردى. 007 JDG 001 006 ئادونى-بېزەك قاچتى، ئۇلار قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىنى كېسىۋەتتى. 007 JDG 001 007 شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 007 JDG 001 008 يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 007 JDG 001 009 ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى. 007 JDG 001 010 ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى). 007 JDG 001 011 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى). 007 JDG 001 012 كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. 007 JDG 001 013 كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. 007 JDG 001 014 ۋە شۇنداق بولدىكى، قىز [ياتلىق بولۇپ] ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 001 015 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. 007 JDG 001 016 مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ «خورمىلىق شەھەر»دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى. 007 JDG 001 017 يەھۇدا بولسا ئاكىسى شىمېئون بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، شەھەرنى مۇتلەق ۋەيران قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئىسمى «خورماھ» دەپ ئاتالغان. 007 JDG 001 018 ئاندىن يەھۇدالار گازا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئاشكېلون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئەكرون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى. 007 JDG 001 019 پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى. 007 JDG 001 020 ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھېبروننى كالەبكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئاناكنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى. 007 JDG 001 021 لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. 007 JDG 001 022 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. 007 JDG 001 023 يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى). 007 JDG 001 024 چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا: ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى. 007 JDG 001 025 شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى. 007 JDG 001 026 ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا. 007 JDG 001 027 لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت-شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى. 007 JDG 001 028 ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى. 007 JDG 001 029 ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. 007 JDG 001 030 زەبۇلۇن نە قىتروندا تۇرۇۋاتقانلارنى نە ناھالولدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. 007 JDG 001 031 ئاشىر بولسا نە ئاككودا تۇرۇۋاتقانلارنى نە زىدوندا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى، شۇنداقلا ئاھلاب، ئاقزىب، ھەلباھ، ئافەك رەھوبلاردا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ قوغلىۋەتمىدى. 007 JDG 001 032 شۇنىڭ بىلەن ئاشىرلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ ئۇلار قانائانىيلارنى ئۆز يېرىدىن قوغلىۋەتمىدى. 007 JDG 001 033 نافتالىلار نە بەيت-شەمەشتە تۇرۇۋاتقانلارنى نە بەيت-ئاناتتا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئاناتتىكى خەلق ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. 007 JDG 001 034 ئامورىيلار دانلارنى تاغلىق رايونغا مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى جىلغا-تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە يول قويمىدى. 007 JDG 001 035 ئامورىيلار ھەرەس تېغى، ئايجالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى؛ لېكىن يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى كۈچەيگەندە، قانائانىيلار ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. 007 JDG 001 036 ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى. 007 JDG 002 001 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ: ــ مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدەمنى ئەبەدگىچە بىكار قىلمايمەن؛ 007 JDG 002 002 لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟! 007 JDG 002 003 شۇڭا مەن [شۇ چاغدا] سىلەرگە: «[شۇنداق قىلساڭلار] ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور-تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى. 007 JDG 002 004 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. 007 JDG 002 005 شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى. 007 JDG 002 006 يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى. 007 JDG 002 007 يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ [ئىسرائىل] خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. 007 JDG 002 008 ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. 007 JDG 002 009 ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. 007 JDG 002 010 بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى [ئۆلۈپ] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى. 007 JDG 002 011 شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال-بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى. 007 JDG 002 012 ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 007 JDG 002 013 ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. 007 JDG 002 014 بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، خاراب قىلىنسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، يەنە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىدى. 007 JDG 002 015 ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى ئاپەت بىلەن ئۇردى، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلار تولىمۇ ئازابلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 007 JDG 002 016 ئاندىن پەرۋەردىگار [ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن] باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزدى، ئۇلار [ئىسرائىللارنى] تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 007 JDG 002 017 شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە ئۇلار يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى؛ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش يولىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ھېچ ئىتائەت قىلمىدى. 007 JDG 002 018 پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى. 007 JDG 002 019 لېكىن باتۇر ھاكىم ئۆلۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە بۇلغايتتى؛ ئۇلار نە شۇ قىلمىشلىرىدىن توختىمايتتى، نە ئۆز جاھىل يولىدىن ھېچ يانمايتتى. 007 JDG 002 020 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قاتتىق تۇتاشتى، ئۇ: ــ «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تاپىلىغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن، 007 JDG 002 021 بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قالدۇرغان تائىپىلەردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ 007 JDG 002 022 بۇنىڭدىكى مەقسەت، مەن شۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۇتقاندەك، مەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن» ــ دېدى. 007 JDG 002 023 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ تائىپىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى نە دەرھاللا زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ قوغلىۋەتمىدى نە يەشۇئانىڭ قولىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى. 007 JDG 003 001 تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ [ئەۋلادلىرىنى] سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر 007 JDG 003 002 (ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ-ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى): ــ 007 JDG 003 003 ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال-ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛ 007 JDG 003 004 ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. 007 JDG 003 005 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛ 007 JDG 003 006 ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 007 JDG 003 007 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 007 JDG 003 008 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان-رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى. 007 JDG 003 009 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى. 007 JDG 003 010 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان-رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. 007 JDG 003 011 شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى. 007 JDG 003 012 ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى. 007 JDG 003 013 ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى. 007 JDG 003 014 بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى. 007 JDG 003 015 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى. 007 JDG 003 016 ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛ 007 JDG 003 017 ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى. 007 JDG 003 018 ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛ 007 JDG 003 019 ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ: ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى. 007 JDG 003 020 ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد: ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى. 007 JDG 003 021 شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. 007 JDG 003 022 شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى. 007 JDG 003 023 ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى. 007 JDG 003 024 ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار: ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. 007 JDG 003 025 ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. 007 JDG 003 026 ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى. 007 JDG 003 027 شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. 007 JDG 003 028 ئۇ ئۇلارغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. 007 JDG 003 029 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 007 JDG 003 030 شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان-تىنچلىقتا تۇردى. 007 JDG 003 031 ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى. 007 JDG 004 001 ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى. 007 JDG 004 002 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. 007 JDG 004 003 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى. 007 JDG 004 004 ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى. 007 JDG 004 005 ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. 007 JDG 004 006 ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار [مۇنداق] ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ 007 JDG 004 007 شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى. 007 JDG 004 008 باراق ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى. 007 JDG 004 009 دەبوراھ جاۋابەن: ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان-شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى. 007 JDG 004 010 باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى 007 JDG 004 011 (شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى). 007 JDG 004 012 ئەمدى سىسېراغا: ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 007 JDG 004 013 شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت-گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى. 007 JDG 004 014 دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 007 JDG 004 015 پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى. 007 JDG 004 016 باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت-گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى. 007 JDG 004 017 لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى. 007 JDG 004 018 يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى. 007 JDG 004 019 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى. 007 JDG 004 020 ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن: ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى. 007 JDG 004 021 ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. 007 JDG 004 022 شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى. 007 JDG 004 023 شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى. 007 JDG 004 024 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى. 007 JDG 005 001 شۇ كۈنى دەبوراھ ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇدى: ــ 007 JDG 005 002 ئىسرائىلدا يېتەكچىلەر يول باشلىغىنى ئۈچۈن، خەلق ئىختىيارەن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار! 007 JDG 005 003 ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار، ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار! مەن، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇيمەن، مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىمەن. 007 JDG 005 004 ئى پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا، ئېدومنىڭ يايلىقىدىن چىقىپ يۈرۈش قىلغىنىڭدا، يەر تىترەپ، ئاسمانلاردىن سۇلار تامچىدى، شۇنداق، بۇلۇتلار يامغۇرلىرىنى ياغدۇردى؛ 007 JDG 005 005 تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى، ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا. 007 JDG 005 006 ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە، ھەم يائەلنىڭ كۈنلىرىدە، چوڭ يوللار تاشلىنىپ قېلىپ، يولۇچىلار ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار بىلەن ماڭاتتى؛ 007 JDG 005 007 ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى، تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ، ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە. 007 JDG 005 008 [ئىسرائىللار] يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟! 007 JDG 005 009 قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر، ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار! 007 JDG 005 010 ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار! 007 JDG 005 011 سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازىلىرىنى ئاڭلاڭلار! ئۇلار شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ دەرۋازىلارغا يېتىپ كېلىپ: ــ 007 JDG 005 012 «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن! ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق، ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ. 007 JDG 005 013 مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى. 007 JDG 005 014 مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى؛ مانا، بىنيامىنلارمۇ قوۋملىرىڭغا قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كەلدى؛ ماكىردىن ئەمىرلەر چۈشۈپ كەلدى، زەبۇلۇندىن سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى. 007 JDG 005 015 ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛ باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى! رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى! 007 JDG 005 016 سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟ رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى! 007 JDG 005 017 گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛ دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟ ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا [جىم] ئولتۇرۇۋالدى، دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى. 007 JDG 005 018 زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛ نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى! 007 JDG 005 019 پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى، قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛ تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى. لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى! 007 JDG 005 020 ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 007 JDG 005 021 كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى [دۈشمەننى] ئېقىتىپ كەتتى؛ شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن! 007 JDG 005 022 ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلماقتا، تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا. 007 JDG 005 023 مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛ چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى، زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى. 007 JDG 005 024 ئاياللار ئىچىدە كەنىيلىك ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل بەخت-بەرىكەتلەنسۇن، چېدىردا تۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئۇ بەخت-بەرىكەت تاپسۇن! 007 JDG 005 025 سىسېرا سۇ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى، ئېسىلزادىلەرگە لايىق بىر قاچىدا قايماق تۇتتى؛ 007 JDG 005 026 ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛ سىسېرانى ئۇرۇپ، باش سۆڭۈكىنى چېقىپ، چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. 007 JDG 005 027 سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، ئۇ [ئۆلۈكتەك] ياتتى، ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى. 007 JDG 005 028 سىسېرانىڭ ئانىسى پەنجىرىدىن سىرتقا سەپ سالدى، ئۇ پەنجىرىنىڭ رۇجىكىدىن توۋلاپ: ــ «ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا شۇنچە ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ؟ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياق ساداسى نېمىشقا شۇنچە ھايال بولىدۇ؟ ــ دېدى. 007 JDG 005 029 ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدا دانالار جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئۇ دەرۋەقە ئۆز-ئۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ: ــ 007 JDG 005 030 «ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟! ھەربىر ئەركەككە [ئاياغ ئاستى قىلىشقا] بىر-ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ، سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر، گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ، بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك! 007 JDG 005 031 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى. 007 JDG 006 001 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىلغىچە مىدىيانىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 007 JDG 006 002 ئۇ ۋاقىتتا مىدىيانىيلار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تاغلاردىن، ئۆڭكۈرلەردىن ۋە قورام تاشلاردىن پاناھ جايلارنى ياسىدى. 007 JDG 006 003 ھەر قېتىم ئىسرائىللار ئۇرۇق تېرىغاندا شۇنداق بولاتتىكى، مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە مەشرىقتىكىلەر كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. 007 JDG 006 004 ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بارگاھلارنى تىكىپ، زېمىندىكى ھوسۇلنى ۋەيران قىلىپ، گازاغىچە ئىسرائىلغا ھېچقانداق ئاشلىق قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ قوي، كالا، ئېشەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى. 007 JDG 006 005 چۈنكى ئۇلار چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، ئۆز مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلاتتى. 007 JDG 006 006 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؛ ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى. 007 JDG 006 007 مىدىيانىيلارنىڭ دەستىدىن ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگىنىدە شۇنداق بولدىكى، 007 JDG 006 008 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئېلىپ چىققانىدىم؛ 007 JDG 006 009 سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا سىلەرگە بارلىق زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەردىم 007 JDG 006 010 ۋە سىلەرگە: «مانا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ سىلەر ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار»، ــ دېدى. 007 JDG 006 011 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ ئوفراھ دېگەن جايدا ئابىئېزەر جەمەتىدىكى يوئاشقا تەۋە بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا [يوئاشنىڭ] ئوغلى گىدېئون مىدىيانىيلارنىڭ [بۇلاڭچىلىقىدىن] ساقلىنىش ئۈچۈن شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى. 007 JDG 006 012 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى. 007 JDG 006 013 گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى. 007 JDG 006 014 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 007 JDG 006 015 گىدېئون ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، مەن ئىسرائىلنى قانداق قۇتقۇزالايمەن؟ مېنىڭ ئائىلەم بولسا ماناسسەھ قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ نامرىتى، ئۆزۈم ئاتامنىڭ جەمەتىدە ئەڭ كىچىكىدۇرمەن، ــ دېدى. 007 JDG 006 016 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن جەزمەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ شۇڭا سەن مىدىيانلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ قىرىسەن، ــ دېدى. 007 JDG 006 017 گىدېئون ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ: ــ مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسەن؛ 007 JDG 006 018 ئۆتۈنىمەن، مەن يېنىپ كېلىپ ئۆز ھەدىيە-قۇربانلىقىمنى ئالدىڭغا قويغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسەن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سەن يېنىپ كەلگۈچە كۈتىمەن، دېدى. 007 JDG 006 019 گىدېئون بېرىپ [ئۆيگە] كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى). 007 JDG 006 020 ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى [قورام] تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى. 007 JDG 006 021 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، [قورام] تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى. 007 JDG 006 022 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى. 007 JDG 006 023 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ خاتىرجەم بولغىن! قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. 007 JDG 006 024 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ-شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار. 007 JDG 006 025 ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن ئاتاڭنىڭ [چوڭ] بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ ئاتاڭغا تەۋە بولغان بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن. 007 JDG 006 026 ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى. 007 JDG 006 027 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئون ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقىنىدەك قىلدى؛ لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە شەھەر ئادەملىرىدىن قورققىنى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى. 007 JDG 006 028 ئەتىسى سەھەردە شەھەر خەلقى قوپۇپ قارىسا، مانا، بائال قۇربانگاھى ئۆرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھ بۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانىدى. 007 JDG 006 029 بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. 007 JDG 006 030 شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا: ــ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن! ئۇ بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن! ــ دېدى. 007 JDG 006 031 بىراق يوئاش ئۆزىگە قارشىلىشىشقا تۇرغان كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟ سىلەر ئۇنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ كىمكى ئۇنىڭ توغرىسىدا دەۋالاشسا ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! ئەگەر بائال دەرۋەقە بىر خۇدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇربانگاھىنى بىرسى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ئادەم بىلەن ئۆزى دەۋالاشسۇن! ــ دېدى. 007 JDG 006 032 بۇ سەۋەبتىن [ئاتىسى] گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى [ئاتىسى]: «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى. 007 JDG 006 033 ئەمما مىدىيان، ئامالەكلەر ۋە مەشرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، [ئىئوردان] دەرياسىدىن ئۆتۈپ يىزرەئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. 007 JDG 006 034 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ كاناي چېلىۋىدى، ئابىئېزەر جەمەتىدىكىلەر يىغىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. 007 JDG 006 035 ئاندىن ئۇ ئەلچىلەرنى ماناسسەھنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋىدى، ماناسسەھلەر يىغىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئاشىرلارغا، زەبۇلۇنلارغا ۋە نافتالىلارغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. 007 JDG 006 036 گىدېئون خۇداغا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ، 007 JDG 006 037 ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 006 038 ئىش دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ئەتىسى سەھەردە گىدېئون قوپۇپ، يۇڭنى سىقىۋىدى، لىق بىر پىيالە شەبنەم سۈيى چىقتى. 007 JDG 006 039 ئاندىن گىدېئون خۇداغا يەنە: غەزىپىڭنى ماڭا قوزغىمىغايسەن، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مەن پەقەت يەنە بۇ قېتىم بۇ تېرە بىلەن سىناپ باقاي؛ ئىلتىجا قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت تېرە قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەي، ــ دېدى. 007 JDG 006 040 بۇ كېچىسىمۇ خۇدا شۇنداق قىلدى؛ دەرۋەقە پەقەت تېرىلا قۇرۇق بولۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. 007 JDG 007 001 يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. 007 JDG 007 002 ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل: «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن. 007 JDG 007 003 شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى. 007 JDG 007 004 پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى. 007 JDG 007 005 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى. 007 JDG 007 006 شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى. 007 JDG 007 007 ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى. 007 JDG 007 008 شۇنىڭ بىلەن بۇ [ئۈچ يۈز ئادەم] ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى. 007 JDG 007 009 شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ 007 JDG 007 010 ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن. 007 JDG 007 011 سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا [ھۇجۇم قىلىپ] چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى. 007 JDG 007 012 مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى. 007 JDG 007 013 گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى. 007 JDG 007 014 ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ: ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى. 007 JDG 007 015 شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ: ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى. 007 JDG 007 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى. 007 JDG 007 017 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ 007 JDG 007 018 مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 007 019 كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى. 007 JDG 007 020 شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ: ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە، 007 JDG 007 021 ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى. 007 JDG 007 022 بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر-بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت-شىتتاھ تەرەپكە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل-مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى. 007 JDG 007 023 ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى. 007 JDG 007 024 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى. 007 JDG 007 025 ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى. 007 JDG 008 001 (كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى. 007 JDG 008 002 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ 007 JDG 008 003 خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى). 007 JDG 008 004 ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى. 007 JDG 008 005 گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە: ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ-چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى. 007 JDG 008 006 لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى. 007 JDG 008 007 گىدېئون: ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 008 008 گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى. 007 JDG 008 009 ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 008 010 ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 007 JDG 008 011 گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى. 007 JDG 008 012 زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. 007 JDG 008 013 ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى. 007 JDG 008 014 ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى. 007 JDG 008 015 ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا: ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ: «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى. 007 JDG 008 016 شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى. 007 JDG 008 017 ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. 007 JDG 008 018 گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى. 007 JDG 008 019 ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛ 007 JDG 008 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى. 007 JDG 008 021 شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا: ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى. 007 JDG 008 022 ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا: ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى. 007 JDG 008 023 ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى. 007 JDG 008 024 ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى). 007 JDG 008 025 ئۇلار جاۋابەن: ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە-ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى. 007 JDG 008 026 ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. 007 JDG 008 027 گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور-تۇزاق بولدى. 007 JDG 008 028 مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئاراملىق تاپتى. 007 JDG 008 029 يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى. 007 JDG 008 030 گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى. 007 JDG 008 031 شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى. 007 JDG 008 032 يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى. 007 JDG 008 033 گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى. 007 JDG 008 034 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى 007 JDG 008 035 ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى. 007 JDG 009 001 ئەمدى يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە: ــ 007 JDG 009 002 سىلەر شەكەمدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ قۇلىقىغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۈچۈن يەتمىش كىشى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ ياكى بىرلا ئادەمنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن» ــ دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 009 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى شەكەمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: ــ ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنغۇ، دىيىشىپ، 007 JDG 009 004 بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش شەكەل كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىرمۇنچە بىكار تەلەپ لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارغا باش بولدى. 007 JDG 009 005 ئاندىن ئۇ ئوفراھقا، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنىۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى. 007 JDG 009 006 ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 007 JDG 009 007 بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. 007 JDG 009 008 كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەرەخنى مەسىھلەپ پادىشاھ تىكلەشكە ئىزدەپ چىقىپ، زەيتۇن دەرىخىگە: ــ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇپ بەرگىن، دەپتىكەن. 007 JDG 009 009 زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان مېيىمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 007 JDG 009 010 بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ؛ 007 JDG 009 011 ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز شىرنەم بىلەن ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 007 JDG 009 012 شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تاللىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ، 007 JDG 009 013 ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خۇدا بىلەن ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان يېڭى شارابنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. 007 JDG 009 014 ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئازغاننىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ؛ 007 JDG 009 015 ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ. 007 JDG 009 016 ئەگەر سىلەرنىڭ ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار راست سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيەت بىلەن بولغان بولسا، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە ئۇنىڭغا قايتۇرغان بولساڭلار ــ 007 JDG 009 017 (چۈنكى ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! 007 JDG 009 018 لېكىن سىلەر بۈگۈن ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەپسىلەر!) 007 JDG 009 019 ــ ئەمدى ئەگەر سىلەر يەرۇببائال ۋە جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇشاللىق تاپقايسىلەر، ئۇمۇ سىلەردىن خۇشاللىق تاپقاي! 007 JDG 009 020 لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى. 007 JDG 009 021 يوتام قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 007 JDG 009 022 ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 007 JDG 009 023 خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى. 007 JDG 009 024 بۇنىڭ مەقسىتى، يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە قان قەرزنى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن قېرىندىشى ئابىمەلەكنىڭ بوينىغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن شەكەمدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 007 JDG 009 025 شەكەمدىكى كىشىلەر ئابىمەلەكنى تۇتماقچى بولۇپ، تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا پايلاقچىلارنى بۆكتۈرمە قىلىپ تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى. 007 JDG 009 026 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى. 007 JDG 009 027 شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەردىن ئېتىزلىققا چىقىپ، ئۈزۈمزارلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ سىقىپ، شاراب ياساپ، شادلىق قىلىپ ئۆز بۇتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، يەپ-ئىچىشىپ ئابىمەلەكنىڭ ئۈستىدىن لەنەت ئوقۇغىلى تۇردى. 007 JDG 009 028 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟ 007 JDG 009 029 كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! ئۇ چاغدا مەن ئابىمەلەكنى ھەيدىۋتەتتىم! مەن ئابىمەلەككە: ــ ئۆز قوشۇنىڭنى كۆپەيتىپ، جەڭگە چىققىن! ــ دېگەن بولاتتىم. 007 JDG 009 030 ئەمدى شەھەر باشلىقى زەبۇل ئەبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، ئاچچىقى كېلىپ، 007 JDG 009 031 ئەلچىلەرنى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ: «مانا، گائالنىڭ ئوغلى قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەمگە كېلىۋاتىدۇ؛ مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. 007 JDG 009 032 شۇڭا سىلى ئادەملىرىنى ئېلىپ بۈگۈن كېچە [شەھەر] ئەتراپىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ ماراپ ئولتۇرغايلا؛ 007 JDG 009 033 ئەتە كۈن چىققان ھامان قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغايلا؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلىگە قارشى چىققاندا، سىلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغايلا، ــ دېدى. 007 JDG 009 034 بۇنى ئاڭلاپ، ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ، يوشۇرۇنۇپ شەكەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ماراپ ئولتۇردى. 007 JDG 009 035 ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقتى. 007 JDG 009 036 گائال خەلقنى كۆرۈپ زەبۇلغا: ــ مانا تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، دېدى. لېكىن زەبۇل ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تاغلارنىڭ كۆلەڭگىسى ساڭا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ــ دېدى. 007 JDG 009 037 گائال يەنە سۆز قىلىپ: مانا، بىر توپ ئادەملەر دۆڭلەردىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەملەر «پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 007 JDG 009 038 ئاندىن زەبۇل ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتۇقمۇ؟» دەپ چوڭ گەپ قىلغان ئاغزىڭ ھازىر قېنى؟ مانا بۇلار سەن كۆزگە ئىلمىغان خەلق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ باققىن! ــ دېدى. 007 JDG 009 039 شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمدىكىلەر بىلەن چىقىپ ئابىمەلەك بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. 007 JDG 009 040 لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يارىلانغان ئادەملەر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە يېتىشىپ كەتكەنىدى. 007 JDG 009 041 ئاندىن ئابىمەلەك ئارۇماھدا تۇرۇپ قالدى. زەبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويمىدى. 007 JDG 009 042 ئەتىسى [گائالدىكىلەر] دالاغا چىقتى؛ بۇ خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە 007 JDG 009 043 ئۇ خەلقىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا يوشۇرۇنۇپ ماراپ تۇردى؛ ئۇ قاراپ تۇرۇۋىدى، شەكەم خەلقى شەھەردىن چىقتى. ئۇ قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. 007 JDG 009 044 ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىرىنچى توپ ئاتلىنىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېسىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى؛ قالغان ئىككى توپ ئېتىلىپ بېرىپ دالادا تۇرغان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىۋەتتى. 007 JDG 009 045 شۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ ئۈستىگە تۇزلارنى چېچىۋەتتى. 007 JDG 009 046 شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى. 007 JDG 009 047 شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتتى. 007 JDG 009 048 شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ زالمون تېغىغا چىقتى؛ ئۇ قولىغا پالتىنى ئېلىپ دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۆشنىسىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن بولغان خەلققە: ــ مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ تېزدىن شۇنداق قىلىڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 009 049 بۇنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ، شاخلارنى قورغاننىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇپ قورغان ۋە ئۇنىڭدا بولغانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەكەمنىڭ مۇنارىدىكى ھەممە ئادەملەر، جەمئىي مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلدى. 007 JDG 009 050 ئاندىن ئابىمەلەك تەبەزگە بېرىپ، ئۇ يەردە بارگاھ قۇرۇپ تەبەزكە قورشاپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. 007 JDG 009 051 لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇنار بار ئىدى؛ بارلىق ئەر-ئايال، جۈملىدىن شەھەرنىڭ ھەممە چوڭلىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. 007 JDG 009 052 ئابىمەلەك مۇنارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇشقا مۇنارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا، 007 JDG 009 053 بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ ئۇنىڭ باش سۈڭىكىنى سۇندۇرىۋەتتى. 007 JDG 009 054 ئاندىن ئابىمەلەك دەرھال ئۆز يارىغىنى كۆتۈرگۈچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا، خەلق مېنىڭ توغرامدا: «بىر ئايال كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېيىشىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ يىگىت ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 007 JDG 009 055 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 007 JDG 009 056 شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛ 007 JDG 009 057 شۇنىڭدەك خۇدا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئېيتقان لەنەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلدى. 007 JDG 010 001 ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان دودونىڭ نەۋرىسى، پۇئاھنىڭ ئوغلى تولا دېگەن كىشى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا تۇردى؛ ئۇ ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى؛ 007 JDG 010 002 ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئۈچ يىل ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شامىردا دەپنە قىلىندى. 007 JDG 010 003 ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر تۇردى؛ ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئىككى يىل ھاكىم بولدى. 007 JDG 010 004 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇز تەخەيگە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇز شەھەرگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى؛ بۇ شەھەرلەر گىلېئاد يۇرتىدا بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە «يائىرنىڭ كەنتلىرى» دەپ ئاتالماقتا. 007 JDG 010 005 يائىر ۋاپات بولۇپ، كاموندا دەپنە قىلىندى. 007 JDG 010 006 لېكىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، بائال بىلەن ئاشىراھ بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ ئىلاھلىرى، زىدوندىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرى، موئابنىڭ ئىلاھلىرى، ئاممونىيلارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە فىلىستىيلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە بولمىدى. 007 JDG 010 007 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. 007 JDG 010 008 بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى. 007 JDG 010 009 ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى: شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى. 007 JDG 010 010 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى. 007 JDG 010 011 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 007 JDG 010 012 زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 007 JDG 010 013 شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنە مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردىڭلار. مەن سىلەرنى ئەمدى قۇتقۇزمايمەن! 007 JDG 010 014 ئەمدى بېرىپ ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، قىيىنچىلىققا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، ــ دېدى. 007 JDG 010 015 ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: ــ بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دېدى. 007 JDG 010 016 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل يات ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى؛ [پەرۋەردىگار] ئىسرائىلنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. 007 JDG 010 017 شۇ ۋاقىتتا ئاممونىيلار توپلىنىپ گىلېئادتا چېدىرگاھ تىكتى؛ ئىسرائىللارمۇ يىغىلىپ كېلىپ مىزپاھغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكتى. 007 JDG 010 018 گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى ئۆزئارا: ــ كىم ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا باشلامچى بولسا، ئۇ بارلىق گىلېئادتتىكىلەرگە باش بولىدۇ، دېدى. 007 JDG 011 001 شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى. 007 JDG 011 002 لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ: ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى. 007 JDG 011 003 شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر-بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى. 007 JDG 011 004 ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى. 007 JDG 011 005 ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. 007 JDG 011 006 ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى. 007 JDG 011 007 يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن: ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 011 008 گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا: ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى. 007 JDG 011 009 يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 011 010 گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. 007 JDG 011 011 بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى. 007 JDG 011 012 ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 011 013 ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ [شىمالدىكى] ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە [غەربتە] ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى. 007 JDG 011 014 يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ 007 JDG 011 015 ئۇنىڭغا: ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى، 007 JDG 011 016 بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل-باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛ 007 JDG 011 017 شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا [ئىلتىجا بىلەن] ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛ 007 JDG 011 018 ئاندىن ئۇلار چۆل-باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر. 007 JDG 011 019 ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى. 007 JDG 011 020 لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى. 007 JDG 011 021 ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى. 007 JDG 011 022 ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. 007 JDG 011 023 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟ 007 JDG 011 024 سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز. 007 JDG 011 025 ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟ 007 JDG 011 026 يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟ 007 JDG 011 027 شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. 007 JDG 011 028 لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى. 007 JDG 011 029 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ [قۇۋۋەتلىنىپ] گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى. 007 JDG 011 030 شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ، 007 JDG 011 031 ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 011 032 شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 007 JDG 011 033 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل-قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى. 007 JDG 011 034 ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل-قىزى يوق ئىدى. 007 JDG 011 035 ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ: ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى. 007 JDG 011 036 قىزى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى. 007 JDG 011 037 ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە: ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى. 007 JDG 011 038 ئاتىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى. 007 JDG 011 039 شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ-ئادەت پەيدا بولدىكى، 007 JDG 011 040 ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى. 007 JDG 012 001 لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى. 007 JDG 012 002 يەفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا، سىلەرنى چاقىرسام، مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. 007 JDG 012 003 سىلەرنىڭ كېلىپ مېنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن كېلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. 007 JDG 012 004 لېكىن ئەفرائىملار گىلېئادلارنى [ھاقارەتلەپ]: ــ سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ بارلىق گىلېئادتىكىلەرنى يىغىپ ئەفرائىم بىلەن سوقۇشتى. ئۇلار ئەفرائىملارنى ئۇرۇپ قىرىپ مەغلۇپ قىلدى. 007 JDG 012 005 ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنداق بولدىكى، ئەفرائىملىق بىرەر قاچقون كېچىككە كېلىپ: ــ مېنى ئۆتكىلى قويغىن، دېسە گىلېئادتىكىلەر ئۇنىڭدىن: ــ سەن ئەفرائىمىيمۇ؟ ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى «ياق» دېسە، 007 JDG 012 006 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «شىبولەت» دېگىن! ــ دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىپ «سىبولەت» دەپ جاۋاب بېرىپ قالسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇ تەرىقىدە شۇ ۋاقىتتا قىرىق ئىككى مىڭچە ئەفرائىمىي ئۆلتۈرۈلدى. 007 JDG 012 007 يەفتاھ ئالتە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. ئاندىن گىلېئادلىق يەفتاھ ئالەمدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. 007 JDG 012 008 ئۇنىڭدىن كېيىن بەيت-لەھەملىك ئىبزان ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 007 JDG 012 009 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، ئوتتۇز قىزىنى سىرتقا ئەرگە بېرىپ، سىرتتىن ئوتتۇز قىزنى ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 007 JDG 012 010 ئاندىن ئىبزان ئۆلۈپ، بەيت-لەھەمدە دەپنە قىلىندى. 007 JDG 012 011 ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىلغا ھاكىم بولۇپ، ئون يىل ئىسرائىلدا ھۆكۈم سۈردى. 007 JDG 012 012 ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئۆلۈپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايجالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. 007 JDG 012 013 ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 007 JDG 012 014 ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. ئۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ ئىسرائىلغا سەككىز يىل ھاكىم بولدى. 007 JDG 012 015 ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئۆلۈپ، ئەفرائىم زېمىنىدا، ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. 007 JDG 013 001 لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى. 007 JDG 013 002 شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. 007 JDG 013 003 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. 007 JDG 013 004 ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. 007 JDG 013 005 چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى. 007 JDG 013 006 ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى. 007 JDG 013 007 ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى. 007 JDG 013 008 بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. 007 JDG 013 009 خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى. 007 JDG 013 010 ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى، 007 JDG 013 011 مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى. 007 JDG 013 012 مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 013 013 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛ 007 JDG 013 014 ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى. 007 JDG 013 015 مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى، 007 JDG 013 016 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى). 007 JDG 013 017 ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى. 007 JDG 013 018 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى. 007 JDG 013 019 شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. 007 JDG 013 020 شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. 007 JDG 013 021 شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 007 JDG 013 022 ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى. 007 JDG 013 023 لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى. 007 JDG 013 024 شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى. 007 JDG 013 025 زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. 007 JDG 014 001 بىر ۋاقىتتا، شىمشون تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر قىزنى كۆردى؛ ئۇ فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرى ئىدى. 007 JDG 014 002 ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ: ــ مەن تىمناھدا فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرىنى كۆردۈم، ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 014 003 بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى. 007 JDG 014 004 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيلەر شۇ چاغدا ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى. 007 JDG 014 005 ئەمدى شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى. 007 JDG 014 006 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى. 007 JDG 014 007 ئاندىن ئۇ [تىمناھقا] چۈشۈپ، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ قىز شىمشونغا بەك ياراپ كەتتى. 007 JDG 014 008 بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا بارغاندا، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ يولدىن بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى. 007 JDG 014 009 ئۇ ھەسەلدىن ئوچۇمىغا ئېلىپ يەپ ماڭدى؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلارغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا دېمىدى. 007 JDG 014 010 ئۇنىڭ ئاتىسى [ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ] چۈشۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ يەردە شىمشون بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى بۇرۇندىنلا توي قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق قىلىدىغان رەسم-قائىدە بار ئىدى. 007 JDG 014 011 ئۇلار شىمشوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. 007 JDG 014 012 شىمشون ئۇلارغا: ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛ 007 JDG 014 013 ئەگەر ئۇنى يېشىپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەر ماڭا ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ماقۇل، ئۇنداق بولسا تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، قېنى ئاڭلايلى، ــ دېدى. 007 JDG 014 014 ئۇ ئۇلارغا: ــ يېيىلىدىغىنى يېگۈچىنىڭ ئىچىدىن چىقتى؛ تاتلىق كۈچتۈڭگۈرنىڭ ئىچىدىن چىقتى، [بۇ نېمە]؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە بۇ تېپىشماقنى تاپالمىدى. 007 JDG 014 015 يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى. 007 JDG 014 016 شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: ــ سەن ماڭا ئۆچ، مېنى پەقەت سۆيمەيسەن؛ سەن مېنىڭ قوۋمىمنىڭ بالىلىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا مەنىسىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ، دەپ يىغلىغىلى تۇردى. شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مانا، مەن ئۇنى ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟ ــ دېدى. 007 JDG 014 017 زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى. شۇنداق بولدىكى، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭغا تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئادەملىرىگە تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. 007 JDG 014 018 شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەسەلدىنمۇ تاتلىقى بارمۇ؟ شىردىنمۇ كۈچتۈڭگۈرى بارمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار! ــ دېدى. 007 JDG 014 019 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ ئاشكېلونغا چۈشۈپ، ئاشكېلوندىكىلەردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئولجا ئېلىپ، ئولجىدىن ئىگىنلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدەك شىمشوننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. 007 JDG 014 020 ئاندىن شىمشوننىڭ ئايالى شىمشوننىڭ ھەمراھلىرىدىن قولداش بولغان يىگىتكە تەۋە قىلىندى. 007 JDG 015 001 ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. 007 JDG 015 002 قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى. 007 JDG 015 003 ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى. 007 JDG 015 004 شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛ 007 JDG 015 005 ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 007 JDG 015 006 فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 007 JDG 015 007 شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى. 007 JDG 015 008 شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى. 007 JDG 015 009 ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى. 007 JDG 015 010 يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى. 007 JDG 015 011 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى. 007 JDG 015 012 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى. 007 JDG 015 013 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى. 007 JDG 015 014 ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى. 007 JDG 015 015 ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 007 JDG 015 016 شىمشون: ــ «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى. 007 JDG 015 017 بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى. 007 JDG 015 018 ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى. 007 JDG 015 019 شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ [بۇلاققا] «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار. 007 JDG 015 020 شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. 007 JDG 016 001 ئاندىن شىمشون گازاغا باردى، ئۇ ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى. 007 JDG 016 002 لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ: ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، [شەھەرنى] قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە: ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى. 007 JDG 016 003 شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق-تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. 007 JDG 016 004 كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 007 JDG 016 005 بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى. 007 JDG 016 006 شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن: ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى. 007 JDG 016 007 شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 016 008 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى 007 JDG 016 009 (دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى. 007 JDG 016 010 بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. 007 JDG 016 011 ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 016 012 شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. 007 JDG 016 013 بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ سەن ھازىرغىچە مېنى ئالداپسەن، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن؛ ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ، ــ دېدى. 007 JDG 016 014 شۇنىڭ بىلەن [شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ]، قوزۇققا باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپ بىلەن قوزۇقنى بىراقلا تارتىپ يۇلىۋەتتى. 007 JDG 016 015 ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى. 007 JDG 016 016 ئۇنىڭ ھەركۈنى سۆزلىرى بىلەن ئۇنى قىستاشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرى بىلەن شىمشوننىڭ ئۆلگۈدەك ئىچى پۇشتى ۋە شۇنداق بولدىكى، 007 JDG 016 017 ئۇ كۆڭلىدىكى سىرىنى قويماي ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىپ: ــ مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتىلىپ نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن، بېشىمغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنىپ باقمىغان؛ ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈۋېتىلسە، كۈچۈم مەندىن كېتىپ، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 016 018 دىلىلاھ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى چارقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرۇپ: ــ «بۇ قېتىم سىلەر يەنە بىر چىقىڭلار، چۈنكى شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارا قىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى قوللىرىغا كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى. 007 JDG 016 019 ئاندىن دىلىلاھ ئۇنى ئۆز يوتىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى چۈشۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ شىمشوننىڭ بوزەك قىلىنىشىنى باشلىغۇچى بولدى. شىمشون كۈچىدىن كەتكەنىدى. 007 JDG 016 020 ئۇ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېۋىدى، ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ: ــ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىمقىدەك، بوشىنىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمەيتتى. 007 JDG 016 021 شۇنىڭ بىلەن، فىلىستىيلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇپ، گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى. 007 JDG 016 022 لېكىن بېشىدىكى چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. 007 JDG 016 023 كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار: ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى. 007 JDG 016 024 خەلق شىمشوننى كۆرگەندە، ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ: ــ ئىلاھىمىز بولسا، يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى، ئادەملىرىمىزنى كۆپ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى! ــ دېيىشتى. 007 JDG 016 025 ئۇلار تازا شاد-خۇراملىق كەيپىگە چۆمۈپ: ــ شىمشون كەلتۈرۈلسۇن، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن، دېيىشتى؛ ئۇلار شىمشوننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويغانىدى. 007 JDG 016 026 شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە: ــ مېنى قويۇۋەت، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى سىلاپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالغىلى قويغايسەن، ــ دېدى. 007 JDG 016 027 ئۇ چاغدا ئۆي ئەر-ئاياللار بىلەن لىق تولغانىدى، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇ يەردە ئىدى؛ ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر-ئايال بار ئىدى. 007 JDG 016 028 شىمشون پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، مېنى ياد قىلىپ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا كۈچ ئاتا قىلغايسەن؛ ئى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆزۈمنىڭ ئىنتىقامىنى فىلىستىيلەردىن بىر يولىلا ئالغۇزغايسەن! ــ دېدى. 007 JDG 016 029 شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى. 007 JDG 016 030 ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ [ئىتتىرىۋىدى]، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى. 007 JDG 016 031 ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جەمەتى چۈشۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانوئاھنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولغانىدى. 007 JDG 017 001 ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 007 JDG 017 002 ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى. 007 JDG 017 003 مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى. 007 JDG 017 004 لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى. 007 JDG 017 005 مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى. 007 JDG 017 006 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. 007 JDG 017 007 يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. 007 JDG 017 008 بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. 007 JDG 017 009 مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى. 007 JDG 017 010 مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى. 007 JDG 017 011 لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. 007 JDG 017 012 ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى [كاھىنلىققا] مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن [لاۋىي] يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 007 JDG 017 013 ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى. 007 JDG 018 001 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى. 007 JDG 018 002 شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى. 007 JDG 018 003 ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 018 004 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى. 007 JDG 018 005 بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى. 007 JDG 018 006 كاھىن ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى. 007 JDG 018 007 شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. 007 JDG 018 008 [بەش پالۋان] زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 018 009 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار. 007 JDG 018 010 ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ-ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى. 007 JDG 018 011 شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى. 007 JDG 018 012 ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى). 007 JDG 018 013 ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. 007 JDG 018 014 لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى. 007 JDG 018 015 ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى. 007 JDG 018 016 دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى. 007 JDG 018 017 ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم [بۇتخانىغا] كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى. 007 JDG 018 018 بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 018 019 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى. 007 JDG 018 020 شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى. 007 JDG 018 021 ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك-تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى. 007 JDG 018 022 مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى. 007 JDG 018 023 ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. 007 JDG 018 024 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. 007 JDG 018 025 دانلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى. 007 JDG 018 026 بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. 007 JDG 018 027 ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 007 JDG 018 028 شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت-رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى. 007 JDG 018 029 ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى. 007 JDG 018 030 دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. 007 JDG 018 031 خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد [داندا] تۇرغۇزۇلدى. 007 JDG 019 001 ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى. 007 JDG 019 002 لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى. 007 JDG 019 003 ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى. 007 JDG 019 004 ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ-ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى. 007 JDG 019 005 تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا: ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى. 007 JDG 019 006 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ-ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى. 007 JDG 019 007 بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى. 007 JDG 019 008 بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ [ئاۋۋال] يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى. 007 JDG 019 009 ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 019 010 لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى. 007 JDG 019 011 ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا: ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى. 007 JDG 019 012 لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى. 007 JDG 019 013 ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا: ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى. 007 JDG 019 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى. 007 JDG 019 015 ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. 007 JDG 019 016 ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى. 007 JDG 019 017 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 019 018 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. 007 JDG 019 019 بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى. 007 JDG 019 020 بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى: ــ تىنچ-ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ، 007 JDG 019 021 ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ-ئىچىپ غىزالاندى. 007 JDG 019 022 ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ-قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە: ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. 007 JDG 019 023 بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار. 007 JDG 019 024 مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى. 007 JDG 019 025 لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى. 007 JDG 019 026 چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى. 007 JDG 019 027 ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى. 007 JDG 019 028 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى. 007 JDG 019 029 ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى. 007 JDG 019 030 شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى. 007 JDG 020 001 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى چىقىپ، جامائەت داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ مىزپاھدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئادەمدەك بولدى. 007 JDG 020 002 پۈتكۈل قوۋمنىڭ چوڭلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى خۇدانىڭ خەلقىنىڭ جامائىتى ئارىسىدا ھازىر بولدى. جامائەت جەمئىي بولۇپ تۆت يۈز مىڭ قىلىچ تۇتقان پىيادە ئەسكەر ئىدى 007 JDG 020 003 (بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى. 007 JDG 020 004 ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛ 007 JDG 020 005 گىبېئاھنىڭ ئادەملىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 007 JDG 020 006 شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى. 007 JDG 020 007 مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار». 007 JDG 020 008 شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن، 007 JDG 020 009 بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى: ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛ 007 JDG 020 010 بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى. 007 JDG 020 011 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى. 007 JDG 020 012 ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ: ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟ 007 JDG 020 013 ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، 007 JDG 020 014 بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى. 007 JDG 020 015 ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر-شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى. 007 JDG 020 016 بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى. 007 JDG 020 017 بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى. 007 JDG 020 018 ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ يەھۇدا [ئاۋۋال] چىقسۇن، دېدى. 007 JDG 020 019 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەتىسى سەھەر قوپۇپ گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىرگاھ تىكتى. 007 JDG 020 020 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقىپ، گىبېئاھنىڭ يېنىدا راسلىنىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى. 007 JDG 020 021 شۇ كۈنى بىنيامىنلار گىبېئاھدىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى. 007 JDG 020 022 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، ئاۋۋالقى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزدى. 007 JDG 020 023 [سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى] ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى. 007 JDG 020 024 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئىككىنچى كۈنى بىنيامىنلارغا يېقىن كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. 007 JDG 020 025 بىنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئاھدىن چىقىپ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئون سەككىز مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ تۇتقانلاردىن ئىدى. 007 JDG 020 026 ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۆتكۈزدى. 007 JDG 020 027 شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. 007 JDG 020 029 بۇنى ئاڭلاپ ئىسرائىل خەلقى گىبېئاھنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى پىستىرما قويدى؛ 007 JDG 020 030 ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى. 007 JDG 020 031 بىنيامىن [ئىسرائىل] خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت-ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى. 007 JDG 020 032 بىنيامىنلار: ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل: ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى. 007 JDG 020 033 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال-تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى. 007 JDG 020 034 ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى. 007 JDG 020 035 پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى. 007 JDG 020 036 ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئەسلىدە گىبېئاھقا قويغان پىستىرمىدىكى كىشىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، ئالدىدا چېكىنگەنىدى. 007 JDG 020 037 ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى. 007 JDG 020 038 ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قۇيۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى. 007 JDG 020 039 شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى. 007 JDG 020 040 لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس-تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. 007 JDG 020 041 شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا: بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. 007 JDG 020 042 ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى. 007 JDG 020 043 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى. 007 JDG 020 044 بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى. 007 JDG 020 045 باشقىلىرى بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىممون قورام تېشىغا باردى؛ ئەمما ئىسرائىللار يوللاردا خۇددى باشاق تەرگەندەك ئۇلاردىن بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، يەنە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 007 JDG 020 046 ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى. 007 JDG 020 047 ھالبۇكى، ئۇلاردىن پەقەت ئالتە يۈز ئادەم قالغانىدى، ئۇلار بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىمموندىكى تىك يارغا باردى. ئۇلار رىمموندىكى تىك ياردا تۆت ئاي تۇردى. 007 JDG 020 048 ئىسرائىللار يەنە بىنيامىنلارنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كېلىپ، ھەممە شەھەرلەردىكى ئادەملەرنى، چارپايلارنى ھەم ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋەتتى، شۇنداقلا ئوت قۇيۇپ، ئۇدۇل كەلگەن شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 007 JDG 021 001 ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ: ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى. 007 JDG 021 002 شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بەيت-ئەلگە كېلىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە خۇدانىڭ ئالدىدا پەرياد كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلىشىپ: ــ 007 JDG 021 003 ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا نېمىشقا شۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى يوقاپ كەتسۇن؟ ــ دېيىشتى. 007 JDG 021 004 ئەتىسى خەلق سەھەر قوپۇپ، ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى. 007 JDG 021 005 ئىسرائىللار ئۆزئارا: ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى. 007 JDG 021 006 ئىسرائىل ئۆز قېرىندىشى بولغان بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلىپ: ــ مانا، ئەمدى ئىسرائىل ئارىسىدىن بىر قەبىلە ئۈزۈۋېتىلدى. 007 JDG 021 007 بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچقايسىمىز ئۆز قىزىمىزنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، ــ دەپ قەسەم قىلغانىدۇق؛ ئەمدى قانداق قىلساق ئۇلاردىن قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز ــ دېيىشتى. 007 JDG 021 008 ئۇلار يەنە ئۆزئارا: ــ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن قايسىسى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقمىدى؟ ــ دەپ سوراشتى. مانا، يابەش-گىلېئادلىقلاردىن ھېچقايسىسى چېدىرگاھقا، جامائەتكە قوشۇلۇشقا كەلمىگەنىدى. 007 JDG 021 009 چۈنكى خەلقنى ساناپ كۆرگەندە يابەش-گىلېئادنىڭ ئادەملىرىدىن ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. 007 JDG 021 010 شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئون ئىككى مىڭ پالۋاننى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ يابەش-گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇپ-قىرىپ قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ 007 JDG 021 011 شۇنداق قىلىڭلاركى، بارلىق ئەركەكلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى. 007 JDG 021 012 ئۇلار شۇنداق قىلىپ يابەش-گىلېئادتىكى خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان تۆت يۈز قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ قانائان زېمىنىدىكى شىلوھقا، چېدىرگاھغا ئېلىپ كەلدى. 007 JDG 021 013 ئاندىن پۈتكۈل جامائەت رىمموندىكى تىك ياردىكى بىنيامىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تىنچلىق سالىمىنى جاكارلىدى. 007 JDG 021 014 شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى؛ ئىسرائىللار يابەش-گىلېئادتىكى ھايات قالغان قىزلارنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، لېكىن بۇلار ئۇلارغا يېتىشمىدى. 007 JDG 021 015 ۋە خەلق بىنيامىن توغرۇلۇق پۇشايمان قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا كەمتۈك پەيدا قىلىپ قويغانىدى. 007 JDG 021 016 بۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ بىنيامىننىڭ قىز-ئاياللىرى يوقۇتىۋېتىلدى، ئەمدى بىز قانداق قىلساق قالغانلىرىنى خوتۇنلۇق قىلالايمىز، ــ دېدى. 007 JDG 021 017 ئاندىن يەنە: ــ بىنيامىندىن قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسىغا مىراس ساقلىنىشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. 007 JDG 021 018 پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى. 007 JDG 021 019 ئۇلار يەنە: ــ مانا، بەيت-ئەلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى، بەيت-ئەلدىن شەكەمگە چىقىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، لىبوناھنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شىلوھدا ھەر يىلى پەرۋەردىگارنىڭ بىر ھېيتى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. 007 JDG 021 020 ئاندىن ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا بۇيرۇپ: ــ سىلەر بېرىپ، [شۇ يەردىكى] ئۈزۈمزارلىقلارغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار. 007 JDG 021 021 كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، قاچانىكى شىلوھدىكى قىزلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققىنىنى كۆرسەڭلار، ئۈزۈمزارلىقلاردىن چىقىپ ھەربىرىڭلار شىلوھنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۆزۈڭلارغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىڭلار، ئاندىن بىنيامىننىڭ زېمىنىغا كېتىڭلار. 007 JDG 021 022 شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا-ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا: «بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى. 007 JDG 021 023 بىنيامىنلار شۇنداق قىلىپ سانى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىزلاردىن ئۆزلىرىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېچىپ، ئۆز مىراس زېمىنىغا قايتىپ بېرىپ، شەھەرلەرنى يەنە ياساپ ئۇ يەردە تۇردى. 007 JDG 021 024 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى. 007 JDG 021 025 شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى. # # BOOK 008 RUT Ruth رۇت 008 RUT 001 001 [باتۇر] ھاكىملار ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە شۇنداق بولدىكى، زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيت-لەھەمدىن چىقىپ، موئابنىڭ سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىشكە باردى. 008 RUT 001 002 ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەلىمەلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى ماھلون بىلەن كىليون ئىدى. ئۇلار بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق، ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ سەھراسىغا كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 008 RUT 001 003 كېيىن نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلدى؛ ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. 008 RUT 001 004 ئۇلار موئاب قىزلىرىدىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئېتى ئورپاھ، يەنە بىرىنىڭ ئېتى رۇت ئىدى. ئۇلار شۇ يەردە ئون يىلدەك تۇردى. 008 RUT 001 005 ماھلون بىلەن كىليون ھەر ئىككىسى ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئېرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى. 008 RUT 001 006 شۇنىڭ بىلەن ئايال ئىككى كېلىنى بىلەن قوپۇپ موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەتمەكچى بولدى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئاشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى موئابنىڭ سەھراسىدا تۇرۇپ ئاڭلىغانىدى. 008 RUT 001 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە تۇرغان يېرىدىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا يولغا چىقتى. 008 RUT 001 008 نائومى ئىككى كېلىنىگە: ــ ھەر ئىككىڭلار قايتىپ ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار. سىلەرنىڭ مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەي! 008 RUT 001 009 پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ 008 RUT 001 010 ئۇنىڭغا: ــ ياق، بىز چوقۇم سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز، ــ دېيىشتى. 008 RUT 001 011 لېكىن نائومى: ــ يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارماقچىسىلەر؟قورسىقىمدا سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار بارمۇ؟ 008 RUT 001 012 يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! چۈنكى مەن قېرىپ كەتكەچكە، ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. دەرھەقىقەتەن بۈگۈن كېچە بىر ئەرلىك بولۇشقا، شۇنداقلا ئوغۇللۇق بولۇشقا ئۈمىد بار دېگەندىمۇ، 008 RUT 001 013 ئۇلار يىگىت بولغۇچە سەۋر قىلىپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى دەپ باشقا ئەرگە تەگمەي ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ، قىزلىرىم! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى بولۇپ مېنى ئازابلايدىغىنى ئۈچۈن، مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. 008 RUT 001 014 ئۇلار يەنە ھۆركىرەپ يىغلاشتى. ئورپاھ قېينئانىسىنى سۆيۈپ خوشلاشتى، لېكىن رۇت ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. 008 RUT 001 015 نائومى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا يېنىپ كەتتى! سەنمۇ كېلىن سىڭلىڭنىڭ كەينىدىن يېنىپ كەتكىن! ــ دېدى. 008 RUT 001 016 لېكىن رۇت جاۋابەن: ــ مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر. 008 RUT 001 017 سەن نەدە ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەردە ياتىمەن؛ ئۆلۈمدىن باشقىسى مېنى سەندىن ئايرىۋەتسە پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن! ــ دېدى. 008 RUT 001 018 نائومى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچمىدى. 008 RUT 001 019 ئىككىسى مېڭىپ بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلدى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل شەھەردىكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ زىلزىلىگە كەلدى. ئاياللار بولسا: ــ بۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 008 RUT 001 020 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى نائومى دېمەي، بەلكى «مارا» دەڭلار؛ چۈنكى ھەممىدىن قادىر ماڭا زەرداب يۇتقۇزدى. 008 RUT 001 021 توققۇزۇم تەل ھالەتتە بۇ يەردىن چىقتىم؛ لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قايتقۇزدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەممىدىن قادىر مېنى خارلىغانىكەن، نېمىشقا مېنى نائومى دەيسىلەر؟ ــ دېدى. 008 RUT 001 022 شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن كېلىنى موئاب قىزى رۇت موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى؛ ئۇلار ئىككىسى بەيت-لەھەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى. 008 RUT 002 001 نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى. 008 RUT 002 002 موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى. 008 RUT 002 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى. 008 RUT 002 004 مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى. 008 RUT 002 005 بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 008 RUT 002 006 ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ. 008 RUT 002 007 ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى. 008 RUT 002 008 بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن. 008 RUT 002 009 دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، [دېدەكلەرگە] ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم [قۇدۇقتىن] تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى. 008 RUT 002 010 رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى. 008 RUT 002 011 وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛ 008 RUT 002 012 پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى. 008 RUT 002 013 رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى. 008 RUT 002 014 تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى. 008 RUT 002 015 ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار. 008 RUT 002 016 ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى. 008 RUT 002 017 شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى. 008 RUT 002 018 ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن [ئارپىسىنى] كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. 008 RUT 002 019 قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى. ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى. 008 RUT 002 020 نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى. 008 RUT 002 021 موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى. 008 RUT 002 022 نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى. 008 RUT 002 023 شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى. 008 RUT 003 001 شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟ 008 RUT 003 002 سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ. 008 RUT 003 003 ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، [ئېسىل] كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن. 008 RUT 003 004 ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى. 008 RUT 003 005 رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. 008 RUT 003 006 ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى. 008 RUT 003 007 بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى. 008 RUT 003 008 يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى! 008 RUT 003 009 كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى. 008 RUT 003 010 ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى [سېنى ئىزدىگەن] يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ. 008 RUT 003 011 ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ. 008 RUT 003 012 دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار. 008 RUT 003 013 ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى 008 RUT 003 014 ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. 008 RUT 003 015 ئۇ يەنە [رۇتقا]: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى. 008 RUT 003 016 رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. 008 RUT 003 017 ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى. 008 RUT 003 018 نائومى: ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى. 008 RUT 004 001 بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى. مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز ئېيتقان ھېلىقى ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كېلىۋاتاتتى. بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئەي بۇرادەر، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن، دېۋىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. 008 RUT 004 002 ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ، ئۇلارغىمۇ: ــ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا 008 RUT 004 003 ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە: ــ موئابنىڭ سەھراسىدىن يېنىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمەلەككە تەۋە شۇ زېمىننى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 008 RUT 004 004 سس شۇڭا مەن مۇشۇ ئىشنى ساڭا خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا «بۇنى سېتىۋالغىن» دېمەكچىمەن. سەن ئەگەر ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن ئالاي دېسەڭ، ئالغىن؛ ھەمجەمەتلىك قىلماي، ئالمايمەن دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن، مەن بۇنى بىلەي؛ چۈنكى سەندىن [ئاۋۋال] باشقىسىنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاندىن سەندىن كېيىن مېنىڭ ھوقۇقۇم بار، دېدى. ئۇ كىشى: ــ ھەمجەمەتلىك قىلىپ ئۇنى ئالىمەن، دېدى. 008 RUT 004 005 بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغان كۈنىدە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك، ــ دېدى. 008 RUT 004 006 ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ [ئېتىزنى] ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى. 008 RUT 004 007 قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ياكى ئالماشتۇرۇش-تېگىشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رەسىم-قائىدە بار ئىدى: ــ ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، ئىككىنچى تەرەپكە بېرەتتى. ئىسرائىلدا سودا-سېتىقنى بېكىتىشتە مانا مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل بار ئىدى. 008 RUT 004 008 شۇڭا ھەمجەمەت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بوئازغا: ــ سەن ئۇنى ئالغىن، دەپ، ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى. 008 RUT 004 009 بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە كۆپچىلىككە: ــ سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمەلەككە تەۋە بولغان ھەممىنى، شۇنداقلا كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغىنىمغا گۇۋاھتۇرسىلەر. 008 RUT 004 010 ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان [بىرەر ئەۋلادى] قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى. 008 RUT 004 011 دەرۋازىدا تۇرغان ھەممە خەلق بىلەن ئاقساقاللار: ــ بىز گۇۋاھتۇرمىز. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرگەن ئايالنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنى بەرپا قىلغان راھىلە بىلەن لېياھ ئىككىسىدەك قىلغاي؛ سەن ئۆزۈڭ ئەفراتاھ جەمەتى ئىچىدە باياشات بولۇپ، بەيت-لەھەمدە نام-ئىززىتىڭ زىيادە بولغاي؛ 008 RUT 004 012 پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى. 008 RUT 004 013 ئاندىن بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. 008 RUT 004 014 قىز-ئاياللار نائومىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! شۇ نەسلىڭنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولغاي! 008 RUT 004 015 ئۇ ساڭا جېنىڭنى يېڭىلىغۇچى ھەم قېرىغىنىڭدا سېنى ئەزىزلىغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى، ــ دېدى. 008 RUT 004 016 نائومى بالىنى ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا باققۇچى ئانا بولدى. 008 RUT 004 017 ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئاياللار «نائومىغا بىر بالا تۇغۇلدى» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويدى. ئۇلار ئۇنىڭغا «ئوبەد» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەسسەنىڭ ئاتىسى بولدى، يەسسە داۋۇتنىڭ ئاتىسى بولدى. 008 RUT 004 018 پەرەزنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، 008 RUT 004 019 ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 008 RUT 004 020 ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 008 RUT 004 021 سالموندىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى، 008 RUT 004 022 ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى ۋە يەسسەدىن داۋۇت تۆرەلدى. # # BOOK 009 1SA 1 Samuel سامۇئىل 1 009 1SA 001 001 ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. 009 1SA 001 002 ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى. 009 1SA 001 003 بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. 009 1SA 001 004 ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ [قۇربانلىقتىن] ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى. 009 1SA 001 005 ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. 009 1SA 001 006 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى [پەنىنناھ ھانناھنى] ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى. 009 1SA 001 007 ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، [پەنىنناھ] ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى. 009 1SA 001 008 ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. 009 1SA 001 009 ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛ 009 1SA 001 010 ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى. 009 1SA 001 011 ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى. 009 1SA 001 012 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛ 009 1SA 001 013 چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. 009 1SA 001 014 ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى. 009 1SA 001 015 لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛ 009 1SA 001 016 دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى. 009 1SA 001 017 ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى. 009 1SA 001 018 ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى. 009 1SA 001 019 ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى. 009 1SA 001 020 ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى. 009 1SA 001 021 ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى. 009 1SA 001 022 لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى. 009 1SA 001 023 ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى. 009 1SA 001 024 بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى. 009 1SA 001 025 ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 009 1SA 001 026 شۇنىڭ بىلەن ھانناھ [ئۇنىڭغا]: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى. 009 1SA 001 027 مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى. 009 1SA 001 028 ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 009 1SA 002 001 ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قەلبىم پەرۋەردىگار بىلەن يايرايدۇ، مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى؛ ئاغزىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىكتە ئېچىلدى؛ چۈنكى سېنىڭ نىجاتىڭدىن شادلىنىمەن. 009 1SA 002 002 پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر. 009 1SA 002 003 ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ. 009 1SA 002 004 پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛ لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى. 009 1SA 002 005 قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ. 009 1SA 002 006 پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ 009 1SA 002 007 پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ. 009 1SA 002 008 ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى. 009 1SA 002 009 ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ. 009 1SA 002 010 پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!». 009 1SA 002 011 ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى. 009 1SA 002 012 ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. 009 1SA 002 013 كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ 009 1SA 002 014 داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا [قۇربانلىق قىلغىلى] كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان. 009 1SA 002 015 شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى. 009 1SA 002 016 ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛ 009 1SA 002 017 شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى. 009 1SA 002 018 ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. 009 1SA 002 019 بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى. 009 1SA 002 020 ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى. 009 1SA 002 021 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى. 009 1SA 002 022 ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى. 009 1SA 002 023 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. 009 1SA 002 024 بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر. 009 1SA 002 025 ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى. 009 1SA 002 026 ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى. 009 1SA 002 027 خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟ 009 1SA 002 028 مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟ 009 1SA 002 029 نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟» 009 1SA 002 030 ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ. 009 1SA 002 031 مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ! 009 1SA 002 032 سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. 009 1SA 002 033 ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. 009 1SA 002 034 ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ. 009 1SA 002 035 ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ. 009 1SA 002 036 شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ. 009 1SA 003 001 سامۇئىل دېگەن بالا بولسا ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇ كۈنلەردە كەم ئىدى؛ ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. 009 1SA 003 002 ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر كۈنى ئەلى ئورنىدا ياتقانىدى (ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەنىدى) 009 1SA 003 003 خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلا يەردە ياتاتتى. 009 1SA 003 004 پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى. 009 1SA 003 005 ئۇ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ياتقىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ ياتتى. 009 1SA 003 006 پەرۋەردىگار يەنە: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم ئى ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن، دېدى. 009 1SA 003 007 سامۇئىل پەرۋەردىگارنى تېخى تونۇمىغانىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى. 009 1SA 003 008 لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى؛ ئۇ قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ مانا مەن؛ سەن مېنى چاقىردىڭ، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى پەرۋەردىگار بالىنى چاقىرىپتۇ، دەپ بىلىپ يەتتى. 009 1SA 003 009 شۇنىڭ بىلەن ئەلى سامۇئىلغا: ــ بېرىپ ياتقىن. ئۇ ئەگەر سېنى چاقىرسا، سەن: ــ ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ ئېيتقىن، دېۋىدى، سامۇئىل بېرىپ ئورنىدا ياتتى. 009 1SA 003 010 ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 003 011 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ مانا مەن ئاڭلىغانلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنى زىڭىلداتقۇدەك بىر ئىشنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا قىلماقچىمەن. 009 1SA 003 012 شۇ كۈنىدە مەن بۇرۇن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەر توغرىسىدا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ باشتىن ئاخىرغىچە ئادا قىلىمەن! 009 1SA 003 013 چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى. 009 1SA 003 014 ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە قەسەم قىلغانمەنكى، ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى مەيلى قۇربانلىق بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەدىيە بىلەن بولسۇن كافارەت قىلىنماي، ئەبەدگىچە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، دېدى. 009 1SA 003 015 سامۇئىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئىل ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 009 1SA 003 016 لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 003 017 ئۇ: ــ ئۇ ساڭا نېمە سۆز قىلدى؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىنىڭ بىرىنى ماڭا ئېيتماي قويساڭ، خۇدا دېگىنىنى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. 009 1SA 003 018 شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردى. ئەلى: ــ مانا، ئۇ پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ نېمىنى لايىق تاپسا، شۇنى قىلسۇن، دېدى. 009 1SA 003 019 سامۇئىل ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتاتتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىنى يەردە قالدۇرمايتتى. 009 1SA 003 020 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سامۇئىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 009 1SA 003 021 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆزىنى يەنە ئايان قىلدى. چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆز سۆز-كالامى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئۆزىنى ئايان قىلدى؛ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتكۈل ئىسرائىلغا يەتكۈزدى. 009 1SA 004 001 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپ ئەبەن-ئەزەرگە يېقىن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. فىلىستىيلەر بولسا ئافەك دېگەن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. 009 1SA 004 002 فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشقىلى سەپ تىزىپ تۇردى. جەڭ كېڭەيگەندە ئىسرائىل فىلىستىيلەر ئالدىدا تارمار بولدى؛ فىلىستىيلەر ئۇلارنىڭ جەڭ سەپلىرىدىن تۆت مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈردى. 009 1SA 004 003 خالايىق بارگاھقا يېنىپ كەلگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ نېمىشقا پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنى فىلىستىيلەر تەرىپىدىن تارمار قىلدۇردى؟ بىز شىلوھدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمىنىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. 009 1SA 004 004 شۇ گەپتىن كېيىن خالايىق شىلوھغا ئادەم ماڭدۇرۇپ، شۇ يەردىن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. 009 1SA 004 005 ۋە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى لەشكەرگاھقا ئېلىپ كېلىنگەندە پۈتكۈل ئىسرائىل يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك بىر چۇقان كۆتۈرۈشتى. 009 1SA 004 006 فىلىستىيلەر كۈچلۈك تەنتەنە ئاۋازىنى ئاڭلاپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئاڭلانغان بۇ كۈچلۈك چۇقان نېمە ۋەجىدىن چىققاندۇ، دەپ ئېيتىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەلتۈرۈلگىنىنى بىلىپ يەتتى. 009 1SA 004 007 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر قورقۇپ: ــ ئىلاھلار ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! مۇنداق ئىش بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ بولغان ئەمەس، دېيىشتى. 009 1SA 004 008 ھالىمىزغا ۋاي! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ مانا باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالا-ۋابالار بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار دەل شۇلاردۇر! 009 1SA 004 009 ئى فىلىستىيلەر، ئۆزلىرىڭلارنى جەسۇر كۆرسىتىپ ئەركەكتەك تۇرۇڭلار. بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىز ئۇلارغا قۇل بولىمىز؛ ئەركەكتەك بولۇپ جەڭ قىلىڭلار! ــ دېدى. 009 1SA 004 010 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىل تارمار قىلىنىپ، ھەربىرى تەرەپ-تەرەپكە ئۆز چېدىرىگە بەدەر قاچتى. جەڭدە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئىسرائىلدىن ئوتتۇز مىڭ پىيادە ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. 009 1SA 004 011 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. 009 1SA 004 012 شۇ كۈنى بىر بىنيامىنلىق جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق، ئۈستىبېشى توپا-چاڭ ھالدا شىلوھغا يۈگۈرۈپ كەلدى. 009 1SA 004 013 ئۇ يېتىپ كەلگەندە، مانا ئەلى يولنىڭ چېتىدە ئۆز ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تاقىتى-تاق بولۇپ كۈتۈۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ غېمىدە پەرىشان ئىدى. ئۇ كىشى خەۋەرنى يەتكۈزگىلى شەھەرگە كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر پەرياد-چۇقان كۆتۈردى. 009 1SA 004 014 ئەلى پەرياد ساداسىنى ئاڭلاپ: ــ بۇ زادى نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ ئەلىگە خەۋەر بەردى 009 1SA 004 015 (ئەلى توقسان سەككىز ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرمەيتتى). 009 1SA 004 016 ئۇ كىشى ئەلىگە: ــ مەن جەڭدىن قايتىپ كەلگەن كىشىمەن، بۈگۈن جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كەلدىم، دېدى. ئەلى: ــ ئى ئوغلۇم، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ــ دەپ سورىدى. 009 1SA 004 017 خەۋەرچى جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچتى. خەلق ئارىسىدا قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدى! سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ، خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلدى ھەمدە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئولجا بولۇپ كەتتى، دېدى. 009 1SA 004 018 ۋە شۇنداق بولدىكى، خەۋەرچى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلى دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتىن كەينىگە يىقىلىپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ قېرىپ، بەدىنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ قىرىق يىل ئىسرائىلنىڭ ھاكىمى بولغانىدى. 009 1SA 004 019 ئۇنىڭ كېلىنى، يەنى فىنىھاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئولجا بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە قىيىنئاتىسى بىلەن ئېرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، بىردىنلا قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، پۈكۈلۈپ بالىنى تۇغدى. 009 1SA 004 020 ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا، چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: ــ قورقمىغىن، سەن ئوغۇل بالا تۇغدۇڭ، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابمۇ بەرمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلمىدى. 009 1SA 004 021 ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا «ئىخابود» دەپ ئىسىم قويدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتكەن ھەم قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىمۇ ئۆلگەنىدى. 009 1SA 004 022 ئۇ يەنە: ــ شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى! ــ دېدى. 009 1SA 005 001 فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئولجا ئېلىپ، ئۇنى ئەبەن-ئەزەردىن ئېلىپ ئاشدودقا باردى. 009 1SA 005 002 ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. 009 1SA 005 003 ئاشدوددىكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. 009 1SA 005 004 لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى. 009 1SA 005 005 شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئاشدودتا يا داگوننىڭ كاھىنلىرى بولسۇن يا داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر بولسۇن، داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ. 009 1SA 005 006 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدوددىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. 009 1SA 005 007 ئاشدوددىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى. 009 1SA 005 008 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى. 009 1SA 005 009 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 009 1SA 005 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! ــ دېدى. 009 1SA 005 011 ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى. 009 1SA 005 012 ئۆلمىگەن ئادەملەر بولسا ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ پەريادى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 009 1SA 006 001 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە ئاي تۇردى. 009 1SA 006 002 فىلىستىيلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز جايىغا ئەۋەتەلەيمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، دېدى. 009 1SA 006 003 ئۇلار: ــ ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭلار، قۇرۇق ئەۋەتمەڭلار، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى بىرگە ئەۋەتىشىڭلار زۆرۈردۇر، دېدى. شۇنداق قىلغاندا شىپا تاپىسىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلىسىلەر، دېدى. 009 1SA 006 004 ئۇلار: ــ بىز نېمىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ ئەۋەتىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنىڭ سانى بەش؛ شۇڭا بەش ئالتۇن ھۈررەك ۋە بەش ئالتۇن چاشقان ياساپ ئەۋەتىڭلار؛ چۈنكى سىلەرگە ۋە غوجاڭلارغا ئوخشاشلا بالا-قازا چۈشتى. 009 1SA 006 005 ھۈررەكلىرىڭلارنىڭ شەكلىنى ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ، ئىلاھلىرىمىزنىڭ ۋە زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىنى باسقان قولىنى يېنىكلىتەرمىكىن: ــ 009 1SA 006 006 مىسىرلىقلار بىلەن پىرەۋن ئۆز كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆز كۆڭلۈڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر؟ ئۇ مىسىرلىقلارغا زور قاتتىق قوللۇق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدىمۇ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلمىدىمۇ؟ 009 1SA 006 007 ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ياساپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار؛ ئۇلاردىن موزايلىرىنى ئايرىپ، ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار؛ 009 1SA 006 008 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا سېلىڭلار؛ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر قاپقا سېلىپ ساندۇققا يانداپ قويۇڭلار ۋە ساندۇقنى شۇ پېتى ماڭدۇرۇڭلار؛ 009 1SA 006 009 ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ھارۋا ئىسرائىل چېگرىسىدىكى يول بىلەن بەيت-شەمەشكە ماڭسا، بىزگە كەلگەن شۇ چوڭ بالا-قازانى چۈشۈرگۈچىنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن تاسادىپىلىق بولىدۇ، خالاس، دېيىشتى. 009 1SA 006 010 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر شۇنداق قىلدى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيدە سولاپ قويۇپ، 009 1SA 006 011 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقان ۋە قۇيما ھۈررەكلەر قاچىلانغان قاپنى ئۇنىڭغا يانداپ قويدى. 009 1SA 006 012 ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كۆتۈرۈلگەن يول بىلەن ماڭغاچ مۆرەيتتى، يا ئوڭ تەرەپكە يا سول تەرەپكە قېيىپ كەتمىدى. فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەشنىڭ چېگرىسىغىچە باردى. 009 1SA 006 013 بەيت-شەمەشتىكىلەر جىلغىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى. 009 1SA 006 014 ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنى چېقىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 009 1SA 006 015 لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار بار قاپنى چۈشۈرۈپ چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەشتىكىلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلدى. 009 1SA 006 016 فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسى بۇلارنى كۆرۈپ شۇ كۈنى ئەكرونغا قايتىپ كەتتى. 009 1SA 006 017 فىلىستىيلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن ئالتۇن ھۈررىكى: ــ ئاشدود ئۈچۈن بىر، گازا ئۈچۈن بىر، ئاشكېلون ئۈچۈن بىر، گات ئۈچۈن بىر ۋە ئەكرون ئۈچۈن بىر ئىدى. 009 1SA 006 018 ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسىغا تەۋە بارلىق شەھەرنىڭ سانى بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ شەھەرلەر سېپىللىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق سەھرا-كەنتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويغان چوڭ چىمەنزارغىچە ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چىمەنزار ھازىرمۇ بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا بار. 009 1SA 006 019 ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى. 009 1SA 006 020 بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى. 009 1SA 006 021 ئاندىن ئۇلار كىرىئات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋىتىپ: ــ فىلىستىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. 009 1SA 007 001 شۇنىڭ بىلەن كىرىئات-يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى. 009 1SA 007 002 ئەھدە ساندۇقى كىرىئات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى. 009 1SA 007 003 ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە: ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. 009 1SA 007 004 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى. 009 1SA 007 005 ئاندىن سامۇئىل: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى. 009 1SA 007 006 ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 009 1SA 007 007 فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى. 009 1SA 007 008 ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى. 009 1SA 007 009 سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى. 009 1SA 007 010 سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى. 009 1SA 007 011 ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت-كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى. 009 1SA 007 012 ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ: ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى. 009 1SA 007 013 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل [ھاكىم] بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛ 009 1SA 007 014 شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. 009 1SA 007 015 سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى. 009 1SA 007 016 ھەر يىلى ئۇ بەيت-ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. 009 1SA 007 017 ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى. 009 1SA 008 001 شۇنداق بولدىكى، سامۇئىل قېرىغاندا ئوغۇللىرىنى ئىسرائىلغا ھاكىم قىلىپ قويدى. 009 1SA 008 002 ئۇنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل بولۇپ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىياھ ئىدى. بۇلار بەئەر-شېبادا ھاكىملىق قىلدى. 009 1SA 008 003 لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى. 009 1SA 008 004 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى راماھدا جەم بولۇپ سامۇئىلنىڭ قېشىغا كېلىپ 009 1SA 008 005 ئۇنىڭغا: ــ مانا سەن قېرىدىڭ، ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا يۈرمەيدۇ. بارلىق ئەللەردە بولغاندەك ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. 009 1SA 008 006 ئۇلارنىڭ «ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن» دېگىنى سامۇئىلنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كەلدى. سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، 009 1SA 008 007 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا جاۋابەن: ــ خەلق ساڭا ھەرنېمە ئېيتسا ئۇلارغا قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى «ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولمىسۇن» دەپ مېنى تاشلىدى. 009 1SA 008 008 مەن ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ساڭا ھەم شۇنداق قىلىدۇ. 009 1SA 008 009 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېدى. 009 1SA 008 010 سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ سورىغان خەلققە، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. 009 1SA 008 011 ئۇ: ــ ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇتىدىغان يولى مۇنداق بولىدۇ: ــ ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا قويۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەشكە، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بولۇشقا سالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىدۇ؛ 009 1SA 008 012 ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. 009 1SA 008 013 قىزلىرىڭلارنى ئەتىر ياساشقا، تاماق ئېتىشكە ۋە نان يېقىشقا سالىدۇ. 009 1SA 008 014 ئەڭ ئېسىل زېمىنلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. 009 1SA 008 015 ئۇ ئۇرۇقۇڭلاردىن، ئۈزۈمزارلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ غوجىدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. 009 1SA 008 016 ئۇ قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ كېلىشكەن يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. 009 1SA 008 017 ئۇ قويلىرىڭلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئالىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى بولىسىلەر. 009 1SA 008 018 سىلەر ئۇ كۈندە ئۆزۈڭلارغا تاللىغان پادىشاھ تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنىدە سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، دېدى. 009 1SA 008 019 خەلق بولسا سامۇئىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: ــ ياق، بەلكى ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن، دېدى. 009 1SA 008 020 ــ شۇنداق قىلىپ بىز باشقا ھەربىر ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز؛ بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزنى باشلايدۇ ۋە بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، دېدى. 009 1SA 008 021 سامۇئىل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. 009 1SA 008 022 پەرۋەردىگار ئەمدى سامۇئىلغا: ــ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېدى. 009 1SA 009 001 بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى، ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات ئافىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئافىيا بولسا بىنيامىنلىق ئىدى. ئۇ ئۆزى باتۇر ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى. 009 1SA 009 002 كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك، ئېسىل ۋە خۇشخۇي بىر ئوغلى بار ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق ئادەم يوق ئىدى؛ ئۇ شۇنداق ئېگىز بويلۇق ئەر ئىدىكى، خەلقنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمەيتتى. 009 1SA 009 003 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يىتىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: ــ سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. 009 1SA 009 004 ئۇلار بېرىپ ئەفرائىم ئېدىرلىقىدىن ئۆتۈپ، شالىشاھ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ ئۇلار شائالىم زېمىنىدىنمۇ ئۆتتى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ ئۆتتى، ئۇلارنى يەنە تاپالمىدى. 009 1SA 009 005 ئۇلار زۇف زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: ــ بولە، ئۆيگە يانايلى؛ بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرمەي، ئەكسىچە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېتەرمىكى، دېدى. 009 1SA 009 006 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆھتەرەم بىر ئادەم، ھەر نېمە دېسە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يەرگە بارايلى؛ ئۇ بىزگە بارىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ قويارمىكىن، دېدى. 009 1SA 009 007 شۇڭا سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساق ئۇ كىشىگە نېمە بېرىمىز؟ چۈنكى خۇرجۇنلىرىمىزدا نان تۈگەپ قالدى، قولىمىزدا خۇدانىڭ ئادىمىگە بەرگۈدەك سوۋغىتىمىز يوق. يېنىمىزدا يەنە نېمە بار؟ ــ دېدى. 009 1SA 009 008 خىزمەتكار سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا قولۇمدا چارەك شەكەل كۈمۈش بار. ماڭىدىغان يولىمىزنى دەپ بەرسۇن، خۇدانىڭ ئادىمىگە شۇنى بېرەي، دېدى 009 1SA 009 009 (بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى). 009 1SA 009 010 سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ مەسلىھەتىڭ ياخشى بولدى. بىز ماڭايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى. 009 1SA 009 011 ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلاردىن: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 009 1SA 009 012 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق. مانا ئۇ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ تېز بېرىڭلار، چۈنكى خالايىق بۈگۈن [شەھەرنىڭ] يۇقىرى جايىدا قۇربانلىق قىلماقچى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن شەھەرگە كىردى. 009 1SA 009 013 ئۇ [قۇربانلىقتىن] يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى. 009 1SA 009 014 ئۇلار شەھەرگە چىقىپ شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، مانا سامۇئىل يۇقىرى جايغا چىقىشقا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. 009 1SA 009 015 پەرۋەردىگار سائۇل كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى سامۇئىلغا: 009 1SA 009 016 ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى. 009 1SA 009 017 سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى. 009 1SA 009 018 سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ: سىلىدىن سوراي، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى نەدە، دەپ سورىدى. 009 1SA 009 019 سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 009 020 ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 009 021 سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قەبىلە بولغان بىنيامىندىن، جەمەتىممۇ بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى تۇرسا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا دەيلا؟ ــ دېدى. 009 1SA 009 022 سامۇئىل بولسا سائۇلنى ۋە خىزمەتكارىنى باشلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇلارنى چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا تۆردە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى. 009 1SA 009 023 سامۇئىل ئاشپەزگە: ــ مەن ساقلاپ قويغىن دەپ، ساڭا تاپشۇرغان ھېلىقى تائامنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 009 1SA 009 024 شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز ساقلاپ قويغان چوڭ ئاجرىتىلغان قولنى ئېلىپ سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئىل: ــ مانا، [ساڭا] ساقلاپ قويۇلغىنى شۇدۇر! ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن؛ چۈنكى ئۇ مەن خەلقنى چاقىرغان چېغىمدا ئاتايىن ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغاندىن تارتىپ بۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلاندى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى سائۇل بىلەن سامۇئىل تاماقتا بىللە بولدى. 009 1SA 009 025 ئۇلار يۇقىرى جايدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىردى، [سامۇئىل] ئۆگزىدە سائۇل بىلەن سۆزلەشتى. 009 1SA 009 026 ئەتىسى تاڭ شەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندا سامۇئىل سائۇلنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى ئۇزۇتۇپ قوياي، دېدى. سائۇل ئورۇندىن تۇردى ۋە ئىككىسى بىللە چىقتى، ــ ھەم ئۇ سامۇئىل بىلەن بىللە كوچىغا چىقتى. 009 1SA 009 027 ئۇلار شەھەرنىڭ ئايىغىغا كېتىۋاتقاندا، سامۇئىل سائۇلغا: خىزمەتكارغا ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرغىن، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. ئاندىن سامۇئىل: ــ سەن تۇرۇپ تۇر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ساڭا يەتكۈزەي، دېدى. 009 1SA 010 001 سامۇئىل بىر ماي كومزىكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟ 009 1SA 010 002 سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ. 009 1SA 010 003 سەن ئۇ يەردىن مېڭىپ، تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيت-ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە ئۇچرايسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شارابنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. 009 1SA 010 004 ــ ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ ئىككى ناننى سۇنىدۇ؛ سەن بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالغىن. 009 1SA 010 005 ئاندىن سەن «خۇداغا [ئاتالغان] گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن (ئۇ يەردە فىلىستىيلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار)؛ سەن شۇ شەھەرگە كەلسەڭ چىلتار، تەمبۇر، نەي ۋە لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ساڭا ئۇچرايدۇ. ئۇلار بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. 009 1SA 010 006 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىسەن ۋە يېڭى بىر ئادەم بولىسەن. 009 1SA 010 007 مۇشۇ ئالامەتلەر ساڭا كەلگەندە، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلغىن. چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر. 009 1SA 010 008 ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن». 009 1SA 010 009 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇرۇلۇپ سامۇئىلدىن ئايرىلغاندا خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى؛ ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۈنى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى. 009 1SA 010 010 ئۇلار گىبېئاھغا يېتىپ كەلگەندە مانا، بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى. 009 1SA 010 011 ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى. 009 1SA 010 012 ئەمما يەرلىك بىر ئادەم: ــ بۇلارنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. 009 1SA 010 013 ئەمدى سائۇل بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، يۇقىرى جايغا چىقىپ كەتتى. 009 1SA 010 014 سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقتۇق؛ لېكىن ئۇلارنى تاپالماي سامۇئىلنىڭ قېشىغا باردۇق، دېدى. 009 1SA 010 015 سائۇلنىڭ تاغىسى: ــ سامۇئىلنىڭ سىلەرگە نېمە دېگىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، دېدى. 009 1SA 010 016 سائۇل تاغىسىغا: ــ ئۇ جەزم بىلەن بىزگە ئېشەكلەر تېپىلدى، دەپ خەۋەر بەردى، دېدى. لېكىن سامۇئىلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرمىدى. 009 1SA 010 017 سامۇئىل ئەمدى خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا جەم بولۇڭلار دەپ، مىزپاھقا چاقىردى. 009 1SA 010 018 ئۇ ئىسرائىلغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سىلەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. 009 1SA 010 019 لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى. 009 1SA 010 020 شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا جەم قىلىپ، چەك تاشلىۋىدى، چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. 009 1SA 010 021 ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنى جەمەت-جەمەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىۋىدى، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن يەنە چەك تاشلىۋىدى، كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. ئۇلار ئۇنى ئىزدىۋىدى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى. 009 1SA 010 022 شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى. 009 1SA 010 023 شۇڭا ئۇلار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندا خالايىقنىڭ بويى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمىدى. 009 1SA 010 024 سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. 009 1SA 010 025 سامۇئىل خەلققە پادىشاھلىق ھوقۇق-قانۇنلىرىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنى ئورام يازما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئىل ھەممە خەلقنى، ھەرقايسىسىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى. 009 1SA 010 026 سائۇلمۇ ھەم گىبېئاھدىكى ئۆيىگە قايتتى؛ كۆڭۈللىرى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم باتۇر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. 009 1SA 010 027 لېكىن بىرنەچچە رەزىل كىشى: ــ بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن؟ ــ دەپ ئۇنى كەمسىتىپ ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى؛ ئەمما ئۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى. 009 1SA 011 001 شۇ ۋاقىتتا ئاممونىي ناھاش چىقىپ يابەش-گىلېئادنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يابەشنىڭ ھەممە ئادەملىرى ناھاشقا: ــ ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز، دېدى. 009 1SA 011 002 لېكىن ئاممونىي ناھاش ئۇلارغا: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلغا دەشنەم قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئەھدە قىلاي، دېدى. 009 1SA 011 003 يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: ــ بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگىن؛ بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل يۇرتىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئاندىن كېيىن بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۆزىمىز چىقىپ ساڭا تەسلىم بولىمىز، دېدى. 009 1SA 011 004 ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى. 009 1SA 011 005 ۋە مانا، سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ: ــ خەلق نېمە دەپ يىغلايدۇ، دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. 009 1SA 011 006 سائۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى. 009 1SA 011 007 ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى. 009 1SA 011 008 سائۇل ئۇلارنى بېزەك [دېگەن جايدا] سانىغاندا ئىسرائىللار ئۈچ يۈز مىڭ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى. 009 1SA 011 009 ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: ــ گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە شۇنداق ئېيتىڭلاركى، ئەتە كۈن چۈش بولغاندا نىجات سىلەرگە كېلىدۇ، دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ شۇنى گىلېئادتىكى يابەشلىقلارغا يەتكۈزدى؛ ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. 009 1SA 011 010 شۇنىڭ بىلەن يابەشتىكىلەر: ــ ئەتە بىز قېشىڭلارغا چىقىپ [تەسلىم بولىمىز]، سىلەر بىزنى قانداق قىلىشقا لايىق كۆرسەڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. 009 1SA 011 011 ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى؛ ئۇلار كېچە تۆتىنچى جېسەكتە لەشكەرگاھغا كىرىپ ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە ئۇرۇپ قىردى. تىرىك قالغانلار بولسا شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئۇلاردىن ئىككى ئادەممۇ بىر يەرگە كېلەلمىدى. 009 1SA 011 012 خەلق ئەمدى سامۇئىلغا: ــ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە سائۇل پادىشاھ بولمىسۇن دەپ ئېيتقانلار كىملەر؟ بۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، دېدى. 009 1SA 011 013 لېكىن سائۇل: ــ بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى، دېدى. 009 1SA 011 014 سامۇئىل خەلققە: ــ قېنى، گىلېئادقا بېرىپ ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن تىكلەيلى، دەپ ئېيتتى. 009 1SA 011 015 شۇنى دېۋىدى، ھەممە خەلق گىلېئادقا بېرىپ گىلېئادتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈردى. سائۇل ھەم شۇنىڭدەك بارلىق ئىسرائىل شۇ يەردە زور خۇشاللىققا چۆمدى. 009 1SA 012 001 سامۇئىل پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ مانا، مەن سىلەرنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدۇم؛ 009 1SA 012 002 مانا ئەمدى پادىشاھ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈرمەكتە، مەن بولسام قېرىپ بېشىم ئاقاردى؛ مانا، مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدىم. 009 1SA 012 003 مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى. 009 1SA 012 004 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ، دېدى. 009 1SA 012 005 ئۇ ئۇلارغا: ــ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار سىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلغىنى ھەم بۈگۈن گۇۋاھچى بولسۇن، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۇ گۇۋاھتۇر، دېدى. 009 1SA 012 006 سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: «مۇسا بىلەن ھارۇننى تىكلەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى بولسا پەرۋەردىگاردۇر. 009 1SA 012 007 ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا يۈرگۈزگەن ھەققانىي ئەمەللىرىنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا سۆز قىلاي. 009 1SA 012 008 ياقۇپ مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن چىقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. 009 1SA 012 009 ئەمما ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ھازورنىڭ قوشۇنىدىكى سەردار سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا ھەم موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى. 009 1SA 012 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بىز گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنى تاشلاپ بائاللار ۋە ئاشتاروتلارنىڭ ئىبادىتىدە بولدۇق؛ ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى. 009 1SA 012 011 ۋە پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يەفتاھ ۋە سامۇئىلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقانىدىڭلار. 009 1SA 012 012 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئامموننىڭ پادىشاھى ناھاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر: ياق! بىر پادىشاھ ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلسۇن دەپ ماڭا ئېيتتىڭلار. 009 1SA 012 013 ئەمدى سىلەر خالاپ تاللىغان، سىلەر تىلىگەن پادىشاھقا قاراڭلار؛ مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدى. 009 1SA 012 014 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاقلىرىڭلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمىساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگەشسەڭلار، ئەمدى سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. 009 1SA 012 015 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك سىلەرگىمۇ قارشى بولىدۇ. 009 1SA 012 016 ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار! 009 1SA 012 017 بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر». 009 1SA 012 018 ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇردى. خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئىلدىن بەك قورقتى. 009 1SA 012 019 خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئىلغا: ــ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا بىزنى ئۆلمىسۇن دەپ كەمىنىلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغىن؛ چۈنكى ھەممە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يامانلىق ئاشۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلىدۇق، دېدى. 009 1SA 012 020 سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ 009 1SA 012 021 ئادەمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان ياكى ئادەمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىھۇدە ئىشلارنى ئىزدەپ، يولدىن ئېزىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقتۇر. 009 1SA 012 022 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى لايىق كۆرگەندۇر. 009 1SA 012 023 ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن. 009 1SA 012 024 پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار! 009 1SA 012 025 لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر». 009 1SA 013 001 سائۇل [ئوتتۇز] ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن 009 1SA 013 002 ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى. 009 1SA 013 003 يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى. 009 1SA 013 004 پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى. 009 1SA 013 005 فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى. 009 1SA 013 006 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛ 009 1SA 013 007 [بەزى] ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى. 009 1SA 013 008 ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى. 009 1SA 013 009 سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. 009 1SA 013 010 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى. 009 1SA 013 011 لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم، 009 1SA 013 012 مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى. 009 1SA 013 013 سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىق قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى. 009 1SA 013 014 لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى. 009 1SA 013 015 ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى. 009 1SA 013 016 سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى. 009 1SA 013 017 قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى، 009 1SA 013 018 بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى. 009 1SA 013 019 ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى. 009 1SA 013 020 بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 009 1SA 013 021 ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى. 009 1SA 013 022 شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى. 009 1SA 013 023 ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى. 009 1SA 014 001 بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەلگىن، ئۇدۇلىمىزدىكى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ يېنىغا چىقايلى، دېدى. ئەمما ئۇ ئاتىسىغا ھېچنېمە دېمىدى. 009 1SA 014 002 سائۇل بولسا گىبېئاھنىڭ چېتىدىكى مىگروندىكى ئانار دەرىخىنىڭ تېگىدە قالدى. ئۇنىڭ قېشىدىكى خەلق ئالتە يۈزچە ئىدى 009 1SA 014 003 (ئۇ ۋاقىتتا ئەفودنى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئىخابودنىڭ ئاكىسى ئاخىياھ كىيەتتى؛ ئۇ شىلوھدا تۇرۇۋاتقان، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى ئىدى. ئاخىتۇب فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىنىڭ ئوغلى ئىدى). خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنلىكىنى بىلمىگەنىدى. 009 1SA 014 004 يوناتان فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغان داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۈۋرۈكتەك تىك قىيا تاشلار بار ئىدى. بىرىنىڭ نامى بوزەز، يەنە بىرىنىڭ نامى سەنەھ ئىدى. 009 1SA 014 005 بىر قىيا تاش شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، مىخماش بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، يەنە بىرى جەبۇب تەرىپىدە گېبانىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. 009 1SA 014 006 يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەل، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە چىقايلى؛ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ھېچ توسالغۇ بولمايدۇ، دېدى. 009 1SA 014 007 ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭغا: ــ كۆڭلۈڭدە ھەر نېمە بولسا شۇنى قىلغىن؛ بارغىن، مانا، كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا مەن سەن بىلەن بىللىمەن، دېدى. 009 1SA 014 008 يوناتان: ــ مانا، بىز ئۇ ئادەملەر تەرەپكە چىقىپ ئۆزىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتەيلى؛ 009 1SA 014 009 ئەگەر ئۇلار بىزگە: ــ بىز سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارغۇچە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېسە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماي ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى؛ 009 1SA 014 010 لېكىن ئۇلار: ــ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىڭلار، دېسە، چىقايلى. چۈنكى شۇنداق بولسا پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولىمىزغا بېرىپتۇ، دەپ بىلىمىز؛ مۇشۇنداق ئىش بىزگە بىر بېشارەت بولىدۇ، دېدى. 009 1SA 014 011 ئىككىيلەن ئۆزىنى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە كۆرسەتتى. فىلىستىيلەر: ــ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزىنى يوشۇرغان ئازگاللاردىن چىقىۋاتىدۇ، دېدى. 009 1SA 014 012 ئەترەتتىكىلەر يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ بىزگە چىقىڭلار، بىز سىلەرگە بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز، دېدى. يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ ماڭا ئەگىشىپ چىققىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا بەردى، دېدى. 009 1SA 014 013 يوناتان قول-پۇتلىرى بىلەن ئۆمۈلەپ چىقتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى. فىلىستىيلەر يوناتاننىڭ ئالدىدا يىقىلىشتى؛ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنى قەتل قىلدى. 009 1SA 014 014 شۇ تۇنجى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن يېرىم قوشلۇق يەردە ئۆلتۈرگەنلەر يىگىرمىدەك ئادەم ئىدى. 009 1SA 014 015 ئاندىن لەشكەرگاھدىكىكەرنى، دالادا تۇرۇۋاتقانلارنى، بارلىق ئەترەتلەردىكىلەرنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنى تىترەك باستى. ئۇلار ھەم تىترەپ قورقتى، يەرمۇ تەۋرىنىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ چوڭ قورقۇنچ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەنىدى. 009 1SA 014 016 ئەمدى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا تۇرۇۋاتقان پايلاقچىلار كۆردىكى، مانا، لەشكەر توپلىرى تارمار بولۇپ ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشۈپ كەتتى. 009 1SA 014 017 سائۇل قېشىدىكى خەلققە: ئادەملىرىمىزنى ساناپ كىمنىڭ بۇ يەردىن كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاڭلار، دېدى. ئۇلار سانىۋىدى، مانا، يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق چىقتى. 009 1SA 014 018 سائۇل ئاخىياھقا: ــ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 009 1SA 014 019 سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدا بولغان غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. سائۇل كاھىنغا: ــ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى. 009 1SA 014 020 ئاندىن سائۇل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق يىغىلىپ جەڭگە چىقتى؛ ۋە مانا، فىلىستىيلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز سەپدىشىغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ زور پاراكەندىلىك بولدى. 009 1SA 014 021 ئۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان، ئۇلار بىلەن بىللە لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىغا چىققان ئىبرانىيلار بار ئىدى؛ ئۇلارمۇ سائۇل ۋە يوناتان بىلەن بىللە بولغان ئىسرائىللارغا قوشۇلدى. 009 1SA 014 022 شۇنىڭدەك ئەفرائىم تاغلىرىدا ئۆزىنى يوشۇرغان ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ قاچقىنىنى ئاڭلىغاندا سوقۇشقا چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. 009 1SA 014 023 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى. سوقۇش بەيت-ئاۋەننىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتى. 009 1SA 014 024 لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى. 009 1SA 014 025 ئەمما بارلىق زېمىندىكى قوشۇن بىر ئورمانلىققا كىرگەندە يەر يۈزىدە ھەسەل بار ئىدى. 009 1SA 014 026 خەلق ئورمانلىققا كىرگەندە، مانا بۇ ھەسەل ئېقىپ تۇراتتى؛ لېكىن ھېچكىم قولىنى ئاغزىغا كۆتۈرمىدى، چۈنكى خەلق قەسەمدىن قورقاتتى. 009 1SA 014 027 لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلققە قەسەم ئىچكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى ھاسىنى سۇنۇپ ئۇچىنى ھەسەل كۆنىكىگە تىقىپ قولى بىلەن ئاغزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ كۆزلىرى نۇرلاندى. 009 1SA 014 028 ئەمما خەلقتىن بىرى: سېنىڭ ئاتاڭ خەلققە چىڭ قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ بۈگۈن تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن! دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھالسىزلىنىپ كەتتى، دېدى. 009 1SA 014 029 يوناتان: ــ مېنىڭ ئاتام زېمىنغا ئازار بەردى؛ قاراڭلار، بۇ ھەسەلدىن كىچىككىنە تېتىشىم بىلەنلا كۆزلىرىمنىڭ شۇنچە نۇرلانغىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ 009 1SA 014 030 خەلق بۈگۈن دۈشمەنلەردىن تارتىۋالغان ئولجىدىن خالىغىنىنى يېگەن بولسا فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ زور بولماسمىدى؟ ــ دېدى. 009 1SA 014 031 ئاشۇ كۈنى ئۇلار مىكماشتىن تارتىپ فىلىستىيلەرنى قوغلاپ ئايجالونغىچە ئۇرۇپ قىرىشتى؛ خەلق تولا ھېرىپ كەتكەنىدى. 009 1SA 014 032 شۇنىڭ بىلەن خەلق ئولجا ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى تۇتۇپ شۇ يەردىلا سويدى. ئاندىن خەلق گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەيلا يېدى. 009 1SA 014 033 سائۇلغا خەۋەر كېلىپ: مانا، خەلق قاننى ئادالىۋەتمەيلا گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىلدى. ئۇ: سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار! ئەمدى بۇ يەرگە يېنىمغا چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، دېدى. 009 1SA 014 034 سائۇل يەنە: سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىپ ئۇلارغا: ھەربىرى ئۆز كالىسىنى، ئۆز قويىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن؛ لېكىن گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەي يەپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلماڭلار، دەڭلار، دېدى. بۇ كېچە خەلقنىڭ ھەممىسى ھەربىرى ئۆز كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇ يەردە سويدى. 009 1SA 014 035 سائۇل بولسا پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ياسىغان تۇنجى قۇربانگاھى ئىدى. 009 1SA 014 036 سائۇل: ــ بۇ كېچىدە فىلىستىيلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تالاپ ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى، دېدى. خەلق: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن كاھىن سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا كىرىپ [يوليورۇق سوراپ] چىقايلى، دېدى. 009 1SA 014 037 سائۇل خۇدادىن: ــ يا فىلىستىيلەرنىڭ كەينىدىن چۈشۈيمۇ؟ سەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ كۈنى ئۇ ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى. 009 1SA 014 038 سائۇل: ــ ئى خەلقنىڭ ھەممە چوڭلىرى، بۇ يەرگە چىقىڭلار. بۈگۈن كىم گۇناھ قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. 009 1SA 014 039 چۈنكى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھ ھەتتا ئوغلۇم يوناتاندا تېپىلسىمۇ ئۇ جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن، دېدى. لېكىن پۈتكۈل خەلقتىن ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 009 1SA 014 040 ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، مەن ئوغلۇم يوناتان يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، دېدى. خەلق ئۇنىڭغا: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن، دېدى. 009 1SA 014 041 سائۇل ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا: ــ بۇ چەك بىلەن ئەينى ئەھۋالنى ئاشكارا قىلغايسەن، دېدى. چەك بولسا سائۇل بىلەن يوناتاننى كۆرسەتتى، خەلق قۇتۇلدى. 009 1SA 014 042 سائۇل: ــ مېنىڭ بىلەن ئوغلۇم يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك تاشلاڭلار، دېدى. شۇنداق قىلىۋىدى، چەك يوناتانغا چىقتى. 009 1SA 014 043 سائۇل يوناتانغا: ــ قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. يوناتان ئۇنىڭغا: ــ قولۇمدىكى ھاسا بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم ۋە مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇم! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 014 044 سائۇل: ــ سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، ئى يوناتان؛ ئۇنداق قىلمىسام، خۇدا ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. 009 1SA 014 045 لېكىن خەلق سائۇلغا: ــ ئىسرائىلدا بۇ ئۇلۇغ نۇسرەتنى قازانغان يوناتان ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ بۇنداق ئىش بىزدىن نېرى بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى بۈگۈنكى ئىشنى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى، دېدى. شۇنداق قىلىپ خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن خالاس قىلدى. 009 1SA 014 046 ئاندىن سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن توختىدى؛ فىلىستىيلەرمۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. 009 1SA 014 047 شۇنداق قىلىپ سائۇل ئىسرائىلنىڭ سەلتەنىتىنى ئۆزىنىڭ قىلدى؛ ئاندىن ئۇ چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرىگە، يەنى موئابلار، ئاممونىيلار، ئېدومىيلار، زوباھدىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە غالىپ كېلەتتى. 009 1SA 014 048 ئۇ زور جاسارەت كۆرسىتىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى. 009 1SA 014 049 سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالقى-شۇئا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ئىسمى بولسا ــ چوڭىنىڭ مېراب، كىچىكىنىڭ مىقال ئىدى. 009 1SA 014 050 سائۇلنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاھىنوئام بولۇپ، ئۇ ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئابنەر ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نەرنىڭ ئوغلى ئىدى. 009 1SA 014 051 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش ۋە ئابنەرنىڭ ئاتىسى نەر بولسا، ئىككىسى ئابىئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 009 1SA 014 052 سائۇل پۈتكۈل ئۆمرىدە فىلىستىيلەر بىلەن قاتتىق جەڭدە بولۇپ تۇردى. سائۇل ئۆزى ھەرقاچان باتۇر يا پالۋانلارنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى. 009 1SA 015 001 ئەمدى سامۇئىل سائۇلغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن مەسىھ قىلغىلى مېنى ئەۋەتكەنىدى؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن. 009 1SA 015 002 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئامالەكلەرنىڭ ئىسرائىلغا قىلغان مۇئامىلىسىنى، يەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ يولدا ئۇلارغا قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن. 009 1SA 015 003 ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى. 009 1SA 015 004 سائۇل خەلقنى جەم قىلىپ ئۇلارنى تەلائىم شەھىرىدە سانىۋىدى، ئىككى يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەر، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەم چىقتى. 009 1SA 015 005 سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ۋادىدا بۆكتۈرمە قويدى. 009 1SA 015 006 ئاندىن سائۇل كېنىيلەرگە: ــ چىقىپ كېتىڭلار، سىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ يوقاتماسلىقىم ئۈچۈن ئامالەكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېنىيلەر ئامالەكلەردىن چىقىپ كەتتى. 009 1SA 015 007 ئەمدى سائۇل ئامالەكلەرنى ھاۋىلاھدىن تارتىپ مىسىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى شۇرغىچە قوغلاپ ئۇردى. 009 1SA 015 008 ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى. 009 1SA 015 009 لېكىن سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى ئايىدى ۋە قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئاياپ ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى؛ لېكىن نېمە يارىماس ۋە زەئىپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار يوقاتتى. 009 1SA 015 010 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 009 1SA 015 011 «سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى. 009 1SA 015 012 ئەتىسى سامۇئىل سائۇلنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇردى. سامۇئىلغا: ــ سائۇل كارمەلگە باردى ۋە مانا، ئۇ ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يېنىپ گىلگالغا چۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. 009 1SA 015 013 سامۇئىل سائۇلنىڭ قېشىغا كەلگەندە سائۇل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى مۇبارەكلىگەي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلدىم، دېدى. 009 1SA 015 014 لېكىن سامۇئىل: ــ ئۇنداق بولسا قۇلىقىمغا ئاڭلانغان قوينىڭ مەرىشى بىلەن مەن ئاڭلاۋاتقان كالىنىڭ مۆرىشى زادى نەدىن كەلدى؟ ــ دېدى. 009 1SA 015 015 سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ئامالەكلەردىن ئېلىپ كېلىندى؛ چۈنكى خەلق خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي-كالىنىڭ ئېسىللىرىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويدى؛ قالغىنىنى بولسا پۈتۈنلەي يوقاتتۇق، دېدى. 009 1SA 015 016 سامۇئىل سائۇلغا: ــ قوي، بۇ گېپىڭنى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ كېچە ماڭا نېمە دېگىنىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقىن، دېدى. 009 1SA 015 017 سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟ 009 1SA 015 018 ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى. 009 1SA 015 019 ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى ئولجا ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاننى قىلدىڭ؟ 009 1SA 015 020 سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمغۇ! پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن يول بىلەن ماڭدىم ۋە ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئېلىپ كېلىپ ئامالەكلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. 009 1SA 015 021 ئەمما خەلق بولسا ئولجىدىن قوي بىلەن كالا، يەنى يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا گىلگالدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى. 009 1SA 015 022 سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. 009 1SA 015 023 چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، ــ دېدى. 009 1SA 015 024 سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم. 009 1SA 015 025 ئەمدى گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن؛ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشىم ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن قايتىپ بارغىن، دېدى. 009 1SA 015 026 سامۇئىل سائۇلغا: ــ مەن سېنىڭ بىلەن قايتىپ بارمايمەن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغانسەن، ۋە پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى. 009 1SA 015 027 سامۇئىل كېتىشكە بۇرۇلغىنىدا سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىرتىلىپ كەتتى. 009 1SA 015 028 سامۇئىل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى سەندىن يىرتىپ ئېلىپ سەندىن ئەۋزەل بولغان بىر يېقىنىڭغا تاپشۇردى. 009 1SA 015 029 ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى يالغان سۆزلىمەيدۇ ياكى نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بالىسىدەك نىيىتىدىن يانغۇچى ئەمەستۇر، دېدى. 009 1SA 015 030 سائۇل: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم. لېكىن خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئىززەت قىلىپ مېنىڭ بىلەن يېنىپ بارغىن؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلالايمەن، دېدى. 009 1SA 015 031 شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل سائۇل بىلەن يېنىپ باردى ۋە سائۇل پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 009 1SA 015 032 ئاندىن سامۇئىل: ــ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. 009 1SA 015 033 ئەمما سامۇئىل: ــ سېنىڭ قىلىچىڭ خوتۇنلارنى بالىسىز قىلغاندەك سېنىڭ ئاناڭمۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بالىسىز بولىدۇ، دېۋىدى، سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چاناپ پارە-پارە قىلدى. 009 1SA 015 034 ئاندىن سامۇئىل راماھقا باردى. سائۇل بولسا «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» دېگەن جايدىكى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. 009 1SA 015 035 سامۇئىل ئۆلگەن كۈنىگىچە سائۇل بىلەن قايتا كۆرۈشمىدى. ئەمما سامۇئىل سائۇل ئۈچۈن قايغۇردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. 009 1SA 016 001 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى. 009 1SA 016 002 سامۇئىل بولسا: ــ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈڭ بىلەن بىر ئىنەكنى ئالغاچ بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگىن. 009 1SA 016 003 يەسسەنى قۇربانلىققا چاقىرغىن، ئاندىن مەن ساڭا قىلىدىغىنىڭنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مەن ساڭا دېگەن بىرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىھ قىلغىن، دېدى. 009 1SA 016 004 سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 009 1SA 016 005 ئۇ: ــ تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىم؛ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق سۇنۇشقا كەلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھارامدىن پاكلاپ مەن بىلەن بىللە قۇربانلىققا كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەسسە بىلەن ئوغۇللىرىنى ھالال قىلىپ قۇربانلىققا چاقىردى. 009 1SA 016 006 ئۇلار كەلگەندە سامۇئىل ئېلىئابنى كۆرۈپ ئىچىدە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلىدىغىنى شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دېدى. 009 1SA 016 007 لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى. 009 1SA 016 008 ئاندىن يەسسە ئابىنادابنى چاقىرىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 009 1SA 016 009 ئاندىن يەسسە شامماھنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 009 1SA 016 010 شۇنىڭغا ئوخشاش يەسسە ئوغۇللىرىنىڭ يەتتىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن سامۇئىل يەسسەگە: ــ پەرۋەردىگار بۇلارنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 009 1SA 016 011 سامۇئىل يەسسەدىن: ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە: ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى. 009 1SA 016 012 [يەسسە] ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى [مېنىڭ تاللىغىنىم] شۇدۇر! دېدى. 009 1SA 016 013 سامۇئىل ماي مۈڭگۈزىنى ئېلىپ ئۇنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەسىھ قىلدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. سامۇئىل بولسا قوپۇپ راماھغا كەتتى. 009 1SA 016 014 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن كەتكەنىدى، ۋە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بىر يامان روھ ئۇنى پەرىشان قىلدى. 009 1SA 016 015 سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا خۇدا تەرىپىدىن بىر يامان روھ سېنى پەرىشان قىلىدۇ. 009 1SA 016 016 ئەمدى غوجىمىز ئۆزلىرى ئالدىلىرىدىكى خىزمەتكارلىرىنى دەرھال بۇيرۇغايلىكى، ئۇلار چىلتار چېلىشقا ئۇستا ئادەمنى تاپسۇن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، خۇدا تەرىپىدىن يامان روھ ئۈستلىرىگە كەلسە ئۇ چىلتار چالسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ھاللىرى ئوبدان بولىدۇ، دېدى. 009 1SA 016 017 سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ مېنىڭ ئۈچۈن چىلتار چېلىشقا ئۇستا بىر ئادەمنى تېپىپ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 009 1SA 016 018 غۇلاملاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ چىلتارغا ئۇستا بىر ئوغلىنى كۆردۈم. ئۇ ئۆزى باتۇر بىر جەڭچى، گەپتە ھوشيار ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، دېدى. 009 1SA 016 019 شۇنىڭ بىلەن سائۇل يەسسەگە ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: ــ قوي باقىدىغان ئوغلۇڭ داۋۇتنى ماڭا ئەۋەتكىن، دەپ ئېيتتى. 009 1SA 016 020 يەسسە بىر ئېشەكنى تەييارلاپ ئۇنىڭغا نان بىلەن بىر تۇلۇم شاراب ۋە بىر ئوغلاقنى ئارتىپ، بۇلارنى ئوغلى داۋۇتنىڭ قولى بىلەن سائۇلغا ئەۋەتتى. 009 1SA 016 021 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. سائۇل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولدى. 009 1SA 016 022 ئاندىن سائۇل يەسسەگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ داۋۇت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۇ نەزىرىمگە ياقتى، دەپ ئېيتتى. 009 1SA 016 023 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ [يامان] روھ خۇدا تەرىپىدىن سائۇلنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە داۋۇت چىلتارنى ئېلىپ قولى بىلەن چالدى. بۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ ھالى ئوبدان بولۇپ يامان روھ ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. 009 1SA 017 001 ئەمما فىلىستىيلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئۇلار يەھۇداغا تەۋە سوكوھدا جەم بولۇپ، سوكوھ بىلەن ئازىكاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىمدا چېدىرلارنى تىكتى. 009 1SA 017 002 سائۇل بىلەن ئىسرائىللارمۇ جەم بولۇپ ئېلاھ جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى سەپ تۈزدى. 009 1SA 017 003 فىلىستىيلەر بىر تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار يەنە بىر تەرەپتىكى تاغدا تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدا جىلغا بار ئىدى. 009 1SA 017 004 شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن گاتلىق گولىئات ئىسىملىك بىر چېمپىيون پالۋان چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە گەز بىر غېرىچ ئىدى. 009 1SA 017 005 بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا قاسىراقلىق ساۋۇت كىيگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مىس ساۋۇتى بولسا بەش مىڭ شەكەل كېلەتتى. 009 1SA 017 006 پاچاقلىرىغا مىستىن تىزلىق باغلىغان، ئۆشنىسىگە مىس ئاتما نەيزە قىستۇرىۋالغانىدى. 009 1SA 017 007 ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. 009 1SA 017 008 ئۇ ئورنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق توۋلايتتى: ــ «سىلەر نېمىشقا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزگەنسىلەر؟ مەن فىلىستىي ئەمەسمۇ؟ سىلەر بولساڭلار سائۇلنىڭ قۇللىرىغۇ؟ ئاراڭلاردىن بىر ئادەمنى تاللاپ چىقىڭلار، ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىشقا چۈشسۇن! 009 1SA 017 009 ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر». 009 1SA 017 010 شۇ فىلىستىي يەنە سۆز قىلىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلدىمغۇ؟ سىلەر بىر ئادەمنى چىقىرىڭلار، بىز ئېلىشايلى! ــ دېدى. 009 1SA 017 011 سائۇل بىلەن ھەممە ئىسرائىل بۇ فىلىستىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ بەك قورقتى. 009 1SA 017 012 داۋۇت يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق يەسسە دېگەن ئەفراتلىق ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. يەسسەنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. 009 1SA 017 013 يەسسەنىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى ئېلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ شامماھ ئىدى. 009 1SA 017 014 داۋۇت ھەممىدىن كىچىكى ئىدى. ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇلغا ئەگىشىپ چىققانىدى. 009 1SA 017 015 بەزىدە داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كېلەتتى. 009 1SA 017 016 ئاشۇ فىلىستىي بولسا قىرىق كۈنگىچىلىك ھەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىقىپ تۇردى. 009 1SA 017 017 يەسسە ئوغلى داۋۇتقا: ــ بۇ ئەفاھ قوماچنى ۋە بۇ ئون ناننى ئېلىپ لەشكەرگاھغا تېز بېرىپ ئاكىلىرىڭغا بەرگىن، 009 1SA 017 018 بۇ ئون پارچە قۇرۇتنى ئۇلارنىڭ مىڭبېشىغا بېرىپ ئاكىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارنىڭ كېپىل خېتىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 009 1SA 017 019 سائۇل، شۇ [ئۈچ ئوغۇل] ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېلاھ جىلغىسىدا تۇرۇپ فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭ قىلاتتى. 009 1SA 017 020 داۋۇت بولسا ئەتىسى سەھەر قوپۇپ قويلارنى بىر باققۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئاشلىق-تۈلۈكنى ئېلىپ يەسسە ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك، قوشۇن ئىستىھكامىغا يەتكەندە، جەڭگە چىقىدىغان لەشكەرلەر سۆرەن كۆتۈرۈۋاتقانىدى. 009 1SA 017 021 ئىسرائىل ۋە فىلىستىيلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ سوقۇشقا سەپ تۈزدى. 009 1SA 017 022 داۋۇت بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ سەپ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى. 009 1SA 017 023 ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، فىلىستىيلەردىن بولغان گولىئات دېگەن چېمپىئون پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ سېپىدىن چىقىپ يەنە ھېلىقى گەپنى قىلدى؛ داۋۇت ئۇنى ئاڭلىدى. 009 1SA 017 024 ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىشتى ۋە بەك قورقتى. 009 1SA 017 025 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى. 009 1SA 017 026 داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 017 027 خالايىق ئۇنىڭغا ئالدىنقىلارنىڭ دېگەن سۆزى بويىچە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە مۇنداق-مۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. 009 1SA 017 028 لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىئاب ئۇنىڭ ئۇ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدى؛ ئېلىئابنىڭ داۋۇتقا ئاچچىقى كېلىپ: ــ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ چۆلدىكى ئۇ ئازغىنە قوينى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ مەن كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. سەن ئالايىتەن جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، دېدى. 009 1SA 017 029 داۋۇت: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ پەقەت بىر سۆز قىلسام بولمامدىكەن؟ ــ دېدى. 009 1SA 017 030 داۋۇت بۇرۇلۇپ باشقىسىدىن ئالدىنقىدەك سورىدى، خەلق ئالدىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. 009 1SA 017 031 ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى. 009 1SA 017 032 داۋۇت سائۇلغا: ــ بۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرىكى سۇ بولمىسۇن. سىلىنىڭ قۇللىرى بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ، دېدى. 009 1SA 017 033 سائۇل داۋۇتقا: ــ سەن بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى بارساڭ بولمايدۇ! سەن تېخى ياش، ئەمما ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپلا جەڭچى ئىدى، دېدى. 009 1SA 017 034 داۋۇت سائۇلغا: ــ قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە، 009 1SA 017 035 مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم. 009 1SA 017 036 قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى. 009 1SA 017 037 داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: ــ بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى. 009 1SA 017 038 ئاندىن سائۇل داۋۇتقا ئۆز جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا مىس دۇبۇلغىنى تاقاپ ۋە ئۇنىڭغا بىر جەڭ ساۋۇتىنى كىيگۈزدى. 009 1SA 017 039 داۋۇت بولسا سائۇلنىڭ قىلىچىنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ، مېڭىپ باقتى؛ چۈنكى ئۇ بۇلارنى كىيىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن بۇلارنى كىيىپ ماڭالمايدىكەنمەن؛ چۈنكى بۇرۇن كىيىپ باقمىغان، دەپ ئۇلارنى سېلىۋەتتى. 009 1SA 017 040 ئۇ قولىغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ئېرىقتىن بەش سىلىق تاش ئىلغاپ پادىچى خالتىسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى؛ ئۇ سالغۇسىنى قولىغا ئېلىپ فىلىستىيگە يېقىن باردى. 009 1SA 017 041 فىلىستىي بولسا چىقىپ داۋۇتقا يېقىنلاشتى، قالقان كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 009 1SA 017 042 فىلىستىي داۋۇتقا بىرقۇر سەپسېلىپ قاراپ مەسخىرە قىلدى. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، بۇغداي ئۆڭلۈك ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. 009 1SA 017 043 فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى. 009 1SA 017 044 فىلىستىي داۋۇتقا يەنە: ــ بۇ ياققا كەل، مەن گۆشۈڭنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىمەن، دېدى. 009 1SA 017 045 داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى. 009 1SA 017 046 «دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ 009 1SA 017 047 ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». 009 1SA 017 048 فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى. 009 1SA 017 049 داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. 009 1SA 017 050 شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى. 009 1SA 017 051 داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى. 009 1SA 017 052 ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بولسا ئورنىدىن قوپۇپ سۆرەن سېلىشىپ فىلىستىيلەرنى جىلغىغىچە ۋە ئەكرون دەرۋازىلىرىغىچە كەينىدىن قوغلاپ كەلدى؛ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيلەر شائارائىمغا بارىدىغان يولدا گات ۋە ئەكرونغىچە يېتىپ كەتكەنىدى. 009 1SA 017 053 ئىسرائىل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن يېنىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 009 1SA 017 054 داۋۇت فىلىستىينىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇنىڭ يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىغا قويدى. 009 1SA 017 055 سائۇل داۋۇتنىڭ فىلىستىينىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرگەندە قوشۇننىڭ سەردارى ئابنەردىن: ــ ئى ئابنەر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. ئابنەر: ــ ئى پادىشاھ، ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىلمەيمەن، دېدى. 009 1SA 017 056 پادىشاھ: ــ بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن دەپ سوراپ باققىن، دېدى. 009 1SA 017 057 داۋۇت فىلىستىينى قىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابنەر ئۇنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ فىلىستىينىڭ بېشى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. 009 1SA 017 058 سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 018 001 داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى. 009 1SA 018 002 سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى. 009 1SA 018 003 يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. 009 1SA 018 004 يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى. 009 1SA 018 005 سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ئەۋەتسە ئۇ شۇ يەرگە باراتتى، شۇنداقلا ئىشلارنى جايىدا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئىش بارلىق خەلققە ۋە ھەم سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ ياقتى. 009 1SA 018 006 داۋۇت فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن يانغاندا ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىكى قىز-ئاياللار سائۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغىلى چىقتى؛ ئۇلار خۇشلۇق ئىچىدە داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىشتى. 009 1SA 018 007 قىز-ئاياللار نەغمە چالغاندا: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى. 009 1SA 018 008 بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى. 009 1SA 018 009 شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇتنى كۆزلەپ يۈردى. 009 1SA 018 010 ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى. ئەمدى داۋۇت باشقا ۋاقىتتىكىدەك قولى بىلەن چىلتار چالدى؛ سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 009 1SA 018 011 سائۇل: ــ داۋۇتنى تامغا نەيزە بىلەن قادىۋېتىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى؛ لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. 009 1SA 018 012 پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەنلا بولۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكىنى ئۈچۈن سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. 009 1SA 018 013 شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل داۋۇتنى ئۆز يېنىدىن ئايرىپ، ئۇنى لەشكەرلەرگە مىڭبېشى قىلىپ قويدى؛ ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى. 009 1SA 018 014 داۋۇت بولسا ھەممە ئىشلارنى پەم بىلەن قىلاتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 009 1SA 018 015 سائۇل ئۇنىڭ پەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى. 009 1SA 018 016 ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا خەلقى داۋۇتنى سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى. 009 1SA 018 017 سائۇل داۋۇتقا: ــ مانا، چوڭ قىزىم مېراب ــ مەن ئۇنى ساڭا خوتۇنلۇققا بەرگۈم بار. سەن پەقەت خىزمىتىمگە جان-پىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە كۈرەش قىلغىن، دېدى. چۈنكى سائۇل ئىچىدە: ــ ئۇ مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيلەرنىڭ قولى بىلەن يوقىتىلسۇن، دەپ خىيال قىلغانىدى. 009 1SA 018 018 ئەمما داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى. 009 1SA 018 019 لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەھولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىلدى. 009 1SA 018 020 ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىقالنىڭ كۆڭلى داۋۇتقا چۈشكەنىدى. باشقىلار بۇنى سائۇلغا ئېيتتى، بۇ ئىشتىن سائۇل خۇش بولدى. 009 1SA 018 021 سائۇل: ــ قىزىمنى داۋۇتقا بېرەي، ئۇ ئۇنىڭغا بىر سىرتماق بولۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىلسۇن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتقا: ــ بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۈيئوغلۇم بولىسەن، دېدى. 009 1SA 018 022 سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا: ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن: ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى. 009 1SA 018 023 سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت: ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى. 009 1SA 018 024 سائۇلنىڭ غۇلاملىرى سائۇلغا داۋۇتنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى. 009 1SA 018 025 سائۇل: ــ سىلەر داۋۇتقا: ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى). 009 1SA 018 026 غۇلاملار بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يەتكۈزدى؛ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش داۋۇتقا يېقىپ قالدى. ئەمدى بېكىتىلگەن مۆھلەت توشمايلا، 009 1SA 018 027 داۋۇت تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىينى ئۆلتۈردى. داۋۇت ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ ئېلىپ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا تاپشۇردى. سائۇل قىزى مىقالنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 009 1SA 018 028 سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز قىزى مىقالنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ 009 1SA 018 029 داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۈزلۈكسىز داۋۇتقا دۈشمەن بولدى. 009 1SA 018 030 فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى دائىم سوقۇشقا چىقاتتى؛ ئەمما ھەر قېتىم چىقسىلا داۋۇتنىڭ ئىشلىرى سائۇلنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى [خالايىق] تەرىپىدىن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى. 009 1SA 019 001 سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىگە داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا بەك ئامراق ئىدى. 009 1SA 019 002 يوناتان داۋۇتقا: ــ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى؛ ئەمدى ئەتە ئەتىگەن قاتتىق ئېھتىيات قىلغىن، بىر مەخپىي جاينى تېپىپ ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ 009 1SA 019 003 مەن ئۆزۈم چىقىپ سەن يوشۇرۇنغان ئېتىزلىققا بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاتام بىلەن سېنىڭ توغراڭدا سۆزلىشىپ باقاي؛ ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ساڭا خەۋەر قىلاي، دېدى. 009 1SA 019 004 يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: ــ پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارىغا، يەنى داۋۇتقا يامانلىق قىلمىغاي! چۈنكى ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان؛ بەلكى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆزۈڭگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن: ــ 009 1SA 019 005 ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قوپۇپ ھېلىقى فىلىستىينى ئۆلتۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن چوڭ نۇسرەت بەردى. شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭ كۆرۈپ خۇش بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇتنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكۈپ گۇناھكار بولماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى. 009 1SA 019 006 سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە كىردى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمايدۇ، دېدى. 009 1SA 019 007 ئاندىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ، داۋۇتقا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 009 1SA 019 008 ئەمما يەنە جەڭ بولدى؛ داۋۇت چىقىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىرىپ مەغلۇپ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قېچىستى. 009 1SA 019 009 ئەمدى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ يەنە سائۇلنى باستى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى؛ داۋۇت بولسا قولى بىلەن ساز چېلىپ تۇراتتى. 009 1SA 019 010 سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇتنى سانجىپ تامغا قاداپ قويماقچى بولىۋىدى، لېكىن داۋۇت ئۆزىنى قاچۇرۇۋالدى، نەيزە تامغا قادىلىپ قالدى. داۋۇت شۇ كېچىسى قېچىپ قۇتۇلدى. 009 1SA 019 011 سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى. 009 1SA 019 012 شۇڭا مىقال داۋۇتنى پەنجىردىن چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى. 009 1SA 019 013 ئاندىن مىقال بىر «تەرافىم» بۇتنى ئېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان بىر ياستۇقنى قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويدى. 009 1SA 019 014 سائۇل داۋۇتنى تۇتۇش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكەندە مىقال: ــ ئۇ ئاغرىپ قالدى، دېدى. 009 1SA 019 015 سائۇل چاپارمەنلەرنى [قايتىدىن] ئەۋەتىپ: ــ ئۇنى كارىۋات بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ بۇيرۇدى. 009 1SA 019 016 چاپارمەنلەر كىرگەندە، مانا كارىۋاتتا بۇ بۇت ياتاتتى، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان ياستۇق قويۇلغانىدى. 009 1SA 019 017 سائۇل مىقالغا: ــ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ ــ دېدى. مىقال سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن؛ بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، دېدى. 009 1SA 019 018 داۋۇت قېچىپ قۇتۇلۇپ، راماھقا سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئىل بىلەن نايوتقا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. 009 1SA 019 019 بىرسى سائۇلغا: ــ داۋۇت راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ خەۋەر بەردى. 009 1SA 019 020 سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئەمما ئۇلار يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر جامائىتى بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئىلنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشۈپ، ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. 009 1SA 019 021 بۇ خەۋەر سائۇلغا ئېيتىلدى؛ ئۇ يەنە باشقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. ئاندىن سائۇل ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. 009 1SA 019 022 ئاندىن سائۇل ئۆزى راماھقا بېرىپ، سەقۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يېتىپ كەلگەندە، «سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە؟» ــ دەپ سورىدى. بىرسى: ــ ئۇلار راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى. 009 1SA 019 023 شۇڭا ئۇ راماھدىكى نايوتقا يېتىپ كەلدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پىيادە مېڭىپ راماھدىكى نايوتقا بارغۇچە بېشارەت بېرىپ ماڭدى. 009 1SA 019 024 ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدا بېشارەت بەردى؛ پۈتۈن بىر كېچە ۋە پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇ يەردە يالىڭاچ ياتتى. بۇنىڭ بىلەن: ــ «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. 009 1SA 020 001 داۋۇت راماھدىكى نايوتتىن قېچىپ يوناتاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ نېمە قەبىھلىك قىلىپتىمەن؟ ئاتاڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 002 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ يوقسۇ، بۇنداق ئىش نېرى بولسۇن! سەن ئۆلمەيسەن. چوڭ ئىش بولسۇن، كىچىك ئىش بولسۇن ئاتام ماڭا دېمەي قويمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرىدىكىنە؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. 009 1SA 020 003 لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى. 009 1SA 020 004 يوناتان داۋۇتقا: ــ كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، دېدى. 009 1SA 020 005 داۋۇت يوناتانغا مۇنداق دېدى: ــ مانا ئەتە «يېڭى ئاي» بولىدۇ؛ مەن ئادەتتىكىدەك پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولمىسام بولمايدۇ. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ئۈچىنچى كۈنى ئاخشىمىغىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي. 009 1SA 020 006 ئاتاڭ مېنىڭ سورۇندا يوقلۇقىمنى كۆرۈپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا: «داۋۇت مەندىن ئۆز شەھىرى بەيت-لەھەمگە تېزراق بېرىپ كېلىشكە جىددىي رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتكۈل ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزىدىكەن»، دېگىن، دېدى. 009 1SA 020 007 ئەگەر ئۇ: ــ ئوبدان بوپتۇ، دېسە، قۇلۇڭ تىنچ-ئامان بولىدۇ: ــ لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، ئۇنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغىن. 009 1SA 020 008 سەن قۇلۇڭغا ئىلتىپات كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنى ئەھدىلەشتۈرگەنسەن. لېكىن ئەگەر مەندە بىر يامانلىق بولسا سەن ئۆزۈڭلا مېنى ئۆلتۈرگىن؛ مېنى ئېلىپ بېرىپ ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 009 يوناتان: ــ ئۇنداق خىيال سەندىن نېرى بولسۇن! ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 010 داۋۇت يوناتانغا: ــ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قاتتىق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 011 يوناتان داۋۇتقا: ــ كەلگىن، دالاغا چىقايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى. 009 1SA 020 012 يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [گۇۋاھكى]، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنى بىلىپ، ساڭا ئىلتىپاتلىق بولسا، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ساڭا مەلۇم قىلمامدىم؟ 009 1SA 020 013 ئەگەر ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن سېنى تىنچ-ئامان يولغا سېلىش ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ خەۋەر بەرمىسەم، پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن؛ ئەمدى پەرۋەردىگار ئاتام بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن. 009 1SA 020 014 ھاياتلا بولسام مېنى ئۆلمىسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن. 009 1SA 020 015 مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن». 009 1SA 020 016 شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇتنىڭ جەمەتى بىلەن ئەھدە قىلىشىپ: ــ پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالسۇن، دېدى. 009 1SA 020 017 ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. 009 1SA 020 018 يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقىڭغا دىققەت قىلىدۇ. 009 1SA 020 019 ئۈچىنچى كۈنى سەن چۈشۈپ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان جايغا بېرىپ «ئېزەل» دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن. 009 1SA 020 020 مەن تاشنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا خۇددى نىشاننى قارالىغاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتاي. 009 1SA 020 021 ئاندىن غۇلامنى ماڭدۇرۇپ: ــ «يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» ــ دەيمەن. ئەگەر مەن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئارقا تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەل، دېسەم، سەن چىقىپ يېنىمغا كەلگىن؛ شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ. 009 1SA 020 022 لېكىن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئالدىڭدا تۇرىدۇ، دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار سېنى كەتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. 009 1SA 020 023 ئەمدىلىكتە مەن بىلەن سەن سۆزلەشكەن ئىش توغرۇلۇق، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا گۇۋاھچىدۇر. 009 1SA 020 024 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ تائام يېگىلى داستىخاندا ئولتۇردى. 009 1SA 020 025 پادىشاھ بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ئورنىدا تامنىڭ يېنىدىكى تۆردە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى، ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالدى. 009 1SA 020 026 ئەمما سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇ: ــ داۋۇتقا بىر ئىش بولدى، ئۇ ناپاك بولۇپ قالدى. ئۇ جەزمەن ناپاك بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. 009 1SA 020 027 لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئەتىسىمۇ، يەنى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش ئىدى. سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: ــ نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلى ياكى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن تاماققا كەلمەيدۇ، دەپ سورىدى. 009 1SA 020 028 يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت بەيت-لەھەمگە بارغىلى مەندىن جىددىي رۇخسەت سوراپ: ــ 009 1SA 020 029 مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، ئائىلىمىزنىڭ شەھەردە بىر قۇربانلىق ئىشى بولغاچ ئاكام مېنىڭ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ؛ ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە رۇخسەت بەرگىن، دېدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كەلمىدى، دېدى. 009 1SA 020 030 سائۇلنىڭ يوناتانغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ: ــ ئى بۇزۇق، كاج خوتۇننىڭ ئوغلى، نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلىنى ئۆزۈڭگە تاللاپ، ئۆزۈڭنى شەرمەندە قىلىپ ۋە ئاناڭنى نومۇسقا قويغىنىڭنى بىلمەمدىمەن؟ 009 1SA 020 031 ئەگەر يەسسەنىڭ ئوغلى يەر يۈزىدە تىرىك بولسىلا، سەن ھەم سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە مەھكەمدۇر! ــ دېدى. 009 1SA 020 032 يوناتان ئاتىسى سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؟ ئۇ نېمە قىپتۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 033 ئاندىن سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەيزىنى ئاتتى؛ بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتتى. 009 1SA 020 034 يوناتان بولسا قاتتىق ئاچچىقلاپ داستىخاندىن قوپۇپ كەتتى ۋە يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېچ تائام يېمىدى. چۈنكى ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى شۇنداق ھاقارەتلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بولغانىدى. 009 1SA 020 035 ئەتىسى يوناتان دالاغا چىقىپ داۋۇت بىلەن كېلىشكەن جايغا باردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك غۇلام بىللە باردى. 009 1SA 020 036 ئۇ غۇلامغا: ــ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. غۇلام يۈگۈردى، ئۇ بىر ئوقنى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتتى. 009 1SA 020 037 غۇلام يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن جايغا كەلگەندە يوناتان غۇلامنى چاقىرىپ: ــ ئوق سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 020 038 ئاندىن يوناتان غۇلامنى يەنە چاقىرىپ: ــ بول، ئىتتىك بول، ھايال بولمىغىن! ــ دېدى. يوناتاننىڭ غۇلامى يا ئوقىنى يىغىپ غوجىسىغا ئېلىپ كەلدى. 009 1SA 020 039 لېكىن غۇلامنىڭ بولغان ئىشتىن خەۋىرى ئۇق ئىدى. بۇنى يالغۇز يوناتان بىلەن داۋۇتلا بىلەتتى. 009 1SA 020 040 ئاندىن يوناتان غۇلامىغا ياراغلىرىنى بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن، دېدى. 009 1SA 020 041 غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى. 009 1SA 020 042 يوناتان داۋۇتقا: ــ سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى. 009 1SA 021 001 داۋۇت ئەمدى نوبقا كېلىپ ئاخىمەلەك كاھىننىڭ قېشىغا باردى. لېكىن ئاخىمەلەك داۋۇتنى كۆرگەندە تىترەپ قورقۇپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىرىمۇ سەن بىلەن كەلمەي يالغۇز كەلدىڭ؟ ــ دېدى. 009 1SA 021 002 داۋۇت ئاخىمەلەك كاھىنغا: ــ پادىشاھ ماڭا مەلۇم بىر ئىشنى بۇيرۇپ: ــ مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىش ياكى ساڭا تاپىلغان يوليورۇق توغرىسىدىن ھېچكىم بىرنېمە بىلمىسۇن، دېگەنىدى. ئۆز غۇلاملىرىمنى بولسا مەلۇم بىر جايغا بېرىشقا بېكىتىپ قويدۇم. 009 1SA 021 003 ئەمدى قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان، ياكى نېمە بولسا، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. 009 1SA 021 004 كاھىن داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نان بار. ئەگەر غۇلاملار ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا يېسە راۋا بولىدۇ، دېدى. 009 1SA 021 005 داۋۇت كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن باشقا ۋاقىتلاردا چىققىنىمغا ئوخشاش، ئاياللار بىزدىن يىراق بولغىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن [ھەرقېتىم] چىققاندا، گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ، دېدى. 009 1SA 021 006 شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى، چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭى ئىسسىق نان قويۇلغان كۈنى ئالماشتۇرۇلغان نانلار ئىدى 009 1SA 021 007 (لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى). 009 1SA 021 008 داۋۇت ئاخىمەلەككە: ــ قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ يوقمۇ؟ پادىشاھ تاپشۇرغان ئىش جىددىي بولغاچ ياكى قىلىچ ياكى باشقا ياراغلىرىمنى ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى. 009 1SA 021 009 كاھىن: ــ سەن ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە بار، ئۇ ئەفودنىڭ كەينىدە، بىر پارچە رەختكە ئوراقلىق ھالدا تۇرىدۇ. خالىساڭ ئالغىن، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق، دېدى. داۋۇت: ــ بۇ تەڭدىشى يوق قىلىچتۇر، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. 009 1SA 021 010 داۋۇت ئۇ كۈنى قوپۇپ سائۇلدىن قېچىپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. 009 1SA 021 011 لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ــ دەپ ناخشا-غەزەل ئوقۇشۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان ئەمەسمۇ، دېدى. 009 1SA 021 012 داۋۇت بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشتىن بەك قورقتى. 009 1SA 021 013 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزىنى ساراڭدەك كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىپ، تۈكۈرۈكىنى ساقىلىغا ئاقتۇراتتى. 009 1SA 021 014 ئاقىش خىزمەتكارلىرىغا: ــ مانا بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمسىلەر؟ ئۇنى نېمىشقا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ 009 1SA 021 015 مەندە ساراڭلار كەمچىلمىدى؟ سىلەر بۇ كىشىنى ئالدىمغا ساراڭلىق قىلغىلى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىشى كېرەكمۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 022 001 داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ ئادۇللامدىكى غارغا قاچتى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتى بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى. 009 1SA 022 002 ئېزىلگەن، قەرزدار بولغان ۋە دەردمەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەملەر بولسا تۆت يۈزچە ئىدى. 009 1SA 022 003 داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ موئابدىكى مىزپاھقا بېرىپ موئابنىڭ پادىشاھىدىن: ــ خۇدانىڭ مېنى نېمە قىلىدىغىنىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئاراڭلاردا تۇرۇشىغا يول قويغايلا، دەپ تەلەپ قىلدى. 009 1SA 022 004 داۋۇت ئاتىسى ۋە ئانىسىنى موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. داۋۇت قورغاندا تۇرغان پۈتكۈل كۈنلەردە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى. 009 1SA 022 005 ئەمما گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: ــ قورغاندا تۇرماي، بۇ يەردىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەرەت ئورمانلىقىغا باردى. 009 1SA 022 006 سائۇل داۋۇتنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بۇ ۋاقىتتا راماھدىكى گىبېئاھدا ئېگىز بىر جايدا يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا نەيزىسى بار ئىدى، بارلىق خىزمەتكارلىرى چۆرىسىدە تۇراتتى. 009 1SA 022 007 سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلىرىغا: ــ ئى بىنيامىنلىقلار، قۇلاق سېلىڭلار! يەسسەنىڭ ئوغلى ھەر بىرىڭلارغا ئېتىزلار بىلەن ئۈزۈمزارلارنى تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ ھەممىڭلارنى مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قىلامدۇ؟ 009 1SA 022 008 سىلەر ھەممىڭلار ماڭا قەست قىلدىڭلار، ئۆز ئوغلۇمنىڭ يەسسەنىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلىشقىنىنى ھېچكىم ماڭا ئۇقتۇرمىدى. ھېچ قايسىڭلار ماڭا ئىچ ئاغرىتمىدىڭلار ياكى ئۆز ئوغلۇمنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىمنى ماڭا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقىنىدىن ماڭا خەۋەر بەرمىدىڭلار، دېدى. 009 1SA 022 009 ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ: ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم، 009 1SA 022 010 ــ ئاخىمەلەك ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى ۋە ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچىنى بەردى» ــ دېدى. 009 1SA 022 011 پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، يەنى نوبدىكى كاھىنلارنىمۇ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. 009 1SA 022 012 سائۇل: ــ ئى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاڭلىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئى غوجام، مانا مەن، دېدى. 009 1SA 022 013 سائۇل ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا سىلەر، سەن بىلەن يەسسەنىڭ ئوغلى، ماڭا قەست قىلىسىلەر؟ سەن ئۇنىڭغا نان ۋە قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سورىدىڭغۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ بۈگۈنكىدەك ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ پايلاپ يۈرمەكتە! ــ دېدى. 009 1SA 022 014 ئاخىمەلەك پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا داۋۇتدەك سادىق كىم بار؟ ئۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى، سىلىنىڭ مەخپىي مەسلىھەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ۋە ئوردىلىرى ئىچىدە ئىززەتلىك ئەمەسمىدى؟ 009 1SA 022 015 مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سوراشنى بۈگۈنلا باشلىدىممۇ؟ [ئاسىيلىق] قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! پادىشاھ ئۆز قۇلىنى ۋە ئاتامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا، چۈنكى قۇللىرىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرى يوق، دېدى. 009 1SA 022 016 لېكىن پادىشاھ: ــ ئى ئاخىمەلەك، سەن ئۆلىسەن، سەن ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتى چوقۇم ئۆلىسىلەر، دېدى. 009 1SA 022 017 پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى چاپارمەنلىرىگە: ــ ماڭ، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇلار ھەم داۋۇتقا ھەمدەم بولدى ھەم ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا خەۋەر بەرمىدى، دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرگىلى ئۇنىمىدى. 009 1SA 022 018 ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى. 009 1SA 022 019 ئاندىن ئۇ كاھىنلارنىڭ شەھىرى نوبدا ئولتۇرغۇچىلارنى قىردى، يەنى ئەر ۋە ئاياللار، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قويلار ــ ھەممىسىنى قىلىچلىدى. 009 1SA 022 020 ئەمما ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئابىياتار دېگەن بىر ئوغلى قۇتۇلۇپ داۋۇتنىڭ قېشىغا قېچىپ كەلدى. 009 1SA 022 021 ئابىياتار داۋۇتقا سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى، دەپ خەۋەر بەردى. 009 1SA 022 022 داۋۇت ئابىياتارغا: ــ ئۇ كۈنى دوئەگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەزمەن سائۇلغا خەۋەر بېرىدىغىنىنى بىلگەنىدىم. مەن ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە زامىن بولدۇم، دېدى. 009 1SA 022 023 مەن بىلەن بىللە تۇرغىن، ھېچ قورقمىغىن. چۈنكى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ھەم ئالماقچى. مېنىڭ قېشىمدا بىخەتەر تۇرىسەن، دېدى. 009 1SA 023 001 بىرسى داۋۇتقا خەۋەر بېرىپ: ــ مانا فىلىستىيلەر كېئىلاھغا ھۇجۇم قىلىپ خامانلارنى بۇلاپ-تالىماقتا، دېدى. 009 1SA 023 002 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ مەن بېرىپ بۇ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ بېرىپ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىپ كېئىلاھنى ئازاد قىلغىن، دېدى. 009 1SA 023 003 لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقىۋاتقان يەردە، كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلساق قانداق بولار؟ ــ دېدى. 009 1SA 023 004 شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. 009 1SA 023 005 بۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشۇپ، ماللىرىنى ئولجا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى. داۋۇت شۇنداق قىلىپ كېئىلاھدا تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزدى. 009 1SA 023 006 ئەمدى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابىياتار كېئىلاھغا قېچىپ كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قولىدا ئەفود بار ئىدى. 009 1SA 023 007 بىرسى سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھغا كەپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل: ــ ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاشلاپ تاپشۇردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بار شەھەرگە كىرگەچكە سولۇنۇپ قالدى، دېدى. 009 1SA 023 008 ئەمدى سائۇل داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەممە خەلقنى كېئىلاھغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا چاقىردى. 009 1SA 023 009 داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 009 1SA 023 010 ئاندىن داۋۇت: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، مەنكى سېنىڭ قۇلۇڭ سائۇلنىڭ بۇ شەھەرنى مېنىڭ سەۋەبىمدىن خاراب قىلىش ئۈچۈن كېئىلاھغا كېلىشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى. 009 1SA 023 011 كېئىلاھدىكىلەر مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟ سائۇل ئۆز بەندەڭ ئاڭلىغاندەك بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئۆز بەندەڭگە بىلدۈرگەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېدى. 009 1SA 023 012 داۋۇت يەنە: ــ كېئىلاھتىكىلەر مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ، دېدى. 009 1SA 023 013 ئەمدى داۋۇت ئادەملىرى بىلەن (تەخمىنەن ئالتە يۈزچە) ئورنىدىن تۇرۇپ كېئىلاھدىن چىقىپ، ئۆزلىرى بارالايدىغان تەرەپكە قاراپ كەتتى. سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھتىن قېچىپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەندە ئۇ ئۇنى قوغلاشقا چىقمىدى. 009 1SA 023 014 داۋۇت بولسا چۆلدىكى قورغان-قىيالاردا ھەمدە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى ئىزدەيتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرمىدى. 009 1SA 023 015 ئەمدى داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. 009 1SA 023 016 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بولسا ئورمانلىققا چىقىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى خۇدا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ــ 009 1SA 023 017 قورقمىغىن؛ چۈنكى ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ. سەن بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن، مەن بولسام سېنىڭ ۋەزىرىڭ بولىمەن، بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ، دېدى. 009 1SA 023 018 ئاندىن ئۇلار ئىككىيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى؛ داۋۇت بولسا، ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدى، يوناتان ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. 009 1SA 023 019 شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنىۋالدى، بىلمەمدىلا؟ 009 1SA 023 020 شۇڭا، ئى پادىشاھ، قاچان كۆڭۈللىرى تارتسا شۇ چاغدا كەلسىلە؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىشتۇر، دېدى. 009 1SA 023 021 سائۇل: ماڭا ئىچ ئاغرىتقىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 009 1SA 023 022 ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بېرىپ زادى قايسى يەردە تۇرىدىغىنىنى جەزملەشتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاپ، ۋە كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كېلىڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر ئېيتىشىچە ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ئىكەن، دېدى. 009 1SA 023 023 شۇڭا بېرىپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان بارلىق مەخپىي جايلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ كېلىڭلار، يېنىمغا يېنىپ كېلىپ ماڭا ئەينىنى ئېيتىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا بولسىلا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىڭلىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن، دېدى. 009 1SA 023 024 ئۇلار قوپۇپ سائۇلدىن ئىلگىرى زىفقا باردى؛ لېكىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن مائون چۆللۈكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى. 009 1SA 023 025 سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇتنى ئىزدەپ باردى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ، قىياغا بېرىپ مائون چۆلىدە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مائوننىڭ چۆلىگە چىقتى. 009 1SA 023 026 سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە ماڭدى، ئەمما داۋۇت ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭدى. داۋۇت سائۇلدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانىدى؛ لېكىن سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىمىز دەپ ئۇلارنى قورشىغىلى تۇردى. 009 1SA 023 027 ئەمما بىر خەۋەرچى سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ فىلىستىيلەر زېمىنىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، تېزدىن قايتسىلا، دېدى. 009 1SA 023 028 شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېنىپ داۋۇتنى قوغلاشتىن توختاپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقىلى چىقتى. شۇڭا ئۇ يەر سېلا-خامماھلېكوت دەپ ئاتالدى. 009 1SA 023 029 داۋۇت بولسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئەن-گەدىنىڭ تاغ-قورغانلىقىدا تۇردى. 009 1SA 024 001 سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ يانغاندا ئۇنىڭغا: ــ مانا، داۋۇت ئەن-گەدىدىكى چۆلدە تۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. 009 1SA 024 002 سائۇل ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى «ياۋا تېكىلەر» قورام تاشلىقىغا چىقتى. 009 1SA 024 003 ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى. 009 1SA 024 004 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا: ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. 009 1SA 024 005 لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى. 009 1SA 024 006 ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى. 009 1SA 024 007 شۇ سۆز بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ سائۇلغا چېقىلغىلى قويمىدى. سائۇل بولسا قوپۇپ غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا كەتتى. 009 1SA 024 008 ئاندىن داۋۇتمۇ تۇرۇپ غاردىن چىقىپ سائۇلنىڭ كەينىدىن: ــ ئى غوجام پادىشاھ! ــ دەپ چاقىردى. سائۇل كەينىگە قاراۋىدى، داۋۇت ئېگىلىپ يۈزىنى يەرگە ياققان ھالدا تەزىم قىلدى. 009 1SA 024 009 داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، داۋۇت سېنى قەستلەشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە نېمىشقا قۇلاق سالىلا؟ 009 1SA 024 010 مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ: ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم. 009 1SA 024 011 قارىسىلا، ئى ئاتا، قولۇمدىكى تونلىرىنىڭ پېشىگە. سىلىنى ئۆلتۈرمەي تونلىرىنىڭ پېشىنى كەسكەنلىكىمدىن شۇنى بىلسىلەكى، كۆڭلۈمدە سىلىگە يا يامانلىق يا ئاسىيلىق يوق، سىلىگە گۇناھ قىلغىنىم يوق، لېكىن سىلى جېنىمنى ئالغىلى پايلىماقتىلا. 009 1SA 024 012 پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. 009 1SA 024 013 كونىلار: ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. 009 1SA 024 014 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىدۇ؟ بىر ئۆلۈك ئىتنى، خالاس! يالغۇز بىر بۈرگىنى، خالاس! 009 1SA 024 015 پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى. 009 1SA 024 016 داۋۇت سائۇلغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا سائۇل: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت؟ ــ دېدى. ئاندىن سائۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ كەتتى. 009 1SA 024 017 ئۇ داۋۇتقا: ــ «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن ماڭا ياخشىلىق قايتۇردۇڭ، لېكىن مەن ساڭا يامانلىق قايتۇردۇم. 009 1SA 024 018 سەن بۈگۈن ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەردىڭ؛ پەرۋەردىگار مېنى قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. 009 1SA 024 019 بىرسى ئۆز دۈشمىنىنى تاپسا، ئۇنى ئامان-ئېسەن كەتكىلى قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي. 009 1SA 024 020 ئەمدى مانا، شۇنى بىلدىمكى، سەن جەزمەن پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا تىكلىنىدۇ. 009 1SA 024 021 لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى. 009 1SA 024 022 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلدى. سائۇل ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى؛ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن قورغان-قىياغا چىقىپ شۇ يەردە تۇردى. 009 1SA 025 001 سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى. 009 1SA 025 002 ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى. 009 1SA 025 003 ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. 009 1SA 025 004 داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ 009 1SA 025 005 ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار. 009 1SA 025 006 ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي! 009 1SA 025 007 مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ تەرسىسى يىتىپ كەتمىدى. 009 1SA 025 008 ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى. 009 1SA 025 009 داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى. 009 1SA 025 010 نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا. 009 1SA 025 011 مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى. 009 1SA 025 012 داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى. 009 1SA 025 013 داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى [تاسمىسىغا] ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى. 009 1SA 025 014 ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى. 009 1SA 025 015 بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى. 009 1SA 025 016 بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى. 009 1SA 025 017 ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى. 009 1SA 025 018 ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ 009 1SA 025 019 ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى. 009 1SA 025 020 ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 009 1SA 025 021 داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى. 009 1SA 025 022 ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى. 009 1SA 025 023 ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛ 009 1SA 025 024 ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ 009 1SA 025 025 ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. 009 1SA 025 026 ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن. 009 1SA 025 027 ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن. 009 1SA 025 028 سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ. 009 1SA 025 029 بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ. 009 1SA 025 030 ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى، 009 1SA 025 031 سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا». 009 1SA 025 032 داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! 009 1SA 025 033 ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ. 009 1SA 025 034 لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى. 009 1SA 025 035 ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى. 009 1SA 025 036 ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى. 009 1SA 025 037 لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى. 009 1SA 025 038 ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى. 009 1SA 025 039 داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى. 009 1SA 025 040 داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى. 009 1SA 025 041 ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى. 009 1SA 025 042 ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى. 009 1SA 025 043 داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى. 009 1SA 025 044 لېكىن سائۇل داۋۇتقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىقالنى گاللىمدىكى لائىشنىڭ ئوغلى فالتىغا خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى. 009 1SA 026 001 ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 026 002 سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى. 009 1SA 026 003 سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا 009 1SA 026 004 داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى. 009 1SA 026 005 داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى. 009 1SA 026 006 داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى. 009 1SA 026 007 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى. 009 1SA 026 008 ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى. 009 1SA 026 009 داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى. 009 1SA 026 010 داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. 009 1SA 026 011 پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى. 009 1SA 026 012 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى. 009 1SA 026 013 داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى. 009 1SA 026 014 داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھقا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى. 009 1SA 026 015 داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ. 009 1SA 026 016 سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى. 009 1SA 026 017 سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى. 009 1SA 026 018 ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟ 009 1SA 026 019 ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ. 009 1SA 026 020 ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى. 009 1SA 026 021 سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىق قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى. 009 1SA 026 022 داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن. 009 1SA 026 023 پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم. 009 1SA 026 024 مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى. 009 1SA 026 025 سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى. 009 1SA 027 001 داۋۇت كۆڭلىدە: ــ ھامان بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا تېزدىن قېچىپ كېتىشىمدىن باشقا ئامال يوق. شۇنداق قىلسام سائۇل ئىسرائىل زېمىنى ئىچىدە مېنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىزدەشتىن قول ئۈزىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ ئويلىدى. 009 1SA 027 002 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. 009 1SA 027 003 ئەمدى داۋۇت ۋە ئادەملىرى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گاتتا ئاقىش بىلەن تۇردى. داۋۇت ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە نابالنىڭ تۇل خوتۇنى كارمەللىك ئابىگائىل بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇردى. 009 1SA 027 004 سائۇل: ــ داۋۇت گاتقا قېچىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى. 009 1SA 027 005 داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئەگەر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن سەھرادىكى بىر شەھەردىن بىزگە بىر جاي بەرگەيلا؛ قۇلۇڭ قانداقمۇ شاھانە شەھەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرسۇن، دېدى. 009 1SA 027 006 ئۇ كۈنى ئاقىش ئۇنىڭغا زىكلاگ شەھىرىنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىكلاگ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. 009 1SA 027 007 داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقىت بىر يىل تۆت ئاي بولدى. 009 1SA 027 008 داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى). 009 1SA 027 009 داۋۇت [ھەرقېتىم] زېمىندىكىلەرنى قىرىپ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى ۋە قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ئاقىشنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلەتتى. 009 1SA 027 010 ئاقىش: ــ بۈگۈن قايسى جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدىڭلار، دەپ سورايتتى؛ داۋۇت: ــ يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى ۋە كېنىيلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق، دەيتتى. 009 1SA 027 011 داۋۇت ئەر ياكى ئاياللارنىڭ بىرىنىمۇ گاتقا تىرىك ئېلىپ كەلمەيتتى؛ چۈنكى ئۇ: ــ ئۇلار بىزنىڭ توغرىمىزدىن، «داۋۇت ئۇنداق-مۇنداق قىلدى» دەپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، دەيتتى. داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. 009 1SA 027 012 شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى. 009 1SA 028 001 ئۇ كۈنلەردە فىلىستىيلەر ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن جەزمەن جەڭگە چىقىشىڭ لازىم، دېدى. 009 1SA 028 002 داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئۇنداقتا سىلى قۇللىرىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىلا ــ دېدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ مانا، سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك پاسىبان قىلاي، دېدى. 009 1SA 028 003 (سامۇئىل ئۆلگەنىدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان راماھدا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل بولسا جىنكەشلەر بىلەن پالچىلارنى زېمىندىن قوغلاپ چىقاردى). 009 1SA 028 004 فىلىستىيلەر توپلىشىپ چىقىپ شۇنەمدە چېدىر تىكتى. سائۇلمۇ ھەم پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئاھدا چېدىر تىكتى. 009 1SA 028 005 سائۇل ئەمدى فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇن بارگاھىنى كۆرگەندە قورقۇپ، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتتى. 009 1SA 028 006 سائۇل پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار يا چۈش بىلەن يا «ئۇرىم» بىلەن يا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 009 1SA 028 007 شۇنىڭ بىلەن سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ ماڭا پالچى جىنكەش بىر خوتۇننى تېپىپ بېرىڭلار، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سوراي، دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئەن-دوردا جىنكەش بىر خوتۇن بار ئىكەن، دېدى. 009 1SA 028 008 سائۇل نىقابلىنىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ ئىككى ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ باردى. ئۇلار كېچىسى بېرىپ خوتۇننىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ خوتۇنغا: ــ ماڭا جىن چاقىرىپ پال ئېچىپ، مەن دېگەن بىرسىنى قېشىمغا كەلتۈرگىن، دېدى. 009 1SA 028 009 خوتۇن ئۇنىڭغا: ــ مانا، سائۇلنىڭ قىلغانلىرىنى، يەنى زېمىندىن جىنكەشلەرنى ۋە پالچىلارنى يوقاتقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن؛ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرۈشكە جېنىمغا تۇزاق قويىسەن، دېدى. 009 1SA 028 010 سائۇل ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىش ئۈچۈن ساڭا جازا بولمايدۇ، دېدى. 009 1SA 028 011 خوتۇن: ــ ساڭا كىمنى چىقىرىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ماڭا سامۇئىلنى چىقارغىن، دېدى. 009 1SA 028 012 خوتۇن سامۇئىلنى كۆرگەندە قاتتىق ئاۋاز بىلەن چىرقىرىدى، ئاندىن سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى گوللايسەن؟ سەن ئۆزۈڭ سائۇلغۇ! ــ دېدى. 009 1SA 028 013 پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! نېمىنى كۆردۈڭ؟ ــ دېدى. ئۇ سائۇلغا: ــ مەن بىر ئىلاھنىڭ يەردىن چىققىنىنى كۆردۈم، دېدى. 009 1SA 028 014 ئۇ: ــ ئۇنىڭ قىياپىتى قانداق ئىكەن؟ دېدى. خوتۇن: ــ قېرى بىر بوۋاي چىقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يېپىنچا كىيگەنىكەن، دېدى. سائۇل: ــ ئۇ سامۇئىل ئىكەن، دەپ بىلىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى. 009 1SA 028 015 سامۇئىل سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىپ چىقاردىڭ؟ ــ دېدى. سائۇل: ــ مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم؛ چۈنكى فىلىستىيلەر ماڭا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ۋە خۇدا مەندىن يىراقلاپ، ماڭا ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياكى چۈشلەر ئارقىلىق ھېچ جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن دەپ، سېنى چاقىردىم، دېدى. 009 1SA 028 016 سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار سەندىن يىراقلاپ، دۈشمىنىڭ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا مەندىن مەسلىھەت سورايسەن؟ ــ دېدى. 009 1SA 028 017 ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى؛ پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن يىرتىپ ئېلىپ، قوشناڭغا، يەنى داۋۇتقا بەردى. 009 1SA 028 018 سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئامالەكلەرگە قاراتقان قاتتىق غەزىپىنى يۈرگۈزمىگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن ساڭا شۇ ئىشنى قىلدى. 009 1SA 028 019 پەرۋەردىگار ئۆزۈڭ بىلەن ئىسرائىلنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ؛ ئەتە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مېنىڭ بىلەن بىللە بولىسىلەر؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، دېدى. 009 1SA 028 020 سائۇل شۇئان يەرگە دۈم يىقىلدى، سامۇئىلنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ بىر كېچە-كۈندۈز تاماقمۇ يېمىگەچكە، ماغدۇرىمۇ قالمىدى. 009 1SA 028 021 ئايال ئەمدى سائۇلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، دېدەكلىرى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تاپىلىغانلىرىغا بىنائەن قىلدىم. 009 1SA 028 022 ئەمدى سىلىدىن ئۆتۈنىمەن، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە كىرگەيلا؛ مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بىر چىشلەم نان كەلتۈرۈشكە ئۇنىغايلا؛ شۇنىڭ بىلەن سىلى يەپ قۇۋۋەت تېپىپ ئاندىن ئۆز يوللىرىغا كېتەلەيلا، دېدى. 009 1SA 028 023 لېكىن ئۇ رەت قىلىپ: ــ يېمەيمەن، دەپ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ھەم ئايالمۇ يېيىشنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشتى؛ ئۇ يەردىن قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. 009 1SA 028 024 ئايالنىڭ ئۆيىدە بىر بورداق موزاي بار ئىدى. ئۇ دەرھال ئۇنى سويدى؛ ھەم خېمىر يۇغۇرۇپ پېتىر نان پىشۈرۈپ بەردى. 009 1SA 028 025 ئۇ ئۇنى سائۇل بىلەن خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ بولۇپ، شۇ كېچىسى كەتتى. 009 1SA 029 001 فىلىستىيلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى يىغىپ ئافەكتە جەم قىلدى؛ ئىسرائىللار يىزرەئەلدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدا چېدىر تىكتى. 009 1SA 029 002 فىلىستىيلەرنىڭ سەردارلىرى يۈز ياكى مىڭدىن ئەسكەرنى باشلاپ، سەپ تىزىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقىش بىلەن چىقىپ سەپ تۈزدى. 009 1SA 029 003 فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: ــ بۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئاقىش فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىگە: ــ بۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى مەن بىلەن تۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچ ئەيىب بايقىمىدىم، دېدى. 009 1SA 029 004 ئەمما فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى قايتۇرۇۋەت! بۇ كىشى سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا كەتسۇن؛ بىز بىلەن بىللە سوقۇشقا چۈشمىسۇن، بولمىسا، ئۇ سوقۇشتا بىزگە رەقىب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەم ئۆز غوجىسى بىلەن نېمىسى ئارقىلىق يارىشىدۇ؟ بۇ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن بولمامدۇ؟ 009 1SA 029 005 بۇ قىز-ئاياللار بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇسسۇل ئويناپ قوشاق قېتىپ: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دېگەن داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 009 1SA 029 006 ئاقىش داۋۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى]، سەن دۇرۇس ئادەمسەن، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن لەشكەرگاھدا خىزمەتتە بولۇشۇڭ كۆزلىرىمدە ياخشى ئىشتۇر؛ چۈنكى ماڭا كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سەندىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن سەن ئەمىرلەرگە ياقماپسەن. 009 1SA 029 007 شۇڭا تىنچ-ئامان يېنىپ كەتكىن، بولمىسا فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى نارازى قىلىپ قويىسەن، دېدى. 009 1SA 029 008 داۋۇت ئاقىشقا: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ سىلىنىڭ قاشلىرىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە قىلغان قايسى [يامانلىقىم] ئۈچۈن مېنى غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سوقۇشقىلى بارغۇزمايلا؟ ــ دېدى. 009 1SA 029 009 ئاقىش داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ كۆزلىرىمدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى سېنى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن دەۋاتىدۇ، دېدى. 009 1SA 029 010 شۇڭا ئەتە سەھەردە قوپۇڭلار، ئۆزۈڭ ۋە بىللە كەلگەنلەر، يەنى مەن خوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى؛ سەھەردە قوپۇڭلار، تاڭ يورۇشى بىلەنلا چىقىپ كېتىڭلار، دېدى. 009 1SA 029 011 شۇڭا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ماڭدى. فىلىستىيلەر بولسا يىزرەئەلگە چىقتى. 009 1SA 030 001 شۇنداق بولدىكى، داۋۇت ۋە ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىكلاگقا يېتىپ كەلدى؛ مانا، ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپكە ۋە زىكلاگقا ھۇجۇم قىلىپ، زىكلاگنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى. 009 1SA 030 002 ئۇلار شەھەردىكى قىز-ئاياللارنى، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئېلىپ، يولىغا چىققانىدى. 009 1SA 030 003 داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە كەلگەندە، مانا، شەھەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. 009 1SA 030 004 ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى. 009 1SA 030 005 داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يىزرەئەللىك ئاھىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىلمۇ ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. 009 1SA 030 006 داۋۇت قاتتىق ئازابلاندى؛ چۈنكى بارلىق خالايىق، ھەربىرى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەزەپلىنىپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇت ئۆزىنى خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتلەندۈردى. 009 1SA 030 007 داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 009 1SA 030 008 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ بۇ قوشۇننى قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەرمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ قوغلا؛ سەن جەزمەن ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسەن، دېدى. 009 1SA 030 009 داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادەم بېرىپ بېسور ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، كەينىدە سۆرۈلۈپ قالغانلار شۇ يەردە قالدى. 009 1SA 030 010 داۋۇت ئۆزى تۆت يۈز ئادەم بىلەن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى؛ ئىككى يۈز ئادەم ھالسىراپ كەتكەچكە، بېسور ۋادىسىدىن ئۆتەلمەي كەينىدە قالغانىدى. 009 1SA 030 011 ئۇلار دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نان بېرىپ يېگۈزدى، سۇ ئىچكۈزدى؛ 009 1SA 030 012 ئۇنىڭغا بىر پارچە ئەنجۈر پوشكىلى بىلەن ئىككى كىشمىش پوشكىلىنىمۇ بەردى. ئۇ بۇلارنى يەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىردى؛ چۈنكى ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەنىدى. 009 1SA 030 013 داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىمگە تەۋە؟ سەن قەيەرلىكسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن مىسىرلىق يىگىت بولۇپ، بىر ئامالەكنىڭ قۇلىمەن. لېكىن مەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغاچقا، غوجام مېنى تاشلىۋەتتى. 009 1SA 030 014 بىز ئەسلى كەرەتىيلەرنىڭ يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ۋە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق؛ شۇنداقلا زىكلاگنى كۆيدۇرۈۋەتكەنىدۇق، دېدى. 009 1SA 030 015 داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى. 009 1SA 030 016 ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى. 009 1SA 030 017 ئەمما داۋۇت شۇ كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. تۆگىگە مىنىپ بەدەر قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلمىدى؛ 009 1SA 030 018 ۋە داۋۇت ئامالەكلەر بۇلۇۋالغان ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ ئالدى؛ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. 009 1SA 030 019 ئامالەكلەر ئېلىپ كەتكەن ئوغۇل-قىز، مال-مۈلۈكلەر ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى داۋۇت ئۇلاردىن قايتۇرۇۋالدى. ھېچنېمە، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن چۈشۈپ قالمىغانىدى. 009 1SA 030 020 [داۋۇتنىڭ ئادەملىدى] قايتۇرۇۋالغان ماللىرىنىڭ ئالدىغا [ئولجا ئالغان] باشقا قوي ۋە كالا پادىلارنى سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. [ئۇنىڭ ئادەملىرى] كېتىۋېتىپ: ــ بۇلار داۋۇتنىڭ ئولجىسى، دېيىشتى؛ داۋۇت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئالدى. 009 1SA 030 021 داۋۇت ھالسىزلىنىپ ئۆزى بىلەن بىللە بارالمىغان بېسور ۋادىسىنىڭ بويىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى يۈز ئادەمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى؛ ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. 009 1SA 030 022 لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ: ــ بۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىن كېيىن بىز ياندۇرۇپ ئالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچ نېمە بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ھەربىرى ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن، دېدى. 009 1SA 030 023 ئەمما داۋۇت: ــ ياق، ئى بۇرادەرلىرىم؛ پەرۋەردىگار بىزگە تەقسىم قىلغاننى [ئۇلارغىمۇ تەقسىم] قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنى قوغداپ بىزنىڭكىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنى قولىمىزغا تاپشۇردى. 009 1SA 030 024 بۇ ئىشتا كىم سىلەرگە ماقۇل دەيدۇ؟ چۈنكى سوقۇشقا چۈشكەننىڭ ئۈلۈشى قانداق بولسا يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى شۇنداق بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم تەڭ بۆلۈشسۇن ــ دېدى. 009 1SA 030 025 شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق. 009 1SA 030 026 داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى. 009 1SA 030 027 ئۇ ئولجىدىن ھەم بەيت-ئەلدىكىلەرگە، جەنۇبىي راموتتىكىلەرگە، ياتتىردىكىلەرگە، 009 1SA 030 028 ئاروئەردىكىلەرگە، سىفموتتىكىلەرگە، ئەشتەموئادىكىلەرگە، 009 1SA 030 029 راقالدىكىلەرگە، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە ۋە كېنىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە، 009 1SA 030 030 خورماھتىكىلەرگە، قوراشاندىكىلەرگە، ئاتاقتىكىلەرگە، 009 1SA 030 031 ھېبروندىكىلەرگە ۋە داۋۇت ۋە ئادەملىرى بىللە يۈرگەن ھەممە يەردىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتتى. 009 1SA 031 001 ئەمدى فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يىقىتىلدى. 009 1SA 031 002 فىلىستىيلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتاتتى. فىلىستىيلەر بولسا سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب، مەلكىشۇئانى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 009 1SA 031 003 سائۇلنىڭ ئەتراپىنى ئۇرۇش قاپلىدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشتى؛ ئۇ يا ئوقى بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى. 009 1SA 031 004 ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. 009 1SA 031 005 ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. 009 1SA 031 006 شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. 009 1SA 031 007 ئەمدى ۋادىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھەمدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، شەھەرلەرنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. 009 1SA 031 008 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. 009 1SA 031 009 ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ساۋۇت-ياراغلىرىنى سالدۇرۇپ بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ بۇتخانىلىرىدا ۋە خەلقنىڭ ئارىسىدا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. 009 1SA 031 010 ئۇلار ئۇنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىدا قويۇپ ئۆلۈكىنى بەيت-شان شەھىرىدىكى سېپىلغا ئېسىپ قويدى. 009 1SA 031 011 ئەمدى يابەش-گىلېئادتا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا 009 1SA 031 012 ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ كېچىچە مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى بەيت-شاندىكى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يابەشكە ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە كۆيدۈردى. 009 1SA 031 013 ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى يابەشتىكى يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ يەتتە كۈن روزا تۇتتى. # # BOOK 010 2SA 2 Samuel سامۇئىل 2 010 2SA 001 001 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. 010 2SA 001 002 ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى. 010 2SA 001 003 داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى. 010 2SA 001 004 داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى. 010 2SA 001 005 داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 010 2SA 001 006 ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. 010 2SA 001 007 ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم. 010 2SA 001 008 ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم. 010 2SA 001 009 ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. 010 2SA 001 010 شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. 010 2SA 001 011 شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. 010 2SA 001 012 ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى. 010 2SA 001 013 داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى. 010 2SA 001 014 داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. 010 2SA 001 015 ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، [ئامالەك] ئۆلدى. 010 2SA 001 016 داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى. 010 2SA 001 017 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى 010 2SA 001 018 (ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ 010 2SA 001 019 ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ 010 2SA 001 020 گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار، ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار، فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن، خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن! 010 2SA 001 021 ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن، نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن! چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛ سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى. 010 2SA 001 022 قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي، پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي، يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان [جەڭدىن] يانغان ئەمەس، سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس. 010 2SA 001 023 سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. 010 2SA 001 024 ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار، ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى. 010 2SA 001 025 پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! 010 2SA 001 026 سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى، ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى. 010 2SA 001 027 پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!» 010 2SA 002 001 ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى. 010 2SA 002 002 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالى بىلەن، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە ئەسلى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى. 010 2SA 002 003 داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ھېبروننىڭ شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى. 010 2SA 002 004 يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛ 010 2SA 002 005 داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ «غوجاڭلار بولغان سائۇلغا شۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي. 010 2SA 002 006 پەرۋەردىگار سىلەرگىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ۋاپالىقىنى كۆرسەتكەي؛ سىلەر بۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرىمەن. 010 2SA 002 007 ئەمدى ھازىر غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ئۆلدى، يەھۇدا جەمەتى مېنى مەسىھ قىلىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 010 2SA 002 008 ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئۇغلى ئىشبوشەتنى ماھانائىمغا ئېلىپ بېرىپ، 010 2SA 002 009 ئۇنى گىلېئادقا، گەشۇرىيلارغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بىنيامىنغا ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. 010 2SA 002 010 سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ھالبۇكى، يەھۇدا جەمەتى داۋۇتقا ئەگىشەتتى. 010 2SA 002 011 داۋۇتنىڭ ھېبروندا يەھۇدا جەمەتى ئۈستىدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي بولدى. 010 2SA 002 012 [بىر كۈنى] نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماھانائىمدىن چىقىپ گىبېئونغا باردى. 010 2SA 002 013 شۇ چاغدا زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى چىقىپ ئۇلار بىلەن گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ئۇلاردىن بىر تەرەپ كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا، يەنە بىر تەرەپ كۆلنىڭ بۇ يېقىدا ئولتۇردى. 010 2SA 002 014 ئابنەر يوئابقا: يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن ــ دېدى. يوئاب: قوپسۇن ــ دېدى. 010 2SA 002 015 ئۇلار بېكىتىلگەن سان بويىچە بىنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت تەرەپتىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئون ئىككى كىشى چىقىپ ئوتتۇرىغا ئۆتتى. 010 2SA 002 016 ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى قاماللاپ تۇتۇپ ھەربىرى رەقىبىنىڭ بىقىنىغا قىلىچى بىلەن سانجىشتى، ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ گىبېئوندىدۇر. 010 2SA 002 017 ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. 010 2SA 002 018 شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى. 010 2SA 002 019 ئاساھەل ئابنەرنىڭ كەيىدىن قوغلاپ يۈگۈردى؛ ئابنەرگە ئەگىشىپ ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلماي تاپ بېسىپ قوغلىدى. 010 2SA 002 020 ئابنەر كەينىگە قاراپ: سەن ئاساھەلمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. 010 2SA 002 021 ئابنەر ئۇنىڭغا: يا ئوڭغا يا سولغا بۇرۇلۇپ يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ يارىغىنى ئۆزۈڭگە تارتىۋالغىن، دېدى. لېكىن ئاساھەل ئۇنى قوغلاشتىن بۇرۇلۇشقا ئۇنىمىدى. 010 2SA 002 022 ئابنەر ئاساھەلگە يەنە: مېنى ئەمدى قوغلىماي بۇرۇلۇپ كەتكىن؛ مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن؟ ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈلەيمەن؟ ــ دېدى. 010 2SA 002 023 لېكىن ئاساھەل يەنىلا قوغلاشتىن توختىمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئابنەر نەيزىسىنىڭ تۇتقۇچىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. نەيزە دۈمبىسىنى تىشىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنداق بولدىكى، ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ. 010 2SA 002 024 شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئوننىڭ چۆلىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا، گىئاھ يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئامماھ ئېدىرلىقىغا يېتىپ كەلدى؛ 010 2SA 002 025 بىنيامىنلار بولسا ئابنەرنىڭ كەينىدە قوشۇندەك سەپ بولۇپ، بىر دۆڭ تۆپىسىگە چىقىپ تۇردى. 010 2SA 002 026 ئابنەر يوئابنى چاقىرىپ: قىلىچ دائىم ئادەملەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قاچانغىچە خەلقلەرگە: «قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلاشتىن توختاڭلار» دەپ بۇيرۇماي تۇرىۋېرىسەن؟ 010 2SA 002 027 يوئاب: خۇدانىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن مۇشۇ سۆزنى قىلمىغان بولساڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچبىرى قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن ئەتىگەنگىچىمۇ يانمايتتى ــ دېدى. 010 2SA 002 028 بۇنىڭ بىلەن يوئاب كاناي چالدى؛ ھەممە [يەھۇدالار] شۇئان توختىدى ۋە قايتا ئىسرائىلنى قوغلىمىدى، ئۇلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشمىدى. 010 2SA 002 029 ئابنەر بىلەن ئادەملىرى بولسا كېچىچە مېڭىپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىترون دېگەن پۈتكۈل يۇرتنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماھانايىمغا يېتىپ كەلدى. 010 2SA 002 030 يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن يېنىپ بارلىق ئادەملەرنى جەم قىلدى. ئاساھەلدىن باشقا داۋۇتنىڭ غۇلاملىرىدىن ئون توققۇز ئادەم يوق چىقتى؛ 010 2SA 002 031 لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىنلاردىن ۋە ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىدى. 010 2SA 002 032 ئۇلار ئاساھەلنى ئېلىپ بەيت-لەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى؛ ئاندىن يوئاب بىلەن ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھېبرونغا يېتىپ كەلدى. 010 2SA 003 001 ھالبۇكى، سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى؛ داۋۇتنىڭ جەمەتى بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن سائۇلنىڭ جەمەتى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا ئىدى. 010 2SA 003 002 ھېبروندا داۋۇت بىر قانچە ئوغۇللۇق بولدى، ئۇنىڭ تۇنجىسى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاھىنوئامدىن تۇغۇلدى؛ 010 2SA 003 003 ئىككىنچىسى كىلېئاب بولۇپ كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلدىن تۇغۇلدى. ئۈچىنچىسى ئابشالوم ئىدى. ئۇ گەشورنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن تۇغۇلغانىدى، 010 2SA 003 004 تۆتىنچىسى ئادونىيا بولۇپ ھاگگىتتىن تۇغۇلغان ئىدى. بەشىنچىسى شەفاتىيا بولۇپ ئابىتالدىن تۇغۇلغان ئىدى. 010 2SA 003 005 ئالتىنچىسى يىترىئام بولۇپ داۋۇتنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن تۇغۇلدى. داۋۇتنىڭ بۇ ئالتە ئوغلىنىڭ ھەممىسى ھېبروندا تۇغۇلدى. 010 2SA 003 006 سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ داۋامىدا، ئابنەر سائۇلنىڭ جەمەتىدە ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتتى. 010 2SA 003 007 ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كىنىزىكى بار ئىدى؛ ئۇ ئاياھنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپاھ ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنەرگە: نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟ ــ دېدى. 010 2SA 003 008 ئابنەر ئىشبوشەتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا تاپشۇرمىغان تۇرسام، مېنى يەھۇداغا تەۋە بىر ئىتىنىڭ بېشىدەك كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ خوتۇن ئۈچۈن مېنى گۇناھقا بۇيرۇماقچىمۇسەن؟ 010 2SA 003 009 مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك قىلمىسام خۇدا مەنكى ئابنەرنى قاتتىق ئۇرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرسۇن! 010 2SA 003 010 ــ يەنى، پادىشاھلىقنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن يۆتكەپ، داۋۇتنىڭ تەختىنى داندىن بەئەر-شېباغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىمىسەم!». 010 2SA 003 011 ئىشبوشەت ئابنەردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىز سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 010 2SA 003 012 ئابنەر بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭغا: زېمىن كىمنىڭكى؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگىن، مېنىڭ قولۇم سېنىڭ تەرىپىڭدە بولۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىلنى ساڭا مايىل قىلىمەن ــ دېدى. 010 2SA 003 013 داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ بولىدۇ، مەن سەن بىلەن ئەھدە قىلاي. پەقەت بىرلا ئىشنى تەلەپ قىلاي؛ مېنىڭ قېشىمغا كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقالنى ئېلىپ كەلمىسەڭ، يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن، دېدى. 010 2SA 003 014 ئاندىن داۋۇت ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: مەن بىر يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكى بەدىلى بىلەن ئالغان ئايالىم مىقالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن ــ دېدى. 010 2SA 003 015 ئىشبوشەت ئادەم ئەۋەتىپ مىقالنى ئۇنىڭ ئېرىدىن، يەنى لائىشنىڭ ئوغلى پالتىيەلدىن ئېلىپ كەلدى. 010 2SA 003 016 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى باخۇرىمغىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يىغلىغان پېتى ئەگىشىپ ماڭدى. ئاخىر بېرىپ ئابنەر ئۇنىڭغا: ــ يېنىپ كەتكىن، دېۋىدى، ئۇ قايتىپ كەتتى. 010 2SA 003 017 ئەمدى ئابنەر ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا: سىلەر بۇرۇن داۋۇت ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولسۇن، دېگەن ئارزۇ-ئىستەكتە بولدۇڭلار. 010 2SA 003 018 ئەمدى ھازىر ھەرىكەت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇت توغرىسىدا: ــ قۇل-بەندەم داۋۇتنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىل خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن، ــ دېگەنىدى. 010 2SA 003 019 ئابنەر يەنە بىنيامىنلارنىڭ قۇلىقىغىمۇ مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىل بىلەن بىنيامىننىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىشقا ھېبرونغا باردى. 010 2SA 003 020 شۇنداق قىلىپ ئابنەر يىگىرمە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە داۋۇت ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بىر زىياپەت تەييارلىدى. 010 2SA 003 021 ئابنەر داۋۇتقا: مەن قوزغىلىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار سېنىڭ بىلەن ئەھدە قىلىشسۇن، ئاندىن سەن ئۆز كۆڭلۈڭ خالىغاننىڭ بارلىقى ئۈستىدىن سەلتەنەت قىلالايدىغان بولىسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئابنەرنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى. 010 2SA 003 022 مانا، شۇ ئەسنادا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىلەن يوئاب بىر يەرگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئولجا ئېلىپ قايتىپ كەلدى. لېكىن ئابنەر شۇ چاغدا ھېبروندا داۋۇتنىڭ قېشىدا يوق ئىدى؛ چۈنكى داۋۇتنىڭ ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. 010 2SA 003 023 يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتكۈل قوشۇن يېتىپ كەلگەندە، خەلق ئۇنىڭغا: نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشى بىلەن ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى ــ دېدى. 010 2SA 003 024 ئاندىن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟! مانا، ئابنەر قېشىڭغا كەپتۇ! نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئۇ ھازىر كېتىپتۇ! 010 2SA 003 025 سەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنى بىلىسەنغۇ! ئۇنىڭ كېلىشى جەزمەن سېنى ئالداش ئۈچۈن، سېنىڭ چىقىپ-كىرىدىغان يولۇڭنى، شۇنداقلا بارلىق ئىش-پائالىيىتىڭنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. 010 2SA 003 026 يوئاب داۋۇتنىڭ قېشىدىن چىقىشى بىلەن ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئابنەرنىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن داۋۇت بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىدى. 010 2SA 003 027 ئابنەر ھېبرونغا يېنىپ كەلگەندە يوئاب ئۇنى شەھەر قوۋۇقىدا ئۇچرىتىپ، «ساڭا دەيدىغان مەخپىي سۆزۈم بار ئىدى» دەپ ئۇنى بىر چەتكە ئەكىلىپ ئۇ يەردە ئىنىسى ئاساھەلنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قورسىقىغا پىچاق سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. 010 2SA 003 028 كېيىن، داۋۇت بۇ ئىشنى ئاڭلاپ: مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەڭگۈ بىگۇناھدۇرمىز؛ 010 2SA 003 029 [ئۇنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش] گۇناھى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا قاينام بولۇپ چۈشسۇن؛ يوئابنىڭ ئائىلىسىدىن ئاقما يارا كېسىلى، ياكى ماخاۋ كېسىلى، ياكى ھاسىغا تايانغۇچى، قىلىچتىن ئۆلگۈچى ياكى ئاش-تۈلۈكسىزلەر ئۆكسۈمىسۇن! ــ دېدى. 010 2SA 003 030 شۇنداق قىلىپ، ئابنەر گىبېئوندىكى جەڭدە ئۇلارنىڭ ئىنىسى ئاساھەلنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي ئۇنى ئۆلتۈردى. 010 2SA 003 031 داۋۇت يوئابقا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق خەلققە: كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار! بۆز كىيىم كىيىڭلار! ئابنەرنىڭ [مېيىتى] ئالدىدا ماتەم تۇتۇڭلار! دېدى. داۋۇت پادىشاھ [ئابنەرنىڭ] جىنازىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 010 2SA 003 032 ئۇلار ئابنەرنى ھېبروندا دەپنە قىلدى، پادىشاھ ئابنەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ يىغلاشتى. 010 2SA 003 033 پادىشاھ ئابنەر ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ: ــ «ئابنەرنىڭ ئەخمەقتەك ئۆلگىنى توغرىمۇ؟ 010 2SA 003 034 قوللىرىڭ باغلاغلىق بولمىسىمۇ، پۇتلۇرۇڭ ئىشكەللىك بولمىسىمۇ، لېكىن سەن كىشىلەرنىڭ رەزىللەرنىڭ قولىدا يىقىلغىنىدەك، يىقىلىپ ئۆلگەنسەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يىغلاشتى. 010 2SA 003 035 ئاندىن بارلىق خەلق داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا كۈن پاتقۇچە تاماق يېيىشنى ئۆتۈندى. ئەمما داۋۇت قەسەم ئىچىپ: مەن كۈن پاتماستا يا نان يا باشقا ھەرقانداق نەرسىنى تېتىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن، ــ دېدى. 010 2SA 003 036 بارلىق خەلق بۇنى بايقاپ، بۇ ئىشتىن رازى بولدى؛ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ قىلغان ھەربىر ئىش بارلىق خەلقنى رازى قىلاتتى. 010 2SA 003 037 شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. 010 2SA 003 038 پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلەمسىلەر؟ بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر سەردار، ئۇلۇغ بىر زات يىقىلدى! 010 2SA 003 039 گەرچە مەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ تىكلەنگەن بولساممۇ، مەن ئاجىز بىر بەندىمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەھشىيىلىكىنى مەن كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن؛ پەرۋەردىگار رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرسۇن! ــ دېدى. 010 2SA 004 001 سائۇلنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ھېبروندا ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا قولى بوشىشىپ كەتتى، بارلىق ئىسرائىل دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 010 2SA 004 002 سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمىدا ئىككى سەردارى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى بائاناھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رەكاب ئىدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (چۈنكى بەئەروت بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە ھېسابلىناتتى؛ 010 2SA 004 003 لېكىن بەئەروتلۇقلار گىتتائىمغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە بۇ كۈنگىچە مۇساپىردەك ياشاۋاتىدۇ). 010 2SA 004 004 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، پۇتى ئاقساق ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر يىزرەئەلگە يەتكەندە، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئىنىك ئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچتى؛ لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئالدىراپ يۈگۈرگەچكە، بالا چۈشۇپ كېتىپ، ئاقساق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مەفىبوشەت ئىدى. 010 2SA 004 005 ئەمدى بىر كۈنى بەئەروتلوق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن بائاناھ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانىدى. 010 2SA 004 006 ئۇلار بۇغداي ئالىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، ئىشبوشەتنىڭ قورسىقىغا [پىچاق] سانجىدى. ئاندىن رەكاب ۋە بائاناھ قېچىپ كەتتى 010 2SA 004 007 (ئۇلار ئىشبوشەت ھۇجرىسىدا كارىۋاتتا ياتقىنىدا، ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنىدى). ئۇلار ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ كېچىچە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن مېڭىپ ئۆتتى. 010 2SA 004 008 ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھېبرونغا، داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: مانا، بۇ جانابلىرىنىڭ جېنىنى ئىزدىگەن دۈشمەنلىرى سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى! بۈگۈن پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھنى سائۇل بىلەن نەسلىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلدى ــ دېدى. 010 2SA 004 009 داۋۇت بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن ئىنىسى بائاناھغا: مېنى بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 010 2SA 004 010 بۇرۇن بىرسى داۋۇتقا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، دەپ ئويلاپ، ماڭا: ــ مانا، سائۇل ئۆلدى، دەپ كەلگەندە، مەن ئۇنى ئېلىپ زىكلاگتا ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بەرھەق، مانا بۇ ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنىڭ مۇكاپاتى بولغانىدى! 010 2SA 004 011 ئەمدى مەن شۇنداق قىلغان يەردە، رەزىل ئادەملەر ئۆز ئۆيىدە ئورۇندا ياتقان بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن نېمە قىلاي؟! ئۇنىڭ ئاققان قان قەرزىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئېلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمامدىم؟ ــ دېدى. 010 2SA 004 012 داۋۇت غۇلاملىرىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇلار بۇلارنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى ھېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى؛ لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ ھېبروندا ئابنەرنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. 010 2SA 005 001 ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! 010 2SA 005 002 بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى. 010 2SA 005 003 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. 010 2SA 005 004 داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. 010 2SA 005 005 ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 010 2SA 005 006 پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى. 010 2SA 005 007 لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ). 010 2SA 005 008 داۋۇت ئۇ كۈنى: كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن-قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن [ھېسابلىشالايدۇ]، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى. 010 2SA 005 009 شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى. 010 2SA 005 010 داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 010 2SA 005 011 تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى. 010 2SA 005 012 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 010 2SA 005 013 داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل-قىزلار تۇغۇلدى. 010 2SA 005 014 يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى: شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 010 2SA 005 015 ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا، 010 2SA 005 016 ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت. 010 2SA 005 017 فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى. 010 2SA 005 018 فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛ 010 2SA 005 019 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى. 010 2SA 005 020 ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. 010 2SA 005 021 فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 010 2SA 005 022 ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى. 010 2SA 005 023 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار: سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى، 010 2SA 005 024 شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 005 025 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلىپ، فىلىستىيلەرنى گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ قىردى. 010 2SA 006 001 داۋۇت ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن بارلىق سەرخىل ئادەملەرنى يىغىۋىدى، بۇلار ئوتتۇز مىڭ چىقتى. 010 2SA 006 002 ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن يەھۇدادىكى بائالاھغا چىقتى؛ ساندۇق [مۇقەددەس] نام بىلەن، يەنى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. 010 2SA 006 003 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە يېڭى بىر ھارۋىغا سېلىپ، ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززاھ بىلەن ئاھىيو ئۇ يېڭى ھارۋىنى ھەيدىدى. 010 2SA 006 004 ئۇلار ھارۋىنى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتى؛ ئاھىيو ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 010 2SA 006 005 داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەنتەنە قىلىپ كۈي ئوقۇپ چىلتار، تەمبۇر، داپ، داقا-دۇمباق ۋە چاڭلار چېلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. 010 2SA 006 006 لېكىن ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە، كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇززاھ قولىنى سوزۇپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تۇتىۋالدى. 010 2SA 006 007 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇززاھقا قوزغالدى؛ ئۇ خاتا قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى خۇدا شۇ يەردە ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا يىقىلىپ ئۆلدى. 010 2SA 006 008 لېكىن داۋۇت بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. 010 2SA 006 009 ئۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزۈمنىڭكىگە قايسى يول بىلەن ئەكېلەرمەن؟ ــ دېدى. 010 2SA 006 010 شۇنىڭ ئۈچۈن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»گە، ئۆزىنىڭكىگە يۆتكەشنى خالىمىدى؛ داۋۇت ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە قالدۇردى. 010 2SA 006 011 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىدىكىلەرنى بەرىكەتلىدى. 010 2SA 006 012 داۋۇت پادىشاھقا: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئەھدە ساندۇقى ۋەجىدىن ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ بارىنى بەرىكەتلىدى» دەپ ئېيتىلدى. شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، خۇشلۇق بىلەن داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 010 2SA 006 013 پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئالتە قەدەم مېڭىپ، شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر بۇقا بىلەن بىر بورداق موزاينى قۇربانلىق قىلدى. 010 2SA 006 014 داۋۇت بولسا كاناپ ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇسسۇل ئوينايتتى؛ 010 2SA 006 015 داۋۇت بىلەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرىشىپ، كاناي چېلىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىۋاتاتتى. 010 2SA 006 016 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگىنىدە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال دېرىزىدىن قاراپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ سەكرەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە مەنسىتمىدى. 010 2SA 006 017 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كىرىپ، داۋۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن تىكتۈرگەن چېدىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قويدى. ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. 010 2SA 006 018 داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ بولۇپ، خالايىققا ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 010 2SA 006 019 ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن قوتۇرماچ، بىردىن خورما پوشكىلى ۋە بىردىن ئۈزۈم پوشكىلىنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئاندىن خەلقنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. 010 2SA 006 020 داۋۇت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يېنىپ كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆزىنى شۇنچە شەرەپلىك كۆرسەتتىمۇ، قانداق؟ ئۇ خۇددى پەس بىر ئادەمنىڭ نومۇسسىزلاچە ئۆزىنى يالىڭاچلىغىنىغا ئوخشاش، خىزمەتكارلىرىنىڭ دېدەكلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنى يالىڭاچلىدى! 010 2SA 006 021 داۋۇت مىقالغا: ئۇنداق [شادلانغىنىم] پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىدى. ئۇ ئاتاڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆرۈپ، مېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىل ئۈستىگە باشلامچى قىلىپ تىكلىدى. شۇڭا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئوينايمەن! 010 2SA 006 022 ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەرزىمەس قىلىپ، ئۆز نەزىرىمدە ئۆزۈم تۆۋەن بولۇشقا رازىمەن. لېكىن سەن ئېيتقان ئۇ دېدەكلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمەن ــ دېدى. 010 2SA 006 023 سائۇلنىڭ قىزى مىقال بولسا، ئۆلىدىغان كۈنىگىچە بالا تۇغمىدى. 010 2SA 007 001 پادىشاھ ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن، 010 2SA 007 002 پادىشاھ ناتان پەيغەمبەرگە: مانا قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە ئولتۇرىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چىدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ــ دېدى. 010 2SA 007 003 ناتان پادىشاھقا جاۋاپ بېرىپ: كۆڭلۈڭدە نېمە ئويلىغىنىڭ بولسا، شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر ــ دېدى. 010 2SA 007 004 لېكىن كېچىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: 010 2SA 007 005 ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ. 010 2SA 007 006 ــ «مەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقارغاندىن تارتىپ، بۇ كۈنگىچە بىر ئۆيدە ئولتۇرمىدىم، بەلكى بىر چېدىرنى ماكان قىلىپ، كېزىپ يۈردۈم. 010 2SA 007 007 مەن ئۆزۈم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يۈرگەن ھەممە يەرلەردە، خەلقىم ئىسرائىلنى پادىچى بولۇپ بېقىشقا ئەمر قىلغانلارغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق قەبىلىسىنىڭ بىر [يېتەكچىسىگە]: نېمىشقا ماڭا كېدىر ياغاچتىن بىر ئۆي ياسىمايسىلەر؟ ــ دەپ باققانمۇ؟ 010 2SA 007 008 ئەمدى قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ سېنى خەلقىم ئىسرائىلغا باشلامچى قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن سېنى يايلاقلاردىن، قوي بېقىشتىن ئېلىپ كەلدىم، ــ دەيدۇ، 010 2SA 007 009 ــ ۋە مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى ئۇلۇغ نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. 010 2SA 007 010 مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ. 010 2SA 007 012 «كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مەزمۇت قىلىمەن. 010 2SA 007 013 مېنىڭ نامىم ئۈچۈن بىر ئۆينى ياسىغۇچى ئۇ بولىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدگىچە مۇستەھكەم قىلىمەن. 010 2SA 007 014 مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن. 010 2SA 007 015 ئەمما مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆرۈۋەتكەن سائۇلدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلمايمەن. 010 2SA 007 016 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ؛ تەختىڭ ئەبەدگىچە مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ». 010 2SA 007 017 ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. 010 2SA 007 018 ئاندىن داۋۇت پادىشاھ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى، رەب پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ 010 2SA 007 019 لېكىن، ئى رەب پەرۋەردىگار، [مېنىڭ بۇ مەرتىۋەم] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ؛ بۇ ھەممىلا ئادەمگە دائىم بولىدىغان ئىشمۇ، ئى، رەب پەرۋەردىگار؟ 010 2SA 007 020 ئەمدى داۋۇت ساڭا يەنە نېمە دېسۇن؟ سەن ئۆز قۇلۇڭنى تونۇيسەن، ئى، رەب پەرۋەردىگار! 010 2SA 007 021 سەن سۆز-ۋەدەڭ ۋەجىدىن، ئۆز كۆڭلۈڭدىكىگە ئاساسەن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قۇلۇڭ بىلسۇن دەپ بېكىتىپ قىلغانسەن. 010 2SA 007 022 شۇڭا سەن ئۇلۇغسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قۇلاقلىرىمىز بارلىق ئاڭلىغىنىدەك، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. 010 2SA 007 023 خەلقىڭ ئىسرائىلدەك يەنە باشقا بىر ئەل بارمۇ، ئۇلار جاھاندا ئالاھىدە تۇرىدۇ؟ ــ چۈنكى [سەن] خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭگە خاس بىر خەلق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ باردىڭ؛ سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مىسىردىن، ئەللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدا زېمىنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭ. 010 2SA 007 024 سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىر خەلق بولۇشقا بېكىتتىڭ؛ سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. 010 2SA 007 025 ئەمدى ھازىر، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆز قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەدەڭگە ئەبەدگىچە مەزمۇت ئەمەل قىلغىن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! 010 2SA 007 026 سېنىڭ نامىڭ ئەبەدگىچە ئۇلۇغلىنىپ: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان خۇدادۇر، دەپ ئېيتىلسۇن، شۇنداقلا ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-سۇلالىسى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. 010 2SA 007 027 چۈنكى سەن، ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆز قۇلۇڭغا: مەن ساڭا بىر ئۆي-سۇلالە قۇرۇپ بېرىمەن، دەپ ۋەھىي قىلدىڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ بۇ دۇئانى سېنىڭ ئالدىڭدا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. 010 2SA 007 028 ئەمدى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقىقەتتۇر ۋە سەن بۇ بەخت-ئىلتىپاتنى ئۆز قۇلۇڭغا ۋەدە قىلدىڭ؛ 010 2SA 007 029 شۇڭا قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىنى سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشقا نېسىپ قىلىپ بەرىكەتلىگەيسەن؛ چۈنكى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بۇنى ۋەدە قىلغانسەن؛ بۇ بەخت-ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتى ئەبەدگىچە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». 010 2SA 008 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى. 010 2SA 008 002 ئۇ ھەم موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى تانا كەلگەنلەرنى ئۆلتۈردى، بىر تانا كەلگەنلەرنى تىرىك قالدۇردى. موئابىيلار بولسا داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. 010 2SA 008 003 ئاندىن زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەر ئەفرات دەرياسىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزىگە قايتىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندا، داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى. 010 2SA 008 004 داۋۇت ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى؛ داۋۇت ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پىيىنى كەستۈردى، لېكىن ئۆزىگە يۈز ھارۋىلىق ئاتنى قالدۇرۇپ قويدى. 010 2SA 008 005 دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 010 2SA 008 006 ئاندىن داۋۇت بىرنەچچە بارگاھ ئەسكەرلەرنى دەمەشقتىكى سۇرىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغۇزدى؛ شۇنىڭ بىلەن سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. 010 2SA 008 007 داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ غۇلاملىرىغا تەمىنلەنگەن ئالتۇن قالقاننى تارتىۋېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلتۈردى 010 2SA 008 008 ۋە ھادادئېزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بىتاھ بىلەن بىروتاي شەھەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن كۆپ مىسنى قولغا چۈشۈردى. 010 2SA 008 009 خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، 010 2SA 008 010 ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇتنىڭ ھالىنى سوراشقا ۋە داۋۇتنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنىغا ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادئېزەر دائىم توي بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. يورام بولسا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس قاچا-بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. 010 2SA 008 011 داۋۇت پادىشاھ مۇشۇلارنى ۋە ئۆزى بېقىندۇرغان ھەممە ئەللەردىن، جۈملىدىن سۇرىيلەردىن، موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىدى. بۇلار زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەردىن ئالغان ئولجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 010 2SA 008 013 داۋۇت سۇرىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنى ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى «شور ۋادىسى»دا ئۆلتۈرۈپ يانغاندا، ئۇنىڭ نام-داڭقى خېلى چىققانىدى. 010 2SA 008 014 ئۇ ئېدومدا ئەسكەر بارگاھلىرىنى تۇرغۇزدى؛ پۈتۈن ئېدومدا بارگاھلارنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدومىيلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. 010 2SA 008 015 داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى. 010 2SA 008 016 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ سەردارى بولدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا بولدى؛ 010 2SA 008 017 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن بولدى؛ سېرايا دىۋان بېگى بولدى. 010 2SA 008 018 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى بولدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى. 010 2SA 009 001 داۋۇت: سائۇلنىڭ ئۆيىدىن تىرىك قالغان بىرەرسى بارمىكىن، بار بولسا مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتەي؟ ــ دېدى. 010 2SA 009 002 ئەمدى سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى زىبا دېگەن بىر خىزمەتكار قالغانىدى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا چاقىردى. كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: سەن زىبامۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: پېقىر مەن شۇ! ــ دېدى. 010 2SA 009 003 پادىشاھ: سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەرسى تىرىك قالدىمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ شاپائىتىنى كۆرسىتەي دەۋاتىمەن، ــ دېدى. زىبا پادىشاھقا: يوناتاننىڭ بىر ئوغلى تىرىك قالدى؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقسايدۇ ــ دېدى. 010 2SA 009 004 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئۇ قەيەردە، دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: ئۇ لو-دىباردا، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ ــ دېدى. 010 2SA 009 005 شۇڭا داۋۇت پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى لو-دىباردىن، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلدى. 010 2SA 009 006 سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يۈزىنى يەرگە يىقىپ، تەزىم قىلدى. داۋۇت: [سەن] مەفىبوشەتمۇ؟ ــ دەپ چاقىرىۋىدى، ئۇ: پېقىر شۇ! ــ دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 010 2SA 009 007 داۋۇت ئۇنىڭغا: قورقمىغىن، ئاتاڭ يوناتان ئۈچۈن، ساڭا شاپائەت قىلماي قالمايمەن؛ بوۋاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن ــ دېدى. 010 2SA 009 008 مەفىبوشەت تەزىم قىلىپ: قۇلۇڭ نېمە ئىدى، مەندەك بىر ئۆلۈك ئىت ئالىيلىرى قەدىرلىگۈدەك نېمە ئىدىم؟ ــ دېدى. 010 2SA 009 009 ئاندىن پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمەتكارى زىبانى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سائۇلنىڭ ۋە پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتىنى مانا مەن غوجاڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا بەردىم. 010 2SA 009 010 سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلىپ، چىققان مەھسۇلاتلىرىنى غوجاڭنىڭ ئوغلىغا يېيىشكە تاپشۇرۇڭلار. غوجاڭنىڭ ئوغلى مەفىبوشەت مەن بىلەن ھەمىشە ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىدۇ، ــ دېدى (زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى). 010 2SA 009 011 زىبا پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ قۇللىرىغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە كەمىنىلىرى ئەمەل قىلىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ داۋۇت [يەنە]: مەفىبوشەت بولسا پادىشاھنىڭ بىر ئوغلىدەك داستىخىنىمدىن تائام يېسۇن ــ [دېدى]. 010 2SA 009 012 مەفىبوشەتنىڭ مىكا دېگەن كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 010 2SA 009 013 ئەمدى مەفىبوشەت يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ چۈنكى ئۇ ھەمىشە پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تائام يەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقساق ئىدى. 010 2SA 010 001 كېيىن شۇنداق ئىش بولدىكى، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ ھانۇن دېگەن ئوغلى ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 010 2SA 010 002 داۋۇت بولسا: ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك مەن ناھاشنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە [ھانۇننىڭ] كۆڭلىنى سوراشقا ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ماڭدۇردى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە، 010 2SA 010 003 ئاممونىيلارنىڭ ئەمەلدارلىرى غوجىسى ھانۇنغا: سىلى داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قاشلىرىغا كۆڭۈل سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قاشلىرىغا ئەۋەتكىنى شەھەرنى پايلاپ ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىش، ئاندىن بۇ شەھەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 010 004 شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈپ، كۆتىنى ئېچىپ كەتكۈزۈۋەتتى. 010 2SA 010 005 بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ماڭدۇردى؛ چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلغانىدى. پادىشاھ ئۇلارغا: ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. 010 2SA 010 006 ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى. 010 2SA 010 007 داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، يوئابنىڭ پۈتكۈل جەڭگىۋار قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] ماڭدۇردى. 010 2SA 010 008 ئاممونىيلار چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزىدى؛ زوباھ بىلەن رەھوبدىكى سۇرىيلەر ۋە توب بىلەن مائاكاھنىڭ ئادەملىرى دالادا سەپ تۈزىدى؛ 010 2SA 010 009 يوئاب جەڭنىڭ ئالدى ھەم كەينىدىن بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى ئىلغاپ، سۇرىيەلەرگە قارشى سەپ تۈزىدى؛ 010 2SA 010 010 قالغانلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپ تىزغىن دەپ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قولىغا تاپشۇرپ، ئۇنىڭغا: 010 2SA 010 011 ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. 010 2SA 010 012 جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. 010 2SA 010 013 ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى. 010 2SA 010 014 ئاممونىيلار سۇرىيلەرنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. يوئاب بولسا ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىن چېكىنىپ، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. 010 2SA 010 015 سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇشتى. 010 2SA 010 016 ھادادئېزەر ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ نېرى تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى [ياردەمگە] چاقىرىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى؛ ئۇلار خېلام شەھىرىگە كەلگەندە، ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباك ئۇلارغا باشچىلىق قىلدى. 010 2SA 010 017 بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلام شەھىرىگە باردى. سۇرىيلەر داۋۇتقا قارشى سەپ تىزىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 010 2SA 010 018 سۇرىيلەر يەنە ئىسرائىلدىن قاچتى. داۋۇت بولسا يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىلىقنى، قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى قىردى ھەم قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى. 010 2SA 010 019 ھادادئېزەرگە بېقىنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، ئىسرائىل بىلەن سۈلھ قىلىشىپ ئۇلارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئاممونىيلارغا يەنە ياردەم بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. 010 2SA 011 001 شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا داۋۇت يوئابنى ئادەملىرى بىلەن ھەمدە ھەممە ئىسرائىلنى جەڭگە ماڭدۇردى؛ ئۇلار ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىپ، رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن داۋۇت يېرۇسالېمدا قالدى. 010 2SA 011 002 بىر كۈنى كەچتە داۋۇت كارىۋاتتىن قوپۇپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئۆگىزىسىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى؛ ئۆگزىدىن ئۇ مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايال بەك چىرايلىق ئىدى. 010 2SA 011 003 داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئايالنىڭ خەۋىرىنى سورىدى؛ بىرسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئېلىئامنىڭ قىزى، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالى بات-شېبا ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 011 004 داۋۇت كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قېشىغا ئەكەلتۈردى (ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىن پاكلىنىۋاتقانىدى). ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە، داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى؛ ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. 010 2SA 011 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ھامىلىدار بولدى، ھەم داۋۇتقا: مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ، دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. 010 2SA 011 006 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يوئابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ: ھىتتىي ئۇرىيانى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىڭلار، دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. 010 2SA 011 007 ئۇرىيا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ يوئابنىڭ ھالىنى، خەلقنىڭ ھالىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى سورىدى. 010 2SA 011 008 ئاندىن داۋۇت ئۇرىياغا: ئۆز ئۆيۈڭگە بېرىپ پۇتلىرىڭنى يۇغىن، دېدى. ئۇرىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن چىققاندا، پادىشاھ كەينىدىن ئۇنىڭغا بىر سوۋغا ئەۋەتتى. 010 2SA 011 009 لېكىن ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىدا، غوجىسىنىڭ باشقا قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتتى. 010 2SA 011 010 ئۇلار داۋۇتقا: ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارمىدى، دەپ خەۋەر بەردى. داۋۇت ئۇرىيادىن: سەن يىراق سەپەردىن كەلدىڭ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە كەتمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 010 2SA 011 011 ئۇرىيا داۋۇتقا: مانا، ئەھدە ساندۇقى، ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار بولسا كەپىلەردە تۇرۇپ، غوجام يوئاب بىلەن غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرى ئوچۇق دالادا چېدىر تىكىپ يېتىۋاتسا، مەن يەپ-ئىچىپ، ئايالىم بىلەن يېتىشقا ئۆيۈمگە بارايمۇ؟ سېنىڭ جېنىڭ بىلەن ۋە ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن ــ دېدى. 010 2SA 011 012 داۋۇت ئۇرىياغا: بۈگۈن بۇ يەردە قالغىن، ئەتە سېنى كەتكۈزۋېتىمەن، ــ دېدى. ئۇرىيا ئۇ كۈنى ۋە ئەتىسى يېرۇسالېمدا قالدى. 010 2SA 011 013 داۋۇت ئۇنى چاقىرىپ ھەمداستىخان قىلىپ، يەپ-ئىچكۈزۈپ مەست قىلدى. لېكىن شۇ كېچىسى ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، چىقىپ غوجىسىنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز كارىۋىتىدا ئۇخلىدى. 010 2SA 011 014 ئەتىسى داۋۇت يوئابقا خەت يېزىپ، ئۇرىيانىڭ ئالغاچ كېتىشىگە بەردى. 010 2SA 011 015 خەتتە ئۇ: ئۇرىيانى سوقۇش ئەڭ كەسكىن بولىدىغان ئالدىنقى سەپتە تۇرغۇزغىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چېكىنىپ تۇرۇڭلار، دەپ يازغانىدى. 010 2SA 011 016 شۇنىڭ بىلەن يوئاب شەھەرنى كۆزىتىپ، ئۇرىيانى پالۋانلار [كەسكىن سوقۇشقان] يەرگە ماڭدۇردى. 010 2SA 011 017 شەھەردىكى ئادەملەر چىقىپ، يوئاب بىلەن سوقۇشقاندا خەلقتىن، يەنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچىسى يىقىلدى؛ ئۇرىيامۇ ئۆلدى. 010 2SA 011 018 يوئاب ئادەم ئەۋەتىپ جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىدىن داۋۇتقا خەۋەر بەردى. 010 2SA 011 019 ئۇ خەۋەرچىگە مۇنداق تاپىلىدى: پادىشاھقا جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىنى دەپ بولغىنىڭدا، 010 2SA 011 020 ئەگەر پادىشاھ غەزەپلىنىپ سېنىڭدىن: سوقۇشقاندا نېمىشقا شەھەر سېپىلىغا شۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ئۇلارنىڭ سېپىلىدىن يا ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ 010 2SA 011 021 يەرۇببەشەتنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىم ئۆلتۈرگىنىنى بىلمەمسەن؟ بىر خوتۇن سېپىلدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە يارغۇنچاق تېشىنى ئېتىپ، ئۇ تەبەز شەھىرىدە ئۆلمىدىمۇ؟ نېمىشقا سېپىلغا ئۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ــ دېسە، سەن: سىلىنىڭ قۇللىرى ھىتتىي ئۇرىيامۇ ئۆلدى، دەپ ئېيتقىن ــ دېدى. 010 2SA 011 022 خەۋەرچى بېرىپ يوئاب ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ ئەۋەتكەن خەۋەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا دەپ بەردى. 010 2SA 011 023 خەۋەرچى داۋۇتقا: دۈشمەنلەر بىزدىن كۈچلۈك كېلىپ، دالادا بىزگە ھۇجۇم قىلدى؛ لېكىن بىز ئۇلارغا زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە قوغلىدۇق. 010 2SA 011 024 ئاندىن يا ئاتقۇچىلار سېپىلدىن قۇل-خىزمەتكارلىرىڭغا يا ئېتىپ، پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ئۆلتۈردى. قۇللىرى ئۇرىيامۇ ئۆلدى ــ دېدى. 010 2SA 011 025 داۋۇت خەۋەرچىگە: يوئابقا مۇنداق دېگىن: ــ بۇ ئىش نەزىرىڭدە ئېغىر بولمىسۇن، قىلىچ يا ئۇنى يا بۇنى يەيدۇ؛ شەھەرگە بولغان ھۇجۇمىڭلارنى قاتتىق قىلىپ، ئۇنى غۇلىتىڭلار، دەپ ئېيتىپ ئۇنى جۈرئەتلەندۈرگىن ــ دېدى. 010 2SA 011 026 ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرى ئۇرىيانىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 010 2SA 011 027 ماتەم كۈنلىرى ئۆتكەندە داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئوردىسىغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋۇتنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغدى. لېكىن داۋۇتنىڭ قىلغان ئىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىدى. 010 2SA 012 001 پەرۋەردىگار ناتاننى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، يەنە بىرسى كەمبەغەل ئىدى. 010 2SA 012 002 باينىڭ ئىنتايىن تولا قوي ۋە كالا پادىلىرى بار ئىدى. 010 2SA 012 003 لېكىن كەمبەغەلنىڭ ئۆزى سېتىۋېلىپ باققان كىچىك بىر ساغلىق قوزىدىن باشقا بىر نەرسىسى يوق ئىدى. قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. قوزا ئۇنىڭ يېگىنىدىن يەپ، ئۇنىڭ ئىچكىنىدىن ئىچىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلىدى؛ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئۆز قىزىدەك ئىدى. 010 2SA 012 004 بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە كەلگەن مېھمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوي ياكى كالا پادىلىرىدىن بىرىنى يېگۈزۈشكە تەييارلاشقا كۆزى قىيماي، بەلكى كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى تارتىۋېلىپ سويۇپ، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن تەييارلىدى». 010 2SA 012 005 داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ ناتانغا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، شۇنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە لايىقتۇر! 010 2SA 012 006 ئۇ ھېچ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەي بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزىغا تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن ــ دېدى. 010 2SA 012 007 ناتان داۋۇتقا: سەن دەل شۇ كىشىدۇرسەن! ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولغىلى مەسىھ قىلدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم؛ 010 2SA 012 008 مەن غوجاڭنىڭ جەمەتىنى ساڭا بېرىپ، غوجاڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا ياتقۇزۇپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن يەھۇدانىڭ جەمەتىنى ساڭا بەردىم. ئەگەر سەن بۇنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، مەن ساڭا يەنە ھەسسىلەپ بېرەتتىم؛ 010 2SA 012 009 نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ. 010 2SA 012 010 ئەمدى سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ئايرىلمايدۇ». 010 2SA 012 011 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا ئۆز ئۆيۈڭدىن ساڭا يامانلىق كەلتۈرۈپ، كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىڭنى ئېلىپ، ساڭا يېقىن بىرسىگە بېرىمەن، ئۇ بولسا كۈپكۈندۈزدە ئاياللىرىڭ بىلەن ياتىدۇ. 010 2SA 012 012 سەن بولساڭ ئۇ ئىشنى مەخپىي قىلدىڭ، لېكىن مەن بۇ ئىشنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا كۈندۈزدە قىلىمەن» ــ دېدى. 010 2SA 012 013 داۋۇت ناتانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم ــ دېدى. ناتان داۋۇتقا: پەرۋەردىگار ھەم گۇناھىڭدىن ئۆتتى؛ سەن ئۆلمەيسەن. 010 2SA 012 014 ھالبۇكى، بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالا چوقۇم ئۆلىدۇ ، ــ دېدى. 010 2SA 012 015 شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن داۋۇتقا تۇغۇلغان بالىنى شۇنداق ئۇردىكى، ئۇ قاتتىق كېسەل بولدى. 010 2SA 012 016 داۋۇت بالا ھەققىدە خۇداغا يېلىندى. ئۇ روزا تۇتۇپ، كېچىلەردە ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە دۈم ياتاتتى. 010 2SA 012 017 ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئاقساقاللىرى قوپۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى يەردىن قوپۇرماقچى بولدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى ۋە ئۇلار بىلەن تاماق يېيىشنى رەت قىلدى. 010 2SA 012 018 يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى بالا ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن قورقۇپ: «بالا تىرىك ۋاقىتىدا پادىشاھ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا بالا ئۆلدى، دەپ خەۋەر بېرىمىز؟ ئۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن!» ــ دېيىشتى. 010 2SA 012 019 لېكىن داۋۇت خىزمەتكارلىرىنىڭ پىچىرلاشقىنىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۇقتى. شۇڭا داۋۇت خىزمەتكارلىرىدىن: بالا ئۆلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ئۆلدى، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 010 2SA 012 020 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يەردىن قوپۇپ، يۇيۇنۇپ، [خۇشبۇي] ماي بىلەن مەسىھلىنىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىبادەت قىلدى؛ ئاندىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىگە تاماق ئەكەلتۈرۈپ يېدى. 010 2SA 012 021 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: سىلىنىڭ بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بالا تىرىك چاغدا روزا تۇتۇپ يىغلىدىلا، لېكىن بالا ئۆلگەندىن كېيىن قوپۇپ تاماق يېدىلا، ــ دېدى. 010 2SA 012 022 ئۇ: مەن: «كىم بىلسۇن، پەرۋەردىگار ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ، بالىنى تىرىك قالدۇرارمىكىن» دەپ ئويلاپ، بالا تىرىك ۋاقىتتا روزا تۇتۇپ يىغلىدىم. 010 2SA 012 023 لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن نېمىشقا روزا تۇتاي؟ مەن ئۇنى ياندۇرۇپ ئالالايمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ يېنىمغا يېنىپ كېلەلمەيدۇ، ــ دېدى 010 2SA 012 024 داۋۇت ئايالى بات-شېباغا تەسەللى بەردى. ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى؛ ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىۋىدى، داۋۇت ئۇنى سۇلايمان دەپ ئاتىدى. پەرۋەردىگار ئۇنى سۆيدى، 010 2SA 012 025 ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار ئۈچۈن «يەدىدىيا» دەپ ئىسىم قويدى. 010 2SA 012 026 يوئاب ئاممونىيلارنىڭ شاھانە پايتەختى رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. 010 2SA 012 027 ئاندىن يوئاب خەۋەرچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ: مەن رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بار قىسمىنى ئالدىم. 010 2SA 012 028 ھازىر سەن قالغان ئەسكەرلەرنى يىغىپ، شەھەرنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلغىن؛ بولمىسا مەن شەھەرنى ئالسام، مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتىلىشى مۇمكىن ــ دېدى. 010 2SA 012 029 شۇڭا داۋۇت ھەممە خەلقنى جەم قىلىپ، رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. 010 2SA 012 030 ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ تاجىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇننىڭ ئېغىرلىغى بىر تالانت ئىدى، ۋە ئۇنىڭ كۆزىدە بىر گۆھەر بار ئىدى. كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيگۈزدى، داۋۇت بولسا ئۇ شەھەردىن نۇرغۇن ئولجا ئالدى. 010 2SA 012 031 ئەمما ئۇ يەردىكى خەلقنى شەھەردىن چىقىرىپ ئۇلارنى ھەرە، خامان تېپىدىغان تىرنىلار ۋە تۆمۈر پالتىلار بىلەن ئىشلەتتى ياكى خۇمداندا قاتتىق ئەمگەككە سالدى؛ داۋۇت ئاممونىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە شۇنداق قىلدى؛ ئاندىن داۋۇت بارلىق خەلق بىلەن يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. 010 2SA 013 001 داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 010 2SA 013 002 ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى. 010 2SA 013 003 لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى. 010 2SA 013 004 ئۇ ئامنونغا: سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى. 010 2SA 013 005 يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى. 010 2SA 013 006 شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى. 010 2SA 013 007 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى. 010 2SA 013 008 تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى. 010 2SA 013 009 ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ: ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى. 010 2SA 013 010 ئاندىن ئامنون تامارغا: تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى. 010 2SA 013 011 تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. 010 2SA 013 012 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن! 010 2SA 013 013 مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 013 014 لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. 010 2SA 013 015 ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا: قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى. 010 2SA 013 016 تامار ئۇنىڭغا: ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى، 010 2SA 013 017 بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ: بۇ [خوتۇننى] ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى. 010 2SA 013 018 تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. 010 2SA 013 019 تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى. 010 2SA 013 020 ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى. 010 2SA 013 021 داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. 010 2SA 013 022 ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. 010 2SA 013 023 تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال-ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى. 010 2SA 013 024 ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. 010 2SA 013 025 پادىشاھ ئابشالومغا: ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى. 010 2SA 013 026 لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 010 2SA 013 027 ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى. 010 2SA 013 028 ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى. 010 2SA 013 029 شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى. 010 2SA 013 030 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى. 010 2SA 013 031 پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى. 010 2SA 013 032 ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى. 010 2SA 013 033 ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى. 010 2SA 013 034 ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. [يېرۇسالېمدىكى] كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى. 010 2SA 013 035 يوناداب پادىشاھقا: مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى. 010 2SA 013 036 سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا-زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى. 010 2SA 013 037 لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى. 010 2SA 013 038 ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. 010 2SA 013 039 داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى. 010 2SA 014 001 ئەمدى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب پادىشاھ قەلبىنىڭ ئابشالومغا تەلمۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. 010 2SA 014 002 شۇنىڭ ئۈچۈن يوئاب تەكوئاغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىن دانىشمەن بىر خوتۇننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا: سەندىن ئۆتۈنەي، ئۆزۈڭنى ماتەم تۇتقان كىشىدەك كۆرسىتىپ قارىلىق كىيىمى كىيىپ، ئۆزۈڭنى ئەتىرلىك ماي بىلەن ياغلىماي، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۆلگۈچى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ھازىدار بولغان ئايالدەك قىلىپ 010 2SA 014 003 [داۋۇت] پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇ ئايالغا ئۆگەتتى. 010 2SA 014 004 شۇنىڭ بىلەن تەكوئالىق بۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ، باش ئۇرۇپ: ئى پادىشاھىم، مېنى قۇتقۇزىۋالغايلا، ــ دېدى. 010 2SA 014 005 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: مەن دەرۋەقە بىر تۇل خوتۇنمەن! ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى؛ 010 2SA 014 006 دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئارىغا چۈشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. 010 2SA 014 007 مانا، ھازىر پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دېدەكلىرىگە قارشى قوپۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن؛ ئىنىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، قەتل قىلغىنى ئۈچۈن بىز جانغا جان ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەنمۇ مىراس ئالغۇچىنى يوقىتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يالغۇز قالغان چوغۇمنى ئۆچۈرۈپ، ئېرىمگە نە نام نە يەر يۈزىدە ئەۋلادمۇ قالدۇرغىلى قويمايدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 014 008 پادىشاھ ئايالغا: ئۆيۈڭگە بارغىن، مەن ئەھۋالغا قاراپ سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىمەن، ــ دېدى. 010 2SA 014 009 تەكوئالىق ئايال پادىشاھقا: ئى، غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن، ــ دېدى. 010 2SA 014 010 پادىشاھ: بىرەر كىم ساڭا [بۇ توغرۇلۇق] گەپ قىلسا، ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، ئۇ سېنى يەنە ئاۋارە قىلمايدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 014 011 ئايال جاۋاب بېرىپ: ئۇنداقتا پادىشاھ پەرۋەردىگار خۇدالىرىنى ياد قىلغايلا، قانغا قان ئىنتىقام ئالغۇچىلارنىڭ ئوغلۇمنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىشىغا يول قويمىغايلا، ــ دېدى. پادىشاھ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال چېچى يەرگە چۈشمەيدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 014 012 لېكىن ئايال: دېدەكلىرى غوجام پادىشاھقا يەنە بىر سۆزنى دېگىلى قويغايلا، دېۋىدى، ئۇ: ئېيتقىن ــ دېدى. 010 2SA 014 013 ئايال يەنە مۇنداق دېدى: ئەمدى سىلى نېمىشقا خۇدانىڭ خەلقىگە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق بىر ئىشنى نىيەت قىلدىلا؟ پادىشاھ شۇ گېپى بىلەن ئۆزىنى گۇناھكار قىلىپ بېكىتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى پالىغان كىشىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدى. 010 2SA 014 014 دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ. 010 2SA 014 015 ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ غوجام پادىشاھقا شۇ ئىش توغرىسىدىن سۆز قىلغىلى كېلىشىمنىڭ سەۋەبى، خەلق مېنى قورقاتتى. لېكىن دېدەكلىرى: بۇ گەپنى پادىشاھقا ئېيتاي! پادىشاھ بەلكىم ئۆز چۆرىسىنىڭ ئىلتىماسىنى بەجا كەلتۈرەر، دېگەن ئويدا بولدى. 010 2SA 014 016 چۈنكى پادىشاھ ئاڭلىشى مۇمكىن، چۆرىسىنى ھەم ئوغلۇمنى خۇدانىڭ مىراسىدىن تەڭ يوقاتماقچى بولغان كىشىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالار. 010 2SA 014 017 شۇڭا دېدەكلىرى، غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئاراملىق بېرەر، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلى بىلەن بىللە بولغاي! 010 2SA 014 018 پادىشاھ ئايالغا جاۋاب بېرىپ: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سەندىن سورىماقچى بولغان ئىشنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن، دېدى. ئايال: غوجام پادىشاھ سۆز قىلسىلا، دېدى. 010 2SA 014 019 پادىشاھ: بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسى يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ، قانداق؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ئى، غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقانلىرى ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ قايمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە سىلىنىڭ قۇللىرى يوئاب ماڭا شۇنى تاپىلاپ، بۇ سۆزلەرنى دېدەكلىرىنىڭ ئاغزىغا سالدى. 010 2SA 014 020 يوئابنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭكىدەك ئىكەن، زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەن، ــ دېدى. 010 2SA 014 021 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يوئابقا: ماقۇل! مانا، بۇ ئىشقا ئىجازەت بەردىم. بېرىپ ئۇ يىگىت ئابشالومنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. 010 2SA 014 022 يوئاب يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ، پادىشاھقا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن يوئاب: ئى غوجام پادىشاھ، ئۆز قۇلۇڭنىڭ تەلىپىگە ئىجازەت بەرگىنىڭدىن، ئۆز قۇلۇڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقىنىنى بۈگۈن بىلدىم، ــ دېدى. 010 2SA 014 023 ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئابشالومنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. 010 2SA 014 024 ئەمما پادىشاھ: ــ ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە بارسۇن، دېگەنىدى. شۇڭا ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى. 010 2SA 014 025 ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىل تەۋەسىدە ئابشالومدەك چىرايلىق دەپ ماختالغان ئادەم يوق ئىدى. تاپىنىدىن تارتىپ چوققۇسىغىچە ئۇنىڭدا ھېچ ئەيىب يوق ئىدى. 010 2SA 014 026 ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە (ئۇ ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا چېچىنى چۈشۈرەتتى؛ چېچى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا ئۇنى چۈشۈرەتتى)، چېچىنى پادىشاھنىڭ «ئۆلچەم تارازا»سى بىلەن تارتسا ئىككى يۈز شەكەل چىقاتتى. 010 2SA 014 027 ئابشالومدىن ئۈچ ئوغۇل ۋە تامار ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلدى. قىزى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. 010 2SA 014 028 ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، يېرۇسالېمدا توپتوغرا ئىككى يىل توشقۇچە تۇردى؛ 010 2SA 014 029 ئابشالۇم يوئابقا ئادەم ماڭدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابشالوم ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن يوئاب كېلىشنى خالىمىدى. 010 2SA 014 030 شۇنىڭ بىلەن ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ يوئابنىڭ مېنىڭكىگە يانداش ئارپا تېرىقلىق بىر پارچە ئېتىزلىقى بار. بېرىپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ بۇ بىر پارچە ئېتىزلىقىغا ئوت قويدى. 010 2SA 014 031 ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ ئابشالومنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا خىزمەتكارلىرىڭ ئېتىزلىقىمغا ئوت قويدى! ــ دەپ سورىدى. 010 2SA 014 032 ئابشالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: مانا، مەن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ: قېشىمغا كەلسۇن، ئاندىن پادىشاھنىڭ قېشىغا ماڭا ۋاكالىتەن بارغۇزۇپ ئۇنىڭغا: مەن نېمىشقا گەشۇردىن يېنىپ كەلگەندىمەن؟ ئۇ يەردە قالسام، ياخشى بولاتتىكەن، دەپ ئېيتقۇزماقچى ئىدىم. ئەمدى پادىشاھ بىلەن دىدارلاشسام دەيمەن؛ مەندە قەبىھلىك بولسا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، ــ دېدى. 010 2SA 014 033 شۇنىڭ بىلەن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پادىشاھ ئابشالومنى چاقىردى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئابشالومنى سۆيدى. 010 2SA 015 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى تەييارلاتتى ھەم ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى بېكىتتى. 010 2SA 015 002 ئابشالوم تاڭ سەھەردە قوپۇپ، دەرۋازىغا بارىدىغان يولنىڭ يېنىدا تۇراتتى. قاچان بىرسى دەۋايىمنى كەسسۇن دەپ، پادىشاھقا ئەرز تۇتقىلى كەلسە، ئابشالوم ئۇنى چاقىرىپ: سەن قايسى شەھەردىن كەلدىڭ، ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى: قۇلۇڭ ئىسرائىلنىڭ پالانچى قەبىلىسىدىن كەلدى، دېسە، 010 2SA 015 003 ئابشالوم ئۇنىڭغا: مانا، دەۋايىڭلار دۇرۇس ۋە ھەق ئىكەن، لېكىن پادىشاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەرزىڭنى ئاڭلاشقا قويۇلغان ئادەم يوق، دەيتتى. 010 2SA 015 004 ئاندىن ئابشالوم يەنە: كاشكى، مەن زېمىندا سوراقچى قىلىنسامىدى، ھەر كىمنىڭ ئەرزى ياكى دەۋايى بولۇپ، مېنىڭ قېشىمغا كەلسە، ئۇنىڭغا ئادالەت كۆرسىتەتتىم! ــ دەيتتى. 010 2SA 015 005 بىركىم ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىلى ئالدىغا بارسا، ئابشالوم قولىنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنى تۇتۇپ سۆيەتتى. 010 2SA 015 006 ئابشالوم شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇۋالاتتى. 010 2SA 015 007 تۆت يىل ئۆتكەندە، ئابشالوم پادىشاھقا: مېنىڭ ھېبروندا پەرۋەردىگارغا ئىچكەن قەسىمىمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن، شۇ يەرگە بېرىشقا ئىجازەت بەرسەڭ؛ 010 2SA 015 008 چۈنكى قۇلۇڭ سۇرىيەدىكى گەشۇردا تۇرغىنىمدا قەسەم ئىچىپ: ئەگەر پەرۋەردىگار مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرسا، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن، دەپ ئېيتقانىدى، ــ دېدى. 010 2SA 015 009 پادىشاھ ئۇنىڭغا: تىنچ-ئامان بېرىپ كەلگىن، دېۋىدى، ئۇ قوزغىلىپ ھېبرونغا كەتتى. 010 2SA 015 010 لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەخپىي ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: «ئابشالوم ھېبروندا پادىشاھ بولدى!» دەپ ئېلان قىلىڭلار، دېدى. 010 2SA 015 011 ئەمدى ئىككى يۈز ئادەم تەكلىپ بىلەن ئابشالوم بىلەن بىرگە يېرۇسالېمدىن بارغانىدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغاچقا، ساددىلىق بىلەن بارغانىدى. 010 2SA 015 012 ئابشالوم قۇربانلىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان گىلوھلۇق ئاھىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قەست بارغانسېرى كۈچەيدى، ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپۈيۈۋاتاتتى. 010 2SA 015 013 داۋۇتقا بىر خەۋەرچى كېلىپ: ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ئابشالومغا مايىل بولدى، ــ دېدى. 010 2SA 015 014 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرىغا: قوپۇپ قاچايلى! بولمىسا، ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. ئىتتىك كېتەيلى؛ بولمىسا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ شەھەر خەلقىنى قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرىدۇ، دېدى. 010 2SA 015 015 پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ نېمە بېكىتسە، شۇنى قىلىمىز، دېدى. 010 2SA 015 016 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى؛ ئەمما پادىشاھ كېنىزەكلىرىدىن ئوننى ئوردىغا قاراشقا قويدى. 010 2SA 015 017 پادىشاھ چىقىپ كەتكەندە ھەممە خەلق ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ئۇلار بەيت-مەرھاكتا تۇرۇپ قالدى. 010 2SA 015 018 ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [كىدرون ئېقىنىدىن] ئۆتۈۋاتاتتى؛ بارلىق كەرەتىيلەر، بارلىق پەلەتىيلەر، بارلىق گاتلىقلار، يەنى گات شەھىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. 010 2SA 015 019 پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: سەن نېمىشقا بىز بىلەن بارىسەن؟ يېنىپ بېرىپ پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرغىن؛ چۈنكى سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن مۇساپىر بولۇپ پالانغانسەن. 010 2SA 015 020 سەن پەقەت تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ، مەن بۈگۈن قانداقسىگە سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە سەرسان قىلاي؟ مەن بولسام، نەگە بارالىسام، شۇ يەرگە بارىمەن. قېرىنداشلىرىڭنى ئېلىپ يېنىپ كەتكىن؛ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ساڭا يار بولغاي! ــ دېدى. 010 2SA 015 021 لېكىن ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە غوجام پادىشاھنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەيلى ھايات ياكى مامات بولسۇن، غوجام پادىشاھ قەيەردە بولسا، قۇلۇڭ شۇ يەردىمۇ بولىدۇ! ــ دېدى. 010 2SA 015 022 داۋۇت ئىتتايغا: ئەمدى سەنمۇ بېرىپ [ئېقىندىن] ئۆتكىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاتلىق ئىتتاي ھەممە ئادەملىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ماڭغان بارلىق بالا-چاقىلىرى ئۆتۈپ كەتتى. 010 2SA 015 023 ھەممە خەلق ئۆتۈۋاتقاندا، پۈتكۈل شۇ يۇرتتىكىلەر قاتتىق ئاۋاز بىلەن يىغلىدى. پادىشاھ ئۆزىمۇ كىدرون ئېقىنىدىن ئۆتكەندە، بارلىق خەلق چۆللۈك تەرىپىگە قاراپ يول ئالدى. 010 2SA 015 024 ۋە مانا، زادوك بىلەن لاۋىيلارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ بىللە كەلدى؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەردە قويدى. بارلىق خەلق شەھەردىن چىقىپ ئۆتكۈچە ئابىياتار بولسا، قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇراتتى. 010 2SA 015 025 پادىشاھ زادوكقا: خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شەھەرگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كىرگىن. مەن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇ چوقۇم مېنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئۇ ماڭا ئەھدە ساندۇقىنى ۋە ئۆز ماكانىنى يەنە كۆرگۈزىدۇ؛ 010 2SA 015 026 لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا: سەندىن خۇرسەنلىكىم يوق، دېسە، مانا مەن؛ ئۇ مېنى قانداق قىلىشنى لايىق كۆرسە، شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. 010 2SA 015 027 پادىشاھ كاھىن زادوكقا: سەن ئالدىن كۆرگۈچى ئەمەسمۇ؟ سەن ۋە ئۆز ئوغلۇڭ ئاخىمائاز ۋە ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان، يەنى ئىككىڭلارنىڭ ئىككى ئوغلۇڭلار ساڭا ھەمراھ بولۇپ تىنچ-ئامان شەھەرگە قايتقىن. 010 2SA 015 028 مانا، مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە چۆلدىكى ئۆتكەللەردە كۈتۈپ تۇراي، ــ دېدى. 010 2SA 015 029 شۇنىڭ بىلەن زادوك بىلەن ئابىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ يەردە قالدى. 010 2SA 015 030 لېكىن داۋۇت زەيتۇن تېغىغا چىققاندا، بېشىنى يېپىپ يالاڭ ئاياغ بولۇپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلقنىڭ ھەربىرى بېشىنى يېپىپ يىغلاپ چىقىۋاتاتتى. 010 2SA 015 031 بىرسى كېلىپ داۋۇتقا: ئاھىتوفەلمۇ ئابشالومنىڭ قەستىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئەخمەقانىلىككە ئايلاندۇرغايسەن، دېدى. 010 2SA 015 032 داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىغا، يەنى ئادەتتە ئۇ مەخسۇس خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا يەتكەندە، ئاركىلىق ھۇشاي تونى يىرتىق، بېشىغا توپا-چاڭ چېچىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. 010 2SA 015 033 داۋۇت ئۇنىڭغا: مېنىڭ بىلەن بارساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن؛ 010 2SA 015 034 لېكىن شەھەرگە قايتىپ بېرىپ ئابشالومغا: ئى پادىشاھ، مەن بۈگۈنگە قەدەر ئاتاڭنىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قۇل-خىزمەتكارىڭ بولاي، دىسەڭ، سەن مەن ئۈچۈن ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيسەن. 010 2SA 015 035 مانا زادوك ۋە ئابىياتار دېگەن كاھىنلارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن نېمە ئاڭلىساڭ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئېيتقىن. 010 2SA 015 036 مانا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتانمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ھەرنېمە ئاڭلىساڭ، ئۇلار ئارقىلىق ماڭا خەۋەر يەتكۈزگىن ــ دېدى. 010 2SA 015 037 شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ دوستى ھۇشاي شەھەرگە باردى؛ ئابشالوممۇ دەل شۇ چاغدا يېرۇسالېمغا كىردى. 010 2SA 016 001 داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىدىن ئەمدىلا ئۆتۈشىگە مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئىككى يۈز نان، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، يۈز يازلىق مېۋە پوشكىلى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئىككى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. 010 2SA 016 002 پادىشاھ زىباغا: بۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئەكەلدىڭ؟ دېدى. زىبا: ئېشەكلەرنى پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنىشى ئۈچۈن، نانلار بىلەن يازلىق مىۋىلەرنى غۇلاملارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن، شارابنى چۆلدە ھېرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئەكەلدىم ــ دېدى. 010 2SA 016 003 پادىشاھ: غوجاڭنىڭ ئوغلى نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدا قالدى، چۈنكى ئۇ: بۈگۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىنى ماڭا ياندۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئولتۇرىدۇ ــ دېدى. 010 2SA 016 004 پادىشاھ زىباغا: مانا مەفىبوشەتنىڭ ھەممىسى ساڭا تەۋە بولسۇن، دېۋىدى، زىبا: مەن سىلىگە تەزىم قىلىمەن؛ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپسام، ئى غوجام پادىشاھ، ــ دېدى. 010 2SA 016 005 داۋۇت پادىشاھ باھۇرىمغا كەلگەندە، مانا سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولغان، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئىسىملىك بىر ئادەم شۇ يەردىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى؛ ئۇ بۇ ياققا كەلگەچ كىمدۇ بىرىنى قارغاۋاتاتتى. 010 2SA 016 006 ئۇ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قاراپ تاشلارنى ئاتتى؛ ھەممە خەلق بىلەن بارلىق پالۋانلار پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 010 2SA 016 007 شىمەي قارغاپ: يوقال، يوقال، ھەي سەن قانخور، ئىپلاس! 010 2SA 016 008 سەن سائۇلنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدۇڭ، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قېنىنى سېنىڭ بېشىڭغا قايتۇردى؛ ئەمدى پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى ئوغلۇڭ ئابشالومنىڭ قولىغا بەردى؛ مانا، ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشتى، چۈنكى سەن بىر قانخورسەن! ــ دېدى. 010 2SA 016 009 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىت غوجام پادىشاھنى قارغىسۇن؟ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى كەسكىلى ماڭا ئىجازەت بەرگەيسەن! ــ دېدى. 010 2SA 016 010 لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟ 010 2SA 016 011 داۋۇت ئابىشايغا ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىغا: مانا ئۆز پۇشتۇمدىن بولغان ئوغلۇم مېنىڭ جېنىمنى ئىزدىگەن يەردە، بۇ بىنيامىن كىشى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلمامدۇ؟ ئۇنى قارغىغىلى قويغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق بۇيرۇپتۇ. 010 2SA 016 012 پەرۋەردىگار بەلكىم مېنىڭ دەردلىرىمنى نەزىرىگە ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن مېنى قارغىغانلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا ياخشىلىق ياندۇرار، دېدى. 010 2SA 016 013 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن يولدا مېڭىۋەردى. شىمەي بولسا داۋۇتنىڭ ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا ماڭغاچ قارغايتتى ھەم تاش ئېتىپ توپا-چاڭ چاچاتتى. 010 2SA 016 014 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ھېرىپ، مەنزىلگە بارغاندا ئۇ يەردە ئارام ئالدى. 010 2SA 016 015 ئەمدى ئابشالوم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئاھىتوفەل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 010 2SA 016 016 داۋۇتنىڭ دوستى ئاركىلىق ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئابشالومغا: پادىشاھ ياشىسۇن! پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دېدى. 010 2SA 016 017 ئابشالوم ھۇشايغا: بۇ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان ھىممىتىڭمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دېدى. 010 2SA 016 018 ھۇشاي ئابشالومغا: ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كىمنى تاللىسا، مەن ئۇنىڭغا تەۋە بولاي ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن. 010 2SA 016 019 شۇنىڭدىن باشقا كىمنىڭ خىزمىتىدە بولاي؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلمامدىم؟ سېنىڭ ئاتاڭنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قېشىڭدا خىزمەت قىلاي، ــ دېدى. 010 2SA 016 020 ئاندىن ئابشالوم ئاھىتوفەلگە: مەسلىھەتلىشىپ يول كۆرسىتىڭلار؛ قانداق قىلساق بولار؟ ــ دېدى. 010 2SA 016 021 ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ئاتاڭنىڭ ئوردىسىغا قارىغىلى قويغان كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئاتاڭغا نەپرەتلىك قىلغانلىقىڭنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرى كۈچلەندۈرۈلىدۇ، دېدى. 010 2SA 016 022 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابشالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكتى؛ ئابشالوم ھەممە ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە بولدى. 010 2SA 016 023 ئۇ كۈنلەردە ئاھىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى خۇددى كىشى خۇدادىن سوراپ ئېرىشكەن سۆز-كالامدەك ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ داۋۇتقا ۋە ئابشالومغا بەرگەن ھەممە مەسلىھەتىمۇ ھەم شۇنداق قارىلاتتى. 010 2SA 017 001 ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ماڭا ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللىۋېلىشقا رۇخسەت بەرسەڭ، مەن بۈگۈن كېچە قوزغىلىپ، داۋۇتنى قوغلاي؛ 010 2SA 017 002 مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنىمدە ئۇ ھېرىپ، قوللىرى ئاجىز بولىدۇ؛ مەن ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋېتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، 010 2SA 017 003 ئاندىن ھەممە خەلقنى ساڭا بېقىندۇرۇپ قايتۇرىمەن. سەن ئىزدىگەن ئادەم يوقالسا، ھەممە خەلق سېنىڭ قېشىڭغا قايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئامان-ئېسەن قالىدۇ، دېدى. 010 2SA 017 004 بۇ مەسلىھەت ئابشالومغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا ياقتى، 010 2SA 017 005 لېكىن ئابشالوم: ئاركىلىق ھۇشاينىمۇ چاقىرىڭلار؛ ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلايلى، ــ دېدى. 010 2SA 017 006 ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاھىتوفەل مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى؛ ئۇ دېگەندەك قىلايلىمۇ؟ بولمىسا، سەن بىر مەسلىھەت بەرگىن، ــ دېدى. 010 2SA 017 007 ھۇشاي ئابشالومغا: ئاھىتوفەلنىڭ بۇ ۋاقىتتا بەرگەن مەسلىھەتى ياخشى ئەمەس، ــ دېدى. 010 2SA 017 008 ھۇشاي يەنە مۇنداق دېدى: «سەن ئاتاڭ بىلەن ئادەملىرىنى بىلىسەنغۇ ــ ئۇلار پالۋانلاردۇر، ھازىر دالادىكى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنغان چىشى ئېيىقتەك پەيلى يامان. ئاتاڭ بولسا ھەقىقىي جەڭچىدۇر، ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرگە قونمايدۇ. 010 2SA 017 009 مانا ئۇ ھازىر بىر غاردا يا باشقا بىر يەردە مۆكۈنۈۋالغان بولسا كېرەك. مۇبادا ئۇ ئاۋۋال خەلقىمىز ئۈستىگە چۈشسە شۇنى ئاڭلىغان ھەركىم: ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچراپتۇ، ــ دەيدۇ. 010 2SA 017 010 ئۇ ۋاقىتتا ھەتتا شىر يۈرەك پالۋانلارنىڭ يۈرەكلىرىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئاتاڭنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭمۇ پالۋان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 010 2SA 017 011 شۇڭا مەسلىھەتىم شۇكى، پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سېنىڭ قېشىڭغا تېز يىغىلسۇن (ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردەك كۆپتۇر!). سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنى باشلاپ جەڭگە چىققىن. 010 2SA 017 012 بىز ئۇنى قەيەردە تاپساق، شەبنەم يەرگە چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان كىشىلەردىن ھېچ كىممۇ قالمايدۇ. 010 2SA 017 013 ئەگەر ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ يەرگە ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ھەتتا ئۇنىڭدىكى كىچىك شېغىل-تاشلارنىمۇ قالدۇرماي سۆرەپ ئەكىلىپ، دەريا جىلغىسىغا تاشلىۋېتىمىز». 010 2SA 017 014 ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى: ئاركىلىق ھۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا كەلسۇن دەپ، ئاھىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى بېكىتكەنىدى. 010 2SA 017 015 ھۇشاي زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا: ئاھىتوفەلنىڭ ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا بەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق-مۇنداق، ئەمما مېنىڭ مەسلىھەتىم بولسا مۇنداق-مۇنداق؛ 010 2SA 017 016 ھازىر سىلەر دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتقا: بۇ كېچىدە چۆلنىڭ كېچىكلىرىدە قونماي، بەلكى تېز ئۆتۈپ كېتىڭلار، بولمىسا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق ھالاك بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەتكۈزۈڭلار ــ دېدى. 010 2SA 017 017 ئۇ ۋاقىتتا يوناتان بىلەن ئاخىمائاز ئەن-روگەلدە كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەرگە كىرمىدى؛ بىر دېدەكنىڭ چىقىپ ئۇلارغا خەۋەر بېرىشى بېكىتىلدى. ئۇلار بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەرنى يەتكۈزدى. 010 2SA 017 018 لېكىن بىر ياش يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، ئابشالومغا دەپ قويدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئىتتىك بېرىپ، باھۇرىمدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا قۇدۇق بار ئىدى؛ ئۇلار شۇنىڭغا چۈشۈپ يوشۇرۇندى. 010 2SA 017 019 ئۇنىڭ ئايالى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ياپقۇچىنى يېپىپ ئۈستىگە سوقۇلغان بۇغداينى تۆكۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش ئاشكارىلانمىدى. 010 2SA 017 020 ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆيگە كىرىپ ئايالنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئاخىمائاز بىلەن يوناتان قەيەردە؟ ــ دەپ سورىدى. ئايال: ئۇلار ئېرىقتىن ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. كەلگەنلەر ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. 010 2SA 017 021 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا خەۋەر بەردى. ئۇلار داۋۇتقا: قوپۇپ، سۇدىن ئۆتكىن؛ چۈنكى ئاھىتوفەل سېنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ، ــ دېدى. 010 2SA 017 022 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق خەلق قوزغىلىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى؛ تاڭ ئاتقۇچە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمىگەن ھېچكىم قالمىدى. 010 2SA 017 023 ئاھىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. 010 2SA 017 024 شۇ ئارىلىقتا داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەنىدى، ئابشالوم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىمۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغانىدى. 010 2SA 017 025 ئابشالوم يوئابنىڭ ئورنىدا ئاماسانى قوشۇننىڭ ئۈستىگە سەردار قىلىپ قويدى. ئاماسا بولسا يىترا ئىسىملىك بىر ئىسرائىللىق كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشى ناھاشنىڭ قىزى ئابىگائىل بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانىدى. ناھاش يوئابنىڭ ئانىسى زەرۇئىيا بىلەن ئاچا-سىڭىل ئىدى. 010 2SA 017 026 ئىسرائىل بىلەن ئابشالوم گىلېئادنىڭ زېمىنىدا بارگاھ تىكتى. 010 2SA 017 027 داۋۇت ماھانائىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناھاشنىڭ ئوغلى شوبى بىلەن لو-دىبارلىق ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگېلىمدىن بولغان گىلېئادلىق بارزىللاي دېگەنلەر 010 2SA 017 028 يوتقان-كۆرپە، داس، قاچا-قۇچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، قىزىل ماش، قۇرۇغان پۇرچاقلار، 010 2SA 017 029 ھەسەل، قايماق ۋە قويلارنى كەلتۈرۈپ، كالا سۈتىدە قىلىنغان قۇرۇت-ئىرىمچىك قاتارلىقلارنى داۋۇت بىلەن خەلققە يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار: شۈبھىسىزكى، خەلق چۆلدە ھېرىپ-ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىغانىدى. 010 2SA 018 001 داۋۇت ئۆزى بىلەن بولغان خەلقنى يىغىپ ئېدىتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىڭبېشى بىلەن يۈزبېشى قويدى. 010 2SA 018 002 ئاندىن داۋۇت خەلقنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ جەڭگە چىقاردى؛ بىرىنچى بۆلەكنى يوئابنىڭ قول ئاستىدا، ئىككىنچى بۆلەكنى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قول ئاستىدا ۋە ئۈچىنچى بۆلەكنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قول ئاستىدا قويدى. پادىشاھ خەلققە: بەرھەق، مەنمۇ سىلەر بىلەن جەڭگە چىقىمەن، دېدى. 010 2SA 018 003 لېكىن خەلق: سىلى چىقمىسىلا، ئەگەر بىز قاچساق دۈشمەن بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ؛ ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىرى بىزنىڭ ئون مىڭىمىزگە باراۋەر بولىلا. ياخشىسى سىلى شەھەردە تۇرۇپ بىزگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار تۇرغايلا، دېدى. 010 2SA 018 004 پادىشاھ ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يۈزدىن، مىڭدىن بولۇپ شەھەردىن چىقىۋاتقاندا، پادىشاھ دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇردى. 010 2SA 018 005 پادىشاھ يوئاب بىلەن ئابشاي ۋە ئىتتايغا: مەن ئۈچۈن ئابشالومغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ ئاياڭلار، دېدى. پادىشاھنىڭ [ھەممە سەردارلىرىغا] ئابشالوم توغرىسىدا شۇنداق تاپىلىغىنىدا، بارلىق خەلق تاپىلىغىنىنى ئاڭلىدى. 010 2SA 018 006 ئاندىن خەلق ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى مەيدانغا چىقتى؛ سوقۇش ئەفرائىمنىڭ ئورمانلىقىدا بولدى. 010 2SA 018 007 ئۇ يەردە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ كۈنى ئۇلار قاتتىق قىرغىن قىلىندى ــ يىگىرمە مىڭى ئۆلدى. 010 2SA 018 008 سوقۇش شۇ زېمىنغا يېيىلدى؛ ئورمانلىق يەۋەتكەنلەر قىلىچتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولدى. 010 2SA 018 009 ئابشالوم داۋۇتنىڭ غۇلاملىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئابشالوم ئۆز قېچىرىغا مىنىپ، چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ قويۇق شاخلىرىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دەرەخ شېخىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇ ئېسىلىپ قالدى؛ ئۇ مىنگەن قېچىر بولسا ئالدىغا كېتىپ قالدى. 010 2SA 018 010 بىرسى بۇنى كۆرۈپ يوئابقا خەۋەر بېرىپ: مانا، مەن ئابشالومنىڭ بىر دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، دېدى. 010 2SA 018 011 يوئاب خەۋەر بەرگەن ئادەمگە: نېمە! سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ يەرگە چۈشۈرمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر كەمەر بېرەتتىم، ــ دېدى. 010 2SA 018 012 ئۇ ئادەم يوئابقا: قولۇمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەگسىمۇ، قولۇمنى پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۇزاتمايتتىم! چۈنكى پادىشاھنىڭ ھەممىمىز ئالدىدا ساڭا، ئابىشايغا ۋە ئىتتايغا: مېنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىڭلار ئابشالومنى ئاياڭلار، دەپ بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدۇق. 010 2SA 018 013 ئەگەر مەن ئۆز جېنىمنى تەۋەككۇل قىلىپ، شۇنداق قىلغان بولسام (ھەرقانداق ئىش پادىشاھتىن يوشۇرۇن قالمايدۇ!) سەن مېنى تاشلاپ، دۈشمىنىڭ قاتارىدا كۆرەتتىڭ، ــ دېدى. 010 2SA 018 014 يوئاب: سېنىڭ بىلەن بۇنداق دېيىشىشكە چولام يوق! ــ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ نەيزىنى ئېلىپ دەرەختە ساڭگىلاقلىق ھالدا تىرىك تۇرغان ئابشالومنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى. 010 2SA 018 015 ئاندىن يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان ئون غۇلام ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 010 2SA 018 016 ئاندىن يوئاب كاناي چالدى؛ خەلق ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ياندى؛ چۈنكى يوئاب قوشۇننى چېكىنىشكە چاقىردى. 010 2SA 018 017 ئۇلار ئابشالومنى ئورمانلىقتىكى چوڭ بىر ئازگالغا تاشلاپ ئۈستىگە نۇرغۇن تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئىسرائىللار بولسا قېچىپ ھەربىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى. 010 2SA 018 018 ئابشالوم تىرىك ۋاقتىدا پادىشاھ ۋادىسىدا ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزغانىدى. چۈنكى ئۇ: مېنىڭ نامىمنى قالدۇردىغانغا ئوغلۇم يوق دەپ، ئۇ تاش ئابىدىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاش بۈگۈنگە قەدەر «ئابشالومنىڭ يادىكارى» دەپ ئاتىلىدۇ. 010 2SA 018 019 زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز [يوئابقا]: پەرۋەردىگار سېنى دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزۇپ سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى، دەپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىشكە مېنى دەرھال ماڭغۇزغىن، ــ دېدى. 010 2SA 018 020 لېكىن يوئاب ئۇنىڭغا: سەن بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، بەلكى باشقا بىر كۈنى خەۋەر بېرىسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلگىنى تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، دېدى. 010 2SA 018 021 شۇنىڭ بىلەن يوئاب كۇشىيغا: بېرىپ پادىشاھقا كۆرگىنىڭنى دەپ بەرگىن، دېدى. كۇشىي يوئابقا تەزىم قىلىپ يۈگۈرۈپ كەتتى. 010 2SA 018 022 لېكىن زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۇشىينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە ماڭا ئىجازەت بەرگىن، ــ دېدى. يوئاب: ئى ئوغلۇم، ساڭا ھېچقانداق سۆيۈنچى بەرگۈدەك خەۋەر بولمىسا، نېمىشقا يۈگۈرۈشنى خالايسەن؟ ــ دېدى. 010 2SA 018 023 ئۇ يەنە: قانداقلا بولمىسۇن، مېنى يۈگۈرگۈزگىن، دېدى. يوئاب ئۇنىڭغا: ماڭ، يۈگۈر، دېۋىدى، ئاخىمائاز ئىئوردان دەرياسىدىكى تۈزلەڭلىك بىلەن يۈگۈرۈپ كۇشىيگە يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى. 010 2SA 018 024 داۋۇت ئىچكى-تاشقى دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدىن سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى. 010 2SA 018 025 كۆزەتچى ۋارقىراپ پادىشاھقا خەۋەر بەردى. پادىشاھ: ئەگەر ئۇ يالغۇز بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم خەۋەر بار، دېدى. خەۋەرچى بولسا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى. 010 2SA 018 026 ئاندىن كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كەلگىنىنى كۆردى. كۆزەتچى دەرۋازىۋەنگە: مانا يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ: بۇمۇ خەۋەرچى ئىكەن، دېدى. 010 2SA 018 027 كۆزەتچى: ئاۋۋالقىسىنىڭ يۈگۈرۈشى ماڭا زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرشىدەك كۆرۈندى، ــ دېدى. پادىشاھ: ئۇ ياخشى ئادەم، خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 018 028 ئاخىمائاز پادىشاھقا توۋلاپ: سالام! دەپ پادىشاھقا يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: غوجام پادىشاھقا زىيان يەتكۈرۈشكە قوللىرىنى كۆتۈرگەن ئادەملەرنى مەغلۇبىيەتكە مۇپتىلا قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! ــ دېدى. 010 2SA 018 029 پادىشاھ: ئابشالوم سالامەتمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز جاۋاب بېرىپ: يوئاب پادىشاھنىڭ قۇلى ۋە پېقىرلىرىنى ماڭدۇرغاندا، پېقىر كىشىلەرنىڭ چوڭ قالايمىقانچىلىقىنى كۆردۇم، لېكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ــ دېدى. 010 2SA 018 030 پادىشاھ: بولدى، بۇياقتا تۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ بىر تەرەپكە بېرىپ تۇردى. 010 2SA 018 031 ۋە مانا، كۇشىي يېتىپ كەلدى؛ كۇشىي: غوجام پادىشاھ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغايلا. پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاسىيلىق قىلىپ قوزغالغان ھەممىسىدىن سىلىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدى، دېدى. 010 2SA 018 032 پادىشاھ كۇشىيغا: يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟ دەپ سورىدى. كۇشىيلىق: غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىنى قەستلەشكە قوزغالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يىگىتكە ئوخشاش بولسۇن! ــ دېدى. 010 2SA 018 033 پادىشاھ تولىمۇ ئازابلىنىپ، دەرۋازىنىڭ تۆپىسىدىكى بالىخانىغا يىغلىغان پېتى چىقتى؛ ئۇ ماڭغاچ: ئى ئوغلۇم ئابشالوم! ئى ئوغلۇم، ئوغلۇم ئابشالوم! كاشكى، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆلسەم بولماسمىدى! ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! دېدى. 010 2SA 019 001 بىرسى يوئابقا: پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتماقتا، دەپ خەۋەر بەردى. 010 2SA 019 002 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى نۇسرەت خەلق ئۈچۈن مۇسىبەتكە ئايلاندى؛ چۈنكى خەلق شۇ كۈنىدە: پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت تارتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدى. 010 2SA 019 003 ئۇ كۈنى خەلق سوقۇشتىن قېچىپ خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك، ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى. 010 2SA 019 004 پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: ئى، ئوغلۇم ئابشالوم، ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! ــ دەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن پەرياد كۆتۈردى. 010 2SA 019 005 لېكىن يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى بىلەن كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ھەممە خىزمەتكارلارنىڭ يۈزىنى سەن بۈگۈن خىجالەتتە قالدۇردۇڭ! 010 2SA 019 006 سەن ئۆزۈڭگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى سۆيىسەن، سېنى سۆيىدىغانلارغا نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلىسەن! چۈنكى سەن بۈگۈن سەردارلىرىڭنى ياكى خىزمەتكارلىرىڭنى نەزىرىڭدە ھېچنەرسە ئەمەس دېگەندەك قىلدىڭ! چۈنكى بۈگۈن ئابشالوم تىرىك قېلىپ، بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، نەزىرىڭدە ياخشى بولاتتىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم. 010 2SA 019 007 ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 019 008 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىقىپ دەرۋازىدا ئولتۇردى، ھەممە خەلققە: مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 010 2SA 019 009 ئەمدى ئىسرائىل قەبىلىسىدىكى ھەممە خەلق غۇلغۇلا قىلىشىپ: پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان، بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر ئابشالوم تۈپەيلىدىن زېمىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. 010 2SA 019 010 لېكىن بىز ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغان ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە گەپ قىلمايسىلەر؟ دېيىشتى. 010 2SA 019 011 داۋۇت پادىشاھ زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: [پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ]: ــ ھەممە ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى، دېيىشكەن تەلىپلىرىنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن يەردە، نېمىشقا سىلەر بۇ ئىشتا ئۇلاردىن كېيىن قالىسىلەر؟ 010 2SA 019 012 سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار. 010 2SA 019 013 ۋە شۇنداقلا يەنە ئاماساغىمۇ: پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم ئەمەسمۇسەن؟ ئەگەر سېنى يوئابنىڭ ئورنىدا مېنىڭ قېشىمدا دائىم تۇرىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن ــ دەڭلار، ــ دېدى. 010 2SA 019 014 بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدادىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا ئادەم ماڭدۇرۇپ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ بىرگە يېنىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 010 2SA 019 015 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يېنىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە كەلدى. يەھۇدادىكى ئادەملەر پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىمىز دەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغا بارغانىدى. 010 2SA 019 016 باھۇرىمدىن چىققان بىنيامىنلىق گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدادىكى ئادەملەر بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. 010 2SA 019 017 شىمەيگە بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى؛ ئۇلار بىلەن سائۇلنىڭ جەمەتىدە خىزمەتكار بولغان زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. 010 2SA 019 018 بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ يۈرەتتى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ تۇرۇپ 010 2SA 019 019 پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن. 010 2SA 019 020 چۈنكى قۇللىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭا مانا، مەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈن غوجام پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقتىممەن، ــ دېدى. 010 2SA 019 021 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي بۇنى ئاڭلاپ: شىمەي پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى قارغىغان تۇرسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش لازىم بولمامدۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 019 022 لېكىن داۋۇت: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بۈگۈن سىلەر ماڭا قارشى چىقماقچمۇسىلەر؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلدا ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىكەنلىكىمنى بىلمەيمەنمۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 019 023 ئاندىن پادىشاھ شىمەيگە: سەن ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. 010 2SA 019 024 ئەمدى سائۇلنىڭ نەۋرىسى مەفىبوشەت پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ كەتكەن كۈندىن تارتىپ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، ئۇ يا پۇتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغان يا ساقىلىنى ياسىمىغان ۋە ياكى كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى. 010 2SA 019 025 ئۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى يېرۇسالېمدىن كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مەفىبوشەت، نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 010 2SA 019 026 ئۇ: ئى، غوجام پادىشاھ، قۇللىرى ئاقساق بولغاچقا، ئېشىكىمنى توقۇپ، مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە باراي، دېدىم. ئەمما خىزمەتكارىم مېنى ئالداپ قويۇپتۇ؛ 010 2SA 019 027 ئۇ يەنە غوجام پادىشاھىڭ ئالدىدا قۇللىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلغايلا. 010 2SA 019 028 چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى. 010 2SA 019 029 پادىشاھ ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلىۋېرىسەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمۈم، سەن بىلەن زىبا يەرلەرنى بۆلۈشىۋېلىڭلار، ــ دېدى. 010 2SA 019 030 مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى. 010 2SA 019 031 گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كېلىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. 010 2SA 019 032 ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى. 010 2SA 019 033 پادىشاھ بارزىللايغا: مېنىڭ بىلەن بارغىن، مەن سەندىن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە خەۋەر ئالىمەن، دېدى. 010 2SA 019 034 لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: مېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندۇ، پادىشاھ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا بارامدىم؟ 010 2SA 019 035 قۇللىرى سەكسەن ياشقا كىردىم. ياخشى-ياماننى يەنە پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى تېتالامدىم؟ يىگىت نەغمىچىلەر بىلەن قىز نەغمىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالامدىم؟ نېمىشقا قۇللىرى غوجام پادىشاغا يەنە يۈك بولىمەن؟ 010 2SA 019 036 قۇللىرى پەقەت پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئازراق ئۇزىتىپ قوياي دېگەن؛ پادىشاھ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا ماڭا شۇنچە شاپائەت كۆرسىتىدىلا؟ 010 2SA 019 037 قۇللىرىنىڭ ئۆلگەندە ئۆز شەھىرىمدە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەرگەيلا. ئەمدى مانا، بۇ يەردە ئۆز قۇللىرى كىمھام بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغايلا، ــ دېدى. 010 2SA 019 038 پادىشاھ: كىمھام مېنىڭ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي، شۇنداقلا سەن مەندىن ھەر نېمە سورىساڭ، ساڭا قىلىمەن، ــ دېدى. 010 2SA 019 039 ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى، پادىشاھمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى؛ بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى. 010 2SA 019 040 پادىشاھ گىلگالغا چىقتى، كىمھام ئۇنىڭ بىلەن باردى. يەھۇدادىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ خەلقىنىڭ يېرىمى پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويغانىدى. 010 2SA 019 041 ئاندىن مانا، ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە پادىشاھنى ۋە پادىشاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، شۇنداقلا داۋۇتقا ئەگەشكەن ھەممە ئادەملەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 019 042 يەھۇدانىڭ ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە جاۋاپ بېرىپ: چۈنكى پادىشاھ بىلەن بىزنىڭ تۇغقانچىلىقىمىز بار، نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمىنى يىدۇقمۇ، ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟ ــ دېدى. 010 2SA 019 043 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى. 010 2SA 020 001 ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى. 010 2SA 020 002 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى داۋۇتتىن يېنىپ بىكرىنىڭ ئوغلى شېباغا ئەگەشتى. لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرۇسالېمغىچە ئۆز پادىشاھىغا چىڭ باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 010 2SA 020 003 داۋۇت يېرۇسالېمغا كېلىپ ئوردىسىغا كىردى. پادىشاھ ئوردىغا قاراشقا قويۇپ كەتكەن ئاشۇ ئون كېنىزەكنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك ئۆلگۈچە قامالغان پېتى تۇردى. 010 2SA 020 004 ئاندىن پادىشاھ ئاماساغا: ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ، يىغىپ كەلگىن؛ ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە ھازىر بولغىن، دېدى. 010 2SA 020 005 شۇنىڭ بىلەن ئاماسا يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ يىغقىلى باردى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى پادىشاھ بېكىتكەن ۋاقىتتىن كېيىن قالدى، 010 2SA 020 006 ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئابىشايغا: ئەمدى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا بىزگە چۈشۈرىدىغان ئاپەت ئابشالومنىڭ چۈشۈرگىنىدىن تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ئەمدى غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى قوغلاپ بارغىن. بولمىسا، ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. 010 2SA 020 007 شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى ۋە كەرەتىيلەر، پەلەتىيلەر، شۇنداقلا بارلىق پالۋانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتى؛ ئۇلار يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى باردى. 010 2SA 020 008 ئۇلار گىبېئوندىكى قورام تاشقا يېقىن كەلگەندە ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب ئۈستىبېشىغا جەڭ لىباسىنى كىيىپ، بېلىگە غىلاپلىق بىر قىلىچىنى ئاسقان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا مېڭىۋىدى، قىلىچ غىلاپتىن چۈشۈپ كەتتى. 010 2SA 020 009 يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى. 010 2SA 020 010 ئاماسا يوئابنىڭ يەنە بىر قولىدا قىلىچ بارلىغىغا دىققەت قىلمىدى. يوئاب ئۇنىڭ قورسىقىغا شۇنداق تىقتىكى، ئۈچەيلىرى چىقىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىنچى قېتىم سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆلدى. ئاندىن يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى كەتتى. 010 2SA 020 011 يوئابنىڭ غۇلاملىرىدىن بىرى ئاماسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ: كىم يوئاب تەرەپتە تۇرۇپ داۋۇتنى قوللىسا، يوئابقا ئەگەشسۇن، دەيتتى. 010 2SA 020 012 ئەمما ئاماسا ئۆز قېنىدا يۇمىلىنىپ، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتاتتى؛ ئۇنى كۆرگەن خەلقنىڭ ھەربىرى توختايتتى. ئۇ كىشى ھەممە خەلقنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ، ئاماسانىڭ جەسىتىنى يولدىن ئېتىزلىققا تارتىپ قويدى ھەم بىر كىيىمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. 010 2SA 020 013 جەسەت يولدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھەممىسى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يوئابقا ئەگەشتى. 010 2SA 020 014 شېبا بولسا بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلگىچە ۋە بېرىيلىكلەرنىڭ يۇرتىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى كېزىپ ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئۆتتى. [بېرىيلىكلەرمۇ] جەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 010 2SA 020 015 شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئادەملىرى كېلىپ، بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلدە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلار شەھەرنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئىستىھكام سالدى؛ يوئابقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، سېپىلنى ئۆرۈشكە بازغانلاۋاتقاندا، 010 2SA 020 016 دانىشمەن بىر خوتۇن شەھەردىن توۋلاپ: قۇلاق سېلىڭلار! قۇلاق سېلىڭلار! يوئابنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 010 2SA 020 017 ئۇ يېقىن كەلگەندە خوتۇن ئۇنىڭدىن: سىلى يوئابمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: شۇنداق، مەن شۇ، دېدى. خوتۇن ئۇنىڭغا: دېدەكلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايلا، دېدى. ئۇ: ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. 010 2SA 020 018 خوتۇن: كونىلاردا ئابەلدە مەسلىھەت تاپقىن، ئاندىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ بار؛ 010 2SA 020 019 ئىسرائىلنىڭ تىنچ ۋە مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرىمەن؛ سىلى ھازىر ئىسرائىلدىكى ئانا كەبى چوڭ بىر شەھەرنى خاراپ قىلىۋاتىدىلا؛ نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقاتماقچى بولىلا؟ ــ دېدى. 010 2SA 020 020 يوئاب جاۋاپ بېرىپ: ئۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! مەندىن نېرى بولسۇن! مېنىڭ ھېچنېمىنى يۇتۇۋالغۇم ياكى يوقاتقۇم يوقتۇر؛ 010 2SA 020 021 ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئەفرائىمدىكى ئېدىرلىقتىن بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. پەقەت ئۇنى تاپشۇرساڭلار، ئاندىن شەھەردىن كېتىمەن، دېدى. خوتۇن يوئابقا: مانا ئۇنىڭ بېشى سېپىلدىن سىلىگە تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 020 022 ئاندىن خوتۇن ئۆز دانالىقى بىلەن ھەممە خەلققە مەسلىھەت سالدى؛ ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانىڭ بېشىنى كېسىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب كاناي چالدى، ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇنى ئاڭلاپ، شەھەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قايتتى. يوئاب يېرۇسالېمغا پادىشاھنىڭ قېشىغا باردى. 010 2SA 020 023 ئەمدى يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئىدى؛ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بولسا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ ئۈستىگە سەردار بولدى. 010 2SA 020 024 ئادونىرام باج-ئالۋانغا باش بولدى، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات بولسا دىۋان بېگى بولدى؛ 010 2SA 020 025 شېۋا كاتىپ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىن ئىدى؛ 010 2SA 020 026 يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتقا خاس كاھىن بولدى. 010 2SA 021 001 ئەمما داۋۇتنىڭ كۈنلىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت ئۇنىڭ توغرۇلۇق پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ئاچارچىلىق سائۇل ۋە ئۇنىڭ قانخور جەمەتىدىكىلەر سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغىنىدىن بولدى، دېدى. 010 2SA 021 002 پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى (گىبېئونلۇقلار ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئامورىيلارنىڭ بىر قالدىسى ئىدى. ئىسرائىل ئەسلىدە ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىپ قەسەم ئىچكەنىدى؛ لېكىن سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدالارغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەنىدى). 010 2SA 021 003 داۋۇت گىبېئونلۇقلارغا: سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ مەن قانداق قىلىپ بۇ گۇناھنى كافارەت قىلىپ ياپسام، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىغا بەخت-بەرىكەت تىلىيەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. 010 2SA 021 004 گىبېئونلۇقلار ئۇنىڭغا: بىزنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈش سوراش ھەققىمىز يوق، ۋە بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن ئىسرائىلدىن بىر ئادەمنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ھەققىمىز يوق، دېدى. داۋۇت: سىلەر نېمە دېسەڭلار، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى. 010 2SA 021 005 ئۇلار پادىشاھقا: بۇرۇن بىزنى يوقاتماقچى بولغان، بىزنى ئىسرائىلنىڭ بارلىق پاسىللىرى ئىچىدە تۇرغۇدەك يېرى قالمىسۇن دەپ، بىزنى ھالاك قىلىشقا قەستلىگەن ھېلىقى كىشىنىڭ، 010 2SA 021 006 ھازىر ئۇنىڭ ئەركەك نەسلىدىن يەتتىسى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى بولغان سائۇلنىڭ گىبېئاھ شەھىرىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئېسىپ قويايلى، دېدى. پادىشاھ: ــ مەن سىلەرگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بېرىمەن، دېدى. 010 2SA 021 007 لېكىن داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىچىشكەن قەسىمى ۋەجىدىن پادىشاھ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەتنى ئايىدى. 010 2SA 021 008 پادىشاھ ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ سائۇلغا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغلى ئارمونى ۋە مەفىبوشەتنى ۋە سائۇلنىڭ قىزى مىقال مەھولاتلىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرىئەل ئۈچۈن بېقىۋالغان بەش ئوغۇلنى تۇتۇپ، 010 2SA 021 009 گىبېئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇلار ئۇلارنى دۆڭدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېسىپ قويدى. بۇ يەتتەيلەن بىر كۈندە ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەندە ئارپا ئورمىسى ئالدىدىكى كۈنلەر ئىدى. 010 2SA 021 010 ئاندىن ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھ بۆز رەختنى ئېلىپ، قورام ئۈستىگە يېيىپ سالدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ ئاسماندىن يامغۇر چۈشكەن ۋاقىتقىچە، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈندۈزى قۇشلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە قونۇشىغا، كېچىسى يىرتقۇچلارنىڭ ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىشىگە يول قويمىدى. 010 2SA 021 011 بىرسى سائۇلنىڭ كېنىزىكى، ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغانلىرىنى داۋۇتقا ئېيتتى. 010 2SA 021 012 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سائۇلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى (فىلىستىيلەر گىلبوئادا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنىدە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شاندىكى مەيداندا ئېسىپ قويغانىدى؛ يابەش-گىلېئادتىكىلەر ئەسلىدە بۇلارنى شۇ يەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتكەنىدى). 010 2SA 021 013 داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەتتەيلەننىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ يىغىپ قويدى، 010 2SA 021 014 ئاندىن شۇلارنى سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى زېلادا، ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇلار پادىشاھ ئەمر قىلغاندەك قىلدى. ئاندىن خۇدا [خەلقنىڭ] زېمىن توغرۇلۇق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى. 010 2SA 021 015 فىلىستىيلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە جەڭ بولدى، داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن چۈشۈپ، فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى. ئەمما داۋۇت تولىمۇ چارچاپ كەتتى؛ 010 2SA 021 016 رافاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىشبى-بىنوب داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى؛ ئۇنىڭ مىس نەيزىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يۈز شەكەل ئىدى؛ ئۇنىڭغا يەنە يېڭى ساۋۇت باغلاقلىق ئىدى. 010 2SA 021 017 لېكىن زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىپ فىلىستىينى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ: سەن يەنە بىز بىلەن جەڭگە چىقمىغىن! بولمىسا ئىسرائىلنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ، ــ دېدى. 010 2SA 021 018 بۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، گوبتا فىلىستىيلەر بىلەن يەنە جەڭ بولدى؛ ئۇ ۋاقىتتا ھۇشاتلىق سىببىكاي رافاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سافنى ئۆلتۈردى. 010 2SA 021 019 گوبتا يەنە بىر قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ بولدى؛ ئۇ چاغدا بەيت-لەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەل-ھانان گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى. 010 2SA 021 020 يەنە بىر جەڭ گاتتا بولدى؛ ئۇ يەردە ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بار ئىدى، قوللىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى، پۇتلىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى. ئۇ ھەم رافاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى. 010 2SA 021 021 ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارنى مازاق قىلدى؛ لېكىن داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈردى. 010 2SA 021 022 بۇ تۆت كىشى گاتلىق رافاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇتنىڭ قولىدا ياكى ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. 010 2SA 022 001 پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى: ــ 010 2SA 022 002 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! 010 2SA 022 003 خۇدا مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن ــ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە باشپاناھىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچىمدۇر؛ سەن مېنى زوراۋانلاردىن قۇتقۇزىسەن! 010 2SA 022 004 مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا مەن نىدا قىلىمەن، شۇنداق قىلىپ، مەن دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ 010 2SA 022 005 چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ 010 2SA 022 006 تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. 010 2SA 022 007 قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. 010 2SA 022 008 ئاندىن يەر-زېمىن تەۋرەپ سىلكىنىپ كەتتى، ئاسمانلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. 010 2SA 022 009 ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ 010 2SA 022 010 ئۇ ئاسمانلارنى ئېڭىشتۈرۈپ ئېگىپ چۈشتى، پۇتى ئاستىدا تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. 010 2SA 022 011 ئۇ بىر كېرۇب ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى، ئۇ شامالنىڭ قاناتلىرىدا كۆرۈندى. 010 2SA 022 012 ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، شۇنداقلا يىغىلغان سۇلارنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. 010 2SA 022 013 ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان يورۇقلۇقتىن، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ 010 2SA 022 014 پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى؛ 010 2SA 022 015 بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالدى؛ 010 2SA 022 016 شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھى بىلەن، دىمىغىنىڭ نەپىسىنىڭ زەربىسى بىلەن. 010 2SA 022 017 ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. 010 2SA 022 018 ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچمەنلەردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. 010 2SA 022 019 كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. 010 2SA 022 020 ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. 010 2SA 022 021 پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ 010 2SA 022 022 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ 010 2SA 022 023 چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ كەتمىدىم؛ 010 2SA 022 024 مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم. 010 2SA 022 025 ۋە پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدا بولغان ھالاللىقىم بويىچە قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. 010 2SA 022 026 ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ 010 2SA 022 027 ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ 010 2SA 022 028 چۈنكى سەن ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزىسەن؛ بىراق كۆزلىرىڭنى تەكەببۇر ئۈستىگە تىكىپ، ئۇلارنى شەرمەندە قىلىسەن؛ 010 2SA 022 029 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار مېنىڭ چىراغىمدۇرسەن؛ پەرۋەردىگار مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ 010 2SA 022 030 چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. 010 2SA 022 031 تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. 010 2SA 022 032 چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟ 010 2SA 022 033 تەڭرى مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر؛ ئۇ يولۇمنى مۇكەممەل، تۈپ-تۈز قىلىدۇ؛ 010 2SA 022 034 ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ ئۇ مېنى يۇقىرى جايلىرىمغا تۇرغۇزىدۇ؛ 010 2SA 022 035 قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ 010 2SA 022 036 سەن ماڭا نىجاتىڭدىكى قالقاننى بەردىڭ، سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. 010 2SA 022 037 سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. 010 2SA 022 038 مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يوقاتتىم، ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. 010 2SA 022 039 قايتا تۇرالمىغۇدەك قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ يانجىدىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. 010 2SA 022 040 سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ 010 2SA 022 041 دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ئارقىنى قىلىپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. 010 2SA 022 042 ئۇلار تەلمۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارىۋىدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. 010 2SA 022 043 مەن ئۇلارنى سوقۇپ يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك مەن ئۇلارنى چەيلىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پېتىقدىۋەتتىم. 010 2SA 022 044 سەن مېنى خەلقىمنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى بولۇشقا ساقلىدىڭ؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. 010 2SA 022 045 يات ئەلدىكىلەر ماڭا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ ئاڭلىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ 010 2SA 022 046 يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ 010 2SA 022 047 پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن؛ نىجاتىم بولغان قورام تاش خۇدا ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! 010 2SA 022 048 ئۇ، يەنى مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر؛ 010 2SA 022 049 ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىم ئارىسىدىن چىقارغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. 010 2SA 022 050 مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ 010 2SA 022 051 ئۇ بولسا ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور قۇتقۇزۇشلارنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ. 010 2SA 023 001 تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر: ــ يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بېشارىتى، يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، ياقۇپنىڭ خۇداسى تەرىپىدىن مەسىھلەنگەن، ئىسرائىلنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسىنىڭ بېشارەت سۆزلىرى مانا: ــ 010 2SA 023 002 پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىلىمدىدۇر. 010 2SA 023 003 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى سۆز قىلدى، ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ماڭا شۇنداق دېدى: ــ كىمكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن سەلتەنەت قىلسا، كىمكى خۇدادىن قورقۇش بىلەن سەلتەنەت قىلسا، 010 2SA 023 004 ئۇ قۇياش چىققاندىكى تاڭ نۇرىدەك، بۇلۇتسىز سەھەردەك بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن ئاسمان سۈزۈك بولۇشى بىلەن، يۇمران مايسىلار تۇپراقتىن چىقىدۇ، مانا ئۇ شۇنداق بولىدۇ. 010 2SA 023 005 بەرھەق، مېنىڭ ئۆيۈم تەڭرى ئالدىدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزدى، بۇ ئەھدە ھەممە ئىشلاردا مۇپەسسەل ھەم مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى مېنىڭ بارلىق نىجاتلىق ئىشلىرىمنى، ھەممە ئىنتىزارلىقىمنى، ئۇ بەرق ئۇرغۇزمامدۇ؟ 010 2SA 023 006 لېكىن ئىپلاسلارنىڭ ھەممىسى تىكەنلەردەك، ھېچكىم قولىدا تۇتالمىغاچقا، چۆرىۋېتىلىدۇ. 010 2SA 023 007 ئۇلارغا قول ئۇزاتقۇچى ئۆزىنى تۆمۈر قورال ۋە نەيزە سېپى بىلەن قوراللاندۇرمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلار ھامان تۇرغان يېرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ! 010 2SA 023 008 داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەنگەندۇر: ــ تاخكىمونلۇق يوشەب-باشسەبەت سەردارلارنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزە ئوينىتىپ، سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 010 2SA 023 009 كېيىنكىسى ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ فىلىستىيلەر يىغىلىپ جەڭ قىلماقچى بولدى؛ شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئۈچ پالۋان ئۇلارنى جەڭگە چاقىردى؛ ئەلىئازار شۇ ئۈچتىن بىرى ئىدى. لېكىن ئىسرائىللار چېكىندى؛ 010 2SA 023 010 ئۇ قوزغىلىپ، تاكى بېلىكى تېلىپ، قولى قىلىچقا چاپلىشىپ قالغۇچە فىلىستىيلەرنى قىردى. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى چوڭ نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. خەلق ئۇنىڭ قېشىغا قايتقاندا پەقەت ئولجا يىغىش ئىشىلا قالغانىدى. 010 2SA 023 011 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھارارلىق ئاگىينىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر كۈنى فىلىستىيلەر قوشۇن بولۇپ يىغىلغانىدى؛ يېقىن ئەتراپتا قويۇق ئۆسكەن بىر قىزىل ماشلىق بار ئىدى. كىشىلەر فىلىستىلەرنىڭ ئالدىدىن قاچقانىدى، 010 2SA 023 012 شامماھ بولسا قىزىل ماشلىق ئوتتۇرىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ فىلىستىيلەرنى قىردى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ئىسرائىللارغا] غايەت زور نۇسرەت ئاتا قىلدى. 010 2SA 023 013 ئورما ۋاقتىدا ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن يەنە ئۈچى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى رەفايىم ۋادىسىغا بارگاھ قۇرغانىدى؛ 010 2SA 023 014 ئۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا ئىدى، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بولسا بەيت-لەھەمدە ئىدى. 010 2SA 023 015 داۋۇت ئۇسساپ: ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېۋىدى، 010 2SA 023 016 بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: 010 2SA 023 017 ــ ئى پەرۋەردىگار، بۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ ئەكەلگەن بۇ سۇ ئۇلارنىڭ قېنىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ! ــ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىچىشكە ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. 010 2SA 023 018 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي بۇ ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. 010 2SA 023 019 ئۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى؛ لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. 010 2SA 023 020 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. 010 2SA 023 021 ئۇ ھەم كۈچتۈڭگۈر بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنىدى. مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى، لېكىن بىنايانىڭ قولىدا بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدىن نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى. 010 2SA 023 022 بۇ ئىشلارنى يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ پالۋان ئارىسىدا نام چىقارغانىدى. 010 2SA 023 023 ئۇ ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئىدى. لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلدى. 010 2SA 023 024 ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەل-ھانان بار ئىدى. 010 2SA 023 025 [بۇنىڭدىن باشقا]: ھارودلۇق شامماھ، ھارودلۇق ئېلىكا، 010 2SA 023 026 پاتلىلىق ھەلەز، تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، 010 2SA 023 027 ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، ھۇشاتلىق مىبونناي، 010 2SA 023 028 ئاخوھلۇق زالمون، نىتوفاتلىق ماھاراي، 010 2SA 023 029 نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، بىنيامىنلاردىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، 010 2SA 023 030 پىراتونلۇق بىنايا، گائاش ۋادىلىرىدىن ھىدداي، 010 2SA 023 031 ئارباتلىق ئابى-ئالبون، بارھۇملۇق ئازماۋەت، 010 2SA 023 032 شائالبونلۇق ئەلىياھبا، ياشەننىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شامماھنىڭ [ئوغلى] يوناتان، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، 010 2SA 023 034 مائاكاتىي ئاخاسباينىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلونلۇق ئاھىتوفەلنىڭ ئوغلى ئېلىيام، 010 2SA 023 035 كارمەللىك ھەزراي، ئاربىلىق پائاراي، 010 2SA 023 036 زوباھدىن بولغان ناتاننىڭ ئوغلى ئىگال، گادلىق باننى، 010 2SA 023 037 ئاممونىي زەلەك، بەئەروتلۇق ناھاراي (ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، 010 2SA 023 038 يىترىلىق ئىرا، يىترىلىق گارەب 010 2SA 023 039 ۋە ھىتتىي ئۇرىيا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى. 010 2SA 024 001 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا يەنە قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن داۋۇتنى قوزغىۋىدى، ئۇ ئادەم چىقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالىقلارنىڭ سانىنى ئال، دېدى. 010 2SA 024 002 پادىشاھ ئۆز يېنىدا تۇرغان قوشۇن سەردارى يوئابقا: بارغىن، داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ، خەلقنى ساناپ چىققىن، مەن خەلقنىڭ سانىنى بىلەي، دېدى. 010 2SA 024 003 يوئاب پادىشاھقا: بۇ خەلق ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. بۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي! لېكىن غوجام پادىشاھ نېمىشقا بۇ ئىشتىن خۇش بولىدىكىن؟ ــ دېدى. 010 2SA 024 004 ئەمما يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئۇنىمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئىسرائىلنىڭ خەلقىنى سانىغىلى پادىشاھنىڭ قېشىدىن چىقتى. 010 2SA 024 005 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يائازەرگە يېقىن گاد ۋادىسىدا ئاروئەردە، يەنى شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. 010 2SA 024 006 ئاندىن ئۇلار گىلېئادقا ۋە تاختىم-ھودشىنىڭ يۇرتىغا كەلدى. ئاندىن دان-يائانغا كېلىپ ئايلىنىپ زىدونغا باردى. 010 2SA 024 007 ئاندىن ئۇلار تۇر دېگەن قورغانلىق شەھەرگە، شۇنداقلا ھىۋىيلار بىلەن قانائانىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار يەھۇدا يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شۇ يەردىكى بەئەر-شېباغىچە باردى. 010 2SA 024 008 شۇنداق قىلىپ ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى كېزىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. 010 2SA 024 009 يوئاب پادىشاھقا خەلقنىڭ سانىنى مەلۇم قىلىپ: ئىسرائىلدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان باتۇردىن سەككىز يۈز مىڭى، يەھۇدادا بەش يۈز مىڭى بار ئىكەن، دېدى. 010 2SA 024 010 داۋۇت خەلقنىڭ سانىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: بۇ قىلغىنىم ئېغىر گۇناھ بولۇپتۇ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمەقانىلىك قىپتىمەن، دېدى. 010 2SA 024 011 داۋۇت ئەتىگەندە تۇرغاندا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گاد پەيغەمبەرگە كېلىپ: 010 2SA 024 012 ــ «بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۈچ [بالا-قازانى] ئالدىڭغا قويىمەن، ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىۋالغىن، مەن شۇنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، دەيدۇ ــ دېگىن» ــ دېيىلدى. 010 2SA 024 013 شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇنى ئۇنىڭغا دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «يەتتە يىلغىچە زېمىنىڭدا ئاچارچىلىق ساڭا بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىڭ ئۈچ ئايغىچە سېنى قوغلاپ، سەن ئۇلاردىن قاچامسەن؟ ۋە ياكى ئۈچ كۈنگىچە زېمىنىڭدا ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ئەمدى سەن ئوبدان ئويلاپ، بىر نېمە دېگىن، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» ــ دېدى. 010 2SA 024 014 داۋۇت گادقا: مەن تولىمۇ تەڭلىكتە قالدىم! سەندىن ئۆتۈنەيكى، بىز پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقى زوردۇر؛ ئىنساننىڭ قولىغا پەقەت چۈشۈپ قالمىغايمەن! ــ دېدى. 010 2SA 024 015 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ۋابا چۈشۈردى. داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. 010 2SA 024 016 ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، ــ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى. 010 2SA 024 017 داۋۇت خەلقنى يوقىتىۋاتقان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: مانا، گۇناھ قىلغان مەن، قەبىھلىك قىلغۇچى مەندۇرمەن. لېكىن بۇ قويلار بولسا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېدى. 010 2SA 024 018 شۇ كۈنى گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بېرىپ يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، دېدى. 010 2SA 024 019 داۋۇت گادنىڭ سۆزى بويىچە پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلدى. 010 2SA 024 020 ئاراۋناھ قاراپ پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭ ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەرگە تەككۈزۈپ، تەزىم قىلدى. 010 2SA 024 021 ئاراۋناھ: غوجام پادىشاھ نېمە ئىش بىلەن قۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلدىلىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇت: خەلقنىڭ ئارىسىدا ۋابانى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ خاماننى سەندىن سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغىلى كەلدىم، ــ دېدى. 010 2SA 024 022 ئاراۋناھ داۋۇتقا: غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى نېمىنى خالىسىلا شۇنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلسىلا. مانا بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن كالىلار بار، ئوتۇن قىلىشقا خامان تېپىدىغان تىرنىلار بىلەن كالىلارنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى بار. 010 2SA 024 023 ئى پادىشاھ، بۇنىڭ ھەممىسىنى مەنكى [ئاراۋناھ] پادىشاھقا تەقدىم قىلاي، دېدى. ئۇ يەنە پادىشاھقا: پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىنى قوبۇل قىلىپ شەپقەت كۆرسەتكەي، دېدى. 010 2SA 024 024 پادىشاھ ئاراۋناھغا: ياق، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى سەندىن ئۆز نەرخىدە سېتىۋالمىسام بولمايدۇ. مەن بەدەل تۆلىمەي پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ھەرگىز سۇنمايمەن، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت خامان بىلەن كالىلارنى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى. 010 2SA 024 025 ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا توختىدى. # # BOOK 011 1KI 1 Kings پادىشاھلار 1 011 1KI 001 001 داۋۇت پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى؛ ئۇنى يوتقان-ئەدىيال بىلەن ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى. 011 1KI 001 002 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئالدىلىرىدا تۇرىدىغان بىر پاك قىز تاپقۇزايلى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ، سىلىنىڭ قۇچاقلىرىدا ياتسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن غوجام پادىشاھ ئىسسىيلا ــ دېدى. 011 1KI 001 003 ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى كېزىپ گۈزەل بىر قىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى شۇناملىق ئابىشاگنى تېپىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 011 1KI 001 004 قىز ئىنتايىن گۈزەل ئىدى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى. 011 1KI 001 005 ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دېدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى ۋە ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى تەييار قىلدى 011 1KI 001 006 (ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى). 011 1KI 001 007 ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىياتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى. 011 1KI 001 008 لېكىن كاھىن زادوك ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەي ۋە داۋۇتنىڭ ئۆز پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى. 011 1KI 001 009 ئادونىيا قوي، كالا ۋە بوردىغان تورپاقلارنى ئەن-روگەلنىڭ يېنىدىكى زوھەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە يەھۇدالارنى چاقىردى. 011 1KI 001 010 لېكىن ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 011 1KI 001 011 ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېباغا: ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز. 011 1KI 001 012 ئەمدى مانا، ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مېنىڭ ساڭا بىر مەسلىھەت بېرىشىمكە ئىجازەت بەرگەيسەن. 011 1KI 001 013 داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى قەسەم قىلىپ ئۆز كەمىنىلىرىگە ۋەدە قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىلە؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئادونىيا پادىشاھ بولىدۇ؟ ــ دېگىن. 011 1KI 001 014 مانا، پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ سۆزۈڭنى ئىسپاتلايمەن، ــ دېدى. 011 1KI 001 015 بات-شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى). 011 1KI 001 016 بات-شېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 011 1KI 001 017 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام، سىلى پەرۋەردىگار خۇدالىرى بىلەن ئۆز دېدەكلىرىگە: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ قەسەم قىلغانىدىلا. 011 1KI 001 018 ئەمدى مانا، ئادونىيا پادىشاھ بولدى! لېكىن ئى غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرلىرى يوق. 011 1KI 001 019 ئۇ كۆپ كالىلارنى، بورداق تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، ئابىياتار كاھىننى ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىردى. لېكىن قۇللىرى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 011 1KI 001 020 ئەمدى، ئى غوجام پادىشاھ، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سىلىگە تىكىلمەكتە، ئۇلار غوجام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن تەختلىرىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا خەۋەر بېرىشلىرىنى كۈتىشىۋاتىدۇ؛ 011 1KI 001 021 بىر قارارغا كەلمىسىلە، غوجام پادىشاھ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان گۇناھكار سانىلىپ قالارمىزمىكىن، ــ دېدى. 011 1KI 001 022 مانا، ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا ناتان پەيغەمبەرمۇ كىرىپ كەلدى. 011 1KI 001 023 ئۇلار پادىشاھقا: ــ ناتان پەيغەمبەر كەلدى، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپلا، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى. 011 1KI 001 024 ناتان: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىلىمۇ؟ 011 1KI 001 025 چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. 011 1KI 001 026 لېكىن قۇللىرى بولغان مېنى، زادوك كاھىننى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە قۇللىرى بولغان سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. 011 1KI 001 027 غوجام پادىشاھ كىمنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن غوجام پادىشاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇللىرىغا ئۇقتۇرماي ئۇ ئىشنى بۇيرۇدىلىمۇ؟ ــ دېدى. 011 1KI 001 028 داۋۇت پادىشاھ: ــ بات-شېبانى ئالدىمغا قىچقىرىڭلار، دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 011 1KI 001 029 پادىشاھ بولسا: ــ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 011 1KI 001 030 مەن ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن، ــ دېدى. 011 1KI 001 031 ۋە بات-شېبا يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: ــ غوجام داۋۇت پادىشاھ ئەبەدىي ياشىسۇن! ــ دېدى. 011 1KI 001 032 داۋۇت پادىشاھ: ــ زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئالدىمغا چاقىرىڭلار، دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. 011 1KI 001 033 پادىشاھ ئۇلارغا: ــ غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمگە مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ بېرىڭلار؛ 011 1KI 001 034 ئۇ يەردە زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلسۇن. ئاندىن كاناي چېلىپ: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! دەپ توۋلاڭلار. 011 1KI 001 035 ئاندىن ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇشقا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار؛ ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلىدىم، ــ دېدى. 011 1KI 001 036 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمۇ شۇنداق بۇيرۇسۇن! 011 1KI 001 037 پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھ بىلەن بىللە بولغاندەك، سۇلايمان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى غوجام داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلغاي! ــ دېدى. 011 1KI 001 038 زادوك كاھىن، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر چۈشۈپ، سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ باردى. 011 1KI 001 039 زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. 011 1KI 001 040 خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ زور شادلىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى. 011 1KI 001 041 ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس-سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 011 1KI 001 042 ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا ئابىياتار كاھىننىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا: ــ كىرگىن، قەيسەر ئادەمسەن، چوقۇم بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، ــ دېدى. 011 1KI 001 043 يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق ئەمەس! غوجىمىز داۋۇت پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى! 011 1KI 001 044 ۋە پادىشاھ ئۆزى ئۇنىڭغا زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋىتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى؛ 011 1KI 001 045 ئاندىن زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىھوندا مەسىھ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شادلىق قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قىيقاس-سۈرەن بىلەن لەرزىگە سالدى. سىز ئاڭلاۋاتقان سادا دەل شۇدۇر. 011 1KI 001 046 ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ. 011 1KI 001 047 يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا: «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى 011 1KI 001 048 ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى. 011 1KI 001 049 شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى. 011 1KI 001 050 ئادونىيا بولسا سۇلايماندىن قورقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ، [ئىبادەت چېدىرىغا] بېرىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. 011 1KI 001 051 سۇلايمانغا شۇنداق خەۋەر بېرىلىپ: ــ «ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھتىن قورقىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ــ «سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا شۇنى قەسەم قىلسۇنكى، ئۇ ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغاي» دېدى»، ــ دېيىلدى. 011 1KI 001 052 سۇلايمان: ــ ئۇ دۇرۇس ئادەم بولسا بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا رەزىللىك تېپىلسا، ئۆلىدۇ، دېدى. 011 1KI 001 053 سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋىتىپ ئۇنى قۇربانگاھدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: ــ ئۆز ئۆيۈڭگە كەتكىن، ــ دېدى. 011 1KI 002 001 داۋۇتنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، ئوغلى سۇلايمانغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ 011 1KI 002 002 «ئەمدى يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يول بىلەن كېتىمەن. يۈرەكلىك بولۇپ، ئەركەكتەك بولغىن! 011 1KI 002 003 سەن بارلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدا ھەمدە بارلىق نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭدا راۋاج تېپىشىڭ ئۈچۈن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا پۈتۈلگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتقىن. 011 1KI 002 004 شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يولىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ھەقىقەتتە ماڭسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ. 011 1KI 002 005 ئەمما زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا قىلغىنىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆزى قانداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تىنچ مەزگىلدە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمەرگە ۋە پۇتىغا كىيگەن كەشىگە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان چېچىپ، داغ قىلغانلىقىنى بىلىسەن. 011 1KI 002 006 سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن. 011 1KI 002 007 لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگۈزگىن؛ چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا شۇنداق قىلغان. 011 1KI 002 008 ۋە مانا باھۇرىمدىن كەلگەن بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي يېنىڭدا تۇرىدۇ. ئۇ مەن ماھانائىمغا بارىدىغاندا، ئەشەددىي لەنەت بىلەن مېنى قارغىدى. كېيىن ئۇ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ قەسەم قىلدىم. 011 1KI 002 009 ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». 011 1KI 002 010 داۋۇت ئۆز ئاتا-بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» [دېگەن جايدا] دەپنە قىلىندى. 011 1KI 002 011 داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 002 012 سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى. 011 1KI 002 013 ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى. 011 1KI 002 014 ئۇ يەنە: ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ: ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى. 011 1KI 002 015 ئۇ: ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى. 011 1KI 002 016 ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئېيتقىن، دېدى. 011 1KI 002 017 ئۇ: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى. 011 1KI 002 018 بات-شېبا: ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى. 011 1KI 002 019 بات-شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ 011 1KI 002 020 ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى. 011 1KI 002 021 ئۇ: ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى. 011 1KI 002 022 سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىياتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى. 011 1KI 002 023 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن! 011 1KI 002 024 مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى. 011 1KI 002 025 شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. 011 1KI 002 026 پادىشاھ ئابىياتار كاھىنغا: ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى. 011 1KI 002 027 ئاندىن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 011 1KI 002 028 بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. 011 1KI 002 029 سۇلايمان پادىشاھقا: «مانا، يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ: ــ ماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. 011 1KI 002 030 بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ: ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ يوئاب مۇنداق-مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى. 011 1KI 002 031 پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي. 011 1KI 002 032 شۇنداق قىلىپ ئاتام داۋۇت بىخەۋەر ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىدىن ئادىل ۋە ئېسىل ئىككى ئادەمنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ. 011 1KI 002 033 ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ-خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى. 011 1KI 002 034 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى. 011 1KI 002 035 پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىياتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. 011 1KI 002 036 ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما. 011 1KI 002 037 ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى. 011 1KI 002 038 شىمەي پادىشاھقا: ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى. 011 1KI 002 039 ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە: ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 011 1KI 002 040 شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى. 011 1KI 002 041 سۇلايمانغا: ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 011 1KI 002 042 پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ: ــ شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، سەن قايسى كۈنى چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان بولساڭ، سەن شۇ كۈنىدە شەكسىز ئۆلىسەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭمۇ، مەن ئاڭلىغان سۆز بەرھەق، دېگەنىدىڭغۇ؟ 011 1KI 002 043 شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭنى بۇزۇپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان بۇيرۇقۇمنىمۇ تۇتمىدىڭ؟ ــ دېدى. 011 1KI 002 044 پادىشاھ شىمەيگە يەنە: سەن ئاتام داۋۇتقا قىلغان ھەممە رەزىللىكنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مانا پەرۋەردىگار رەزىللىكىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ. 011 1KI 002 045 لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بولسا بەرىكەتلىنىپ، داۋۇتنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، دېدى. 011 1KI 002 046 ئاندىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەم قىلىندى. 011 1KI 003 001 سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پىرەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ پۈتكۈزگۈچىلىك ئۇ ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى. 011 1KI 003 002 شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىقلىرىنى قىلاتتى. 011 1KI 003 003 سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلىگەنلىرىدە ماڭاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 011 1KI 003 004 پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى؛ چۈنكى ئۇ يەر «ئۇلۇغ يۇقىرى جاي» ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانگاھدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇندى. 011 1KI 003 005 پەرۋەردىگار گىبېئوندا سۇلايمانغا كېچىسى چۈشىدە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى لايىق تاپساڭ، شۇنى تىلىگىن، دېدى. 011 1KI 003 006 سۇلايمان جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ قۇلۇڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت، ھەققانىيلىق ۋە كۆڭلىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭغانلىقى بىلەن سەن ئۇنىڭغا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەنىدىڭ؛ ۋە سەن شۇ زور مېھرىبانلىقنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ. 011 1KI 003 007 ئەمدى ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن پەقەت بىر گۆدەك بالا خالاس، چىقىش-كىرىشنىمۇ بىلمەيمەن. 011 1KI 003 008 ئۆز قۇلۇڭ سەن تاللىغان خەلقىڭ، كۆپلۈكىدىن ساناپ بولمايدىغان ھېسابسىز ئۇلۇغ بىر خەلق ئارىسىدا تۇرىدۇ. 011 1KI 003 009 شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى. 011 1KI 003 010 سۇلايماننىڭ شۇنى تىلىكىنى رەبنى خۇش قىلدى. 011 1KI 003 011 خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن شۇنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن ــ يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت-بايلىق تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئويغاق بولۇشقا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن، 011 1KI 003 012 مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ. 011 1KI 003 013 مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ. 011 1KI 003 014 ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى. 011 1KI 003 015 سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى. 011 1KI 003 016 شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 011 1KI 003 017 بىرىنچى ئايال: ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم. 011 1KI 003 018 مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق. 011 1KI 003 019 شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. 011 1KI 003 020 ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ. 011 1KI 003 021 ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى. 011 1KI 003 022 ئىككىنچى ئايال: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال: ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى. 011 1KI 003 023 پادىشاھ: ــ بىرى: «تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ، دېدى. 011 1KI 003 024 پادىشاھ: ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە 011 1KI 003 025 پادىشاھ: تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى بىرىگە، يەنە بىر يېرىمنى ئىككىنچىسىگە بېرىڭلار، دېدى. 011 1KI 003 026 ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ پادىشاھقا: ــ ئاھ غوجام! تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بەرسىلە، ھەرگىز ئۇنى ئۆلتۈرمىگەيلە! ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئىككىنچىسى: ــ ئۇنى نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى قىلماي، ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار، دېدى. 011 1KI 003 027 پادىشاھ جاۋابەن: ــ تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، ئۇنى ھېچ ئۆلتۈرمەڭلار؛ چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئانىسى شۇدۇر، دېدى. 011 1KI 003 028 پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى. 011 1KI 004 001 سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 004 002 ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار: ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛ 011 1KI 004 003 شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛ 011 1KI 004 004 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلار ئىدى؛ 011 1KI 004 005 ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. 011 1KI 004 006 ئاخىشار ئوردىنىڭ غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام باج-ئالۋان بېگى ئىدى. 011 1KI 004 007 پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەيدىغان، ئون ئىككى نازارەتچى تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يىلدا بىر ئايدىن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەشكە مەسئۇل ئىدى. 011 1KI 004 008 ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن: ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن-خۇر؛ 011 1KI 004 009 ماكاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيت-ھانانغا بەن-دەكەر؛ 011 1KI 004 010 ئارۇبوتقا بەن-خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛ 011 1KI 004 011 يەنە نافات-دورغا بەن-ئابىناداب (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغان)؛ 011 1KI 004 012 تائاناق، مەگىددو ۋە يىزرەئەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى زارەتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتكۈل بەيت-شانغا، شۇنداقلا بەيت-شاندىن تارتىپ ئابەل-مەھولاھغىچە، جوكنېئامدىن ئۆتكۈچە بولغان زېمىنلارغا ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا؛ 011 1KI 004 013 راموت-گىلېئادقا بەن-گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى. 011 1KI 004 014 ماھانائىمغا ئىددونىڭ ئوغلى ئاھىناداب؛ 011 1KI 004 015 نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى). 011 1KI 004 016 ئاشىر ۋە ئالوتقا ھۇشاينىڭ ئوغلى بائاناھ؛ 011 1KI 004 017 ئىسساكارغا پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات؛ 011 1KI 004 018 بىنيامىن زېمىنىغا ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي؛ 011 1KI 004 019 گىلېئاد زېمىنىغا (ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئىدى) ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر. ئۇ شۇ يۇرتقا بىردىنبىر نازارەتچى ئىدى. 011 1KI 004 020 يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى. 011 1KI 004 021 ۋە سۇلايمان بولسا [ئەفرات] دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە مىسىرنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلاتتى. ئۇلار ئۇلپان كەلتۈرۈپ سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 011 1KI 004 022 سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كېتىدىغان كۈنلۈك تەمىنات ئۈچۈن ئوتتۇز كور تاسقىغان ئاق ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن، 011 1KI 004 023 ئون بوردىغان ئۇي، يايلاقتىن كەلتۈرۈلگەن يىگىرمە ئۇي، يۈز قوي كېتەتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا بۇغىلار، جەرەنلەر، كىيىكلەر ۋە بوردىغان توخۇلار لازىم ئىدى. 011 1KI 004 024 چۈنكى ئۇ تىفساھدىن تارتىپ گازاغىچە، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە يۇرتلارنىڭ ئۈستىدە، يەنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. 011 1KI 004 025 سۇلايماننىڭ پۈتكۈل كۈنلىرىدە داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىل ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تېگىدە ئامان-ئېسەن ئولتۇراتتى. 011 1KI 004 026 سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئاتخانىسى، ئون ئىككى مىڭ چەۋەندىزى بار ئىدى. 011 1KI 004 027 مەزكۇر نازارەتچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئايدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كېمەيتمەي تەمىنلەيتتى. 011 1KI 004 028 خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات-قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى [نازارەتىچىلەر بار] يەرگە ئېلىپ كېلەتتى. 011 1KI 004 029 خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى. 011 1KI 004 030 شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ دانالىقى بارلىق شەرقتىكىلەرنىڭ دانالىقىدىن ۋە مىسىردىكى بارلىق دانالىقتىن ئاشتى. 011 1KI 004 031 چۈنكى ئۇ بارلىق ئادەملەردىن، جۈملىدىن ئەزراھلىق ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىن دانا ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا يېيىلدى. 011 1KI 004 032 ئۇ ئېيتقان پەند-نەسىھەت ئۈچ مىڭ ئىدى؛ ئۇنىڭ شېئىر-كۈيلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى. 011 1KI 004 033 ئۇ لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدا ئۆسىدىغان لېپەكگۈلگىچە دەرەخ-گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى؛ ئۇ يەنە مال ۋە ھايۋانلار، قۇشلار، ھاشارەت-ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە بېلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى. 011 1KI 004 034 سۇلايماننىڭ دانالىقىنى ئاڭلىغىلى كىشىلەر بارلىق ئەللەردىن كېلەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دانالىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپقان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن كىشىلەر كەلمەكتە ئىدى. 011 1KI 005 001 تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايماننى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلىنغان دەپ ئاڭلاپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى؛ چۈنكى ھىرام داۋۇتنى ئىزچىل سۆيگۈچى ئىدى. 011 1KI 005 002 سۇلايمان ھىرامغا ئادەم ئەۋىتىپ مۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزدى: ــ 011 1KI 005 003 «ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، ئاتام داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغۇچە، ئۇ ئەتراپىدا ھەر تەرەپتە جەڭ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇداسنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياسىيالمىدى. 011 1KI 005 004 ئەمدى ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ھەممە تەرەپتىن ئارام بەردى؛ ھېچبىر دۈشمىنىم يوق، ھېچبىر بالا-قازا يوق. 011 1KI 005 005 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئاتام داۋۇتقا: «مەن سېنىڭ ئورنۇڭغا ئۆز تەختىڭگە ئولتۇرغۇزغان ئوغلۇڭ بولسا، ئۇ مېنىڭ نامىمغا بىر ئىبادەتخانا ياسايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياساي دەپ نىيەت قىلدىم؛ 011 1KI 005 006 ئەمدى مەن ئۈچۈن [ئادەملىرىڭگە] لىۋاندىن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىڭلار، دەپ يارلىق چۈشۈرگىن؛ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ. سېنىڭ بېكىتكىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭگە ئايانكى، دەرەخ كېسىشتە ئارىمىزدا ھېچكىم زىدوندىكىلەردەك ئۇستا ئەمەس». 011 1KI 005 007 ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى. 011 1KI 005 008 ھىرام سۇلايمانغا ئادەم ئەۋىتىپ: ــ سەن ماڭا قويغان تەلەپلىرىڭنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلدىم. مەن سېنىڭ كېدىر ياغىچى ۋە ئارچا ياغىچى توغرۇلۇق ئارزۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ 011 1KI 005 009 مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شۇلارنى لىۋاندىن دېڭىزغا ئاپىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز بىلەن سەن ماڭا بېكىتكەن يەرگە يەتكۈزىمەن، ئاندىن شۇ يەردە ئۇلارنى يەشكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئېلىپ كېتىسەن. بۇنىڭ ھېسابىغا سەن تەلەپلىرىم بويىچە ئوردىدىكىلىرىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلىگەيسەن، ــ دېدى. 011 1KI 005 010 شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلىپى بويىچە كېدىر ياغاچلىرى ۋە ئارچا ياغاچلىرىنى بەردى. 011 1KI 005 011 سۇلايمان ھىرامغا ئوردىدىكىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي ۋە يىگىرمە بات ساپ زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان ھىرامغا شۇنداق بېرەتتى. 011 1KI 005 012 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭغا دانالىق بەرگەنىدى. ھىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولۇپ، ئىككىسى ئەھدە تۈزۈشتى. 011 1KI 005 013 سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ھاشارغا ئىشلەمچىلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى. 011 1KI 005 014 ئۇ بۇلارنى نۆۋەت بىلەن ھەر ئايدا ئون مىڭدىن لىۋانغا ئەۋەتەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرسا، ئىككى ئاي ئۆيىدە تۇردى. ئادونىرام ھاشارچىلانىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. 011 1KI 005 015 سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ھاممىلى، تاغلاردا ئىشلەيدىغان سەكسەن مىڭ تاشچىسى بار ئىدى. 011 1KI 005 016 ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايماننىڭ مەنسەپدارلىرىدىن ئىش ئۈستىگە قويۇلغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئىش بېشى بار ئىدى؛ ئۇلار ئىشلەمچىلەرنى باشقۇراتتى. 011 1KI 005 017 پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا يونۇلغان، چوڭ ۋە قىممەتلىك تاشلارنى كېسىپ كەلتۈردى. 011 1KI 005 018 ۋە سۇلايماننىڭ تامچىلىرى بىلەن ھىرامنىڭ تامچىلىرى ۋە گەباللىقلار قوشۇلۇپ تاشلارنى ئويۇپ، ئۆينى ياساش ئۈچۈن ياغاچ ھەم تاشلارنى تەييارلاپ قويدى. 011 1KI 006 001 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى. 011 1KI 006 002 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى. 011 1KI 006 003 ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى. 011 1KI 006 004 ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى. 011 1KI 006 005 ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش [ئۈچ قەۋەتلىك] بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى. 011 1KI 006 006 [تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ] تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى. 011 1KI 006 007 ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى. 011 1KI 006 008 تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى. 011 1KI 006 009 شۇنداق قىلىپ [سۇلايمان] ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار-لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى. 011 1KI 006 010 ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى. 011 1KI 006 011 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى: ــ 011 1KI 006 012 «سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛ 011 1KI 006 013 مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن». 011 1KI 006 014 سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. 011 1KI 006 015 ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى. 011 1KI 006 016 ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى. 011 1KI 006 017 ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى. 011 1KI 006 018 ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى. 011 1KI 006 019 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى. 011 1KI 006 020 كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى. 011 1KI 006 021 سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 011 1KI 006 022 شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى. 011 1KI 006 023 كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى. 011 1KI 006 024 بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى. 011 1KI 006 025 ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى. 011 1KI 006 026 بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. 011 1KI 006 027 ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 011 1KI 006 028 ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 011 1KI 006 029 ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى. 011 1KI 006 030 ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 011 1KI 006 031 كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى. 011 1KI 006 032 بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 011 1KI 006 033 ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛ 011 1KI 006 034 قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى. 011 1KI 006 035 ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى. 011 1KI 006 036 ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى. 011 1KI 006 037 [سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ] تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى. 011 1KI 006 038 ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى. 011 1KI 007 001 سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى. 011 1KI 007 002 ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 011 1KI 007 003 تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. 011 1KI 007 004 ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. 011 1KI 007 005 بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. 011 1KI 007 006 ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى. 011 1KI 007 007 ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى. 011 1KI 007 008 [سۇلايمان] ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «[سوراق] ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى. 011 1KI 007 009 بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى. 011 1KI 007 010 ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى. 011 1KI 007 011 ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 011 1KI 007 012 چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى. 011 1KI 007 013 سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى. 011 1KI 007 014 ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. 011 1KI 007 015 ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى. 011 1KI 007 016 بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. 011 1KI 007 017 تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى. 011 1KI 007 018 ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى. 011 1KI 007 019 ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. 011 1KI 007 020 ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى. 011 1KI 007 021 ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى. 011 1KI 007 022 تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى. 011 1KI 007 023 ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. 011 1KI 007 024 داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى. 011 1KI 007 025 داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى. 011 1KI 007 026 داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى. 011 1KI 007 027 ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. 011 1KI 007 028 بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ [رەسىملىك] تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى. 011 1KI 007 029 رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى. 011 1KI 007 030 ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى. 011 1KI 007 031 ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى. 011 1KI 007 032 تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 011 1KI 007 033 چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى. 011 1KI 007 034 ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. 011 1KI 007 035 ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. 011 1KI 007 036 ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى. 011 1KI 007 037 شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى. 011 1KI 007 038 ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى. 011 1KI 007 039 ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى. 011 1KI 007 040 ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ 011 1KI 007 041 ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى، 011 1KI 007 042 شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. 011 1KI 007 043 ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، 011 1KI 007 044 «مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى، 011 1KI 007 045 قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى. 011 1KI 007 046 پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. 011 1KI 007 047 بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى. 011 1KI 007 048 سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، 011 1KI 007 049 كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛ 011 1KI 007 050 داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ [ئىشىكلىرىنىڭ] گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى. 011 1KI 007 051 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. 011 1KI 008 001 شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى. 011 1KI 008 002 بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى. 011 1KI 008 003 ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. 011 1KI 008 004 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. 011 1KI 008 005 سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى. 011 1KI 008 006 كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 011 1KI 008 007 چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 011 1KI 008 008 بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. 011 1KI 008 009 ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). 011 1KI 008 010 ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى. 011 1KI 008 011 كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. 011 1KI 008 012 بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ 011 1KI 008 013 لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى. 011 1KI 008 014 ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 011 1KI 008 015 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە: ــ 011 1KI 008 016 «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 011 1KI 008 017 ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. 011 1KI 008 018 بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ 011 1KI 008 019 ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. 011 1KI 008 020 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. 011 1KI 008 021 ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر». 011 1KI 008 022 ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ 011 1KI 008 023 مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن. 011 1KI 008 024 چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ. 011 1KI 008 025 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. 011 1KI 008 026 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! 011 1KI 008 027 لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! 011 1KI 008 028 لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛ 011 1KI 008 029 شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. 011 1KI 008 030 قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. 011 1KI 008 031 ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، 011 1KI 008 032 سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. 011 1KI 008 033 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، 011 1KI 008 034 سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. 011 1KI 008 035 ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، 011 1KI 008 036 سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! 011 1KI 008 037 ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، 011 1KI 008 038 سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا، 011 1KI 008 039 ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ 011 1KI 008 040 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ. 011 1KI 008 041 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا 011 1KI 008 042 (چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، 011 1KI 008 043 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. 011 1KI 008 044 ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، 011 1KI 008 045 سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. 011 1KI 008 046 ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، 011 1KI 008 047 لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، 011 1KI 008 048 ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا، 011 1KI 008 049 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، 011 1KI 008 050 ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن 011 1KI 008 051 (چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛ 011 1KI 008 052 سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛ 011 1KI 008 053 چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!». 011 1KI 008 054 سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ، 011 1KI 008 055 ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: ــ 011 1KI 008 056 «ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى! 011 1KI 008 057 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛ 011 1KI 008 058 بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛ 011 1KI 008 059 مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛ 011 1KI 008 060 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي، 011 1KI 008 061 شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!». 011 1KI 008 062 ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى. 011 1KI 008 063 سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا ۋە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. پادىشاھ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدى. 011 1KI 008 064 شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. 011 1KI 008 065 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى. 011 1KI 008 066 سەككىزىنچى كۈنىدە ئۇ خەلقنى قايتۇردى؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ بەختىنى تىلىدى؛ ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى داۋۇتقا ۋە خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتىپ كەتتى. 011 1KI 009 001 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا، 011 1KI 009 002 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 011 1KI 009 003 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ. 011 1KI 009 004 سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ، 011 1KI 009 005 مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن. 011 1KI 009 006 لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، 011 1KI 009 007 شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛ 011 1KI 009 008 بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ. 011 1KI 009 009 كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 011 1KI 009 010 شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، 011 1KI 009 011 تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى. 011 1KI 009 012 ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى. 011 1KI 009 013 ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. 011 1KI 009 014 ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى. 011 1KI 009 015 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق: ــ 011 1KI 009 016 (مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى) 011 1KI 009 017 سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-ھوروننى بىنا قىلدى؛ 011 1KI 009 018 ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى، 011 1KI 009 019 شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. 011 1KI 009 020 ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، 011 1KI 009 021 سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان ئەللەرنىڭ قالدۇق ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. 011 1KI 009 022 لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللاردىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، خىزمەتكار، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. 011 1KI 009 023 بۇلاردىن سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، يەنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ نازارەتچىلەر بەش يۈز ئەللىك ئىدى. 011 1KI 009 024 پىرەۋننىڭ قىزى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىن كۆچۈپ سۇلايمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىغان ئۆيدە ئولتۇرغىنىدا، ئۇ مىللو قەلئەسىنى ياسىدى. 011 1KI 009 025 سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ياسىغان قۇربانگاھدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇناتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى [خۇشبۇيگاھتا] خۇشبۇي ياقاتتى. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈزدى. 011 1KI 009 026 سۇلايمان پادىشاھ ئېزىئون-گەبەردە بىر تۈركۈم كېمىلەرنى ياسىدى. ئۇ يەر بولسا ئېدوم زېمىنىدا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېلوتنىڭ يېنىدا ئىدى. 011 1KI 009 027 ھىرام ئۆز خىزمەتكارلىرى، يەنى دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان نەچچە كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىغا قوشۇلۇپ كېمىلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. 011 1KI 009 028 ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھقا ئاپاردى. 011 1KI 010 001 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى. 011 1KI 010 002 ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. 011 1KI 010 003 سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. 011 1KI 010 004 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، 011 1KI 010 005 داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 011 1KI 010 006 ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ 011 1KI 010 007 ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. 011 1KI 010 008 سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! 011 1KI 010 009 سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى. 011 1KI 010 010 ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس 011 1KI 010 011 (ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 011 1KI 010 012 پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى). 011 1KI 010 013 سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. 011 1KI 010 014 سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. 011 1KI 010 015 بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى. 011 1KI 010 016 سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛ 011 1KI 010 017 شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. 011 1KI 010 018 پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 011 1KI 010 019 تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 011 1KI 010 020 ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. 011 1KI 010 021 سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. 011 1KI 010 022 چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. 011 1KI 010 023 سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. 011 1KI 010 024 خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى. 011 1KI 010 025 كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. 011 1KI 010 026 ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 011 1KI 010 027 پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. 011 1KI 010 028 سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى. 011 1KI 010 029 مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەر ئات بولسا يۈز ئەللىك تەڭگە ئىدى؛ ۋە ئۇلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ھەم سۇرىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش باھادا ئېلىپ چىقتى. 011 1KI 011 001 لېكىن سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۆڭلى پىرەۋننىڭ قىزىدىن باشقا كۆپ چەتئەللىك ئاياللارغا، جۈملىدىن موئابىي، ئاممونىي، ئېدومىي، زىدونىي، ھىتتىي ئاياللىرىغا چۈشكەنىدى. 011 1KI 011 002 پەرۋەردىگار ئەسلىدە مۇشۇ ئەللەر توغرۇلۇق ئىسرائىللارغا: «ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئىزدەپ بارماڭلار، ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭكىلەرگە كىرگۈزمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭۈللىرىڭلارنى چوقۇم ئۆز مەبۇدلىرىغا ئازدۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق سۇلايماننىڭ كۆڭلى دەل شۇلارغا باغلاندى. 011 1KI 011 003 ئۇنىڭ يەتتە يۈز ئايالى، يەنى خانىشى ۋە ئۈچ يۈز كېنىزىكى بار ئىدى؛ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇرۇپ بۇرىۋەتكەنىدى. 011 1KI 011 004 شۇنداق بولدىكى، سۇلايمان ياشانغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئىلاھلارغا ئازدۇرۇپ بۇرۇۋەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇتنىڭكىدەك پەرۋەردىگار خۇداسىغا مۇتلەق سادىق بولمىدى. 011 1KI 011 005 شۇڭا سۇلايمان زىدونىيلارنىڭ مەبۇدى ئاشتاروتنى، ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكومنى ئىزدىدى؛ 011 1KI 011 006 شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلدى؛ ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەندەك ئىزچىللىق بىلەن ئەگەشمىدى. 011 1KI 011 007 ئاندىن سۇلايمان يېرۇسالېم ئالدىدىكى ئېدىرلىقتا موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى كېموش ھەم ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكوم ئۈچۈن بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدى؛ 011 1KI 011 008 شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ مەبۇدلىرىغا خۇشبۇي ياقىدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان ھەربىر يات ئەللىك ئايالى ئۈچۈنمۇ ئۇ شۇنداق قىلدى؛ 011 1KI 011 009 شۇڭا پەرۋەردىگار سۇلايماندىن رەنجىدى؛ گەرچە ئۇ ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق، يەنى باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەسلىكىنى تاپىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئاينىپ كەتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنىغا ئەمەل قىلمىدى. 011 1KI 011 011 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن شۇنداق قىلىۋېرىپ، مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەھدەم بىلەن بەلگىلىرىمنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن جەزمەن پادىشاھلىقنى سەندىن يىرتىۋېتىپ خىزمەتكارىڭغا بېرىمەن. 011 1KI 011 012 لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن سېنىڭ ئۆز كۈنلىرىڭدە مەن شۇنداق قىلمايمەن، بەلكى ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن ئۇنى يىرتىۋېتىمەن. 011 1KI 011 013 لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن يىرتىۋەتمەيمەن، بەلكى قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرۇپ قويىمەن». 011 1KI 011 014 ئەمما پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر دۈشمەن، يەنى ئېدوملۇق ھادادنى قوزغىدى، ئۇ كىشى ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ نەسلىدىن ئىدى. 011 1KI 011 015 ئەسلىدە داۋۇت ئېدوم بىلەن [جەڭ قىلغان] ۋاقىتتا، قوشۇننىڭ سەردارى يوئاب ئېدومنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى يوقاتقانىدى (چۈنكى ئېدومدىكى ھەممە ئەرلەرنى يوقاتقۇچە، يوئاب بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرغانىدى)؛ ئۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى كۆمگىلى چىققاندا 011 1KI 011 017 ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرنەچچە ئېدومىي خىزمەتچىلىرى بىلەن مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. ھاداد ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدى. 011 1KI 011 018 ئۇلار مىدىيان زېمىنىدىن چىقىپ پارانغا كەلدى. ئۇلار پاراندىن بىرنەچچە ئادەمنى ئېلىپ ئۆزلىرىگە قوشۇپ مىسىرغا، يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قېشىغا كەلدى. پىرەۋن ئۇنىڭغا بىر ئۆي تەقسىم قىلىپ، ئوزۇق-تۈلۈكمۇ تەمىنلىدى ھەمدە بىر پارچە يەرنىمۇ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى. 011 1KI 011 019 ھاداد پىرەۋننىڭ نەزىرىدە كۆپ ئىلتىپات تاپقان بولۇپ، ئۇ ئۆز خوتۇنىنىڭ سىڭلىسىنى، يەنى تاھپەنەس خانىشنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى. 011 1KI 011 020 تاھپەنەسنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل، گېنۇباتنى تۇغۇپ بەردى. تاھپەنەس پىرەۋننىڭ ئوردىسىدا ئۇنى ئۆزى چوڭ قىلدى. ئاندىن گېنۇبات پىرەۋننىڭ ئائىلىسى، يەنى پىرەۋننىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا تۇردى. 011 1KI 011 021 ھاداد مىسىردا: «داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلاپ قالدى» ۋە «قوشۇننىڭ سەردارى يوئابمۇ ئۆلدى» دەپ ئاڭلىغاندا پىرەۋنگە: ــ مېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا بېرىشىمغا ئىجازەت قىلغايلا، دېدى. 011 1KI 011 022 پىرەۋن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا باراي دېگىنىڭ نېمە دېگىنىڭ، مېنىڭ قېشىمدا ساڭا نېمە كەملىك قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن مېنى كەتكىلى قويغايلا، دېدى. 011 1KI 011 023 خۇدا سۇلايمانغا يەنە بىر دۈشمىنىنى قوزغىدى؛ ئۇ بولسا غوجىسى، يەنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەتكەن ئېلىئادانىڭ ئوغلى رەزون ئىدى. 011 1KI 011 024 داۋۇت [زوباھلىقلارنى] قەتل قىلغاندا رەزون ئۇلاردىن بىر توپ ئادەمنى ئۆزىگە توپلاپ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئاندىن كېيىن بۇلار دەمەشققە بېرىپ ئۇ يەردە تۇرۇپ، دەمەشق ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈردى. 011 1KI 011 025 شۇنىڭ بىلەن ھاداد ئىسرائىلغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغاندىن باشقا، رەزون سۇلايماننىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئىسرائىلنىڭ دۈشمىنى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى ئۆچ كۆرەتتى، ئۆزى سۇرىيە ئۈستىدە پادىشاھ ئىدى. 011 1KI 011 026 سۇلايماننىڭ يەروبوئام دېگەن بىر خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇ زەرەداھدىن كەلگەن ئەفرائىمىي نىباتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى زەرۇئاھ ئىسىملىك بىر تۇل ئايال ئىدى. يەروبوئاممۇ پادىشاھقا قارشى چىقتى. 011 1KI 011 027 ئۇنىڭ پادىشاھقا قارشى چىقىشتىكى سەۋەبى مۇنداق ئىدى: سۇلايمان مىللو قەلئەسىنى ياسىغاندا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىكى سېپىلنىڭ بىر بۆسۈكىنى ياساۋاتاتتى؛ 011 1KI 011 028 يەروبوئام قاۋۇل قەيسەر يىگىت ئىدى؛ سۇلايمان يىگىتنىڭ ئىشچان ۋە چاققان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ جەمەتىگە بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئۈستىگە قويدى. 011 1KI 011 029 شۇ كۈنلەردە يەروبوئام يېرۇسالېمدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇنى ئىزدەۋاتقان شىلوھلۇق ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇنى يولدا ئۇچراتتى. ئاخىياھ يىپيېڭى بىر توننى كىيۋالغانىدى. ئىككىسى دالادا يالغۇز قالغاندا 011 1KI 011 030 ئاخىياھ ئۈستىدىكى توننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى يىرتىپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ 011 1KI 011 031 يەروبوئامغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۆزۈڭگە ئون پارچىنى ئالغىن؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن يىرتىۋېتىپ ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. 011 1KI 011 032 بىراق قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە يېرۇسالېم، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىغان شەھەر ئۈچۈن بىر قەبىلە ئۇنىڭغا قالىدۇ. 011 1KI 011 033 ــ چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ زىدونىيلارنىڭ ئايال مەبۇدى ئاشتاروتقا، موئابىيلارنىڭ مەبۇدى كېموشقا ۋە ئاممونىيلارنىڭ مەبۇدى مىلكومغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ قىلىنغىنىدەك قىلماي، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلماي، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى، مېنىڭ يوللىرىمدا ماڭمىدى؛ 011 1KI 011 034 لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن؛ چۈنكى مەن تاللىغان، ئۆز ئەمرلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتقان قۇلۇم داۋۇتنى دەپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنى ھۆكۈم سۈرگۈچى قىلىپ قالدۇرىمەن. 011 1KI 011 035 ئەمما پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ساڭا بېرىمەن، يەنى ئون قەبىلىنى بېرىمەن. 011 1KI 011 036 لېكىن مېنىڭ نامىمنىڭ شۇ يەردە بولۇشىغا ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا، مېنىڭ ئالدىمدا قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ھەمىشە يورۇق بىر چىراغ بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرەي. 011 1KI 011 037 مەن سېنى تاللاپ، سېنى بارلىق خالىغان يەرلەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگۈزىمەن، سەن ئىسرائىلغا پادىشاھ بولىسەن. 011 1KI 011 038 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر سەن ھەممە بۇيرۇغانلىرىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، قۇلۇم داۋۇت قىلغاندەك مېنىڭ بەلگىلىرىم بىلەن ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ، ئەمدى مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە داۋۇتقا بىر جەمەت تىكلىگىنىمدەك، ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر جەمەت تىكلەيمەن ۋە ئىسرائىلنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. 011 1KI 011 039 داۋۇتنىڭ نەسلىنى شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خارلاپ پەس قىلىمەن، لېكىن مەڭگۈلۈك ئەمەس»». 011 1KI 011 040 شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلايمان يەروبوئامنى ئۆلتۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن يەروبوئام قېچىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاكنىڭ قېشىغا باردى؛ سۇلايمان ئۆلگۈچە ئۇ مىسىردا تۇردى. 011 1KI 011 041 سۇلايماننىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ھەممە قىلغان ئەمەللىرى ۋە ئۇنىڭ دانالىقى بولسا «سۇلايماننىڭ ئەمەللىرى» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 011 042 سۇلايماننىڭ يېرۇسالېمدا ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى قىرىق يىل بولدى. 011 1KI 011 043 سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى رەھوبوئام ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 012 001 رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. 011 1KI 012 002 نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بولدىكى، ئۇ تېخى مىسىردا ئىدى (چۈنكى يەروبوئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). 011 1KI 012 003 ئەمدى ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى كېلىپ رەھوبوئامغا سۆز قىلىپ: 011 1KI 012 004 ــ سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. 011 1KI 012 005 ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. 011 1KI 012 006 رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. 011 1KI 012 007 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن دېسىلە، (ۋە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسىلا) ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. 011 1KI 012 008 لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ 011 1KI 012 009 ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. 011 1KI 012 010 ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. 011 1KI 012 011 ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا، مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. 011 1KI 012 012 رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 011 1KI 012 013 پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتىنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. 011 1KI 012 014 ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. 011 1KI 012 015 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. 011 1KI 012 016 پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 011 1KI 012 017 ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. 011 1KI 012 018 رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. 011 1KI 012 019 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. 011 1KI 012 020 ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يەروبوئامنىڭ يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىردى. ئۇلار ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە رەسمىي پادىشاھ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇتنىڭ جەمەتىگە ئەگەشمىدى. 011 1KI 012 021 رەھوبوئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن جەڭ قىلىپ، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ ئوغلى بولغان ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. 011 1KI 012 022 لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ 011 1KI 012 023 «يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، پۈتۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىننىڭ جەمەتىگە ۋە خەلقنىڭ قالغانلىرىغا سۆز قىلىپ: ــ 011 1KI 012 024 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. 011 1KI 012 025 يەروبوئام بولسا ئەفرائىم تاغلىقىدىكى شەقەم شەھىرىنى ياساپ شۇ يەردە تۇردى؛ كېيىن ئۇ يەردىن چىقىپ پەنۇئەلنى ياسىدى. 011 1KI 012 026 رەھوبوئام كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە: ــ ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇتنىڭ جەمەتىگە يېنىشى مۇمكىن. 011 1KI 012 027 ئەگەر بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قۇربانلىق قىلىشقا يېرۇسالېمغا چىقسا، بۇ خەلقنىڭ قەلبى ئۆز غوجىسى، يەنى يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامغا يەنە مايىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈپ يەنە يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامنىڭ تەرىپىگە يانارمىكىن، دېدى. 011 1KI 012 028 پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ خەلققە: ــ يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئى ئىسرائىل، مانا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار! ــ دېدى. 011 1KI 012 029 بىرىنى ئۇ بەيت-ئەلدە، يەنە بىرىنى داندا تۇرغۇزۇپ قويدى. 011 1KI 012 030 بۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولدى، چۈنكى خەلق موزايلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا باش ئۇرغىلى ھەتتا دانغىچە باراتتى. 011 1KI 012 031 ئۇ ھەم «ئېگىز جايلار»دا [ئىبادەت] ئۆيلىرىنى ياسىدى ۋە ھەم لاۋىيدىن بولمىغان ئادەملەرنى كاھىن قىلىپ تەيىنلەپ قويدى. 011 1KI 012 032 يەروبوئام يەنە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى خۇددى يەھۇدانىڭ زېمىنىدىكى ھېيتكە ئوخشاش بىر ھېيت قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلغىلى چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بەيت-ئەلدە ئۆزى ئەتكۈزگەن موزاي مەبۇدلىرىگە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە بەيت-ئەلدە سالدۇرغان شۇ «ئېگىز جايلار» ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىدى. 011 1KI 012 033 ئۇ بەيت-ئەلدە ياسىغان قۇربانگاھ ئۈستىگە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (بۇ ئاي-كۈننى ئۇ ئۆز مەيلىچە تاللىغانىدى) قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا چىقتى؛ شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىسرائىللارغا بىر ھېيت ياراتتى؛ ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىقلارنى سۇندى ۋە خۇشبۇي ياقتى. 011 1KI 013 001 ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن چىقىپ بەيت-ئەلگە كەلدى؛ شۇ پەيتتە يەروبوئام خۇشبۇي يېقىشقا قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ 011 1KI 013 002 شۇ ئادەم قۇربانگاھغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىپ: ــ ئى قۇربانگاھ، ئى قۇربانگاھ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا داۋۇتنىڭ جەمەتىدە يوسىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بولسا سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ياققان «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ! ــ دېدى. 011 1KI 013 003 ئۇ كۈنى ئۇ بىر بېشارەتلىك ئالامەتنى جاكارلاپ: پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت شۇ بولىدۇكى: ــ مانا، قۇربانگاھ يېرىلىپ، ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 011 1KI 013 004 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى. 011 1KI 013 005 ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى. 011 1KI 013 006 پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 011 1KI 013 007 پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆزۈڭنى قۇتلاندۇرغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرەي، دېدى. 011 1KI 013 008 لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ئورداڭنىڭ يېرىمىنى بەرسەڭمۇ، سېنىڭ بىلەن بارمايمەن ياكى بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن. 011 1KI 013 009 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا بۇيرۇپ: «سەن نە نان يېمە نە سۇ ئىچمە، بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمە» دېگەن، دېدى. 011 1KI 013 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيت-ئەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى. 011 1KI 013 011 لېكىن بەيت-ئەلدە ياشانغان بىر پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۇ كۈنى بەيت-ئەلدە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى. 011 1KI 013 012 ئاتىسى ئۇلاردىن، ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى، دەپ سورىدى؛ چۈنكى ئوغۇللىرى يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى. 011 1KI 013 013 ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ 011 1KI 013 014 خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇ ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ ئۇنىڭدىن: ــ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. 011 1KI 013 015 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ نان يېگىن، دېدى. 011 1KI 013 016 ئۇ جاۋابەن: ــ مەن نە سېنىڭ بىلەن قايتالمايمەن، نە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن؛ مەن نە بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن؛ 011 1KI 013 017 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزى بىلەن ماڭا تاپىلاپ: «ئۇ يەردە نان يېمە، سۇ ئىچمىگىن؛ بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمىگىن» دېگەن، دېدى. 011 1KI 013 018 [قېرى پەيغەمبەر] ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى. 011 1KI 013 019 شۇنىڭ بىلەن [خۇدانىڭ ئادىمى] ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ ئۆيدە نان يەپ سۇ ئىچتى. 011 1KI 013 020 لېكىن ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قېرى پەيغەمبەرگە كەلدى. 011 1KI 013 021 ئۇ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنى چاقىرىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىنى تۇتماي، 011 1KI 013 022 بەلكى يېنىپ، ئۇ ساڭا: ــ نان يېمە، سۇ ئىچمە، دەپ مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ تۈپەيلىدىن، جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىدە كۆمۈلمەيدۇ»، دەپ توۋلىدى. 011 1KI 013 023 ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 011 1KI 013 024 ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 011 1KI 013 025 مانا بىرنەچچە ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولدا تاشلىنىپ قالغان جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆردى؛ ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 011 1KI 013 026 ئۇنى يولدىن ياندۇرغان پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە شىر ئۇنى تىتما-تىتما قىلىپ ئۆلتۈردى، دېدى. 011 1KI 013 027 ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دېدى؛ ئۇلار ئۇنى توقۇپ بەردى. 011 1KI 013 028 ئۇ يولدا تاشلاقلىق جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا نە جەسەتنى يېمىگەنىدى نە ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى. 011 1KI 013 029 پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئېشەككە ئارتىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە كىردى. 011 1KI 013 030 ئۇ جەسەتنى ئۆز قەبرىستانلىقىدا قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ: ــ ئاھ بۇرادىرىم! ــ دەپ پەرياد كۆتۈردى. 011 1KI 013 031 ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا: ــ مەن ئۆلگەندە مېنى خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە دەپنە قىلىڭلار؛ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار؛ 011 1KI 013 032 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قارىغان ۋە سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىدىكى [ئىبادەت] ئۆيلىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ جار قىلغان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ، ــ دېدى. 011 1KI 013 033 لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» [كاھىنلىق مەنسىپىگە] بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا [قۇربانلىق قىلىشقا] كاھىن بولاتتى. 011 1KI 013 034 شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى. 011 1KI 014 001 ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى. 011 1KI 014 002 يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. 011 1KI 014 003 قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى. 011 1KI 014 004 يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى. 011 1KI 014 005 لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا: ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى. 011 1KI 014 006 ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى. 011 1KI 014 007 بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ 011 1KI 014 008 پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ، 011 1KI 014 009 بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ. 011 1KI 014 010 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن. 011 1KI 014 011 يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر. 011 1KI 014 012 ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ. 011 1KI 014 013 پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى. 011 1KI 014 014 ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ! 011 1KI 014 015 پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى. 011 1KI 014 016 يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»». 011 1KI 014 017 شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى. 011 1KI 014 018 ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. 011 1KI 014 019 ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 011 1KI 014 020 يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى. 011 1KI 014 021 ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى. 011 1KI 014 022 يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 011 1KI 014 023 چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى. 011 1KI 014 024 ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى. 011 1KI 014 025 رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. 011 1KI 014 026 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 011 1KI 014 027 ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 011 1KI 014 028 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى. 011 1KI 014 029 ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 014 030 رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى. 011 1KI 014 031 رەھوبوئام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 015 001 نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا ئابىيام يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ 011 1KI 015 002 يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. 011 1KI 015 003 ئابىيامنىڭ قەلبى بوۋىسى داۋۇتنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رەھوبوئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى. 011 1KI 015 004 شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا [يورۇق] بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىكلەپ تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى. 011 1KI 015 005 چۈنكى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھىتتىي ئۇرىياغا قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەمر قىلغانلىرىدىن چىقمىدى. 011 1KI 015 006 ئەمدى [ئابىيامنىڭ] پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 011 1KI 015 007 ئابىيامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئابىيام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى. 011 1KI 015 008 ئابىيام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلدى. ئاندىن ئوغلى ئاسا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 015 009 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ 011 1KI 015 010 يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. 011 1KI 015 011 ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 011 1KI 015 012 ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى. 011 1KI 015 013 ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 011 1KI 015 014 «يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. 011 1KI 015 015 ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى [پەرۋەردىگارغا] ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. 011 1KI 015 016 ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 011 1KI 015 017 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 011 1KI 015 018 ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن-ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 011 1KI 015 019 «مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. 011 1KI 015 020 بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت-مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى. 011 1KI 015 021 بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى. 011 1KI 015 022 ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 011 1KI 015 023 ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى. 011 1KI 015 024 ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 015 025 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. 011 1KI 015 026 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى. 011 1KI 015 027 لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. 011 1KI 015 028 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 015 029 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى. 011 1KI 015 030 بۇ ئىش يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى؛ ئۇ شۇلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىغانىدى. 011 1KI 015 031 نادابنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 015 032 ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. 011 1KI 015 033 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە تىرزاھتا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ يىگىرمە تۆت يىل سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 015 034 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پاتقۇزغان گۇناھىدا ماڭدى. 011 1KI 016 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇغا كېلىپ بائاشانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 011 1KI 016 002 «مانا، مەن سېنى توپا-چاڭ ئىچىدىن چىقىرىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇردۇڭ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى قوزغىدى. 011 1KI 016 003 مانا، مەن بائاشانى ئۆز جەمەتى بىلەن سۈپۈرۈپ يوقىتىپ، جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. 011 1KI 016 004 بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ». 011 1KI 016 005 بائاشانىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 016 006 بائاشا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە تىرزاھتا دەپنە قىلىندى؛ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 016 007 بائاشانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بائاشانىڭ بېشىغا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىنى توغرۇلۇق سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. چۈنكى ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتى قىلغىنىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى (جۈملىدىن يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكى) بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 011 1KI 016 008 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدا، بائاشانىڭ ئوغلى ئېلاھ تىرزاھتا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 016 009 لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ [ئېلاھ] تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا 011 1KI 016 010 زىمرى كىرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋاقىت يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئىدى. زىمرى ئېلاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 016 011 ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۇ بائاشانىڭ بارلىق جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىر ئەركەكنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. 011 1KI 016 012 شۇنداق قىلىپ زىمرى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بائاشانى ئەيىبلىگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بائاشانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى يوقاتتى. 011 1KI 016 013 بۇ ئىش بائاشانىڭ بارلىق گۇناھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھنىڭ گۇناھلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، شۇنداق بولدى. 011 1KI 016 014 ئېلاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 016 015 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا زىمرى تىرزاھتا يەتتە كۈن سەلتەنەت قىلدى. خەلق فىلىستىيلەرگە تەۋە بولغان گىببېتوننى قورشىۋېلىپ بارگاھ تىككەنىدى. 011 1KI 016 016 بارگاھدا تۇرغان خالايىق: ــ «زىمرى قەست قىلىپ پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى بارگاھدا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. 011 1KI 016 017 ئاندىن ئومرى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، گىببېتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشىدى. 011 1KI 016 018 ۋە شۇنداق بولدىكى، زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قورغانغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزى كۆيۈپ ئۆلدى. 011 1KI 016 019 بۇ ئىش ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىپ، يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھتا ماڭغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. 011 1KI 016 020 زىمرىنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قەست قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 016 021 ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلىشقا ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ باشقا يېرىمى بولسا ئومرىگە ئەگەشتى. 011 1KI 016 022 ئەمدى ئومرىگە ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىگە ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلدى؛ ئومرى پادىشاھ بولدى. 011 1KI 016 023 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلىدا ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ تىرزاھتا ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 016 024 ئۇ شەمەردىن سامارىيە ئېگىزلىكىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ ئېگىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ئېگىزلىكنىڭ ئەسلىي ئىگىسى شەمەرنىڭ نامى بىلەن «سامارىيە» دەپ ئاتىدى. 011 1KI 016 025 ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى. 011 1KI 016 026 ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا، شۇنداقلا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھى ئىچىدە ماڭدى؛ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 011 1KI 016 027 ئومرىنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 016 028 ئومرى ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھاب ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 016 029 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 016 030 ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. 011 1KI 016 031 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا يۈرۈش ئانچە ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك، ئۇ زىدونىيلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى يىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ بائال دېگەن بۇتنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 011 1KI 016 032 ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائالنىڭ بۇتخانىسى ئىچىگە بائالغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. 011 1KI 016 033 ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. 011 1KI 016 034 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيت-ئەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى ياسىدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى؛ ۋە دەرۋازىلىرىنى سالغاندا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەگۇب ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق [يېرىخو توغرۇلۇق] ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 011 1KI 017 001 ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى. 011 1KI 017 002 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ 011 1KI 017 003 بۇ يەردىن كېتىپ، مەشرىق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ 011 1KI 017 004 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا-قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. 011 1KI 017 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 011 1KI 017 006 قاغا-قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى. 011 1KI 017 007 لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى. 011 1KI 017 008 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ 011 1KI 017 009 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. 011 1KI 017 010 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ: ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى. 011 1KI 017 011 ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە: ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى. 011 1KI 017 012 ئەمما ئۇ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى. 011 1KI 017 013 ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن. 011 1KI 017 014 چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى. 011 1KI 017 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى. 011 1KI 017 016 پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى. 011 1KI 017 017 شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى. 011 1KI 017 018 ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. 011 1KI 017 019 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ، 011 1KI 017 020 پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى. 011 1KI 017 021 ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى. 011 1KI 017 022 پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى. 011 1KI 017 023 ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: ــ مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى. 011 1KI 017 024 ئايال ئىلىياسقا: ــ مەن شۇ ئىش ئارقىلىق ئەمدى سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى، ئاغزىڭدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دېدى. 011 1KI 018 001 ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى [قۇرغاقچىلىقنىڭ] ئۈچىنچى يىلىدا ئىلىياسقا كېلىپ: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىن، ۋە مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن، دېيىلدى. 011 1KI 018 002 شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس ئۆزىنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولسا سامارىيەدە قاتتىق ئىدى. 011 1KI 018 003 ئاھاب ئوردىسىدىكى غوجىدار ئوبادىيانى چاقىردى (ئوبادىيا تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قورقاتتى. 011 1KI 018 004 يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى). 011 1KI 018 005 ئاھاب ئوبادىياغا: ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى. 011 1KI 018 006 ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى. 011 1KI 018 007 ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ: بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 011 1KI 018 008 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى. 011 1KI 018 009 ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟ 011 1KI 018 010 ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر: «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى. 011 1KI 018 011 لېكىن سەن ماڭا ھازىر: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن! 011 1KI 018 012 مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن. 011 1KI 018 013 يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟ 011 1KI 018 014 ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!». 011 1KI 018 015 لېكىن ئىلىياس: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى. 011 1KI 018 016 شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. 011 1KI 018 017 ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى. 011 1KI 018 018 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر. 011 1KI 018 019 ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى. 011 1KI 018 020 شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى. 011 1KI 018 021 ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى. 011 1KI 018 022 ئىلىياس خەلققە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر. 011 1KI 018 023 ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي. 011 1KI 018 024 سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق: ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى. 011 1KI 018 025 ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى. 011 1KI 018 026 ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ: ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى. 011 1KI 018 027 چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى. 011 1KI 018 028 ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى. 011 1KI 018 029 چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى. 011 1KI 018 030 ئىلىياس ھەممە خەلققە: ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. 011 1KI 018 031 ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 011 1KI 018 032 شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى. 011 1KI 018 033 ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى. 011 1KI 018 034 ئۇ: ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا 011 1KI 018 035 سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى. 011 1KI 018 036 كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن. 011 1KI 018 037 ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى. 011 1KI 018 038 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى. 011 1KI 018 039 خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى. 011 1KI 018 040 ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى. 011 1KI 018 041 ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى. 011 1KI 018 042 ئاھاب قوپۇپ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ 011 1KI 018 043 خىزمەتكارىغا: ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ: ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم: ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى. 011 1KI 018 044 يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ: ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ ئاھابقا: ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. 011 1KI 018 045 ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ قاتتىق بىر يامغۇر ياغدى. ئاھاب ھارۋىغا چىقىپ يىزرەئەلگە كەتتى. 011 1KI 018 046 پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئىلىياسنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇرغاچ، ئۇ بېلىنى باغلاپ ئاھابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى. 011 1KI 019 001 لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. 011 1KI 019 002 يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى. 011 1KI 019 003 ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، 011 1KI 019 004 ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى. 011 1KI 019 005 ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى. 011 1KI 019 006 ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. 011 1KI 019 007 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى. 011 1KI 019 008 ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى. 011 1KI 019 009 ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ 011 1KI 019 010 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. 011 1KI 019 011 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ [ئۇنىڭ ئالدىدا] زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى. 011 1KI 019 012 يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 011 1KI 019 013 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى. 011 1KI 019 014 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. 011 1KI 019 015 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. 011 1KI 019 016 ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن. 011 1KI 019 017 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 011 1KI 019 018 لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى. 011 1KI 019 019 ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى. 011 1KI 019 020 ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى. 011 1KI 019 021 ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 011 1KI 020 001 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى جەم قىلدى؛ ئۇ ئوتتۇز ئىككى پادىشاھنى ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقىپ، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 011 1KI 020 002 ئۇ ئەلچىلەرنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: ــ 011 1KI 020 003 «بەن-ھاداد مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭ، سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭمۇ مېنىڭكىدۇر» دەپ يەتكۈزدى. 011 1KI 020 004 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئېيتقانلىرىدەك مەن ئۆزۈم ۋە بارلىقىم سىلىنىڭكىدۇر، دەپ جاۋاب بەردى. 011 1KI 020 005 ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: ــ «بەن-ھاداد سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ ساڭا دەرۋەقە: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭنى، سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتتىم. 011 1KI 020 006 لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتكارلىرىمنى يېنىڭغا ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئورداڭ بىلەن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، ئۇلار شۇنى قولىغا ئېلىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. 011 1KI 020 007 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ كىشىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئۇ ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ مەندىن خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم، كۈمۈش بىلەن ئالتۇنلىرىمنى تەلەپ قىلغىنىدا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، دېدى. 011 1KI 020 008 بارلىق ئاقساقاللار بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: ــ قۇلاق سالمىغىن، ئۇنىڭغا ماقۇل دېمىگىن، دېدى. 011 1KI 020 009 بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: ــ غوجام پادىشاھقا، سىلى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆز كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە سورىغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ لېكىن كېيىنكىسىگە ماقۇل دېيەلمەيمەن، دەپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ئەلچىلەر يېنىپ بېرىپ شۇ سۆزنى يەتكۈزدى. 011 1KI 020 010 بەن-ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى. 011 1KI 020 011 لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 011 1KI 020 012 بەن-ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى. 011 1KI 020 013 ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى. 011 1KI 020 014 ئاھاب: ــ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى بىلەن بولىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە: ــ كىم ھۇجۇمنى باشلايدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ، دېدى. 011 1KI 020 015 ئۇ ۋاقىتتا ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرىنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى نەپەر چىقتى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە خەلقنى، يەنى بارلىق ئىسرائىللارنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ نەپەر چىقتى. 011 1KI 020 016 ئىسرائىللار شەھەردىن چۈش ۋاقتىدا چىقتى. بەن-ھاداد بىلەن شۇ پادىشاھلار، يەنى ياردەمگە كەلگەن ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ بولسا چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇشقانىدى. 011 1KI 020 017 ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى يۈرۈشتە ئاۋۋال ماڭدى. بەن-ھاداد ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ «سامارىيەدىن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ» ــ دېدى. 011 1KI 020 018 ئۇ: ــ ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، ئەگەر سوقۇشقىلى چىققان بولسىمۇ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، دېدى. 011 1KI 020 019 ئەمدى ۋالىيلارنىڭ بۇ غۇلاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ، 011 1KI 020 020 ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى. 011 1KI 020 021 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ ھەم ئاتلىقلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ سۇرىيلەرنى قاتتىق قىر-چاپ قىلدى. 011 1KI 020 022 پەيغەمبەر يەنە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزۈڭنى ئوبدان دەڭسەپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققىن. چۈنكى كېلەر يىلى ئەتىيازدا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى يەنە چىقىدۇ، دېدى. 011 1KI 020 023 سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، ئۇلار بىزگە كۈچلۈك كەلدى. لېكىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشساق، جەزمەن ئۇلارغا كۈچلۈك كېلىمىز. 011 1KI 020 024 ئەمدى شۇنداق قىلغايلىكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ۋالىيلارنى تىكلىگەيلا. 011 1KI 020 025 ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى. 011 1KI 020 026 كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا بەن-ھاداد سۇرىيلەرنى ئېدىتلاپ تولۇق يىغىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافەك شەھىرىگە چىقتى. 011 1KI 020 027 ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى. 011 1KI 020 028 ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۇرىيلەر: پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى. 011 1KI 020 029 ئىككى تەرەپ يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سوقۇش باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈندە سۇرىيلەردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. 011 1KI 020 030 قالغانلار ئافەك شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالدى؛ لېكىن سېپىلى ئۆرۈلۈپ ئۇلاردىن يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈردى. بەن-ھاداد ئۆزى بەدەر قېچىپ شەھەرگە كىرىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە مۆكۈۋالدى. 011 1KI 020 031 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنى رەھىملىك پادىشاھلار دەپ ئاڭلىدۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز باغلاپ باشلىرىمىزغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تەسلىمگە چىقايلى. ئۇ سىلىنىڭ جانلىرىنى ئايارمىكىن؟ ــ دېدى. 011 1KI 020 032 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ كەمىنىلىرى بەن-ھاداد: «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا: ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى. 011 1KI 020 033 بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: ــ بەن-ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن-ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى. 011 1KI 020 034 بەن-ھاداد ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە-بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە-بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب: ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى. 011 1KI 020 035 پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى. 011 1KI 020 036 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ يەردىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈردى. 011 1KI 020 037 ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى. 011 1KI 020 038 ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىنى تېڭىق بىلەن تېڭىپ يول بويىدا پادىشاھنى كۈتۈپ تۇردى. 011 1KI 020 039 پادىشاھ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇ پادىشاھنى چاقىرىپ: ــ كەمىنىلىرى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم ماڭا بۇرۇلۇپ، بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ: «بۇ كىشىگە چىڭ قارىغىن، ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇ يوقاپ كەتسە، سەن ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا تۆلەيسەن؛ بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن»، دېدى. 011 1KI 020 040 لېكىن مەن كەمىنىلىرى ئۇ-بۇ ئىش بىلەن بەند بولۇپ كېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ بېكىتكىنىڭدەك ساڭا ھۆكۈم قىلىنىدۇ! ــ دېدى. 011 1KI 020 041 ئۇ دەرھال كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 011 1KI 020 042 پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ھالاكەتكە بېكىتكەن ئادەمنى قولۇڭدىن قۇتۇلغىلى قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ؛ سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ»، دېدى. 011 1KI 020 043 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خاپا بولۇپ، غەشلىككە چۆمگەن ھالدا سامارىيەگە قايتىپ ئوردىسىغا كىردى. 011 1KI 021 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. 011 1KI 021 002 ئاھاب نابوتقا سۆز قىلىپ: ــ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچ، ئۇنى بىر سەي-كۆكتاتلىق باغ قىلاي. ئۇنىڭ ئورنىدا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى لايىق كۆرسەڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن، دېدى. 011 1KI 021 003 ئەمما نابوت ئاھابقا: ــ پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا سېتىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن، دېدى. 011 1KI 021 004 ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى [تام] تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى. 011 1KI 021 005 خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى. 011 1KI 021 006 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى. 011 1KI 021 007 خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا: ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى. 011 1KI 021 008 ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى. 011 1KI 021 009 خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛ 011 1KI 021 010 ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار». 011 1KI 021 011 شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛ 011 1KI 021 012 ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى. 011 1KI 021 013 ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 011 1KI 021 014 ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى. 011 1KI 021 015 يىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا: قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى. 011 1KI 021 016 شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى. 011 1KI 021 017 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 011 1KI 021 018 «قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. 011 1KI 021 019 ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن». 011 1KI 021 020 ئاھاب ئىلىياسقا: ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ. 011 1KI 021 021 پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛ 011 1KI 021 022 ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. 011 1KI 021 023 ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ. 011 1KI 021 024 ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن شەھەردە ئۆلگەنلەرنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگەنلەرنى بولسا ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ» دېدى 011 1KI 021 025 (بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى. 011 1KI 021 026 ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى). 011 1KI 021 027 لېكىن ئاھاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ بەدىنىگە بۆز يۆگەپ، روزا تۇتتى. ئۇ بۆز رەختتە ياتاتتى، جىمجىت ماڭاتتى. 011 1KI 021 028 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ: ــ 011 1KI 021 029 «ئاھابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى قانداق تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ بالانى ئۇنىڭ كۈنلىرىدە كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېيىلدى. 011 1KI 022 001 ئۈچ يىلغىچە سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولمىغاچقا، ئۇلار تىنچلىقتا ئۆتتى. 011 1KI 022 002 ئۈچىنچى يىلدا بولسا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى يوقلاپ باردى. 011 1KI 022 003 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا بىز جىم ئولتۇرۇپ، تېخىچە سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئالمايمىز؟ ــ دېدى. 011 1KI 022 004 ئۇ يەھوشافاتقا: ــ جەڭ قىلغىلى مېنىڭ بىلەن گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىدى. يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سىلىنىڭ ئاتلىرىدۇر، دېدى. 011 1KI 022 005 لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. 011 1KI 022 006 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈزچە ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ سوقۇشقىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقسام بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ــ چىققىن، رەب ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. 011 1KI 022 007 لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا، يول سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 011 1KI 022 008 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. 011 1KI 022 009 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. 011 1KI 022 010 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. 011 1KI 022 011 كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. 011 1KI 022 012 ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. 011 1KI 022 013 مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. 011 1KI 022 014 ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. 011 1KI 022 015 ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېدى. 011 1KI 022 016 لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. 011 1KI 022 017 مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى، ــ دېدى. 011 1KI 022 018 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. 011 1KI 022 019 مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 011 1KI 022 020 پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ 011 1KI 022 021 شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» ــ دەپ سورىۋىدى، 011 1KI 022 022 ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. 011 1KI 022 023 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. 011 1KI 022 024 شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. 011 1KI 022 025 مىكايا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. 011 1KI 022 026 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، 011 1KI 022 027 ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى. 011 1KI 022 028 مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. 011 1KI 022 029 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. 011 1KI 022 030 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. 011 1KI 022 031 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 011 1KI 022 032 ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى. 011 1KI 022 033 جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. 011 1KI 022 034 ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. 011 1KI 022 035 ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى. 011 1KI 022 036 كۈن پاتاردا قوشۇن ئارىسىدا بىر قاتتىق سادا ئاڭلىنىپ: ــ ھەر ئادەم ئۆز شەھىرىگە يانسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتسۇن! ــ دېيىلدى. 011 1KI 022 037 پادىشاھ ئۆلدى، كىشىلەر ئۇنى سامارىيەگە ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار پادىشاھنى سامارىيەدە دەپنە قىلدى. 011 1KI 022 038 بىرسى پادىشاھنىڭ ھارۋىسىنى سامارىيەنىڭ كۆلىدە [يۇغاندا] (بۇ كۆل پاھىشە ئاياللار يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى)، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. 011 1KI 022 039 ئاھابنىڭ باشقا ئىشلىرى، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياسىغان «پىل چىش سارىيى» ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرۇلۇق «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 022 040 ئاھاب ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 022 041 ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 022 042 يەھوشافات پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. 011 1KI 022 043 ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 011 1KI 022 044 ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. 011 1KI 022 045 يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 011 1KI 022 046 ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. 011 1KI 022 047 ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى. 011 1KI 022 048 يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى. 011 1KI 022 049 ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا: ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى. 011 1KI 022 050 يەھوشافات ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 011 1KI 022 051 ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 011 1KI 022 052 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا ۋە ئانىسىنىڭ يولىدا يۈرۈپ، شۇنداقلا ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ يولىدا ماڭدى؛ 011 1KI 022 053 ئۇ ئاتىسى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، بائالنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. # # BOOK 012 2KI 2 Kings پادىشاھلار 2 012 2KI 001 001 ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن موئاب ئىسرائىلغا ئىسيان كۆتۈردى. 012 2KI 001 002 ئاھازىيا سامارىيەدە تۇرغاندا [ئوردىسىدىكى] بالىخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئەكرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن مېنىڭ توغرامدا، كېسىلىدىن ساقىيامدۇ، دەپ سوراڭلار، دېدى. 012 2KI 001 003 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟ 012 2KI 001 004 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى: «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى. 012 2KI 001 005 خەۋەرچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئۇلاردىن: نېمىشقا يېنىپ كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. 012 2KI 001 006 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە: ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى. 012 2KI 001 007 پادىشاھ ئۇلاردىن: سىلەرگە ئۇچراپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئادەم قانداق ئادەم ئىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. 012 2KI 001 008 ئۇلار ئۇنىڭغا: ئۇ تۈكلۈك، بېلىگە تاسما باغلىغان ئادەم ئىكەن، دېدى. پادىشاھ: ئۇ تىشبىلىق ئىلىياس ئىكەن، دېدى. 012 2KI 001 009 ئاندىن پادىشاھ بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئىلىياسنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ بۇ كىشى ئىلىياسنىڭ قېشىغا بارغاندا، مانا ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى چۈشۈپ كەلسۇن! دەيدۇ، دېدى. 012 2KI 001 010 لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 012 2KI 001 011 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ ئېيتتى: سېنى دەرھال چۈشۈپ كەلسۇن! ــ دېدى. 012 2KI 001 012 لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان خۇدانىڭ ئوتى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 012 2KI 001 013 پادىشاھ ئەمدى ئۈچىنچى بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ ئەللىكبېشى بېرىپ ئىلىياسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تىزلىنىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ جېنىم بىلەن سېنىڭ بۇ ئەللىك قۇلۇڭنىڭ جانلىرى نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن! 012 2KI 001 014 دەرۋەقە، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى ئەللىكبېشىنى ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتتى. لېكىن ھازىر مېنىڭ جېنىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن، دېدى. 012 2KI 001 015 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلىياسقا: سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بارغىن؛ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ 012 2KI 001 016 پادىشاھقا: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلدا ۋەھىي سورىغىلى بولىدىغان خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەيدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 001 017 شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس دېگەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئاھازىيا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، يەھورام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. بۇ يەھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. 012 2KI 001 018 ئەمدى ئاھازىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بولسا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 002 001 پەرۋەردىگار ئىلىياسنى قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئىلىياس بىلەن ئېلىشا گىلگالدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. 012 2KI 002 002 ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت-ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت-ئەلگە چۈشۈپ كەلدى. 012 2KI 002 003 ئۇ ۋاقىتتا بەيت-ئەلدىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. 012 2KI 002 004 ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى يېرىخوغا باردى. 012 2KI 002 005 ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. 012 2KI 002 006 ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى. 012 2KI 002 007 ئەمدى پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن ئەللىك كىشى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى. 012 2KI 002 008 ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى. 012 2KI 002 009 ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلىياس ئېلىشاغا: مەن سەندىن ئايرىلماستا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىكىڭ بولسا، دەۋەرگىن، دېدى. ئېلىشا: سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرغان روھنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۈستۈمگە قونسۇن، ــ دېدى. 012 2KI 002 010 ئۇ: بۇ تىلىكىڭگە ئېرىشمەك قىيىندۇر؛ مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىمدا، مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، ساڭا شۇنداق بېرىلىدۇ؛ بولمىسا، بېرىلمەيدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 002 011 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. 012 2KI 002 012 ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. 012 2KI 002 013 ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى. 012 2KI 002 014 ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى. 012 2KI 002 015 يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى قارشى قىرغاقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردى ۋە: «ئىلىياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. 012 2KI 002 016 ئۇلار ئۇنىڭغا: مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ: سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى. 012 2KI 002 017 ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى قىستاۋېرىشى بىلەن ئۇ خىجالەت بولۇپ: ئادەم ئەۋەتىڭلار، دېدى. شۇڭا ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى؛ بۇلار ئۈچ كۈن ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ھېچ تاپالمىدى. 012 2KI 002 018 ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا: مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى. 012 2KI 002 019 شەھەردىكى ئادەملەر ئېلىشاغا: غوجام كۆرگەندەك، شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە تۇپراق تۇغماستۇر، دېدى. 012 2KI 002 020 ئۇ: يېڭى بىر كوزا ئېلىپ كېلىپ، ئىچىگە تۇز قويۇپ، ماڭا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. 012 2KI 002 021 ئۇ بۇلاقنىڭ بېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇزنى تۆكتى ۋە: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بۇ سۇلارنى ساقايتتىم؛ ئەمدى ئۇلاردىن قايتا ئۆلۈم بولمايدۇ ۋە يەرنىڭ تۇغماسلىقى بولمايدۇ» ــ دېدى. 012 2KI 002 022 خۇددى ئېلىشانىڭ ئېيتقان بۇ سۆزىدەك، ئۇ سۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر پاك بولۇپ كەلدى. 012 2KI 002 023 ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت-ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 012 2KI 002 024 ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى. 012 2KI 002 025 ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە يېنىپ باردى. 012 2KI 003 001 يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى، ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 003 002 ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى بىلەن ئانىسى قىلغان دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان «بائال تۈۋرۈكى»نى ئېلىپ تاشلىدى. 012 2KI 003 003 لېكىن ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچ يانمىدى. 012 2KI 003 004 موئابنىڭ پادىشاھى مېشا ناھايىتى چوڭ قويچى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى. 012 2KI 003 005 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئاھاب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز ئۆرۈدى. 012 2KI 003 006 ئۇ ۋاقىتتا يەھورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ ھەممە ئىسرائىلنى [جەڭ ئۈچۈن] ئېدىتلىدى. 012 2KI 003 007 ئۇ يەنە ئادەم ئەۋىتىپ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا خەۋەر بېرىپ: موئابنىڭ پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرىدى؛ موئاب بىلەن سوقۇشقىلى چىقامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: چىقىمەن؛ بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدۇر، دېدى. 012 2KI 003 008 ئۇ يەنە: قايسى يول بىلەن چىقايلى، دەپ سورىدى. يەھورام: بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى، دەپ جاۋاب بەردى. 012 2KI 003 009 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى. 012 2KI 003 010 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئاپلا! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ، بىر يەرگە جەم قىلغان ئوخشايدۇ، دېدى. 012 2KI 003 011 لېكىن يەھوشافات: پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىدىن بىرى: ئىلىياسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا بۇ يەردە بار، دېدى. 012 2KI 003 012 يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى. 012 2KI 003 013 ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە كارىم! ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئۇنداق دېمىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم قىلغان ئوخشايدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 003 014 ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى ساڭا قارىمىغان بولاتتىم. 012 2KI 003 015 لېكىن ئەمدى بېرىپ بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. سازچى ساز چالغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 012 2KI 003 016 ئۇ: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار» دېدى، ــ دېدى ئاندىن يەنە: 012 2KI 003 017 ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر». 012 2KI 003 018 لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ. 012 2KI 003 019 سىلەر بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە بارلىق ئېسىل شەھەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ھەممە بۇلاقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تاشلار بىلەن قاپلاپ خاراب قىلىسىلەر» ــ دېدى. 012 2KI 003 020 ۋە ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇلغان ۋاقتىدا، مانا، سۇ ئېدوم زېمىنى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ھەممە يەرنى سۇغا توشقۇزدى. 012 2KI 003 021 ئەمما موئابلارنىڭ ھەممىسى: پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولۇپ، ساۋۇت-قالقان كۆتۈرەلىگۈدەك چوڭ-كىچىك ھەممىسى چېگرادا تىزىلىپ سەپتە تۇردى. 012 2KI 003 022 ئۇلار ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ قارىسا، كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ ئۈستىگە چۈشكەنىدى؛ كۈننىڭ شولىسىدا سۇ ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ئۇلار: ــ 012 2KI 003 023 بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى قىرغان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! دەرھال ئولجىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بۆلىشىۋالايلى! دېدى. 012 2KI 003 024 لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار ئورنىدىن قوپۇپ موئابلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار بەدەر قاچتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتتى. 012 2KI 003 025 ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ھەربىر ئادەم تاش ئېلىپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تولدۇرۇۋەتكۈچە تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە بۇلاق-قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى. شۇ شەھەرگە بولسا، سالغا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا چۆرگىلەپ ھۇجۇم قىلدى. 012 2KI 003 026 موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزى بىلەن يەتتە يۈز قىلىچۋازنى ئېلىپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاتلاندى؛ لېكىن ئۇلار بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. 012 2KI 003 027 شۇنىڭ بىلەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تۇنجى ئوغلىنى ئېلىپ، سېپىلنىڭ تۆپىسىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق قەھرىگە ئۇچرىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ پادىشاھ موئاب پادىشاھتىن ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىشتى. 012 2KI 004 001 پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن بىرىنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئېلىشاغا پەرياد قىلىپ: سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپتۇ. بىلىسەنكى، سېنىڭ قۇلۇڭ پەرۋەردىگاردىن قورققان ئادەم ئىدى. ئەمدى قەرز ئىگىسى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى. 012 2KI 004 002 ئېلىشا ئۇنىڭدىن: سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، ــ دېدى. 012 2KI 004 003 ئۇ: بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن-كوزا، يەنى بوش چۆگۈن-كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن. 012 2KI 004 004 ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن-كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، ــ دېدى. 012 2KI 004 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن-كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى. 012 2KI 004 006 ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن-كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا: يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى: ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى. 012 2KI 004 007 ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ: بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى. 012 2KI 004 008 بىر كۈنى ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى ۋە ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاچان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىناتتى. 012 2KI 004 009 بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئېرىگە: بۇ يەردىن دائىم ئۆتىدىغان كىشى خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 012 2KI 004 010 بىز ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىكرەك ئۆي سالايلى. ئۇنىڭغا ئۆيدە كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ بېرەيلى؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، ئۇ قاچانلا يېنىمىزغا كەلسە شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، ــ دېدى. 012 2KI 004 011 ئەمدى پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، شۇ بالىخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدى. 012 2KI 004 012 ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: سەن ئۇ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا، ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 012 2KI 004 013 پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا: سەن ئۇنىڭغا: «سىلى بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىلا؛ مەن سىلى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر تەلەپلىرىنى يەتكۈزەيمۇ؟» ــ دېگىن، دېدى. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بولدى! دېدى. 012 2KI 004 014 ئەمدى ئېلىشا گەھازىدىن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. گەھازى: ئۇنىڭ ئوغۇل بالىسى يوق ئىكەن، ۋە ئېرىمۇ قېرى ئىكەن، دېدى. 012 2KI 004 015 ئۇ: ئۇنى چاقىرغىن، دېدى. ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىككە كېلىپ تۇردى. 012 2KI 004 016 پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: كېلەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچاقلىرىدا بىر ئوغۇللىرى بولىدۇ، دېدى. ئۇ: ياق، ئى غوجام! ئى خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن، دېدى. 012 2KI 004 017 ئەمدى ئېلىشا ئۇنىڭغا دېگەندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغدى. 012 2KI 004 018 بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى. 012 2KI 004 019 ئۇ ئاتىسىغا: ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم، دەپ ۋايسىدى. ئۇ خىزمەتكارىغا، ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارغىن، دېدى. 012 2KI 004 020 ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. بالا ئانىسىنىڭ ئېتىكىدە چۈشكىچە ئولتۇردى، ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. 012 2KI 004 021 ئاندىن ئانىسى چىقىپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. 012 2KI 004 022 ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: غۇلاملاردىن بىرىنى ماڭدۇرغىن، ئۇ بىر ئېشەكنى ئېلىپ كەلسۇن؛ مەن ئۇنى چاپتۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا دەرھال بېرىپ كېلەي، دېدى. 012 2KI 004 023 ئېرى ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بۈگۈن بارىسەن؟ بۈگۈن يا يېڭى ئاي يا شابات كۈنى بولمىسا، دېدى. ئايالى ئۇنىڭغا، ھەممە ئىش تىنچلىق ــ دېدى. 012 2KI 004 024 ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ غۇلامىغا: ئىتتىك ھەيدەپ ماڭ؛ مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن، دېدى. 012 2KI 004 025 شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارمەل تېغىغا بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمى ئالدىغا كەلدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: مانا شۇنەملىك ئايال كېلىۋاتىدۇ؛ 012 2KI 004 026 سەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن: سىلى تىنچلىقمۇ؟ ئەرلىرى تىنچلىقمۇ؟ بالىلىرى تىنچلىقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن، دېدى. ــ ھەممە ئىش تىنچلىق، دەپ ئېيتتى ئايال. 012 2KI 004 027 ئەمدى تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گەھازى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى: ــ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن سۇنۇق ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ، دېدى. 012 2KI 004 028 ئايال: مەن غوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ ماڭا يالغان سۆز قىلمىغىن، دەپ سەندىن ئۆتۈنمىدىممۇ؟ ــ دېدى. 012 2KI 004 029 پەيغەمبەر گەھازىغا: ــ بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى ئېلىپ ماڭغىن. بىرسىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام قىلمىغىن، بىرسى ساڭا سالام قىلسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن. مېنىڭ ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن، دېدى. 012 2KI 004 030 بالىنىڭ ئانىسى: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن، دېدى. ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. 012 2KI 004 031 گەھازى ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىپ ھاسىسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز ياكى تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىپ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بالا ئويغانمىدى، دېدى. 012 2KI 004 032 ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى. 012 2KI 004 033 ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 012 2KI 004 034 ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. 012 2KI 004 035 ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى. 012 2KI 004 036 پەيغەمبەر گەھازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرىپ قويدى. ئۇ ئېلىشانىڭ يېنىغا كەلگەندە. ئۇ ئۇنىڭغا: ئوغۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالسىلا، دېدى. 012 2KI 004 037 ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا يىقىلىپ دۈم ياتتى، بېشى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. 012 2KI 004 038 ئېلىشا گىلگالغا يېنىپ باردى. شۇ چاغدا يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغانىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا: سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن، دېدى. 012 2KI 004 039 ئۇلاردىن بىرسى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ ياۋا قاپاق پېلىكىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا قاپاق ئۈزۈپ ئېتىكىنى تولدۇرۇپ كېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 012 2KI 004 040 ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى. 012 2KI 004 041 ئېلىشا: ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ: خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى. 012 2KI 004 042 ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى. 012 2KI 004 043 ئۇنىڭ خىزمەتكارى: شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا: خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى. 012 2KI 004 044 شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى. 012 2KI 005 001 سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. 012 2KI 005 002 ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. 012 2KI 005 003 ئۇ خانىمغا: كاشكى، مېنىڭ غوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسىدى! ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى، دېدى. 012 2KI 005 004 نائامان بېرىپ خوجىسىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ يۇرتىدىن بولغان كىچىك قىز مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى، دېدى. 012 2KI 005 005 سۇرىيە پادىشاھى: ياخشى! سەن بارغىن، مەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، دېدى. نائامان ئون تالانت كۈمۈش بىلەن ئالتە مىڭ شەكەل ئالتۇن ۋە ھەم ئون كىشىلىك كىيىمنى ئېلىپ ئىسرائىلغا باردى. 012 2KI 005 006 ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەكتۇپتا: ــ «بۇ مەكتۇپ ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا ماڭدۇردۇم. سەن ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقايسەن»، دەپ پۈتۈلگەنىدى. 012 2KI 005 007 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى ۋە: ــ مەن خۇدامۇ؟ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ھەم تىرىلدۈرەلەيمەنمۇ؟ نېمىشقا ئۇ كىشى: ــ بۇ ئادەمنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقىن، دەپ ھاۋالە قىلىدۇ؟ قېنى، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، ئۇ دەرۋەقە مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ، دېدى. 012 2KI 005 008 ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھقا ئادەم ئەۋىتىپ: نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەرگە كەلسۇن، ئاندىن ئۇ ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بار ئىكەن دەپ بىلىدۇ، دېدى. 012 2KI 005 009 نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. 012 2KI 005 010 ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: ــ بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى. 012 2KI 005 011 لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: ــ مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. 012 2KI 005 012 دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ ــ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى. 012 2KI 005 013 لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ ــ دېيىشتى. 012 2KI 005 014 شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى. 012 2KI 005 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ــ مانا ئەمدى پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەردە خۇدا يوق ئىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم؛ ئەمدى ھازىر، ئۆز كەمىنەڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن، دېدى. 012 2KI 005 016 لېكىن ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ نېمىنى قوبۇل قىلماسمەن، دېدى. [نائامان] تولا چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ھېچ قوبۇل قىلمىدى. 012 2KI 005 017 ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، كەمىنەڭگە توپىدىن ئىككى قېچىر يۈك بېرىلسۇن؛ چۈنكى كەمىنەڭ بۇندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈمەيدۇ. 012 2KI 005 018 لېكىن پەرۋەردىگار كەمىنەڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلغاي: غوجامنىڭ ئۆزى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلماق ئۈچۈن كىرگەندە، مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا تىز پۈكسەم، مۇشۇ ئامالسىز تىز پۈككىنىم ئۈچۈن پەرۋەردىگار مەن كەمىنەڭنى كەچۈرگەي، دېدى. 012 2KI 005 019 ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ سەن ئامان-خاتىرجەملىتكە كەتكىن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازغىنە يول ماڭدى. 012 2KI 005 020 لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى. 012 2KI 005 021 شۇنى دەپ گەھازى نائاماننىڭ كەينىدىن باردى. نائامان بىر كىمنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 012 2KI 005 022 ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى. 012 2KI 005 023 نائامان: ــ ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن، دەپ ئۇنى زورلاپ ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا چېگىپ، ئىككى كىشىلىك كىيىمنى چىقىرىپ بەردى. بۇلارنى نائامان غۇلاملىرىدىن ئىككى يىگىتكە يۈدكۈزدى؛ ئۇلار گەھازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. 012 2KI 005 024 ئۇ تۇرغان دۆڭگە يەتكەندە بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ ئۆيىگە تىقىپ قويدى؛ ئاندىن بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزۈۋەتتى. 012 2KI 005 025 ئاندىن ئۇ غوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئېلىشا ئۇنىڭدىن: ــ ئى گەھازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: قۇلۇڭ ھېچيەرگە بارمىدى، ــ دېدى. 012 2KI 005 026 ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟ 012 2KI 005 027 لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى. 012 2KI 006 001 پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشاغا: ــ مانا بىزگە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان يېرىمىز تار كەلدى. 012 2KI 006 002 ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغانغا بىر تۇرالغۇ ئۆي ياسايلى، ــ دېدى. ــ بېرىڭلار، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 012 2KI 006 003 ئۇلارنىڭ بىرى يەنە: ــ ئىلتىپات قىلىپ قەمىنىلىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن، دېدى. ئۇ: ــ بىللە باراي، دېدى. 012 2KI 006 004 ئۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، دەرەخ كېسىشكە باشلىدى. 012 2KI 006 005 لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ: ــ ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى. 012 2KI 006 006 خۇدانىڭ ئادىمى: نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. 012 2KI 006 007 ئۇ: ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. 012 2KI 006 008 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى. 012 2KI 006 009 خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: ــ سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى. 012 2KI 006 010 ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى. 012 2KI 006 011 بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى. 012 2KI 006 012 لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: ــ ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 006 013 ئۇ: بېرىپ ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى پايلاپ كېلىڭلار، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، دېدى. ئۇلار: ــ ئۇ دوتان شەھىرىدە ئىكەن، دەپ خەۋەر قىلدى. 012 2KI 006 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئاتلىقلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ماڭدۇردى. ئۇلار كېچىسى يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قورشىۋالدى. 012 2KI 006 015 خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى. 012 2KI 006 016 لېكىن ئۇ: قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى. 012 2KI 006 017 ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى. 012 2KI 006 018 سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى. 012 2KI 006 019 ئېلىشا ئۇلارغا: بۇ [سىلەر ئىزدىگەن] يول ئەمەس ۋە [سىلەر ئىزدىگەن] شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى. 012 2KI 006 020 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا: ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى. 012 2KI 006 021 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە ئېلىشادىن: ئى ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى. 012 2KI 006 022 ئۇ: ــ سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمە؛ ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيدىغان يەردە، بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولامتى؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، سۇ قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەپ-ئىچىپ ئۆز غوجىسىغا يېنىپ كەتسۇن، دېدى. 012 2KI 006 023 شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى؛ ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار غوجىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەدىن بۇلاڭچىلار شايكىلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا بېسىپ كىرمىدى. 012 2KI 006 024 كېيىن شۇنداق بولدىكى، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى يىغىپ سامارىيەنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 012 2KI 006 025 شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە زور ئاچارچىلىق بولدى. ئۇلار ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن قامال قىلدىكى، بىر ئېشەك بېشى سەكسەن شەكەل كۈمۈشكە، ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چىنىسىنىڭ تۆتتىن بىرى بەش شەكەل كۈمۈشكە يارايتتى. 012 2KI 006 026 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، بىر ئايال ئۇنىڭغا: ئى غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىنە! دەپ پەرياد كۆتۈردى. 012 2KI 006 027 ئۇ: ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلاي؟ يا خاماندىن يا ئۈزۈم كۆلچىكىدىن ياردەم تېپىلامدۇ؟، ــ دېدى. 012 2KI 006 028 پادىشاھ ئەمدى ئۇنىڭدىن يەنە: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: مانا بۇ خوتۇن ماڭا: ئوغلۇڭنى بەرگىن، بىز ئۇنى بۈگۈن يەيلى. ئەتە بولسا مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيمىز، دېدى. 012 2KI 006 029 ئۇ ۋاقىتتا بىز مېنىڭ ئوغلۇمنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى دېسەم، ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى، ــ دېدى. 012 2KI 006 030 پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا كېتىۋاتقاندا، خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە، يەنى ئېتىگە بۆز كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. 012 2KI 006 031 [پادىشاھ]: ــ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ بېشى بۈگۈن تېنىدە قالسا، خۇدا مېنىڭ بېشىمنى ئالسۇن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىسۇن! ــ دېدى. 012 2KI 006 032 ئەمما ئېلىشا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇراتتى؛ ئاقساقاللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەمنى ماڭدۇرغانىدى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇ يەرگە يېتىپ بارمايلا، ئېلىشا ئاقساقاللارغا: ــ مانا بۇ جاللاتنىڭ بالىسىنىڭ بېشىمنى ئالغىلى ئادەم ماڭدۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەمدى خەۋەرچى كەلگەندە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئىچىدىن تىرىۋېلىڭلار. مانا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن غوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟ ــ دېدى. 012 2KI 006 033 ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى. 012 2KI 007 001 ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە ۋە ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 007 002 ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى. 012 2KI 007 003 ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ 012 2KI 007 004 شەھەرگە كىرەيلى دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ئۇ يەردە ئۆلىمىز؛ بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ ئۆلىمىز. قوپۇپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا كېتەيلى. ئۇلار بىزنى ئايىسا تىرىك قالىمىز؛ بىزنى ئۆلتۈرەيلى دېسە ئۆلىمىز، خالاس، ــ دېيىشتى. 012 2KI 007 005 شۇنى دەپ ئۇلار كەچقۇرۇن سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا بارغىلى قوپتى. لەشكەرگاھىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، مانا ھېچ كىشى يوق ئىدى. 012 2KI 007 006 چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛ 012 2KI 007 007 كەچقۇرۇن قوزغىلىپ چېدىرلىرىنى، ئات بىلەن ئېشەكلىرىنى تاشلاپ لەشكەرگاھنى شۇ پېتى قويۇپ، ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەر قاچقانىدى. 012 2KI 007 008 ماخاۋ كېسىلى بار ئادەملەر لەشكەرگاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇنىڭدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە كىيىملەرنى ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇلار يېنىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى ئولجىنىمۇ ئېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشتى. 012 2KI 007 009 ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى. 012 2KI 007 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى پاسىبانلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: بىز سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا چىقساق، مانا ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ شەپەسىمۇ يوقتۇر؛ بەلكى ئاتلار باغلاقلىق، ئېشەكلەر باغلاقلىق بولۇپ، چېدىرلار ئەينى پېتى تۇرىدۇ، دېدى. 012 2KI 007 011 دەرۋازىدىكى پاسىبانلار شۇ خەۋەرنى توۋلاپ ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا خەۋەر يەتكۈزدى. 012 2KI 007 012 پادىشاھ كېچىسى قوپۇپ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن سۇرىيلەرنىڭ بىزگە نېمە قىلماقچى بولغىنىنى سىلەرگە دەپ بېرەي. ئۇلار بىزنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىمىزنى بىلىپ، لەشكەرگاھدىن چىقىپ دالادا مۆكۈنۈۋېلىپ: ــ ئىسرائىللار شەھەردىن چىقسا، بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرەلەيمىز، دېيىشكەن گەپ، دېدى. 012 2KI 007 013 خىزمەتكارلىرىدىن بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ بىرنەچچە كىشىنى شەھەردە قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ (ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇ يەردە قالغان ئىسرائىلنىڭ بارلىق كىشىلىرىنىڭكىدىن، ھەتتا ھالاك بولغانلارنىڭكىدىن بەتتەر بولمايدۇ!)، ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتەيلى، دېدى. 012 2KI 007 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئۇلارغا قاتىدىغان ئاتلارنى تەييار قىلدى. پادىشاھ ئۇلارنى سۇرىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ كەينىدىن ئەۋەتىپ: ــ بېرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 012 2KI 007 015 بۇلار ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە قوغلاپ باردى؛ ۋە مانا، پۈتكۈل يول بويى سۇرىيلەر ئالدىراپ قاچقاندا تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەلچىلەر يېنىپ كېلىپ پادىشاھقا شۇنى خەۋەر قىلدى. 012 2KI 007 016 ئۇ ۋاقىتتا خەلق چىقىپ سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئولجىلارنى تالىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزىدەك، بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە، ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە سېتىلدى. 012 2KI 007 017 ئەمدى پادىشاھ بىلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان ھېلىقى ئەمەلدارنى دەرۋازىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپ قويغانىدى. ئەمدى خالايىق دەرۋازىدىن [ئېتىلىپ چىققاندا] ئۇنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. بۇ ئىش پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنى تۇتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا، دەل ئېلىشا ئېيتقاندەك بولدى. 012 2KI 007 018 شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ». 012 2KI 007 019 ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى. 012 2KI 007 020 ئۇنىڭغا ھەم دەل شۇنداق بولدى؛ چۈنكى خەلق ئۇنى دەرۋازىدا دەسسەپ ئۆلتۈرگەنىدى. 012 2KI 008 001 ئېلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا نەسىھەت قىلىپ: ــ سەن ۋە ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن بېرىپ، قەيەردە ئولتۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ ئاچارچىلىق بولسۇن، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىندا يەتتە يىلغىچە تۈگىمەيدۇ، دېدى. 012 2KI 008 002 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك ئۆز ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە يىلغىچە تۇردى. 012 2KI 008 003 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە يىل ئۆتكەندە، ئايال فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدىن يېنىپ كەلدى؛ ئۇ پادىشاھتىن ئۆيى بىلەن زېمىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى باردى. 012 2KI 008 004 شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گەھازى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا: ــ ئېلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ماڭا بايان قىلىپ بەرگىن، دەۋاتاتتى. 012 2KI 008 005 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا ئېلىشانىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن شۇ ئايال پادىشاھتىن ئۆز ئۆيى ۋە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدى. گەھازى: ــ ئى پادىشاھ غوجام، مانا، بۇلار مەن ئېيتقان ئايال ۋە ئېلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى دەل شۇ، دېدى. 012 2KI 008 006 پادىشاھ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ شۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئاغۋاتنى بەلگىلەپ: ــ ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ بارلىق كىرىمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دېدى. 012 2KI 008 007 ئەمدى ئېلىشا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. پادىشاھقا: خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى، دەپ خەۋەر بېرىلدى. 012 2KI 008 008 پادىشاھ ھازائەلگە: ــ ئۆزۈڭ بىر سوۋغا ئېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مېنىڭ توغرامدا: «ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ، ساقايمايدۇ» دەپ سورىغىن، ــ دېدى. 012 2KI 008 009 شۇنىڭ بىلەن ھازائەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. ئۇ ئۆزى بىلەن دەمەشقتىكى ھەرخىل ئېسىل ماللاردىن قىرىق تۆگە سوۋغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئوغلۇڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد مېنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ، ساقايمايمەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ــ دېدى. 012 2KI 008 010 ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ چوقۇم ساقىيىسەن، دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدى، دېدى. 012 2KI 008 011 خۇدانىڭ ئادىمى تاكى ھازائەل خىجىل بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى يىغلاشقا باشلىدى. 012 2KI 008 012 ھازائەل: ــ غوجام نېمىشقا يىغلايلا! دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن سېنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يىگىتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىسەن، دېدى. 012 2KI 008 013 ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى. 012 2KI 008 014 ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ غوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەن-ھاداد ئۇنىڭدىن: ــ ئېلىشا ساڭا نېمە دېدى، دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئۇ ماڭا سىلىنىڭ توغرىلىرىدا، چوقۇم ساقىيدۇ، دەپ ئېيتتى، دېدى. 012 2KI 008 015 ئەتىسى ھازائەل بىر پارچە بۆزنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ پادىشاھنىڭ يۈزىنى ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى؛ ۋە ھازائەل ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 008 016 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. 012 2KI 008 017 ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 008 018 ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 012 2KI 008 019 لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى. 012 2KI 008 020 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم يەھۇدانىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئازاد بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق تىكلىدى. 012 2KI 008 021 شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ زائىر شەھىرىگە ئۆتتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى؛ لېكىن ئاخىرىدا [يەھۇدا] لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. 012 2KI 008 022 شۇنىڭ بىلەن ئېدوملار يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئازاد بولدى. ئۇ ۋاقىتتا لىبناھمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى. 012 2KI 008 023 ئەمدى يورامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 008 024 يورام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 008 025 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 008 026 ئاھازىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 008 027 [ئاھازىيا] ئاھابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا يۈرۈپ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمجەمەت ئىدى. 012 2KI 008 028 ئاھابنىڭ ئوغلى يورام سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا سوقۇشقاندا ئاھازىيا ئۇنىڭغا ھەمدەملىشىپ سوقۇشقا چىققانىدى. سۇرىيلەر يورامنى زەخىملەندۈردى. 012 2KI 008 029 يورام پادىشاھ راماھدا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، يىزرەئەلگە يېنىپ كەلدى. ئاھابنىڭ ئوغلى يورام كېسەل بولغاچقا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگىمۇ باردى. 012 2KI 009 001 ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «بېلىڭنى باغلاپ بۇ ماي قاچىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن. 012 2KI 009 002 ئۇ يەرگە بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇنى تېپىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆز بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىر. 012 2KI 009 003 ئاندىن قاچىدىكى ماينى بېشىغا قۇيۇپ: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم، دېگىن؛ شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ چىققىن، ھايال بولما» ــ دېدى. 012 2KI 009 004 شۇنىڭ بىلەن شۇ ياش پەيغەمبەر يىگىت گىلېئادتىكى راموتقا باردى. 012 2KI 009 005 ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇ: ــ ئى سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار، دېدى. يەھۇ: ــ قايسىمىزغا؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ساڭا، ئى سەردار، دېدى. 012 2KI 009 006 ئۇ قوپۇپ ئۆيگە كىردى. يىگىت بېشىغا ماينى قۇيۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم. 012 2KI 009 007 سەن ئۆز غوجاڭ ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن؛ چۈنكى ئۆز قۇللىرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قۇللىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي. 012 2KI 009 008 ئاھابنىڭ پۈتكۈل جەمەتى يوقىلىدۇ؛ ئاھابنىڭ جەمەتىدىن ئىسرائىلدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. 012 2KI 009 009 مەن ئاھابنىڭ جەمەتىنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدەك ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىدەك يوق قىلىمەن. 012 2KI 009 010 ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ». شۇنى دەپ بولۇپلا يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى. 012 2KI 009 011 يەھۇ ئۆز غوجىسىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ چىققاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ تەلۋە سېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: سىلەر شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىنى بىلىسىلەر، ــ دېدى. 012 2KI 009 012 ئۇلار: يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە! دېۋىدى، ئۇ: ــ ئۇ ماڭا مۇنداق-مۇنداق دەپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم» دەپ ئېيتتى ــ دېدى. 012 2KI 009 013 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى. 012 2KI 009 014 شۇنىڭ بىلەن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇ يورامنى قەستلىمەكچى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا يورام بىلەن بارلىق ئىسرائىللار گىلېئادتىكى راموتتا تۇرۇپ، ئۇ جاينى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى. 012 2KI 009 015 ئەمدى يورام پادىشاھ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە يېنىپ كەلگەنىدى. يەھۇ بولسا [ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە]: سىلەرگە لايىق كۆرۈنسە، يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرگۈدەك ھېچكىمنى شەھەردىن قاچۇرماڭلار، دېگەنىدى. 012 2KI 009 016 يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى). 012 2KI 009 017 ئەمدى كۆزەتچى يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ، يەھۇ قاتارلىق بىر توپ ئادەملەرنى كۆردى. ئۇ: «بىر توپ ئادەملەرنى كۆردۇم» دېدى. يورام: بىر ئاتلىق كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىسۇن، دېدى. 012 2KI 009 018 شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، ــ دېدى. كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى» ــ دېدى. 012 2KI 009 019 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، دېدى. 012 2KI 009 020 كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ئۇ تەلۋىلەرچە ھەيدەيدۇ، دېدى. 012 2KI 009 021 يورام: ــ ھارۋىنى قېتىڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قېتىپ تەييارلىدى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا، ھەربىرى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يەھۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. 012 2KI 009 022 يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى. 012 2KI 009 023 شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى. 012 2KI 009 024 يەھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئوق سېلىپ يورامنىڭ [كەينى تەرىپىدىن] ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. 012 2KI 009 025 يەھۇ ئۆز يېنىدىكى ئەمەلدارى بىدكارغا: ئۇنى ئېلىپ يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭدا بولسۇنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان: ــ 012 2KI 009 026 «مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ [قان قەرزىنى] دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى. 012 2KI 009 027 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى. 012 2KI 009 028 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى 012 2KI 009 029 (ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى). 012 2KI 009 030 يەھۇ ئەمدى يىزرەئەلگە كەلدى، يىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چاچلىرىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى. 012 2KI 009 031 يەھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا: ئى زىمرى، ئۆز غوجاڭنىڭ قاتىلى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 012 2KI 009 032 يەھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرۇپ: ــ مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم بار؟ دەپ سورىۋىدى، ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. 012 2KI 009 033 ئۇ: شۇ ئايالنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار، دېيىشىگىلا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. ئۇ ئۇنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 012 2KI 009 034 ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى. 012 2KI 009 035 لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەيلى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، ئاياغلىرى ۋە قولىنىڭ ئالقىنىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى. 012 2KI 009 036 ئۇلار يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى تىشبىلىق ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر: ــ «ئىتلار يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 012 2KI 009 037 يىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى سىرتتا، يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە قىغدەك يېيىلىپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم: «ئۇ يىزەبەل ئىكەن» دېيەلمەيدۇ» ــ دېدى. 012 2KI 010 001 ئەمدى سامارىيەدە ئاھابنىڭ يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يەھۇ خەتلەرنى يېزىپ سامارىيەگە، يەنى يىزرەئەلدىكى ئەمەلدار-ئاقساقاللارغا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىدىكى پاسىبانلارغا ئەۋەتتى. خەتلەردە مۇنداق دېيىلدى: ــ 012 2KI 010 002 «سىلەر بىلەن بىللە غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلار، قورغانلىق شەھەر ۋە ساۋۇت-قوراللارمۇ باردۇر؛ شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ خەت سىلەرگە تەگكەندە، 012 2KI 010 003 ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن سوقۇشقا چىقىڭلار!». 012 2KI 010 004 لېكىن ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ: مانا ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان يەردە، بىز قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايمىز؟ ــ دېيىشتى. 012 2KI 010 005 شۇنىڭ بىلەن ئوردا بېشى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار بىلەن پاسىبانلار يەھۇغا خەۋەر يەتكۈزۈپ: بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز؛ سەن ھەرنېمە بۇيرۇساڭ شۇنى قىلىمىز؛ ھېچكىمنى پادىشاھ قىلمايمىز. ساڭا نېمە مۇۋاپىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ ئېيتتى. 012 2KI 010 006 يەھۇ ئىككىنچى خەتنى يېزىپ، خەتتە: ــ «ئەگەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمگە كىرىشكە رازى بولساڭلار ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يىزرەئەلگە، مېنىڭ قېشىمغا ئۇلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يەتمىش كىشى بولۇپ، ئۆزلىرىنى باققان شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى. 012 2KI 010 007 خەت ئۇلارغا تەگكەندە ئۇلار شاھزادىلەرنى، يەتمىشەيلەننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، باشلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرەئەلگە يەھۇغا ئەۋەتتى. 012 2KI 010 008 بىر خەۋەرچى كېلىپ يەھۇغا: ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ كەلدى، دەپ خەۋەر بەرگەندە، ئۇ: ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئەتە ئەتىگەنگىچە قويۇڭلار، دېدى. 012 2KI 010 009 ئەتىگەندە ئۇ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ پۈتكۈل خالايىققا: سىلەر بىگۇناھسىلەر؛ مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم چېپىپ ئۆلتۈردى؟ 012 2KI 010 010 ئەمدى شۇنى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاھابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقىنىدىن ھېچبىر سۆز يەردە قالمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقىنىغا ئەمەل قىلدى، ــ دېدى. 012 2KI 010 011 ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست-ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى. 012 2KI 010 012 ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت-ئەكەد»كە يەتكەندە 012 2KI 010 013 يەھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇلاردىن: سىلەر كىم؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە خانىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھال سورىغىلى بارىمىز، دېدى. 012 2KI 010 014 ئۇ: ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن ھەممىسىنى بەيت-ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قويمىدى. ئۇلار جەمئىي قىرىق ئىككى ئادەم ئىدى. 012 2KI 010 015 ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رەكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا يولۇقتى. ئۇ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ: مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ ــ دېدى. سادىق، دېدى يەھوناداب. يەھۇ: ــ ئۇنداق بولسا قولۇڭنى ماڭا بەرگىن، دېدى. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، يەھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ 012 2KI 010 016 ئۇنىڭغا: مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ماڭدى. 012 2KI 010 017 ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن سامارىيەدە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياسقا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 012 2KI 010 018 ئاندىن يەھۇ ھەممە خالايىقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاھاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىدۇ. 012 2KI 010 019 بۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بارلىق كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار؛ ھېچكىم قالمىسۇن، چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار؛ ھەركىم ھازىر بولمىسا جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دېدى. لېكىن يەھۇ بۇ ئىشنى بائالپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلدى. 012 2KI 010 020 شۇنىڭ بىلەن يەھۇ: بائالغا خاس بىر ھېيت بېكىتىڭلار، دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق ئېلان قىلدى. 012 2KI 010 021 يەھۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەكلىپ ئەۋەتكەندە، بارلىق بائالپەرەسلەر كەلدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى كەم قالماي كەلدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن بائالنىڭ بۇتخانىسى بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە لىق تولدى. 012 2KI 010 022 ئۇ [مۇراسىم] كىيىمى بېگىگە: ھەممە بائالپەرەسلەرگە [ئىبادەت] كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەر، دېۋىدى، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئەچىقىپ بەردى. 012 2KI 010 023 يەھۇ بىلەن رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بائالپەرەسلەرگە: تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالپەرەسلەر بولسۇن، دېدى. 012 2KI 010 024 ئۇلار تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزگىلى كىردى. يەھۇ سەكسەن ئادىمىنى تېشىدا قويۇپ ئۇلارغا: مەن سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا تاپشۇرغان بۇ ئادەملەردىن بىرسى قولۇڭلاردىن قېچىپ كەتسە، جېنىنىڭ ئورنىدا جان بېرىسىلەر، دېدى. 012 2KI 010 025 ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىغىلا، يەھۇ ئوردا پاسىبانلىرى ۋە سەردارلارغا: كىرىپ ئۇلارنى قەتل قىلىپ، ھېچكىمنى چىققىلى قويماڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىسى بىلەن قەتل قىلىپ، ئۆلۈكلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ 012 2KI 010 026 بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 012 2KI 010 027 ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك-ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى. 012 2KI 010 028 يەھۇ شۇ يول بىلەن بائالنى ئىسرائىل ئىچىدىن يوق قىلدى. 012 2KI 010 029 يەھۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدىن، يەنى بەيت-ئەل بىلەن داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئۆزىنى يىغمىدى. 012 2KI 010 030 پەرۋەردىگار يەھۇغا: سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى. 012 2KI 010 031 لېكىن يەھۇ پۈتۈن قەلبىدىن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قانۇنىدا مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن نېرى تۇرمىدى. 012 2KI 010 032 شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى كېسىپ-كېسىپ ئازايتىشقا باشلىدى. چۈنكى ھازائەل ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدىن باشلاپ ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ بارلىق گىلېئاد يۇرتىنى، ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ گىلېئادتىن ئۆتۈپ باشانغىچە، گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەھنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى ئىشغال قىلدى. 012 2KI 010 034 ئەمدى يەھۇنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 010 035 يەھۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھوئاھاز ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 010 036 يەھۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سامارىيەدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سەككىز يىل ئىدى. 012 2KI 011 001 ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. 012 2KI 011 002 لېكىن يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يوئاش شۇ يول بىلەن ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمىدى. 012 2KI 011 003 ئاندىن كېيىن [ئىنىك ئانىسى] بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتالىيا زېمىندا سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 011 004 يەتتىنچى يىلى يەھويادا ئادەم ئەۋەتىپ كارىيلار ھەم ئوردا پاسىبانلىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىشتى. ئۇ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى. 012 2KI 011 005 ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ: مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق كۆزىتى قىلسۇن. 012 2KI 011 006 ئۈچتىن بىرى سۈر دېگەن دەرۋازىدا تۇرسۇن ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا پاسىبانلار ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا تۇرسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەر ئوردا ئۈچۈن پاسىبانلىق قىلىسىلەر. 012 2KI 011 007 شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. 012 2KI 011 008 سىلەر پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قولۇڭلارغا ئۆز قورالىڭلارنى ئېلىپ، كىمدەكىم سېپىڭلاردىن ئۆتكىلى ئۇرۇنسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ پادىشاھ چىقىپ-كىرسە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، دېدى. 012 2KI 011 009 يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى؛ ھەربىر يۈزبېشى ئۆز ئادەملىرىنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىگە كەلگەنلەرنى ھەم پاسىبانلىق نۆۋىتىدىن يانغانلارنى قالدۇرۇپ قالدى؛ ئاندىن يەھويادا كاھىننىڭ قېشىغا كەلدى. 012 2KI 011 010 كاھىن بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. 012 2KI 011 011 ئوردا پاسىبانلىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇردى. 012 2KI 011 012 يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا [خۇشبۇي ماي بىلەن] مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. 012 2KI 011 013 ئاتالىيا ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن خەلقنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. 012 2KI 011 014 ئۇ قارىۋىدى، مانا پادىشاھ قائىدە-رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى؛ بارلىق يۇرت خەلقى شادلىنىپ، كاناي چېلىشاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. 012 2KI 011 015 ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. 012 2KI 011 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ۋە ئۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان ئات يولىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 012 2KI 011 017 يەھويادا: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە توختاتتى؛ پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم بىر ئەھدە باغلاندى. 012 2KI 011 018 ئاندىن بارلىق زېمىندىكى خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن [يەھويادا] كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە پاسىبانلارنى تەيىنلىدى. 012 2KI 011 019 ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارىيلار، ئوردا پاسىبانلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ چۈشۈپ، ئوردىدىكى «پاسىبانلارنىڭ دەرۋازىسى»دىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزدى؛ يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. 012 2KI 011 020 يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. 012 2KI 011 021 يەھوئاش يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولدى. 012 2KI 012 001 يەھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاش پادىشاھ بولدى؛ ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەر-شېبالىق زىبىياھ ئىدى. 012 2KI 012 002 يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 012 2KI 012 003 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 012 2KI 012 004 يەھوئاش كاھىنلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇل، جۈملىدىن رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن ھەممە پۇلنى 012 2KI 012 005 كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ پۇلنى ئىشلىتىپ شۇلارنى ئوڭشىسۇن، دېدى. 012 2KI 012 006 لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى. 012 2KI 012 007 ئاندىن يەھوئاش پادىشاھ يەھويادا كاھىن ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىمىدىڭلار؟ مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار، دېدى. 012 2KI 012 008 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ماقۇل بولۇشۇپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خەلقتىن پۇل ئالمايمىز ھەم ئۆزىمىز ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىمۇ ئوڭشىمايمىز، دېدى. 012 2KI 012 009 ئەمدى يەھويادا كاھىن بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا قويدى؛ كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى. دەرۋازىغا قارايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن بارلىق پۇلنى ئۇنىڭغا سالاتتى. 012 2KI 012 010 ۋە شۇنداق بولاتتىكى، ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىن ئىبادەتخانىغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى پۇلنى خالتىغا چىگىپ، ساناپ قوياتتى. 012 2KI 012 011 ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش باشلىرىغا ئۆلچەپ-ھېسابلاپ بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ياغاچچى بىلەن تامچىلار، 012 2KI 012 012 تاشچىلار بىلەن تاشتىراشلارغا بېرەتتى. ئۇلار مۇشۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا ۋە ھەممە باشقا چىقىمغا ئىشلىتەتتى. 012 2KI 012 013 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن پۇل ئىبادەتخانىغا ئاتىلىدىغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، پىچاقلار، پىيالىلەر، كانايلار، يا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسىتىشقا ئىشلىتىلمەيتتى. 012 2KI 012 014 ئۇلار بەلكى شۇ پۇلنى ئىش بېشىلىرىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىتاتتى. 012 2KI 012 015 ئۇلار پۇلنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەمچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن تاپشۇراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى قىلمايتتى؛ چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. 012 2KI 012 016 لېكىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى پۇلى بىلەن گۇناھ قۇربانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنمەيتتى؛ ئۇ كاھىنلارغا تەۋە ئىدى. 012 2KI 012 017 ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى. 012 2KI 012 018 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاھازىيا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ۋە ئۆزى تەقدىم قىلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان بارلىق ئالتۇنغا قوشۇپ، ھەممىسىنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلگە ئەۋەتتى؛ ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمدىن چېكىندى. 012 2KI 012 019 يوئاشنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 012 020 ئەمدى [يەھوئاشنىڭ] خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ سىللا داۋىنى تەرىپىدىكى مىللو قەلئەسىدە ئۇنى ئۆلتۈردى. 012 2KI 012 021 ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن شىمېئاتنىڭ ئوغلى يوزاقار ۋە شومەرنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئۇنى زەخىملەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 013 001 ئاھازىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى، يەھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاھاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 013 002 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى. 012 2KI 013 003 بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 012 2KI 013 004 يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى. 012 2KI 013 005 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى. 012 2KI 013 006 لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى. 012 2KI 013 007 [سۇرىيەنىڭ پادىشاھى] يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ [قوشۇنىنى] يوقىتىپ خاماندىكى توپا-چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى. 012 2KI 013 008 ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 013 009 يەھوئاھاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 013 010 يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 013 011 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىمىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ماڭاتتى. 012 2KI 013 012 ئەمدى يوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 013 013 يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە يەروبوئام ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. 012 2KI 013 014 ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. 012 2KI 013 015 ئېلىشا ئۇنىڭغا: بىر يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگىن، دېدى. ئۇ يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگەندە 012 2KI 013 016 ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: قولۇڭنى ياغا سېلىپ تۇتقىن، دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئېلىشامۇ قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا: 012 2KI 013 017 ــ مەشرىق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئاچقاندا ئېلىشا: ئاتقىن، دېدى. ئۇ ئېتىۋىدى، ئېلىشا ئۇنىڭغا: مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، يەنى سۇرىيەنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. سەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئافەقتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىسەن، دېدى. 012 2KI 013 018 ئاندىن ئۇ: ــ يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن، دېدى. ئۇلارنى ئالغاندا، ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ئۇلار بىلەن يەرگە ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى. 012 2KI 013 019 خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: سەن بەش-ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، سەن سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ يوقىتىپ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلاتتىڭ؛ لېكىن ئەمدى سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ، پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، دېدى. 012 2KI 013 020 ئېلىشا ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابلاردىن توپ-توپ بۇلاڭچىلار يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. 012 2KI 013 021 بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى. 012 2KI 013 022 ئەمما سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بولسا يەھوئاھازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زالىملىق قىلاتتى. 012 2KI 013 023 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى. 012 2KI 013 024 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل ئۆلدى ۋە ئوغلى بەن-ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 013 025 ئاندىن كېيىن يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىدىن ھازائەل ئۆز ئاتىسى يەھوئاھازدىن جەڭدە تارتىۋالغان شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يەھوئاش ئۇنى ئۇرۇپ، ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىنى ياندۇرۋالدى. 012 2KI 014 001 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا [يەھۇدادىكى] يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 014 002 پادىشاھ بولغاندا ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق يەھوئاددان ئىدى. 012 2KI 014 003 ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئەجدادى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئاتىسى يوئاشنىڭ بارلىق قىلغانلىرى بويىچە ئىش كۆرەتتى. 012 2KI 014 004 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 012 2KI 014 005 ۋە شۇنداق بولدىكى، سەلتەنىتى ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 012 2KI 014 006 لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ يا ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. 012 2KI 014 007 ئۇ «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى؛ بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. 012 2KI 014 008 ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. 012 2KI 014 009 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: ــ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. 012 2KI 014 010 سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». 012 2KI 014 011 ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش جەڭگە چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن يەھۇدادىكى بەيت-شەمەشتە ئۇچرىشىپ سوقۇشتى. 012 2KI 014 012 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. 012 2KI 014 013 ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش بەيت-شەمەشتە ئاھازىيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. 012 2KI 014 014 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ھەمدە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ھەممە قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. 012 2KI 014 015 ئەمما يەھوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 014 016 يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 014 017 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 012 2KI 014 018 ئەمدى ئامازىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 014 019 ئۇ يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى، لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 012 2KI 014 020 ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. 012 2KI 014 021 يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئازارىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى 012 2KI 014 022 (پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى). 012 2KI 014 023 يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ، سامارىيەدە قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 014 024 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاشلىمىدى. 012 2KI 014 025 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى گات-ھەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس [پەيغەمبەر] ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ [شىمالدا] خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ [جەنۇبتا] «ئاراباھ دېڭىزى»غىچە ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. 012 2KI 014 026 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى. 012 2KI 014 027 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىمەن» دېگەن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا ئۇ يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. 012 2KI 014 028 ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە قانداق جەڭ قىلىپ، ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق بىلەن خاماتنى ياندۇرۇۋالغانلىقى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 014 029 يەروبوئام ئاتا-بوۋىلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى زەكەرىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 001 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. 012 2KI 015 002 ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولۇپ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېملىق ئىدى. 012 2KI 015 003 ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 015 004 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. 012 2KI 015 005 ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە ئۇنى ماخاۋ كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغاچ، ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنى باشقۇرۇپ يۇرتنىڭ خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى. 012 2KI 015 006 ئازارىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 015 007 ئازارىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 008 يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 015 009 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 012 2KI 015 010 يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 011 زەكەرىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 015 012 [ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى] پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا: ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. 012 2KI 015 013 يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە تولۇق بىر ئاي سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 015 014 گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم تىرزاھدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى شۇ يەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 015 شاللۇمنىڭ باشقا ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەست قىلىشلىرى، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 012 2KI 015 016 شۇ چاغدا مەناھەم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئۇ يەنە تىرزاھدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تەن بېرىپ دەرۋازىنى ئاچمىغىنى ئۈچۈن شەھەرگە شۇنداق ھۇجۇم قىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى جىمى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يىرتىپ ئۆلتۈردى. 012 2KI 015 017 يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا، گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 015 018 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 012 2KI 015 019 ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مەناھەم: «پادىشاھلىقىمنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغايلا» دەپ ئۇنىڭغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. 012 2KI 015 020 مەناھەم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان شۇ پۇلنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە باي ئادەملىرىگە باج سېلىش بىلەن ئالدى؛ ئۇ ھەربىرىدىن ئەللىك شەكەل كۈمۈش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى قايتىپ كەتتى ۋە بۇ زېمىندا تۇرۇپ قالمىدى. 012 2KI 015 021 مەناھەمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 015 022 مەناھەم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى پەكاھىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 023 يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلىدا، مەناھەمنىڭ ئوغلى پەكاھىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 015 024 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 012 2KI 015 025 ۋە ئۇنىڭ سەردارى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۇنى سامارىيەدە، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قەلئەدە ئۆلتۈردى؛ شۇ ئىشتا ئارگوب بىلەن ئارىيە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشى پىكاھ تەرەپتە تۇردى؛ ئۇ پەكاھىيانى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 026 پەكاھىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 012 2KI 015 027 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلىدا، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، يىگىرمە يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 015 028 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. 012 2KI 015 029 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پىكاھنىڭ كۈنلىرىدە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر كېلىپ ئىيون، ئابەل-بەيت-مائاكاھ، يانوئاھ، كەدەش، ھازور، گىلېئاد، گالىلىيە، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاسۇرىيەگە ئېلىپ باردى. 012 2KI 015 030 ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا، ئۇ پىكاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 031 پىكاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 012 2KI 015 032 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 015 033 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا ئىدى؛ ئۇ زادوكنىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 015 034 يوتام ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 015 035 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ «يۇقىرىقى دەرۋازا»سىنى ياسىغۇچى شۇ ئىدى. 012 2KI 015 036 يوتامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 015 037 شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنى يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى. 012 2KI 015 038 يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھاز ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 016 001 رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا، يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 016 002 ئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلغانىدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى. 012 2KI 016 003 ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى، ھەتتا پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى. 012 2KI 016 004 ئۇ «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا قۇربانلىق قىلىپ، كۈجە كۆيدۈرەتتى. 012 2KI 016 005 شۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، [پادىشاھ] ئاھازنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالغىنى بىلەن، لېكىن ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىدى. 012 2KI 016 006 ئاشۇ ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئېلات شەھىرىنى سۇرىيەگە قايتۇرۇۋالدى ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارنى ھەيدىۋەتتى. ئاندىن سۇرىيلەر كېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. 012 2KI 016 007 ئاھاز ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: مەن سىلىنىڭ قۇللىرى، سىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولىمەن؛ ماڭا ھۇجۇم قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چىققايلا، دېدى. 012 2KI 016 008 شۇنى ئېيتىپ ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىكى كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى سوۋغا قىلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ئەۋەتتى. 012 2KI 016 009 ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى دەمەشققە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇنىڭدىكى ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىپ كىر شەھىرىگە ئېلىپ باردى ۋە رەزىننى ئۆلتۈردى. 012 2KI 016 010 ئاھاز پادىشاھ ئەمدى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر بىلەن كۆرۈشكىلى دەمەشققە باردى ۋە شۇنداقلا دەمەشقتىكى قۇربانگاھنى كۆردى. ئاندىن ئاھاز پادىشاھ شۇ قۇربانگاھنىڭ رەسىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىلىش تەپسىلاتلىرىنىڭ لايىھىسىنى سىزىپ، ئۇنى ئۇرىيا كاھىنغا يەتكۈزدى. 012 2KI 016 011 شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن بارلىق تەپسىلاتلار بويىچە بىر قۇربانگاھ ياسىدى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كەلمەستە، ئۇرىيا كاھىن ئۇنى شۇنداق تەييار قىلغانىدى. 012 2KI 016 012 پادىشاھ دەمەشقتىن يېنىپ كېلىپ، قۇربانگاھنى كۆرۈپ، قۇربانگاھقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇندى؛ 012 2KI 016 013 ئۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، «شاراب ھەدىيە»سىنى تۆكۈپ، «ئىناقلىق قۇربانلىقى»نىڭ قېنىنى چاچتى. 012 2KI 016 014 شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز قۇربانگاھىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. 012 2KI 016 015 ئاھاز پادىشاھ ئۇرىيا كاھىنغا بۇيرۇق قىلىپ: مۇشۇ چوڭ قۇربانگاھ ئۈستىگە ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ھەممە يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كۆيدۈرۈپ سۇنىسەن. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ بارلىق قانلىرىنى ئۇشبۇ قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە تۆكىسەن. مىس قۇربانگاھ بولسا مېنىڭ يول سورىشىم ئۈچۈن بولسۇن، دېدى. 012 2KI 016 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇرىيا كاھىن ئاھاز پادىشاھ بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى. 012 2KI 016 017 ئاھاز پادىشاھ داس تەگلىكلىرىگە بېكىتىلگەن تاختايلارنى كېسىپ ئاجرىتىپ، داسلارنى تەگلىكلىرىدىن ئېلىۋەتتى؛ ئۇ مىس «دېڭىز»نى تېگىدىكى مىس ئۇيلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى تاش تاختايلىق بىر مەيدانغا قويدۇردى. 012 2KI 016 018 ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تۇتىشىدىغان «شابات كۈنىدىكى ئايۋانلىق يول» بىلەن پادىشاھ تاشقىرىدىن كىرىدىغان يولنى ئېتىۋەتتى. 012 2KI 016 019 ئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 016 020 ئاھاز ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ھەزەكىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 017 001 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. 012 2KI 017 002 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى. 012 2KI 017 003 ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى. 012 2KI 017 004 ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى. 012 2KI 017 005 ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل [ئىسرائىل] زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى. 012 2KI 017 006 ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. 012 2KI 017 007 مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ 012 2KI 017 008 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى. 012 2KI 017 009 ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى. 012 2KI 017 010 ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى. 012 2KI 017 011 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان [يات] ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى. 012 2KI 017 012 گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. 012 2KI 017 013 پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى. 012 2KI 017 014 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى. 012 2KI 017 015 ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى. 012 2KI 017 016 ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 012 2KI 017 017 ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 012 2KI 017 018 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز [زېمىنىدا] قالدۇرۇلمىدى. 012 2KI 017 019 لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى. 012 2KI 017 020 ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە [زېمىنىدا] خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 012 2KI 017 021 ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى. 012 2KI 017 022 ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى. 012 2KI 017 023 ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى. 012 2KI 017 024 ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى. 012 2KI 017 025 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى. 012 2KI 017 026 شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى. 012 2KI 017 027 شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى. 012 2KI 017 028 ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. 012 2KI 017 029 لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى. 012 2KI 017 030 بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى، 012 2KI 017 031 ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى. 012 2KI 017 032 ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن. 012 2KI 017 033 ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى. 012 2KI 017 034 بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ. 012 2KI 017 035 پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ 012 2KI 017 036 پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار. 012 2KI 017 037 ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. 012 2KI 017 038 مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار، 012 2KI 017 039 بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى. 012 2KI 017 040 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى. 012 2KI 017 041 مۇشۇ ئەللەر شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ھەم ئويما مەبۇدلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى؛ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قانداق قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ كەلدى. 012 2KI 018 001 ئېلاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، يەھۇدانىڭ [سابىق] پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 018 002 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابى ئىدى؛ ئۇ زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 018 003 ھەزەكىيا بولسا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 018 004 ئۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈكلەر»نى چېقىپ «ئاشەراھ»لارنى كېسىپ تاشلاپ، مۇسا ياساتقان مىس يىلاننى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ (چۈنكى ئۇ چاغقىچە ئىسرائىللار ئۇنىڭغا خۇشبۇي ياقاتتى)، ئۇنىڭغا «نەھۇشتان!» دەپ ئىسىم قويدى. 012 2KI 018 005 ھەزەكىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. بۇ جەھەتتە نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچبىرى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. 012 2KI 018 006 ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى. 012 2KI 018 007 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇ قايسىلا ئىشقا چىقسا شۇنىڭدا راۋاجلىق بولاتتى. ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇشتىن ياندى. 012 2KI 018 008 ئۇ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گازا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلىرىغىچە، كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە بېسىپ مەغلۇپ قىلدى. 012 2KI 018 009 ۋە شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ [سابىق] پادىشاھى ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قامال قىلدى. 012 2KI 018 010 ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار شەھەرنى ئالدى؛ ھەزەكىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. 012 2KI 018 011 ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاھدا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇردى. 012 2KI 018 012 چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلدى؛ ئۇلار ياكى قۇلاق سالمىدى، ياكى ئەمەل قىلمىدى. 012 2KI 018 013 ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. 012 2KI 018 014 ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا: مەن گۇناھكار! مەندىن چېكىنگەيلا، ئۈستۈمگە ھەرنېمە چۈشۈرسىلە شۇنى [تۆلەيمەن]، ــ دېدى. ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا ئۈچ يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن ئوتتۇز تالانت ئالتۇن توختىتىپ قويدى. 012 2KI 018 015 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئېلىپ بەردى. 012 2KI 018 016 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ۋە ئۆزى ئەسلىدە قاپلاتقان ئىشىك كېشەكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بەردى. 012 2KI 018 017 شۇ چاغدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تارتان، راب-سارىس ۋە راب-شاكەھلىرىنى چوڭ قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىپ كەلدى. چىققاندا، ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. 012 2KI 018 018 ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. 012 2KI 018 019 ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىدى؟ 012 2KI 018 020 سەن: «ئۇرۇش قىلىشقا تەدبىر-مەسلىھەتىمىز ھەم كۈچىمىز بار، دەيسەن ــ بۇ پەقەت بىر قۇرۇق گەپ، خالاس! ــ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ 012 2KI 018 021 مانا ئەمدى سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن. بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! 012 2KI 018 022 ئەگەر سىلەر ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭلار، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 018 023 ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» 012 2KI 018 024 سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر! 012 2KI 018 025 مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!». 012 2KI 018 026 ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن! ــ دېدى. 012 2KI 018 027 بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. 012 2KI 018 028 ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. 012 2KI 018 029 ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى [پادىشاھنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 012 2KI 018 030 ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار! 012 2KI 018 031 ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ 012 2KI 018 032 تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! 012 2KI 018 033 ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ 012 2KI 018 034 خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! 012 2KI 018 035 مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» ــ دېدى. 012 2KI 018 036 ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». 012 2KI 018 037 ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. 012 2KI 019 001 شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 012 2KI 019 002 ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز قاپلانغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. 012 2KI 019 003 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن ئاۋارىچىلىك، رەسۋا قىلىنىدىغان، مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈنىدۇر. 012 2KI 019 004 ئۆز خوجايىنى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ بارلىق گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېلىپ قالغان قالدىسى ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ» ــ دېدى. 012 2KI 019 005 شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. 012 2KI 019 006 يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ 012 2KI 019 007 مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. 012 2KI 019 008 راب-شاكەھ ئۆزى كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. 012 2KI 019 009 چۈنكى پادىشاھ: «مانا، ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ 012 2KI 019 010 «سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭئارىسالدىلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ 012 2KI 019 011 مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇلامسەن؟ 012 2KI 019 012 ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنىڭ ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ، تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ 012 2KI 019 013 خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». 012 2KI 019 014 شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. 012 2KI 019 015 ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. 012 2KI 019 016 ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! 012 2KI 019 017 ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، 012 2KI 019 018 ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 012 2KI 019 019 ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». 012 2KI 019 020 شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 012 2KI 019 021 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ 012 2KI 019 022 سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! 012 2KI 019 023 ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ؛ ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىسىغا، لىۋان تاغ باغرىلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ چەت تۇرالغۇسىغا، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. 012 2KI 019 024 ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ ياقا يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتىۋەتتىم ــ دېدىڭ. 012 2KI 019 025 ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ 012 2KI 019 026 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئۆسىۋاتقان ئوت-چۆپتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. 012 2KI 019 027 بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ 012 2KI 019 028 سېنىڭ ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ۋە ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. 012 2KI 019 029 ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. 012 2KI 019 030 يەھۇدا جەمەتىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ 012 2KI 019 031 چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. 012 2KI 019 032 شۇڭا، پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. 012 2KI 019 033 ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 012 2KI 019 034 ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». 012 2KI 019 035 شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! 012 2KI 019 036 شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. 012 2KI 019 037 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار بولسا ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 020 001 شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن» ــ دېدى. 012 2KI 020 002 [ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ 012 2KI 020 003 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. 012 2KI 020 004 يەشايا چىقىپ ئوردىدىكى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 012 2KI 020 005 يېنىپ بېرىپ خەلقىمنىڭ باشلامچىسى ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىسەن. 012 2KI 020 006 كۈنلىرىڭگە مەن يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغدايمەن. 012 2KI 020 007 (يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، يارىسىغا چاپلىۋىدى، ئۇ ساقايدى. 012 2KI 020 008 ھەزەكىيا يەشايادىن: پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغانغا قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى. 012 2KI 020 009 يەشايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن شۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، سەن قۇياشنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ياكى ئون باسقۇچ كەينىگە يېنىشىنى خالامسەن؟ ــ دېدى. 012 2KI 020 010 ھەزەكىيا: قۇياش سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ئاسان؛ سايە ئون باشقۇچ كەينىگە يانسۇن، دېگەنىدى. 012 2KI 020 011 شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى). 012 2KI 020 012 شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان، ھەزەكىيانى كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ، خەتلەر ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. 012 2KI 020 013 ھەزەكىيا بولسا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، ئۇلارغا بارلىق خەزىنە-ئامبارلىرىنى، كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللار ئامبىرىدىكى ھەممىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئوردىسى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. 012 2KI 020 014 ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن» دېدى. 012 2KI 020 015 يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مەن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. 012 2KI 020 016 يەشايا ھەزەكىياغا: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ 012 2KI 020 017 ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 012 2KI 020 018 ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. 012 2KI 020 019 ھەزەكىيا ئەمدى ئۆز-ئۆزىگە «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟»، دەپ يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. 012 2KI 020 020 ھەزەكىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شەھەرگە سۇ تەمىنلەش ئۈچۈن كۆل، شۇنداقلا سۇ ئاپىرىدىغان نور ياسىغانلىقى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 020 021 ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئوغلى ماناسسەھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 021 001 ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەفزىباھ ئىدى. 012 2KI 021 002 ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 012 2KI 021 003 ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا بۇزۇپ يوقاتقان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائالغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھاب قىلغاندەك بىر ئاشەراھ مەبۇد ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 012 2KI 021 004 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: مەن يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى قويىمەن، دېگەنىدى. 012 2KI 021 005 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. 012 2KI 021 006 ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 012 2KI 021 007 ئۇ ياساتقان «ئاشەراھ» ئويما مەبۇدنى [خۇدانىڭ] ئۆيىگە قويدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ 012 2KI 021 008 ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى ئۆز قۇلۇم مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقسىم قىلغان بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن»، دېگەنىدى. 012 2KI 021 009 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى؛ شۇڭلاشقىمۇ، ماناسسەھ ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەردىن ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. 012 2KI 021 010 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ــ 012 2KI 021 011 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسەھ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلار قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن زىيادە رەزىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانىمۇ گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن 012 2KI 021 012 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. 012 2KI 021 013 مەن سامارىيەنى ئۆلچىگەن تانا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىنى تەكشۈرگەن تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن يېرۇسالېمنى تەكشۈرتىمەن؛ كىشى قاچىنى چايقاپ سۈرتكەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈيمەن. 012 2KI 021 014 مەن مىراسىمنىڭ قالغانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلارنى ھەممە دۈشمەنلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ ئوبيېكتى ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن؛ 012 2KI 021 015 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى». 012 2KI 021 016 ماناسسەھ ئەمدى پۈتكۈل يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇرۇپ، كۆپ ناھەق قان تۆككۈزدى ۋە ئوخشاشلا ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھى بىلەن يەھۇدالارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى رەزىللىكنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى. 012 2KI 021 017 ماناسسەھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇ سادىر قىلغان گۇناھ «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 021 018 ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ بېغىدا، يەنى ئۇززاھنىڭ بېغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 021 019 ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى؛ ئۇ يوتباھلىق ھارۇزنىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 021 020 ئامون ئاتىسى ماناسسەھ قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 021 021 ئۇ ئاتىسى ماڭغان بارلىق يوللاردا ماڭاتتى؛ ئۇ ئاتىسى قۇللۇقىدا بولغان بۇتلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، 012 2KI 021 022 پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا يۈرمەي، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك قىلدى. 012 2KI 021 023 ئەمدى ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى. 012 2KI 021 024 لېكىن يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. 012 2KI 021 025 ئاموننىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 021 026 ئۇ ئۇززاھنىڭ بېغىدا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوسىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 022 001 يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەدىداھ ئىدى؛ ئۇ بوزكاتلىق ئادايانىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 022 002 يوسىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق يولىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. 012 2KI 022 003 پادىشاھ يوسىيا سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پادىشاھ مەشۇللامنىڭ نەۋرىسى، ئازالىيانىڭ ئوغلى كاتىپ شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ: 012 2KI 022 004 «باش كاھىن ھىلقىيانىڭ قېشىغا چىقىپ شۇنى بۇيرۇغىنكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەرۋازىۋەنلەر خەلقتىن يىغقان پۇلنى سانىسۇن. 012 2KI 022 005 ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. بۇلار ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بۇزۇلغان يەرلەرنى ئوڭشاشقا ئۆيدە ئىشلىگۈچىلەرگە، يەنى ياغاچچىلار، تامچىلار ۋە تاشتىراشلارغا بەرسۇن. ئۇلار مۇشۇ پۇل بىلەن ئۆينى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋالسۇن، دېگىن» ــ دېدى. 012 2KI 022 007 لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. 012 2KI 022 008 باش كاھىن ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بىر تەۋرات كىتابىنى تاپتىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. ئۇ ئۇنى ئوقۇدى. 012 2KI 022 009 ئاندىن كېيىن كاتىپ شافان پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: ــ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇلنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش بېشىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى. 012 2KI 022 010 ئاندىن كاتىپ شافان پادىشاھقا: ھىلقىيا ماڭا بىر كىتابنى بەردى، دېدى. ئاندىن شافان پادىشاھقا ئۇنى ئوقۇپ بەردى. 012 2KI 022 011 ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات كىتابىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. 012 2KI 022 012 پادىشاھ ھىلقىيا كاھىن بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ 012 2KI 022 013 بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن، يەنى پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭدىكى بىزلەرگە پۈتۈلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قۇلاق سالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قوزغالغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك، دېدى. 012 2KI 022 014 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا كاھىن، ئاھىكام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىكۋاھنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. 012 2KI 022 015 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ 012 2KI 022 016 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئوقۇغان كىتابنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. 012 2KI 022 017 چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە قاراپ ياندى ھەم ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 012 2KI 022 018 لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا شۇنداق دەڭلار: سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ 012 2KI 022 019 چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنىڭ ۋەيرانە ۋە لەنەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 012 2KI 022 020 بۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 012 2KI 023 001 پادىشاھ ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى ئۆز قېشىغا چاقىرتىپ كەلدى. 012 2KI 023 002 پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن پەيغەمبەرلەر، يەنى بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. 012 2KI 023 003 پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. 012 2KI 023 004 ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى. 012 2KI 023 005 ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياندۇرۇشقا تىكلىگەن بۇت كاھىنلىرىنى، شۇنىڭدەك بائالغا، قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە ھەمدە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدىۋەتتى. 012 2KI 023 006 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ئاشەراھ بۇتنى ئېلىپ چىقىپ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ بېرىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىپ، توپىسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە چېچىۋەتتى. 012 2KI 023 007 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى. 012 2KI 023 008 ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن بارلىق كاھىنلارنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە يىغدى. ئاندىن ئۇ گەبادىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ياقىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ «دەرۋازىلاردىكى يۇقىرى جايلار»نى چېقىپ بۇزدى؛ بۇلار «شەھەر باشلىقى يەشۇئانىڭ قۇۋىقى»نىڭ يېنىدا، يەنى شەھەر قۇۋىقىغا كىرىش يولىنىڭ سول تەرىپىدە ئىدى 012 2KI 023 009 (ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى). 012 2KI 023 010 يوسىيا ھېچكىم ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەككە ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. 012 2KI 023 011 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار [ئىبادەتخانىنىڭ] ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى). 012 2KI 023 012 پادىشاھ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانگاھلارنى ۋە ماناسسەھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا ياساتقان قۇربانگاھلارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ توپىسىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، كىدرون جىلغىسىغا چېچىۋەتتى. 012 2KI 023 013 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مەشرىق تەرىپىگە ۋە «ھالاك تېغى»نىڭ جەنۇبىغا زىدونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكومغا ئاتاپ ياساتقان «يۇقىرى جايلار»نىمۇ پادىشاھ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. 012 2KI 023 014 ئۇ بۇت تۈۋرۈكلەرنى پارچىلاپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ يىقىتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلەرنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى. 012 2KI 023 015 ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام بەيت-ئەلدە سالدۇرغان قۇربانگاھ بىلەن «يۇقىرى جاي»نى، ئۇلارنى بۇزۇپ چاقتى، ئاندىن كېيىن «يۇقىرى جاي»نى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، ئاشەراھ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 012 2KI 023 016 يوسىيا بۇرۇلۇپ قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەرنى كولاپ چىقىرىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى، شۇ يول بىلەن ئۇنى بۇلغىۋەتتى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزۈپ، دەل ئۇلارنى ئالدىنئالا بېشارەت قىلىپ جاكارلىغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 012 2KI 023 017 ئاندىن يوسىيا: كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەبرە تېشى كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەھەردىكىلەر ئۇنىڭغا: بۇ يەھۇدادىن كەلگەن، سىلىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھنى بۇزغان مۇشۇ ئىشلىرىنى بېشارەت قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسى ئىكەن، دېدى. 012 2KI 023 018 يوسىيا: ــ ئۇنى قويۇڭلار، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە ھېچكىمنى تەگكۈزمىدى. 012 2KI 023 019 ئاندىن يوسىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ياساتقان «يۇقىرى جايلار»دىكى بارلىق ئۆيلەرنى چاقتى؛ ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئەلدە قىلغاندەك قىلىپ، يوقاتتى. 012 2KI 023 020 ئۇ ئۇ يەرلەردىكى «يۇقىرى جايلار»غا خاس بولغان ھەممە كاھىنلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى؛ ئۇ ئاخىردا يېرۇسالېمغا يېنىپ باردى. 012 2KI 023 021 پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 012 2KI 023 022 «باتۇر ھاكىملار» ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بىر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ 012 2KI 023 023 يوسىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى. 012 2KI 023 024 شۇنىڭدەك يوسىيا يەھۇدا يۇرتىدا ۋە يېرۇسالېمدا پەيدا بولغان جىنكەشلەر ۋە پالچىلارنى، تەرافىم مەبۇدلىرى، ھەرقانداق بۇتلار ۋە بارلىق باشقا لەنەتلىك نەرسىلەرنى زېمىندىن يوقاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن تاپقان كىتابتا خاتىرىلەنگەن تەۋراتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 012 2KI 023 025 ئۇنىڭدەك مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا ئىنتىلىپ پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسى بولۇپ باقمىدى. 012 2KI 023 026 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى ماناسسەھنىڭ ئۆزىنى رەنجىتكەن بارلىق رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇداغا تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىدىن يانمىدى. 012 2KI 023 027 پەرۋەردىگار: ــ ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك يەھۇدانىمۇ ئۆز كۆزۈمدىن نېرى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە مەن: ــ «مېنىڭ نامىم شۇ يەردە بولىدۇ» دېگەن شۇ ئىبادەتخانىنى تەرك قىلىمەن، دېدى. 012 2KI 023 028 يوسىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 023 029 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-نەكو ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلغىلى ئەفرات دەرياسىغا باردى. ئۇ چاغدا يوسىيا پادىشاھ پىرەۋن بىلەن سوقۇشۇشقا چىقتى؛ لېكىن پىرەۋن ئۇنى كۆرۈپ مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى. 012 2KI 023 030 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى مەسىھ قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى. 012 2KI 023 031 يەھوئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامۇتال ئىدى؛ ئۇ لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 023 032 يەھوئاھاز بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 012 2KI 023 033 ئەمدى پىرەۋن-نەكو ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خامات يۇرتىدىكى رىبلاھدا سولاپ قويدى ۋە [يەھۇدا] زېمىنىغا يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن بىر تالانت ئالتۇن سېلىق چۈشۈردى. 012 2KI 023 034 ئاندىن پىرەۋن-نەكو يوسىيانىڭ ئوغلى ئېلىئاكىمنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھوئاھازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى؛ يەھوئاھاز مىسىرغا كېلىپ شۇ يەردە ئۆلدى. 012 2KI 023 035 يەھوئاكىم كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى پىرەۋنگە بەردى؛ لېكىن پىرەۋننىڭ شۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتقا ھەربىر ئادەمنىڭ چامىغا قاراپ باج-ئالۋان قويغانىدى؛ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن، ھەربىرىگە سالغان ئۆلچەم بويىچە پىرەۋن-نەكوغا بېرىشكە يىغقانىدى. 012 2KI 023 036 يەھوئاكىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىداھ ئىدى؛ ئۇ رۇماھلىق پەدئايانىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 023 037 يەھوئاكىم بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 024 001 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار [يەھۇداغا] ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى؛ يەھوئاكىم ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە بېقىندى بولدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن تېنىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. 012 2KI 024 002 شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا كالدىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، سۇرىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، موئابىيلار بۇلاڭچىلار شايكىسى، ۋە ئاممونىيلار بۇلاڭچىلار شايكىلىرىنى قوزغىدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ھالاك قىلىش ئۈچۈن قوزغىدى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھ قىلغان سۆز-كالامىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. 012 2KI 024 003 دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ماناسسەھنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدانى ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. 012 2KI 024 004 چۈنكى [ماناسسەھنىڭ] ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار [يەھۇدالارنى] ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. 012 2KI 024 005 يەھوئاكىمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 012 2KI 024 006 يەھوئاكىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخىلدى؛ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 012 2KI 024 007 مىسىرنىڭ پادىشاھى بولسا ئۆز يۇرتىدىن ئىككىنچى چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى «مىسىر ئېقىنى»دىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بولغان مىسىر پادىشاھىغا تەۋە زېمىننى تارتىۋالغانىدى. 012 2KI 024 008 يەھوئاكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نەھۇشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى ئىدى. 012 2KI 024 009 يەھوئاكىن ئاتىسىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 012 2KI 024 010 بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ سەردارلىرى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغىلى چىقىپ، شەھەرنى قامال قىلدى. 012 2KI 024 011 ئۇنىڭ سەردارلىرى شەھەرنى قامال قىلىپ تۇرغاندا نېبوقادنەسار ئۆزىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى. 012 2KI 024 012 ئاندىن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىن بىلەن ئانىسى، بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئاغۋاتلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەن بەردى. شۇنداق قىلىپ بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلىپ تۇتتى. 012 2KI 024 013 نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى. 012 2KI 024 014 يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. 012 2KI 024 015 ئۇ يەھوئاكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ ئاغۋاتلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ باردى. 012 2KI 024 016 ئۇ باتۇر-پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى (يەتتە مىڭ ئىدى)، ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى (جەمئىي بىر مىڭ ئىدى) ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئادەملەر بولۇپ، بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 012 2KI 024 017 ئاندىن بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ تاغىسى ماتتانىيانى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەدەكىياغا ئۆزگەرتتى. 012 2KI 024 018 زەدەكىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. 012 2KI 024 019 زەدەكىيا يەھوئاكىمنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. 012 2KI 024 020 پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ ئاۋۋال، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. 012 2KI 025 001 ئاندىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ھەمدە ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. 012 2KI 025 002 شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. 012 2KI 025 003 شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. 012 2KI 025 004 شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەريېنىدا تۇراتتى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. 012 2KI 025 005 لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. 012 2KI 025 006 ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇلار شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردى. 012 2KI 025 007 [بابىل پادىشاھى] زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. 012 2KI 025 008 ۋە بەشىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارى، پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 012 2KI 025 009 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. 012 2KI 025 010 ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. 012 2KI 025 011 پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 012 2KI 025 012 لېكىن پاسىبان بېگى زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. 012 2KI 025 013 كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 012 2KI 025 014 ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ 012 2KI 025 015 خۇشبۇيدانلار ۋە قاچىلارنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. 012 2KI 025 016 ۋە سۇلايمان [پادىشاھ] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»نى، شۇنداقلا داس تەگلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى؛ بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 012 2KI 025 017 بىرىنچى تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى. 012 2KI 025 018 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. 012 2KI 025 019 ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن بەشىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. 012 2KI 025 020 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. 012 2KI 025 021 بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. 012 2KI 025 022 يەھۇدا زېمىنىدا قالغان كىشىلەرنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار قالدۇرغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇ ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى تەيىنلىدى. 012 2KI 025 023 دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى؛ شۇنىڭ بىلەن [بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن] مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلار بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، نەتوفاتلىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە مائاكات جەمەتىدىن بىرسىنىڭ ئوغلى جائازانىيا ئىدى. 012 2KI 025 024 گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ» دەپ قەسەم قىلدى. 012 2KI 025 025 ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ كېلىپ، گەدالىيانى ھەم مىزپاھدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان يەھۇدىيلار ۋە كالدىيلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 012 2KI 025 026 شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، ۋە لەشكەر باشلىقلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ مىسىرغا كىردى؛ چۈنكى ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى. 012 2KI 025 027 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى مۇنۇ ئىش يۈز بەردى؛ ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ 012 2KI 025 028 ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزى بىلەن بىرگە بابىلدا تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ 012 2KI 025 029 شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. 012 2KI 025 030 ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، [بابىل] پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇنىڭغا ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. # # BOOK 013 1CH 1 Chronicles تارىخ-تەزكىرە 1 013 1CH 001 001 ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش، 013 1CH 001 002 كېنان، ماھالالېل، يارەد، 013 1CH 001 003 ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ، 013 1CH 001 004 نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن. 013 1CH 001 005 يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. 013 1CH 001 006 گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى. 013 1CH 001 007 ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 013 1CH 001 008 ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى. 013 1CH 001 009 كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى. 013 1CH 001 010 كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى. 013 1CH 001 011 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، 013 1CH 001 012 پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. 013 1CH 001 013 قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. 013 1CH 001 014 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 013 1CH 001 015 ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، 013 1CH 001 016 ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. 013 1CH 001 017 شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ [ئارامنىڭ ئوغۇللىرى] ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى. 013 1CH 001 018 ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. 013 1CH 001 019 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. 013 1CH 001 020 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 013 1CH 001 021 ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، 013 1CH 001 022 ئېبال، ئابىمائەل، شېبا، 013 1CH 001 023 ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 001 024 شەم، ئارفاخشات، شېلاھ، 013 1CH 001 025 ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ، 013 1CH 001 026 سېرۇگ، ناھور، تەراھ، 013 1CH 001 027 ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى). 013 1CH 001 028 ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى. 013 1CH 001 029 تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، 013 1CH 001 030 مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما، 013 1CH 001 031 يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 001 032 ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى. 013 1CH 001 033 مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى. 013 1CH 001 034 ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى. 013 1CH 001 035 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى. 013 1CH 001 036 ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى. 013 1CH 001 037 رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى. 013 1CH 001 038 سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. 013 1CH 001 039 ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى). 013 1CH 001 040 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى. 013 1CH 001 041 ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى. 013 1CH 001 042 ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى. 013 1CH 001 043 ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى. 013 1CH 001 044 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 001 045 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 001 046 ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. 013 1CH 001 047 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 001 048 ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 001 049 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 001 050 بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. 013 1CH 001 051 ئاندىن ھاداد ئۆلدى. 013 1CH 001 052 ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون، 013 1CH 001 053 قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار، 013 1CH 001 054 قەبىلە باشلىقى ماگدىيەل، قەبىلە باشلىقى ئىرام؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدۇر. 013 1CH 002 001 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، 013 1CH 002 002 دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت. 013 1CH 002 003 يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان. 013 1CH 002 004 يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان. 013 1CH 002 005 پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى. 013 1CH 002 006 زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى. 013 1CH 002 007 كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى. 013 1CH 002 008 ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى. 013 1CH 002 009 ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى. 013 1CH 002 010 ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 013 1CH 002 011 سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن. 013 1CH 002 012 ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن. 013 1CH 002 013 يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا، 013 1CH 002 014 تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي، 013 1CH 002 015 ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. 013 1CH 002 016 زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 013 1CH 002 017 ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى. 013 1CH 002 018 كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ [ئازۇباھتىن] بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى. 013 1CH 002 019 ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. 013 1CH 002 020 خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى. 013 1CH 002 021 كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى. 013 1CH 002 022 سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى. 013 1CH 002 023 گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 013 1CH 002 024 ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى. 013 1CH 002 025 ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى. 013 1CH 002 026 يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى. 013 1CH 002 027 يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى. 013 1CH 002 028 ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى. 013 1CH 002 029 ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى. 013 1CH 002 030 نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. 013 1CH 002 031 يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 002 032 شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. 013 1CH 002 033 پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 013 1CH 002 034 شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى. 013 1CH 002 035 شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن. 013 1CH 002 036 ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن. 013 1CH 002 037 زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن. 013 1CH 002 038 ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن. 013 1CH 002 039 ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن. 013 1CH 002 040 ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن. 013 1CH 002 041 شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن. 013 1CH 002 042 يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى. 013 1CH 002 043 ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى. 013 1CH 002 044 شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن. 013 1CH 002 045 مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى. 013 1CH 002 046 كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن. 013 1CH 002 047 ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى. 013 1CH 002 048 كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛ 013 1CH 002 049 ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى. 013 1CH 002 050 يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال، 013 1CH 002 051 بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى. 013 1CH 002 052 كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى. 013 1CH 002 053 كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان. 013 1CH 002 054 سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار، 013 1CH 002 055 يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 013 1CH 003 001 داۋۇتنىڭ ھېبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاخىنوئامدىن بولغان؛ ئىككىنچى ئوغلى دانىيال كارمەللىك ئابىگائىلدىن بولغان؛ 013 1CH 003 002 ئۈچىنچى ئوغلى ئابشالوم گەشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن بولغان؛ تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا بولۇپ، ھاگگىتتىن بولغانىدى؛ 013 1CH 003 003 بەشىنچى ئوغلى شەفاتىيا بولۇپ، ئابىتالدىن بولغانىدى؛ ئالتىنچى ئوغلى ئىترىيام بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن بولغانىدى. 013 1CH 003 004 بۇ ئالتە ئوغۇل داۋۇتتىن ھېبروندا تۆرەلگەن؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل ئالتە ئاي، يېرۇسالېمدا بولسا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلغان. 013 1CH 003 005 يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا ئاممىيەلنىڭ قىزى بات-شۇئادىن بۇ تۆتەيلەن تۆرەلگەن: ئۇلار شىمىيا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان ئىدى. 013 1CH 003 006 يەنە ئىبھار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت، 013 1CH 003 007 نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 013 1CH 003 008 ئەلىشاما، ئەلىيادا، ئەلىفەلەت قاتارلىق توققۇز ئوغۇل بولغان. 013 1CH 003 009 بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا توقاللىرىدىن بولغان ئوغۇللار بار ئىدى؛ تامار ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. 013 1CH 003 010 سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام، رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيا، ئابىيانىڭ ئوغلى ئاسا، ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات، 013 1CH 003 011 يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا، ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاش، 013 1CH 003 012 يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا، ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئازارىيانىڭ ئوغلى يوتام، 013 1CH 003 013 يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز، ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا، ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھ، 013 1CH 003 014 ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئامون، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا ئىدى. 013 1CH 003 015 يوسىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوھانان، ئىككىنچى ئوغلى يەھوئاكىم، ئۈچىنچى ئوغلى زەدەكىيا، تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم ئىدى. 013 1CH 003 016 يەھوئاكىمنىڭ ئوغۇللىرى: ئوغلى يەكونىياھ بىلەن ئوغلى زەدەكىيا. 013 1CH 003 017 سۈرگۈن قىلىنغان يەكونىياھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ شېئالتىئەل ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 013 1CH 003 018 يەنە مالقىرام، پەداياھ، شەناززار، يەكامىيا، ھوشاما ۋە نەبادىيا ئىدى. 013 1CH 003 019 پەداياھنىڭ ئوغۇللىرى زەرۇببابەل بىلەن شىمەي ئىدى؛ زەرۇببابەلنىڭ پەرزەنتلىرى: ــ مەشۇللام بىلەن ھانانىيا ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شېلومىت ئىدى؛ 013 1CH 003 020 ئۇنىڭ يەنە ھاشۇباھ، ئوھەل، بەرەكىيا، ھاسادىيا، يۇشاب-ھەسەد قاتارلىق بەش ئوغلى بار ئىدى. 013 1CH 003 021 ھانانىيانىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا ۋە يەشايا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە رېفايانىڭ ئوغۇللىرى، ئارناننىڭ ئوغۇللىرى، ئوبادىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە شېكانىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 003 022 شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئۇنىڭ ئوغلى شېمايا؛ شېمايانىڭ ئوغۇللىرى ھاتتۇش، يىگېئال، بارىيا، نېئارىيا، شافات بولۇپ جەمئىي ئالتە ئىدى. 013 1CH 003 023 نېئارىيانىڭ ئوغۇللىرى ئەليويىناي، ھەزەكىيا، ئازرىكام بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئىدى. 013 1CH 003 024 ئەليويىناينىڭ ئوغۇللىرى خوداۋىيا، ئەلىياشىب، پەلايا، ئاككۇب، يوھانان، دېلايا، ئانانى بولۇپ جەمئىي يەتتە ئىدى. 013 1CH 004 001 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرەز، ھەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىدى. 013 1CH 004 002 شوبالنىڭ ئوغلى رېئايادىن جاھات تۆرەلدى؛ جاھاتتىن ئاخۇماي بىلەن لاخاد تۆرەلدى. بۇلار زوراتىي جەمەتىدىن ئىدى. 013 1CH 004 003 ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل، ئىشما، ئىدباش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ھازىلىلپونى ئىدى. 013 1CH 004 004 گەدورنىڭ ئاتىسى پەنۇئەل؛ خۇشاھنىڭ ئاتىسى ئېزەر ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى بولغان ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇردىن تۆرەلگەن. 013 1CH 004 005 تەكوئانىڭ ئاتىسى ئاشخۇرنىڭ ھېلاھ ۋە نائاراھ دېگەن ئىككى ئايالى بار ئىدى. 013 1CH 004 006 نائاراھ ئاشخۇرغا ئاخۇززام، ھەفەر، تەمەنى، ئاخاشتارىنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نائاراھنىڭ ئوغۇللىرى. 013 1CH 004 007 ھېلاھنىڭ ئوغۇللىرى زەرەت، زوھار بىلەن ئەتنان ۋە 013 1CH 004 008 كوز ئىدى؛ كوزدىن ئانوب، ھاززىبىبا بىلەن خارۇمنىڭ ئوغلى ئاخارھەلنىڭ جەمەتلىرى تۆرەلدى. 013 1CH 004 009 يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلىك ئىدى، ئانىسى: «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان. 013 1CH 004 010 يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى. 013 1CH 004 011 شۇخاھنىڭ ئىنىسى كېلۇبتىن مېخىر تۆرەلگەن؛ مېخىر ئېشتوننىڭ ئاتىسى ئىدى. 013 1CH 004 012 ئېشتوندىن بەيت-رافا، پاسېئاھ ۋە ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى تېخىنناھ تۆرەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى رىكاھلىقلار ئىدى. 013 1CH 004 013 كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل بىلەن سېرايا ئىدى؛ ئوتنىيەلنىڭ ئوغلى خاتات بىلەن مېئونوتاي ئىدى. 013 1CH 004 014 مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى). 013 1CH 004 015 يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى ئىرۇ، ئېلاھ بىلەن نائام ئىدى؛ ئېلاھنىڭ ئوغلى كېناز ئىدى. 013 1CH 004 016 يەھاللىلەلنىڭ ئوغۇللىرى زىف بىلەن زىفاھ، تىرىيا بىلەن ئاسارىيەل ئىدى. 013 1CH 004 017 ئەزرانىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەتەر، مېرەد، ئېفەر ۋە يالونلار؛ مېرەد پىرەۋننىڭ قىزى بىتىيانى ئالدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ مەرىيەم، شامماي بىلەن ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى ئىشباھنى تۇغدى. بۇلار بىتىيادىن بولغان ئوغۇللار. مېرەدنىڭ يەھۇدالاردىن بولغان ئايالى بولسا گەدورنىڭ ئاتىسى يەرەدنى، سوكوھنىڭ ئاتىسى ھەبەر بىلەن زانوئاھنىڭ ئاتىسى يەكۇتىيەلنى تۇغدى. 013 1CH 004 019 ناھامنىڭ سىڭلىسى خودىيانىڭ ئايالىدىن گارمىلىق كېئىلاھنىڭ ئاتىسى بىلەن مائاكات جەمەتىدىن بولغان ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى تۆرەلگەن. 013 1CH 004 020 شىموننىڭ ئوغۇللىرى ئامنون ۋە رىنناھ، بەن-ھانان بىلەن تىلون ئىدى. يىشىنىڭ ئوغۇللىرى زوھەت بىلەن بىن-زوھەت ئىدى. 013 1CH 004 021 شېلاھ يەھۇدانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن تۆرەلگەن لېكاھنىڭ ئاتىسى ئېر، مارەشاھنىڭ ئاتىسى لائاداھ ۋە بەيت-ئاشبىيادا ئولتۇراقلاشقان چەكمەن توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى 013 1CH 004 022 ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر). 013 1CH 004 023 بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 013 1CH 004 024 نەمۇئەل ۋە يامىن، يارىب، زەراھ بىلەن سائۇل شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 004 025 شاللوم سائۇلنىڭ ئوغلى؛ مىبسام شاللومنىڭ ئوغلى، مىشما مىبسامنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 004 026 مىشمانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: ــ مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئىل؛ خاممۇئىلنىڭ ئوغلى زاككۇر؛ زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمەي ئىدى. 013 1CH 004 027 شىمەينىڭ ئون ئالتە ئوغلى، ئالتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرى يەھۇدا جەمەتىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ بولمىغان. 013 1CH 004 028 ئۇلار بەئەر-شېبا، مولاداھ، ھازار-شۇئال، 013 1CH 004 029 بىلخاھ، ئېزەم، تولاد، 013 1CH 004 030 بېتۇئەل، خورماھ، زىكلاگ، 013 1CH 004 031 بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارائىمغا ماكانلاشقانىدى. تاكى داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. 013 1CH 004 032 ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان قاتارلىق بەش شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 013 1CH 004 033 ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى بارلىق يېزا-كەنتلەر تاكى بائالغا قەدەر شۇلارغا قارايتتى. بۇلار بولسا ئۇلار ماكانلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىلىرىمۇ بار ئىدى. 013 1CH 004 034 [ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىرى] مېشوباب، ياملەك، ئامازىيانىڭ ئوغلى يوشاھ، 013 1CH 004 035 يوئېل، يوسىبىيانىڭ ئوغلى يەھۇ (يوسىبىيا سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئاسىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى)، 013 1CH 004 036 ئەليويىناي، يائاكوباھ، يەشوھايا، ئاسايا، ئادىئەل، يەسىمىئەل، بىنايا 013 1CH 004 037 ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى). 013 1CH 004 038 يۇقىرىدا خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ئىدى؛ بۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. 013 1CH 004 039 ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى. 013 1CH 004 040 ئۇلار شۇ يەردە ياپيېشىل، ناھايىتى مۇنبەت بىر ئوتلاق تاپقان؛ ئۇ يەر تولىمۇ كەڭ، ھەم تازا ھەم تىنچ ئىدى. ئىلگىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھامدىكىلەردىن ئىكەن. 013 1CH 004 041 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كىشىلەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ زامانىدا شۇ [ھامدىكىلەرنىڭ] چېدىرلىرىغا ۋە ئۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق مىئونلۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تامامەن يوقاتقانىدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر؛ ئۇلار شۇلارنىڭ يەرلىرىگە ماكانلاشتى، چۈنكى ئۇ يەرلەردە پادىلىرىنى باققۇدەك ئوتلاق بار ئىدى. 013 1CH 004 042 شۇ چاغلاردا شىمېئونلاردىن يەنە بەش يۈز كىشى سېئىر تېغىغا قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى يىشىنىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا، نېئارىيا، رېفايا بىلەن ئۇزرىئەل ئىدى؛ 013 1CH 004 043 ئۇلار قېچىپ تىرىك قالغان ئامالەكلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە ماكانلىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. 013 1CH 005 001 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ (رۇبەن گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولغىنى بىلەن، لېكىن [ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن] زىنا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئىسرائىلنىڭ ئوغلى بولغان يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن. شۇڭا نەسەبنامە بويىچە ئۇ چوڭ ئوغۇل ھېسابلانمايدۇ. 013 1CH 005 002 يەھۇدا قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ ۋە ئىدارە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى يۈسۈپكە تەۋە بولۇپ كەتكەن): ــ 013 1CH 005 003 ئىسرائىلنىڭ تۇنجىسى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ ھانوخ ۋە پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. 013 1CH 005 004 يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ــ [يوئېلنىڭ] ئوغلى شېمايا، شېمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمەي، 013 1CH 005 005 شىمەينىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رېئايا، رېئايانىڭ ئوغلى بائال، 013 1CH 005 006 بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ؛ بەئەراھ ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ كېتىلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. 013 1CH 005 007 ئۇنىڭ ئىنىلىرى نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنگەندەك، جەمەتلىرىنىڭ تارىخى بويىچە يولباشچى بولغان جەئىيەل، زەكەرىيا ۋە بېلا دەپ پۈتۈلگەنىدى 013 1CH 005 008 (بېلا ئازازنىڭ ئوغلى، ئازاز شېمانىڭ ئوغلى، شېما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى). يوئېللار ئاروئەردە، نېبو ۋە بائال-مېئونغىچە سوزۇلغان جايلاردا تۇراتتى. 013 1CH 005 009 ئۇلار يەنە كۈن چىقىشقا قاراپ تاكى ئېفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى چۆلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قەدەر ئولتۇراقلاشتى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ گىلېئاد يۇرتىدىكى چارۋا ماللىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. 013 1CH 005 010 سائۇلنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇلار ھاگارىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى؛ ھاگارىيلار ئۇلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گىلېئادنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىندا ھاگارىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا ماكانلاشتى. 013 1CH 005 011 ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا گادنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى سالىكاھغا قەدەر باشان زېمىنىغا ماكانلاشقانىدى. 013 1CH 005 012 باشاندا ماكانلاشقانلاردىن قەبىلە باشلىقى يوئېل، مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى شافام بار ئىدى؛ يەنە ياناي بىلەن شافاتمۇ بار ئىدى. 013 1CH 005 013 ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەمەتنامىلەر بويىچە مىكائىل، مەشۇللام، شېبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر بولۇپ، جەمئىي يەتتە ئىدى. 013 1CH 005 014 يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئابىھايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىھايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروياھنىڭ ئوغلى، ياروياھ گىلېئادنىڭ ئوغلى، گىلېئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يەشىشاينىڭ ئوغلى، يەشىشاي ياھدونىڭ ئوغلى، ياھدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 013 1CH 005 015 گۇنىنىڭ نەۋرىسى، ئابدىئەلنىڭ ئوغلى ئاخى ئۇلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. 013 1CH 005 016 ئۇلار گىلېئادقا، باشانغا ۋە باشانغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، شۇنداقلا پۈتكۈل شارون يايلىقىغا، تاكى تۆت چېتىگىچە ماكانلاشقانىدى. 013 1CH 005 017 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدا پادىشاھى يوتام ۋە ئىسرائىل پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە نەسەبنامىلەرگە پۈتۈلگەنىدى. 013 1CH 005 018 رۇبەن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ باتۇر، قالقان-قىلىچ تۇتالايدىغان، ئوقيا ئاتالايدىغان ھەم جەڭگە ماھىر قىرىق تۆت مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش جەڭگىۋار ئادىمى بار ئىدى. 013 1CH 005 019 ئۇلار ھاگارىيلار، يەتۇرلار، نافىشلار ۋە نودابلار بىلەن جەڭ قىلغان. 013 1CH 005 020 ئۇلار جەڭ قىلغاندا مەدەت تېپىپ، ھاگارىيلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان؛ چۈنكى ئۇلار جەڭ ئۈستىدە خۇداغا نىدا قىلغان؛ ئۇلار ئۇنىڭغا تايانغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت قىلغان. 013 1CH 005 021 ئۇلار يەنە دۈشمەننىڭ چارۋا-ماللىرىنى، جۈملىدىن ئەللىك مىڭ تۆگە، ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالغان ۋە يۈز مىڭ جاننى ئەسىر ئالغان. 013 1CH 005 022 بۇ ئۇرۇش خۇدانىڭ نىيىتىدىن بولغاچقا، دۈشمەندىن ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان؛ سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇلار شۇلارنىڭ يېرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان. 013 1CH 005 023 ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەر باشاندىن بائال-ھەرمون، سېنىر، ھەرمون تېغىغا قەدەر بولغان زېمىندا يېيىلىپ ماكانلاشتى. ئۇلار زور كۆپەيگەن. 013 1CH 005 024 ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئېفەر، ئىشى، ئەلىيەل، ئازرىئەل، يەرىمىيا، خوداۋىيا ۋە ياھدىيەل ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى باتۇر جەڭچىلەر، مەشھۇر مۆتىۋەرلەر، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى. 013 1CH 005 025 ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ خۇدا ئەسلىدە ئۆزلىرى ئالدىدا يوقاتقان شۇ يەردىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىپ كەتتى. 013 1CH 005 026 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئاسۇرىيە پادىشاھى پۇل (يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر)نىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن، ئۇ ئۇلارنى، يەنى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەرنى، گاد قەبىلىسىدىكىلەرنى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى خالاھ، خابور ۋە خاراغا ھەم گوزان دەرياسى بويىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە شۇ يەردە ماكانلىشىپ تۇرماقتا. 013 1CH 006 001 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. 013 1CH 006 002 كوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 013 1CH 006 003 ئامرامنىڭ پەرزەنتلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىدى. 013 1CH 006 004 ئەلىئازاردىن فىنىھاس، فىنىھاستىن ئابىشۇئا، 013 1CH 006 005 ئابىشۇئادىن بۇككى، بۇككىدىن ئۇززى، 013 1CH 006 006 ئۇززىدىن زەراھىيا، زەراھىيادىن مېرايوت، 013 1CH 006 007 مېرايوتتىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، 013 1CH 006 008 ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن ئاخىمائاز، 013 1CH 006 009 ئاخىمائازدىن ئازارىيا، ئازارىيادىن يوھانان، 013 1CH 006 010 يوھاناندىن ئازارىيا (بۇ ئازارىيا يېرۇسالېمدا سۇلايمان سالغۇزغان مۇقەددەس ئۆيدە كاھىنلىق خىزمىتىدە بولغان)، 013 1CH 006 011 ئازارىيادىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، 013 1CH 006 012 ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن شاللۇم، 013 1CH 006 013 شاللۇمدىن ھىلقىيا، ھىلقىيادىن ئازارىيا، 013 1CH 006 014 ئازارىيادىن سېرايا، سېرايادىن يەھوزاداك تۆرەلدى؛ 013 1CH 006 015 پەرۋەردىگار نېبوقادنەسارنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەھۇدادىكىلەر بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان چاغدا، بۇ يەھوزاداكمۇ سۈرگۈن قىلىنغان. 013 1CH 006 016 لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشوم، كوھات ۋە مەرارى. 013 1CH 006 017 گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. 013 1CH 006 018 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 013 1CH 006 019 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار لاۋىيلارغا مەنسۇپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئىچىدىكى ئائىلىلەر ئىدى. 013 1CH 006 020 گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گەرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى جاھات، جاھاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، 013 1CH 006 021 زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراھ، زەراھنىڭ ئوغلى يىياتىراي ئىدى. 013 1CH 006 022 گوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 013 1CH 006 023 ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى ئېبىئاساف، ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 013 1CH 006 024 ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئەل، ئۇرىئەلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل ئىدى. 013 1CH 006 025 ئەلكاناھنىڭ ئوغۇللىرى ئاماساي ۋە ئاخىموت، 013 1CH 006 026 ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناھات، 013 1CH 006 027 ناھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاب، ئېلىئابنىڭ ئوغلى يەروھام، يەروھامنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ ئىدى. 013 1CH 006 028 سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: تۇنجى ئوغلى يوئېل، ئىككىنچى ئوغلى ئابىيا ئىدى. 013 1CH 006 029 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى، ماھلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمەي، شىمەينىڭ ئوغلى ئۇززا، 013 1CH 006 030 ئۇززانىڭ ئوغلى شىمىيا، شىمىيانىڭ ئوغلى ھاگگىيا، ھاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا ئىدى. 013 1CH 006 031 داۋۇت ئەھدە ساندۇقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قويدى. 013 1CH 006 032 ئۇلار تاكى سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساتقانغا قەدەر، «جامائەت چېدىرى»نىڭ ئالدىدا كۈي ئېيتىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇلار ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپى بىلەن ئۆتىگەنىدى. 013 1CH 006 033 تۆۋەندىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە: ــ نەغمىچى ھېمان بار ئىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 006 034 سامۇئىل ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئەلىيەلنىڭ ئوغلى، ئەلىيەل توئاھنىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 035 توئاھ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ئاماساينىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 036 ئاماساي ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا زەفانىيانىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 037 زەفانىيا تاھاتنىڭ ئوغلى، تاھات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئېبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 038 كوراھ ئىزھارنىڭ ئوغلى، ئىزھار كوھاتنىڭ ئوغلى، كوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 006 039 [ھېماننىڭ] ئوڭ تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىندىشى ئاساف ئىدى. ئاساف بولسا بەرەكىيانىڭ ئوغلى، بەرەكىيا شىمىيانىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 040 شىمىيا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسىيانىڭ ئوغلى، بائاسىيا مالكىيانىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 041 مالكىيا ئېتنىنىڭ ئوغلى، ئېتنى زەراھنىڭ ئوغلى، زەراھ ئادايانىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 042 ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمەينىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 043 شىمەي جاھاتنىڭ ئوغلى، جاھات گەرشومنىڭ ئوغلى، گەرشوم لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 006 044 [ھېمان بىلەن ئاسافنىڭ] سول تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرى مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېتانلار ئىدى. ئېتان بولسا كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى، كىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇقنىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 045 ماللۇق ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ئامازىيانىڭ ئوغلى، ئامازىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 046 ھىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى شېمەرنىڭ ئوغلى، 013 1CH 006 047 شېمەر ماھلىنىڭ ئوغلى، ماھلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مەرارىنىڭ ئوغلى، مەرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 006 048 ئۇلارنىڭ قالغان لاۋىي قېرىنداشلىرى بولسا ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەت چېدىرىدىكى [باشقا] خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتالغانىدى. 013 1CH 006 049 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ تاپىلىغىنىدەك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانگاھتا قۇربانلىقلار سۇنۇپ، خۇشبۇيگاھدا خۇشبۇي يېقىپ، مۇقەددەسگاھدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلاتتى، شۇنداقلا ئىسرائىللار ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت ئىشلىرىنى قىلاتتى. 013 1CH 006 050 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا، 013 1CH 006 051 ئابىشۇيانىڭ ئوغلى بۇككى، بۇككىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زەراھىيا، 013 1CH 006 052 زەراھىيانىڭ ئوغلى مېرايوت، مېرايوتنىڭ ئوغلى ئامارىيا، ئامارىيانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، 013 1CH 006 053 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك، زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئىدى. 013 1CH 006 054 تۆۋەندىكىلەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىچىدە ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان يەرلىرى: ــ كوھات جەمەتىنىڭ يەرلىرى بولسا (مۇشۇ يەرلەر چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان): ــ 013 1CH 006 055 يەھۇدا زېمىنىدىكى ھېبرون ۋە ھېبروننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلىرى ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان 013 1CH 006 056 (لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى). 013 1CH 006 057 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا «پاناھلىق شەھىرى» ھېبرون بېرىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا لىبناھ بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياتتىر، ئېشتېموئا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 058 ھىلەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دەبىر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 059 ئاشان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، بەيت-شەمەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ تەقسىم قىلىنغان؛ 013 1CH 006 060 يەنە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى زېمىندىن گېبا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاللەمەت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاناتوت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ئېرىشكەن شەھەر جەمئىي ئون ئۈچ بولدى. 013 1CH 006 061 كوھاتنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا بولسا تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 013 1CH 006 062 گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، ئىسساكار قەبىلىسى، ئاشىر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە باشان يۇرتىدىكى ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 013 1CH 006 063 مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. 013 1CH 006 064 ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بەردى. 013 1CH 006 065 ئۇلار تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، يەنە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شەھەرلەرنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن، شىمېئون قەبىلىسىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئېلىپ ئۇلارغا بەردى. 013 1CH 006 066 كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بەزى جەمەتلەرگە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنى تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن بۆلۈپ بېرىلگەنلىرىمۇ بولدى. 013 1CH 006 067 ئىسرائىللار ئۇلارغا [يەنە ئىككى] «پاناھلىق شەھىرى»، يەنى ئەفرائىم تاغلىقىغا جايلاشقان شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ۋە گەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى بەردى؛ 013 1CH 006 068 يەنە يوكمىيام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بەيت-ھورون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، 013 1CH 006 069 ئايجالون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، گات-رىممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ئۇلارغا بەردى. 013 1CH 006 070 [ئىسرائىللار يەنە] ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن ئانېر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بىلېئام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بەردى. 013 1CH 006 071 گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولان ۋە گولانغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاشتاروت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 013 1CH 006 072 ئىسساكار قەبىلىسىدىن كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دابىرات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 073 راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئانەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 013 1CH 006 074 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئۇلارغا ماشال ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 075 خۇكوك ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، رەھوب ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 013 1CH 006 076 نافتالى قەبىلىسىدىن گالىلىيەدىكى كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ھاممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، كىرىئاتايىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ بېرىلدى. 013 1CH 006 077 مەرارىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا بولسا زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن رىممونو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، تابور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 013 1CH 006 078 يەنە رۇبەن قەبىلىسىنىڭكىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، يېرىخونىڭ شەرقىي ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈنچىقىش بويىدىكى يەرلەردىن چۆلدىكى بەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياھزاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 079 كەدەموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، مېفائات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ 013 1CH 006 080 گاد قەبىلىسىدىنمۇ بولسا ئۇلارغا گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ماھانائىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، 013 1CH 006 081 ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، يائازەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى. 013 1CH 007 001 ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون دېگەن تۆتەيلەن ئىدى. 013 1CH 007 002 تولانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇززى، رېفايا، يېرىيەل، ياھماي، يىبسام ۋە سامۇئىلدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ زامانىدا تولانىڭ ئادەم سانى نەسەبنامىلەردە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز باتۇر جەڭچى دەپ خاتىرىلەنگەن. 013 1CH 007 003 ئۇززىنىڭ ئوغلى ئىزراقىيا ئىدى، ئىزراقىيانىڭ ئوغۇللىرى مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە ئىشىيا ئىدى. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. 013 1CH 007 004 نەسەبنامىلەر بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە ھېسابلانغانلاردىن جەڭگىۋار ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئادەم بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 013 1CH 007 005 بۇلارنىڭ ئىسساكارنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي سەكسەن يەتتە مىڭ ئادىمى بار ئىدى. 013 1CH 007 006 بىنيامىننىڭ بېلا، بەكەر ۋە يەدىيايەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 013 1CH 007 007 بېلانىڭ ئېزبون، ئۇززى، ئۇززىئەل، يەرىموت ۋە ئىرى دېگەن بەش ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئوتتۇز تۆت باتۇر جەڭچى بار ئىدى. 013 1CH 007 008 بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى زېمىراھ، يوئاش، ئەلىئېزەر، ئەليويىناي، ئومرى، يەرەموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالامەت ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، 013 1CH 007 009 جەمەت باشلىرى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە مىڭ ئىككى يۈز باتۇر جەڭچى بار ئىدى. 013 1CH 007 010 يەدىيايەلنىڭ ئوغلى بىلھان ئىدى؛ بىلھاننىڭ ئوغۇللىرى يەئۇش، بىنيامىن، ئەخۇد، كەنائاناھ، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاھار ئىدى؛ 013 1CH 007 011 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەدىيايەلنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت باشلىرى ۋە باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىملانغانلارنىڭ جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي ئون يەتتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى. 013 1CH 007 012 شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار بولسا يەنە ئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ھۇشىيلار ئاخەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 013 1CH 007 013 نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر، شاللوم؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلھاھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 007 014 ماناسسەھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇنىڭ سۇرىيەلىك توقىلىدىن ئاسرىئەل تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭدىن يەنە گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىر تۇغۇلغان. 013 1CH 007 015 ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان. 013 1CH 007 016 ماكىرنىڭ ئايالى مائاكاھ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا پەرەش دەپ ئات قويغان؛ پەرەشنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى شەرەش ئىدى؛ شەرەشنىڭ ئوغلى ئۇلام ۋە راكەم ئىدى. 013 1CH 007 017 ئۇلامنىڭ ئوغلى بېدان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى؛ گىلېئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 007 018 گىلېئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئېزەر ۋە ماھالاھ تۇغۇلغان. 013 1CH 007 019 شېمىدانىڭ ئوغۇللىرى ئاخىيان، شەكەم، لىكخى ۋە ئانىئام ئىدى. 013 1CH 007 020 ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ، شۇتىلاھنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاداھ، ئېلىئاداھنىڭ ئوغلى تاھات، 013 1CH 007 021 تاھاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ ئىدى (ئېزەر بىلەن ئېلىئاد گاتلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چۈشكەندە، شۇ يەرلىك گاتلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 013 1CH 007 022 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرائىم بۇ بالىلىرى ئۈچۈن خېلى كۈنلەرگىچە ماتەم تۇتقاچقا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن. 013 1CH 007 023 ئەفرائىم ئايالى بىلەن بىللە قايتا بىر ياستۇققا باش قويغان. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغقان؛ ئەفرائىم ئۇنىڭغا ئائىلەم بالا-قازاغا يولۇقتى دەپ، بېرىياھ دەپ ئىسىم قويغان. 013 1CH 007 024 ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان). 013 1CH 007 025 بېرىياھنىڭ ئوغلى رېفاھ بىلەن رەشەف ئىدى؛ رەشەفنىڭ ئوغلى تېلاھ، تېلاھنىڭ ئوغلى تاھان، 013 1CH 007 026 تاھاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، 013 1CH 007 027 ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىدى. 013 1CH 007 028 ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى. 013 1CH 007 029 ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى. 013 1CH 007 030 ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ؛ ئۇلارنىڭ سېراھ دېگەن سىڭلىسىمۇ بار ئىدى. 013 1CH 007 031 بېرىياھنىڭ ئوغلى خەبەر بىلەن مالكىئەل بولۇپ، مالكىئەل بىرزاۋىتنىڭ ئاتىسى ئىدى. 013 1CH 007 032 خېبەردىن يافلەت، شومەر، خوتام ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شۇيا تۆرەلگەن. 013 1CH 007 033 يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى پاساق، بىمھال ۋە ئاشۋات؛ بۇلار يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 007 034 شەمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاخى، روھگاھ، خۇبباھ ۋە ئارام ئىدى. 013 1CH 007 035 [شەمەرنىڭ] ئىنىسى ھەلەمنىڭ ئوغلى زوفاھ، يىمنا، شەلەش ۋە ئامال ئىدى؛ 013 1CH 007 036 زوفاھنىڭ ئوغلى سۇئاھ، ھارنەفەر، شۇئال، بېرى، ئىمراھ، 013 1CH 007 037 بېزەر، خود، شامما، شىلشاھ، ئىتران ۋە بەئەراھ ئىدى. 013 1CH 007 038 يەتەرنىڭ ئوغۇللىرى يەفۇننەھ، پىسپاھ ۋە ئارا ئىدى. 013 1CH 007 039 ئۇللانىڭ ئوغۇللىرى ئاراھ، خاننىئەل ۋە رىزىيا ئىدى. 013 1CH 007 040 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى. 013 1CH 008 001 بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بېلا، ئىككىنچى ئوغلى ئاشبەل، ئۈچىنچى ئوغلى ئاخاراھ، 013 1CH 008 002 تۆتىنچى ئوغلى نوخاھ، بەشىنچى ئوغلى رافا ئىدى. 013 1CH 008 003 بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئاددار، گېرا، ئابىھۇد، 013 1CH 008 004 ئابىشۇئا، نائامان، ئاخوئاھ، 013 1CH 008 005 گېرا، شېفۇفان ۋە ھۇرام ئىدى. 013 1CH 008 006 تۆۋەندىكىلەر ئەخۇدنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ نائامان، ئاخىياھ ۋە گېرا (ئەسلىدە ئۇلار گېبالىقلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. گېبالىقلار ماناھاتقا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇلارنى كۆچۈرۈۋەتكۈچى بولسا گېرا ئىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۇززا بىلەن ئاخىھۇد تۆرەلگەن). 013 1CH 008 008 شاھارائىم ھۇشىم بىلەن بائارا دېگەن ئىككى ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن موئاب دىيارىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. 013 1CH 008 009 ئۇنىڭ خودەش دېگەن ئايالىدىن يوباب، زىبىيا، مېشا، مالكام، 013 1CH 008 010 يەئۇز، شاقىيا، مىرماھ دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى بولغانىدى. 013 1CH 008 011 ھۇشىمدىنمۇ ئۇنىڭغا ئابىتۇب، ئەلپائال دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن. 013 1CH 008 012 ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئېبەر، مىشام ۋە شېمەد (شېمەد ئونو بىلەن لود دېگەن ئىككى شەھەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى بىنا قىلغان)، 013 1CH 008 013 بېرىياھ ۋە شېما ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايجالوندىكىلەر ئىچىدە جەمەت باشلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى قوغلىۋەتكەنىدى. 013 1CH 008 014 ئاخىيو، شاشاق، يەرەموت، 013 1CH 008 015 زەبادىيا، ئاراد، ئېدەر، 013 1CH 008 016 مىكائىل، ئىشپاھ ۋە يوخا بولسا بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 017 زەبادىيا، مەشۇللام، ھىزكى، خېبەر، 013 1CH 008 018 ئىشمېراي، يېزلىيا ۋە يوبابلارنىڭ ھەممىسى ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 019 ياكىم، زىكرى، زابدى، 013 1CH 008 020 ئەلىيەناي، زىلتاي، ئەلىيەل، 013 1CH 008 021 ئادايا، بېرايا ۋە شىمراتلار شىمەينىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 022 ئىشپان، ئېبەر، ئەلىيەل، 013 1CH 008 023 ئابدون، زىكرى، ھانان، 013 1CH 008 024 ھانانىيا، ئېلام، ئانتوتىيا، 013 1CH 008 025 ئېفدېئاھ ۋە پەنۇئەللەر شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 026 شامشىراي، شېخارىيا، ئاتالىيا، 013 1CH 008 027 يائارېشىيا، ئەلىيا ۋە زىكرىلار يەروھامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 028 يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى نەسەبنامىلەردە خاتىرىلەنگەن جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلار ھەممىسى مۆتىۋەرلەر بولۇپ، يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانىدى. 013 1CH 008 029 گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى؛ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. 013 1CH 008 030 ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، ناداب، 013 1CH 008 031 گېدور، ئاخىيو، زېكەر ۋە مىكلوت ئىدى؛ 013 1CH 008 032 مىكلوتتىن شىمېيا تۆرەلگەن. بۇلارمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. 013 1CH 008 033 نەردىن كىش تۆرەلگەن؛ كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن؛ سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇئا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. 013 1CH 008 034 مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مىكاھ مېرىب-بائالدىن تۆرەلگەن. 013 1CH 008 035 مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تارىيا ۋە ئاھاز ئىدى. 013 1CH 008 036 ئاھازدىن يەھوئادداھ تۆرەلگەن؛ يەھوئادداھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن؛ زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ 013 1CH 008 037 موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رافا، رافانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. 013 1CH 008 038 ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 013 1CH 008 039 ئازەلنىڭ ئىنىسى يېشەكنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئۇلام، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يېئۇش، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفەلەت ئىدى. 013 1CH 008 040 ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچى، ئوقياچى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 013 1CH 009 001 پۈتكۈل ئىسرائىللار نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغانىدى. مانا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن كىتابغا پۈتۈلگەندۇر. 013 1CH 009 002 يەھۇدالار بولسا ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھەممىدىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئۆز زېمىنى ۋە ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشقانلار بولسا بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىدى. 013 1CH 009 003 يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسى، بىنيامىن قەبىلىسى، ئەفرائىم قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن بىر قىسىملىرى ئىدى. 013 1CH 009 004 ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بار ئىدى؛ ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 009 005 شىلوھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى. 013 1CH 009 006 زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئۇئېل ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە يۈز توقسان ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 009 007 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاسسىنۇئاھنىڭ ئەۋرىسى، ھوداۋىيانىڭ نەۋرىسى، مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ بار ئىدى؛ 013 1CH 009 008 يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى يىبنىيا، مىكرىنىڭ نەۋرىسى، ئۇززىنىڭ ئوغلى ئېلاھ ۋە ئىبىنىيانىڭ ئەۋرىسى، رېئۇئەلنىڭ نەۋرىسى، شەفاتىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام 013 1CH 009 009 ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملانغاندا جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك ئالتە ئادەم ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى. 013 1CH 009 010 كاھىنلار ئىچىدە يەدايا، يەھويارىب، ياقىن ۋە 013 1CH 009 011 ئازارىيا بار ئىدى. ئازارىيا خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 009 012 يەنە مالكىيانىڭ ئەۋرىسى، پاشخۇرنىڭ نەۋرىسى، يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا ھەمدە ئادىيەلنىڭ ئوغلى مائاساي بار ئىدى؛ ئادىيەل ياھزەراھنىڭ ئوغلى، ياھزەراھ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام مەشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مەشىللېمىت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 009 013 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەممىسى جەمەت باشلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش ئادەم ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا بېكىتىلگەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىدى. 013 1CH 009 014 لاۋىي قەبىلىسىدىن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاشابىيانىڭ ئەۋرىسى، ئازرىكامنىڭ نەۋرىسى، ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ 013 1CH 009 015 يەنە باقباققار، ھەرەش، گالال ۋە ئاسافنىڭ ئەۋرىسى، زىكرىنىڭ نەۋرىسى، مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا؛ 013 1CH 009 016 يەنە يەدۇتۇننىڭ ئەۋرىسى، گالالنىڭ نەۋرىسى، شېمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا ھەمدە ئەلكاناھنىڭ نەۋرىسى، ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكىيا بار ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ماكانلاشقانىدى. 013 1CH 009 017 دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. 013 1CH 009 018 ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى»دا [دەرۋازىۋەنلىك] قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار ئىلگىرى لاۋىيلارنىڭ چېدىرگاھىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى. 013 1CH 009 019 كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار [خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ] خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، [ئىبادەت] چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى. 013 1CH 009 020 ئىلگىرى ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان. 013 1CH 009 021 مەشەلەمىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا بولسا جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىۋەنى بولغانىدى. 013 1CH 009 022 دەرۋازىۋەنلىككە تاللانغان بۇ كىشىلەر جەمئىي ئىككى يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ ئۇلار ئۆز يېزا-كەنتلىرىدە، نەسەبلىرى بويىچە تىزىملانغان (ئەسلىدە داۋۇت ۋە ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل ئۇلارنى ئامانەت قىلىنغان ۋەزىپىلىرىگە بېكىتكەنىدى. 013 1CH 009 023 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى). 013 1CH 009 024 شەرقىي، غەربىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىشىك-دەرۋازىلىرىدا دەرۋازىۋەنلەر بېكىتىلگەنىدى. 013 1CH 009 025 ئۇلارنىڭ يېزا-كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرى بولسا ھەر يەتتە كۈندە نۆۋەت بويىچە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولاتتى. 013 1CH 009 026 تۆت دەرۋازىۋەن بېگى لاۋىيلاردىن ئىدى؛ ئۇلارغا تاپشۇرۇلغىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى بېقىش ئىدى. 013 1CH 009 027 بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلىرىدا تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك-دەرۋازىلارنى ئېچىشقا مەسئۇل ئىدى. 013 1CH 009 028 ئۇلاردىن بىر قىسمى [ئىبادەتخانا] خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل ئىدى؛ ئۇلار ساناپ ئەپچىقىپ، ساناپ ئەپكىرىپ قوياتتى. 013 1CH 009 029 ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تاپشۇرۇلغىنى بويىچە قاچا-قۇچىلار ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا ئاق ئۇن، شاراب، زەيتۇن مېيى، مەستىكى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارغا مەسئۇل ئىدى. 013 1CH 009 030 كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلەر خۇشبۇي بۇيۇملاردىن ئەتىر ياسايتتى. 013 1CH 009 031 لاۋىيلاردىن ماتتىتىياھ، يەنى كوراھىيلاردىن شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋەزىپىسى قازان نېنى ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى. 013 1CH 009 032 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە «تەقدىم نان»غا مەسئۇل بولۇپ، ھەر شابات كۈنى تىزىدىغانغا نانلارنى تەييارلايتتى. 013 1CH 009 033 لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى. 013 1CH 009 034 يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاۋىيلار ئىچىدىكى يولباشچىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۆز نەسەبى بويىچە جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا تۇراتتى. 013 1CH 009 035 گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. 013 1CH 009 036 ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، نەر، ناداب، 013 1CH 009 037 گېدور، ئاخىيو، زەكەرىيا ۋە مىكلوت ئىدى. 013 1CH 009 038 مىكلوتتىن شىمېيام تۆرەلگەن. بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. 013 1CH 009 039 نەردىن كىش تۆرەلگەن، كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن، سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇيا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. 013 1CH 009 040 مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مېرىب-بائالدىن مىكاھ تۆرەلگەن. 013 1CH 009 041 مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تاھرىيا ۋە ئاھاز ئىدى. 013 1CH 009 042 ئاھازدىن ياراھ تۆرەلدى؛ ياراھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن. زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ 013 1CH 009 043 موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رېفايا، رېفايانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. 013 1CH 009 044 ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى. 013 1CH 010 001 فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى. 013 1CH 010 002 فىلىستىيلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلىدى؛ ئۇلار ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكى-شۇئالارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 013 1CH 010 003 سائۇلغا قارشى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشىپ ئوقيا ئېتىپ ئۇنى يارىلاندۇردى. 013 1CH 010 004 ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. 013 1CH 010 005 ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. 013 1CH 010 006 شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. 013 1CH 010 007 ئەمدى ۋادىدا تۇرغان ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. 013 1CH 010 008 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى-دە، 013 1CH 010 009 كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، كاللىسىنى ۋە ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئېلىپ كەتتى ھەمدە بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ، ئۆز بۇتلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 013 1CH 010 010 ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىدا قويۇپ، كاللىسىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېسىپ قويدى. 013 1CH 010 011 ئەمدى يابەش-گىلېئاددا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا بارلىق قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا 013 1CH 010 012 ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى. 013 1CH 010 013 شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 013 1CH 011 001 ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! 013 1CH 011 002 بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى. 013 1CH 011 003 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 013 1CH 011 004 داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى). 013 1CH 011 005 يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 013 1CH 011 006 داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى. 013 1CH 011 007 داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى. 013 1CH 011 008 داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى. 013 1CH 011 009 داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 013 1CH 011 010 تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى. 013 1CH 011 011 تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ ھاكمونىيلاردىن بولغان ياشوبىئام يولباشچىلار ئىچىدە بېشى ئىدى؛ ئۇ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ بىر قېتىمدىلا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. 013 1CH 011 012 ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛ 013 1CH 011 013 ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛ 013 1CH 011 014 ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. 013 1CH 011 015 ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن [يەنە] ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى. 013 1CH 011 016 بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى. 013 1CH 011 017 داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى، 013 1CH 011 018 بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: 013 1CH 011 019 «خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. 013 1CH 011 020 يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. 013 1CH 011 021 ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. 013 1CH 011 022 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. 013 1CH 011 023 ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى. 013 1CH 011 024 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى. 013 1CH 011 025 مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. 013 1CH 011 026 قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلھانان، 013 1CH 011 027 ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز، 013 1CH 011 028 تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، 013 1CH 011 029 خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي، 013 1CH 011 030 نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، 013 1CH 011 031 بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا، 013 1CH 011 032 گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل، 013 1CH 011 033 باھارۇملۇق ئازماۋەت، شالبونلۇق ئېلياھبا، 013 1CH 011 034 گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان، 013 1CH 011 035 ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال، 013 1CH 011 036 مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ، 013 1CH 011 037 كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي، 013 1CH 011 038 ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار، 013 1CH 011 039 ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي، 013 1CH 011 040 ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب، 013 1CH 011 041 ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد، 013 1CH 011 042 رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم، 013 1CH 011 043 مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات، 013 1CH 011 044 ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن جەئىيەل، 013 1CH 011 045 شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا، 013 1CH 011 046 ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما، 013 1CH 011 047 ئەلىيەل، ئوبەد ۋە مەزوبالىق يائاسىيەللەردىن ئىبارەت ئىدى. 013 1CH 012 001 داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇلنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن زىكلاگدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چاغدا مۇنۇ كىشىلەر داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا جەڭ قىلىشتا ياردەم بەرگەن باتۇرلاردىن ئىدى؛ 013 1CH 012 002 ئوقيا بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئاتالايتتى؛ ئۇلار سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان تۇغقانلىرى ئىدى): 013 1CH 012 003 ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ، 013 1CH 012 004 گىبېئونلۇق يىشمايامۇ بار ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز پالۋان» ئىچىدە باتۇر بولۇپ شۇ ئوتتۇزىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىدى؛ يەنە يەرەمىيا، ياھازىيەل، يوھانان ۋە گەدەراتلىق يوزاباد، 013 1CH 012 005 ئەلۇزاي، يەرىموت، بىئالىيا، شەمارىيا، خارۇفلۇق شەفاتىيا، 013 1CH 012 006 كوراھلىقلاردىن بولغان ئەلكاناھ، يىشىيا، ئازارەل، يوئېزەر ۋە ياشوبىئاملار؛ 013 1CH 012 007 يەنە گەدورلۇق يەروھامنىڭ ئوغلى يوئېلاھ بىلەن زەبادىيا بار ئىدى. 013 1CH 012 008 گاد قەبىلىسىدىن بەزىلەر چۆلدىكى قورغانغا بېرىپ داۋۇتقا بېقىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ماھىر، قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى بەئەينى شىرغا، چاققانلىقى بەئەينى تاغدىكى بۆكەنگە ئوخشايتتى. 013 1CH 012 009 ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئېزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئېلىئاب، 013 1CH 012 010 تۆتىنچىسى مىشمانناھ، بەشىنچىسى يەرەمىيا، 013 1CH 012 011 ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىيەل، 013 1CH 012 012 سەككىزىنچىسى يوھانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد، 013 1CH 012 013 ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى. 013 1CH 012 014 بۇلارنىڭ ھەممىسى گاد قەبىلىسىدىن، قوشۇن ئىچىدە سەردارلار ئىدى؛ ئەڭ كىچىكى يۈز لەشكەرگە، ئەڭ چوڭى مىڭ لەشكەرگە يېتەكچى ئىدى. 013 1CH 012 015 بىرىنچى ئايدا، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقتىن ئاشقان چاغدا، دەريادىن ئۆتۈپ، شەرققە ۋە غەربكە قارايدىغان بارلىق جىلغىلاردىكىلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ قاچۇرغانلار دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى. 013 1CH 012 016 بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ كىشىلەر قورغانغا كېلىپ داۋۇتقا بېقىنغان. 013 1CH 012 017 داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ: «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى. 013 1CH 012 018 بۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاننىڭ يولباشچىسى ئاماسايغا چۈشىۋىدى، ئۇ: «ئاھ داۋۇت، بىز ساڭا بېقىندۇقمىز؛ ئاھ يەسسەنىڭ ئوغلى، بىز سەن بىلەن بىللىدۇرمىز؛ ئۆزۈڭگە ئامان-تىنچلىق، ئامان-تىنچلىق بولغاي! ساڭا ياردەم بەرگۈچىلەرگىمۇ ئامان-تىنچلىق بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا مەدەتكاردۇر» شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، «زەربىدار ئەترەت باشلىقلىرى» قىلدى. 013 1CH 012 019 داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار [فىلىستىيلەرگە] ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى). 013 1CH 012 020 داۋۇت زىكلاگقا قايتىپ بارغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى ئادناھ، يوزاباد، يەدىيايەل، مىكائىل، يوزاباد، ئېلىخۇ، زىلتايلار كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى. 013 1CH 012 021 ئۇلار داۋۇت قاراقچىلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار، قوشۇندىكى يولباشچىلار ئىدى. 013 1CH 012 022 چۈنكى شۇ كۈنلەردە داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلۇپ، خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك زور بىر قوشۇن بولۇپ كەتكەنىدى. 013 1CH 012 023 پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قوراللانغان جەڭچىلەر يولباشچىلىرى بىلەن ھېبرونغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 013 1CH 012 024 يەھۇدالاردىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغانلار جەمئىي ئالتە مىڭ سەككىز يۈز كىشى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگە تەييارلانغانىدى. 013 1CH 012 025 شىمېئونلاردىن جەڭگە تەييارلانغان باتۇر جەڭچىلەر جەمئىي يەتتە مىڭ بىر يۈز كىشى، 013 1CH 012 026 لاۋىيلاردىن جەمئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ 013 1CH 012 027 يەھويادا ھارۇنلارنىڭ جەمەت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. 013 1CH 012 028 يەنە ياش بىر باتۇر جەڭچى زادوك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن يىگىرمە ئىككى يولباشچى بار ئىدى. 013 1CH 012 029 بىنيامىنلاردىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۈچ مىڭ كىشى بار ئىدى؛ شۇ چاغقا قەدەر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سائۇل جەمەتىنى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى. 013 1CH 012 030 ئەفرائىملاردىن، ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابروي تاپقان باتۇر ئەزىمەتلەر جەمئىي يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز كىشى ئىدى. 013 1CH 012 031 ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئىچىدە نامى پۈتۈلگەن، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە كەلگەنلەر جەمئىي ئون سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. 013 1CH 012 032 ئىسساكارلاردىن زامان-ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان يولباشچىلار جەمئىي ئىككى يۈز كىشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى. 013 1CH 012 033 زەبۇلۇنلاردىن جەڭگە تەييارلانغان، ھەرخىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، داۋۇتنىڭ ياردىمىگە كەلگەن جەمئىي ئەللىك مىڭ كىشى ئىدى. 013 1CH 012 034 نافتالىلاردىن يولباشچى بولغان مىڭ كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغانلار جەمئىي ئوتتۇز يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى. 013 1CH 012 035 دانلاردىن جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي يىگىرمە سەككىز مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 013 1CH 012 036 ئاشىرلاردىن جەڭگە چىقىپ قوشۇن سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغان جەمئىي قىرىق مىڭ كىشى ئىدى. 013 1CH 012 037 ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن قولىغا ھەرخىل قورال-ياراغ ئېلىپ جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى. 013 1CH 012 038 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى. 013 1CH 012 039 ئۇلار شۇ يەردە داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن بىللە يەپ-ئىچىپ غىزالاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا تەييارلاپ قويۇشقانىدى. 013 1CH 012 040 ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى خەلقلەر، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىلارنىڭ زېمىنىدىكىلەر ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە كالىلارغا ئارتىپ ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇلار زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر پوشكىلى، ئۈزۈم پوشكىلى، شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەنىدى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. 013 1CH 013 001 داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛ 013 1CH 013 002 ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى. 013 1CH 013 003 بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز [ئەھدە ساندۇقى] ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى. 013 1CH 013 004 بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى. 013 1CH 013 005 شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى. 013 1CH 013 006 ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى. 013 1CH 013 007 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى. 013 1CH 013 008 داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، چاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى. 013 1CH 013 009 لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى. 013 1CH 013 010 ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 013 1CH 013 011 لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 013 1CH 013 012 شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى. 013 1CH 013 013 شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 013 1CH 013 014 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەرىكەتلىدى. 013 1CH 014 001 تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى. 013 1CH 014 002 بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى. 013 1CH 014 003 داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل-قىزلارنى كۆردى. 013 1CH 014 004 تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 013 1CH 014 005 ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت، 013 1CH 014 006 نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 013 1CH 014 007 ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت. 013 1CH 014 008 داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 013 1CH 014 009 فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىردى. 013 1CH 014 010 داۋۇت خۇدادىن: «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. 013 1CH 014 011 فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. 013 1CH 014 012 فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى. 013 1CH 014 013 فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى، 013 1CH 014 014 داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن. 013 1CH 014 015 سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى. 013 1CH 014 016 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى. 013 1CH 014 017 شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت-زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى. 013 1CH 015 001 داۋۇت داۋۇت شەھىرىدە ئۆزىگە ئۆي-ئوردىلار سالدۇردى، ھەم خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا جاي ھازىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا چېدىر تىكتۈردى. 013 1CH 015 002 ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى. 013 1CH 015 003 ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھازىرلاپ قويغان يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 013 1CH 015 004 داۋۇت يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى: 013 1CH 015 005 كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى جەمەت بېشى بولغان ئۇرىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يىگىرمە كىشى؛ 013 1CH 015 006 مەرارى ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشى؛ 013 1CH 015 007 گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئوتتۇز كىشى؛ 013 1CH 015 008 ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان شېمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئىككى يۈز كىشى؛ 013 1CH 015 009 ھېبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئەلىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەكسەن كىشى؛ 013 1CH 015 010 ئۇززىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى. 013 1CH 015 011 داۋۇت كاھىنلاردىن زادوك بىلەن ئابىياتارنى، شۇنىڭدەك لاۋىلىيلاردىن ئۇرىيەل، ئاسايا، يوئېل، شېمايا، ئەلىيەل ۋە ئاممىنادابنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: 013 1CH 015 012 «سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار. 013 1CH 015 013 چۈنكى ئىلگىرى سىلەر شۇنداق قىلماي، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن يول سورىمىغىنىمىزدىن خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بىزگە زەربە بەرگەن» دېدى. 013 1CH 015 014 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاك قىلدى. 013 1CH 015 015 لاۋىيلار ئەمدى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى بىلەن تاپىلىغىنى بويىچە، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداق بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى. 013 1CH 015 016 داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى. 013 1CH 015 017 شۇڭلاشقا، لاۋىيلار يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى بەرەكىيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ھەم ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مەرارىلاردىن كۇشاياھنىڭ ئوغلى ئېتاننى بەلگىلىدى. 013 1CH 015 018 ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قېرىنداشلىرىدىن زەكەرىيا، بىن، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، بىناياھ، مائاسېياھ، ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا ھەم دەرۋازىۋەن ئوبەد-ئېدوم بىلەن جەئىيەلنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى. 013 1CH 015 019 نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتانلار مىس چاڭلار چېلىپ، ياڭراق ئاۋاز چىقىراتتى؛ 013 1CH 015 020 زەكەرىيا، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، مائاسېياھ ۋە بىنايالار تەمبۇر چېلىپ «ئالاموت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش قىلاتتى؛ 013 1CH 015 021 ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا، ئوبەد-ئېدوم، جەئىيەل ۋە ئازازىيالار چىلتار چېلىپ باشلامچىلىق قىلىپ، «شەمىنىت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش بولاتتى. 013 1CH 015 022 لاۋىيلارنىڭ يولباشچىسى كەنانىيا مۇزىكىغا ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، مەخسۇس نەغمە-ناۋاچىلىققا مەسئۇل بولۇپ مۇزىكا ئۆگىتەتتى. 013 1CH 015 023 بەرەكىيا بىلەن ئەلكاناھ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقارلار ئىدى. 013 1CH 015 024 شەبانىيا، يەھوشافات، نەتانەل، ئاماساي، زەكەرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئېزەر قاتارلىق كاھىنلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چالاتتى؛ ئوبەد-ئېدوم بىلەن يەھىياھمۇ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقار قىلىنىپ قويۇلغانىدى. 013 1CH 015 025 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى باردى. 013 1CH 015 026 ۋە شۇنداق بولدىكى، [داۋۇتلار] خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقار قۇربانلىق قىلدى. 013 1CH 015 027 داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى. 013 1CH 015 028 پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەمدى شۇ تەرىقىدە تەنتەنە قىلىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭجاڭ، تەمبۇر، چىلتار قاتارلىق تۈرلۈك سازلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. 013 1CH 015 029 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى. 013 1CH 016 001 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇندى. 013 1CH 016 002 داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى. 013 1CH 016 003 ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 013 1CH 016 004 داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى. 013 1CH 016 005 ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى. 013 1CH 016 006 بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى. 013 1CH 016 007 شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ 013 1CH 016 008 «پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! 013 1CH 016 009 ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. 013 1CH 016 010 مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! 013 1CH 016 011 پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. 013 1CH 016 012 ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، 013 1CH 016 013 ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! 013 1CH 016 014 ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. 013 1CH 016 015 ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىلەشكەن سۆزىدۇر ــ 013 1CH 016 016 ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. 013 1CH 016 017 ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ 013 1CH 016 018 «ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن» ــ دېدى. 013 1CH 016 019 ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛ 013 1CH 016 020 بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن. 013 1CH 016 021 پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ 013 1CH 016 022 «مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى. 013 1CH 016 023 پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! 013 1CH 016 024 ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار. 013 1CH 016 025 چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ 013 1CH 016 026 چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. 013 1CH 016 027 شانۇشەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، قۇدرەت ۋە خۇشلۇق ئۇنىڭ جايىدىدۇر. 013 1CH 016 028 پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! 013 1CH 016 029 پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ 013 1CH 016 030 پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. 013 1CH 016 031 ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!». 013 1CH 016 032 دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! دالىلار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! 013 1CH 016 033 ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ پۈتۈن جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ! 013 1CH 016 034 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. 013 1CH 016 035 ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا! بىزنى [يېنىڭغا] يىغىۋالغايسەن، مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر قىلىشقا، يايراپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەردىن قۇتقۇزۇپ چىققايسەن! ــ دەڭلار! 013 1CH 016 036 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن!» دېدى ھەمدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 013 1CH 016 037 [داۋۇت] شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛ 013 1CH 016 038 ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى. 013 1CH 016 039 كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا، 013 1CH 016 040 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى. 013 1CH 016 041 ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!). 013 1CH 016 042 ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى. 013 1CH 016 043 بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق خەلق ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى؛ داۋۇتمۇ ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى. 013 1CH 017 001 داۋۇت ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان چېغىدا، ناتان پەيغەمبەرگە: «قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىر پەردىلىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. 013 1CH 017 002 ناتان داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە پۈككەنلىرىڭگە ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر» ــ دېدى. 013 1CH 017 003 شۇ كۈنى كېچىدە خۇدانىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ يەتتى: 013 1CH 017 004 «سەن بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ. 013 1CH 017 005 چۈنكى مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۆيدە تۇرۇپ باقمىغانمەن، پەقەت بۇ چېدىردىن ئۇ چېدىرغا، بىر چېدىرگاھدىن باشقا بىرىگە يۆتكىلىپ يۈردۈم، خالاس. 013 1CH 017 006 مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە مەيلى قەيەرگە بارماي، ھېچقاچان ئىسرائىلنىڭ بىرەر ھاكىمىغا، يەنى مېنىڭ خەلقىمنى بېقىشنى تاپىلىغان بىرەرسىگە: نېمىشقا سىلەر ماڭا كېدىر ياغىچىدىن ئۆي سېلىپ بەرمەيسىلەر؟ ــ دېدىممۇ؟ 013 1CH 017 007 ئەمدى سەن قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئېيتىدۇكى، مەن سېنى ئەمدى يايلاقلاردىن، قويلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇش ئۈچۈن چاقىرتىپ چىقتىم. 013 1CH 017 008 مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. 013 1CH 017 009 مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك ۋە مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بېقىندۈردىمەن. ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى ياساپ بېرىمەن! 013 1CH 017 011 سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 013 1CH 017 012 ئۇ ماڭا بىر ئۆي ياسايدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. 013 1CH 017 013 مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ؛ مېھرى-شەپقىتىمنى سېنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن [ئىدارە قىلغۇچىدىن] جۇدا قىلغىنىمدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز جۇدا قىلمايمەن؛ 013 1CH 017 014 ئۇنى مېنىڭ ئۆيۈمدە ۋە مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن؛ ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈ مەزمۇت بولۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ». 013 1CH 017 015 ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. 013 1CH 017 016 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى خۇدا پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ 013 1CH 017 017 لېكىن ئى خۇدا پەرۋەردىگار، [بۇ مەرتىۋىگە كۆتۈرگىنىڭ] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ ۋە مېنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زات دەپ قارىدىڭ، ئى خۇدا پەرۋەردىگار! 013 1CH 017 018 سەن كەمىنەڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن شۇنداق شان-شەرەپ توغرۇلۇق داۋۇت ساڭا نېمە دىيەلىسۇن؟ چۈنكى سەن دەرۋەقە ئۆز قۇلۇڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. 013 1CH 017 019 ئاھ پەرۋەردىگار، پېقىر قۇلۇڭ ئۈچۈن ھەمدە ئۆز كۆڭلۈڭدىكى نىيىتىڭ بويىچە بۇ بارلىق ئۇلۇغلۇقنى كۆرسىتىپ، بۇ چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلدىڭ. 013 1CH 017 020 ئاھ پەرۋەردىگار، قۇلىقىمىز تولۇق ئاڭلىغىنى بويىچە ساڭا تەڭ كەلگۈدەك ھېچكىم يوق؛ سېنىڭدىن بۆلەك ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. 013 1CH 017 021 دۇنيادا قايسى بىر ئەل خەلقىڭ ئىسرائىلغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ ئۇلارنى ئۆزۈڭگە خاس بىردىنبىر خەلق بولۇش ئۈچۈن قۇتۇلدۇرۇشقا باردىڭ ھەمدە مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدىن يات ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلۇغۋار ۋە بەھەيۋەت ئىشلار ئارقىلىق ئۆز نامىڭنى تىكلىدىڭ! 013 1CH 017 022 سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى مەڭگۈ ئۆزۈڭنىڭ خەلقىڭ قىلدىڭ؛ ئاھ پەرۋەردىگار، سەنمۇ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. 013 1CH 017 023 ئاھ پەرۋەردىگار، ئەمدى پېقىر قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەڭ مەڭگۈگە ئەمەل قىلىنسۇن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! 013 1CH 017 024 ئامىن، ۋەدەڭ ئەمەل قىلىنسۇن، شۇنداقلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلانسۇن، كىشىلەر: «ساماۋى قوشۇننىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا خۇدادۇر!» دېسۇن؛ ۋە شۇنداق بولۇپ، پېقىر قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ئۆي-جەمەتى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. 013 1CH 017 025 ئاھ خۇدايىم، سەن پېقىر قۇلۇڭغا ساڭا ئۆي ياسايمەن، دېگەن ۋەھىي كەلتۈردۈڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇنداق دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. 013 1CH 017 026 ئاھ پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سەن پېقىر قۇلۇڭغا مۇشۇنداق ئامەتنى بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ 013 1CH 017 027 ئەمدى پېقىر قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىگە ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشىغا ساقلىغايسەن. چۈنكى سەن، ئاھ پەرۋەردىگار، [پېقىرنىڭ ئۆي-جەمەتىگە] ئىلتىپات قىلدىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». 013 1CH 018 001 شۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن گاتنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى تارتىۋالدى. 013 1CH 018 002 ئۇ يەنە موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ موئابىيلار ئۇنىڭغا بېقىنىپ، ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. 013 1CH 018 003 زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەر ئۆز تەۋەسىنى ئەفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت تاكى خاماتقا قەدەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 013 1CH 018 004 داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى، يىگىرمە مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىر ئالدى. داۋۇت بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى قىرقىتىۋېتىپ، پەقەت يۈز ھارۋىغا قوشقىدەك ئاتنىلا ئېلىپ قالدى. 013 1CH 018 005 دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلدى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. 013 1CH 018 006 داۋۇت سۇرىيەدىكى دەمەشق رايونىغا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزۇۋىدى، سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت قەيەرگە [جەڭگە] چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. 013 1CH 018 007 داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىشلىتىدىغان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ قايتتى. 013 1CH 018 008 ئۇ يەنە ھادادئېزەرگە تەۋە تىبھات بىلەن كۇندىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن نۇرغۇن مىس ئولجا ئالدى؛ كېيىنكى زامانلاردا سۇلايمان مۇشۇ مىسلارنى ئىشلىتىپ مىس كۆل، مىس تۈۋرۈكلەر ۋە باشقا بارلىق مىس ئەسۋابلارنى ياساتقان. 013 1CH 018 009 خامات پادىشاھى توۋ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىغانلىقىنى ئاڭلاپ، 013 1CH 018 010 ئۆز ئوغلى ھادورامنى داۋۇتقا سالام بېرىپ، ئۇنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغان غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى توۋ ئەسلىدە ھادادئېزەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. ھادورام ھەرخىل ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ئەسۋاب-جابدۇقلارنى سوۋغا قىلىپ ئەكەلدى. 013 1CH 018 011 داۋۇت پادىشاھ بۇ ئەسۋاب-جابدۇقلارنى ھەرقايسى ئەللەردىن، جۈملىدىن ئېدوم، موئاب، ئاممونلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 013 1CH 018 012 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 013 1CH 018 013 داۋۇت ئېدومدا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزدى؛ ئېدوملارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە جەڭگە چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. 013 1CH 018 014 داۋۇت پادىشاھ بولۇپ پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بارلىق خەلقىگە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. 013 1CH 018 015 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا سەردار، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا، 013 1CH 018 016 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك [باش] كاھىن، شاۋشا كاتىپ، 013 1CH 018 017 يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى ئىدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلار بولدى. 013 1CH 019 001 كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناھاش ئۆلدى؛ ئوغلى ھانۇن ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 013 1CH 019 002 داۋۇت: «ناھاش ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىمەن» دەپ، ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ھانۇننىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى ئاممونلارنىڭ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىنى سورىغىلى ھانۇن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. 013 1CH 019 003 لېكىن ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھانۇنغا: «داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىگە كۆڭۈل سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىشى بۇ يەرنى كۈزىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، چارلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ؟» ــ دېدى. 013 1CH 019 004 شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزىۋېتىپ ھەم كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى. 013 1CH 019 005 بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا: «ساقال-بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى. 013 1CH 019 006 ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدى، ھانۇن ۋە ئاممونلار ئارام-ناھارائىم، ئارام-مائاكاھ ۋە زوباھدىن جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق لەشكەر ياللاشقا ئادەم ئەۋەتىپ مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. 013 1CH 019 007 ئۇلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مائاكاھ پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللىۋالدى؛ ئۇلار مەدەبانىڭ ئالدىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولۇشتى. 013 1CH 019 008 داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ يوئاب بىلەن بارلىق ئەسكەر قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] چىقاردى. 013 1CH 019 009 ئاممونلار چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى؛ جەڭگە ئاتلىنىپ چىققان پادىشاھلارمۇ دالادا ئايرىم سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. 013 1CH 019 010 يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى تاللاپ، سۇرىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇلارنى سەپتە تۇرغۇزدى؛ 013 1CH 019 011 ئۇ قالغان ئادەملىرىنى ئىنىسى ئابىشايغا تاپشۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ قىلىپ تەييارلىدى. 013 1CH 019 012 يوئاب ئابىشايغا: «ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. 013 1CH 019 013 جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. 013 1CH 019 014 ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. 013 1CH 019 015 سۇرىيلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. ئاندىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 013 1CH 019 016 سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، ئەلچى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان شوفاق ئۇلارغا يېتەكچى ئىدى. 013 1CH 019 017 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى يىغىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. داۋۇتنىڭ سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن سۇرىيلەر جەڭگە ئاتلاندى. 013 1CH 019 018 سۇرىيلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىلىقنى ۋە قىرىق مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە سۇرىيلەرنىڭ سەردارى شوفاقنى ئۆلتۈردى. 013 1CH 019 019 ھادادئېزەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، داۋۇت بىلەن سۈلھ قىلىپ ئۇنىڭغا بېقىندى؛ شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئىككىنچى ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولدى. 013 1CH 020 001 شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، يوئاب كۈچلۈك قىسىمنى باشلاپ كېلىپ، ئاممونلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن رابباھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتاتتى. يوئاب رابباھغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. 013 1CH 020 002 داۋۇت ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىن تاجنى ئېلىۋىدى (ئالتۇنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت چىقتى، ئۇنىڭغا ياقۇتلار قوندۇرۇلغانىدى)، كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن جەڭ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى. 013 1CH 020 003 ئۇ يەنە شەھەردىكى خەلقنى ئېلىپ چىقىپ ھەرە، جوتۇ ۋە پالتا بىلەن ئىشلەشكە سالدى؛ داۋۇت ئامموننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى خەلقلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەتتى؛ ئاندىن داۋۇت كۆپچىلىك بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. 013 1CH 020 004 شۇ ۋەقەدىن كېيىن [ئىسرائىللار] گەزەردە فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى؛ ئۇ چاغدا خۇشاتلىق سىببىكاي رەفايىيلاردىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، فىلىستىيلەر تىز پۈكتى. 013 1CH 020 005 كېيىنچە [ئىسرائىللار] بىلەن فىلىستىيلەر يەنە سوقۇشتى؛ يائىرنىڭ ئوغلى ئەلھانەن گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسى لاخمىنى ئۆلتۈردى؛ بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى باپكارنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. 013 1CH 020 006 كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى. 013 1CH 020 007 بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى تىللىغىلى تۇرۇۋىدى، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 013 1CH 020 008 بۇلار گاتلىق رافانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلدى. 013 1CH 021 001 شەيتان ئىسرائىللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، داۋۇتنى ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇردى. 013 1CH 021 002 شۇڭا داۋۇت يوئابقا ۋە خەلقنىڭ يولباشچىلىرىغا: «سىلەر بەئەر-شېبادىن دانغىچە ئارىلاپ ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي» دېدى. 013 1CH 021 003 لېكىن يوئاب جاۋابەن: ــ«پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، يۈز ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەي. لېكىن ئى خوجام پادىشاھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار ئەمەسمۇ؟ خوجام بۇ ئىشنى زادى نېمە دەپ تەلەپ قىلىدۇ؟ خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟» ــ دېدى. 013 1CH 021 004 لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشتى؛ شۇڭا يوئاب چىقىپ پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئارىلاپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 013 1CH 021 005 يوئاب ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقنىڭ سانىنى داۋۇتقا مەلۇم قىلدى؛ پۈتۈن ئىسرائىلدا قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر بىر مىليون بىر يۈز مىڭ؛ يەھۇدالاردىن قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تۆت يۈز يەتمىش مىڭ بولۇپ چىقتى. 013 1CH 021 006 بىراق لاۋىيلار بىلەن بىنيامىنلارلا ساناققا كىرمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى يوئابنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى. 013 1CH 021 007 خۇدا بۇ ئىشنى يامان كۆرگەچكە، ئىسرائىللارغا زەربە بەردى. 013 1CH 021 008 داۋۇت خۇداغا: «مەن بۇ ئىشنى قىلىپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن؛ ئەمدى مەنكى قۇلۇڭنىڭ بۇ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈشىڭنى تىلەيمەن، چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىپتىمەن» ــ دېدى. 013 1CH 021 009 پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گادقا: 013 1CH 021 010 سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى، مەن ساڭا ئۈچ بالا-قازانى ئالدىڭدا قويىمەن؛ شۇنىڭدىن بىرىنى تاللىۋال، مەن شۇنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن» دېگىن، ــ دېدى. 013 1CH 021 011 شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: 013 1CH 021 012 «قېنى تاللىغىن: يا ئۈچ يىل ئاچارچىلىقتا قېلىشتىن، يا ئۈچ ئاي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، ياۋلىرىڭ تەرىپىدىن قوغلاپ قىلىچلىنىشىدىن ۋە ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچىنىڭ ئۇرۇشى ــ يەنى ۋابا كېسىلىنىڭ زېمىندا تارقىلىشى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى خاراب قىلىشىدىن بىرىنى تاللىغىن». ئەمدى ئويلىنىپ كۆر، بىر نېمە دېگىن؛ مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» دېدى. 013 1CH 021 013 داۋۇت گادقا: «مەن بەك قاتتىق تەڭلىكتە قالدىم؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي دەيمەن، چۈنكى ئۇ تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر. پەقەت ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشمىسەم، دەيمەن» دېدى. 013 1CH 021 014 شۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ۋابا تارقاتتى؛ ئىسرائىللاردىن يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. 013 1CH 021 015 خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 013 1CH 021 016 داۋۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا، قولىدىكى غىلاپتىن سۇغۇرغان قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە ئورالغان ھالدا يەرگە دۈم يىقىلدى. 013 1CH 021 017 داۋۇت خۇداغا: «خەلقنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلىپ بۇ رەزىللىك ئۆتكۈزگۈچى مەندۇرمەن؛ بۇ بىر پادا قويلار بولسا، زادى نېمە قىلدى؟ ئاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىم، قولۇڭ ئۆز خەلقىڭگە ئەمەس، بەلكى ماڭا ۋە مېنىڭ جەمەتىمگە چۈشكەي، ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن!» دېدى. 013 1CH 021 018 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، ئۇ يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىغا چىقىپ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ سالسۇن، دېۋىدى، 013 1CH 021 019 داۋۇت گادنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقىنى بويىچە شۇ يەرگە چىقتى. 013 1CH 021 020 ئۇ چاغدا ئورنان بۇغداي تېپىۋاتاتتى؛ ئورنان بۇرۇلۇپ پەرىشتىنى كۆرۈپ، ئۆزى تۆت ئوغلى بىلەن مۆكۈۋالغانىدى. 013 1CH 021 021 داۋۇت ئورناننىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ داۋۇتنى كۆرۈپ، خاماندىن چىقىپ كەلدى-دە، بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 013 1CH 021 022 داۋۇت ئورنانغا: «خەلق ئىچىدە تارالغان ۋابانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خاماننى ۋە ئەتراپىدىكى يەرنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالاي دەيمەن. سەن تولۇق باھا قويۇپ بۇ يېرىڭنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ» دېدى. 013 1CH 021 023 ــ ئالسىلا، غوجام پادىشاھىمنىڭ قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلغاي؛ قارىسىلا، قۇربانلىق قىلىشقا كالىلارنى بېرەي، خامان تېپىدىغان تىرنىلارنى ئوتۇن قىلىپ قالىسىلا، بۇغداينى ئاش ھەدىيەسىگە ئىشلەتسىلە؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزلىرىگە تۇتتۇم، دېدى ئورنان داۋۇتقا. 013 1CH 021 024 «ياق»، ــ دېدى داۋۇت ئورنانغا، ــ «قانداقلا بولمىسۇن مەن تولۇق باھاسى بويىچە سېتىۋالىمەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭكىنى ئېلىۋېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىسام بولمايدۇ، بەدەل تۆلىمەي كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ھەرگىز سۇنمايمەن». 013 1CH 021 025 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇننى ئۆلچەپ ئورنانغا بېرىپ ئۇ يەرنى سېتىۋالدى. 013 1CH 021 026 داۋۇت ئۇ يەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ تىلىگىنى قوبۇل كۆرۈپ، جاۋابەن ئاسماندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىغا ئوت چۈشۈردى. 013 1CH 021 027 پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى بۇيرۇۋىدى، ئۇ قىلىچىنى قايتىدىن غىلىپىغا سالدى. 013 1CH 021 028 ئۇ چاغدا، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يەبۇسىيلاردىن بولغان ئورناننىڭ خامىنىدا ئۇنىڭ تىلىكىگە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق سۇنۇشقا باشلىدى. 013 1CH 021 029 ئۇ چاغدا، مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىدە ئىدى؛ 013 1CH 021 030 لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ يەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 013 1CH 022 001 شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى. 013 1CH 022 002 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى. 013 1CH 022 003 ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛ 013 1CH 022 004 ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. 013 1CH 022 005 داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى. 013 1CH 022 006 داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى. 013 1CH 022 007 داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان، 013 1CH 022 008 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ. 013 1CH 022 009 قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن. 013 1CH 022 010 ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن» دېگەن سۆز-كالامى ماڭا يەتتى. 013 1CH 022 011 ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن. 013 1CH 022 012 پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي. 013 1CH 022 013 شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە. 013 1CH 022 014 قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ. 013 1CH 022 015 بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛ 013 1CH 022 016 ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» 013 1CH 022 017 داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ: 013 1CH 022 018 «خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى. 013 1CH 022 019 ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى. 013 1CH 023 001 داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 013 1CH 023 002 داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى. 013 1CH 023 003 لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. 013 1CH 023 004 داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا، 013 1CH 023 005 تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى. 013 1CH 023 006 داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى: ــ 013 1CH 023 007 گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛ 013 1CH 023 008 لاداننىڭ ئوغلى: تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ 013 1CH 023 009 شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 013 1CH 023 010 شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 023 011 جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر [جەمەت گۇرۇپپىسى] دەپ ھېسابلانغان. 013 1CH 023 012 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى. 013 1CH 023 013 ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە [قۇربانلىقلارنى] سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى. 013 1CH 023 014 خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن. 013 1CH 023 015 مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى. 013 1CH 023 016 گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى. 013 1CH 023 017 ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 013 1CH 023 018 ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى. 013 1CH 023 019 ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى. 013 1CH 023 020 ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى. 013 1CH 023 021 مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى. 013 1CH 023 022 ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى. 013 1CH 023 023 مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى. 013 1CH 023 024 يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى. 013 1CH 023 025 چۈنكى داۋۇت: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛ 013 1CH 023 026 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا-ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. 013 1CH 023 027 شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 013 1CH 023 028 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا-ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ 013 1CH 023 029 يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛ 013 1CH 023 030 ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى. 013 1CH 023 031 يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى. 013 1CH 023 032 ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى. 013 1CH 024 001 ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار. 013 1CH 024 002 ناداب بىلەن ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەم پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شۇڭا ئەلىئازار بىلەن ئىتامار كاھىنلىقنى تۇتاتتى. 013 1CH 024 003 داۋۇت ۋە ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زادوك ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاخىمەلەك ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا قويدى؛ 013 1CH 024 004 ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئون ئالتە كىشى ئىدى، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار سەككىز كىشى ئىدى؛ 013 1CH 024 005 ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى. 013 1CH 024 006 لاۋىي نەتانەلنىڭ ئوغلى شېمايا كاتىپ بولسا پادىشاھ، ئەمەلدارلار، كاھىن زادوك، ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈپ قويدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن بىر جەمەت تاللاندى، ئاندىن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىنمۇ بىر جەمەت تاللاندى. 013 1CH 024 007 بىرىنچى چەك يەھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يەداياغا، 013 1CH 024 008 ئۈچىنچى چەك ھارىمغا، تۆتىنچى چەك سېئورىمغا، 013 1CH 024 009 بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، 013 1CH 024 010 يەتتىنچى چەك ھاككوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، 013 1CH 024 011 توققۇزىنچى چەك يەشۇئاغا، ئونىنچى چەك شېكانىياغا، 013 1CH 024 012 ئون بىرىنچى چەك ئەلىياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياكىمغا، 013 1CH 024 013 ئون ئۈچىنچى چەك ھۇپپاغا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبىئابقا، 013 1CH 024 014 ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممەرگە، 013 1CH 024 015 ئون يەتتىنچى چەك ھېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىزەزگە، 013 1CH 024 016 ئون توققۇزىنچى چەك پىتاھىياغا، يىگىرمىنچى چەك يەھەزكەلگە، 013 1CH 024 017 يىگىرمە بىرىنچى چەك ياقىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، 013 1CH 024 018 يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دېلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازىياغا چىقتى. 013 1CH 024 019 مانا بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى؛ بۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتىسى ھارۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇيرۇغان نىزام بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىش نۆۋىتى ئىدى. 013 1CH 024 020 لاۋىينىڭ قالغان ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبايەل؛ شۇبايەلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يەھدېيا بار ئىدى. 013 1CH 024 021 رەھابىياغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، جۈملىدىن تۇنجى ئوغلى يىشىيا بار ئىدى. 013 1CH 024 022 ئىزھارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە شېلوموت؛ شېلوموتنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە جاھات بار ئىدى. 013 1CH 024 023 ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يەرىيا، ئىككىنچىسى ئامارىيا، ئۈچىنچىسى ياھازىيەل، تۆتىنچىسى جەكامىيام ئىدى. 013 1CH 024 024 ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: مىكاھ؛ مىكاھنىڭ ئوغۇللىرىدىن شامىر بار ئىدى. 013 1CH 024 025 مىكاھنىڭ ئىنىسى ئىسشىيا ئىدى؛ يىسشىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە زەكەرىيا بار ئىدى. 013 1CH 024 026 مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى. 013 1CH 024 027 مەرارىنىڭ ئوغلى يائازىيادىن بولغان ئەۋلادلىرى بېنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى بار ئىدى. 013 1CH 024 028 ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئەلىئازارنىڭ ئوغلى يوق ئىدى. 013 1CH 024 029 كىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە يەراھمىيەل بار ئىدى. 013 1CH 024 030 مۇشىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى، ئېدەر ۋە يەرىموت ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە پۈتۈلگەنىدى. 013 1CH 024 031 ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش، داۋۇت پادىشاھ، زادوك، ئاخىمەلەك ۋە شۇنىڭدەك كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا چەك تارتتى؛ ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەڭ كىچىكلىرىمۇ ئوخشاشلا چەك تارتتى. 013 1CH 025 001 داۋۇت بىلەن قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئاساف، ھېمان ۋە يەدۇتۇنلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەپ، ئۇلارنى چىلتار، تەمبۇر ۋە جاڭ-جاڭلار چېلىپ، بېشارەت بېرىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلاردىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: 013 1CH 025 002 ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىدىن زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانىيا ۋە ئاشارىلاھ بار ئىدى؛ ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسافنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى؛ ئاساف پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشارەت بېرىپ سۆزلەيتتى. 013 1CH 025 003 يەدۇتۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ گەدالىيا، زېرى، يەشايا، شىمەي، ھاشابىيا ۋە ماتتىتىياھ دېگەن ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى يەدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. يەدۇتۇن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ بېشارەت بېرەتتى. 013 1CH 025 004 ھېماننىڭ بولسا، ئۇنىڭ بۇككىيا، ماتتانىيا، ئۇززىيەل، شەبۇيەل، يەرىموت، ھانانىيا، ھانانى، ئەلىياتا، گىددالتى ۋە رومامتى-ئېزەر، يوشبىكاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 013 1CH 025 005 بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېماننىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، خۇداغا بولغان مەدھىيىسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن قويۇلغان (ھېمان بولسا پادىشاھقا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزىدىغان ئالدىن كۆرگۈچى ئىدى)؛ خۇدا ھېمانغا ئون تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز ئاتا قىلغانىدى. 013 1CH 025 006 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە-ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ-جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان [بۇ ئىشلاردا] پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. 013 1CH 025 007 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە-ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى). 013 1CH 025 008 بۇلار چوڭ-كىچىكىگە، ئۇستاز-شاگىرتلىقىغا قارىماي ھەممىسى بىردەك چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى. 013 1CH 025 009 بىرىنچى چەك ئاسافنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە، ئىككىنچى چەك گەدالىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 010 ئۈچىنچى چەك زاككۇرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 011 تۆتىنچى چەك ئىزرىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 012 بەشىنچى چەك نەتانىياغا چىقتى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 013 ئالتىنچى چەك بۇككىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 014 يەتتىنچى چەك يەشارىلاھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 015 سەككىزىنچى چەك يەشاياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 016 توققۇزىنچى چەك ماتتانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 017 ئونىنچى چەك شىمەيگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 018 ئون بىرىنچى چەك ئازارەلگە چىقتى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 019 ئون ئىككىنچى چەك ھاسابىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 020 ئون ئۈچىنچى چەك شۇبايەلگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 021 ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتىياھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 022 ئون بەشىنچى چەك يەرىموتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 023 ئون ئالتىنچى چەك ھانانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 024 ئون يەتتىنچى چەك يوشبىكاشاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 025 ئون سەككىزىنچى چەك ھانانىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 026 ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 027 يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 028 يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 029 يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 030 يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 013 1CH 025 031 يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئېزەرگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى. 013 1CH 026 001 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولدى: كوراھ جەمەتىدىكىلەردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە كورەنىڭ ئوغلى مەشەلەمىيا بار ئىدى. 013 1CH 026 002 مەشەلەمىيانىڭ بىرنەچچە ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى زەكەرىيا، ئىككىنچىسى يەدىيايەل، ئۈچىنچىسى زەبادىيا، تۆتىنچىسى ياتنىيەل، 013 1CH 026 003 بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يەھوھانان، يەتتىنچىسى ئەليويىناي ئىدى. 013 1CH 026 004 ئوبەد-ئېدومنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى شېمايا، ئىككىنچىسى يەھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاھ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نەتانەل، 013 1CH 026 005 ئالتىنچىسى ئاممىيەل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پېئۇلتاي؛ دەرۋەقە خۇدا ئوبەد-ئېدومغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلغانىدى. 013 1CH 026 006 ئۇنىڭ ئوغلى شېمايامۇ بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، ھەممىسى ئاتا جەمەتى ئىچىدە يولباشچى ئىدى، چۈنكى ئۇلار باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. 013 1CH 026 007 شېمايانىڭ ئوغۇللىرى: ئوتنى، رېفايەل، ئوبەد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئەلزابادنىڭ ئىنىلىرى ئېلىخۇ بىلەن سەماكىيانىڭ ئىككىسى باتۇر ئىدى. 013 1CH 026 008 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى [خۇدانىڭ] خىزمىتىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەر ئىدى. ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادى جەمئىي ئاتمىش ئىككى ئادەم ئىدى. 013 1CH 026 009 مەشەلەمىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز ئادەم ئىدى. 013 1CH 026 010 مەرارىنىڭ ئەۋلادى بولغان خوساھنىڭ بىرنەچچە ئوغلى بار ئىدى، چوڭ ئوغلى شىمرى (شىمرى ئەسلىدە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى چوڭ ئوغۇل قىلىپ تىكلىگەن)، 013 1CH 026 011 ئىككىنچى ئوغلى ھىلقىيا، ئۈچىنچىسى تەبالىيا، تۆتىنچىسى زەكەرىيا ئىدى. خوساھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى جەمئىي بولۇپ ئون ئۈچ ئادەم ئىدى. 013 1CH 026 012 يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىرى بويىچە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى. 013 1CH 026 013 ئۇلار، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۆز جەمەتى بويىچە چەك تارتىپ ھەربىر دەرۋازىغا بەلگىلەندى. 013 1CH 026 014 شەرقىي دەرۋازىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلىشقا چەك چىققىنى شەلەمىيا بولدى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئوغلى زەكەرىيا (ئاقىلانە مەسلىھەتچى ئىدى) ئۈچۈن چەك تارتتى؛ ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋەنلىك چېكى چىقتى. 013 1CH 026 015 جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ چېكى ئوبەد-ئېدومغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئامبار-خەزىنىلەرگە مەسئۇل بولدى. 013 1CH 026 016 شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك داۋان يولىدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ياندىشىپ تۇراتتى. 013 1CH 026 017 شەرقىي دەرۋازىغا ھەركۈنى ئالتە لاۋىي دەرۋازىۋەن مەسئۇل ئىدى؛ شىمالىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم، جەنۇبىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم مەسئۇل ئىدى؛ ئامبار-خەزىنىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ قارايتتى. 013 1CH 026 018 غەرب تەرەپتىكى دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى يولدا تۆت كىشى، دەھلىزنىڭ ئۆزىدە ئىككى كىشى پاسىبانلىق قىلاتتى. 013 1CH 026 019 يوقۇرىدىكى كىشىلەر دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى بولۇپ، كوراھنىڭ ۋە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 013 1CH 026 020 ئۇلارنىڭ [باشقا] لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ئاخىياھ قويۇلدى. 013 1CH 026 021 گەرشون جەمەتىدىكى لاداننىڭ ئەۋلادلىرىدىن، گەرشونىي لادان جەمەتىگە يولباشچى بولغىنى: جەھىيەلى ئىدى؛ 013 1CH 026 022 جەھىيەلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى يوئېل ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى. 013 1CH 026 023 ئامرام جەمەتى، ئىزھار جەمەتى، ھېبرون جەمەتى ۋە ئۇززىيەل جەمەتىدىكىلەرمۇ [ۋەزىپىگە قويۇلدى]: 013 1CH 026 024 مۇسانىڭ نەۋرىسى، گەرشومنىڭ ئوغلى شىبۇئەل باش خەزىنىچى بولدى. 013 1CH 026 025 ئۇنىڭ ئەلىئېزەردىن بولغان قېرىنداشلىرى: ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا، رەھابىيانىڭ ئوغلى يەشايا، يەشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى، زىكرىنىڭ ئوغلى شېلومىت ئىدى. 013 1CH 026 026 مۇشۇ شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان بارلىق خەزىنىلەرنى باشقۇراتتى؛ بۇ بۇيۇملارنى ئەسلىدە داۋۇت پادىشاھ، جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە قوشۇن سەردارلىرى بېغىشلىغانىدى. 013 1CH 026 027 ئۇلار جەڭگاھلاردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلگەن مال-مۈلۈكلەردىن ۋە ئولجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پۇختا قىلىشقا بېغىشلىغانىدى. 013 1CH 026 028 [بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ] ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى سائۇل، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابلار مۇقەددەس دەپ ئايرىغان نەرسىلەر بار ئىدى؛ بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان نەرسىلەرنى شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى باشقۇراتتى. 013 1CH 026 029 ئىزھار جەمەتىدىن كېنانىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [مۇقەددەس ئۆينىڭ] سىرتىدا ئىسرائىلدا مەنسەپدار ۋە سوتچىلار قىلىپ قويۇلدى. 013 1CH 026 030 ھېبرون جەمەتىدىن ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەممىسى باتۇر بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىسرائىلدا مەنسەپ تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا قويۇلغان. ئۇلار جەمئىي بىرمىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. 013 1CH 026 031 ھېبرون جەمەتى ئىچىدە، جەمەتنىڭ نەسەبنامىسى بويىچە يەرىيا جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قىرىقىنچى يىلى [نەسەبنامىلەرنى] تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىلېئادنىڭ يائازەر دېگەن يېرىدە بۇ جەمەتتىنمۇ باتۇر ئەزىمەتلەر تېپىلدى. 013 1CH 026 032 يەرىيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن يەنە جەمئىي بولۇپ ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، شۇ جەمەت باشلىرى ئىدى؛ پادىشاھ داۋۇت ئۇلارنى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى خۇداغا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە دائىر بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. 013 1CH 027 001 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ئىچىدە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھەربىي قىسىملارغا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق مەنسەپدارلار ئىدى. ئۇلار سانىغا قاراپ قىسىملارغا بۆلۈنگەنىدى. ئۇلار ھەر يىلى ئاي بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇراتتى، ھەر قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 002 بىرىنچى ئايدىكى بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇنغا زابدىيەلنىڭ ئوغلى ياشوبىئام مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 003 ئۇ پەرەز ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بىرىنچى ئايدىكى ئاشۇ قوشۇن قىسمىنىڭ سەردارلىرىنى باشقۇراتتى. 013 1CH 027 004 ئىككىنچى ئايدىكى نۆۋەتچى قوشۇنغا مەسئۇل كىشى ئاھوھلۇق دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى مىكلوت بار ئىدى؛ بۇ قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 005 ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئۇنىڭدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 006 بۇ بىنايا «ئوتتۇز پالۋان»نىڭ بىرى بولۇپ، ئاشۇ ئوتتۇز ئادەمنى باشقۇراتتى؛ ئۇنىڭ قىسمىدا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئاممىزاباد بار ئىدى. 013 1CH 027 007 تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 008 بەشىنچى ئايدىكى بەشىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئىزراھلىق شامخۇت ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 009 ئالتىنچى ئايدىكى ئالتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 010 يەتتىنچى ئايدىكى يەتتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى پىلونلۇق ھەلەز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 011 سەككىزىنچى ئايدىكى سەككىزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى خۇشاتلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 012 توققۇزىنچى ئايدىكى توققۇزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 013 ئونىنچى ئايدىكى ئونىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ماھاراي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 014 ئون بىرىنچى ئايدىكى ئون بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم قەبىلىسىدىكى پىراتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 015 ئون ئىككىنچى ئايدىكى ئون ئىككىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئوتنىيەل جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ھەلداي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 013 1CH 027 016 ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەر: رۇبەنىيلار ئۈچۈن زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ شىمېئونىيلار ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى مائاكاھنىڭ ئوغلى شەفاتىيا؛ 013 1CH 027 017 لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن كەمۇئەلنىڭ ئوغلى ھاسابىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ھارۇنىيلار ئۈچۈن جەمەت بېشى زادوك؛ 013 1CH 027 018 يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئېلىخۇ قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ئىسساكارىيلار ئۈچۈن مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 013 1CH 027 019 زەبۇلۇنىيلار ئۈچۈن ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ نافتالى قەبىلىسى ئۈچۈن ئازرىيەلنىڭ ئوغلى يەرىموت قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 013 1CH 027 020 ئەفرائىمىيلار ئۈچۈن ئازازىيانىڭ ئوغلى ھوشىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 013 1CH 027 021 گىلېئادتا ماكانلاشقان ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن زەكەرىيانىڭ ئوغلى ئىددو قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن ئابنەرنىڭ ئوغلى يائاسىيەل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 013 1CH 027 022 دان قەبىلىسى ئۈچۈن يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارەل قەبىلە باشلىقى ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئىدى. 013 1CH 027 023 داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى. 013 1CH 027 024 زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب سانىنى ئېلىشقا كىرىشكەن، لېكىن تۈگىمىگەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ سانى «داۋۇت پادىشاھنىڭ يىلنامىلىرى» دېگەن خاتىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن. 013 1CH 027 025 پادىشاھنىڭ ئامبار-خەزىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادىيەلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئىدى؛ دالا، شەھەر، يېزا-كەنت ۋە مۇنارلاردىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىدى. 013 1CH 027 026 ئېتىز-ئېرىقلاردا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارنى باشقۇرغۇچى كېلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى ئىدى؛ 013 1CH 027 027 ئۈزۈمزارلىقلارنى باشقۇرغۇچى راماھلىق شىمەي؛ ئۈزۈمزارلىقلاردىكى شاراب ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى شىفمىلىق زابدى؛ 013 1CH 027 028 شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى زەيتۇن ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنى باشقۇرغۇچى گەدەرلىك بائال-ھانان ئىدى؛ ماي ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى يوئاش؛ 013 1CH 027 029 شاروندا بېقىلىدىغان كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى شارونلۇق سىتراي؛ جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادلاينىڭ ئوغلى شافات؛ 013 1CH 027 030 تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى ئىسمائىللاردىن ئوبىل؛ ئېشەكلەرنى باشقۇرغۇچى مىرونوتلۇق يەھدىيا؛ 013 1CH 027 031 قوي پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى خاگارلىق يازىز ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ئىدى. 013 1CH 027 032 داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان مەسلىھەتچى بولۇپ، دانىشمەن ھەم تەۋرات خەتتاتچىسى ئىدى؛ خاقمونىنىڭ ئوغلى يەھىيەل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. 013 1CH 027 033 ئاھىتوفەلمۇ پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى؛ ئاركلىق ھۇشاي پادىشاھنىڭ جان دوستى ئىدى. 013 1CH 027 034 ئاھىتوفەلدىن كېيىن بىنايانىڭ ئوغلى يەھويادا بىلەن ئابىياتار ئۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەتچى بولدى؛ يوئاب پادىشاھنىڭ قوشۇن سەردارى ئىدى. 013 1CH 028 001 داۋۇت ئىسرائىلدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى، نۆۋەتلىشىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان قوشۇن بېشى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ بارلىق مال-مۈلۈك، چارۋا ماللىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى، شۇنىڭدەك مەھرەم-غوجىدارلار، پالۋانلار ۋە بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتىپ كەلدى. 013 1CH 028 002 پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئى بۇرادەرلىرىم ۋە خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار: كۆڭلۈمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر ئارامگاھ، خۇدايىمىزنىڭ تەختىپەرىسى بولىدىغان بىر ئۆي سېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ھەمدە ئۇنى سېلىشقا تەييارلىقمۇ كۆرۈپ قويغانىدىم. 013 1CH 028 003 لېكىن خۇدا ماڭا: «سەن مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن جەڭچى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆككەنسەن» دېدى. 013 1CH 028 004 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىن مېنى ئەبەدىلئەبەد ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى؛ چۈنكى ئۇ يەھۇدانى يولباشچى بولۇشقا تاللىغان؛ ئۇ يەھۇدا جەمەتى ئىچىدە ئاتامنىڭ جەمەتىنى تاللىغان، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە مەندىن رازى بولۇپ، مېنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن؛ 013 1CH 028 005 مېنىڭ ئوغۇللىرىم ئىچىدىن (پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا كۆپ ئوغۇل ئاتا قىلغان) ئۇ يەنە ئوغلۇم سۇلايماننى پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا تاللىدى. 013 1CH 028 006 ئۇ ماڭا: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان بولسا مېنىڭ ئۆيۈم ۋە ھويلىلىرىمنى سالغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل بولۇشقا تاللىدىم، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. 013 1CH 028 007 ئۇ مېنىڭ ئەمر-بەلگىلىمىلىرىمگە بۈگۈنكىدەك چىڭ تۇرۇپ رىئايە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېگەنىدى. 013 1CH 028 008 شۇڭا بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا [شۇنى ئېيتىمەن]: ــ بۇ ياخشى يۇرتقا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىزدەپ تۇتۇڭلار. 013 1CH 028 009 ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ. 013 1CH 028 010 ئەمدى سەن كۆڭۈل قويغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەسخانا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆينى سېلىشقا سېنى تاللىدى؛ باتۇر بول، ئۇنى ئادا قىل!». 013 1CH 028 011 داۋۇت [مۇقەددەسگاھنىڭ] دەھلىزى، خانىلىرى، خەزىنىلىرى، بالىخانىلىرى، ئىچكى ئۆيلىرى ۋە كافارەت تەختىدىكى ئۆيىنىڭ لايىھىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوغلى سۇلايمانغا تاپشۇردى؛ 013 1CH 028 012 [خۇدانىڭ] روھىدىن تاپشۇرۇۋالغىنى بويىچە ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرى، تۆت ئەتراپىدىكى كىچىك ئۆيلەر، مۇقەددەسخانىدىكى خەزىنلەر، مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار قويۇلىدىغان خەزىنىلەرنىڭ لايىھىلىرىنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 013 1CH 028 013 يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ھەرخىل ۋەزىپىلەر، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ئەسۋابلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتتى؛ 013 1CH 028 014 ۋە ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك ئالتۇن ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان ئالتۇن، ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك كۈمۈش ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان كۈمۈش، 013 1CH 028 015 ئالتۇن چىراغدانلارغا، ئۇلارغا تەۋە ئالتۇن چىراغلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە چىراغلارغا كېتىدىغان ئالتۇن؛ كۈمۈش چىراغدانلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە شۇنىڭغا تەۋە چىراغلار ئۈچۈن كېتىدىغان كۈمۈشنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ھەربىر چىراغدانغا ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ كېرەكلىكىنى بەردى؛ 013 1CH 028 016 نان تىزىدىغان ئالتۇن شىرەلەرنى ياسىتىشقا، يەنى ھەربىر شىرە ئۈچۈن كېرەكلىك ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش شىرەلەرنى ياسىتىشقا كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ 013 1CH 028 017 ۋىلكا-ئىلمەكلەر، تەخسە-پىيالە ۋە چۆگۈنلەرنى ياساشقا، ئالتۇن چىنىلەر، يەنى ھەرخىل چىنىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان ساپ ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش چىنىلەرنى ياساشقا، يەنى ھەربىر چىنە ئۈچۈن كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ 013 1CH 028 018 خۇشبۇيگاھ ياساشقا كېرەكلىك ئېسىل ئالتۇن بەردى. ئۇ يەنە قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبلار قارايدىغان [كافارەت] تەختىنىڭ نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 013 1CH 028 019 «بۇلارنىڭ ھەممىسى، پەرۋەردىگار ئۆز قولىنى ئۈستۈمگە قويغاندا ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق نۇسخا-ئەندىزىلەر بولغاچقا، مەن يېزىپ قويدۇم» دېدى داۋۇت. 013 1CH 028 020 داۋۇت يەنە ئوغلى سۇلايمانغا: «سەن باتۇر ۋە جاسارەتلىك بول، بۇنى ئادا قىل؛ قورقما، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمە؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ؛ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كېيىنكى ئىبادەت خىزمىتى ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرى تۈگىگەنگە قەدەر ئۇ سەندىن ھېچ ئايرىلمايدۇ ياكى تاشلاپمۇ قويمايدۇ. 013 1CH 028 021 قارا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمىتىنى بېجىرىدىغان كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىرى تەييار تۇرىدۇ؛ سېنىڭ يېنىڭدا ھەرخىل ھۈنەرگە ئۇستا، ھەربىر خىزمەتكە تەييار تۇرغان ھۈنەرۋەنلەرمۇ رازىلىق بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق سېنىڭ ئەمرىڭنى كۈتىدۇ» دېدى. 013 1CH 029 001 داۋۇت پۈتكۈل جامائەتكە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «خۇدا ئۆزى تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت، خالاس، بۇ قۇرۇلۇش بولسا تولىمۇ چوڭ؛ چۈنكى بۇ مۇقەددەس ئوردا ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن ياسىلىدۇ. 013 1CH 029 002 مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، ئالتۇن بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش، مىس بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا مىس، تۆمۈر بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا تۆمۈر، ياغاچ بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ياغاچ تەييارلاپ قويدۇم؛ يەنە ئاق ھېقىق، كۆزلۈك ياقۇت، رەڭلىك تاش ۋە ھەرخىل ئېسىل تاشلارنى، يەنە ناھايىتى كۆپ مەرمەرنى يىغىپ قويدۇم. 013 1CH 029 003 مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيىدىن سۆيۈنىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىمنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا تەييارلىغان بارلىق نەرسىلەردىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ تەئەللۇقاتىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خۇدايىمنىڭ ئۆيىگە ئاتىدىم؛ 013 1CH 029 004 يەنى ئۆينىڭ تاملىرىنى قاپلاش ئۈچۈن ئوفىر ئالتۇنىدىن ئۈچ مىڭ تالانت، ساپ كۈمۈشتىن يەتتە مىڭ تالانت تەقدىم قىلدىم؛ 013 1CH 029 005 ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟». 013 1CH 029 006 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان غوجىدارلارمۇ بېغىشلاشقا كىرىشتى. 013 1CH 029 007 ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەش مىڭ تالانت ئالتۇن ۋە ئون مىڭ دارىك ئالتۇن، ئون مىڭ تالانت كۈمۈش، ئون سەككىز مىڭ تالانت مىس ۋە بىر يۈز مىڭ تالانت تۆمۈر تەقدىم قىلدى. 013 1CH 029 008 ياقۇتى بارلار ياقۇتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە، يەنى گەرشونىي يەھىيەلنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 013 1CH 029 009 خالايىق كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقلىرىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى؛ چۈنكى ئۇلار چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىشقانىدى. داۋۇتمۇ ئالامەت خۇش بولدى. 013 1CH 029 010 شۇڭا داۋۇت پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، بوۋىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھەمدۇساناغا لايىقسەن. 013 1CH 029 011 ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرەپ، شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بار-يوقى سېنىڭكىدۇر؛ ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھلىق سېنىڭكىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئىدارە قىلغۇچىسەن. 013 1CH 029 012 دۆلەت بىلەن ئىززەت سېنىڭدىنلا كېلىدۇ، سەن ھەممىگە ھۆكۈمدارسەن. كۈچ بىلەن قۇدرەت سېنىڭ قولۇڭدا؛ ھەركىمنى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك قىلىش پەقەت قولۇڭدىندۇر. 013 1CH 029 013 ئەمدى، ئاھ خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئوقۇيمىز، شان-شەرەپلىك نامىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز! 013 1CH 029 014 مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكۈمىزدىن تەقدىم قىلالايدىغان بولغان مەن كىم ئىدىم، خەلقىم نېمە ئىدى؟ چۈنكى بارلىق نەرسە سەندىن كېلىدۇ، بىز پەقەت ئۆز قولۇڭدىن كەلگىنىدىن ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس! 013 1CH 029 015 بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇقلار، بارلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مۇساپىرمىز، خالاس؛ يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىمىز گويا بىر سايە، ئۈمىدسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. 013 1CH 029 016 ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ يىغقان بۇ بايلىق-دۇنيانىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىن كەلگەن، ئەسلى سېنىڭكىدۇر. 013 1CH 029 017 ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم. 013 1CH 029 018 ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆز خەلقىڭنىڭ كۆڭلىدىكى بۇنداق ئوي-نىيەتنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلغايسەن، كۆڭلىنى ئۆزۈڭگە تارتقۇزغايسەن! 013 1CH 029 019 ئوغلۇم سۇلايمانغا سېنىڭ ئەمرلىرىڭ، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئادا قىلىپ، مەن ھازىرلاپ قويغانلىرىمنى ئىشلىتىپ ئوردىنى ياساشقا دۇرۇس بىر قەلب بەرگەيسەن». 013 1CH 029 020 داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى. 013 1CH 029 021 ئەتىسى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈردى؛ شۇ كۈنى ئۇلار مىڭ بۇقا، مىڭ قوچقار، مىڭ قوزىنى شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن ئىسرائىل ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. 013 1CH 029 022 ئۇلار شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئالامەت خۇشال بولۇپ غىزالاندى. ئۇلار داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى ئىككىنچى قېتىم پادىشاھ تىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شاھ بولۇشقا، زادوكنى كاھىن بولۇشقا مەسىھ قىلدى. 013 1CH 029 023 شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پەرۋەردىگارغا تەۋە تەختكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى ۋە ئىنتايىن راۋاج تاپتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. 013 1CH 029 024 بارلىق ئەمەلدارلار، پالۋانلار ۋە شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى سۇلايمانغا بېقىنىپ بويسۇندى. 013 1CH 029 025 پەرۋەردىگار سۇلايماننى ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا ناھايىتى ئۇلۇغ قىلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شاھانە ھەيۋەت شۇنداق يۇقىرىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق ئىسرائىل پادىشاھلىرىدا ھېچ بولۇپ باققان ئەمەس. 013 1CH 029 026 يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلغا شۇنداق پادىشاھ بولغانىدى. 013 1CH 029 027 ئۇنىڭ ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى جەمئىي قىرىق يىل بولدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. 013 1CH 029 028 ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر، دۆلەت-بايلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرۈپ، خېلى كۆپ ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتتى؛ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى. 013 1CH 029 029 پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىشلىرى، باشتىن ئاخىرىغىچە مانا ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىلنىڭ خاتىرىلىرى، ناتان پەيغەمبەرنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئالدىن كۆرگۈچى گادنىڭ خاتىرىلىرىدە پۈتۈلگەندۇر. 013 1CH 029 030 ئۇنىڭ سەلتەنىتى، كۆرسەتكەن كۈچ-قۇۋۋىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ، ئىسرائىل ۋە ھەرقايسى دۆلەت-مەملىكەتلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرمۇ شۇ خاتىرىلەردە پۈتۈلگەندۇر. # # BOOK 014 2CH 2 Chronicles تارىخ-تەزكىرە 2 014 2CH 001 001 داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنى بەك بۈيۈك قىلدى. 014 2CH 001 002 سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىللارنى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوراقچى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرى بولغان ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا سۆز قىلدى. 014 2CH 001 003 سۇلايمان بارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىگە باردى؛ چۈنكى ئۇ يەردە خۇدانىڭ «جامائەت چېدىرى»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا باياۋاندا ياساتقان چېدىر بار ئىدى. 014 2CH 001 004 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بولسا داۋۇت كىرىئات-يېئارىمدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۇنىڭغا تەييارلىغان يەرگە ئەكەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتۈرگەنىدى. 014 2CH 001 005 خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل ياسىغان مىس قۇربانگاھ بولسا [گىبېئوندا]، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرى ئالدىدا ئىدى؛ سۇلايمان جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، شۇ يەردە [پەرۋەردىگاردىن] تىلەك تىلىدى. 014 2CH 001 006 سۇلايمان جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇربانگاھتا مىڭ مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 014 2CH 001 007 شۇ كېچىسى خۇدا سۇلايمانغا ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى. 014 2CH 001 008 سۇلايمان خۇداغا: ــ سەن ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغان، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. 014 2CH 001 009 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى سەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى پۇختا ئورۇنلىغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنى يەردىكى توپىدەك نۇرغۇن خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ قىلدىڭ. 014 2CH 001 010 ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى. 014 2CH 001 011 خۇدا سۇلايمانغا: ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال-مۈلۈك، نە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن، 014 2CH 001 012 دانالىق ۋە بىلىم ساڭا تەقدىم قىلىندى؛ ۋە مەن ساڭا بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتمۇ بېرەي؛ شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنداق بولمىغان، سېنىڭدىن كېيىن بولغۇسى پادىشاھلاردىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. 014 2CH 001 013 بۇ ئىشتىن كېيىن سۇلايمان گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى «جامائەت چېدىرى»دىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىل ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 001 014 سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى توپلىدى: ــ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق لەشكىرى بار ئىدى؛ ئۇ بۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ھەم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 014 2CH 001 015 پادىشاھ يېرۇسالېمدا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاشلاردەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك كۆپ قىلدى. 014 2CH 001 016 سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ھەم كۇۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە سېتىۋالاتتى. 014 2CH 001 017 ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى؛ ئات-ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە شۇ [سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى] بىلەن سېتىۋېلىناتتى. 014 2CH 002 001 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى. 014 2CH 002 002 شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. 014 2CH 002 003 سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا. 014 2CH 002 004 مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 014 2CH 002 005 مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. 014 2CH 002 006 لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس! 014 2CH 002 007 ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا. 014 2CH 002 008 ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ. 014 2CH 002 010 مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى. 014 2CH 002 011 تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى. 014 2CH 002 012 ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. 014 2CH 002 013 مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي. 014 2CH 002 014 ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن. 014 2CH 002 015 ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا. 014 2CH 002 016 بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى. 014 2CH 002 017 ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. 014 2CH 002 018 ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى. 014 2CH 003 001 سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى. 014 2CH 003 002 سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. 014 2CH 003 003 سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى. 014 2CH 003 004 ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 014 2CH 003 005 ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 014 2CH 003 006 ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى. 014 2CH 003 007 ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 014 2CH 003 008 سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى. 014 2CH 003 009 ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. 014 2CH 003 010 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 014 2CH 003 011 ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 014 2CH 003 012 يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 014 2CH 003 013 بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى. 014 2CH 003 014 سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن [ئۆينىڭ ئىچىدىكى] پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى. 014 2CH 003 015 ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى. 014 2CH 003 016 ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى. 014 2CH 003 017 ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى. 014 2CH 004 001 ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ئون گەز كېلىدىغان بىر مىس قۇربانگاھ ياساتتى. 014 2CH 004 002 ئۇ مىستىن «دېڭىز» ياساتتى؛ ئۇنىڭ شەكلى دۈگىلەك بولۇپ، ئۇ گىرۋىكىدىن بۇ گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. 014 2CH 004 003 «دېڭىز»نىڭ سىرتقى ئاستا قىسمى بۇقىنىڭ شەكلى بىلەن چۆرۈلدۈرۈپ بېزەلگەن بولۇپ، بۇقىلار ھەربىر گەزگە ئوندىن، ئىككى قاتار قىلىنىپ، مىس «دېڭىز» بىلەن تەڭ قۇيۇپ چىقىلغانىدى. 014 2CH 004 004 مىس «دېڭىز»نى ئون ئىككى مىس بۇقا كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قاراپ تۇراتتى. «دېڭىز» بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇقىلارنىڭ قۇيرۇقى ئىچى تەرەپتە ئىدى. 014 2CH 004 005 مىس دېڭىزنىڭ قېلىنلىقى بىر ئالقان بولۇپ، چۆرىسى چىنىنىڭ گىرۋىكىدەك نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بات سۇ پاتاتتى. 014 2CH 004 006 ئۇ يەنە ئون «يۇيۇش دېسى» ياسىتىپ، بەشىنى مىس دېڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەشىنى سول تەرىپىگە قويغۇزدى؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ داسلاردا يۇيۇلاتتى؛ «دېڭىز» بولسا كاھىنلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. 014 2CH 004 007 ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئون ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئورناتتى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويدۇردى. 014 2CH 004 008 يەنە ئون شىرە ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە قويغۇزدى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن چىنە ياساتتى. 014 2CH 004 009 ئۇ يەنە «كاھىنلار ھويلىسى»، چوڭ ھويلا ۋە چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ياساتتى ۋە دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىنى مىس بىلەن قاپلاتتى. 014 2CH 004 010 ئۇ مىس «دېڭىز»نى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويغۇزدى. 014 2CH 004 011 ھۇرام يەنە قازان، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئەتكۈزدى. ھۇرام شۇ تەرىقىدە سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتتۈردى، 014 2CH 004 012 يەنى ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى. 014 2CH 004 013 شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى؛ بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. 014 2CH 004 014 ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، 014 2CH 004 015 «مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى. 014 2CH 004 016 قازان، كۈرەك، ۋىلكا-ئىلمەكلەر، ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسۋابلارنى ھۇرام-ئابى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى دەپ سۇلايمان پادىشاھقا پارقىرايدىغان مىستا ياسىتىپ بەردى. 014 2CH 004 017 پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زەرەداتاھ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىز لايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. 014 2CH 004 018 سۇلايمان ياساتقۇزغان بۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى؛ كەتكەن مىسنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بولمايتتى. 014 2CH 004 019 سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان شىرەلەرنى 014 2CH 004 020 ۋە ساپ ئالتۇندا قىلىنغان چىراغدانلار بىلەن چىراغلىرىنى ياساتقۇزدى؛ بۇ چىراغلار بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى «كالامخانا» ئالدىدا ياندۇرۇش ئۈچۈن بولدى. 014 2CH 004 021 ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى). 014 2CH 004 022 ئۇ يەنە پېچاقلار، تاۋاقلار، پىيالە-قاچا ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن قىلدۇردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى. 014 2CH 005 001 شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتاپ بېغىشلىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە ھەممە باشقا بۇيۇملارنى) ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. 014 2CH 005 002 شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقا چاقىردى. 014 2CH 005 003 بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدا، بېكىتىلگەن ھېيتتا پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى 014 2CH 005 004 ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. 014 2CH 005 005 ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بولغان لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. 014 2CH 005 006 سۇلايمان پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىنى قۇربانلىق قىلىۋاتاتتى. 014 2CH 005 007 كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 014 2CH 005 008 كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 014 2CH 005 009 بۇ بالداقلار ساندۇقنىڭ تۇتقۇچلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن چىقىپ تۇرغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. 014 2CH 005 010 ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). 014 2CH 005 011 كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشتى (شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق كاھىنلار، ئۆز نۆۋىتىگە قارىماي ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى؛ 014 2CH 005 012 نەغمە-ناۋاچى بارلىق لاۋىيلار، جۈملىدىن ئاساف، ھېمان، يەدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى چەكمەن تونلىرىنى كىيىشىپ، قۇربانگاھنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلار چېلىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار بىلەن بىللە كاناي چېلىۋاتقان يەنە بىر يۈز يىگىرمە كاھىن بار ئىدى) 014 2CH 005 013 ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا ــ شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛ 014 2CH 005 014 كاھىنلار ئەشۇ بۇلۇت تۈپەيلىدىن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشكە تۇرالمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى خۇدانىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. 014 2CH 006 001 بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ 014 2CH 006 002 لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى. 014 2CH 006 003 ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 014 2CH 006 004 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئەسلىدە داۋۇتقا: ــ 014 2CH 006 005 «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، ياكى خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا ھېچقايسى ئادەمنى تاللىمىدىم؛ 014 2CH 006 006 ھالبۇكى، مەن نامىم شۇ يەردە بولسۇن دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم ۋە خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 014 2CH 006 007 ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. 014 2CH 006 008 بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ 014 2CH 006 009 ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. 014 2CH 006 010 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. 014 2CH 006 011 مەن بۇ ئۆيدە ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر» دېدى. 014 2CH 006 012 ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ــ 014 2CH 006 013 (چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى) 014 2CH 006 014 ــ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە ئاسماندا نە زېمىندا سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ سېنىڭ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان ئۆز قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن. 014 2CH 006 015 چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭنى مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقاردىڭ. 014 2CH 006 016 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك، قانۇنۇمغا ئەمەل قىلىپ ماڭسىلا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. 014 2CH 006 017 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! 014 2CH 006 018 لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمايدىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! 014 2CH 006 019 لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن. 014 2CH 006 020 شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە ئايان قىلىمەن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. 014 2CH 006 021 قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. 014 2CH 006 022 ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، 014 2CH 006 023 سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. 014 2CH 006 024 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، يامانلىقىدىن قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، 014 2CH 006 025 سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. 014 2CH 006 026 ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، 014 2CH 006 027 سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! 014 2CH 006 028 ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، 014 2CH 006 029 ئۇنداقتا بارلىق خەلقىڭ ئىسرائىل بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بولسۇن، ئۆزىگە كەلگەن ئاپەتنى ۋە ئۆز دەردىنى بىلىپ، قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، مەيلى قانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلسۇن، 014 2CH 006 030 ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن، سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، پەقەت سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ 014 2CH 006 031 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقۇپ يوللىرىڭدا ماڭىدىغان بولىدۇ. 014 2CH 006 032 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا، ئۇ كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، 014 2CH 006 033 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. 014 2CH 006 034 ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، 014 2CH 006 035 سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. 014 2CH 006 036 ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆز زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، 014 2CH 006 037 لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، 014 2CH 006 038 ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ دۇئا قىلسا، 014 2CH 006 039 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ 014 2CH 006 040 ئەمدى ئى خۇدايىم، سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قىلغان دۇئالارغا كۆزۈڭ ئوچۇق، قۇلىقىڭ دىڭ بولغاي! 014 2CH 006 041 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى بولغان ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگەيسەن! كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيدۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ ياخشىلىقىڭدىن شادلانسۇن! 014 2CH 006 042 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!». 014 2CH 007 001 سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى. 014 2CH 007 002 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى. 014 2CH 007 003 ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى. 014 2CH 007 004 پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. 014 2CH 007 005 سۇلايمان پادىشاھ يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنى [خۇداغا] بېغىشلىدى. 014 2CH 007 006 كاھىنلار ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا ئاتىغان سازلارنى تۇتقان لاۋىيلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇراتتى (پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىدە ئىشلەتكىلى ياسىغانىدى، [ئۇ پەرۋەردىگارغا]: «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغىنىدا ئۇلارنى ئىشلىتەتتى)؛ كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ كاناي چېلىشاتتى؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇشقانىدى. 014 2CH 007 007 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى سۇلايمان ياساتقان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاش ھەدىيىلىرى ۋە قۇربانلىقلارنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. 014 2CH 007 008 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت ھېيت ئۆتكۈزدى. 014 2CH 007 009 سەككىزىنچى كۈنى ئۇلار تەنتەنىلىك بىر ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزدى؛ ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغانىدى ئاندىن ئۇلار يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 014 2CH 007 010 يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ خەلقنى ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا، سۇلايمانغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ قايتىپ كەتتى. 014 2CH 007 011 شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ياساپ پۈتتۈردى. سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا نېمە قىلىش كەلگەن بولسا، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى. 014 2CH 007 012 ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم. 014 2CH 007 013 ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم، 014 2CH 007 014 [شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. 014 2CH 007 015 ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ. 014 2CH 007 016 مەن ئەمدى نامىم مەڭگۈ بۇ يەردە ئايان قىلىنسۇن دەپ بۇ ئۆينى تاللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم؛ كۆزۈممۇ، قەلبىممۇ ھەمىشە شۇ يەردە بولىدۇ. 014 2CH 007 017 سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئالدىمدا ماڭساڭ، 014 2CH 007 018 مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئەھدە قىلغىنىمدەك، مەن سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە مەھكەم قىلىمەن. 014 2CH 007 019 بىراق ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا جاكارلىغان بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ چوقۇنساڭلار، 014 2CH 007 020 شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىلنى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى قىلىمەن؛ 014 2CH 007 021 بۇ ئۆي گەرچە ھازىر ئۇلۇغ بولسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھەيران قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. 014 2CH 007 022 كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلارھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 014 2CH 008 001 شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، 014 2CH 008 002 ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 014 2CH 008 003 سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. 014 2CH 008 004 ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى. 014 2CH 008 005 ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛ 014 2CH 008 006 بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. 014 2CH 008 007 ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، 014 2CH 008 008 سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. 014 2CH 008 009 لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. 014 2CH 008 010 بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى. 014 2CH 008 011 سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى. 014 2CH 008 012 سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى [مۇقەددەس جاينىڭ] ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛ 014 2CH 008 013 ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. 014 2CH 008 014 سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. 014 2CH 008 015 [كاھىن-لاۋىيلار] پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى. 014 2CH 008 016 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى. 014 2CH 008 017 ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا [قىزىل] دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى. 014 2CH 008 018 ھۇرام [پادىشاھ] ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى. 014 2CH 009 001 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. 014 2CH 009 002 سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە سۇلايمانغا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. 014 2CH 009 003 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، 014 2CH 009 004 داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 014 2CH 009 005 ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ 014 2CH 009 006 ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن ھەتتا يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. 014 2CH 009 007 سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلىرى نەقەدەر بەختلىكتۇر! 014 2CH 009 008 سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! خۇدالىرى ئىسرائىلغا باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرسۇن دەپ ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى ئۇلار ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى، دېدى. 014 2CH 009 009 ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس 014 2CH 009 010 (ئوفىردىن ئالتۇنلارنى ئەپكېلىدىغان ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچىنى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. 014 2CH 009 011 پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەيلەر ياساپ ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى يەھۇدا زېمىنىدا بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى). 014 2CH 009 012 سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىلىرىدىن ئاشۇرۇپ سوۋغا تۇتتى، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. 014 2CH 009 013 سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. 014 2CH 009 014 بۇ كىرىمدىن باشقا، ئوقەتچى-تىجارەتچىلەر، بارلىق ئەرەب پادىشاھلار ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ سۇلايمانغا تاپشۇراتتى. 014 2CH 009 015 سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى. 014 2CH 009 016 شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ يۈز شەكەل ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. 014 2CH 009 017 پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەخت ياساپ، ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 014 2CH 009 018 تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئالتۇن پۇتپەرىسى تەخت بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى؛ ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 014 2CH 009 019 ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. 014 2CH 009 020 سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارايى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمە ھېسابلىناتتى. 014 2CH 009 021 چۈنكى پادىشاھنىڭ كېمىلىرى ھۇرامنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە تارشىشقا بېرىپ تۇراتتى؛ «تارشىش كېمە»لەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. 014 2CH 009 022 سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. 014 2CH 009 023 خۇدانىڭ سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى؛ 014 2CH 009 024 كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ھەر يىلى ئۇلار بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. 014 2CH 009 025 ۋە سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىسىغا قاتىدىغان ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئېغىلى بار ئىدى، شۇنىڭدەك ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 014 2CH 009 026 سۇلايمان [ئەفرات] دەرياسىدىن فىلىستىيە زېمىنىغىچە تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغا قەدەر بولغان بارلىق پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 014 2CH 009 027 پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. 014 2CH 009 028 كىشىلەر ئاتلارنى مىسىردىن ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىن سۇلايمانغا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇراتتى. 014 2CH 009 029 سۇلايماننىڭ باشقا ئەمەللىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «ناتان پەيغەمبەرنىڭ بايانلىرى»، «شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ بىشارىتى»، شۇنداقلا نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام توغرۇلۇق «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددو كۆرگۈن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر» دېگەن كىتابلارغا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 014 2CH 009 030 سۇلايمان يېرۇسالېمدا تۇرۇپ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 009 031 سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ خالايىق ئۇنى ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ ئوغلى رەھوبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 010 001 رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. 014 2CH 010 002 نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا شۇنداق بولدىكى، مىسىردىن قايتىپ كەلدى (چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). 014 2CH 010 003 ئەمدى خالايىق ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل كېلىپ رەھوبوئامغا: ــ 014 2CH 010 004 سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. 014 2CH 010 005 ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. 014 2CH 010 006 رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. 014 2CH 010 007 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنى خۇش قىلىپ ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. 014 2CH 010 008 لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ 014 2CH 010 009 ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. 014 2CH 010 010 ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. 014 2CH 010 011 ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. 014 2CH 010 012 رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 014 2CH 010 013 رەھوبوئام پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى تاشلاپ كۆپچىلىككە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. 014 2CH 010 014 ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. 014 2CH 010 015 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. 014 2CH 010 016 پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 014 2CH 010 017 ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. 014 2CH 010 018 رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. 014 2CH 010 019 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. 014 2CH 011 001 رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. 014 2CH 011 002 لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ 014 2CH 011 003 «يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ 014 2CH 011 004 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، يەروبوئامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ياندى. 014 2CH 011 005 رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى. 014 2CH 011 006 ئۇ بەيت-لەھەم، ئېتام، تەكوئا، 014 2CH 011 007 بەيت-زۇر، سوكوھ، ئادۇللام، 014 2CH 011 008 گات، مارەشاھ، زىف، 014 2CH 011 009 ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ، 014 2CH 011 010 زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى. 014 2CH 011 011 ئۇ بارلىق قەلئە-قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى. 014 2CH 011 012 ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. 014 2CH 011 013 پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. 014 2CH 011 014 چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى 014 2CH 011 015 (چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى). 014 2CH 011 016 ۋە بۇ [لاۋىيلارغا] ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ-ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 014 2CH 011 017 شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى [يەھۇدادىكىلەر] ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى. 014 2CH 011 018 رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى. 014 2CH 011 019 ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى. 014 2CH 011 020 كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى. 014 2CH 011 021 رەھوبوئام ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن. 014 2CH 011 022 رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى. 014 2CH 011 023 رەھوبوئام ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئوغۇللىرىنى يەھۇدانىڭ بارلىق زېمىنلىرى ۋە بىنيامىننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ناھايىتى كۆپ زاپاس ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇ يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن خوتۇن ئېلىپ بەردى. 014 2CH 012 001 رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى. 014 2CH 012 002 ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى. 014 2CH 012 003 شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى. 014 2CH 012 004 ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى. 014 2CH 012 005 بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى. 014 2CH 012 006 شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى. 014 2CH 012 007 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. 014 2CH 012 008 ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى. 014 2CH 012 009 شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى. 014 2CH 012 010 ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 014 2CH 012 011 پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى. 014 2CH 012 012 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى. 014 2CH 012 013 پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى. 014 2CH 012 014 رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى. 014 2CH 012 015 رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى. 014 2CH 012 016 رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 013 001 پادىشاھ يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولدى. 014 2CH 013 002 ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىكايا بولۇپ، ئۇ گىبېئاھلىق ئۇرىيەلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. 014 2CH 013 003 ئابىيا جەڭ قىلىش ئۈچۈن خىللانغان جەڭچىلەردىن تۆت يۈز مىڭنى باشلاپ چىقتى؛ يەروبوئاممۇ خىللانغان باتۇر جەڭچىلەردىن سەككىز يۈز مىڭنى باشلاپ چىقىپ، ئابىياغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. 014 2CH 013 004 ئابىيا ئەفرائىم تاغلىق رايونىدىكى زەمارايىم تېغىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى يەروبوئام ۋە ئىسرائىل خەلقى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 014 2CH 013 005 بىلمەمسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار «تۇزلۇق ئەھدە» قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىقنى داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈگە تەقدىم قىلغانغۇ؟ 014 2CH 013 006 لېكىن داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قۇلى، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام قوزغىلىپ ئۆز غوجىسىدىن يۈز ئۆرىدى. 014 2CH 013 007 شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتتەھەملەر، «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بىلەن قارشىلىشىشقا ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈردى؛ رەھوبوئام ئۇ چاغدا تېخى ياش، سەبىي بالىدەك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى. 014 2CH 013 008 ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ «ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز» دەيسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار دەرۋەقە كۆپتۇر؛ سىلەردە يەنە يەروبوئام سىلەرگە ياساپ بەرگەن، ئىلاھلار دەپ قارىلىدىغان ئالتۇن موزايلار بار. 014 2CH 013 009 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى قوغلىۋېتىپ، يەر يۈزىدىكى باشقا ئەللەر قىلغىنىدەك ئۆزلىرىڭلارغا [خالىغانچە] كاھىن تىكلىۋالغان ئەمەسمىدىڭلار؟ كىمدەكىم بىر تورپاق ۋە يەتتە قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈمنى [كاھىنلىققا] بېغىشلايمەن دېسە، ئۇ خۇدا بولمىغان بۇتلارغا كاھىن بولالايدۇ! 014 2CH 013 010 لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا. 014 2CH 013 011 ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئېسىل خۇشبۇي ياقىدۇ. پاكىز شىرەگە «تەقدىم نانلار»مۇ تىزىپ قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇلار ئالتۇن چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنى ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىڭلار. 014 2CH 013 012 قاراڭلار، خۇدا بىزنى باشلىغۇچى بولۇپ بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قوللىرىغا كاناي ئالغان، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال چىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۇنىڭ كاھىنلىرىمۇ بىز بىلەن بىللىدۇر. ئى ئىسرائىل بالىلىرى، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ھەرگىز غەلىبە قازىنالمايسىلەر». 014 2CH 013 013 لېكىن يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن بۆكتۈرمە قويغانىدى. شۇنداقكى، ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىدى ۋە بۆكتۈرمە قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى. 014 2CH 013 014 يەھۇدالار بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا ئۆزلىرى ئالدى-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى، كاھىنلارمۇ كانايلارنى چالدى. 014 2CH 013 015 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشتى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقاندا، خۇدا يەروبوئام بىلەن بارلىق ئىسرائىللارنى ئابىيا بىلەن يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇپ تېرە-پەرەڭ قىلدى. 014 2CH 013 016 ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ خۇدا ئۇلارنى يەھۇدالارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 014 2CH 013 017 ئابىيا بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى؛ ئىسرائىللاردىن خىللانغان بەش يۈز مىڭ ئەسكەر قەتل قىلىندى. 014 2CH 013 018 بۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەن قىلىندى؛ يەھۇدادىكىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قازاندى. 014 2CH 013 019 ئابىيا يەروبوئامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىن بىرقانچە شەھىرىنى، يەنى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، يېشاناھ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، ئەفرون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى تارتىۋالدى. 014 2CH 013 020 يەروبوئام ئابىيانىڭ كۈنلىرىدە قايتىدىن كۈچلىنەلمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. 014 2CH 013 021 ئابىيا بولسا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى؛ ئۇ ئون تۆت خوتۇن ئېلىپ، يىگىرمە ئىككى ئوغۇل، ئون ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. 014 2CH 013 022 ئابىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ماڭغان يوللىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى «ئىددو پەيغەمبەرنىڭ تەھلىلى»دە پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 014 001 ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، كىشىلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاسا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە ئون يىل تىنچ ئۆتتى. 014 2CH 014 002 ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە توغرا بولغاننى قىلدى. 014 2CH 014 003 ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ئۆرۈپ چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كىسىپ تاشلىدى، 014 2CH 014 004 يەھۇدالارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى، مۇقەددەس قانۇن-ئەمرلەرنى تۇتۇشنى ئەمر قىلدى. 014 2CH 014 005 ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدىكى ھەربىر شەھەرلەردىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى يوقاتتى. ئۇ چاغدا پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تىنچ-ئاسايىشلىقتا ئۆتتى. 014 2CH 014 006 ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدا بىرنەچچە قورغانلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى، چۈنكى يۇرت-زېمىن ئاراملىقتا بولدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچكە، شۇ يىللاردا ھېچ ئۇرۇش بولمىدى. 014 2CH 014 007 ئۇ يەھۇدالارغا: ــ زېمىن ئالدىمىزدا تىنچ تۇرغاندا، بۇ شەھەرلەرنى سېپىل بىلەن قورشالغان، مۇنارلىق، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان شەھەرلەر قىلىپ قۇرايلى؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ تىنچلىك بەردى؛ بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق ۋە ئۇ بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدا بىزگە ئاراملىق بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇلۇشنى باشلىدى ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. 014 2CH 014 008 ئاسانىڭ قوشۇنى بار ئىدى؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن سىپار ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ كىشىلىك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. 014 2CH 014 009 ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، [ئاساغا] ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى. 014 2CH 014 010 ئاسا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا ئاتلاندى؛ ئۇلار مارەشاھقا يېقىن زەفاتاھ جىلغىسىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. 014 2CH 014 011 ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! ــ دېدى. 014 2CH 014 012 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاسا ۋە يەھۇدالار ئالدىدا ئېفىئوپىيلەرنى ئۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، ئېفىئوپىيلەر قاچتى. 014 2CH 014 013 ئاسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تاكى گەرارغىچە قوغلىدى؛ ئېفىئوپىيلەر شۇنداق يىقىتىلدىكى، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ تىرىك قالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان قىلىندى. يەھۇدالار غايەت زور جەڭ غەنىمەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ كەتتى. 014 2CH 014 014 ئۇلار يەنە گەرار ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردىن زور بىر قورقۇنچ مۇشۇ شەھەرلەردىكىلەرنى باسقانىدى. يەھۇدالار يەنە ھەممە شەھەرنى بىرنىمۇ قويماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، چۈنكى ئۇلاردا تولىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك بار ئىدى. 014 2CH 014 015 ئۇلار يەنە مال باققان چارۋىچىلارنىڭ چېدىر-قوتانلىرىغىمۇ زەرب قىلىپ، ناھايىتى كۆپ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 014 2CH 015 001 خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 014 2CH 015 002 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. 014 2CH 015 003 ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛ 014 2CH 015 004 لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. 014 2CH 015 005 ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. 014 2CH 015 006 خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى. 014 2CH 015 007 لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى. 014 2CH 015 008 ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى. 014 2CH 015 009 ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى). 014 2CH 015 010 ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى. 014 2CH 015 011 شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 014 2CH 015 012 ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛ 014 2CH 015 013 ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى. 014 2CH 015 014 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى. 014 2CH 015 015 پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى. 014 2CH 015 016 ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 014 2CH 015 017 «يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى [پەرۋەردىگارغا] پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. 014 2CH 015 018 ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. 014 2CH 016 001 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز بەشىنچى يىلىغىچە ئۇرۇش بولۇپ باقمىدى. ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 014 2CH 016 002 ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردىن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى بەن-ھادادقا ئەۋەتىپ ۋە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 014 2CH 016 003 «مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇن ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. 014 2CH 016 004 بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، ئابەل-مايىم، نافتالىدىكى بارلىق ئامبار شەھەرلىرىنى بېقىندۇردى. 014 2CH 016 005 بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى توختاتتى. 014 2CH 016 006 ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. 014 2CH 016 007 ئۇ چاغدا، ئالدىن كۆرگۈچى ھانانى يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەمەس، بەلكى سۇرىيە پادىشاھىغا تايانغانلىقىڭ ئۈچۈن سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنى ئۆز قولۇڭدىن قۇتۇلدى. 014 2CH 016 008 ئېفىئوپىيلەر بىلەن لىۋىيەلىكلەر چوڭ بىر قوشۇن ئەمەسمىدى؟ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمەسمىدى؟ لېكىن سەن پەقەت پەرۋەردىگارغا تايانغاندا، ئۇ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرغانىدى. 014 2CH 016 009 چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى. 014 2CH 016 010 بۇنى ئاڭلاپلا ئاسا ئالدىن كۆرگۈچىگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويدى؛ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەھرى قايناپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خەلقتىن بەزىلىرىگە زۇلۇم سېلىشقا باشلىغانىدى. 014 2CH 016 011 مانا، ئاسانىڭ قىلغان ئىشلىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 016 012 ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى؛ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ ئاغرىغاندىمۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىدى، بەلكى پەقەت تېۋىپلاردىنلا ياردەم ئىزدىدى. 014 2CH 016 013 ئاسا سەلتەنىتىنىڭ قىرىق بىرىنچى يىلىدا ئۆلدى، ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. 014 2CH 016 014 خەلقلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزىگە ئاتاپ تەييارلىتىپ كولىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەتتارلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تەڭشەلگەن ھەرتۈرلۈك دورا-دەرماندىن بولغان بىر ئارىلاشما پۈركەلگەن جىنازىغا ياتقۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى. 014 2CH 017 001 ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى. 014 2CH 017 002 ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى. 014 2CH 017 003 پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى، 014 2CH 017 004 بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى. 014 2CH 017 005 شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. 014 2CH 017 006 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى. 014 2CH 017 007 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى. 014 2CH 017 008 ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى. 014 2CH 017 009 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى. 014 2CH 017 010 يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى. 014 2CH 017 011 فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى. 014 2CH 017 012 يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى. 014 2CH 017 013 ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى. 014 2CH 017 014 جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 014 2CH 017 015 ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 014 2CH 017 016 يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى. 014 2CH 017 017 بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ 014 2CH 017 018 ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى. 014 2CH 017 019 بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى. 014 2CH 018 001 يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى. 014 2CH 018 002 بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئاھاب بىلەن كۆرۈشۈشكە سامارىيەگە باردى. ئاھاب بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن كالا، قوي سويدى؛ ئاندىن ئۇ ئۇنى گىلېئادتىكى راموتقا بىللە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇناتتى. 014 2CH 018 003 ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتتىن: ــ ئۆزلىرى مېنىڭ بىلەن بىللە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر. مەن ئۆزلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا بارماي تۇرمايمەن، دەپ جاۋاپ بەردى. 014 2CH 018 004 لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. 014 2CH 018 005 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈز ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ بىز جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. 014 2CH 018 006 لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا يول سورىغۇدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 014 2CH 018 007 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى دائىم بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. 014 2CH 018 008 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. 014 2CH 018 009 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. 014 2CH 018 010 كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. 014 2CH 018 011 ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. 014 2CH 018 012 مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. 014 2CH 018 013 ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. 014 2CH 018 014 ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى [دۈشمىنىڭلار] قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى. 014 2CH 018 015 لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. 014 2CH 018 016 مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن» دېدى، ــ دېدى. 014 2CH 018 017 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. 014 2CH 018 018 مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 014 2CH 018 019 پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ 014 2CH 018 020 شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، 014 2CH 018 021 ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. 014 2CH 018 022 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. 014 2CH 018 023 شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. 014 2CH 018 024 مىكايا جاۋاب بېرىپ: ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. 014 2CH 018 025 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، 014 2CH 018 026 ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ، نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دەڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 014 2CH 018 027 مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. 014 2CH 018 028 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. 014 2CH 018 029 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىقسىلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. 014 2CH 018 030 سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 014 2CH 018 031 ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ئولىشىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولدى؛ لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. خۇدا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى؛ 014 2CH 018 032 چۈنكى شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. 014 2CH 018 033 ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. 014 2CH 018 034 ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ كەچكىچە سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. كۈن پېتىشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. 014 2CH 019 001 يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات ئامان-ئېسەن يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى. 014 2CH 019 002 ئالدىن كۆرگۈچى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سېنىڭ رەزىللەرنىڭ ياردىمىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئۆچ بولغانلارنى سۆيگىنىڭ دۇرۇسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېشىڭغا چۈشىدىغان بولدى. 014 2CH 019 003 ھالبۇكى، سەن ئاشەراھ بۇتلىرىنى زېمىندىن يوقىتىپ تاشلىغىنىڭ ۋە خۇدانى ئىزدەشكە نىيەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىمۇ ياخشىلىق تېپىلدى، دېدى. 014 2CH 019 004 يەھوشافات يېرۇسالېمدا ئولتۇراتتى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ، بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە سەپەر قىلىپ، خەلقنى توۋا قىلدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ياندۇردى. 014 2CH 019 005 ئۇ يەنە يەھۇدا تەۋەسىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەردە سوراقچىلارنى تەيىنلىدى؛ 014 2CH 019 006 ئۇ سوراقچىلارغا: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر؛ سىلەر ھۆكۈم چىقارغىنىڭلاردا ئۇ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 014 2CH 019 007 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىمىسى كۆز ئالدىڭلاردا بولسۇن؛ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدا ناھەقلىق يوق، يۈز-خاتىر قىلىش يوق، پارا يېيىشمۇ يوقتۇر، دېدى. 014 2CH 019 008 يەھوشافات لاۋىيلاردىن، كاھىنلاردىن ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ باشلىرىدىن بەزىلەرنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش ۋە خەلقنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىدى. 014 2CH 019 009 يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار. 014 2CH 019 010 ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. 014 2CH 019 011 پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق ئىشلاردا سىلەرنى باش كاھىن ئامارىيا باشقۇرىدۇ؛ پادىشاھقا دائىر ئىشلاردا، سىلەرنى يەھۇدا جەمەتىنىڭ يولباشچىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا باشقۇرىدۇ؛ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا تۇرىدىغان لاۋىيلار بار. جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلىرىڭلارنى قىلىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئىشنى دۇرۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بولىدۇ! ــ دېدى. 014 2CH 020 001 كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، موئابىيلار، ئاممونىيلار ۋە مائونىيلاردىن بەزىلىرى بىرلىشىپ كېلىپ يەھوشافاتقا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. 014 2CH 020 002 [چاپارمەنلەر] كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ [ئۆلۈك] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 014 2CH 020 003 بۇنى ئاڭلىغان يەھوشافات قورقۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە نىيەت باغلاپ، پۈتۈن يەھۇدا تەۋەسىدە «روزا تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى. 014 2CH 020 004 يەھۇدالار ئەمدى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىگىلى يىغىلدى؛ خەلق يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەشكە كېلىشتى. 014 2CH 020 005 يەھوشافات يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى جامائەت ئارىسىغا چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ 014 2CH 020 006 مۇنداق دۇئا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، سەن ئەرشتە تۇرغۇچى خۇدا، بارلىق ئەل-مەملىكەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى ئەمەسمىدىڭ؟ سېنىڭ قولۇڭ كۈچ-قۇدرەتكە تولغاندۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. 014 2CH 020 007 ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىدىن قوغلاپ، ئۇنى ئۆز دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟ 014 2CH 020 008 ئۇلار شۇ يەردە تۇردى ھەم شۇ يەردە سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ بىر مۇقەددەسخانا سېلىپ: 014 2CH 020 009 «مۇبادا بېشىمىزغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، مەيلى ئۇ قىلىچ، جازا، ۋابا، ئاچارچىلىق بولسۇن، قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ ئۆي، يەنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ساڭا مۇراجىئەت قىلساق (چۈنكى سېنىڭ نامىڭ مۇشۇ ئۆيدىدۇر)، سەن ئاڭلايسەن ۋە قۇتقۇزىسەن» دېگەنىدى. 014 2CH 020 010 ئەمدى مانا، بۇ يەرگە ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەر بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! ئىلگىرى ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققان چاغدا سەن ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمىغانىدىڭ؛ ئۇ چاغدا ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقاتماي ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن. 014 2CH 020 011 ئەمدى قارا، ھازىر ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىمىزنى قانداق يول بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىغا! ئۇلار بىزنى سەن بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. 014 2CH 020 012 ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ چۈنكى بىزنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىۋاتقان بۇ زور قوشۇن بىلەن قارشىلاشقۇدەك كۈچىمىز يوق؛ نېمە قىلىشىمىزنىمۇ بىلمەي قالدۇق؛ لېكىن بىزنىڭ كۆزىمىز ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا» ــ دېدى. 014 2CH 020 013 بۇ چاغدا پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، ئۇلارنىڭ قۇچاقتىكى بالىلىرى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 014 2CH 020 014 ۋە شۇ پەيتتە پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان لاۋىيلاردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولغان ماتتانىيانىڭ چەۋرىسى، جەئىيەلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زەكەرىيانىڭ ئوغلى ياھازىيەلگە چۈشتى؛ 014 2CH 020 015 ئۇ: ــ ئى پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، سىلەر يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە پادىشاھ يەھوشافات، قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر بۇ زور قوشۇندىن قورقۇپ كەتمەڭلار ۋە ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ جەڭ سىلەرنىڭكى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر. 014 2CH 020 016 ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار؛ مانا، ئۇلار زىز داۋانىدىن چىقىپ كېلىدۇ ۋە سىلەر ئۇلارنى يەرۇئەل چۆلىنىڭ ئالدىدىكى جىلغا ئېغىزىدا ئۇچرىتىسىلەر. 014 2CH 020 017 سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى. 014 2CH 020 018 بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەھوشافات بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تىزلاندى ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى ھەم يېرۇسالېمدىكىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا دۈم يىقىلىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 014 2CH 020 019 كوھات ئەۋلادى ۋە كوراھ ئەۋلادى ئىچىدىكى لاۋىيلاردىن بولغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەشتى. 014 2CH 020 020 پۈتۈن خەلق ئەتىسى قاق سەھەردە تۇرۇپ تەكوئا چۆلىگە قاراپ ئاتلاندى؛ ئۇلار ئاتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يەھوشافات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ ئى يەھۇدا خەلقى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار، چوقۇم مەزمۇت تۇرغۇزۇلىسىلەر؛ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، يولۇڭلار چوقۇم راۋان بولىدۇ! ــ دېدى. 014 2CH 020 021 ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. 014 2CH 020 022 ئۇلار تەنتەنە قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشى بىلەن، پەرۋەردىگار يەھۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىققان ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەرگە پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدۇردى. 014 2CH 020 023 شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار سېئىر تېغىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى، ئۇلارنى بىرىنى قويماي قىرىۋەتتى؛ ئۇلار سېئىر تېغىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا چۈشكەنىدى. 014 2CH 020 024 يەھۇدالار چۆلدىكى كۆزەتگاھقا كېلىپ شۇ زور قوشۇن تەرەپكە قارىسا، مانا قېچىپ قۇتۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلاپ كەتكەنىدى. 014 2CH 020 025 يەھوشافات ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن دۈشمەندىن ئولجا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە كۆپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپتى. ئۇلار سالدۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئېلىپ كىتەلمەي قالدى؛ ئولجا شۇنچە كۆپ بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئۈچ كۈن كەتتى. 014 2CH 020 026 ئۇلار تۆتىنچى كۈنى بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى؛ شۇڭا ئۇ يەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر «بەراكاھ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 014 2CH 020 027 ئاندىن بارلىق يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يەھوشافاتنىڭ باشلامچىلىقىدا خۇشال-خۇرام بولۇپ يېرۇسالېمغا قايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى. 014 2CH 020 028 ئۇلار يېرۇسالېمغا تەمبۇر، چىلتار ۋە كانايلار چېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. 014 2CH 020 029 بارلىق ئەل-مەملىكەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستى. 014 2CH 020 030 شۇنىڭ بىلەن يەھوشافاتنىڭ پادىشاھلىقى تىنچ-ئاسايىشلىقتا بولدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تىنچ قىلغانىدى. 014 2CH 020 031 شۇنداق قىلىپ يەھوشافات يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. 014 2CH 020 032 يەھوشافات قايماي ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 014 2CH 020 033 پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خەلق تېخىچە كۆڭۈللىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىغا مايىل قىلمىغانىدى. 014 2CH 020 034 يەھوشافاتنىڭ قالغان ئىشلىرى بولسا، مانا باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەن «ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ بايان سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 020 035 بۇ ئىشلاردىن كېيىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات تولا رەزىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىل پادىشاھى ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. 014 2CH 020 036 يەھوشافات تارشىشقا بارىدىغان كېمىلەرنى ياساشقا ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشتى؛ شۇ كېمىلەرنى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ياساتتى. 014 2CH 020 037 ئۇ چاغدا مارەشاھلىق دوداۋاھۇنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر يەھوشافاتنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ: ــ ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنى بۇزۇۋېتىدۇ» دېدى. دەرۋەقە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ كېمىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تارشىشقا ماڭالمىدى. 014 2CH 021 001 يەھوشافات ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى يەھورام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 021 002 [يەھورامنىڭ] بىرنەچچە ئىنىسى، يەنى يەھوشافاتنىڭ ئازارىيا، يەھىيەل، زەكەرىيا، ئازارىياھۇ، مىكائىل ۋە شەفاتىيا دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 014 2CH 021 003 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى، شۇنداقلا يەھۇدا زېمىنىدىكى بىرقانچە قورغانلىق شەھەرنى سوۋغا قىلدى؛ پەقەت پادىشاھلىقنى بولسا، يەھورام چوڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بەردى. 014 2CH 021 004 يەھورام ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ئىنىلىرىنى، شۇنداقلا يەھۇدادىكى بىرقانچە ئەمەلدارلارنى قىلىچلاپ قەتل قىلدى. 014 2CH 021 005 يەھورام تەختكە ئولتۇرغىنىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 021 006 ئۇ ئاھاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ماڭغان يولدا ماڭدى، چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغانىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 014 2CH 021 007 بىراق پەرۋەردىگار داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى سەۋەبلىك، داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر چىراغ قالدۇراي دەپ، ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ جەمەتىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى خالىمىدى. 014 2CH 021 008 [يەھورامنىڭ] سەلتەنىتىدىكى كۈنلەردە ئېدوملار يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تىكلىدى. 014 2CH 021 009 يەھورام، سەردارلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرى [ئىئوردان دەرياسىدىن] ئۆتۈپ، كېچىدە قوزغىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان ئېدومىيلارغا ۋە جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلدى. 014 2CH 021 010 ھالبۇكى، ئېدومىيلار شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن يەھۇداغا قارشى چىقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ تۇردى. يەھورام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلىغىنى ئۈچۈن لىبناھلىقلارمۇ شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىن ئايرىلىپ چىقتى. 014 2CH 021 011 ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھورام يەنە يەھۇدانىڭ تاغلىرىدا «يۇقىرى جايلار»نى ياسىتىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى، يەھۇدالارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردى. 014 2CH 021 012 شۇ ۋاقىتلاردا ئىلىياس پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر مەكتۇپ يەھورامغا تەگدى، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: «سېنىڭ بوۋاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاتاڭ يەھوشافاتنىڭ يوللىرىدا ماڭماي، شۇنىڭدەك يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭمۇ يوللىرىنى تۇتماي، 014 2CH 021 013 بەلكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى خۇددى ئاھاب جەمەتىدىكىلەر بۇزۇقچىلىقلار قىلغاندەك بۇزۇقچىلىقلارغا پۇتلاشتۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى، يەنى ئۆزۈڭدىن ياخشى بولغان ئىنىلىرىڭنى قەتل قىلغىنىڭ ئۈچۈن، 014 2CH 021 014 پەرۋەردىگار سېنىڭ خەلقىڭنى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىڭنى ۋە بارلىق مال-مۈلكۈڭگە ئالامەت زور زەرب بىلەن ئۇرىدۇ. 014 2CH 021 015 ئۇ سېنىمۇ ئېغىر ۋابالار بىلەن ئۇرۇپ، ئۈچەي-باغرىڭنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇكى، كېسىلىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۈچەيلىرىڭ ئېقىپ چىقىدۇ»» دېيىلگەنىدى. 014 2CH 021 016 كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئېفىئوپىيلەرنىڭ يېنىدىكى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى يەھورامغا قارشى قوزغاتتى. 014 2CH 021 017 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەھۇدا زېمىنىغا زەرب قىلىپ بېسىپ ئۆتتى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن خوتۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار كەنجى ئوغلى يەھوئاھازدىن بۆلەك ئوغۇللىرىدىن بىرىنىمۇ قالدۇرمىدى. 014 2CH 021 018 بۇ ۋەقەدىن كېيىن پەرۋەردىگار يەھورامنى ئۇرۇپ، ئۈچەيلىرىنى ساقايماس ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. 014 2CH 021 019 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈشكە ئاز قالغاندا، كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۈچەيلىرى تېشىلىپ چۈشتى، ئۇ تولىمۇ ئازابلىنىپ ئۆلدى؛ ئۇنىڭ خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا خۇشبۇي ياققاندەك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خۇشبۇي يېقىپ ئولتۇرمىدى. 014 2CH 021 020 يەھورام تەختكە چىققان چېغىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى ۋە ئۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھېچكىم ئۇنىڭغا قايغۇ-ھەسرەت چەكمىدى. خالايىق ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى، لېكىن پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. 014 2CH 022 001 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋتقانلار يەھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاھازىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى؛ چۈنكى ئەرەبلەر بىلەن بىللە بارگاھقا بېسىپ كىرگەن قاراقچىلار ئاھازىيانىڭ ئاكىلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 022 002 ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ [نەۋرە] قىزى ئىدى. 014 2CH 022 003 ئاھازىيامۇ ئاھاب جەمەتىنىڭ يوللىرىغا ماڭدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى رەزىللىككە ئۈندەيتتى. 014 2CH 022 004 ئۇ ئاھاب جەمەتى قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاھاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان رەزىل نەسىھەتلەرنى بېرەتتى. 014 2CH 022 005 ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام بىلەن بىرلىكتە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىپ سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشتى؛ شۇ چاغدا سۇرىيلەر يەھورامنى زەخىملەندۈردى. 014 2CH 022 006 ئاندىن يەھورام راماھدا سۇرىيە پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان چاغدىكى جاراھەتلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتتى. ئاندىن يەھورامنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى. 014 2CH 022 007 ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى. 014 2CH 022 008 ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 014 2CH 022 009 يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر: «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى. 014 2CH 022 010 ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، يەھۇدا جەمەتىدىكى بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. 014 2CH 022 011 لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، [باش] كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى. 014 2CH 022 012 ئاندىن كېيىن يوئاش ئۇلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى؛ ئۇ چاغدا ئاتالىيا يەھۇدا زېمىنىدا سەلتەنەت قىلاتتى. 014 2CH 023 001 يەتتىنچى يىلى، يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ، يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارىيا، يەھوھاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبەدنىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېياھ ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىشافات قاتارلىق بىرقانچە يۈزبېشىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. 014 2CH 023 002 ئۇلار يەھۇدا زېمىنىنى ئارىلاپ، يەھۇدادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە ئىسرائىلدىكى چوڭ يولباشچىلارنى يىغدى؛ ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 014 2CH 023 003 پۈتكۈل جامائەت خۇدانىڭ ئۆيىدە پادىشاھ بىلەن ئەھدىلەشتى. يەھويادا ئۇلارغا: ــ پادىشاھنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغىنىدەك چوقۇم سەلتەنەت قىلىدۇ. 014 2CH 023 004 مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەرقايسى دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ 014 2CH 023 005 ئۈچتىن بىرى پادىشاھ ئوردىسىنى، ئۈچتىن بىرى «ئۇل دەرۋازىسى»نى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. 014 2CH 023 006 لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن. 014 2CH 023 007 لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى قولىغا قوراللىرىنى ئېلىپ پادىشاھنى ئوراپ تۇرسۇن؛ ئۆز مەيلىچە مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھەركىم ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر پادىشاھ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار، ــ دېدى. 014 2CH 023 008 لاۋىيلار بىلەن يەھۇدالارنىڭ ھەممىسى كاھىن يەھويادانىڭ بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى. لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى شابات كۈنى نۆۋەتچىلىككە كىرگەن ۋە نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەرنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ قالدى؛ چۈنكى كاھىن يەھويادا ھېچكىمنى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈشكە قويمىدى. 014 2CH 023 009 ئاندىن يەھويادا كاھىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقان-سىپارلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. 014 2CH 023 010 ئۇ يەنە كۆپچىلىكنى، ھەربىرى قولىغا ئۆز نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە، قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. 014 2CH 023 011 ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [خۇشبۇي ماي بىلەن] ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. 014 2CH 023 012 ئاتالىيا خەلقلەرنىڭ چېپىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە پادىشاھنى تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. 014 2CH 023 013 ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. 014 2CH 023 014 ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۆلتۈرمەڭلار، دەپ ئېيتقانىدى. 014 2CH 023 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ئۇ ئوردىنىڭ «ئات دەرۋازىسى» بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگەندە [لەشكەرلەر] ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 014 2CH 023 016 يەھويادا، پۈتكۈل جامائەت ۋە پادىشاھ بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دېگەن بىر ئەھدىنى تۈزۈشتى. 014 2CH 023 017 ئاندىن بارلىق خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. 014 2CH 023 018 ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. كاھىنلارنى بولسا، ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا نۆۋەت بىلەن قاراشقا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا داۋۇت تەيىنلىگەنىدى. ئۇلار قۇربانلىقلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە نەغمە-ناۋا ئوقۇغان ھالدا مۇساغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك سۇنۇشقا مەسئۇل ئىدى. 014 2CH 023 019 [يەھويادا] يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى. 014 2CH 023 020 ئۇ يەنە يۈزبېشىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلار ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى باشلاپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، «يۇقىرىقى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا ئەكىرىپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. 014 2CH 023 021 يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. 014 2CH 024 001 يوئاش تەختكە چىققان چېغىدا يەتتە ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىياھ بولۇپ، بەئەر-شېبالىق ئىدى. 014 2CH 024 002 يەھويادا كاھىن ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. 014 2CH 024 003 يەھويادا ئۇنىڭغا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بىرقانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى. 014 2CH 024 004 شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىتىش نىيىتىگە كەلدى، 014 2CH 024 005 ئۇ كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدا شەھەرلىرىگە بېرىپ، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار؛ بۇ ئىشنى تېزدىن بېجىرىڭلار! ــ دېدى. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى بېجىرىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى. 014 2CH 024 006 بۇنى ئۇققان پادىشاھ باش كاھىن يەھويادانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزلىرى نېمىشقا لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باجنى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇمىدىلا؟ ــ دېدى 014 2CH 024 007 (چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى). 014 2CH 024 008 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا قويغۇزدى؛ 014 2CH 024 009 ئاندىن: «خۇدانىڭ قۇلى مۇسا چۆلدە ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن باجنى يىغىپ ئەكىلىپ پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار» دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم تەۋەسىدە چىقىرىلدى. 014 2CH 024 010 بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى. 014 2CH 024 011 لاۋىيلار پۇل ساندۇقىنى پادىشاھ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، ئۇلار باج پۇلىنىڭ كۆپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئاندىن پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىننىڭ ئادىمى كېلىپ پۇل ساندۇقىنى ئۆڭتۈرۈپ قۇرۇقدىغاندىن كېيىن، يەنە ئەسلى ئورنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ھەركۈنى شۇنداق بولۇپ تۇردى؛ ناھايىتى كۆپ پۇل يىغىلدى. 014 2CH 024 012 پادىشاھ بىلەن يەھويادا پۇلنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تاپشۇردى؛ ئۇلار [بۇنىڭ بىلەن] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارنى، تۆمۈرچىلەر بىلەن مىسكەرلەرنى ياللىدى. 014 2CH 024 013 ئىشلەمچىلەر توختىماي ئىشلىدى، ئوڭشاش ئىشى ئۇلارنىڭ قولىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم-لاھىيەسى بويىچە ياسىدى، شۇنداقلا ئۇنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ ياساپ چىقتى. 014 2CH 024 014 ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى. 014 2CH 024 015 يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى. 014 2CH 024 016 ئۇلار ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە پادىشاھلار قاتارىدا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلغا ھەم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى. 014 2CH 024 017 يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن يەھۇدادىكى يولباشچىلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئۇلار كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى ماقۇل كۆردى. 014 2CH 024 018 ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشەراھ ۋە بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھى سەۋەبلىك خۇدانىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 014 2CH 024 019 شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆزىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ بۇ پەيغەمبەرلەر گەرچە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى. 014 2CH 024 020 ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، ــ دېدى. 014 2CH 024 021 خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 014 2CH 024 022 پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى. 014 2CH 024 023 شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالغان پۈتۈن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى دەمەشق پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 014 2CH 024 024 دەرۋەقە سۇرىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەھۇدالار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار چوڭ بىر قوشۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار يوئاشقا جازا ئىجرا قىلدى. 014 2CH 024 025 سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. 014 2CH 024 026 ئۇنى قەستلىگەنلەر مۇنۇلار: ــ ئاممونىي ئايال شىمىياتنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن موئابىي ئايال سىمرىتنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى. 014 2CH 024 027 يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان قاتتىق ۋە نۇرغۇن ئاگاھ بېشارەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىباشتىن سېلىشقا دائىر ئىشلىرى «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئىزاھلىرىغا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 025 001 ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. 014 2CH 025 002 ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى. 014 2CH 025 003 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 014 2CH 025 004 لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى. 014 2CH 025 005 ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. 014 2CH 025 006 ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى. 014 2CH 025 007 لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس. 014 2CH 025 008 ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى. 014 2CH 025 009 ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى. 014 2CH 025 010 شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 014 2CH 025 011 ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى. 014 2CH 025 012 يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى. 014 2CH 025 013 ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى. 014 2CH 025 014 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى. 014 2CH 025 015 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى. 014 2CH 025 016 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى. 014 2CH 025 017 شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى. 014 2CH 025 018 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. 014 2CH 025 019 سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». 014 2CH 025 020 ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى [يوئاشنىڭ] قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 014 2CH 025 021 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. 014 2CH 025 022 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. 014 2CH 025 023 ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى. 014 2CH 025 024 ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. 014 2CH 025 025 ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 014 2CH 025 026 ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ 014 2CH 025 027 ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. 014 2CH 025 028 ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. 014 2CH 026 001 يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىركەن ئوغلى ئۇززىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى 014 2CH 026 002 (پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى). 014 2CH 026 003 ئۇززىيا تەختكە چىققان چېغىدا ئون ئالتە ياش ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا جەمئىي ئەللىك ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. 014 2CH 026 004 ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 014 2CH 026 005 خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى. 014 2CH 026 006 ئۇ چىقىپ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە گاتنىڭ سېپىلىنى، جابنەھنىڭ سېپىلىنى ۋە ئاشدودنىڭ سېپىلىنى چاقتۇرۇۋەتتى. يەنە ئاشدود ئەتراپىدا، شۇنداقلا فىلىستىيلەر ئارىسىدا بىرنەچچە شەھەر بەرپا قىلدى. 014 2CH 026 007 خۇدا ئۇنىڭ فىلىستىيلەر ۋە گۇر-بائالدا تۇرۇۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن مائونلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەردى. 014 2CH 026 008 ئاممونىيلار ئۇززىياغا ئولپان تۆلىدى؛ ئۇززىيا تولىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، نام-شۆھرىتى تاكى مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە تارقالدى. 014 2CH 026 009 ئۇززىيا يېرۇسالېمدىكى «بۇرجەك دەرۋازىسى»دا، «جىلغا دەرۋازىسى»دا ۋە سېپىلنىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە مۇنارلار سالدى ۋە ئۇلارنى ئاجايىپ مۇستەھكەم قىلدى. 014 2CH 026 010 ئۇ يەنە چۆللەردە بىرمۇنچە كۆزەت مۇنارلىرىنى سالغۇزدى ۋە كۆپ قۇدۇقلارنى كولاتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئېگىزلىكتە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىدى؛ ئۇ يەنە تېرىقچىلىققا ئامراق بولغاچقا، تاغلاردا ۋە ئېتىز-باغلاردا [نۇرغۇن] باغۋەنلەرنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتتى. 014 2CH 026 011 ئۇززىيانىڭ يەنە ئۇرۇشقا ماھىر قوشۇنى بار ئىدى. قوشۇن كاتىپ جەئىيەل ۋە ئەمەلدار مائاسېياھ ئېنىقلىغان سانغا ئاساسەن قىسىم-قىسىملار بويىچە بۆلۈنۈپ، پادىشاھنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى بولغان ھانانىيانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا سەپ بولۇپ جەڭگە چىقاتتى. 014 2CH 026 012 بۇ باتۇر جەڭچىلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 014 2CH 026 013 ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىكى قوشۇن جەمئىي ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ بەش يۈز بولۇپ، ھەممىسى ئىشتا قابىل، جەڭدە ماھىر ئىدى، ئۇلار پادىشاھقا ياردەملىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايتتى. 014 2CH 026 014 ئۇززىيا پۈتكۈل قوشۇنىدىكى لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دوبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغىلار بىلەنمۇ قوراللاندۇرغانىدى. 014 2CH 026 015 ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا ئۇستىلار ئىجاد قىلغان ئوق بېشى ۋە يوغان تاشلارنى ئاتقۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ياسىتىپ، ئۇلارنى سېپىل مۇنارلىرىغا ۋە بۇرجەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ ئالامەت ياردەملەرگە ئېرىشكەچكە، كارامەت قۇدرەت تاپقانىدى. 014 2CH 026 016 لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. 014 2CH 026 017 كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛ 014 2CH 026 018 ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ــ ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى. 014 2CH 026 019 ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى. 014 2CH 026 020 باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى. 014 2CH 026 021 پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى. 014 2CH 026 022 ئۇززىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى بولسا باشتىن ئاخىرىغىچە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغاندۇر. 014 2CH 026 023 ئۇززىيا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ بەزىلەر: ــ «ئۇ ماخاۋ بولغان ئادەم» دېگەچكە، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قاتارىدا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا تەۋە [چەترەك] بىر يەرلىككە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 027 001 يوتام تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا بولۇپ، زادوكنىڭ قىزى ئىدى. 014 2CH 027 002 ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى. 014 2CH 027 003 پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى دەرۋازىسىنى ياساتقۇچى يوتام ئىدى؛ ئۇ يەنە ئوفەلدىكى سېپىلدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلدى. 014 2CH 027 004 ئۇ يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدا شەھەرلەرنى بىنا قىلدى، ئورمانلىقلاردىمۇ قەلئە-قورغانلار ۋە كۆزەت مۇنارلىرىنى ياساتتى. 014 2CH 027 005 ئۇ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ شۇ يىلى ئاممونىيلار ئۇنىڭغا ئۈچ تالانت كۈمۈش، مىڭ توننا بۇغداي، مىڭ توننا ئارپا ئولپان بەردى؛ ئاممونىيلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئولپان ئېلىپ كەلدى. 014 2CH 027 006 يوتام خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا يوللىرىنى توغرا قىلغىنى ئۈچۈن قۇدرەت تاپتى. 014 2CH 027 007 يوتامنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن قىلغان جەڭلىرى ۋە تۇتقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى مانا «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 027 008 ئۇ تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 027 009 يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 028 001 ئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلماي، 014 2CH 028 002 بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ ماڭدى؛ ئۇ ھەتتا بائاللارغا ئاتاپ مەبۇدلارنى قۇيدۇردى؛ 014 2CH 028 003 پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛ 014 2CH 028 004 يەنە «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەرقايسى كۆكەرگەن دەرەخ ئاستىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى ۋە كۈجە كۆيدۈردى. 014 2CH 028 005 شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنى سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ سۇرىيلەر ئۇنى تارمار كەلتۈرۈپ، يەھۇدادىن نۇرغۇن خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. خۇدا يەنە ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىل پادىشاھى [يەھۇدادا] چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. 014 2CH 028 006 رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يەھۇدادا بىر كۈن ئىچىدە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنىدى. 014 2CH 028 007 زىكرى ئىسىملىك بىر ئەفرائىمىي ئەزىمەت بار ئىدى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسىياھانى، ئوردىنىڭ باش غوجىدارى ئازرىكام ۋە پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ئەلكاناھنى قەتل قىلدى. 014 2CH 028 008 ئىسرائىللار ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز مىڭ ئايال، ئوغۇل-قىز بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار يەنە يەھۇدادىن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سامارىيەگە ئەكەتتى. 014 2CH 028 009 لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار. 014 2CH 028 010 ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟ 014 2CH 028 011 ئەمدى گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! قېرىنداشلىرىڭلاردىن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. 014 2CH 028 012 شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىملارنىڭ بىرقانچە يولباشچىلىرى، يەنى يوھاناننىڭ ئوغلى ئازارىيا، مەشىللىموتنىڭ ئوغلى بەرەكىيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا ۋە ھادلاينىڭ ئوغلى ئاماسا قوزغىلىپ چىقىپ جەڭدىن قايتىپ كەلگەن قوشۇننى توسۇۋېلىپ 014 2CH 028 013 ئۇلارغا: ــ بۇ تۇتقۇنلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ؛ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىز تۇرۇپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھلار ۋە ئىتائەتسىزلىكلەرنى ئاينىتماقچىمۇسىلەر؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئېغىردۇر، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئوتلۇق قەھر-غەزەپ چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. 014 2CH 028 014 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى يولباشچىلار ۋە پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا قالدۇرۇپ قويدى. 014 2CH 028 015 يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر قوزغىلىپ، تۇتقۇنلارنى باشلاپ چىقتى، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ تۇرغانلارغا كىيگۈزۈپ، ھەممىسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غىزالاندۇردى، ئۈستىباشلىرىنى مايلىدى، بارلىق ئاجىزلارنى ئېشەكلەرگە مىندۈرۈپ، ھەممىسىنى «خورما دەرەخلىرى شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىخوغا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن سامارىيەگە قايتتى. 014 2CH 028 016 بۇ چاغدا ئاھاز پادىشاھ ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم تىلەپ ئادەم ئەۋەتتى، 014 2CH 028 017 چۈنكى ئېدومىيلار يەنە يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنىدى. 014 2CH 028 018 فىلىستىيلەرمۇ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى ۋە يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەيت-شەمەش، ئايجالون، گەدەروت، سوكوھ ۋە سوكوھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، تىمناھ ۋە تىمناھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، گىمزو ۋە گىمزوغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرلەرگە جايلاشقانىدى. 014 2CH 028 019 پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز تۈپەيلىدىن يەھۇدانى خورلۇققا قالدۇردى؛ چۈنكى ئاھاز يەھۇدانى ئىتائەتسىلىككە ئېزىقتۇردى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئېغىر ئاسىيلىق قىلدى. 014 2CH 028 020 ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلنەسەر دەرۋەقە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، لېكىن ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى. 014 2CH 028 021 چۈنكى ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆپ مال-دۇنيانى چىقىرىپ، ئاسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمىدى. 014 2CH 028 022 مۇشۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل پەيتتە بۇ پادىشاھ ئاھاز پەرۋەردىگار ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر قەبىھلىككە چۆكۈپ كەتتى. 014 2CH 028 023 ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. 014 2CH 028 024 ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئەسۋاب-بۇيۇملارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كېسىپ-ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. ھەم ئۆزى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا قۇربانگاھلارنى سالغۇزدى. 014 2CH 028 025 ئۇ يەنە يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىش ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»نى سالغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى. 014 2CH 028 026 مانا، ئۇنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن بارلىق تۇتقان يوللىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 028 027 ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 029 001 ھەزەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا بولۇپ، زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. 014 2CH 029 002 [ھەزەكىيا] ئاتىسى داۋۇت بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. 014 2CH 029 003 ئۇ تەختكە چىققان بىرىنچى يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ياساتتى. 014 2CH 029 004 ئۇ كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ ئۆيىگە] چاقىرىپ كېلىپ، [ئالدىنقى] ھويلىسىنىڭ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىگە يىغىپ، 014 2CH 029 005 ئۇلارغا: ــ ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا مۇقەددەس قىلىپ پاكىزلاڭلار، مۇقەددەسخانىدىن بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاڭلار. 014 2CH 029 006 چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسىيلىق قىلىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقىنى قىلدى. 014 2CH 029 007 ئۇلار ئايۋاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتكەن، چىراغلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن، خۇشبۇي ياقمىغانىدى ۋە مۇقەددەسخانىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ھېچ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى؛ 014 2CH 029 008 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 014 2CH 029 009 شۇ سەۋەبتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا قالدى؛ ئوغۇل-قىزلىرىمىز ۋە خوتۇنلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىندى. 014 2CH 029 010 ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ بىزدىن ياندۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. 014 2CH 029 011 ئى بالىلىرىم، غاپىل بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ خۇشبۇي يېقىشقا تاللىغان، دېدى. 014 2CH 029 012 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى: ــ كوھاتلاردىن بولغان ئاماساينىڭ ئوغلى ماھات ۋە ئازارىيانىڭ ئوغلى يوئېل، مەرارىلاردىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يەھاللەلەلنىڭ ئوغلى ئازارىيا، گەرشونلاردىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئېدەن، 014 2CH 029 013 ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىمرى بىلەن جەئىيەل، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن ماتتانىيا؛ 014 2CH 029 014 ھېماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەل بىلەن شىمەي، يەدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن شېمايا بىلەن ئۇززىيەللەر. 014 2CH 029 015 ئۇلار قېرىنداشلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى، پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پاكىزلاشقا كىردى. 014 2CH 029 016 كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىگە پاكىزلاشقا كىردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىدىن تاپقان بارلىق ناپاك-نىجىس نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ چىقتى؛ ئاندىن ئۇلارنى لاۋىيلار ئېلىپ چىقىپ، [شەھەر سىرتىدىكى] كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تۆكتى. 014 2CH 029 017 ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئۆينى قايتىدىن خۇداغا ئاتاپ پاكىزلاشقا كىرىشىپ، سەككىزىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ئايۋىنىغا چىقتى؛ ئۇلار [يەنە] سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنى پاكىزلاپ، بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئىشنى تۈگەتتى. 014 2CH 029 018 ئاندىن ئۇلار ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئۆيىنى، جۈملىدىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى، «تەقدىم نان» تىزىلىدىغان شىرەنى ۋە شىرە ئۈستىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى پاكىزلىۋەتتۇق؛ 014 2CH 029 019 ئاھاز پادىشاھ تەختتىكى چېغىدا ئاسىيلىق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بارلىق قاچا-قۇچا، ئەسۋابلارنى تەييارلاپ تەخ قىلىپ، پاكىزلاپ قويدۇق؛ مانا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا قويۇلدى، دېدى. 014 2CH 029 020 ھەزەكىيا پادىشاھ ئەتىگەندە تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەردىكى ئەمەلدارلارنى يىغىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. 014 2CH 029 021 ئۇلار پادىشاھلىق ئۈچۈن، مۇقەددەسخانا ۋە پۈتۈن يەھۇدالار ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىشقا يەتتە بۇقا، يەتتە قوچقار، يەتتە قوزا ۋە يەتتە تېكە ئېلىپ كەلدى؛ [پادىشاھ] ھارۇن ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا سۇنۇشنى بۇيرۇدى. 014 2CH 029 022 ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى. 014 2CH 029 023 ئاخىرىدا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەت ئالدىغا يېتىلەپ كېلىۋىدى، [پادىشاھ ۋە جامائەت] قوللىرىنى تېكىلەر ئۈستىگە قويۇشتى. 014 2CH 029 024 كاھىنلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت سۈپىتىدە قۇربانگاھقا سەپتى؛ چۈنكى پادىشاھ: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقى بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن سۇنۇلسۇن» دېگەنىدى. 014 2CH 029 025 پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى). 014 2CH 029 026 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، كاھىنلار كانايلارنى تۇتقان ھالدا تۇرۇشتى. 014 2CH 029 027 ھەزەكىيا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنۇلسۇن، دەپ بۇيرۇدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلغان ھامان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەغمە-ناۋا قىلىنىشقا، كانايلار چېلىنىشقا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ سازلىرى تەڭكەش قىلىنىشقا باشلىدى. 014 2CH 029 028 پۈتكۈل كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغۇچە، پۈتكۈل جامائەت سەجدىگە ئولتۇرۇشتى، نەغمە-ناۋاچىلار نەغمە-ناۋا قىلىشتى، كانايچىلار كاناي چېلىپ تۇردى. 014 2CH 029 029 كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندا، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. 014 2CH 029 030 ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەنە لاۋىيلارغا داۋۇتنىڭ ۋە ئالدىن كۆرگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشۇپ، باش ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. 014 2CH 029 031 ھەزەكىيا: ــ سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىكەنسىلەر، ئالدىغا كېلىڭلار، قۇربانلىقلار، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى رەبنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ سۇنۇڭلار، دېۋىدى، جامائەت قۇربانلىقلار ۋە تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتى؛ خالىغانلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشتى. 014 2CH 029 032 جامائەت ئېلىپ كەلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار تۆۋەندىكىچە: ــ يەتمىش بۇقا، يۈز قوچقار، ئىككى يۈز قوزا؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئەكىلىنگەنىدى. 014 2CH 029 033 بۇلاردىن باشقا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئالتە يۈز بۇقا، ئۈچ مىڭ قويمۇ بار ئىدى. 014 2CH 029 034 كاھىنلار بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىسىنى سويۇشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى؛ شۇڭا لاۋىي قېرىنداشلىرى تاكى ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ھەم باشقا كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاپ بولغۇچە ياردەملەشتى (چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاش ئىشىدا كاھىنلارغا نىسبەتەن بەكرەك ئىخلاسمەن ئىدى). 014 2CH 029 035 ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، شۇنداقلا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ مېيى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇلغان شاراب ھەدىيىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 014 2CH 029 036 خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەزەكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق تولىمۇ خۇشال بولۇشتى؛ چۈنكى بۇ ئىشلار بەك تېزلا بېجىرىلىپ بولغانىدى. 014 2CH 030 001 ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى 014 2CH 030 002 (پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى. 014 2CH 030 003 لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى). 014 2CH 030 004 پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى. 014 2CH 030 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر-شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى. 014 2CH 030 006 چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى: «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ. 014 2CH 030 007 ئاتا-بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان. 014 2CH 030 008 ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. 014 2CH 030 009 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم-ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ». 014 2CH 030 010 چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. 014 2CH 030 011 ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى. 014 2CH 030 012 ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى. 014 2CH 030 013 شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى. 014 2CH 030 014 ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. 014 2CH 030 015 ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان [قوزىلارنى] سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. 014 2CH 030 016 ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ [قۇربانگاھقا] سەپتى. 014 2CH 030 017 جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى. 014 2CH 030 018 چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ: ــ كىمكى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى. 014 2CH 030 020 پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى. 014 2CH 030 021 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 014 2CH 030 022 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. 014 2CH 030 023 بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 014 2CH 030 024 چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى. 014 2CH 030 025 پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى. 014 2CH 030 026 يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. 014 2CH 030 027 ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى. 014 2CH 031 001 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھازىر بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلىۋەتتى؛ يەنە يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىندا، شۇنداقلا ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ زېمىنىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار» ۋە قۇربانگاھلارنى، ھەممىسىنى بۇزۇپ يوقاتقۇچە سۆكۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 014 2CH 031 002 ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس خىزمىتىگە بېكىتىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، ئىشىك-دەرۋازىلىرى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيدىغان قىلدى. 014 2CH 031 003 پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى. 014 2CH 031 004 پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى. 014 2CH 031 005 بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، [زەيتۇن] مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى. 014 2CH 031 006 يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالارمۇ قوي-كالىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ۋە پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئاتالغان مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە ئەكىلىپ، دۆۋە-دۆۋە دۆۋىلىۋەتتى. 014 2CH 031 007 ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ دۆۋىلىنىپ، يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە توختىدى. 014 2CH 031 008 ھەزەكىيا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە كېلىپ، دۆۋە-دۆۋە بولغان بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. 014 2CH 031 009 ھەزەكىيا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن بۇ دۆۋە-دۆۋە مەھسۇلاتلار توغرۇلۇق سورىۋىدى، 014 2CH 031 010 زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى. 014 2CH 031 011 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئامبارلارنى تەييارلاشنى بۇيرۇۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. 014 2CH 031 012 ئۇلار سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن ھەدىيەلەرنى، ئوندىن بىر ئۆشرە ۋە خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ئەكىردى. لاۋىيلاردىن بولغان كونونىيا باش ئامبارچى، ئىنىسى شىمەي مۇئاۋىن باش ئامبارچى بولدى. 014 2CH 031 013 كونونىيا ۋە ئىنىسى شىمەينىڭ قول ئاستىدا يەھىيەل، ئازارىيا، ناخات، ئاساھەل، يەرىموت، يوزاباد، ئەلىيەل، يىسماقىيا، ماھات ۋە بىنايالار نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەزەكىيا پادىشاھ بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئازارىيانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلەيتتى. 014 2CH 031 014 شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى لاۋىي يىمناھنىڭ ئوغلى كورە خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيە-سوۋغاتلارغا مەسئۇل ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ۋە «ئەڭ مۇقەددەس» بولغان نەرسىلەرنى تەقسىم قىلاتتى. 014 2CH 031 015 ئېدەن، مىنيامىن، يەشۇئا، شېمايا، ئامارىيا ۋە شېكانىيالار ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار كاھىنلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، چوڭ-كىچىكلىكىگە قارالماي، نۆۋەت بويىچە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بۇلارنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە تەيىنلەندى؛ 014 2CH 031 016 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار نەسەبنامىگە تىزىملانغان ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەردىن، ھەر كۈنى نۆۋىتى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى. 014 2CH 031 017 ئۇلار نەسەبى تىزىملانغان جەمەتلىرى بويىچە كاھىنلارغىمۇ ھەمدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارغا نۆۋىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ 014 2CH 031 018 نەسەبنامىدە «[لاۋىي جامائىتى]» [دەپ]، پۈتۈلگىنىگە قاراپ بۇلارنىڭ بارلىق كىچىك بالىلىرىغا، خوتۇنلىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار ساداقەتلىك بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكلىنىپ، مۇقەددەس بولۇشقا بېغىشلىغانىدى. 014 2CH 031 019 ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارغا بولسا، ھەربىر شەھەردە مەخسۇس تىزىملانغان ئادەم قويۇلغانىدى؛ ئۇلار كاھىنلار ئىچىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە شۇنداقلا نەسەبنامىدە پۈتۈلگەن بارلىق لاۋىيلارغا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بېرەتتى. 014 2CH 031 020 ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى. 014 2CH 031 021 مەيلى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت ئىشتا بولسۇن، مەيلى تەۋرات قانۇنىغا ھەم ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش نىيىتىدە خۇداسىنى ئىزدەشتە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلدى ۋە روناق تاپتى. 014 2CH 032 001 بۇ بارلىق ئىشلارنى ۋە ساداقەتلىك ئەمەللەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قورشىۋالدى. 014 2CH 032 002 ھەزەكىيا سەنناخېرىبنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە، 014 2CH 032 003 ئەمەلدارلىرى ۋە باتۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى بۇلاق-ئېرىقلارنى توسۇۋېتىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ئۇنى قوللىدى. 014 2CH 032 004 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىغا مول سۇ مەنبەسىنى تېپىۋېلىشىغا قالدۇرىدىكەنمىز؟» دەپ بارلىق بۇلاق كۆزلىرىنى ئېتىۋەتتى ۋە ئۇ يۇرت ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىقنى توسۇۋەتتى. 014 2CH 032 005 ھەزەكىيا ئۆزىنى غەيرەتلەندۈرۈپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن سېپىللارنى يېڭىباشتىن ئوڭلاتتى، ئۈستىگە قاراۋۇلخانىلارنى سالدۇردى، يەنە بىر تاشقى سېپىلمۇ ياساتتى ھەمدە داۋۇت شەھىرىدىكى «مىللو» قەلئەسىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئۇ يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلارنى ياساتتى. 014 2CH 032 006 ئۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە سەردارلارنى تەيىنلىدى ئاندىن ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىدىكى مەيدانغا، ئۆز ئالدىغا يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىپ: 014 2CH 032 007 ــ ئىرادەڭلارنى چىڭ قىلىپ باتۇر بولۇڭلار، ئاسۇرىيە پادىشاھىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن زور قوشۇندىن قورقماڭلار ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بىز بىلەن بىرگە بولغۇچىلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغۇچىلاردىن كۆپتۇر. 014 2CH 032 008 ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى بىر ئىنسانىي ئەتلىك بىلەك، خالاس؛ لېكىن بىز بىلەن بىللە بولغۇچى بولسا بىزگە مەدەتكار بولۇپ، بىز ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار باردۇر! ــ دېدى. خەلق يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ تاياندى. 014 2CH 032 009 شۇنىڭدىن كېيىن ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب پۈتكۈل كۈچ-قوشۇنى بىلەن لاقىش شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ شۇ چاغدا ئۇ خىزمەتكارلىرىنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا، شۇنداقلا يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدالارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ: ــ 014 2CH 032 010 «ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب: «يېرۇسالېم مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇقلۇق، سىلەر زادى نېمىگە تايىنىپ ئۇنىڭدا تېخىچە تۇرۇۋاتىسىلەر؟ 014 2CH 032 011 ھەزەكىيا سىلەرگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ»، دەپ ئىشەندۈرۈپ، سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە تاپشۇرماقچى بولۇۋاتمامدۇ؟ 014 2CH 032 012 شۇ ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئاندىن يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: ــ «سىلەر بىرلا قۇربانگاھ ئالدىدا سەجدە قىلىسىلەر ۋە شۇنىڭ ئۈستىگىلا خۇشبۇي ياقىسىلەر» دەپ ئەمر قىلغان ئەمەسمىدى؟ 014 2CH 032 013 مېنىڭ ۋە مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ بارلىق ئەل خەلقلىرىگە نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى ئۆز زېمىنىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزۇشقا بىرەر ئامال قىلالىغانمۇ؟ 014 2CH 032 014 مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ئەشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ قايسىبىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامتى؟ 014 2CH 032 015 سىلەر ئەمدى ھەزەكىياغا ئالدانماڭلار، سىلەرنى شۇنداق قايىل قىلىشىغا يول قويماڭلار ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ ئولتۇرماڭلار؛ چۈنكى مەيلى قايسى ئەلنىڭ، قايسى پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن ياكى مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى؛ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ» ــ دېدى. 014 2CH 032 016 [سەنناخېرىبنىڭ] خىزمەتكارلىرى داۋاملىق يەنە پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەزەكىيانى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنىمۇ قىلدى. 014 2CH 032 017 ئاندىن سەنناخېرىب تېخى خەت يېزىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلەپ، زاڭلىق قىلىپ: «خۇددى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمىغاندەك، ھەزەكىيانىڭ خۇداسىمۇ ئۇنىڭ خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمايدۇ» دېدى. 014 2CH 032 018 ئۇلار شەھەرنى ئېلىش غەرىزىدە يېرۇسالېم سېپىلىدە تۇرۇۋاتقان خەلقنى قورقۇتۇپ، پاتىپاراقچىلىققا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدىي تىلىدا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇردى. 014 2CH 032 019 ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى خۇددى يەر يۈزىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىنساننىڭ قولىدا ياسالغان ئىلاھلىرىغا ئوخشىتىپ سۆزلىدى. 014 2CH 032 020 شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى، 014 2CH 032 021 پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. 014 2CH 032 022 ئەنە شۇ تەرىقىدە، پەرۋەردىگار ھەزەكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ ۋە باشقا بارلىق دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتە قوغدىدى. 014 2CH 032 023 نۇرغۇن كىشىلەر ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئەكەلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا سۇندى؛ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەزەكىيا بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. 014 2CH 032 024 شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ ساكراتقا چۈشۈپ قالدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلدى ۋە پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتتى. 014 2CH 032 025 لېكىن ھەزەكىيا ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتقا مۇۋاپىق تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. شۇڭا خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا ۋە شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە قوزغالدى. 014 2CH 032 026 لېكىن ھەزەكىيا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر تەكەببۇرلىقىدىن يېنىپ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە ئۇلارغا چۈشمىدى. 014 2CH 032 027 ھەزەكىيانىڭ دۇنياسى تولىمۇ كۆپ، ئىززەت-ھۆرمىتى قەۋەتلا يۇقىرى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر-ياقۇت، خۇشبۇي دورا-دەرمەك، قالقان ۋە ھەرخىل قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەرنى سالدۇردى؛ 014 2CH 032 028 ئۇ يەنە ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيى ساقلايدىغان ئامبارلارنى، يەنە ھەر تۈرلۈك ماللار ۋە پادىلىرى ئۈچۈن ئېغىل-قوتانلارنى سالدۇردى. 014 2CH 032 029 ئۇ ئۆزىگە شەھەرلەر بىنا قىلدۇردى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارغا ئىگە بولدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا غايەت كۆپ دەپئىنە-دۇنيا ئاتا قىلغانىدى. 014 2CH 032 030 ھەزەكىيادىن ئىبارەت بۇ كىشى گىھون ئېقىنىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇنى توسۇپ، سۇنى توپتوغرا داۋۇت شەھىرىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ئېقىپ كېلىدىغان قىلغانىدى. ھەزەكىيا بارلىق قىلغان ئەمەللىرىدە روناق تاپتى. 014 2CH 032 031 ھالبۇكى، بابىل ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ ھەزەكىيا بىلەن كۆرۈشۈپ، يەھۇدا زېمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت توغرۇلۇق گەپ سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى. 014 2CH 032 032 ھەزەكىيانىڭ قالغان ئىشلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلار «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۆرگەن ۋەھىيلىك خاتىرىسىدە پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 032 033 ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى داۋۇت ئەۋلادلىرى قەبرىستانلىقى ئېگىزلىكىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بارلىق يەھۇدا خەلقى بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ماناسسەھ پادىشاھ بولدى. 014 2CH 033 001 ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 033 002 ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 014 2CH 033 003 ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 014 2CH 033 004 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى. 014 2CH 033 005 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. 014 2CH 033 006 ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 014 2CH 033 007 ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ 014 2CH 033 008 ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى. 014 2CH 033 009 لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. 014 2CH 033 010 پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. 014 2CH 033 011 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى. 014 2CH 033 012 ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى. 014 2CH 033 013 ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 014 2CH 033 014 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى. 014 2CH 033 015 ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن [ئۆزى قويغان] بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى. 014 2CH 033 016 [ماناسسەھ] پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى. 014 2CH 033 017 شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى. 014 2CH 033 018 ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 033 019 ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 033 020 ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 033 021 ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 033 022 ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. 014 2CH 033 023 ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. 014 2CH 033 024 كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 014 2CH 033 025 لېكىن يەھۇدا زېمىنىدىكىلەر ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. 014 2CH 034 001 يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 034 002 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. 014 2CH 034 003 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى. 014 2CH 034 004 خەلق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا «بائاللار»نىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ تاشلىدى؛ ئۇ قۇربانگاھلارنىڭ ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى كېسىپ تاشلىدى؛ ئۇ يەنە ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما-قۇيما بۇتلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ توپىسىنى بۇ مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇنغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. 014 2CH 034 005 [بۇت] كاھىنلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇربانگاھلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنى پاكىزلىدى. 014 2CH 034 006 ئۇ ماناسسەھ، ئەفرائىم، شىمېئون ھەتتا نافتالىغىچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە ئەتراپىدىكى خارابىلەردە شۇنداق قىلدى؛ 014 2CH 034 007 ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. 014 2CH 034 008 ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى يەھۇدا زېمىنىنى ۋە مۇقەددەسخانىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازالىيانىڭ ئوغلى شافان، شەھەر باشلىقى مائاسېياھ ۋە يوئاھازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھنى خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلاشقا ئەۋەتتى. 014 2CH 034 009 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باش كاھىن ھىلقىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇلنى تاپشۇردى. بۇ پۇلنى ئەسلىدە دەرۋازىۋەن لاۋىيلار ماناسسەھ، ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسىدىن، شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنىدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەردىن يىغقانىدى. 014 2CH 034 010 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلار ھەم پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئىشلىگۈچىلەرگە بەردى؛ 014 2CH 034 011 ئۇلار بولسا پۇلنى يەھۇدا پادىشاھلىرى خارابىلەشتۈرگەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە لازىملىق كېسىپ-ئويۇلغان تاشلارنى ۋە تۈۋرۈك-لىملارغا ياغاچ سېتىۋالىشقا ياغاچچىلار بىلەن تامچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 014 2CH 034 012 بۇ ئادەملەر ساداقەتلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتكە مەسئۇل لاۋىي مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جاھات بىلەن ئوبادىيا، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام بار ئىدى؛ بۇ لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل سازلارغىمۇ ماھىر ئىدى؛ 014 2CH 034 013 ئۇلار يەنە ھامماللار ۋە ھەرخىل ئىشلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلەرنى باشقۇراتتى؛ لاۋىيلاردىن پۈتۈكچىلەرمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، دەرۋازىۋەنلەرمۇ بار ئىدى. 014 2CH 034 014 ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇللارنى ئېلىپ چىقىدىغان چاغدا، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن تەۋرات قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدى. 014 2CH 034 015 ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تەۋرات-قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ، ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. 014 2CH 034 016 شافان ئۇنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتكارلىرى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى بولسا، ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. 014 2CH 034 017 ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە [بېغىشلانغان] پۇللارنى تۆكۈپ، ئۇنى نازارەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ مەلۇمات بەردى. 014 2CH 034 018 شافان كاتىپ يەنە پادىشاھقا: ــ ھىلقىيا كاھىن يەنە ماڭا بىر ئورام كىتاپ بەردى دەپ ئۇنى پادىشاھ ئالدىدا ئوقۇدى. 014 2CH 034 019 ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. 014 2CH 034 020 پادىشاھ ھىلقىيا بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ 014 2CH 034 021 بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى. 014 2CH 034 022 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا ۋە پادىشاھ تەيىنلىگەن كىشىلەر ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا باردى؛ ھۇلداھ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توكىھاتنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى؛ ئۇ ئۆزى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشتى. 014 2CH 034 023 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ 014 2CH 034 024 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئالدىدا ئوقۇلغان بۇ كىتابتىكى بارلىق لەنەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. 014 2CH 034 025 چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە تۆكۈلىدۇ، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 014 2CH 034 026 لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا، مۇنداق دەڭلار: ــ سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 014 2CH 034 027 چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، خۇدانىڭ مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلدىڭ، شۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى شۇنداق تۆۋەن قىلغىنىڭدا، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 014 2CH 034 028 مانا، سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 014 2CH 034 029 پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. 014 2CH 034 030 پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. 014 2CH 034 031 پادىشاھ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئەھدىگە باغلىدى. 014 2CH 034 032 شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىنيامىندىكى خەلقنىمۇ بۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار خۇدانىڭ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى. 014 2CH 034 033 يوسىيا ئىسرائىللارغا قاراشلىق يۇرتلاردىن بارلىق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدىغان قىلدى. [يوسىيانىڭ] بارلىق كۈنلىرىدە خەلق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ھېچ يانمىدى. 014 2CH 035 001 يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى. 014 2CH 035 002 پادىشاھ كاھىنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. 014 2CH 035 003 ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ سىلەر مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئۆيگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ ئەمدى ئۇنى مۈرەڭلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋەزىپىسى قالمىدى. ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. 014 2CH 035 004 شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىتىڭلار ۋە نۆۋەت-گۇرۇپپاڭلار بويىچە، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ يازغىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ يازغىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈڭلارنى ئوبدان تەييارلاڭلار. 014 2CH 035 005 سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن. 014 2CH 035 006 سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويۇسىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار، [ئىسرائىلدىكى] قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلىغان سۆز-كالامىغا بېقىنىشى ئۈچۈن، ھەممە ئىشنى تەييار قىلىڭلار، دېدى. 014 2CH 035 007 يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى. 014 2CH 035 008 ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى. 014 2CH 035 009 لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرى بولغان كونانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا بىلەن نەتانەل، شۇنداقلا ھاشابىيا، جەئىيەل ۋە يوزابادمۇ بەش مىڭ قوزا بىلەن بەش يۈز بۇقىنى لاۋىيلارنىڭ ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى. 014 2CH 035 010 شۇنداق قىلىپ، ئۆتىلىدىغان ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، كاھىنلار ئۆز ئورنىدا تۇردى، لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە تۇرۇشتى. 014 2CH 035 011 لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى بوغۇزلىدى؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاۋىيلار قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سويدى. 014 2CH 035 012 كۆيدۈرمە قۇربانلىققا سۇنۇلىدىغان ماللارنى بولسا، ئۇلار خەلق-پۇقرالارغا ۋەكىل بولغان جەمەتلەر بويىچە خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنى مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنىغا مۇۋاپىق، پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا تەييارلىدى. سۇنۇلىدىغان بۇقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 014 2CH 035 013 ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزا-ئۆچكىلەرنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلدى؛ باشقا قۇربانلىقلاردىن قالغان، يەنى خۇداغا ئاتالغان قىسىملارنى قازاندا، داڭقاندا ياكى داستا پىشۇرۇپ تېزدىن خەلق-پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى؛ 014 2CH 035 014 شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلارغا قۇربانلىقلاردىن تەييارلىدى، چۈنكى كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كەچ كىرگۈچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى؛ شۇڭا لاۋىيلار ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ قۇربانلىقلاردىن [گۆش] تەييارلاپ قويۇشتى. 014 2CH 035 015 ناۋا-نەغمىچىلەر، يەنى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇت، ئاساف، ھېمان ۋە [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى يەدۇتۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ھەرقايسىسى ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئاجرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار قۇربانلىقلاردىن تەييارلاپ قوياتتى. 014 2CH 035 016 شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى. 014 2CH 035 017 شۇ چاغدا ھازىر بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 014 2CH 035 018 سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن بۇيان ئىسرائىلدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مۇنداق ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىمۇ يوسىيا، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە شۇ يەردە ھازىر بولغان يەھۇدالار بىلەن ئىسرائىللار ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۆتكۈزگەندەك مۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 014 2CH 035 019 بۇ قېتىمقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يوسىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۆتكۈزۈلدى. 014 2CH 035 020 يوسىيا [مۇقەددەس] ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى نەقو ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىدە ئۇرۇشقا چىقتى، يوسىيا ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقتى. 014 2CH 035 021 نەقو يوسىيانىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «ئى يەھۇدا پادىشاھى، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارلىرى بار؟ بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەمەت بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققانمەن؛ يەنە كېلىپ، خۇدا مېنى تېز ھۇجۇم قىل، دېدى؛ خۇدانىڭ سىلىنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىغا كاشىلا قىلمىسىلا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللىدۇر» دېدى. 014 2CH 035 022 لېكىن يوسىيا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن يانمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنى نىقابلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئۇ خۇدانىڭ نەقونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان گېپىگە قۇلاق سالماي، مەگىددو تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ نەقو بىلەن تۇتۇشتى. 014 2CH 035 023 ئوقياچىلار يوسىيا پادىشاھقا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا [تەگكۈزدى]؛ پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. 014 2CH 035 024 ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ مېڭىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى؛ بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يوسىياغا تەزىيە تۇتۇشتى. 014 2CH 035 025 يەرىمىيا [پەيغەمبەر] يوسىيا ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى؛ نەغمە-ناۋاچى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تاكى بۈگۈنگىچە يوسىيانى تەرىپلەپ مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە؛ ئۇ ئىش ئىسرائىلدا بەلگىلىمىگە ئايلاندى. مانا بۇلار «مەرسىيەلەر» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 035 026 يوسىيانىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات كىتابىدا يېزىلغانلىرىغا ئەگەشكەن ياخشى ئەمەللىرى، 014 2CH 035 027 قىلغانلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە ھەممىسى «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 014 2CH 036 001 [يەھۇدا] زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 014 2CH 036 002 يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى. 014 2CH 036 003 مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. 014 2CH 036 004 ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. 014 2CH 036 005 يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 014 2CH 036 006 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 014 2CH 036 007 نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى. 014 2CH 036 008 يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 014 2CH 036 009 يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 014 2CH 036 010 يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 014 2CH 036 011 زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ 014 2CH 036 012 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛ 014 2CH 036 013 ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا [بېقىنىش] قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى. 014 2CH 036 014 ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى. 014 2CH 036 015 ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. 014 2CH 036 016 بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 014 2CH 036 017 پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [خۇدا] بۇلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە] پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 014 2CH 036 018 كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 014 2CH 036 019 كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى. 014 2CH 036 020 قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە پادىشاھى] بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى. 014 2CH 036 021 بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن [ئالدىن] ئېيتقان [ئاگاھ] سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى. # # BOOK 015 EZR Ezra ئەزرا 015 EZR 001 001 پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ 015 EZR 001 002 «پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. 015 EZR 001 003 شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغانلاردىن ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقسۇن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالسۇن! ئۇ بولسا خۇدادۇر، ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر! 015 EZR 001 004 [سۈرگۈنلۈكتە] قالغان خەلق قەيەرلەردە ماكانلاشقان بولسا، [ئۇ يېرۇسالېمغا چىقسۇن]؛ شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مال-مۈلۈك، چارپايلارنى تەمىنلەپ ياردەم بەرسۇن ۋە شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا جايلاشقان خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلسۇن» ــ دېدى. 015 EZR 001 005 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى [يېڭىۋاشتىن] سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى. 015 EZR 001 006 ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈش قاچا-قۇچا، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، چارپايلار ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، بۇنىڭدىن باشقا سۇنۇلىدىغان ھەرخىل ئىختىيارىي ھەدىيە-قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 015 EZR 001 007 پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى. 015 EZR 001 008 پارس پادىشاھى قورەش خەزىنە بېگى مىترەداتنى بۇيرۇپ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالدۇرۇپ چىقتى؛ مىترەدات شۇلارنى يەھۇدانىڭ ئەمىرى شەشبازارغا سانى بويىچە ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى. 015 EZR 001 009 قاچا-قۇچىلارنىڭ سانى مۇنداق: ــ ئالتۇن داس ئوتتۇز، كۈمۈش داس مىڭ، پىچاق يىگىرمە توققۇز، 015 EZR 001 010 ئالتۇن پىيالە ئوتتۇز، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون؛ باشقا قاچا-قۇچىلار بىر مىڭ. 015 EZR 001 011 بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا، بەش مىڭ تۆت يۈز. سۈرگۈن قىلىنغان خەلق بابىلدىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، شەشبازار بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. 015 EZR 002 001 تۆۋەندىكىلەر نېبوقادنەسار تەرىپىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتكەنلەر: ــ 015 EZR 002 002 ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 015 EZR 002 003 پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 004 شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 005 ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ 015 EZR 002 006 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 007 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 015 EZR 002 008 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 015 EZR 002 009 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 015 EZR 002 010 بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 011 بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 012 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 013 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى؛ 015 EZR 002 014 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى؛ 015 EZR 002 015 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 015 EZR 002 016 ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 015 EZR 002 017 بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 018 يوراھنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 019 ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 020 گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 015 EZR 002 021 بەيت-لەھەملىكلەر بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 022 نىتوفالىقلار ئەللىك ئالتە كىشى؛ 015 EZR 002 023 ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 015 EZR 002 024 ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 025 كىرىئات-ئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 026 راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 015 EZR 002 027 مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 028 بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 029 نېبولىقلار ئەللىك ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 030 ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى؛ 015 EZR 002 031 ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 015 EZR 002 032 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 015 EZR 002 033 لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى؛ 015 EZR 002 034 يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 015 EZR 002 035 سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى. 015 EZR 002 036 كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 015 EZR 002 037 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 038 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 015 EZR 002 039 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. 015 EZR 002 040 لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خوداۋىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى؛ 015 EZR 002 041 غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى. 015 EZR 002 042 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى. 015 EZR 002 043 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 044 كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 045 لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 046 ھاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 047 گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 048 رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 049 ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 050 ئاسناھنىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 051 باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 052 بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 053 باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 054 نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى. 015 EZR 002 055 سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پىرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 056 يائالاھنىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 015 EZR 002 057 شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى. 015 EZR 002 058 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. 015 EZR 002 059 تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 015 EZR 002 060 بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى؛ 015 EZR 002 061 كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 015 EZR 002 062 بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 015 EZR 002 063 ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. 015 EZR 002 064 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 015 EZR 002 065 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. 015 EZR 002 066 ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 015 EZR 002 067 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. 015 EZR 002 068 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمغا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا، خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئەسلى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنىشى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 015 EZR 002 069 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇربىغا قاراپ قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە يۈز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى. 015 EZR 002 070 شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى. 015 EZR 003 001 ئىسرائىل خەلقى ھەرقايسىسى ئۆز شەھەرلىرىدە ماكانلاشقانىدى؛ يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، خەلق بىر ئادەمدەك بولۇپ يېرۇسالېمغا يىغىلدى. 015 EZR 003 002 يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى، شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا پۈتكەن قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانگاھىنى سېلىشقا كىرىشتى. 015 EZR 003 003 گەرچە ئۇلار شۇ يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، لېكىن قۇربانگاھنى ئەسلىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سېلىپ، ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. 015 EZR 003 004 ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى. 015 EZR 003 005 شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەر كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، يېڭى ئاي قۇربانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق مۇقەددەس دەپ بېكىتىلگەن ھېيتلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ تۇراتتى. 015 EZR 003 006 شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشقا باشلىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىدى. 015 EZR 003 007 ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن [ئوتتۇرا] دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى. 015 EZR 003 008 جامائەت يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ قالدىسى، شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى؛ ئۇلار يەنە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە قويدى. 015 EZR 003 009 يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى، كادمىيەل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىشقا بىر نىيەتتە ئاتلاندى؛ ھېنادادنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ۋە قېرىنداش لاۋىيلار ئۇلارغا ياردەملەشتى. 015 EZR 003 010 تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭجاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 015 EZR 003 011 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆزئارا: ــ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ھەمدۇسانا ۋە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ بولغاچقا، خالايىق پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشتى. 015 EZR 003 012 لېكىن كاھىنلاردىن، لاۋىيلاردىن ۋە جەمەت باشلىقلىرىدىن نۇرغۇنلىرى، يەنى ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر كۆز ئالدىدا سېلىنغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلىغا قاراپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى؛ نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى؛ 015 EZR 003 013 ۋە خەلق ھەتتا كىملەرنىڭ تەنتەنە قىلىشىۋاتقانلىقى بىلەن كىملەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالالماي قالدى؛ چۈنكى جامائەت تەنتەنە قىلىپ قاتتىق توۋلىشاتتى؛ ۋە بۇ ئاۋاز يىراق-يىراقلارغا ئاڭلىناتتى. 015 EZR 004 001 يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى رەقىبلەر سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سالماقچىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، 015 EZR 004 002 زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: ــ بىز سىلەر بىلەن بىللە سالايلى؛ چۈنكى بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنى ئىزلەپ، بىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن ئاسۇرىيە پادىشاھى ئېسار-ھاددوننىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، دېيىشتى. 015 EZR 004 003 لېكىن زەرۇببابەل، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: ــ خۇدايىمىزغا ئۆي سېلىشتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقەڭلار يوق؛ بەلكى پارس پادىشاھى قورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سالىمىز، دېيىشتى. 015 EZR 004 004 شۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالە يەھۇدالارنىڭ قولىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇردى. 015 EZR 004 005 ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى. 015 EZR 004 006 ئاھاشۋېروش تەختكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇنىڭغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن بىر ئەرزنامە يازدى. 015 EZR 004 007 شۇنىڭدەك ئارتاخشاشتا كۈنلىرىدە بىشلام، مىترىدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ قالغان شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتاغا ئارامىي تىلىدا بىر ئەرز خېتىنى يازدى؛ خەت ئارامىي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى. 015 EZR 004 008 ۋالىي رەھۇم بىلەن دىۋان بېگى شىمشاي پادىشاھ ئارتاخشاشتاغا يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى: ــ 015 EZR 004 009 «مەزكۇر مەكتۇپنى يازغانلاردىن، ۋالىي رەھۇم، كاتىپ بېگى شىمشاي ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بولغان سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار، ئارقىۋىلىقلار، بابىللىقلار، شۇشانلىقلار، يەنى ئېلامىيلار 015 EZR 004 010 ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار سامارىيە شەھىرىگە ۋە [ئەفرات] دەرياسىنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاھالىمۇ بار 015 EZR 004 011 (مانا بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھقا يازغان خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى) ــ ئۆزلىرىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن پادىشاھ ئالىلىرى ئارتاخشاشتاغا سالام! 015 EZR 004 012 پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ. 015 EZR 004 013 ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ. 015 EZR 004 014 بىز ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشىمىزغا قەتئىي توغرا كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پادىشاھىمىزغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. 015 EZR 004 015 شۇنىڭ ئۈچۈن [ئالىيلىرىنىڭ] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تارىخنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ سىلى تارىخنامىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلارغىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاسىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، قەدىمدىن تارتىپ بۇ شەھەردىكىلەر ئاغدۇرمىچىلىق تېرىغانلىقىنى بىلگەيلا؛ دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغانىدى. 015 EZR 004 016 شۇڭا بىز ئالىيلىرىغا شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قۇرۇلسا، سېپىللىرى پۈتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا سىلىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى يەرلەرگە ھېچقانداق ئىگىدارچىلىقلىرى بولماي قالىدۇ». 015 EZR 004 017 پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى: ــ «ۋالىي رەھۇم، دىۋان بېگى شىمشايغا ۋە سامارىيە ھەم دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەردە تۇرۇشلۇق ھەمراھلىرىڭلارغا سالام! 015 EZR 004 018 سىلەرنىڭ بىزگە يازغان ئەرز خېتىڭلار مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى. 015 EZR 004 019 تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق-قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. 015 EZR 004 020 ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قۇدرەتلىك پادىشاھلار يېرۇسالېمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن، ئۇلار شۇلارغا بېقىنىپ باج، ئولپان ۋە پارىقىنى تاپشۇرۇپ كەلگەنىكەن. 015 EZR 004 021 ئەمدى سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ خەلقنى ئىشتىن توختىتىڭلار، مەندىن باشقا يارلىق چۈشۈرۈلمىگۈچە، بۇ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇڭلار. 015 EZR 004 022 بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟». 015 EZR 004 023 پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يارلىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى رەھۇمغا، دىۋان بېگى شىمشاي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى بىلەنلا، ئۇلار ئالمان-تالمان يېرۇسالېمدىكى يەھۇدالارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. 015 EZR 004 024 شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى. 015 EZR 005 001 بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى. 015 EZR 005 002 شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى. 015 EZR 005 003 شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى. 015 EZR 005 004 ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى. 015 EZR 005 005 لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى. 015 EZR 005 006 دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك: 015 EZR 005 007 ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي! 015 EZR 005 008 پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. 015 EZR 005 009 ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق. 015 EZR 005 010 ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق. 015 EZR 005 011 ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى. 015 EZR 005 012 لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن. 015 EZR 005 013 لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن. 015 EZR 005 014 ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 015 EZR 005 015 ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان 015 EZR 005 016 ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى. 015 EZR 005 017 ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز». 015 EZR 006 001 ئاندىن پادىشاھ دارىئۇس بابىلدىكى دۆلەت-بايلىقلار ساقلانغان «ئارخىپلار ئۆيى»نى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يارلىقلارنى چۈشۈردى. 015 EZR 006 002 مېدىئا ئۆلكىسىدىكى ئاخمېتا قەلئەسىدىن بىر ئورام قەغەز تېپىلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر خاتىرە پۈتۈلگەن: 015 EZR 006 003 «پادىشاھ قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پادىشاھ قورەش يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە دائىر مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرىدۇ: ــ «قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان ئورۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆي يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن؛ ئۇلى پۇختا سېلىنسۇن، ئۆينىڭ ئىگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئاتمىش گەز بولسۇن. 015 EZR 006 004 ئۈچ قەۋەت يوغان تاش، بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ بىلەن سېلىنسۇن، بارلىق خىراجەت پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنسۇن. 015 EZR 006 005 ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!». 015 EZR 006 006 [دارىئۇستىن يارلىق چۈشۈرۈلۈپ]: «ــ شۇڭا، ئى دەريانىڭ شۇ تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي ۋە شېتار-بوزناي ھەم سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار، ئەمدى سىلەر ئۇ يەردىن نېرى كېتىڭلار! 015 EZR 006 007 خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن؛ يەھۇدىيلارنىڭ باش ۋالىيسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىشىغا يول قويۇڭلار. 015 EZR 006 008 شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن. 015 EZR 006 009 ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا، جۈملىدىن ئاسماندىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا، مەيلى ئەركەك تورپاق بولسۇن، قوچقار ياكى قوزىلار بولسىمۇ، شۇلار بېرىلسۇن؛ يەنە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلارنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە بۇغداي، تۇز، شاراب ياكى زەيتۇن مايلار بولسۇن شۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم قىلىنماي، ھەر كۈنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇلسۇن. 015 EZR 006 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماندىكى خۇداغا خۇشبۇي قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىسۇن. 015 EZR 006 011 مەن يەنە بۇيرۇيمەنكى، كىمكى بۇ يارلىقنى ئۆزگەرتسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال لىمى سۇغۇرۇۋېلىنىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، شۇ كىشى ئۇنىڭغا ئېسىپ مىخلاپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلسۇن! 015 EZR 006 012 ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى. 015 EZR 006 013 ئاندىن دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي، شېتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى پادىشاھ دارىئۇسنىڭ ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ ئىشنى بەجا كەلتۈردى. 015 EZR 006 014 يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ بېشارەت بېرىشلىرى بىلەن شۇ ئىشتا روناق تاپتى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە، شۇنداقلا قورەش، دارىئۇس ۋە ئارتاخشاشتا قاتارلىق پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆينى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى پۈتتۈردى. 015 EZR 006 015 بۇ ئۆي دارىئۇس پادىشاھى سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئادار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى پۈتكۈزۈلدى. 015 EZR 006 016 ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى. 015 EZR 006 017 ئۆينى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز تورپاق، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزا سۇندى ھەم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بارلىق ئىسرائىل ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكىنى سۇندى. 015 EZR 006 018 ئۇلار يەنە يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەت-خىزمىتىنى ئۆتەشكە، مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، كاھىنلارنى ئۆز نۆۋىتى بويىچە، لاۋىيلارنى گۇرۇپپىلىرى بويىچە تۇرغۇزدى. 015 EZR 006 019 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. 015 EZR 006 020 چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان [قوزىلىرىنى] سويدى. 015 EZR 006 021 سۈرگۈنلۈكتىن [يېڭىلا] قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى زېمىندىكى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن ئايرىپ چىققان بارلىق كىشىلەر قوزا گۆشلىرىنى بىرلىكتە يېيىشتى. 015 EZR 006 022 ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى. 015 EZR 007 001 شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى [بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى]. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، 015 EZR 007 002 ھىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، 015 EZR 007 003 ئاخىتۇب ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا مېرايوتنىڭ ئوغلى، 015 EZR 007 004 مېرايوت زەراھىياھنىڭ ئوغلى، زەراھىياھ ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇككىنىڭ ئوغلى، 015 EZR 007 005 بۇككى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى؛ 015 EZR 007 006 ــ ئەزرا دېگەن بۇ كىشى بابىلدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇساغا نازىل قىلغان تەۋرات قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى. 015 EZR 007 007 پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يەتتىنچى يىلى بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا قايتىپ چىقتى. 015 EZR 007 008 [ئەزرا] ئەمدى پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 015 EZR 007 009 بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 015 EZR 007 010 چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى. 015 EZR 007 011 مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ 015 EZR 007 012 «مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام! 015 EZR 007 013 ئەمدى مەن شۇنداق يارلىق چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن كىملەر يېرۇسالېمغا بېرىشنى خالىسا، ھەممىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بارسا بولىدۇ. 015 EZR 007 014 چۈنكى سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىكەنسەن، قولۇڭدىكى خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمغا تەكشۈرۈش-ھال سوراشقا ئەۋەتىلگەنسەن. 015 EZR 007 015 سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا سۇنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىل (ئۇنىڭ ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر)؛ 015 EZR 007 016 شۇنىڭدەك قولۇڭ پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىدە قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپالىسا، شۇنى خەلق ۋە كاھىنلار يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە تەقدىم قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن سوۋغاتلارغا قوشۇپ ئاپارغىن. 015 EZR 007 017 سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇربانلىقلار ئۈچۈن تورپاق، قوچقار، قوزا ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم شاراب ھەدىيەلىرى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇربانگاھقا سۇنغىن. 015 EZR 007 018 قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە جەمەتىڭدىكىلەرگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە شۇنداق قىلىڭلار. 015 EZR 007 019 سېنىڭ خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ساڭا بەرگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئالدىغا قوي. 015 EZR 007 020 ئەگەر شۇنىڭدەك ساڭا خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى قالغان ئىشلارغا چىقىم قىلىدىغانغا نېمە خىراجەت كېرەك بولسا، سەن پادىشاھ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكىن. 015 EZR 007 021 شۇنىڭ بىلەن مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاشتادىن دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدىكى بارلىق خەزىنە بەگلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ئاسماندىكى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنىڭ ئالىمى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، سىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بېجىرىڭلار. 015 EZR 007 022 ئۇنىڭ ئالىدىغىنى كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە، زەيتۇن مېيى يۈز باتقىچە بولسۇن، تۇزغا چەك قويۇلمىسۇن. 015 EZR 007 023 ئاسمانلاردىكى خۇدا نېمىنى ئەمر قىلسا، شۇ ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىلسۇن؛ نېمىشقا [خۇدانىڭ] غەزىپىنى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگۈدەكمىز؟ 015 EZR 007 024 بىز شۇنىمۇ سىلەرگە مەلۇم قىلىمىزكى، ئومۇمەن كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن باج، ئولپان ۋە پاراق ئېلىشقا بولمايدۇ. 015 EZR 007 025 ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار. 015 EZR 007 026 خۇدايىڭنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلسۇن؛ ئۇ ئۆلۈمگە، ياكى سۈرگۈنگە ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ۋە ياكى زىندانغا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنسۇن». 015 EZR 007 027 [ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى، 015 EZR 007 028 يەنە مېنى پادىشاھ ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئالدىدا ھەم پادىشاھنىڭ مۆھتەرەم ئەمىرلىرى ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ قولى مەندە بولۇپ، ئۇ مېنى غەيرەتلەندۈرگەچكە، ئۆزۈم بىلەن بىللە [يېرۇسالېمغا] چىقىشقا ئىسرائىللار ئىچىدىن بىرنەچچە مۆتىۋەرلەرنى يىغدىم. 015 EZR 008 001 پادىشاھ ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بابىلدىن مېنىڭ بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ ئاتا جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ 015 EZR 008 002 فىنىھاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشون، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاتتۇش، 015 EZR 008 003 شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملانغان ئەركەكلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك كىشى؛ 015 EZR 008 004 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراھىياھنىڭ ئوغلى ئەليويىناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز كىشى؛ 015 EZR 008 005 شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئۈچ يۈز كىشى؛ 015 EZR 008 006 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئەللىك كىشى؛ 015 EZR 008 007 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتالىيانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى؛ 015 EZR 008 008 شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر سەكسەن كىشى؛ 015 EZR 008 009 يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز ئون سەككىز كىشى؛ 015 EZR 008 010 شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئاتمىش كىشى؛ 015 EZR 008 011 بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىباينىڭ ئوغلى زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 015 EZR 008 012 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاككاتاننىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئون كىشى؛ 015 EZR 008 013 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەلىفەلەت، جەئىيەل ۋە شېمايا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئاتمىش كىشى؛ 015 EZR 008 014 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بىلەن زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى. 015 EZR 008 015 ــ مەن ئۇلارنى ئاخاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا يىغدىم؛ بىز ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئۈچ كۈن تۇردۇق. خەلقنى ۋە كاھىنلارنى ئارىلاپ قارىسام ئۇ يەردە لاۋىيلار يوق ئىكەن. 015 EZR 008 016 شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئېزەر، ئارىيەل، شېمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللاملارنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئالىملاردىن يوئارىب بىلەن ئەلناتاننى چاقىرتىپ كېلىپ، 015 EZR 008 017 ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ كاسىفىيا دېگەن يەرگە، ئىددو دېگەن ئاتامان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتىم. مەن كاسىفىيا دېگەن يەردە ئىددوغا ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولغان قېرىنداشلىرىغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى بىزگە ئەكېلىشنى ئۆتۈندۇم. 015 EZR 008 018 خۇدايىمىزنىڭ شاپائەتلىك قولى بىزدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى ماھلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئوقۇمۇشلۇق بىر ئادەمنى، يەنى شەرەبىيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى باشلاپ كەلدى. 015 EZR 008 019 ئۇلار يەنە ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە كىشىنى، 015 EZR 008 020 يەنە ئىلگىرى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەيىنلىگەن «نەتىنىيلار»دىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشىنى باشلاپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. 015 EZR 008 021 شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم. 015 EZR 008 022 چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. 015 EZR 008 023 شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى. 015 EZR 008 024 مەن كاھىن باشلىرى ئىچىدىن ئون ئىككى ئادەمنى ۋە شەرەبىيا، ھاشابىيا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللاپ، 015 EZR 008 025 ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى، يەنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمىرلىرى ۋە شۇنىڭدەك شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللار «كۆيدۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى تاپشۇردۇم. 015 EZR 008 026 مەن كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت، يۈز تالانت ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش قاچا-قۇچا، يۈز تالانت ئالتۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆلچەپ تاپشۇردۇم. 015 EZR 008 027 ئۇلارغا تاپشۇرغانلىرىمدىن يەنە ئالتۇن داس يىگىرمە بولۇپ، قىممىتى مىڭ دارىك، سۈپەتلىك ۋە ۋالىلداپ پارقىرايدىغان مىس چوڭ داس ئىككى بولۇپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى. 015 EZR 008 028 مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا مۇقەددەستۇرسىلەر، قاچا-قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر، ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتتۇر. 015 EZR 008 029 تاكى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرگە يەتكۈزۈپ، كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ باشلىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تارازىدىن ئۆتكۈزگۈچە بۇلارنى ئوبدان قاراپ قوغداڭلار، دېدىم. 015 EZR 008 030 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار يېرۇسالېمدىكى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغان، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى. 015 EZR 008 031 شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى بىز ئاخاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىن قوزغىلىپ يېرۇسالېمغا چىقىشقا ماڭدۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۈستىمىزدە بولغاچقا، ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يولدا پايلاپ تۇرغان قاراقچىلاردىنمۇ قۇتقۇزدى. 015 EZR 008 032 بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق؛ 015 EZR 008 033 تۆتىنچى كۈنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلار تارازىدا ئۆلچىنىپ كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار، يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد بىلەن بىننۇئىينىڭ ئوغلى نوئادىياھلار بار ئىدى. 015 EZR 008 034 ھەممە نەرسە سانى بويىچە ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئۆلچەندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈپ قويۇلدى. 015 EZR 008 035 شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى. 015 EZR 008 036 ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى. 015 EZR 009 001 بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 015 EZR 009 002 چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى. 015 EZR 009 003 مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. 015 EZR 009 004 ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم. 015 EZR 009 005 كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ، 015 EZR 009 006 دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى. 015 EZR 009 007 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر زور ئىتائەتسىزلىكتە يۈرۈپ كەلدۇق، شۇڭا قەبىھلىكلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز، بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھەرقايسى يۇرتلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، سۈرگۈنلۈككە، بۇلاڭ-تالاڭغا، نومۇسقا تاپشۇرۇلدۇق. 015 EZR 009 008 ئەمدى ھازىر ئازغىنە ۋاقىت خۇدايىمىز كۆزلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنا ئارام بېرىلسۇن دەپ، قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىدىن خۇددى قاققان قوزۇقتەك مۇقىم ئورۇن بېرىپ، بىزگە خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات كۆرسىتىلدى. 015 EZR 009 009 چۈنكى بىز ھازىر قۇللارمىز؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز مۇشۇ قۇللۇقىمىزدا يەنىلا بىزنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرۈپ، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنى سېلىپ، خارابىلەشكەن جايلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭلاشقا بىزنى روھلاندۇردى، شۇنداقلا بىزنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىللىق قىلدى. 015 EZR 009 010 ئى خۇدا، بىز بۇ [ئىلتىپاتلار] ئالدىدا يەنە نېمە دېيەلەيمىز؟ چۈنكى بىز يەنىلا سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تاپىلغان ئەمرلىرىڭنى تاشلىۋەتتۇق؛ سەن [ئۇلار ئارقىلىق]: «سىلەر كىرىپ مىراس قىلىپ ئىگىلەيدىغان زېمىن بولسا، شۇ زېمىندىكى تائىپىلەرنىڭ نىجىسلىقى بىلەن بۇلغانغان بىر زېمىن؛ چۈنكى ئۇلار تۈرلۈك ناپاكلىقلارنى قىلىپ، يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن بۇ زېمىننى بۇ چەتتىن ئۇ چېتىغىچە تولدۇرۇۋەتتى. 015 EZR 009 012 شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» ــ دېگەنىدىڭ. 015 EZR 009 013 بىزنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىمىز ۋە ناھايىتى ئېغىر ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلگەنىدى ۋە سەن، ئى خۇدايىمىز، قەبىھلىكلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان جازايىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزگە بۈگۈنكىدەك نىجاتلىق ئىلتىپاتنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق، 015 EZR 009 014 بىز قانداقمۇ يەنە ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك قائىدىلەرنى تۇتقان بۇ تائىپىلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىمىز؟ مۇبادا شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سەن بىزگە غەزەپلىنىپ، بىزگە بىر قالدى ياكى قۇتۇلغۇدەك بىرسىنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماي قالامسەن؟ 015 EZR 009 015 ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم. 015 EZR 010 001 ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى. 015 EZR 010 002 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەھىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا ئەزراغا: ــ بىز خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ بۇ زېمىندىكى يات تائىپىلەردىن خوتۇن ئاپتۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىل ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىد بار؛ 015 EZR 010 003 بىز ئەمدى خۇدايىمىز بىلەن ئەھدىلىشەيلى، خوجامنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن بۇ خوتۇنلارنى ۋە ئۇلاردىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەرنى يولغا سېلىپ قويايلى. ھەممە ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن. 015 EZR 010 004 تۇر! بۇ ئىش ساڭا باغلىقتۇر، بىز سېنى قوللايمىز؛ جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنى ئادا قىلغىن، ــ دېدى. 015 EZR 010 005 شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ لاۋىيلارنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ باشلىقلىرىنى شۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكە ئۈندىدى، ئۇلار قەسەم ئىچتى. 015 EZR 010 006 ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى. 015 EZR 010 007 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار، 015 EZR 010 008 ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى. 015 EZR 010 009 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى بارلىق ئەرلەر ئۈچ كۈنگىچە يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولدى. ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى ئىدى؛ بارلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئولتۇردى، كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقاچقا، شۇنىڭدەك قاتتىق ياغقان يامغۇر تۈپەيلىدىن، تىترەپ كېتىشتى. 015 EZR 010 010 كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار. 015 EZR 010 011 ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى. 015 EZR 010 012 پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ــ ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. 015 EZR 010 013 بىراق ئادەملەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ يامغۇر پەسلى بولغاچقا تالادا تۇرالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر! 015 EZR 010 014 خۇدانىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كەلگەن قاتتىق غەزىپىنىڭ بىزدىن كەتكۈچە، باشلىقلىرىمىز پۈتكۈل جامائەتكە ۋەكىل بولۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن؛ بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزدە يات ئەللەردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقال ۋە ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسۇن، ــ دېدى. 015 EZR 010 015 بۇ ئىشقا پەقەت ئاساھەلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياھزىيا قارشى چىقتى، مەشۇللام بىلەن لاۋىي شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى. 015 EZR 010 016 شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەنە شۇنداق قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغانلار جەمەتى بويىچە بۇ ئىشقا ئايرىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى. 015 EZR 010 017 ئۇلار يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغان ئەرلەرنىڭ سورىقىنى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۈگەتتى. 015 EZR 010 018 كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلاردىن مۇشۇلار چىقتى: ــ يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مائاسېياھ، ئەلىئېزەر، يارىب، گەدالىيا. 015 EZR 010 019 ئۇلار خوتۇنلىرىمىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز دەپ [قەسەم قىلىپ] قول بېرىشتى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىسىدىن بىر قوچقارنى سۇندى. 015 EZR 010 020 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھانانى بىلەن زەبادىيا؛ 015 EZR 010 021 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە مائاسېياھ، ئېلىياھ، شېمايا، يەھىيەل ۋە ئۇززىيا؛ 015 EZR 010 022 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، مائاسېياھ، ئىسمائىل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاساھ. 015 EZR 010 023 لاۋىيلار ئىچىدە يوزاباد، شىمەي، كېلايا («كېلىتا»مۇ دېيىلىدۇ)، پىتاھىيا، يەھۇدا بىلەن ئەلىئېزەر؛ 015 EZR 010 024 غەزەلكەشلەر ئىچىدە ئەلىياشىب؛ دەرۋازىۋەنلەر ئىچىدە شاللۇم، تەلەم، ئۇرى. 015 EZR 010 025 ئىسرائىللاردىن: ــ پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رامىيا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا، بىنايا؛ 015 EZR 010 026 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانىيا، زەكەرىيا، يەھىيەل، ئابدى، يەرىموت بىلەن ئېلىياھ؛ 015 EZR 010 027 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، ئەلىياشىب، ماتتانىيا، يەرىموت، زاباد بىلەن ئازىزا؛ 015 EZR 010 028 بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوھوھانان، ھانانىيا، زابباي بىلەن ئاتلاي؛ 015 EZR 010 029 بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇق، ئادايا، ياشۇب، شېئال بىلەن راموت؛ 015 EZR 010 030 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، جىلال، بىنايا، مائاسېياھ، ماتتانىيا، بەزالەل، بىننۇئىي بىلەن ماناسسەھ؛ 015 EZR 010 031 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئېزەر، يىشىيا، مالكىيا، شېمايا، شىمېئون، 015 EZR 010 032 بىنيامىن، ماللۇق ۋە شەمارىيا؛ 015 EZR 010 033 خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتىناي، ماتتاتاھ، زاباد، ئەلىفەلەت، يەرەماي، ماناسسەھ ۋە شىمەي؛ 015 EZR 010 034 بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماداي، ئامرام، ئۇئەل، 015 EZR 010 035 بىنايا، بەدىيا، كېلۇھاي، 015 EZR 010 036 ۋانىيا، مەرەموت، ئەلىياشىب، 015 EZR 010 037 ماتتانىياھ، ماتتىناي، يائاسۇ، 015 EZR 010 038 بانى، بىننۇئىي، شىمەي، 015 EZR 010 039 شەلەمىيا، ناتان، ئادايا، 015 EZR 010 040 ماكنادىباي، شاشاي، شاراي، 015 EZR 010 041 ئازارەل، شەلەمىيا، شەمارىيا، 015 EZR 010 042 شاللۇم، ئامارىيا، يۈسۈپ؛ 015 EZR 010 043 نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەئىيەل، ماتتىتىياھ، زاباد، زېبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. 015 EZR 010 044 بۇلارنىڭ ھەممىسى يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلار ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى. # # BOOK 016 NEH Nehemiah نەھەمىيا 016 NEH 001 001 ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم، 016 NEH 001 002 ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان ھانانى بىلەن بىرنەچچە كىشى يەھۇدىيەدىن چىقىپ كەلدى؛ مەن ئۇلاردىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدالار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىدىم. 016 NEH 001 003 ئۇلار ماڭا: ــ سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ۋە ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دەپ ئېيتىپ بەردى. 016 NEH 001 004 مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ 016 NEH 001 005 مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، 016 NEH 001 006 ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق! 016 NEH 001 007 بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق. 016 NEH 001 008 سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلاپ: «ئەگەر سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلساڭلار، سىلەرنى پۈتۈن تائىپىلەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن؛ لېكىن ماڭا يېنىپ كېلىپ، مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭلار، گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ ئەڭ چېتىگە قوغلىۋېتىلگەنلەر بولسىمۇ، مەن ئۇلارنى شۇ يەردىن يىغىپ، مېنىڭ نامىمنى تىكلەشكە تاللىغان جايغا ئېلىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈڭنى ياد قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈنىمەن. 016 NEH 001 010 بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قۇللىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇڭ. 016 NEH 001 011 ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم. 016 NEH 002 001 ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا شاراب كەلتۈرۈلگەنىدى؛ مەن شارابنى ئېلىپ پادىشاھقا سۇندۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان غەمكىن كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدىم. 016 NEH 002 002 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ بىرەر كېسىلىڭ بولمىسا، چىرايىڭ نېمىشقا شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر دەرد بار، دېۋىدى، مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم. 016 NEH 002 003 مەن پادىشاھقا: ــ پادىشاھىم مەڭگۈ ياشىغايلا! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان، دەرۋازا-قوۋۇقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمەي؟ ــ دېدىم. 016 NEH 002 004 پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ، 016 NEH 002 005 ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم. 016 NEH 002 006 پادىشاھ (شۇ چاغدا خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى) مەندىن: ــ سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردى؛ مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغان بىر ۋاقىتنى بېكىتتىم. 016 NEH 002 007 مەن يەنە پادىشاھتىن: ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ماڭا [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارغا مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش توغرۇلۇق يارلىق خەتلىرىنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا؛ 016 NEH 002 008 ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى. 016 NEH 002 009 شۇنىڭ بىلەن مەن دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى تاپشۇردۇم. پادىشاھ يەنە بىرنەچچە قوشۇن سەردارلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 016 NEH 002 010 ھورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونىي توبىيا دېگەن ئەمەلدار ئىسرائىللارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىزدەپ ئادەم كەپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن نارازى بولدى. 016 NEH 002 011 مەن يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردۇم. 016 NEH 002 012 ئاندىن كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق (مەن خۇدايىمنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى سالغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرەر نېمە دېمىگەنىدىم). ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلاغمۇ ئالماي، 016 NEH 002 013 كېچىسى «جىلغا قوۋۇقى»دىن چىقىپ «ئەجدىھا بۇلىقى»غا قاراپ مېڭىپ، «تېزەك قوۋۇقى»غا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قوۋۇق-دەرۋازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇم. 016 NEH 002 014 يەنە ئالدىغا مېڭىپ «بۇلاق قوۋۇقى» بىلەن «شاھانە كۆل»گە كەلدىم؛ لېكىن شۇ يەردە مەن مىنگەن ئۇلاغنىڭ ئۆتۈشىكە يول بەك تار كەلگەچكە، 016 NEH 002 015 كېچىدە مەن جىلغا بىلەن چىقىپ سېپىلنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن يېنىپ «جىلغا قوۋۇقى»دىن شەھەرگە كىرىپ، ئۆيگە قايتتىم. 016 NEH 002 016 ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى ۋە نېمە قىلغانلىقىمنى بىلمەي قېلىشتى، چۈنكى مەن يا يەھۇدىيلارغا، كاھىنلارغا، يا ئەمىر-ھاكىملارغا ۋە ياكى باشقا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم. 016 NEH 002 017 كېيىن مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر بېشىمىزغا كەلگەن بالايىئاپەتنى، يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈڭلار؛ كېلىڭلار، ھەممىمىز ھاقارەتكە قېلىۋەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ چىقايلى، ــ دېدىم. 016 NEH 002 018 مەن يەنە ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار: ــ ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى! ــ دېيىشىپ، بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۆز قوللىرىنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 016 NEH 002 019 لېكىن ھورونلۇق سانباللات، خىزمەتكار ئاممونىي توبىيا ھەم ئەرەب بولغان گەشەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىزنى زاڭلىق قىلىپ مەنسىتمەي: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار نېمە ئىش؟ سىلەر پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 016 NEH 002 020 مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاسمانلاردىكى خۇدا بولسا بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى بولغان بىزلەر قوپۇپ قۇرىمىز. لېكىن سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھېچقانداق نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى يادنامەڭلار يوق، ــ دېدىم. 016 NEH 003 001 شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ 016 NEH 003 002 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى يېرىخولۇقلار ياسىدى؛ يەنە ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. 016 NEH 003 003 «بېلىق قوۋۇقى»نى سەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 016 NEH 003 004 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت ياسىدى؛ ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى مەشەزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى بائاناھنىڭ ئوغلى زادوك ياسىدى. 016 NEH 003 005 ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى تەكوئالىقلار ياسىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىشقا ئۇنىمىدى. 016 NEH 003 006 «كونا قوۋۇق»نى پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا بىلەن بېسودىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 016 NEH 003 007 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى. 016 NEH 003 008 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىيەل ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى خۇشبۇي بۇيۇم ياسايدىغان ئەتىرچىلەردىن ھانانىيا ياسىدى. ئۇلار يېرۇسالېم [سېپىلىنى] تاكى «قېلىن تام»غىچە ئوڭشاپ ياسىدى. 016 NEH 003 009 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رېفايا ياسىدى. 016 NEH 003 010 ئۇلارنىڭ يېنىدا، خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى ھاتتۇش ياسىدى. 016 NEH 003 011 ھارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاھات-موئابنىڭ ئوغلى ھاششۇب سېپىلنىڭ باشقا بىر بۆلىكى بىلەن «خۇمدانلار مۇنارى»نى ياسىدى. 016 NEH 003 012 ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى خاللوھەشنىڭ ئوغلى شاللوم ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ياسىدى. 016 NEH 003 013 «جىلغا قوۋۇقى»نى ھانۇن بىلەن زانوئاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياسىدى. ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە «تېزەك قوۋۇقى»غىچە مىڭ گەز سېپىلنىمۇ ياسىدى. 016 NEH 003 014 «تېزەك قوۋۇقى»نى بەيت-ھاككەرەم يۇرتىنىڭ باشلىقى رەكابنىڭ ئوغلى مالكىيا ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 016 NEH 003 015 «بۇلاق قوۋۇقى»نى مىزپاھ يۇرتىنىڭ باشلىقى كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى شاللۇم ياسىدى. ئۇ ئۇنى ياساپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە يېڭىۋاشتىن ياسىدى. 016 NEH 003 016 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى داۋۇتنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈنئىي كۆلگە ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى «پالۋانلارنىڭ ئۆيى»گە قەدەر بەيت-زۇر يۇرتىنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ئازبۇكنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ياسىدى. 016 NEH 003 017 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى لاۋىيلار ــ يەنى بانىنىڭ ئوغلى رەھۇم ياسىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى كېئىلاھنىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى ھاشابىيا ئۆز يۇرتىغا ۋاكالىتەن ياساپ چىقتى. 016 NEH 003 018 ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ــ كېئىلاھنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ھېنادادنىڭ ئوغلى باۋاي ياسىدى. 016 NEH 003 019 ئۇنىڭ يېنىدا، مىزپاھنىڭ ھاكىمى يەشۇيانىڭ ئوغلى ئېزەر قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىش يولىنىڭ ئۇدۇلىدا، سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىكى يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 016 NEH 003 020 زابباينىڭ ئوغلى بارۇق ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىن تاكى باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. 016 NEH 003 021 ئۇنىڭ يېنىدا ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت سېپىلنىڭ ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ئەلىياشىبنىڭ ھويلىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 016 NEH 003 022 بۇلاردىن كېيىنكى بىر قىسمىنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكىلەر، كاھىنلار ياسىدى. 016 NEH 003 023 بۇلارنىڭ يېنىدا، بىنيامىن بىلەن ھاششۇب ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئانانىيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېياھنىڭ ئوغلى ئازارىيا ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قىسىمنى ياسىدى. 016 NEH 003 024 ئۇنىڭ يېنىدا، ئازارىيانىڭ ئۆيىدىن تاكى سېپىلنىڭ دوقمۇشىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ھېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇئىي ياسىدى. 016 NEH 003 025 [ئۇنىڭ يېنىدا]، ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دوقمۇشى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان، زىندان ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر بۆلىكىنى پاروشنىڭ ئوغلى پىدايا ياسىدى. 016 NEH 003 026 ئەمدى ئوفەلدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىلنى ياسىدى. 016 NEH 003 027 چوقچىيىپ تۇرغان چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدا تەكوئالىقلار تاكى ئوفەل سېپىلىغىچە بولغان ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 016 NEH 003 028 «ئات قوۋۇقى»نىڭ يۇقىرى بىر بۆلىكىنى كاھىنلار ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. 016 NEH 003 029 ئىممەرنىڭ ئوغلى زادوك ئۇلارنىڭ يېنىدا، كېيىنكى قىسمىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى شېمايا ياسىدى. 016 NEH 003 030 ئۇنىڭ يېنىدا، شەلەمىيانىڭ ئوغلى ھانانىيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ھانۇن ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ يېنىدا، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۆز قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلەكنى ياسىدى. 016 NEH 003 031 ئۇنىڭ يېنىدا، شۇ يەردىن تارتىپ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قورۇلىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ياسىدى. 016 NEH 003 032 دوقمۇشنىڭ بالىخانىسى بىلەن «قوي قوۋۇقى»نىڭ ئارىلىقىدىكى بۆلەكنى زەرگەرلەر بىلەن سودىگەرلەر ياسىدى. 016 NEH 004 001 شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى. 016 NEH 004 002 ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنى ئالدىدا: ــ بۇ زەئىپ يەھۇدالار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ ئۇلار قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈشمەكچىمۇ؟ توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟ ــ دېدى. 016 NEH 004 003 ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاممونىي توبىيا: ــ ئۇلار ھەرقانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. 016 NEH 004 004 ــ ئى خۇدايىمىز، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كەمسىتىلمەكتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسۇن؛ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا خەقنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرغايسۇن! 016 NEH 004 005 ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ياپمىغايسەن، گۇناھلىرى ئالدىڭدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى! 016 NEH 004 006 شۇنداقتىمۇ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋەردۇق؛ ئۇنى ئۇلاپ، ئېگىزلىكىنى يېرىمىغا يەتكۈزدۇق؛ چۈنكى كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى. 016 NEH 004 007 شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار، ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىللىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سېپىل بۆسۈكلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كېلىشتى-دە، 016 NEH 004 008 بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى. 016 NEH 004 009 شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق. 016 NEH 004 010 بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى. 016 NEH 004 011 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىمىز: ــ ئۇلار سەزمەستە، ئۇلار كۆرمەستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىۋېتىمىز! ــ دېيىشتى. 016 NEH 004 012 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. 016 NEH 004 013 شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم. 016 NEH 004 014 كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم. 016 NEH 004 015 شۇنداق بولدىكى، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىپ قالغانلىقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاچ، شۇنىڭدەك خۇدا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغاچ، بىز ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ، ھەربىرىمىز ئەسلى ئىش ئورنىمىزدا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق. 016 NEH 004 016 ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىش بىلەن بولدى، يېرىمى قولىغا نەيزە، قالقان، ئوقيا تۇتقان، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيگەن ھالدا يۈرۈشتى. سەردار-ئەمەلدارلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقان بارلىق يەھۇدا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى. ھەم يۈكلەرنى توشۇۋاتقانلار ھەم ئۇلارغا يۈك ئارتىۋاتقانلارمۇ بىر قولىدا ئىشلەپ، بىر قولىدا ياراغلىرىنى چىڭ تۇتۇشقانىدى. 016 NEH 004 018 تامچىلارنىڭ ھەربىرى بەللىرىگە قىلىچ-خەنجەرلىرىنى ئاسقان ھالدا [سېپىلنى] ياساۋاتاتتى؛ كانايچى بولسا يېنىمدا تۇراتتى. 016 NEH 004 019 مەن مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ، دائىرىسى كەڭ؛ بىز ھەممىمىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىپ ئىشلەپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز. 016 NEH 004 020 شۇڭا مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارلا، بىز بار شۇ يەرگە كېلىپ يىغىلىڭلار؛ خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، ــ دېدىم. 016 NEH 004 021 بىز ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىشلىدۇق؛ خەلقنىڭ يېرىمى تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇز چىققۇچە نەيزىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى. 016 NEH 004 022 ئۇ چاغدا مەن يەنە خەلققە: ــ ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتكارى بىلەن كېچىنى يېرۇسالېمغا كىرىپ ئۆتكۈزسۇن، شۇنداق بولسا ئۇلار كېچىسى بىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىمىزنى قىلىدۇ، كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، دېدىم. 016 NEH 004 023 شۇنداق قىلىپ يا مەن، نە قېرىنداشلىرىم، يا خىزمەتكارلىرىم ياكى ماڭا ئەگەشكەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىيىملىرىنى سېلىشمىدى؛ ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى. 016 NEH 005 001 ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. 016 NEH 005 002 بەزىلەر: ــ بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان سانىمىز كۆپ، كۈن كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن تويغۇدەك ئاشلىق ئالمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى. 016 NEH 005 003 يەنە بەزىلەر: ــ بىز ئاچارچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا ئاشلىق ئېلىپ يەيمىز دەپ ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق، دېيىشتى. 016 NEH 005 004 ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق. 016 NEH 005 005 گەرچە بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، پەرزەنتلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇل-دېدەك بولۇشقا تاپشۇرماي ئامالىمىز بولمىدى؛ ئەمەلىيەتتە قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئاللىقاچان دېدەك بولۇپمۇ كەتتى؛ ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىدى، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ھازىر باشقىلارنىڭ قولىدىدۇر، ــ دېيىشتى. 016 NEH 005 006 مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى ۋە ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندىم. 016 NEH 005 007 كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ 016 NEH 005 008 ئۇلارنى: ــ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يات تائىپىلەرگە سېتىۋېتىلگەن قېرىندىشىمىز يەھۇدالارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدۇق، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ــ دەپ ئەيىبلىۋىدىم، ئۇلار دەيدىغان گەپ تاپالماي، شۈك تۇرۇپ قالدى. 016 NEH 005 009 ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟ 016 NEH 005 010 مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق! سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى! 016 NEH 005 011 ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر دەل بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ۋە شۇنىڭدەك سىلەر ئۇلاردىن ئۈندۈرۈۋالغان پۇل، ئاشلىق، يېڭى مەي-شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېدىم. 016 NEH 005 012 ئۇلار: ــ قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەمدى ئۇلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالمايمىز؛ سىلى نېمە دېسىلە، بىز شۇنداق قىلىمىز، دېيىشتى. مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋەدە بويىچە شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم. 016 NEH 005 013 مەن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ: ــ كىم مۇشۇ ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدىن ۋە مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ قېقىۋەتسۇن! شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى قۇرۇقدىلىپ قالغۇچە قېقىۋېتىلسۇن! ــ دېدىم. پۈتكۈل جامائەت بىردەك: «ئامىن!» دېيىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئاندىن كۆپچىلىك شۇ ۋەدىسى بويىچە دېگىنىدەك قىلىشتى. 016 NEH 005 014 شۇنىڭدەك، يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلەنگەن كۈندىن بۇيان، يەنى پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئون ئىككى يىل ئىچىدە نە مەن، نە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى ھېچ يېمىدۇق. 016 NEH 005 015 مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن [كۈندىلىك] ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. 016 NEH 005 016 مەن دەرۋەقە سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشىغىلا بېرىلگەچكە، بىز ھەتتا بىرەر ئېتىزنىمۇ سېتىۋالمىدۇق؛ مېنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىممۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەشكە شۇ يەرگە يىغىلاتتى. 016 NEH 005 017 ئەتراپىمىزدىكى يات ئەللەردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن بۆلەك، مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا غىزا يەيدىغانلار يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. 016 NEH 005 018 ھەركۈنى بىر كالا، خىللانغان ئالتە قوي تەييارلىناتتى، يەنە ماڭا بەزى ئۇچار قۇشلار تەييارلىناتتى؛ ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەرخىل مول مەي-شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا «ۋالىي نېنى»نى تەلەپ قىلمىدىم؛ چۈنكى قۇرۇلۇش ئىشى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈك ئىدى. 016 NEH 005 019 ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن! 016 NEH 006 001 شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەب بولغان گەشەم ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمى مېنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاپ چىققانلىقىمنى، سېپىلنىڭ ئەمدى بۆسۈكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ (لېكىن ئۇ چاغدا مەن تېخى سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدىم)، 016 NEH 006 002 سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا: ــ كەلسىلا، بىز ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كەفىرىم كەنتىدە كۆرۈشەيلى! ــ دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا قەست قىلماقچى ئىكەن. 016 NEH 006 003 شۇڭلاشقا مەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: ــ مەن ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن سىلەر تەرەپكە چۈشمەيمەن. مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارىمەن دەپ، ئىشنى تاشلاپ ئۇنى توختىتىپ قوياي؟ ــ دېدىم. 016 NEH 006 004 ئۇلار ئۇدا تۆت قېتىم مۇشۇ تەرىقىدە ئادەم ئەۋەتتى، مەن ھەر قېتىم شۇنداق جاۋاپ بەردىم. 016 NEH 006 005 ئاندىن سانباللات بەشىنچى قېتىم شۇ تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىغا پېچەتلەنمىگەن خەتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىپتۇ. 016 NEH 006 006 خەتتە: «ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ، ۋە گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ۋە يەھۇدالار بىرگە ئىسيان كۆتۈرمەكچى ئىكەنسىلەر؛ شۇڭا سەن سېپىلنىمۇ يېڭىۋاشتىن ئوڭشاشقا كىرىشىپسەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلماقچىكەنسەن. 016 NEH 006 007 سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن. 016 NEH 006 008 مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئېيتقان ئىشلار ھېچقاچان قىلىنغان ئەمەس؛ بۇلار بەلكى ئۆز كۆڭلۈڭدىن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىڭ، خالاس» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. 016 NEH 006 009 ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!». 016 NEH 006 010 مەھەتابەلنىڭ نەۋرىسى، دېلايانىڭ ئوغلى شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم ئۇ: ــ بىز خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەيلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئېتىپ قويايلى؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كېچىسى كېلىپ سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى! ــ دېدى. 016 NEH 006 011 مەن: ــ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەم قانداقمۇ قېچىپ كەتسۇن؟ مەندەك بىر ئادەم جېنىمنى قۇتقۇزىمەن دەپ قانداقمۇ ئىبادەتخانىغا كىرىۋالغۇدەكمەن؟ مەن ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرىۋالمايمەن! ــ دەپ جاۋاپ بەردىم. 016 NEH 006 012 چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. 016 NEH 006 013 ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى. 016 NEH 006 014 ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!». 016 NEH 006 015 ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى. 016 NEH 006 016 شۇنداق بولدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئەللەر قورقۇپ كېتىشتى؛ ئۆز نەزىرىدە ھەيۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇ [قۇرۇلۇشنى] خۇدايىمىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 016 NEH 006 017 شۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەدىكى مۆتىۋەرلەر توبىياغا نۇرغۇن خەت يازدى، توبىيامۇ ئۇلارغا جاۋابەن دائىم خەت يېزىپ تۇردى. 016 NEH 006 018 چۈنكى يەھۇدىيەدە توبىياغا باغلىنىپ قېلىپ، قەسەم ئىچكەن نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئاراھنىڭ ئوغلى، شېكانىيانىڭ كۈيئوغلى ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوھانان بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. 016 NEH 006 019 شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مېنىڭ ئالدىمدا پات-پات توبىيانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشاتتى ھەم مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشاتتى؛ توبىيا بولسا ماڭا پات-پات تەھدىت سېلىپ خەت يېزىپ تۇراتتى. 016 NEH 007 001 سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، 016 NEH 007 002 مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. 016 NEH 007 003 مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. 016 NEH 007 004 شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى. 016 NEH 007 005 خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ 016 NEH 007 006 تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ 016 NEH 007 007 ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 016 NEH 007 008 پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 009 شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 010 ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ 016 NEH 007 011 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 012 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 016 NEH 007 013 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 016 NEH 007 014 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 016 NEH 007 015 بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 016 بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 017 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 018 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 016 NEH 007 019 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 016 NEH 007 020 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛ 016 NEH 007 021 ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 022 ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 023 بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛ 016 NEH 007 024 ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 025 گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 016 NEH 007 026 بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 027 ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 016 NEH 007 028 بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى. 016 NEH 007 029 كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 016 NEH 007 030 راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 016 NEH 007 031 مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 032 بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 016 NEH 007 033 ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 034 ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 016 NEH 007 035 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 016 NEH 007 036 يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 016 NEH 007 037 لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 016 NEH 007 038 سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى. 016 NEH 007 039 كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 016 NEH 007 040 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 041 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 016 NEH 007 042 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. 016 NEH 007 043 لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى. 016 NEH 007 044 غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى. 016 NEH 007 045 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى. 016 NEH 007 046 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. 016 NEH 007 047 كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 048 لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 049 ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 050 رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 051 گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 052 بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 053 باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 054 بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 055 باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 056 نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. 016 NEH 007 057 سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 058 يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 016 NEH 007 059 شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. 016 NEH 007 060 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. 016 NEH 007 061 تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 016 NEH 007 062 بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 016 NEH 007 063 كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 016 NEH 007 064 بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 016 NEH 007 065 ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. 016 NEH 007 066 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 016 NEH 007 067 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 016 NEH 007 069 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. 016 NEH 007 070 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى [ئىبادەتخانا] قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ 016 NEH 007 071 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ 016 NEH 007 072 خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى. 016 NEH 007 073 شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى. 016 NEH 008 001 يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 016 NEH 008 002 يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛ 016 NEH 008 003 «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى. 016 NEH 008 004 تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى. 016 NEH 008 005 ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى. 016 NEH 008 006 ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 016 NEH 008 007 ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇيا، بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى. 016 NEH 008 008 ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى. 016 NEH 008 009 ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى. 016 NEH 008 010 ئاندىن [نەھەمىيا] ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە [يىمەك-ئىچمەك] تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى. 016 NEH 008 011 لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى. 016 NEH 008 012 جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى. 016 NEH 008 013 ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى. 016 NEH 008 014 ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى، 016 NEH 008 015 شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۆجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى. 016 NEH 008 016 شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى. 016 NEH 008 017 سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى. 016 NEH 008 018 بىرىنچى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە [ئەزرا] ھەركۈنى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى؛ سەككىزىنچى كۈنى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. 016 NEH 009 001 شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ 016 NEH 009 002 ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. 016 NEH 009 003 ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 016 NEH 009 004 لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. 016 NEH 009 005 لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ! 016 NEH 009 006 سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر. 016 NEH 009 007 سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ. 016 NEH 009 008 سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. 016 NEH 009 009 سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ. 016 NEH 009 010 سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ. 016 NEH 009 011 سەن يەنە [ئاتا-بوۋىلىرىمىز] ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ. 016 NEH 009 012 سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ. 016 NEH 009 013 سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. 016 NEH 009 014 سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ. 016 NEH 009 015 سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ. 016 NEH 009 016 لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. 016 NEH 009 017 ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. 016 NEH 009 018 ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا، 016 NEH 009 019 سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى. 016 NEH 009 020 سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ. 016 NEH 009 021 سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. 016 NEH 009 022 سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. 016 NEH 009 023 سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. 016 NEH 009 024 ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. 016 NEH 009 025 ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى! 016 NEH 009 026 لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى. 016 NEH 009 027 شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. 016 NEH 009 028 لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ. 016 NEH 009 029 سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. 016 NEH 009 030 ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. 016 NEH 009 031 ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن. 016 NEH 009 032 ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز. 016 NEH 009 033 بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر. 016 NEH 009 034 پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى. 016 NEH 009 035 ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى. 016 NEH 009 036 مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق! 016 NEH 009 037 [زېمىن] سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق». 016 NEH 009 038 «ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى». 016 NEH 010 001 بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ھاقالىيانىڭ ئوغلى، ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى؛ 016 NEH 010 002 ئاندىن [كاھىنلاردىن] سېرايا، ئازارىيا، يەرەمىيا، 016 NEH 010 003 پاشخۇر، ئامارىيا، مالكىيا، 016 NEH 010 004 ھاتتۇش، شەبانىيا، ماللۇق، 016 NEH 010 005 ھارىم، مەرەموت، ئوبادىيا، 016 NEH 010 006 دانىيال، گىننىتون، بارۇق، 016 NEH 010 007 مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، 016 NEH 010 008 مائازىياھ، بىلگاي، شېمايالار؛ ئۇلار كاھىنلار ئىدى. 016 NEH 010 009 لاۋىيلاردىن: ــ ئازانىيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، ھېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىننۇئى بىلەن كادمىيەل 016 NEH 010 010 ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەبانىيا، خودىيا، كېلىتا، پېلايا، ھانان، 016 NEH 010 011 مىكا، رەخوب، ھاشابىيا، 016 NEH 010 012 زاككور، شەرەبىيا، شەبانىيا، 016 NEH 010 013 خودىيا، بانى، بېنىنۇ ئىدى. 016 NEH 010 014 جامائەت باشلىقلىرىدىن: پاروش، پاھات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، 016 NEH 010 015 بۇننى، ئازگاد، بىباي، 016 NEH 010 016 ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، 016 NEH 010 017 ئاتېر، ھەزەكىيا، ئاززۇر، 016 NEH 010 018 خودىيا، ھاشۇم، بىزاي، 016 NEH 010 019 ھارىف، ئاناتوت، نېباي، 016 NEH 010 020 ماگپىياش، مەشۇللام، ھېزىر، 016 NEH 010 021 مەشەزابەل، زادوك، ياددۇئا، 016 NEH 010 022 پىلاتىيا، ھانان، ئانايا، 016 NEH 010 023 ھوشىيا، ھانانىيا، ھاششۇب، 016 NEH 010 024 ھاللوخەش، پىلخا، شوبەك، 016 NEH 010 025 رەھۇم، ھاشابناھ، مائاسېياھ، 016 NEH 010 026 ئاخىياھ، ھانان، ئانان، 016 NEH 010 027 ماللۇق، ھارىم، بائاناھلار ئىدى. 016 NEH 010 028 قالغان خەلق: ــ كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى 016 NEH 010 029 ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛ 016 NEH 010 030 قىزلىرىمىزنى بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەرگە ياتلىق قىلمايمىز ھەم ئوغۇللىرىمىزغىمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەيمىز؛ 016 NEH 010 031 بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەر شابات كۈنىدە مال-تاۋار ۋە ئاشلىقلىرىنى ئەكىلىپ ساتماقچى بولسا، شابات كۈنلىرى ياكى ھەرقايسى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردىمۇ ئۇلاردىن قەتئىي ھېچنېمە سېتىۋالمايمىز؛ ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى تېرىقسىز ئاق قالدۇرىمىز ھەم بارلىق قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز» ــ دېيىشتى. 016 NEH 010 032 بىز يەنە ئۆزىمىزگە ھەربىر ئادەم ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەل كۈمۈش بېرىشكە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتۇق؛ 016 NEH 010 033 بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى. 016 NEH 010 034 بىز يەنە ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئارىسىدا چەك تاشلاپ، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن قەرەلدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتلىرىنى بېكىتتۇق؛ 016 NEH 010 035 يەنە ھەر يىلى ئېتىزىمىزدىكى تۇنجى پىشقان ھوسۇلنى، ھەممە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى، 016 NEH 010 036 شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ئوغلىمىزنى ۋە كالا، قوي-ئوغلاق پادىلىرىدىن تۇنجى چارپىيىمىزنى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇ ئۆيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاھىنلارغا ئەپكېلىشنى، 016 NEH 010 037 ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى، شۇنداقلا بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىمىزنى تەقدىم قىلىشنى، ھەرخىل دەرەخلەردىن دەسلەپكى پىشقان مېۋىلەرنى، يېڭى شاراب، يېڭى زەيتۇن مېيىنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يەنى كاھىنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى لاۋىيلارغا بېرىشنى بېكىتتۇق؛ لاۋىيلار بىزنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىدىغان شەھەرلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى تاپشۇرۇۋالسۇن دەپ بېكىتتۇق؛ 016 NEH 010 038 شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق. 016 NEH 010 039 ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز! 016 NEH 011 001 ئۇ چاغدا خەلق ئىچىدىكى ئەمىرلەر يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ قالغان پۇقرالار چەك تاشلىنىش بىلەن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىپ، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. 016 NEH 011 002 ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا ئوتتۇرىغا چىققانلارغا بولسا، جامائەت ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 016 NEH 011 003 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېمغا ماكانلىشىپ قالغان بەگ-ئەمىرلەر تۆۋەندىكىدەك (ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز تەۋەلىكىدە ماكانلاشقان بولسىمۇ، يەھۇدالاردىن ۋە بىنيامىنلاردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدا ماكانلاشتى): ــ بۇلارنىڭ ئىچىدە، يەھۇدالاردىن: ــ پەرەزنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇززىيانىڭ ئوغلى ئاتايا؛ ئۇززىيا زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا شەفاتىيانىڭ ئوغلى، شەفاتىيا ماھالالېلنىڭ ئوغلى ئىدى. 016 NEH 011 005 يەنە بارۇقنىڭ ئوغلى مائاسېياھ؛ بارۇق كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى، كول-ھوزەھ ھازايانىڭ ئوغلى، ھازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يوئارىبنىڭ ئوغلى، يوئارىب زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى. 016 NEH 011 006 يېرۇسالېمغا ماكانلاشقان بارلىق پەرەز جەمەتىدىكىلەر جەمئىي تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى. 016 NEH 011 007 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ؛ مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا كولايانىڭ ئوغلى، كولايا مائاسېياھنىڭ ئوغلى، مائاسېياھ ئىتىيەلنىڭ ئوغلى، ئىتىيەل يەشايانىڭ ئوغلى. 016 NEH 011 008 ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، گابباي ۋە ساللاي ئىدى؛ شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى. 016 NEH 011 009 زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى؛ سىنۇئاھنىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى. 016 NEH 011 010 كاھىنلاردىن: ــ يوئارىبنىڭ ئوغلى يەدايا بىلەن ياقىن، 016 NEH 011 011 شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باش غوجىدارى سېرايا؛ سېرايا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 016 NEH 011 012 يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە بولغانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى بار ئىدى؛ يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا بار ئىدى؛ يەروھام پېلالىيانىڭ ئوغلى، پېلالىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ 016 NEH 011 013 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقى بولۇپ، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى ئىدى؛ يەنە ئازارەلنىڭ ئوغلى ئاماشساي بار ئىدى؛ ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللىموتنىڭ ئوغلى، مەشىللىموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 016 NEH 011 014 يەنە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، پالۋان-ئەزىمەتلەردىن، جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى بار ئىدى؛ گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىيەل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى. 016 NEH 011 015 لاۋىيلاردىن: ــ ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ ھاششۇب ئازرىكامنىڭ ئوغلى، ئازرىكام ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 016 NEH 011 016 يەنە لاۋىيلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان شاببىتاي بىلەن يوزاباد بولۇپ، خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ تېشىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. 016 NEH 011 017 يەنە مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا دۇئا ۋاقىتلىرىدا تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى؛ مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى؛ باكبۇكىيا قېرىنداشلىرى ئىچىدە مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى؛ يەنە شاممۇئانىڭ ئوغلى ئابدا بار ئىدى؛ شاممۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 016 NEH 011 018 مۇقەددەس شەھەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن تۆت كىشى ئىدى. 016 NEH 011 019 دەرۋازىۋەنلەردىن: ــ دەرۋازىلاردا كۆزەتتە تۇرىدىغان ئاككۇب بىلەن تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار جەمئىي بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى. 016 NEH 011 020 قالغان ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز مىراسىدا ماكانلاشتى. 016 NEH 011 021 ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل دۆڭىگە ماكانلاشتى؛ ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىنى زىخا بىلەن گىشپا باشقۇردى. 016 NEH 011 022 يېرۇسالېمدا لاۋىيلارنى باشقۇرغۇچى بانىنىڭ ئوغلى ئۇززى ئىدى؛ بانى ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى ــ دېمەك، ئۇززا ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولغان غەزەلكەشلەردىن ئىدى. 016 NEH 011 023 چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، غەزەلكەشلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى. 016 NEH 011 024 يەھۇدانىڭ ئوغلى زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشەزابەلنىڭ ئوغلى پىتاھىيا پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. 016 NEH 011 025 يېزا-قىشلارقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا يەھۇدالاردىن بەزىلىرى تۇراتتى؛ كىرىئات-ئاربا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، دىبون ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، يەكابزىيەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 016 NEH 011 026 شۇنداقلا يەشۇئا، مولاداھ، بەيت-پەلەت، 016 NEH 011 027 ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 016 NEH 011 028 زىكلاگ، مىكونا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 016 NEH 011 029 ئەن-رىممون، زوراھ، يارمۇت، 016 NEH 011 030 زانوئاھ، ئادۇللام ۋە بۇ ئىككى يەرگە تەۋە قىشلاقلاردا، لاقىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەردە، ئازىكاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەردە ماكانلاشتى؛ ئۇلار ماكانلاشقان يەرلەر بەئەر-شېبادىن تاكى ھىننوم جىلغىسىغا قەدەر سوزۇلدى. 016 NEH 011 031 بىنيامىنلار بولسا گېبا، مىكماش، ئايجا، بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 016 NEH 011 032 بەزىلىرى ئاناتوت، نوب، ئانانىيا، 016 NEH 011 033 ھازور، راماھ، گىتتائىم، 016 NEH 011 034 ھادىد، زەبوئىم، نىباللات، 016 NEH 011 035 لود، ئونو، شۇنداقلا ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىدا ماكانلاشقانىدى. 016 NEH 011 036 ئەسلىدە يەھۇدىيەگە تەيىنلەنگەن لاۋىيلار قىسىملىرىدىن بەزىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا ماكانلاشتى. 016 NEH 012 001 شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىرلىكتە [سۈرگۈنلۈكتىن] چىققان كاھىن ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: ــ [كاھىنلار] سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، 016 NEH 012 002 ئامارىيا، ماللۇق، ھاتتۇش، 016 NEH 012 003 شېكانىيا، رەھۇم، مەرەموت، 016 NEH 012 004 ئىددو، گىننىتوي، ئابىيا، 016 NEH 012 005 مىيامىن، مائادىيا، بىلگاھ، 016 NEH 012 006 شېمايا، يوئارىب، يەدايا، 016 NEH 012 007 ساللو، ئاموك، ھىلقىيا ۋە يەدايا. بۇلار بولسا يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىن بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 016 NEH 012 008 لاۋىيلاردىن بولسا يەشۇئا، بىننۇئىي، كادمىيەل، شەرەبىيا، يەھۇدا، ماتتانىيالار؛ ماتتانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى. 016 NEH 012 009 ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باكبۇكىيا بىلەن ئۇننى نۆۋىتى بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل خىزمەتتە تۇراتتى. 016 NEH 012 010 يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى، 016 NEH 012 011 يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى. 016 NEH 012 012 يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلاردىن جەمەت باشلىقى بولغانلار مۇنۇلار: ــ سېرايا جەمەتىگە مېرايا؛ يەرەمىيا جەمەتىگە ھانانىيا؛ 016 NEH 012 013 ئەزرا جەمەتىگە مەشۇللام؛ ئامارىيا جەمەتىگە يەھوھانان؛ 016 NEH 012 014 مېلىكۇ جەمەتىگە يوناتان؛ شەبانىيا جەمەتىگە يۈسۈپ؛ 016 NEH 012 015 ھارىم جەمەتىگە ئادنا؛ مېرايوت جەمەتىگە ھەلكاي؛ 016 NEH 012 016 ئىددو جەمەتىگە زەكەرىيا؛ گىننىتون جەمەتىگە مەشۇللام؛ 016 NEH 012 017 ئابىيا جەمەتىگە زىكرى؛ مىنيامىن بىلەن موئادىيالارنىڭ جەمەتىگە پىلتاي؛ 016 NEH 012 018 بىلگاھ جەمەتىگە شاممۇئا؛ شېمايا جەمەتىگە يەھوناتان؛ 016 NEH 012 019 يوئارىب جەمەتىگە ماتتىناي؛ يەدايا جەمەتىگە ئۇززى؛ 016 NEH 012 020 ساللاي جەمەتىگە كاللاي؛ ئاموك جەمەتىگە ئېبەر؛ 016 NEH 012 021 ھىلقىيا جەمەتىگە ھاسابىيا؛ يەدايا جەمەتىگە نەتانەل. 016 NEH 012 022 ئەلىياشىب، يويادا، يوھانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تىزىملانغان ۋە ئوخشاشلا، پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختتىكى چاغلارغىچە كاھىنلارمۇ تىزىملىنىپ كەلگەن. 016 NEH 012 023 جەمەت باشلىقى بولغان لاۋىيلار تاكى ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى يوھاناننىڭ ۋاقتىغىچە تەزكىرىنامىدە تىزىملىنىپ كەلگەن. 016 NEH 012 024 لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان ھاسابىيا، شەرەبىيا، كادمىيەلنىڭ ئوغلى يەشۇئالار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە-مۇناجات، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىپ تۇراتتى. 016 NEH 012 025 ماتتانىيا، باكبۇكىيا، ئوبادىيا، مەشۇللام، تالمون بىلەن ئاككۇبلار دەرۋازىۋەنلەر بولۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ ئامبارلىرىغا قارايتتى. 016 NEH 012 026 بۇ كىشىلەر يوزاداكنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە، شۇنىڭدەك ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. 016 NEH 012 027 يېرۇسالېم سېپىلىنى [خۇداغا] ئاتاپ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، جامائەت لاۋىيلارنى تۇرغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش، چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلارنى چېلىشقا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئاتاپ تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. 016 NEH 012 028 غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتىن، نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن، 016 NEH 012 029 بەيت-گىلگالدىن، گېبا بىلەن ئازماۋەت ئېتىزلىقلىرىدىن يىغىلغانىدى؛ چۈنكى غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرىگە مەھەللە-قىشلاقلار قۇرۇۋالغانىدى. 016 NEH 012 030 كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئاندىن خەلقنى ۋە سېپىل دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىلنىڭ ئۆزىنىمۇ پاكلىدى. 016 NEH 012 031 مەن [نەھەمىيا] يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى باشلاپ سېپىلغا چىقىپ، تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ ئەترەت ئادەمنى ئۇيۇشتۇردۇم، بىر ئەترەت سېپىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تېزەك قوۋۇقى»غا قاراپ ماڭدى، 016 NEH 012 032 ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھوشايا بىلەن يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى؛ 016 NEH 012 033 يەنە ئازارىيا، ئەزرا، مەشۇللام، 016 NEH 012 034 يەھۇدا، بىنيامىن، شېمايا، يەرەمىيامۇ ماڭدى؛ 016 NEH 012 035 شۇنىڭدەك كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى قوللىرىغا كاناي ئالغان ھالدا ماڭدى: ــ ئۇلاردىن يوناتاننىڭ ئوغلى زەكەرىيا بار ئىدى (يوناتان شېمايانىڭ ئوغلى، شېمايا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى). 016 NEH 012 036 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا، ئازارەل، مىلالاي، جىلالاي، مائايى، نەتانەل، يەھۇدا، ھانانىيالار بار ئىدى؛ ئۇلار قوللىرىغا خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ سازلىرىنى ئېلىشقانىدى؛ تەۋراتشۇناس ئەزرا ئۇلارنىڭ بېشىدا ماڭغانىدى. 016 NEH 012 037 ئۇلار «بۇلاق قوۋۇقى»غا كېلىپ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، «داۋۇتنىڭ ئوردىسى»دىن ئۆتۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»غا كەلدى. 016 NEH 012 038 تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككىنچى ئەترەت سول تەرەپ بىلەن ماڭدى، مەن ۋە جامائەتنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ، سېپىل ئۈستىدە «خۇمدانلار مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «كەڭ سېپىل»غىچە مېڭىپ، 016 NEH 012 039 «ئەفرائىم قوۋۇقى»، «كونا قوۋۇق»، «بېلىق قوۋۇقى» ئۈستىدىن ئۆتۈپ، «ھانانىيەل مۇنارى» ۋە «يۈزنىڭ مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «قوي قوۋۇقى»غا كېلىپ، ئاندىن «قاراۋۇللار قوۋۇقى»دا توختىدۇق. 016 NEH 012 040 ئاندىن تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى ئەترەت ئادەم خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇردى؛ مەن بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ شۇ يەردە تۇردۇق؛ 016 NEH 012 041 كاھىنلاردىن ئېلىئاكىم، مائاسېياھ، مىنيامىن، مىگايا، ئەليويىناي، زەكەرىيا بىلەن ھانانىيالار كارنايلىرىنى ئېلىپ تۇرۇشتى؛ 016 NEH 012 042 يەنە مائاسېياھ، شېمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوھانان، مالكىيا، ئېلام بىلەن ئېزەرمۇ تۇرۇشتى؛ غەزەلكەشلەر يىزراقىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە جاراڭلىق غەزەل ئوقۇشتى. 016 NEH 012 043 شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى. 016 NEH 012 044 ئۇ چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر كۆتۈرمە قۇربانلىقلار، دەسلەپكى پىشقان ھوسۇللار ۋە ئۆشرىلەرنى ساقلايدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەندى؛ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىزلىقلاردىن، تەۋرات قانۇنىدا كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۈلۈشلەر شۇ يەردە ساقلىناتتى. چۈنكى يەھۇدا خەلقى ئۆز خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن خۇشال ئىدى. 016 NEH 012 045 [كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار]، غەزەلكەشلەر بىلەن دەرۋازىۋەنلەرمۇ، ئۆز خۇداسىنىڭ تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى ۋە شۇنىڭدەك پاكلاش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆتەيتتى. 016 NEH 012 046 چۈنكى قەدىمدە، داۋۇتنىڭ ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە، غەزەلكەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ھەم خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا كۈيلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكچىلەر بولغانىدى. 016 NEH 012 047 زەرۇببابەلنىڭ كۈنلىرىدە ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە غەزەلكەشلەرنىڭ ۋە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى، ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بېرەتتى؛ ئۇلار يەنە لاۋىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى؛ لاۋىيلارمۇ مۇقەددەس ھىسابلانغان نەرسىلەردىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىپ تۇراتتى. 016 NEH 013 001 شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، 016 NEH 013 002 چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى. 016 NEH 013 003 شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى. 016 NEH 013 004 بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ، 016 NEH 013 005 ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى. 016 NEH 013 006 بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ 016 NEH 013 007 يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم. 016 NEH 013 008 بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم. 016 NEH 013 009 مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم. 016 NEH 013 010 مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛ 016 NEH 013 011 شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، [لاۋىيلارنى] يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. 016 NEH 013 012 ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى. 016 NEH 013 013 مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى. 016 NEH 013 014 ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!» 016 NEH 013 015 شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. 016 NEH 013 016 يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن! 016 NEH 013 017 شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ 016 NEH 013 018 ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم. 016 NEH 013 019 شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. 016 NEH 013 020 شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى. 016 NEH 013 021 مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى. 016 NEH 013 022 ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!» 016 NEH 013 023 شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم. 016 NEH 013 024 ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن. 016 NEH 013 025 مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر! 016 NEH 013 026 ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان. 016 NEH 013 027 ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم. 016 NEH 013 028 باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم. 016 NEH 013 029 ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». 016 NEH 013 030 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ [يېڭىۋاشتىن] بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم. 016 NEH 013 031 مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!». # # BOOK 017 EST Esther ئەستەر 017 EST 001 001 ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ 017 EST 001 002 شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، 017 EST 001 003 ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. 017 EST 001 004 ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى. 017 EST 001 005 بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. 017 EST 001 006 ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى. 017 EST 001 007 ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى. 017 EST 001 008 شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى. 017 EST 001 009 خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى. 017 EST 001 010 يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى 017 EST 001 011 خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. 017 EST 001 012 لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى. 017 EST 001 013 شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى 017 EST 001 014 (ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى). 017 EST 001 015 پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. 017 EST 001 016 مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى. 017 EST 001 017 چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. 017 EST 001 018 پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. 017 EST 001 019 پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي. 017 EST 001 020 ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. 017 EST 001 021 مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى. 017 EST 001 022 ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى. 017 EST 002 001 بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى. 017 EST 002 002 شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛ 017 EST 002 003 ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي. 017 EST 002 004 ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى. بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى. 017 EST 002 005 شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى 017 EST 002 006 (كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى). 017 EST 002 007 موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. 017 EST 002 008 پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. 017 EST 002 009 ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى. 017 EST 002 010 ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى. 017 EST 002 011 موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 017 EST 002 012 قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 017 EST 002 013 قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. 017 EST 002 014 قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى. 017 EST 002 015 موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. 017 EST 002 016 پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى. 017 EST 002 017 پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى. 017 EST 002 018 ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى. 017 EST 002 019 ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى 017 EST 002 020 (ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى). 017 EST 002 021 ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى. 017 EST 002 022 بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى. 017 EST 002 023 بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى. 017 EST 003 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. 017 EST 003 002 پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. 017 EST 003 003 ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. 017 EST 003 004 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 017 EST 003 005 ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. 017 EST 003 006 لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. 017 EST 003 007 پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا [قۇتلۇق] ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. 017 EST 003 008 ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. 017 EST 003 009 ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى. 017 EST 003 010 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: 017 EST 003 011 ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى. 017 EST 003 012 ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. 017 EST 003 013 يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. 017 EST 003 014 شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 017 EST 003 015 چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى. 017 EST 004 001 موردىكاي بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېگىنلىرىنى يىرتىپ، ئۈستىگە بۆز ئارتىپ، ۋە ئۇستى-بېشىغا كۈل چېچىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى. 017 EST 004 002 ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى؛ چۈنكى بوز يېپىنغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. 017 EST 004 003 پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى. 017 EST 004 004 ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. 017 EST 004 005 شۇنىڭ بىلەن ئەستەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا پادىشاھ تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاتاق ئىسىملىك بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنى موردىكاينىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇۋاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 017 EST 004 006 شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. 017 EST 004 007 موردىكاي بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى، ھامان يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان كۈمۈشنىڭ سانىنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى. 017 EST 004 008 موردىكاي يەنە ھاتاققا شۇشاندا جاكارلانغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى يارلىقنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەستەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەستەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ بېقىشقا ئۈندەشنى تاپىلىدى. 017 EST 004 009 ھاتاق قايتىپ كېلىپ موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى. 017 EST 004 010 ئەستەر ھاتاققا موردىكايغا ئېيتىدىغان گەپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى موردىكاينىڭ يېنىغا يەنە ئەۋەتتى: ــ 017 EST 004 011 «پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرى، مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چاقىرتىلماي تۇرۇپ ئىچكى ھويلىغا، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆز مەيلىچە كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئالتۇن ھاسىسىنى تەڭلەپ ئۆلۈمدىم كەچۈرۈم قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بېشىغا چۈشىدىغان بىرلا قانۇن-بەلگىلىمە باردۇر: ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتىدۇ. ھازىر مېنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلمىغىنىمغا ئوتتۇز كۈن بولدى». 017 EST 004 012 ئەستەرنىڭ سۆزلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلۈۋىدى، 017 EST 004 013 موردىكاي مۇنۇ گەپلەرنى ئەستەرگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى: ــ «سەن كۆڭلۈڭدە مەن ئوردىدا ياشاۋاتىمەن، شۇڭا بارلىق باشقا يەھۇدىيلاردىن بىخەتەر بولۇپ قۇتۇلىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە. 017 EST 004 014 ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟». 017 EST 004 015 ئەستەر موردىكايغا مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى: ــ 017 EST 004 016 «سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!». 017 EST 004 017 شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەستەرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. 017 EST 005 001 ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردى؛ پادىشاھ بولسا ئۆز شاھانە ئۆيىدىكى تەختىدە، ئۆيدىن دەرۋازىغا قاراپ ئولتۇراتتى. 017 EST 005 002 پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆردى؛ خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ، ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئەستەر ئالدىغا كېلىپ شاھانە ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى. 017 EST 005 003 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى خانىشىم ئەستەر، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇ ساڭا بېرىلىدۇ، دېدى. 017 EST 005 004 ــ ئەگەر ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمنىڭ ھاماننى ئېلىپ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان زىياپىتىمگە داخىل بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى ئەستەر. 017 EST 005 005 پادىشاھ: ــ تېز بېرىپ ھاماننى قىچقىرىپ كېلىڭلار، ئەستەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىنسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھاماننى ئېلىپ ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى. 017 EST 005 006 داستىخان ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ؛ نېمە ئىلتىجايىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. 017 EST 005 007 ئەستەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مېنىڭ تەلىپىم ۋە ئىلتىجايىم بولسا، ــ 017 EST 005 008 مۇبادا مەن ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، شۇنداقلا پادىشاھىمغا مېنىڭ تەلىمنى ئىجابەت قىلىش ھەم ئىلتىجايىمنى ئورۇنداش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىنىڭ ھاماننى بىرگە ئېلىپ ئەتە سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپىتىمگە يەنە بىر قېتىم داخىل بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن؛ ئەتە مەن چوقۇم پادىشاھىمنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىمەن، ــ دېدى. 017 EST 005 009 شۇ كۈنى ھامان كۆڭلىدە يايراپ، خۇشال-خۇرام قايتىپ چىقتى؛ لېكىن موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە ئورنىدىن قوپماي نە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى ئۇنىڭغا قاتتىق قەھر-غەزەپكە تولدى. 017 EST 005 010 لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە كەلدى-دە، دوست-ئاغىنىلىرىنى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتىپ، 017 EST 005 011 ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ بارلىق ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر قىلغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كەتتى. 017 EST 005 012 ھامان يەنە: ــ سىلەرگە دېسەم، خانىش ئەستەر مېنىڭدىن باشقا مېھمان چىللىماي، پەقەت پادىشاھ بىلەن ئىككىمىزنىلا ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە چىللىغانىدى، ئەتىمۇ مېنى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى [تەييارلەيدىغان زىياپەتكە] چىللىدى. 017 EST 005 013 شۇغىنىسى، ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان ھېلىقى موردىكاي دېگەن يەھۇدىينى كۆرگىنىمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ، دېدى. 017 EST 005 014 ئاندىن ئايالى زەرەش ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەللىك گەز ئېگىزلىكتىكى داردىن بىرنى تەييارلاپ، ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلسىلا بولمىدىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇشال يايرىغان ھالدا پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارىدىلا، دېيىشتى. بۇ گەپ ھاماننى خۇش قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دار ياسىتىپ قويدى. 017 EST 006 001 شۇ كۈنى كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، تارىخ-تەزكىرىنامىنى ئەكەلدۈردى ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى. 017 EST 006 002 بىر يەردە: «پادىشاھنىڭ بىگتانا، تەرەش دەيدىغان ئوردا دەرۋازىسىنى باقىدىغان ئىككى ھەرەمئاغىسى بار ئىدى، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا قول سېلىشقا قەستلىگەندە، موردىكاي بۇ ئىشنى پاش قىلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن، دەپ پۈتۈلگەنىدى. 017 EST 006 003 پادىشاھ: ــ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا قانداق نام-شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئىكرام نائىل قىلىندى؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇ ھېچ نېمىگە ئېرىشمىدى، ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى خىزمەتتە بولغان غۇلاملىرى. 017 EST 006 004 ــ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان پادىشاھتىن موردىكاينى ئۆزى تەييارلاپ قويغان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغىلى كېلىپ، ئوردىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىغا كىرگەنىدى. 017 EST 006 005 ــ مانا، ھامان ھويلىدا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا. ــ كىرسۇن، ــ دېدى پادىشاھ. 017 EST 006 006 ھامان كىرىۋىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ھامان كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟» ــ دەپ ئويلىدى-دە 017 EST 006 007 پادىشاھقا: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە 017 EST 006 008 پادىشاھىم دائىم كىيىدىغان شاھانە كىيىم-كېچەك ۋە دائىم مىنىدىغان ئارغىماق، يەنى بېشىغا شاھانە تاج-بەلگە تاقالغان ئارغىماق ئېلىپ كېلىنىپ، 017 EST 006 009 شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى. 017 EST 006 010 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامانغا: ــ تېز بېرىپ دېگىنىڭدەك شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەپكەل، ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ يەھۇدىي موردىكايغا دەل سۆزۈڭدەك قىلغىن؛ سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن! ــ دېدى. 017 EST 006 011 شۇنداق قىلىپ ھامان شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەكېلىپ، ئالدى بىلەن موردىكايغا شاھانە كىيىمنى كىيگۈزدى، ئاندىن ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: ــ «مانا، پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭدى. 017 EST 006 012 موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 017 EST 006 013 ھامان خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرىگە بېشىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى بىلەن خوتۇنى زەرەش بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ موردىكاينىڭ ئالدىدا يېڭىلىشقا باشلاپتىلا؛ ئۇ ئەگەر يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولسا، ئۇنى يېڭەلمەيلا، ئەكسىچە سۆزسىز ئۇنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىدىلا، دېيىشتى. 017 EST 006 014 ئۇلار تېخى ھامان بىلەن سۆزلىشىۋاتقان چېغىدا، پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى. 017 EST 007 001 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىلەن ھامان خانىش ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى. 017 EST 007 002 پادىشاھ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا ئەستەردىن: ــ ئى خانىش ئەستەر، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا ئىجابەت قىلىنىدۇ. نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىلتىماس قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 017 EST 007 003 ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛ 017 EST 007 004 چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر. 017 EST 007 005 پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ 017 EST 007 006 بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 017 EST 007 007 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. 017 EST 007 008 پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. 017 EST 007 009 پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: ــ يەنە بىر ئىش بار، مانا، ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن، ئەللىك گەز ئىگىزلىكتە ياساتقان دار تەييار تۇرىدۇ، ئۇ دار ھازىر مۇشۇ ھاماننىڭ ھويلىسىدا، دېۋىدى، پادىشاھ: ــ ھاماننى ئۇنىڭغا ئېسىڭلار! ــ دېدى. 017 EST 007 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. 017 EST 008 001 پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇ كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىلتىپات قىلىپ خانىش ئەستەرگە بەردى؛ موردىكايمۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۆزىنىڭ موردىكاي بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بەرگەنىدى. 017 EST 008 002 پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاماندىن قايتۇرۇۋالغان ئۈزۈكىنى چىقىرىپ موردىكايغا بەردى، ئەستەرمۇ موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆي-جايىنى باشقۇرۇشقا قويدى. 017 EST 008 003 ئەستەر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا يىقىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا پادىشاھتىن ئاگاگىيلاردىن بولغان ھامان كەلتۈرۈپ چىققان بالايىئاپەتنى ھەم ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى يېلىنىپ ئۆتۈندى. 017 EST 008 004 پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە تەڭلىۋىدى، ئەستەر ئورنىدىن قوپۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. 017 EST 008 005 ــ ئەگەر ئالىيلىرى ماقۇل كۆرسە، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئەگەر پادىشاھىم بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا، شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا، يارلىق چۈشۈرۈپ ئاگاگىيلاردىن ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يازغان مەكتۇپلارنى، يەنى پادىشاھىمنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مەكتۇپلارنى بىكار قىلىدىغان بىر يارلىق يېزىلىشىنى تىلەيمەن. 017 EST 008 006 چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا. 017 EST 008 007 پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا: ــ مانا، ھامان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇلار دارغا ئاستى. 017 EST 008 008 ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ توغرا تاپقىنى بويىچە مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يارلىق يېزىپ، مېنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرۈمنى بېسىڭلار؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، دېدى. 017 EST 008 009 شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى. 017 EST 008 010 موردىكاي يارلىقنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرىنى باستى؛ يارلىق مەكتۇپلىرىنى پادىشاھلىقنىڭ ئاتلىقلىرى بىلەن، يەنى تولپارلارغا، ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە مىنگەن چەۋەندازلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا يوللىدى. 017 EST 008 011 يارلىقتا: «پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ھاياتىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كۈچلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى قويماي يوقىتىشىغا، قىرىشىغا، نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا، شۇنداقلا مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ 017 EST 008 012 بۇ ئىش بىر كۈندە، يەنى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەنىدى. 017 EST 008 013 يارلىق ھەرقايسى ئۆلكىگە ئەۋەتىلىپ، پەرمان سۈپىتىدە ئېلان قىلىنسۇن، يەھۇدىيلارنىڭ ئەشۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى ئۈچۈن يارلىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلسۇن، دەپ بېكىتىلدى. 017 EST 008 014 شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار تولپارلارغا ۋە قېچىرلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي يولغا ئاتلاندى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدىمۇ جاكارلاندى. 017 EST 008 015 موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى. 017 EST 008 016 يەھۇدىيلار يورۇقلۇق، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. 017 EST 008 017 ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەرلەردە، پادىشاھنىڭ ئەمر-يارلىقى يېتىپ بارغانلىكى يەرلەردە، يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، زىياپەت قىلىپ مۇبارەك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشتى؛ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئۇلارنى بېسىۋالغانىدى. 017 EST 009 001 ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن يارلىقى ئىجرا قىلىنىشقا ئاز قالغان چاغدا، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد قىلىپ كۈتكەن كۈنى، ئەكسىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ كەتتى. 017 EST 009 002 يەھۇدىيلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە ئۇلارغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى؛ ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى؛ ئۇلاردىن بولغان قورقۇنچ ھەربىر ئەل-مىللەتنى باسقانىدى. 017 EST 009 003 ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى بەگلەر، ۋالىيلار، ئۆلكە باشلىقلىرى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنى قوللىدى؛ چۈنكى موردىكايدىن بولغان قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. 017 EST 009 004 چۈنكى موردىكاي دېگەن كىشى ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، نام-شۆھرىتى ھەممە ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى؛ ئۇنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. 017 EST 009 005 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچلاپ، قىرغىن قىلىپ يوقاتتى؛ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلارغا قانداق قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلدى. 017 EST 009 006 شۇشان قەلئەسىدىلا يەھۇدىيلار بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقاتتى. 017 EST 009 007 ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، 017 EST 009 008 پوراتا، ئادالىيا، ئارىداتا، 017 EST 009 009 پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايىزاتانى قەتل قىلدى؛ 017 EST 009 010 بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. 017 EST 009 011 شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. 017 EST 009 012 پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: ــ يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدە بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقىتىپتۇ، يەنە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى قەتل قىپتۇ؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە نېمە قىلدىكىن؟ ئەمدى نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇمۇ بەجا ئەيلىنىدۇ، ــ دېدى. 017 EST 009 013 ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى يارلىقتا دېيىلگەندەك ئىش قىلىشىغا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ [جەسەتلىرىنى] دارغا ئېسىپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيلا، دېدى ئەستەر. 017 EST 009 014 پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى. 017 EST 009 015 ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شۇشاندىكى يەھۇدىيلار يەنە يىغىلىپ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. 017 EST 009 016 پادىشاھنىڭ ھەرقايسى باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قالغان يەھۇدىيلار يىغىلىپ ئۆز جانلىرىنى ساقلاشقا سەپتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلاردىن جەمئىي يەتمىش بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا مۇيەسسەر بولدى. 017 EST 009 017 بۇ ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدىكى ئىش ئىدى؛ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. 017 EST 009 018 لېكىن شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى توپلىشىپ جەڭ قىلدى؛ ئون بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. 017 EST 009 019 شۇ سەۋەبتىن سەھرادىكى يەھۇدىيلار، يەنى يېزا-قىشلاقلاردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان مۇبارەك كۈن بېكىتىپ، بىر-بىرىگە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان بولدى. 017 EST 009 020 موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلارغا مەكتۇپلارنى يوللىدى. 017 EST 009 021 شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەريىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆت، ئون بەشىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ بېكىتتى؛ 017 EST 009 022 ئۇ بۇ ئىككى كۈننى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا ئېرىشكەن كۈنى سۈپىتىدە، شۇ ئاينى ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى شادلىققا، يىغا-زارلىرى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي سۈپىتىدە ئەسلەپ، بۇ ئىككى كۈننى زىياپەت قىلىپ شادلىنىدىغان، كۆپچىلىك بىر-بىرىگە سالام-سوۋغا بېرىدىغان، كەمبەغەللەرگە خەير-ئېھسان قىلىدىغان كۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. 017 EST 009 023 شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دەسلەپ باشلىغان شۇ [ھېيتنى] داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە شۇنىڭدەك موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنىمۇ ئورۇنلايدىغانغا ۋەدە بېرىشتى. 017 EST 009 024 چۈنكى ئەسلىدە بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى نەسلىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتماقچى بولۇپ «پۇر»، يەنى چەك تاشلىغانىدى. 017 EST 009 025 لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى. 017 EST 009 026 شۇڭلاشقا، كىشىلەر «پۇر» (چەك) دېگەن ئىسىم بويىچە بۇ ئىككى كۈننى «پۇرىم بايرىمى» دەپ ئاتىدى؛ شۇڭا يەھۇدىيلار ئەشۇ خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە، ھەم كۆرگەن، ھەم باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن، 017 EST 009 027 ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن بىرلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈلگەن ئەھكامنى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەشۇ ئىككى كۈننى ھەر يىلى مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي بايرام قىلىشىنى قارار قىلدى، 017 EST 009 028 شۇنداقلا بۇ ئىككى كۈن ھەربىر دەۋردە، ھەربىر جەمەت-ئائىلىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەردە خاتىرىلىنىپ تەبرىكلنىپ تۇرسۇن ۋە «پۇرىم بايرىمى» بولىدىغان مۇشۇ كۈنلەرنىڭ تەبرىكلىنىشى يەھۇدىي خەلقى ئىچىدە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-نەسلى ئارىسىدىنمۇ يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قارار قىلدى. 017 EST 009 029 ئاندىن ئابىخائىلنىڭ قىزى، خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي يەھۇدىيلارغا يازغان «پۇرىم بايرىمى» توغرىسىدىكى شۇ ئىككىنچى خەتنى تولۇق ھوقۇقى بىلەن تەكىتلەپ، يەنە بىر خەتنى يوللىدى. 017 EST 009 030 موردىكاي خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدىغان مەكتۇپلارنى ئاھاشۋېروشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارغا ئەۋەتىپ، 017 EST 009 031 شۇ «پۇرىم» كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنىڭدەك يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ تاپىلىغانلىرى بويىچە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە نەسلىگە بېكىتكەنلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن، دەپ تەكىتلىدى. 017 EST 009 032 ئەستەرنىڭ يارلىقى «پۇرىم بايرىمى»دىكى شۇ ئىشلارنى بېكىتىپ بەردى؛ بۇ ئىش تارىخنامىغىمۇ پۈتۈلدى. 017 EST 010 001 پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. 017 EST 010 002 ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ 017 EST 010 003 چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. # # BOOK 018 JOB Job ئايۇپ 018 JOB 001 001 «ئۇز» دېگەن يۇرتتا، ئايۇپ ئىسىملىك بىر ئادەم ياشىغانىدى. بۇ ئادەم بولسا قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان، يامانلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. 018 JOB 001 002 ئۇنىڭدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇلدى. 018 JOB 001 003 ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى. 018 JOB 001 004 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بويىچە بېكىتكەن كۈندە ئۆز ئۆيىدە باشقىلار ئۈچۈن داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلىنىشقا چاقىرىتاتتى. 018 JOB 001 005 ئۇلارنىڭ شۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشى بىلەن ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. چۈنكى ئايۇپ: «بالىلىرىم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، كۆڭلىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويامدىكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ ھەردائىم ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇراتتى. 018 JOB 001 006 بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. 018 JOB 001 007 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، دېدى. 018 JOB 001 008 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق، ــ دېدى. 018 JOB 001 009 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ئايۇپ خۇدادىن بىكاردىن بىكار قورقمىغاندۇ؟ 018 JOB 001 010 ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىغا قاشا قويغان ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنىڭ قولىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى تەرەپ-تەرەپتىن گۈللىنىپ ئاۋۇماقتا. 018 JOB 001 011 ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى. 018 JOB 001 012 پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزدۇم! بىراق ئۇنىڭ ئۆزىگە تەگكۈچى بولما! ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى. 018 JOB 001 013 بىر كۈنى، ئايۇپنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 018 JOB 001 014 بىر خەۋەرچى ئايۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ كالىلار بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى؛ 018 JOB 001 015 شېبالىقلار ھۇجۇم قىلىپ كالا-ئېشەكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 018 JOB 001 016 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ قويلار ۋە ئىشلەۋاتقان ياشلارنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 018 JOB 001 017 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ كالدىيلەر ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۆگىلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 018 JOB 001 018 بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، 018 JOB 001 019 تۇيۇقسىز، چۆلدىن قاتتىق بىر بوران چىقىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى قاتتىق سوقۇپ، ئۆي غۇلاپ چۈشۈپ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 018 JOB 001 020 ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ 018 JOB 001 021 مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار [ماڭا] بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار [مەندىن] ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ــ دېدى. 018 JOB 001 022 بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئايۇپ گۇناھ قىلمىدى ۋە ياكى خۇدانى ھېچقانداق نالايىقلىق بىلەن ئەيىبلىمىدى. ئەرشتىكى ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان يەنە سوقۇنۇپ كىرىدۇ؛ ئىككىنچى سىناق 018 JOB 002 001 يەنە بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. 018 JOB 002 002 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، ــ دېدى. 018 JOB 002 003 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق. مەيلى سەن مېنى ئۇنى بىكاردىن-بىكار يۇتۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. 018 JOB 002 004 شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛ 018 JOB 002 005 بىراق سەن ھازىر قولۇڭنى سوزۇپ ئۇنىڭ سۆڭەك-ئەتلىرىگە تەگسەڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى. 018 JOB 002 006 پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇ ھازىر سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇۋاتىدۇ! بىراق ئۇنىڭ جېنىغا تەگمە! ــ دېدى. 018 JOB 002 007 شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئايۇپنىڭ بەدىنىنى تاپىنىدىن بېشىغىچە ئىنتايىن ئازابلىق ھۈررەك-ھۈررەك يارىلار بىلەن توشقۇزىۋەتتى. 018 JOB 002 008 ئايۇپ بولسا بەدىنىنى تاتىلاش-غىرداش ئۈچۈن بىر ساپال پارچىسىنى قولىغا ئېلىپ، كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. 018 JOB 002 009 ئايالى ئۇنىڭغا: ــ ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! ــ دېدى. 018 JOB 002 010 لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى. 018 JOB 002 011 ئايۇپنىڭ دوستلىرىدىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭغا چۈشكەن كۈلپەتتىن خەۋەردار بولدى. ئۇلار، يەنى تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار دېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ، ئايۇپقا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ھەم تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا بىللە كېلىشكەنىدى. 018 JOB 002 012 ئۇلار كېلىپ يىراقتىنلا ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئۇنى تونىيالماي قالدى-دە، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ھەربىرى ئۆز تونلىرىنى يىرتىۋېتىپ، توپا-چاڭلارنى ئاسمانغا ئېتىپ ئۆز باشلىرىغا چېچىشتى. 018 JOB 002 013 ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە داق يەردە يەتتە كېچە-كۈندۈز ئولتۇردى، ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمىنىڭ ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. 018 JOB 003 001 [يەتتە كۈندىن] كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ [ئەھۋالىغا قارىتا] ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 003 003 «مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن! 018 JOB 003 004 شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن! 018 JOB 003 005 شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن! 018 JOB 003 006 شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى [باشقا] كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن! 018 JOB 003 007 مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن! 018 JOB 003 008 كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! 018 JOB 003 009 شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! 018 JOB 003 010 چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان. 018 JOB 003 011 ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ 018 JOB 003 012 نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟ 018 JOB 003 013 مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم. 018 JOB 003 014 شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن، 018 JOB 003 015 ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛ 018 JOB 003 016 قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم. 018 JOB 003 017 ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛ 018 JOB 003 018 ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛ 018 JOB 003 019 غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ. 018 JOB 003 020 جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟ 018 JOB 003 021 ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ، 018 JOB 003 022 ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. 018 JOB 003 023 ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا [نۇر ۋە ھايات] بېرىلىدۇ؟ 018 JOB 003 024 شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ. 018 JOB 003 025 چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى. 018 JOB 003 026 مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». 018 JOB 004 001 تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 004 002 «بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟ بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟ 018 JOB 004 003 قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن، سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن، 018 JOB 004 004 سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن. 018 JOB 004 005 بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ. 018 JOB 004 006 ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟ يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟ 018 JOB 004 007 ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟ 018 JOB 004 008 مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ. 018 JOB 004 009 تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ، ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 004 010 شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى [بار بولسىمۇ]، شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ 018 JOB 004 011 باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 004 012 ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى، قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى، 018 JOB 004 013 تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا، 018 JOB 004 014 قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى، سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛ 018 JOB 004 015 كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛ بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى. 018 JOB 004 016 ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛ كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛ شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ 018 JOB 004 017 «ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟ ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟ 018 JOB 004 018 مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە، 018 JOB 004 019 ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار، لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟ ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ! 018 JOB 004 020 ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ. 018 JOB 004 021 ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». 018 JOB 005 001 قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟ 018 JOB 005 002 چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. 018 JOB 005 003 مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم، 018 JOB 005 004 ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ. 018 JOB 005 005 ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ. 018 JOB 005 006 چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس. 018 JOB 005 007 بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر. 018 JOB 005 008 ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. 018 JOB 005 009 ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. 018 JOB 005 010 ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. 018 JOB 005 011 ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. 018 JOB 005 012 ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ. 018 JOB 005 013 ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ. 018 JOB 005 014 كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. 018 JOB 005 015 بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ. 018 JOB 005 016 شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ. 018 JOB 005 017 قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ! 018 JOB 005 018 چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ. 018 JOB 005 019 ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ. 018 JOB 005 020 ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ. 018 JOB 005 021 سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن. 018 JOB 005 022 ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن. 018 JOB 005 023 سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ. 018 JOB 005 024 سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. 018 JOB 005 025 نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. 018 JOB 005 026 سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن. 018 JOB 005 027 بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق». 018 JOB 006 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 006 002 «ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا! 018 JOB 006 003 شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ. 018 JOB 006 004 چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. 018 JOB 006 005 ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟ 018 JOB 006 006 تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟ 018 JOB 006 007 جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. 018 JOB 006 008 ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى! 018 JOB 006 009 ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى! 018 JOB 006 010 شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم! 018 JOB 006 011 مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟ 018 JOB 006 012 مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟ 018 JOB 006 013 ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 006 014 ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. 018 JOB 006 015 بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ. 018 JOB 006 016 ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ، 018 JOB 006 017 ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 006 018 سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ. 018 JOB 006 019 تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛ 018 JOB 006 020 بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. 018 JOB 006 021 مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. 018 JOB 006 022 مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟ 018 JOB 006 023 ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟ 018 JOB 006 024 ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار. 018 JOB 006 025 توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! 018 JOB 006 026 ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟ 018 JOB 006 027 سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر! 018 JOB 006 028 ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟ 018 JOB 006 029 ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم [تارازىدا] تۇرىدۇ. 018 JOB 006 030 تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟ 018 JOB 007 001 ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 007 002 قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك، 018 JOB 007 003 مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان. 018 JOB 007 004 مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن. 018 JOB 007 005 ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى. 018 JOB 007 006 كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى. 018 JOB 007 007 [ئاھ خۇدا]، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛ 018 JOB 007 008 مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن. 018 JOB 007 009 بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. 018 JOB 007 010 ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. 018 JOB 007 011 شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن. 018 JOB 007 012 نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن [خەتەرلىك] بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟ 018 JOB 007 013 مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم، 018 JOB 007 014 ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن. 018 JOB 007 015 شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن. 018 JOB 007 016 مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر. 018 JOB 007 017 ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟ 018 JOB 007 018 ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن! 018 JOB 007 019 قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟ 018 JOB 007 020 مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ 018 JOB 007 021 سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن». 018 JOB 008 001 ئاندىن شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 008 002 «سەن قاچانغىچە مۇشۇلارنى سۆزلەيسەن؟ ئاغزىڭدىكى سۆزلەر كۈچلۈك شامالدەك قاچانغىچە چىقىدۇ؟ 018 JOB 008 003 تەڭرى ئادالەتنى بۇرمىلىغۇچىمۇ؟ ھەممىگە قادىر ئادىللىقنى بۇرمىلامدۇ؟ 018 JOB 008 004 سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس. 018 JOB 008 005 بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا، 018 JOB 008 006 ئەگەر سەن ساپ دىل ھەم دۇرۇس بولغان بولساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ، چوقۇم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا تولغان تۇرالغۇڭنى گۈللەندۈرىدۇ. 018 JOB 008 007 سەن دەسلەپتە ئېتىبارسىز قارالغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئاخىرىدا چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىسەن. 018 JOB 008 008 شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۆتكەنكى دەۋرلەردىن سوراپ باققىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل قويغىن 018 JOB 008 009 (چۈنكى بىز بولساق تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغانمىز؛ كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە بولغاچقا، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز). 018 JOB 008 010 ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟ 018 JOB 008 011 لاتقا بولمىسا يېكەنلەر ئېگىز ئۆسەلەمدۇ؟ قومۇشلۇقتىكى ئوت-چۆپلەر سۇسىز ئۆسەلەمدۇ؟ 018 JOB 008 012 ئۇلار يېشىل پېتى بولۇپ، تېخىچە ئورۇلمىغان بولسىمۇ، ھەرقانداق ئوت-چۆپتىن تېز توزۇپ كېتىدۇ. 018 JOB 008 013 تەڭرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مانا شۇنداقتۇر؛ ئىپلاسلارنىڭ ئۈمىدى مانا شۇنداق يوققا كېتەر. 018 JOB 008 014 چۈنكى ئۇنىڭ تايانغىنى چۈرۈك بىر نەرسە، خالاس؛ ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولسا ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدۇر، خالاس. 018 JOB 008 015 ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 018 JOB 008 016 ئۇ قۇياش ئاستىدا كۆكلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىلەكلىرى ئۆز بېغىنى قاپلىغان بولسىمۇ، 018 JOB 008 017 ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تاشلار ئارىسىدا ئورۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ، 018 JOB 008 018 لېكىن [خۇدا] ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ. 018 JOB 008 019 مانا ئۇنىڭ يولىنىڭ شادلىقى! ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا باشقىلىرى تۇپراقتىن ئۈنىدۇ. 018 JOB 008 020 قارا، خۇدا دۇرۇس ئادەمنى تاشلىمايدۇ، ياكى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ. 018 JOB 008 021 ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ، 018 JOB 008 022 ساڭا نەپرەتلەنگەنلەرگە شەرمەندىلىك چاپلىنىدۇ، ئەسكىلەرنىڭ چېدىرى يوقىتىلىدۇ». 018 JOB 009 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 009 002 ۋاي، سېنىڭلا توغرا، [دۇنيانى] ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ 018 JOB 009 003 ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ [كىشى] مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. 018 JOB 009 004 ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟ 018 JOB 009 005 ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. 018 JOB 009 006 ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ. 018 JOB 009 007 ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ ئۇ [خالىسا] يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ. 018 JOB 009 008 ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ. 018 JOB 009 009 ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان. 018 JOB 009 010 ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. 018 JOB 009 011 قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن. 018 JOB 009 012 مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟ 018 JOB 009 013 تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ. 018 JOB 009 014 شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟ 018 JOB 009 015 مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم. 018 JOB 009 016 مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛ 018 JOB 009 017 ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا. 018 JOB 009 018 ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى. 018 JOB 009 019 كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك [يەنە باشقا كىم] بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟! 018 JOB 009 020 مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر. 018 JOB 009 021 بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! ئۆز جېنىمدىن تويدۇم! 018 JOB 009 022 ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ. 018 JOB 009 023 تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ. 018 JOB 009 024 يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟ 018 JOB 009 025 مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر. 018 JOB 009 026 ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ. 018 JOB 009 027 ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ، 018 JOB 009 028 مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن. 018 JOB 009 029 مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟ 018 JOB 009 030 ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ، 018 JOB 009 031 سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ! 018 JOB 009 032 چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر. 018 JOB 009 033 ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! 018 JOB 009 034 ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛ 018 JOB 009 035 شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر! 018 JOB 010 001 مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي. 018 JOB 010 002 مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى، سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟ 018 JOB 010 003 ئادەمنى ئەزگىنىڭ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟ يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟ 018 JOB 010 004 سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟ سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟ 018 JOB 010 005 سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟ 018 JOB 010 006 سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلدۇرغۇدەك ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنى سوراپ يۈرىسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ گۇناھىمنى سۈرۈشتۈرىسەن؟» ــ دەيمەن. 018 JOB 010 008 ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن! 018 JOB 010 009 سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟ 018 JOB 010 010 سەن [ئۇستىلىق بىلەن] مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 010 011 سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن. 018 JOB 010 012 سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن، سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ. 018 JOB 010 013 بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛ بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن. 018 JOB 010 014 گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛ سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ. 018 JOB 010 015 رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛ 018 JOB 010 016 ھەتتا [بېشىمنى] كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ، سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛ سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ. 018 JOB 010 017 سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛ ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛ كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە. 018 JOB 010 018 سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟ كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى! 018 JOB 010 019 مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم! بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم! 018 JOB 010 020 مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە، ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا، ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا، ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا، تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە، ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن، ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!». 018 JOB 011 001 ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 011 002 «گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟ 018 JOB 011 003 سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟ 018 JOB 011 004 چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، مەن سەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ. 018 JOB 011 005 ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى! 018 JOB 011 006 شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي! 018 JOB 011 007 سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ 018 JOB 011 008 [بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ 018 JOB 011 009 ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر. 018 JOB 011 010 ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟ 018 JOB 011 011 چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان. 018 JOB 011 012 «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!». 018 JOB 011 013 بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ، 018 JOB 011 014 قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا، 018 JOB 011 015 سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛ 018 JOB 011 016 جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ 018 JOB 011 017 كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن. 018 JOB 011 018 ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن. 018 JOB 011 019 راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ. 018 JOB 011 020 بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس». 018 JOB 012 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 012 002 سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! 018 JOB 012 003 مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! 018 JOB 012 004 مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى! 018 JOB 012 005 راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. 018 JOB 012 006 قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ. 018 JOB 012 007 ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛ 018 JOB 012 008 ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ. 018 JOB 012 009 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ 018 JOB 012 010 بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. 018 JOB 012 011 ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 012 012 ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟ 018 JOB 012 013 ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر. 018 JOB 012 014 مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ. 018 JOB 012 015 مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ. 018 JOB 012 016 ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. 018 JOB 012 017 ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ. 018 JOB 012 018 ئۇ پادىشاھلار [ئەل-ئەھلىگە] سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ [شەرمەندە قىلىدۇ]. 018 JOB 012 019 ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ. 018 JOB 012 020 ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 012 021 ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ [ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ]. 018 JOB 012 022 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ. 018 JOB 012 023 ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ. 018 JOB 012 024 ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ. 018 JOB 012 025 ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ. 018 JOB 013 001 مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن. 018 JOB 013 002 سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق. 018 JOB 013 003 بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ. 018 JOB 013 004 سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر. 018 JOB 013 005 سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى! 018 JOB 013 006 مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. 018 JOB 013 007 سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟ 018 JOB 013 008 ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ [خۇشامەت] قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ 018 JOB 013 009 ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟ 018 JOB 013 010 سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. 018 JOB 013 011 بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 013 012 پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر [ئىشەنچ باغلىغان] ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس. 018 JOB 013 013 مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن! 018 JOB 013 014 قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن! 018 JOB 013 015 ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛ 018 JOB 013 016 بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ. 018 JOB 013 017 سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار. 018 JOB 013 018 مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 018 JOB 013 019 مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم! 018 JOB 013 020 [ئاھ خۇدا]! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن: 018 JOB 013 021 ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن. 018 JOB 013 022 ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن. 018 JOB 013 023 مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! 018 JOB 013 024 نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟ 018 JOB 013 025 ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟ 018 JOB 013 026 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن. 018 JOB 013 027 مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن. 018 JOB 014 001 ئانىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈنلىرى ئازدۇر، پالاكەت ئۇنىڭغا ياردۇر. 018 JOB 014 002 ئۇ گۈلدەك دۇنياغا كېلىپ ئاندىن توزۇيدۇ، ئۇ [قۇياش ئالدىدىن] سايىگە ئوخشاش قېچىپ كېتىدۇ. 018 JOB 014 003 بىراق سەن تېخى شۇنداق بىر ئاجىز بولغۇچىغا كۆزۈڭنى تىكىپ، مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟ 018 JOB 014 004 كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم! 018 JOB 014 005 [ئىنساننىڭ] كۈنلىرى بېكىتىلگەندىكىن، ئۇنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭ ئۆتسە بولمايدىغان چەكلىرىنى بېكىتكەندىكىن، 018 JOB 014 006 ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزۈڭنى ئېلىپ قاچقىن، شۇنىڭ بىلەن مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن! 018 JOB 014 007 چۈنكى دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار؛ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ؛ 018 JOB 014 008 ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى توپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، 018 JOB 014 009 بىراق سۇنىڭ پۇرىقى بىلەنلا ئۇ يەنە كۆكىرىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپتەك يېڭى بىخلارنى چىقىرىدۇ. 018 JOB 014 010 بىراق ئادەم بولسا ئۆلىدۇ، ئىلاجسىز ئوڭدا ياتىدۇ، بەرھەق، ئىنسان نەپەستىن قالىدۇ، ئاندىن نەدە بولىدۇ؟ 018 JOB 014 011 دېڭىزدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەپ كەتكەندەك، دەريالار قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەندەك، 018 JOB 014 012 ئوخشاشلا ئادەم يېتىپ قالسىلا قايتىدىن تۇرمايدۇ؛ ئاسمانلار يوقىمىغۇچە، ئۇلار ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇدىن تۇرمايدۇ. 018 JOB 014 013 ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى! 018 JOB 014 014 ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم! 018 JOB 014 015 شۇنداق بولسا سەن مېنى چاقىرساڭ، جاۋاب بېرەتتىم؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى. 018 JOB 014 016 بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ! 018 JOB 014 017 ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى، گۇناھلىرىمنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ ساقلاپ قويدۇڭ. 018 JOB 014 018 دەرۋەقە تاغمۇ يىمىرىلىپ يوقالغاندەك، تاش ئۆز ئورنىدىن تەۋرىنىپ كەتكەندەك، 018 JOB 014 019 سۇلار تاش-شېغىللارنى ئۇپرىتىپ يوقاتقاندەك، توپانلار زېمىندىكى توپىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندەك، سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىسەن. 018 JOB 014 020 سەن مەڭگۈگە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، شۇڭا ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ چىرايىنى تۇتۇلدۇرىسەن، ئۇنى ئۆز يېنىڭدىن يىراق قىلىسەن. 018 JOB 014 021 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلار پەس قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇلاردىنمۇ خەۋىرى بولمايدۇ. 018 JOB 014 022 ئۇ [پەقەت] ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. 018 JOB 015 001 تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 015 002 دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ [دانىشمەن] قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟ 018 JOB 015 003 پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟ 018 JOB 015 004 بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن. 018 JOB 015 005 چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن. 018 JOB 015 006 مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 018 JOB 015 007 سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟ 018 JOB 015 008 تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ 018 JOB 015 009 سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟ 018 JOB 015 010 ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر. 018 JOB 015 011 تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟ 018 JOB 015 012 نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟ 018 JOB 015 013 شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن! 018 JOB 015 014 ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟ 018 JOB 015 015 قارا، [خۇدا] ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە، 018 JOB 015 016 يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟ 018 JOB 015 017 مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن. 018 JOB 015 018 دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ 018 JOB 015 019 (پەقەت شۇلارغىلا، [يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا] يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى) 018 JOB 015 020 ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر. 018 JOB 015 021 ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ. 018 JOB 015 022 قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر. 018 JOB 015 023 ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ. 018 JOB 015 024 دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. 018 JOB 015 025 چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان، 018 JOB 015 026 شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ. 018 JOB 015 027 يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ، 018 JOB 015 028 ئۇ خارابە شەھەرلەردە، ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛ 018 JOB 015 029 ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ. 018 JOB 015 030 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، [خۇدانىڭ] بىر نەپىسى بىلەن ئۇ [دۇنيادىن] كېتىدۇ. 018 JOB 015 031 ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ 018 JOB 015 032 ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 018 JOB 015 033 ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ. 018 JOB 015 034 چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 018 JOB 015 035 [بىراق] ئۇلار [ھەردائىم] يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ. 018 JOB 016 001 ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 016 002 مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە! 018 JOB 016 003 مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟ 018 JOB 016 004 خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم! 018 JOB 016 005 ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى. 018 JOB 016 006 لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟ 018 JOB 016 007 بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ! 018 JOB 016 008 سەن مېنى قاماللىدىڭ! شۇنىڭ بىلەن [ئەھۋالىم ماڭا] گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ ئورۇق-قاقشال [بەدىنىم] ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ! 018 JOB 016 009 ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ. 018 JOB 016 010 [ئادەملەر] ماڭا قاراپ [مازاق قىلىشىپ] ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ. 018 JOB 016 011 خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. 018 JOB 016 012 ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن. 018 JOB 016 013 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى. 018 JOB 016 014 ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ. 018 JOB 016 015 تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم. 018 JOB 016 016 گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى. 018 JOB 016 018 ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي! 018 JOB 016 019 بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار! 018 JOB 016 020 ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە. 018 JOB 016 021 ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! 018 JOB 016 022 چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن. 018 JOB 017 001 مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە. 018 JOB 017 002 ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. 018 JOB 017 003 ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟ 018 JOB 017 004 چۈنكى سەن [دوستلىرىمنىڭ] كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن! 018 JOB 017 005 غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ. 018 JOB 017 006 ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم. 018 JOB 017 007 دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى. 018 JOB 017 008 بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. 018 JOB 017 009 بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ. 018 JOB 017 010 ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن. 018 JOB 017 011 كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى. 018 JOB 017 012 بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. 018 JOB 017 013 ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. 018 JOB 017 014 «چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن! 018 JOB 017 015 ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟ 018 JOB 017 016 ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! 018 JOB 018 001 شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 018 002 سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز. 018 JOB 018 003 بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟ 018 JOB 018 004 ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! 018 JOB 018 005 قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ. 018 JOB 018 006 چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ. 018 JOB 018 007 ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ. 018 JOB 018 008 چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ. 018 JOB 018 009 قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. 018 JOB 018 010 يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار. 018 JOB 018 011 ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ. 018 JOB 018 012 ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ. 018 JOB 018 013 ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ. 018 JOB 018 014 ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، [ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى] ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ. 018 JOB 018 015 ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ. 018 JOB 018 016 ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ. 018 JOB 018 017 ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ. 018 JOB 018 018 ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ. 018 JOB 018 019 ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ. 018 JOB 018 020 ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك. 018 JOB 018 021 مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. 018 JOB 019 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 019 002 «سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟ 018 JOB 019 003 سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر. 018 JOB 019 004 ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ [دەردىنى] تارتىمەن. 018 JOB 019 005 ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار، 018 JOB 019 006 ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛ 018 JOB 019 007 قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ. 018 JOB 019 008 ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى. 018 JOB 019 009 ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى. 018 JOB 019 010 ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى. 018 JOB 019 011 غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى. 018 JOB 019 012 ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى. 018 JOB 019 013 ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى. 018 JOB 019 014 تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى. 018 JOB 019 015 ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم. 018 JOB 019 016 مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك. 018 JOB 019 017 تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار. 018 JOB 019 018 ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ. 018 JOB 019 019 مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى. 018 JOB 019 020 ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى. 018 JOB 019 021 ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى. 018 JOB 019 022 سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر! 018 JOB 019 023 ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى! 018 JOB 019 024 ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى! 018 JOB 019 025 بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! 018 JOB 019 026 ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن! 018 JOB 019 027 ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر! 018 JOB 019 028 ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار، 018 JOB 019 029 ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! چۈنكى [خۇدانىڭ] غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر [خۇدانىڭ] سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر». 018 JOB 020 001 ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 020 002 «مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە. 018 JOB 020 003 مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى. 018 JOB 020 004 سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، 018 JOB 020 005 رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر. 018 JOB 020 006 ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ، 018 JOB 020 007 يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ. 018 JOB 020 008 ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ. 018 JOB 020 009 ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ. 018 JOB 020 010 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. 018 JOB 020 011 ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، بىراق [ئۇنىڭ ماغدۇرى] ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ. 018 JOB 020 012 گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ، 018 JOB 020 013 ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ، 018 JOB 020 014 بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ. 018 JOB 020 015 ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. 018 JOB 020 016 ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 018 JOB 020 017 ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. 018 JOB 020 018 ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ. 018 JOB 020 019 چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان. 018 JOB 020 020 ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. 018 JOB 020 021 ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. 018 JOB 020 022 ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. 018 JOB 020 023 ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا [غەزىپىنى] ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ. 018 JOB 020 024 ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ. 018 JOB 020 025 تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ. 018 JOB 020 026 زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ. 018 JOB 020 027 ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ. 018 JOB 020 028 ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، [خۇدانىڭ] غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ. 018 JOB 020 029 خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر». 018 JOB 021 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 021 002 «گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن! 018 JOB 021 003 سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛ سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار! 018 JOB 021 004 مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟ روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟ 018 JOB 021 005 ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر، قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر. 018 JOB 021 006 مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ. 018 JOB 021 007 نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟ 018 JOB 021 008 ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ، 018 JOB 021 009 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ، تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ. 018 JOB 021 010 ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ، ئىنىكى موزايلايدۇ، موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ. 018 JOB 021 011 [رەزىللەر] كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ. 018 JOB 021 012 ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ، ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ. 018 JOB 021 013 ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 018 JOB 021 014 ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ، 018 JOB 021 015 ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!». 018 JOB 021 016 قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟ بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن! 018 JOB 021 017 يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ [خۇدا] غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟ 018 JOB 021 018 ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش، قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟ 018 JOB 021 019 تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟ [خۇدا] بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن! 018 JOB 021 020 ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛ ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن! 018 JOB 021 021 چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟ 018 JOB 021 022 تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟! 018 JOB 021 023 بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛ 018 JOB 021 024 بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ، ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ. 018 JOB 021 025 يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن. 018 JOB 021 026 ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ، قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. 018 JOB 021 027 ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن. 018 JOB 021 028 چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر. 018 JOB 021 029 سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟ 018 JOB 021 030 [دېمەك]، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ [دەيدۇ]. 018 JOB 021 031 كىم [رەزىلنىڭ] تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟ 018 JOB 021 032 ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ. 018 JOB 021 033 جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك، ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ. 018 JOB 021 034 سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ! 018 JOB 022 001 ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 022 002 ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ 018 JOB 022 003 سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟ 018 JOB 022 004 ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟ 018 JOB 022 005 سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 022 006 سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن. 018 JOB 022 007 ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ، 018 JOB 022 008 گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ، 018 JOB 022 009 سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن. 018 JOB 022 010 مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ. 018 JOB 022 011 شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى. 018 JOB 022 012 تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق! 018 JOB 022 013 بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن. 018 JOB 022 014 يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن. 018 JOB 022 015 يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟ 018 JOB 022 016 ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن. 018 JOB 022 017 ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!» ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى. 018 JOB 022 018 بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن! 018 JOB 022 019 ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ 018 JOB 022 020 «بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. 018 JOB 022 021 [شۇڭا] خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ. 018 JOB 022 022 ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي. 018 JOB 022 023 سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ، 018 JOB 022 024 ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ، 018 JOB 022 025 ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ. 018 JOB 022 026 ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن. 018 JOB 022 027 سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن. 018 JOB 022 028 سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. 018 JOB 022 029 ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن [خۇدا] چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ. 018 JOB 022 030 ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. 018 JOB 023 001 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 023 002 «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛ ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر! 018 JOB 023 003 ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم! 018 JOB 023 004 شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم، ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم، 018 JOB 023 005 مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم، ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم. 018 JOB 023 006 ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟ ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى. 018 JOB 023 007 ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛ شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم. 018 JOB 023 008 ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن. 018 JOB 023 009 ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ 018 JOB 023 010 بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن. 018 JOB 023 011 مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم. 018 JOB 023 012 مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم. 018 JOB 023 013 بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ. 018 JOB 023 014 چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر. 018 JOB 023 015 شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛ بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن. 018 JOB 023 016 چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان، ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ. 018 JOB 023 017 ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم. 018 JOB 024 001 ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر [سوراق] كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟ 018 JOB 024 002 مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى [ئوچۇق-ئاشكارا] باقىدۇ؛ 018 JOB 024 003 ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ. 018 JOB 024 004 ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ. 018 JOB 024 005 مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ. 018 JOB 024 006 ئۇلار ياماننىڭ [كالىلىرى] ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛ 018 JOB 024 007 ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر. 018 JOB 024 008 ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ. 018 JOB 024 009 ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن [بوۋاقلارنى] كېپىللىككە ئالىدۇ. 018 JOB 024 010 [مىسكىنلەر بولسا] كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛ 018 JOB 024 011 ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ. 018 JOB 024 012 شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ. 018 JOB 024 013 ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ. 018 JOB 024 014 قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ. 018 JOB 024 015 زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ. 018 JOB 024 016 قاراڭغۇلۇقتا [ئوغرىلار] ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ. 018 JOB 024 017 ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ. 018 JOB 024 018 ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن! 018 JOB 024 019 قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! 018 JOB 024 020 ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن! 018 JOB 024 021 ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. 018 JOB 024 022 بىراق [خۇدا] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ [كۈنىنى] ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. 018 JOB 024 023 [خۇدا] يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 024 024 ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 024 025 بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». 018 JOB 025 001 شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 025 002 «ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ. 018 JOB 025 003 ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ 018 JOB 025 004 ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟ 018 JOB 025 005 مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە، 018 JOB 025 006 قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى [ئۇنىڭ ئالدىدا] قانداق بولار؟». 018 JOB 026 001 ئايۇپ [بىلدادقا] جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 026 002 «ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ! 018 JOB 026 003 ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ! 018 JOB 026 004 سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟ 018 JOB 026 005 ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛ 018 JOB 026 006 بەرھەق، [خۇدانىڭ] ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر. 018 JOB 026 007 ئۇ [يەرنىڭ] شىمالىي [قۇتۇپىنى] ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر [شارىنى] بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛ 018 JOB 026 008 ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. 018 JOB 026 009 ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ. 018 JOB 026 010 ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن. 018 JOB 026 011 ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. 018 JOB 026 012 ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ. 018 JOB 026 013 ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ. 018 JOB 026 014 مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!». 018 JOB 027 001 ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 027 002 «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 018 JOB 027 003 تېنىمدە نەپەس بولسىلا، تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا، 018 JOB 027 004 لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ، تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ! 018 JOB 027 005 سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن! جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن! 018 JOB 027 006 ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن، ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن! 018 JOB 027 007 مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن، ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن. 018 JOB 027 008 چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟ 018 JOB 027 009 بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟ 018 JOB 027 010 ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟ 018 JOB 027 011 مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛ ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن. 018 JOB 027 012 مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛ سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟ 018 JOB 027 013 رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى، زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ 018 JOB 027 014 ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ. 018 JOB 027 015 ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ. 018 JOB 027 016 ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ، كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ، 018 JOB 027 017 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ، بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛ بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ. 018 JOB 027 018 ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ. 018 JOB 027 019 ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن، بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى، كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ. 018 JOB 027 020 ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛ كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ. 018 JOB 027 021 شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ. 018 JOB 027 022 بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛ 018 JOB 027 023 بىراق [شامال] ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ». 018 JOB 028 001 ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ 018 JOB 028 002 تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. 018 JOB 028 003 ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. 018 JOB 028 004 ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. 018 JOB 028 005 ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ 018 JOB 028 006 يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. 018 JOB 028 007 ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. 018 JOB 028 008 ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. 018 JOB 028 009 ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. 018 JOB 028 010 تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ 018 JOB 028 011 يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. 018 JOB 028 012 بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 018 JOB 028 013 ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. 018 JOB 028 014 [يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. 018 JOB 028 015 دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. 018 JOB 028 016 ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. 018 JOB 028 017 ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. 018 JOB 028 018 ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 018 JOB 028 019 ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. 018 JOB 028 020 ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 018 JOB 028 021 چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. 018 JOB 028 022 ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. 018 JOB 028 023 ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. 018 JOB 028 024 چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. 018 JOB 028 025 ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، 018 JOB 028 026 يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، 018 JOB 028 027 ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، 018 JOB 028 028 ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». 018 JOB 029 001 ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 029 002 «ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى! 018 JOB 029 003 ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم! 018 JOB 029 004 بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش [دوست] بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى! 018 JOB 029 005 ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛ 018 JOB 029 006 مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛ 018 JOB 029 007 شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا، 018 JOB 029 008 ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى، 018 JOB 029 009 شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى. 018 JOB 029 010 ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى. 018 JOB 029 011 قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. 018 JOB 029 012 چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم. 018 JOB 029 013 ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم. 018 JOB 029 014 مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان. 018 JOB 029 015 مەن كورغا كۆز بولاتتىم، توكۇرغا پۇت بولاتتىم. 018 JOB 029 016 يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم. 018 JOB 029 017 مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم. 018 JOB 029 018 ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛ 018 JOB 029 019 ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛ 018 JOB 029 020 شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم. 018 JOB 029 021 ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى. 018 JOB 029 022 مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى. 018 JOB 029 023 ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، كىشىلەر [ۋاقتىدا ياغقان] «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى! 018 JOB 029 024 ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى. 018 JOB 029 025 مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم». 018 JOB 030 001 ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم. 018 JOB 030 002 ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟ 018 JOB 030 003 يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ. 018 JOB 030 004 ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ. 018 JOB 030 005 ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ. 018 JOB 030 006 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. 018 JOB 030 007 چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛ 018 JOB 030 008 نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن. 018 JOB 030 009 مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم! 018 JOB 030 010 ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ. 018 JOB 030 011 چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن. 018 JOB 030 012 ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ 018 JOB 030 013 ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 018 JOB 030 014 ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ. 018 JOB 030 015 ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى. 018 JOB 030 016 ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. 018 JOB 030 017 كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ. 018 JOB 030 018 [ئاغرىقلار] زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى. 018 JOB 030 019 خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. 018 JOB 030 020 مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن. 018 JOB 030 021 سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛ 018 JOB 030 022 سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن. 018 JOB 030 023 چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن. 018 JOB 030 024 ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛ 018 JOB 030 025 مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ [دۇئا قىلغان] ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟ 018 JOB 030 026 مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى. 018 JOB 030 027 ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى. 018 JOB 030 028 مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن. 018 JOB 030 029 مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم. 018 JOB 030 030 تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. 018 JOB 030 031 چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى». 018 JOB 031 001 «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟ 018 JOB 031 002 ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟ 018 JOB 031 003 بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 031 004 ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 031 005 ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا، 018 JOB 031 006 (مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!) 018 JOB 031 007 ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا، 018 JOB 031 008 ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن! 018 JOB 031 009 ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام، 018 JOB 031 010 ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن. 018 JOB 031 011 چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر. 018 JOB 031 012 [بۇ گۇناھ] بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى. 018 JOB 031 013 ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام، 018 JOB 031 014 ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟ 018 JOB 031 015 مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 031 016 ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام، 018 JOB 031 017 ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام 018 JOB 031 018 (ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)، 018 JOB 031 019 ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام، 018 JOB 031 020 ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى [كىيىمسىز قېلىپ] ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا، 018 JOB 031 021 ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «[ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا] مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام، 018 JOB 031 022 ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن! 018 JOB 031 023 چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم. 018 JOB 031 024 ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام، 018 JOB 031 025 ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام، 018 JOB 031 026 ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، 018 JOB 031 027 كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇنداقلا [بۇلارغا چوقۇنۇپ] ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا، 018 JOB 031 028 بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم. 018 JOB 031 029 ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ 018 JOB 031 030 (ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن) 018 JOB 031 031 ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا، 018 JOB 031 032 (مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن) 018 JOB 031 033 ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام، 018 JOB 031 034 ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،... 018 JOB 031 035 ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن! 018 JOB 031 036 شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم. 018 JOB 031 037 مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم. 018 JOB 031 038 ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا، 018 JOB 031 039 چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام، 018 JOB 031 040 ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. مانا شۇنىڭ بىلەن [مەن] ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!» 018 JOB 032 001 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى. 018 JOB 032 002 ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ 018 JOB 032 003 ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى. 018 JOB 032 004 بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى. 018 JOB 032 005 ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى. 018 JOB 032 006 شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم. 018 JOB 032 007 مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار [ئاۋۋال] سۆزلىشى كېرەك؛ يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛ 018 JOB 032 008 بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ. 018 JOB 032 009 لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن. 018 JOB 032 010 شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي. 018 JOB 032 011 مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛ 018 JOB 032 012 شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى، 018 JOB 032 013 سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ. 018 JOB 032 014 ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن 018 JOB 032 015 (بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى. 018 JOB 032 016 مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛ 018 JOB 032 017 ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي. 018 JOB 032 018 چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛ 018 JOB 032 019 مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى. 018 JOB 032 020 شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي. 018 JOB 032 021 مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن. 018 JOB 032 022 مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ». 018 JOB 033 001 «ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن، سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن. 018 JOB 033 002 مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم، ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ. 018 JOB 033 003 سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ. 018 JOB 033 004 تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ. 018 JOB 033 005 جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛ سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن! 018 JOB 033 006 مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛ مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن. 018 JOB 033 007 بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن، ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ. 018 JOB 033 008 سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى، ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن: ــ 018 JOB 033 009 «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... 018 JOB 033 010 مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛ 018 JOB 033 011 ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم. 018 JOB 033 012 مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى، بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛ چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر. 018 JOB 033 013 سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟ 018 JOB 033 014 چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛ بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛ 018 JOB 033 015 چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە، ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا، ياكى ئورۇن-كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ 018 JOB 033 016 ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى [ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە] مۆھۈرلەيدۇ. 018 JOB 033 017 ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى [يامان] يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛ 018 JOB 033 018 بۇنىڭ بىلەن [خۇدا] ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ. 018 JOB 033 019 ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، تەربىيە قىلىنىدۇ. 018 JOB 033 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ. 018 JOB 033 021 ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ. 018 JOB 033 022 بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛ 018 JOB 033 023 بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا، يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا، ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا، 018 JOB 033 024 ئۇنداقتا [خۇدا] ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ: «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن، چۈنكى مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ. 018 JOB 033 025 بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛ ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ. 018 JOB 033 026 ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، ھەمدە [خۇدا] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. 018 JOB 033 027 ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى! 018 JOB 033 028 ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ. 018 JOB 033 029 مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ، ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ، 018 JOB 033 030 مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر، ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر. 018 JOB 033 031 ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي. 018 JOB 033 032 ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛ سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار. 018 JOB 033 033 بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛ سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي». 018 JOB 034 001 ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 034 002 «ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. 018 JOB 034 003 ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ. 018 JOB 034 004 ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى! 018 JOB 034 005 چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ. 018 JOB 034 006 يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ، 018 JOB 034 007 قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر. 018 JOB 034 008 ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ. 018 JOB 034 009 چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى. 018 JOB 034 010 شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن! 018 JOB 034 011 چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ. 018 JOB 034 012 دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ. 018 JOB 034 013 كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟ 018 JOB 034 014 ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا، 018 JOB 034 015 شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ. 018 JOB 034 016 سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال! 018 JOB 034 017 ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟! 018 JOB 034 018 ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر. 018 JOB 034 019 ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر. 018 JOB 034 020 كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ. 018 JOB 034 021 چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ. 018 JOB 034 022 شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ. 018 JOB 034 023 چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. 018 JOB 034 024 ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛ 018 JOB 034 025 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ. 018 JOB 034 026 ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ، 018 JOB 034 027 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان. 018 JOB 034 028 ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ. 018 JOB 034 029 ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ [شەپقىتىنى كۆرسەتمەي] يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟ 018 JOB 034 030 ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر. 018 JOB 034 031 چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛ 018 JOB 034 032 ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە، 018 JOB 034 033 سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ! 018 JOB 034 034 ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ 018 JOB 034 035 «ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ. 018 JOB 034 036 ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە سىنالسۇن! 018 JOB 034 037 چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ ئۇ ئارىمىزدا [ئاھانەت بىلەن] چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە». 018 JOB 035 001 ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 035 002 «سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟ 018 JOB 035 003 شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ. 018 JOB 035 004 ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا [جاۋاب بېرەي]، ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛ 018 JOB 035 005 ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛ پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛ ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر. 018 JOB 035 006 ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟ جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟ 018 JOB 035 007 سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟ 018 JOB 035 008 سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا، ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس. 018 JOB 035 009 ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛ كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ. 018 JOB 035 010 بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ. 018 JOB 035 011 ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 035 012 ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ. 018 JOB 035 013 بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە، 018 JOB 035 014 سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، [ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن]؟ دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن. 018 JOB 035 015 بىراق ئۇ ھازىر [توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ]، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ 018 JOB 035 016 چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان، ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن». 018 JOB 036 001 ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 036 002 «مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ، مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن. 018 JOB 036 003 بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن، ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن. 018 JOB 036 004 مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛ بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. 018 JOB 036 005 مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر، بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. 018 JOB 036 006 ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ. 018 JOB 036 007 ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ. 018 JOB 036 008 ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا، 018 JOB 036 009 ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ. 018 JOB 036 010 شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ، ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. 018 JOB 036 011 ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا ئۇلار [قالغان] كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا، يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. 018 JOB 036 012 بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ. 018 JOB 036 013 بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ. 018 JOB 036 014 ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ. 018 JOB 036 015 بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ. 018 JOB 036 016 ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى. 018 JOB 036 017 بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى. 018 JOB 036 018 غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ. 018 JOB 036 019 ياكى بايلىقلىرىڭ، ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى، ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟ 018 JOB 036 020 كېچىگە ئۈمىد باغلىما، چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. 018 JOB 036 021 ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛ چۈنكى سەن [قەبىھلىكنى] دەردكە [سەۋر بولۇشنىڭ] ئورنىدا تاللىغانسەن. 018 JOB 036 022 مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟ 018 JOB 036 023 كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟ 018 JOB 036 024 ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما! 018 JOB 036 025 ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛ ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ». 018 JOB 036 026 « ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. 018 JOB 036 027 چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ. 018 JOB 036 028 شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار [يامغۇرلارنى] قۇيۇپ بېرىپ، ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ. 018 JOB 036 029 بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى، ئۇنىڭ [ساماۋى] چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟ 018 JOB 036 030 مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ. 018 JOB 036 031 ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھەم ئۇلار [ئارقىلىقمۇ] مول ئاشلىق بېرىدۇ. 018 JOB 036 032 ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ. 018 JOB 036 033 [خۇدانىڭ] گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ. 018 JOB 037 001 شۇنداق، يۈرىكىممۇ بۇنى ئاڭلاپ تەۋرىنىپ كېتىۋاتىدۇ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي، دېدى. 018 JOB 037 002 مانا ئاڭلىغىنا! ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلا! 018 JOB 037 003 ئۇ ئاۋازىنى ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل يەرگە، چاقمىقىنى يەرنىڭ قەرىگىچە يەتكۈزىدۇ. 018 JOB 037 004 چاقماقتىن كېيىن بىر ئاۋاز ھۆركىرەيدۇ؛ ئۆز ھەيۋىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ گۈلدۈرلەيدۇ، ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ھېچ ئايانماي چاقماقلىرىنىمۇ قويۇۋېتىدۇ. 018 JOB 037 005 تەڭرى ئاۋازى بىلەن كارامەت گۈلدۈرلەيدۇ، بىز چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن قالتىس ئىشلارنى قىلىدۇ. 018 JOB 037 006 چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»، ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ. 018 JOB 037 007 ئۇ بارلىق ئىنساننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلسۇن دەپ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ؛ 018 JOB 037 008 ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئۆز قونالغۇسىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. 018 JOB 037 009 بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ، ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ. 018 JOB 037 010 تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛ بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ. 018 JOB 037 011 ئۇ يەنە قويۇق بۇلۇتلارغا مول نەملىك يۈكلەيدۇ، ئۇ چاقماق كۆتۈرىدىغان بۇلۇتنى كەڭ يېيىپ قويىدۇ. 018 JOB 037 012 ئۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىن يۈزىدە ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ھەرياققا بۇرۇلىدۇ. 018 JOB 037 013 ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ [بۇلۇتلىرىنى] كەلتۈرىدۇ. 018 JOB 037 014 ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر. 018 JOB 037 015 تەڭرىنىڭ بۇلۇتلارنى قانداق سەپتە تۇرغۇزغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ بۇلۇتىنىڭ چاقمىقىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟ 018 JOB 037 016 بۇلۇتلارنىڭ قانداق قىلىپ بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرىدىغانلىقىنى، بىلىمى مۇكەممەل بولغۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلەمسەن؟ 018 JOB 037 017 ھەي، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يەر-زېمىننى جەنۇبدىكى شامال بىلەن تىنچلاندۇرۇپ، سېنى كىيىم-كېچىكىڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟ 018 JOB 037 018 سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك، مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟! 018 JOB 037 019 ئۇنىڭغا نېمىنى دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىپ قويغىن! قاراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن بىز دەۋايىمىزنى جايىدا سەپكە قويالمايمىز. 018 JOB 037 020 ئۇنىڭغا «مېنىڭ ساڭا گېپىم بار» دېيىش ياخشىمۇ؟ ئۇنداق دېگۈچى ئادەم يۇتۇلماي قالمايدۇ! 018 JOB 037 021 ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ. قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛ تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر. ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛ قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. 018 JOB 037 024 شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ». 018 JOB 038 001 ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 038 002 «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ 018 JOB 038 003 ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! 018 JOB 038 004 مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. 018 JOB 038 005 كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ 018 JOB 038 006 تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟ 018 JOB 038 008 بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ 018 JOB 038 009 مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، 018 JOB 038 010 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، 018 JOB 038 011 يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ 018 JOB 038 012 سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ 018 JOB 038 013 سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟ 018 JOB 038 014 شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ 018 JOB 038 015 ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. 018 JOB 038 016 دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ 018 JOB 038 017 ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ 018 JOB 038 018 ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل! 018 JOB 038 019 نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ 018 JOB 038 020 سەن [بۇنى بىلىپ] ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ 018 JOB 038 021 ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر! 018 JOB 038 022 قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ 018 JOB 038 023 بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. 018 JOB 038 024 چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ 018 JOB 038 025 يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ 018 JOB 038 026 شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ 018 JOB 038 027 شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ 018 JOB 038 028 يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ 018 JOB 038 029 مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟ 018 JOB 038 030 شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 018 JOB 038 031 «قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ 018 JOB 038 032 «ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ 018 JOB 038 033 ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ 018 JOB 038 034 سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ 018 JOB 038 035 سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ 018 JOB 038 036 ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ 018 JOB 038 037 بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟ 018 JOB 038 038 بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ 018 JOB 038 039 «چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ 018 JOB 038 040 ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، [سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن]؟ 018 JOB 038 041 يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ 018 JOB 039 001 سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟ 018 JOB 039 002 ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ 018 JOB 039 003 ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ 018 JOB 039 004 ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، [ئانىسىنىڭ] يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ. 018 JOB 039 005 ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟ 018 JOB 039 006 چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن. 018 JOB 039 007 ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. 018 JOB 039 008 ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. 018 JOB 039 009 ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟ 018 JOB 039 010 ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ 018 JOB 039 011 ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟ 018 JOB 039 012 دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «[دانلىرىمنى] خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟ 018 JOB 039 013 تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟ 018 JOB 039 014 ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ. 018 JOB 039 015 ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. 018 JOB 039 016 بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. 018 JOB 039 017 چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن. 018 JOB 039 018 ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ. 018 JOB 039 019 سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟ 018 JOB 039 020 سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟ 018 JOB 039 021 ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ، ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. 018 JOB 039 022 ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ. 018 JOB 039 023 ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ، 018 JOB 039 024 ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، [جەڭ] كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. 018 JOB 039 025 كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ، ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. 018 JOB 039 026 سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟ 018 JOB 039 027 بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟ 018 JOB 039 028 ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ. 018 JOB 039 029 شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ. 018 JOB 039 030 ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ». 018 JOB 040 001 پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ 018 JOB 040 002 «ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى. 018 JOB 040 003 ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ 018 JOB 040 004 «مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛ ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛ 018 JOB 040 005 بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛ شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى. 018 JOB 040 006 ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 040 007 «ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا، ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛ سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن. 018 JOB 040 008 سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟ 018 JOB 040 009 سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك [كۈچلۈك] بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟ سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟ 018 JOB 040 010 قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال! ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ، 018 JOB 040 011 غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن. 018 JOB 040 012 راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل! 018 JOB 040 013 ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي، يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛ 018 JOB 040 014 شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!». 018 JOB 040 015 مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛ ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ. 018 JOB 040 016 مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى، قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي! 018 JOB 040 017 ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ، ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان. 018 JOB 040 018 ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر، پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ. 018 JOB 040 019 ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. 018 JOB 040 020 تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ. 018 JOB 040 021 ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ. 018 JOB 040 022 سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛ ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. 018 JOB 040 023 قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛ ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ. 018 JOB 040 024 ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ 018 JOB 041 001 لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن [باغلاپ] باسالامسەن؟ 018 JOB 041 002 ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ 018 JOB 041 003 ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟ 018 JOB 041 004 ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟ 018 JOB 041 005 سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟ 018 JOB 041 006 تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ 018 JOB 041 007 سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! 018 JOB 041 008 قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن! 018 JOB 041 009 مانا، «[ئۇنى بويسۇندۇرىمەن]» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ 018 JOB 041 010 ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟ 018 JOB 041 011 ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ 018 JOB 041 012 [لېۋىئاتاننىڭ] ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. 018 JOB 041 013 كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟ 018 JOB 041 014 كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ. 018 JOB 041 015 قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى، 018 JOB 041 016 بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ. 018 JOB 041 017 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر. 018 JOB 041 018 ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر. 018 JOB 041 019 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ. 018 JOB 041 020 قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛ 018 JOB 041 021 ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ. 018 JOB 041 022 بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. 018 JOB 041 023 ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى [قاسىراقلىرى] يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ. 018 JOB 041 024 ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. 018 JOB 041 025 ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. 018 JOB 041 026 بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر. 018 JOB 041 027 ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ. 018 JOB 041 028 ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ. 018 JOB 041 029 توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ. 018 JOB 041 030 ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ. 018 JOB 041 031 ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛ 018 JOB 041 032 ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ. 018 JOB 041 033 يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان. 018 JOB 041 034 ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا [جۈرئەت بىلەن] نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر». 018 JOB 042 001 ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 018 JOB 042 002 «ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى، ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم! 018 JOB 042 003 «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم، مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم. 018 JOB 042 004 ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن. 018 JOB 042 005 مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن، بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ. 018 JOB 042 006 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم». 018 JOB 042 007 پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ھەم ئىككى دوستۇڭغا قاراپ قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار. 018 JOB 042 008 بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار». 018 JOB 042 009 شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. 018 JOB 042 010 شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. 018 JOB 042 011 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى. 018 JOB 042 012 پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى. 018 JOB 042 013 ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى. 018 JOB 042 014 ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. 018 JOB 042 015 پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى. 018 JOB 042 016 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن. 018 JOB 042 017 شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى. # # BOOK 019 PSA Psalms زەبۇر 019 PSA 001 001 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! 019 PSA 001 002 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. 019 PSA 001 003 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. 019 PSA 001 004 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر. 019 PSA 001 005 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. 019 PSA 001 006 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ. 019 PSA 002 001 ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ 019 PSA 002 002 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ 019 PSA 002 003 «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ. 019 PSA 002 004 ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛ 019 PSA 002 005 ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ 019 PSA 002 006 «ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم». 019 PSA 002 007 «مەن [ئەرشتىكى] پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛ 019 PSA 002 008 مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛ 019 PSA 002 009 سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى». 019 PSA 002 010 ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛ 019 PSA 002 011 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار! 019 PSA 002 012 ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! 019 PSA 003 001 داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! 019 PSA 003 002 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! 019 PSA 003 003 بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! 019 PSA 003 004 ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. 019 PSA 003 005 مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. 019 PSA 003 006 مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! 019 PSA 003 007 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! 019 PSA 003 008 نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ! 019 PSA 004 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا! 019 PSA 004 002 ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ سېلاھ. 019 PSA 004 003 بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ. 019 PSA 004 004 ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۈكۈت قىلىڭلار. سېلاھ. 019 PSA 004 005 ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار، ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار. 019 PSA 004 006 كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛ جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار! 019 PSA 004 007 ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ، مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ. 019 PSA 004 008 مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار! 019 PSA 005 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. 019 PSA 005 002 كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. 019 PSA 005 003 ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن. 019 PSA 005 004 چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ. 019 PSA 005 005 پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر. 019 PSA 005 006 يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر. 019 PSA 005 007 بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛ 019 PSA 005 008 مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن. 019 PSA 005 009 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ. 019 PSA 005 010 ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى. 019 PSA 005 011 شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ. 019 PSA 005 012 چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛ ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن. 019 PSA 006 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە. 019 PSA 006 002 ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. 019 PSA 006 003 مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟ 019 PSA 006 004 يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن. 019 PSA 006 005 چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ 019 PSA 006 006 مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن. 019 PSA 006 007 دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ. 019 PSA 006 008 ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. 019 PSA 006 009 پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛ 019 PSA 006 010 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛ تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ. 019 PSA 007 001 داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛ 019 PSA 007 003 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ 019 PSA 007 004 ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ 019 PSA 007 005 ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن! 019 PSA 007 006 ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! 019 PSA 007 007 خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتىراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. 019 PSA 007 008 پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن. 019 PSA 007 009 ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! 019 PSA 007 010 مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ 019 PSA 007 011 خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ 019 PSA 007 012 بىرسى [يامان] يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ. 019 PSA 007 013 شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. 019 PSA 007 014 مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. 019 PSA 007 015 ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى. 019 PSA 007 016 ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. 019 PSA 007 017 مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن. 019 PSA 008 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! 019 PSA 008 002 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن. 019 PSA 008 003 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، 019 PSA 008 004 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ 019 PSA 008 005 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. 019 PSA 008 006 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، 019 PSA 008 007 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، 019 PSA 008 008 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. 019 PSA 008 009 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! 019 PSA 009 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛ 019 PSA 009 002 مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي! 019 PSA 009 003 مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. 019 PSA 009 004 چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ. 019 PSA 009 005 سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن. 019 PSA 009 006 ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛ 019 PSA 009 007 بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ 019 PSA 009 008 ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 019 PSA 009 009 ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر. 019 PSA 009 010 نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن. 019 PSA 009 011 زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛ 019 PSA 009 012 چۈنكى [تۆكۈلگەن] قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس. 019 PSA 009 013 ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛ 019 PSA 009 014 شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن. 019 PSA 009 015 ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى. 019 PSA 009 016 پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ. 019 PSA 009 017 رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. 019 PSA 009 018 چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ. 019 PSA 009 019 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن. 019 PSA 009 020 ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ! 019 PSA 010 001 نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟ 019 PSA 010 002 رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ. 019 PSA 010 003 چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ. 019 PSA 010 004 ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ. 019 PSA 010 005 ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ. 019 PSA 010 006 [رەزىل ئادەم] كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ. 019 PSA 010 007 ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ. 019 PSA 010 008 ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛ 019 PSA 010 009 ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ. 019 PSA 010 010 [يوقسۇللار] ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. 019 PSA 010 011 ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 019 PSA 010 012 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما! 019 PSA 010 013 رەزىل ئادەم نېمىشقا [سەن] خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە: «[خۇدا] بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ. 019 PSA 010 014 سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛ 019 PSA 010 015 رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن. 019 PSA 010 016 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ [ئىمانسىز] ئەللەر بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] زېمىنىدىن يوقىلار. 019 PSA 010 017 پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن. 019 PSA 011 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ! 019 PSA 011 002 چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛ 019 PSA 011 003 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا، ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ 019 PSA 011 004 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. 019 PSA 011 005 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ. 019 PSA 011 006 ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. 019 PSA 011 007 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ. 019 PSA 012 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. 019 PSA 012 002 ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ. 019 PSA 012 003 پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي! 019 PSA 012 004 ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ. 019 PSA 012 005 «ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». 019 PSA 012 006 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. 019 PSA 012 007 سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن [مۆمىنلەرنى] مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ 019 PSA 012 008 [چۈنكى] رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا! 019 PSA 013 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟ سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟ قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ 019 PSA 013 002 قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟ 019 PSA 013 003 ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن، 019 PSA 013 004 دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن، رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن، [كۆزۈمنى يورۇتقايسەن]! 019 PSA 013 005 بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛ 019 PSA 013 006 مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى. 019 PSA 014 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛ 019 PSA 014 002 پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ 019 PSA 014 003 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. 019 PSA 014 004 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. 019 PSA 014 005 مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر. 019 PSA 014 006 «سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!» 019 PSA 014 007 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ! 019 PSA 015 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟ كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟ 019 PSA 015 002 كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ 019 PSA 015 003 تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا، 019 PSA 015 004 پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە، 019 PSA 015 005 پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس. 019 PSA 016 001 داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن. 019 PSA 016 002 مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى. 019 PSA 016 003 يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر. 019 PSA 016 004 كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن. 019 PSA 016 005 پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛ 019 PSA 016 006 [نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن] سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر! 019 PSA 016 007 ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ. 019 PSA 016 008 مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. 019 PSA 016 009 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ 019 PSA 016 010 چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. 019 PSA 016 011 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر. 019 PSA 017 001 داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس. 019 PSA 017 002 ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي! 019 PSA 017 003 سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم. 019 PSA 017 004 ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم. 019 PSA 017 005 مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن. 019 PSA 017 006 مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن. 019 PSA 017 007 ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن! 019 PSA 017 008 مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛ 019 PSA 017 009 مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛ 019 PSA 017 010 ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛ 019 PSA 017 011 ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ، 019 PSA 017 012 ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر. 019 PSA 017 013 ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛ 019 PSA 017 014 [مېنى] ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ. 019 PSA 017 015 مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن! 019 PSA 018 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن! 019 PSA 018 002 پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر! 019 PSA 018 003 مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ 019 PSA 018 004 ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ 019 PSA 018 005 تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. 019 PSA 018 006 قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. 019 PSA 018 007 شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. 019 PSA 018 008 ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ 019 PSA 018 009 ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. 019 PSA 018 010 بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى. 019 PSA 018 011 ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. 019 PSA 018 012 ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ 019 PSA 018 013 پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن. 019 PSA 018 014 بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-چۇقانغا سالدى؛ 019 PSA 018 015 شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، تەنبىھىڭ بىلەن، دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار. 019 PSA 018 016 ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. 019 PSA 018 017 ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ھەم ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. 019 PSA 018 018 كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. 019 PSA 018 019 ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. 019 PSA 018 020 پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ 019 PSA 018 021 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ 019 PSA 018 022 چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم؛ 019 PSA 018 023 مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛ 019 PSA 018 024 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. 019 PSA 018 025 ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ 019 PSA 018 026 ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ 019 PSA 018 027 چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛ 019 PSA 018 028 چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىم مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ 019 PSA 018 029 چۈنكى سەن ئارقىلىق [دۈشمەن] قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. 019 PSA 018 030 تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. 019 PSA 018 031 چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىممۇ قورام تاشتۇر؟ 019 PSA 018 032 يەنى بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى، يولۇمنى تۈپتۈز، مۇكەممەل قىلغۇچى تەڭرىدۇر؛ 019 PSA 018 033 ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك [ئۇچقۇر] قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ؛ 019 PSA 018 034 قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ 019 PSA 018 035 سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ، نېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى؛ سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. 019 PSA 018 036 سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. 019 PSA 018 037 مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛ ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. 019 PSA 018 038 قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. 019 PSA 018 039 سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ 019 PSA 018 040 دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. 019 PSA 018 041 ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. 019 PSA 018 042 مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم. 019 PSA 018 043 سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. 019 PSA 018 044 سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛ 019 PSA 018 045 يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ 019 PSA 018 046 پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! نىجاتلىقىم بولغان خۇدا [ھەممىدىن] ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! 019 PSA 018 047 ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغان [خۇدادۇر]؛ 019 PSA 018 048 ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. 019 PSA 018 049 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ 019 PSA 018 050 [پەرۋەردىگار] ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور نۇسرەتلەرنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. 019 PSA 019 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛ 019 PSA 019 002 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ. 019 PSA 019 003 تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى [ئالەمگە] ئاڭلانماقتا. 019 PSA 019 004 ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە [خۇدا] قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن، 019 PSA 019 005 [قۇياش] ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛ 019 PSA 019 006 ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ. 019 PSA 019 007 پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ. 019 PSA 019 008 پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ. 019 PSA 019 009 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. 019 PSA 019 010 ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛ 019 PSA 019 011 ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر. 019 PSA 019 012 كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛ 019 PSA 019 013 ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن. 019 PSA 019 014 ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي! 019 PSA 020 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي! 019 PSA 020 002 ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛ 019 PSA 020 003 بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! سېلاھ! 019 PSA 020 004 كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 019 PSA 020 005 بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. 019 PSA 020 006 ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. 019 PSA 020 007 بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلەر ئاتلارغا [تايىنىدۇ]؛ بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛ 019 PSA 020 008 ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز. 019 PSA 020 009 ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن! 019 PSA 021 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ! 019 PSA 021 002 سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. سېلاھ! 019 PSA 021 003 چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ. 019 PSA 021 004 ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ. 019 PSA 021 005 ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ. 019 PSA 021 006 سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛ 019 PSA 021 007 چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ. 019 PSA 021 008 سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛ 019 PSA 021 009 سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. 019 PSA 021 010 ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛ 019 PSA 021 011 چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى. 019 PSA 021 012 چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن. 019 PSA 021 013 ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز. 019 PSA 022 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن، 019 PSA 022 002 خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛ كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن. 019 PSA 022 003 بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! 019 PSA 022 004 ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان. 019 PSA 022 005 ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس. 019 PSA 022 006 بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن. 019 PSA 022 007 مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: 019 PSA 022 008 «ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ. 019 PSA 022 009 بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ 019 PSA 022 010 تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن. 019 PSA 022 011 مەندىن يىراقلاشما؛ چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر. 019 PSA 022 012 نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛ باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛ 019 PSA 022 013 ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. 019 PSA 022 014 مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. 019 PSA 022 015 قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن. 019 PSA 022 016 غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى. 019 PSA 022 017 سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، [ئۇستىخانلىرىم] ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. 019 PSA 022 018 ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ. 019 PSA 022 019 بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! 019 PSA 022 020 جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن. 019 PSA 022 021 مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن! 019 PSA 022 022 مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛ 019 PSA 022 023 پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. 019 PSA 022 024 چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. 019 PSA 022 025 چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر، خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ 019 PSA 022 026 ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛ سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ! 019 PSA 022 027 زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛ 019 PSA 022 028 چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. 019 PSA 022 029 جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛ 019 PSA 022 030 كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ. 019 PSA 022 031 كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى، «ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!» 019 PSA 023 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛ 019 PSA 023 002 ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛ تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛ 019 PSA 023 003 ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ 019 PSA 023 004 ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر. 019 PSA 023 005 مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ قەدەھىم تاشىدۇ؛ 019 PSA 023 006 بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن! 019 PSA 024 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛ ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرىۋاتقانلارمۇ؛ 019 PSA 024 002 چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر. 019 PSA 024 003 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ 019 PSA 024 004 ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. 019 PSA 024 005 بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە [ئۇنى] كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ 019 PSA 024 006 بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ [خۇداسى]! سېلاھ! 019 PSA 024 007 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! [كەڭ ئېچىلىڭلار]! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! 019 PSA 024 008 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! 019 PSA 024 009 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! 019 PSA 024 010 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! سېلاھ! 019 PSA 025 001 داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 019 PSA 025 002 ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛ 019 PSA 025 003 بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ. 019 PSA 025 004 مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن. 019 PSA 025 005 مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛ 019 PSA 025 006 ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛ 019 PSA 025 007 مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 019 PSA 025 008 پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ. 019 PSA 025 009 مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ. 019 PSA 025 010 ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر. 019 PSA 025 011 ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن. 019 PSA 025 012 كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛ 019 PSA 025 013 ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ. 019 PSA 025 014 پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 019 PSA 025 015 مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ. 019 PSA 025 016 ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. 019 PSA 025 017 كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. 019 PSA 025 018 دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! 019 PSA 025 019 مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. 019 PSA 025 020 جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم. 019 PSA 025 021 كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن. 019 PSA 025 022 ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! 019 PSA 026 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. 019 PSA 026 002 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ 019 PSA 026 003 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. 019 PSA 026 004 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. 019 PSA 026 005 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. 019 PSA 026 006 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. 019 PSA 026 007 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. 019 PSA 026 008 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ 019 PSA 026 009 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ 019 PSA 026 010 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. 019 PSA 026 011 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 019 PSA 026 012 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. 019 PSA 027 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ 019 PSA 027 002 يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. 019 PSA 027 003 زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. 019 PSA 027 004 پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. 019 PSA 027 005 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ. 019 PSA 027 006 شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا! 019 PSA 027 007 نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن. 019 PSA 027 008 ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن. 019 PSA 027 009 مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا! 019 PSA 027 010 ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. 019 PSA 027 011 ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۈشەندىلىرىم [پايلاپ يۈرمەكتە]، مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن. 019 PSA 027 012 مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر. 019 PSA 027 013 ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...! 019 PSA 027 014 پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! 019 PSA 028 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن. 019 PSA 028 002 ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن! 019 PSA 028 003 مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر. 019 PSA 028 004 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ، ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛ قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛ تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن. 019 PSA 028 005 چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى، نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ، [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ. 019 PSA 028 006 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان. 019 PSA 028 007 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن. 019 PSA 028 008 پەرۋەردىگار ئۆز [خەلقىنىڭ] كۈچىدۇر، شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر. 019 PSA 028 009 ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن. 019 PSA 029 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى، پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر! 019 PSA 029 002 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار! 019 PSA 029 003 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛ پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 019 PSA 029 004 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛ 019 PSA 029 005 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ. 019 PSA 029 006 ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛ ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ. 019 PSA 029 007 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛ 019 PSA 029 008 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ 019 PSA 029 009 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ، ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. 019 PSA 029 010 پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. 019 PSA 029 011 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛ ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ. 019 PSA 030 001 مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ. 019 PSA 030 002 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ. 019 PSA 030 003 ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. 019 PSA 030 004 پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار. 019 PSA 030 005 چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ. 019 PSA 030 006 مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. 019 PSA 030 007 پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛ 019 PSA 030 008 مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ مەن [سەن] رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ 019 PSA 030 009 ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟ 019 PSA 030 010 ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! 019 PSA 030 011 سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ 019 PSA 030 012 شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن! 019 PSA 031 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ سەن پەرۋەردىگارنى، مەن باشپاناھ قىلدىم؛ مېنى ھېچقاچان يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى ئازاد قىلىپ قۇتقۇزغايسەن؛ 019 PSA 031 002 ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن. 019 PSA 031 003 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن. 019 PSA 031 004 ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. 019 PSA 031 005 مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى. 019 PSA 031 006 يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن. 019 PSA 031 007 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ. 019 PSA 031 008 مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ. 019 PSA 031 009 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق. 019 PSA 031 010 ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى. 019 PSA 031 011 مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ. 019 PSA 031 012 ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم. 019 PSA 031 013 چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، ۋەھىمە تەرەپ-تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ. 019 PSA 031 014 بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم. 019 PSA 031 015 مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن. 019 PSA 031 016 قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن. 019 PSA 031 017 ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛ 019 PSA 031 018 يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە! 019 PSA 031 019 ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات-نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر! 019 PSA 031 020 سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن. 019 PSA 031 021 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى! 019 PSA 031 022 چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ. 019 PSA 031 023 پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ! 019 PSA 031 024 ئى پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر، جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە قىلىنسۇن! 019 PSA 032 001 داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر! 019 PSA 032 002 پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر! 019 PSA 032 003 مەن [گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي]، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛ 019 PSA 032 004 چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ! 019 PSA 032 005 ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. سېلاھ! 019 PSA 032 006 شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن! چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە، [سۇلار] شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ. 019 PSA 032 007 سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛ سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛ ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن! سېلاھ. 019 PSA 032 008 ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن. 019 PSA 032 009 ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛ ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا، ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ». 019 PSA 032 010 رەزىللەرگە چۈشۈدىغان قايغۇ-ھەسرەتلەر كۆپتۇر، بىراق مېھىر-شەپقەتلەر پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشىنى چۆرىدەيدۇ؛ 019 PSA 032 011 ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار! 019 PSA 033 001 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! مەدھىيىلەش دۇرۇسلار ئۈچۈن گۈزەل ئىشتۇر. 019 PSA 033 002 راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار. 019 PSA 033 003 ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات-ناخشىنى ئېيتىڭلار؛ ماھىرلىق بىلەن چېلىپ، ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى ياڭرىتىڭلار. 019 PSA 033 004 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋەدىلىرىگە ساداقەتلىكتۇر. 019 PSA 033 005 ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر. 019 PSA 033 006 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛ 019 PSA 033 007 ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛ 019 PSA 033 008 پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛ 019 PSA 033 009 چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى. 019 PSA 033 010 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. 019 PSA 033 011 پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 019 PSA 033 012 «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر! 019 PSA 033 013 پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. 019 PSA 033 014 تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛ 019 PSA 033 015 ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر. 019 PSA 033 016 پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ 019 PSA 033 017 تولپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ 019 PSA 033 018 مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. 019 PSA 033 020 بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛ بىزنىڭ ياردەمچىمىز، بىزنىڭ قالقىنىمىز ئۇ بولىدۇ. 019 PSA 033 021 شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىپ ئىشەندۇق. 019 PSA 033 022 ئى پەرۋەردىگار، بىز ساڭىلا ئۈمىد باغلىغىنىمىزدەك، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭمۇ ئۈستىمىزدە بولغاي! 019 PSA 034 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك [پادىشاھنىڭ] ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، [ئابىمەلەك] ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ. 019 PSA 034 002 قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. 019 PSA 034 003 مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. 019 PSA 034 004 پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. 019 PSA 034 005 [مۆمىنلەر] ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. 019 PSA 034 006 [مەن] پېقىر-بىچارە [ئۇنىڭغا] نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. 019 PSA 034 007 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 034 008 پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! 019 PSA 034 009 ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. 019 PSA 034 010 كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. 019 PSA 034 011 كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. 019 PSA 034 012 ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ 019 PSA 034 013 ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ 019 PSA 034 014 يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. 019 PSA 034 015 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ 019 PSA 034 016 پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ 019 PSA 034 017 ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ 019 PSA 034 018 پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 034 019 ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 034 020 [ئۇ ھەققانىينىڭ] سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. 019 PSA 034 021 يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. 019 PSA 034 022 پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ. 019 PSA 035 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن! 019 PSA 035 002 قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ 019 PSA 035 003 نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ مېنىڭ جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن! 019 PSA 035 004 مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي. 019 PSA 035 005 ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي! 019 PSA 035 006 ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي! 019 PSA 035 007 چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى. 019 PSA 035 008 ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، ھالاكەتكە يىقىلغاي. 019 PSA 035 009 ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ! 019 PSA 035 010 مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن». 019 PSA 035 011 ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا. 019 PSA 035 012 ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى! 019 PSA 035 013 لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى! 019 PSA 035 014 مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم. 019 PSA 035 015 بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى. 019 PSA 035 016 خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى. 019 PSA 035 017 ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى [مۇشۇ] يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن! 019 PSA 035 018 زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن. 019 PSA 035 019 يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن! 019 PSA 035 020 ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا. 019 PSA 035 021 ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ. 019 PSA 035 022 ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛ 019 PSA 035 023 قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم! 019 PSA 035 024 مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ [ئوڭۇشسىزلىقىمدىن] شادلاندۇرمىغايسەن! 019 PSA 035 025 ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن. 019 PSA 035 026 مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن! 019 PSA 035 027 مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي. 019 PSA 035 028 شۇ چاغدا مېنىڭ تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ. 019 PSA 036 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!». 019 PSA 036 002 چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. 019 PSA 036 003 ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛ پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر. 019 PSA 036 004 ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ. 019 PSA 036 005 ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ! 019 PSA 036 006 ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛ 019 PSA 036 007 سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ. 019 PSA 036 008 ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن. 019 PSA 036 009 چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز. 019 PSA 036 010 ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن. 019 PSA 036 011 تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛ 019 PSA 036 012 مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى! غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ! 019 PSA 037 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. 019 PSA 037 002 چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. 019 PSA 037 003 پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. 019 PSA 037 004 «پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ. 019 PSA 037 005 يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم [تىلىكىڭنى] ئىجابەت قىلىدۇ. 019 PSA 037 006 ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. 019 PSA 037 007 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. 019 PSA 037 008 ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 019 PSA 037 009 چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. 019 PSA 037 010 : كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. 019 PSA 037 011 بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. 019 PSA 037 012 رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ 019 PSA 037 013 لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى [رەب] ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ. 019 PSA 037 014 ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. 019 PSA 037 015 لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. 019 PSA 037 016 ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. 019 PSA 037 017 چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛ 019 PSA 037 018 پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. 019 PSA 037 019 ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ. 019 PSA 037 020 بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. 019 PSA 037 021 رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ 019 PSA 037 022 چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ 019 PSA 037 023 مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ [رەب] ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 019 PSA 037 024 ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ. 019 PSA 037 025 مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ 019 PSA 037 026 ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ. 019 PSA 037 027 يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! 019 PSA 037 028 چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 019 PSA 037 029 ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ. 019 PSA 037 030 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ 019 PSA 037 031 قەلبىدە خۇدانىڭ [مۇقەددەس] قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. 019 PSA 037 032 رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. 019 PSA 037 033 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ. 019 PSA 037 034 پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. 019 PSA 037 035 مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. 019 PSA 037 036 بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ. 019 PSA 037 037 مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. 019 PSA 037 038 ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛ 019 PSA 037 039 بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. 019 PSA 037 040 پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ. 019 PSA 038 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ (ئەسلىمە ئۈچۈن) ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە تەنبىھ بەرمىگەيسەن، قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغايسەن! 019 PSA 038 002 چۈنكى ئوقلىرىڭ مېنى زەخىملەندۈرۈپ سانجىدى، قولۇڭ ئۈستۈمدىن قاتتىق باستى. 019 PSA 038 003 قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر. 019 PSA 038 004 چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى. 019 PSA 038 005 ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى. 019 PSA 038 006 ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن! 019 PSA 038 007 چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر. 019 PSA 038 008 مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب-قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن. 019 PSA 038 009 رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ 019 PSA 038 010 يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى. 019 PSA 038 011 يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى. 019 PSA 038 012 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا. 019 PSA 038 013 لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛ 019 PSA 038 014 بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە-تەنبىھ يوق. 019 PSA 038 015 چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن. 019 PSA 038 016 چۈنكى مەن: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن. 019 PSA 038 017 چۈنكى مەن دەلدەڭشىپ، تۈگىشەي دەپ قالدىم، ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. 019 PSA 038 018 چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن. 019 PSA 038 019 لېكىن دۈشمەنلىرىم جۇشقۇن ھەم كۈچلۈكتۇر؛ قارا چاپلاپ، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ سانى نۇرغۇندۇر. 019 PSA 038 020 ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن. 019 PSA 038 021 ئى پەرۋەردىگار، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن! ئى خۇدايىم، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن! 019 PSA 038 022 ئى رەب، مېنىڭ نىجاتلىقىم، ماڭا چاپسان ياردەم قىلغايسەن! 019 PSA 039 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم. 019 PSA 039 002 مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛ بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى. 019 PSA 039 003 كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى، ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛ ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى. 019 PSA 039 004 ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن. 019 PSA 039 005 مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. 019 PSA 039 006 بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 019 PSA 039 007 ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر. 019 PSA 039 008 مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. 019 PSA 039 009 سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ چۈنكى مانا، مۇشۇ [جازانى] ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن. 019 PSA 039 010 مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم. 019 PSA 039 011 سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. 019 PSA 039 012 ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس! 019 PSA 039 013 ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن. 019 PSA 040 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى. 019 PSA 040 002 ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. 019 PSA 040 003 ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ. 019 PSA 040 004 تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر! 019 PSA 040 005 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە [رەھمەت قايتۇرۇپ] بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. 019 PSA 040 006 نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا [سەزگۈر] قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛ 019 PSA 040 007 شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ 019 PSA 040 008 «خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر». 019 PSA 040 009 بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن. 019 PSA 040 010 ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم. 019 PSA 040 011 ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي! 019 PSA 040 012 چۈنكى سانسىز كۈلپەتلەر مېنى ئورىۋالدى؛ قەبىھلىكلىرىم مېنى بېسىۋېلىپ، كۆرەلمەيدىغان بولدۇم؛ ئۇلار بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ، جاسارىتىم تۈگىشىپ كەتتى. 019 PSA 040 013 مېنى قۇتقۇزۇشنى توغرا تاپقايسەن، ئى پەرۋەردىگار! ئى پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 019 PSA 040 014 مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار بىراقلا يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 019 PSA 040 015 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! 019 PSA 040 016 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! 019 PSA 040 017 مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن! 019 PSA 041 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. 019 PSA 041 002 پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن! 019 PSA 041 003 ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن. 019 PSA 041 004 مەن ئىلتىجا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» ــ دېدىم. 019 PSA 041 005 دۈشمەنلىرىم مەن توغرۇلۇق: ــ «ئۇ قاچانمۇ ئۆلۈپ، نامى-نەسلى قۇرۇپ كېتەر؟» ــ دەپ ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ. 019 PSA 041 006 بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛ 019 PSA 041 007 ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ. 019 PSA 041 008 ئۇلار: «ئۇنىڭ بېشىغا جىن-شەيتاندىن بىر كېسەل چاپلاشتى؛ ئەمدى ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ ئۇ قايتىدىن تۇرالمايدۇ» ــ دېيىشىدۇ. 019 PSA 041 009 ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى. 019 PSA 041 010 بىراق سەن پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن؛ دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا، مېنى تۇرغۇزغايسەن؛ 019 PSA 041 011 دۈشمىنىمنىڭ ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلىپ شادلانمىغىنىدىن، سېنى مەندىن سۆيۈنىدۇ، دەپ بىلىمەن. 019 PSA 041 012 بىراق ماڭا كەلسەك، دۇرۇس بولغانلىقىمدىن، سەن مېنى يۆلەيسەن؛ سەن مېنى مەڭگۈ ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈتكۈزۈپ تۇرغۇزىسەن. 019 PSA 041 013 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! ئامىن! ئامىن! 019 PSA 042 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا. 019 PSA 042 002 مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛ ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟ 019 PSA 042 003 مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛ خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ. 019 PSA 042 004 ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!). 019 PSA 042 005 ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى! 019 PSA 042 006 جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن. 019 PSA 042 007 سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا، چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە. سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى. 019 PSA 042 008 كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى [ماڭا] بۇيرۇيدۇ، كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. 019 PSA 042 009 مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ «مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. 019 PSA 042 010 سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا. 019 PSA 042 011 ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر! 019 PSA 043 001 ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 019 PSA 043 002 چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. 019 PSA 043 003 ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! 019 PSA 043 004 شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! 019 PSA 043 005 ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! 019 PSA 044 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛ 019 PSA 044 002 سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ. 019 PSA 044 003 بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ. 019 PSA 044 004 سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن. 019 PSA 044 005 سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛ 019 PSA 044 006 چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. 019 PSA 044 007 چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ. 019 PSA 044 008 خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. سېلاھ! 019 PSA 044 009 بىراق سەن [ھازىر] بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن. 019 PSA 044 010 سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ. 019 PSA 044 011 سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ. 019 PSA 044 012 سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛ 019 PSA 044 013 سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن. 019 PSA 044 014 سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا. 019 PSA 044 015 مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى. 019 PSA 044 017 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛ 019 PSA 044 018 قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى. 019 PSA 044 019 بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ. 019 PSA 044 020 ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق، 019 PSA 044 021 خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟ 019 PSA 044 022 بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز. 019 PSA 044 023 ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن! 019 PSA 044 024 نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟ 019 PSA 044 025 قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛ 019 PSA 044 026 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! 019 PSA 045 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛ 019 PSA 045 002 ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛ لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛ شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى. 019 PSA 045 003 ئى بۈيۈك بولغۇچى، قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن! 019 PSA 045 004 ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ! 019 PSA 045 005 سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ. 019 PSA 045 006 سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. 019 PSA 045 007 سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى. 019 PSA 045 008 سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ. 019 PSA 045 009 پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن [زىبۇ-زىنەتلەرنى] تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛ 019 PSA 045 010 «ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال! 019 PSA 045 011 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل». 019 PSA 045 012 تۇر شەھىرىنىڭ قىزى [ئالدىڭدا] سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛ 019 PSA 045 013 شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛ 019 PSA 045 014 ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ 019 PSA 045 015 ئۇلار خۇشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ. 019 PSA 045 016 «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن. 019 PSA 045 017 مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛ شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ». 019 PSA 046 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. 019 PSA 046 002 شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، قورقمايمىز. سېلاھ. 019 PSA 046 004 خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى، خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر. 019 PSA 046 005 خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛ خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ. 019 PSA 046 006 [بارلىق] ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛ ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان، يەر ئېرىپ كېتىدۇ. 019 PSA 046 007 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! سېلاھ! 019 PSA 046 008 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار! 019 PSA 046 009 ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛ ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ، نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 019 PSA 046 010 ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ. 019 PSA 046 011 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! 019 PSA 047 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار! 019 PSA 047 002 چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. 019 PSA 047 003 ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. 019 PSA 047 004 ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ! 019 PSA 047 005 خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛ 019 PSA 047 006 خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! 019 PSA 047 007 خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! 019 PSA 047 008 خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 019 PSA 047 009 ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛ چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛ ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! 019 PSA 048 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! 019 PSA 048 002 ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر! 019 PSA 048 003 خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛ 019 PSA 048 004 مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى. 019 PSA 048 005 [شەھەرنى] كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى. 019 PSA 048 006 ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛ 019 PSA 048 007 سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ. 019 PSA 048 008 قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ. 019 PSA 048 009 بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق. 019 PSA 048 010 نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان. 019 PSA 048 011 سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي! 019 PSA 048 012 زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛ 019 PSA 048 013 كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار. 019 PSA 048 014 چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ! 019 PSA 049 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار! 019 PSA 049 002 مەيلى ئاددىي پۇقرا، يا ئېسىلزادىلەر، يا باي، يا گادايلار بولسۇن، ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار! 019 PSA 049 003 ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ، دىلىم ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدۇ. 019 PSA 049 004 قۇلىقىم ھېكمەتلىك تەمسىلنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ، چىلتار چېلىپ سىرلىق سۆزنى ئېچىپ بېرىمەن. 019 PSA 049 005 ئېغىر كۈنلەردە، مېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئەتراپىمدا بولسىمۇ، مەن نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟ 019 PSA 049 006 ئۇلار بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ، مال-مۈلۈكلىرىنىڭ زورلۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ؛ 019 PSA 049 007 ئىنسان مەڭگۈگە ياشاپ، گۆر-ھاڭنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن، ھېچكىم ئۆز بۇرادەرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدۇ؛ ۋە ياكى خۇداغا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك باھانى بېرەلمەيدۇ؛ (چۈنكى ئۇنىڭ جېنىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر) 019 PSA 049 010 ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ. 019 PSA 049 011 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ. 019 PSA 049 012 بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام-ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ. 019 PSA 049 013 ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛ لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. سېلاھ. 019 PSA 049 014 ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر! 019 PSA 049 015 بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. سېلاھ. 019 PSA 049 016 بىرسى بېيىپ كېتىپ، ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، قورقما؛ 019 PSA 049 017 چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [گۆرگە] چۈشمەيدۇ. 019 PSA 049 018 گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك چاغلىغان بولسىمۇ، (بەرھەق، كىشىلەر روناق تاپقىنىڭدا، ئەلۋەتتە سېنى ھامان ماختايدۇ) 019 PSA 049 019 ئاخىرى بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ. 019 PSA 049 020 ئىنسان ئىززەت-ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا، ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس. 019 PSA 050 001 ئاساف يازغان كۈي: ــ قادىر خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار ئېغىز ئېچىپ، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى. 019 PSA 050 002 گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، خۇدا جۇلالىدى. 019 PSA 050 003 خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ. 019 PSA 050 004 ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى، يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ 019 PSA 050 005 «مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى، يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!» 019 PSA 050 006 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! سېلاھ. 019 PSA 050 007 «ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛ ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. 019 PSA 050 008 ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛ 019 PSA 050 009 مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن. 019 PSA 050 010 چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛ 019 PSA 050 011 تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار-قاناتلارنى بىلىمەن، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر. 019 PSA 050 012 قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛ چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر. 019 PSA 050 013 ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟ تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟ 019 PSA 050 014 قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. 019 PSA 050 015 بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن». 019 PSA 050 016 لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ 019 PSA 050 017 سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟ 019 PSA 050 018 ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ، زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛ 019 PSA 050 019 ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛ تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ. 019 PSA 050 020 ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن، ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن. 019 PSA 050 021 سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن. 019 PSA 050 022 ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. 019 PSA 050 023 بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ. 019 PSA 051 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن! 019 PSA 051 002 مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن. 019 PSA 051 003 چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. 019 PSA 051 004 سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ شۇ ۋەجىدىن، سەن [مېنى ئەيىبلەپ] سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ [مېنى] سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. 019 PSA 051 005 مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم. 019 PSA 051 006 بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. 019 PSA 051 007 مېنى [گۇناھلىرىمدىن] زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. 019 PSA 051 008 ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. 019 PSA 051 009 گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن. 019 PSA 051 010 مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن. 019 PSA 051 011 مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن. 019 PSA 051 012 ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن. 019 PSA 051 013 بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ. 019 PSA 051 014 قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ. 019 PSA 051 015 ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن، ئاغزىم مەدھىيىلىرىڭنى بايان قىلىدۇ. 019 PSA 051 016 چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛ بولمىسا سۇنار ئىدىم؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەنلىك تاپمايسەن. 019 PSA 051 017 خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛ 019 PSA 051 018 شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلغايسەن! 019 PSA 051 019 ئۇ چاغدا سەن ھەققانىيلىقتىن بولغان قۇربانلىقلاردىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن، پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن خۇرسەنلىك تاپىسەن؛ ئۇ چاغدا ئادەملەر قۇربانگاھىڭغا بۇقا-ئۆكۈزلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ. 019 PSA 052 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. 019 PSA 052 002 ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ. 019 PSA 052 003 سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛ 019 PSA 052 004 ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل! 019 PSA 052 005 بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. سېلاھ. 019 PSA 052 006 ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ 019 PSA 052 007 «قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ. 019 PSA 052 008 مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن، مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن. 019 PSA 052 009 مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛ مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر. 019 PSA 053 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر. 019 PSA 053 002 خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ 019 PSA 053 003 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ. 019 PSA 053 004 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. 019 PSA 053 005 قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ، مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛ سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى. 019 PSA 053 006 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ! 019 PSA 054 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. 019 PSA 054 002 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن. 019 PSA 054 003 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. سېلاھ. 019 PSA 054 004 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ. 019 PSA 054 005 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ [ئى خۇدا]، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن. 019 PSA 054 006 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر. 019 PSA 054 007 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم. 019 PSA 055 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن، 019 PSA 055 002 ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ، ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛ 019 PSA 055 003 سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ. 019 PSA 055 004 ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. 019 PSA 055 005 قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى. 019 PSA 055 006 مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم. 019 PSA 055 007 ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ. 019 PSA 055 008 بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». 019 PSA 055 009 ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم. 019 PSA 055 010 ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى. 019 PSA 055 011 ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ. 019 PSA 055 012 ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛ 019 PSA 055 013 لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن! 019 PSA 055 014 خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛ 019 PSA 055 015 مۇشۇنداق [ساتقۇنلارنى] ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. 019 PSA 055 016 لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 055 017 ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ. 019 PSA 055 018 ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ. 019 PSA 055 019 تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! [ئۇ نالەمنى] ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (سېلاھ) چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ. 019 PSA 055 020 [ھېلىقى بۇرادىرىم] ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 019 PSA 055 021 ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر. 019 PSA 055 022 يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ. 019 PSA 055 023 بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛ قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛ بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن. 019 PSA 056 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛ 019 PSA 056 002 مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر! 019 PSA 056 003 مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن. 019 PSA 056 004 مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 019 PSA 056 005 ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ 019 PSA 056 006 ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ. 019 PSA 056 007 [گۇناھ] بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا! 019 PSA 056 008 مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟ 019 PSA 056 009 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر! 019 PSA 056 010 خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! 019 PSA 056 011 خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 019 PSA 056 012 ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. 019 PSA 056 013 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن. 019 PSA 057 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. 019 PSA 057 002 خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ 019 PSA 057 003 ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ سېلاھ؛ خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! 019 PSA 057 004 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! 019 PSA 057 005 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 019 PSA 057 006 ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 019 PSA 057 007 ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! 019 PSA 057 008 ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! 019 PSA 057 009 مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! 019 PSA 057 010 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. 019 PSA 057 011 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 019 PSA 058 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟ 019 PSA 058 002 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛ يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر. 019 PSA 058 003 رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ. 019 PSA 058 004 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛ ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك، 019 PSA 058 005 مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ، ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ. 019 PSA 058 006 ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن! مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! 019 PSA 058 007 ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي! 019 PSA 058 008 قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن! 019 PSA 058 009 قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ. 019 PSA 058 010 ھەققانىي ئادەم [خۇدانىڭ] ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ. 019 PSA 058 011 شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ. 019 PSA 059 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ [كۈي] سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن. 019 PSA 059 002 مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن. 019 PSA 059 003 چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛ 019 PSA 059 004 مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، [ھالىمنى] نەزىرىڭگە ئالغايسەن. 019 PSA 059 005 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، بارلىق ئەل-يۇرتلارنى سوتلاپ-جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. سېلاھ. 019 PSA 059 006 ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە. 019 PSA 059 007 قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار: «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ. 019 PSA 059 008 لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن! 019 PSA 059 009 ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. 019 PSA 059 010 ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. 019 PSA 059 011 بىراق، [ئى خۇدا]، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز! 019 PSA 059 012 ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي! 019 PSA 059 013 غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، خاتىمە بەرگەيسەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! سېلاھ. 019 PSA 059 014 دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ. 019 PSA 059 015 ئىتلاردەك ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يەردە قاترايدۇ؛ قارنى تويمىغۇچە ھۇۋلاپ يۈرمەكتە؛ 019 PSA 059 016 لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن. 019 PSA 059 017 ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر. 019 PSA 060 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ (داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، [ئۇنىڭ سەردارى بولغان] يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان) ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛ بىزنى پارە-پارە قىلىۋەتتىڭ، سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛ ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن! 019 PSA 060 002 سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛ ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛ چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى! 019 PSA 060 003 سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ. 019 PSA 060 004 سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ. (سېلاھ). 019 PSA 060 005 ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، [دۇئايىمنى] ئىجابەت قىلغايسەن. 019 PSA 060 006 خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن. 019 PSA 060 007 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ 019 PSA 060 008 موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!» 019 PSA 060 009 كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ 019 PSA 060 010 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ 019 PSA 060 011 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! 019 PSA 060 012 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! 019 PSA 061 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! 019 PSA 061 002 يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! 019 PSA 061 003 چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. 019 PSA 061 004 مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ. 019 PSA 061 005 چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن. 019 PSA 061 006 پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ. 019 PSA 061 007 ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛ 019 PSA 061 008 شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن! 019 PSA 062 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. 019 PSA 062 002 پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. 019 PSA 062 003 سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى، ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟ 019 PSA 062 004 ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ. 019 PSA 062 005 ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. 019 PSA 062 006 پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. 019 PSA 062 007 نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. 019 PSA 062 008 ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ. 019 PSA 062 009 ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر. 019 PSA 062 010 زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛ 019 PSA 062 011 خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر». 019 PSA 062 012 ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن. 019 PSA 063 001 داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ 019 PSA 063 002 مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم! 019 PSA 063 003 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 019 PSA 063 004 شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. 019 PSA 063 005 جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛ 019 PSA 063 006 ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. 019 PSA 063 007 چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. 019 PSA 063 008 مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە. 019 PSA 063 009 بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 019 PSA 063 010 ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ. 019 PSA 063 011 لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ. 019 PSA 064 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن! ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن! 019 PSA 064 002 قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن، يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن. 019 PSA 064 003 ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ. 019 PSA 064 005 ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە. 019 PSA 064 006 ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە [بىلىپ بولماس] بىر نەرسىدۇر! 019 PSA 064 007 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ. 019 PSA 064 008 ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ. 019 PSA 064 009 ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ. 019 PSA 064 010 ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ. 019 PSA 065 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 019 PSA 065 002 ئى، دۇئا ئاڭلىغۇچى، سېنىڭ ئالدىڭغا بارلىق ئەت ئىگىلىرى كېلىدۇ. 019 PSA 065 003 گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىز، [كەلكۈن باسقاندەك] مەندىن غالىپ كېلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇلارنى يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن؛ 019 PSA 065 004 سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛ 019 PSA 065 005 سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى! 019 PSA 065 006 بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛ 019 PSA 065 007 دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن! 019 PSA 065 008 جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛ 019 PSA 065 009 يەر يۈزىنىڭ [غېمىنى يەپ] يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن. 019 PSA 065 010 تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، قىرلىرىنى تاراشلايسەن، تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن. 019 PSA 065 011 سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛ 019 PSA 065 012 دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛ 019 PSA 065 013 كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ! 019 PSA 066 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار! 019 PSA 066 002 ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار! 019 PSA 066 003 خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ 019 PSA 066 004 بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! سېلاھ! 019 PSA 066 005 كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر. 019 PSA 066 006 ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ [ئەجدادلىرىمىز] دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق. 019 PSA 066 007 ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! سېلاھ! 019 PSA 066 008 ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار! 019 PSA 066 009 ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ. 019 PSA 066 010 چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ. 019 PSA 066 011 سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ. 019 PSA 066 012 خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ. 019 PSA 066 013 مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛ 019 PSA 066 014 بەرھەق، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە لەۋلىرىم چىقارغان، ئېغىزىم ئېيتقان ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 019 PSA 066 015 مەن ساڭا بورداق ماللارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن، قوچقارلارنىڭ يېغىنى خۇش پۇرىتىپ كۆيدۈرىمەن؛ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەرنى ئەكىلىپ سۇنىمەن. سېلاھ! 019 PSA 066 016 خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛ 019 PSA 066 017 ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى. 019 PSA 066 018 كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى. 019 PSA 066 019 بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى. 019 PSA 066 020 خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى! 019 PSA 067 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ! 019 PSA 067 002 شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ. 019 PSA 067 003 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! 019 PSA 067 004 جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ سېلاھ. 019 PSA 067 005 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! 019 PSA 067 006 ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ 019 PSA 067 007 خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ! 019 PSA 068 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! 019 PSA 068 002 ئىس-تۈتەك ئۇچۇرۇلغاندەك، ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ يوقىتىسەن، موم ئوتتا ئېرىتىلگەندەك، رەزىللەر خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ. 019 PSA 068 003 بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. 019 PSA 068 004 خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. 019 PSA 068 005 يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. 019 PSA 068 006 خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ. 019 PSA 068 007 ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ 019 PSA 068 008 خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى. 019 PSA 068 009 سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ [بولغان زېمىن-خەلق] ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ. 019 PSA 068 010 سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا! 019 PSA 068 011 رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر! 019 PSA 068 012 «پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ [دېيىشتى]؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛ 019 PSA 068 013 سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛ 019 PSA 068 014 ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. 019 PSA 068 015 باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛ 019 PSA 068 016 ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ! 019 PSA 068 017 خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ. 019 PSA 068 018 سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار [ئارىسىدا تۇرۇشى] ئۈچۈنمۇ، سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ. 019 PSA 068 019 رەب مەدھىيىلەنسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە؛ يەنى نىجاتلىقىمىز بولغان تەڭرى! سېلاھ. 019 PSA 068 020 بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر. 019 PSA 068 021 بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ. 019 PSA 068 022 رەب مۇنداق دېدى: «[ئۆز خەلقىمنى] باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ 019 PSA 068 023 شۇنداق قىلىپ [سەن خەلقىم]نىڭ پۇتى قانغا، يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى [يالايدۇ]». 019 PSA 068 024 ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛ 019 PSA 068 025 ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى: 019 PSA 068 026 «جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ــ دېيىشتى. 019 PSA 068 027 ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار. 019 PSA 068 028 سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا! 019 PSA 068 029 يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ 019 PSA 068 030 ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى [يىرتقۇچ] جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن! 019 PSA 068 031 مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ. 019 PSA 068 032 ئى يەر يۈزىدىكى ئەل-يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! (سېلاھ) 019 PSA 068 033 ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر! 019 PSA 068 034 خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛ 019 PSA 068 035 ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! خەلققە كۈچ-قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! 019 PSA 069 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنى قۇتقۇزغايسەن، ئى خۇدا! سۇلار جېنىمدىن ئۆتتى؛ 019 PSA 069 002 تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتتىم، كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى. 019 PSA 069 003 پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛ 019 PSA 069 004 سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن. 019 PSA 069 005 ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر. 019 PSA 069 006 مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭگە ئۇمىد باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي؛ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي؛ 019 PSA 069 007 چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛ شەرمەندىلىك يۈزۈمگە چاپلاندى. 019 PSA 069 008 مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات، ئانامنىڭ بالىلىرىغا ياقا يۇرتلۇق بولدۇم. 019 PSA 069 009 چۈنكى مېنى [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛ ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى؛ 019 PSA 069 010 مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى. 019 PSA 069 011 مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالدىم. 019 PSA 069 012 شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىنىڭ تېمىسى بولدۇم. 019 PSA 069 013 بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنىڭ زورلۇقىدىن، نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ 019 PSA 069 014 مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ 019 PSA 069 015 كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ [تېگى] يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن! 019 PSA 069 016 دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛ 019 PSA 069 017 جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. 019 PSA 069 018 جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛ 019 PSA 069 019 ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر. 019 PSA 069 020 ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. 019 PSA 069 021 بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۈيى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى. 019 PSA 069 022 ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي. 019 PSA 069 023 كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ بەل-پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛ 019 PSA 069 024 قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛ 019 PSA 069 025 ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛ 019 PSA 069 026 چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا. 019 PSA 069 027 ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۈرمىگەيسەن. 019 PSA 069 028 ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛ ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىگەي. 019 PSA 069 029 بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛ 019 PSA 069 030 مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ 019 PSA 069 031 بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ مۈڭگۈز-تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر. 019 PSA 069 032 ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ. 019 PSA 069 033 چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛ 019 PSA 069 034 ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! دېڭىز-ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي! 019 PSA 069 035 چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ. 019 PSA 069 036 ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ. 019 PSA 070 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 019 PSA 070 002 مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 019 PSA 070 003 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي! 019 PSA 070 004 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي. 019 PSA 070 005 بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن! 019 PSA 071 001 سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن. 019 PSA 071 002 ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن! 019 PSA 071 003 ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن. 019 PSA 071 004 خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛ 019 PSA 071 005 چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛ 019 PSA 071 006 بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر. 019 PSA 071 007 مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن. 019 PSA 071 008 ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛ 019 PSA 071 009 ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن. 019 PSA 071 010 چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ 019 PSA 071 011 «خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ. 019 PSA 071 012 ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! 019 PSA 071 013 جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛ 019 PSA 071 014 بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن. 019 PSA 071 015 ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. 019 PSA 071 016 مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ پەقەت سېنىڭكىنىلا! 019 PSA 071 017 ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن. 019 PSA 071 018 ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]! 019 PSA 071 019 ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! 019 PSA 071 020 سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ 019 PSA 071 021 سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. 019 PSA 071 022 مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى! 019 PSA 071 023 ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛ 019 PSA 071 024 تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ. 019 PSA 072 001 سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. 019 PSA 072 002 شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 019 PSA 072 003 تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. 019 PSA 072 004 پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ. 019 PSA 072 005 شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ. 019 PSA 072 006 ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ. 019 PSA 072 007 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ. 019 PSA 072 008 ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 019 PSA 072 009 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ. 019 PSA 072 010 تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. 019 PSA 072 011 دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ 019 PSA 072 012 چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ 019 PSA 072 013 ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ 019 PSA 072 014 ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر. 019 PSA 072 015 [پادىشاھ] ياشىسۇن! شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛ 019 PSA 072 016 يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [مىغ-مىغ] چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛ 019 PSA 072 017 ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ. 019 PSA 072 018 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر! 019 PSA 072 019 ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن! 019 PSA 072 020 يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. 019 PSA 073 001 ئاساف يازغان كۈي: ــ دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛ 019 PSA 073 002 لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛ 019 PSA 073 003 چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛ 019 PSA 073 004 چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ. 019 PSA 073 005 ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ. 019 PSA 073 006 شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. 019 PSA 073 007 ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 019 PSA 073 008 باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ. 019 PSA 073 009 ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ. 019 PSA 073 010 شۇڭا [خۇدانىڭ] خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ 019 PSA 073 011 «تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ. 019 PSA 073 012 مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ. 019 PSA 073 013 «ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛ 019 PSA 073 014 بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە [ۋىجداننىڭ] ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». 019 PSA 073 015 بىراق مەن: ــ «بۇنداق [دېسەم]، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم. 019 PSA 073 016 ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى. 019 PSA 073 017 تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا [يامانلارنىڭ] ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم. 019 PSA 073 018 دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن. 019 PSA 073 019 ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ! 019 PSA 073 020 سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن. 019 PSA 073 021 يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا، 019 PSA 073 022 ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. 019 PSA 073 023 ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ 019 PSA 073 024 ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. 019 PSA 073 025 ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. 019 PSA 073 026 ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! 019 PSA 073 027 چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن. 019 PSA 073 028 بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم. 019 PSA 074 001 ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟ 019 PSA 074 002 ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى، يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن! 019 PSA 074 003 قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە [قارىغايسەن]؛ 019 PSA 074 004 رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛ مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. 019 PSA 074 005 ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك، 019 PSA 074 006 ئۇلار ھازىر [مۇقەددەس جايىڭدىكى] نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛ 019 PSA 074 007 ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى. 019 PSA 074 008 ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 019 PSA 074 009 بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر. 019 PSA 074 010 قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟ دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟ 019 PSA 074 011 سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟ قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن! 019 PSA 074 012 بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر. 019 PSA 074 013 سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ، سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ. 019 PSA 074 014 دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ. 019 PSA 074 015 يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ. 019 PSA 074 016 كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ. 019 PSA 074 017 يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ. 019 PSA 074 018 شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى. 019 PSA 074 019 پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن. 019 PSA 074 020 ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى. 019 PSA 074 021 ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي. 019 PSA 074 022 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. 019 PSA 074 023 دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە. 019 PSA 075 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. 019 PSA 075 002 [مەنكى پەرۋەردىگار]: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛ 019 PSA 075 003 يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. سېلاھ. 019 PSA 075 004 ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ 019 PSA 075 005 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!» 019 PSA 075 006 چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ 019 PSA 075 007 چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ. 019 PSA 075 008 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛ 019 PSA 075 009 مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. 019 PSA 075 010 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». 019 PSA 076 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. 019 PSA 076 002 ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار. 019 PSA 076 003 ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ. 019 PSA 076 004 ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن! 019 PSA 076 005 باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى. 019 PSA 076 006 سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى. 019 PSA 076 007 سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟ 019 PSA 076 008 يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ. 019 PSA 076 010 چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ. 019 PSA 076 011 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛ 019 PSA 076 012 ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر. 019 PSA 077 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. 019 PSA 077 002 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. 019 PSA 077 003 مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ. 019 PSA 077 004 سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم. 019 PSA 077 005 مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛ 019 PSA 077 006 كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ [دېدىم]؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ 019 PSA 077 007 ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ 019 PSA 077 008 ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ 019 PSA 077 009 تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ. 019 PSA 077 010 ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ [ئېتىقادىمنىڭ] ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن. 019 PSA 077 012 سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ 019 PSA 077 013 ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ 019 PSA 077 014 مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. 019 PSA 077 015 ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. 019 PSA 077 016 سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. 019 PSA 077 017 قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى. 019 PSA 077 018 گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. 019 PSA 077 019 سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ. 019 PSA 077 020 سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ». 019 PSA 078 001 ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. 019 PSA 078 002 مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن. 019 PSA 078 003 بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن. 019 PSA 078 004 بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز. 019 PSA 078 005 چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛ 019 PSA 078 006 شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛ 019 PSA 078 007 پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛ 019 PSA 078 008 ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق [بۇيرۇغاندۇر]. 019 PSA 078 009 مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى. 019 PSA 078 010 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى. 019 PSA 078 011 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى. 019 PSA 078 012 ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛ 019 PSA 078 013 ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەن؛ سۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ تىكلىدى. 019 PSA 078 014 ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. 019 PSA 078 015 چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتتى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛ 019 PSA 078 016 ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى. 019 PSA 078 017 بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى. 019 PSA 078 018 ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى. 019 PSA 078 019 ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟ 019 PSA 078 020 مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى. 019 PSA 078 021 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ 019 PSA 078 022 چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى، 019 PSA 078 023 ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛ 019 PSA 078 024 ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ 019 PSA 078 025 شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى. 019 PSA 078 026 ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ 019 PSA 078 027 ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى. 019 PSA 078 028 ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى. 019 PSA 078 029 ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى [خۇدا] ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى. 019 PSA 078 030 لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا، 019 PSA 078 031 خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارىتا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرىنى قىرىۋەتتى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋەتتى. 019 PSA 078 032 مانا، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا داۋاملىق گۇناھ قىلىۋەردى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە تېخىچىلا ئىشەنمىدى؛ 019 PSA 078 033 شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بىھۇدىلىكتە، يىللىرىنى دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە تۈگەتكۈزدى. 019 PSA 078 034 ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛ 019 PSA 078 035 ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇلتېشى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. 019 PSA 078 036 بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛ 019 PSA 078 037 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى. 019 PSA 078 038 بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى. 019 PSA 078 039 ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى. 019 PSA 078 040 ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى! 019 PSA 078 041 بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى. 019 PSA 078 042 ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى [ئەسلىمىدى]؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى. 019 PSA 078 044 ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛ 019 PSA 078 045 ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛ 019 PSA 078 046 ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛ 019 PSA 078 047 ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى. 019 PSA 078 048 ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا [كۆيدۈرىۋەتتى]. 019 PSA 078 049 ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى. 019 PSA 078 050 ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ 019 PSA 078 051 ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. 019 PSA 078 052 ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛ 019 PSA 078 053 ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى. 019 PSA 078 054 ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى. 019 PSA 078 055 ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى. 019 PSA 078 056 بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛ 019 PSA 078 057 بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى. 019 PSA 078 058 ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. 019 PSA 078 059 خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى. 019 PSA 078 060 ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى، 019 PSA 078 061 ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ 019 PSA 078 062 ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. 019 PSA 078 063 ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى. 019 PSA 078 064 ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى. 019 PSA 078 065 ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى. 019 PSA 078 066 ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. 019 PSA 078 067 يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛ 019 PSA 078 068 بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى. 019 PSA 078 069 [شۇ يەردە] مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛ 019 PSA 078 070 ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ 019 PSA 078 071 قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى. 019 PSA 078 072 داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. 019 PSA 079 001 ئاساف يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. 019 PSA 079 002 ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى. 019 PSA 079 003 ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى. 019 PSA 079 004 قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. 019 PSA 079 005 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ 019 PSA 079 006 قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! 019 PSA 079 007 چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. 019 PSA 079 008 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. 019 PSA 079 009 ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛ 019 PSA 079 010 ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن. 019 PSA 079 011 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن. 019 PSA 079 012 ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛ 019 PSA 079 013 شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز. 019 PSA 080 001 «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن! 019 PSA 080 002 ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن! 019 PSA 080 003 ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! 019 PSA 080 004 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟ 019 PSA 080 005 سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ. 019 PSA 080 006 بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. 019 PSA 080 007 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! 019 PSA 080 008 سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ. 019 PSA 080 009 ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى. 019 PSA 080 010 ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛ 019 PSA 080 011 ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، پىلەكلىرىنى [ئەفرات] دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى. 019 PSA 080 012 سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟ 019 PSA 080 013 مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ. 019 PSA 080 014 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن! 019 PSA 080 015 يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن! 019 PSA 080 016 مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛ 019 PSA 080 017 قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛ 019 PSA 080 018 شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز. 019 PSA 080 019 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! 019 PSA 081 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! 019 PSA 081 002 ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! 019 PSA 081 003 يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! 019 PSA 081 004 چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. 019 PSA 081 005 ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛ 019 PSA 081 006 ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ 019 PSA 081 007 قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». سېلاھ. 019 PSA 081 008 ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! 019 PSA 081 009 ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! 019 PSA 081 010 سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. 019 PSA 081 011 ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ 019 PSA 081 012 شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. 019 PSA 081 013 ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! 019 PSA 081 014 ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. 019 PSA 081 015 پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ 019 PSA 081 016 ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم». 019 PSA 082 001 ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 019 PSA 082 002 ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ. 019 PSA 082 003 گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ 019 PSA 082 004 مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! 019 PSA 082 005 ئۇلار بۇلارنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي زۇلمەتتە كېزىپ يۈرمەكتە، شۇڭا يەرنىڭ ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە. 019 PSA 082 006 مەن ئېيتتىم: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ 019 PSA 082 007 شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». 019 PSA 082 008 ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن! 019 PSA 083 001 ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! 019 PSA 083 002 چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. 019 PSA 083 003 ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. 019 PSA 083 004 ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە. 019 PSA 083 005 ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. 019 PSA 083 006 مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ 019 PSA 083 007 گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، 019 PSA 083 008 ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ. 019 PSA 083 009 سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ 019 PSA 083 010 بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. 019 PSA 083 011 ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ 019 PSA 083 012 چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان. 019 PSA 083 013 ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. 019 PSA 083 014 ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، 019 PSA 083 015 سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ 019 PSA 083 016 ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! 019 PSA 083 017 ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن. 019 PSA 083 018 ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن. 019 PSA 084 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! 019 PSA 084 002 جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ 019 PSA 084 003 مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! 019 PSA 084 004 سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ. 019 PSA 084 005 كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ 019 PSA 084 006 يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ. 019 PSA 084 007 ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ. 019 PSA 084 008 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ. 019 PSA 084 009 قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن! 019 PSA 084 010 چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. 019 PSA 084 011 پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ 019 PSA 084 012 ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان! 019 PSA 085 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. 019 PSA 085 002 خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. 019 PSA 085 003 سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. 019 PSA 085 004 ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 019 PSA 085 005 سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ 019 PSA 085 006 خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 019 PSA 085 007 بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! 019 PSA 085 008 تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن! 019 PSA 085 009 زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ 019 PSA 085 010 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ 019 PSA 085 011 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. 019 PSA 085 012 پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛ 019 PSA 085 013 ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! 019 PSA 086 001 داۋۇتنىڭ دۇئاسى: قۇلىقىڭنى مەن تەرەپكە تۇتقىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. 019 PSA 086 002 جېنىمنى ساقلىغايسەن، چۈنكى مەن ساڭا مۆمىندۇرمەن؛ ئى سەن خۇدايىم، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ 019 PSA 086 003 ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن. 019 PSA 086 004 قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 019 PSA 086 005 چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! 019 PSA 086 006 مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ 019 PSA 086 007 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن. 019 PSA 086 008 ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. 019 PSA 086 009 سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. 019 PSA 086 010 چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا. 019 PSA 086 011 ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. 019 PSA 086 012 يا رەببىم خۇدا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئەبەدىلئەبەد نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن. 019 PSA 086 013 چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ 019 PSA 086 014 ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ! 019 PSA 086 015 ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ. 019 PSA 086 016 مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! 019 PSA 086 017 ماڭا ئۆچمەنلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشى ئۈچۈن، ئىلتىپاتىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ماڭا كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلگەنسەن. 019 PSA 087 001 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. 019 PSA 087 002 پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛ 019 PSA 087 003 سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ. 019 PSA 087 004 «مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن. 019 PSA 087 005 بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ: ــ «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». 019 PSA 087 006 خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ. 019 PSA 087 007 ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» 019 PSA 088 001 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. 019 PSA 088 002 دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ 019 PSA 088 003 چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، 019 PSA 088 004 ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم. 019 PSA 088 005 ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان. 019 PSA 088 006 سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ. 019 PSA 088 007 قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ. 019 PSA 088 008 مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن. 019 PSA 088 009 كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم. 019 PSA 088 010 ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟ مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟ 019 PSA 088 011 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟ ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟ 019 PSA 088 012 كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟ ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟ 019 PSA 088 013 بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ. 019 PSA 088 014 ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟ 019 PSA 088 015 ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى. 019 PSA 088 016 قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى. 019 PSA 088 017 ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، تامامەن مېنى چۆمدۈردى. 019 PSA 088 018 جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر! 019 PSA 089 001 ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ئاغزىمدا دەۋردىن-دەۋرگىچە ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئايان قىلىمەن. 019 PSA 089 002 چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛ 019 PSA 089 003 سەن دېدىڭكى: ــ «مەن تاللىۋالغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنمەن؛ قۇلۇم داۋۇتقا قەسەم قىلدىم: ــ 019 PSA 089 004 سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». سېلاھ. 019 PSA 089 005 ھەم ئاسمانلارمۇ سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭنى تەبرىكلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 019 PSA 089 006 چۈنكى ئاسمانلاردا پەرۋەردىگارنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟ 019 PSA 089 007 تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر. 019 PSA 089 008 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، قۇدرەتلىك ياھ، ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر. 019 PSA 089 009 دېڭىزنىڭ مەغرۇرلۇقى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىسەن، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەندە، سەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرىسەن؛ 019 PSA 089 010 راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن، كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىپ تارقىتىۋەتتىڭ. 019 PSA 089 011 ئاسمانلار سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر، جاھان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممىنى بەرپا قىلدىڭ. 019 PSA 089 012 شىمال ۋە جەنۇبنى، ئۇلارنى ياراتقانسەن، تابور ۋە ھەرمون چوققىلىرى نامىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەر. 019 PSA 089 013 قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر. 019 PSA 089 014 تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. 019 PSA 089 015 تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار! 019 PSA 089 016 ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى. 019 PSA 089 017 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ. 019 PSA 089 018 چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر. 019 PSA 089 019 سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛ 019 PSA 089 020 قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىم بىلەن مەن ئۇنى مەسىھ قىلىپ تىكلىدىم. 019 PSA 089 021 قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. 019 PSA 089 022 دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان-سېلىق ئالمايدۇ، پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛ 019 PSA 089 023 بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ 019 PSA 089 024 ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىم ھەم مېھىر-مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ. 019 PSA 089 025 مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن. 019 PSA 089 026 ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!». 019 PSA 089 027 مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن. 019 PSA 089 028 مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛ 019 PSA 089 029 مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن. 019 PSA 089 030 مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە، 019 PSA 089 031 بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا، 019 PSA 089 032 ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن. 019 PSA 089 033 لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛ 019 PSA 089 034 مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن. 019 PSA 089 035 مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ 019 PSA 089 036 «ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛ 019 PSA 089 037 ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ. 019 PSA 089 038 بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ. 019 PSA 089 039 قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ. 019 PSA 089 040 ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ. 019 PSA 089 041 يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى. 019 PSA 089 042 ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ. 019 PSA 089 043 بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ. 019 PSA 089 044 ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن. 019 PSA 089 045 ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. سېلاھ. 019 PSA 089 046 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟ 019 PSA 089 047 ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟ 019 PSA 089 048 قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ. 019 PSA 089 049 سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، ئاۋۋالقى مېھىر-مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟ 019 PSA 089 050 قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ 019 PSA 089 051 دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغاننىڭ قەدەملىرىنى قانچىلىك مەسخىرىلىگىنىنى، ئى پەرۋەردىگار، ياد ئەتكەيسەن! 019 PSA 089 052 پەرۋەردىگارغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ئامىن! ئامىن! 019 PSA 090 001 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: ــ يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛ 019 PSA 090 002 تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن. 019 PSA 090 003 سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن. 019 PSA 090 004 مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس. 019 PSA 090 005 سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ 019 PSA 090 006 ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر. 019 PSA 090 007 چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز. 019 PSA 090 008 سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ. 019 PSA 090 009 بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز. 019 PSA 090 010 ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق. 019 PSA 090 011 ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟ 019 PSA 090 012 شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن! 019 PSA 090 013 يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن! 019 PSA 090 014 بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز. 019 PSA 090 015 سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن! 019 PSA 090 016 ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي! 019 PSA 090 017 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شېرىن مەرھەمىتى ئۈستىمىزدە بولغاي، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغايسەن، بەرھەق، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن! 019 PSA 091 001 ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ. 019 PSA 091 002 مەن پەرۋەردىگارنى: ــ «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن. 019 PSA 091 003 بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. 019 PSA 091 004 ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. 019 PSA 091 005 سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، 019 PSA 091 006 نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. 019 PSA 091 007 سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ. 019 PSA 091 008 سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن. 019 PSA 091 009 پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، 019 PSA 091 010 بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ. 019 PSA 091 011 ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. 019 PSA 091 012 ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. 019 PSA 091 013 شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. 019 PSA 091 014 «ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن. 019 PSA 091 015 ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن. 019 PSA 091 016 ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن». 019 PSA 092 001 شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! 019 PSA 092 002 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش، 019 PSA 092 003 ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر! 019 PSA 092 004 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن. 019 PSA 092 005 پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر! 019 PSA 092 006 بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس، 019 PSA 092 007 رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر! 019 PSA 092 008 لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن. 019 PSA 092 009 چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ! 019 PSA 092 010 مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ. 019 PSA 092 011 مېنى قەست قىلغانلارنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ [تەن بەرگەنلىكىنىمۇ] قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. 019 PSA 092 012 ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ. 019 PSA 092 013 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛ 019 PSA 092 014 ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ، سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛ 019 PSA 092 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛ ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر! 019 PSA 093 001 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ پەرۋەردىگار كىيىنگەن، ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. 019 PSA 093 002 سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن! 019 PSA 093 003 كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى! 019 PSA 093 004 كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! 019 PSA 093 005 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر. 019 PSA 094 001 ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن! 019 PSA 094 002 كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن! 019 PSA 094 003 قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟ 019 PSA 094 004 قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟ 019 PSA 094 005 ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر-جاپا سالماقتا. 019 PSA 094 006 تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ 019 PSA 094 007 «ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ. 019 PSA 094 008 سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟ 019 PSA 094 009 قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟ 019 PSA 094 010 ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ 019 PSA 094 011 پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. 019 PSA 094 012 سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر! 019 PSA 094 013 شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن. 019 PSA 094 014 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. 019 PSA 094 015 چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ. 019 PSA 094 016 مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟ 019 PSA 094 017 ئەگەر پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولمىغان بولسا، جېنىم بالدۇر چىقىپ سۈكۈت دىيارىدا ياتار ئىدى. 019 PSA 094 018 ئايىغىم پۇتلىشاي دېگىنىدە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مېنى يۆلىدى. 019 PSA 094 019 ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى. 019 PSA 094 020 ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟ 019 PSA 094 021 ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا. 019 PSA 094 022 بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر. 019 PSA 094 023 ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار. 019 PSA 095 001 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى، نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى! 019 PSA 095 002 تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى! 019 PSA 095 003 چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. 019 PSA 095 004 يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر. 019 PSA 095 005 دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى. 019 PSA 095 006 كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! 019 PSA 095 007 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، 019 PSA 095 008 ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! 019 PSA 095 009 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. 019 PSA 095 010 مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. 019 PSA 095 011 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم. 019 PSA 096 001 پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار! 019 PSA 096 002 پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! 019 PSA 096 003 ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار! 019 PSA 096 004 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ 019 PSA 096 005 چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. 019 PSA 096 006 شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ. 019 PSA 096 007 پەرۋەردىگارغا [تەئەللۇقىنى] بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! 019 PSA 096 008 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار! 019 PSA 096 009 پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! 019 PSA 096 010 ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. 019 PSA 096 011 ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! 019 PSA 096 012 دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. 019 PSA 097 001 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! 019 PSA 097 002 بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛ 019 PSA 097 003 ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛ 019 PSA 097 004 ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ 019 PSA 097 005 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ. 019 PSA 097 006 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. 019 PSA 097 007 ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! 019 PSA 097 008 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى. 019 PSA 097 009 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن! 019 PSA 097 010 پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. 019 PSA 097 011 ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛ 019 PSA 097 012 پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار! 019 PSA 098 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى. 019 PSA 098 002 پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى. 019 PSA 098 003 ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى. 019 PSA 098 004 پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار! 019 PSA 098 005 پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن! 019 PSA 098 006 كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛ 019 PSA 098 007 دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن! 019 PSA 098 008 كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛ 019 PSA 098 009 چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. 019 PSA 099 001 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! 019 PSA 099 002 پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. 019 PSA 099 003 ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! 019 PSA 099 004 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. 019 PSA 099 005 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ ئۇ مۇقەددەستۇر! 019 PSA 099 006 ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. 019 PSA 099 007 خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. 019 PSA 099 008 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. 019 PSA 099 009 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر! 019 PSA 100 001 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! 019 PSA 100 002 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! 019 PSA 100 003 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. 019 PSA 100 004 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 019 PSA 100 005 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر! 019 PSA 101 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. 019 PSA 101 002 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. 019 PSA 101 003 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. 019 PSA 101 004 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. 019 PSA 101 005 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ 019 PSA 101 006 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. 019 PSA 101 007 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. 019 PSA 101 008 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن. 019 PSA 102 001 ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: ــ دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن! 019 PSA 102 002 يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن! 019 PSA 102 003 مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى! 019 PSA 102 004 يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم. 019 PSA 102 005 مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن، ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى. 019 PSA 102 006 چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك، ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن. 019 PSA 102 007 ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛ ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن. 019 PSA 102 008 دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. 019 PSA 102 009 قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن، كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن، ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ. 019 PSA 102 011 كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم. 019 PSA 102 012 لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. 019 PSA 102 013 سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى! 019 PSA 102 014 چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ، ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ 019 PSA 102 015 ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، يەر يۈزىدىكى شاھلار شان-شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ. 019 PSA 102 016 مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا، ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ! 019 PSA 102 017 ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ. 019 PSA 102 018 بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛ 019 PSA 102 019 چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ، ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى، ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛ 019 PSA 102 021 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە، يەنى ئەل-مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا، ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ! 019 PSA 102 023 بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، كۈنلىرىمنى قىسقارتتى. 019 PSA 102 024 مەن: «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم. ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر، 019 PSA 102 025 سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ 019 PSA 102 026 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. 019 PSA 102 027 بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر. 019 PSA 102 028 قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!». 019 PSA 103 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر! 019 PSA 103 002 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛ 019 PSA 103 003 ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛ 019 PSA 103 004 ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ. 019 PSA 103 005 كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ. 019 PSA 103 006 پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛ 019 PSA 103 007 ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان. 019 PSA 103 008 پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ. 019 PSA 103 009 ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ. 019 PSA 103 010 ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس. 019 PSA 103 011 ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. 019 PSA 103 012 شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى. 019 PSA 103 013 ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر. 019 PSA 103 014 چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ. 019 PSA 103 015 ئىنسان بولسا ــ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛ 019 PSA 103 016 ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. 019 PSA 103 017 لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. 019 PSA 103 019 پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ 019 PSA 103 020 ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 019 PSA 103 021 ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 019 PSA 103 022 ئى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىغانلىرى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق جايلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئى مېنىڭ جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر! 019 PSA 104 001 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ 019 PSA 104 002 لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن. 019 PSA 104 003 ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛ 019 PSA 104 004 ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ. 019 PSA 104 005 يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ. 019 PSA 104 006 لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى. 019 PSA 104 007 سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛ 019 PSA 104 008 تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، [سۇلار] سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى. 019 PSA 104 009 ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن. 019 PSA 104 010 [تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ. 019 PSA 104 011 دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. 019 PSA 104 012 كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ. 019 PSA 104 013 ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ! 019 PSA 104 014 ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛ 019 PSA 104 015 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ 019 PSA 104 016 پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى [سۇ ئىچىپ] قانائەتلىنىدۇ. 019 PSA 104 017 ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ. 019 PSA 104 018 ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ. 019 PSA 104 019 پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ. 019 PSA 104 020 سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ. 019 PSA 104 021 ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛ 019 PSA 104 022 قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ. 019 PSA 104 023 ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ. 019 PSA 104 024 ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى. 019 PSA 104 025 ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار. 019 PSA 104 026 شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛ 019 PSA 104 027 ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ. 019 PSA 104 028 ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ. 019 PSA 104 029 يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. 019 PSA 104 030 روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى [بىر دەۋر بىلەن] ئالمىشىدۇ. 019 PSA 104 031 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 019 PSA 104 032 ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ. 019 PSA 104 033 ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن. 019 PSA 104 034 ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن! 019 PSA 104 035 گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا! 019 PSA 105 001 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! 019 PSA 105 002 ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. 019 PSA 105 003 مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! 019 PSA 105 004 پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. 019 PSA 105 005 ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، 019 PSA 105 006 ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! 019 PSA 105 007 ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. 019 PSA 105 008 ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ 019 PSA 105 009 يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. 019 PSA 105 010 ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ 019 PSA 105 011 «ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى، 019 PSA 105 012 ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ. 019 PSA 105 013 ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛ 019 PSA 105 014 ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ 019 PSA 105 015 مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى. 019 PSA 105 016 ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى. 019 PSA 105 017 ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى. 019 PSA 105 018 ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛ 019 PSA 105 019 شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛ 019 PSA 105 020 پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى. 019 PSA 105 021 ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، پۈتۈن مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، 019 PSA 105 022 ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى. 019 PSA 105 023 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى. 019 PSA 105 024 [پەرۋەردىگار] ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى. 019 PSA 105 025 ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى. 019 PSA 105 026 ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى. 019 PSA 105 027 ئۇلار [مىسىردا] ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى. 019 PSA 105 028 پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، [زېمىننى] زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ [مىسىرلىقلار] ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟ 019 PSA 105 029 ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى. 019 PSA 105 030 ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ-مىژ پاقىلار باستى، شاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى. 019 PSA 105 031 ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ-غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا غىڭ-غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر. 019 PSA 105 032 ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى. 019 PSA 105 033 ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى. 019 PSA 105 034 ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ، 019 PSA 105 035 زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى. 019 PSA 105 036 [ئاخىردا] زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. 019 PSA 105 037 ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق. 019 PSA 105 038 ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى [مىسىرلىقلارغا] چۈشتى. 019 PSA 105 039 ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى. 019 PSA 105 040 ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى. 019 PSA 105 041 ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى. 019 PSA 105 042 چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى. 019 PSA 105 043 ئۇ خەلقىنى شاد-خۇراملىق بىلەن، ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن [ئازادلىققا] چىقاردى. 019 PSA 105 044 ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى، 019 PSA 105 045 بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! ھەمدۇسانا! 019 PSA 106 001 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. 019 PSA 106 002 پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟ 019 PSA 106 003 بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان، دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى! 019 PSA 106 004 خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن! 019 PSA 106 005 شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي، ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي، ئۆز مىراسىڭ [بولغان خەلقىڭ] بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي! 019 PSA 106 006 بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق. 019 PSA 106 007 مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى. 019 PSA 106 008 بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ، ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. 019 PSA 106 009 ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن، ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛ خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك، ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن [قۇرۇق] ئۆتكۈزدى. 019 PSA 106 010 ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى، ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى. 019 PSA 106 011 ياۋلارنى سۇلار باستى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى. 019 PSA 106 012 شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى. 019 PSA 106 013 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى، نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛ 019 PSA 106 014 بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى، چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى. 019 PSA 106 015 شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى، بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى. 019 PSA 106 016 ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى. 019 PSA 106 017 يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى، ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى. 019 PSA 106 018 ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛ يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى. 019 PSA 106 019 ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى، قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ، 019 PSA 106 020 ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا، ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى. 019 PSA 106 021 مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى. 019 PSA 106 022 دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان، قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى [ئۇنتۇدى]. 019 PSA 106 023 ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى. 019 PSA 106 024 ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛ 019 PSA 106 025 بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى. 019 PSA 106 026 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ 019 PSA 106 027 ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ، ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى. 019 PSA 106 028 ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى. 019 PSA 106 029 ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛ 019 PSA 106 030 فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛ 019 PSA 106 031 بۇ ئىش [فىنىھاسقا] ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى. 019 PSA 106 032 ئۇلار يەنە [پەرۋەردىگارنى] مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛ 019 PSA 106 033 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى. 019 PSA 106 034 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، [شۇ] يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛ 019 PSA 106 035 بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛ 019 PSA 106 036 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى، بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛ 019 PSA 106 037 چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. 019 PSA 106 038 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى. 019 PSA 106 039 ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى. 019 PSA 106 040 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛ 019 PSA 106 041 ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى، ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 019 PSA 106 042 دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى، ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى. 019 PSA 106 043 كۆپ قېتىم [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى. 019 PSA 106 044 شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛ 019 PSA 106 045 ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى، 019 PSA 106 046 ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى. 019 PSA 106 047 بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن! 019 PSA 106 048 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن! ھەمدۇسانا! 019 PSA 107 001 ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى! 019 PSA 107 002 پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ 019 PSA 107 003 يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن، ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن! 019 PSA 107 004 ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن. 019 PSA 107 005 ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، جېنى چىقاي دەپ قالدى. 019 PSA 107 006 ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. 019 PSA 107 007 ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە، ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى. 019 PSA 107 008 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! 019 PSA 107 009 چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى. 019 PSA 107 010 زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا، 019 PSA 107 011 (چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) 019 PSA 107 012 ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى. 019 PSA 107 013 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. 019 PSA 107 014 ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. 019 PSA 107 015 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! 019 PSA 107 016 مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە-پارە قىلىپ، تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى. 019 PSA 107 017 ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛ 019 PSA 107 018 كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. 019 PSA 107 019 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. 019 PSA 107 020 ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 107 021 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! 019 PSA 107 022 قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن! 019 PSA 107 023 كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار، ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار، 019 PSA 107 024 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر، چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر. 019 PSA 107 025 چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ، دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛ 019 PSA 107 026 كېمىچىلەر ئاسمان-پەلەك ئۆرلەيدۇ، سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ، دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ. 019 PSA 107 027 ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ، ھەرقانداق ئەقىل-چارىسى تۈگەيدۇ؛ 019 PSA 107 028 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. 019 PSA 107 029 ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ. 019 PSA 107 030 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ. 019 PSA 107 031 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! 019 PSA 107 032 ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن، ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن. 019 PSA 107 033 ئۇ دەريالارنى چۆلگە، بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. 019 PSA 107 034 ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن، ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ. 019 PSA 107 035 ئۇ يەنە چۆل-باياۋاننى كۆلگە، چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛ 019 PSA 107 036 ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛ 019 PSA 107 037 ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ-تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ بۇلار ھوسۇل-مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ. 019 PSA 107 038 ئۇ [پەرۋەردىگار] ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ. 019 PSA 107 039 ئۇلار يەنە جەبىر-زۇلۇم، بالا-قازا ھەم دەرد-ئەلەمگە يولۇقۇپ، سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ. 019 PSA 107 040 ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ، يولسىز دەشت-سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛ 019 PSA 107 041 لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر-زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ. 019 PSA 107 042 بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ. 019 PSA 107 043 كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن! 019 PSA 108 001 داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن! 019 PSA 108 002 ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! 019 PSA 108 003 خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! 019 PSA 108 004 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. 019 PSA 108 005 ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 019 PSA 108 006 ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن. 019 PSA 108 007 خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن. 019 PSA 108 008 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ 019 PSA 108 009 موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!». 019 PSA 108 010 كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ 019 PSA 108 011 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ 019 PSA 108 012 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! 019 PSA 108 013 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! 019 PSA 109 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما! 019 PSA 109 002 مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى. 019 PSA 109 003 نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە. 019 PSA 109 004 مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم. 019 PSA 109 005 ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى. 019 PSA 109 006 ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرسۇن. 019 PSA 109 007 ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىقسۇن، دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانسۇن. 019 PSA 109 008 كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن. 019 PSA 109 009 بالىلىرى يېتىم قالسۇن، خوتۇنى تۇل بولسۇن. 019 PSA 109 010 ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ. 019 PSA 109 011 جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن. 019 PSA 109 012 ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن. 019 PSA 109 013 ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن. 019 PSA 109 014 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن. 019 PSA 109 015 بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. 019 PSA 109 016 چۈنكى [رەزىل كىشى] مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى. 019 PSA 109 017 ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ. 019 PSA 109 018 ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛ 019 PSA 109 019 بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانسۇن. 019 PSA 109 020 بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولسۇن! مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولسۇن! 019 PSA 109 021 بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 019 PSA 109 022 چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، قەلبىم خەستە بولدى. 019 PSA 109 023 مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم. 019 PSA 109 024 روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ. 019 PSA 109 025 شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە. 019 PSA 109 026 ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 019 PSA 109 027 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. 019 PSA 109 028 ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرسۇن، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالسۇن، بىراق قۇلۇڭ شادلانسۇن! 019 PSA 109 029 مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنسۇن، ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنسۇن. 019 PSA 109 030 ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛ 019 PSA 109 031 چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ. 019 PSA 110 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى. 019 PSA 110 002 پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن! 019 PSA 110 003 كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛ 019 PSA 110 004 پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن». 019 PSA 110 005 ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛ 019 PSA 110 006 ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛ 019 PSA 110 007 ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ. 019 PSA 111 001 ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. 019 PSA 111 002 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. 019 PSA 111 003 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 019 PSA 111 004 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. 019 PSA 111 005 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. 019 PSA 111 006 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. 019 PSA 111 007 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. 019 PSA 111 008 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. 019 PSA 111 009 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. 019 PSA 111 010 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. 019 PSA 112 001 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر! 019 PSA 112 002 ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. 019 PSA 112 003 ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 019 PSA 112 004 قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. 019 PSA 112 005 خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ. 019 PSA 112 006 بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ. 019 PSA 112 007 ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. 019 PSA 112 008 دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. 019 PSA 112 009 ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. 019 PSA 112 010 رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ. 019 PSA 113 001 ھەمدۇسانا! مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! 019 PSA 113 002 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! 019 PSA 113 003 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر! 019 PSA 113 004 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. 019 PSA 113 005 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، 019 PSA 113 006 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ 019 PSA 113 007 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛ 019 PSA 113 008 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ 019 PSA 113 009 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا! 019 PSA 114 001 ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، 019 PSA 114 002 شۇ چاغدا يەھۇدا [خۇدانىڭ] مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، 019 PSA 114 003 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ 019 PSA 114 004 تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. 019 PSA 114 005 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ 019 PSA 114 006 تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ 019 PSA 114 007 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ 019 PSA 114 008 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. 019 PSA 115 001 بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن. 019 PSA 115 002 ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ [مازاق] قىلىشىدۇ؟ 019 PSA 115 003 بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر. 019 PSA 115 004 ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس. 019 PSA 115 005 ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛ 019 PSA 115 006 قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛ 019 PSA 115 007 قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ. 019 PSA 115 008 ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. 019 PSA 115 009 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر. 019 PSA 115 010 ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر. 019 PSA 115 011 پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر. 019 PSA 115 012 پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ 019 PSA 115 013 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ. 019 PSA 115 014 پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛ 019 PSA 115 015 سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن! 019 PSA 115 016 ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر. 019 PSA 115 017 ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛ 019 PSA 115 018 بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز! ھەمدۇسانا! 019 PSA 116 001 مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان. 019 PSA 116 002 چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن. 019 PSA 116 003 ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ 019 PSA 116 004 شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: ــ «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن! 019 PSA 116 005 شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. 019 PSA 116 006 پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى. 019 PSA 116 007 ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ 019 PSA 116 008 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. 019 PSA 116 009 مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛ 019 PSA 116 010 ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن: ــ «مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن». 019 PSA 116 011 جىددىيلەشكىنىمدىن: ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن. 019 PSA 116 012 ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟ 019 PSA 116 013 ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ 019 PSA 116 014 مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن. 019 PSA 116 015 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر! 019 PSA 116 016 ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛ 019 PSA 116 017 مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ 019 PSA 116 018 مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛ 019 PSA 116 019 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم، [قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن]! ھەمدۇسانا! 019 PSA 117 001 پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق ئەللەر؛ ھەممە خەلقلەر، ئۇنى ماختاڭلار! 019 PSA 117 002 چۈنكى بىزگە باغلىغان ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى غەلىبىلىكتۇر؛ ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى مەڭگۈلۈكتۇر! ھەمدۇسانا! 019 PSA 118 001 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! 019 PSA 118 002 ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 019 PSA 118 003 ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 019 PSA 118 004 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 019 PSA 118 005 قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى. 019 PSA 118 006 پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 019 PSA 118 007 پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن. 019 PSA 118 008 پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛ 019 PSA 118 009 پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر. 019 PSA 118 010 بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ 019 PSA 118 011 ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ 019 PSA 118 012 ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. 019 PSA 118 013 سەن [دۈشمەن] مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى. 019 PSA 118 014 كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى! 019 PSA 118 015 ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! 019 PSA 118 016 پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! 019 PSA 118 017 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن. 019 PSA 118 018 پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى. 019 PSA 118 019 ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن. 019 PSA 118 020 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ! 019 PSA 118 021 مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ. 019 PSA 118 022 تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. 019 PSA 118 023 بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى. 019 PSA 118 024 بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز. 019 PSA 118 025 قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن! 019 PSA 118 026 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق. 019 PSA 118 027 پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار. 019 PSA 118 028 سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن. 019 PSA 118 029 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! 019 PSA 119 001 (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر! 019 PSA 119 002 ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر، 019 PSA 119 003 ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ. 019 PSA 119 004 كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن. 019 PSA 119 005 ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي! 019 PSA 119 006 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام، مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. 019 PSA 119 007 سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ، دۇرۇس كۆڭۈلدىن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. 019 PSA 119 008 مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛ مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەيسەن! 019 PSA 119 009 (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا. 019 PSA 119 010 پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛ 019 PSA 119 011 گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم. 019 PSA 119 012 مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆز بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 013 لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن، ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى. 019 PSA 119 014 تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگەشكەن يولدا شادلاندىم. 019 PSA 119 015 مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ ئىزلىرىڭغا قاراپ ئويلىنىمەن. 019 PSA 119 016 بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛ سۆز-كالامىڭنى ئۇنتۇمايمەن. 019 PSA 119 017 (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، كالامىڭغا بويسۇنىمەن. 019 PSA 119 018 تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن! 019 PSA 119 019 مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛ ئەمرلىرىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن. 019 PSA 119 020 ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى. 019 PSA 119 021 سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن، ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ. 019 PSA 119 022 مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. 019 PSA 119 023 ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛ سېنىڭ قۇلۇڭ بولسا بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلايدۇ. 019 PSA 119 024 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم، مېنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمدۇر. 019 PSA 119 025 (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن. 019 PSA 119 026 ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم، سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 027 مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن، ئاندىن مەن كارامەتلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. 019 PSA 119 028 جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن. 019 PSA 119 029 مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛ شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛ 019 PSA 119 030 مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛ ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم. 019 PSA 119 031 ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛ پەرۋەردىگار، مېنى ئۇياتقا قالدۇرمىغايسەن. 019 PSA 119 032 سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن، ئەمرلىرىڭ يولىغا ئەگىشىپ يۈگۈرىمەن. 019 PSA 119 033 (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن. 019 PSA 119 034 مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. 019 PSA 119 035 مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛ چۈنكى ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. 019 PSA 119 036 مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن. 019 PSA 119 037 كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛ 019 PSA 119 038 سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ. 019 PSA 119 039 مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر. 019 PSA 119 040 مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛ 019 PSA 119 041 : (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ 019 PSA 119 042 شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛ چۈنكى سۆزۈڭگە تايىنىمەن. 019 PSA 119 043 ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛ 019 PSA 119 044 شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن، بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛ 019 PSA 119 045 شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛ چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدىدىم. 019 PSA 119 046 شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن، بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. 019 PSA 119 047 ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛ 019 PSA 119 048 مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن، ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. 019 PSA 119 049 (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن. 019 PSA 119 050 ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى. 019 PSA 119 051 تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. 019 PSA 119 052 قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. 019 PSA 119 053 تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى. 019 PSA 119 054 مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا، كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى. 019 PSA 119 055 كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم، تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم. 019 PSA 119 056 مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. 019 PSA 119 057 (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم. 019 PSA 119 058 مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. 019 PSA 119 059 مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم. 019 PSA 119 060 مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا. 019 PSA 119 061 رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم. 019 PSA 119 062 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن. 019 PSA 119 063 مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن. 019 PSA 119 064 جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 065 (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن. 019 PSA 119 066 ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم. 019 PSA 119 067 مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن. 019 PSA 119 068 سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 069 تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن. 019 PSA 119 070 ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛ بىراق مەن بولسام تەۋرات-قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. 019 PSA 119 071 ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم. 019 PSA 119 072 مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر. 019 PSA 119 073 (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن. 019 PSA 119 074 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم. 019 PSA 119 075 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن. 019 PSA 119 076 ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن. 019 PSA 119 077 مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. 019 PSA 119 078 تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. 019 PSA 119 079 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن. 019 PSA 119 080 كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. 019 PSA 119 081 (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. 019 PSA 119 082 كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ. 019 PSA 119 083 چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. 019 PSA 119 084 قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟ 019 PSA 119 085 تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛ 019 PSA 119 086 سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 019 PSA 119 087 ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم. 019 PSA 119 088 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. 019 PSA 119 089 (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر. 019 PSA 119 090 سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 019 PSA 119 091 سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر. 019 PSA 119 092 سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم. 019 PSA 119 093 مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛ 019 PSA 119 094 مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم. 019 PSA 119 095 رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن. 019 PSA 119 096 مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر! 019 PSA 119 097 (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر. 019 PSA 119 098 ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛ 019 PSA 119 099 بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر. 019 PSA 119 100 مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. 019 PSA 119 101 سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم. 019 PSA 119 102 ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. 019 PSA 119 103 سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر! 019 PSA 119 104 كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. 019 PSA 119 105 (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر. 019 PSA 119 106 قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن. 019 PSA 119 107 زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. 019 PSA 119 108 قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 109 جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن. 019 PSA 119 110 رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم. 019 PSA 119 111 ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر. 019 PSA 119 112 مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە [ئەمەل قىلىشقا]، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم. 019 PSA 119 113 (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. 019 PSA 119 114 سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. 019 PSA 119 115 مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار! 019 PSA 119 116 ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن. 019 PSA 119 117 مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن. 019 PSA 119 118 بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر. 019 PSA 119 119 سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن. 019 PSA 119 120 ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن. 019 PSA 119 121 (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛ 019 PSA 119 122 ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن. 019 PSA 119 123 كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛ 019 PSA 119 124 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 125 مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن. 019 PSA 119 126 پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. 019 PSA 119 127 شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛ 019 PSA 119 128 شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. 019 PSA 119 129 (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. 019 PSA 119 130 سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ. 019 PSA 119 131 ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم. 019 PSA 119 132 نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 019 PSA 119 133 قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن. 019 PSA 119 134 مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن. 019 PSA 119 135 جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. 019 PSA 119 136 كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ. 019 PSA 119 137 (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر. 019 PSA 119 138 سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر! 019 PSA 119 139 ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ. 019 PSA 119 140 سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ. 019 PSA 119 141 مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. 019 PSA 119 142 سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر. 019 PSA 119 143 پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر. 019 PSA 119 144 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن. 019 PSA 119 145 (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن. 019 PSA 119 146 مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. 019 PSA 119 147 مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. 019 PSA 119 148 ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ. 019 PSA 119 149 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. 019 PSA 119 150 قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر. 019 PSA 119 151 ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر. 019 PSA 119 152 ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن. 019 PSA 119 153 (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم. 019 PSA 119 154 مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. 019 PSA 119 155 نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ. 019 PSA 119 156 رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. 019 PSA 119 157 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ بىراق ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. 019 PSA 119 158 مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ. 019 PSA 119 159 سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار. 019 PSA 119 160 سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر. 019 PSA 119 161 (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ. 019 PSA 119 162 بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن. 019 PSA 119 163 ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. 019 PSA 119 164 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن. 019 PSA 119 165 تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس. 019 PSA 119 166 مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ. 019 PSA 119 167 جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن. 019 PSA 119 168 بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. 019 PSA 119 169 (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن. 019 PSA 119 170 يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن. 019 PSA 119 171 ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ. 019 PSA 119 172 تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر. 019 PSA 119 173 قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم. 019 PSA 119 174 مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. 019 PSA 119 175 جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن. 019 PSA 119 176 مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛ قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛ چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. 019 PSA 120 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. 019 PSA 120 002 ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 019 PSA 120 003 ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، ئەي ئالدامچى تىل؟ 019 PSA 120 004 ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن! 019 PSA 120 005 مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي! 019 PSA 120 006 مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛ 019 PSA 120 007 مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ. 019 PSA 121 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟ 019 PSA 121 002 مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر. 019 PSA 121 003 ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ! 019 PSA 121 004 مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ! 019 PSA 121 005 پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر. 019 PSA 121 006 قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ 019 PSA 121 007 پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ 019 PSA 121 008 پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ. 019 PSA 122 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، شادلاندىم. 019 PSA 122 002 پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم! 019 PSA 122 003 ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛ 019 PSA 122 004 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ. 019 PSA 122 005 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى. 019 PSA 122 006 يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ. 019 PSA 122 007 ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن! 019 PSA 122 008 قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. 019 PSA 122 009 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن! 019 PSA 123 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ 019 PSA 123 002 مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ. 019 PSA 123 003 بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز. 019 PSA 123 004 جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر. 019 PSA 124 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ 019 PSA 124 002 بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا، 019 PSA 124 003 ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛ 019 PSA 124 004 [شۇ چاغدا] سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛ 019 PSA 124 005 داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى! 019 PSA 124 006 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى. 019 PSA 124 007 جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! 019 PSA 124 008 ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر، ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر! 019 PSA 125 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. 019 PSA 125 002 يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. 019 PSA 125 003 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. 019 PSA 125 004 پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. 019 PSA 125 005 بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 019 PSA 126 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ 019 PSA 126 002 ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. 019 PSA 126 003 پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. 019 PSA 126 004 جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار [شار-شار سۇلارغا] ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 019 PSA 126 005 كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ 019 PSA 126 006 يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. 019 PSA 127 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ. 019 PSA 127 002 سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ. 019 PSA 127 003 مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛ 019 PSA 127 004 ياشلىقتا تاپقان بالىلار، باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ. 019 PSA 127 005 ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ [شەھەر] دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ. 019 PSA 128 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر! 019 PSA 128 002 چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛ بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛ 019 PSA 128 003 ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ 019 PSA 128 004 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ. 019 PSA 128 005 پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛ سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛ 019 PSA 128 006 پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛ ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي! 019 PSA 129 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ 019 PSA 129 002 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. 019 PSA 129 003 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». 019 PSA 129 004 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ 019 PSA 129 005 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! 019 PSA 129 006 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛ 019 PSA 129 007 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ 019 PSA 129 008 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ. 019 PSA 130 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 019 PSA 130 002 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ 019 PSA 130 003 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ 019 PSA 130 004 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. 019 PSA 130 005 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. 019 PSA 130 006 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. 019 PSA 130 007 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ 019 PSA 130 008 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 131 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛ 019 PSA 131 002 بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر. 019 PSA 131 003 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە! 019 PSA 132 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛ 019 PSA 132 002 ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن، ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ 019 PSA 132 003 «پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن». 019 PSA 132 006 مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛ 019 PSA 132 007 ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛ 019 PSA 132 008 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن! 019 PSA 132 009 كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن! 019 PSA 132 010 قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ 019 PSA 132 011 پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛ 019 PSA 132 012 پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن. 019 PSA 132 013 چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان. 019 PSA 132 014 مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن. 019 PSA 132 015 مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛ 019 PSA 132 016 ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن، ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ. 019 PSA 132 017 مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛ 019 PSA 132 018 ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛ ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى. 019 PSA 133 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر! 019 PSA 133 002 ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛ 019 PSA 133 003 ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان! 019 PSA 134 001 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! 019 PSA 134 002 مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 019 PSA 134 003 ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي! 019 PSA 135 001 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى! 019 PSA 135 002 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار! 019 PSA 135 003 ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ 019 PSA 135 004 چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى. 019 PSA 135 005 چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. 019 PSA 135 006 پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر. 019 PSA 135 007 ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. 019 PSA 135 008 ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى. 019 PSA 135 009 ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى. 019 PSA 135 010 ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ 019 PSA 135 011 ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى. 019 PSA 135 012 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى. 019 PSA 135 013 سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. 019 PSA 135 014 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ. 019 PSA 135 015 ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس. 019 PSA 135 016 ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ 019 PSA 135 017 قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. 019 PSA 135 018 ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. 019 PSA 135 019 ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ 019 PSA 135 020 لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 019 PSA 135 021 يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا زىئوندىن تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىلسۇن! ھەمدۇسانا! 019 PSA 136 001 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 002 ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 003 رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 004 زور كارامەتلەرنى بىردىنبىر يۈرگۈزگۇچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 005 ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 006 زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 007 ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 008 كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 009 كېچىنى باشقۇردىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 010 ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 011 ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 012 كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 013 قىزىل دېڭىزنى بۆلەك-بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 014 ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 015 قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 016 ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 017 بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 018 ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 019 جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 020 ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 021 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 022 بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 023 ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 024 بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 025 بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ 019 PSA 136 026 ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر! 019 PSA 137 001 بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛ 019 PSA 137 002 چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق. 019 PSA 137 003 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ «ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى. 019 PSA 137 004 ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟ 019 PSA 137 005 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، ئوڭ قولۇم [ماھارىتىنى] ئۇنتۇسۇن! 019 PSA 137 006 سېنى ئەسلىمىسەم، ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن! 019 PSA 137 007 ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى. 019 PSA 137 008 ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! 019 PSA 137 009 بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر! 019 PSA 138 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن. 019 PSA 138 002 پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن. 019 PSA 138 003 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن. 019 PSA 138 004 ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 019 PSA 138 005 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى. 019 PSA 138 006 چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ. 019 PSA 138 007 زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 138 008 پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن! 019 PSA 139 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى تەكشۈرۈپ چىقتىڭ، ھەم مېنى بىلىپ يەتتىڭ؛ 019 PSA 139 002 ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن. 019 PSA 139 003 باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر. 019 PSA 139 004 بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن. 019 PSA 139 005 سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن. 019 PSA 139 006 بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن. 019 PSA 139 007 روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟ 019 PSA 139 008 ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛ 019 PSA 139 009 سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام، 019 PSA 139 010 ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ. 019 PSA 139 011 مەن: «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم، 019 PSA 139 012 قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، قاراڭغۇلۇقمۇ [ساڭا] يورۇقتەكتۇر. 019 PSA 139 013 بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ 019 PSA 139 014 مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. 019 PSA 139 015 مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى. 019 PSA 139 016 ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى. 019 PSA 139 017 ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر! 019 PSA 139 018 ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن! 019 PSA 139 019 ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش! 019 PSA 139 020 چۈنكى ئۇلار سېنىڭ توغرۇلۇق ھىيلىلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى. 019 PSA 139 021 ساڭا ئۆچمەن بولغانلارغا، ئى پەرۋەردىگار، مەنمۇ ئۆچقۇ؟ ساڭا قارشى چىققانلارغا مەنمۇ يىرگىنىمەنغۇ؟ 019 PSA 139 022 ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچتۇرمەن؛ ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ ھېسابلايمەن. 019 PSA 139 023 مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛ 019 PSA 139 024 مەندە [ئۆزۈڭگە] ئازار بەرگۈدەك يولنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرگەيسەن؛ ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭدا يېتەكلىگەيسەن! 019 PSA 140 001 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن. 019 PSA 140 002 ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى. 019 PSA 140 003 تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ. 019 PSA 140 004 رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن. 019 PSA 140 005 تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ. 019 PSA 140 006 مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 019 PSA 140 007 پەرۋەردىگار رەب نىجاتلىقىمنىڭ كۈچىدۇر؛ سەن جەڭ كۈنىدە بېشىمنى يېپىپ قوغدىغانسەن. 019 PSA 140 008 رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. سېلاھ. 019 PSA 140 009 مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛ 019 PSA 140 010 ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ ئۇلار ئوتقا، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛ 019 PSA 140 011 تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛ 019 PSA 140 012 مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛ 019 PSA 140 013 بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ. 019 PSA 141 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. 019 PSA 141 002 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن. 019 PSA 141 003 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛ 019 PSA 141 004 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن! 019 PSA 141 005 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ. 019 PSA 141 006 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، [خەلق] مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر. 019 PSA 141 007 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛ 019 PSA 141 008 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ ساڭا تايىنىمەن؛ جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن. 019 PSA 141 009 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛ 019 PSA 141 010 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن. 019 PSA 142 001 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ 019 PSA 142 002 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. 019 PSA 142 003 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. 019 PSA 142 004 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. 019 PSA 142 005 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم. 019 PSA 142 006 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. 019 PSA 142 007 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن. 019 PSA 143 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. 019 PSA 143 002 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ. 019 PSA 143 003 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 019 PSA 143 004 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى. 019 PSA 143 005 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن. 019 PSA 143 006 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ. 019 PSA 143 007 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن. 019 PSA 143 008 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 019 PSA 143 009 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن. 019 PSA 143 010 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛ 019 PSA 143 011 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن. 019 PSA 143 012 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. 019 PSA 144 001 داۋۇت يازغان كۈي: ــ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! 019 PSA 144 002 مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر! 019 PSA 144 003 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟ 019 PSA 144 004 ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس. 019 PSA 144 005 ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛ 019 PSA 144 006 چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛ 019 PSA 144 007 يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن. 019 PSA 144 008 ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. 019 PSA 144 009 ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. 019 PSA 144 010 سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن. 019 PSA 144 011 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. 019 PSA 144 012 شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛ 019 PSA 144 013 ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛ 019 PSA 144 014 كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم [جەڭگە] چىقمايدىغان؛ كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛ 019 PSA 144 015 ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر! 019 PSA 145 001 مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. 019 PSA 145 002 ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! 019 PSA 145 003 ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ 019 PSA 145 004 بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ 019 PSA 145 005 مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ 019 PSA 145 006 : شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! 019 PSA 145 007 ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. 019 PSA 145 008 پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ 019 PSA 145 009 پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ 019 PSA 145 010 سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. 019 PSA 145 011 ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ 019 PSA 145 012 شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. 019 PSA 145 013 سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. 019 PSA 145 014 پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. 019 PSA 145 015 ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ 019 PSA 145 016 قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. 019 PSA 145 017 پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. 019 PSA 145 018 پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ 019 PSA 145 019 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 019 PSA 145 020 پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 019 PSA 145 021 ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! 019 PSA 146 001 ھەمدۇسانا! ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە! 019 PSA 146 002 مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن. 019 PSA 146 003 ئېسىلزادىلەرگىمۇ، ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر. 019 PSA 146 004 مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. 019 PSA 146 005 ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر! 019 PSA 146 006 ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ 019 PSA 146 007 ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ 019 PSA 146 008 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. 019 PSA 146 009 پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ. 019 PSA 146 010 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! ھەمدۇسانا! 019 PSA 147 001 ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ. 019 PSA 147 002 پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛ 019 PSA 147 003 ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ. 019 PSA 147 004 ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ. 019 PSA 147 005 ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر. 019 PSA 147 006 پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ. 019 PSA 147 007 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار! 019 PSA 147 008 ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛ 019 PSA 147 009 ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛ 019 PSA 147 010 ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛ 019 PSA 147 011 پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. 019 PSA 147 012 پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون. 019 PSA 147 013 چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى. 019 PSA 147 014 ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ. 019 PSA 147 015 ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ. 019 PSA 147 016 ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ. 019 PSA 147 017 ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟ 019 PSA 147 018 ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ. 019 PSA 147 019 ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛ 019 PSA 147 020 ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا! 019 PSA 148 001 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 148 002 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى! 019 PSA 148 003 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛ 019 PSA 148 004 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار! 019 PSA 148 005 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛ 019 PSA 148 006 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان. 019 PSA 148 007 پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛ 019 PSA 148 008 ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛ 019 PSA 148 009 تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى، 019 PSA 148 010 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ 019 PSA 148 011 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ 019 PSA 148 012 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ 019 PSA 148 013 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 019 PSA 148 014 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! ھەمدۇسانا! 019 PSA 149 001 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! 019 PSA 149 002 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! 019 PSA 149 003 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن! 019 PSA 149 004 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ 019 PSA 149 005 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! 019 PSA 149 006 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛ 019 PSA 149 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ 019 PSA 149 008 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ 019 PSA 149 009 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! ھەمدۇسانا! 019 PSA 150 001 ھەمدۇسانا! تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 150 002 ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 150 003 ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 150 004 ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 150 005 ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 019 PSA 150 006 بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! ھەمدۇسانا! # # BOOK 020 PRO Proverbs پەند-نەسىھەتلەر 020 PRO 001 001 ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ 020 PRO 001 002 بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ 020 PRO 001 003 ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. 020 PRO 001 004 بۇ [پەند-نەسىھەتلەر] نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ 020 PRO 001 005 بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، 020 PRO 001 006 شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ. 020 PRO 001 007 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. 020 PRO 001 008 ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ 020 PRO 001 009 چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ. 020 PRO 001 010 ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن. 020 PRO 001 011 ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى! 020 PRO 001 012 تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ 020 PRO 001 013 ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز. 020 PRO 001 014 بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ 020 PRO 001 015 ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل! 020 PRO 001 016 چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ. 020 PRO 001 017 ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛ 020 PRO 001 018 لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ. 020 PRO 001 019 نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ [ھارام مال-دۇنيا] ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. 020 PRO 001 020 [بۈيۈك] دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا. 020 PRO 001 021 كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ 020 PRO 001 022 ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! 020 PRO 001 023 تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم. 020 PRO 001 024 لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار. 020 PRO 001 025 نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار. 020 PRO 001 026 شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن، ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن. 020 PRO 001 027 ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ 020 PRO 001 028 ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. 020 PRO 001 029 ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، 020 PRO 001 030 مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن، 020 PRO 001 031 ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛ 020 PRO 001 032 چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛ ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 020 PRO 001 033 لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ. 020 PRO 002 001 ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ، 020 PRO 002 002 ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ، 020 PRO 002 003 ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ، 020 PRO 002 004 ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ، 020 PRO 002 005 ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن [ھەقىقىي] قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ. 020 PRO 002 006 چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ. 020 PRO 002 007 ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر. 020 PRO 002 008 ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ. 020 PRO 002 009 ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن. 020 PRO 002 010 دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا، 020 PRO 002 011 پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ. 020 PRO 002 012 ئۇلار سېنى يامان يولدىن، تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛ 020 PRO 002 013 يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، 020 PRO 002 014 رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن، 020 PRO 002 015 يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ. 020 PRO 002 016 [دانالىق] سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ. 020 PRO 002 017 [بۇنداق ئاياللار] ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر. 020 PRO 002 018 ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ. 020 PRO 002 019 ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق. 020 PRO 002 020 [شۇلارنى چۈشەنسەڭ] ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن. 020 PRO 002 021 چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ. 020 PRO 002 022 لېكىن رەزىللەر زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇۋېتىلىدۇ. 020 PRO 003 001 ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت. 020 PRO 003 002 چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ. 020 PRO 003 003 مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال. 020 PRO 003 004 شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن. 020 PRO 003 005 ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ 020 PRO 003 006 قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. 020 PRO 003 007 ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. 020 PRO 003 008 شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ. 020 PRO 003 009 پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛ 020 PRO 003 010 شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. 020 PRO 003 011 ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. 020 PRO 003 012 چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ. 020 PRO 003 013 دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 020 PRO 003 014 چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر. 020 PRO 003 015 ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. 020 PRO 003 016 دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر. 020 PRO 003 017 ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر. 020 PRO 003 018 ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! 020 PRO 003 019 پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى. 020 PRO 003 020 ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى. 020 PRO 003 021 ئى ئوغلۇم! [دانالىق بىلەن بىلىمنى] كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت. 020 PRO 003 022 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ. 020 PRO 003 023 شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن. 020 PRO 003 024 ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن. 020 PRO 003 025 بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن! 020 PRO 003 026 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ. 020 PRO 003 027 پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن. 020 PRO 003 028 قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن. 020 PRO 003 029 قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ. 020 PRO 003 030 بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. 020 PRO 003 031 زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما. 020 PRO 003 032 چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر. 020 PRO 003 033 پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر. 020 PRO 003 034 بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 020 PRO 003 035 دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ. 020 PRO 004 001 ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. 020 PRO 004 002 چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار. 020 PRO 004 003 چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم، 020 PRO 004 004 ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن. 020 PRO 004 005 دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما. 020 PRO 004 006 [دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ. 020 PRO 004 007 دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن. 020 PRO 004 008 [دانالىقنى] ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. 020 PRO 004 009 بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك [ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ]، ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ. 020 PRO 004 010 ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ. 020 PRO 004 011 مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي. 020 PRO 004 012 ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن. 020 PRO 004 013 ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر. 020 PRO 004 014 يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما. 020 PRO 004 015 ئۇلارنىڭ [يولىدىن] ئۆزۈڭنى قاچۇر، [يولىغا] يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن. 020 PRO 004 016 چۈنكى [يامانلار] بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس. 020 PRO 004 017 يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر. 020 PRO 004 018 لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ. 020 PRO 004 019 يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. 020 PRO 004 020 ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال. 020 PRO 004 021 ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن. 020 PRO 004 022 چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر. 020 PRO 004 023 قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ. 020 PRO 004 024 ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن. 020 PRO 004 025 كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ 020 PRO 004 026 ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. 020 PRO 004 027 ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت. 020 PRO 005 001 ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن. 020 PRO 005 002 شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ. 020 PRO 005 003 چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛ 020 PRO 005 004 لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر. 020 PRO 005 005 ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. 020 PRO 005 006 ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. 020 PRO 005 007 شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار. 020 PRO 005 008 ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما! 020 PRO 005 009 بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، [ياشلىق] يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن! 020 PRO 005 010 يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ 020 PRO 005 011 ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا، 020 PRO 005 012 شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن! 020 PRO 005 013 نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟ 020 PRO 005 014 جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن. 020 PRO 005 015 ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. 020 PRO 005 016 بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە [بولامدۇ]؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ 020 PRO 005 017 بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! 020 PRO 005 018 بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. 020 PRO 005 019 ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. 020 PRO 005 020 ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟ 020 PRO 005 021 چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ. 020 PRO 005 022 يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ. 020 PRO 005 023 ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. 020 PRO 006 001 ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ، 020 PRO 006 002 ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، 020 PRO 006 003 ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا. 020 PRO 006 004 جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما. 020 PRO 006 006 ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. 020 PRO 006 007 ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، 020 PRO 006 008 لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ. 020 PRO 006 009 ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ 020 PRO 006 010 سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. 020 PRO 006 011 لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. 020 PRO 006 012 ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ. 020 PRO 006 013 ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ 020 PRO 006 014 كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ. 020 PRO 006 015 شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. 020 PRO 006 016 پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 020 PRO 006 017 ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، 020 PRO 006 018 سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، 020 PRO 006 019 يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر. 020 PRO 006 020 ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما. 020 PRO 006 021 ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال. 020 PRO 006 022 يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. 020 PRO 006 023 چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر. 020 PRO 006 024 ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر. 020 PRO 006 025 ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. 020 PRO 006 026 چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ. 020 PRO 006 027 ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 020 PRO 006 028 چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 020 PRO 006 029 باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. 020 PRO 006 030 ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ 020 PRO 006 031 شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ. 020 PRO 006 032 ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. 020 PRO 006 033 ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 020 PRO 006 034 چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. 020 PRO 006 035 تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. 020 PRO 007 001 ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا. 020 PRO 007 002 تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا. 020 PRO 007 003 ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، قەلب تاختاڭغا يېزىۋال. 020 PRO 007 004 دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن، پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر. 020 PRO 007 005 شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ. 020 PRO 007 006 [بىر قېتىم] ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا، 020 PRO 007 007 بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم، 020 PRO 007 008 ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق [خوتۇن تۇرۇشلۇق] دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. 020 PRO 007 009 كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا [ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى]. 020 PRO 007 010 مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى. 020 PRO 007 011 ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ، 020 PRO 007 012 بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ. 020 PRO 007 013 ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ 020 PRO 007 014 «ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم، 020 PRO 007 015 شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم! 020 PRO 007 016 كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم. 020 PRO 007 017 ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم. 020 PRO 007 018 كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى، 020 PRO 007 019 ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى. 020 PRO 007 020 ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى. 020 PRO 007 021 ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى. 020 PRO 007 022 سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. 020 PRO 007 024 ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، 020 PRO 007 025 قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار. 020 PRO 007 026 بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر، 020 PRO 007 027 ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر. 020 PRO 008 001 [قۇلاق سال،] دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟ 020 PRO 008 002 يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ، 020 PRO 008 003 شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ 020 PRO 008 004 «ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن، 020 PRO 008 005 گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار! 020 PRO 008 006 ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى [سىلەرگە] يەتكۈزىمەن. 020 PRO 008 007 ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ 020 PRO 008 008 سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر. 020 PRO 008 009 ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر. 020 PRO 008 010 كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار. 020 PRO 008 011 چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. 020 PRO 008 012 مەن بولسام دانالىقمەن، زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن. 020 PRO 008 013 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن. 020 PRO 008 014 مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر. 020 PRO 008 015 پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس. 020 PRO 008 016 مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ. 020 PRO 008 017 كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛ 020 PRO 008 018 مەندە بايلىق، شۆھرەت، ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار. 020 PRO 008 019 مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر. 020 PRO 008 020 مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى، 020 PRO 008 021 مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن. 020 PRO 008 022 پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا، قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا، مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە، يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا، مەن تىكلەنگەنمەن. 020 PRO 008 024 چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا، 020 PRO 008 025 ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا، [پەرۋەردىگار] بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى، ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن. 020 PRO 008 027 ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛ 020 PRO 008 030 شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ 020 PRO 008 031 مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم، 020 PRO 008 032 شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار! 020 PRO 008 033 ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما. 020 PRO 008 034 سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! 020 PRO 008 035 كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ. 020 PRO 008 036 لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ». 020 PRO 009 001 دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. 020 PRO 009 002 ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ 020 PRO 009 003 دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: 020 PRO 009 004 «ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا: 020 PRO 009 005 قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ 020 PRO 009 006 نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. 020 PRO 009 007 ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. 020 PRO 009 008 ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. 020 PRO 009 009 دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. 020 PRO 009 010 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. 020 PRO 009 011 مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. 020 PRO 009 012 سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. 020 PRO 009 013 نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر. 020 PRO 009 014 ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، 020 PRO 009 015 ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: 020 PRO 009 016 «كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى: 020 PRO 009 017 «ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. 020 PRO 009 018 لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. 020 PRO 010 001 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. 020 PRO 010 002 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. 020 PRO 010 003 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. 020 PRO 010 004 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. 020 PRO 010 005 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. 020 PRO 010 006 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 020 PRO 010 007 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. 020 PRO 010 008 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 020 PRO 010 009 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. 020 PRO 010 010 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 020 PRO 010 011 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 020 PRO 010 012 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. 020 PRO 010 013 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. 020 PRO 010 014 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. 020 PRO 010 015 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. 020 PRO 010 016 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. 020 PRO 010 017 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. 020 PRO 010 018 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. 020 PRO 010 019 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. 020 PRO 010 020 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. 020 PRO 010 021 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. 020 PRO 010 022 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. 020 PRO 010 023 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ [خۇرسەنلىكىدۇر]. 020 PRO 010 024 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. 020 PRO 010 025 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. 020 PRO 010 026 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. 020 PRO 010 027 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. 020 PRO 010 028 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. 020 PRO 010 029 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. 020 PRO 010 030 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. 020 PRO 010 031 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. 020 PRO 010 032 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار. 020 PRO 011 001 يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار. 020 PRO 011 002 تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار. 020 PRO 011 003 توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار. 020 PRO 011 004 خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار. 020 PRO 011 005 كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. 020 PRO 011 006 دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار. 020 PRO 011 007 رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار. 020 PRO 011 008 ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار. 020 PRO 011 009 مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. 020 PRO 011 010 ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار. 020 PRO 011 011 توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار. 020 PRO 011 012 ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار. 020 PRO 011 013 گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس. 020 PRO 011 014 يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار. 020 PRO 011 015 ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار. 020 PRO 011 016 شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس. 020 PRO 011 017 رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار. 020 PRO 011 018 يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار. 020 PRO 011 019 ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار. 020 PRO 011 020 نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. 020 PRO 011 021 قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار. 020 PRO 011 022 چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر. 020 PRO 011 023 ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر. 020 PRO 011 024 بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. 020 PRO 011 025 مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار. 020 PRO 011 026 ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر. 020 PRO 011 027 ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر. 020 PRO 011 028 ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر. 020 PRO 011 029 ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار. 020 PRO 011 030 ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار. 020 PRO 011 031 قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا [سەۋەنلىكى ئۈچۈن] بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ 020 PRO 012 001 كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر. 020 PRO 012 002 ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر. 020 PRO 012 003 ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس. 020 PRO 012 004 پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر. 020 PRO 012 005 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر. 020 PRO 012 006 يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار. 020 PRO 012 007 يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار. 020 PRO 012 008 ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس. 020 PRO 012 009 پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر. 020 PRO 012 010 ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر. 020 PRO 012 011 تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر. 020 PRO 012 012 يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار. 020 PRO 012 013 يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار. 020 PRO 012 014 ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار. 020 PRO 012 015 ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر. 020 PRO 012 016 ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس. 020 PRO 012 017 ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر. 020 PRO 012 018 بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر. 020 PRO 012 019 راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر. 020 PRO 012 020 يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر. 020 PRO 012 021 ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر. 020 PRO 012 022 يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار. 020 PRO 012 023 پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار. 020 PRO 012 024 تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار. 020 PRO 012 025 كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار. 020 PRO 012 026 ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار. 020 PRO 012 027 ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر. 020 PRO 012 028 ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛ شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر. 020 PRO 013 001 دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس. 020 PRO 013 002 ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار. 020 PRO 013 003 سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار. 020 PRO 013 004 ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر. 020 PRO 013 005 ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار. 020 PRO 013 006 يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار. 020 PRO 013 007 بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر. 020 PRO 013 008 ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس. 020 PRO 013 009 ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر. 020 PRO 013 010 كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر. 020 PRO 013 011 ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر. 020 PRO 013 012 تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر. 020 PRO 013 013 [خۇدانىڭ] كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر. 020 PRO 013 014 ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار. 020 PRO 013 015 ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار. 020 PRO 013 016 پەم-پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار. 020 PRO 013 017 رەزىل ئالاقىچى بالا-قازاغا ئۇچرار؛ سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر. 020 PRO 013 018 تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر. 020 PRO 013 019 ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر. 020 PRO 013 020 ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار. 020 PRO 013 021 بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار. 020 PRO 013 022 ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار. 020 PRO 013 023 يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار. 020 PRO 013 024 تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار. 020 PRO 013 025 ھەققانىي ئادەم كۆڭلى قانائەت تاپقۇچە ئوزۇق يەر؛ ياماننىڭ قورسىقى ئاچ قالار. 020 PRO 014 001 ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار. 020 PRO 014 002 دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛ قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى [خۇدانى] كۆزگە ئىلماس. 020 PRO 014 003 ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار. 020 PRO 014 004 ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛ بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا [ساڭغا] ئاشلىق تولار. 020 PRO 014 005 ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. 020 PRO 014 006 ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر. 020 PRO 014 007 بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت. 020 PRO 014 008 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر. 020 PRO 014 009 ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار. 020 PRO 014 010 كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس. 020 PRO 014 011 ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر. 020 PRO 014 012 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر. 020 PRO 014 013 ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار، خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار. 020 PRO 014 014 توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر. 020 PRO 014 015 ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار. 020 PRO 014 016 دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار. 020 PRO 014 017 تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار. 020 PRO 014 018 ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار. 020 PRO 014 019 يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا [باش ئۇرار]. 020 PRO 014 020 نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر. 020 PRO 014 021 يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار. 020 PRO 014 022 يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار. 020 PRO 014 023 ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار. 020 PRO 014 024 ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار. 020 PRO 014 025 ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان [گۇۋاھچى] يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. 020 PRO 014 026 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار. 020 PRO 014 027 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار. 020 PRO 014 028 پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر. 020 PRO 014 029 ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار. 020 PRO 014 030 خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار. 020 PRO 014 031 مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر. 020 PRO 014 032 يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار. 020 PRO 014 033 يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس. 020 PRO 014 034 ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار. 020 PRO 014 035 پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر. 020 PRO 015 001 مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار. 020 PRO 015 002 ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر. 020 PRO 015 003 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار. 020 PRO 015 004 شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار. 020 PRO 015 005 ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار. 020 PRO 015 006 ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار. 020 PRO 015 007 دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس. 020 PRO 015 008 يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. 020 PRO 015 009 يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر. 020 PRO 015 010 توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر. 020 PRO 015 011 تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! 020 PRO 015 012 ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس. 020 PRO 015 013 كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار. 020 PRO 015 014 يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار. 020 PRO 015 015 ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر. 020 PRO 015 016 زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل. 020 PRO 015 017 نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل. 020 PRO 015 018 تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. 020 PRO 015 019 ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر. 020 PRO 015 020 دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر. 020 PRO 015 021 ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار. 020 PRO 015 022 مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. 020 PRO 015 023 كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر! 020 PRO 015 024 ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. 020 PRO 015 025 پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار. 020 PRO 015 026 يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر. 020 PRO 015 027 ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر. 020 PRO 015 028 ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر. 020 PRO 015 029 پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار. 020 PRO 015 030 خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار. 020 PRO 015 031 ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار. 020 PRO 015 032 تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار. 020 PRO 015 033 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. 020 PRO 016 001 كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر. 020 PRO 016 002 ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. 020 PRO 016 003 نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار. 020 PRO 016 004 پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛ ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر. 020 PRO 016 005 تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس. 020 PRO 016 006 مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار. 020 PRO 016 007 ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار. 020 PRO 016 008 ھالال ئالغان ئاز، ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر. 020 PRO 016 009 ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر. 020 PRO 016 010 ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس. 020 PRO 016 011 ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛ تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر. 020 PRO 016 012 پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار. 020 PRO 016 013 ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر. 020 PRO 016 014 پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ بىراق دانا كىشى [ئۇنىڭ غەزىپىنى] تىنچلاندۇرار. 020 PRO 016 015 پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛ ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر. 020 PRO 016 016 دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر! 020 PRO 016 017 دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛ ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار. 020 PRO 016 018 مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر، تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر. 020 PRO 016 019 كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش، تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر. 020 PRO 016 020 كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛ پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر. 020 PRO 016 021 كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛ يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار. 020 PRO 016 022 پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر. 020 PRO 016 023 ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛ ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار. 020 PRO 016 024 يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛ كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر. 020 PRO 016 025 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر. 020 PRO 016 026 ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار. 020 PRO 016 027 مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار. 020 PRO 016 028 ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر. 020 PRO 016 029 زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر. 020 PRO 016 030 كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛ لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر. 020 PRO 016 031 ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر. 020 PRO 016 032 ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر. 020 PRO 016 033 چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر. 020 PRO 017 001 قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل. 020 PRO 017 002 خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار. 020 PRO 017 003 ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. 020 PRO 017 004 قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار. 020 PRO 017 005 مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس. 020 PRO 017 006 قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر. 020 PRO 017 007 ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس. 020 PRO 017 008 پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك. 020 PRO 017 009 باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار. 020 PRO 017 010 ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. 020 PRO 017 011 يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر. 020 PRO 017 012 ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى. 020 PRO 017 013 كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس. 020 PRO 017 014 جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن. 020 PRO 017 015 ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. 020 PRO 017 016 ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ 020 PRO 017 017 [ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر. 020 PRO 017 018 ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ. 020 PRO 017 019 جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر. 020 PRO 017 020 نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار. 020 PRO 017 021 بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس. 020 PRO 017 022 شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار. 020 PRO 017 023 چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار. 020 PRO 017 024 دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر. 020 PRO 017 025 گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار. 020 PRO 017 026 ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس. 020 PRO 017 027 بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار. 020 PRO 017 028 ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار. 020 PRO 018 001 كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار. 020 PRO 018 002 ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛ قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس. 020 PRO 018 003 يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛ نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس. 020 PRO 018 004 ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛ دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار. 020 PRO 018 005 يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس. 020 PRO 018 006 ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار. 020 PRO 018 007 ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر. 020 PRO 018 008 غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. 020 PRO 018 009 ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ. 020 PRO 018 010 پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار. 020 PRO 018 011 باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار. 020 PRO 018 012 بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. 020 PRO 018 013 سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر. 020 PRO 018 014 تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟ 020 PRO 018 015 يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە. 020 PRO 018 016 سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر. 020 PRO 018 017 دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر. 020 PRO 018 018 چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار. 020 PRO 018 019 رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر. 020 PRO 018 020 ئادەم [دۇرۇس] سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار. 020 PRO 018 021 ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر. 020 PRO 018 022 خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. 020 PRO 018 023 مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛ باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر. 020 PRO 018 024 دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر. 020 PRO 019 001 پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر. 020 PRO 019 002 يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار. 020 PRO 019 003 كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار. 020 PRO 019 004 بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. 020 PRO 019 005 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس. 020 PRO 019 006 تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر. 020 PRO 019 007 نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس. 020 PRO 019 008 پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار. 020 PRO 019 009 يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار. 020 PRO 019 010 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. 020 PRO 019 011 دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر. 020 PRO 019 012 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر. 020 PRO 019 013 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. 020 PRO 019 014 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. 020 PRO 019 015 ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار. 020 PRO 019 016 [پەرۋەردىگارنىڭ] ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر. 020 PRO 019 017 كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار. 020 PRO 019 018 پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما. 020 PRO 019 019 قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك. 020 PRO 019 020 نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن. 020 PRO 019 021 كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار. 020 PRO 019 022 كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر. 020 PRO 019 023 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار. 020 PRO 019 024 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار. 020 PRO 019 025 ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار. 020 PRO 019 026 ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر. 020 PRO 019 027 ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر. 020 PRO 019 028 پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار. 020 PRO 019 029 ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر. 020 PRO 020 001 شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر. 020 PRO 020 002 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر. 020 PRO 020 003 ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس. 020 PRO 020 004 ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. 020 PRO 020 005 كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ. 020 PRO 020 006 ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟ 020 PRO 020 007 ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار! 020 PRO 020 008 پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ. 020 PRO 020 009 كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟ 020 PRO 020 010 ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. 020 PRO 020 011 ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار. 020 PRO 020 012 كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى. 020 PRO 020 013 ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار. 020 PRO 020 014 خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن [«ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ] ماختىنىدۇ. 020 PRO 020 015 ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر! 020 PRO 020 016 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. 020 PRO 020 017 ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار. 020 PRO 020 018 پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن. 020 PRO 020 019 گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما. 020 PRO 020 020 كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر! 020 PRO 020 021 تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس. 020 PRO 020 022 يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر. 020 PRO 020 023 ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس. 020 PRO 020 024 ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟ 020 PRO 020 025 بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «[خۇداغا] ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر. 020 PRO 020 026 دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر. 020 PRO 020 027 ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر. 020 PRO 020 028 مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ. 020 PRO 020 029 ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر. 020 PRO 020 030 تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار. 020 PRO 021 001 پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ. 020 PRO 021 002 ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. 020 PRO 021 003 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 020 PRO 021 004 تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر. 020 PRO 021 005 ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر. 020 PRO 021 006 ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس. 020 PRO 021 007 يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان. 020 PRO 021 008 جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر. 020 PRO 021 009 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى. 020 PRO 021 010 يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس. 020 PRO 021 011 ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار. 020 PRO 021 012 ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار. 020 PRO 021 013 مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس. 020 PRO 021 014 يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر. 020 PRO 021 015 ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر. 020 PRO 021 016 ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار. 020 PRO 021 017 تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس. 020 PRO 021 018 يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ [ئېزىلگەن] دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار. 020 PRO 021 019 سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر. 020 PRO 021 020 ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار. 020 PRO 021 021 ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر. 020 PRO 021 022 دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار. 020 PRO 021 023 ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار. 020 PRO 021 024 چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار. 020 PRO 021 025 ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛ 020 PRO 021 026 نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار. 020 PRO 021 027 يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر! 020 PRO 021 028 يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار. 020 PRO 021 029 يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار. 020 PRO 021 030 پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر. 020 PRO 021 031 ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر. 020 PRO 022 001 ياخشى نام زور بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەۋزەل؛ قەدىر-قىممەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئۈستۈندۇر. 020 PRO 022 002 گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر. 020 PRO 022 003 زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار. 020 PRO 022 004 ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ بەرىكىتى ــ باياشاتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھاياتتۇر. 020 PRO 022 005 ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار. 020 PRO 022 006 بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس. 020 PRO 022 007 بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر. 020 PRO 022 008 ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر. 020 PRO 022 009 سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر. 020 PRO 022 010 ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر. 020 PRO 022 011 پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار. 020 PRO 022 012 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛ ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار. 020 PRO 022 013 ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ. 020 PRO 022 014 زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر. 020 PRO 022 015 نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار. 020 PRO 022 016 مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان، ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى، ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار. 020 PRO 022 017 قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن. 020 PRO 022 018 ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ، ئۇلار ساڭا شېرىن بولار، لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ. 020 PRO 022 019 چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن [بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى] باشقا بىرسىگە ئەمەس، بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم. 020 PRO 022 020 ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار. 020 PRO 022 021 بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن. 020 PRO 022 022 يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما. 020 PRO 022 023 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار. 020 PRO 022 024 مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما، 020 PRO 022 025 بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن. 020 PRO 022 026 باشقىلارغا [كېپىل بولۇپ] قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛ 020 PRO 022 027 سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى! 020 PRO 022 028 ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە. 020 PRO 022 029 ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار. 020 PRO 023 001 كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ، ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان. 020 PRO 023 002 ئىشتىيىڭ يامان بولسا، گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت. 020 PRO 023 003 ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر. 020 PRO 023 004 باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما. 020 PRO 023 005 [بايلىقلارغا] كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر. 020 PRO 023 006 ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛ 020 PRO 023 007 چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق. 020 PRO 023 008 يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ. 020 PRO 023 009 ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس. 020 PRO 023 010 قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛ 020 PRO 023 011 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار. 020 PRO 023 012 نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال. 020 PRO 023 013 بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛ 020 PRO 023 014 سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. 020 PRO 023 015 ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى! 020 PRO 023 016 ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن. 020 PRO 023 017 گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛ 020 PRO 023 018 شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. 020 PRO 023 019 ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى [خۇدانىڭ] يولىغا باشلىغىن. 020 PRO 023 020 مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛ 020 PRO 023 021 چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر. 020 PRO 023 022 سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما. 020 PRO 023 023 ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال. 020 PRO 023 024 ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار. 020 PRO 023 025 ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل. 020 PRO 023 026 ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن! 020 PRO 023 027 چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛ 020 PRO 023 028 ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر. 020 PRO 023 029 كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ 020 PRO 023 030 دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار! 020 PRO 023 031 شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما! 020 PRO 023 032 ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ. 020 PRO 023 033 كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. 020 PRO 023 034 خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن. 020 PRO 023 035 سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن. 020 PRO 024 001 يامانلارغا رەشك قىلما، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛ 020 PRO 024 002 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر. 020 PRO 024 003 ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر. 020 PRO 024 004 بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار. 020 PRO 024 005 دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار. 020 PRO 024 006 پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار. 020 PRO 024 007 دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ [چوڭلار] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس. 020 PRO 024 008 ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار. 020 PRO 024 009 ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر. 020 PRO 024 010 بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. 020 PRO 024 011 [سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛ 020 PRO 024 012 ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟ 020 PRO 024 013 ئى ئوغلۇم، ھەسەل [تاپساڭ] ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛ 020 PRO 024 014 دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. 020 PRO 024 015 ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما! 020 PRO 024 016 چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر. 020 PRO 024 017 رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛ 020 PRO 024 018 پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن. 020 PRO 024 019 يامانلار [راۋاج تاپسا]، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما. 020 PRO 024 020 چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر. 020 PRO 024 021 ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما. 020 PRO 024 022 بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، [پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ] ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ 020 PRO 024 023 بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس. 020 PRO 024 024 جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر. 020 PRO 024 025 بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر. 020 PRO 024 026 دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر. 020 PRO 024 027 ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن. 020 PRO 024 028 يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما. 020 PRO 024 029 «ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما. 020 PRO 024 030 مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم، 020 PRO 024 031 مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! 020 PRO 024 032 ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ 020 PRO 024 033 سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ، 020 PRO 024 034 نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار. 020 PRO 025 001 تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ 020 PRO 025 002 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە. 020 PRO 025 003 ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس. 020 PRO 025 004 ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار. 020 PRO 025 005 ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار. 020 PRO 025 006 پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، [ئۇنىڭ ئالدىدىكى] ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛ 020 PRO 025 007 ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر. 020 PRO 025 008 ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ [ئۈستۈن چىقىپ] سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟ 020 PRO 025 009 يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما. 020 PRO 025 010 بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن. 020 PRO 025 011 ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر. 020 PRO 025 012 [قۇلاققا] ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار. 020 PRO 025 013 خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا [ئىچكەن] قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار. 020 PRO 025 014 يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر. 020 PRO 025 015 ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر. 020 PRO 025 016 سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن. 020 PRO 025 017 قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن. 020 PRO 025 018 يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر. 020 PRO 025 019 سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، توكۇر پۇت [بىلەن مېڭىش]، كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر. 020 PRO 025 020 قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر. 020 PRO 025 021 دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛ 020 PRO 025 022 شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ. 020 PRO 025 023 شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر. 020 PRO 025 024 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ-قوپقان ياخشى. 020 PRO 025 025 ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار. 020 PRO 025 026 پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر. 020 PRO 025 027 ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر. 020 PRO 025 028 ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى، ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ. 020 PRO 026 001 يازدا قار يېغىش، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر يېغىش قاملاشمىغاندەك، ئىززەت-ھۆرمەت ئەخمەققە لايىق ئەمەستۇر. 020 PRO 026 002 لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇچقاچتەك، ئۇچقان قارلىغاچ يەرگە قونمىغاندەك، سەۋەبسىز قارغىش كىشىگە زىيان كەلتۈرەلمەس. 020 PRO 026 003 ئاتقا قامچا، ئېشەككە نوختا لازىم بولغىنىدەك، ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە تاياق لايىقتۇر. 020 PRO 026 004 ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن، جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. 020 PRO 026 005 ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار. 020 PRO 026 006 ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك، ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك، ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر. 020 PRO 026 007 توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك، ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر. 020 PRO 026 008 سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر. 020 PRO 026 009 ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر. 020 PRO 026 010 ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر. 020 PRO 026 011 ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار. 020 PRO 026 012 ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر. 020 PRO 026 013 ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ [ئۆيدىن چىقماس]. 020 PRO 026 014 ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە. 020 PRO 026 015 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر. 020 PRO 026 016 ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار. 020 PRO 026 017 كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار. 020 PRO 026 018 ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى، ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ. 020 PRO 026 020 ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛ غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار. 020 PRO 026 021 چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار. 020 PRO 026 022 غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. 020 PRO 026 023 يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا، ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر. 020 PRO 026 024 ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ. 020 PRO 026 025 ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛ قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر. 020 PRO 026 026 ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ، لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار. 020 PRO 026 027 كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛ تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار. 020 PRO 026 028 ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر. 020 PRO 027 001 ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن. 020 PRO 027 002 سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن. 020 PRO 027 003 تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. 020 PRO 027 004 غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟ 020 PRO 027 005 ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. 020 PRO 027 006 دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر. 020 PRO 027 007 توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر. 020 PRO 027 008 يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار. 020 PRO 027 009 ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر. 020 PRO 027 010 ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا. 020 PRO 027 011 ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن. 020 PRO 027 012 زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار. 020 PRO 027 013 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. 020 PRO 027 014 قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار. 020 PRO 027 015 يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر. 020 PRO 027 016 ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر. 020 PRO 027 017 تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر. 020 PRO 027 018 ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ. 020 PRO 027 019 سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر. 020 PRO 027 020 تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ [ئاچ] كۆزلىرى قانائەت تاپماس. 020 PRO 027 021 ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار. 020 PRO 027 022 ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار. 020 PRO 027 023 پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛ 020 PRO 027 024 چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟ 020 PRO 027 025 قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا، 020 PRO 027 026 شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر، 020 PRO 027 027 ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر. 020 PRO 028 001 يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر. 020 PRO 028 002 يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار. 020 PRO 028 003 مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى [زىرائەتلەرنى] ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ. 020 PRO 028 004 تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار. 020 PRO 028 005 رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر. 020 PRO 028 006 پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر. 020 PRO 028 007 تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. 020 PRO 028 008 جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر. 020 PRO 028 009 كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار. 020 PRO 028 010 كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار. 020 PRO 028 011 باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر. 020 PRO 028 012 ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار. 020 PRO 028 013 ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر. 020 PRO 028 014 [پەرۋەردىگاردىن] ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار. 020 PRO 028 015 ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى [ئوۋنى ئىزدەپ] كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر. 020 PRO 028 016 يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار. 020 PRO 028 017 قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن! 020 PRO 028 018 سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر. 020 PRO 028 019 ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار! 020 PRO 028 020 راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس. 020 PRO 028 021 بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر. 020 PRO 028 022 نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر. 020 PRO 028 023 باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار. 020 PRO 028 024 ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر. 020 PRO 028 025 نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر. 020 PRO 028 026 ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار. 020 PRO 028 027 نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار. 020 PRO 028 028 يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار. 020 PRO 029 001 قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. 020 PRO 029 002 ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. 020 PRO 029 003 دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. 020 PRO 029 004 پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. 020 PRO 029 005 ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. 020 PRO 029 006 رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. 020 PRO 029 007 ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. 020 PRO 029 008 ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. 020 PRO 029 009 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. 020 PRO 029 010 قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. 020 PRO 029 011 ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. 020 PRO 029 012 ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. 020 PRO 029 013 گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. 020 PRO 029 014 يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. 020 PRO 029 015 تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. 020 PRO 029 016 يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. 020 PRO 029 017 ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. 020 PRO 029 018 [پەرۋەردىگارنىڭ] ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. 020 PRO 029 019 قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. 020 PRO 029 020 ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. 020 PRO 029 021 كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. 020 PRO 029 022 تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. 020 PRO 029 023 مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. 020 PRO 029 024 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ [گۇۋاھ بېرىشكە] ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. 020 PRO 029 025 ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. 020 PRO 029 026 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. 020 PRO 029 027 ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر. 020 PRO 030 001 تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ 020 PRO 030 002 مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ مەندە ئىنسان ئەقلى يوق. 020 PRO 030 003 دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر. 020 PRO 030 004 كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟ 020 PRO 030 005 تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. 020 PRO 030 006 ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ. 020 PRO 030 007 ئى [خۇدايىم]، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ 020 PRO 030 008 ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن. 020 PRO 030 009 چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن. 020 PRO 030 010 خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن. 020 PRO 030 011 ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار، 020 PRO 030 012 ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار، 020 PRO 030 013 بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ! 020 PRO 030 014 ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار! 020 PRO 030 015 زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ 020 PRO 030 016 گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. 020 PRO 030 017 ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر. 020 PRO 030 018 مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ 020 PRO 030 019 بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر. 020 PRO 030 020 زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ. 020 PRO 030 021 يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ 020 PRO 030 022 پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت، 020 PRO 030 023 نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك. 020 PRO 030 024 يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ 020 PRO 030 025 چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛ 020 PRO 030 026 سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛ 020 PRO 030 027 چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛ 020 PRO 030 028 كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ. 020 PRO 030 029 قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ 020 PRO 030 030 ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر، 020 PRO 030 031 زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر. 020 PRO 030 032 ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم! 020 PRO 030 033 كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار. 020 PRO 031 001 تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن: 020 PRO 031 002 ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟ 020 PRO 031 003 كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما! 020 PRO 031 004 ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس. 020 PRO 031 005 بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، [مۇقەددەس] بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. 020 PRO 031 006 كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! 020 PRO 031 007 ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن! 020 PRO 031 008 ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل. 020 PRO 031 009 سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول. 020 PRO 031 010 پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ. 020 PRO 031 011 ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! 020 PRO 031 012 ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. 020 PRO 031 013 ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. 020 PRO 031 014 ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، [ئائىلىنى بېقىشتىكى] ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. 020 PRO 031 015 : تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ. 020 PRO 031 016 ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. 020 PRO 031 017 [ئىشقا قاراپ] ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ 020 PRO 031 018 ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. 020 PRO 031 019 ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. 020 PRO 031 020 ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. 020 PRO 031 021 قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. 020 PRO 031 022 كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. 020 PRO 031 023 ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 020 PRO 031 024 ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. 020 PRO 031 025 كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. 020 PRO 031 026 ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. 020 PRO 031 027 ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ. 020 PRO 031 028 پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ 020 PRO 031 029 «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ. 020 PRO 031 030 گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! 020 PRO 031 031 ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن! # # BOOK 021 ECC Ecclesiastes ھېكمەت توپلىغۇچى 021 ECC 001 001 يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ 021 ECC 001 002 «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» 021 ECC 001 003 قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟ 021 ECC 001 004 بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛ 021 ECC 001 005 كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ. 021 ECC 001 006 شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ. 021 ECC 001 007 بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ. 021 ECC 001 008 بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ كۆز كۆرۈشتىن، قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ. 021 ECC 001 009 بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر. 021 ECC 001 010 «مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر. 021 ECC 001 011 بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ. 021 ECC 001 012 مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛ 021 ECC 001 013 مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان! 021 ECC 001 014 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. 021 ECC 001 015 ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس. 021 ECC 001 016 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم. 021 ECC 001 017 شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم. 021 ECC 001 018 چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ. 021 ECC 002 001 مەن كۆڭلۈمدە: «قېنى، مەن ئۆزۈمگە تاماشىنىڭ تەمىنى تېتىغۇزۇپ باقىمەن؛ كۆڭلۈم ئېچىلسۇن!» ــ دېدىم. بىراق مانا، بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 002 002 مەن كۈلكە-چاقچاققا «تەلۋىلىك!» ۋە تاماشىغا «ئۇنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟» ــ دېدىم. 021 ECC 002 003 كۆڭلۈمدە ئۆز بەدىنىمنى شاراب بىلەن قانداق روھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا) بىلىشكە بېرىلىپ ئىزدەندىم، شۇنىڭدەك «ساناقلىق كۈنلىرىدە ئىنسان بالىلىرىغا ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان نېمە پايدىلىق ئىشلار بار؟» دېگەن تۈگۈننى يەشسەم دەپ ئەخمىقانىلىكنى قانداق تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئىنتىلىپ ئىزدىدىم. 021 ECC 002 004 مەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارغا كىرىشتىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆيلەرنى سالدىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈزۈمزارلارنى تىكتىم؛ 021 ECC 002 005 ئۆزۈم ئۈچۈن شاھانە باغ-باغچىلارنى ياسىدىم؛ ئۇلاردا ھەرخىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تىكتىم؛ 021 ECC 002 006 ئۆزۈم ئۈچۈن ئورماندىكى باراقسان دەرەخلەرنى ئوبدان سۇغىرىش ئۈچۈن، كۆلچەكلەرنى ياساپ چىقتىم؛ 021 ECC 002 007 قۇللارغا ۋە دېدەكلەرگە ئىگە بولدۇم؛ ئۆيۈمدە ئۇلاردىن تۇغۇلغانلارمۇ مېنىڭكى ئىدى؛ يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ مال-ۋارانلار، قوي ۋە كالا پادىلىرىم بار بولدى. 021 ECC 002 008 ئۆز-ئۆزۈمگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرخىل ئەتىۋارلىق ئالاھىدە گۆھەرلىرىنى يىغدىم؛ قىز-يىگىت ناخشىچىلارغا ھەمدە ئادەم بالىلىرىنىڭ دىلكۆيەرلىرىگە، يەنى كۆپلىگەن گۈزەل كېنىزەكلەرگە ئىگە بولدۇم. 021 ECC 002 009 ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە روناق تاپتىم؛ شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى. 021 ECC 002 010 كۆزلىرىمگە نېمە ياققان بولسا، مەن شۇنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىم؛ ئۆز كۆڭلۈمگە ھېچقانداق خۇشاللىقنى ياق دېمىدىم؛ چۈنكى كۆڭلۈم بارلىق ئەجرىمدىن شادلاندى؛ مانا، بۇلار ئۆز ئەجرىمدىن بولغان نېسىۋەم ئىدى. 021 ECC 002 011 ئاندىن ئۆز قولۇم ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى؛ بۇلار قۇياش ئاستىدىكى ھېچ پايدىسى يوق ئىشلاردۇر. 021 ECC 002 012 ئاندىن زېھنىمنى يىغىپ ئۇنى دانالىققا، تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىككە قاراشقا قويدۇم؛ چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم نېمە قىلالايدۇ؟ ــ قىلسىمۇ ئاللىقاچان قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! 021 ECC 002 013 شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. 021 ECC 002 014 دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 021 ECC 002 015 كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە: «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم. 021 ECC 002 016 چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە! 021 ECC 002 017 شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى. 021 ECC 002 018 شۇنىڭدەك مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىمگە ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى بۇنى مەندىن كېيىن كەلگەن كىشىگە قالدۇرماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى. 021 ECC 002 019 ئۇنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەرىبىر مەن جاپالىق بىلەن سىڭدۈرگەن ھەمدە دانالىق بىلەن ئادا قىلغان قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىم ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 002 020 ئاندىن مەن رايىمدىن ياندىم، كۆڭلۈم قۇياش ئاستىدىكى جاپا تارتقان بارلىق ئەجرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. 021 ECC 002 021 چۈنكى ئەجرىنى دانالىق، بىلىم ۋە ئەپ بىلەن قىلغان بىر ئادەم بار؛ بىراق ئۇ ئەجرىنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشلىمىگەن باشقا بىرسىنىڭ نېسىۋىسى بولۇشقا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئىنتايىن ئاچچىق كۈلپەتتۇر. 021 ECC 002 022 چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟ 021 ECC 002 023 چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 002 024 ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم. 021 ECC 002 025 چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟ 021 ECC 002 026 چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. 021 ECC 003 001 ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛ 021 ECC 003 002 تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛ تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛ 021 ECC 003 003 ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛ 021 ECC 003 004 يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛ ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛ 021 ECC 003 005 تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ-توپلاش ۋاقتى بار؛ قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛ 021 ECC 003 006 ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛ 021 ECC 003 007 يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛ 021 ECC 003 008 سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار. 021 ECC 003 009 ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟ 021 ECC 003 010 مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن. 021 ECC 003 011 ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر. 021 ECC 003 012 ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم. 021 ECC 003 013 شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر. 021 ECC 003 014 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر. 021 ECC 003 015 ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ. 021 ECC 003 016 مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ! 021 ECC 003 017 مەن كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ-مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم. 021 ECC 003 018 مەن كۆڭلۈمدە: ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، [بۇ ئىشلار] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم. 021 ECC 003 019 چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 003 020 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا-چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا-چاڭغا قايتىدۇ. 021 ECC 003 021 كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟ 021 ECC 003 022 شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟ 021 ECC 004 001 ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. 021 ECC 004 002 شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛ 021 ECC 004 003 شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان. 021 ECC 004 004 ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. 021 ECC 004 005 ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ. 021 ECC 004 006 جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر. 021 ECC 004 007 مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛ 021 ECC 004 008 بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر. 021 ECC 004 009 ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. 021 ECC 004 010 يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! 021 ECC 004 011 يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ 021 ECC 004 012 يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس. 021 ECC 004 013 كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛ 021 ECC 004 014 چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى. 021 ECC 004 015 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى [پادىشاھنىڭ] ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم. 021 ECC 004 016 بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. 021 ECC 005 001 خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ. 021 ECC 005 002 ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن. 021 ECC 005 003 چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ. 021 ECC 005 004 خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن. 021 ECC 005 005 قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر. 021 ECC 005 006 ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا: «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟ 021 ECC 005 007 چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن! 021 ECC 005 008 سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر. 021 ECC 005 009 بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ. 021 ECC 005 010 كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 005 011 مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ 021 ECC 005 012 ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس. 021 ECC 005 013 مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛ 021 ECC 005 014 شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، [ئوغلىنىڭ] قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ. 021 ECC 005 015 ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ. 021 ECC 005 016 مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ 021 ECC 005 017 ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ-ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ. 021 ECC 005 018 مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر. 021 ECC 005 019 خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر. 021 ECC 005 020 چۈنكى ئۇ ئۆمرىدىكى تېز ئۆتىدىغان كۈنلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى كۆڭلىنىڭ شادلىقى بىلەن بەند قىلىدۇ. 021 ECC 006 001 قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ 021 ECC 006 002 خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر. 021 ECC 006 003 بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن. 021 ECC 006 004 چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛ 021 ECC 006 005 ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر. 021 ECC 006 006 بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟ 021 ECC 006 007 ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ. 021 ECC 006 008 شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ 021 ECC 006 009 كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. 021 ECC 006 010 ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ. 021 ECC 006 011 چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟ 021 ECC 006 012 چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە، يەنى ئۇنىڭ سايىدەك تېزلا ئۆتىدىغان مەنىسىز ئۆمرىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن؟ چۈنكى ئىنسانغا ئۇ كەتكەندىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمە ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلىسۇن؟ 021 ECC 007 001 ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر. 021 ECC 007 002 ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. 021 ECC 007 003 غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ. 021 ECC 007 004 دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر. 021 ECC 007 005 ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛ 021 ECC 007 006 چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 007 007 جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ، پارا بولسا قەلبنى ھالاك قىلىدۇ. 021 ECC 007 008 ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر. 021 ECC 007 009 روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ. 021 ECC 007 010 «نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس. 021 ECC 007 011 دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر. 021 ECC 007 012 چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. 021 ECC 007 013 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟ 021 ECC 007 014 ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ. 021 ECC 007 015 مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم. 021 ECC 007 016 ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟ 021 ECC 007 017 ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛ ئۆز ئەجىلىڭ توشماي تۇرۇپ ئۆلمەكچىمۇسەن؟ 021 ECC 007 018 شۇڭا، بۇ [ئاگاھنى] چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ [ئاگاھنىمۇ] قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. 021 ECC 007 019 دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ. 021 ECC 007 020 بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر. 021 ECC 007 021 يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. 021 ECC 007 022 چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن. 021 ECC 007 023 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى. 021 ECC 007 024 بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟ 021 ECC 007 025 مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم. 021 ECC 007 026 شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. 021 ECC 007 027 بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛ 021 ECC 007 028 مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم. 021 ECC 007 029 مانا كۆرگىن، مېنىڭ بايقىغانلىرىم پەقەت مۇشۇ بىرلا ــ خۇدا ئادەمنى ئەسلى دۇرۇس ياراتقان؛ بىراق ئادەملەر بولسا نۇرغۇنلىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىزدەيدۇ. 021 ECC 008 001 كىم دانا كىشىگە تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى بىلىدۇ؟ كىشىنىڭ دانالىقى چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، يۈزىنىڭ سۈرىنى يورۇتىدۇ. 021 ECC 008 002 پادىشاھنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سېلىشىڭنى دەۋەت قىلىمەن؛ بولۇپمۇ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسەم تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلغىن. 021 ECC 008 003 ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىما؛ يامان بىر دەۋانى قوللاشتا چىڭ تۇرما؛ چۈنكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. 021 ECC 008 004 چۈنكى پادىشاھنىڭ سۆزى ھوقۇقتۇر؛ كىم ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمە قىلىلا؟» ــ دېيەلىسۇن؟ 021 ECC 008 005 كىم [پادىشاھنىڭ] پەرمانىنى تۇتقان بولسا ھېچ يامانلىقنى كۆرمەيدۇ؛ دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ھەم پەيتنى ھەم يولنى پەملىيەلەيدۇ. 021 ECC 008 006 چۈنكى ھەربىر ئىش-ئارزۇنىڭ پەيتى ۋە يولى بار؛ ئىنسان كېيىنكى ئىشلارنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ. كىم ئۇنىڭغا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتالىسۇن؟ 021 ECC 008 008 ھېچكىم ئۆز روھىغا ئىگە بولالماس، يەنى ھېچكىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۆزىدە قالدۇرۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈش كۈنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ شۇ جەڭدىن قېچىشقا رۇخسەت يوقتۇر؛ رەزىللىك رەزىللىككە بېرىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزماس. 021 ECC 008 009 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا، ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم. 021 ECC 008 010 شۇنىڭدەك رەزىللەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلار ئەسلىدە مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى؛ ئۇلار [مۇقەددەس جايدىن] چىقىپلا، رەزىل ئىشلارنى قىلغان شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ تېخى! بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر! 021 ECC 008 011 رەزىللىك ئۈستىدىن ھۆكۈم تېزدىن بەجا كەلتۈرۈلمىگەچكە، شۇڭا ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭلى رەزىللىكنى يۈرگۈزۈشكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىدۇ. 021 ECC 008 012 گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ. 021 ECC 008 013 بىراق رەزىللەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا قورقمايدۇ. 021 ECC 008 014 يەر يۈزىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر بىمەنىلىك بار؛ بېشىغا رەزىللەرنىڭ قىلغىنى بويىچە كۈن چۈشىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بار؛ بېشىغا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ قىلغىنى بويىچە ياخشىلىق چۈشىدىغان رەزىل ئادەملەرمۇ بار. مەن بۇ ئىشنىمۇ بىمەنىلىك دېدىم. 021 ECC 008 015 شۇڭا مەن تاماشىنى تەرىپلىدىم؛ چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن قۇياش ئاستىدا يېيىش، ئىچىش ۋە ھۇزۇر ئېلىشتىن ياخسى ئىش يوقتۇر؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن بولغان مېۋە خۇدا تەقدىم قىلغان قۇياش ئاستىدىكى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. 021 ECC 008 016 كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا، شۇنداقلا خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرگىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ــ ئىنسان ھەتتا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇنى كۆرسەتمىسىمۇ، قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئىشنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۇ ئۇنى چۈشىنىشكە قانچە ئىنتىلسە، ئۇ شۇنچە بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ھەتتا دانا كىشى «بۇنى بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ. 021 ECC 009 001 مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن. 021 ECC 009 002 ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. 021 ECC 009 003 مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ. 021 ECC 009 004 چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا. 021 ECC 009 005 تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ. 021 ECC 009 006 ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر. 021 ECC 009 007 بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان. 021 ECC 009 008 كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن. 021 ECC 009 009 خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر. 021 ECC 009 010 قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. 021 ECC 009 011 مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ. 021 ECC 009 012 بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ. 021 ECC 009 013 مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛ 021 ECC 009 014 كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى. 021 ECC 009 015 بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى. 021 ECC 009 016 شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ. 021 ECC 009 017 دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار. 021 ECC 009 018 دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ. 021 ECC 010 001 خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ. 021 ECC 010 002 دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا. 021 ECC 010 003 ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ. 021 ECC 010 004 ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ. 021 ECC 010 005 قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ 021 ECC 010 006 ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ 021 ECC 010 007 مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم. 021 ECC 010 008 ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ 021 ECC 010 009 تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. 021 ECC 010 010 پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. 021 ECC 010 011 يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟ 021 ECC 010 012 دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. 021 ECC 010 013 سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛ 021 ECC 010 014 ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟ 021 ECC 010 015 ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ. 021 ECC 010 016 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي! 021 ECC 010 017 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ! 021 ECC 010 018 ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ. 021 ECC 010 019 زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار! 021 ECC 010 020 پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ. 021 ECC 011 001 نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن. 021 ECC 011 002 بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. 021 ECC 011 003 بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ. 021 ECC 011 004 شامالنى كۆزىتىدىغانلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ؛ بۇلۇتلارغا قارايدىغانلار ئورما ئورمايدۇ. 021 ECC 011 005 سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن. 021 ECC 011 006 سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. 021 ECC 011 007 نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر. 021 ECC 011 008 شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر! 021 ECC 011 009 ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ. 021 ECC 011 010 ئەمدى كۆڭلۈڭدىن غەشلىكنى ئېلىپ تاشلا، تېنىڭدىن يامانلىقنى نېرى قىل؛ چۈنكى بالىلىق ۋە ياشلىقمۇ بىمەنىلىكتۇر. 021 ECC 012 001 ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛ 021 ECC 012 002 قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن. 021 ECC 012 003 شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛ 021 ECC 012 004 كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛ 021 ECC 012 005 كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ 021 ECC 012 006 كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە، 021 ECC 012 007 توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن! 021 ECC 012 008 بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» 021 ECC 012 009 شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى. 021 ECC 012 010 ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. 021 ECC 012 011 دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. 021 ECC 012 012 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ. 021 ECC 012 013 بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ 021 ECC 012 014 چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. # # BOOK 022 SOL Song of Solomon كۈيلەرنىڭ كۈيى 022 SOL 001 001 «كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى. 022 SOL 001 002 «ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر. 022 SOL 001 003 خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!» 022 SOL 001 004 «بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز». 022 SOL 001 005 «ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن. 022 SOL 001 006 ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، چۈنكى قارىدۇرمەن، چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن». 022 SOL 001 007 «ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە، پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟ ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟ ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» 022 SOL 001 008 «ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ، پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ، پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن». 022 SOL 001 009 «ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛ 022 SOL 001 010 سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر. 022 SOL 001 011 بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز». 022 SOL 001 012 «پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛ 022 SOL 001 013 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛ 022 SOL 001 014 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر». 022 SOL 001 015 «مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!» 022 SOL 001 016 «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛ 022 SOL 001 017 ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن، ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر. 022 SOL 002 001 مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛ جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!» 022 SOL 002 002 «تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». 022 SOL 002 003 «ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛ 022 SOL 002 004 ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر. 022 SOL 002 005 مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ 022 SOL 002 006 ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ. 022 SOL 002 007 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» 022 SOL 002 008 «سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ! 022 SOL 002 009 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ». 022 SOL 002 010 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛ 022 SOL 002 011 چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛ 022 SOL 002 012 يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛ 022 SOL 002 013 ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن! 022 SOL 002 014 ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!» 022 SOL 002 015 «تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە». 022 SOL 002 016 «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ». 022 SOL 002 017 «تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!». 022 SOL 003 001 «ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ 022 SOL 003 002 مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ كوچىلاردا، مەيدانلاردا، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ 022 SOL 003 003 شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. 022 SOL 003 004 ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم». 022 SOL 003 005 «ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار». 022 SOL 003 006 «بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟» 022 SOL 003 007 «مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر. 022 SOL 003 008 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ». 022 SOL 003 009 «سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان. 022 SOL 003 010 ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن. 022 SOL 003 011 چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!» 022 SOL 004 001 «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! مانا، سەن گۈزەل! چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. 022 SOL 004 002 چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر. 022 SOL 004 003 لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. 022 SOL 004 004 بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر. 022 SOL 004 005 ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛ 022 SOL 004 006 تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن. 022 SOL 004 007 سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر». 022 SOL 004 008 «لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!» 022 SOL 004 009 «سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ. 022 SOL 004 010 سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر! 022 SOL 004 011 لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛ 022 SOL 004 012 سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن. 022 SOL 004 013 شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن، 022 SOL 004 014 سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار. 022 SOL 004 015 باغلاردا بىر فونتان سەن، ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن». 022 SOL 004 016 «ئويغان، شىمالدىكى شامال؛ كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال! مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛ شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ! سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن! ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!» 022 SOL 005 001 «مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛ مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم». «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!» 022 SOL 005 002 «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: ــ ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: ــ ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛ مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛ چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن، چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!» 022 SOL 005 003 «مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن، قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟ مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم، قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟» 022 SOL 005 004 سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛ مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛ 022 SOL 005 005 سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛ قوللىرىمدىن مۇرمەككى، بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى، تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛ 022 SOL 005 006 سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛ بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى. ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛ ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛ ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛ 022 SOL 005 007 شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛ سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى. 022 SOL 005 008 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار، ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار». 022 SOL 005 009 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟». 022 SOL 005 010 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت، ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛ 022 SOL 005 011 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر، بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك، تاغ قاغىسىدەك قارا. 022 SOL 005 012 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك، سۈت بىلەن يۇيۇلغان، يارىشىقىدا قويۇلغان؛ 022 SOL 005 013 ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛ 022 SOL 005 014 ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار، ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان. قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان، كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن. 022 SOL 005 015 ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر، ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن. ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك، كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر. 022 SOL 005 016 ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛ بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ــ بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!» 022 SOL 006 001 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قەيەرگە بۇرۇلۇپ كەتتى؟ بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!» 022 SOL 006 002 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا چۈشتى، تېتىتقۇ ئوتياشلىقلارغا چۈشتى. باغلاردا ئوزۇقلىنىشقا، نىلۇپەرلەرنى يىغىشقا چۈشتى. 022 SOL 006 003 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ» 022 SOL 006 004 «سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛ يېرۇسالېمدەك يېقىملىق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛ 022 SOL 006 005 ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. 022 SOL 006 006 چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛ 022 SOL 006 007 چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. 022 SOL 006 008 ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز؛ 022 SOL 006 009 بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى». 022 SOL 006 010 «تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟» 022 SOL 006 011 «مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم، جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە، ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛ 022 SOL 006 012 بىراق بىلە-بىلمەي، جېنىم مېنى كۆتۈرۈپ، ئېسىل خەلقىمنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە قويغانىكەن». 022 SOL 006 013 «قايتقىن، قايتقىن، ئى شۇلامىت ــ قايتقىن، قايتقىن، بىزنىڭ ساڭا قارىغۇمىز باردۇر!» «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟» «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!» 022 SOL 007 001 «ئى شاھزادىنىڭ قىزى، كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر. 022 SOL 007 002 كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ. 022 SOL 007 003 ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ 022 SOL 007 004 بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ 022 SOL 007 005 ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر. 022 SOL 007 006 ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! 022 SOL 007 007 سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر. 022 SOL 007 008 مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...». 022 SOL 007 009 «...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...! 022 SOL 007 010 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ». 022 SOL 007 011 «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى، 022 SOL 007 012 ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. 022 SOL 007 013 مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!» 022 SOL 008 001 «ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى. 022 SOL 008 002 مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم. 022 SOL 008 003 ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». 022 SOL 008 004 «سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» 022 SOL 008 005 «دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى». 022 SOL 008 006 «مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! 022 SOL 008 007 كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ». 022 SOL 008 008 «بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟» 022 SOL 008 009 «ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز». 022 SOL 008 010 «ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم». 022 SOL 008 011 «سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛ 022 SOL 008 012 ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن». 022 SOL 008 013 «ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن». 022 SOL 008 014 «ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!» # # BOOK 023 ISA Isaiah يەشايا 023 ISA 001 001 ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ 023 ISA 001 002 «ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. 023 ISA 001 003 كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا [ماڭىدىغان يولنى] بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس. 023 ISA 001 004 ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى. 023 ISA 001 005 نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى، 023 ISA 001 006 بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن. 023 ISA 001 007 ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى. 023 ISA 001 008 ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى. 023 ISA 001 009 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق. 023 ISA 001 010 ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار! 023 ISA 001 011 سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن. 023 ISA 001 012 سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟ 023 ISA 001 013 بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. 023 ISA 001 014 «يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم. 023 ISA 001 015 قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى. 023 ISA 001 016 ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛ 023 ISA 001 017 ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار. 023 ISA 001 018 ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ. 023 ISA 001 019 ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛ 023 ISA 001 020 بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن. 023 ISA 001 021 سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ. 023 ISA 001 022 كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛ 023 ISA 001 023 ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ. 023 ISA 001 024 شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى [جازالاپ] پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛ 023 ISA 001 025 قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن. 023 ISA 001 026 ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن. 023 ISA 001 027 ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ. 023 ISA 001 028 بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ. 023 ISA 001 029 شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر، تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر. 023 ISA 001 030 چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك، سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر. 023 ISA 001 031 شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى، ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛ بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ. 023 ISA 002 001 بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ 023 ISA 002 002 ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. 023 ISA 002 003 نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. 023 ISA 002 004 ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ. 023 ISA 002 005 ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!». 023 ISA 002 006 ــ سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپ جەمەتىنى تاشلاپ قويدۇڭ؛ چۈنكى ئۇلار شەرقتىكى خۇراپاتلار بىلەن تولدۇرۇلدى؛ ئۇلار فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ؛ ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن قول تۇتۇشىدۇ؛ 023 ISA 002 007 زېمىنى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى؛ بايلىقلىرى تۈگىمەس؛ يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس؛ 023 ISA 002 008 زېمىنى بۇتلار بىلەنمۇ لىق بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغانلىرىغا، بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ. 023 ISA 002 009 شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن. 023 ISA 002 010 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، [خادا] تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال! 023 ISA 002 011 چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. 023 ISA 002 012 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)، 023 ISA 002 013 شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، 023 ISA 002 014 ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە، 023 ISA 002 015 ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە، ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە، 023 ISA 002 016 تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ. 023 ISA 002 017 ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ، شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. 023 ISA 002 018 بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ. 023 ISA 002 019 پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە، يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛ 023 ISA 002 020 شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛ 023 ISA 002 021 پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە، يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛ 023 ISA 002 022 ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار، چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟! 023 ISA 003 001 چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان [بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ]، ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ، 023 ISA 003 002 پالۋان ۋە لەشكەر، سوتچى ۋە پەيغەمبەر، پالچى ۋە ئاقساقال، 023 ISA 003 003 ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. 023 ISA 003 004 ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. 023 ISA 003 005 پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ بالىلار قېرىلارغا، مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛ 023 ISA 003 006 شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ [قەسەم ئىچىپ]: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 003 008 چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى. 023 ISA 003 009 ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن! 023 ISA 003 010 ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛ 023 ISA 003 011 رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. 023 ISA 003 012 مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ. 023 ISA 003 013 پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛ 023 ISA 003 014 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ. 023 ISA 003 015 ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. 023 ISA 003 016 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛ 023 ISA 003 017 شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ». 023 ISA 003 018 ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى، 023 ISA 003 019 ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى، 023 ISA 003 020 روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى، 023 ISA 003 021 ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، 023 ISA 003 022 ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى، 023 ISA 003 023 ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 023 ISA 003 024 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ. 023 ISA 003 025 سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ. 023 ISA 003 026 [زىئوننىڭ] قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. 023 ISA 004 001 شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 004 002 شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. 023 ISA 004 003 ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ. 023 ISA 004 004 شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. 023 ISA 004 005 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ. 023 ISA 004 006 شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ». 023 ISA 005 001 مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛ 023 ISA 005 002 ئۇ ھەممە يېرىنى كولاپ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىدى، ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلى تىكتى؛ ئۇ ئۈزۈمزار ئوتتۇرىسىغا كۆزىتىش مۇنارى سالدى، ئۈزۈمزار ئىچىدىمۇ شاراپ كۆلچىكى قازدى، ئاندىن ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل كۈتتى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىغا، ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى. 023 ISA 005 003 قېنى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، مەن بىلەن ئۈزۈمزارىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىڭلار! 023 ISA 005 004 مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟ 023 ISA 005 005 ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ. 023 ISA 005 006 مەن ئۇنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن؛ ھېچكىم ئۇنى چاتاپ-پۇتاپ، پەرۋىش قىلمايدۇ؛ جىغانلار ۋە تىكەنلەر ئۇنىڭدا ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يامغۇر ياغدۇرماڭلار دەپ بۇيرۇيمەن. 023 ISA 005 007 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارى ــ ئىسرائىل جەمەتى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولغان ئۆسۈملۈك بولسا ــ يەھۇدادىكىلەردۇر؛ ئۇ ئادالەت مېۋىسىنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى زۇلۇم كۆردى؛ ھەققانىيلىقنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى نالە-پەرياد بولدى! 023 ISA 005 008 خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى-ئۆيگە، ئېتىزنى-ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟ 023 ISA 005 009 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق دېدى: ــ «كۆپلىگەن ئۆيلەر، دەرۋەقە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، خاراب بولىدۇ. 023 ISA 005 010 بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ، ئوتتۇز كۈرە دان بولسا پەقەت ئۈچ كۈرە ھوسۇل بېرىدۇ. 023 ISA 005 011 مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي! 023 ISA 005 012 ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ. 023 ISA 005 013 شۇ سەۋەبتىن ئۆز خەلقىم بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ ئېسىلزادىلىرى ئېچىرقىشىپ، پۇقرالىرى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كېتىدۇ. 023 ISA 005 014 شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ-توپ ئادەملىرى، قىقاس-سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 023 ISA 005 015 پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ، تەكەببۇرلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ؛ 023 ISA 005 016 بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ. 023 ISA 005 017 شۇ چاغدا قوزىلار ئۆز يايلاقلىرىدا تۇرغاندەك ئوتلايدۇ، مۇساپىرلارمۇ بايلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە ئوزۇقلىنىدۇ. 023 ISA 005 018 قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي! 023 ISA 005 019 يەنى: «[خۇدا] ئالدىرىسۇن! ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي! 023 ISA 005 020 ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي! 023 ISA 005 021 ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي! 023 ISA 005 022 شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا، 023 ISA 005 023 يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي! 023 ISA 005 024 شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلىرى چاڭ-توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق-قانۇنىنى چەتكە قاققان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز-كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى. 023 ISA 005 025 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز خەلقىگە قاراپ قاينايدۇ، ئۇ ئۇلارغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈكلەر ئەخلەتلەردەك كوچىلار ئوتتۇرىسىدا دۆۋە-دۆۋە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 023 ISA 005 026 ئۇ يىراقتىكى ئەللەرنى چاقىرىپ تۇغنى كۆتۈرىدۇ، ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىسىدىن بىر ئەلنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ مانا ئۇلار تېزدىن ئالدىراپ كېلىدۇ! 023 ISA 005 027 ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛ 023 ISA 005 028 ئۇلارنىڭ ئوقلىرى ئىتتىك، بارلىق ئوقيالىرىنىڭ كىرىچلىرى تارتىلىپ تەييار تۇرىدۇ، ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تېشىدەك بولىدۇ، [جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ] چاقلىرى قويۇنتازدەك ئايلىنىدۇ؛ 023 ISA 005 029 ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ-غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ. 023 ISA 005 030 شۇ كۈنى ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ؛ ئەگەر بىرەرسى يەر-زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا، پەقەت قاراڭغۇلۇق، دەرد-ئەلەمنىلا كۆرىدۇ! ھەرقانداق نۇر بۇلۇت-تۇمان تەرىپىدىن غۇۋالىشىدۇ. 023 ISA 006 001 ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. 023 ISA 006 002 ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. 023 ISA 006 003 ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى. 023 ISA 006 004 توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى. 023 ISA 006 005 شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم. 023 ISA 006 006 شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ 023 ISA 006 007 ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى. 023 ISA 006 008 ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم. 023 ISA 006 009 ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. 023 ISA 006 010 مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى». 023 ISA 006 011 ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز، ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە، 023 ISA 006 012 پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ، زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى. 023 ISA 006 013 «ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛ ئۇلار [زېمىنغا] قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ، كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛ كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر. 023 ISA 007 001 يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى. 023 ISA 007 002 داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ «سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى. 023 ISA 007 003 ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. 023 ISA 007 004 سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە! 023 ISA 007 005 چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ 023 ISA 007 006 «بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى. 023 ISA 007 007 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ 023 ISA 007 008 چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛ ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛ 023 ISA 007 009 ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر، سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن». 023 ISA 007 010 پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ 023 ISA 007 011 «ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. 023 ISA 007 012 بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى. 023 ISA 007 013 ئاندىن [يەشايا]: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟ 023 ISA 007 014 شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ. 023 ISA 007 015 ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. 023 ISA 007 016 چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. 023 ISA 007 017 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر! 023 ISA 007 018 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ 023 ISA 007 019 ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ. 023 ISA 007 020 ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ 023 ISA 007 021 شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ، 023 ISA 007 022 ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ. 023 ISA 007 023 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ 023 ISA 007 024 ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 023 ISA 007 025 ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛ بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان، قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس. 023 ISA 008 001 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى. 023 ISA 008 002 مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم. 023 ISA 008 003 ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛ 023 ISA 008 004 چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى. 023 ISA 008 005 پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 023 ISA 008 006 «مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا، 023 ISA 008 007 شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛ 023 ISA 008 008 ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛ ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل! 023 ISA 008 009 ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! 023 ISA 008 010 پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!». 023 ISA 008 011 چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ، مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ 023 ISA 008 012 «مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ 023 ISA 008 013 پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن! 023 ISA 008 014 ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛ 023 ISA 008 015 ئۇلاردىن كۆپلەر [ئۇنىڭغا] پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ». 023 ISA 008 016 ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن. 023 ISA 008 017 مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن. 023 ISA 008 018 قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز». 023 ISA 008 019 ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار. 023 ISA 008 020 ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ! 023 ISA 008 021 ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛ 023 ISA 008 022 ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ. 023 ISA 009 001 بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛ بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ 023 ISA 009 002 قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى. 023 ISA 009 003 ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛ خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك، جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك، ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ. 023 ISA 009 004 چۈنكى مىدىياننىڭ [ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان] كۈنگە ئوخشاش، سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى، مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى، ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ. 023 ISA 009 005 چۈنكى [لەشكەرلەرنىڭ] ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ. 023 ISA 009 006 چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. 023 ISA 009 007 ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ. 023 ISA 009 008 رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى، ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ، 023 ISA 009 009 بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ [سۆزنىڭ] توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ 023 ISA 009 010 ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛ ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛ 023 ISA 009 011 شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى [ئىسرائىلغا] قارشى كۈچلەندۈردى، [ياقۇپنىڭ] دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى. 023 ISA 009 012 شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر، ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ. ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 023 ISA 009 013 بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ. 023 ISA 009 014 شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛ 023 ISA 009 015 مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛ يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر. 023 ISA 009 016 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ. 023 ISA 009 017 شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ، يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛ چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى، ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 023 ISA 009 018 چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ، ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ، ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛ 023 ISA 009 019 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ، خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ. 023 ISA 009 020 بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ، سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛ ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛ 023 ISA 009 021 مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 023 ISA 010 001 قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي! 023 ISA 010 002 تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ. 023 ISA 010 003 ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟ 023 ISA 010 004 ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 023 ISA 010 005 قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي! 023 ISA 010 006 مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن. 023 ISA 010 007 بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. 023 ISA 010 008 ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ 023 ISA 010 009 كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ 023 ISA 010 010 مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا، 023 ISA 010 011 سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ. 023 ISA 010 012 بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى [ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن]، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ. 023 ISA 010 013 چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛ 023 ISA 010 014 مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ. 023 ISA 010 015 پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟! 023 ISA 010 016 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ. 023 ISA 010 017 «ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ. 023 ISA 010 018 ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. 023 ISA 010 019 بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ. 023 ISA 010 020 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ. 023 ISA 010 021 بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 023 ISA 010 022 ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛ 023 ISA 010 023 چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 023 ISA 010 024 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ، 023 ISA 010 025 پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن. 023 ISA 010 026 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛ 023 ISA 010 027 ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. 023 ISA 010 028 مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛ 023 ISA 010 029 ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛ 023 ISA 010 030 ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت! 023 ISA 010 031 مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛ 023 ISA 010 032 شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. 023 ISA 010 033 مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ. 023 ISA 010 034 ئۇ تۆمۈر [قوراللار] بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ. 023 ISA 011 001 ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. 023 ISA 011 002 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛ 023 ISA 011 003 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ. 023 ISA 011 004 ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىن-مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 023 ISA 011 005 ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ. 023 ISA 011 006 بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ. 023 ISA 011 007 كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ. 023 ISA 011 008 ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛ 023 ISA 011 009 مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. 023 ISA 011 010 شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان-شەرەپكە تولىدۇ. 023 ISA 011 011 شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ. 023 ISA 011 012 ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ. 023 ISA 011 013 شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ. 023 ISA 011 014 بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛ ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ. 023 ISA 011 015 پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛ ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ، ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛ 023 ISA 011 016 شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن، مىسىردىن چىققان كۈنىدە ئىسرائىل ئۈچۈن تەييارلىغان يولغا ئوخشاش، ئاسۇرىيەدە قالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ يەردىن كېلىدىغان بىر كۆتۈرۈلگەن ئېگىز يول بولىدۇ. 023 ISA 012 001 ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛ سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن، غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى، ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ. 023 ISA 012 002 مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛ مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن، ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛ ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن. 023 ISA 012 003 ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر. 023 ISA 012 004 شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ «پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار. 023 ISA 012 005 پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛ مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن! 023 ISA 012 006 زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر. 023 ISA 013 001 ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ 023 ISA 013 002 [بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار. 023 ISA 013 003 مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم. 023 ISA 013 004 ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. 023 ISA 013 005 ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن. 023 ISA 013 006 پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ. 023 ISA 013 007 بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. 023 ISA 013 008 ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ. 023 ISA 013 009 مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. 023 ISA 013 010 چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ. 023 ISA 013 011 مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. 023 ISA 013 012 مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن. 023 ISA 013 013 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛ 023 ISA 013 014 شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛ 023 ISA 013 015 قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ. 023 ISA 013 016 ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. 023 ISA 013 017 مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ. 023 ISA 013 018 ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ. 023 ISA 013 019 پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ. 023 ISA 013 020 ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ. 023 ISA 013 021 بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، ئۇلارنىڭ [خاراب] ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ. 023 ISA 013 022 ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. 023 ISA 014 001 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. 023 ISA 014 002 ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛ ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛ ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. 023 ISA 014 003 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە، 023 ISA 014 004 سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى! 023 ISA 014 005 پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى، ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى، 023 ISA 014 006 يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى، ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى. 023 ISA 014 007 پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ. 023 ISA 014 008 قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ، لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 014 009 سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ 023 ISA 014 010 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!» 023 ISA 014 011 سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. 023 ISA 014 012 ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ! 023 ISA 014 013 سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛ 023 ISA 014 014 مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ. 023 ISA 014 015 ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». 023 ISA 014 016 سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟ 023 ISA 014 017 يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان، تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ. 023 ISA 014 018 مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، [قاراڭغۇلۇقتىكى] ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ، 023 ISA 014 019 بىراق سەن كەمسىتىلگەن [چىرىگەن] بىر شاخ كەبى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا، قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش، ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك، ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ. 023 ISA 014 020 سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن، ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛ رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ. 023 ISA 014 021 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ. 023 ISA 014 022 چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 023 ISA 014 023 ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 023 ISA 014 024 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛ قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ، 023 ISA 014 025 مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 023 ISA 014 026 مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر. 023 ISA 014 027 پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن، كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟ 023 ISA 014 028 ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ 023 ISA 014 029 ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار، «بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛ چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ. 023 ISA 014 030 شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ، مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛ بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. 023 ISA 014 031 شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن، ئى شەھەر، پەرياد چەككىن! ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن! چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ. 023 ISA 014 032 ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ «زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!» 023 ISA 015 001 موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛ 023 ISA 015 002 يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا [بارلىق] ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى. 023 ISA 015 003 كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ. 023 ISA 015 004 ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ. 023 ISA 015 005 مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ. 023 ISA 015 006 چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ. 023 ISA 015 007 شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛ 023 ISA 015 008 ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ. 023 ISA 015 009 دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن. 023 ISA 016 001 «ئەمدى [غەللە-پاراق] قوزىسىنى سېلا [رايوندىن] ئېلىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا، يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!» 023 ISA 016 002 ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە [ئالاقزادە] يۈرىدۇ. 023 ISA 016 003 «پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!» 023 ISA 016 004 «[ئى زىئون قىزى]، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!». 023 ISA 016 005 «[ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا]، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ. 023 ISA 016 006 ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛ بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ! 023 ISA 016 007 شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار! 023 ISA 016 008 ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى. 023 ISA 016 009 شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ. 023 ISA 016 010 خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛ ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ، نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛ دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ. چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم. 023 ISA 016 011 شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ، ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛ 023 ISA 016 012 شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە، ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. 023 ISA 016 013 مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان. 023 ISA 016 014 بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ». 023 ISA 017 001 دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 023 ISA 017 002 ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ، قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ، ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ. 023 ISA 017 003 ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ، دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى، سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛ ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ. ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 023 ISA 017 004 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ، تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ. 023 ISA 017 005 ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، [قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ]؛ 023 ISA 017 006 ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق، زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن، ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە، كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار. 023 ISA 017 007 ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ، كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ. 023 ISA 017 008 ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا، ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ، نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ. 023 ISA 017 009 شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى، ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك، ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. 023 ISA 017 010 چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ، كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛ شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن، 023 ISA 017 011 ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن، تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن، ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس! 023 ISA 017 012 ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ. 023 ISA 017 013 ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ! 023 ISA 017 014 كەچتە ــ ۋەھىمە! تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق! مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى، بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر! 023 ISA 018 001 ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە [قايتىپ] بېرىڭلار! 023 ISA 018 003 جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر! تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا، كۆرۈڭلار! كاناي چېلىنغاندىلا، ئاڭلاڭلار! 023 ISA 018 004 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛ 023 ISA 018 005 چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن، چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ. 023 ISA 018 006 ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. 023 ISA 018 007 شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. 023 ISA 019 001 مىسىر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، پەرۋەردىگار تېز ئۇچىدىغان بۇلۇت ئۈستىگە مىنىپ، مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ؛ مىسىردىكى بۇتلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ، مىسىرنىڭ يۈرىكى بولسا ئىچىدىن ئېرىپ كېتىدۇ. 023 ISA 019 002 ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛ 023 ISA 019 003 ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛ 023 ISA 019 004 مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئەشەددىي بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار؛ 023 ISA 019 005 ھەم سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ، دەرياسى قاغجىراپ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ؛ 023 ISA 019 006 دەريالارنى سېسىقچىلىق قاپلايدۇ، مىسىرنىڭ ئۆستەڭ-قاناللىرى قاغجىراپ تۈگەيدۇ؛ قومۇشلار ھەم يېكەنلەر سولىشىدۇ؛ 023 ISA 019 007 نىل دەرياسى بويىدىكى يەرلەر، نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى يەرلەر گىياھسىز قالىدۇ، نىل دەرياسى بويىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ، توزۇپ، يوقىلىدۇ. 023 ISA 019 008 بېلىقچىلار بولسا زار قاقشايدۇ؛ نىل دەرياسىغا قارماق تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نالە كۆتۈرىدۇ؛ سۇلارنىڭ ئۈستىگە تور يايغۇچىلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىدۇ. 023 ISA 019 009 زىغىرچىلار ھەم لىباس توقۇغۇچىلار خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، 023 ISA 019 010 جەمئىيەتنىڭ «تۈۋرۈك»لىرى پارە-پارە بولۇپ، مەدىكارلارنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ. 023 ISA 019 011 تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟ 023 ISA 019 012 [مىسىر]، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ ھازىر قېنى؟ ئۇلار دانىشمەن بولسا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى ساڭا ئايان قىلسۇن! 023 ISA 019 013 زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نادانلاشتى، مەمفىس شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنىپ كەتتى؛ مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى بولسا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى. 023 ISA 019 014 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى. 023 ISA 019 015 شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا، باش، قۇيرۇق، پالما شېخى ياكى قومۇشلار قىلالىغۇدەك ھېچقانداق ئامال قالمايدۇ. 023 ISA 019 016 شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەڭلىشى بىلەن تىترەپ قورقىدۇ، 023 ISA 019 017 ھەمدە يەھۇدا زېمىنى بولسا مىسىرغا ۋەھىمە بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، كىمگە يەھۇدانىڭ گېپى قىلىنسىلا شۇ چۆچۈيدۇ. 023 ISA 019 018 شۇ كۈنى قانائاننىڭ تىلى سۆزلەيدىغان، ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بېقىنىپ سادىقلىق قەسىمى قىلىدىغان مىسىرنىڭ بەش شەھىرى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى «ھالاك شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 023 ISA 019 019 شۇ كۈنى مىسىرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانگاھ، ھەم چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر تۈۋرۈك بولىدۇ. 023 ISA 019 020 بۇلار بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ. 023 ISA 019 021 پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا تونۇتۇلۇپ ئايان قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى مىسىر پەرۋەردىگارنى تونۇيدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. 023 ISA 019 022 پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ. 023 ISA 019 023 شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىكلەر مىسىرغا كىرىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسۇرىيەگە كىرىدۇ؛ مىسىر ئاسۇرىيە بىلەن بىللە [خۇدانىڭ] خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. 023 ISA 019 024 شۇ كۈنى ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيە بىلەن بىر بولۇپ، ئۈچىسى، يەر يۈزىدىكىلەرگە بەخت يەتكۈزگۈچىلەر بولىدۇ. 023 ISA 019 025 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: ــ «خەلقىم بولغان مىسىرغا، ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 020 001 ئاسۇرىيەنىڭ [سەردارى بولغان] «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ 023 ISA 020 002 ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت، پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سېلىۋەت» ــ دېگەنىدى؛ ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى. 023 ISA 020 003 ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قۇلۇم يەشايا مىسىر ۋە ئېفىئوپىيە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىدىغان بېشارەت ھەم كارامەت سۈپىتىدە بولۇش ئۈچۈن يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ ئۈچ يىل مېڭىپ يۈرگەندەك، 023 ISA 020 004 ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ. 023 ISA 020 005 ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. 023 ISA 020 006 شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز بويىدىكىلەر: ــ «مانا بۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ باشپاناھلىق ئىزدەپ بارغان تايانچىمىزغۇ، بىزلەر ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز؟» ــ دېيىشىدۇ»». 023 ISA 021 001 «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». 023 ISA 021 002 ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم. 023 ISA 021 003 ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم. 023 ISA 021 004 شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى. 023 ISA 021 005 ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!» 023 ISA 021 006 چۈنكى رەب ماڭا: ــ «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى. 023 ISA 021 007 ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!» 023 ISA 021 008 ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛ 023 ISA 021 009 ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!». 023 ISA 021 010 ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم! 023 ISA 021 011 «دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ. 023 ISA 021 012 كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!» 023 ISA 021 013 ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛ 023 ISA 021 014 ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار! 023 ISA 021 015 چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، كېرىلگەن ئوقيادىن، ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ. 023 ISA 021 016 چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ، 023 ISA 021 017 ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان». 023 ISA 022 001 ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ 023 ISA 022 002 سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛ 023 ISA 022 003 ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى. 023 ISA 022 004 شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم. 023 ISA 022 005 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. 023 ISA 022 006 ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ. 023 ISA 022 007 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. 023 ISA 022 008 ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن [زىئون] شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛ 023 ISA 022 009 سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛ 023 ISA 022 010 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار، 023 ISA 022 011 شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار! 023 ISA 022 012 شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى. 023 ISA 022 013 بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى! 023 ISA 022 014 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. 023 ISA 022 015 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ 023 ISA 022 016 ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟ 023 ISA 022 017 مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ، 023 ISA 022 018 ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى! 023 ISA 022 019 مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن. 023 ISA 022 020 شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛ 023 ISA 022 021 سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ. 023 ISA 022 022 داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ. 023 ISA 022 023 مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛ 023 ISA 022 024 خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ. 023 ISA 022 025 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى. 023 ISA 023 001 تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر [كېمىدىكىلەر]گە ئايان قىلىنىدۇ. 023 ISA 023 002 زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، ئەمدى شۈك بولۇڭلار! 023 ISA 023 003 شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى! 023 ISA 023 004 ئى زىدون، خىجالەت بول، چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» 023 ISA 023 005 مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ. 023 ISA 023 006 ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! 023 ISA 023 007 سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! 023 ISA 023 008 تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟ 023 ISA 023 009 ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت! 023 ISA 023 010 تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى [تۇردىن] كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق. 023 ISA 023 011 چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. 023 ISA 023 012 ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى. 023 ISA 023 013 قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. 023 ISA 023 014 ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى. 023 ISA 023 015 ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛ 023 ISA 023 016 چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت! 023 ISA 023 017 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ 023 ISA 023 018 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 023 ISA 024 001 مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛ 023 ISA 024 002 شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ. 023 ISA 024 003 يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى. 023 ISA 024 004 يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ. 023 ISA 024 005 يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ [تەبىئەتنىڭ] قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن. 023 ISA 024 006 شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ. 023 ISA 024 007 يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛ 023 ISA 024 008 داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ. 023 ISA 024 009 شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ. 023 ISA 024 010 تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛ 023 ISA 024 011 كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ. 023 ISA 024 012 شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ! 023 ISA 024 013 چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ. 023 ISA 024 014 [قالدىلار] بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ. 023 ISA 024 015 شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛ 023 ISA 024 016 جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ! 023 ISA 024 017 ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ 023 ISA 024 018 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ. 023 ISA 024 019 يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ. 023 ISA 024 020 يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ. 023 ISA 024 021 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ. 023 ISA 024 022 ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ. 023 ISA 024 023 ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ! 023 ISA 025 001 پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن. 023 ISA 025 002 چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ. 023 ISA 025 003 شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛ 023 ISA 025 004 چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ. 023 ISA 025 006 ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛ 023 ISA 025 007 ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛ 023 ISA 025 008 ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان. 023 ISA 025 009 ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز. 023 ISA 025 010 چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ 023 ISA 025 011 [موئاب] ئاشۇ [تېزەكلىك] ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، [رەب] ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ. 023 ISA 025 012 ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. 023 ISA 026 001 شۇ كۈنىدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا مۇنۇ ناخشا ئېيتىلىدۇ: ــ «مۇستەھكەم بىر شەھىرىمىز بار؛ ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ. 023 ISA 026 002 ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار! 023 ISA 026 003 كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. 023 ISA 026 004 مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر. 023 ISA 026 005 چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا تۇرغانلارنى پەسكە چۈشۈرىدۇ؛ ئاشۇ ئالىي شەھەرنى، ئۇ پەس قىلىدۇ؛ ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. 023 ISA 026 006 ئۇ پۇت بىلەن چەيلىنىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنىڭ پۇتلىرى، مىسكىنلەرنىڭ قەدەملىرى بىلەن چەيلىنىدۇ! 023 ISA 026 007 ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن. 023 ISA 026 008 ئى پەرۋەردىگار، بىز دەرھەقىقەت سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، سېنى كۈتۈپ كەلدۇق؛ جېنىمىزنىڭ تەشنالىقى شۇدۇركى، نامىڭ ۋە شۆھرىتىڭ ئاشسۇن! 023 ISA 026 009 ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. 023 ISA 026 010 رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ. 023 ISA 026 011 ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن [تەييارلانغان] ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ. 023 ISA 026 012 ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن. 023 ISA 026 013 دەرۋەقە، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئىلگىرى سەندىن باشقا «رەبلەر» ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز. 023 ISA 026 014 ئۇلار بولسا ئۆلدى، قايتىدىن ياشىمايدۇ؛ ئەرۋاھ بولۇپ كەتتى، قايتا تىرىلمەيدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ، ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ ئېسىدىمۇ قىلچە قالدۇرمىدىڭ. 023 ISA 026 015 سەن ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئۆزۈڭگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنسەن؛ زېمىننىڭ چېگرالىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن. 023 ISA 026 016 ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار دەرد-ئەلەم ئىچىدە قالغاندا، سېنى ئىزدىدى؛ تەربىيىلىك جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، ئۇلار ئاھ ئۇرۇپ، پىچىرلاپ بىر دۇئانى قىلدى: ــ 023 ISA 026 017 «بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار. 023 ISA 026 018 بىز ئىككى قات بولۇپ، تولغاققا چۈشتۇق، بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى». 023 ISA 026 019 «ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ مېنىڭ جەسىتىمنىڭ [تىرىلىشى بىلەن تەڭ] ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ. 023 ISA 026 020 ئى خەلقىم، كېلىڭلار، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ، كەينىڭلاردىن ئىشىكلەرنى ئېتىپ قويۇڭلار؛ مېنىڭ دەرغەزىپىم ئۆتكۈچە، ئۆزۈڭنى بىر دەملىك يوشۇرۇۋال. 023 ISA 026 021 چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ. 023 ISA 027 001 شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ. 023 ISA 027 002 شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ! ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار! 023 ISA 027 003 ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛ مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛ بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن. 023 ISA 027 004 غەزەپ مەندە قالمىدى؛ ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى! ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم، ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم! 023 ISA 027 005 بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن! 023 ISA 027 006 كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ. 023 ISA 027 007 [پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى] ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك [ئىسرائىلنى] ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك [ئىسرائىل] قىرىلىپ باققانمۇ؟ 023 ISA 027 008 سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن. 023 ISA 027 009 ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، «ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ. 023 ISA 027 010 چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛ شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ، شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ. 023 ISA 027 011 ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. 023 ISA 027 012 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ، ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! 023 ISA 027 013 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار، ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. 023 ISA 028 001 ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار! 023 ISA 028 002 مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، ئەشەددىيلەرچە [تاجنى] يەرگە ئۇرىدۇ. 023 ISA 028 003 ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ 023 ISA 028 004 ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا، بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا، قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ. 023 ISA 028 005 شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج، شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ. 023 ISA 028 006 ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ. 023 ISA 028 007 بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛ 023 ISA 028 008 چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى. 023 ISA 028 009 «ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟» 023 ISA 028 010 ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟! چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ... 023 ISA 028 011 چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ. 023 ISA 028 012 ئۇ ئۇلارغا: ــ «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن، بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان. 023 ISA 028 013 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا: ــ «ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر. مۇشۇ يەرگە ئازراق، شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، سۇندۇرۇلۇپ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ. 023 ISA 028 014 ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار! 023 ISA 028 015 چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار، 023 ISA 028 016 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ. 023 ISA 028 017 ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ. 023 ISA 028 018 شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر. 023 ISA 028 019 ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛ ھەم سەھەر-سەھەرلەردە، ھەم كېچە-كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ. 023 ISA 028 020 چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ. 023 ISA 028 021 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى، يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛ 023 ISA 028 022 شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛ بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا، يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن. 023 ISA 028 023 ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛ تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار. 023 ISA 028 024 يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟ ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ، چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟ 023 ISA 028 025 ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن، قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ، زىرىنى چېچىپ، بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ، ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا، قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟ 023 ISA 028 026 چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ. 023 ISA 028 027 بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛ تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛ بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ، زىرە بولسا تۆمۈر-تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ. 023 ISA 028 028 ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما [دېھقان] ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ 023 ISA 028 029 مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر. 023 ISA 029 001 ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي! يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن، ھېيت-بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛ 023 ISA 029 002 بىراق مەن دەرد-ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛ داد-پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ. 023 ISA 029 003 چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ، سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن، پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن. 023 ISA 029 004 شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن، سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان، گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا-چاڭدىن كېلىدىغان، ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ، سۆزلىرىڭ توپا-چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛ 023 ISA 029 005 شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا-چاڭلاردەك، ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ! 023 ISA 029 006 ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ. 023 ISA 029 007 شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان، يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە-قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ. 023 ISA 029 008 ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛ چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ. 023 ISA 029 009 ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار! ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس! 023 ISA 029 010 چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى. 023 ISA 029 011 مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ. 023 ISA 029 012 كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ. 023 ISA 029 013 ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛ 023 ISA 029 014 شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ». 023 ISA 029 015 ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان، ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان، ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي! 023 ISA 029 016 ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟! 023 ISA 029 017 چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟ 023 ISA 029 018 شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛ 023 ISA 029 019 مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ. 023 ISA 029 020 رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛ 023 ISA 029 021 مانا [مۇشۇنداق ئادەملەر] ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ، دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ، ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ. 023 ISA 029 022 شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛ 023 ISA 029 023 چۈنكى [ياقۇپ] قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ. 023 ISA 029 024 روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ. 023 ISA 030 001 «ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ. 023 ISA 030 002 ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە! 023 ISA 030 003 چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ. 023 ISA 030 004 پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ، 023 ISA 030 005 ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. 023 ISA 030 006 نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. 023 ISA 030 007 مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن. 023 ISA 030 008 ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن. 023 ISA 030 009 چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر. 023 ISA 030 010 ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ 023 ISA 030 011 سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 030 012 ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 023 ISA 030 013 شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ 023 ISA 030 014 خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ». 023 ISA 030 015 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر. 023 ISA 030 016 سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ. 023 ISA 030 017 مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە [ھەممىڭلار] قاچىسىلەر؛ قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر. 023 ISA 030 018 ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! 023 ISA 030 019 چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. 023 ISA 030 020 رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛ 023 ISA 030 021 سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن. 023 ISA 030 022 شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر. 023 ISA 030 023 ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛ 023 ISA 030 024 يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ. 023 ISA 030 025 چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ. 023 ISA 030 026 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ. 023 ISA 030 027 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ. 023 ISA 030 028 ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ. 023 ISA 030 029 مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ. 023 ISA 030 030 پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ. 023 ISA 030 031 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى [بولغان ئاسۇرىيە] يانجىلىدۇ! 023 ISA 030 032 ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. 023 ISA 030 033 چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، [پەرۋەردىگار] ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ. 023 ISA 031 001 ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ. 023 ISA 031 002 بىراق ئۇمۇ دانادۇر! ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ. 023 ISA 031 003 مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. 023 ISA 031 004 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ. 023 ISA 031 005 ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 023 ISA 031 006 سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! 023 ISA 031 007 چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ». 023 ISA 031 008 «شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ. 023 ISA 031 009 ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار. 023 ISA 032 001 مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ. 023 ISA 032 002 ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، بورانغا پاناھ بولغۇدەك، قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ. 023 ISA 032 003 شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛ 023 ISA 032 004 بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ. 023 ISA 032 005 پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ، 023 ISA 032 006 چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، ئىپلاسلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ. 023 ISA 032 007 بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ. 023 ISA 032 008 پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ. 023 ISA 032 009 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 023 ISA 032 010 بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، پاراكەندە قىلىنىسىلەر! چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ. 023 ISA 032 011 ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار! 023 ISA 032 012 گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار! 023 ISA 032 013 ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار! 023 ISA 032 014 چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ. 023 ISA 032 015 تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ. 023 ISA 032 016 شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ. 023 ISA 032 017 ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ. 023 ISA 032 018 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ. 023 ISA 032 019 ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ، 023 ISA 032 020 سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر! 023 ISA 033 001 ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛ سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛ 023 ISA 033 002 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛ ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر [ئىسرائىلغا] كۈچلۈك بىلەك-قول، قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن. 023 ISA 033 003 توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن [خۇدا] قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛ 023 ISA 033 004 چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك، سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛ چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ. 023 ISA 033 005 پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛ ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛ 023 ISA 033 006 ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر. 023 ISA 033 007 مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛ 023 ISA 033 008 يوللار ئادەمسىز قالدى؛ ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ. 023 ISA 033 009 زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛ لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛ شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛ باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى. 023 ISA 033 010 مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن. 023 ISA 033 011 ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار، پاخال تۇغىسىلەر؛ ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ 023 ISA 033 012 ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛ ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. 023 ISA 033 013 ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار. 023 ISA 033 014 زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. [ئۇلار]: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ. 023 ISA 033 015 ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛ 023 ISA 033 016 ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛ قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ، يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛ ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ». 023 ISA 033 017 ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛ كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ. 023 ISA 033 018 كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛ رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟ 023 ISA 033 019 قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن، ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. 023 ISA 033 020 ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛ سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى، قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان، تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان، ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ 023 ISA 033 021 شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛ 023 ISA 033 022 چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ! 023 ISA 033 023 سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، [ئىسرائىل] يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ، ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ. 023 ISA 033 024 شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛ شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 023 ISA 034 001 يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار! ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار، تىڭشاڭلار! 023 ISA 034 002 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛ 023 ISA 034 003 ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛ 023 ISA 034 004 ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛ 023 ISA 034 005 چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛ 023 ISA 034 006 پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ ئۇ قانغا بويالدى؛ ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار. 023 ISA 034 007 مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ. 023 ISA 034 008 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار. 023 ISA 034 009 [ئېدومدىكى] ئېقىنلار قارىمايغا، ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ. 023 ISA 034 010 ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ. 023 ISA 034 011 چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ. 023 ISA 034 012 بىرسى كېلىپ [ئېدومنىڭ] ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى [ئىدارە قىلىشقا] چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. 023 ISA 034 013 ئوردىلىرىدا تىكەنلەر، قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى، «ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ. 023 ISA 034 014 شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛ ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛ تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ. 023 ISA 034 015 «ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ، بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ. قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛ 023 ISA 034 016 پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛ ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان. 023 ISA 034 017 چۈنكى [پەرۋەردىگار] ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ. 023 ISA 035 001 ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛ 023 ISA 035 002 ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ، شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى، خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ. 023 ISA 035 003 ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار، 023 ISA 035 004 يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ! 023 ISA 035 005 ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ، 023 ISA 035 006 ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛ 023 ISA 035 007 پىژغىرىن چۆل-جەزىرە كۆلچەككە، چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي، قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ. 023 ISA 035 008 شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛ 023 ISA 035 009 شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ! 023 ISA 035 010 پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. 023 ISA 036 001 ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. 023 ISA 036 002 ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» [دېگەن سەردارنى] چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. 023 ISA 036 003 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى 023 ISA 036 004 ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ «سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟ سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ 023 ISA 036 006 مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! 023 ISA 036 007 ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ [پەرۋەردىگارغا] ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ 023 ISA 036 008 ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» 023 ISA 036 009 سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى! 023 ISA 036 010 مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»» 023 ISA 036 011 ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى. 023 ISA 036 012 بىراق راب-شاكەھ: ــ «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. 023 ISA 036 013 ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. 023 ISA 036 014 «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. 023 ISA 036 015 ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!». 023 ISA 036 016 ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ 023 ISA 036 017 تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! 023 ISA 036 018 ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ 023 ISA 036 019 خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! 023 ISA 036 020 مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»». 023 ISA 036 021 ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». 023 ISA 036 022 ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. 023 ISA 037 001 شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. 023 ISA 037 002 ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. 023 ISA 037 003 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن كۈلپەت چۈشىدىغان، رەسۋا ۋە مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈندۇر. 023 ISA 037 004 ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى. 023 ISA 037 005 شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. 023 ISA 037 006 يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ 023 ISA 037 007 مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. 023 ISA 037 008 راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى. 023 ISA 037 009 ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ 023 ISA 037 010 «سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ 023 ISA 037 011 مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ 023 ISA 037 012 ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ 023 ISA 037 013 خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». 023 ISA 037 014 ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. 023 ISA 037 015 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 023 ISA 037 016 «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. 023 ISA 037 017 ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! 023 ISA 037 018 ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، 023 ISA 037 019 ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 023 ISA 037 020 ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». 023 ISA 037 021 شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىڭ بىلەن، 023 ISA 037 022 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ 023 ISA 037 023 سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! 023 ISA 037 024 قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىلىرىغا، لىۋان تاغ باغىرلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكىگە يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. 023 ISA 037 025 ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم ــ دېدىڭ. 023 ISA 037 026 ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ 023 ISA 037 027 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئېتىزدىكى ئوتتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. 023 ISA 037 028 بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ 023 ISA 037 029 ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. 023 ISA 037 030 ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. 023 ISA 037 031 يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ 023 ISA 037 032 چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. 023 ISA 037 033 شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. 023 ISA 037 034 ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 037 035 ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». 023 ISA 037 036 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! 023 ISA 037 037 شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. 023 ISA 037 038 شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. 023 ISA 038 001 شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن، ــ دېدى. 023 ISA 038 002 ھەزەكىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: 023 ISA 038 003 ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. 023 ISA 038 004 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەشاياغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 023 ISA 038 005 بېرىپ ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، كۈنلىرىڭگە يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ 023 ISA 038 006 شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن سېپىل بولۇپ بۇ شەھەرنى قوغدايمەن. 023 ISA 038 007 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، 023 ISA 038 008 مانا، مەن قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ئون قەدەم كەينىگە ياندۇرىمەن». شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى. 023 ISA 038 009 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ، ئاندىن كېسىلىدىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇنداق خاتىرىلەرنى يازدى: 023 ISA 038 010 ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. 023 ISA 038 011 مەن: ــ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ خۇدايىم ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم. 023 ISA 038 012 مېنىڭ تۇرالغۇم چارۋىچىنىڭ چېدىرىدەك ئۆزۈمدىن يۆتكىلىپ كەتتى؛ مەن باپكار ئۆز توقۇغىنىنى تۈرۈۋەتكىنىدەك ھاياتىمنى تۈرىۋەتتىم؛ ئۇ مېنى توقۇش دەستىگاھىدىن كېسىۋەتتى؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن؛ 023 ISA 038 013 تاڭ ئاتقۇچە مەن كۈتۈپ، ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرىمەن، بىراق ئۇ شىرغا ئوخشاش ھەممە سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرغاندەك قىلىدۇ؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن. 023 ISA 038 014 مەن قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك ۋىچىرلاپ يۈرىمەن؛ پاختەكتەك ئاھ-ئۇھ ئۇرىمەن؛ كۆزلىرىم يۇقىرىغا قاراش بىلەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ئى رەب، مېنى زۇلۇم باستى! جېنىمغا كېپىل بولغىن! 023 ISA 038 015 نېمە دېسەم بولار؟ چۈنكى ئۇ ماڭا سۆز قىلدى ۋە ئۆزى مۇشۇ ئىشنى قىلدى! جېنىم تارتقان ئازاب تۈپەيلىدىن مەن بار يىللىرىمدا قەدەملىرىمنى ساناپ بېسىپ ئاۋايلاپ ماڭىمەن. 023 ISA 038 016 ئى رەب، ئادەملەر مۇشۇنداق ساۋاقلار بىلەن ياشىشى كېرەك؛ روھىم مۇشۇ ساۋاقلاردىن ھاياتىنى تاپىدۇ؛ سەن مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ، مېنى ھايات قىلدىڭ! 023 ISA 038 017 مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن. 023 ISA 038 018 چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. 023 ISA 038 019 ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. 023 ISA 038 020 پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!». 023 ISA 038 021 (يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاپ، يارىسىغا چاپلاڭلار، ئۇ ئەسلىگە كېلىدۇ»، دېگەنىدى 023 ISA 038 022 ۋە ھەزەكىيا: ــ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى). 023 ISA 039 001 شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. 023 ISA 039 002 ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. 023 ISA 039 003 ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى. 023 ISA 039 004 يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. 023 ISA 039 005 يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ 023 ISA 039 006 ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 023 ISA 039 007 ــ ھەمدە [بابىللىقلار] ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. 023 ISA 039 008 شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، [خۇدانىڭ] ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. 023 ISA 040 001 خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛ 023 ISA 040 002 يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ [مېھىر-شەپقىتىنى] ئالدى. 023 ISA 040 003 ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار! 023 ISA 040 004 بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەس قىلىنىدۇ؛ ئەگرى-توقايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشىلىنىدۇ. 023 ISA 040 005 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ، ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!». 023 ISA 040 006 ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛ جاكارلىغۇچى بولسا مۇنداق سوراپ: ــ «مەن نېمىنى جاكارلايمەن؟» ــ دېدى. [جاۋاب بولسا: ــ ] «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس؛ ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاپالىقى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ 023 ISA 040 007 ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛ بەرھەق، [بارلىق] خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر! 023 ISA 040 008 ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» 023 ISA 040 009 ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن! 023 ISA 040 010 مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى ئۆزى ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛ مانا، ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. 023 ISA 040 011 قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ. 023 ISA 040 012 كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن، ئاسمانلارنى غېرىچلاپ بېكىتكەن، جاھاننىڭ توپا-چاڭلىرىنى مىسقاللاپ سالغان، تاغلارنى تارازىدا تارازىلاپ، دۆڭلەرنى جىڭدا تارتىپ ئورناتقان؟ 023 ISA 040 013 كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟ كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟ 023 ISA 040 014 ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، كىم ئۇنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلىگەن؟ ئۇنىڭغا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقىرىش يولىدا كىم يېتەكلىگەن، ياكى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتكەن، ياكى ئۇنىڭغا يورۇتۇلۇش يولىنى كىم كۆرسەتكەن؟ 023 ISA 040 015 مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك، تارازىدا قالغان توپا-چاڭدەك ھېسابلىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئاراللارنى زەررىچە نەرسىدەك قولىغا ئالىدۇ؛ 023 ISA 040 016 پۈتكۈل لىۋان بولسا [قۇربانگاھ] ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ. 023 ISA 040 017 ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا، قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ. 023 ISA 040 018 ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟ 023 ISA 040 019 [بىر بۇتقىمۇ؟!] ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛ زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ. 023 ISA 040 020 يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛ ئۇ لىڭشىپ قالمىغۇدەك بىر بۇتنى ئويۇپ ياساشقا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەن ئىزدەپ چاقىرىدۇ. 023 ISA 040 021 سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ 023 ISA 040 022 ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ، ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛ 023 ISA 040 023 ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛ جاھاندىكى سوتچى-بەگلەرنى ئارتۇقچە قىلىدۇ. 023 ISA 040 024 ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟ ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ. 023 ISA 040 025 ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ماڭا كىم تەڭداش بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ مۇقەددەس بولغۇچى. 023 ISA 040 026 كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار! مۇشۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ ئۇلارنى كىم تۈركۈم-تۈركۈم قوشۇنلار قىلىپ تەرتىپلىك ئەپچىقىدۇ؟ ئۇ ھەممىسىنى نامى بىلەن بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن، ئۇلاردىن بىرىمۇ كەم قالمايدۇ. 023 ISA 040 027 ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟ نېمىشقا مۇنداق سۆزلەۋېرىسەن، ئى ئىسرائىل: ــ «مېنىڭ يولۇم پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇندۇر، خۇدايىم مېنىڭ دەۋايىمغا ئېرەن قىلماي ئۆتىۋېرىدۇ!»؟ 023 ISA 040 028 سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ پەرۋەردىگار ــ ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ. 023 ISA 040 029 ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛ ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ. 023 ISA 040 030 ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ، باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ، 023 ISA 040 031 بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ! 023 ISA 041 001 ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!» 023 ISA 041 002 «كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ. 023 ISA 041 003 ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛ 023 ISA 041 004 ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن. 023 ISA 041 005 ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛ 023 ISA 041 006 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 041 007 شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. 023 ISA 041 008 بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ 023 ISA 041 009 مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، مەن سېنى تاللىغان، سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم. 023 ISA 041 010 ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن. 023 ISA 041 011 مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ. 023 ISA 041 012 سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ. 023 ISA 041 013 چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن. 023 ISA 041 014 قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى. 023 ISA 041 015 مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن. 023 ISA 041 016 سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن. 023 ISA 041 017 بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن. 023 ISA 041 018 مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن. 023 ISA 041 019 دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛ 023 ISA 041 020 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ. 023 ISA 041 021 ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى. 023 ISA 041 022 ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛ 023 ISA 041 023 سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار! 023 ISA 041 024 مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر. 023 ISA 041 025 بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ 023 ISA 041 026 بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر! 023 ISA 041 027 مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم. 023 ISA 041 028 مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق. 023 ISA 041 029 قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر. 023 ISA 042 001 قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 023 ISA 042 002 ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ. 023 ISA 042 003 تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ 023 ISA 042 004 ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە، ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛ ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ. 023 ISA 042 005 ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 023 ISA 042 006 مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، سېنى قوغداپ ساقلايمەن، ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛ 023 ISA 042 007 قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى [ئەۋەتىمەن]. 023 ISA 042 008 مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن. 023 ISA 042 009 مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن. 023 ISA 042 010 ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار، ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! 023 ISA 042 011 دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن! 023 ISA 042 012 ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن. 023 ISA 042 013 پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ، باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛ ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ. 023 ISA 042 014 ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن! 023 ISA 042 015 مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن. 023 ISA 042 016 قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن، ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر، ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن. مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن. 023 ISA 042 017 ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ. 023 ISA 042 018 ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار! قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار! 023 ISA 042 019 مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ 023 ISA 042 020 سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن، بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛ ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن، ئۇ ئاڭلىمايدۇ». 023 ISA 042 021 پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى. 023 ISA 042 022 بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان، گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛ ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ، ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ. 023 ISA 042 023 بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟ 023 ISA 042 024 ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟ كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟ بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛ ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى. 023 ISA 042 025 شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى، ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛ بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛ بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛ بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى. 023 ISA 043 001 بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ سەن مېنىڭكىدۇرسەن! 023 ISA 043 002 سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ. 023 ISA 043 003 چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛ سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم. 023 ISA 043 004 سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا، مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛ شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى، جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛ 023 ISA 043 005 قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛ 023 ISA 043 006 مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛ 023 ISA 043 007 مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»». 023 ISA 043 008 ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 023 ISA 043 009 ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى [ئالدىنئالا] بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن! 023 ISA 043 010 سىلەر [خەلقىم] مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم [مەن ئۈچۈن] گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛ 023 ISA 043 011 مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر». 023 ISA 043 012 ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا، مەن [مەقسىتىمنى] جاكارلىغان، مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛ شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 043 013 «بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟ 023 ISA 043 014 ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن. 023 ISA 043 015 مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن. 023 ISA 043 016 دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى، داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 023 ISA 043 017 (ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن) 023 ISA 043 018 ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار، قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛ 023 ISA 043 019 چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن! 023 ISA 043 020 دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، دالالاردا سۇلارنى، چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن. 023 ISA 043 021 مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ. 023 ISA 043 022 بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ، ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛ 023 ISA 043 023 سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس، «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛ مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن، خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن! 023 ISA 043 024 سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ. 023 ISA 043 025 مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن. 023 ISA 043 026 ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن! 023 ISA 043 027 بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛ سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. 023 ISA 043 028 شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن، ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم. 023 ISA 044 001 بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ 023 ISA 044 002 سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما! 023 ISA 044 003 چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛ 023 ISA 044 004 ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛ 023 ISA 044 005 بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. 023 ISA 044 006 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. 023 ISA 044 007 قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن! 023 ISA 044 008 قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. 023 ISA 044 009 ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر. 023 ISA 044 010 كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس! 023 ISA 044 011 [مەبۇدنىڭ] بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ. 023 ISA 044 012 مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. 023 ISA 044 013 ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ. 023 ISA 044 014 مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى). 023 ISA 044 015 مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ. 023 ISA 044 016 دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 044 017 بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ. 023 ISA 044 018 بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن. 023 ISA 044 019 ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر. 023 ISA 044 020 ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ. 023 ISA 044 021 مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن! 023 ISA 044 022 ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. 023 ISA 044 023 ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». 023 ISA 044 024 «سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ 023 ISA 044 025 (ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛ 023 ISA 044 026 ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛ 023 ISA 044 027 چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛ 023 ISA 044 028 ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ 023 ISA 045 001 پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا، يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ (بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن، «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ 023 ISA 045 002 «مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ ئېگىزلىكلەرنى تۈز قىلىمەن؛ مىس دەرۋازىلارنى چېقىپ تاشلايمەن، تۆمۈر تاقاقلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن؛ 023 ISA 045 003 ۋە ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى، مەخپىي جايلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن بايلىقلارنى بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن. 023 ISA 045 004 مەن ئۆز قۇلۇم ياقۇپ، يەنى ئۆز تاللىغىنىم ئىسرائىل ئۈچۈن، ئىسمىڭنى ئۆزۈم قويغان؛ سەن مېنى بىلمىگىنىڭ بىلەن، مەن يەنىلا ساڭا ئىسىم قويدۇم. 023 ISA 045 005 مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛ مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛ سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى، 023 ISA 045 006 كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر. 023 ISA 045 007 نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». 023 ISA 045 008 ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛ نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛ زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن! مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن». 023 ISA 045 009 ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟ 023 ISA 045 010 ئۆز ئاتىسىغا: «سەن نېمە تۇغدۇرماقچى؟» ياكى بىر ئايالغا: ــ «سېنى نېمىنىڭ تولغىقى تۇتتى؟» ــ دەپ سورىغانغا ۋاي! 023 ISA 045 011 ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟ ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟ 023 ISA 045 012 مەن پەقەتلا يەر-زېمىننى ياسىغان، ئۇنىڭغا ئىنساننى ياراتقۇچىدۇرمەن، خالاس! ئۆز قولۇم بولسا ئاسمانلارنى كەرگەن؛ ئۇلارنىڭ ساماۋى قوشۇنلىرىنىمۇ سەپكە سالغانمەن. 023 ISA 045 013 مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛ ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ، نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 023 ISA 045 014 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سېبائىيلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى سېنىڭكى بولىدۇ، ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ، ئۇلار ساڭا باش ئۇرۇپ سەندىن ئىلتىجا بىلەن ئۆتۈنۈپ: ــ «بەرھەق، تەڭرى سەندە تۇرىدۇ، باشقا بىرى يوق، باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. 023 ISA 045 015 «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!». 023 ISA 045 016 ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ 023 ISA 045 017 ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئەبەدىلئەبەدگىچە خىجىل بولمايسىلەر، ھېچ شەرمەندىچىلىكنى كۆرمەيسىلەر. 023 ISA 045 018 چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى) «مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛ 023 ISA 045 019 ــ مەن مەخپىي ھالدا ياكى زېمىندىكى بىرەر قاراڭغۇ جايدا سۆز قىلغان ئەمەسمەن؛ مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن؛ 023 ISA 045 020 يىغىلىڭلار، كېلىڭلار؛ ئى ئەللەردىن قاچقانلار، جەم بولۇپ ماڭا يېقىنلىشىڭلار؛ ئۆزى ئويغان بۇتنى كۆتۈرۈپ، ھېچ قۇتقۇزالمايدىغان بىر «ئىلاھ»قا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ بولسا ھېچ بىلىمى يوقتۇر. 023 ISA 045 021 ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. 023 ISA 045 022 ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛ 023 ISA 045 023 مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن، مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: ــ «ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار ماڭا [ئىتائەت ئىچىدە] قەسەم ئىچىدۇ». 023 ISA 045 024 شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، كىشىلەر دەل ئۇنىڭلا قېشىغا كېلىدۇ؛ غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ. 023 ISA 045 025 ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۇنى داڭلىشىدۇ. 023 ISA 046 001 بەل بولسا تىز پۈكتى، نېبو ئېڭىشىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى؛ سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئەمدى ئۇلاغلارغا ئارتىلغان بولۇپ، ھالسىز ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ! 023 ISA 046 002 ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ. 023 ISA 046 003 ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! 023 ISA 046 004 سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن. 023 ISA 046 005 ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچى، ياكى كىمنى ماڭا تەڭ قىلماقچىسىلەر؟ ئۇنى ماڭا ئوخشاش دەپ، سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرماقچىسىلەر؟ 023 ISA 046 006 ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ! 023 ISA 046 007 ئۇلار ئۇنى مۈرىسىگە ئارتىدۇ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئۆرە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭغا يېلىنىپ تىلەيدۇ، لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ؛ ئۇ كىشىنى ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتقۇزمايدۇ. 023 ISA 046 008 مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ ئى، ئىتائەتسىزلەر، بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ 023 ISA 046 009 ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛ 023 ISA 046 010 مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛ 023 ISA 046 011 كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى، يەنى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمنى ئادا قىلغۇچى بىر ئادەمنى يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن. بەرھەق، مەن سۆز قىلغان، بەرھەق، مەن ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن؛ بۇنى نىيەت قىلغانمەن، بەرھەق، مەن ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن. 023 ISA 046 012 ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ 023 ISA 046 013 مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ، ئىسرائىلغا جۇلالىق-گۈزەللىكىمنى تىكلەپ بېرىمەن». 023 ISA 047 001 «ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن. 023 ISA 047 002 «تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛ 023 ISA 047 003 ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛ بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛ مەن ئىنتىقام ئالىمەن، ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن. 023 ISA 047 004 بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا، «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛ ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر. 023 ISA 047 005 ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر، قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛ چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن. 023 ISA 047 006 مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛ 023 ISA 047 007 شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ «مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ، مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن. 023 ISA 047 008 ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ 023 ISA 047 009 «دەل مۇشۇ ئىككى ئىش، ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن، بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ. 023 ISA 047 010 چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ. 023 ISA 047 011 بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ. 023 ISA 047 012 ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟! 023 ISA 047 013 سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛ ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر، يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار، يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن! 023 ISA 047 014 مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر، ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر! 023 ISA 047 015 سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛ سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر. 023 ISA 048 001 ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ 023 ISA 048 002 (چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ، تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش! ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!) 023 ISA 048 003 مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛ ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛ مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ 023 ISA 048 004 چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛ 023 ISA 048 005 سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»، ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛ ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم. 023 ISA 048 006 سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق! بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟ مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم، سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن. 023 ISA 048 007 سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛ مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن. 023 ISA 048 008 بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ، بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ، بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛ چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى، بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم. 023 ISA 048 009 ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛ 023 ISA 048 010 قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛ 023 ISA 048 011 ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛ مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن. 023 ISA 048 012 ئى ياقۇپ، ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل! ماڭا قۇلاق سالغىن؛ مەن «ئۇ»دۇرمەن؛ مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛ 023 ISA 048 013 مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان، ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛ مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. 023 ISA 048 014 ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ [بۇتلار] ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟ پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛ 023 ISA 048 015 مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛ دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛ مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛ ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. 023 ISA 048 016 ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ [سۆزۈم] ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛ ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى! 023 ISA 048 017 ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ 023 ISA 048 018 سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى! 023 ISA 048 019 سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك، ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى! ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى! 023 ISA 048 020 بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار! ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار، جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى! 023 ISA 048 021 ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!». 023 ISA 048 022 «رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر». 023 ISA 049 001 «ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛ 023 ISA 049 002 ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى؛ ئۆز قولىنىڭ سايىسى ئاستىدا مېنى يوشۇرۇپ كەلدى، مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى؛ ئۇ مېنى ئوقدېنىغا سېلىپ ساقلىدى، 023 ISA 049 003 ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى». 023 ISA 049 004 ئەمما مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛ 023 ISA 049 005 ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر) 023 ISA 049 006 ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم». 023 ISA 049 007 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان، ئەمەلدارلارغا قۇل قىلىنغان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۆزىدە تۇرغۇچى پەرۋەردىگار، يەنى سېنى تاللىغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ؛ 023 ISA 049 008 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ مەن سېنى قوغدايمەن، سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، [خەلقىمنى] خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن، 023 ISA 049 009 سەن مەھبۇسلارغا: «بۇياققا كېلىڭلار»، قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلارغا: «نۇرغا چىقىڭلار» ــ دەيسەن؛ ئۇلار يوللار بويىدىمۇ ئوتلاپ يۈرىدۇ، ھەتتا ھەربىر تاقىر تاغلاردىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛ 023 ISA 049 010 ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ. 023 ISA 049 011 شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. 023 ISA 049 012 مانا، مۇشۇ كىشىلەر يىراقتىن كېلىۋاتىدۇ، مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ. 023 ISA 049 013 خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ. 023 ISA 049 014 بىراق زىئون بولسا: ــ «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەببىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» ــ دەيدۇ. 023 ISA 049 015 ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن. 023 ISA 049 016 مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر. 023 ISA 049 017 ئوغۇل بالىلىرىڭ [قايتىشقا] ئالدىرىۋاتىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى ۋەيران قىلغانلار، خاراب قىلغانلار سېنىڭدىن يىراق كېتىۋاتىدۇ؛ 023 ISA 049 018 بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛ 023 ISA 049 019 چۈنكى خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ، ۋەيران قىلىنغان زېمىنىڭ، ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى يۇتۇۋالغانلار يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. 023 ISA 049 020 سېنىڭدىن جۇدا قىلىنغان بالىلىرىڭ بولسا ساڭا: ــ «مۇشۇ جاي تۇرۇشۇمغا بەك تارچىلىق قىلىدۇ؛ ماڭا تۇرغۇدەك بىر جاينى بوشىتىپ بەرسەڭ!» ــ دەيدۇ؛ 023 ISA 049 021 سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان، غېرىب-مۇساپىر ۋە سۈرگۈن بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ھەيدىۋېتىلگەن تۇرسام، كىم مۇشۇلارنى ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ كىم ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى؟ مانا، مەن غېرىب-يالغۇز قالدۇرۇلغانمەن؛ ئەمدى مۇشۇلار زادى نەدىن كەلگەندۇر؟» ــ دەيسەن. 023 ISA 049 022 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئەللەرگە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىمەن، ئەل-مىللەتلەرگە كۆرۈنىدىغان بىر تۇغنى تىكلەيمەن؛ ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قۇچىقىدا ئېلىپ كېلىشىدۇ؛ ئۇلار قىزلىرىڭنى ھاپاش قىلىپ كېلىدۇ. 023 ISA 049 023 پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ. 023 ISA 049 024 ئولجىنى باتۇرلاردىن ئېلىۋالغىلى بولامدۇ؟ ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟ 023 ISA 049 025 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەتتا باتۇرلاردىن ئەسىرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋالغىلى، ئەشەددىيلەردىن ئولجىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ؛ ۋە سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلىمەن. 023 ISA 049 026 سېنى ئەزگۈچىلەرنى ئۆز گۆشى بىلەن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن؛ ئۇلار يېڭى شاراب ئىچكەندەك ئۆز قېنى بىلەن مەست بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ھەم ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ، ياقۇپقا كۈچ-قۇدرەت بولغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 023 ISA 050 001 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟ ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟ مانا، سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈڭلارنى سېتىۋەتكەنسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى. 023 ISA 050 002 مەن سىلەردىنمۇ سورايمەن: مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟ مانا، مەن بىر ئەيىبلەپلا دېڭىزنى قۇرۇتۇپ، دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ سۇ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى سېسىپ كېتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛ 023 ISA 050 003 ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى [قارا] بۆزدىن قىلىمەن». 023 ISA 050 004 «رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ جاپا چەككەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلىشىم ئۈچۈن ماڭا تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلارنىڭ تىلىنى تەقدىم قىلدى؛ ئۇ مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ. 023 ISA 050 005 رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم. 023 ISA 050 006 دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛ 023 ISA 050 007 بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛ شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ شۇڭا مەن [نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ] يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛ خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 023 ISA 050 008 مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ بار بولسا بىرلىكتە دەۋالىشايلى؛ كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، ئالدىمغا كەلسۇن! 023 ISA 050 009 ماڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئەمدى مېنى ئەرز قىلالايدىغان كىمكەن؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تال كىيىمدەك ئەسكىرەپ كېتىدۇ؛ پەرۋانىلەر ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ». 023 ISA 050 010 ــ «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، يورۇقلۇقى بولمىغان كىشى بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىشىنىپ خاتىرجەملەنسۇن، خۇداسىغا يۆلەنسۇن! 023 ISA 050 011 مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!». 023 ISA 051 001 «ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا، سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛ 023 ISA 051 002 ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم، ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم. 023 ISA 051 003 چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك، ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق، رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ. 023 ISA 051 004 مېنىڭ خەلقىم، گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئۆز ئېلىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى مەندىن بىر قانۇن-تەلىم كېلىدۇ، ۋە مەن ھۆكۈم-ھەقىقىتىمنى ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن بىر نۇر قىلىپ تىكلەيمەن. 023 ISA 051 005 مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سىلەرگە يېقىن، مېنىڭ نىجاتىم يولغا چىقتى؛ مېنىڭ بىلەكلىرىم ئەل-يۇرتلارغا ھۆكۈم-ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئاراللار مېنى كۈتۈپ ئۇمىد باغلايدۇ، ئۇلار مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىدۇ. 023 ISA 051 006 بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ. 023 ISA 051 007 ئى ھەققانىيلىقىمنى بىلگەنلەر، كۆڭلىگە قانۇن-تەلىمىمنى پۈككەن خەلق، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ ئىنسانلارنىڭ ھاقارەتلىرىدىن قورقماڭلار، ئۇلاردىكى كۇپۇرلۇق ۋە غالجىرلاشلاردىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمەڭلار؛ 023 ISA 051 008 چۈنكى كۈيە ئۇلارنى كىيىمنى يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ، قۇرت يۇڭ يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ؛ بىراق ھەققانىيلىقىم ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ نىجاتىم دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. 023 ISA 051 009 ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى! قەدىمكى ۋاقىتلاردا، ئۆتكەن زامانلاردىكى دەۋرلەردە ئويغانغىنىڭدەك ئويغان! راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟ 023 ISA 051 010 دېڭىزنى، دەھشەتلىك ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ، دېڭىزنىڭ تېگىلىرىنى سەن ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ ئۆتۈش يولى قىلغان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟ 023 ISA 051 011 شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. 023 ISA 051 012 سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟ 023 ISA 051 013 ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛ ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟ 023 ISA 051 014 باش ئەگكەن ئەسىر بولسا تېزدىن بوشىتىلىدۇ؛ ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ رىسقىمۇ تۈگەپ قالمايدۇ. 023 ISA 051 015 مەن بولسام دېڭىزنى قوزغاپ، دولقۇنلارنى ھۆركىرەتكۈچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر؛ 023 ISA 051 016 ۋە ئاسمانلارنى تىكلەشكە، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، سەن [قۇلۇمنى] قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن. 023 ISA 051 017 ئى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرلىك قەدەھنى ئىچىۋەتكەن يېرۇسالېم، ئويغان، ئويغان، ئورنۇڭدىن تۇر؛ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇچى جام-قەدەھنى سەن ئىچتىڭ، بىراقلا كۆتۈرىۋەتتىڭ؛ 023 ISA 051 018 ئۇنىڭ تۇغۇپ بەرگەن بارلىق بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنى يېتەكلىگۈدەك ھېچكىم يوق، ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بارلىق بالىلىرىدىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلىگۈدەك ھېچبىرىمۇ يوق. 023 ISA 051 019 بۇ ئىككى ئىش بېشىڭغا چۈشتى ــ (كىم سەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ يىغلار؟!) ــ بۇلاڭچىلىق ھەم ۋەيرانچىلىق، ئاچارچىلىق ھەم قىلىچ؛ مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟ 023 ISA 051 020 سېنىڭ بالىلىرىڭ ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى، تورغا چۈشكەن جەرەندەك ھەربىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ياتىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى بىلەن، خۇدايىڭنىڭ تەنبىھى بىلەن تولدۇرۇلدى؛ 023 ISA 051 021 شۇڭا ھازىر بۇنى ئاڭلاپ قوي، ئى خار بولغان، ــ مەست بولغان، بىراق شاراب بىلەن ئەمەس: ــ 023 ISA 051 022 ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى يۈرگۈزگۈچى رەببىڭ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن قولۇڭدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان جام-قەدەھنى، يەنى قەھرىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم؛ سەن ئىككىنچى ئۇنىڭدىن ھېچ ئىچمەيسەن؛ 023 ISA 051 023 مەن ئۇنى سېنى خارلىۋاتقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار ساڭا: «بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز، ئېگىلىپ تۇر» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن تېنىڭنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ، ئۈستۈڭدىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كوچىدىكى يول قىلدىڭ». 023 ISA 052 001 ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛ چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ. 023 ISA 052 002 توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم؛ ئۆزۈڭنى بوينۇڭدىكى زەنجىرلەردىن بوشىتىۋەتكىن، ئى تۇتقۇن بولغان زىئون قىزى! 023 ISA 052 003 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى پۇلسىز سېتىۋەتكەنسىلەر؛ پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر». 023 ISA 052 004 چۈنكى مۇنداق دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار: ــ خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە، 023 ISA 052 005 (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» 023 ISA 052 006 شۇڭا ئۆز خەلقىم مېنىڭ نامىمنى بىلىدۇ؛ شۇڭا شۇ كۈنى ئۇلار مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلارغا: «كۆر، مېنى!» دەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. 023 ISA 052 007 تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!» 023 ISA 052 008 كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا! ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ! 023 ISA 052 009 ئى يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەرگەن، ئۇ يېرۇسالېمنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان! 023 ISA 052 010 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ. 023 ISA 052 011 چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛ ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ 023 ISA 052 012 چۈنكى سىلەر ئالدىرىغان پېتى ئەمەس، پاتىپاراق قاچقان پېتى ئەمەس چىقىپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا ماڭىدۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئارقا مۇھاپىزەتچىڭلار بولىدۇ. 023 ISA 052 013 « ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ [ئالەم ئالدىدا] كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. 023 ISA 052 014 لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ، ــ چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن، [قۇلنىڭ] قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان! 023 ISA 052 015 ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە [قان] چاچىدۇ. ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛ چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ. 023 ISA 053 001 بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟ 023 ISA 053 002 ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ. 023 ISA 053 003 ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. 023 ISA 053 004 بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! 023 ISA 053 005 لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. 023 ISA 053 006 ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. 023 ISA 053 007 ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. 023 ISA 053 008 ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. 023 ISA 053 009 كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. 023 ISA 053 010 بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 023 ISA 053 011 ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. 023 ISA 053 012 بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى». 023 ISA 054 001 ــ تەنتەنە قىل، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! ناخشىلارنى ياڭرات، شادلىنىپ توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان ئايال! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ 023 ISA 054 002 چېدىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن؛ كۈچۈڭنى ھېچ ئايىماي چېدىر تانىلىرىڭنى ئۇزارتقىن، قوزۇقلىرىڭنى چىڭايتقىن؛ 023 ISA 054 003 چۈنكى سەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە كېڭىيىسەن؛ سېنىڭ ئەۋلادىڭ باشقا ئەللەرنى ئىگەلەيدۇ؛ ئۇلار غېرىب شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىدۇ. 023 ISA 054 004 قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن. 023 ISA 054 005 چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ. 023 ISA 054 006 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، ــ خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛ 023 ISA 054 007 مەن بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم، بىراق زور كۆيۈمچانلىق بىلەن سېنى يېنىمغا يىغىمەن؛ 023 ISA 054 008 غەزىپىمنىڭ تېشىشى بىلەن مەن بىر دەقىقىلا يۈزۈمنى سەندىن يوشۇرۇپ قويدۇم؛ بىراق مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىمەن» ــ دەيدۇ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ پەرۋەردىگار. 023 ISA 054 009 مۇشۇ ئىشلار خۇددى نۇھ [پەيغەمبەر] دەۋرىدىكى توپان سۇلىرىدەك بولىدۇ ــ مەن نۇھ دەۋرىدىكى سۇلار ئىككىنچى يەر يۈزىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ دەپ قەسەم ئىچكىنىمدەك، ــ مەن شۇنداق قەسەم ئىچكەنمەنكى، سەندىن ئىككىنچى غەزەپلەنمەيمەن، ساڭا ئىككىنچى تەنبىھ بەرمەيمەن. 023 ISA 054 010 چۈنكى تاغلار يوقىلىدۇ، دۆڭلەرمۇ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، بىراق مېھىر-مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ، ساڭا ئارام-خاتىرجەملىك بەرگەن ئەھدەممۇ سەندىن نېرى بولمايدۇ» ــ دەيدۇ ساڭا كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار. 023 ISA 054 011 ئى خار بولغان، بوراندا ئۇيان-بۇيان چايقالغان، ھېچ تەسەللى قىلىنمىغان [قىز]، مانا، مەن تاشلىرىڭنى رەڭدار سېمونت لاي بىلەن قىرلايمەن، كۆك ياقۇتلار بىلەن ئۇلۇڭنى سالىمەن؛ 023 ISA 054 012 پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، دەرۋازىلىرىڭنى چاقناق ياقۇتلاردىن، بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن. 023 ISA 054 013 سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ! 023 ISA 054 014 سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ. 023 ISA 054 015 مانا، بىرەرسى ھامان يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا، (بىراق بۇ ئىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولغان ئەمەس)، كىمكى يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يىقىلىدۇ. 023 ISA 054 016 مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن؛ 023 ISA 054 017 ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر! 023 ISA 055 001 ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛ 023 ISA 055 002 نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟ گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار، كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛ 023 ISA 055 003 ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر! 023 ISA 055 004 مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە، ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ 023 ISA 055 005 ــ «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؛ سەۋەبى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر؛ چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى». 023 ISA 055 006 ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار! 023 ISA 055 007 رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ. 023 ISA 055 008 چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ 023 ISA 055 009 چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر. 023 ISA 055 010 يامغۇر ھەم قار ئاسماندىن چۈشۈپ، يەر يۈزىنى سۇغىرىپ ئۇنى كۆكەرتىپ، چېچەكلىتىپ، تېرىغۇچىغا ئۇرۇقنى، يېگۈچىگە ئاش-ناننى تەمىنلىگۈچە قايتمايدىغاندەك، 023 ISA 055 011 مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛ ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە، ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ. 023 ISA 055 012 چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ 023 ISA 055 013 يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ؛ مۇشۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا بىر نام كەلتۈرىدۇ، مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس كارامەت بولىدۇ. 023 ISA 056 001 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛ چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى، ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ، 023 ISA 056 002 مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى، مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى، قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! 023 ISA 056 003 ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»، ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن. 023 ISA 056 004 چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان، كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان، ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ 023 ISA 056 005 مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛ مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن. 023 ISA 056 006 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا، 023 ISA 056 007 ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ. 023 ISA 056 008 ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى، يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ. 023 ISA 056 009 ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار! 023 ISA 056 010 [ئىسرائىلنىڭ] كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار! 023 ISA 056 011 مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر! 023 ISA 056 012 ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ. 023 ISA 057 001 ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 023 ISA 057 002 ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ. 023 ISA 057 003 بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛ 023 ISA 057 004 سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟ 023 ISA 057 005 ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا، ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر! 023 ISA 057 006 ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛ شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛ شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ، ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛ ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟ 023 ISA 057 007 سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ، سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ. 023 ISA 057 008 ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ، چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛ ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ [خېرىدارلىرىڭ] بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى، سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ. 023 ISA 057 009 سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ. 023 ISA 057 010 سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن، يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى، ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ، ھېچ جاق تويمىدىڭ. 023 ISA 057 011 سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن، يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي، كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ. مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟ سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ! 023 ISA 057 012 سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر! 023 ISA 057 013 چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان [بۇتلار] كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. 023 ISA 057 014 [شۇ چاغدا]: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ. 023 ISA 057 015 چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن. 023 ISA 057 016 چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن، ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛ شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ، ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ. 023 ISA 057 017 ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن، ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛ 023 ISA 057 018 مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن! 023 ISA 057 020 بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان، دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان، داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر. 023 ISA 057 021 رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس. 023 ISA 058 001 ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن. 023 ISA 058 002 بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان، مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛ ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛ ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. 023 ISA 058 003 [ئاندىن ئۇلار]: ــ «بىز روزا تۇتتۇق، ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟ بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق، ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ [دەپ سورايدۇ]. ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر، خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛ 023 ISA 058 004 سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟ قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر! 023 ISA 058 005 مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟ 023 ISA 058 006 مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟ 023 ISA 058 007 ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ 023 ISA 058 008 شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ. 023 ISA 058 009 سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، تەڭلەيدىغان بارماقنى، ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ، 023 ISA 058 010 جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛ 023 ISA 058 011 ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛ 023 ISA 058 012 سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن، شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى، كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن. 023 ISA 058 013 ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ، يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي، شاباتنى «خۇشاللىق»، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ، ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ، 023 ISA 058 014 ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن، ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛ ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى. 023 ISA 059 001 ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛ 023 ISA 059 002 بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى. 023 ISA 059 003 چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛ 023 ISA 059 004 ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛ 023 ISA 059 005 ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ. 023 ISA 059 006 ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛ 023 ISA 059 007 قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ. 023 ISA 059 008 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ. 023 ISA 059 009 ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز. 023 ISA 059 010 قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز. 023 ISA 059 011 ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛ 023 ISA 059 012 چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ 023 ISA 059 013 چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛ 023 ISA 059 014 ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر. 023 ISA 059 015 شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى! 023 ISA 059 016 ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. ۋە ئۇ [ئامال قىلغۇدەك] بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ [گۇناھكارلارغا] ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛ 023 ISA 059 017 ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى. 023 ISA 059 018 ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ. 023 ISA 059 019 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛ 023 ISA 059 020 شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 023 ISA 059 021 مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 060 001 ــ ئورنۇڭدىن تۇر، نۇر چاچ! چۈنكى نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلدى! 023 ISA 060 002 چۈنكى قاراڭغۇلۇق يەر-زېمىننى، قاپقارا زۇلمەت ئەل-يۇرتلارنى باسىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپى سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ؛ 023 ISA 060 003 ھەم ئەللەر نۇرۇڭ بىلەن، پادىشاھلار سېنىڭ كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇقۇڭ بىلەن ماڭىدۇ. 023 ISA 060 004 بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ يىغىلىدۇ؛ ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ، ــ ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، قىزلىرىڭ يانپاشلارغا ئارتىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ. 023 ISA 060 005 شۇ چاغدا كۆرىسەن، كۆزلىرىڭ چاقناپ كېتىدۇ، يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ، ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قالىسەن؛ چۈنكى دېڭىزدىكى بايلىقلار سەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەللەرنىڭ مال-دۇنيالىرى يېنىڭغا كېلىدۇ. 023 ISA 060 006 توپ-توپ بولۇپ كەتكەن تۆگىلەر، ھەم مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ ئۇلار ئالتۇن ھەم خۇشبۇي ئېلىپ كېلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى جاكارلايدۇ. 023 ISA 060 007 كېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا ئېرىشىپ قۇربانگاھىمغا چىقىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن گۈزەللىك-جۇلالىقىمنى ئايان قىلىدىغان ئۆيۈمنى گۈزەللەشتۈرىمەن. 023 ISA 060 008 كەپتەرخانىلىرىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەردەك، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇتتەك كېلىۋاتقان كىمدۇ؟ 023 ISA 060 009 چۈنكى ئاراللار مېنى كۈتىدۇ؛ شۇلار ئارىسىدىن ئوغۇللىرىڭنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىشكە، ئۆز ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشكە، تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ. ئۇلار خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىق كەلتۈردى. 023 ISA 060 010 يات ئادەملەرنىڭ بالىلىرى سېپىللىرىڭنى قۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ چۈنكى غەزىپىمدە مەن سېنى ئۇردۇم؛ بىراق شاپائىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم. 023 ISA 060 011 دەرۋازىلىرىڭ ھەردائىم ئوچۇق تۇرىدۇ؛ (ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئېتىلمەيدۇ) شۇنداق قىلغاندا ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلگىلى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالدىڭغا يېتەكلەپ كەلگىلى بولىدۇ. 023 ISA 060 012 چۈنكى ساڭا خىزمەتتە بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەل ياكى پادىشاھلىق بولسا يوقىلىدۇ؛ مۇشۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. 023 ISA 060 013 مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، لىۋاننىڭ شەرىپى، ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئايىغىم تۇرغان يەرنى شەرەپلىك قىلىمەن. 023 ISA 060 014 سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ. 023 ISA 060 015 سەن تاشلىۋېتىلگەن ھەم نەپرەتكە ئۇچرىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم زېمىنىڭدىن ئۆتمىگەن؛ ئەمدىلىكتە مەن سېنى مەڭگۈلۈك بىر شان-شۆھرەت، ئەۋلاد-ئەۋلادلارنىڭ بىر خۇرسەنلىكى قىلىمەن. 023 ISA 060 016 ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك [مېھىر-شەپقىتىگە] ئېرىشسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ نىجاتكارىڭ ھەم ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى» دەپ بىلىسەن. 023 ISA 060 017 مىسنىڭ ئورنىغا ئالتۇننى، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈشنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ ياغاچنىڭ ئورنىغا مىسنى، تاشلارنىڭ ئورنىغا تۆمۈرنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ سېنىڭ ھاكىملىرىڭنى بولسا تىنچ-ئاراملىق، بەگلىرىڭنى ھەققانىيلىق قىلىمەن. 023 ISA 060 018 زېمىنىڭدا زوراۋانلىقنىڭ ھېچ ساداسى بولمايدۇ، چېگرالىرىڭ ئىچىدە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتمۇ يوق بولىدۇ؛ سەن سېپىللىرىڭنى «نىجات»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن. 023 ISA 060 019 نە قۇياش كۈندۈزدە ساڭا نۇر بولمايدۇ، نە ئاينىڭ جۇلاسى ساڭا يورۇقلۇق بەرمەيدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، سېنىڭ خۇدايىڭ گۈزەل جۇلالىقىڭ بولىدۇ. 023 ISA 060 020 سېنىڭ قۇياشىڭ ئىككىنچى پاتمايدۇ، ئېيىڭ تولۇنلۇقىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ھەسرەت-قايغۇلۇق كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلىدۇ. 023 ISA 060 021 سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ؛ يەر-زېمىنغا مەڭگۈگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېنىڭ گۈزەل جۇلالىقىمنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن مايسا، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىگىنىم بولىدۇ. 023 ISA 060 022 سەبىي بالا بولسا مىڭغا، ئەڭ كىچىكى بولسا ئۇلۇغ ئەلگە ئايلىنىدۇ، مەنكى پەرۋەردىگار بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 023 ISA 061 001 «رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ 023 ISA 061 002 پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى. 023 ISA 061 003 زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ. 023 ISA 061 004 ئۇلار قەدىمكى خارابزارلىقلارنى قايتىدىن قۇرىدۇ، ئەسلىدە ۋەيران قىلىنغان جايلارنى قايتىدىن تىكلەيدۇ، خارابە شەھەرلەرنى، دەۋردىن-دەۋرگە ۋەيرانلىقتا ياتقان جايلارنى يېڭىباشتىن قۇرىدۇ؛ 023 ISA 061 005 ياقا يۇرتلۇقلار تۇرغۇزۇلۇپ، پادىلىرىڭنى باقىدۇ؛ ياتلارنىڭ بالىلىرى قوشچىلىرىڭلار، ئۈزۈمچىلىرىڭلار بولىدۇ. 023 ISA 061 006 بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر. 023 ISA 061 007 خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ؛ رەسۋا قىلىنغانلىقنىڭ ئورنىغا ئۇلار تەقسىماتىدا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىنغا ئىككى ھەسسىلەپ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. 023 ISA 061 008 چۈنكى مەن پەرۋەردىگار توغرا ھۆكۈم، ھەقىقەتنى ئەزىزلەيمەن؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتا ھەرقانداق بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا نەپرەتلىنىمەن؛ مەن ئۇلارغا ھەقىقەت بىلەن تېگىشلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزىمەن. 023 ISA 061 009 شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داڭقى ئەللەر ئارىسىدا، پەرزەنتلىرىنىڭ داڭقى خەلقى-ئالەم ئارىسىدا چىقىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىدۇكى، «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»». 023 ISA 061 010 ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى. 023 ISA 061 011 چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك، باغ ئۆزىدە تېرىلغانلارنى ئۈندۈرگىنىدەك، رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ». 023 ISA 062 001 ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە، ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە، زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن، يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛ 023 ISA 062 002 ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، بارلىق پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛ ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن، 023 ISA 062 003 شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج، خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن. 023 ISA 062 004 سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. 023 ISA 062 005 چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ. 023 ISA 062 006 مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار! 023 ISA 062 007 ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!». 023 ISA 062 008 پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى: ــ «مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛ جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛ 023 ISA 062 009 زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛ [ئۈزۈملەرنى] ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ». 023 ISA 062 010 ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛ خەلق-مىللەتلەر ئۈچۈن [يول كۆرسىتىدىغان] بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار. 023 ISA 062 011 مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ــ زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ! قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. 023 ISA 062 012 ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»، «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن. 023 ISA 063 001 «بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن». 023 ISA 063 002 «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟». 023 ISA 063 003 «مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛ 023 ISA 063 004 چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى، شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛ 023 ISA 063 005 مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛ شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛ 023 ISA 063 006 شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن، قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم، قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم». 023 ISA 063 007 «مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ 023 ISA 063 008 ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى. 023 ISA 063 009 ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛ 023 ISA 063 010 بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛ شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. 023 ISA 063 011 بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. ئەمدى ئۆز [پادىسى بولغانلارنى] پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟ 023 ISA 063 012 ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى، 023 ISA 063 013 ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك، ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟ 023 ISA 063 014 ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛ سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ. 023 ISA 063 015 ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن، سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن [ھالىمىزغا] قاراپ باق! قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟ ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟ 023 ISA 063 016 چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر. 023 ISA 063 017 ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن! 023 ISA 063 018 مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا [تەۋەلىكىگە] ئىگە بولالىغان؛ دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛ 023 ISA 063 019 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق! 023 ISA 064 001 ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ، ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى! 023 ISA 064 003 سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، سەن چۈشكەنىدىڭ؛ يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى! 023 ISA 064 004 سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر! 023 ISA 064 005 سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛ ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ 023 ISA 064 006 ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى. 023 ISA 064 007 سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ. 023 ISA 064 008 بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛ 023 ISA 064 009 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز! 023 ISA 064 010 مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛ 023 ISA 064 011 ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. 023 ISA 064 012 مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟» 023 ISA 065 001 ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم. 023 ISA 065 002 بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم. 023 ISA 065 003 يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛ 023 ISA 065 004 ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار. 023 ISA 065 005 ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر! 023 ISA 065 006 مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن. 023 ISA 065 008 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن. 023 ISA 065 009 شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم [زېمىنغا] ئىگە بولىدۇ، مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ. 023 ISA 065 010 مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ. 023 ISA 065 011 بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، «تەلەي» [دېگەن بۇت] ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، «تەقدىر» [دېگەن بۇت] ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر، 023 ISA 065 012 مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر. 023 ISA 065 013 شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛ 023 ISA 065 014 مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر. 023 ISA 065 015 ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ. 023 ISA 065 016 شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم. 023 ISA 065 017 چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. 023 ISA 065 018 ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. 023 ISA 065 019 ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛ 023 ISA 065 020 ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ. 023 ISA 065 021 ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛ 023 ISA 065 022 ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. 023 ISA 065 023 ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق. 023 ISA 065 024 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن. 023 ISA 065 025 بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 066 001 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ 023 ISA 066 002 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: ــ مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن. 023 ISA 066 003 كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 023 ISA 066 004 شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى». 023 ISA 066 005 «ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ. 023 ISA 066 006 ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە [يامانلىقلىرىنى] قايتۇرۇۋاتىدۇ!» 023 ISA 066 007 ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ! 023 ISA 066 008 كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققان؟ زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى! 023 ISA 066 009 بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ خۇدايىڭ. 023 ISA 066 010 يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار! 023 ISA 066 011 چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان ئەمچەكلىرىدىن ئېمىپ قانائەتلىنىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر قانغۇچە ئىچىپ چىقىسىلەر، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ». 023 ISA 066 012 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇنىڭغا تاشقان دەريادەك ئارام-خاتىرجەملىكنى، تېشىپ كەتكەن ئېقىمدەك ئەللەرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى سۇنۇپ بېرىمەن؛ سىلەر ئېمىسىلەر، سىلەر يانپاشقا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىسىلەر، ئېتەكتە ئەكىلىتىلىسىلەر. 023 ISA 066 013 خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر. 023 ISA 066 014 سىلەر بۇلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈڭلار شادلىنىدۇ، سۆڭەكلىرىڭلار يۇمران ئوت-چۆپتەك ياشناپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۆز قۇللىرىغا ئايان قىلىنىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىگە قەھرىنى كۆرسىتىدۇ. 023 ISA 066 015 چۈنكى غەزىپىنى قەھر بىلەن، تەنبىھىنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن چۈشۈرۈشى ئۈچۈن، مانا، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن كېلىدۇ، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قۇيۇندەك كېلىدۇ. 023 ISA 066 016 چۈنكى ئوت بىلەن ھەم قىلىچ بىلەن پەرۋەردىگار بارلىق ئەت ئىگىلىرىنى سوراق قىلىپ جازالايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر نۇرغۇن بولىدۇ. 023 ISA 066 017 «باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئايرىم تۇتۇپ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ گېپىگە كىرگەنلەر، شۇنداقلا چوشقا گۆشىنى، يىرگىنچلىك بولغاننى، جۈملىدىن چاشقانلارنى يەيدىغانلار بولسا جىمىسى تەڭ تۈگىشىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 066 018 چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر؛ بىراق بارلىق ئەللەر، ھەممە تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى كۆرىدۇ؛ 023 ISA 066 019 ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ. 023 ISA 066 020 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار «ئاشلىق ھەدىيە»نى پاكىز قاچىلارغا قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندەك، شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاتلارغا، جەڭ ھارۋىلىرىغا، سايىۋەنلىك ھارۋا-زەمبىللەرگە، قېچىرلارغا ھەم نار تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ مۇقەددەس تېغىمغا، يەنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 066 021 ھەم مەن ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولۇشقا تاللايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 066 022 چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ. 023 ISA 066 023 ھەم شۇنداق بولىدۇكى، يېڭى ئايمۇ يېڭى ئايدا، شابات كۈنىمۇ شابات كۈنىدە، بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 023 ISA 066 024 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ. # # BOOK 024 JER Jeremiah يەرەمىيا 024 JER 001 001 بىنيامىن قەبىلىسى زېمىنىدىكى ئاناتوت يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلاردىن بولغان ھىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى [تۆۋەندە خاتىرىلىنىدۇ]: ــ 024 JER 001 002 يەھۇدا پادىشاھى، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە، يەنى ئۇ تەختكە ئولتۇرغان ئون ئۈچىنچى يىلىدا [يەرەمىياغا] پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى؛ 024 JER 001 003 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە ھەمدە يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى شۇ يىلنىڭ بەشىنچى ئېيىدا يېرۇسالېمدىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كېلىپ تۇردى. 024 JER 001 004 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: 024 JER 001 005 ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، ــ دېيىلدى. 024 JER 001 006 مەن بولسام: ــ ئاپلا، پەرۋەردىگار! مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن، دېدىم. 024 JER 001 007 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ ئۆزۈڭنى گۆدەك بالا، دېمە؛ چۈنكى مەن سېنى كىمگە ئەۋەتسەم، سەن شۇلارغا بارىسەن؛ ۋە مەن سېنى نېمە دە دەپ بۇيرۇسام، سەن شۇنى دەيسەن. 024 JER 001 008 ئۇلاردىن قورقما؛ چۈنكى سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دېدى. 024 JER 001 009 ۋە پەرۋەردىگار قولىنى سوزۇپ ئاغزىمغا تەگكۈزدى؛ پەرۋەردىگار ماڭا: مانا، ئۆز سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا قويدۇم؛ 024 JER 001 010 قارا، مۇشۇ كۈنى مەن سېنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش، قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەللەر ۋە پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تىكلىدىم، ــ دېدى. 024 JER 001 011 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: «يەرەمىيا، نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆرۈۋاتىمەن» ــ دېدىم. 024 JER 001 012 پەرۋەردىگار ماڭا: «كۆرگىنىڭ ياخشى بولدى؛ چۈنكى مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن سۆزۈمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن» ــ دېدى. 024 JER 001 013 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «پورۇق-پورۇق قايناۋاتقان، ئاغزى شىمال تەرىپىدىن قىيسايغان بىر قازاننى كۆردۈم» ــ دېدىم. 024 JER 001 014 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ كۈلپەت شىمال تەرەپتىن كېلىپ بۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە بۆسۈپ كېلىدۇ ــ دېدى. 024 JER 001 015 ــ چۈنكى مانا، مەن شىمالىي پادىشاھلىقلارنىڭ بارلىق جەمەتلىرىنى چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار كېلىدۇ، پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرى ئالدىغا سېلىپ، ھەممە سېپىللارغا ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇمغا تەييارلىنىدۇ؛ 024 JER 001 016 شۇنىڭ بىلەن مەن [يەھۇدادىكىلەرنىڭ] بارلىق رەزىللىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى جاكارلايمەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، ئۆز قوللىرى ياسىغانلىرىغا چوقۇندى. 024 JER 001 017 سەن ئەمدى بېلىڭنى باغلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ساڭا بۇيرۇغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيت؛ ئۇلار ئالدىدا ھودۇقۇپ كەتمىگىن؛ بولمىسا مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ھودۇقتۇرىمەن. 024 JER 001 018 قارا، مەن بۈگۈن سېنى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىغا، ئەمىرلىرىگە، كاھىنلىرىغا ھەم پۈتكۈل زېمىن خەلقىگە قارشى تۇرغۇچى مۇستەھكەم شەھەر، تۆمۈر تۈۋرۈك ۋە مىس سېپىللاردەك تىكلىدىم. 024 JER 001 019 ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ ــ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 002 001 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 002 002 بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل-باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن. 024 JER 002 003 شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 002 004 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ 024 JER 002 005 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟ 024 JER 002 006 ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟ 024 JER 002 007 مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار. 024 JER 002 008 كاھىنلار: «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى. 024 JER 002 009 شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 024 JER 002 010 ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ-يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ 024 JER 002 011 قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان. 024 JER 002 012 بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ-تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 024 JER 002 013 ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى. 024 JER 002 014 ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟ 024 JER 002 015 ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار [ئىسرائىل] زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى. 024 JER 002 016 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى. 024 JER 002 017 بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ. 024 JER 002 018 ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ [ئەفرات] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ 024 JER 002 019 ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 024 JER 002 020 چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن: «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن. 024 JER 002 021 لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ 024 JER 002 022 چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 024 JER 002 023 سەن قانداقمۇ: «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن! 024 JER 002 024 سەن چۆل-باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر. 024 JER 002 025 [ئى ئىسرائىل]، [بىكار يۈگۈرۈپ]، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات [ئىلاھلارنى] ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ. 024 JER 002 026 ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ 024 JER 002 027 ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە: «ئاتام!» ۋە تاشقا: «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ. 024 JER 002 028 ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا! 024 JER 002 029 نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 002 030 بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى. 024 JER 002 031 ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل-باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا: «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟ 024 JER 002 032 قىز زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان-ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى. 024 JER 002 033 سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ. 024 JER 002 034 ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، 024 JER 002 035 سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ [رەب] مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن. 024 JER 002 036 سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن. 024 JER 002 037 بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن. 024 JER 003 001 شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟ 024 JER 003 002 بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن. 024 JER 003 003 شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر. 024 JER 003 004 ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ 024 JER 003 005 «ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن. 024 JER 003 006 يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى. 024 JER 003 007 ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛ 024 JER 003 008 لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى. 024 JER 003 009 شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا ياغاچ ۋە تاش بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى. 024 JER 003 010 بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 003 011 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى. 024 JER 003 012 بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ «قايتىپ كەل، ئى يولدىن چىققۇچى ئىسرائىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن ساڭا قاپىقىمنى قايتا تۈرمەيمەن؛ چۈنكى مەن رەھىمدىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ مەن غەزىپىمنى مەڭگۈگە ساقلاپ تۇرمايمەن. 024 JER 003 013 پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا [مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن] ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 003 014 قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ [سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا] مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 024 JER 003 015 مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. 024 JER 003 016 شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر. 024 JER 003 017 شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. 024 JER 003 018 شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ. 024 JER 003 019 مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم. 024 JER 003 020 لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 003 021 يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان. 024 JER 003 022 ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن. ــ «مانا، بىز يېنىڭغا بارىمىز؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ دەڭلار! 024 JER 003 023 ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان [بۇتپەرەسلىكنىڭ] قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر. 024 JER 003 024 لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛ 024 JER 003 025 نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق. 024 JER 004 001 ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ، 024 JER 004 002 ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ. 024 JER 004 003 چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار! 024 JER 004 004 ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. 024 JER 004 005 ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار! 024 JER 004 006 زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن. 024 JER 004 007 شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. 024 JER 004 008 بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى! 024 JER 004 009 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ. 024 JER 004 010 ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم. 024 JER 004 011 ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! 024 JER 004 012 ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن. 024 JER 004 013 مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!» 024 JER 004 014 ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ 024 JER 004 015 چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ 024 JER 004 016 ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ. 024 JER 004 017 ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 004 018 سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!». 024 JER 004 019 ــ [مەن]: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى. 024 JER 004 020 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! 024 JER 004 021 قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ [دېدىم]. 024 JER 004 022 ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر». 024 JER 004 023 ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ 024 JER 004 024 تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى. 024 JER 004 025 قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. 024 JER 004 026 مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى. 024 JER 004 027 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. 024 JER 004 028 بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛ 024 JER 004 029 ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. 024 JER 004 030 ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. 024 JER 004 031 چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا. 024 JER 005 001 [پەرۋەردىگار]: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ [شەھەرنى] كەچۈرىمەن! 024 JER 005 002 گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، [دېدى]. 024 JER 005 003 ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» 024 JER 005 004 ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. 024 JER 005 005 ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. 024 JER 005 006 ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ. 024 JER 005 007 مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. 024 JER 005 008 ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ. 024 JER 005 009 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ 024 JER 005 010 ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ 024 JER 005 011 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 005 012 ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. 024 JER 005 013 پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ [پەرۋەردىگارنىڭ] سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن! 024 JER 005 014 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. 024 JER 005 015 ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ 024 JER 005 016 ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. 024 JER 005 017 ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. 024 JER 005 018 ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. 024 JER 005 019 شۇ چاغدا [خەلقىڭ]: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن [يەرەمىيا] ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن. 024 JER 005 020 ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، 024 JER 005 021 «بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ 024 JER 005 022 مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. 024 JER 005 023 لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. 024 JER 005 024 ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. 024 JER 005 025 سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان. 024 JER 005 026 چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. 024 JER 005 027 تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. 024 JER 005 028 ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ. 024 JER 005 029 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ 024 JER 005 030 زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ 024 JER 005 031 پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟ 024 JER 006 001 جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار، ئى بىنيامىن جەمەتىدىكىلەر! تەكوئا يېزىسىدا كاناي چېلىڭلار! بەيت-ھاككەرەمدە ئىس سىگنالىنى كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى بالايىئاپەت، يەنى دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ. 024 JER 006 002 زىئون قىزى، يەنى نازىنىن ساھىبجامالنى، مەن نابۇت قىلىمەن. 024 JER 006 003 يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ. 024 JER 006 004 [ئۇلار]: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ [دەيدۇ]، [ئاندىن]: 024 JER 006 005 «شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئوردىلىرىنى يوقىتايلى!» ــ دەيدۇ. 024 JER 006 006 ــ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۇلار بىلەن يېرۇسالېم ئەتراپىدا دۆڭ-پوتەيلەرنى ياساڭلار؛ چۈنكى ئۇ جازالانمىسا بولمايدىغان شەھەردۇر؛ ئۇنىڭدا بارلىق ئىشلار زۇلۇم-زومىگەرلىكتۇر. 024 JER 006 007 قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا؛ ئۇنىڭدىن زۇلمەت-زوراۋانلىق ۋە ھالاكەت سادالىرى ئاڭلانماقتا؛ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھەمىشە ئاغرىق-كېسەللەر ھەم يارىلانغانلار پەيدا بولماقتا. 024 JER 006 008 ئى يېرۇسالېم، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىل؛ بولمىسا جېنىم سەندىن ۋاز كېچىدۇ، ــ بولمىسا، مەن سېنى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بىر زېمىن قىلىۋېتىمەن. 024 JER 006 009 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن! 024 JER 006 010 [مەن]: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟ ئۇلاردىن ئاڭلىغۇدەك زادى كىم بار؟ مانا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى سۈننەت قىلىنمىغان، ئۇلار ھېچ ئاڭلىيالمايدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ [دېدىم]. 024 JER 006 011 ــ قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى؛ ئۇنى ئىچىمگە سىغدۇرۇشتىن ھالسىراپ كەتتىم؛ ئۇنى كوچىدىكى بالىلار، يىگىتلەرنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا تۆككەيسەن. ئەر-ئاياللار، قېرىلار ھەم ياشانغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىسۇن! 024 JER 006 012 ــ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئاياللىرى بىلەن بىللە ئۆزگىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى مەن قولۇمنى زېمىندىكىلەرگە سوزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 006 013 ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ 024 JER 006 014 ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! 024 JER 006 015 ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 006 016 شۇڭا پەرۋەردىگار [ئۆز خەلقىگە] مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ. 024 JER 006 017 مەن: سىلەرگە «كاناينىڭ ئاگاھ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەيدىغان ئاگاھ بەرگۈچى كۆزەتچىلەرنى تىكلىدىم؛ لېكىن سىلەر: «قۇلاق سالمايمىز» دېدىڭلار. 024 JER 006 018 شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار؛ گۇۋاھچىلار بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ قويۇڭلار! 024 JER 006 019 ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان. 024 JER 006 020 ــ ئەمدى زادى نېمە مەقسەتتە شېبادىن چىققان خۇشبۇي، يىراق يۇرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېگىر ماڭا سۇنۇلىدۇ؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار قوبۇل قىلارلىق ئەمەس، سىلەرنىڭ «تەشەككۈر قۇرنانلىق»لىرىڭلار مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ. 024 JER 006 021 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلق ئالدىغا پۇتلىكاشاڭلارنى سالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاتىلار ھەم ئوغۇللار بىللە پۇتلىشىدۇ؛ قوشنىلار ۋە دوستلار ئوخشاشلا نابۇت بولىدۇ. 024 JER 006 022 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قارا، شىمالىي زېمىندىن بىر خەلق كېلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەرىلىرىدىن ئۇلۇغ بىر ئەل قوزغىلىدۇ؛ 024 JER 006 023 ئۇلار ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار زالىم، ھېچ رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاۋازى دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار ئاتلارغا مىنىدۇ، جەڭگىۋار ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، ئى زىئون قىزى! 024 JER 006 024 «بىز ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىدۇق؛ قولىمىز بوشىشىپ كەتتى؛ غەشلىك، تولغاقتا قالغان ئايالدەك ئازاب بىزنى تۇتتى» ــ [دېدىم]. 024 JER 006 025 «دالاغا چىقماڭلار، يوللار بىلەن ماڭماڭلار، چۈنكى دۈشمەننىڭ قىلىچى بار، تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ. 024 JER 006 026 ئى خەلقىمنىڭ قىزى، سەن ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال، كۈللەر ئىچىدە ئېغىناپ يات؛ ئۆزۈڭنىڭ بىر تال ئوغلۇڭدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق يىغلاپ ماتەم تۇت؛ چۈنكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى بىزگە قاراپ تۇيۇقسىز كېلىدۇ». 024 JER 006 027 [پەرۋەردىگار ماڭا]: ــ مەن سېنى رودا سىنىغۇچى قىلىپ تىكلىدىم، خەلقىم بولسا خۇددى تەكشۈرۈلىدىغان رودىدەك بولىدۇ؛ سېنى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ سىناشقا تىكلىدىم، ــ [دېدى]. 024 JER 006 028 ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاسىينىڭ ئاسىيسى، ئۇلار تۆھمەت چاپلاپ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر، ھەممىسى چىرىپ كەتكەندۇر؛ 024 JER 006 029 تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى. 024 JER 006 030 ئۇلار «داشقال كۈمۈش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدى. 024 JER 007 001 پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ 024 JER 007 002 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن. 024 JER 007 003 ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. 024 JER 007 004 «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. 024 JER 007 005 ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، 024 JER 007 006 ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ 024 JER 007 007 شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن. 024 JER 007 008 لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر. 024 JER 007 009 ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، 024 JER 007 010 ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! 024 JER 007 011 مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 007 012 شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! 024 JER 007 013 ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ 024 JER 007 014 ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ 024 JER 007 015 مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن. 024 JER 007 016 ئەمدى سەن، [يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ [گۇناھلىرىنى] ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. 024 JER 007 017 ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟ 024 JER 007 018 بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. 024 JER 007 019 ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ 024 JER 007 020 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. 024 JER 007 021 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! 024 JER 007 022 چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛ 024 JER 007 023 بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. 024 JER 007 024 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. 024 JER 007 025 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم. 024 JER 007 026 لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. 024 JER 007 027 سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى [توۋا قىلىشقا] چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ. 024 JER 007 028 ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى. 024 JER 007 029 چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. 024 JER 007 030 چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 024 JER 007 031 ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. 024 JER 007 032 شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. 024 JER 007 033 بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. 024 JER 007 034 مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ. 024 JER 008 001 شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛ 024 JER 008 002 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ. 024 JER 008 003 مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 024 JER 008 004 ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟ 024 JER 008 005 نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ. 024 JER 008 006 مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. 024 JER 008 007 ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ. 024 JER 008 008 سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان. 024 JER 008 009 دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟ 024 JER 008 010 شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ. 024 JER 008 011 ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! 024 JER 008 012 ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 008 013 مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. 024 JER 008 014 «بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە [كۈرەش قىلىپ] تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 024 JER 008 015 ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى! 024 JER 008 016 دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!». 024 JER 008 017 ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 008 018 [مەن]: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ [دېدىم]. 024 JER 008 019 «مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! [ئۇلار] ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ [دەيدۇ]. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» 024 JER 008 020 ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!» 024 JER 008 021 «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ 024 JER 008 022 گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!». 024 JER 009 001 ئاھ، مېنىڭ بېشىم سۇنىڭ بېشى، كۆزۈم ياشنىڭ بۇلىقى بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنىڭ قىزى ئارىسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يىغلايتتىم! 024 JER 009 002 ئاھ، مەن ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا يولۇچىلار چۈشكىدەك بىر تۇرالغۇ بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنى تاشلاپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان بولاتتىم! چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار، مۇناپىقلارنىڭ بىر جامائىتىدۇر!» 024 JER 009 003 ــ ئۇلار ئوقياچى لەشكەرلەر ئوقيايىنى ئېگىلدۈرگەندەك تىلىنى يالغانچىلىققا ئېگىلدۈرۈشكە تەييارلىغان؛ ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس؛ ئۇلار رەزىللىك ئۈستىگە رەزىللىك قىلغان، مېنى ھېچ تونۇپ بىلمىگەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 009 004 ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلاردىن ھېزى بولۇڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارغا ھېچ تايانماڭلار؛ چۈنكى ھەربىر قېرىنداش پەقەتلا ئالدىغۇچى، خالاس، ھەربىر يېقىنلىرىڭ بولسا تۆھمەتخورلۇقتا يۈرمەكتە. 024 JER 009 005 ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ. 024 JER 009 006 ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 009 007 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاپ سىنايمەن؛ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ رەزىللىكىگە ماڭا باشقا يول قالمىدىمۇ؟ 024 JER 009 008 ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ. 024 JER 009 009 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ 024 JER 009 010 «تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، شۇ يەردىن كەتتى!». 024 JER 009 011 ــ مەن يېرۇسالېمنى خارابلاشقان توپ-توپ دۆۋە، چىلبۆرىلەرنىڭ بىر تۇرالغۇسى قىلىمەن؛ يەھۇدا شەھەرلىرىنى ئادەم تۇرمايدىغان دەرىجىدە ۋايرانە قىلىمەن. 024 JER 009 012 ــ كىم بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە دانىشمەن بولىدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئېلىپ بۇلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ نېمىشقا زېمىن ۋەيرانە، ھېچكىم ئۆتمىگۈدەك، كۆيۈپ چۆل-باياۋاندەك بولۇپ كەتتى؟ 024 JER 009 013 پەرۋەردىگار دەيدۇ، ــ چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان، 024 JER 009 014 بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن، 024 JER 009 015 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلققە كەكرىنى يېگۈزىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن، 024 JER 009 016 ئۇلارنى ئۇلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى ھېچ تونۇمايدىغان ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا قىلىچنى ئەۋەتىمەن. 024 JER 009 017 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار! 024 JER 009 018 ــ بەرھەق، ئۇلار تېز كەلسۇن، بىز ئۈچۈن زور يىغا كۆتۈرسۇنكى، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىنمۇ ياشلار تاراملاپ تۆكۈلسۇن، چاناقلىرىمىزدىنمۇ ياش تامچىلىرى ئاقسۇن ــ 024 JER 009 019 چۈنكى زىئوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ: ــ «بىز قانچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق! قانچىلىك شەرمەندە بولدۇق! ئۇلار تۇرالغۇلىرىمىزنى ئۆرۈۋەتتى، بىز زېمىنىمىزنى تاشلىدۇق!» ــ دېيىلىدۇ. 024 JER 009 020 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛ 024 JER 009 021 چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان. 024 JER 009 022 [يېقىنلىرىڭلارغا] ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار! 024 JER 009 023 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دانا كىشى دانالىقى بىلەن، كۈچلۈك كىشى كۈچلۈكلىكى بىلەن، باي بايلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ماختانمىسۇن؛ 024 JER 009 024 پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 009 025 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەتنە قىلمىغانلارنى خەتنە قىلىنغانلار بىلەن بىللە جازالايمەن؛ 024 JER 009 026 يەنى مىسىر، يەھۇدا، ئېدوم، ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار، جۈملىدىن چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان، چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر. 024 JER 010 001 پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ 024 JER 010 002 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. 024 JER 010 003 چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. 024 JER 010 004 ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. 024 JER 010 005 بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. 024 JER 010 006 ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. 024 JER 010 007 كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. 024 JER 010 008 [ئەللەرنىڭ] ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ 024 JER 010 009 سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر! 024 JER 010 010 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. 024 JER 010 011 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». 024 JER 010 012 [پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر. 024 JER 010 013 ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. 024 JER 010 014 مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. 024 JER 010 015 ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. 024 JER 010 016 ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 024 JER 010 017 زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ 024 JER 010 018 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». 024 JER 010 019 جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. 024 JER 010 020 مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. 024 JER 010 021 چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. 024 JER 010 022 ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! 024 JER 010 023 بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ 024 JER 010 024 پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. 024 JER 010 025 قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان. 024 JER 011 001 يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز مۇنداق ئىدى: 024 JER 011 002 ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار؛ شۇنداقلا يەھۇدا كىشىلىرىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئۇلارنى يەتكۈزۈڭلار، 024 JER 011 003 ــ سەن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق ئېيتقىن: ــ ــ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە كىم بويسۇنمىسا ئۇ لەنەتتە قالىدۇ؛ 024 JER 011 004 مەن بۇ ئەھدىنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى تۆمۈر تاۋلايدىغان خۇمداندىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئۇلارغا تاپىلاپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇ سۆزلەرگە، يەنى مەن سىلەرگە تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن؛ 024 JER 011 005 شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم. 024 JER 011 006 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا بۇ سۆزلەرنى جاكارلا: ــ بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار! 024 JER 011 007 چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە «مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەپ جېكىلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن؛ مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدىم. 024 JER 011 008 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىللىققا ئەگىشىپ ماڭغان؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئەھدىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈردۈم؛ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپىلىغانمەن، لېكىن ئۇلار ھېچ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. 024 JER 011 009 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۇيىقەست بايقالدى؛ 024 JER 011 010 ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە قايتىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدە بولايلى دەپ باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كەتتى. ئىسرائىل جەمەتى ھەم يەھۇدا جەمەتى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. 024 JER 011 011 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. 024 JER 011 012 ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ. 024 JER 011 013 چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولغانسېرى، بۇتلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولدى، ئى يەھۇدا؛ يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىلەر «يىرگىنچلىك بولغۇچى»غا شۇنچە قۇربانگاھلارنى قۇردۇڭلار، يەنى بائالغا ئىسرىق يېقىش ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى بەرپا قىلدىڭلار. 024 JER 011 014 ئەمدى سەن، [ئى يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ پەرياد ياكى تىلاۋەت قىلما؛ چۈنكى ئاپەت بېشىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇلار ماڭا نىدا قىلغان ۋاقتىدا مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. 024 JER 011 015 ــ مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىمنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشىغا نېمە ھەققى؟ چۈنكى كۆپىنچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئورۇنىسىلەر؛ سىلەر رەزىللىكىڭلار ئەمەلگە ئاشقاندا خۇرسەن بولساڭلار، ئۇنداقتا «مۇقەددەس گۆشلەر» مۇشۇ ئاسىيلىقىڭلارنى سىلەردىن ئېلىپ تاشلىيالامدۇ؟ 024 JER 011 016 پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى «ياپيېشىل، مول مېۋىلىك، باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدى؛ لېكىن [پەرۋەردىگار] دەرەخكە شاۋقۇنلايدىغان زور بىر ئوتنى سالىدۇ ۋە شاخلىرى يوق قىلىنىدۇ. 024 JER 011 017 چۈنكى سېنى تىككەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ساڭا قاراپ كۈلپەت بېكىتىپ جاكارلىغان؛ سەۋەبى، ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ رەزىللىك قىلىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردى. 024 JER 011 018 «پەرۋەردىگار ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەندىم؛ ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايان قىلدى؛ 024 JER 011 019 مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛ 024 JER 011 020 لېكىن سەن، ئى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئادەمنىڭ ۋىجدان-قەلبىنى سىنىغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان قىساسىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن؛ چۈنكى دەۋايىمنى ساڭىلا ئايان قىلىپ تاپشۇردۇم». 024 JER 011 021 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ماڭا] مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بەرمە، بولمىسا جېنىڭ قولىمىزدا تۈگىشىدۇ» ــ دەپ ساڭا دوق قىلىپ يۈرگەن ئاناتوتتىكى ئادەملەر جېنىڭنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق سۆزۈم بار: ــ 024 JER 011 022 ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ. 024 JER 011 023 ئۇلاردىن ھېچبىر قالدىسى قالمايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا، شۇ ئاناتوتتىكى ئادەملەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىمەن. 024 JER 012 001 مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟ 024 JER 012 002 سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛ 024 JER 012 003 لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن. 024 JER 012 004 زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «[خۇدا] ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. 024 JER 012 005 ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ [ماڭا] ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟ 024 JER 012 006 چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!» 024 JER 012 007 ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 024 JER 012 008 مېنىڭ مىراسىم [بولغان خەلق] بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن. 024 JER 012 009 مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار! 024 JER 012 010 نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛ 024 JER 012 011 ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ. 024 JER 012 012 چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. 024 JER 012 013 [خەلقىم] بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا [ناچار] مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر. 024 JER 012 014 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛ 024 JER 012 015 لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 024 JER 012 016 شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن [مۇقىم] ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ. 024 JER 012 017 بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 013 001 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما. 024 JER 013 002 شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم. 024 JER 013 003 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 013 004 «سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي». 024 JER 013 005 شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم. 024 JER 013 006 كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى. 024 JER 013 007 شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى. 024 JER 013 008 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 013 009 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛ 024 JER 013 010 مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ. 024 JER 013 011 چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا [يېقىن] بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى. 024 JER 013 012 ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛ 024 JER 013 013 سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. 024 JER 013 014 مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ. 024 JER 013 015 ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 024 JER 013 016 ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار! 024 JER 013 017 بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر. 024 JER 013 018 پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. 024 JER 013 019 جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. 024 JER 013 020 بېشىڭنى كۆتۈر، [ئى زىئون]، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ 024 JER 013 021 [پەرۋەردىگار] سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟ 024 JER 013 022 سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى. 024 JER 013 023 ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر! 024 JER 013 024 ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن. 024 JER 013 025 بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. 024 JER 013 026 شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ. 024 JER 013 027 ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟! 024 JER 014 001 يەرەمىياغا چۈشكەن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى: ــ 024 JER 014 002 يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى زاۋالغا يۈز تۇتماقتا، خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە. 024 JER 014 003 مۆتىۋەرلىرى چاپارمەنلىرىنى سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇلار سۇ ئازگاللىرىغا بارىدۇ، لېكىن ھېچ سۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۈپلىرى قۇرۇق قايتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە قاراپ قالىدۇ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. 024 JER 014 004 ھېچ يامغۇر بولمىغاچقا يەر يۈزى يېرىلىپ كەتتى؛ يەر ھەيدىگۈچىلەر يەرگە قاراپ بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. 024 JER 014 005 مارال بولسا دالادا بالا قوزىلايدۇ، ئاندىن قوزىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ چۈنكى ئوت-چۆپ يوق. 024 JER 014 006 ياۋا ئېشەكلەر ئېگىزلىكلەردە تۇرۇپ چىلبۆرىلەردەك ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئوزۇق ئىزدەپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئوزۇق يوق. 024 JER 014 007 ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 024 JER 014 008 ئى ئىسرائىلنىڭ ئارزۇسى، كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغۇچى، سەن نېمىشقا بىزگە زېمىنىمىزدىكى مۇساپىردەك، بىر كېچىلا قونماقچى بولغان بىر يولۇچىدەك بولىسەن؟ 024 JER 014 009 نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە! 024 JER 014 010 پەرۋەردىگار مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار دەرھەقىقەت [مەندىن] تېزىپ، كېزىشكە ئامراقتۇر؛ ئۇلار قەدەملىرىنى [يامان يولدىن] ھېچ تىزگىنلىمەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق خۇرسەنلىكى يوق؛ ئەمدى ھازىر ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. 024 JER 014 011 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ خەلقنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلما ــ دېدى. 024 JER 014 012 ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن. 024 JER 014 013 مەن بولسام: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «سىلەر قىلىچنى ھېچ كۆرمەيسىلەر، قەھەتچىلىككىمۇ دۇچ كەلمەيسىلەر؛ چۈنكى مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەيدۇ، ــ دېدىم. 024 JER 014 014 ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە. 024 JER 014 015 شۇڭا پەرۋەردىگار: ــ مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛ 024 JER 014 016 ئۇلار بېشارەت بەرگەن خەلقنىڭ بولسا، قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاياللىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى كۆمگۈدەك ھېچكىم قالمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا تۆكىمەن. 024 JER 014 017 سەن ئۇلارغا شۇ سۆزنى ئېيتىسەن: ــ «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز ياش توختىمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم يارىسى بۆسۈلگەندەك قاتتىق بىر زەرب يەپ، ئىنتايىن ئېغىر يارىلاندى»، ــ دەيدۇ. 024 JER 014 018 مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. 024 JER 014 019 سەن يەھۇدادىن نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ؟ جېنىڭ زىئوندىن زېرىكتىمۇ؟ سەن نېمىشقا بىزنى شۇنچە داۋالىغۇسىز دەرىجىدە ئۇرغانىدىڭ؟ بىز ئارام-تىنچلىقنى كۈتتۇق، لېكىن ھېچ قۇتلۇق كۈنلەر يوقتۇر؛ شىپالىق بىر ۋاقىتنى كۈتتۇق، لېكىن مانا دەككە-دۈككە ئىچىدىدۇرمىز! 024 JER 014 020 ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 024 JER 014 021 ئۆزۈڭ نامىڭ ئۈچۈن [يېرۇسالېمنى] كۆزۈڭگە ئىلماي قويمىغايسەن؛ شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن؛ ئەھدەڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئۇنى بۇزمىغايسەن! 024 JER 014 022 ئەللەر چوقۇنىدىغان «ئەرزىمەسلەر» ئارىسىدا يامغۇر ياغدۇرغۇچى بارمىدۇ؟ يېغىننى ئاسمانلار ئۆزلىرىلا بېرەمدۇ؟ [بۇلارنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى] سەن ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! شۇڭا سېنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز؛ چۈنكى سەنلا بۇلارنى قىلغۇچىدۇرسەن. 024 JER 015 001 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن! 024 JER 015 002 ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن. 024 JER 015 003 چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ 024 JER 015 004 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن. 024 JER 015 005 چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ 024 JER 015 006 سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن [ساڭا] ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. 024 JER 015 007 شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. 024 JER 015 008 كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. 024 JER 015 009 يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز [مەغرىپكە] پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 015 010 ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ! 024 JER 015 011 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن. 024 JER 015 012 تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟ 024 JER 015 013 بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ 024 JER 015 014 مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ. 024 JER 015 015 ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن. 024 JER 015 016 سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! 024 JER 015 017 مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. 024 JER 015 018 مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟ 024 JER 015 019 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك [سۆزلەر] بىلەن ئەرزىمەس [سۆزلەرنى] پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ 024 JER 015 020 ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 015 021 ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن. 024 JER 016 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 016 002 سەن ئايال زاتىنى ئەمرىڭگە ئالمايسەن، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ئوغۇل-قىز پەرزەنت تاپمايسەن. 024 JER 016 003 چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ يەردە تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلار، بۇ زېمىندا ئۇلارنى تۇغقان ئانىلار ۋە ئۇلارنى تۇغدۇرغان ئاتىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 016 004 ئۇلار ئەلەملىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۆلۈكلىرى تېزەكتەك تۇپراق يۈزىدە ياتىدۇ، ئۇلار قىلىچ، قەھەتچىلىك بىلەن يەپ كېتىلىدۇ؛ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ. 024 JER 016 005 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن [يەرەمىيا]، ھازا بولۇۋاتقان ھېچبىر ئۆيگە كىرمە، ياكى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈش ياكى ئۆكۈنۈشكە بارما؛ چۈنكى مەن بۇ خەلقتىن خاتىرجەملىكىمنى، مېھىر-مۇھەببىتىمنى ۋە رەھىمدىللىكلىرىمنى ئېلىپ تاشلىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 016 006 ئۇلۇغلاردىن تارتىپ پەسلەرگىچە بۇ زېمىندا ئۆلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە كۆمۈلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى دەپ، يا ئەتلىرىنى تىلمايدۇ، يا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ؛ 024 JER 016 007 ئۇلار قارىلىق تۇتقانلارنى يوقلاپ، نان ئوشتۇمايدۇ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل سورىمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھېچكىم تەسەللى قەدەھىنى سۇنمايدۇ. 024 JER 016 008 سەن بولساڭ ئەل-يۇرت بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشكە توي-بەزمە بولغان ئۆيگىمۇ كىرمە؛ 024 JER 016 009 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ۋە ئۆز كۆز ئالدىڭلاردا، بۇ يەردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازلىرىنى توختىتىمەن. 024 JER 016 010 شۇنداق بولىدۇكى، سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق زور بىر كۈلپەتنى بېشىمىزغا چۈشۈرۈشكە بېكىتكەن؟ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىز زادى نېمە؟ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. 024 JER 016 011 ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: ــ چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندىن ۋاز كەچكەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، ئۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلار مەندىن ۋاز كەچكەن، تەۋرات-قانۇنۇمنى ھېچ تۇتمىغان؛ 024 JER 016 012 سىلەر بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىلىرىڭلاردىن تېخىمۇ بەتتەر قىلغانسىلەر؛ مانا، ھەربىرىڭلار ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ 024 JER 016 013 شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن ئېلىپ، سىلەر ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھېچ بىلمەيدىغان باشقا بىر زېمىنغا تاشلايمەن؛ سىلەر شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ھېچ مېھىرنى كۆرسەتمەيمەن. 024 JER 016 014 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، 024 JER 016 015 بەلكى [شۇ كۈنلەردە] «ئىسرائىللارنى شىمالىي زېمىنىدىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق زېمىنلەردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 024 JER 016 016 ھالبۇكى، مانا ھازىر بولسا، مەن نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتقۇزۇشقا چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاندىن نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ ئوۋلاشقا چاقىرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ھەربىر تاغدىن، ھەربىر ئېگىزلىكتىن، قىيا تاشلارنىڭ غار-قىسىلچاقلىرىدىن تېپىۋالىدۇ. 024 JER 016 017 چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى. 024 JER 016 018 لېكىن مەن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن بۇلغىغان، مېنىڭ مىراسىمنى لەنەتلىك نەرسىلىرى بىلەن تولدۇرغان. 024 JER 016 019 ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر. 024 JER 016 020 ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. 024 JER 016 021 ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم [بۇ رەزىل خەلققە] شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ! 024 JER 017 001 يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛ 024 JER 017 002 بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان [بۇتلىرىنىڭ] قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ. 024 JER 017 003 مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ 024 JER 017 004 ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ. 024 JER 017 005 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن! 024 JER 017 006 ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ. 024 JER 017 007 پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! 024 JER 017 008 ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ. 024 JER 017 009 قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟ 024 JER 017 010 مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن. 024 JER 017 011 خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ. 024 JER 017 012 شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛ 024 JER 017 013 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن. 024 JER 017 014 مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن! 024 JER 017 015 مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. 024 JER 017 016 لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان. 024 JER 017 017 ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. 024 JER 017 018 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن! 024 JER 017 019 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ 024 JER 017 020 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق! 024 JER 017 021 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛ 024 JER 017 022 شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار. 024 JER 017 023 لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان. 024 JER 017 024 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار، 024 JER 017 025 بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. 024 JER 017 026 شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، [غەربتىكى] «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى [تاغلىقتىن]، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار، «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»، «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، [پەرۋەردىگارغا بولغان] رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ. 024 JER 017 027 لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، شابات كۈنىدە يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن يۈك كۆتۈرۈپ كىرسەڭلار، ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. 024 JER 018 001 بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 018 002 «ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن». 024 JER 018 003 شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى. 024 JER 018 004 ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى. 024 JER 018 005 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 018 006 «ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى. 024 JER 018 007 بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ 024 JER 018 008 شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن. 024 JER 018 009 مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ 024 JER 018 010 شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن. 024 JER 018 011 ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار. 024 JER 018 012 ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ. 024 JER 018 013 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! 024 JER 018 014 لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ 024 JER 018 015 لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان. 024 JER 018 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ. 024 JER 018 017 مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن». 024 JER 018 018 كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى. 024 JER 018 019 ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 024 JER 018 020 ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. 024 JER 018 021 شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن. 024 JER 018 022 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان. 024 JER 018 023 ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن. 024 JER 019 001 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ، 024 JER 019 002 «ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. 024 JER 019 003 مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. 024 JER 019 004 چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. 024 JER 019 005 ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان. 024 JER 019 006 شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 024 JER 019 007 مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. 024 JER 019 008 مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ. 024 JER 019 009 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 024 JER 019 010 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛ 024 JER 019 011 شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. 024 JER 019 012 مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. 024 JER 019 013 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ. 024 JER 019 014 ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: 024 JER 019 015 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان. 024 JER 020 001 ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. 024 JER 020 002 پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى. 024 JER 020 003 ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. 024 JER 020 004 ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ. 024 JER 020 005 مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. 024 JER 020 006 سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. 024 JER 020 007 ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ [پەيغەمبەرلىككە] كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ. 024 JER 020 008 مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. 024 JER 020 009 لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن. 024 JER 020 010 شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. 024 JER 020 011 لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. 024 JER 020 012 ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن. 024 JER 020 013 پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان. 024 JER 020 014 مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن! 024 JER 020 015 ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! 024 JER 020 016 بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ 024 JER 020 017 چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى! 024 JER 020 018 نېمىشقا مەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشكە، كۈنلىرىمنى خىجالەت-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە بالىياتقۇدىن چىققاندىمەن؟ 024 JER 021 001 پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ 024 JER 021 002 ([ئۇلار]: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ [ئۆتكەنكى] كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ [دەپ سورىدى]. 024 JER 021 003 يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى) 024 JER 021 004 ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ 024 JER 021 005 مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن! 024 JER 021 006 مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. 024 JER 021 007 ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ. 024 JER 021 008 لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ 024 JER 021 009 كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. 024 JER 021 010 چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 024 JER 021 011 ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 024 JER 021 012 ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ 024 JER 021 013 مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 021 014 مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. 024 JER 022 001 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ 024 JER 022 002 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ 024 JER 022 003 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار. 024 JER 022 004 سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ. 024 JER 022 005 بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ. 024 JER 022 006 چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن. 024 JER 022 007 مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ. 024 JER 022 008 نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. 024 JER 022 009 ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ. 024 JER 022 010 ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ. 024 JER 022 011 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛ 024 JER 022 012 چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ. 024 JER 022 013 ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛ 024 JER 022 014 ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. [ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي]! 024 JER 022 015 سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، [ئاتا-بوۋىلىرىڭ] بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن. 024 JER 022 016 ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 022 017 ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر. 024 JER 022 018 شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ 024 JER 022 019 ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. 024 JER 022 020 لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى. 024 JER 022 021 مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن. 024 JER 022 022 شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن. 024 JER 022 023 ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن! 024 JER 022 024 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ 024 JER 022 025 مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 024 JER 022 026 مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. 024 JER 022 027 جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر. 024 JER 022 028 كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟ 024 JER 022 029 ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! 024 JER 022 030 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. 024 JER 023 001 مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 002 شۇڭا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى شۇنداق بېقىۋاتقان باققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ پادامنى تارقىتىۋەتكەنسىلەر، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنسىلەر ۋە ئۇلارنى ئىزدىمىگەنسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالمىغانسىلەر؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ 024 JER 023 003 ۋە پادامنىڭ قالدىسىنى بولسا، مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن، ئۇلارنى ئۆز يايلاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار ئاۋۇپ كۆپىيىدۇ. 024 JER 023 004 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 005 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. 024 JER 023 006 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز». 024 JER 023 007 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، 024 JER 023 008 بەلكى شۇ كۈنلەردە «ئىسرائىللارنى شىمالدىكى زېمىندىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆز يۇرتىدا تۇرىدۇ. 024 JER 023 009 پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛ 024 JER 023 010 چۈنكى زېمىن بولسا زىناخورلارغا تولغان؛ ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرى توغرا يولدا ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەققانىيلىق يولىدا ئەمەس. شۇڭا [پەرۋەردىگارنىڭ] لەنىتى تۈپەيلىدىن زېمىن قاغجىرايدۇ؛ دالادىكى ئوت-چۆپ سولىشىدۇ؛ 024 JER 023 011 چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 012 ــ شۇڭا ئۇلارنىڭ يولى ئۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، تېيىلغاق يوللاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار بۇ يوللاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا يامانلىق چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 013 مەن ئاۋۋال سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەردە ئەخمەقلىقنى كۆرگەنمەن؛ ئۇلار بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى ئازدۇرغان؛ 024 JER 023 014 بىراق يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، [يېرۇسالېمدا] تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى. 024 JER 023 015 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى. 024 JER 023 016 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ. 024 JER 023 017 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ جاھىللىقىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرىگە: «ھېچقانداق يامانلىق بېشىڭلارغا چۈشمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 024 JER 023 018 بىراق ئۇلاردىن قايسى بىرسى پەرۋەردىگارنىڭ كېڭىشىدە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن تۇرغان؟ ئۇلاردىن كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان؟ 024 JER 023 019 مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 024 JER 023 020 ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ يېتىسىلەر. 024 JER 023 021 مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەنمەن، لېكىن ئۇلار خەۋەرنى جار قىلىشقا قاترىغان؛ مەن ئۇلارغا سۆز قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار بېشارەت بەرگەن. 024 JER 023 022 ھالبۇكى، ئۇلار مېنىڭ كېڭىشىمدە تۇرغان بولسا، مېنىڭ خەلقىمگە سۆزلىرىمنى ئاڭلاتقۇزغان بولسا، ئەمدى خەلقىمنى رەزىل يولىدىن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن ياندۇرغان بولاتتى. 024 JER 023 023 مەن پەقەت بىر يەردىلا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن يىراق-يىراقلاردىكى ھەرجايدا تۇرىدىغان خۇدا ئەمەسمۇ؟ 024 JER 023 024 بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 025 مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛ 024 JER 023 026 بۇنداق پەيغەمبەرلەر يالغان بېشارەتلەرنى بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېزىتقۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بولۇشىۋالغان. ئەمدى ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قاچانغىچە كۆڭلىگە پۈكىدۇ؟ 024 JER 023 027 ئۇلار ھەربىرى قاچانغىچە ئۆز يېقىنىغا ئېيتقان چۈشلىرى ئارقىلىق (خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بائالغا چوقۇنۇپ نامىمنى ئۇنتۇغىنىغا ئوخشاش) خەلقىمگە نامىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى پەملەيدۇ؟ 024 JER 023 028 چۈشنى كۆرگەن پەيغەمبەر، چۈشنى ئېيتىپ بەرسۇن؛ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشى بۇ سۆزۈمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىسۇن؛ پاخالنىڭ بۇغداي بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلىك نېمىسى باردۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 029 ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 030 شۇڭا مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىدىن «مېنىڭ سۆزلىرىم»نى ئوغرىلاپ دورامچىلىق قىلىدۇ. 024 JER 023 031 مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئۆز تىللىرىنى چايناپ: «[پەرۋەردىگار] دەيدۇ...» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. 024 JER 023 032 مانا، يالغان چۈشلەرنى بېشارەت قىلىپ بۇلارنى يەتكۈزۈپ، يالغانچىلىقى ۋە باشباشتاقلىقى بىلەن مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرغانلارغا قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن؛ ئۇلار بۇ خەلققە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 033 ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 023 034 «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەيدىغان ھەرقايسى پەيغەمبەر، كاھىن ياكى خەلق بولسا، مەن بۇ كىشىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تەڭ جازالايمەن. 024 JER 023 035 ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىدىن ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىدىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار نېمە جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭلار كېرەك. 024 JER 023 036 سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېگەننى قايتىدىن ئاغزىڭلارغا ئالمايسىلەر؛ چۈنكى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ؛ چۈنكى سىلەر خۇدايىمىز، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، تىرىك خۇدانىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىغانسىلەر. 024 JER 023 037 ھەربىرىڭلار پەيغەمبەردىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭ كېرەك. 024 JER 023 038 لېكىن سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋەرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مانا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋېرىسىلەر ۋە مەن سىلەرگە: ««پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېمەڭلەر» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنمەن، 024 JER 023 039 شۇڭا مانا، مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن، مەن سىلەرنى سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان شەھەر بىلەن تەڭ يۈزۈمدىن يىراق تاشلايمەن؛ 024 JER 023 040 مەن ئۈستۈڭلارغا مەڭگۈ رەسۋاچىلىق ۋە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان مەڭگۈلۈك شەرمەندىلىكنى چۈشۈرىمەن! 024 JER 024 001 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. 024 JER 024 002 بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى. 024 JER 024 003 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم. 024 JER 024 004 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 024 005 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛ 024 JER 024 006 مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن. 024 JER 024 007 مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. 024 JER 024 008 لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ 024 JER 024 009 مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. 024 JER 024 010 مەن ئۇلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىندىن يوقىتىلغۇچە ئۇلار ئارىسىغا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابانى ئەۋەتىمەن. 024 JER 025 001 يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ 024 JER 025 002 بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ 024 JER 025 003 ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ 024 JER 025 004 ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. 024 JER 025 005 ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. 024 JER 025 006 باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. 024 JER 025 007 لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 025 008 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا، 024 JER 025 009 مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ 024 JER 025 010 مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ 024 JER 025 011 بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ. 024 JER 025 012 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. 024 JER 025 013 شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن. 024 JER 025 014 چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار [بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ] قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. 024 JER 025 015 چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ 024 JER 025 016 ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ. 024 JER 025 017 شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم، 024 JER 025 018 ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ 024 JER 025 019 مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ 024 JER 025 020 بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ 024 JER 025 021 ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، 024 JER 025 022 تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، 024 JER 025 023 دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، 024 JER 025 024 ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 024 JER 025 025 زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 024 JER 025 026 شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ [قەدەھنى] ئىچىدۇ. 024 JER 025 027 ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن. 024 JER 025 028 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن. 024 JER 025 029 چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 024 JER 025 030 ئەمدى سەن [يەرەمىيا]، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ پەرۋەردىگار يۇقىرىدىن شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۆز مۇقەددەس تۇرالغۇسىدىن ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايى ئۈستىگە ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەر توۋلىغاندەك يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئەيىبلەپ توۋلايدۇ. 024 JER 025 031 ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن دەۋاسى بار؛ ئۇ ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ رەزىللەرنى بولسا، ئۇلارنى قىلىچقا تاپشۇرىدۇ؛ ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ. 024 JER 025 032 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ. 024 JER 025 033 پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ. 024 JER 025 034 ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار! توپا-چاڭ ئىچىدە ئېغىنىڭلار، ئى پادا يېتەكچىلىرى! چۈنكى قىرغىن قىلىنىش كۈنلىرىڭلار يېتىپ كەلدى، مەن سىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن؛ سىلەر ئۆرۈلگەن ئېسىل چىنىدەك پارچە-پارچە چېقىلىسىلەر. 024 JER 025 035 پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ قاچار يولى يوقاپ كېتىدۇ. 024 JER 025 036 باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ زارلاشلىرى ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلاي دەۋاتىدۇ؛ 024 JER 025 037 پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، تىنچلىق قوتانلىرى خارابە بولىدۇ. 024 JER 025 038 پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ. 024 JER 026 001 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 026 002 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! 024 JER 026 003 ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. 024 JER 026 004 سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، 024 JER 026 005 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، 024 JER 026 006 ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن». 024 JER 026 007 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. 024 JER 026 008 شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! 024 JER 026 009 سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. 024 JER 026 010 يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. 024 JER 026 011 كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى. 024 JER 026 012 ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. 024 JER 026 013 ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. 024 JER 026 014 لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ 024 JER 026 015 پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن». 024 JER 026 016 ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. 024 JER 026 017 ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ 024 JER 026 018 «مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى. 024 JER 026 019 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز [بۇ يولدىن يانمىساق] ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». 024 JER 026 020 (پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. 024 JER 026 021 پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. 024 JER 026 022 لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ 024 JER 026 023 ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). 024 JER 026 024 ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى. 024 JER 027 001 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، شۇ سۆز يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 027 002 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئاسارەتلەر ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ياساپ ئۆز بوينۇڭغا سال؛ 024 JER 027 003 بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا، موئابنىڭ پادىشاھىغا، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن؛ 024 JER 027 004 ھەربىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا شۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز خوجايىنلىرىڭلارغا مۇنداق دەڭلار: ــ 024 JER 027 005 مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. 024 JER 027 006 ھازىر مەن بۇ زېمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى بابىل پادىشاھى، مېنىڭ قۇلۇم بولغان نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. 024 JER 027 007 بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ. 024 JER 027 008 شۇنداق بولىدۇكى، قايسى ئەل ياكى پادىشاھلىق بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشنى، يەنى بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇشنى رەت قىلسا، مەن شۇ ئەلنى نېبوقادنەسارنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتقۇزغۇچە قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 027 009 ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ 024 JER 027 010 چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ [گەپلىرىگە كىرسەڭلار]، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر. 024 JER 027 011 لېكىن قايسى ئەل بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ قۇللۇقىغا كىرسە، شۇ ئەلنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزىمەن، ئۇلار ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ. 024 JER 027 012 ــ مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغىمۇ شۇ سۆزلەر بويىچە مۇنداق دېدىم: «بوينۇڭلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر. 024 JER 027 013 ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنمىغان ھەرقايسى ئەللەر توغرىسىدا دېگىنىدەك، سەن ۋە خەلقىڭ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلمەكچى بولىسىلەر؟ 024 JER 027 014 پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. 024 JER 027 015 مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر». 024 JER 027 016 ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. 024 JER 027 017 ئۇلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر؛ بۇ شەھەر نېمىشقا ۋەيران بولسۇن؟ 024 JER 027 018 ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر بولسا ھەم پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلاردا بولسا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۆزىدە قالغان قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار بابىلغا ئېلىپ كېتىلمىسۇن دەپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلسۇن! 024 JER 027 019 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىككى [مىس] تۈۋرۈك، [مىس] «دېڭىز»، داس ھارۋىلىرى ۋە بۇ شەھەردە قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 027 020 (بۇلارنى بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھنى يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئېسىلزاد-ئەمىرلەر بىلەن تەڭ يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا ئۇ ئېلىپ كەتمىگەنىدى) 024 JER 027 021 بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 027 022 ئۇلارمۇ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. 024 JER 028 001 شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ 024 JER 028 002 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! 024 JER 028 003 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ 024 JER 028 004 ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندىرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. 024 JER 028 005 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى. 024 JER 028 006 يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! 024 JER 028 007 لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا! 024 JER 028 008 ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛ 024 JER 028 009 تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». 024 JER 028 010 ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتتى. 024 JER 028 011 ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر چىقىپ كەتتى. 024 JER 028 012 ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 028 013 بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ! 024 JER 028 014 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن». 024 JER 028 015 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن! 024 JER 028 016 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن». 024 JER 028 017 ھانانىيا پەيغەمبەر دەل شۇ يىلى يەتتىنچى ئايدا ئۆلدى. 024 JER 029 001 يەرەمىيانىڭ يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن بولغانلار ئارىسىدىكى ھايات قالغان ئاقساقاللارغا، كاھىنلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە نېبوقادنەسار ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلققە يېرۇسالېمدىن يوللىغان خېتى: ــ 024 JER 029 002 (خەت پادىشاھ يەكونىياھ، خانىش، ۋەزىرلەر، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى شاھزادە-ئەمىرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر يېرۇسالېمدىن كەتكەندىن كېيىن، 024 JER 029 003 شافاننىڭ ئوغلى ئەلاساھنىڭ ۋە ھىلقىيانىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ قولى بىلەن يوللانغان ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا بۇ كىشىلەرنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا يوللىغان). يوللىغان خەت مۇنداق: ــ 024 JER 029 004 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈنگە ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 029 005 ئۆيلەرنى قۇرۇڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار؛ باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار؛ 024 JER 029 006 ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛ 024 JER 029 007 مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن شەھەرنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقى بولسا، سىلەرمۇ تىنچ-ئاۋات بولىسىلەر. 024 JER 029 008 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ 024 JER 029 009 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 029 010 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛ 024 JER 029 011 چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 029 012 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. 024 JER 029 013 سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر. 024 JER 029 014 مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن. 024 JER 029 015 سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار، 024 JER 029 016 ئەمدى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق خەلق، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىڭلار توغرۇلۇق شۇنى دەيدۇ: ــ 024 JER 029 017 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئازابلايدىغان قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇددى سېسىغان، يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەردەك قىلىمەن؛ 024 JER 029 018 ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدەپ ئاپىرىمەن؛ ئۇلارنى شۇ ئەللەرگە ۋەھىمە، لەنەت، دەھشەت، ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن. 024 JER 029 019 چۈنكى مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتقىنىم بىلەن، ئۇلار قۇلاق سالمىغان؛ سىلەر [سۈرگۈن بولغانلارمۇ] ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 029 020 لېكىن ئى سىلەر سۈرگۈن بولغانلار، مەن يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئەۋەتكەنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 024 JER 029 021 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە يالغاندىن بېشارەت بېرىدىغان كولايانىڭ ئوغلى ئاھاب توغرۇلۇق ۋە مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ؛ 024 JER 029 022 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ 024 JER 029 023 چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە ئىپلاسلىق قىلغان، قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلغان ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان سۆزلەرنى، مەن ئۇلارغا ھېچ تاپىلمىغان سۆزلەرنى قىلغان؛ مەن بۇلارنى بىلگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 029 024 «سەن يەرەمىيا نەھەلەملىك شېماياغا مۇنداق دېگىن: ــ 024 JER 029 025 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئۆز نامىڭدا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلققە، كاھىن بولغان مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىياغا ۋە بارلىق كاھىنلارغا خەتلەر يوللىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، ــ 024 JER 029 026 ([سەن زەفانىياغا مۇنداق يازغان]: «پەرۋەردىگار سېنى كاھىن يەھۇيادانىڭ ئورنىغا كاھىن تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە شۇنىڭغا نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك. 024 JER 029 027 ئەمدى سەن نېمىشقا سىلەرگە ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى ئەيىبلىمىدىڭ؟ 024 JER 029 028 چۈنكى ئۇ ھەتتا بابىلدا تۇرۇۋاتقان بىزلەرگىمۇ: «شۇ يەردە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۆيلەرنى سېلىڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار، باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار» دەپ خەت يوللىدى!») 024 JER 029 029 ــ زەفانىيا مۇشۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەر ئالدىدا ئوقۇدى. 024 JER 029 030 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 029 031 بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، 024 JER 029 032 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، نەھەلاملىق شېمايانى نەسلى بىلەن بىللە جازالايمەن؛ مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەسلى تېپىلمايدۇ؛ ئۇ مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى ھېچ كۆرمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى ماڭا ئاسىيلىققا قۇتراتتى. 024 JER 030 001 پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ 024 JER 030 002 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛ 024 JER 030 003 چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. 024 JER 030 004 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ 024 JER 030 005 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى، بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق! 024 JER 030 006 سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟ 024 JER 030 007 ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. 024 JER 030 008 شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ. 024 JER 030 009 شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ. 024 JER 030 010 ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. 024 JER 030 011 چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن. 024 JER 030 012 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر. 024 JER 030 013 سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛ 024 JER 030 014 سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان. 024 JER 030 015 نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن. 024 JER 030 016 لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن. 024 JER 030 017 چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن. 024 JER 030 018 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرى ئۈستىگە رەھىم قىلىمەن؛ شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، ئوردا-قەلئە ئۆز جايىدا يەنە ئادەمزاتلىق بولىدۇ. 024 JER 030 019 شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆپەيتىمەنكى، ئۇلار ئەمدى ئازايمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىمەن، ئۇلار ھېچ پەس بولمايدۇ. 024 JER 030 020 ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. 024 JER 030 021 ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىن كېلىدۇ؛ چۈنكى يېنىمغا كەلگۈچى [جېنىنى] تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 030 022 ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. 024 JER 030 023 مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 024 JER 030 024 كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر. 024 JER 031 001 شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 024 JER 031 002 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. 024 JER 031 003 پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن. 024 JER 031 004 مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. 024 JER 031 005 سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ. 024 JER 031 006 چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ. 024 JER 031 007 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى قۇتقۇزغايسەن!» ــ دەڭلار! 024 JER 031 008 مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن، يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يىغىمەن؛ ئۇلار ئارىسىدا ئەمالار ۋە توكۇرلار بولىدۇ؛ ھامىلىدار ۋە تۇغاي دېگەنلەر بىللە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلۇغ بىر جامائەت بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. 024 JER 031 009 ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛ مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن، ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر. 024 JER 031 010 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر، دېڭىز بويىدىكى يىراق يۇرتلارغا: ــ «ئىسرائىلنى تارقاتقۇچى ئۇنى قايتىدىن يىغىدۇ، پادا باققۇچى پادىسىنى باققاندەك ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ 024 JER 031 011 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆزىدىن زور كۈچلۈك بولغۇچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان!» ــ دەپ جاكارلاڭلار. 024 JER 031 012 ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىن، يەنى يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن، مال-ۋاراننىڭ قوزىلىرىدىن بەرق ئۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جېنى خۇددى مول سۇغىرىلغان باغدەك بولىدۇ، ئۇلار ئىككىنچى ھېچ سولاشمايدۇ. 024 JER 031 013 شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ، يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛ مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن. 024 JER 031 014 مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن، خەلقىم ئىلتىپاتىمغا قانائەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 015 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ. 024 JER 031 016 پەرۋەردىگار [ئۇنىڭغا] مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛ 024 JER 031 017 بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ. 024 JER 031 018 مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛ 024 JER 031 019 چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛ بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق؛ بىز ياشلىقىمىزدىكى [قىلمىشنىڭ] شەرم-ھاياسى تۈپەيلىدىن نومۇس قىلىپ، خىجالەتتە قالدۇق!» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 024 JER 031 020 ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟ چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 021 ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛ سەن سۈرگۈنگە ماڭغان يولغا، شۇ كۆتۈرۈلگەن يولغا كۆڭۈل قويۇپ دىققەت قىلغىن؛ ھازىر شۇ يول بىلەن قايتىپ كەل، ئى جان-جىگىرىم ئىسرائىل قىزى، مۇشۇ شەھەرلىرىڭگە قاراپ قايتىپ كەل! 024 JER 031 022 سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟ چۈنكى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ! 024 JER 031 023 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە [يېرۇسالېم توغرۇلۇق]: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. 024 JER 031 024 شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ. 024 JER 031 025 چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن. 024 JER 031 026 ــ مەن [يەرەمىيا] بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن. 024 JER 031 027 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن. 024 JER 031 028 شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 029 شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ. 024 JER 031 030 چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ. 024 JER 031 031 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ 024 JER 031 032 بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 033 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 024 JER 031 034 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 035 قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ 024 JER 031 036 ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن. 024 JER 031 037 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 031 038 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازاسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛ 024 JER 031 039 ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛ 024 JER 031 040 جەسەتلەر ۋە [قۇربانلىق] كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا، شۇنداقلا كىدرون دەرياسىغىچە ھەم شەرقكە قارايدىغان «ئات دەرۋازىسى»نىڭ دوقمۇشىغىچە ياتقان ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ شەھەر قايتىدىن ھېچ يۇلۇپ تاشلانمايدۇ، ھەرگىز قايتىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانمايدۇ. 024 JER 032 001 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ 024 JER 032 002 شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. 024 JER 032 003 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «نېمىشقا سەن: «مانا، مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ؛ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا كالدىيلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدۇ، ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. ئۇ زەدەكىيانى بابىلغا ئاپىرىدۇ، ئۇ مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ سىلەر كالدىيلەر بىلەن قارشىلاشساڭلارمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ دەپ بېشارەت بېرىسەن؟» ــ دەپ ئۇنى قاماپ قويغانىدى). 024 JER 032 006 يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى ــ دېدى: ــ 024 JER 032 007 مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ. 024 JER 032 008 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 024 JER 032 009 شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. 024 JER 032 010 مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ 024 JER 032 011 توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ 024 JER 032 012 ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم. 024 JER 032 013 ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ 024 JER 032 014 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ 024 JER 032 015 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. 024 JER 032 016 مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ 024 JER 032 017 «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ 024 JER 032 018 سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛ 024 JER 032 019 ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ 024 JER 032 020 ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. 024 JER 032 021 سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ 024 JER 032 022 سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن. 024 JER 032 023 ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. 024 JER 032 024 مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. 024 JER 032 025 لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ». 024 JER 032 026 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 032 027 مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟ 024 JER 032 028 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ. 024 JER 032 029 بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغان. 024 JER 032 030 چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 032 031 چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ. 024 JER 032 032 ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن]. 024 JER 032 033 ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 024 JER 032 034 ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 024 JER 032 035 ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن. 024 JER 032 036 سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 032 037 مانا مەن، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. 024 JER 032 038 ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 024 JER 032 039 مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن. 024 JER 032 040 مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. 024 JER 032 041 مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن! 024 JER 032 042 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ 024 JER 032 043 سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! 024 JER 032 044 بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، [جەنۇبتىكى] تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، [يەھۇدانىڭ] جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 033 001 يەرەمىيا تېخى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 033 002 ئىشنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار، ئىشنى شەكىللەندۈرگۈچى ھەم ئۇنى بېكىتكۈچى مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نامىمدۇر ــ 024 JER 033 003 ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن. 024 JER 033 004 چۈنكى [دۈشمەننىڭ] دۆڭ-پوتەيلىرىگە ھەم قىلىچىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىستىھكاملار قىلىش ئۈچۈن چېقىلغان بۇ شەھەردىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توغرۇلۇق ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 033 005 «كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن. 024 JER 033 006 ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن. 024 JER 033 007 مەن يەھۇدانى ھەم ئىسرائىلنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەك قۇرۇپ چىقىمەن. 024 JER 033 008 مەن ئۇلارنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ گۇناھقا پېتىپ سادىر قىلغان بارلىق قەبىھلىكىدىن پاكلاندۇرىمەن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھقا پېتىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرىمەن؛ 024 JER 033 009 يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپاتنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ [شەھەر] كىشىنى شادلاندۇرۇپ، ئۆزۈمگە مەدھىيەلەرنى قوزغاپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ نام-شۆھرەت ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپات ۋە ئارامبەخشلىكتىن [مەندىن] قورقۇپ تىترەيدىغان بولىدۇ. 024 JER 033 010 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا 024 JER 033 011 يەنە تاماشىنىڭ ساداسى، شاد-خۇراملىق ساداسى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى»نى ئاپارغانلارنىڭ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەيدىغان ئاۋازلىرى قايتىدىن ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ زېمىندىكى ئاۋاتلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 033 012 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ. 024 JER 033 013 [جەنۇبىي] تاغلىقتىكى شەھەرلەردە، [غەربتىكى] يەھۇدانىڭ «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، جەنۇبىي باياۋانلاردىكى شەھەرلەردە، بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوي پادىلىرى ئۇلارنى سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن قايتىدىن ئۆتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 033 014 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ھەم يەھۇدا جەمەتىگە ئېيتقان شەپقەتلىك ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن. 024 JER 033 015 شۇ كۈنلەر ۋە ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن؛ ئۇ زېمىندا توغرا ھۆكۈم ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. 024 JER 033 016 شۇ كۈنلەردە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، يېرۇسالېم ئارامبەخشتە تۇرىدۇ؛ [شۇ چاغدا] يېرۇسالېم: «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. 024 JER 033 017 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ داۋۇتنىڭ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا لايىق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، 024 JER 033 018 ياكى لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلاردىن، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى مېنىڭ ئالدىمدا دائىم سۇنىدىغان ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 024 JER 033 019 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 033 020 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار، 024 JER 033 021 شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ. 024 JER 033 022 ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن. 024 JER 033 023 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 033 024 بۇ خەلقنىڭ: «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى» دېگىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ شۇڭا ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى: «كەلگۈسىدە ھېچ بىر ئەل-دۆلەت بولمايدۇ» دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. 024 JER 033 025 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىنى بېكىتكەن ئەھدەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ياكى ئاسمان-زېمىندىكى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتمىگەن بولسام، 024 JER 033 026 مەن ياقۇپنىڭ نەسلىدىن ۋە داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى تاشلايدىغان بولىمەن، شۇنىڭدەك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ نەسلى ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن [داۋۇتنىڭ] نەسلىدىن ئادەم تاللىمايدىغان بولىمەن! چۈنكى بەرھەق، مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىمەن. 024 JER 034 001 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ 024 JER 034 002 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 024 JER 034 003 سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن. 024 JER 034 004 لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛ 024 JER 034 005 سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ [خۇشبۇي] ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 034 006 ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى. 024 JER 034 007 شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى. 024 JER 034 008 پادىشاھ زەدەكىيا [قۇللىرىمىزغا] ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى 024 JER 034 009 (ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. 024 JER 034 010 ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى. 024 JER 034 011 لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى). 024 JER 034 012 ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 034 013 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛ 024 JER 034 014 [شۇ ئەھدە بويىچە] ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان. 024 JER 034 015 لېكىن سىلەر بولساڭلار، [شۇ يامان يولدىن] يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛ 024 JER 034 016 لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار. 024 JER 034 017 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن. 024 JER 034 018 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛ 024 JER 034 019 يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا، 024 JER 034 020 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛ 024 JER 034 021 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چىكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 024 JER 034 022 مانا، مەن ئەمر قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ۋە ئۇلار بۇ شەھەر ئالدىغا يەنە كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ۋە مەن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيرانە، ھېچ ئادەمزاتسىز قىلىمەن. 024 JER 035 001 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا سۆز كېلىپ: ــ 024 JER 035 002 «رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنىڭ كىچىك ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا شاراب تۇتقىن» ــ دېيىلدى. 024 JER 035 003 شۇنىڭ بىلەن مەن خاباززىنىيانىڭ نەۋرىسى، يەرەمىيانىڭ ئوغلى جائازانىيانى، ئۇنىڭ ئۇكىلىرىنى ۋە بارلىق بالا-چاقىلىرىنى، شۇنىڭدەك رەكابنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئېلىپ كېلىشكە چىقتىم؛ 024 JER 035 004 مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، ئىگدالىيانىڭ ئوغلى، خۇدانىڭ ئادىمى بولغان ھاناننىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەلىك ئۆيگە ئاپاردىم؛ بۇ ئۆي ئەمىرلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، ئىشىكباقار مائاسېياھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ 024 JER 035 005 مەن رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا شارابقا لىق تولغان پىيالىلەر ۋە قەدەھلەرنى قويۇپ ئۇلارغا: «شارابقا ئېغىز تېگىڭلار!» ــ دېدىم. 024 JER 035 006 ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز شارابنى ئىچمەيمىز؛ چۈنكى ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب بىزگە: «سىلەر ۋە ئوغۇل-ئەۋلادلىرىڭلار زادى شاراب ئىچمەڭلار؛ 024 JER 035 007 يەنە كېلىپ ئۆيلەرنى قۇرماڭلار، نە ئۇرۇق تېرىماڭلار، نە ئۈزۈمزارلارنى تىكمەڭلار، نە بۇلاردىن ھېچقايسىسىغا زادى ئىگە بولماڭلار؛ بارلىق كۈنلىرىڭلاردا چېدىرلاردا تۇرۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر» ــ دەپ ئەمر قالدۇرغان. 024 JER 035 008 شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ: «بارلىق كۈنۈڭلەردە زادى شاراب ئىچمەڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ھەم ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۇنىڭ ئەمرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلگەنمىز؛ 024 JER 035 009 بىز يەنە تۇرغۇدەك ئۆيلەرنى سالمىغان؛ بىزدە ھېچ ئۈزۈمزار، ئېتىز، ئۇرۇق دېگەنلەر يوق؛ 024 JER 035 010 بەلكى بىز چېدىرلاردا تۇرۇپ كەلدۇق، ئەجدادىمىز يونادابنىڭ بىزگە بارلىق ئەمر قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلدۇق. 024 JER 035 011 لېكىن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زېمىنغا بېسىپ كىرگەندە، شۇنداق ئىش بولدىكى، بىز: «بارايلى، كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ھەم سۇرىيەنىڭ قوشۇنىدىن قېچىپ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرەيلى» ــ دېدۇق. مانا شۇ سەۋەبتىن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز». 024 JER 035 012 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 035 013 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ بۇنىڭدىن تەربىيە ئالمامسىلەر، شۇنىڭدەك مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 035 014 ــ مانا، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئوغۇل-پەرزەنتلىرىگە «شاراب ئىچمەڭلار» دەپ تاپىلىغان سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار ھېچ شاراب ئىچىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان. لېكىن مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىلەر ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر. 024 JER 035 015 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر. 024 JER 035 016 بەرھەق، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان ئەمرىگە ئەمەل قىلغان؛ لېكىن بۇ خەلق ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغاندۇر. 024 JER 035 017 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھەم يېرۇسالېمنىڭ ئۈستىگە مەن ئالدىنئالا ئېيتقان بارلىق بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا سۆز قىلغان، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىغان؛ مەن ئۇلارنى چاقىرغان، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىگەن». 024 JER 035 018 ئاندىن يەرەمىيا رەكاب جەمەتىگە مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئاتاڭلار يونادابنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، بارلىق يوليورۇقلىرىنى تۇتۇپ، سىلەرگە تاپىلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنسىلەر، ــ 024 JER 035 019 ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ نەسلىدىن ئالدىمدا خىزمەت قىلغۇچى ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 024 JER 036 001 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى سۆز كەلدى: ــ 024 JER 036 002 ئۆزۈڭگە ئورام قەغەز ئالغىن؛ ئۇنىڭغا يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە ساڭا سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئىسرائىلنى ئەيىبلىگەن، يەھۇدانى ئەيىبلىگەن ھەم بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن، ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغىن. 024 JER 036 003 يەھۇدانىڭ جەمەتى بەلكىم مەن بېشىغا چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ، ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. 024 JER 036 004 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى چاقىردى؛ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورام قەغەزگە يېزىپ بەردى. 024 JER 036 005 يەرەمىيا بارۇققا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ ئۆزۈم قاماپ قويۇلغانمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە رۇخسەت يوق؛ لېكىن ئۆزۈڭ بېرىپ كىرگىن؛ 024 JER 036 006 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن. 024 JER 036 007 ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر. 024 JER 036 008 نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى. 024 JER 036 009 يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان بەشىنچى يىلى توققۇزىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ھەمدە يەھۇدا شەھەرلىرىدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا كەلگەن بارلىق خەلق ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر مەزگىل روزا تۇتۇشىمىز كېرەك دەپ ئېلان قىلىندى. 024 JER 036 010 شۇ ۋاقىت بارۇق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى؛ بۇ ئۆي پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى ھويلىسىدىكى «يېڭى دەرۋازا»غا جايلاشقانىدى. 024 JER 036 011 شافاننىڭ نەۋرىسى، گەمارىيانىڭ ئوغلى مىكاھ بولسا يازمىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالدى. 024 JER 036 012 ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ پۈتۈكچىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، مانا، ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئولتۇراتتى؛ پۈتۈكچى ئەلىشاما، شېمايانىڭ ئوغلى دېلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيا ۋە ھانانىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا قاتارلىق بارلىق ئەمىرلەر شۇ يەردە ئولتۇراتتى. 024 JER 036 013 شۇنىڭ بىلەن مىكاھ بارۇقنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارغا بايان قىلدى. 024 JER 036 014 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمىرلەر كۇشىنىڭ چەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىينى بارۇقنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ئورام يازمىنى قولۇڭغا ئېلىپ يېنىمىزغا كەل» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. 024 JER 036 015 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئولتۇر، ئۇنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ بەر» ــ دېدى. بارۇق ئۇنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ئوقۇدى. 024 JER 036 016 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ» ــ دېدى. 024 JER 036 017 ئاندىن بارۇقتىن: «بىزگە دېگىن ئەمدى، سەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق يازدىڭ؟ ئۇلارنى يەرەمىيانىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 024 JER 036 018 بارۇق ئۇلارغا: «ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئېيتتى، مەن ئورام قەغەزگە سىياھ بىلەن يازدىم» ــ دېدى. 024 JER 036 019 ئەمىرلەر بارۇققا: «بارغىن، سەن ۋە يەرەمىيا مۆكۈۋېلىڭلار. قەيەردە بولساڭلار ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار» ــ دېدى. 024 JER 036 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورام يازمىنى پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. 024 JER 036 021 پادىشاھ يەھۇدىينى يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنى ئەلىشامانىڭ ئۆيىدىن ئېپكەلدى. يەھۇدىي ئۇنى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ۋە پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى. 024 JER 036 022 شۇ چاغ توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، پادىشاھ «قىشلىق ئۆي»ىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت قالاقلىق ئىدى. 024 JER 036 023 شۇنداق بولدىكى، يەھۇدىي ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت سەھىپىنى ئوقۇغاندا، پادىشاھ قەلەمتىراشى بىلەن بۇ قىسمىنى كېسىپ، يازمىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئوتتا كۆيۈپ يوقىغۇچە ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىدى. 024 JER 036 024 لېكىن بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياكى خىزمەتكارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قورقمىدى، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقانلار يوق ئىدى. 024 JER 036 025 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلناتان، دېلايا ۋە گەمارىيالار پادىشاھتىن ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 024 JER 036 026 پادىشاھ بولسا شاھزادە يېراھمەئەل، ئازرىئەلنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە ئابدەئەلنىڭ ئوغلى شەلەمىيانى پۈتۈكچى بارۇقنى ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قولغا ئېلىشقا ئەۋەتتى؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ ساقلىدى. 024 JER 036 027 پادىشاھ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يازغان سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 036 028 يەنە بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم كۆيدۈرۈۋەتكەن بىرىنچى ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن بارلىق سۆزلەرنى يازغىن. 024 JER 036 029 ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ. 024 JER 036 030 شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھېچ ئادەم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ جەسىتى سىرتقا تاشلىۋېتىلىپ كۈندۈزدە ئىسسىقتا، كېچىدە قىراۋدا ئوچۇق ياتىدۇ. 024 JER 036 031 مەن ئۇنىڭ ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ بېشىغا قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ھەم يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۈستىگە مەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان بارلىق كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان. 024 JER 036 032 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا باشقا بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇققا بەردى؛ ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى؛ ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ئوخشايدىغان باشقا كۆپ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ يازدى. 024 JER 037 001 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى يەھۇدانىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيانىڭ ئورنىغا ھۆكۈم سۈرىدى. 024 JER 037 002 ئۇ، ياكى خىزمەتكارلىرى، ياكى زېمىندىكى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچ قۇلاق سالمىدى. 024 JER 037 003 پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى 024 JER 037 004 (شۇ چاغدا يەرەمىيا زىنداندا قاماقلىق ئەمەس ئىدى؛ ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ-كىرىشكە ئەركىن ئىدى. 024 JER 037 005 پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى). 024 JER 037 006 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ 024 JER 037 007 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى ماڭا ئىلتىجا قىلدۇرۇپ ئىزدەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدا پادىشاھىغا مۇنداق دەڭلار: ــ مانا، سىلەرگە ياردەم بېرىمىز دەپ چىقىپ كەلگەن پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆز زېمىنىغا، يەنى مىسىرغا قايتىپ كېتىدۇ. 024 JER 037 008 ئاندىن كالدىيلەر بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 024 JER 037 009 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ: «كالدىيلەر بىزدىن چېكىنىپ كەتكەن» ــ دېمەڭلار؛ ئۇلار كەتكەن ئەمەس! 024 JER 037 010 چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى. 024 JER 037 011 پىرەۋننىڭ قوشۇنى تۈپەيلىدىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، شۇ ۋەقە يۈز بەردى: ــ 024 JER 037 012 يەرەمىيا بىنيامىندىكى زېمىنغا يول ئېلىپ، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئارىسىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىن چىققاندا، 024 JER 037 013 ئۇ «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا يەتكەندە، ھانانىيانىڭ نەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئوغلى كۆزەت بېگى ئىرىيا شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇ: «سەن كالدىيلەرگە چېكىنىپ تەسلىم بولماقچىسەن!» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. 024 JER 037 014 يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى. 024 JER 037 015 ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى. 024 JER 037 016 يەرەمىيا زىنداندىكى بىر گۇندىخانىغا قامىلىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر ياتقاندىن كېيىن، 024 JER 037 017 زەدەكىيا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شۇ يەردىن ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاستىرتىن ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگاردىن سۆز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. يەرەمىيا: «بار؛ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن» ــ دېدى. 024 JER 037 018 يەرەمىيا زەدەكىيا پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ «مەن ساڭا ياكى خىزمەتكارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا، بۇ زىندانغا قاماپ قويدۇڭلار؟ 024 JER 037 019 سىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «بابىل پادىشاھى ساڭا ياكى بۇ زېمىنغا جەڭ قىلىشقا چىقمايدۇ!» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار قېنى؟» ــ دېدى 024 JER 037 020 ــ «ئەمدى ئى پادىشاھ تەقسىر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن؛ ئىلتىجايىم ئالدىڭدا ئىجابەت بولسۇن، دەپ ئۆتۈنىمەن؛ دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىگە مېنى قايتقۇزمىغايسەن؛ سەن ئۇنداق قىلساڭ، شۇ يەردە ئۆلىمەن». 024 JER 037 021 زەدەكىيا پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ، يەرەمىيانى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇرغۇزۇشنى، شۇنىڭدەك شەھەردىكى ھەممە نان تۈگەپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا ھەركۈنى «ناۋاي كوچىسى»دىن بىر نان بېرىلىشنى تاپىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 024 JER 038 001 ماتتاننىڭ ئوغلى سەفاتىيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گەدالىيا، شەمەلىيانىڭ ئوغلى جۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرلار بولسا يەرەمىيانىڭ خەلققە: ــ 024 JER 038 002 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان ئادەملەر بولسا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىمكى چىقىپ كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا ھايات قالىدۇ؛ جېنى ئۆزىگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ ئۇ ھايات قالىدۇ. 024 JER 038 003 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دەۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 024 JER 038 004 ئەمىرلەر پادىشاھقا: «سىلىدىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ چۈنكى نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان جەڭگىۋار لەشكەرلەرنىڭ قوللىرىنى ۋە خەلقنىڭ قوللىرىنى ئاجىز قىلىشىغا يول قويۇلسۇن؟ چۈنكى بۇ ئادەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى زىيىنىنى ئىزدەيدۇ» ــ دېدى. 024 JER 038 005 زەدەكىيا پادىشاھ: «مانا، ئۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلدى؛ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسقۇدەك مەن پادىشاھ قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىم؟» ــ دېدى. 024 JER 038 006 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدىكى شاھزادە مالكىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇلار يەرەمىيانى ئارغامچىلار بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەردى؛ ئازگالدا بولسا سۇ بولماي، پەقەت پاتقاقلا بار ئىدى؛ يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ كەتتى. 024 JER 038 007 ئەمما پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى بىر ئاغۋات ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى (شۇ چاغدا پادىشاھ بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دا ئولتۇراتتى). 024 JER 038 008 ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: 024 JER 038 009 «ئى پادىشاھىئالەم، بۇ ئادەملەرنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بارلىق قىلغىنى، ئۇنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتكىنى ئىنتايىن ئەسەبىي رەزىللىكتۇر؛ ئۇ ئاشۇ يەردە قەھەتچىلىكتىن ئۆلۈپ قالىدۇ؛ چۈنكى شەھەردە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىدى» ــ دېدى. 024 JER 038 010 پادىشاھ ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە بۇيرۇق بېرىپ: «مۇشۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇ ئازگىلىدىن ئېلىپ چىقارغىن» ــ دېدى. 024 JER 038 011 شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى ئېلىپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىرىپ شۇ يەردىن لاتا-پۇتا ۋە جۇل-جۇل كىيىملەرنى ئېلىپ، شۇلارنى تانىلار بىلەن ئازگالغا، يەرەمىيانىڭ يېنىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 024 JER 038 012 ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: ــ بۇ لاتا-پۇتا ۋە جونداق كىيىملەرنى قولتۇقلىرىڭ ھەم تانىلار ئارىسىغا تىقىپ قويغىن ــ دېدى. يەرەمىيا شۇنداق قىلدى. 024 JER 038 013 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تانىلار بىلەن تارتىپ، سۇ ئازگىلىدىن چىقاردى؛ يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 024 JER 038 014 پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى. 024 JER 038 015 يەرەمىيا زەدەكىياغا: «مەن ئۇنى ساڭا ئايان قىلسام، سەن مېنى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمامسەن؟ مەن ساڭا مەسلىھەت بەرسەم، سەن ئاڭلىمايسەن!» ــ دېدى. 024 JER 038 016 پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا ئاستىرتىن قەسەم ئىچىپ ئۇنىڭغا: «بىزگە جان-تىنىق ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، مەن سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، ياكى سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچى كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرمايمەن» ــ دېدى. 024 JER 038 017 يەرەمىيا زەدەكىياغا: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئىختىيارەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ تەسلىم بولساڭ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ ۋە بۇ شەھەر ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلمەيدۇ؛ سەن ۋە ئۆيدىكىلىرىڭ ھايات قالىسىلەر. 024 JER 038 018 لېكىن سەن چىقىپ بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىگە تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن ــ دېدى. 024 JER 038 019 پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا: «مەن كالدىيلەرگە چىقىپ تەسلىم بولغان يەھۇدىيلاردىن قورقىمەن؛ كالدىيلەر بەلكىم مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى، ئۇلار مېنى قىيىن-قىستاق قىلىشى مۇمكىن» ــ دېدى. 024 JER 038 020 يەرەمىيا مۇنداق دېدى: ــ ئۇلار سېنى تاپشۇرمايدۇ. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، گېپىمگە كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغايسەن؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولىدۇ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ. 024 JER 038 021 لېكىن سەن چىقىپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ئىش مۇنداق: ــ 024 JER 038 022 مانا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق قىز-ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ [قىز-ئاياللار] ساڭا [تەنە قىلىپ]: «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەمدى ھازىر پۇتلىرىڭ پاتقاققا پىتىپ كەتكەندە، ئۇلار يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئارقىسىنى قىلدى!» ــ دەيدۇ. 024 JER 038 023 سېنىڭ بارلىق ئاياللىرىڭ ھەم بالىلىرىڭ كالدىيلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ چۈنكى سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇۋېلىنىسەن، شۇنداقلا سەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولىسەن. 024 JER 038 024 زەدەكىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بۇ سۆھبىتىمىزنى باشقا ھېچكىمگە چاندۇرمىغىن، شۇندىلا سەن ئۆلمەيسەن. 024 JER 038 025 ئەمىرلەر مېنىڭ سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمنى ئاڭلاپ يېنىڭغا كېلىپ سەندىن: «سېنىڭ پادىشاھقا نېمە دېگەنلىرىڭنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ساڭا قانداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىزگە ئېيت؛ ئۇنى بىزدىن يوشۇرما؛ شۇنداق قىلساڭ بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز» دېسە، 024 JER 038 026 ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا: «مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا: «مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتقۇزمىغايسەن، بولمىسا، مەن شۇ يەردە ئۆلىمەن» ــ دېگەن ئىلتىجايىمنى قويغانمەن» ــ دەيسەن. 024 JER 038 027 دەرۋەقە ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنى سورىدى؛ ئۇ ئۇلارغا پادىشاھ بۇيرۇغان بۇ بارلىق سۆزلەر بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىمىپ كېتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ ئىش ھېچكىمگە چاندۇرۇلمىغانىدى. 024 JER 038 028 شۇنداق قىلىپ يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 024 JER 039 001 يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئايدا، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ۋە بارلىق قوشۇنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كېلىپ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ 024 JER 039 002 زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە، ئۇلار شەھەر سېپىلىدىن بۆسۈپ كىردى. 024 JER 039 003 شۇنىڭ بىلەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى، يەنى سامگارلىق نەرگال-شارەزەر، باش خەزىنىچى نېبۇ-سارسېقىم، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھلىقىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى كىرىپ «ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى. 024 JER 039 004 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ باغچىسى ئارقىلىق، «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»گە قاراپ قېچىشتى. 024 JER 039 005 كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 024 JER 039 006 بابىل پادىشاھى رىبلاھ شەھىرىدە زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى يەھۇدادىكى بارلىق مۆتىۋەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 024 JER 039 007 ئۇ زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى بابىلغا ئاپىرىش ئۈچۈن مىس كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويدى. 024 JER 039 008 كالدىيلەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى كۆمۈرۈپ تاشلىدى. 024 JER 039 009 شاھانە قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان شەھەردە قېلىپ قالغان باشقا خەلقنى، ئۆزىگە تەسلىم بولۇپ چىققانلارنى، يەنى قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 024 JER 039 010 ھالبۇكى، قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدا زېمىنىدا ھېچ تەۋەلىكى بولمىغان بەزى نامراتلارنى قالدۇردى؛ شۇ چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئۈزۈمزارلار ۋە ئېتىزلارنى تەقسىملەپ بەردى. 024 JER 039 011 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەرەمىيا توغرۇلۇق قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق: «ئۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئال؛ ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزمە؛ ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ئۇنىڭغا قىلىپ بەر» ــ دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. 024 JER 039 013 شۇڭا قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان، شۇنداقلا باش خەزىنىچى نېبۇشازبان، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا باش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋەتىپ 024 JER 039 014 يەرەمىيانى «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دىن ئېلىپ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغۇزدى. لېكىن يەرەمىيا پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. 024 JER 039 015 يەرەمىيا «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: ــ 024 JER 039 016 بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ. 024 JER 039 017 لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛ 024 JER 039 018 چۈنكى مەن چوقۇم سېنى قۇتقۇزىمەن؛ سەن قىلىچلانمايسەن، بەلكى ئۆز جېنىڭ ئۆزۈڭگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا تايىنىپ كەلگەنسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». 024 JER 040 001 قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ چاغدا نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلماقچى ئىدى؛ يەرەمىيامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا ئېلىپ مېڭىلغانىدى. 024 JER 040 002 قاراۋۇل بېگى يەرەمىيانى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ 024 JER 040 003 مانا، پەرۋەردىگار ئۆز دېگىنى بويىچە شۇنداق قىلىپ ئۇنى كەلتۈردى؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۇ ئىش بېشىڭلارغا چۈشتى. 024 JER 040 004 لېكىن مەن قولۇڭنى ئىشكەللەنگەن زەنجىرلەردىن يېشىپ سېنى قويۇۋېتىمەن؛ مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىش ساڭا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قېنى كەل، مەن سەندىن خەۋەر ئالىمەن؛ ئەمما مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساڭ، كېرەك يوق. مانا، پۈتكۈل زېمىن ئالدىڭدا تۇرىدۇ؛ قەيەرگە بېرىش ساڭا لايىق، دۇرۇس كۆرۈنسە شۇ يەرگە بارغىن». 024 JER 040 005 يەرەمىيا تېخى يېنىدىن ماڭماي تۇرۇپ، نېبۇزار-ئادان ئۇنىڭغا: «بولدى، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا قايت؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدادىكى شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەن؛ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋەر، ياكى ھەرقانداق باشقا يەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە بارغىن» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇل بېگى ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ھەمدە بىر سوۋغات بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتتى. 024 JER 040 006 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىگە، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. 024 JER 040 007 دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بابىلغا سۈرگۈن بولمىغان زېمىندىكى يوقسۇل ئەر-ئاياللار بالا-چاقىلىرى بىلەن تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى؛ 024 JER 040 008 شۇنىڭ بىلەن بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلىرى بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغۇللىرى يوھانان ھەم يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا، نەتوفاتلىق ئەفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا ئىدى. 024 JER 040 009 شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. 024 JER 040 010 مەن بولسام كالدىيلەر زېمىنغا كەلگەندە [سىلەرگە] ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن مىزپاھ شەھىرىدە تۇرىمەن؛ سىلەر بولساڭلار، شاراب، ئەنجۈر-خورمىلار ۋە زەيتۇن مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۈپ-ئىدىشىڭلارغا قويۇڭلار، ئۆزۈڭلار تۇتقان شەھەرلەردە تۇرىۋېرىڭلار» ــ دەپ قەسەم ئىچتى. 024 JER 040 011 ئوخشاشلا موئابدا، ئاممونىيلار ئارىسىدا، ئېدومدا ھەم باشقا ھەربىر يۇرتلاردا تۇرغان يەھۇدىيلارمۇ بابىل پادىشاھى يەھۇدادا خەلقنىڭ بىر قالدىسىنى قالدۇرغان ۋە ئۇلار ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى بەلگىلىگەن دەپ ئاڭلىدى؛ 024 JER 040 012 شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ھەيدەپ تارقىتىۋېتىلگەن ھەممە جاي-يۇرتلاردىن قايتىپ، يەھۇدا زېمىنىغا، مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار شاراب، ئەنجۈر-خورمىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كەڭرىچىلىكتە ئالدى. 024 JER 040 013 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە دالادا قالغان لەشكەرلەرنىڭ بارلىق باشلىقلىرى مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: 024 JER 040 014 «سەن ئاممونىيلار پادىشاھى بائالىس نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېيىشتى. لېكىن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. 024 JER 040 015 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان مىزپاھدا گەدالىياغا ئاستىرتىن سۆز قىلىپ: «ماڭا رۇخسەت قىلغايسەن، باشقىلار ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇچە مەن بېرىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى ئۆلتۈرەي؛ ھېچكىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭغا يىغىلغان يەھۇدادىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىتىۋېتىلىپ، يەھۇدانىڭ قالدىسى يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ــ دېدى. 024 JER 040 016 بىراق گەدالىيا كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانانغا: «سەن ئۇنداق قىلما؛ چۈنكى سەن ئىشمائىل توغرۇلۇق يالغان ئېيتىۋاتىسەن» ــ دېدى. 024 JER 041 001 ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا، 024 JER 041 002 نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 024 JER 041 003 ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 024 JER 041 004 شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى، 024 JER 041 005 مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى. 024 JER 041 006 نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى. 024 JER 041 007 شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى. 024 JER 041 008 ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. 024 JER 041 009 ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. 024 JER 041 010 ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى. 024 JER 041 011 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛ 024 JER 041 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 024 JER 041 013 ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى. 024 JER 041 014 ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى. 024 JER 041 015 لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. 024 JER 041 016 ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى. 024 JER 041 017 ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى. 024 JER 041 018 سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. 024 JER 042 001 بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى، جۈملىدىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلق 024 JER 042 002 يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: «تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا خەلقنىڭ قالدىسى بولغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەنكى (كۆزۈڭ كۆرگىنىدەك بۇرۇن كۆپ بولغان بىزلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز قالدۇق)، 024 JER 042 003 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بىزگە ماڭىدىغان يول، قىلىدىغان ئىشنى كۆرسەتكەي» ــ دەپ ئىلتىجا قىلدى. 024 JER 042 004 يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. 024 JER 042 005 ئۇلار يەرەمىياغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئەۋەتىپ بىزگە يەتكۈزىدىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەقىقىي، گېپىدە تۇرۇدىغان گۇۋاھچى بولۇپ ئەيىبلىسۇن!» ــ دېدى. 024 JER 042 006 «بىز سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا ئەۋەتىمىز؛ جاۋاب ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلىمىز؛ بىز خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغاندا، بىزگە ياخشى بولىدۇ». 024 JER 042 007 شۇنداق بولدىكى، ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى. 024 JER 042 008 ئۇ كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلقنى چاقىرىپ 024 JER 042 009 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر مېنى تەلىپىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنسىلەر. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ 024 JER 042 010 «سىلەر يەنىلا مۇشۇ زېمىندا تۇرىۋەرسەڭلارلا، مەن سىلەرنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ سىلەرنى غۇلاتمايمەن؛ مەن سىلەرنى تىكىپ ئۆستۈرىمەن، سىلەرنى يۇلمايمەن؛ چۈنكى مەن بېشىڭلارغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەتكە ئۆكۈنىمەن. 024 JER 042 011 سىلەر قورقىدىغان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار؛ ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. 024 JER 042 012 مەن سىلەرگە شۇنداق رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىمەنكى، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىشقا يول قويىدۇ. 024 JER 042 013 بىراق سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي «بۇ زېمىندا قەتئىي تۇرمايمىز» ــ دېسەڭلار 024 JER 042 014 ۋە: «ياق، بىز مىسىر زېمىنىغا بارايلى؛ شۇ يەردە نە ئۇرۇشنى كۆرمەيمىز، نە كاناي-ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىمايمىز، نە نانغا زار بولمايمىز؛ شۇ يەردە ياشايمىز» ــ دېسەڭلار، 024 JER 042 015 ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ بۇ قالدىسى بولغان سىلەر: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مىسىرغا كىرىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولساڭلار، 024 JER 042 016 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر قورقىدىغان قىلىچ مىسىردا سىلەرگە يېتىشىۋالىدۇ، سىلەر قورقىدىغان قەھەتچىلىك مىسىردا سىلەرگە ئەگىشىپ قوغلاپ بارىدۇ؛ شۇ يەردە سىلەر ئۆلىسىلەر. 024 JER 042 017 شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك قالمايدۇ ۋە ياكى مەن بېشىغا چۈشۈرىدىغان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. 024 JER 042 018 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ غەزىپىم ۋە قەھرىم يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلگەندەك، سىلەر مىسىرغا كىرگىنىڭلاردا، قەھرىم بېشىڭلارغا چۈشۈرۈلىدۇ؛ سىلەر لەنەتكە قالىدىغان ۋە دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولىسىلەر ۋە سىلەر بۇ زېمىننى قايتىدىن ھېچ كۆرمەيسىلەر. 024 JER 042 019 پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». 024 JER 042 020 ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىنىڭلار «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە نېمە دېسە، بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسەڭ بىز شۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس. 024 JER 042 021 مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 024 JER 042 022 ئەمدى ھازىر شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئولتۇراقلىشايلى دەپ بارىدىغان جايدا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر». 024 JER 043 001 شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ 024 JER 043 002 شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛ 024 JER 043 003 بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ». 024 JER 043 004 شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛ 024 JER 043 005 بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى، 024 JER 043 006 يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ، 024 JER 043 007 مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. 024 JER 043 008 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 043 009 يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ، 024 JER 043 010 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ. 024 JER 043 011 ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ. 024 JER 043 012 مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ. 024 JER 043 013 ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى «قۇياش ئىبادەتخانىسى»دىكى تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 024 JER 044 001 مىسىردا تۇرغان، يەنى مىگدولدا، تاھپانەستە، نوفتا ۋە [مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپى] پاتروس زېمىنىدا تۇرغان بارلىق يەھۇدىيلار توغرۇلۇق بۇ سۆز يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 024 JER 044 002 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى ھەممە شەھەرلەر ئۈستىگە چۈشۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتنى كۆرگەنسىلەر؛ مانا، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خارابىلىك بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالدى؛ چۈنكى ئۇلار نە ئۆزلىرى، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا، خۇشبۇي يېقىشقا بېرىپ، مېنى غەزەپلەندۈرگەن. 024 JER 044 004 مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن. 024 JER 044 005 لېكىن ئۇلار ئىتائەت قىلمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار رەزىللىكىدىن، يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىشتىن قولىنى زادى ئۈزمىگەن. 024 JER 044 006 شۇنىڭ بىلەن قەھرىم ھەم غەزىپىم [ئۇلارغا] تۆكۈلگەن، يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا يېقىلغان، كۆيگەن؛ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ۋەيرانە ۋە خارابىلىك بولۇپ قالدى. 024 JER 044 007 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر نېمىشقا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا زور كۈلپەت كەلتۈرمەكچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق قالدى قالدۇرماي ئۆزۈڭلاردىن، يەنى يەھۇدانىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال، بالا-بوۋاقلارنى ئۈزمەكچىسىلەر!؟ 024 JER 044 008 نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭلارنىڭ ياسىغىنى بىلەن، سىلەر ئولتۇراقلاشقان مىسىر زېمىنىدا يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ مېنى غەزەپلەندۈرىسىلەر؟ شۇنداق قىلىپ سىلەر ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا لەنەت سۆزى ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىسىلەر. 024 JER 044 009 سىلەر يەھۇدا زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا سادىر قىلىنغان رەزىللىكنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى، يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەزىللىكىنى، سىلەرنىڭ ئۆز رەزىللىكىڭلارنى ھەم ئاياللىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ 024 JER 044 010 بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىڭلار ئۆزىنى ھېچ تۆۋەن تۇتمىدى، مەندىن ھېچ قورقمىدى، ئۇلار مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ياكى بەلگىلىمىلىرىمدە ھېچ ماڭغان ئەمەس. 024 JER 044 011 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بېشىڭلارغا كۈلپەت چۈشۈرۈپ، بارلىق يەھۇدانى ھالاك قىلغۇچە سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىمەن؛ 024 JER 044 012 مەن مىسىر زېمىنىغا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان يەھۇدانىڭ قالدىسىغا قول سالىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا تۈگىشىدۇ؛ مىسىر زېمىنىدا يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ، ئۇلار لەنەت ئوقۇلىدىغان ۋە دەھشەت باسقۇچى ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىدۇ. 024 JER 044 013 مەن مىسىر زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلارنى يېرۇسالېمنى جازالىغاندەك قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن؛ 024 JER 044 014 شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلىشايلى دەپ شۇ يەرگە كىرگەن يەھۇدانىڭ قالدىسىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا ھېچقايسىسى قاچالمايدۇ ياكى ھېچكىم قالمايدۇ؛ شۇ يەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتىزار بولسىمۇ، قاچالىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ھېچقايسىسى قايتمايدۇ». 024 JER 044 015 ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، ــ زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ [شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى] پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ 024 JER 044 016 «سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز! 024 JER 044 017 ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن. 024 JER 044 018 ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق. 024 JER 044 019 بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟». 024 JER 044 020 يەرەمىيا بارلىق خەلققە، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارغا، مۇشۇنداق جاۋابنى بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ 024 JER 044 021 ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئېسىدە قېلىپ كۆڭلىگە تەگكەن ئىش دەل سىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار، ئەمىرلىرىڭلار شۇنداقلا زېمىندىكى خەلقنىڭ يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا ياققان خۇشبۇيى ئەمەسمۇ؟ 024 JER 044 022 ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان. 024 JER 044 023 سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى». 024 JER 044 024 يەرەمىيا بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ بارلىق ئاياللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 024 JER 044 025 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن: «بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئەمەل قىلغانسىلەر. ئەمدى قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېرىڭلار! قەسىمىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! 024 JER 044 026 لېكىن شۇنداق بولغاندا، ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! مانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ نامىم بىلەن قەسەم قىلغانمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مىسىرنىڭ بارلىق زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالىق ھېچقايسى كىشى مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ: «رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قايتىدىن قەسەم ئىچمەيدۇ. 024 JER 044 027 مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزلەۋاتىمەن؛ شۇڭا مىسىردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگۈچە قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولىدۇ. 024 JER 044 028 قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قاچقانلار بولسا ئىنتايىن ئاز بىر توپ ئادەملەر بولۇپ، مىسىر زېمىنىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىغا ئولتۇراقلىشايلى دەپ كەلگەن يەھۇدانىڭ قالدىسى كىمنىڭ سۆزىنىڭ، مېنىڭكى ياكى ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىلىپ يېتىدۇ. 024 JER 044 029 مېنىڭ سىلەرنى بۇ يەردە جازالايدىغانلىقىمغا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم سىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرمەي قويمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە شۇ ئالدىنئالا بېشارەت بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 024 JER 044 030 ــ مانا، مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». 024 JER 045 001 يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ 024 JER 045 002 «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ 024 JER 045 003 سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ. 024 JER 045 004 ــ [يەرەمىيا]، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن. 024 JER 045 005 مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن». 024 JER 046 001 يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەللەر توغرۇلۇق سۆزى تۆۋەندە: ــ 024 JER 046 002 مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ 024 JER 046 003 «قالقان-سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار! 024 JER 046 004 ئاتلارنى ھارۋىلارغا قېتىڭلار! ئاتلىرىڭلارغا مىنىڭلار! بېشىڭلارغا دۇبۇلغا سېلىپ سەپتە تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىڭلار! ساۋۇت-قۇياقلارنى كىيىۋېلىڭلار! 024 JER 046 005 لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ [لەشكەرلەر] دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر-پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 046 006 ــ ئەمدى ئەڭ چاققانلارمۇ قاچالمايدۇ، باتۇر-پالۋانلارمۇ ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالمايدۇ؛ مانا، شىمال تەرىپىدە، ئەفرات دەرياسى بويىدا ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ! 024 JER 046 007 سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى [كەلكۈن كەبى] كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ 024 JER 046 008 سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسىدەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن دەل مىسىر ئۆزىدۇر؛ ئۇ: «مەن ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلايمەن؛ مەن شەھەرلەر ھەم ئۇلاردا تۇرۇۋاتقانلارنى يوقىتىمەن!» ــ دەيدۇ. 024 JER 046 009 ئېتىلىڭلار، ئى ئاتلار! ھە دەپ ئالغا بېسىپ چېپىڭلار، ئى جەڭ ھارۋىلىرى! قالقان كۆتۈرگەن ئېفىئوپىيە ھەم لىۋىيەدىكىلەر، ئوقيالىرىنى ئېگىلدۈرگەن لىدىيەدىكىلەر، پالۋان-باتۇرلار جەڭگە چىقسۇن! 024 JER 046 010 لېكىن بۇ كۈن بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدۇر؛ ئۇ قىساسلىق بىر كۈن، يەنى ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلىچى كىشىلەرنى تويغۇچە يۇتىدۇ؛ ئۇ قانغۇچە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ شىمالىي زېمىندا، ئەفرات دەرياسى بويىدا قىلماقچى بولغان بىر قۇربانلىقى بار! 024 JER 046 011 گىلېئادقا چىقىپ تۇتىيا ئىزدەپ تاپ، ئى مىسىرنىڭ قىزى! لېكىن سەن ئۆزۈڭگە نۇرغۇن دورىلارنى ئالساڭمۇ بىكار؛ سەن ئۈچۈن ھېچ شىپالىق يوقتۇر! 024 JER 046 012 ئەللەر خىجالىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلايدۇ، سېنىڭ پەريادلىرىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە پۇر كېتىدۇ؛ پالۋان پالۋانغا پۇتلىشىدۇ، ئىككىسى تەڭ مەغلۇپ بولۇپ يىقىلىدۇ! 024 JER 046 013 پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى توغرۇلۇق يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزى: ــ 024 JER 046 014 مىسىردا جاكارلا، مىگدولدا ئېلان قىل، نوفتا ۋە تاھپانەستىمۇ ئېلان قىل: چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ؛ 024 JER 046 015 سېنىڭ باتۇرلىرىڭ نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؟ ئۇلار چىڭ تۇرالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى سەپتىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىدۇ. 024 JER 046 016 ئۇ ئۇلاردىن كۆپلىرىنى پۇتلاشتۇرىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار قاچقاندا بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ دەيدۇ؛ 024 JER 046 017 شۇ يەرگە [قايتقاندا] ئۇلار: «مىسىر پادىشاھى پىرەۋن پەقەت بىر قىيقاس-سۈرەن، خالاس! ئۇ پەيتنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋەتتى!» ــ دەيدۇ. 024 JER 046 018 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پادىشاھ، نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ تاغلار ئارىسىدا تابور تېغى بولغاندەك، كارمەل تېغى دېڭىز بويىدا [ئاسمانغا تاقىشىپ] تۇرغاندەك بىرسى كېلىدۇ. 024 JER 046 019 ئەمدى سەن، ئى مىسىردا تۇرۇۋاتقان قىز، سۈرگۈن بولۇشقا لايىق يۈك-تاقلارنى تەييارلاپ قوي؛ چۈنكى نوف خارابە بولۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ، ھېچ ئادەمزاتسىز بولىدۇ. 024 JER 046 020 مىسىر بولسا چىرايلىق بىر ئىنەكتۇر؛ لېكىن ئۇنى نىشان قىلغان بىر كۆكۈيۈن كېلىۋاتىدۇ، شىمالدىن كېلىۋاتىدۇ! 024 JER 046 021 ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ؛ چۈنكى كۈلپەتلىك كۈن، يەنى جازالىنىش كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 024 JER 046 022 [مىسىرنىڭ] ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى [دۈشمەن] قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. 024 JER 046 023 ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى كەسكۈچىلەر چېكەتكە توپىدىن كۆپ، سان-ساناقسىز بولىدۇ. 024 JER 046 024 مىسىرنىڭ قىزى خىجالەتتە قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۇ شىمالىي ئەلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 024 JER 046 025 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن؛ بەرھەق، پىرەۋن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ 024 JER 046 026 مەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئىزدىگۈچىلەر، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ھەم خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. بىراق كېيىن، [مىسىر] قەدىمكى زامانلاردەك قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 046 027 لېكىن سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يۇرتتىن، نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ قايتىپ، خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخشتە تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. 024 JER 046 028 قورقما، ئى قۇلۇم ياقۇپ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويمايمەن. 024 JER 047 001 پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ 024 JER 047 002 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن [دولقۇنلۇق] سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار [ئازابتىن] نالە-زار قىلىدۇ؛ 024 JER 047 003 تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. 024 JER 047 004 چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. 024 JER 047 005 گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ 024 JER 047 006 ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن! 024 JER 047 007 لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر! 024 JER 048 001 موئاب توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ خارابە قىلىنىدۇ؛ كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى قورغان بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. 024 JER 048 002 موئاب يەنە ھېچ ماختالمايدۇ؛ ھەشبوندا كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنى ئەل قاتارىدىن يوقىتايلى» دەپ سۇيىقەست قىلىدۇ؛ سەنمۇ، ئى مادمەن، تۈگەشتۈرۈلىسەن؛ قىلىچ سېنى قوغلايدۇ. 024 JER 048 003 ھورونائىمدىن ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ: ــ «ئاھ، ۋەيرانچىلىق، دەھشەتلىك پاتىپاراقچىلىق!» 024 JER 048 004 موئاب بىتچىت قىلىندى! ئۇنىڭ كىچىكلىرىدىن پەريادلىرى ئاڭلىنىدۇ. 024 JER 048 005 بەرھەق، لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولىدىن توختىماي يىغىلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا ھالاكەتتىن ئازابلىق نالە-پەريادلار ئاڭلىنىدۇ. 024 JER 048 006 قېچىڭلار، جېنىڭلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈڭلار! چۆلدىكى بىر چاتقال بولۇڭلار! 024 JER 048 007 چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ [بۇتۇڭ] كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ. 024 JER 048 008 ۋەيران قىلغۇچى ھەربىر شەھەرگە جەڭ قىلىدۇ؛ شەھەرلەردىن ھېچقايسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. 024 JER 048 009 دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بولىدۇ 024 JER 048 010 (پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!). 024 JER 048 011 موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن. 024 JER 048 012 شۇڭا ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ كۈپلىرىنى قۇرۇقدايدۇ، ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى چېقىۋېتىدۇ. 024 JER 048 013 ئۆتكەندە ئىسرائىل جەمەتى ئۆز تايانچىسى بولغان بەيت-ئەل تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالغاندەك موئابمۇ كېموش تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالىدۇ. 024 JER 048 014 سىلەر قانداقمۇ: «بىز باتۇر، جەڭگىۋار پالۋانمىز!» ــ دېيەلەيسىلەر؟ 024 JER 048 015 موئابنىڭ زېمىنى خارابە قىلىنىدۇ؛ [دۈشمەن] ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ [سېپىللىرىغا] چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېسىل يىگىتلىرى قەتل قىلىنىشقا چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پادىشاھ، يەنى نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 024 JER 048 016 ــ موئابنىڭ ھالاكىتى يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بېشىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ. 024 JER 048 017 ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى بىلگەنلەر: «كۈچلۈك شاھانە ھاسىسى، گۈزەل تايىقىمۇ شۇنچە سۇندۇرۇلدىغۇ!» ــ دەڭلار. 024 JER 048 018 شان-شۆھرىتىڭدىن چۈشۈپ قاغجىراپ كەتكەن يەردە ئولتۇر، ئى دىبوندا تۇرۇۋاتقان قىز؛ چۈنكى موئابنى ھالاك قىلغۇچى ساڭا جەڭ قىلىشقا يېتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىستىھكام-قورغانلىرىڭنى بەربات قىلىدۇ. 024 JER 048 019 يول بويىدا كۆزەت قىل، ئى ئاروئەردە تۇرۇۋاتقان قىز؛ بەدەر تىكىۋاتقان ئەردىن ۋە قېچىۋاتقان قىزدىن: «نېمە بولدى؟» دەپ سورا؛ 024 JER 048 020 «موئاب خىجالەتكە قالدى، چۈنكى ئۇ بىتچىت قىلىندى!» [دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ]. ئاھ-زار تارتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرۈڭلار؛ ئارنوندا: «موئاب ھالاك قىلىندى» ــ دەپ جاكارلاڭلار. 024 JER 048 021 جازا ھۆكۈمى تۈزلەڭلىك جايلىرى ئۈستىگە چىقىرىلدى؛ ھولون، ياھاز ۋە مەفائات ئۈستىگە، 024 JER 048 022 دىبون، نېبو ھەم بەيت-دىبلاتائىم ئۈستىگە، 024 JER 048 023 كىرىئاتايىم، بەيت-گامۇل ھەم بەيت-مېئون ئۈستىگە، 024 JER 048 024 كېرىئوت، بوزراھ ھەم موئابدىكى يىراق-يېقىن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ. 024 JER 048 025 موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى سۇندۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 048 026 ــ ئۇنى مەست قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ موئاب ئۆز قۇسۇقىدا ئېغىناپ ياتسۇن، شۇنىڭ بىلەن رەسۋا قىلىنسۇن. 024 JER 048 027 چۈنكى سەن [موئاب] ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟! 024 JER 048 028 شەھەرلەردىن چىقىپ تاش-قىيالار ئارىسىنى تۇرالغۇ قىلىڭلار، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار؛ غار ئاغزىدا ئۇۋىلىغان پاختەكتەك بولۇڭلار! 024 JER 048 029 بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى، كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق. 024 JER 048 030 مەن ئۇنىڭ نوچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق [نوچىلىقى] كارغا يارىمايدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ. 024 JER 048 031 شۇڭا مەن موئاب ئۈچۈن زار يىغلايمەن، موئابنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن زار-زار كۆتۈرىمەن؛ كىر-خارەسەتتىكىلەر ئۈچۈن ئاھ-پىغان ئاڭلىنىدۇ. 024 JER 048 032 ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ. 024 JER 048 033 شۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە خۇشاللىق موئابنىڭ باغ-ئېتىزلىرىدىن ۋە زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ مەن ئۈزۈم كۆلچەكلەردىن شارابنى يوقىتىمەن؛ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەرنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى قايتىدىن ياڭرىمايدۇ؛ ئاۋازلار بولسا تەنتەنە ئاۋازلىرى ئەمەس، جەڭ ئاۋازلىرى بولىدۇ. 024 JER 048 034 چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. 024 JER 048 035 مەن موئابتا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى ۋە يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى يوقىتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 048 036 ــ شۇڭا مېنىڭ قەلبىم موئاب ئۈچۈن نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ مېنىڭ قەلبىم كىر-ھەرەستىكىلەر ئۈچۈنمۇ نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىگىلىۋالغان بايلىق-خەزىنىلەر يوقاپ كېتىدۇ. 024 JER 048 037 ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن. 024 JER 048 038 موئابنىڭ بارلىق ئۆي ئۆگزىلىرى ئۈستىدە ۋە مەيدانلاردا ماتەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ؛ چۈنكى مەن موئابنى ھېچكىمگە ياقمايدىغان بىر قاچىدەك چېقىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 024 JER 048 039 ــ ئۇلار پىغاندىن زارلىشىدۇ؛ [موئاب] شۇنچىلىك پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇكى، ئۇ خىجالەتتىن كۆپچىلىككە ئارقىسىنى قىلىدۇ؛ موئاب ئەتراپىدىكى ھەممە تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىدىغان، ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ. 024 JER 048 040 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ [پەرۋاز قىلىپ]، موئاب ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. 024 JER 048 041 شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ، ئىستىھكاملار ئىگىلىۋېلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى موئابدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. 024 JER 048 042 موئاب ئەل قاتارىدىن يوقىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ 024 JER 048 043 ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 048 044 ــ ۋەھشەتتىن قاچقان ئورىغا يىقىلىدۇ؛ ئورىدىن چىققان قىلتاققا تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنى موئاب ئۈستىگە جازالىنىش يىلىنى چۈشۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 048 045 قاچقانلار ھەشبون [سېپىلىنىڭ] دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم [مەھرۇم] سىھون [پادىشاھ]نىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 024 JER 048 046 ھالىڭغا ۋاي، ئى موئاب! كېموشقا تەۋە بولغان ئەل نابۇت بولدى؛ ئوغۇللىرىڭ ئەسىرگە چۈشىدۇ، قىزلىرىڭ سۈرگۈن بولىدۇ. 024 JER 048 047 لېكىن، ئاخىرقى زامانلاردا موئابنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. موئاب ئۈستىگە چىقىرىدىغان ھۆكۈم مۇشۇ يەرگىچە. 024 JER 049 001 ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ 024 JER 049 002 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 049 003 ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. 024 JER 049 004 نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! 024 JER 049 005 مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. 024 JER 049 006 لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 049 007 ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! 024 JER 049 008 بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. 024 JER 049 009 ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ 024 JER 049 010 مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. 024 JER 049 011 لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. 024 JER 049 012 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، [غەزىپىمنىڭ] قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. 024 JER 049 013 چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ. 024 JER 049 014 مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. 024 JER 049 015 مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن. 024 JER 049 016 سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛ ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى، گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 049 017 ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. 024 JER 049 018 سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. 024 JER 049 019 مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى [قويلارنى] تارقاتقان بىر شىردەك مەن [ئېدومدىكىلەرنى] بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ 024 JER 049 020 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. 024 JER 049 021 ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. 024 JER 049 022 مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. 024 JER 049 023 دەمەشق توغرۇلۇق: ــ خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ. 024 JER 049 024 دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. 024 JER 049 025 نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! 024 JER 049 026 شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ 024 JER 049 027 ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 024 JER 049 028 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ 024 JER 049 029 ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. 024 JER 049 030 قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان. 024 JER 049 031 ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 024 JER 049 032 ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 024 JER 049 033 ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. 024 JER 049 034 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ 024 JER 049 035 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. 024 JER 049 036 ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. 024 JER 049 037 مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. 024 JER 049 038 مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 049 039 ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 050 001 پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ 024 JER 050 002 ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار. 024 JER 050 003 چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ. 024 JER 050 004 شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ. 024 JER 050 005 ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ. 024 JER 050 006 ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر. 024 JER 050 007 ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە [بۇ ئىشلاردا] ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن. 024 JER 050 008 [ئى خەلقىم]، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار. 024 JER 050 009 ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ. 024 JER 050 010 كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 024 JER 050 011 ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان [خەلقىمنى] بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چېمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر! 024 JER 050 012 ئەمدى ئانا [يۇرتۇڭ] زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغغۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ. 024 JER 050 013 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. 024 JER 050 014 بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان. 024 JER 050 015 ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار. 024 JER 050 016 بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن! 024 JER 050 017 ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان. 024 JER 050 018 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن. 024 JER 050 019 مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ. 024 JER 050 020 شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. 024 JER 050 021 ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار. 024 JER 050 022 جەڭ سادالىرى [بابىل] زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر! 024 JER 050 023 ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ! 024 JER 050 024 مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ. 024 JER 050 025 پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر. 024 JER 050 026 ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار! 024 JER 050 027 ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. 024 JER 050 028 ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! 024 JER 050 029 بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. 024 JER 050 030 شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 050 031 مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ 024 JER 050 032 كۆرەڭلەپ كەتكۇچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ. 024 JER 050 033 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان. 024 JER 050 034 لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ. 024 JER 050 035 كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 024 JER 050 036 قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛ 024 JER 050 037 قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. 024 JER 050 038 قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن. 024 JER 050 039 شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ. 024 JER 050 040 خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 050 041 ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ. 024 JER 050 042 ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى! 024 JER 050 043 بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ. 024 JER 050 044 مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ 024 JER 050 045 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. 024 JER 050 046 بابىلنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ يەر يۈزى تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ نالە-پەريادى بارلىق ئەللەرگىچە ئاڭلىنىدۇ. 024 JER 051 001 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ 024 JER 051 002 مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ. 024 JER 051 003 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار. 024 JER 051 004 كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن! 024 JER 051 005 چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى [بابىلنىڭ] زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر. 024 JER 051 006 [بارلىق ئەللەر]، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. 024 JER 051 007 بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن. 024 JER 051 008 بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟ 024 JER 051 009 ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ». 024 JER 051 010 ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!» 024 JER 051 011 ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر. 024 JER 051 012 بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى [بابىلنى چۆرىدىتىپ] سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ. 024 JER 051 013 ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى. 024 JER 051 014 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى. 024 JER 051 015 ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر؛ 024 JER 051 016 ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. 024 JER 051 017 بۇ [بۇتپەرەسلەرنىڭ] ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. 024 JER 051 018 ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. 024 JER 051 019 ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛ چۈنكى ھەممىنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىسىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 024 JER 051 020 سەن [ئىسرائىل] مېنىڭ گۆرزەم، مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن؛ 024 JER 051 021 سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم جەڭ ھارۋىسى ھەم ھەيدىگۈچىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ 024 JER 051 022 سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛ 024 JER 051 023 سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم دېھقان ھەم بويۇنتۇرۇققا قېتىلغان كالىلىرىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم ۋالىيلار ھەم ھۆكۈمرانلارنى بىتچىت قىلىمەن. 024 JER 051 024 ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 025 ــ مانا، مەن سەن [بابىلغا] قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە سوزۇپ، سېنى تىك يارلاردىن غۇلىتىپ، دومىلىتىپ چۈشۈرۈپ، سېنى كۆيۈپ تۈگىگەن بىر يانار تاغ قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 026 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ، ياكى ئۇل ئۈچۈنمۇ ھېچيەردىن تاش تاپالمايدۇ؛ چۈنكى سەن مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 027 ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛ 024 JER 051 028 ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار! 024 JER 051 029 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. 024 JER 051 030 بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛ ئۇلار قورغانلىرىدا ئامالسىز ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دەرمانى قالمايدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ؛ دەرۋازا سالاسۇنلىرى سۇندۇرۇلىدۇ. 024 JER 051 031 يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرى ئۇ چەتتىن بۇ چەتكىچە ئىشغال قىلىندى؛ 024 JER 051 032 دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» ــ دەپ جاكارلىشىدۇ. 024 JER 051 033 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ قىزى تەكشىلىنىپ چىڭدىلىدىغان ۋاقتى بولغان خاماندەك بېسىلىدۇ؛ بىردەمدىلا، ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى يېتىپ بولىدۇ! 024 JER 051 034 زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ. 024 JER 051 036 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن. 024 JER 051 037 بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ. 024 JER 051 038 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛ 024 JER 051 039 ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 040 بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن. 024 JER 051 041 شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا! 024 JER 051 042 دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى. 024 JER 051 043 ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. 024 JER 051 044 مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ. 024 JER 051 045 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! 024 JER 051 046 سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ. 024 JER 051 047 شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛ 024 JER 051 048 شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 049 بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ. 024 JER 051 050 قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. 024 JER 051 051 «بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!». 024 JER 051 052 شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ. 024 JER 051 053 بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 024 JER 051 054 بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ. 024 JER 051 055 چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ. 024 JER 051 056 چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ. 024 JER 051 057 ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 024 JER 051 058 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ. 024 JER 051 059 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان. 024 JER 051 060 يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛ 024 JER 051 061 ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ 024 JER 051 062 «پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛ 024 JER 051 063 شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت، 024 JER 051 064 ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل [شۇ تاشقا] ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. 024 JER 052 001 زەدەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر يېشىدا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. 024 JER 052 002 ئۇ [پادىشاھ] يەھوئاكىمنىڭ قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى. 024 JER 052 003 پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى. بىرىنچىدىن، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. 024 JER 052 004 شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. 024 JER 052 005 شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. 024 JER 052 006 شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. 024 JER 052 007 شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. 024 JER 052 008 لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. 024 JER 052 009 ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ [شۇ يەردە] ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 024 JER 052 010 بابىل پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئۇ يەھۇدانىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنىمۇ رىبلاھ شەھىرىدە قەتل قىلدى؛ 024 JER 052 011 ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى. 024 JER 052 012 بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدە بولغان، پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 024 JER 052 013 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. 024 JER 052 014 ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. 024 JER 052 015 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردىن بىر قىسمىنى، شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 024 JER 052 016 لېكىن پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. 024 JER 052 017 كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 024 JER 052 018 ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ 024 JER 052 019 داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. 024 JER 052 020 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەگىلىكى بولغان ئون ئىككى بۇقىنى ئۇ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 024 JER 052 021 ئىككى تۈۋرۈك بولسا، ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز كېلەتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، مىسنىڭ قېلىنلىقى تۆت بارماق ئىدى. 024 JER 052 022 تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى بېشى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى. 024 JER 052 023 ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ يانلىرىدا توقسان ئالتە ئانار نۇسخىسى بار ئىدى؛ توردا جەمئىي بولۇپ يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. 024 JER 052 024 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. 024 JER 052 025 ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. 024 JER 052 026 پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. 024 JER 052 027 بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. 024 JER 052 028 نېبوقادنەسار سۈرگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مۇنداق ئىدى: ــ يەتتىنچى يىلى ئۈچ مىڭ يىگىرمە ئۈچ يەھۇدىي؛ 024 JER 052 029 نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۇ يېرۇسالېمدىن سەككىز يۈز ئوتتۇز ئىككى كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ 024 JER 052 030 نېبوقادنەسارنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 024 JER 052 031 شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى شۇ ئىش يۈز بەردى: ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، ئۇ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ 024 JER 052 032 ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بابىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ 024 JER 052 033 شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. 024 JER 052 034 ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، بابىل پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇ ئۇنىڭغا تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. # # BOOK 025 LAM Lamentations يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 025 LAM 001 001 (ئالەف) ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، ھاشارغا تۇتۇلدى! 025 LAM 001 002 (بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى. 025 LAM 001 003 (گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛ 025 LAM 001 004 (دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ ئۆزى بولسا، قاتتىق ئازابلانماقتا. 025 LAM 001 005 (خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. 025 LAM 001 006 (ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى. 025 LAM 001 007 (زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى. 025 LAM 001 008 (خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. 025 LAM 001 009 (تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! چۈنكى دۈشمەن [ھالىمدىن] ماختىنىپ كەتتى!» 025 LAM 001 010 (يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ! 025 LAM 001 011 (كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! مەن ئەرزىمەس سانالدىم. 025 LAM 001 012 (لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى. 025 LAM 001 013 (مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى، مېنى كەينىمگە ياندۇردى، ئۇ مېنى نابۇت قىلدى، كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى. 025 LAM 001 014 (نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛ قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛ ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛ ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛ رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى. 025 LAM 001 015 (سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛ ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە، ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى. رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك، يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى. 025 LAM 001 016 (ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛ مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛ ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛ بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى. 025 LAM 001 017 (پې) زىئون قولىنى سوزماقتا، لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛ پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن! يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى. 025 LAM 001 018 (تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم! ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! دەردلىرىمگە قاراڭلار! پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى! 025 LAM 001 019 (كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم، لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛ جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ، كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى. 025 LAM 001 020 (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن! ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن، ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ، يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى. سىرتتا قىلىچ [ئانىسىنى بالىسىدىن] جۇدا قىلدى، ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە! 025 LAM 001 021 (شىين) [خەقلەر] ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛ لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛ سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ. 025 LAM 001 022 (تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن، بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر، قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى! 025 LAM 002 001 (ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى. 025 LAM 002 002 (بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. 025 LAM 002 003 (گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 025 LAM 002 004 (دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛ 025 LAM 002 005 (خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى. 025 LAM 002 006 (ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى [خەلقىنىڭ] ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى. 025 LAM 002 007 (زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى! 025 LAM 002 008 (خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ ئۇ ئۇنىڭغا [ھالاك] ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا. 025 LAM 002 009 (تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. 025 LAM 002 010 (يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. 025 LAM 002 011 (كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا. 025 LAM 002 012 (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا. 025 LAM 002 013 (مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟ 025 LAM 002 014 (نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر. 025 LAM 002 015 (سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟» 025 LAM 002 016 (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلماقتا]، ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە. 025 LAM 002 017 (ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 025 LAM 002 018 (تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن! 025 LAM 002 019 (كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە. 025 LAM 002 020 (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟! 025 LAM 002 021 (شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن. 025 LAM 002 022 (تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى. 025 LAM 003 001 (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. 025 LAM 003 002 مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛ 025 LAM 003 003 بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛ 025 LAM 003 004 (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. 025 LAM 003 005 ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى. 025 LAM 003 006 ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. 025 LAM 003 007 (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. 025 LAM 003 008 مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى. 025 LAM 003 009 ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى. 025 LAM 003 010 (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. 025 LAM 003 011 مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛ مېنى تۈگەشتۈردى. 025 LAM 003 012 ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى. 025 LAM 003 013 (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. 025 LAM 003 014 مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم. 025 LAM 003 015 ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى. 025 LAM 003 016 (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ 025 LAM 003 017 جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. 025 LAM 003 018 مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم. 025 LAM 003 019 (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى [يەپ-ئىچكىنىمنى] ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! 025 LAM 003 020 جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا. 025 LAM 003 021 لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ 025 LAM 003 022 (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛ 025 LAM 003 023 ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر! 025 LAM 003 024 ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن. 025 LAM 003 025 (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ 025 LAM 003 026 پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر. 025 LAM 003 027 ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر. 025 LAM 003 028 (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. 025 LAM 003 029 يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟ 025 LAM 003 030 مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن! 025 LAM 003 031 (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ 025 LAM 003 032 ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ 025 LAM 003 033 چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر. 025 LAM 003 034 (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، 025 LAM 003 035 ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا، 025 LAM 003 036 ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟ 025 LAM 003 037 (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟ 025 LAM 003 038 كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ 025 LAM 003 039 ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟ 025 LAM 003 040 (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ 025 LAM 003 041 قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى! 025 LAM 003 042 بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ. 025 LAM 003 043 (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. 025 LAM 003 044 سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس. 025 LAM 003 045 سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ. 025 LAM 003 046 (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ [مازاق قىلدى]؛ 025 LAM 003 047 ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت. 025 LAM 003 048 خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. 025 LAM 003 049 (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، 025 LAM 003 050 تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ [ھالىمىزغا] قارىغۇچە. 025 LAM 003 051 مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن. 025 LAM 003 052 (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. 025 LAM 003 053 ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى. 025 LAM 003 054 سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم. 025 LAM 003 055 (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ 025 LAM 003 056 سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن! 025 LAM 003 057 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» ــ دېدىڭ. 025 LAM 003 058 (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. 025 LAM 003 059 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ 025 LAM 003 060 سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن. 025 LAM 003 061 (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، 025 LAM 003 062 ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن. 025 LAM 003 063 ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! مەن ئۇلارنىڭ [مەسخىرە] ناخشىسى بولدۇم. 025 LAM 003 064 (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ 025 LAM 003 065 ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ! 025 LAM 003 066 غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن! 025 LAM 004 001 (ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى! 025 LAM 004 002 (بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، ھازىر ساپال كوزىلاردەك، ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ [قىممىتى يوق] دەپ قارىلىۋاتىدۇ! 025 LAM 004 003 (گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى. 025 LAM 004 004 (دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. 025 LAM 004 005 (خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ. 025 LAM 004 006 (ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى. 025 LAM 004 007 (زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى. 025 LAM 004 008 (خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. 025 LAM 004 009 (تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا. 025 LAM 004 010 (يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى. 025 LAM 004 011 (كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى. 025 LAM 004 012 (لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. 025 LAM 004 013 (مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ [زىئوندا] ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، ــ بۇ ئىش [بېشىغا] چۈشتى! 025 LAM 004 014 (نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. 025 LAM 004 015 (سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. 025 LAM 004 016 (پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى. 025 LAM 004 017 (ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق. 025 LAM 004 018 (تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى! 025 LAM 004 019 (كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى. 025 LAM 004 020 (رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق! 025 LAM 004 021 (شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن! لېكىن بۇ [جازا] قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن! 025 LAM 004 022 (تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ! 025 LAM 005 001 بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن! 025 LAM 005 002 مىراسىمىز ياتلارغا، ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى. 025 LAM 005 003 بىز يېتىم-يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى. 025 LAM 005 004 ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ. 025 LAM 005 005 بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز. 025 LAM 005 006 جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز. 025 LAM 005 007 ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق. 025 LAM 005 008 ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر. 025 LAM 005 009 دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز. 025 LAM 005 010 تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا. 025 LAM 005 011 زىئوندا ئاياللار، يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى. 025 LAM 005 012 ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى. 025 LAM 005 013 ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا. 025 LAM 005 014 ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ يىگىتلەر نەغمە-ناۋادىن قالدى. 025 LAM 005 015 شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى. 025 LAM 005 016 بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق! 025 LAM 005 017 بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ 025 LAM 005 018 ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە. 025 LAM 005 019 سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ تەختىڭ دەۋردىن-دەۋرگە داۋاملىشىدۇ. 025 LAM 005 020 سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟ 025 LAM 005 021 بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن، 025 LAM 005 022 ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ! # # BOOK 026 EZE Ezekiel ئەزاكىيال 026 EZE 001 001 ئوتتۇزىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مەن كېۋار دەرياسىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئارىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، مانا ئاسمانلار ئېچىلىپ، مەن خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم. 026 EZE 001 002 تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ــ يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى ئىدى ــ 026 EZE 001 003 كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا، كېۋار دەرياسى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزاكىيال كاھىنغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى ــ شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندى. 026 EZE 001 004 مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى. 026 EZE 001 005 يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ــ ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛ 026 EZE 001 006 ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. 026 EZE 001 007 ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى. 026 EZE 001 008 تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛ 026 EZE 001 009 ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى. 026 EZE 001 010 ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى. 026 EZE 001 011 ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى. 026 EZE 001 012 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى. 026 EZE 001 013 ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛ 026 EZE 001 014 ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى. 026 EZE 001 015 مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛ 026 EZE 001 016 چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى. 026 EZE 001 017 مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى. 026 EZE 001 018 چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 026 EZE 001 019 ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى. 026 EZE 001 020 روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى [روھقا] ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى. 026 EZE 001 021 مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. 026 EZE 001 022 ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى. 026 EZE 001 023 بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى. 026 EZE 001 024 ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ــ ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك ــ قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. 026 EZE 001 025 ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. 026 EZE 001 026 ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدە، كۆك ياقۇت كەبى بىر تەختنىڭ سىيماسى تۇراتتى؛ بۇ تەخت سىيماسىنىڭ ئۈستىدە، تولىمۇ يۇقىرىدا، ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بىر زات تۇراتتى. 026 EZE 001 027 ۋە مەن بۇ زاتنى بېلىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ تۇرقى مىستەك پارقىرغان، ئەتراپىنى ئوت ئوراپ تۇرغان قىياپەتتىكى بىر كۆرۈنۈشتە كۆردۈم؛ ۋە بېلىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تۇرقى، ئوتنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك يورۇقلۇق تۇراتتى. 026 EZE 001 028 بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى. بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ قىياپىتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇنى كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم؛ ۋە مەن سۆزلەۋاتقان بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 026 EZE 002 001 ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى. 026 EZE 002 002 ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. 026 EZE 002 003 ۋە ئۇ ماڭا: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى. 026 EZE 002 004 ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ 026 EZE 002 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 002 006 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 026 EZE 002 007 سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر. 026 EZE 002 008 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن». 026 EZE 002 009 ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ. 026 EZE 002 010 ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى؛ ئۇنىڭغا يېزىلغانلىرى مەرسىيە، ماتەم سۆزلىرى ۋە دەرد-ئەلەملەردىن ئىبارەت ئىدى. 026 EZE 003 001 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئېرىشكىنىڭنى يېگىن؛ بۇ يازمىنى يەپ، بېرىپ ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلغىن، دېدى. 026 EZE 003 002 شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمنى ئاچتىم، ئۇ ماڭا يازمىنى يېگۈزدى. 026 EZE 003 003 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قورسىقىڭنى توق قىلىپ، ئىچى-باغرىڭنى مەن ساڭا بەرگەن بۇ ئورام يازما بىلەن تولدۇرغىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېدىم، ئاغزىمدا ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق ئىدى. 026 EZE 003 004 ۋە ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسان ئوغلى، بارغىن، ئىسرائىل جەمەتىگە بارغىن، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. 026 EZE 003 005 چۈنكى سەن غەيرىي يېزىقتىكى ياكى تىلى تەس بىر ئەلگە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل جەمەتىگە ئەۋەتىلدىڭ؛ 026 EZE 003 006 ــ غەيرىي يېزىقتىكى ھەم تىلى تەس، سۆزلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆپ ئەللەرگە ئەۋەتىلمىدىڭ؛ مەن سېنى شۇلارغا ئەتەتكەن بولسام، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالاتتى! 026 EZE 003 007 بىراق ئىسرائىل جەمەتى ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قاپىقى توڭ ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر. 026 EZE 003 008 مانا، مەن يۈزۈڭنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە قارشى تاشتەك، ۋە سېنىڭ پېشانەڭنى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىغا قارشى تاشتەك قىلدىم. 026 EZE 003 009 بەرھەق، سېنىڭ پېشانەڭنى چاقماق تېشىدىن قاتتىق، ھەتتا ئالماستەك قىلدىم. ئۇلاردىن قورقما، ۋە ئۇلار تۈپەيلىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر». 026 EZE 003 010 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا ئېيتماقچى بولغان ھەممە سۆزلىرىمنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغىن، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن. 026 EZE 003 011 ۋە ھازىر بارغىن، سۈرگۈن بولغانلارغا، يەنى ئۆز ئېلىڭدىكىلەرگە سۆز قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن، ئاڭلىمىسۇن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن! ــ دېدى. 026 EZE 003 012 شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى، مەن ئارقامدىن زور شارقىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ــ «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئۆز جايلىرىدا ئوقۇلسۇن!» ــ 026 EZE 003 013 ــ ھايات مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ئاۋازى، ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقلارنىڭ ئاۋازلىرى بەھەيۋەت شارقىراق بىر سادا ئىدى. 026 EZE 003 014 ۋە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، يىراققا ئاپاردى؛ ۋە مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا كۈچلۈك ئىدى. 026 EZE 003 015 شۇنىڭ بىلەن مەن تەل-ئابىب شەھىرىدە سۈرگۈن بولغانلار، يەنى كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرغانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم؛ مەن ئۇلار تۇرغان جايدا ئولتۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە كۈن ھاڭ-تاڭ قېتىپ ئولتۇردۇم. 026 EZE 003 016 مانا يەتتە كۈن توشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 003 017 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىپ تىكلىدىم؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن بولغان ئاگاھنى يەتكۈزگىن. 026 EZE 003 018 مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» ــ دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ ــ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. 026 EZE 003 019 بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. 026 EZE 003 020 ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. 026 EZE 003 021 ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن». 026 EZE 003 022 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا تۇراتتى؛ ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى. 026 EZE 003 023 شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە چىقتىم؛ ۋە مانا، مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن شان-شەرەپتەك، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى؛ كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم. 026 EZE 003 024 ۋە روھ ئىچىمگە كىرىپ مېنى تىك تۇرغۇزدى؛ ئۇ ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «بارغىن، ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈڭنى بەند قىلغىن. 026 EZE 003 025 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن سەن تالاغا چىقالماي، ئەل-يۇرت ئىچىگە ھېچ كىرەلمەيسەن. 026 EZE 003 026 شۇنداقلا ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈچى بولماسلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 026 EZE 003 027 ۋە مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن؛ كىم ئاڭلايمەن دېسە ئاڭلىسۇن، كىم ئاڭلىمايمەن دېسە ئاڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 026 EZE 004 001 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. 026 EZE 004 002 ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. 026 EZE 004 003 بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ. 026 EZE 004 004 ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. 026 EZE 004 005 مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. 026 EZE 004 006 بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. 026 EZE 004 007 ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ 026 EZE 004 008 ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن. 026 EZE 004 009 ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ 026 EZE 004 010 سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ 026 EZE 004 011 ۋە [ھەر كۈنى] سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ [ھەر كۈندىكى] بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن. 026 EZE 004 012 سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن». 026 EZE 004 013 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى. 026 EZE 004 014 ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم. 026 EZE 004 015 ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى. 026 EZE 004 016 ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛ 026 EZE 004 017 چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ». 026 EZE 005 001 «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. 026 EZE 005 002 مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورىۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 026 EZE 005 003 سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ 026 EZE 005 004 بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ». 026 EZE 005 005 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ 026 EZE 005 006 بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ. 026 EZE 005 007 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، 026 EZE 005 008 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، [ئى يېرۇسالېم]؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛ 026 EZE 005 009 ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن. 026 EZE 005 010 شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن. 026 EZE 005 011 شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. 026 EZE 005 012 شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 026 EZE 005 013 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 005 014 ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛ 026 EZE 005 015 سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم! 026 EZE 005 016 مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن. 026 EZE 005 017 ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!». 026 EZE 006 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 006 002 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەپ بېشارەت بەرگىن: ــ 026 EZE 006 003 «ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: رەب پەرۋەردىگار تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرگە، ۋادىلار ۋە جىلغىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچنى چۈشۈرۈپ، «يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن. 026 EZE 006 004 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قۇربانگاھلىرىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بۇتلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن. 026 EZE 006 005 ئىسرائىللاردىن بولغان ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن. 026 EZE 006 006 سىلەر تۇرغان بارلىق جايلاردا شەھەرلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، «يۇقىرى جايلار» ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھلىرىڭلار ھالاك بولىدۇ، بۇتلىرىڭلار چېقىلىپ يوقىلىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار كېسىلىپ غۇلىتىلىدۇ، ۋە ھەممە ياسىغىنىڭلار يوق قىلىۋېتىلىدۇ؛ 026 EZE 006 007 ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاراڭلاردا يىقىلىشى بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 006 008 بىراق مەن سىلەردىن بىر قالدىنى قالدۇرىمەن؛ چۈنكى يات مەملىكەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ئەللەر ئارىسىدا قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولىدۇ. 026 EZE 006 009 ۋە سىلەردىن [قىلىچتىن] قۇتۇلۇپ قالغانلار سۈرگۈن قىلىنغان مەملىكەتلەردە مەندىن يانغان ۋاپاسىز قەلبلىرى ۋە بۇتلىرىغا پاھىشىۋازلاردەك ھەۋەس قىلغان كۆزلىرى بىلەن باغرىمنى پارە-پارە قىلغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلغان رەزىللىكلىرى ھەم يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. 026 EZE 006 010 ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ مەن مۇشۇ كۈلپەتنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن دېگەنلىكىم بىكاردىن-بىكار ئەمەس». 026 EZE 006 011 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن! 026 EZE 006 012 يىراقتا تۇرغان ۋابادىن ئۆلىدۇ؛ يېقىندا تۇرغان قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ ھەم تىرىك قالغان، يەنى مۇھاسىرىگە چۈشكەن كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قەھرىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن. 026 EZE 006 013 ئەمدى ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆز بۇتلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى ئەتراپىدا، ئۆز بۇتلىرىغا خۇشبۇي ياققان ھەر بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە، تاغ چوققىلىرىدا، بارلىق يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا ياتقان چاغدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 006 014 ۋە مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سوزىمەن، ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 007 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 007 002 «سەن ئاڭلا، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېدى: خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ! 026 EZE 007 003 ساڭا ھازىر خاتىمە بېرىلىدۇ! ئۆز غەزىپىمنى بېشىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىمەن. 026 EZE 007 004 مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ ئەكسىچە ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ئۆز يىرگىنچلىكلىرىڭ ئۆز ئاراڭدا بولىدۇ؛ ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». 026 EZE 007 005 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى! 026 EZE 007 006 خاتىمە، خاتىمە! ئۇ ساڭا قارشى قوزغالدى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! 026 EZE 007 007 ھالاكەت يېنىڭغا كەلدى، ئى زېمىندا تۇرغۇچى؛ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى؛ خۇشاللىق ۋارقىراشلىرى ئەمەس، بەلكى داۋالغۇلۇق بىر قىيقاس-سۈرەن تاغلاردا ئاڭلىنىدۇ. 026 EZE 007 008 مەن تېزلا قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ، ساڭا قاراتقان غەزىپىم بىلەن پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىمەن. 026 EZE 007 009 مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 007 010 مانا، ئاشۇ كۈن! مانا ئۇ كەلدى! ھالاكەت چىقىپ يۈرىۋاتىدۇ! ــ تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى! 026 EZE 007 011 زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭكىدىن ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ ئۇلارنىڭ ئادەملەر توپىدىن، دۆلەت-بايلىقلىرىدىن ياكى ھەيۋىسىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ. 026 EZE 007 012 ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. 026 EZE 007 013 چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ توپ كىشىلەر توغرۇلۇق كۆرۈنگەن بېشارەت ئىناۋەتسىز بولمايدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ. 026 EZE 007 014 ئۇلار كاناينى چېلىپ ھەممىنى تەييارلىدى، بىراق ھېچكىم جەڭگە چىقمايدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان. 026 EZE 007 015 تالادا قىلىچ، ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق تۇرىدۇ؛ دالادا بولغان كىشىنى قىلىچ، شەھەردە بولغان كىشىنى بولسا، ۋابا ۋە ئاچارچىلىق ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ. 026 EZE 007 016 ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بۇلاردىن قاچقانلار تاغلاردا يۈرۈپ ھەربىرى ئۆز قەبىھلىكى ئۈچۈن جىلغىدىكى پاختەكلەردەك بۇقۇلداپ ماتەم تۇتىدۇ. 026 EZE 007 017 ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ 026 EZE 007 018 ئۇلار ئۆزىگە بۆز كىيىمىنى باغلايدۇ، ۋەھشەت ئۇلارنى باسىدۇ؛ ھەرقايسىنىڭ يۈزىدە خىجالەت، باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ. 026 EZE 007 019 ئۇلار ئۆز كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرى پەرۋەردىگار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار بۇلاردىن ئاچلىقىنى قاندۇرالمايدۇ، قورسىقىنى تولدۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى. 026 EZE 007 020 ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى؛ بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە لەنەتلىك نەرسىلىرىنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىققا ئايلاندۇرىمەن. 026 EZE 007 021 مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار بۇنى بۇلغايدۇ. 026 EZE 007 022 مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن ئۆرۈيمەن، ۋە كىشىلەر مېنىڭ ئەزىز جايىمنى بۇلغايدۇ؛ زوراۋانلار كىرىپ ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. 026 EZE 007 023 زەنجىرنى تەييارلاڭلار؛ چۈنكى زېمىن قانلىق جىنايەتلەرگە، شەھەر زوراۋانلىققا تولغان. 026 EZE 007 024 شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ. 026 EZE 007 025 ۋەھشەت كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار تىنچ-ئامانلىقنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ، بىراق ھېچ تاپالمايدۇ. 026 EZE 007 026 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت، شۇم خەۋەر ئۈستىگە شۇم خەۋەر كېلىدۇ؛ ئۇلار پەيغەمبەردىن بېشارەت سورايدۇ، بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى، ئاقساقاللاردىن، مويسىپىتلەردىن نەسىھەت يوقاپ كېتىدۇ. 026 EZE 007 027 پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، شاھزادە ئۈمىدسىزلىككە چۆمۈلىدۇ، زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 008 001 ئالتىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىكى، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. 026 EZE 008 002 مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى. 026 EZE 008 003 ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى. 026 EZE 008 004 مانا، مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى. 026 EZE 008 005 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى. 026 EZE 008 006 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ــ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنى مۇقەددەس جايىمدىن يىراق كەتكۈزىدىغان، مۇشۇ يەردە قىلغان ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆردۈڭسەن؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. 026 EZE 008 007 ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپاردى، مەن قارىدىم، مانا، تامدا بىر تۆشۈك تۇراتتى. 026 EZE 008 008 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، تامنى كولاپ تەشكىن، دېدى. مەن تامنى كولاپ تەشتىم، مانا، بىر ئىشىك تۇراتتى. 026 EZE 008 009 ئۇ ماڭا: ــ كىرگىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە قىلغان رەزىل يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرۈپ باق، دېدى. 026 EZE 008 010 مەن كىرىپ قارىدىم، مانا، ئەتراپىدىكى تاملارغا نەقىش قىلىنغان ھەرخىل ئۆمىلىگۈچى ھەم يىرگىنچلىك ھايۋانلارنى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى كۆردۈم. 026 EZE 008 011 ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شافاننىڭ ئوغلى جائازانىيا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدا ئۆز خۇشبۇيدېنىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛ خۇشبۇي قۇيۇق بۇلۇتتەك ئۆرلەپ چىقتى. 026 EZE 008 012 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ؛ پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. 026 EZE 008 013 ۋە ئۇ ماڭا: ــ بىراق سەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى كۆرىسەن، دېدى. 026 EZE 008 014 ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى؛ مانا، شۇ يەردە «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ» يىغلاۋاتقان ئاياللار ئولتۇراتتى. 026 EZE 008 015 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. 026 EZE 008 016 ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى. 026 EZE 008 017 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا! 026 EZE 008 018 شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى. 026 EZE 009 001 ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى. 026 EZE 009 002 ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ [ئىبادەتخانىنىڭ] شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار [ئىبادەتخانىغا] كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى. 026 EZE 009 003 شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ 026 EZE 009 004 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى. 026 EZE 009 005 ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار! 026 EZE 009 006 بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئاقساقاللاردىن باشلىغان. 026 EZE 009 007 ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى. 026 EZE 009 008 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم. 026 EZE 009 009 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 026 EZE 009 010 «مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى. 026 EZE 009 011 ۋە مانا، يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنىنى ئاسقان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشى قىلغان ئىشنى مەلۇم قىلىپ: «ماڭا سەن بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇندىدىم» ــ دېدى. 026 EZE 010 001 مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ 026 EZE 010 002 ۋە [تەختكە ئولتۇرغۇچى] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» ــ دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. 026 EZE 010 003 بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ [شان-شەرەپلىك] بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى. 026 EZE 010 004 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن. 026 EZE 010 005 كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 026 EZE 010 006 ۋە شۇنداق بولدىكى، [رەب] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» ــ دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. 026 EZE 010 007 ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى 026 EZE 010 008 (كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى). 026 EZE 010 009 مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى. 026 EZE 010 010 ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى. 026 EZE 010 011 كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى. 026 EZE 010 012 ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 026 EZE 010 013 چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» ــ دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. 026 EZE 010 014 ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى. 026 EZE 010 015 كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى. 026 EZE 010 016 كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. 026 EZE 010 017 ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. 026 EZE 010 018 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛ 026 EZE 010 019 كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى. 026 EZE 010 020 بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 026 EZE 010 021 ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى. 026 EZE 010 022 ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى. 026 EZE 011 001 روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم. 026 EZE 011 002 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر. 026 EZE 011 003 ئۇلار: «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ. 026 EZE 011 004 شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى. 026 EZE 011 005 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي-پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن. 026 EZE 011 006 سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە-كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر». 026 EZE 011 007 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن. 026 EZE 011 008 سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 011 009 «شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 026 EZE 011 010 سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 011 011 بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 026 EZE 011 012 ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر». 026 EZE 011 013 شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم: «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم. 026 EZE 011 014 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 011 015 ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. 026 EZE 011 016 شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن». 026 EZE 011 017 شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن. 026 EZE 011 018 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ. 026 EZE 011 019 مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن. 026 EZE 011 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 026 EZE 011 021 بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 026 EZE 011 022 كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛ 026 EZE 011 023 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى. 026 EZE 011 024 شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى. 026 EZE 011 025 شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرگۈن بولغانلارغا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. 026 EZE 012 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 012 002 ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئاسىي بىر جەمەت ئارىسىدا تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە كۆزى بار ئەمما كۆرمەيدۇ، ئاڭلاشقا قۇلىقى بار، ئەمما ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 026 EZE 012 003 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، سۈرگۈن بولغۇچىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ قويغىن؛ ۋە كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولغۇچىدەك ئۆز جايىڭدىن باشقا جايغا بارغىن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بىر جەمەت بولسىمۇ، ئېھتىماللىقى يوق ئەمەسكى، ئۇلار چۈشىنىپ يېتىدۇ. 026 EZE 012 004 كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولىدىغان كىشىلەردەك جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛ 026 EZE 012 005 تامنى كولاپ تېشىپ، يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىققىن؛ 026 EZE 012 006 ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇنى مۈرۈڭگە ئېلىپ، گۇگۇمدا كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىن؛ يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم. 026 EZE 012 007 ۋە مەن بۇيرۇلغان بويىچە شۇنداق قىلدىم؛ كۈندۈزدە مەن سۈرگۈن بولغۇچى كىشىدەك يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم؛ ۋە كەچ كىرگەندە قولۇم بىلەن تامنى كولاپ تېشىپ، يۈل-تاقىلىرىمنى چىقىرىپ، گۈگۈمدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدىم. 026 EZE 012 008 ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ 026 EZE 012 009 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى، يەنى ئاسىي بىر جەمەت، سەندىن: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ» دەپ سورىغان ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 012 010 ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: بۇ يۈكلەنگەن ۋەھىي يېرۇسالېمدىكى شاھزادە ھەم شۇ يەردىكى بارلىق ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر توغرۇلۇقتۇر» ــ دېگىن. 026 EZE 012 011 ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئۈچۈن بېشارەت. مەن قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى ئۇلارغىمۇ شۇنداق ئىشلار قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولىدۇ» ــ دېگىن. 026 EZE 012 012 ئۇلار ئارىسىدىكى شاھزادە ئۆز يۈك-تاقلىرىنى گۇگۇمدە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇلار تامنى كولاپ تېشىپ تۆشۈكتىن نەرسىلىرىنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆز يۈزىنى يېپىپ زېمىننى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. 026 EZE 012 013 شۇنىڭ بىلەن ئۆز تورۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يايىمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ. 026 EZE 012 014 ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم بارلىق قوشۇنلىرىنى مەن بارلىق شامالغا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 026 EZE 012 015 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكىنىمدە، مەملىكەتلەر ئىچىگە تاراتقىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 012 016 بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىنى، قىلىچ، ئاچارچىلىق ھەم ۋابا كېسىلىدىن خالاس قىلىمەن؛ مەقسىتىم شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرى بارىدىغان ئەللەردە ئۆزلىرىگە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 012 017 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 012 018 «ئىنسان ئوغلى، ئۆز نېنىڭنى تىترىگەن ھالدا يېگىن، سۈيۈڭنى دىر-دىر قىلىپ ئەنسىرىگەن ھالدا ئىچكىن؛ 026 EZE 012 019 ھەم شۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە ئىسرائىل زېمىنىدە تۇرۇۋاتقانلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆز نېنىنى ئەنسىرەش ئىچىدە يەيدۇ، سۈيىنى دەككە-دۈككىدە ئىچىدۇ؛ چۈنكى زېمىندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جەبىر-زۇلۇمى تۈپەيلىدىن، ئۇ يەر ھەممىسى يەكسان قىلىنىدۇ. 026 EZE 012 020 ئاھالىلىك شەھەرلەر خارابە بولۇپ، زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». 026 EZE 012 021 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 012 022 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدە: «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ» دېگەن ماقالنى ئېيتقىنى نېمىسى؟ 026 EZE 012 023 ئەمدى ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ماقالنى يوق قىلىمەن؛ ئىسرائىلدا بۇ ماقال ئىككىنچى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەن ئەكسىچە ئۇلارغا: «كۈنلەر يېقىنلاشتى، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ يېقىنلاشتى» ــ دېگىن. 026 EZE 012 024 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ. 026 EZE 012 025 چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سۆز قىلىمەن، ھەم قىلغان سۆزۈم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا، ئى ئاسىي جەمەت، مەن سۆز قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 026 EZE 012 026 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 012 027 «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق: «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ. 026 EZE 012 028 شۇڭا ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سۆزلىرىمدىن ھېچقايسىسى يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بەلكى قىلغان سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن». 026 EZE 013 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 013 002 «ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئىسرائىلنىڭ بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلىرى، يەنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!» ــ دېگىن. 026 EZE 013 003 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز روھىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ھېچ ۋەھىينى كۆرمىگەن ھاماقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! 026 EZE 013 004 ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى. 026 EZE 013 005 سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە بولىدىغان جەڭدە پۇختا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار. 026 EZE 013 006 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگۈچىلەر بولسا پەقەت ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ۋە يالغان پالنى كۆرگەنلەردىن ئىبارەتتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەۋەتمىگەن؛ بىراق ئۇلار ئۆز سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 026 EZE 013 007 سىلەر «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگىنىڭلاردا، مەن ھېچ سۆز قىلمىغان تۇرسام، سىلەر ساختا بىر «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن، يالغان پالنى ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 013 008 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئويدۇرما سۆزلىگىنىڭلار، يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش»لەرنى كۆرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ئەمدى مانا، مەن سىلەرگە قارشىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، 026 EZE 013 009 ــ مېنىڭ قولۇم ساختا «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ۋە يالغان پالنى ئېيتقان پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۆز خەلقىمنىڭ كېڭىشىدە ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنمەيدۇ؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا ھېچ كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 013 010 بەرھەق، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ جار سېلىپ، خەلقىمنى ئېزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىرسى نېپىز ئارا تامنى قوپۇرسا، ئۇلار كېلىپ پەقەت ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ــ 026 EZE 013 011 تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن! كەلكۈندەك بىر يامغۇر ياغىدۇ! ئى يوغان مۆلدۈرلەر، سىلەر چۈشىسىلەر! دەھشەتلىك بىر شامال چىقىدۇ؛ 026 EZE 013 012 ۋە مانا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، خەق سىلەردىن: «سىلەر بۇ تامنى سۇۋىغان ھاك سۇۋاق قېنى!» دەپ سورىمامدۇ؟ 026 EZE 013 013 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز قەھرىم بىلەن دەھشەتلىك بىر شامال پارتلىتىپ چىقىرىمەن؛ مېنىڭ ئاچچىقىمدىن كەلكۈندەك بىر يامغۇر ۋە ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان قەھرلىك مۆلدۈرلەر ياغىدۇ. 026 EZE 013 014 شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقان تامنى غۇلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى ئاشكارە قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ ئۇ غۇلاپ چۈشكەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر؛ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 013 015 شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» ــ دەيمەن». 026 EZE 013 017 «ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە بېشارەت بەرگۈچى ئۆز خەلقىڭنىڭ قىزلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 013 018 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە [سېھىرلىك] بىلەزۈكلەرنى قاداپ، جانلارنى تۇزاققا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي! ئەمدى سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ جانلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، جانلىرىڭلارنى ساق قالدۇرىمىز دەۋاتامسىلەر؟ 026 EZE 013 019 نەچچە تۇتام ئارپا، نەچچە چىشلەم ناننى دەپ سىلەر ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىپ، يالغان سۆزگە قۇلاق سالىدىغان مېنىڭ خەلقىمگە يالغانچىلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆلمەسكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تىرىك قالماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى ھايات قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟ 026 EZE 013 020 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن سىلەرنىڭ قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك كىشىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرگۈچى سېھىرلىك «تېڭىق»لىرىڭلارغا قارشىمەن، مەن ئۇلارنى بىلىكىڭلاردىن يىرتىپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك تۇتقان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئۇچۇرىۋېتىمەن. 026 EZE 013 021 مەن سىلەرنىڭ پەرەنجىلىرىڭلارنىمۇ يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار يەنە قولۇڭلاردا ئولجا بولۇپ تۇرمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 013 022 سىلەر يالغانچىلىق بىلەن، ئۆزۈم ئازار بەرمىگەن ھەققانىي ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قۇتقۇزۇشقا ئۇلارنى رەزىل يولىدىن ياندۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچەيتكىنىڭلار ئۈچۈن، 026 EZE 013 023 سىلەر قۇرۇق «ئالامەت كۆزۈنۈش»لەرنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرمەيسىلەر، ياكى يالغان پالچىلىق قىلمايسىلەر؛ مەن ئۆز خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». 026 EZE 014 001 ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى. 026 EZE 014 002 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 014 003 «ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟ 026 EZE 014 004 ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن. 026 EZE 014 005 شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى». 026 EZE 014 006 ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ [يېنىمغا] قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار! 026 EZE 014 007 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛ 026 EZE 014 008 مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 014 009 بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن. 026 EZE 014 010 ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ. 026 EZE 014 011 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 026 EZE 014 012 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 014 013 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛ 026 EZE 014 014 ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 014 015 ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا، 026 EZE 014 016 ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى. 026 EZE 014 017 ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، 026 EZE 014 018 ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. 026 EZE 014 019 ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، 026 EZE 014 020 ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. 026 EZE 014 021 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟ 026 EZE 014 022 بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛ 026 EZE 014 023 ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 026 EZE 015 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 015 002 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ 026 EZE 015 003 ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟ 026 EZE 015 004 مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ 026 EZE 015 005 مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ 026 EZE 015 006 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن. 026 EZE 015 007 يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 015 008 ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 026 EZE 016 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 016 002 ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېرۇسالېمنىڭ يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 016 003 رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەسلىي زاتىڭ ۋە تۇغۇلۇشۇڭ قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا بولغان؛ سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى. 026 EZE 016 004 سېنىڭ تۇغۇلۇشۇغا كەلسەك، سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىندىكىڭ كېسىلمىگەن، سەن سۇدا يۇيۇلۇپ پاكىز قىلىنمىغان؛ ھېچكىم ساڭا تۇز سۈركمىگەن ياكى سېنى زاكىلىمىغان. 026 EZE 016 005 ھېچكىمنىڭ كۆزى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ساڭا رەھىم قىلمىغان ياكى ئىچىنى ساڭا ئاغرىتمىغان؛ ئەكسىچە سەن دالاغا تاشلىۋېتىلگەنسەن، چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كەمسىتىلگەنسەن. 026 EZE 016 006 شۇ چاغدا مەن يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنى ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقىنىڭنى كۆرگەن؛ ۋە مەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. بەرھەق، سەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە مەن ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. 026 EZE 016 007 مەن سېنى دالادىكى ئوت-چۆپلەردەك ئاينىتتىم؛ سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ؛ كۆكسىلىرىڭ شەكىللەندى، چاچلىرىڭ ئۈزۈن ئۆستى؛ بىراق سەن تېخى تۇغما-يالىڭاچ ئىدىڭ. 026 EZE 016 008 مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ. 026 EZE 016 009 مەن سېنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، قېنىڭنى تېنىڭدىن يۇيۇۋېتىپ، ساڭا پۇراقلىق ماينى سۈرتتۈم. 026 EZE 016 010 مەن ساڭا كەشتىلىك كۆڭلەكنى كىيگۈزۈپ، ئايىغىڭغا دەلفىن تېرىسىدىن تىككەن كەشلەرنى ساپتىم؛ سېنى نېپىس كاناپ بىلەن ئوراپ، يىپەك بىلەن يېپىپ قويدۇم. 026 EZE 016 011 سېنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىم، قوللىرىڭغا بىلەزۈكلەرنى، بوينۇڭغا مارجاننى تاقاپ قويدۇم؛ 026 EZE 016 012 بۇرنۇڭغا ھالقىنى، قۇلاقلىرىڭغا زىرىلەرنى، بېشىڭغا گۈزەل تاجنى كىيگۈزدۇم. 026 EZE 016 013 شۇنداق قىلىپ سەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن پەردازلاندىڭ؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭ نېپىس كاپاپ، يىپەك ۋە كەشتىلىك رەختتىن ئىدى. يېگىنىڭ ئاق ئۇن، بال ھەم زەيتۇن مېيى ئىدى؛ سەن ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، خانىش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۇڭ. 026 EZE 016 014 گۈزەللىكىڭ تۈپەيلىدىن ئەللەردە داڭقىڭ چىقتى؛ چۈنكى مەن ساڭا كۆركەملىكىمنى بېغىشلىشىم بىلەن گۈزەللىكىڭ كامالەتكە يەتتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 016 015 بىراق سەن گۈزەللىكىڭگە تايىنىپ، داڭقىڭدىن پايدىلىنىپ پاھىشە بولدۇڭ؛ سەن ھەربىر ئۆتكۈچى كىشىگە پاھىشە مۇھەببەتلىرىڭنى تۆكتۈڭ؛ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭ بولدى! 026 EZE 016 016 سەن كىيىم-كېچەكلىرىڭدىن ئېلىپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن رەڭگارەڭ بېزەلگەن «يۇقىرى جايلار»نى ياساپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ باقمىغان، ۋە ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ! 026 EZE 016 017 سەن مەن ساڭا بېغىشلىغان گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىم ۋە ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. 026 EZE 016 018 سەن ئۆز كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ئۇلارغا كىيگۈزدۈڭ؛ مېنىڭ مېيىم ۋە مېنىڭ خۇشبۇيۇمنى ئۇلارغا سۇنۇپ بېغىشلىدىڭ؛ 026 EZE 016 019 مەن ئۆزۈڭگە بەرگەن نېنىمنى، مەن ساڭا ئوزۇققا بەرگەن ئاق ئان، زەيتۇن مېيى ۋە بالنى بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا خۇشپۇراق ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتاپ سۇندۇڭ: ئىشلار دەل شۇنداق ئىدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 016 020 ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، 026 EZE 016 021 سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ 026 EZE 016 022 سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. 026 EZE 016 023 ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن ــ (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار) 026 EZE 016 024 سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر پەشتاق قۇرۇپ، ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ؛ 026 EZE 016 025 سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. 026 EZE 016 026 سەن ئىشقۋاز ئەرلىكى چوڭ قوشناڭ بولغان مىسىرلىقلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۈڭ؛ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قوزغاپ، پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. 026 EZE 016 027 ۋە مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازايتىپ قويدۇم. مەن سېنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۇزۇق يولۇڭدىن نومۇس قىلىپ چۆچىگەنلەرنىڭ، يەنى فىلىستىيلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. 026 EZE 016 028 سەن يەنە قانماي يەنە ئاسۇرىيلىكلەر بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۇڭ؛ بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. 026 EZE 016 029 شۇڭا سەن سودىگەرنىڭ زېمىنى، يەنى كالدىيە بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتىپ، بۇنىڭدىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. 026 EZE 016 030 مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، 026 EZE 016 031 ئۆزۈڭنىڭ پەشتىقىڭنى ھەر كوچىنىڭ بېشىدا قۇرىدىغان، ھەربىر مەيداندا «يۇقىرى جاي»ىڭنى ياسايدىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن پاھىشە ئايالدەك ئەمەس ئىدىڭ، چۈنكى سەن ھەقنى نەزىرىڭگە ئالمايتتىڭ! 026 EZE 016 032 ئى ۋاپاسىز ئايال، ئېرىنىڭ ئورنىدا يات ئادەملەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان! 026 EZE 016 033 خەقلەر پاھىشە ئايالغا ھەمىشە ھەق بېرىدۇ؛ بىراق سەن ئاشنىلىرىڭنى بۇزۇقلۇق مۇھەببەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ھەرياندىن يېنىڭغا كەلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستەك بېرىپ ئىنئام قىلىسەن؛ 026 EZE 016 034 بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن! 026 EZE 016 035 شۇڭا، ئى پاھىشە ئايال، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! 026 EZE 016 036 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ 026 EZE 016 037 شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن ــ مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. 026 EZE 016 038 شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛ 026 EZE 016 039 ۋە مەن سېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ پەشتاقلىرىڭنى غۇلىتىدۇ، سېنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىڭنى چېقىپ تاشلايدۇ؛ ئۇلار كىيىم-كېچىكىڭنى ئۈستۈڭدىن سالدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلاپ-تالاپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. 026 EZE 016 040 ئۇلار ساڭا قارشى بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ ئېپكېلىدۇ، ئۇلار سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ ھەم سېنى قىلىچلىرى بىلەن چېپىۋېتىدۇ. 026 EZE 016 041 ئۇلار ئۆيلىرىڭنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىدۇ، كۆپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستۈڭگە جازالارنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى پاھىشە ئايال بولۇشتىن قالدۇرىمەن؛ سەن يەنە ھېچقانداق «مۇھەببەت ھەققى»نى بەرمەيسەن. 026 EZE 016 042 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا قاراتقان قەھرىمنى توختىتىمەن، مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ سەندىن كېتىدۇ؛ مەن تىنچلىنىپ قايتا ئاچچىقلانمايمەن. 026 EZE 016 043 سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن. 026 EZE 016 044 مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ. 026 EZE 016 045 سەن ئۆز ئېرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاناڭنىڭ قىزىدۇرسەن؛ ھەم ئۆز ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئارىلىقىدىكىسەن؛ سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى. 026 EZE 016 046 سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى. 026 EZE 016 047 سەن نە ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدا ماڭمىغان، نە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلمىغانسەن؛ ياق! بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ. 026 EZE 016 048 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى؛ 026 EZE 016 049 مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى. 026 EZE 016 050 ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى؛ مەن بۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى يوقاتتىم. 026 EZE 016 051 سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى؛ ھالبۇكى، سەن بولساڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئاۋۇتۇپ قىلدىڭ؛ شۇنداق قىلىپ سەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاچا-سىڭلىڭنى خۇددى ھەققانىيدەك كۆرۈندۈرگەنىدىڭ. 026 EZE 016 052 سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛ ئەمدى سەنمۇ، ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! سېنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ نەپرەتلىك گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلار سەندىن ھەققانىي كۆرۈنىدۇ؛ شۇڭا سەنمۇ ئاچا-سىڭلىڭنى ھەققانىي كۆرسەتكىنىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قېلىپ شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! 026 EZE 016 053 ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ 026 EZE 016 054 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە، سەن ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرىسەن، سېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قالىسەن. 026 EZE 016 055 سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، سودوم ھەم قىزلىرى ئەسلى ھالىغا، سامارىيە ھەم قىزلىرىمۇ ئەسلى ھالىغا كېلىدۇ؛ سەنمۇ ۋە سېنىڭ قىزلىرىڭ ئەسلىي ھالىڭلارغا كېلىسىلەر. 026 EZE 016 056 سېنىڭ رەزىللىكىڭ پاش قىلىنماي، تەكەببۇرلۇقتا يۈرگەن كۈنۈڭدە، سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى ھازىر سەن ئۆزۈڭ سۇرىيە قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمدە فىلىستىيە قىزلىرى، يەنى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالدىڭ. 026 EZE 016 058 سەن بۇزۇقلۇقۇڭ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 026 EZE 016 059 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ 026 EZE 016 060 ھالبۇكى، مەن سېنىڭ بىلەن ياشلىق كۈنلىرىڭدە تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن، ھەم سەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن. 026 EZE 016 061 شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئاچىلىرىڭ ھەمدە سېنىڭدىن كىچىك سىڭىللىرىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭدا، سەن يوللىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجالەتكە قالىسەن؛ چۈنكى مۇشۇ [ئاچا-سىڭىللىرىڭنى] ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ. 026 EZE 016 062 مەن ئۆز ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن؛ 026 EZE 016 063 شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 017 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 017 002 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 017 003 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛ 026 EZE 017 004 ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى. 026 EZE 017 005 ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى. 026 EZE 017 006 ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى [بۈركۈت] تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى. 026 EZE 017 007 ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛ 026 EZE 017 008 مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى». 026 EZE 017 009 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن [بۈركۈت] يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ. 026 EZE 017 010 ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ». 026 EZE 017 011 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 017 012 «ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. 026 EZE 017 013 شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛ 026 EZE 017 014 مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. 026 EZE 017 015 بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟ 026 EZE 017 016 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ. 026 EZE 017 017 بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن [سېپىلغا] چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. 026 EZE 017 018 ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». 026 EZE 017 019 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن. 026 EZE 017 020 مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 026 EZE 017 021 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر». 026 EZE 017 022 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛ 026 EZE 017 023 ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛ 026 EZE 017 024 شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن». 026 EZE 018 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 018 002 «ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق سىلەر: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر زادى نېمە دېمەكچىسىلەر؟ 026 EZE 018 003 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، سىلەر ئىسرائىل ئىچىدە مۇشۇ ماقالنى قايتىدىن ئىشلەتمەيسىلەر. 026 EZE 018 004 مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ. 026 EZE 018 005 بىرسى ھەققانىي بولسا، ئادىللىق ۋە ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، 026 EZE 018 006 ــ ئۇ نە تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، نە ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، نە قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ھېچ بۇزمىغان، نە ئاي كۆرگەندە ئايالغا يېقىن كەلمىگەن 026 EZE 018 007 نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛ 026 EZE 018 008 پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛ 026 EZE 018 009 مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈملىرىمنى تۇتىدىغان بولسا ــ مانا مۇشۇ كىشى ھەققانىي، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 018 010 ئەگەردە ئۆز پۇشتى بولغان، زوراۋانلىق قىلغۇچى، قان تۆككۈچى بولغان، شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا، ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزغان، 026 EZE 018 012 ئاجىز-نامراتلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، بۇلاڭچىلىق قىلغان، قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرمىغان، بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىگەن، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان، 026 EZE 018 013 پۇلنى ئۆسۈمگە بەرگەن، جازانە ئالغان بىر ئوغلى بولسا ــ ئەمدى ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇ ھايات قالمايدۇ؛ ئۇ مۇشۇنداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن ئۆلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە چۈشىدۇ. 026 EZE 018 014 بىراق مانا، مۇشۇ كىشىمۇ بىر ئوغۇل تاپسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەم كۆرگىنى بىلەن شۇنداق قىلمىسا 026 EZE 018 015 ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزمىغان، 026 EZE 018 016 ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن، 026 EZE 018 017 ئۆز قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىدىغان، پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمىگەن، ئۆسۈم-جازانە ئالمىغان، بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان بولسا ــ ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلمەيدۇ، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ. 026 EZE 018 018 ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا، زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، ئۆز قېرىندىشىغا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ناتوغرا ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، مانا ئۇ ئۆز قەبىھلىكى ئىچىدە ئۆلىدۇ. 026 EZE 018 019 سىلەر: «نېمىشقا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؟» دەپ سورايسىلەر؛ بىراق ئوغۇل ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزگەن، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغان؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ؛ 026 EZE 018 020 گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ 026 EZE 018 021 ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. 026 EZE 018 022 ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ. 026 EZE 018 023 مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 018 024 ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ. 026 EZE 018 025 ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 018 026 ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ. 026 EZE 018 027 ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ. 026 EZE 018 028 چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. 026 EZE 018 029 لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 018 030 شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ. 026 EZE 018 031 ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ 026 EZE 018 032 چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!». 026 EZE 019 001 ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ 026 EZE 019 002 «شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى! ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى. 026 EZE 019 003 ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛ ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. 026 EZE 019 004 ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ، مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى. 026 EZE 019 005 چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى، ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ، ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛ 026 EZE 019 006 ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛ ئۇ ياش شىر بولۇپ، ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. 026 EZE 019 007 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 026 EZE 019 008 ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى. 026 EZE 019 009 ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛ ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛ ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. 026 EZE 019 010 سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛ ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛ سۇلارنىڭ موللۇقىدىن، ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى. 026 EZE 019 011 ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى، ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛ ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى، ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛ 026 EZE 019 012 بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى، ئۇ يەرگە تاشلاندى، شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛ ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛ ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى. 026 EZE 019 013 ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا، چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛ 026 EZE 019 014 ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى. بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ». 026 EZE 020 001 يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. 026 EZE 020 002 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 020 003 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مەندىن سورىغىلى كەلدىڭلار؟ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مەن سىلەرنىڭ مەندىن سورىشىڭلارغا يولغا قويمايمەن. 026 EZE 020 004 ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن، ئى ئادەم بالىسى، ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 020 005 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئىسرائىلنى تاللىغان كۈنىدە، ياقۇپ جەمەتىنىڭ نەسلىگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلغىنىمدا، يەنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۇلارغا: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگىنىمدە 026 EZE 020 006 ــ شۇ كۈنى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدەپ تاپقان سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىن ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلدىم؛ 026 EZE 020 007 مەن ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايڭلاردۇرمەن» ــ دېدىم. 026 EZE 020 008 لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايتتى؛ ھېچقايسىسى نە ئۆز كۆزى ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، نە مىسىرنىڭ بۇتلىرىدىن ھېچ ئايرىلمىدى. ئاندىن مەن قەھرىمنى مىسىر زېمىنى ئىچىدە ئۇلارغا تۆكۈپ، ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى باسىمەن، دېدىم ــ 026 EZE 020 009 ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛ 026 EZE 020 010 شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن [تولۇق] چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم. 026 EZE 020 011 ۋە مەن بەلگىلىمىلىرىمنى بېرىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىمنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ــ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 026 EZE 020 012 ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بېشارەت بولسۇن دەپ، مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم؛ 026 EZE 020 013 لېكىن ئىسرائىل جەمەتى چۆل-باياۋاندا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىدى، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چەتكە قاقتى (ئەگەر ئادەملەر بۇ ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ۋە مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى قاتتىق بۇلغىدى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۆل-باياۋاندا ئۇلار ھالاك قىلىنغۇچە قەھرىمنى تۆكىمەن دېدىم ــ 026 EZE 020 014 ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. 026 EZE 020 015 مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم 026 EZE 020 016 (چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇتلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە ماڭمىغان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان)؛ ــ 026 EZE 020 017 ھالبۇكى، كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلمىدىم ياكى ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا تۈگەشتۈرمىدىم. 026 EZE 020 018 مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. 026 EZE 020 019 مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ 026 EZE 020 020 مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلاڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ۋە سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى بىر بېشارەتتۇر. 026 EZE 020 021 لېكىن بالىلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ ئۇلار نە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىغان نە مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتمىغان (بىرسى ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلار بىلەن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغىغان؛ شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن، دېدىم؛ 026 EZE 020 022 لېكىن جازادىن قولۇمنى تارتىپ، نامىمنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانمىسۇن دەپ ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. 026 EZE 020 023 چۆل-باياۋاندا مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن دەپ قەسەم قىلىمەن، دېدىم؛ 026 EZE 020 024 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئادا قىلمىغان، بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان؛ ئۇلار كۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلىرىغا تىكمەكتە ئىدى؛ 026 EZE 020 025 شۇڭا مەن ئۇلارغا ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى، ئۇلارنى ھاياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ھۆكۈملەرنى بېغىشلىدىم؛ 026 EZE 020 026 ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈپ، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆز ھەدىيەلىرى ئارقىلىق بۇلغىدىم، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە بارلىق تۇنجى بالىلىرىنى ئاتاپ قوياتتى. 026 EZE 020 027 شۇڭا، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار شۇ ئىشتىمۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغانكى، ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان؛ 026 EZE 020 028 ئۇلار مەن ئۆز قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان يەرگە كىرگەندە، ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى؛ ئۇلار شۇ يەردىمۇ «خۇشپۇراق ھەدىيە»لىرىنى پۇرىتىپ، «شاراب ھەدىيە»لىرىنى تۆكەتتى؛ 026 EZE 020 029 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن: «سىلەر چىقىدىغان بۇ يۇقىرى جاي دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر. 026 EZE 020 030 شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدا ئۆزلىرىڭلارنىمۇ بۇلغىماقچىمۇسىلەر؟ ئۇلارنىڭ نەپرەتلىك قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلماقچىمۇسىلەر؟ 026 EZE 020 031 ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن! 026 EZE 020 032 شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ! 026 EZE 020 033 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرغان قەھرىم بىلەن ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. 026 EZE 020 034 مەن كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرۇلغان قەھر بىلەن سىلەرنى ئەللەردىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن، تارقىتىلغان مەملىكەتلەردىن سىلەرنى يىغىمەن؛ 026 EZE 020 035 سىلەرنى ئەللەرگە تەۋە بولغان چۆل-باياۋانغا كىرگۈزۈپ، شۇ يەردە ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ 026 EZE 020 036 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 020 037 مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن. 026 EZE 020 038 مەن ئاراڭلاردىن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاسىيلارنى شاللاپ چىقىرىمەن؛ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چىقىرىمەن، بىراق ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىغا كىرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 020 039 ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، رەب پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالمايمىز دېسەڭلار، بېرىۋېرىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنىۋېرىڭلار! بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر! 026 EZE 020 040 چۈنكى مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغدا، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بارلىق ئىسرائىل جەمەتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زېمىندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇ يەردە مەن سىلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىڭلارنى، تۇنجى ھوسۇل بولغان كۆكتات-مېۋىلىرىڭلارنى، شۇنداقلا بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىپ بېغىشلىغان نەسرىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. 026 EZE 020 041 مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن چىقىرىپ، مەملىكەتلەردىن ئېلىپ يىغقىنىمدا، ئېسىل خۇشبۇيدەك سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراڭلاردا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن. 026 EZE 020 042 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئىسرائىل زېمىنىغا سىلەرنى كىرگۈزگىنىمدە، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 026 EZE 020 043 سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. 026 EZE 020 044 مەن رەزىل يوللىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، ياكى بۇزۇق قىلمىشلىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز نامىم ئۈچۈن سىلەرگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 020 045 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 020 046 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى تېمان شەھىرىگە قارىتىپ، جەنۇبتىكىلەرنى ئەيىبلەپ، نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت بېرىپ، ــ 026 EZE 020 047 يەنى نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا بىر ئوت ياقىمەن؛ ئۇ سەندىكى ھەممە يېشىل دەرەخنى ھەمدە ھەممە قاقشال دەرەخنى يەۋېتىدۇ؛ يالقۇنلۇق ئوت ھېچ ئۆچمەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ؛ 026 EZE 020 048 بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!». 026 EZE 020 049 ۋە مەن: ــ ئاھ، پەرۋەردىگار! ئۇلار مەن توغرۇلۇق: «ئۇ پەقەت تەمسىللەرنىلا سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ! ــ دېدىم. 026 EZE 021 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 021 002 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ، 026 EZE 021 003 يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. 026 EZE 021 004 مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛ 026 EZE 021 005 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ. 026 EZE 021 006 ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل. 026 EZE 021 007 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن. 026 EZE 021 008 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 021 009 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان! 026 EZE 021 010 ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟ 026 EZE 021 011 ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛ قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان، قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر! 026 EZE 021 012 نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى، چۈنكى [قىلىچ] مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛ ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛ شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن! 026 EZE 021 013 چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 021 014 ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر! 026 EZE 021 015 ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛ 026 EZE 021 016 ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ! 026 EZE 021 017 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. 026 EZE 021 018 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 021 019 سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ [يېرۇسالېم] شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛ 026 EZE 021 020 يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ 026 EZE 021 021 چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ. 026 EZE 021 022 ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى [مۇھاسىرىگە ئېلىشنى] كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ 026 EZE 021 023 گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ. 026 EZE 021 024 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر. 026 EZE 021 025 ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ! 026 EZE 021 026 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛ 026 EZE 021 027 ئۇنىڭ [تەختىنى] ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن. 026 EZE 021 028 ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن! 026 EZE 021 029 چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ! 026 EZE 021 030 بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال! مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 026 EZE 021 031 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ، غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛ مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ 026 EZE 021 032 سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛ سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛ سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 026 EZE 022 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 022 002 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، قانلىق شەھەر ئۈستىگە ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ئەمدى ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 022 003 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز جازا كۈنىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە قان تۆككۈچى شەھەر، ئۆزىنى بۇلغاش ئۈچۈن ئۆزىگە مەبۇدلارنى ياسىغان شەھەر ــ 026 EZE 022 004 سەن تۆككەن قان تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولدۇڭ، ياسىغان مەبۇدلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ؛ سەن ئۆز جازا كۈنلىرىڭنى يېقىنلاشتۇردۇڭ، يىللىرىڭنى توشتۇردۇڭ؛ شۇڭا مەن سېنى ئەللەرگە رەسۋا، بارلىق مەملىكەتلەرگە مازاقنىڭ ئوبيېكتى قىلدىم. 026 EZE 022 005 ساڭا يېقىندىكىلەر ھەمدە سەندىن يىراقتىكىلەر سېنى مازاق قىلىدۇ، ئى قىيا-چىياغا تولغان بەتناملىق شەھەر! 026 EZE 022 006 ئىسرائىلنىڭ شاھزادىلىرى، ھەر بىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىچىڭدە قانداق قان تۆككەنلىكىگە قارا! 026 EZE 022 007 سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان؛ ئاراڭلاردا مۇساپىرلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق قىلغان، يېتىم-يېسىرلەر ھەم تۇل خوتۇنلارغا ئۇۋال قىلغان؛ 026 EZE 022 008 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى سەن كەمسىتكەن، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغاپ بۇزغانسەن؛ 026 EZE 022 009 سېنىڭ ئىچىڭدە قانغا تەشنا تۆھمەتخور ئادەملەر بولغان؛ ئۇلار تاغلار ئۈستىدە بۇتپەرەسلىك ئېشىنى يېگەن؛ سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار بۇزۇقلۇق پەسەندىلىك قىلغان؛ 026 EZE 022 010 سەندە ئۆز ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر بار؛ ئاي كۆرگەن قىز-ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلارمۇ بار. 026 EZE 022 011 بىرسى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن يىرگىنچلىك بۇزۇقلۇق قىلغان؛ يەنە بىرسى ئۆز كېلىنىنى بۇزۇپ شەھۋانىيەت قىلغان؛ سەندە بولغان يەنە بىرسى ئۆز سىڭلىسىغا، يەنە ئاتىسىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. 026 EZE 022 012 ئۇلار قان تۆكۈش ئۈچۈن ئاراڭدا «سوۋغاتلار»نى قوبۇل قىلغان؛ سەن ئۆسۈم-جازانە ئالغان؛ سەن ئۆز قوشنىلىرىڭدىن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىپ، مېنى ئۇنتۇغانسەن ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 022 013 ۋە مانا، مەن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىشىڭغا ۋە سەن ئۆز ئاراڭدا تۆككەن قانلارغا قاراپ قولۇمنى-قولۇمغا ئۇردۇم! 026 EZE 022 014 مەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈنلەردىمۇ يۈرىكىڭ يەنىلا توق، قوللىرىڭ چىڭ تۇرىۋېرەمدۇ؟ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، ئۆزۈم ئۇنى ئادا قىلىمەن. 026 EZE 022 015 مەن سېنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن، ئوتتۇراڭدا بولغان پەسەندىلىكىڭگە خاتىمە بېرىمەن. 026 EZE 022 016 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئارقىلىق ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغىنىسەن، ئاندىن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. 026 EZE 022 017 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 022 018 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ماڭا خۇددى داشقال بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇمداندا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇنلاردۇر؛ ئۇلار كۈمۈشنىڭ پوقى بولۇپ چىقتى. 026 EZE 022 019 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەممىڭلار داشقال بولۇپ چىققاچقا، مانا ئەمدى مەن سىلەرنى يېرۇسالېم ئوتتۇرىسىغا يىغىمەن؛ 026 EZE 022 020 كىشىلەر ئۈستىگە ئوت پۈۋلەپ، ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەينى خۇمدان ئىچىگە يىغقاندەك، مەن غەزىپىم ۋە قەھرىم بىلەن سىلەرنى يىغىپ [شەھەر] ئىچىگە سېلىپ سىلەرنى ئېرىتىمەن. 026 EZE 022 021 شۇنداق، مەن سىلەرنى يىغىپ، غەزىپىمنىڭ ئوتىنى ئۈستۈڭلەرگە پۈۋلەيمەن، سىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرىپ كېتىسىلەر؛ 026 EZE 022 022 كۈمۈش خۇمداندا ئېرىتىلگەندەك، سىلەر شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئېرىتىلىسىلەر؛ ۋە سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قەھرىمنى ئۈستۈڭلەرگە تۆككەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 022 023 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 022 024 ئى ئىنسان ئوغلى، شەھەرگە مۇنداق دېگىن: ــ غەزەپ چۈشكەن كۈندە سەن پاكلاندۇرۇلمىغان، يامغۇر چۈشمىگەن بىر زېمىنسەن. 026 EZE 022 025 ئۆز ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان، ھۆركىرەيدىغان شىردەك ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇنىڭدا سۇيىقەست ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار جانلارنى يەۋېتىدۇ؛ خەزىنىلەرنى، قىممەتلىك نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇل خوتۇنلارنى كۆپەيتمەكتە. 026 EZE 022 026 ئۇنىڭ كاھىنلىرى تەۋرات-قانۇنۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىغان؛ ئۇلار پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىي نەرسىلەرنى پەرق قىلمايدۇ؛ ئۇلار «شابات كۈن»لىرىمگە كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ماڭا بەتنام چاپلىنىدۇ. 026 EZE 022 027 ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ. 026 EZE 022 028 ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنىڭ [قىلمىشلىرىنى] «ھاك سۇۋاق» بىلەن ئاقارتقان، «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەپ ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېلىپ، پال سېلىپ يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا سۆز قىلغان ئەمەس. 026 EZE 022 029 زېمىندىكى ئاددىي پۇقرالارمۇ جەبىر-زۇلۇم قىلىشىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاجىز-نامراتلارنى بوزەك قىلىپ، مۇساپىرلارغا زۇلۇم سېلىپ ئۇۋال قىلىدۇ. 026 EZE 022 030 مەن ئۇلار ئارىسىدىن تامنى قايتىدىن ياسىتىپ بېرىدىغان، مېنى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىشىمدىن ياندۇرىدىغان، ئۇنىڭ يېرىقىنى ئەتكۈدەك، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدىغان ئارىچى بىر ئەزىمەتنى ئىزدەپ كەلدىم؛ بىراق ھېچبىرنى تاپالمىدىم. 026 EZE 022 031 شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۈستىگە تۆكىمەن؛ غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 023 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 023 002 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئايال بار ئىكەن؛ 026 EZE 023 003 ئۇلار مىسىر زېمىنىدە پاھىشىلىك قىلغان؛ ئۇلار ياشلىقتا پاھىشىلىك قىلغان؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆكسىلىرى مىجىقلىنىپ، قىزلىق ئەمچەك توپچىلىرى سىلانغان. 026 EZE 023 004 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلارنى تۇغقان. سامارىيە بولسا ئوھولاھ، يېرۇسالېم ئوھولىباھدۇر. 026 EZE 023 005 ئوھولاھ مېنىڭكى بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بۇزۇقلۇق قىلغان ــ ئۇ ئاشىقلىرىغا، يەنى قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولغان؛ 026 EZE 023 006 كۆك كىيىم كىيگەن، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار ئىدى. 026 EZE 023 007 ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى؛ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بارلىق قوزغاتقانلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مەبۇدلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى بۇلغىغان. 026 EZE 023 008 ئۇ يەنىلا مىسىردا بولغان پاھىشىلىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئاشۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، قىزلىق كۆكسىلىرىنى سىلاپ، ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتى. 026 EZE 023 009 شۇڭا مەن ئۇنى ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ، يەنى ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغاتقان ئاسۇرىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ 026 EZE 023 010 ئۇلار ئۇنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇ ئاياللار ئارىسىدا [يامان] ئاتاققا قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ جازالاندى. 026 EZE 023 011 ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىباھ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدە ھەدىسىدىن تېخىمۇ بۇزۇق، پاھىشىلىكلىرى ھەدىسىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى. 026 EZE 023 012 ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى. 026 EZE 023 013 مەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم؛ ئۇلار ئىككىلىسى بىر يوللۇق ئىدى. 026 EZE 023 014 ئۇ ئۇنىڭ پاھىشىلىكلىرىنى ئاشۇردى؛ چۈنكى ئۇ تامدا پەرەڭ بىلەن سۈرەتلەنگەن ئادەملەرنى، يەنى كالدىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى؛ 026 EZE 023 015 ئۇلارنىڭ بەللىرى پوتىلار بىلەن ئورالغان، بېشىغا قۇيرۇقلۇق سەللىلەر كىيىلگەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەشكەر بېشىدەك، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى كالدىيەدىكى بابىللىقلارنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. 026 EZE 023 016 ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. 026 EZE 023 017 شۇنىڭ بىلەن بابىللىقلار ئۇنىڭغا، يەنى ئۇنىڭ ئاشنىلىق ئورۇن-كۆرپىلىرىگە يېقىن كېلىپ، ئۇنى ئۆز زىنالىرى بىلەن بۇلغىغان؛ ئۇ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىزار بولدى. 026 EZE 023 018 ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئوچۇق قىلىپ، نومۇسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن، جېنىم ھەدىسىدىن يىرگەنگەندەك ئۇنىڭدىنمۇ يىرگەندى. 026 EZE 023 019 بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىنى، يەنى مىسىر زېمىنىدا بۇزۇقلۇق پاھىشىلىك قىلغان كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. 026 EZE 023 020 ئۇنىڭ ئەرلىكى ئېشەك مەدەكلىرىدەك، مەنىيسى ئاتلارنىڭكىدەك بولغان بابىلنىڭ پاھىشىۋاز ئەركەكلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىرى قوزغالدى. 026 EZE 023 021 سەن ياشلىقىڭدىكى بۇزۇقلۇقلىرىڭغا، يەنى ياشلىقىڭدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەمچەكلىرىڭنى سىلىغىنىغا يەنە تەشنا بولۇپ تەلمۈردۇڭ. 026 EZE 023 022 شۇڭا، ئى ئوھولىباھ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مانا، مەن جېنىڭ ھازىر بىزار بولغان ئاشنىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارشى قوزغىتىمەن، ئۇلارنى سەن بىلەن قارشىلىشىشقا ھەممە تەرىپىڭدىن ئېلىپ كېلىمەن؛ 026 EZE 023 023 بابىللىقلار، بارلىق كالدىيلەر، پېكودلار، شوئالار، كوئاللار ھەمدە ئاسۇرىيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قوزغايمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ئۇلۇغ بەگلەر ۋە جانابلار، ھەممىسى ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلاردۇر؛ 026 EZE 023 024 ئۇلار قورال-ياراقلار، جەڭ ھارۋىلىرى، يۈك ھارۋىلىرى ھەم زور بىر توپ خەلقلەر بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرىپىڭدە سىپار-قالقانلار ۋە دۇبۇلغالارنى كىيىپ ساڭا قارشى سەپراس بولىدۇ؛ بېشىڭغا چۈشىدىغان تېگىشلىك جازانى ئۇلارغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە جازالايدۇ. 026 EZE 023 025 مەن مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپنى ساڭا قارىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھر بىلەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار سېنىڭ بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋېتىدۇ؛ سەندىن ئاخىرقى قالغانلار قىلىچلىنىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ، سەندىن يەنىلا قالغانلار ئوتتا يۇتۇۋېتىلىدۇ. 026 EZE 023 026 ئۇلار سەندىن كىيىم-كېچەكلىرىڭنى ئېلىۋېلىپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. 026 EZE 023 027 شۇنىڭ بىلەن مەن سەندە مىسىر زېمىنىدا باشلانغان بۇزۇقلۇقلىرىڭنى ۋە پاھىشىلىكلىرىڭنى توختىتىمەن؛ سەن بۇ ئىشلارغا يەنە تەلمۈرمەيسەن، مىسىرنى قايتا ئەسلىمەيسەن. 026 EZE 023 028 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭ نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قولىغا، يەنى جېنىڭ يىرگەنگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ 026 EZE 023 029 ئۇلار سېنى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ئەجىرلىرىڭنى ئېلىپ كېتىپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرۇپ، پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. سەن ئەللەر بىلەن پاھىشىلىك قىلغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭ بۇلارنى بېشىڭغا چۈشۈردى. 026 EZE 023 031 ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم. 026 EZE 023 032 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛ 026 EZE 023 033 سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛ 026 EZE 023 034 سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 023 035 شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن. 026 EZE 023 036 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئەمدى ئۇلارغا ئۆز يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ كۆرسەتكىن. 026 EZE 023 037 چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى. 026 EZE 023 038 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان. 026 EZE 023 039 چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان. 026 EZE 023 040 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنى يىراقتىن چاقىردى، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتتى؛ مانا، ئۇلار كەلدى؛ سەن ئۇلارنى دەپ يۇيۇنۇپ، كۆز-قاشلىرىڭغا ئوسما قويۇپ، ئۆزۈڭنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىڭ؛ 026 EZE 023 041 ھەشەمەتلىك بىر دىۋاندا ئولتۇردۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈستىگە مېنىڭ خۇشبۇيۇم ھەم زەيتۇن مېيىم قويۇلغان داستىخاننى قويدۇڭ؛ 026 EZE 023 042 غەمسىز يۈرگەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭدا ئاڭلاندى؛ چۈپرەندە ئادەملەر بىلەن بىللە چۆل-باياۋاندىن سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇلار [ھەدە-سىڭىلنىڭ] قوللىرىغا بىلەزۈكلەر، بېشىغا چىرايلىق تاجلارنى سالدى. 026 EZE 023 043 ئەمدى مەن زىنا-بۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇپراپ قېرىغان پاھىشە توغرۇلۇق: «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن [پاھىشە]» ــ دېدىم. 026 EZE 023 044 ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاھىشە ئايالغا يېقىنلاشقاندەك ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ بىللە ياتتى؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ بۇ ئىككى بۇزۇق ئايالغا يېقىنلىشىپ بىللە ياتتى. 026 EZE 023 045 بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ۋە قان تۆككۈچى ئاياللارنى جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار زىناخور ئاياللار، ئۇلارنىڭ قوللىرى قاندۇر. 026 EZE 023 046 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىر توپ ئادەملەرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىپ ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلارنى ھەريانغا ھەيدىۋېتىشكە ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا تاپشۇرىمەن. 026 EZE 023 047 بۇ توپ كىشىلەر ئۇلارنى تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ، قىلىچلىرى بىلەن چېپىپ سويىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆيلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 026 EZE 023 048 شۇنىڭ بىلەن مەن زېمىندە بۇزۇقلۇققا خاتىمە بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاياللار سىلەردىن ساۋاق ئېلىپ سىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭنى دورىمايدۇ. 026 EZE 023 049 ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 024 001 توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 024 002 ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ كۈننى، دەل مۇشۇ كۈننىڭ چىسلاسىنى يېزىۋالغىن؛ چۈنكى دەل مۇشۇ كۈندە بابىلنىڭ پادىشاھى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 026 EZE 024 003 ئاسىي جەمەتنىڭ ئالدىغا بىر تەمسىلنى قويۇپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قازاننى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار، ئوت ئۈستىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭغا سۇ قويۇڭلار؛ 026 EZE 024 004 گۆش پارچىلىرى، ھەربىر ئېسىل گۆش پارچىلىرىنى، پۇت ۋە قولىنى ئۇنىڭغا يىغىپ سېلىڭلار؛ ئېسىل ئۇستىخانلارنىمۇ قوشۇڭلار؛ 026 EZE 024 005 قوي پادىسىدىن ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىڭلار؛ ئۇستىخانلارنى پىشۇرۇشقا ئۇنىڭ ئاستىغا ئوتۇن توپلاپ قويۇڭلار؛ ئۇنى قاتتىق قاينىتىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئۇستىخانلار ئوبدان قاينىسۇن. 026 EZE 024 006 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي! ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال؛ ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن! 026 EZE 024 007 چۈنكى ئۇ تۆككەن قان ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى. 026 EZE 024 008 قەھرىمنى قوزغاش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تۆككەن قاننىڭ يېپىلماسلىقى ئۈچۈن تاقىر تاش ئۈستىگە قالدۇردۇم. 026 EZE 024 009 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! مەنمۇ ئۇنىڭ ئوتۇن دۆۋىسىنى يوغان قىلىمەن! 026 EZE 024 010 ئوتۇننى دۆۋىلەڭلار، ئوتنى يىقىپ چۇخچۇلاڭلار، گۆش ئوبدان پىشسۇن، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇڭلار، ئۇستىخانلار كۆيۈپ كەتسۇن! 026 EZE 024 011 ئاندىن قازاننى قىزىتىپ، ئۇنىڭدىكى مىسنى قىپقىزىل قىلىڭلار، ئىچىدىكى داغ-كىرلار ئېرىتىلىپ، ئۇنىڭ دېتى چىقىرىۋېتىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇرۇق پېتى چوغلار ئۈستىگە قويۇڭلار! 026 EZE 024 012 ئۇنىڭ قىلغان ئاۋارىچىلىكلىرى مېنى ئۇپراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ قېلىن دېتى ئۇنىڭدىن كەتمىدى؛ شۇڭا ئۇنىڭ دېتى ئوتتا تۇرىۋەرسۇن! 026 EZE 024 013 سېنىڭ پاسكىنىچىلىكىڭدە بۇزۇق پاھىشىلىك باردۇر؛ مەن سېنى پاكىزلىماقچى بولدۇم، لېكىن سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايمەن دېدىڭ؛ ئەمدى قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ توختاتمىغۇچە سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايسەن. 026 EZE 024 014 مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم؛ ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، مەن ئۇنى ئادا قىلىمەن؛ مەن نە بۇنىڭدىن يانمايمەن، نە ھېچ ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، نە ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ ئۇلار سېنىڭ يوللىرىڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 024 015 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 024 016 «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنىڭ سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقۇڭنى بىر ئۇرۇش بىلەن سەندىن ئېلىپ كېتىمەن؛ بىراق سەن ھېچ ماتەم تۇتما، ھېچ يىغلىما، ھېچ كۆز يېشى قىلما؛ 026 EZE 024 017 سۈكۈت ئىچىدە ئۇھ-زار تارتىسەن؛ ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھېچ ھازا تۇتما؛ سەللەڭنى بېشىڭغا ئوراپ، كەشلىرىڭنى پۇتۇڭغا باغلىغىن؛ يۈزۈڭنىڭ تۆۋىنىنى يېپىۋەتمە، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمە». 026 EZE 024 018 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىگەندە خەلقكە سۆز قىلدىم؛ كەچقۇرۇندا ئايالىم ئۆلدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. 026 EZE 024 019 ئەمدى خالايىق ماڭا: «سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نېمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى دېمەمسەن؟» دېدى. 026 EZE 024 020 مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 024 021 ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ. 026 EZE 024 022 شۇ تاپتا سىلەر مەن [ئەزاكىيال] ھازىر قىلغىنىمدەك قىلىسىلەر؛ سىلەر يۈزۈڭلارنىڭ تۆۋىنىنى ياپمايسىلەر، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمەيسىلەر؛ 026 EZE 024 023 سەللەڭلار بېشىڭلاردا، كەشىڭلار ئاياغلىرىڭدا بولىۋېرىدۇ؛ سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر. 026 EZE 024 024 شۇنداق قىلىپ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزى سىلەرگە بېشارەت بولىدۇ؛ ئۇ قانداق قىلغان بولسا، سىلەر شۇنداق قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 024 025 ــ ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن ئۇلاردىن كۈچ-ئىستىھكامىنى، ئۇلار پەخرىلەنگەن گۈزەك گۆھرىنى، سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقلىرىنى، جان-جېگىرى بولغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈنىدە، 026 EZE 024 026 ــ يەنى شۇ كۈنىدە، ساڭا بۇ خەۋەرنى قۇلىقىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاچقۇن يېنىڭغا كەلمەمدۇ؟ 026 EZE 024 027 شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 025 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 025 002 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ئاممونىيلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 025 003 ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، 026 EZE 025 004 ئەمدى مانا، مەن سېنى شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئاراڭدا بارگاھ قۇرۇپ، ئاراڭدا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلار مېۋىلىرىڭنى يەپ، سۈتۈڭنى ئىچىدۇ. 026 EZE 025 005 مەن رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئۈچۈن ئوتلاق، ئاممونىيلارنىڭ يېرىنى قوي پادىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 025 006 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئىسرائىل زېمىنىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، 026 EZE 025 007 ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ مەن سېنى خەلقلەر ئىچىدىن ئۈزىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يوقىتىمەن؛ مەن سېنى ھالاك قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. 026 EZE 025 008 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى موئاب ۋە سېئىرنىڭ: «يەھۇدا پەقەت بارلىق باشقا ئەللەر بىلەن ئوخشاش، خالاس» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 025 009 شۇڭا مانا، مەن موئابنىڭ يېنىنى ــ چېگراسىدىكى شەھەرلەرنى، زېمىنىنىڭ پەخرى بولغان بەيت-يەشىموت، بائال-مېئون ۋە كىرىئاتايىم شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېرىپ ئاچىمەن؛ 026 EZE 025 010 ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن بىللە شەرقتىكى ئەللەرگە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئاممونىيلارنىڭ يەنە ئەللەر ئارىسىدا ئەسلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ 026 EZE 025 011 ۋە موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 025 012 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئېدوم يەھۇدا جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىپ يامانلىق قىلىپ، شۇنىڭدەك ئېغىر گۇناھكار بولغىنى تۈپەيلىدىن، ئىنتىقام ئالغنىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 025 013 ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئېدومغا قولۇمنى سوزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زېمىنىدىن ئادەملەر ھەم ھايۋانلاردىن مەھرۇم قىلىمەن؛ مەن ئۇنى تېمان شەھىرىدىن تارتىپ ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇلار دېدان شەھىرىگىچە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ. 026 EZE 025 014 شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ؛ ئېدومىيلار مېنىڭ ئىنتىقامىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 025 015 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ فىلىستىيلەر ئىنتىقام نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كونا ئۆچمەنلىكى بىلەن يەھۇدانى يوقىتايلى دەپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ ئالغىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 025 016 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن فىلىستىيەنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزارتىمەن؛ مەن كەرەتىيلەرنى قىرىۋېتىمەن، دېڭىز بويىدىكىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. 026 EZE 025 017 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىنتىقام ئالغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 026 001 ئون بىرىنچى يىلى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 026 002 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 026 003 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى تۇر، مەن ساڭا قارشىمەن، دېڭىز دولقۇنلارنى قوزغىغاندەك، كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن قارشىلىشقا قوزغايمەن؛ 026 EZE 026 004 ئۇلار تۇرنىڭ سېپىللىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىپ يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇنى تاقىر تاش قىلىپ قويىمەن. 026 EZE 026 005 ئۇ پەقەت دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تورلار يېيىلىدىغان جاي بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ئۇ ئەللەر ئۈچۈن ئولجا بولۇپ قالىدۇ. 026 EZE 026 006 ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 026 007 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن تۇر بىلەن قارشىلىشىشقا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، يەنى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»نى، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئاتلىق چەۋەندازلار، قوشۇن ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن شىمال تەرىپىدىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن. 026 EZE 026 008 ئۇ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرىنى قىلىچ بىلەن سويىدۇ، ساڭا مۇھاسىرە پوتەيلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكنى ياسايدۇ، ساڭا قاراپ قالقانلىرىنى كۆتۈرىدۇ. 026 EZE 026 009 ئۇ سېپىللىرىڭغا بۆسكۈچى بازغانلارنى قارىتىپ تىكلەيدۇ، قورال-پالتىلىرى بىلەن مۇنارلىرىڭنى چېقىپ غۇلىتىدۇ. 026 EZE 026 010 ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن چاڭ-توپىسى سېنى قاپلايدۇ؛ سېپىللىرى بۆسۈلگەن بىر شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەندەك ئۇ سېنىڭ قوۋۇقلىرىڭدىن كىرگەندە، سېپىللىرىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ، چاقلارنىڭ ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ساداسى بىلەن تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 026 EZE 026 011 ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى بىلەن ئۇ بارلىق رەستە-كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ؛ ئۇ پۇقرالىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ، كۈچلۈك تۈۋرۈكلىرىڭ يەرگە يىقىلىدۇ. 026 EZE 026 012 ئۇلار بايلىقلىرىڭنى ئولجا، مال-تاۋارلىرىڭنى غەنىمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ غۇلىتىپ، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭنى خارابە قىلىدۇ؛ ئۇلار سېنىڭ تاشلىرىڭ، ياغاچ-لىملىرىڭ ۋە توپا-چاڭلىرىڭنى دېڭىز سۇلىرى ئىچىگە تاشلايدۇ. 026 EZE 026 013 مەن ناخشلىرىڭنىڭ ساداسىنى تۈگىتىمەن؛ چىلتارلىرىڭنىڭ ئاۋازى قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. 026 EZE 026 014 مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 026 015 رەب پەرۋەردىگار تۇرغا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن غۇلاپ كەتكىنىڭدە، يارىلانغانلار ئاھ-زارلىغىنىدا، ئوتتۇرۇڭدا قىرغىن-چاپقۇن قىلىنغاندا، دېڭىزنىڭ چەت ياقىلىرى تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ 026 EZE 026 016 دېڭىزدىكى شاھزادىلەر تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى بىرياققا تاشلاپ، كەشتىلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى قورقۇنچ-تىترەك بىلەن پۈركەيدۇ؛ ئۇلار يەرگە ئولتۇرۇپ، ھېچ توختاۋسىز تىترەپ، ساڭا قاراپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. 026 EZE 026 017 ئۇلار سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئاھالەڭ دېڭىزدىكىلەردىن بولغان، داڭقى چىققان، دېڭىز ئۈستىدىن كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەن، ئۆز ۋەھشەتلىرىڭنى بارلىق دېڭىزدا تۇرۇۋاتقانلارغا سالغان شەھەر! سەن ۋە سەندا تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر ھالاك بولغان! 026 EZE 026 018 ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىرغاقتىكىلەر سېنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىڭدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى». 026 EZE 026 019 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى ئادەمزاتسىز شەھەرلەردەك، خارابە شەھەر قىلغىنىمدا، مەن ئۈستۈڭگە دېڭىز چوڭقۇرلۇقلىرىنى چىقىرىپ سېنى چۆكۈرگىنىمدە، ئۇلۇغ سۇلار سېنى بېسىپ ياپقاندا، 026 EZE 026 020 شۇ تاپتا مەن سېنى ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە چۈشۈرىمەن، قەدىمكى زاماندىكىلەرنىڭ قاتارىغا چۈشۈرىمەن؛ سېنى يەرنىڭ تېگىلىرىدە تۇرغۇزىمەن؛ سېنىڭدە قايتىدىن ئادەمزات بولماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قەدىمكى خارابىلەر ئارىسىغا، ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە بولۇشقا چۈشۈرىمەن؛ بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن؛ 026 EZE 026 021 مەن سېنى باشقىلارغا بىر ئاگاھى-ۋەھشەت قىلىمەن؛ سەن قايتىدىن ھېچ بولمايسەن؛ ئۇلار سېنى ئىزدەيدۇ، بىراق سەن مەڭگۈگە تېپىلمايسەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 027 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 027 002 سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 027 003 ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ. 026 EZE 027 004 سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى. 026 EZE 027 005 ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛ 026 EZE 027 006 پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن. 026 EZE 027 007 يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛ 026 EZE 027 008 زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى. 026 EZE 027 009 گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى. 026 EZE 027 010 پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛ 026 EZE 027 011 ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛ 026 EZE 027 012 تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 013 جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن. 026 EZE 027 014 تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 015 دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛ 026 EZE 027 016 سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 017 يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 018 دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 019 ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى. 026 EZE 027 020 دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛ 026 EZE 027 021 ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن. 026 EZE 027 022 شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. 026 EZE 027 023 ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ 026 EZE 027 024 ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى. 026 EZE 027 025 تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛ 026 EZE 027 026 سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ 026 EZE 027 027 سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ. 026 EZE 027 028 يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ. 026 EZE 027 029 پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛ 026 EZE 027 030 ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ. 026 EZE 027 031 ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ. 026 EZE 027 032 ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ 026 EZE 027 033 مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن. 026 EZE 027 034 سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا، تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى. 026 EZE 027 035 بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان. 026 EZE 027 036 خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»». 026 EZE 028 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 028 002 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ. 026 EZE 028 003 مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛ ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ 026 EZE 028 004 دانالىقىڭ ۋە ئەقلىڭ بىلەن سەن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇڭ، ئالتۇن-كۈمۈشنى خەزىنىلىرىڭگە توپلاپ قويدۇڭ؛ 026 EZE 028 005 تىجارەتتە بولغان زور دانالىقىڭ بىلەن بايلىقلىرىڭنى ئاۋۇتتۇڭ؛ بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ: ــ 026 EZE 028 006 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن، 026 EZE 028 007 ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر، يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛ ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛ 026 EZE 028 008 ئۇلار سېنى ھاڭغا چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ قوينىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلىسەن. 026 EZE 028 009 ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن. 026 EZE 028 010 سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلغان»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 028 011 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 028 012 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇ مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان، دانالىققا تولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەنىدىڭ؛ 026 EZE 028 013 سەن ئېرەم باغچىسى، يەنى خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغانسەن؛ ھەربىر قىممەتلىك تاشلار، يەنى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە ئالماس، بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق، ئانارتاش، كۆك ياقۇت، زۇمرەت ۋە كۆك قاشتاش ساڭا يۆگەك بولغان؛ ياقۇت كۆزلىرىڭ ۋە نەققاشلىرىڭ ئالتۇن ئىچىگە ياسالغان؛ سەن يارىتىلغان كۈنۈڭدە ئۇلار تەييارلانغانىدى. 026 EZE 028 014 سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن، چۈنكى مەن سېنى شۇنداق بېكىتكەنىدىم؛ سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس تېغىدا بولغانسەن؛ سەن ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدا يۈرەتتىڭ؛ 026 EZE 028 015 سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ. 026 EZE 028 016 قىلغان سودىلىرىڭنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن سەن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن تولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇڭا مەن سېنى خۇدانىڭ تېغىدىن ھارام نەرسە دەپ تاشلىۋەتكەنمەن؛ مەن سېنى، ئى مۇھاپىزەتچى كېرۇب، ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدىن ھەيدەپ يوقاتقانمەن؛ 026 EZE 028 017 سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛ پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم. 026 EZE 028 018 سېنىڭ قەبىھلىكلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، قىلغان سوداڭنىڭ ئادىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز مۇقەددەس جايلىرىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن ئۆزۈڭدىن بىر ئوتنى چىقاردىم، ئۇ سېنى كۆيدۈرۈپ يەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز ئالدىدا، مەن سېنى يەردە قالغان كۈللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم. 026 EZE 028 019 سېنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ ساراسىمىدە قالىدۇ؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن». 026 EZE 028 020 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 028 021 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى زىدونغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 028 022 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ساڭا قارشى، ئى زىدون؛ ئۆزۈم ئاراڭدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئۇنىڭدا پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 028 023 مەن ئۇلارغا ۋابانى ئەۋىتىپ، رەستە-كوچىلىرىدا قان ئاققۇزىمەن؛ ئۇنىڭغا قارشى چىققان قىلىچنىڭ ھەر ئەتراپىدا بولغانلىقىدىن ئوتتۇرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ 026 EZE 028 024 ئۇلار يەنە ئىسرائىل جەمەتىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەتراپىدىكىلەر ئارىسىدا، ئىسرائىل ئۈچۈن ئادەمنى سانجىغۇچى جىغان ياكى دەرد-ئەلەملىك تىكەن بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 028 025 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛ 026 EZE 028 026 ئۇلار ئۇنىڭدا تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاپ، ئۆيلەرنى سېلىپ ئۈزۈمزارلارنى تىكىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». 026 EZE 029 001 ئونىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 029 002 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارىتىپ ئۇنى ۋە مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دېگىن: ــ 026 EZE 029 003 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن! 026 EZE 029 004 مەن قارماقلارنى ئېڭەكلىرىڭگە سېلىپ، دەريالىرىڭدىكى بېلىقلارنى ئۆز قاسىراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرۇپ سېنى دەريالىرىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىمەن؛ دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلار قاسىراقلىرىڭغا چاپلىشىدۇ. 026 EZE 029 005 مەن سېنى، يەنى سەن ۋە دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلارنى چۆل-باياۋانغا تاشلايمەن؛ سەن دالاغا چۈشۈپ يىقىلىسەن. ھېچكىم سېنى يىغمايدۇ، دەپنە قىلمايدۇ؛ مەن سېنى يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولۇشقا تەقدىم قىلىمەن. 026 EZE 029 006 شۇنىڭ بىلەن مىسىردا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىگە «قومۇش ھاسا» بولغان. 026 EZE 029 007 ئۇلار سېنى قول بىلەن تۇتقاندا، سەن يېرىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۈرىلىرىنى تىلىۋەتتىڭ؛ ئۇلار ساڭا تايانغاندا، سەن سۇنۇپ، پۈتكۈل بەللىرىنى مىتكۇت قىلىۋەتتىڭ». 026 EZE 029 008 ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بىر قىلىچ چىقىرىپ، سەندىكى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى قىرىۋېتىمەن. 026 EZE 029 009 مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى. 026 EZE 029 010 شۇڭا مانا، مەن ساڭا ھەم سېنىڭ دەريالىرىڭغا قارشىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە پۈتۈنلەي خارابە-ۋەيرانە قىلىۋېتىمەن. 026 EZE 029 011 قىرىق يىل ئىچىدە، ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ ئايىغى ئۇنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ. 026 EZE 029 012 مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن؛ ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ؛ مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن». 026 EZE 029 013 بىراق رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قىرىق يىلنىڭ ئاخىرىدا مەن مىسىرلىقلارنى تارقىتىلغان ئەللەردىن يىغىپ قايتۇرىمەن؛ 026 EZE 029 014 مەن مىسىرنى سۈرگۈندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پاتروس زېمىنىغا، يەنى تۇغۇلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار شۇ يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەملىكەت بولىدۇ. 026 EZE 029 015 ئۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى باشقا ئەللەر ئۈستىگە كۆتۈرمەيدۇ؛ مەن ئۇلارنى پەسەيتىمەنكى، ئۇلار قايتىدىن باشقا ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. 026 EZE 029 016 [مىسىر] قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». 026 EZE 029 017 يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 029 018 ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر باش تاقىر بولۇپ كەتتى، ھەربىر مۈرە سۈركىلىپ يېغىر بولۇپ كەتتى؛ بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى؛ 026 EZE 029 019 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مىسىر زېمىنىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارغا تەقدىم قىلىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئولجىسىنى بۇلاپ، غەنىمىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ بۇلار ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن ئىش ھەققى بولىدۇ. 026 EZE 029 020 مەن ئۇنىڭغا [تۇرغا] جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار مېنى دەپ ئەجىر قىلدى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 029 021 ــ مەن شۇ كۈندە ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بىر مۈڭگۈز ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن، ۋە سەن [ئەزاكىيالنىڭ] ئاغزىڭنى ئۇلار ئارىسىدا ئاچىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 026 EZE 030 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 030 002 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن. 026 EZE 030 003 چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. 026 EZE 030 004 شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. 026 EZE 030 005 ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ. 026 EZE 030 006 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 030 007 ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ. 026 EZE 030 008 شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ 026 EZE 030 009 شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! 026 EZE 030 010 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. 026 EZE 030 011 ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. 026 EZE 030 012 مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن، ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان». 026 EZE 030 013 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. 026 EZE 030 014 مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 026 EZE 030 015 مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن. 026 EZE 030 016 مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ. 026 EZE 030 017 ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 026 EZE 030 018 مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 026 EZE 030 019 مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 030 020 ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 030 021 ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى. 026 EZE 030 022 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛ 026 EZE 030 023 مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. 026 EZE 030 024 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ. 026 EZE 030 025 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ 026 EZE 030 026 ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 031 001 ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 031 002 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟ 026 EZE 031 003 مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ 026 EZE 031 004 سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. 026 EZE 031 005 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ 026 EZE 031 006 ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان. 026 EZE 031 007 شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. 026 EZE 031 008 خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. 026 EZE 031 009 مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى. 026 EZE 031 010 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 031 011 ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. 026 EZE 031 012 يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. 026 EZE 031 013 ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ. 026 EZE 031 014 بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر. 026 EZE 031 015 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. 026 EZE 031 016 مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. 026 EZE 031 017 ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن. 026 EZE 031 018 قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن [مىسىرغا] تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 032 001 ئون ئىككىنچى يىلى، ئون ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 032 002 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس؛ سەن پالاقلىشىپ ئېرىقلىرىڭنى ئېشىپ تاشتۇرۇپ، سۇلىرىنى ئاياغلىرىڭ بىلەن چالغىتىپ، دەريالىرىنى لېيىتىپ قويدۇڭ. 026 EZE 032 003 ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆپ ئەللەرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئالدىدا ئۆز تورۇمنى ئۈستۈڭگە يېيىپ تاشلايمەن؛ ئۇلار سېنى تورۇمدا تۇتۇپ تارتىشىدۇ. 026 EZE 032 004 مەن سېنى قۇرۇقلۇقتا قالدۇرۇپ، دالاغا تاشلايمەن؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارنى ئۈستۈڭگە قوندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى جانىۋارلارنى سېنىڭدىن تويۇندۇرىمەن؛ 026 EZE 032 005 گۆشۈڭنى تاغلار ئۈستىگە قويىمەن، جىلغىلارنى پۈتكۈل ئەزايىڭ بىلەن تولدۇرىمەن؛ 026 EZE 032 006 مەن قېنىڭنىڭ ئېقىشلىرى بىلەن زېمىننى ھەتتا تاغلارغىچىمۇ سۇغىرىمەن؛ جىرالار سەن بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. 026 EZE 032 007 نۇرۇڭنى ئۆچۈرگىنىمدە، مەن ئاسمانلارنى توسۇۋېتىمەن، يۇلتۇزلارنى قارا قىلىمەن؛ قۇياشنى بۇلۇت بىلەن قاپلايمەن، ئاي نۇر بەرمەيدۇ. 026 EZE 032 008 ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 032 009 مەن ئەللەر ئارىسىغا، يەنى سەن تونۇمىغان مەملىكەتلەر ئارىسىغا سېنىڭ ھالاكتىن [قالغان ئادەملىرىڭنى] ئېلىپ كەتكىنىمدە، كۆپ ئەللەرنىڭ يۈرىكىنى بىئارام قىلىمەن؛ 026 EZE 032 010 مەن كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن ئالاقزادە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا قاراپ دەھشەتلىك قورقىشىدۇ؛ مەن قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئويناتقىنىمدا، يەنى سېنىڭ يىقىلغان كۈنىڭدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جان قايغۇسىدا ھەر دەقىقە تەۋرىنىدۇ. 026 EZE 032 011 ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ئۈستۈڭگە چىقىدۇ. 026 EZE 032 012 پالۋانلارنىڭ قىلىچلىرى بىلەن مەن سېنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىڭنى يىقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەبىتلەردۇر؛ ئۇلار مىسىرنىڭ پەخرىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى قۇرۇتۇۋېتىلىدۇ. 026 EZE 032 013 مەن زور سۇلار بويىدىن بارلىق ھايۋانلىرىنىمۇ ھالاك قىلىمەن؛ ئىنسان ئايىغى قايتىدىن ئۇلارنى چالغاتمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى قايتىدىن ئۇلارنى لېيىتمايدۇ. 026 EZE 032 014 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى تىندۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئېرىقلىرىنى سۈپسۈزۈك مايدەك ئاقتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 032 015 ــ مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيرانە قىلغىنىمدا، زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن مەھرۇم بولغىنىدا، مەن ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇرۇۋەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 032 016 ــ بۇ بىر مەرسىيە؛ ئۇلار ئۇنى ئوقۇيدۇ ــ ئەللەرنىڭ قىزلىرى ماتەم قىلىپ ئۇنى ئوقۇيدۇ؛ مەرسىيەنى ئۇلار مىسىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىگە ئوقۇيدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 032 017 ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە [يەنە] شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 032 018 ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت؛ 026 EZE 032 019 گۈزەللىكتە سەن كىمدىن ئارتۇق ئىدىڭ؟ ئەمدى چۈشۈپ، خەتنە قىلىنمىغان بىلەن بىللە يات! 026 EZE 032 020 ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا يىقىلىدۇ؛ قىلىچ سۇغۇرۇلدى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆرەپ ئاپىرىۋېتىلسۇن! 026 EZE 032 021 ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ [مىسىر] ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». 026 EZE 032 022 ــ مانا، شۇ يەردىدۇر ئاسۇرىيە ۋە ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى؛ ئۇنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. 026 EZE 032 023 ئۇلارنىڭ گۆرلىرى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدىدۇر؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى ئۆز گۆرى ئەتراپىدا تۇرىدۇ؛ ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ۋەھشەت سالغانلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. 026 EZE 032 024 مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ. 026 EZE 032 025 كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، توپ-توپ ئادەملىرى ئارىسىدا بىر ئورۇن راسلىغان؛ خەلقىنىڭ گۆرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار؛ شۇڭا ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ ــ گەرچە تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ۋەھشىتى ئادەملەرگە سېلىنغان بولسىمۇ! 026 EZE 032 026 مانا شۇ يەردە مەشەك بىلەن تۇبال بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار ــ گەرچە ئۇلار تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىدا ئۆز ۋەھشىتىنى ئادەملەرگە سالغان بولسىمۇ! 026 EZE 032 027 ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ! 026 EZE 032 028 سەن [پىرەۋنمۇ] خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا تارمار بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ياتىسەن. 026 EZE 032 029 مانا شۇ يەردە ئېدوم، ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق شاھزادىلىرىمۇ؛ ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، قىلىچلانغانلار بىلەن بىللە ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە ياتىدۇ. 026 EZE 032 030 مانا شىمالدىكى شاھزادىلەر، ھەممىسى؛ مانا بارلىق زىدوندىكىلەر، ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە چۈشكەن؛ گەرچە ئۆز كۈچى بىلەن ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر خىجالەتتە قالدى؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان بولۇپ، قىلىچلانغانلار ئارىسىدا يېتىپ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە خىجالەتكە قالىدۇ. 026 EZE 032 031 پىرەۋن بۇلارنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىلىچلانغان توپ-توپ ئادەملىرى توغرۇلۇق، يەنى ئۆزى ۋە قوشۇنى توغرۇلۇق ئۇلاردىن تەسەللى ئالىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 032 032 ــ گەرچە مەن ئۇنىڭ ۋەھشىتىنى تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىغا سالدۇرغان بولساممۇ، بىراق ئۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ــ يەنى پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 033 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 033 002 ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە سۆز يەتكۈزۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن قىلىچنى مەلۇم بىر زېمىن ئۈستىگە چىقارغىنىمدا، زېمىندىكى خەلق ئۆز ئارىسىدىن بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنى كۆزەتچى بېكېتسە، ــ 026 EZE 033 003 ئۇ قىلىچنىڭ زېمىن ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كاناي چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا، 026 EZE 033 004 كىمدىكىم كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىسا، قىلىچ كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە بولىدۇ. 026 EZE 033 005 ئۇ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ قېنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ئۇ ئاگاھ ئالغان بولسا، جېنىنى قۇتقۇزغان بولاتتى. 026 EZE 033 006 بىراق كۆزەتچى قىلىچنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كاناي چالماي، خەلقنى ئاگاھلاندۇرمىسا، ئەمدى قىلىچ كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىن بىراۋنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن مەن كۆزەتچىدىن ھېساب ئالىمەن. 026 EZE 033 007 ئەمدى، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى دەپ بېكىتكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن خەۋەر ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن ئاگاھ يەتكۈزىسەن. 026 EZE 033 008 مەن رەزىل ئادەمگە: «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، ۋە ئۆزۈڭ بۇ رەزىلنى يولىدىن ياندۇرۇشقا سۆز قىلماي ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ، ئۇ رەزىل ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. 026 EZE 033 009 بىراق سەن رەزىلنى يولىدىن يېنىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇ يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۆزۈڭ ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. 026 EZE 033 010 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر: «بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ۋە گۇناھلىرىمىز بېشىمىزدىدۇر، بىز ئۇلار بىلەن زەئىپلىشىپ كېتىۋاتىمىز؛ ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟» دەيسىلەر. 026 EZE 033 011 ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن. 026 EZE 033 012 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە مۇنداق دېگىن: ــ ھەققانىي ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئاسىيلىق قىلغان كۈنىدە ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ھەم رەزىل ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز رەزىللىكىدىن يانغان كۈنىدە رەزىللىكىدىن يىقىلمايدۇ؛ ھەققانىي ئادەم گۇناھ سادىر قىلغان كۈنىدە، ئۇ ئەسلىدىكى ھەققانىيلىقى بىلەن ھاياتتا تۇرىۋەرمەيدۇ. 026 EZE 033 013 مەن ھەققانىيغا: «سەن بەرھەق ھاياتقا ئېرىشسەن» دېگىنىمدە، ئۇ ئۆز ھەققانىيلىقىغا تايىنىپ قەبىھلىك سادىر قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ. 026 EZE 033 014 ئەمدى مەن رەزىلگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق ئۇ گۇناھىدىن يېنىپ، كۆز ئالدىمدا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرسە ــ 026 EZE 033 015 رەزىل ئادەم قەرزگە كاپالەتكە ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ــ بۇلاڭچىلىقتا ئالغاننى قايتۇرۇپ بەرسە ــ قەبىھلىك سادىر قىلماي، ھايات بەلگىلىمىلىرىدە ماڭسا ــ ئەمدى ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. 026 EZE 033 016 ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرگەن ــ ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. 026 EZE 033 017 بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس. 026 EZE 033 018 ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ. 026 EZE 033 019 رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. 026 EZE 033 020 لېكىن سىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن! 026 EZE 033 021 ۋە شۇنداق بولدىكى، سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، يېرۇسالېمدىن قاچقان بىرسى يېنىمغا كېلىپ: «شەھەر بۆسۈلدى!» ــ دېدى. 026 EZE 033 022 ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم. 026 EZE 033 023 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 033 024 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدىكى خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار: «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى» ــ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ. 026 EZE 033 025 شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر گۆشنى قان بىلەن يەيسىلەر؛ سىلەر ئۆز مەبۇدلىرىڭلارنى باش كۆتۈرۈپ ئىزدەيسىلەر؛ سىلەر قان تۆكۈۋاتىسىلەر؛ ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟ 026 EZE 033 026 سىلەر قىلىچىڭلارغا تايىنىسىلەر، سىلەر يىرگىنچلىك ئىشلارنى چىقىرىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالىغا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟». 026 EZE 033 027 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ؛ دالادا قالغاننى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەۋېتىشكە تاپشۇرىمەن؛ ئىستىھكاملار ۋە غارلاردا تۇرغانلارمۇ ۋابا كېسىلىدىن ئۆلىدۇ. 026 EZE 033 028 مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ۋەيرانە بولىدۇكى، ئۇلاردىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولمايدۇ. 026 EZE 033 029 ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 033 030 ــ ئەمدى سەن بولساڭ، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر ھەردائىم سېنى ئاغزىغا ئېلىپ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىڭ يېنىدا ۋە دەرۋازىلاردا سۆزلەپ بىر-بىرىگە ھەم ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىغا سەن توغرۇلۇق: «قېنى بېرىپ، پەرۋەردىگاردىن نېمە سۆز باركىن، ئاڭلاپ كېلەيلى!» ــ دەيدۇ. 026 EZE 033 031 ئۇلار جامائەت سۈپىتىدە يېنىڭغا كېلىپ، مېنىڭ خەلقىمنىڭ سۈپىتىدە ئالدىڭدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ؛ 026 EZE 033 032 مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت يېقىملىق ئاۋاز بىلەن،سازلىرى ئوبدان تەڭشىلىپ ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن، خالاس؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ. 026 EZE 033 033 ئەمدى بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا (ئۇ بەرھەق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!) ئۇلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 034 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 034 002 ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 034 003 سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. 026 EZE 034 004 ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر. 026 EZE 034 005 ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. 026 EZE 034 006 مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى. 026 EZE 034 007 شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 026 EZE 034 008 مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. 026 EZE 034 009 ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 026 EZE 034 010 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن. 026 EZE 034 011 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛ 026 EZE 034 012 پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. 026 EZE 034 013 مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛ 026 EZE 034 014 مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ. 026 EZE 034 015 مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 034 016 ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن. 026 EZE 034 017 ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 026 EZE 034 018 ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ 026 EZE 034 019 شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق. 026 EZE 034 020 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 026 EZE 034 021 چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، 026 EZE 034 022 ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 026 EZE 034 023 مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛ 026 EZE 034 024 ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. 026 EZE 034 025 مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ. 026 EZE 034 026 مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ. 026 EZE 034 027 دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 026 EZE 034 028 ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ. 026 EZE 034 029 مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ. 026 EZE 034 030 ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 034 031 ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 035 001 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 035 002 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 035 003 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن. 026 EZE 035 004 مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. 026 EZE 035 005 چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، 026 EZE 035 006 شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ. 026 EZE 035 007 مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. 026 EZE 035 008 مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ. 026 EZE 035 009 مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 035 010 ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، 026 EZE 035 011 ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن. 026 EZE 035 012 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر. 026 EZE 035 013 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم. 026 EZE 035 014 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن. 026 EZE 035 015 ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە [ئېدومىيلار] مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 036 001 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل تاغلىرىغا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئىسرائىل تاغلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 026 EZE 036 002 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 036 003 شۇڭا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە سىلەر ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تۆھمەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن، 026 EZE 036 004 ئەمدى شۇڭا، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار ئەللەردىن قالغانلىرىغا ئولجا ھەم مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغان تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا، ۋەيران بولغان خارابىلەر ۋە تاشلىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ 026 EZE 036 005 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خۇشال بولۇشۇپ قەلبىدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىكى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولۇشقا بېكىتىپ، ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالايلى دېگەن ئەللەردىن قالغانلىرىغا ۋە ئېدومدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەرھەق، مەن [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن چىققان ئاچچىق ئوتىدا سۆز قىلدىم: ــ 026 EZE 036 006 ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز [خەلقىمگە بولغان] قىزغىنلىقىمدىن قەھرىم بىلەن سۆز قىلدىم ــ چۈنكى سىلەر ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى يېگەنسىلەر. 026 EZE 036 007 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، بەرھەق، ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئۆزى ئىشىتىدۇ. 026 EZE 036 008 لېكىن سىلەر، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، شاخلىنىسىلەر، خەلقىم ئىسرائىلغا مېۋە بېرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ. 026 EZE 036 009 چۈنكى مانا، مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن سىلەرگە قارايمەن، سىلەر يۇمشىتىلىسىلەر ھەم تېرىلىسىلەر. 026 EZE 036 010 ۋە مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەملەرنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆپەيتىمەن؛ شەھەرلەر ئاھالىلىك بولىدۇ، خارابىلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. 026 EZE 036 011 مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەم ھەم ھايۋانلارنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئاۋۇپ نەسىل كۆرىدۇ؛ مەن ئۆتكەن زامانلاردىكىدەك سىلەرنى ئولتۇراقلىق قىلىمەن؛ بەرھەق، ھالىڭلارنى ئەسلىدىكىدىن ئەۋزەل قىلىمەن؛ سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 026 EZE 036 012 مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر. 026 EZE 036 013 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلەرگە: «سىلەر ئادەملەرنى يەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلغانسىلەر!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 026 EZE 036 014 ئەمدى سىلەر يەنە ئادەملەرنى يېمەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلىرىدىن يەنە جۇدا قىلمايسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 036 015 ــ مەن سىلەرگە يەنە ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاتقۇزمايمەن؛ سىلەر ئەللەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى يەنە كۆتۈرمەيسىلەر، سىلەر ئۆز ئېلىڭلارنى قايتىدىن يىقىتمايسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 036 016 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 036 017 ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ئۆز زېمىنىدا تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆز يولى ھەم قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىغان؛ مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلارنىڭ يولى ئاي كۆرگەن ئايالنىڭ ناپاكلىقىغا ئوخشاش. 026 EZE 036 018 شۇڭا زېمىنغا تۆككەن قان ئۈچۈن، زېمىننى مەبۇدلىرى بىلەن بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكتۇم؛ 026 EZE 036 019 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتتىم، ئۇلار مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىلىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردىم. 026 EZE 036 020 ئۇلار بارىدىغان ھەرقايسى ئەللەرگە كەلگەندە، ئۇلار توغرىسىدا: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ زېمىنىدىن چىققان!» ــ دېيىلگەندە، ئۇلار يەنىلا مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىغان؛ 026 EZE 036 021 بىراق مەن ئىسرائىل جەمەتى بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدۈم. 026 EZE 036 022 شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن. 026 EZE 036 023 مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 036 024 مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يىغىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرىمەن. 026 EZE 036 025 ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. 026 EZE 036 026 مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. 026 EZE 036 027 مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛ 026 EZE 036 028 سىلەر مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر؛ مېنىڭ قوۋمىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. 026 EZE 036 029 مەن سىلەرنى بارلىق پاسكىنىچىلىكتىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن بۇغداينى ئاۋۇن بولۇشقا بۇيرۇيمەن؛ ئۈستۈڭلەرگە ھېچ ئاچارچىلىقنى قويمايمەن؛ 026 EZE 036 030 مەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە ئېتىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئاۋۇتىمەنكى، سىلەر ئاچارچىلىق تۈپەيلدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە بولمايسىلەر. 026 EZE 036 031 سىلەر رەزىل يوللىرىڭلار ۋە ناچار قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەپ، قەبىھلىكلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن يىرگىنىسىلەر. 026 EZE 036 032 سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۆز يوللىرىڭلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولۇڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى. 026 EZE 036 033 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قەبىھلىكىڭلاردىن پاكلىغان كۈنىدە، مەن شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىمەن، خارابە قالغان جايلارمۇ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. 026 EZE 036 034 ۋەيران قىلىنغان زېمىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيرانە كۆرۈنسىمۇ، ئۇ قايتىدىن تېرىلىدۇ. 026 EZE 036 035 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بۇ ۋەيران قىلىنغان زېمىن خۇددى ئېرەم باغچىسىدەك بولدى؛ خارابە، ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر ھازىر مۇستەھكەملەندى، ئاھالىلىك بولدى» ــ دەيدۇ. 026 EZE 036 036 ۋە ئەتراپىدا قالغان ئەللەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇزۇلغان جايلارنى قۇرغۇچى ھەم ۋەيرانە قىلىنغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. 026 EZE 036 037 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛ 026 EZE 036 038 مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان قۇربانلىق قوي پادىسىدەك، بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىغا بېغىشلانغان قوي پادىسى يېرۇسالېمغا تولدۇرۇلغاندەك، خارابە بولغان شەھەرلەر قايتىدىن ئادەم پادىلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 026 EZE 037 001 پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. 026 EZE 037 002 ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. 026 EZE 037 003 ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم. 026 EZE 037 004 ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 026 EZE 037 005 رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. 026 EZE 037 006 مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». 026 EZE 037 007 شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. 026 EZE 037 008 مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. 026 EZE 037 009 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى. 026 EZE 037 010 شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. 026 EZE 037 011 ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ. 026 EZE 037 012 شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ 026 EZE 037 013 مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 026 EZE 037 014 ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر». 026 EZE 037 015 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 037 016 ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ 026 EZE 037 017 ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن. 026 EZE 037 018 خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا، 026 EZE 037 019 ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ. 026 EZE 037 020 سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 037 021 «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن. 026 EZE 037 022 مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ. 026 EZE 037 023 ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 026 EZE 037 024 ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. 026 EZE 037 025 ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ. 026 EZE 037 026 مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن. 026 EZE 037 027 مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 026 EZE 037 028 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». 026 EZE 038 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 026 EZE 038 002 ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ 026 EZE 038 003 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ 026 EZE 038 004 مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، ئېڭىكىڭگە ئىلمەكلەرنى سېلىپ، سەن ۋە پۈتۈن قوشۇنۇڭنى ــ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرگەن، قىلىچ تۇتقان توپ-توپ كىشىلەرنى جەڭگە چىقىرىمەن؛ 026 EZE 038 005 پارس، ئېفىئوپىيە ۋە پۇت، ھەممىسى قالقان-دۇبۇلغا بىلەن قوراللىنىدۇ 026 EZE 038 006 ــ گومېر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن كەلگەن تورگاماھ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، بۇ كۆپ ئەللەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە بولىدۇ. 026 EZE 038 007 ئۆزۈڭنى تەييارلا؛ سەن ۋە ساڭا يىغىلغان بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىڭ تەييارلانغان پېتىدا بول؛ سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن. 026 EZE 038 008 كۆپ كۈنلەردىن كېيىن سەن [جەڭگە] چاقىرىلىسەن؛ سەن ئاخىرقى يىللاردا قىلىچتىن قۇتقۇزۇلغان، كۆپ ئەللەردىن يىغىلغان خەلقنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇزۇندىن بېرى ۋەيران قېلىنىپ كەلگەن ئىسرائىل تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن؛ ئۇنىڭ خەلقى ئەللەردىن يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامان-ئېسەن تۇرىۋېرىدۇ؛ 026 EZE 038 009 سەن، بارلىق توپ ئادەملىرىڭ ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر بىلەن بىللە ئالغا بېسىپ، بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن؛ سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك بولىسەن». 026 EZE 038 010 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە-نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛ 026 EZE 038 011 سەن: «مەن سېپىلسىز يېزا-كەنتلەر جايلاشقان زېمىنغا بېسىپ كىرىمەن؛ مەن ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتقان بىر خەلققە يېقىنلىشىمەن ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېپىلسىز، تاقاقسىز ۋە دەرۋازىسىز تۇرۇۋاتىدۇ»، دەيسەن، ــ 026 EZE 038 012 «شۇنىڭ بىلەن ئولجىلارنى ئېلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىمەن؛ قولۇمنى ئەسلىدە ۋەيران بولۇپ ئەمدىلىكتە ماكانلىق بولغان جايلارغا، ئەللەردىن يىغىلغان، مال-دۇنياغا ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتقان خەلققە قارشى قىلىمەن». 026 EZE 038 013 شۇ تاپتا شېبا، دېدان، تارشىشتىكى سودىگەرلەر بارلىق ياش شىرلىرى بىلەن سەندىن: «سەن ئولجا ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ سەن توپ-توپ ئادەملىرىڭنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېلىشقا ــ ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ كېتىشكە، مال-دۇنيانى ئېلىپ كېتىشكە، زور بىر ئولجىغا ئېرىشىۋېلىشقا يىغدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. 026 EZE 038 014 شۇڭا بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگقا شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئامان-ئېسەن بولىدىغان كۈنىنى، سەن بىلىپ يەتمەمسەن؟ 026 EZE 038 015 سەن ئۆز جايىڭدىن، يەنى شىمالنىڭ ئەڭ چەت جايىدىن چىقىسەن، سەن ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر، ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، توپ-توپ ئادەملەر، چوڭ قوشۇن بولىسەن. 026 EZE 038 016 سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ». 026 EZE 038 017 ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟ 026 EZE 038 018 ۋە شۇ كۈنى، يەنى گوگ ئىسرائىل زېمىنىغا قارشى چىققان كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ غەزىپىم بىلەن مېنىڭ قەھرىم ئۆرلەپ چىقىدۇ. 026 EZE 038 019 مېنىڭ [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛ 026 EZE 038 020 شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى ھايۋانلار، يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە يەر يۈزىدە تۇرغان بارلىق ئىنسانلار مېنىڭ يۈزۈم ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ تاغلار ئۆرۈلۈپ، تىك يارلار غۇلاپ كېتىدۇ، بارلىق تاملار يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. 026 EZE 038 021 مەن بارلىق تاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا بىر قىلىچ چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرسىنىڭ قىلىچى ئۆز قېرىندىشىگە قارشى چىقىدۇ. 026 EZE 038 022 مەن ۋابا كېسىلى ۋە قان تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاشقا كىرىشىمەن؛ مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىگە دەھشەتلىك يامغۇر، زور مۆلدۈر تاشلىرى، ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرىمەن؛ 026 EZE 038 023 مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 026 EZE 039 001 «ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ 026 EZE 039 002 مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛ 026 EZE 039 003 مەن ئوقيايىڭنى سول قولۇڭدىن ئۇرۇپ تاشلىغۇزىۋېتىمەن، ئوقلىرىڭنى ئوڭ قولۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن؛ 026 EZE 039 004 سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. 026 EZE 039 005 سەن دالادا يىقىلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 039 006 مەن ماگوگ ئۈستىگە ۋە دېڭىز بويىدا ئامان-ئېسەن تۇرغانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 026 EZE 039 007 مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى خەلقىم ئىسرائىل ئارىسىدا تونۇتىمەن؛ پاك-مۇقەددەس نامىمنىڭ قايتىدىن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمايمەن؛ ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا تۇرغان مۇقەددەس بولغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 026 EZE 039 008 مانا، ئۇ كېلىدۇ! بۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بۇ دەل مەن ئېيتقان كۈنىدۇر. 026 EZE 039 009 ئىسرائىل شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار چىقىپ قوراللارنى، جۈملىدىن سىپار-قالقانلار، ئوقيالار، توقماقلار ۋە نەيزىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوت قالايدۇ ــ ئۇلار بۇلار بىلەن يەتتە يىل ئوت قالايدۇ. 026 EZE 039 010 دالادىن ھېچ ئوتۇن ئېلىنمايدۇ، ئورمانلاردىن ھېچ ياغاچ كېسىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار قوراللارنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئولجا تۇتقانلارنى ئولجا تۇتىدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 039 011 ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 026 EZE 039 012 ئىسرائىل جەمەتى زېمىنىنى ھالال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ئاي كۆمىدۇ؛ 026 EZE 039 013 زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۇلارنى يەرلىككە قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئۇلۇغلانغان مۇشۇ كۈنىدە بۇ ئىش ئۇلارغا شەرەپ بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 039 014 ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ؛ ئۇلار شۇ يەتتە ئاي تۈگىگەندە، ئاندىن جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. 026 EZE 039 015 بۇ «زېمىندىن ئۆتكۈچىلەر» ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرسى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بىر بەلگە تىكلەيدۇ؛ «ئىزدەپ كۆمگۈچىلەر» ئۇنى ھامون-گوگ جىلغىسىغا دەپنە قىلغۇچە بەلگە تۇرىدۇ 026 EZE 039 016 ([جىلغىدا] «ھاموناھ» دەپ ئاتالغان بىر شەھەر بولىدۇ). ئۇلار شۇ يول بىلەن زېمىننى پاكلايدۇ». 026 EZE 039 017 ــ «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا مۇنداق دېگىن: «يىغىلىشىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمغا، يەنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە قىلىنغان چوڭ قۇربانلىققا ھەرياندىن جەم بولۇڭلار! سىلەر شۇ يەردە گۆش يەپ، قان ئىچىسىلەر. 026 EZE 039 018 سىلەر باتۇرلارنىڭ گۆشىنى، يەر يۈزىدىكى شاھزادىلارنىڭ قېنىنى ــ قوچقارلارنىڭ، ئۆچكىلەرنىڭ، تورپاقلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشاندىكى بوردالغان ماللاردۇر! 026 EZE 039 019 سىلەر مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمدىن، تويغۇچە ماي يەپ، تويغۇچە قان ئىچىسىلەر! 026 EZE 039 020 سىلەر داستىخىنىمدا ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىسىدىكىلەر، باتۇرلار، بارلىق جەڭچى پالۋانلار بىلەن تويۇنىسىلەر» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 039 021 ــ ۋە مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئەللەر ئارىسىغا كۆرسىتىمەن، بارلىق ئەللەر مېنىڭ يۈرگۈزگەن جازالىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويغان قولۇمنى كۆرىدۇ. 026 EZE 039 022 ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ ئىسرائىل جەمەتى مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 026 EZE 039 023 ئەللەر ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مانا، مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يىقىلدى. 026 EZE 039 024 ئۇلارنىڭ پاسكىنىچىلىقى ۋە ئاسىيلىقلىرى بويىچە مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدىم، يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇردۇم». 026 EZE 039 025 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن. 026 EZE 039 026 ئۆز زېمىنىدا ئامان-ئېسەن تۇرغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدىغان چاغ كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئەللەردىن قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغقىنىمدا، ۋە كۆپ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، شۇ چاغدا ئۇلار خىجالىتىنى ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ؛ 026 EZE 039 028 ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا سۈرگۈن قىلدۇرغانلىقىم تۈپەيلىدىن، ۋە ئاندىن ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى شۇ يەردە قالدۇرماي ئۆز زېمىنىغا يىغقانلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ 026 EZE 039 029 ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 040 001 بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى [شەھەرگە] ئاپاردى. 026 EZE 040 002 خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى. 026 EZE 040 003 ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى. 026 EZE 040 004 بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل». 026 EZE 040 005 ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى. 026 EZE 040 006 ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى. 026 EZE 040 007 [دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى] ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ [ئىككى تەرىپىنىڭ] ئۇزۇنلۇقى [ئايرىم-ئايرىم] بىر «خادا» چىقتى؛ 026 EZE 040 008 ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، [ئۇزۇنلۇقى] بىر خادا چىقتى. 026 EZE 040 009 ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى. 026 EZE 040 010 شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى. 026 EZE 040 011 ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى. 026 EZE 040 012 بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى. 026 EZE 040 013 ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىدىن] ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىغىچە] يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى. 026 EZE 040 014 ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى. 026 EZE 040 015 دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى. 026 EZE 040 016 ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى. 026 EZE 040 017 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان. 026 EZE 040 018 بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى. 026 EZE 040 019 ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى. 026 EZE 040 020 ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى. 026 EZE 040 021 ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز. 026 EZE 040 022 ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى. 026 EZE 040 023 ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. 026 EZE 040 024 ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 040 025 دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 026 EZE 040 026 ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى. 026 EZE 040 027 ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. 026 EZE 040 028 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 040 029 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 026 EZE 040 030 ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى. 026 EZE 040 031 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 026 EZE 040 032 ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 040 033 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 026 EZE 040 034 ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىنىڭ] ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 026 EZE 040 035 ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 040 036 ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى [باشقىلىرىغا] ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 026 EZE 040 037 ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىدىكى] ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 026 EZE 040 038 ھەربىر دەرۋازا [ئىككى] تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى. 026 EZE 040 039 دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ. 026 EZE 040 040 شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى. 026 EZE 040 041 شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ. 026 EZE 040 042 يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ. 026 EZE 040 043 دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ. 026 EZE 040 044 ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى. 026 EZE 040 045 ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. 026 EZE 040 046 جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى. 026 EZE 040 047 ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى. 026 EZE 040 048 ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ [ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى]؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ [ئىچكى تەرىپىنىڭ] كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى. 026 EZE 040 049 دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى. 026 EZE 041 001 ئۇ مېنى [مۇقەددەسخانىدىكى] مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. 026 EZE 041 002 كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى. 026 EZE 041 003 ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ [ئىككى تەرەپتىكى] توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى. 026 EZE 041 004 ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى. 026 EZE 041 005 ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. 026 EZE 041 006 يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. 026 EZE 041 007 يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى. 026 EZE 041 008 مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. 026 EZE 041 009 يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن [كاھىنلارنىڭ] ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى. 026 EZE 041 011 يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى. 026 EZE 041 012 غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى. 026 EZE 041 013 ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى [يۈز گەز ئىدى]، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. 026 EZE 041 014 مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. 026 EZE 041 015 ئۇ [مۇقەددەسخانىنىڭ] كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى). 026 EZE 041 017 دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى. 026 EZE 041 019 كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ [ئىچكى] ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ 026 EZE 041 020 دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان. 026 EZE 041 021 «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 041 022 «[مۇقەددەس جاي]»[نىڭ] ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى. 026 EZE 041 023 [مۇقەددەسخانىنىڭ] «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى. 026 EZE 041 024 ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. 026 EZE 041 025 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. 026 EZE 041 026 دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى. 026 EZE 042 001 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى. 026 EZE 042 002 خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ [خانىلارنىڭ] جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. 026 EZE 042 003 خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. 026 EZE 042 004 خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛ 026 EZE 042 005 يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى. 026 EZE 042 006 خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى. 026 EZE 042 007 سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى. 026 EZE 042 008 سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. 026 EZE 042 009 بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى. 026 EZE 042 010 ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛ 026 EZE 042 011 ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 042 012 جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى. 026 EZE 042 013 ۋە ئۇ ماڭا: «[ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى] «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلەرنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر. 026 EZE 042 014 كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى. 026 EZE 042 015 ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋزىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى. 026 EZE 042 016 ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. 026 EZE 042 017 ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. 026 EZE 042 018 ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. 026 EZE 042 019 ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. 026 EZE 042 020 ئۇ تۆت تەرىپىنى ئۆلچىدى؛ ئەتراپىدا ئاۋام بىلەن پاك-مۇقەددەس بولغان جايلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز [خادا]، كەڭلىكى بەش يۈز [خادا] تام بار ئىدى. 026 EZE 043 001 ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛ 026 EZE 043 002 مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى. 026 EZE 043 003 مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. 026 EZE 043 004 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛ 026 EZE 043 005 روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى. 026 EZE 043 006 ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛ 026 EZE 043 007 ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ. 026 EZE 043 008 ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم. 026 EZE 043 009 ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن. 026 EZE 043 010 ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن. 026 EZE 043 011 ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن. 026 EZE 043 012 ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ: ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر. 026 EZE 043 013 قۇربانگاھنىڭ «[چوڭ] گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى: ــ. بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى. 026 EZE 043 014 ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ 026 EZE 043 015 قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى. 026 EZE 043 016 قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى. 026 EZE 043 017 يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى. 026 EZE 043 018 ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ: ــ 026 EZE 043 019 سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛ 026 EZE 043 020 سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن. 026 EZE 043 021 سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛ 026 EZE 043 022 ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ. 026 EZE 043 023 سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛ 026 EZE 043 024 سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. 026 EZE 043 025 يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ. 026 EZE 043 026 ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ. 026 EZE 043 027 بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 044 001 ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ئۇ ئېتىكلىك ئىدى. 026 EZE 044 002 پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ دەرۋازا ئېتىكلىك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئېچىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇنىڭدىن كىرگەن؛ شۇڭا ئۇ ئېتىكلىك قالىدۇ. 026 EZE 044 003 پەقەت شاھزادە، شاھزادىلىك سۈپىتى بىلەن شۇ دەرۋازىنىڭ [كارىدورىدا] ئولتۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا نان يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇ [دەرۋازنىنىڭ] دالىنىدىن كىرىدۇ ۋە شۇ يولدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. 026 EZE 044 004 ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. 026 EZE 044 005 پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى ھەم قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزۈڭ بىلەن كۆر، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا؛ ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش يولى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ چىقىش يوللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭدە تۇت. 026 EZE 044 006 ئاندىن ئاسىيلارغا، يەنى ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلارغا بولدى بەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى! 026 EZE 044 007 سىلەر بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن سىرت، ماڭا نان، قۇربانلىق مېيى ۋە قېنىنى سۇنغىنىڭلاردا، سىلەر يات ئادەملەرنى، قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغانلارنى مېنىڭ مۇقەددەس جايىمدا، يەنى مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئۇنى بۇلغاشقا كىرگۈزدۇڭلار؛ ئۇلار ئەھدەمنى بۇزدى. 026 EZE 044 008 سىلەر مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە مەسئۇلىيەت بىلەن سادىق بولماي، بەلكى مۇقەددەس جايىمدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىغا مەسئۇل بولۇشقا [يات ئادەملەرنى] ئىشقا قويدۇڭلار». 026 EZE 044 009 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئادەملەردىن، يەنى قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭ مېنىڭ مۇقەددەس جايىمغا كىرىشىگە بولمايدۇ 026 EZE 044 010 لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ 026 EZE 044 011 ھالبۇكى، ئۇلار يەنىلا مۇقەددەس ئورنۇمدا، ئۆي دەرۋازىلىرىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆي خىزمىتىدە بولىدىغان خىزمەتكارلار بولىدۇ؛ ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. 026 EZE 044 012 ئەمما خەلق مەبۇدلىرىغا چوقۇنغاندا، ئۇلار خەلقنىڭ شۇ ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتىنى قەبىھلىككە ئېلىپ بارىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇڭا مەن ئۇلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 026 EZE 044 013 شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كەلمەيدۇ، ياكى مېنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلىرىمگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئۆز خىجالىتىنى ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. 026 EZE 044 014 بىراق مەن ئۇلارنى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمىتىگە ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن. 026 EZE 044 015 بىراق ئىسرائىل مەندىن ئېزىپ كەتكەندە، ئۆز مۇقەددەس جايىمغا قاراشقا سادىق كاھىنلار، يەنى لاۋىيلار بولغان زادوكنىڭ ئەۋلادىلىر ــ ئۇلار خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار قۇربانلىقىلارنىڭ مېيىنى ۋە قېنىنى سۇنۇشقا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 044 016 ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ. 026 EZE 044 017 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدىن كىرگەندە، كاناپ كىيىمنى كىيىشى كېرەك؛ ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدا ياكى مۇقەددەسخانا ئالدىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇلاردا ھەرقانداق يۇڭدىن بولغان نەرسە بولمايدۇ؛ 026 EZE 044 018 بېشىغا كاناپتىن تىكىلگەن سەللە، بېلىنىڭ تۆۋىنىگە كاناپتىن تامبال كىيىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك. 026 EZE 044 019 ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىغا سىرتقى ھويلىغا چىققاندا، ئۇلار خىزمەت كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا قويۇپ قويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. 026 EZE 044 020 ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى، ياكى چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەسلىكى لازىم؛ ئۇلار پەقەت قىسقا چاچ قويۇشى كېرەك. 026 EZE 044 021 ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك. 026 EZE 044 022 ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ. 026 EZE 044 023 ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. 026 EZE 044 024 ئەرز-دەۋالاردا ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا بولىدۇ؛ ئۇلار بۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈملىرىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مەن بېكىتكەن بارلىق ھېيت-بايراملىرىم توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلىشى كېرەك. 026 EZE 044 025 ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ھېچ بارماسلىقى كېرەك؛ ھالبۇكى، ئۆلگەن ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئېرى يوق ئاچا-سىڭلىسى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا بولىدۇ. 026 EZE 044 026 ئۆزىنى پاكلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە كۈن سانىلىشى كېرەك؛ 026 EZE 044 027 ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 044 028 بۇ ئۇلارغا مىراس بولىدۇ: ــ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا مىراس بولىمەن؛ سىلەر ئۇلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق ئىگىلىكنى تەقسىم قىلمايسىلەر؛ مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىمەن. 026 EZE 044 029 ئۇلار ئاشلىق ھەدىيە، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن يەيدۇ؛ ئىسرائىلدا مەخسۇس خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. 026 EZE 044 030 تۇنجى چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىلى، بارلىق ۋە ھەرقانداق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. سىلەر [ئارپا-بۇغدىيىڭلارنىڭ] ھوسۇلىنىڭ تۇنجى خېمىرىنى كاھىنغا تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بەخت-بەرىكەت ئۆيۈڭلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. 026 EZE 044 031 كاھىنلار ئۆزلۈگىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھېچقانداق ھايۋان ياكى ئۇچار-قاناتلاردىن يېيىشكە بولمايدۇ. 026 EZE 045 001 سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ [خادا] بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 026 EZE 045 002 ئۇ يەردىن بەش مىڭ [خادا] ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ. 026 EZE 045 003 بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ. 026 EZE 045 004 بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. 026 EZE 045 005 ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. 026 EZE 045 006 سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ. 026 EZE 045 007 شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ. 026 EZE 045 008 بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ. 026 EZE 045 009 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 045 010 سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن. 026 EZE 045 011 «ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن. 026 EZE 045 012 بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ. 026 EZE 045 013 بۇ سىلەرنىڭ [شاھزادە ئۈچۈن] «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛ 026 EZE 045 014 زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ). 026 EZE 045 015 ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 045 016 زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ. 026 EZE 045 017 شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ. 026 EZE 045 018 رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن. 026 EZE 045 019 كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛ 026 EZE 045 020 شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن. 026 EZE 045 021 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك. 026 EZE 045 022 شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ. 026 EZE 045 023 ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ. 026 EZE 045 024 ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 026 EZE 045 025 يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك. 026 EZE 046 001 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. 026 EZE 046 002 شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. 026 EZE 046 003 زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ. 026 EZE 046 004 شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. 026 EZE 046 005 بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 026 EZE 046 006 «يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. 026 EZE 046 007 بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 026 EZE 046 008 شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ. 026 EZE 046 009 زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. 026 EZE 046 010 خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ. 026 EZE 046 011 ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 026 EZE 046 012 شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ. 026 EZE 046 013 ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. 026 EZE 046 014 ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 026 EZE 046 015 ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. 026 EZE 046 016 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. 026 EZE 046 017 بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ [شاھزادىنىڭ مىراسى] ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. 026 EZE 046 018 ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ. 026 EZE 046 019 ئاندىن [ھېلىقى كىشى] مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ 026 EZE 046 020 ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. 026 EZE 046 021 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا [كىچىك] ھويلا بار ئىدى. 026 EZE 046 022 ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. 026 EZE 046 023 بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان [ئوت قالايدىغان] جايلىرى بار ئىدى. 026 EZE 046 024 ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى. 026 EZE 047 001 [ھېلىقى كىشى] مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. 026 EZE 047 002 ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى. 026 EZE 047 003 ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى. 026 EZE 047 004 ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. 026 EZE 047 005 ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. 026 EZE 047 006 ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. 026 EZE 047 007 قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى. 026 EZE 047 008 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. 026 EZE 047 009 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. 026 EZE 047 010 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ 026 EZE 047 011 بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ. 026 EZE 047 012 دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ. 026 EZE 047 013 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. 026 EZE 047 014 مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. 026 EZE 047 015 زېمىننىڭ [تۆت] تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ 026 EZE 047 016 ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 026 EZE 047 017 شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. 026 EZE 047 018 شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. 026 EZE 047 019 جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. 026 EZE 047 020 غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ. 026 EZE 047 021 سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. 026 EZE 047 022 شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن. 026 EZE 047 023 مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 048 001 تۆۋەندە قەبىلىلەر نامى بويىچە تىزىملىنىدۇ؛ شىمال تەرىپىدە دان قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشى بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە ۋە ھازار-ئېنان شەھىرىگىچە سوزۇلغان (ھازار-ئېنان دەمەشق چېگرىسىغا يانداش بولۇپ، دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى خامات شەھىرىنىڭ يېنىدا). ئۇنىڭ ئۈلۈشى شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغاندۇر. 026 EZE 048 002 داننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئاشىر قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 003 ئاشىرنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن نافتالى قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 004 نافتالىنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 005 ماناسسەھنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 006 ئەفرائىمنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن رۇبەن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 007 رۇبەننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 008 يەھۇدانىڭ چېگرىسىغا تۇتاشقان، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان زېمىن، سىلەرنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈلۈشتىكىدەك بولىدۇ؛ مۇقەددەس جاي ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 026 EZE 048 009 سىلەر پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. 026 EZE 048 010 بۇ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» كاھىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شىمالىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، غەربىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 026 EZE 048 011 بۇ يەر زادوك ئەۋلادلىرىدىن بولغان، پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. ئىسرائىل ئېزىپ كەتكەندە، ئۇلار لاۋىيلار ئېزىپ كەتكەندەك ئېزىپ كەتمىگەن، بەلكى مەن تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتكە سادىق بولغانىدى. 026 EZE 048 012 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ. 026 EZE 048 013 كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ چېگرىسىغا تۇتاش بولغان يەر لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]. پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. 026 EZE 048 014 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەرنى ھېچ ساتمايدۇ ياكى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئېسىلىنى باشقىلارغا ھېچ ئۆتكۈزمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس دەپ ئاتالغان. 026 EZE 048 015 قالغان يەر، كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئادەتتىكى يەر بولۇپ، شەھەر ئۈچۈن، يەنى ئۆيلەر ۋە ئورتاق بوش يەر ئۈچۈن بولىدۇ. شەھەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 026 EZE 048 016 شەھەرنىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداق بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، جەنۇبىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، شەرقىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، ۋە غەربىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا] بولىدۇ. 026 EZE 048 017 شەھەرنىڭ بوش يەرلىرى بولسا، شىمالغا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكىدە، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە بولىدۇ. 026 EZE 048 018 قالغان ئىككى پارچە يەر مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىپ ئۇنىڭغا پاراللېل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]؛ بۇلار مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىدۇ؛ بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. 026 EZE 048 019 ئۇنى تېرىيدىغانلار، يەنى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن بولىدۇ. 026 EZE 048 020 پۈتكۈل «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ سىلەر بۇ تۆت چاسىلىق مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە شەھەرگە تەۋە جايلارنىمۇ قوشۇپ سۇنىسىلەر. 026 EZE 048 021 مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بىلەن شەھەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى قالغان زېمىنلەر شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە يانداش شەرقتىن شەرققە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر ۋە غەربتىن غەربكە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر [قەبىلىلەرنىڭ] ئۈلۈشلىرىگە پاراللېل بولۇپ، بۇلار شاھزادە ئۈچۈندۇر؛ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، 026 EZE 048 022 شۇنىڭدەك لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى ۋە شەھەرنىڭ ئىگىلىكىمۇ شاھزادىنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. يەھۇدانىڭ چېگرىسى ۋە بىنيامىننىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ زېمىنلار شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. 026 EZE 048 023 قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى بولسا: ــ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن شەرقتىن غەرب تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئۈلۈشى بولىدۇ. 026 EZE 048 024 بىنيامىننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن شىمېئون قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 025 شىمېئوننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 026 ئىسساكارنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 027 زەبۇلۇننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن گاد قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. 026 EZE 048 028 گادنىڭ يان تەرىپى، يەنى جەنۇبىي تەرىپى، پۈتكۈل زېمىننىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن [مىسىر] ۋادىسىنى بويلاپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. 026 EZE 048 029 بۇ سىلەر ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىدىغان زېمىن بولىدۇ؛ بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 026 EZE 048 030 تۆۋەندە شەھەرنىڭ چىقىش يوللىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا] بولىدۇ؛ 026 EZE 048 031 شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ نامى بويىچە بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپىدە ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى رۇبەننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى يەھۇدانىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى لاۋىينىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ 026 EZE 048 032 شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى يۈسۈپنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى بىنيامىننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى داننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. 026 EZE 048 033 جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۆلچىمى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى شىمېئوننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئىسساكارنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى زەبۇلۇننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. 026 EZE 048 034 شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى گادنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئاشىرنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى نافتالىنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. 026 EZE 048 035 جەمئىي بولۇپ ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئون سەككىز مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەرنىڭ نامى: «پەرۋەردىگار شۇ يەردە» بولىدۇ. # # BOOK 027 DAN Daniel دانىيال 027 DAN 001 001 يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. 027 DAN 001 002 رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى. 027 DAN 001 003 پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 027 DAN 001 004 بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. 027 DAN 001 005 پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى. 027 DAN 001 006 تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى. 027 DAN 001 007 ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى. 027 DAN 001 008 دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى [خۇدا ئالدىدا] ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. 027 DAN 001 009 ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى. 027 DAN 001 010 لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا: ــ مەن ئۆز غوجام پادىشاھتىن قورقىمەن. سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن؛ ئۇ ئەگەر سىلەرنى باشقا قۇرداش يىگىتلەردەك ساغلام چىراي ئەمەس ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا سىلەر پادىشاھقا مېنىڭ كاللامنى ئالدۇرغۇچى بولىسىلەر، ــ دېدى. 027 DAN 001 011 شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ: 027 DAN 001 012 ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا. 027 DAN 001 013 ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى. 027 DAN 001 014 غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى. 027 DAN 001 015 ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى. 027 DAN 001 016 شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى. 027 DAN 001 017 بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى. 027 DAN 001 018 پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 027 DAN 001 019 پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى. 027 DAN 001 020 پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى. 027 DAN 001 021 دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى. 027 DAN 002 001 نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. 027 DAN 002 002 شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. 027 DAN 002 003 پادىشاھ ئۇلارغا: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 002 004 ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى. 027 DAN 002 005 پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! 027 DAN 002 006 لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى. 027 DAN 002 007 ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم: ــ ئالىيلىرى چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، ئاندىن ئۆزلىرىگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ــ دېدى. 027 DAN 002 008 بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن: ــ شۈبھىسىزىكى، سىلەر پەرمانىمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتىسىلەر. 027 DAN 002 009 لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى. 027 DAN 002 010 كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس. 027 DAN 002 011 چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى. 027 DAN 002 012 پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. 027 DAN 002 013 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا [خىزمەتكارلىرى] دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى. 027 DAN 002 014 شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ 027 DAN 002 015 ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. 027 DAN 002 016 دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 027 DAN 002 017 ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى. 027 DAN 002 018 ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى. 027 DAN 002 019 ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى: 027 DAN 002 020 «خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. 027 DAN 002 021 ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. 027 DAN 002 022 ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر. 027 DAN 002 023 ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ». 027 DAN 002 024 ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى. 027 DAN 002 025 ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى. 027 DAN 002 026 پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى. 027 DAN 002 027 دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. 027 DAN 002 028 بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ 027 DAN 002 029 ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. 027 DAN 002 030 ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. 027 DAN 002 031 ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. 027 DAN 002 032 ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، 027 DAN 002 033 يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. 027 DAN 002 034 ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. 027 DAN 002 035 ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى. 027 DAN 002 036 كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. 027 DAN 002 037 ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. 027 DAN 002 038 ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. 027 DAN 002 039 ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. 027 DAN 002 040 ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. 027 DAN 002 041 ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. 027 DAN 002 042 تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 027 DAN 002 043 ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ [پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ] پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. 027 DAN 002 044 ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. 027 DAN 002 045 ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. 027 DAN 002 046 ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى. 027 DAN 002 047 پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى. 027 DAN 002 048 ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى. 027 DAN 002 049 دانىيالنىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلىشى بىلەن، پادىشاھ شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىدى. دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى. 027 DAN 003 001 پادىشاھ نېبوقادنەسار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەل ياساپ، بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئورناتتى. 027 DAN 003 002 پادىشاھ بارلىق ۋەزىر، ۋالىي، ھاكىم، مەسلىھەتچى، خەزىنىچى، سوتچى، سوراقچىلارنى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان بۇ ئالتۇن ھەيكەلنى ئۆز ئىلاھىغا ئاتاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈردى. 027 DAN 003 003 شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، سوراقچىلار، شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاتاش مۇراسىمىغا جەم بولدى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى. 027 DAN 003 004 جاكارچى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئەي ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەنلەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار، 027 DAN 003 005 سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش ئۇرۇپ پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. 027 DAN 003 006 كىمكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، شۇئان دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ، ــ دەپ جاكارلىدى. 027 DAN 003 007 شۇڭا، سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەن، ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋم يەرگە باش ئۇرۇپ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى. 027 DAN 003 008 ئۇ چاغدا، بەزى كالدىيلەر ئالدىغا چىقىپ يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. 027 DAN 003 009 ئۇلار پادىشاھ نېبوقادنەسارغا: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 027 DAN 003 010 ئالىيلىرى سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەممەيلەن يەرگە باش ئۇرۇپ ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن، 027 DAN 003 011 شۇنداقلا كىمكى يەرگە باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، ئۇ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلانسۇن دەپ پەرمان قىلغانىدىلا. 027 DAN 003 012 سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 003 013 شۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ نېبوقادنەسار دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچەيلەننى پادىشاھ ئالدىغا ئەپكەلدى. 027 DAN 003 014 نېبوقادنەسار ئۇلارغا: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەددنېگو، سىلەر راستتىن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنىڭ خىزمىتىدە بولمىدىڭلارمۇ ھەم مەن ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدىڭلارمۇ؟ 027 DAN 003 015 ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى. 027 DAN 003 016 شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ ئى نېبوقادنەسار، بۇ ئىشتا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىز ھاجەتسىز. 027 DAN 003 017 بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ. 027 DAN 003 018 لېكىن بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەنىلا ئىلاھلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولمايمىز ۋە سىلى ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، ــ دېدى. 027 DAN 003 019 بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى. 027 DAN 003 020 ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. 027 DAN 003 021 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى. 027 DAN 003 022 پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. 027 DAN 003 023 شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى. 027 DAN 003 024 ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: ــ بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! ــ دېدى. 027 DAN 003 025 پادىشاھ جاۋابەن: ــ مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! ــ دېدى. 027 DAN 003 026 شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! ــ دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى. 027 DAN 003 027 بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. 027 DAN 003 028 نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى. 027 DAN 003 029 ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق. 027 DAN 003 030 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەننى ئۆستۈرۈپ، بابىل ئۆلكىسىدە يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىدى. 027 DAN 004 001 «مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! 027 DAN 004 002 ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم. 027 DAN 004 003 ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ! 027 DAN 004 004 مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقىنىمدا، 027 DAN 004 005 مېنى ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى. 027 DAN 004 006 بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم. 027 DAN 004 007 شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى. 027 DAN 004 008 لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا: 027 DAN 004 009 ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم. 027 DAN 004 010 ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش. 027 DAN 004 011 ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن. 027 DAN 004 012 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن. 027 DAN 004 013 ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ، 027 DAN 004 014 مۇنداق جاكارلىدى: ــ «دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ چېچىۋېتىڭلار. دەرەخ تۈۋىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئۇنىڭ شاخلىرىدىكى قۇشلار تېزىپ كەتسۇن. 027 DAN 004 015 يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن. 027 DAN 004 016 ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن. 027 DAN 004 017 دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر». 027 DAN 004 018 ــ مەن پادىشاھ نېبوغادنەسار مانا شۇنداق چۆشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن. 027 DAN 004 019 شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. پادىشاھ: ــ ئەي بەلتەشاسار، بۇ چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى ئالاقزادە قىلمىسۇن، ــ دېدى. بەلتەشاسار جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، بۇ چۈش سىلىدىن نەپرەتلەنگەنلەرگە بولسۇن، ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزلىرىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە چۈشكەي! 027 DAN 004 020 بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى! ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. 027 DAN 004 022 ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. 027 DAN 004 023 ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇرپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ. 027 DAN 004 024 ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ 027 DAN 004 025 ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ. 027 DAN 004 026 «دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. 027 DAN 004 027 شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟ 027 DAN 004 028 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى. 027 DAN 004 029 ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ: 027 DAN 004 030 ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 027 DAN 004 031 ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ: ــ ئەي پادىشاھ نېبوقادنەسار، بۇ سۆز ساڭا كەلدى: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى. 027 DAN 004 032 سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى. 027 DAN 004 033 بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى. 027 DAN 004 034 ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر. 027 DAN 004 035 ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ 027 DAN 004 036 شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم. 027 DAN 004 037 ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!». 027 DAN 005 001 بىر كۈنى پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى. 027 DAN 005 002 پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 027 DAN 005 003 [نەۋكەرلەر] دەرھال بېرىپ خۇدانىڭ يېروسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقتى؛ پادىشاھنىڭ ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى ئۇلاردا شاراب ئىچتى. 027 DAN 005 004 ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى. 027 DAN 005 005 دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ، 027 DAN 005 006 چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى. 027 DAN 005 007 پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 005 008 پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئوردىغا ھازىر بولدى؛ لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى نە پادىشاھقا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. 027 DAN 005 009 بەلشازار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى. ئەمىر-ئېسىلزادىلەرمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. 027 DAN 005 010 پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! ئالاقزادە بولۇپ كەتمىگەيلا، چىرايلىرى تاتىراپ كەتمىگەي. 027 DAN 005 011 پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. 027 DAN 005 012 بۇ كىشىدە ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت، بىلىم، ھېكمەت، چۈشلەرگە تەبىر بېرەلەيدىغان، تېپىشماقلارنى يېشەلەيدىغان ۋە تۈگۈن-سىرلارنى ئاچالايدىغان قابىلىيەت بار ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا بەلتەشاسار دەپمۇ ئىسىم قويغان. شۇڭا بۇ دانىيال چاقىرتىلسۇن، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. 027 DAN 005 013 شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 027 DAN 005 014 ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم. 027 DAN 005 015 ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى. 027 DAN 005 016 بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى. 027 DAN 005 017 دانىيال پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئالىيلىرىنىڭ ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىنى باشقا كىشىگە بەرگەيلا. ئەمدىلىكتە مەن ئالىيلىرىغا بۇ خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي. 027 DAN 005 018 ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى. 027 DAN 005 019 ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى. 027 DAN 005 020 لېكىن ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ، روھ-قەلبىدە مەغرۇرلىنىپ مىجەزى تەرسالىشىپ، پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئىززىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. 027 DAN 005 021 ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلدى. ئۇ ياۋا ئېشەكلەر بىلەن بىللە ماكانلىشىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يېگۈزۈلدى، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى، تاكى ئۇ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە شۇ ھالەتتە بولدى. 027 DAN 005 022 ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا. 027 DAN 005 023 ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. 027 DAN 005 024 شۇڭا، خۇدا بۇ قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى ئەۋەتىپ بۇ خەتلەرنى يازدۇردى. 027 DAN 005 025 بۇ خەتلەر: «مېنې، مېنې، تەكەل، ئۇپھارسىن» دېگەندىن ئىبارەت. 027 DAN 005 026 بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ــ «مېنې» ــ خۇدا سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، ئۇنى ئاياغلاشتۇردى. 027 DAN 005 027 «تەكەل» ــ سىلى تارازىدا تارتىلىۋىدىلا، كەم چىقتىلا. 027 DAN 005 028 «پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى. 027 DAN 005 029 شۇنىڭ بىلەن بەلشازار دەرھال نەۋكەرلىرىگە ئەمر قىلىۋىدى، ئۇلار دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك توننى كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ قويدى؛ ئۇ ئۇ توغرۇلۇق: «پادىشاھلىق ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسۇن» دەپ جاكارلىدى. 027 DAN 005 030 شۇ كېچە كالدىيلەرنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى. 027 DAN 005 031 پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى. 027 DAN 006 001 پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى. 027 DAN 006 002 بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ ۋەزىرلەرنى نازارەت قىلىپ، بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ دانىيال ۋە باشقا ئىككى كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. 027 DAN 006 003 دانىيالدا ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا نازارەتچىلەردىن ۋە ۋەزىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىمەكچى بولدى. 027 DAN 006 004 شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى. 027 DAN 006 005 شۇڭا شۇ ئادەملەر ئۆزئارا: ــ دانىيالنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق باھانە تاپالمايمىز، ــ دېيىشتى. 027 DAN 006 006 شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 027 DAN 006 007 ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن! 027 DAN 006 008 ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 006 009 شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى. 027 DAN 006 010 دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى. 027 DAN 006 011 لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. 027 DAN 006 012 ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 006 013 ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 027 DAN 006 014 بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى. 027 DAN 006 015 لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېيىشتى. 027 DAN 006 016 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: ــ سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! ــ دېدى. 027 DAN 006 017 بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. 027 DAN 006 018 ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. 027 DAN 006 019 تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. 027 DAN 006 020 پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ــ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. 027 DAN 006 021 دانىيال جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 027 DAN 006 022 خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. 027 DAN 006 023 بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى. 027 DAN 006 024 ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى. 027 DAN 006 025 شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! 027 DAN 006 026 مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! ــ چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ. 027 DAN 006 027 ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى». 027 DAN 006 028 دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى. 027 DAN 007 001 بەلشازار بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا يېتىپ چۈشىدە بىرنەچچە غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردى. ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ خاتىرىلىۋالدى: ــ 027 DAN 007 002 كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. 027 DAN 007 003 دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى. 027 DAN 007 004 بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى. 027 DAN 007 005 مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى. 027 DAN 007 006 قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى. 027 DAN 007 007 ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. 027 DAN 007 008 مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى. 027 DAN 007 009 مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 027 DAN 007 010 ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى. 027 DAN 007 011 ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى. 027 DAN 007 012 قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى. 027 DAN 007 013 كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. 027 DAN 007 014 ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس. 027 DAN 007 015 مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى. 027 DAN 007 016 مەن يېقىن تۇرغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ غايىبانە ئالامەتلەرنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا تەبىر بېرىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ 027 DAN 007 017 «بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. 027 DAN 007 018 لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ». 027 DAN 007 019 مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى، 027 DAN 007 020 شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ــ ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى. 027 DAN 007 021 قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛ 027 DAN 007 022 «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، [خۇدانىڭ] مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى. 027 DAN 007 023 [تەبىر بەرگۈچى] چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. 027 DAN 007 024 ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. 027 DAN 007 025 ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 027 DAN 007 026 ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ. 027 DAN 007 027 لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ». 027 DAN 007 028 بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنكى دانىيال، ئۆز ئويلىرىم ئۆزۈمنى ئالاقزادە قىلدى، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. بىراق بۇ ئىشنى قەلبىمدە پۈكۈپ ساقلىدىم. 027 DAN 008 001 پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. 027 DAN 008 002 غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆزۈمنى ئېلام ئۆلكىسىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. كۆرۈنۈشتە مەن ئۇلاي چوڭ ئۆستىڭى بويىدا ئىدىم. 027 DAN 008 003 بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقارنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز بولۇپ، بىر مۈڭگۈز يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى؛ ئېگىزرەك بولغان مۈڭگۈز يەنە بىرسىدىن كېيىنرەك ئۆسۈپ چىققانىدى. 027 DAN 008 004 مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ۋە ھېچكىم ھېچكىمنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى، بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. 027 DAN 008 005 مەن بۇ توغرۇلۇق ئويلاۋاتاتتىم، مانا، غەرب تەرەپتىن بىر تېكە پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن ھالدا پۈتۈن جاھاننى كېزىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىدى. 027 DAN 008 006 ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەن ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغان ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ قەھرى بىلەن شىددەتلىك ئېتىلدى. 027 DAN 008 007 مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كېلىپ، غەزەپ بىلەن قوچقارنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. قوچقارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغانىدى، تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ-چەيلىدى، تېكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى. 027 DAN 008 008 تېكە بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ خېلى كۈچىيىپ بولغاندا، چوڭ مۈڭگۈزى سۇنۇپ چۈشۈپ، ئەسلىدىكى جايىدىن ئاسماندىكى تۆت شامالغا قاراپ تۇرىدىغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. 027 DAN 008 009 بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. 027 DAN 008 010 ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى 027 DAN 008 011 (ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى. 027 DAN 008 012 ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. 027 DAN 008 013 كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. 027 DAN 008 014 ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: ــ بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 008 015 بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى. 027 DAN 008 016 ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 027 DAN 008 017 [جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى. 027 DAN 008 018 ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ 027 DAN 008 019 «مەن ھازىر ساڭا [خۇدانىڭ] غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر. 027 DAN 008 020 سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 027 DAN 008 021 ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۈڭگۈز بولسا، ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر. 027 DAN 008 022 ئۇ مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن ئۆسۈپ چىققان ھېلىقى تۆت مۈڭگۈز بۇ ئەلنىڭ تۆت پادىشاھلىققا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى بىرىنچى پادىشاھلىققا يەتمەيدۇ. 027 DAN 008 023 بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. 027 DAN 008 024 ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ. 027 DAN 008 025 ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ. 027 DAN 008 026 ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر». 027 DAN 008 027 مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. 027 DAN 009 001 مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) 027 DAN 009 002 يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 027 DAN 009 003 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. 027 DAN 009 004 مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! 027 DAN 009 005 بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، 027 DAN 009 006 شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق. 027 DAN 009 007 ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. 027 DAN 009 008 ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 027 DAN 009 009 ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. 027 DAN 009 010 بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. 027 DAN 009 011 پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 027 DAN 009 012 سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! 027 DAN 009 013 مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. 027 DAN 009 014 دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. 027 DAN 009 015 ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! 027 DAN 009 016 ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. 027 DAN 009 017 ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. 027 DAN 009 018 ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. 027 DAN 009 019 ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!». 027 DAN 009 020 مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، 027 DAN 009 021 تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. 027 DAN 009 022 جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. 027 DAN 009 023 سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن: 027 DAN 009 024 ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. 027 DAN 009 025 شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. 027 DAN 009 026 بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. 027 DAN 009 027 ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ». 027 DAN 010 001 قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. 027 DAN 010 002 ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. 027 DAN 010 003 ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. 027 DAN 010 004 بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، 027 DAN 010 005 بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. 027 DAN 010 006 ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى. 027 DAN 010 007 غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى. 027 DAN 010 008 ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى. 027 DAN 010 009 لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم. 027 DAN 010 010 مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. 027 DAN 010 011 شۇ زات ماڭا: ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 027 DAN 010 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. 027 DAN 010 013 لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. 027 DAN 010 014 مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر». 027 DAN 010 015 ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. 027 DAN 010 016 مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. 027 DAN 010 017 تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم. 027 DAN 010 018 ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى 027 DAN 010 019 ۋە: ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم. 027 DAN 010 020 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. 027 DAN 010 021 لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق. 027 DAN 011 001 مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم. 027 DAN 011 002 ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ. 027 DAN 011 003 ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. 027 DAN 011 004 لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. 027 DAN 011 005 ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. 027 DAN 011 006 بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، [جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ] بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ. 027 DAN 011 007 ھالبۇكى، ئۇنىڭ [ئاتا جەمەت] تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ [پادىشاھ بولۇپ]، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. 027 DAN 011 008 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. 027 DAN 011 009 شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ. 027 DAN 011 010 شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. 027 DAN 011 011 جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. 027 DAN 011 012 شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. 027 DAN 011 013 چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ. 027 DAN 011 014 ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. [ئى دانىيال ــ ] سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 027 DAN 011 015 شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ. 027 DAN 011 016 شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. 027 DAN 011 017 [شىمالىي پادىشاھ] بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ [مىسىرغا] يول ئالىدۇ؛ ئۇ [مىسىر] بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق [مىسىرنىڭ] ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى [مىسىر] پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن [قىزى] ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ. 027 DAN 011 018 كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. 027 DAN 011 019 ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. 027 DAN 011 020 كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ». 027 DAN 011 021 ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. 027 DAN 011 022 زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «[خۇدانىڭ] ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. 027 DAN 011 023 شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ. 027 DAN 011 024 ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. 027 DAN 011 025 ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. 027 DAN 011 026 چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. 027 DAN 011 027 كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. 027 DAN 011 028 [شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. 027 DAN 011 029 بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. 027 DAN 011 030 چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە [خۇدانىڭ] ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. 027 DAN 011 031 ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. 027 DAN 011 032 ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. 027 DAN 011 033 خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 027 DAN 011 034 يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. 027 DAN 011 035 بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ. 027 DAN 011 036 شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. 027 DAN 011 037 بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. 027 DAN 011 038 بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. 027 DAN 011 039 ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. 027 DAN 011 040 ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. 027 DAN 011 041 ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 027 DAN 011 042 شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 027 DAN 011 043 ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. 027 DAN 011 044 كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ 027 DAN 011 045 ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ». 027 DAN 012 001 ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 027 DAN 012 002 تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. 027 DAN 012 003 ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». 027 DAN 012 004 ئۇ ماڭا يەنە: ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 012 005 مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. 027 DAN 012 006 ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 027 DAN 012 007 ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى. 027 DAN 012 008 ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم. 027 DAN 012 009 ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. 027 DAN 012 010 نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. 027 DAN 012 011 كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. 027 DAN 012 012 ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 027 DAN 012 013 ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن». # # BOOK 028 HOS Hosea ھوشىيا 028 HOS 001 001 پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ 028 HOS 001 002 پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى. 028 HOS 001 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. 028 HOS 001 004 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. 028 HOS 001 005 ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن». 028 HOS 001 006 [گومەر] يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ 028 HOS 001 007 بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى. 028 HOS 001 008 گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛ 028 HOS 001 009 [رەب]: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە [پەرۋەردىگار] بولمايمەن» دېدى. 028 HOS 001 010 ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «[سىلەر] تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. 028 HOS 001 011 ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! ([مېنىڭ خەلقىم]!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! ([رەھىم قىلىنغان]!)» ــ دەڭلار! 028 HOS 002 001 ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن! 028 HOS 002 003 بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ مەن ئۇنى خۇددى چۆل-باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ 028 HOS 002 004 ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر. 028 HOS 002 005 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ چۈنكى ئۇ: «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى. 028 HOS 002 006 ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، [ئىسرائىلنىڭ] ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ. 028 HOS 002 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ: «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ. 028 HOS 002 008 ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش-ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى. 028 HOS 002 009 شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛ 028 HOS 002 010 ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 028 HOS 002 011 شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن! 028 HOS 002 012 ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇ بۇلارنى: «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ. 028 HOS 002 013 مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇ [شۇ كۈنلىرىدە] ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 028 HOS 002 014 شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن. 028 HOS 002 015 شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ. 028 HOS 002 016 ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن. 028 HOS 002 017 چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ. 028 HOS 002 018 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمۈلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ [خەلقىمنى] ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن. 028 HOS 002 019 شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ 028 HOS 002 020 ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. 028 HOS 002 021 ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ 028 HOS 002 022 يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ! 028 HOS 002 023 ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ. 028 HOS 003 001 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، [مەن] پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى 028 HOS 003 002 (شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛ 028 HOS 003 003 مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم). 028 HOS 003 004 ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ. 028 HOS 003 005 ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ». 028 HOS 004 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ 028 HOS 004 002 قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. 028 HOS 004 003 مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ. 028 HOS 004 004 ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! 028 HOS 004 005 سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. 028 HOS 004 006 مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. 028 HOS 004 007 ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. 028 HOS 004 008 ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جېنى [خەلقىمنىڭ] قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ. 028 HOS 004 009 ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن [كاھىنلارنىڭ] تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن. 028 HOS 004 010 ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ، ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى، 028 HOS 004 011 ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ. 028 HOS 004 012 خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ، 028 HOS 004 013 تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ. 028 HOS 004 014 مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى [ئاتىلىرى] ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، «بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ. 028 HOS 004 015 سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار. 028 HOS 004 016 چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟ 028 HOS 004 017 ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن! 028 HOS 004 018 ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى. 028 HOS 004 019 بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى، ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ. 028 HOS 005 001 بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار، تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛ چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛ چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر. 028 HOS 005 002 ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن. 028 HOS 005 003 ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ، ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر. 028 HOS 005 004 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛ چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ. 028 HOS 005 005 ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛ ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ. 028 HOS 005 006 ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى. 028 HOS 005 007 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى، چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛ ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ. 028 HOS 005 008 گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن! 028 HOS 005 009 ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛ مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم! 028 HOS 005 010 يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛ مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن. 028 HOS 005 011 ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن، چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى. 028 HOS 005 012 شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى، يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن. 028 HOS 005 013 ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە، ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛ بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، - ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى. 028 HOS 005 014 چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك، يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛ 028 HOS 005 015 مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ. 028 HOS 006 001 «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. 028 HOS 006 002 ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز! 028 HOS 006 003 ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!». 028 HOS 006 004 ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. 028 HOS 006 005 شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ. 028 HOS 006 006 چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. 028 HOS 006 007 بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان. 028 HOS 006 008 گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ ئۇ قان بىلەن بويالغان. 028 HOS 006 009 قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا. 028 HOS 006 010 ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، ئىسرائىل بۇلغاندى. 028 HOS 006 011 يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان [گۇناھلىرىڭنىڭ] ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر! 028 HOS 007 001 مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 028 HOS 007 002 ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر. 028 HOS 007 003 ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛ 028 HOS 007 004 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛ 028 HOS 007 005 پادىشاھىمىز [تەبرىكلەنگەن] كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ [پادىشاھ] بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى! 028 HOS 007 006 چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ. 028 HOS 007 007 ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ! 028 HOS 007 008 ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر. 028 HOS 007 009 يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، [بېشىنىڭ] ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛ 028 HOS 007 010 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار [بېشىغا] چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ. 028 HOS 007 011 ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛ 028 HOS 007 012 ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ [بۇ خەۋەر] ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن. 028 HOS 007 013 ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ! 028 HOS 007 014 ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى. 028 HOS 007 015 بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ. 028 HOS 007 016 ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ. 028 HOS 008 001 كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن! پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان، تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. 028 HOS 008 002 ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ. 028 HOS 008 003 ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛ شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ. 028 HOS 008 004 ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان. 028 HOS 008 005 ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى! مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟ 028 HOS 008 006 شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ! 028 HOS 008 007 چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى. 028 HOS 008 008 ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛ 028 HOS 008 009 چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛ ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى. 028 HOS 008 010 گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ. 028 HOS 008 011 ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى. 028 HOS 008 012 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا. 028 HOS 008 013 ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ، بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ! 028 HOS 008 014 چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛ يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ. 028 HOS 009 001 ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ. 028 HOS 009 002 خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛ يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. 028 HOS 009 003 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ، ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ. 028 HOS 009 004 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ. 028 HOS 009 005 ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ [ئىبادەت] سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟ 028 HOS 009 006 چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ. 028 HOS 009 007 ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى، يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛ ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن! سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن، پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ. 028 HOS 009 008 پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان، خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە. 028 HOS 009 009 گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان، ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. 028 HOS 009 010 ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى. 028 HOS 009 011 ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك، ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك، بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك! 028 HOS 009 012 ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 028 HOS 009 013 مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛ بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ. 028 HOS 009 014 ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن! 028 HOS 009 015 ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ. 028 HOS 009 016 ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛ ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ، بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. 028 HOS 009 017 مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ. 028 HOS 010 001 ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛ مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى. 028 HOS 010 002 ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئالا؛ ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقى ھازىر ئاشكارىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ غۇلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ. 028 HOS 010 003 چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ. 028 HOS 010 004 ئۇلار گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ، ئەھدىنى تۈزۈپ قويۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ. 028 HOS 010 005 سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ «[بەيت-ئاۋەن]»[دىكىلەر] دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى! 028 HOS 010 006 بەرھەق، شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ، ئاسۇرىيەگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ؛ ئەفرائىم ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ، ئىسرائىل ئۆز «ئەقلى»دىن خىجىل بولىدۇ. 028 HOS 010 007 سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛ 028 HOS 010 008 «ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ؛ قۇربانگاھلىرىنى تىكەن-جىغانلار باسىدۇ؛ ئۇلار تاغلارغا: «ئۈستىمىزنى يېپىڭلار!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار!» ــ دەيدۇ. 028 HOS 010 009 ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛ رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟ 028 HOS 010 010 مەن خالىغىنىمدا ئۇلارنى جازالايمەن؛ ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە، يات قوۋملار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ. 028 HOS 010 011 ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك. 028 HOS 010 012 ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛ بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە! 028 HOS 010 013 [بىراق] سىلەر رەزىللىكنى ئاغدۇردۇڭلار، قەبىھلىك ھوسۇلىنى ئوردۇڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار؛ چۈنكى سەن ئۆز يولۇڭغا، يەنى باتۇرلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تاياندىڭ؛ 028 HOS 010 014 قوۋملىرىڭ ئارىسىدا چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلىدۇ؛ شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك، بارلىق قورغانلىرىڭ بەربات قىلىنىدۇ؛ (شۇ كۈنى [بەيت-ئاربەلدىكى] ئانا-بالىلار تەڭلا پارە-پارە قىلىۋېتىلمىگەنمۇ؟) ــ 028 HOS 010 015 ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل! تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 028 HOS 011 001 ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم. 028 HOS 011 002 بىراق ئۇلار [خەلقىمنى] چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى. 028 HOS 011 003 ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى. 028 HOS 011 004 مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن. 028 HOS 011 005 ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى! 028 HOS 011 006 قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ [دەرۋازىسىدىكى] تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر! 028 HOS 011 007 بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ. 028 HOS 011 008 مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى [دۈشمەنگە] تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ! 028 HOS 011 009 غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. 028 HOS 011 010 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛ 028 HOS 011 011 ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 028 HOS 012 001 ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ. 028 HOS 012 002 پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ. 028 HOS 012 003 ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛ 028 HOS 012 004 ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ [خۇدا] ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛ 028 HOS 012 005 ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر! 028 HOS 012 006 شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن. 028 HOS 012 007 مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر. 028 HOS 012 008 ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 028 HOS 012 009 بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن! 028 HOS 012 010 «مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن. 028 HOS 012 011 گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر! 028 HOS 012 012 (ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى). 028 HOS 012 013 پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان. 028 HOS 012 014 ئەفرائىم [خۇدانىڭ] قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. 028 HOS 013 001 [بۇرۇن] ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى. 028 HOS 013 002 ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ. 028 HOS 013 003 شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك [تېزدىن] يوقاپ كېتىدۇ. 028 HOS 013 004 بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر. 028 HOS 013 005 مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛ 028 HOS 013 006 ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان. 028 HOS 013 007 ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛ 028 HOS 013 008 كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ. 028 HOS 013 009 سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر. 028 HOS 013 010 ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ 028 HOS 013 011 مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم. 028 HOS 013 012 ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛ 028 HOS 013 013 تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان! 028 HOS 013 014 مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! 028 HOS 013 015 [ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. 028 HOS 013 016 سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ. 028 HOS 014 001 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن. 028 HOS 014 002 ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا [قۇربانلىقلار]»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار. 028 HOS 014 003 ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ». 028 HOS 014 004 ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى. 028 HOS 014 005 مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان [كېدىر] دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛ 028 HOS 014 006 ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان [كېدىرىنىڭكىدەك] بولىدۇ. 028 HOS 014 007 خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى [ئاغزىدا قالغاندەك]، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ. 028 HOS 014 008 ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!» 028 HOS 014 009 كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. # # BOOK 029 JOE Joel يوئېل 029 JOE 001 001 پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ 029 JOE 001 002 «ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ 029 JOE 001 003 بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ 029 JOE 001 004 «چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى. 029 JOE 001 005 ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى. 029 JOE 001 006 چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛ 029 JOE 001 007 ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى. 029 JOE 001 008 ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛ 029 JOE 001 009 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ. 029 JOE 001 010 ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى. 029 JOE 001 011 ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى. 029 JOE 001 012 ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى. 029 JOE 001 013 بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى. 029 JOE 001 014 «روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار! 029 JOE 001 015 «ئاھ، شۇ كۈن! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ. 029 JOE 001 016 مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ 029 JOE 001 017 ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، ئامبارلار خارابىلەشتى، بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى. 029 JOE 001 018 چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛ 029 JOE 001 019 ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 029 JOE 001 020 دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى. 029 JOE 002 001 زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر. 029 JOE 002 002 ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، ــ تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. 029 JOE 002 003 ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 029 JOE 002 004 ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. 029 JOE 002 005 جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، 029 JOE 002 006 ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. 029 JOE 002 007 ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. 029 JOE 002 008 ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛ 029 JOE 002 009 شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. 029 JOE 002 010 ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 029 JOE 002 011 پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟ 029 JOE 002 012 بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛ 029 JOE 002 013 كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، يامانلىقتىن يانىدىغان [خۇدا]دۇر. 029 JOE 002 014 كىم بىلىدۇ، ئۇ جازالاشتىن يېنىپ، رەھىم قىلىپ بىرەر بەرىكەتنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۇنغۇدەك بىرەر «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە»نى قالدۇرۇپ كېتەمدۇ تېخى؟ 029 JOE 002 015 زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، «روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ 029 JOE 002 016 ئەلنى يىغىڭلار، جامائەتنى پاكلاندۇرۇڭلار، ئاقساقاللارنى جەم قىلىڭلار، بالىلارنى، ئېمىۋاتقانلارنىمۇ يىغىڭلار؛ توي قىلىۋاتقان يىگىت ئۆز ئۆيىدىن، ياتلىق بولىدىغان قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن؛ 029 JOE 002 017 كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايۋان بىلەن قۇربانگاھ ئوتتۇرىسىدا يىغا-زار كۆتۈرسۇن، ئۇلار ئېيتسۇنكى، «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن، ئۆز مىراسىڭنى خورلۇقتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ئەللەرگە سۆز-چۆچەك بولۇشقا قويمىغايسەن؛ ئەل-يۇرتلار ئارىسىدا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېيىلمىسۇن». 029 JOE 002 018 ئاندىن پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئوتلۇق مۇھەببىتىنى، ئۆز خەلقىگە رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتتى؛ 029 JOE 002 019 پەرۋەردىگار جاۋابەن ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: ــ «مانا، مەن سىلەرگە بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىمەن، سىلەر بۇلاردىن قاندۇرۇلىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە قىلىپ قويمايمەن؛ 029 JOE 002 020 ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ. 029 JOE 002 021 قورقما، ئى زېمىن؛ شادلىنىپ خۇشال بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان. 029 JOE 002 022 ئى دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار؛ چۈنكى چۆللۈكتىكى ئوت-چۆپلەر بەرق ئۇرماقتا؛ دەرەخ مېۋىسىنى بەرمەكتە، ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تېلى تولۇق ھوسۇل بېرىدۇ. 029 JOE 002 023 ھەم سىلەر، زىئوننىڭ بالىلىرى، شادلىنىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن خۇرسەن بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇ ھەققانىيلىق بويىچە سىلەرگە «ئاۋۋالقى يامغۇرلار»نى بېرىدۇ؛ ئۇ سىلەرگە ھۆل-يېغىن بېرىدۇ، يەنى باشتا بولغاندەك «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» ھەم «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ياغدۇرىدۇ. 029 JOE 002 024 خامانلار بۇغدايغا تولغان بولىدۇ، ئىدىش-كۈپلەر يېڭى شاراب ھەم مايلارغا تولۇپ تاشىدۇ. 029 JOE 002 025 ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ 029 JOE 002 026 سىلەر بولۇشىچە يەپ، قاندۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭدەك سىلەرگە كارامەت ئىشلارنى كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. 029 JOE 002 027 سىلەر مېنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە تۇرغانلىقىمنى، شۇنداقلا مەنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، مەندىن باشقا ھېچكىم بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. 029 JOE 002 028 ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ 029 JOE 002 029 بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن. 029 JOE 002 030 مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. 029 JOE 002 031 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 029 JOE 002 032 ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ. 029 JOE 003 001 چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە، مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە، 029 JOE 003 002 مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ، ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن، ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن. 029 JOE 003 003 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛ بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان، بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان. 029 JOE 003 004 ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ (بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!) 029 JOE 003 005 كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 029 JOE 003 006 يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 029 JOE 003 007 مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن. 029 JOE 003 008 ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن، ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 029 JOE 003 009 شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى، «جەڭگە تەييارلىنىڭلار، پالۋانلارنى قوزغاڭلار، جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن، جەڭگە ھازىر بولسۇن؛ 029 JOE 003 010 ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ، ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛ ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛ 029 JOE 003 011 ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!» 029 JOE 003 012 «ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن. 029 JOE 003 013 ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر» 029 JOE 003 014 ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى. 029 JOE 003 015 قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 029 JOE 003 016 پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ. 029 JOE 003 017 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ. 029 JOE 003 018 ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ. 029 JOE 003 019 مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن. 029 JOE 003 020 بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛ 029 JOE 003 021 ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر. # # BOOK 030 AMO Amos ئاموس 030 AMO 001 001 ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ 030 AMO 001 002 ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى. 030 AMO 001 003 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛ 030 AMO 001 004 شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 030 AMO 001 005 دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 001 006 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. 030 AMO 001 007 ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ 030 AMO 001 008 مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 030 AMO 001 009 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى. 030 AMO 001 010 ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 030 AMO 001 011 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛ 030 AMO 001 012 ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ». 030 AMO 001 013 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى. 030 AMO 001 014 ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ 030 AMO 001 015 ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 002 001 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. 030 AMO 002 002 ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ. 030 AMO 002 003 ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 002 004 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى. 030 AMO 002 005 ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 030 AMO 002 006 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛ 030 AMO 002 007 ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ. 030 AMO 002 008 ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە. 030 AMO 002 009 بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم. 030 AMO 002 010 ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم. 030 AMO 002 011 سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 002 012 بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار. 030 AMO 002 013 مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛ 030 AMO 002 014 ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 030 AMO 002 015 ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ يەلتاپان قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 030 AMO 002 016 پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 003 001 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ 030 AMO 003 002 «يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ [جازاسىنى] چۈشۈرىمەن». 030 AMO 003 003 ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟ 030 AMO 003 004 ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟ 030 AMO 003 005 تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟ 030 AMO 003 006 شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟ 030 AMO 003 007 رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ. 030 AMO 003 008 شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم [ئۇنىڭ] بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟ 030 AMO 003 009 ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار. 030 AMO 003 010 ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار! 030 AMO 003 011 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. 030 AMO 003 012 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ! 030 AMO 003 013 ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، 030 AMO 003 014 ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ. 030 AMO 003 015 مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 004 001 ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، خوجىلىرىغا: «[شارابنى] ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ 030 AMO 004 002 رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ. 030 AMO 004 003 ھەم سىلەر [ئاياللار] ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛ ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 004 004 ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار! ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، 030 AMO 004 005 «تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 030 AMO 004 006 «مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم، ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛ بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 030 AMO 004 007 ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛ بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛ بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛ يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛ 030 AMO 004 008 شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ [پۇقرالىرى] سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى، لېكىن قانمىدى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 030 AMO 004 009 مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛ «غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 030 AMO 004 010 مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ مەن قارارگاھىڭلاردىن [جەسەتلەرنىڭ] سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 030 AMO 004 011 مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 030 AMO 004 012 شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛ مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن، خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل! 030 AMO 004 013 چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر! 030 AMO 005 001 ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ 030 AMO 005 002 «پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر». 030 AMO 005 003 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ [ئىسرائىلنىڭ] مىڭ [لەشكەر] چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ 030 AMO 005 004 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ 030 AMO 005 005 بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ. 030 AMO 005 006 پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ. 030 AMO 005 007 ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار، 030 AMO 005 008 سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 030 AMO 005 009 ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 030 AMO 005 010 شۇ [ئىسرائىللار] شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ. 030 AMO 005 011 ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر. 030 AMO 005 012 چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ. 030 AMO 005 013 شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر. 030 AMO 005 014 ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 030 AMO 005 015 يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر. 030 AMO 005 016 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ. 030 AMO 005 017 ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 005 018 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. 030 AMO 005 019 ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ! 030 AMO 005 020 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟! 030 AMO 005 021 ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق. 030 AMO 005 022 چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن. 030 AMO 005 023 مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛ 030 AMO 005 024 بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن! 030 AMO 005 025 سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! 030 AMO 005 026 بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار! 030 AMO 005 027 ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار. 030 AMO 006 001 ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! 030 AMO 006 002 [سىلەر خەلققە]: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ [دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر]. 030 AMO 006 003 ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر، 030 AMO 006 004 پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، پادا توپىدىن پاخلانلارنى، كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر، 030 AMO 006 005 چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر، 030 AMO 006 006 شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ! 030 AMO 006 007 شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ. 030 AMO 006 008 رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛ 030 AMO 006 009 ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ. 030 AMO 006 010 ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن [تۇغقىنى] يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 030 AMO 006 011 سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ. 030 AMO 006 012 ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ 030 AMO 006 013 ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر. 030 AMO 006 014 چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ. 030 AMO 007 001 رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ كېيىنكى ئوت-چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى (بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ئوت-چۆپ ئورغاندىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق ئوت-چۆپ ئۆسكەن ۋاقىت ئىدى) 030 AMO 007 002 ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت-چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. 030 AMO 007 003 پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار. 030 AMO 007 004 رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتى ــ مانا، رەب پەرۋەردىگار [خەلقى] بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئوتنى چاقىردى؛ ئوت ھەتتا چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ قۇرۇتتى، مىراس بولغان زېمىننىمۇ يەپ كەتتى؛ 030 AMO 007 005 ئەمدى مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، توختىغايسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. 030 AMO 007 006 پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى رەب پەرۋەردىگار. 030 AMO 007 007 ئەمدى ئۇ ماڭا [مۇنداق بىر ئىشنى] كۆرسەتتى ــ ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛ 030 AMO 007 008 ۋە پەرۋەردىگار مەندىن: ــ «ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى» ــ دېدىم. رەب: «مەن يەنە ئۆز خەلقىم ئىسرائىل ئوتتۇرىسىغا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تىكلەيمەن؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن؛ 030 AMO 007 009 ھەم ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ، ئىسرائىلنىڭ تاۋاپگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ يەرەبوئام جەمەتىگە قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئورنۇمدىن تۇرىمەن» ــ دېدى. 030 AMO 007 010 شۇنىڭ بىلەن بەيت-ئەلدىكى كاھىن ئامازىيا ئىسرائىل پادىشاھى يەرەبوئامغا خەۋەر يوللاپ: ــ «ئاموس ئىسرائىل جەمەتى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ سىلىگە سۇيىقەست قىلدى؛ زېمىن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. 030 AMO 007 011 چۈنكى ئاموس: ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ دېدى. 030 AMO 007 012 ئاندىن ئامازىيا ئاموسقا: ــ ھەي ئالدىن كۆرگۈچى! بەس، يوقال، يەھۇدا زېمىنىغا قاچ، ئاشۇ يەردە بېشارەت بېرىپ، شۇ يەردە نان تېپىپ يە! 030 AMO 007 013 بىراق بەيت-ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى، شاھلىق ئۆيدۇر، ــ دېدى. 030 AMO 007 014 ئاموس ئامازىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەسمەن؛ بەلكى مەن بىر چارۋىچى، شۇنداقلا ئېرەن دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسىنى تەرگۈچى ئىدىم. 030 AMO 007 015 بىراق پادا بېقىۋاتقان چېغىمدا پەرۋەردىگار مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ماڭا: «بارغىن، خەلقىم ئىسرائىلغا بېشارەت بەر» ــ دېدى. 030 AMO 007 016 ئەمدى، ئى ئامازىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال! سەن ماڭا: «ئىسرائىلنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەتلەرنى بەرمە، ئىسھاق جەمەتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتما»، دېدىڭ. 030 AMO 007 017 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى بىلەن پارچىلىنىدۇ؛ سەن ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن؛ ۋە ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ»». 030 AMO 008 001 رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە. 030 AMO 008 002 ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى. 030 AMO 008 003 ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت! 030 AMO 008 004 بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر، زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ 030 AMO 008 005 «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار، ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ، ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار! 030 AMO 008 006 ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە، مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار، بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار! 030 AMO 008 007 پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى، ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن! 030 AMO 008 008 زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ. 030 AMO 008 009 شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن، زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن. 030 AMO 008 010 ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە، ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛ ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛ بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك، ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن. 030 AMO 008 011 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن. 030 AMO 008 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ. 030 AMO 008 013 شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛ 030 AMO 008 014 ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر، يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى [ئىلاھىي] تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ. 030 AMO 009 001 مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى [ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ] باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار! مەن شۇ [بۇتپەرەسلەر]دىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ، ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ. 030 AMO 009 002 ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛ 030 AMO 009 003 ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛ ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛ 030 AMO 009 004 دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن. 030 AMO 009 005 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ مىسىرنىڭ دەرياسىدەك [ئۆركەشلەپ]، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ. 030 AMO 009 006 راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛ دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 030 AMO 009 007 سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟ 030 AMO 009 008 قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 030 AMO 009 009 چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. 030 AMO 009 010 [ھالبۇكى]، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى: «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ. 030 AMO 009 011 شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن. 030 AMO 009 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار. 030 AMO 009 013 مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛ تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ، بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ. 030 AMO 009 014 ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛ ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. 030 AMO 009 015 مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ. # # BOOK 031 OBA Obadiah ئوبادىيا 031 OBA 001 001 ئوبادىيا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش: ــ رەب پەرۋەردىگار ئېدوم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (بىز پەرۋەردىگاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق) ــ «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلدى؛ ئۇ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇرايلى!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. 031 OBA 001 002 مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلدىم؛ سەن [ئەللەر ئارىسىدا] قاتتىق كەمسىتىلگەن خەلق بولىسەن! 031 OBA 001 003 ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى! 031 OBA 001 004 سەن بۈركۈتتەك ئۆزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭمۇ، چاڭگاڭنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا تىزساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 031 OBA 001 005 بۇلاڭچىلار قېشىڭغا كەلسىمۇ، ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، (ھەي، شۇنچە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن!) ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا ئوغرىلايتتى ئەمەسمۇ؟ ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ 031 OBA 001 006 بىراق ئەساۋنىڭ تەئەللۇقاتى قانداق ئاختۇرۇلدى! ئۇنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرى قانداق تېپىپ چىقىلدى! 031 OBA 001 007 بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭ سېنى چېگرايىڭغىچە ھەيدىۋېتىدۇ؛ سەن بىلەن ئىناق ئۆتكەنلەر سېنى ئالداپ، ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ نېنىڭنى يېگەنلەر ساڭا قىلتاق قۇرىدۇ؛ [سەن] دەرۋەقە يورۇتۇلمىغاندۇرسەن! 031 OBA 001 008 مەن شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى، ئەساۋدىن ئەقىل-پاراسەتنى يوقاتمامدىمەن؟ 031 OBA 001 009 شۇنىڭ بىلەن پالۋانلىرىڭ پاراكەندە بولىدۇ، ئى تېمان، شۇنىڭ بىلەن ئەساۋنىڭ تېغىدىكى ھەربىر ئادەم قىرغىنچىلىقتا قەتل قىلىنىدۇ. 031 OBA 001 010 ئۇكاڭ ياقۇپقا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ئىزا-ئاھانەت سېنى قاپلايدۇ؛ سەن مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن. 031 OBA 001 011 سەن بىر چەتتە [پەرۋاسىز] قاراپ تۇرغان كۈنى، يەنى ياقا يۇرتتىكىلەر [بۇرادىرىڭنىڭ] مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن كۈنى، تائىپىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈنى، سەن ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بولغانسەن. 031 OBA 001 012 بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ 031 OBA 001 013 ئۆز خەلقىمنى ئاپەت باسقان كۈنىدە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ ئۇلارنى ئاپەت باسقان كۈنىدە ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەمىگە ئېرەنسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، ئاپەت باسقان كۈنىدە قولۇڭنى مال-مۈلكىگە سوزماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ 031 OBA 001 014 سەن شەھەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاچا يولدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەت باسقان كۈنىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تاپشۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. 031 OBA 001 015 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈشكە يېقىن قالغاندۇر؛ سېنىڭ باشقىلارغا قىلغىنىڭدەك، ساڭىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ؛ ساڭا تېگىشلىك جازا ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ 031 OBA 001 016 چۈنكى سەن ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا [غەزىپىمنى] ئىچكىنىڭدەك، بارلىق ئەللەرمۇ شۇنداق توختاۋسىز ئىچىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئىچىدۇ، يۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھېچ مەۋجۇت ئەمەستەك يوقاپ كېتىدۇ. 031 OBA 001 017 بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ-قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛ 031 OBA 001 018 ۋە ياقۇپ جەمەتى ئوت، يۈسۈپ جەمەتى يالقۇن، ئەساۋ جەمەتى ئۇلارغا پاخال بولىدۇ؛ [ئوت ۋە يالقۇن] ئەساۋ جەمەتى ئىچىدە يېقىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ؛ ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچبىرسى قالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان. 031 OBA 001 019 [يەھۇدانىڭ] جەنۇبىدىكىلەر ئەساۋنىڭ تېغىغا ئىگە بولىدۇ؛ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكىلەر فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئەفرائىمنىڭ دالاسى ھەم سامارىيەنىڭ دالاسىغا ئىگە بولىدۇ؛ بىنيامىن گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ؛ 031 OBA 001 020 سۈرگۈن بولغانلاردىن قېلىپ قالغان ئىسرائىللاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن قانائاندىكىلەرگە تەۋە بولغان زېمىنغا زارەفاتقىچە ئىگە بولىدۇ؛ سەفارادتا سۈرگۈندە تۇرغان يېرۇسالېمدىكىلەر بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. 031 OBA 001 021 ئاندىن زىئون تېغى ئۈستىگە قۇتقۇزغۇچىلار چىقىدۇ، ئۇلار ئەساۋ تېغى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا تەۋە بولىدۇ! # # BOOK 032 JON Jonah يۇنۇس 032 JON 001 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا يېتىپ كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: — 032 JON 001 002 «ئورنۇڭدىن تۇر، دەرھال نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرىدۇ». 032 JON 001 003 بىراق يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىش دېگەن يۇرتقا كەتمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ يوپپا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان كېمە تېپىپ، كىراسىنى تۆلەپ ئۇنىڭغا چۈشتى ۋە كېمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى. 032 JON 001 004 پەرۋەردىگار بولسا زور بىر بوراننى دېڭىزغا تاشلىدى؛ شۇڭا دېڭىزدا دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپ، كېمە پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى. 032 JON 001 005 كېمىچىلەر بولسا بەك قورقۇپ كېتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىلاھلىرىغا خىتاب قىلىپ دۇئا قىلىشتى؛ ئۇلار كېمىنى يېنىكلىسۇن دەپ ئۇنىڭدىكى يۈك-تاقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىراق يۇنۇس بولسا، كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقانىدى. 032 JON 001 006 كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئەي، ئۇخلاۋاتقان كىشى، بۇ قانداق قىلىغىنىڭ؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭنى سېغىنىپ نىدا قىل! كىم بىلىدۇ، ئىلاھىڭنىڭ نەزىرى چۈشۈپ بىزنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالامدۇ تېخى؟» ــ دېدى. 032 JON 001 007 ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى. 032 JON 001 008 ئۇلار ئۇنىڭدىن: — قېنى، ئېيت، بېشىمىزغا چۈشكەن بۇ كۈلپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ؟ سېنىڭ تىرىكچىلىكىڭ نېمە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ قايسى ئەل، قايسى مىللەتتىن سەن؟ — دەپ سورىدى. 032 JON 001 009 ئۇ ئۇلارغا: — مەن بولسام ئىبرانىي مىللىتىدىن، ئەرشلەردىكى خۇدادىن، يەنى دېڭىزنى، يەر-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن قورققۇچىمەن، دېدى. 032 JON 001 010 بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى [چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى]. 032 JON 001 011 ئۇلار ئۇنىڭدىن: — ئەمدى بىز سېنى قانداق قىلساق دېڭىز بىز ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؟ — دەپ سورىدى؛ چۈنكى دېڭىز دولقۇنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. 032 JON 001 012 ئۇ ئۇلارغا: — مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ چاغدا دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؛ چۈنكى بىلىمەنكى، بۇ زور بوران مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرگە چۈشتى، — دېدى. 032 JON 001 013 بىراق بۇ ئادەملەر كۈچەپ پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى؛ ئەمما يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز قېرىشقاندەك تېخىمۇ دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. 032 JON 001 014 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈپ: — ئاھ پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىزنى بىزدىن كۆرمىگەيسەن! بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى ئۈستىمىزگە قويمىغايسەن! چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ئۆزۈڭنىڭ خالىغىنىڭنى قىلدىڭ! — دەپ نىدا قىلدى. 032 JON 001 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى. 032 JON 001 016 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ قەسەم ئىچىشتى. 032 JON 001 017 بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى. 032 JON 002 001 يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: — 032 JON 002 002 «مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ. 032 JON 002 003 چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ 032 JON 002 004 ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم. 032 JON 002 005 سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى. 032 JON 002 006 مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم. 032 JON 002 007 جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى. 032 JON 002 008 بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ. 032 JON 002 009 بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!» 032 JON 002 010 پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى. 032 JON 003 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: 032 JON 003 002 «ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا». 032 JON 003 003 يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى. 032 JON 003 004 يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ: قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى. 032 JON 003 005 نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. 032 JON 003 006 بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. 032 JON 003 007 ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. 032 JON 003 008 ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ 032 JON 003 009 كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». 032 JON 003 010 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى. 032 JON 004 001 ئەمما بۇ ئىش يۇنۇسنى ئىنتايىن نارازى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. 032 JON 004 002 ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن. 032 JON 004 003 ئەمدى پەرۋەردىگار، جېنىمنى مەندىن ئېلىپ كەت، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل» — دېدى. 032 JON 004 004 پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: — بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. 032 JON 004 005 ئاندىن كېيىن يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە بىر چەللە ياساپ، شەھەردە زادى نېمە ئىشلار بولاركىن دەپ ئۇنىڭ سايىسىدە ئولتۇردى. 032 JON 004 006 پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى ئۆز پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا سايە چۈشسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر كىچىك دەرەخنى ئۆستۈرۈپ تەييارلىدى. يۇنۇس كىچىك دەرەختىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. 032 JON 004 007 بىراق ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى تەييارلاپ ئەۋەتتى. قۇرت بۇ كىچىك دەرەخنى پىلىكىگە زەربە قىلىپ ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. 032 JON 004 008 كۈن قىزارغاندا، خۇدا ئىنتايىن ئىسسىق بىر شەرق شامىلىنى تەييارلىدى؛ كۈن تەپتىنى يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈردى، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ: — ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل، — دېدى. 032 JON 004 009 بىراق خۇدا ئۇنىڭدىن: — سېنىڭ ئاشۇ كىچىك دەرەخ سەۋەبىدىن شۇنداق ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ھەئە، ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر، — دېدى. 032 JON 004 010 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: — «سەن ھېچ ئەجرىڭنى سىڭدۈرمىگەن ھەم ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن بۇ كىچىك دەرەخكە ئىچىڭنى ئاغرىتتىڭ؛ بىراق ئۇ بىر كېچىدىلا ئۆزى ئۆسۈپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتتى؛ 032 JON 004 011 ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟». # # BOOK 033 MIC Micah مىكاھ 033 MIC 001 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن. 033 MIC 001 002 ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار! قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن! 033 MIC 001 003 چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ 033 MIC 001 004 ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، جىلغىلار يېرىلىدۇ، خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك، سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ. 033 MIC 001 005 بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛ ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»[نى ياساش] نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ 033 MIC 001 006 شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛ 033 MIC 001 007 ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. 033 MIC 001 008 بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن؛ يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛ مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن. 033 MIC 001 009 چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر، ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى. 033 MIC 001 010 بۇ [ئاپەتنى] گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار؛ بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار! 033 MIC 001 011 ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە [ئەسىرلىككە] ئۆت؛ زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛ بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ «[خۇدا] سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» 033 MIC 001 012 ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛ بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى. 033 MIC 001 013 تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛ (لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!) چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ. 033 MIC 001 014 شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛ ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ 033 MIC 001 015 مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ. 033 MIC 001 016 ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت، چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. 033 MIC 002 001 ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛ 033 MIC 002 002 ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛ ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ، ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ. 033 MIC 002 003 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر [بويۇنتۇرۇرقنى] ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛ سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛ چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ. 033 MIC 002 004 شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ، ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ: ــ «بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق!؛ ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛ ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى! ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى! 033 MIC 002 005 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن، سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ. 033 MIC 002 006 ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر [پەيغەمبەرلەر] بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ! 033 MIC 002 007 ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ 033 MIC 002 008 بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛ سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك [كىيىمسىز] قالدۇرىسىلەر. 033 MIC 002 009 خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر. 033 MIC 002 010 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛ چۈنكى ھالاكەتنى، يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن، بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ. 033 MIC 002 011 ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: ــ «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە، مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ! 033 MIC 002 012 مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ. 033 MIC 002 013 بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ. 033 MIC 003 001 مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟ 033 MIC 003 002 ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر! 033 MIC 003 004 بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!». 033 MIC 003 005 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!) 033 MIC 003 006 ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛ 033 MIC 003 007 «ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ. 033 MIC 003 008 بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن. 033 MIC 003 009 بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار، 033 MIC 003 010 زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار! 033 MIC 003 011 [زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ. 033 MIC 003 012 شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس. 033 MIC 004 001 بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. 033 MIC 004 002 نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. 033 MIC 004 003 ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛ 033 MIC 004 004 بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى. 033 MIC 004 005 بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ، بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز. 033 MIC 004 006 شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن؛ 033 MIC 004 007 ۋە مېيىپ بولغۇچىنى بىر «قالدى»، ھەيدىۋېتىلگەننى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە. 033 MIC 004 008 ۋە سەن، ئى پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار، ــ زىئون قىزىنىڭ ئېگىزلىكى، [پادىشاھلىق] ساڭا كېلىدۇ: ــ ــ بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ. 033 MIC 004 009 ئەمدى سەن ھازىر نېمىشقا نىدا قىلىپ نالە كۆتۈرىسەن؟ سەندە پادىشاھ يوقمىدى؟ سېنىڭ مۇشاۋىرىڭمۇ ھالاك بولغانمىدى، ئايالنى تولغاق تۇتقاندەك ئازابلار سېنى تۇتۇۋالغانمىدى؟ 033 MIC 004 010 ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، ھازىر دالادا تۇرىسەن، سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن. سەن ئاشۇ يەردە قۇتقۇزۇلىسەن؛ ئاشۇ يەردە پەرۋەردىگار ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزىدۇ. 033 MIC 004 011 ۋە ھازىر نۇرغۇن ئەللەر: ــ «ئۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بۇلغانسۇن! كۆزىمىز زىئوننىڭ [ئىزاسىنى] كۆرسۈن!» ــ دەپ ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ؛ 033 MIC 004 012 بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ نىشانىنى چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆنچىلەرنى خامانغا يىغقاندەك ئۇ ئۇلارنى يىغىپ قويدى. 033 MIC 004 013 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ غەنىمىتىنى پەرۋەردىگارغا، ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئىگىسىگە بېغىشلايمەن. 033 MIC 005 001 ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛ 033 MIC 005 002 (سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان [شەھەر-يېزىلار] ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ [ھۇزۇرۇمدىن] چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى) 033 MIC 005 003 شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ قويىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 033 MIC 005 004 ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ. 033 MIC 005 005 ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛ 033 MIC 005 006 ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. 033 MIC 005 007 ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ [ئەجرىنى] كۈتۈپ تۇرمايدۇ. 033 MIC 005 008 ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ. 033 MIC 005 009 قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 033 MIC 005 010 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن. 033 MIC 005 011 زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن. 033 MIC 005 012 سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ. 033 MIC 005 013 مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن. 033 MIC 005 014 ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛ 033 MIC 005 015 ۋە [ماڭا] قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن. 033 MIC 006 001 پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ھازىر ئاڭلاڭلار: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن». 033 MIC 006 002 «ئى تاغلار، ۋە سىلەر، يەر-زېمىننىڭ ئۆزگەرمەس ئۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىر دەۋاسى بار، ئۇ ئىسرائىل بىلەن مۇنازىلىشىپ ئەيىبىنى كۆرسەتمەكچى؛ 033 MIC 006 003 ئى خەلقىم، مەن ساڭا زادى نېمە قىلدىم؟ سېنى نېمە ئىشتا بىزار قىلىپتىمەن؟ مېنىڭ خاتالىقىم توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىشكىن! 033 MIC 006 004 چۈنكى مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقاردىم، سېنى قۇللۇق ماكانىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇم؛ ئالدىڭدا يېتەكلەشكە مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى ئەۋەتتىم. 033 MIC 006 005 ئى خەلقىم، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىيلىقلىرىنى بىلىپ يېتىشىڭلار ئۈچۈن، موئاب پادىشاھى بالاكنىڭ قانداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى، شىتتىمدىن گىلگالغىچە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھازىر ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. 033 MIC 006 006 ــ مەن ئەمدى نېمىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگار ئالدىغا كېلىمەن؟ نېمەم بىلەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ ئالدىدا ئېگىلىمەن؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، بىر يىللىق موزايلارنى ئېلىپ كېلەمدىم؟ 033 MIC 006 007 پەرۋەردىگار مىڭلىغان قوچقارلاردىن، تۈمەنلىگەن زەيتۇن مېيى دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئالامدۇ؟ ئىتائەتسىزلىكىم ئۈچۈن تۇنجى بالامنى، تېنىمنىڭ پۇشتىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟ 033 MIC 006 008 ئى ئىنسان، ئۇ ساڭا نېمە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بەرھەق، پەرۋەردىگار سەندىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ــ ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، سېنىڭ خۇدايىڭ بىلەن بىللە كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشىڭ بولسۇن؟ 033 MIC 006 009 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى شەھەرگە خىتاب قىلىپ چاقىرىدۇ؛ (پەم-دانالىق بولسا نامىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ!) ئەمدى ھۆكۈم پالىقىنى ۋە ئۇنى بېكىتكىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ 033 MIC 006 010 رەزىل ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەزىللىكتىن ئالغان بايلىقلار يەنە بارمىدۇ؟ كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئۆلچەم يەنە بارمىدۇ؟ 033 MIC 006 011 بىئادىل تارازا بىلەن، بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن پاك بولالامدىم؟ 033 MIC 006 012 چۈنكى شەھەرنىڭ بايلىرى زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇنىڭ ئاھالىسى يالغان گەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى تىلى ئالدامچىدۇر. 033 MIC 006 013 شۇڭا مەن سېنى ئۇرۇپ كېسەل قىلىمەن، گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن سېنى خارابە قىلىمەن. 033 MIC 006 014 يەيسەن، بىراق تويۇنمايسەن، ئوتتۇراڭدا ئاچ-بوشلۇق قالىدۇ، سەن مۈلكۈڭنى ئېلىپ يۆتكىمەكچى بولىسەن، بىراق ساقلىيالمايسەن؛ ساقلاپ قالدۇرغىنىڭ بولسىمۇ، ئۇنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن. 033 MIC 006 015 تېرىيسەن، بىراق ھوسۇل ئالمايسەن؛ زەيتۇنلارنى چەيلەيسەن، بىراق ئۆزۈڭنى مېيىنى سۈرتۈپ مەسىھ قىلالمايسەن، يېڭى شارابنى چەيلەپ چىقىرىسەن، بىراق شاراب ئىچەلمەيسەن. 033 MIC 006 016 چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن؛ سەن ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدە ماڭىسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى خارابە، سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن؛ سەن خەلقىمدىكى شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرىسەن. 033 MIC 007 001 مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ، ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن، يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛ جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر! 033 MIC 007 002 ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ. 033 MIC 007 003 رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا. 033 MIC 007 004 ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر. ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ [قورقۇپ] كۈتكەن كۈن، يەنى [خۇدا] ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى. 033 MIC 007 005 ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە، جان دوستۇڭغا تايانما؛ ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر. 033 MIC 007 006 چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. 033 MIC 007 007 بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ. 033 MIC 007 008 ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛ گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ. 033 MIC 007 009 مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن. 033 MIC 007 010 ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] كۆرىدۇ؛ ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ. 033 MIC 007 011 ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە، شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ. 033 MIC 007 012 شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن، مىسىردىن [ئەفرات] دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ. 033 MIC 007 013 بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ. 033 MIC 007 014 ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛ قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن! 033 MIC 007 015 ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن. 033 MIC 007 016 ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛ 033 MIC 007 017 ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛ ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ. 033 MIC 007 018 قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟ 033 MIC 007 019 ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن. 033 MIC 007 020 ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا، ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن. # # BOOK 034 NAH Nahum ناھۇم 034 NAH 001 001 نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب. 034 NAH 001 002 پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ. 034 NAH 001 003 پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر. 034 NAH 001 004 ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ. 034 NAH 001 005 تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. 034 NAH 001 006 كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ. 034 NAH 001 007 پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ. 034 NAH 001 008 بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ. 034 NAH 001 009 سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ. 034 NAH 001 010 ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ. 034 NAH 001 011 سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر. 034 NAH 001 012 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، [ئى خەلقىم]، قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن. 034 NAH 001 013 ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن. 034 NAH 001 014 پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن. 034 NAH 001 015 مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ. 034 NAH 002 001 بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت! 034 NAH 002 002 (چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى). 034 NAH 002 003 [بىتچىت قىلغۇچىنىڭ] پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛ 034 NAH 002 004 جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ. 034 NAH 002 005 [سەردار] ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، [باشلىرىغا] بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ. 034 NAH 002 006 «دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، [پادىشاھنىڭ] ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ. 034 NAH 002 007 خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ [دۈشمەن] تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ، مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ. 034 NAH 002 008 نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك [تىنچ] بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... ئەي توختا! ئەي توختا! ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ. 034 NAH 002 009 كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. 034 NAH 002 010 ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ. 034 NAH 002 011 قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟ 034 NAH 002 012 شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى. 034 NAH 002 013 مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ. 034 NAH 003 001 قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس! 034 NAH 003 002 ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى! 034 NAH 003 003 قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. 034 NAH 003 004 ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن، 034 NAH 003 005 مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن. 034 NAH 003 006 ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن. 034 NAH 003 007 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟ 034 NAH 003 008 سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ 034 NAH 003 009 ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛ 034 NAH 003 010 ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى. 034 NAH 003 011 سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛ 034 NAH 003 012 سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. 034 NAH 003 013 مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ. 034 NAH 003 014 ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي! 034 NAH 003 015 ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل! 034 NAH 003 016 سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ! 034 NAH 003 017 سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. 034 NAH 003 018 چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛ 034 NAH 003 019 سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟ # # BOOK 035 HAB Habakkuk ھاباككۇك 035 HAB 001 001 ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ 035 HAB 001 002 ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟ مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن. 035 HAB 001 003 سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن، نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟ چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛ جەڭگى-جېدەللەر بار، دەۋالار كۆپەيمەكتە. 035 HAB 001 004 شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى، ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛ چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛ شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ. 035 HAB 001 005 ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار. 035 HAB 001 006 چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛ 035 HAB 001 007 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛ 035 HAB 001 008 ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك، كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛ ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛ ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ. 035 HAB 001 009 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ، ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ. 035 HAB 001 010 بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ، ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ. 035 HAB 001 011 شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ. 035 HAB 001 012 سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟ بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛ سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى [بىزگە] ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن. 035 HAB 001 013 سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟ 035 HAB 001 014 سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛ 035 HAB 001 015 شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛ 035 HAB 001 016 ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ، چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول، نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى. 035 HAB 001 017 ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە، شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟ 035 HAB 002 001 «ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن، ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن». 035 HAB 002 002 ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛ ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛ 035 HAB 002 003 چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن، ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ، ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛ ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ. 035 HAB 002 004 قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ. 035 HAB 002 005 بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. 035 HAB 002 006 بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ، كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ «ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي! ([بۇنداق ئىشلار] قاچانغىچە بولىدۇ؟!) گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!» 035 HAB 002 007 سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟ سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟ ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟ 035 HAB 002 008 سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ 035 HAB 002 009 ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي! 035 HAB 002 010 نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ، ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ. 035 HAB 002 011 چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ، ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ 035 HAB 002 012 يۇرتنى قان بىلەن، شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!» 035 HAB 002 013 مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟ 035 HAB 002 014 چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. 035 HAB 002 015 ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي! 035 HAB 002 016 شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ ئۆزۈڭمۇ ئىچ، خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ. 035 HAB 002 017 لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ، كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن، بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ. 035 HAB 002 018 ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟ 035 HAB 002 019 ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر. 035 HAB 002 020 بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر! پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! 035 HAB 003 001 ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى، «شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ 035 HAB 003 002 «پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! 035 HAB 003 003 تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛ سېلاھ! ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى، يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛ 035 HAB 003 004 ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى، قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛ شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. 035 HAB 003 005 ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا، پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛ 035 HAB 003 006 ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛ ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛ «مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر. 035 HAB 003 007 مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم. 035 HAB 003 008 پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن! 035 HAB 003 009 سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى، سۆزۈڭ بويىچە، [ئىسرائىل] قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى! سېلاھ! سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ. 035 HAB 003 010 تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛ دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛ چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. 035 HAB 003 011 ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ، پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ، قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى. 035 HAB 003 012 سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛ ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛ 035 HAB 003 013 ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛ ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛ سېلاھ! 035 HAB 003 014 سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛ ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر! 035 HAB 003 015 سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ! 035 HAB 003 016 مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك. 035 HAB 003 017 چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ، ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ، زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ، ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ، قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ، 035 HAB 003 018 مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن، 035 HAB 003 019 پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن). # # BOOK 036 ZEP Zephaniah زەفانىيا 036 ZEP 001 001 ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ 036 ZEP 001 002 مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 036 ZEP 001 003 ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 036 ZEP 001 004 ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ 036 ZEP 001 005 شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى، 036 ZEP 001 006 پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن. 036 ZEP 001 007 رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛ 036 ZEP 001 008 پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ 036 ZEP 001 009 شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن. 036 ZEP 001 010 شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. 036 ZEP 001 011 «ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!» 036 ZEP 001 012 ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن، ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن. 036 ZEP 001 013 ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ. 036 ZEP 001 014 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. 036 ZEP 001 015 شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن، 036 ZEP 001 016 ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ. 036 ZEP 001 017 مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛ 036 ZEP 001 018 پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 036 ZEP 002 001 يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»، 036 ZEP 002 002 يارلىق چىققۇچە، كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، 036 ZEP 002 003 پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر. 036 ZEP 002 004 چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 036 ZEP 002 005 دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى! ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن. 036 ZEP 002 006 دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار، قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛ 036 ZEP 002 007 دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛ ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. 036 ZEP 002 008 مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. 036 ZEP 002 009 شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ. 036 ZEP 002 010 ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. 036 ZEP 002 011 پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. 036 ZEP 002 012 ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر. 036 ZEP 002 013 ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ. 036 ZEP 002 014 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛ چۆل ھۇۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛ دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛ بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛ 036 ZEP 002 015 مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ. 036 ZEP 003 001 ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! 036 ZEP 003 002 ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى. 036 ZEP 003 003 ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛ 036 ZEP 003 004 ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار. 036 ZEP 003 005 ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ. 036 ZEP 003 006 ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان. 036 ZEP 003 007 مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى. 036 ZEP 003 008 شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. 036 ZEP 003 009 چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن، 036 ZEP 003 010 چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ. 036 ZEP 003 011 شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛ 036 ZEP 003 012 ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. 036 ZEP 003 013 ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. 036 ZEP 003 014 يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى! 036 ZEP 003 015 پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. 036 ZEP 003 016 شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن! 036 ZEP 003 017 پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ. 036 ZEP 003 018 جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى. 036 ZEP 003 019 مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى [ئۆزۈمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن. 036 ZEP 003 020 مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى [ئۆيگە] ئېپكېلىمەن؛ چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، [ئۆزەمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. # # BOOK 037 HAG Haggai ھاگاي 037 HAG 001 001 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ 037 HAG 001 002 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ. 037 HAG 001 003 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 037 HAG 001 004 بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟ 037 HAG 001 005 مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! 037 HAG 001 006 تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛ يەيسىلەر، بىراق تويمايسىلەر؛ ئىچىسىلەر، بىراق قانمايسىلەر؛ كىيىسىلەر، بىراق ھېچقانداق ئىللىمايسىلەر؛ ئىش ھەققى ئالغۇچى بولسا، خۇددى ئىش ھەققىنى تۆشۈك ھەميانغا سالغانغا ئوخشاشتۇر. 037 HAG 001 007 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! 037 HAG 001 008 تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 037 HAG 001 009 ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ــ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ خارابە بولغىنىغا قارىماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى [سېلىشقا] يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر. 037 HAG 001 010 شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛ 037 HAG 001 011 مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم. 037 HAG 001 012 شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى. 037 HAG 001 013 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ: ــ «مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېدى. 037 HAG 001 014 ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى. 037 HAG 001 015 بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى. 037 HAG 002 001 يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: 037 HAG 002 002 ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ 037 HAG 002 003 «ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. 037 HAG 002 004 ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 037 HAG 002 005 ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار. 037 HAG 002 006 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ 037 HAG 002 007 مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 037 HAG 002 008 ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 037 HAG 002 009 ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». 037 HAG 002 010 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 037 HAG 002 011 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ 037 HAG 002 012 «بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «[خۇداغا] ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «[خۇداغا] ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى. 037 HAG 002 013 ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى. 037 HAG 002 014 ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ. 037 HAG 002 015 ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، 037 HAG 002 016 شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. 037 HAG 002 017 مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. 037 HAG 002 018 ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ 037 HAG 002 019 دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن». 037 HAG 002 020 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 037 HAG 002 021 ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛ 037 HAG 002 022 پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ. 037 HAG 002 023 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». # # BOOK 038 ZEC Zechariah زەكەرىيا 038 ZEC 001 001 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 001 002 ــ «پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. 038 ZEC 001 003 شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن. 038 ZEC 001 004 ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 038 ZEC 001 005 ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟ 038 ZEC 001 006 لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن. 038 ZEC 001 007 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق بېشارەتنى كۆردى: ــ 038 ZEC 001 008 مەن كېچىدە [ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى] كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى. 038 ZEC 001 009 مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» ــ دېدى. 038 ZEC 001 010 خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» ــ دېدى. 038 ZEC 001 011 بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» ــ دېدى. 038 ZEC 001 012 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» ــ دېدى. 038 ZEC 001 013 پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى. 038 ZEC 001 014 شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ! 038 ZEC 001 015 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن [خەلقىمگە] سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ [خەلقىمگە] زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ. 038 ZEC 001 016 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ». 038 ZEC 001 017 ــ يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ئاۋاتلىشىدۇ، پەرۋەردىگار يەنە زىئونغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ». 038 ZEC 001 018 ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، مانا تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. 038 ZEC 001 019 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرۇسالېمنى تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» ــ دېدى. 038 ZEC 001 020 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەننى كۆرسەتتى. 038 ZEC 001 021 مەن: «بۇ [ھۈنەرۋەنلەر] نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مانا بۇلار بولسا يەھۇدادىكىلەرنى ھېچكىم قەددىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەر؛ بىراق بۇ [ھۈنەرۋەنلەر مۈڭگۈزلەرنى] دەككە-دۈككىگە چۈشۈرگىلى، يەنى ئەللەرنىڭ يەھۇدانىڭ زېمىنىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكىلى كەلدى!» ــ دېدى. 038 ZEC 002 001 ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم 038 ZEC 002 002 ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى [ئۆلچەپ] بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى. 038 ZEC 002 003 مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى 038 ZEC 002 004 ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. 038 ZEC 002 005 ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن. 038 ZEC 002 006 ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». 038 ZEC 002 007 «ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن! 038 ZEC 002 008 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ. 038 ZEC 002 009 چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 038 ZEC 002 010 ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 038 ZEC 002 011 ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ 038 ZEC 002 012 شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ. 038 ZEC 002 013 بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!» 038 ZEC 003 001 ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى. 038 ZEC 003 002 پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ [كىشى] ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ دېدى. 038 ZEC 003 003 يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 038 ZEC 003 004 ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» ــ دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» ــ دېدى. 038 ZEC 003 005 مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى. 038 ZEC 003 006 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ 038 ZEC 003 007 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 038 ZEC 003 008 ــ ئى باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان ھەمراھلىرىڭ ئاڭلاڭلار (چۈنكى ئۇلار بېشارەتلىك ئادەملەر): ــ مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇمنى مەيدانغا چىقىرىمەن. 038 ZEC 003 009 مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قارا! ــ بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن بۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ تاشلايمەن. 038 ZEC 003 010 شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارنى ئۈزۈم تېلى ۋە ئەنجۈر دەرىخى ئاستىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسىلەر». 038 ZEC 004 001 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛ 038 ZEC 004 002 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛ 038 ZEC 004 003 ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم. 038 ZEC 004 004 ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. 038 ZEC 004 005 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. 038 ZEC 004 006 ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 038 ZEC 004 007 ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ [ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ». 038 ZEC 004 008 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 004 009 «زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 038 ZEC 004 010 كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «[يەتتە]» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر». 038 ZEC 004 011 مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ 038 ZEC 004 012 ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم. 038 ZEC 004 013 ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. 038 ZEC 004 014 ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى. 038 ZEC 005 001 ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم. 038 ZEC 005 002 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم. 038 ZEC 005 003 ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». 038 ZEC 005 004 ــ «مەن بۇ [يازمىنى] چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ». 038 ZEC 005 005 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى. 038 ZEC 005 006 مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا [شۇ رەزىللەرنىڭ] پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. 038 ZEC 005 007 ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. 038 ZEC 005 008 ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى. 038 ZEC 005 009 بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. 038 ZEC 005 010 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. 038 ZEC 005 011 ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 038 ZEC 006 001 ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى. 038 ZEC 006 002 بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛ 038 ZEC 006 003 ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى. 038 ZEC 006 004 مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. 038 ZEC 006 005 پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى. 038 ZEC 006 006 قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ. 038 ZEC 006 007 ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: «مېڭىڭلار، يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىڭلار» ــ دېدى؛ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق ماڭدى. 038 ZEC 006 008 ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى. 038 ZEC 006 009 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 006 010 سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛ 038 ZEC 006 011 شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛ 038 ZEC 006 012 ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن. 038 ZEC 006 013 «بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ. 038 ZEC 006 014 مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ. 038 ZEC 006 015 ۋە يىراقتا تۇرۇۋاتقانلار كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ». 038 ZEC 007 001 دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى. 038 ZEC 007 002 شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرەزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى. 038 ZEC 007 003 بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. 038 ZEC 007 004 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 007 005 «زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟ 038 ZEC 007 006 يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ 038 ZEC 007 007 بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟ 038 ZEC 007 008 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 007 009 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، 038 ZEC 007 010 تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن. 038 ZEC 007 011 بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ 038 ZEC 007 012 ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛ 038 ZEC 007 013 شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، 038 ZEC 007 014 ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان». 038 ZEC 008 001 ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 008 002 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن [ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە] غەزىپىم قايناپ تاشتى. 038 ZEC 008 003 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. 038 ZEC 008 004 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛ 038 ZEC 008 005 شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. 038 ZEC 008 006 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 038 ZEC 008 007 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ 038 ZEC 008 008 مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». 038 ZEC 008 009 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! 038 ZEC 008 010 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛ 038 ZEC 008 011 بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ 038 ZEC 008 012 چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن. 038 ZEC 008 013 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر [ئۇلارغا] بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! 038 ZEC 008 014 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ [جازا] يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ 038 ZEC 008 015 مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار. 038 ZEC 008 016 مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛ 038 ZEC 008 017 ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 038 ZEC 008 018 ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 038 ZEC 008 019 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار. 038 ZEC 008 020 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ 038 ZEC 008 021 بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. 038 ZEC 008 022 كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. 038 ZEC 008 023 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ. 038 ZEC 009 001 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ 038 ZEC 009 002 ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، 038 ZEC 009 003 ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. 038 ZEC 009 004 مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ. 038 ZEC 009 005 ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. 038 ZEC 009 006 شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. 038 ZEC 009 007 مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. 038 ZEC 009 008 مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن. 038 ZEC 009 009 زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛ 038 ZEC 009 010 شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ. 038 ZEC 009 011 ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن. 038 ZEC 009 012 مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. 038 ZEC 009 013 چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. 038 ZEC 009 014 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. 038 ZEC 009 015 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار [قانغا] مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، [قانغا] تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. 038 ZEC 009 016 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. 038 ZEC 009 017 شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ! 038 ZEC 010 001 پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ. 038 ZEC 010 002 چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە. 038 ZEC 010 003 مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» [يېتەكچىلەرنى] جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ. 038 ZEC 010 004 ئۇنىڭدىن [يەنى يەھۇدادىن] «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ. 038 ZEC 010 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، [دۈشمەنلەرنى] كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. 038 ZEC 010 006 مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. 038 ZEC 010 007 ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ. 038 ZEC 010 008 مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ. 038 ZEC 010 009 مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ. 038 ZEC 010 010 مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ. 038 ZEC 010 011 شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ. 038 ZEC 010 012 مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 038 ZEC 011 001 ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! 038 ZEC 011 002 ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى! 038 ZEC 011 003 پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى [بولغان چىمەن-يايلاق] ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان [بۈك-باراقسانلىقى] ۋەيران قىلىندى. 038 ZEC 011 004 پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن! 038 ZEC 011 005 ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ. 038 ZEC 011 006 چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن. 038 ZEC 011 007 شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم. 038 ZEC 011 008 شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ [خەلقتىن] بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى. 038 ZEC 011 009 مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم. 038 ZEC 011 010 مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. 038 ZEC 011 011 ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 038 ZEC 011 012 ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى. 038 ZEC 011 013 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم. 038 ZEC 011 014 ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم. 038 ZEC 011 015 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. 038 ZEC 011 016 چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ. 038 ZEC 011 017 پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. 038 ZEC 012 001 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت: ــ ئاسمانلارنى يايغۇچى، يەرنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇنىڭ ئىچىدە ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 038 ZEC 012 002 مانا، مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرگە كىشىلەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئاپقۇر قىلىمەن؛ يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان مۇھاسىرە يەھۇداغىمۇ چۈشىدۇ. 038 ZEC 012 003 شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ. 038 ZEC 012 004 شۇ كۈنى مەن ھەممە ئاتلارنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئاتلىقلارنى ساراڭ قىلىپ ئۇرىمەن؛ بىراق يەھۇدا جەمەتىنى كۆزۈمدە تۇتىمەن؛ ئەللەردىكى ھەربىر ئاتنى بولسا كورلۇق بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن. 038 ZEC 012 005 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرى كۆڭلىدە: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئارقىلىق ماڭا كۈچ بولىدۇ» دەيدۇ. 038 ZEC 012 006 شۇ كۈنى مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى ئوتۇنلار ئارىسىدىكى ئوتداندەك، ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن؛ ئۇلار ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى، يەنى ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكىلەرنى يەۋېتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىكىلەر يەنە ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېم شەھىرىدە تۇرىدىغان بولىدۇ. 038 ZEC 012 007 پەرۋەردىگار ئاۋۋال يەھۇدانىڭ چېدىرلىرىنى قۇتقۇزىدۇ؛ سەۋەبى ــ داۋۇت جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ شان-شەرىپى يەھۇدانىڭكىدىن ئۇلۇغلانماسلىقى ئۈچۈندۇر. 038 ZEC 012 008 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغدايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەلەڭشىپ قالغانلارمۇ شۇ كۈنى داۋۇتتەك پالۋان بولىدۇ؛ داۋۇت جەمەتى بولسا خۇدادەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدەك كۈچلۈك بولىدۇ. 038 ZEC 012 009 شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن بارلىق ئەللەرنى ھالاك قىلىشقا كىرىشىمەن. 038 ZEC 012 010 ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. 038 ZEC 012 011 شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا غايەت زور يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ. 038 ZEC 012 012 زېمىن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ھەربىر ئائىلە ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. داۋۇت جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا، ناتان جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ 038 ZEC 012 013 لاۋىي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ شىمەي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ 038 ZEC 012 014 بارلىق تىرىك قالغان ئائىلىلەر، يەنى ھەربىر ئائىلە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. 038 ZEC 013 001 شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ. 038 ZEC 013 002 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. 038 ZEC 013 003 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. 038 ZEC 013 004 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ 038 ZEC 013 005 ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. 038 ZEC 013 006 ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 038 ZEC 013 007 ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. 038 ZEC 013 008 زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. 038 ZEC 013 009 ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ. 038 ZEC 014 001 مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ [ئۇ كۈنى] ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. 038 ZEC 014 002 مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ. 038 ZEC 014 003 ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ. 038 ZEC 014 004 ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. 038 ZEC 014 005 ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ! 038 ZEC 014 006 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛ 038 ZEC 014 007 بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ. 038 ZEC 014 008 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ. 038 ZEC 014 009 پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ. 038 ZEC 014 010 گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ 038 ZEC 014 011 ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. 038 ZEC 014 012 ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ. 038 ZEC 014 013 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ. 038 ZEC 014 014 يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ ــ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ. 038 ZEC 014 015 ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ. 038 ZEC 014 016 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ. 038 ZEC 014 017 شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ. 038 ZEC 014 018 مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ. 038 ZEC 014 019 بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ. 038 ZEC 014 020 شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛ 038 ZEC 014 021 يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ. # # BOOK 039 MAL Malachi مالاكى 039 MAL 001 001 پەرۋەردىگاردىن مالاكىغا يۈكلەنگەن ۋەھىي، ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىلغا كەلگەن: ــ 039 MAL 001 002 ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر. ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم، 039 MAL 001 003 ئەساۋغا نەپرەتلەندىم؛ ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆل قىلدىم، مىراسىنى چۆل-باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم. 039 MAL 001 004 ئېدوم: «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق بىز خارابىلەشكەن جايلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز» ــ دېسە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۇلار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ. 039 MAL 001 005 سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 001 006 ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 001 007 سىلەر قۇربانگاھىم ئۈستىگە بۇلغانغان ئوزۇقنى سۇنىسىلەر؛ ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ سېنى بۇلغاپ قويدۇق؟» ــ دەيسىلەر؛ ئەمەلىيەتتە سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 001 008 كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر بۇنى سېنىڭ ۋالىيىڭغا سۇنۇپ باق؛ ئۇ سەندىن خۇرسەن بولامدۇ؟ ساڭا يۈز-خاتىرە قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 001 009 ــ ئەمدى، قېنى، سىلەر تەڭرىدىن بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن دەپ ئۆتۈنۈپ بېقىڭلار؛ قولۇڭلاردىن مۇشۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سىلەردىن ھەرقاندىقىڭلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 001 010 ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن-بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن. 039 MAL 001 011 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 001 012 بىراق سىلەر بولساڭلار: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان، ئۇنىڭ مېۋىسى، يەنى ئاش-ئوزۇقى نەپرەتلىكتۇر» ــ دېگىنىڭلاردا، سىلەر ئۇنى ھارام قىلىسىلەر؛ 039 MAL 001 013 ۋە سىلەر: «مانا، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك!» دەيسىلەر ۋە ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ سىلەر يارىلانغان، توكۇر ھەم كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى شۇ پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر؛ مەن بۇنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 039 MAL 001 014 بەرھەق، پادىسىدا قوچقار تۇرۇپ، رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھدۇرمەن، نامىم ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىدىغان بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 002 001 ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر-پەرمان سىلەرگە چۈشتى: ــ 039 MAL 002 002 سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر [شەرىپىمگە] كۆڭۈل قويمىدىڭلار. 039 MAL 002 003 مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. 039 MAL 002 004 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 002 005 ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى. 039 MAL 002 006 ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان. 039 MAL 002 007 چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر. 039 MAL 002 008 ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، 039 MAL 002 009 ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان. 039 MAL 002 010 ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟ 039 MAL 002 011 يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى. 039 MAL 002 012 ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. 039 MAL 002 013 سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق-ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى. 039 MAL 002 014 بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. 039 MAL 002 015 خۇدا [ئەر-ئايالنى] بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ [خۇدا] نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! 039 MAL 002 016 چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار! 039 MAL 002 017 ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. سەۋر-تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل: «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ! 039 MAL 003 001 ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 003 002 ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛ 039 MAL 003 003 ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ. 039 MAL 003 004 ئاندىن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ قۇربانلىق-ھەدىيىلىرى پەرۋەردىگارغا كونا زامانلاردىكىدەك، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك شېرىن بولىدۇ. 039 MAL 003 005 مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 003 006 چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن؛ شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر. 039 MAL 003 007 ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ سىلەر بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇلارنى ھېچ تۇتمىغانسىلەر. مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «بىز قانداقمۇ قايتىپ كېلىمىز؟» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 003 008 ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر! 039 MAL 003 009 سىلەر ئېغىر بىر لەنەتكە قالدىڭلار، چۈنكى ماڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ــ سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! 039 MAL 003 010 ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟ 039 MAL 003 011 شۇنداق بولغاندىلا مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇ توپرىقىڭلاردىكى مېۋىلەرنى ۋەيران قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ باغ-ئېتىزلىرىڭلاردىكى تال ئۈزۈملەر ۋاقىتسىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 003 012 ــ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى يېرىڭلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر زېمىن بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 003 013 ــ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ماڭا قاتتىق تەگدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر يەنە: «بىز سەن بىلەن قارشىلىشىدىغان نېمە سۆز قىلدۇق؟» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 003 014 ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر، 039 MAL 003 015 ھەم شۇنىڭدەك: «تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز؛ رەزىللىك قىلغۇچىلار روناق تاپىدۇ؛ ئۇلار بەرھەق خۇدانى سىنايدۇ، بىراق قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» ــ دەيسىلەر. 039 MAL 003 016 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار [بۇنى ئاڭلاپ] پات-پات بىر-بىرى بىلەن مۇڭداشتى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى نەزىرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى. 039 MAL 003 017 ــ بۇ كىشىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە گۆھەرىمنى يىغقان كۈنىدە مېنىڭكى بولىدۇ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن خۇددى ئادەم ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا ئىچىنى ئاغرىتقاندەك ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن. 039 MAL 003 018 سىلەر قايتىپ كېلىسىلەر ۋە ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. 039 MAL 004 001 ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ. 039 MAL 004 002 لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛ 039 MAL 004 003 سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 039 MAL 004 004 ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار. 039 MAL 004 005 ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. 039 MAL 004 006 ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن. # # BOOK 040 MAT Matthew ماتتا 040 MAT 001 001 بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ 040 MAT 001 002 ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ 040 MAT 001 003 يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، 040 MAT 001 004 رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 040 MAT 001 005 سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، 040 MAT 001 006 يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، 040 MAT 001 007 سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، 040 MAT 001 008 ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، 040 MAT 001 009 ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، 040 MAT 001 010 ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ 040 MAT 001 011 بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. 040 MAT 001 012 بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، 040 MAT 001 013 زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، 040 MAT 001 014 ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، 040 MAT 001 015 ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، 040 MAT 001 016 ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى. 040 MAT 001 017 شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان. 040 MAT 001 018 ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 040 MAT 001 019 لېكىن ئۇنىڭ [بولغۇسى] ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى. 040 MAT 001 020 ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 040 MAT 001 021 ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى. 040 MAT 001 022 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ 040 MAT 001 023 «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». 040 MAT 001 024 يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 040 MAT 001 025 لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. 040 MAT 002 001 ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: 040 MAT 002 002 يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. 040 MAT 002 003 بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. 040 MAT 002 004 ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 002 005 ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ 040 MAT 002 006 «ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. 040 MAT 002 007 بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى. 040 MAT 002 008 ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى. 040 MAT 002 009 دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. 040 MAT 002 010 ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى 040 MAT 002 011 ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى. 040 MAT 002 012 ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. 040 MAT 002 013 ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى. 040 MAT 002 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. 040 MAT 002 015 ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 040 MAT 002 016 ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. 040 MAT 002 017 شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ 040 MAT 002 018 «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». 040 MAT 002 019 ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ 040 MAT 002 020 ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى. 040 MAT 002 021 بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى. 040 MAT 002 022 ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ، 040 MAT 002 023 ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 040 MAT 003 001 شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ 040 MAT 003 002 كىشىلەرگە: ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى. 040 MAT 003 003 چۈنكى [چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا] بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ». 040 MAT 003 004 يەھيا [پەيغەمبەر] تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 040 MAT 003 005 ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 040 MAT 003 006 گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. 040 MAT 003 007 لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! 040 MAT 003 008 ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار! 040 MAT 003 009 ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ. 040 MAT 003 010 پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 040 MAT 003 011 مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 040 MAT 003 012 ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 003 013 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 040 MAT 003 014 بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى. 040 MAT 003 015 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. 040 MAT 003 016 ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 040 MAT 003 017 ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى. 040 MAT 004 001 ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 040 MAT 004 002 ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 040 MAT 004 003 ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى. 040 MAT 004 004 لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. 040 MAT 004 005 ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: 040 MAT 004 006 ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى. 040 MAT 004 007 ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى. 040 MAT 004 008 ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ: 040 MAT 004 009 يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى. 040 MAT 004 010 ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. 040 MAT 004 011 بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 040 MAT 004 012 ئەمدى [ئەيسا] يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. 040 MAT 004 013 ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى [گالىلىيە] دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 040 MAT 004 014 شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ 040 MAT 004 015 «زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە، 040 MAT 004 016 قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى». 040 MAT 004 017 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى. 040 MAT 004 018 [بىر كۈنى]، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ 040 MAT 004 019 ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. 040 MAT 004 020 ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 004 021 ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى. 040 MAT 004 022 ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 004 023 ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. 040 MAT 004 024 ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 040 MAT 004 025 گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 005 001 مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 040 MAT 005 002 ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ 040 MAT 005 003 مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. 040 MAT 005 004 مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ. 040 MAT 005 005 مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. 040 MAT 005 006 مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ. 040 MAT 005 007 مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. 040 MAT 005 008 مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. 040 MAT 005 009 مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 040 MAT 005 010 مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. 040 MAT 005 011 مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ 040 MAT 005 012 شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. 040 MAT 005 013 سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. 040 MAT 005 014 سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. 040 MAT 005 015 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ. 040 MAT 005 016 شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن. 040 MAT 005 017 مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 040 MAT 005 018 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. 040 MAT 005 019 شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. 040 MAT 005 020 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر. 040 MAT 005 021 بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 040 MAT 005 022 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. 040 MAT 005 023 شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، 040 MAT 005 024 ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا. 040 MAT 005 025 ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن. 040 MAT 005 026 مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن. 040 MAT 005 027 سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 040 MAT 005 028 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 005 029 ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. 040 MAT 005 030 ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. 040 MAT 005 031 يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. 040 MAT 005 032 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا [ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ] ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 005 033 سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 040 MAT 005 034 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ 040 MAT 005 035 ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر. 040 MAT 005 036 ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. 040 MAT 005 037 پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ. 040 MAT 005 038 سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. 040 MAT 005 039 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ 040 MAT 005 040 ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر. 040 MAT 005 041 بىرسى ساڭا [يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ] مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. 040 MAT 005 042 بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما. 040 MAT 005 043 سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. 040 MAT 005 044 بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. 040 MAT 005 045 شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. 040 MAT 005 046 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ 040 MAT 005 047 ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 040 MAT 005 048 شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار. 040 MAT 006 001 ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. 040 MAT 006 002 شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. 040 MAT 006 003 لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. 040 MAT 006 004 شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ. 040 MAT 006 005 دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. 040 MAT 006 006 لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. 040 MAT 006 007 دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، [بۇتپەرەس] يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا [خۇدا] تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. 040 MAT 006 008 شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ. 040 MAT 006 009 شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. 040 MAT 006 010 پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. 040 MAT 006 011 بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. 040 MAT 006 012 بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. 040 MAT 006 013 بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن». 040 MAT 006 014 چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 040 MAT 006 015 بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. 040 MAT 006 016 روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. 040 MAT 006 017 ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر. 040 MAT 006 018 شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. 040 MAT 006 019 يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 040 MAT 006 020 ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ. 040 MAT 006 021 چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. 040 MAT 006 022 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. 040 MAT 006 023 لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! 040 MAT 006 024 ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. 040 MAT 006 025 شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 040 MAT 006 026 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 040 MAT 006 027 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ 040 MAT 006 028 سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ 040 MAT 006 029 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. 040 MAT 006 030 ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! 040 MAT 006 031 شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 040 MAT 006 032 چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ 040 MAT 006 033 شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. 040 MAT 006 034 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ. 040 MAT 007 001 باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. 040 MAT 007 002 چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ. 040 MAT 007 003 ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! 040 MAT 007 004 سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟ 040 MAT 007 005 ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. 040 MAT 007 006 مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ. 040 MAT 007 007 تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. 040 MAT 007 008 چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. 040 MAT 007 009 ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! 040 MAT 007 010 ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 040 MAT 007 011 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ 040 MAT 007 012 شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر. 040 MAT 007 013 تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. 040 MAT 007 014 بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز. 040 MAT 007 015 ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. 040 MAT 007 016 سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟ 040 MAT 007 017 شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ. 040 MAT 007 018 ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 040 MAT 007 019 ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 040 MAT 007 020 شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. 040 MAT 007 021 ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 040 MAT 007 022 شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. 040 MAT 007 023 ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن. 040 MAT 007 024 ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ. 040 MAT 007 025 يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. 040 MAT 007 026 بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ. 040 MAT 007 027 يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى! 040 MAT 007 028 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ-توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. 040 MAT 007 029 چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. 040 MAT 008 001 ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 008 002 ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى. 040 MAT 008 003 ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى. 040 MAT 008 004 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى. 040 MAT 008 005 ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، [رىملىق] بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ: 040 MAT 008 006 ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 008 007 مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا. 040 MAT 008 008 يۈزبېشى جاۋابەن: ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 040 MAT 008 009 چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 008 010 ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم. 040 MAT 008 011 سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 040 MAT 008 012 لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 008 013 ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا: ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى. 040 MAT 008 014 ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. 040 MAT 008 015 ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. [ئايال] دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى. 040 MAT 008 016 كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. 040 MAT 008 017 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 040 MAT 008 018 ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، [مۇخلىسلىرىغا] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى. 040 MAT 008 019 شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى. 040 MAT 008 020 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. 040 MAT 008 021 مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا: ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. 040 MAT 008 022 بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى. 040 MAT 008 023 ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. 040 MAT 008 024 ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. 040 MAT 008 025 مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى. 040 MAT 008 026 ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى. 040 MAT 008 027 مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 040 MAT 008 028 ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. 040 MAT 008 029 ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. 040 MAT 008 030 شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. 040 MAT 008 031 جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. 040 MAT 008 032 ئۇ ئۇلارغا: ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى. 040 MAT 008 033 لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى. 040 MAT 008 034 ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى. 040 MAT 009 001 شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى. 040 MAT 009 002 ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. 040 MAT 009 003 ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. 040 MAT 009 004 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ 040 MAT 009 005 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ 040 MAT 009 006 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى. 040 MAT 009 007 ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. 040 MAT 009 008 بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. 040 MAT 009 009 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر [باجگىرنى] كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 040 MAT 009 010 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا [ماتتانىڭ] ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 040 MAT 009 011 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى. 040 MAT 009 012 بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. 040 MAT 009 013 سىلەر بېرىپ [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى. 040 MAT 009 014 شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 009 015 ئەيسا جاۋابەن: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. 040 MAT 009 016 ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 040 MAT 009 017 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، [شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. 040 MAT 009 018 ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا] بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى. 040 MAT 009 019 ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 040 MAT 009 020 ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. 040 MAT 009 021 چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 040 MAT 009 022 ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى. 040 MAT 009 023 ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، 040 MAT 009 024 ئۇلارغا: ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 040 MAT 009 025 كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. 040 MAT 009 026 بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى. 040 MAT 009 027 ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى. 040 MAT 009 028 ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 040 MAT 009 029 ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، 040 MAT 009 030 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. 040 MAT 009 031 لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى. 040 MAT 009 032 ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 040 MAT 009 033 ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى. 040 MAT 009 034 لېكىن پەرىسىيلەر: ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى. 040 MAT 009 035 ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. 040 MAT 009 036 لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. 040 MAT 009 037 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق [ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن] ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. 040 MAT 009 038 شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 010 001 ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. 040 MAT 010 002 ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، 040 MAT 010 003 فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي، 040 MAT 010 004 مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت. 040 MAT 010 005 ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى [خەلقنىڭ ئارىسىغا] مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار، 040 MAT 010 006 بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار. 040 MAT 010 007 بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار. 040 MAT 010 008 ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار. 040 MAT 010 009 بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. 040 MAT 010 010 سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. 040 MAT 010 011 ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار. 040 MAT 010 012 بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. 040 MAT 010 013 ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر [ھۆرمەتكە] لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. 040 MAT 010 014 سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. 040 MAT 010 015 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 040 MAT 010 016 مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار. 040 MAT 010 017 ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. 040 MAT 010 018 ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. 040 MAT 010 019 لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. 040 MAT 010 020 چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. 040 MAT 010 021 قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. 040 MAT 010 022 شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. 040 MAT 010 023 ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش [ۋەزىپىڭلار] تۈگىمەيدۇ. 040 MAT 010 024 مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 040 MAT 010 025 مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟ 040 MAT 010 026 شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. 040 MAT 010 027 مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار. 040 MAT 010 028 تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. 040 MAT 010 029 ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. 040 MAT 010 030 ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. 040 MAT 010 031 شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر! 040 MAT 010 032 شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ 040 MAT 010 033 بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن. 040 MAT 010 034 مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. 040 MAT 010 035 چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. 040 MAT 010 036 شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ». 040 MAT 010 037 ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. 040 MAT 010 038 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. 040 MAT 010 039 ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 040 MAT 010 040 سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 010 041 بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. 040 MAT 010 042 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ. 040 MAT 011 001 ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە [خۇدانىڭ كالامىنى] جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى. 040 MAT 011 002 زىندانغا سولانغان يەھيا [پەيغەمبەر] مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن: 040 MAT 011 003 «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 011 004 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ 040 MAT 011 005 كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. 040 MAT 011 006 ۋە [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 011 007 ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «سىلەر ئەسلى [يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ 040 MAT 011 008 ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! 040 MAT 011 009 ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. 040 MAT 011 010 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر. 040 MAT 011 011 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ. 040 MAT 011 012 ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. 040 MAT 011 013 چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 040 MAT 011 014 ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «[قايتىپ] كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس [پەيغەمبەر]» بولسا، [يەھيانىڭ] ئۆزىدۇر. 040 MAT 011 015 ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 040 MAT 011 016 لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: 040 MAT 011 017 «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. 040 MAT 011 018 چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. 040 MAT 011 019 ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». 040 MAT 011 020 ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ 040 MAT 011 021 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. 040 MAT 011 022 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 040 MAT 011 023 ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. 040 MAT 011 024 ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ. 040 MAT 011 025 شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن! 040 MAT 011 026 بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. 040 MAT 011 027 ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ. 040 MAT 011 028 ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 040 MAT 011 029 مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 040 MAT 011 030 چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر. 040 MAT 012 001 شۇ چاغلاردا بىر شابات كۈنى، ئەيسا بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈپ، يېيىشكە باشلىدى. 040 MAT 012 002 لېكىن بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. 040 MAT 012 003 بىراق ئۇ ئۇلارغا: ــ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ 040 MAT 012 004 ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ ئېلىپ]، ئۇلارنى [ھەمراھلىرى] بىلەن بىللە يېگەن. ئەسلىدە بۇ نانلارنى پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولاتتى. 040 MAT 012 005 سىلەر تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانسىلەركى، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان كاھىنلار شابات كۈنلىرى ئىشلەپ شابات تەرتىپىنى بۇزسىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇلمايدۇ. 040 MAT 012 006 بىراق مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار. 040 MAT 012 007 ئەمدىلىكتە ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] «[مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭلار، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ بېكىتمەيتتىڭلار. 040 MAT 012 008 چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. 040 MAT 012 009 ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. 040 MAT 012 010 ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 012 011 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ 040 MAT 012 012 ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. 040 MAT 012 013 ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 040 MAT 012 014 بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى. 040 MAT 012 015 ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛ 040 MAT 012 016 ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى. 040 MAT 012 017 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: 040 MAT 012 018 ــ «قاراڭلار، مانا مەن تاللىغان ئۆز قۇلۇم! مېنىڭ سۆيۈملۈكىم، دىلىمنىڭ سۆيۈنگىنى! مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ. 040 MAT 012 019 ئۇ نە تالاش-تارتىش قىلمايدۇ نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ، كوچىلاردا ئۇنىڭ كۆتۈرگەن ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىغۇچى بولمايدۇ. 040 MAT 012 020 تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ 040 MAT 012 021 ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ». 040 MAT 012 022 شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. 040 MAT 012 023 بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 040 MAT 012 024 لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى. 040 MAT 012 025 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. 040 MAT 012 026 ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 040 MAT 012 027 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! 040 MAT 012 028 لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى. 040 MAT 012 029 بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. 040 MAT 012 030 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە [ئادەملەرنى] يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. 040 MAT 012 031 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرتۈرلۈك گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ. 040 MAT 012 032 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. 040 MAT 012 033 دەرەخ ياخشى بولسا، مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ ــ ياكى دەرەخ پور بولسا، مېۋىسىمۇ ناچار بولىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق دەرەخ ئۆز مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ. 040 MAT 012 034 ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. 040 MAT 012 035 ياخشى ئادەم ئۆز ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. يامان ئادەم يامان خەزىنىسىدىن يامان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. 040 MAT 012 036 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق سۆزى ئۈچۈن سوراق كۈنى ھېساب بېرىدۇ. 040 MAT 012 037 چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن. 040 MAT 012 038 شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار، ــ دېدى. 040 MAT 012 039 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر بىر «ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق مۆجىرىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. 040 MAT 012 040 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ. 040 MAT 012 041 سوراق كۈنى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس [پەيغەمبەر] جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ، [يامانلىقىدىن] توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس [پەيغەمبەر]دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ! 040 MAT 012 042 سوراق كۈنى «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، ھازىر مۇشۇ يەردە سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ. 040 MAT 012 043 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغاق دالالارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ، بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ 040 MAT 012 044 ۋە: «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، 040 MAT 012 045 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 012 046 ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. 040 MAT 012 047 شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 012 048 لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 012 049 ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ: ــ مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! 040 MAT 012 050 چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى. 040 MAT 013 001 شۇ كۈنى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى. 040 MAT 013 002 ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى. 040 MAT 013 003 ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. 040 MAT 013 004 ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 040 MAT 013 005 بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 040 MAT 013 006 لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. 040 MAT 013 007 بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. 040 MAT 013 008 بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 040 MAT 013 009 قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 040 MAT 013 010 مۇخلىسلىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا تەمسىللەر ئارقىلىق تەلىم بېرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 013 011 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى. 040 MAT 013 012 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 040 MAT 013 013 ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. 040 MAT 013 014 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر. 040 MAT 013 015 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم. 040 MAT 013 016 لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. 040 MAT 013 017 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان. 040 MAT 013 018 ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: 040 MAT 013 019 ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. 040 MAT 013 020 تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 040 MAT 013 021 ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 040 MAT 013 022 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 040 MAT 013 023 لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. 040 MAT 013 024 ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. 040 MAT 013 025 ئەمما كىشىلەر ئۇيقۇغا چۆمگەن چاغدا، دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ. 040 MAT 013 026 ئەمدى مايسىلار ئۆسۈپ، باشاق چىقارغاندا، كۈرمەكمۇ ئاشكارلىنىشقا باشلاپتۇ. 040 MAT 013 027 خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئەپەندى، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئەمەسمىدىڭىز؟ كۈرمەكلەر نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. 040 MAT 013 028 خوجايىن: «بۇنى بىر دۈشمەن قىلغان» ــ دەپتۇ. چاكارلار ئۇنىڭدىن: «سىز بىزنى بېرىپ ئۇلارنى ئوتىۋېتىڭلار دېمەكچىمۇ؟» ــ دەپ سوراپتۇ. 040 MAT 013 029 «ياق،» ــ دەپتۇ خوجايىن، «ئۇنداق قىلغاندا كۈرمەكلەرنى يۇلغاندا، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن. 040 MAT 013 030 بۇ ئىككىسى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسسۇن، ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ــ ئالدى بىلەن كۈرمەكلەرنى ئايرىپ يىغىپ، باغلاپ كۆيدۈرۈشكە قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا ئەكىرىڭلار، دەيمەن» ــ دەپتۇ خوجايىن. 040 MAT 013 031 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم قولىغا ئېلىپ ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 040 MAT 013 032 قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. 040 MAT 013 033 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ. 040 MAT 013 034 ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىلسىز ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. 040 MAT 013 035 بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن». 040 MAT 013 036 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى. 040 MAT 013 037 ئۇ ئەمدى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان كىشى ئىنسانئوغلىدۇر. 040 MAT 013 038 ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 040 MAT 013 039 كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. 040 MAT 013 040 كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 013 041 ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، 040 MAT 013 042 خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 040 MAT 013 043 ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 040 MAT 013 044 ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ. 040 MAT 013 045 يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. 040 MAT 013 046 سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ. 040 MAT 013 047 ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. 040 MAT 013 048 تور توشقاندا، [بېلىقچىلار] ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. 040 MAT 013 049 زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ 040 MAT 013 050 ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 040 MAT 013 051 ئەيسا ئۇلاردىن: ــ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. چۈشەندۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 040 MAT 013 052 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇڭا، ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ مۇخلىس بولغان ھەربىر تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن يېڭى ھەم كونا نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ تارقاتقۇچى ئۆي خوجايىنىغا ئوخشايدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 013 053 ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇنداق بولدىكى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، 040 MAT 013 054 ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟ 040 MAT 013 055 ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟ 040 MAT 013 056 ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ ــ دېيىشەتتى. 040 MAT 013 057 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ. 040 MAT 013 058 ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى. 040 MAT 014 001 ئۇ چاغلاردا، ھېرود ھاكىم ئەيسانىڭ نام-شۆھرىتىدىن خەۋەر تېپىپ، 040 MAT 014 002 خىزمەتكارلىرىگە: ــ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، ــ دېدى. 040 MAT 014 003 ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. 040 MAT 014 004 چۈنكى يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. 040 MAT 014 005 ھېرود [شۇ سەۋەبتىن] يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى. 040 MAT 014 006 ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛ 040 MAT 014 007 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى. 040 MAT 014 008 لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، ــ دېدى. 040 MAT 014 009 پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، [كاللىسىنى] ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 040 MAT 014 010 ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 040 MAT 014 011 شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. 040 MAT 014 012 [يەھيانىڭ] مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى. 040 MAT 014 013 ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. 040 MAT 014 014 ئۇ [قىرغاققا] چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى. 040 MAT 014 015 كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، ــ دېدى. 040 MAT 014 016 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 014 017 لېكىن مۇخلىسلار: ــ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ــ دېيىشتى. 040 MAT 014 018 ئۇ: ــ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 040 MAT 014 019 ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 040 MAT 014 020 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. 040 MAT 014 021 ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى. 040 MAT 014 022 ئارقىدىلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغۇچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 040 MAT 014 023 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. 040 MAT 014 024 بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى، لېكىن شامال قارشى يۆنلىشىتىن چىقىۋاتقاچقا، كېمە دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تۇراتتى. 040 MAT 014 025 كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. 040 MAT 014 026 مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ــ ئالۋاستى ئىكەن! ــ دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى. 040 MAT 014 027 لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. 040 MAT 014 028 پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، ــ دېدى. 040 MAT 014 029 كەل، ــ دېدى ئۇ. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛ 040 MAT 014 030 لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: ــ رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. 040 MAT 014 031 ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىز بەندە، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ ــ دېدى. 040 MAT 014 032 ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. 040 MAT 014 033 كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دېيىشتى. 040 MAT 014 034 ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا [قۇرۇقلۇققا] چىقتى. 040 MAT 014 035 ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ 040 MAT 014 036 ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى. 040 MAT 015 001 بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: 040 MAT 015 002 ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى. 040 MAT 015 003 لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ 040 MAT 015 004 چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. 040 MAT 015 005 لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان [خۇداغا] ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، 040 MAT 015 006 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار. 040 MAT 015 007 ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ 040 MAT 015 008 «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق. 040 MAT 015 009 ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». 040 MAT 015 010 ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 040 MAT 015 011 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى. 040 MAT 015 012 كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. 040 MAT 015 013 لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. 040 MAT 015 014 سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 040 MAT 015 015 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. 040 MAT 015 016 لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى. 040 MAT 015 017 ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟ 040 MAT 015 018 لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر. 040 MAT 015 019 چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ. 040 MAT 015 020 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ. 040 MAT 015 021 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى. 040 MAT 015 022 مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى. 040 MAT 015 023 لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 015 024 ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. 040 MAT 015 025 ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى. 040 MAT 015 026 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى. 040 MAT 015 027 لېكىن ھېلىقى ئايال: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. 040 MAT 015 028 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى. 040 MAT 015 029 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. 040 MAT 015 030 ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 040 MAT 015 031 شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى. 040 MAT 015 032 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى. 040 MAT 015 033 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى. 040 MAT 015 034 ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 015 035 بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. 040 MAT 015 036 ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. 040 MAT 015 037 ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. 040 MAT 015 038 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. 040 MAT 015 039 ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى. 040 MAT 016 001 ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى. 040 MAT 016 002 بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر 040 MAT 016 003 ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر! 040 MAT 016 004 رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ [دەۋردىكىلەرگە] «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. 040 MAT 016 005 مۇخلىسلىرى [دېڭىزنىڭ] ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. 040 MAT 016 006 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 016 007 [مۇخلىسلار] ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى دەۋاتسا كېرەك، ــ دېيىشتى. 040 MAT 016 008 ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ 040 MAT 016 009 تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ 040 MAT 016 010 يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ 040 MAT 016 011 سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ 040 MAT 016 012 مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. 040 MAT 016 013 ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: كىشىلەر مەن ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 016 014 مۇخلىسلىرى: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 040 MAT 016 015 ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 016 016 سىمون پېترۇس: ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 040 MAT 016 017 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر. 040 MAT 016 018 مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. 040 MAT 016 019 ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 016 020 بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. 040 MAT 016 021 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى. 040 MAT 016 022 شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: ــ يا رەب، ساڭا رەھىم قىلىنغاي! بېشىڭغا بۇنداق ئىشلار قەتئىي چۈشمەيدۇ! ــ دېدى. 040 MAT 016 023 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. 040 MAT 016 024 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 040 MAT 016 025 چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 040 MAT 016 026 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! 040 MAT 016 027 چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. 040 MAT 016 028 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. 040 MAT 017 001 ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. 040 MAT 017 002 ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. 040 MAT 017 003 ۋە مانا، [مۇخلىسلارغا] مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى. 040 MAT 017 004 شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى. 040 MAT 017 005 ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 040 MAT 017 006 مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى. 040 MAT 017 007 بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 017 008 ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى. 040 MAT 017 009 تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 040 MAT 017 010 ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 017 011 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ. 040 MAT 017 012 ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 017 013 شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. 040 MAT 017 014 ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: 040 MAT 017 015 رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 040 MAT 017 016 ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى. 040 MAT 017 017 ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. 040 MAT 017 018 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. 040 MAT 017 019 كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 017 020 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ. 040 MAT 017 021 بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى. 040 MAT 017 022 ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ 040 MAT 017 023 ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. 040 MAT 017 024 ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، [ئىبادەتخانا] «ئىككى دراقما» [بېجىنى] يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 017 025 تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن: ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 017 026 پېترۇس ئۇنىڭغا: ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر [باجدىن] خالىي بولىدۇ. 040 MAT 017 027 بىراق [باج يىغقۇچىلارغا] پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى. 040 MAT 018 001 بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 018 002 ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: 040 MAT 018 003 ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. 040 MAT 018 004 ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. 040 MAT 018 005 بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 018 006 لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 040 MAT 018 007 ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! 040 MAT 018 008 ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 040 MAT 018 009 ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 040 MAT 018 010 ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. 040 MAT 018 011 چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. 040 MAT 018 012 قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ 040 MAT 018 013 ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. 040 MAT 018 014 شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر. 040 MAT 018 015 ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. 040 MAT 018 016 لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى [گۇۋاھچىنى] ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. 040 MAT 018 017 لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار. 040 MAT 018 018 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. 040 MAT 018 019 مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. 040 MAT 018 020 چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. 040 MAT 018 021 ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ ــ دېدى. 040 MAT 018 022 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم! 040 MAT 018 023 ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. 040 MAT 018 024 ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. 040 MAT 018 025 چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. 040 MAT 018 026 شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 040 MAT 018 027 چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ. 040 MAT 018 028 لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. 040 MAT 018 029 بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 040 MAT 018 030 لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ. 040 MAT 018 031 بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. 040 MAT 018 032 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم. 040 MAT 018 033 مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. 040 MAT 018 034 بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. 040 MAT 018 035 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. 040 MAT 019 001 شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چەت يەرلىرىگە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يۇرتلارغا باردى. 040 MAT 019 002 توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىلا ساقايتتى. 040 MAT 019 003 ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 019 004 شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ [تەۋراتتىن] شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 040 MAT 019 005 «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». 040 MAT 019 006 شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن. 040 MAT 019 007 پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە: ــ ئۇنداقتا، مۇسا [پەيغەمبەر] نېمە ئۈچۈن [تەۋرات قانۇنىدا] ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 019 008 ئۇ ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا [پەيغەمبەر] ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 040 MAT 019 009 ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 019 010 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، ــ دېدى. 040 MAT 019 011 ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت نېسىپ قىلىنغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. 040 MAT 019 012 چۈنكى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار؛ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان بەزى ئاغۋاتلارمۇ بار؛ ۋە ئەرش پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلارمۇ بار. بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! ــ دېدى. 040 MAT 019 013 قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. 040 MAT 019 014 ئەمما ئەيسا: ــ بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، ــ دېدى. 040 MAT 019 015 ۋە قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. 040 MAT 019 016 مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 019 017 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا مەندىن ياخشىلىق توغرىسىدا سورايسەن؟ «ياخشى بولغۇچىلار» بولسا پەقەت بىرىلا بار. ئەمما ھاياتلىققا كىرىمەن دېسەڭ، ئەمرلەرگە ئەمەل قىل، ــ دېدى. 040 MAT 019 018 قايسى ئەمرلەرگە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، 040 MAT 019 019 ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى. 040 MAT 019 020 ياش يىگىت ئۇنىڭغا: ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭا يەنە نېمە كەم؟ ــ دېدى. 040 MAT 019 021 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. 040 MAT 019 022 يىگىت مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 040 MAT 019 023 ئەيسا مۇخلىسلىرىغا: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بايلارنىڭ ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەسلىكتىلا بولىدۇ. 040 MAT 019 024 ۋە يەنە شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. 040 MAT 019 025 مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 019 026 ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 019 027 بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 019 028 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. 040 MAT 019 029 مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. 040 MAT 019 030 لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. 040 MAT 020 001 ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. 040 MAT 020 002 ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. 040 MAT 020 003 سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. 040 MAT 020 004 ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ. 040 MAT 020 005 ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ. 040 MAT 020 006 لېكىن [كەچقۇرۇن] سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. 040 MAT 020 007 ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ. 040 MAT 020 008 كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. 040 MAT 020 009 ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 040 MAT 020 010 ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 040 MAT 020 011 ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ: 040 MAT 020 012 «بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ. 040 MAT 020 013 لېكىن [يەر ئىگىسى] ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟ 040 MAT 020 014 ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار. 040 MAT 020 015 ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ 040 MAT 020 016 شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ. 040 MAT 020 017 ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 040 MAT 020 018 ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ 040 MAT 020 019 ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. 040 MAT 020 020 شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى. 040 MAT 020 021 نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى. 040 MAT 020 022 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 020 023 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ. 040 MAT 020 024 [قالغان] ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. 040 MAT 020 025 لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. 040 MAT 020 026 بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ 040 MAT 020 027 ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. 040 MAT 020 028 ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى. 040 MAT 020 029 ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 020 030 ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى. 040 MAT 020 031 كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. 040 MAT 020 032 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 020 033 يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 020 034 ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 040 MAT 021 001 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: 040 MAT 021 002 ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. 040 MAT 021 003 ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. 040 MAT 021 004 بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ 040 MAT 021 005 «زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ». 040 MAT 021 006 ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. 040 MAT 021 007 ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى. 040 MAT 021 008 ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. 040 MAT 021 009 ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 040 MAT 021 010 ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى. 040 MAT 021 011 خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. 040 MAT 021 012 ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، 040 MAT 021 013 ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى. 040 MAT 021 014 ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 040 MAT 021 015 لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى. 040 MAT 021 016 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى. 040 MAT 021 017 ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى. 040 MAT 021 018 ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. 040 MAT 021 019 ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. 040 MAT 021 020 مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى. 040 MAT 021 021 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 021 022 دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر. 040 MAT 021 023 ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 021 024 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. 040 MAT 021 025 يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 040 MAT 021 026 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى. 040 MAT 021 027 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 040 MAT 021 028 ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. 040 MAT 021 029 «بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. 040 MAT 021 030 ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. 040 MAT 021 031 بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. 040 MAT 021 032 چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. 040 MAT 021 033 يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. 040 MAT 021 034 ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 040 MAT 021 035 لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. 040 MAT 021 036 ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. 040 MAT 021 037 ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 040 MAT 021 038 لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. 040 MAT 021 039 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. 040 MAT 021 040 ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟ 040 MAT 021 041 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 040 MAT 021 042 ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر». 040 MAT 021 043 شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. 040 MAT 021 044 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. 040 MAT 021 045 باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. 040 MAT 021 046 ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى. 040 MAT 022 001 ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: 040 MAT 022 002 ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. 040 MAT 022 003 ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. 040 MAT 022 004 ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ. 040 MAT 022 005 بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ. 040 MAT 022 006 قالغانلىرى بولسا [پادىشاھنىڭ] چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. 040 MAT 022 007 پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. 040 MAT 022 008 ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار [مېھمانلىققا] مۇناسىپ كەلمىدى. 040 MAT 022 009 ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. 040 MAT 022 010 بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. 040 MAT 022 011 پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. 040 MAT 022 012 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ. 040 MAT 022 013 پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. 040 MAT 022 014 چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر. 040 MAT 022 015 بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. 040 MAT 022 016 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز. 040 MAT 022 017 قېنى، قانداق ئويلايلا؟ [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى. 040 MAT 022 018 لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ: ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟ 040 MAT 022 019 قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى. 040 MAT 022 020 ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 022 021 قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 022 022 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى. 040 MAT 022 023 شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: 040 MAT 022 024 ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا]: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. 040 MAT 022 025 بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى. 040 MAT 022 026 بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى. 040 MAT 022 027 ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى. 040 MAT 022 028 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! 040 MAT 022 029 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر. 040 MAT 022 030 چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. 040 MAT 022 031 ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان: 040 MAT 022 032 «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!». 040 MAT 022 033 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى. 040 MAT 022 034 پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. 040 MAT 022 035 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: 040 MAT 022 036 ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى. 040 MAT 022 037 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» 040 MAT 022 038 ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. 040 MAT 022 039 ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». 040 MAT 022 040 پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ. 040 MAT 022 041 پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن: 040 MAT 022 042 ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 022 043 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن [زەبۇردا] داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ 040 MAT 022 044 «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟ 040 MAT 022 045 داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ 040 MAT 022 046 ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. 040 MAT 023 001 بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەيسا توپ-توپ خالايىققا ۋە مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: 040 MAT 023 002 ــ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ [ھۆكۈم چىقىرىش] ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ. 040 MAT 023 003 شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ، 040 MAT 023 004 بەلكى ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىنى مىدىرلىتىشنى خۇشياقمايدۇ. 040 MAT 023 005 ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛ 040 MAT 023 006 ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، 040 MAT 023 007 بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا ۋە ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ. 040 MAT 023 008 بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر. 040 MAT 023 009 يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر. 040 MAT 023 010 سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛ 040 MAT 023 011 بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. 040 MAT 023 012 ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ. 040 MAT 023 013 بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر. 040 MAT 023 014 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئالدىدا تەقۋادار كۆرۈنسەك دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر. 040 MAT 023 015 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. 040 MAT 023 016 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر. 040 MAT 023 017 ئەي كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟ 040 MAT 023 018 سىلەر يەنە: «ھەركىم قۇربانگاھ بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق قۇربانگاھ ئۈستىدىكى ھەدىيەنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر. 040 MAT 023 019 ئەي كورلار! ھەدىيە ئۇلۇغمۇ ياكى ھەدىيىنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانگاھمۇ؟ 040 MAT 023 020 شۇڭا، قۇربانگاھنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى بولسا ھەم قۇربانگاھ بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 023 021 ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم «ئىبادەتخانىدا تۇرغۇچى»نى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 023 022 ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ. 040 MAT 023 023 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ۋەزىنلىك تەرەپلىرى بولغان ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىقنى ئېتىبارغا ھېچ ئالمايسىلەر. ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. 040 MAT 023 024 ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر [چىنەڭلەردىكى] پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر! 040 MAT 023 025 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچى ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە ئىشرەتپەرەسلىككە تولغان. 040 MAT 023 026 ئەي قارىغۇ پەرىسىي! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلا، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ! 040 MAT 023 027 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ھەرخىل ناپاك نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. 040 MAT 023 028 شۇنىڭدەك تېشىڭلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك بىلەن تولغان. 040 MAT 023 029 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەققانىيلارنىڭ مازارلىرىنى بېزەپ كېلىۋاتىسىلەر 040 MAT 023 030 ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» ــ دەيسىلەر. 040 MAT 023 031 شۇڭا سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار. 040 MAT 023 032 ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار! 040 MAT 023 033 ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ 040 MAT 023 034 شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. 040 MAT 023 035 شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ. 040 MAT 023 036 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 040 MAT 023 037 ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مېكىيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار! 040 MAT 023 038 مانا، ئەمدى ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ! 040 MAT 023 039 چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېمىگۈچە، سىلەر مېنى قايتىدىن ھېچ كۆرەلمەيسىلەر. 040 MAT 024 001 ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى. «مات.» 040 MAT 024 002 ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 024 003 ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 040 MAT 024 004 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. 040 MAT 024 005 چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 040 MAT 024 006 سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس. 040 MAT 024 007 چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. 040 MAT 024 008 لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. 040 MAT 024 009 ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 040 MAT 024 010 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. 040 MAT 024 011 نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. 040 MAT 024 012 ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. 040 MAT 024 013 لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. 040 MAT 024 014 بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، [خۇدانىڭ] پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ. 040 MAT 024 015 دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، 040 MAT 024 016 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛ 040 MAT 024 017 ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا [قاچسۇن]. 040 MAT 024 018 ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. 040 MAT 024 019 ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 040 MAT 024 020 قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 040 MAT 024 021 چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. 040 MAT 024 022 ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ. 040 MAT 024 023 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «[مەسىھ] ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 040 MAT 024 024 چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. 040 MAT 024 025 مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. 040 MAT 024 026 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 040 MAT 024 027 چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 024 028 چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ! 040 MAT 024 029 ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 040 MAT 024 030 ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 040 MAT 024 031 ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. 040 MAT 024 032 ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 040 MAT 024 033 خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. 040 MAT 024 034 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 040 MAT 024 035 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. 040 MAT 024 036 لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. 040 MAT 024 037 ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى [قايتىپ] كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 024 038 چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. 040 MAT 024 039 توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 040 MAT 024 040 ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ 040 MAT 024 041 ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 040 MAT 024 042 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. 040 MAT 024 043 لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. 040 MAT 024 044 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ! 040 MAT 024 045 خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ 040 MAT 024 046 خوجايىن [ئۆيىگە] قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! 040 MAT 024 047 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 040 MAT 024 048 لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، 040 MAT 024 049 باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، 040 MAT 024 050 شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ 040 MAT 024 051 ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 040 MAT 025 001 ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. 040 MAT 025 002 بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. 040 MAT 025 003 پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. 040 MAT 025 004 پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. 040 MAT 025 005 يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. 040 MAT 025 006 يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. 040 MAT 025 007 بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. 040 MAT 025 008 پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. 040 MAT 025 009 بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار [ماي] ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. 040 MAT 025 010 لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. 040 MAT 025 011 كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. 040 MAT 025 012 بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 040 MAT 025 013 شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر. 040 MAT 025 014 [ئەرش پادىشاھلىقى] خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. 040 MAT 025 015 ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ. 040 MAT 025 016 بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ. 040 MAT 025 017 شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 040 MAT 025 018 لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. 040 MAT 025 019 ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ. 040 MAT 025 020 بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 040 MAT 025 021 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. 040 MAT 025 022 ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 040 MAT 025 023 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. 040 MAT 025 024 ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا. 040 MAT 025 025 شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ. 040 MAT 025 026 غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ، 040 MAT 025 027 ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟! 040 MAT 025 028 شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار! 040 MAT 025 029 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 040 MAT 025 030 بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. 040 MAT 025 031 ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 040 MAT 025 032 بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ 040 MAT 025 033 ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. 040 MAT 025 034 ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! 040 MAT 025 035 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، 040 MAT 025 036 يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ. 040 MAT 025 037 ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ 040 MAT 025 038 سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ 040 MAT 025 039 سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 040 MAT 025 040 ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 040 MAT 025 041 ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! 040 MAT 025 042 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ 040 MAT 025 043 مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. 040 MAT 025 044 ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 040 MAT 025 045 ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 040 MAT 025 046 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ. 040 MAT 026 001 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا: 040 MAT 026 002 ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 026 003 باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. 040 MAT 026 004 ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. 040 MAT 026 005 بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. 040 MAT 026 006 ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا، 040 MAT 026 007 بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. 040 MAT 026 008 لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟ 040 MAT 026 009 چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى. 040 MAT 026 010 لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى. 040 MAT 026 011 چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! 040 MAT 026 012 بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى. 040 MAT 026 013 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 026 014 بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: 040 MAT 026 015 ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. 040 MAT 026 016 يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. 040 MAT 026 017 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 040 MAT 026 018 ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 026 019 مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى. 040 MAT 026 020 كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. 040 MAT 026 021 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 026 022 [بۇنى ئاڭلاپ] ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. 040 MAT 026 023 ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. 040 MAT 026 024 ئىنسانئوغلى دەرۋەقە [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك [ئۆلۈمگە] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى. 040 MAT 026 025 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى. 040 MAT 026 026 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. 040 MAT 026 027 ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 040 MAT 026 028 بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 040 MAT 026 029 لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. 040 MAT 026 030 ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. 040 MAT 026 031 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. 040 MAT 026 032 لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. 040 MAT 026 033 پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. 040 MAT 026 034 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. 040 MAT 026 035 پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. 040 MAT 026 036 ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. 040 MAT 026 037 ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. 040 MAT 026 038 ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، 040 MAT 026 039 سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. 040 MAT 026 040 ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! 040 MAT 026 041 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. 040 MAT 026 042 ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى. 040 MAT 026 043 ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. 040 MAT 026 044 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. 040 MAT 026 045 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 040 MAT 026 046 قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. 040 MAT 026 047 ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 040 MAT 026 048 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. 040 MAT 026 049 ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. 040 MAT 026 050 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 040 MAT 026 051 ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 040 MAT 026 052 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. 040 MAT 026 053 ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ 040 MAT 026 054 بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى. 040 MAT 026 055 شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. 040 MAT 026 056 لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. 040 MAT 026 057 ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. 040 MAT 026 058 پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ [ھويلىسىغىچە] يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى. 040 MAT 026 059 باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. 040 MAT 026 060 نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: 040 MAT 026 061 ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى. 040 MAT 026 062 باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. 040 MAT 026 063 لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى. 040 MAT 026 064 ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. 040 MAT 026 065 شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! 040 MAT 026 066 بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. 040 MAT 026 067 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: 040 MAT 026 068 ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى. 040 MAT 026 069 ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. 040 MAT 026 070 لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى. 040 MAT 026 071 ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى. 040 MAT 026 072 ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى. 040 MAT 026 073 بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى. 040 MAT 026 074 [پېترۇس] قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى. 040 MAT 026 075 پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى. 040 MAT 027 001 تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. 040 MAT 027 002 ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. 040 MAT 027 003 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ: 040 MAT 027 004 ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 027 005 يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. 040 MAT 027 006 باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان [تەڭگىلەردۇر]، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 007 ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى. 040 MAT 027 008 شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 040 MAT 027 009 شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، 040 MAT 027 010 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». 040 MAT 027 011 ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا. 040 MAT 027 012 لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 040 MAT 027 013 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. 040 MAT 027 014 بىراق ئۇ [پىلاتۇسقا] جاۋابەن [شىكايەتلەرنىڭ] بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. 040 MAT 027 015 ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. 040 MAT 027 016 ئەينى ۋاقىتتا، [رىملىقلارنىڭ] بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى [زىنداندا] ئىدى. 040 MAT 027 017 خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى 040 MAT 027 018 (چۈنكى ئۇ [باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ] ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). 040 MAT 027 019 پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 040 MAT 027 020 لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى. 040 MAT 027 021 ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار. 040 MAT 027 022 پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. ھەممەيلەن: ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 023 پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 040 MAT 027 024 پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى. 040 MAT 027 025 پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 026 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. 040 MAT 027 027 ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. 040 MAT 027 028 ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. 040 MAT 027 029 تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. 040 MAT 027 030 ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. 040 MAT 027 031 ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. 040 MAT 027 032 ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 040 MAT 027 033 ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، 040 MAT 027 034 [ئەيساغا] ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. 040 MAT 027 035 لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. 040 MAT 027 036 ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى. 040 MAT 027 037 ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى. 040 MAT 027 038 [ئەيسا] بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. 040 MAT 027 039 بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: 040 MAT 027 040 ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 041 باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: 040 MAT 027 042 ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. 040 MAT 027 043 ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 044 ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. 040 MAT 027 045 ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. 040 MAT 027 046 توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. 040 MAT 027 047 ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: بۇ ئادەم ئىلياس [پەيغەمبەر]گە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 048 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى. 040 MAT 027 049 بىراق باشقىلار: ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 050 ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. 040 MAT 027 051 ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، 040 MAT 027 052 قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). 040 MAT 027 054 ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 055 ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. 040 MAT 027 056 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. 040 MAT 027 057 كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. 040 MAT 027 058 ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى. 040 MAT 027 059 يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى 040 MAT 027 060 ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى 040 MAT 027 061 (شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى). 040 MAT 027 062 ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ: 040 MAT 027 063 ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. 040 MAT 027 064 شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى. 040 MAT 027 065 پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى. 040 MAT 027 066 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار [كۆزەتچى لەشكەرلەر] بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى. 040 MAT 028 001 شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى. 040 MAT 028 002 ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. 040 MAT 028 003 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 040 MAT 028 004 كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. 040 MAT 028 005 پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. 040 MAT 028 006 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ 040 MAT 028 007 ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى. 040 MAT 028 008 شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى. 040 MAT 028 009 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 040 MAT 028 010 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى. 040 MAT 028 011 ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى. 040 MAT 028 012 [باش كاھىنلار] ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ: 040 MAT 028 013 ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار. 040 MAT 028 014 ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. 040 MAT 028 015 شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. 040 MAT 028 016 ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. 040 MAT 028 017 ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى. 040 MAT 028 018 ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 040 MAT 028 019 شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، 040 MAT 028 020 ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. # # BOOK 041 MAR Mark ماركۇس 041 MAR 001 001 خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى: 041 MAR 001 002 يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك: ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ. 041 MAR 001 003 ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ». 041 MAR 001 004 كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا [پەيعەمبەر] چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى. 041 MAR 001 005 پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. 041 MAR 001 006 يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 041 MAR 001 007 ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: ــ مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! 041 MAR 001 008 مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 041 MAR 001 009 شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. 041 MAR 001 010 ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 041 MAR 001 011 شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 041 MAR 001 012 ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى. 041 MAR 001 013 ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. 041 MAR 001 014 ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. 041 MAR 001 016 [شۇ كۈنلەردە] ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمون بىلەن ئىنىسى ئاندرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى. 041 MAR 001 017 ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار, مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. 041 MAR 001 018 ئۇلار شۇئان تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 041 MAR 001 019 ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. 041 MAR 001 020 ئۇ شۇئان ئۇلارنىمۇ چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى. 041 MAR 001 021 ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 041 MAR 001 022 خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. 041 MAR 001 023 سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: 041 MAR 001 024 ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى. 041 MAR 001 025 لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! ــ دېدى. 041 MAR 001 026 ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. 041 MAR 001 027 خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى. 041 MAR 001 028 بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى. 041 MAR 001 029 ئۇلار سىناگوگدىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى. 041 MAR 001 030 ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى [ئەيساغا] ئېيتتى. 041 MAR 001 031 ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى. 041 MAR 001 032 كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. 041 MAR 001 033 پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. 041 MAR 001 034 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى. 041 MAR 001 035 ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، [شەھەردىن] چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. 041 MAR 001 036 سىمون بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى ئىزدەپ چىقتى. 041 MAR 001 037 ئۇنى تاپقاندا: ــ ھەممە ئادەم سېنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى. 041 MAR 001 038 ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقا يەرلەرگە، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ سۆز-كالامنى جاكارلىشىم ئۈچۈن بارايلى. چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم، ــ دېدى. 041 MAR 001 039 شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى. 041 MAR 001 040 ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى. 041 MAR 001 041 ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى، 041 MAR 001 042 شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى. 041 MAR 001 043 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ [مەسئۇل] كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان [قۇربانلىقلارنى] سۇنغىن، ــ دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى. 041 MAR 001 045 بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى. 041 MAR 002 001 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى، 041 MAR 002 002 شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز-كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى. 041 MAR 002 003 مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. 041 MAR 002 004 ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى. 041 MAR 002 005 ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. 041 MAR 002 006 لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: 041 MAR 002 007 «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى. 041 MAR 002 008 ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ 041 MAR 002 009 مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ 041 MAR 002 010 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: 041 MAR 002 011 ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى. 041 MAR 002 012 ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى. 041 MAR 002 013 ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى. 041 MAR 002 014 ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 041 MAR 002 015 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [لاۋىينىڭ] ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى. 041 MAR 002 016 ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى. 041 MAR 002 017 بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا: ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. 041 MAR 002 018 ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 041 MAR 002 019 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ. 041 MAR 002 020 ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. 041 MAR 002 021 ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 041 MAR 002 022 ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ [ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك. 041 MAR 002 023 بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى. 041 MAR 002 024 پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى [تەۋراتتا] چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 041 MAR 002 025 ئۇ ئۇلارغا: ــ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ 041 MAR 002 026 ــ دېمەك، ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى [سوراپ] يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى. 041 MAR 002 027 ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 041 MAR 002 028 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى. 041 MAR 003 001 ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 041 MAR 003 002 [پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى. 041 MAR 003 003 ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېدى. 041 MAR 003 004 ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: ــ تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. 041 MAR 003 005 ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 041 MAR 003 006 ئەمدى پەرىسىيلەر دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا ھېرود [پادىشاھنىڭ] تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى. 041 MAR 003 007 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 041 MAR 003 009 ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى. 041 MAR 003 010 چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 041 MAR 003 011 ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 041 MAR 003 012 لېكىن ئۇ [ناپاك روھلارغا] ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى. 041 MAR 003 013 ئۇ تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى؛ ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 041 MAR 003 014 ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، 041 MAR 003 015 كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى. 041 MAR 003 016 ئۇ [بېكىتكەن ئون ئىككى كىشى]: سىمون (ئۇ ئۇنىڭغا پېترۇس دەپ ئىسىم قويغان)، 041 MAR 003 017 زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 041 MAR 003 018 ئاندرىياس، فىلىپ، بارتولوماي، ماتتا، توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون 041 MAR 003 019 ۋە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. 041 MAR 003 020 ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندىكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا غىزالانغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقمىدى. 041 MAR 003 021 [ئەيسانىڭ] ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىنى يوقىتىپتۇ» دېگەنىدى. 041 MAR 003 022 يېرۇسالېمدىن چۈشكەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار»، ۋە «ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن»، دېيىشەتتى. 041 MAR 003 023 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ [تەۋرات ئۇستازلىرىنى] يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: ــ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ 041 MAR 003 024 ئەگەر پادىشاھلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان بولسا شۇ پادىشاھلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ؛ 041 MAR 003 025 شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 041 MAR 003 026 ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ بۆلۈنسە، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي، يوقالماي قالمايدۇ. 041 MAR 003 027 ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. 041 MAR 003 028 شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسان بالىلىرى ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. 041 MAR 003 029 بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. 041 MAR 003 030 [ئەيسانىڭ بۇ سۆزى] ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن [ئېيتىلغانىدى]. 041 MAR 003 031 شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. 041 MAR 003 032 بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار: ــ مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى. 041 MAR 003 033 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ ــ دېدى. 041 MAR 003 034 ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 041 MAR 003 035 چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. 041 MAR 004 001 ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا [خەلققە] تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى. 041 MAR 004 002 ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: 041 MAR 004 003 ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. 041 MAR 004 004 ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 041 MAR 004 005 بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 041 MAR 004 006 لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. 041 MAR 004 007 بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ. 041 MAR 004 008 بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 041 MAR 004 009 ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ. 041 MAR 004 010 ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى. 041 MAR 004 011 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ 041 MAR 004 012 بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» [دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ]. 041 MAR 004 013 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. 041 MAR 004 014 ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. 041 MAR 004 015 ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. 041 MAR 004 016 بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 041 MAR 004 017 ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 041 MAR 004 018 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، 041 MAR 004 019 لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. 041 MAR 004 020 لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. 041 MAR 004 021 ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇ چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلمەمدۇ؟ 041 MAR 004 022 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ. 041 MAR 004 023 ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 041 MAR 004 024 ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر [باشقىلارغا] قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ. 041 MAR 004 025 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 041 MAR 004 026 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ: 041 MAR 004 027 ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 041 MAR 004 028 تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. 041 MAR 004 029 دان پىشقاندا، [چاچقۇچى] دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. 041 MAR 004 030 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتىمىز؟ ياكى قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز؟ 041 MAR 004 031 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، 041 MAR 004 032 تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ. 041 MAR 004 033 ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى. 041 MAR 004 034 لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. 041 MAR 004 035 شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا: ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى. 041 MAR 004 036 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. 041 MAR 004 037 ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. 041 MAR 004 038 لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى. 041 MAR 004 039 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 041 MAR 004 040 ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 041 MAR 004 041 ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 041 MAR 005 001 ئۇلار دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا، گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. 041 MAR 005 002 ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. 041 MAR 005 003 ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى. 041 MAR 005 004 چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 041 MAR 005 005 ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى. 041 MAR 005 006 لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى 041 MAR 005 007 ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! ــ دېدى 041 MAR 005 008 (چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). 041 MAR 005 009 ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئىسمىم «قوشۇن» ــ چۈنكى سانىمىز كۆپ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 041 MAR 005 010 ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. 041 MAR 005 011 تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. 041 MAR 005 012 جىنلار ئۇنىڭغا: ــ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. 041 MAR 005 013 ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى. 041 MAR 005 014 توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى. 041 MAR 005 015 ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى ــ يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 041 MAR 005 016 بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى. 041 MAR 005 017 بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. 041 MAR 005 018 ئۇ كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىنلار چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن: مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي، دەپ ئۆتۈندى. 041 MAR 005 019 لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي: ــ ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ ۋە يۇرتداشلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەرلەندۈرگىن، ــ دېدى. 041 MAR 005 020 ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى «ئون شەھەر رايونى»دا جار قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ھەيران قېلىشتى. 041 MAR 005 021 ئەيسا قايتىدىن كېمە بىلەن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكەندە، زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى؛ ئۇ دېڭىز بويىدا تۇراتتى. 041 MAR 005 022 مانا، مەلۇم بىر سىناگوگنىڭ چوڭى يائىرۇس ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. ئۇ ئۇنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: ــ كىچىك قىزىم ئۆلەي دەپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قوللىرىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ياشىغاي! ــ دەپ قاتتىق يېلىندى. 041 MAR 005 024 ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. زور بىر توپ خالايىقمۇ ئولىشىپ قىستاشقان ھالدا كەينىدىن مېڭىشتى. 041 MAR 005 025 خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، 041 MAR 005 026 ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 041 MAR 005 027 بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى. 041 MAR 005 028 چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 041 MAR 005 029 خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى. 041 MAR 005 030 ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: ــ كىيىمىمنى سىلىغان كىم؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 005 031 مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنىڭ ئۆزۈڭنى قىستاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى سىلىغان كىم؟» دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېيىشتى. 041 MAR 005 032 بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى. 041 MAR 005 033 ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى. 041 MAR 005 034 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، ــ دېدى. 041 MAR 005 035 ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى. 041 MAR 005 036 لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! ــ دېدى. 041 MAR 005 037 ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. 041 MAR 005 038 ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، 041 MAR 005 039 ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، ــ دېدى. 041 MAR 005 040 ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. 041 MAR 005 041 ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. 041 MAR 005 042 قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى. 041 MAR 005 043 ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى، شۇنداقلا قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. 041 MAR 006 001 ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 041 MAR 006 002 شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟ 041 MAR 006 003 ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى. 041 MAR 006 004 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 006 005 شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى. 041 MAR 006 006 ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى. 041 MAR 006 007 ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛ 041 MAR 006 008 ۋە ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار، 041 MAR 006 009 پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 041 MAR 006 010 ئۇ يەنە: ــ [بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا]، كىمنىڭ ئۆيىگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار. 041 MAR 006 011 قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. 041 MAR 006 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى. 041 MAR 006 013 ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى. 041 MAR 006 014 ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم [چوقۇم] ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى. 041 MAR 006 015 باشقىلار: «ئۇ ئىلياس [پەيغەمبەر]» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى. 041 MAR 006 016 بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود: ــ مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ــ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! ــ دېدى. 041 MAR 006 017 ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى. 041 MAR 006 019 شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى. 041 MAR 006 020 چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. 041 MAR 006 021 ئەمما [ھېرودىيە كۈتكەن] پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛ 041 MAR 006 022 ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. 041 MAR 006 023 ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. 041 MAR 006 024 قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن: ــ نېمە تەلەپ قىلاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، ــ دېدى. 041 MAR 006 025 قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى. 041 MAR 006 026 پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى. 041 MAR 006 027 شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، 041 MAR 006 028 ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. 041 MAR 006 029 بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى. 041 MAR 006 030 قايتىپ كەلگەن روسۇللار ئەيسانىڭ يېنىغا يىغىلدى، نېمە قىلغانلىرى ھەم نېمە تەلىم بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. 041 MAR 006 031 كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپلىكىدىن ئۇلارغا تاماقلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا: ــ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىڭلار، ــ دېدى. 041 MAR 006 032 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر چۆل يەرگە قاراپ ماڭدى. 041 MAR 006 033 بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى تونۇۋېلىۋىدى، ئەتراپتىكى بارلىق شەھەرلەردىن پىيادە يولغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ يىغىلىشتى. 041 MAR 006 034 ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. 041 MAR 006 035 كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. 041 MAR 006 036 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، ــ دېدى. 041 MAR 006 037 لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 006 038 ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى. 041 MAR 006 039 ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. 041 MAR 006 040 خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى. 041 MAR 006 041 ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى. 041 MAR 006 042 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. 041 MAR 006 043 [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. 041 MAR 006 044 نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى. 041 MAR 006 045 بۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغىچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 041 MAR 006 046 ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. 041 MAR 006 047 كەچ كىرگەندە، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇرۇقلۇقتا ئىدى. 041 MAR 006 048 ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. 041 MAR 006 049 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى. 041 MAR 006 050 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. 041 MAR 006 051 ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛ 041 MAR 006 052 چۈنكى ئۇلار نان بېرىش [مۆجىزىسىنى] تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى بىخۇد ھالەتتە تۇراتتى. 041 MAR 006 053 ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا [قۇرۇقلۇققا] چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى. 041 MAR 006 054 ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، [خالايىق] ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ، 041 MAR 006 055 ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى. 041 MAR 006 056 ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. 041 MAR 007 001 بۇ چاغدا، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلدى؛ 041 MAR 007 002 شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە-قەدەھ، داس-چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ). 041 MAR 007 006 ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! [ئۇنىڭ] يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛ 041 MAR 007 007 ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». 041 MAR 007 008 چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر. 041 MAR 007 009 ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار! 041 MAR 007 010 چۈنكى مۇسا [پەيغەمبەر]: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. 041 MAR 007 011 لېكىن سىلەر: ــ بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، 041 MAR 007 012 شۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر. 041 MAR 007 013 شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر. 041 MAR 007 014 ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 041 MAR 007 015 ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. 041 MAR 007 016 ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى. 041 MAR 007 017 ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى. 041 MAR 007 018 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟ 041 MAR 007 019 [سىرتتىن كىرگەن نەرسە] ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى). 041 MAR 007 020 ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. 041 MAR 007 021 چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ 041 MAR 007 023 ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ. 041 MAR 007 024 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى. 041 MAR 007 025 دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى 041 MAR 007 026 (ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 041 MAR 007 027 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى. 041 MAR 007 028 لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. 041 MAR 007 029 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. 041 MAR 007 030 ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى. 041 MAR 007 031 ئەيسا يەنە تۇر ۋە زىدون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، «ئون شەھەر» رايونى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، يەنە گالىلىيە دېڭىزىغا كەلدى. 041 MAR 007 032 خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى. 041 MAR 007 033 ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. 041 MAR 007 034 ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. 041 MAR 007 035 ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى. 041 MAR 007 036 ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى. 041 MAR 007 037 خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ــ ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، ــ دېيىشتى. 041 MAR 008 001 شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: 041 MAR 008 002 ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى. 041 MAR 008 003 ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، ــ دېدى. 041 MAR 008 004 مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ ــ دېيىشتى. 041 MAR 008 005 ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، ــ دېيىشتى ئۇلار. 041 MAR 008 006 بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 041 MAR 008 007 [مۇخلىسلاردا] يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. 041 MAR 008 008 خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى. 041 MAR 008 009 يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى، 041 MAR 008 010 ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى. 041 MAR 008 011 پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى. 041 MAR 008 012 ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 008 013 ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى. 041 MAR 008 014 مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى. 041 MAR 008 015 ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى. 041 MAR 008 016 مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى. 041 MAR 008 017 ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ: ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم-پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟ 041 MAR 008 018 كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 041 MAR 008 019 بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. 041 MAR 008 020 ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. 041 MAR 008 021 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى. 041 MAR 008 022 ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. 041 MAR 008 023 ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 008 024 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 008 025 ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. 041 MAR 008 026 ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ: ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى. 041 MAR 008 027 ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت-يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 008 028 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 041 MAR 008 029 ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى. 041 MAR 008 030 ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى. 041 MAR 008 031 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى. 041 MAR 008 032 ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. 041 MAR 008 033 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. 041 MAR 008 034 ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 041 MAR 008 035 چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. 041 MAR 008 036 چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 041 MAR 008 037 ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! 041 MAR 008 038 چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ. 041 MAR 009 001 ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. 041 MAR 009 002 ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، 041 MAR 009 003 كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى. 041 MAR 009 004 ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. 041 MAR 009 005 پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى 041 MAR 009 006 (چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى). 041 MAR 009 007 تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 041 MAR 009 008 ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى. 041 MAR 009 009 ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. 041 MAR 009 010 ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى. 041 MAR 009 011 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 041 MAR 009 012 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ 041 MAR 009 013 لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. 041 MAR 009 014 ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 041 MAR 009 015 ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 041 MAR 009 016 ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 009 017 خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. 041 MAR 009 018 ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. 041 MAR 009 019 ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. 041 MAR 009 020 ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. 041 MAR 009 021 ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، 041 MAR 009 022 جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى. 041 MAR 009 023 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. 041 MAR 009 024 بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. 041 MAR 009 025 ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى. 041 MAR 009 026 شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. 041 MAR 009 027 لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى. 041 MAR 009 028 ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. 041 MAR 009 029 ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. 041 MAR 009 030 ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. 041 MAR 009 031 چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى. 041 MAR 009 032 لېكىن [مۇخلىسلار] بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. 041 MAR 009 033 ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 009 034 لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى. 041 MAR 009 035 ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى. 041 MAR 009 036 ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 041 MAR 009 037 ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 041 MAR 009 038 يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. 041 MAR 009 039 لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. 041 MAR 009 040 چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 041 MAR 009 041 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. 041 MAR 009 042 لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 041 MAR 009 043 ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 041 MAR 009 044 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 041 MAR 009 045 ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 041 MAR 009 046 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 041 MAR 009 047 ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 041 MAR 009 048 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 041 MAR 009 049 ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. 041 MAR 009 050 تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار. 041 MAR 010 001 ئۇ ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسى تەرەپلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغىمۇ باردى. توپ-توپ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 041 MAR 010 002 بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 010 003 لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى. 041 MAR 010 004 ئۇلار: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، ــ دېيىشتى. 041 MAR 010 005 ئەيسا ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن ئۇ سىلەرگە بۇ ئەمرنى پۈتكەن؛ 041 MAR 010 006 لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا [ئىنسانلارنى] «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 041 MAR 010 007 «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 041 MAR 010 008 ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. 041 MAR 010 009 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، ــ دېدى. 041 MAR 010 010 ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى. 041 MAR 010 011 ئۇ ئۇلارغا: ــ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى ئايالىغا گۇناھ قىلىپ زىنا قىلغان بولىدۇ. 041 MAR 010 012 ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 010 013 قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. 041 MAR 010 014 بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا: بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر. 041 MAR 010 015 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 010 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى. 041 MAR 010 017 ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراسلىق قىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 010 018 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسەن؟ پەقەت بىرىدىن، يەنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم ياخشى ئەمەستۇر. 041 MAR 010 019 سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، ــ دېدى. 041 MAR 010 020 ئۇ ئادەم جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى. 041 MAR 010 021 ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ كرېستنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. 041 MAR 010 022 لېكىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 041 MAR 010 023 ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەسلىكتە بولىدۇ-ھە! ــ دېدى. 041 MAR 010 024 مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن: ــ بالىلىرىم، مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 041 MAR 010 025 تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. 041 MAR 010 026 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 041 MAR 010 027 ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 010 028 بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز بولساق، ھەممىنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېگىلى تۇردى. 041 MAR 010 029 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتىسى، ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى 041 MAR 010 030 بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. 041 MAR 010 031 لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. 041 MAR 010 032 ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. [مۇخلىسلىرى] بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ: 041 MAR 010 033 ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. 041 MAR 010 034 ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 010 035 زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سەندىن نېمە تىلىسەك ئورۇنداپ بەرسەڭ، دەپ ئۆتۈنىمىز، ــ دېيىشتى. 041 MAR 010 036 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دېدى. 041 MAR 010 037 ــ سەن شان-شەرىپىڭدە بولغىنىڭدا، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭدا ئولتۇرغۇزغايسەن، ــ دېيىشتى ئۇلار. 041 MAR 010 038 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟ 041 MAR 010 039 ــ قىلالايمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ دەرۋەقە، مەن ئىچىدىغان قەدەھىمنى سىلەرمۇ ئىچىسىلەر ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر. 041 MAR 010 040 بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولۇش مېنىڭ ئىلىكىمدە ئەمەس؛ بەلكى كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلارغا بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 010 041 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان [قالغان] ئون [مۇخلىس] ياقۇپ بىلەن يۇھاننادىن خاپا بولۇشقا باشلىدى. 041 MAR 010 042 لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، يات ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمران دەپ ھېسابلانغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. 041 MAR 010 043 بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ 041 MAR 010 044 ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 041 MAR 010 045 چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى. 041 MAR 010 046 ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. [ئەيسا] مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 041 MAR 010 047 ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ توۋلاشقا باشلىدى. 041 MAR 010 048 نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. 041 MAR 010 049 ئەيسا توختاپ: ئۇنى چاقىرىڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى. 041 MAR 010 050 ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. 041 MAR 010 051 ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. قارىغۇ: ــ ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى. 041 MAR 010 052 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. 041 MAR 011 001 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. 041 MAR 011 003 ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 041 MAR 011 004 ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى. 041 MAR 011 005 ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر: ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 041 MAR 011 006 مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. 041 MAR 011 007 مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى. 041 MAR 011 008 ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى. 041 MAR 011 009 ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! 041 MAR 011 010 ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 041 MAR 011 011 ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى. 041 MAR 011 012 ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 041 MAR 011 013 يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى. 041 MAR 011 014 ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. 041 MAR 011 015 ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ 041 MAR 011 016 ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. 041 MAR 011 017 ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى. 041 MAR 011 018 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى. 041 MAR 011 019 كەچقۇرۇن، ئۇ [مۇخلىسلىرى] [بىلەن] شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. 041 MAR 011 020 ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. 041 MAR 011 021 [دەرەخنىڭ ھالىتىنى] ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس: ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى. 041 MAR 011 022 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. 041 MAR 011 023 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 041 MAR 011 024 شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. 041 MAR 011 025 ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 041 MAR 011 026 لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. 041 MAR 011 027 ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: 041 MAR 011 028 ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 011 029 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن: 041 MAR 011 030 ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ! 041 MAR 011 031 ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 041 MAR 011 032 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى). 041 MAR 011 033 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 041 MAR 012 001 ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ؛ ئۇ بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارىنى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. 041 MAR 012 002 ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن [تېگىشلىكىنى] ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 041 MAR 012 003 لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 041 MAR 012 004 خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. 041 MAR 012 005 خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. 041 MAR 012 006 خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 041 MAR 012 007 لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ. 041 MAR 012 008 شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. 041 MAR 012 009 ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئۆزى كېلىپ باغۋەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ. 041 MAR 012 010 ئەمدى سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟ ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. 041 MAR 012 011 بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر» 041 MAR 012 012 ئۇلار ئۇنىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەشتى؛ ھالبۇكى، خالايىقتىن قورقۇشۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. 041 MAR 012 013 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىرنەچچە پەرىسىي ۋە ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. 041 MAR 012 014 ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. [سىلىچە]، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ 041 MAR 012 015 زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى. 041 MAR 012 016 ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ قەيسەرنىڭ، ــ دېيىشتى ئۇلار. 041 MAR 012 017 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ [ئۇنداق بولسا]، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 041 MAR 012 018 ئاندىن «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: 041 MAR 012 019 ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. 041 MAR 012 020 بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى. 041 MAR 012 021 ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى. 041 MAR 012 022 شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. 041 MAR 012 023 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى. 041 MAR 012 024 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟ 041 MAR 012 025 چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. 041 MAR 012 026 ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە [تەۋراتتا]، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ 041 MAR 012 027 ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر! شۇڭا سىلەر قاتتىق ئېزىپ كەتكەنسىلەر! 041 MAR 012 028 ئۇلارغا يېقىن كەلگەن، مۇنازىرىلەشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن: ــ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 012 029 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەڭ مۇھىم ئەمر شۇكى، «ئاڭلىغىن، ئەي ئىسرائىل! پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بولغان رەب بىردۇر. 041 MAR 012 030 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر. 041 MAR 012 031 ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: ــ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 041 MAR 012 032 تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: ــ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛ 041 MAR 012 033 ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر. 041 MAR 012 034 ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ: ــ سەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسەن، ــ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. 041 MAR 012 035 ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ مەسىھنى «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگىنىنى قانداق چۈشىنىسىلەر؟ 041 MAR 012 036 چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!». 041 MAR 012 037 داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى [مەسىھ] قانداقمۇ [داۋۇتنىڭ] ئوغلى بولىدۇ؟ ئۇ يەردىكى توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى خۇرسەنلىك بىلەن ئاڭلايتتى. 041 MAR 012 038 ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەرگىنىدە مۇنداق دېدى: ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا كېرىلىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا، 041 MAR 012 039 سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردە تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. 041 MAR 012 040 ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! 041 MAR 012 041 ئۇ ئىبادەتخانىدىكى سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇللىرىنى تاشلاۋاتقان خالايىققا قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تاشلاشتى. 041 MAR 012 042 نامرات بىر تۇل ئايالمۇ كېلىپ، تىيىننىڭ تۆتتىن بىرى قىممىتىدىكى ئىككى لەپتوننى تاشلىدى. 041 MAR 012 043 ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنى باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشلىغانلىرىدىن كۆپتۇر. 041 MAR 012 044 چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېشىپ تاشقانلىرىدىن سەدىقە قىلدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامرات تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ــ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىپ تاشلىدى. 041 MAR 013 001 ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى. 041 MAR 013 002 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 013 003 ئۇ زەيتۇن تېغىدا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئاندرىياسلار ئۇنىڭدىن ئاستىغىنا: 041 MAR 013 004 ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 041 MAR 013 005 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. 041 MAR 013 006 چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 041 MAR 013 007 سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس. 041 MAR 013 008 چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. 041 MAR 013 009 سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. 041 MAR 013 010 لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. 041 MAR 013 011 ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. 041 MAR 013 012 قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. 041 MAR 013 013 شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. 041 MAR 013 014 «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن. 041 MAR 013 015 ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي [قاچسۇن]. 041 MAR 013 016 ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. 041 MAR 013 017 ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 041 MAR 013 018 [قاچىدىغان] ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 041 MAR 013 019 چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. 041 MAR 013 020 ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ. 041 MAR 013 021 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 041 MAR 013 022 چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. 041 MAR 013 023 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. 041 MAR 013 024 ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، 041 MAR 013 025 يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 041 MAR 013 026 ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 041 MAR 013 027 ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ. 041 MAR 013 028 ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 041 MAR 013 029 خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. 041 MAR 013 030 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 041 MAR 013 031 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. 041 MAR 013 032 لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ. 041 MAR 013 033 ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. 041 MAR 013 034 بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ. 041 MAR 013 035 شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ [قايتىپ] كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ ــ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ــ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛ 041 MAR 013 036 ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن! 041 MAR 013 037 سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار! 041 MAR 014 001 «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى. 041 MAR 014 002 چۈنكى ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشەتتى. 041 MAR 014 003 ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. 041 MAR 014 004 لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئەتىر نېمە دەپ شۇنداق ئىسراپ قىلىنىدۇ؟ 041 MAR 014 005 چۈنكى بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى، پۇلى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىنسا بولمامتى! ــ دېيىشتى. ئۇلار ئايالغا شۇنداق تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى. 041 MAR 014 006 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇڭلار، نېمە دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىسىلەر؟ ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە ياخشى ئىش قىلدى. 041 MAR 014 007 چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتىڭلاردا ئۇلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتەلەيسىلەر؛ لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! 041 MAR 014 008 ئايال چامىنىڭ يېتىشىچە قىلدى؛ ئۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى. 041 MAR 014 009 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 014 010 شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى. 041 MAR 014 011 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدا ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتى. 041 MAR 014 012 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق [قوزىسى] سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [تامىقىنى] يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 014 013 ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار. 041 MAR 014 014 ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار. 041 MAR 014 015 ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە بىزگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار، ــ دېدى. 041 MAR 014 016 مۇخلىسلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، يولۇققان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئېيتقاندەك بولدى. شۇ يەردە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. 041 MAR 014 017 كەچ كىرگەندە، ئۇ ئون ئىككەيلەن بىلەن ئۆيگە كەلدى. 041 MAR 014 018 ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا ئەيسا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان بىرسى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. 041 MAR 014 019 ئۇلار [بۇ سۆزدىن] قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. يەنە بىرسى: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دېدى. 041 MAR 014 020 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ [شۇ كىشى] ئون ئىككەيلەننىڭ بىرى، يەنى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگۈچى بولىدۇ. 041 MAR 014 021 ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى! ــ دېدى. 041 MAR 014 022 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. 041 MAR 014 023 ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى. 041 MAR 014 024 ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 041 MAR 014 025 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شارابتىن ئىچىدىغان كۈنگىچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. 041 MAR 014 026 ئۇلار بىر مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. 041 MAR 014 027 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: سىلەر ھەممىڭلار تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. 041 MAR 014 028 لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. 041 MAR 014 029 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ھەممەيلەن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. 041 MAR 014 030 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن، يەنى بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. 041 MAR 014 031 لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. 041 MAR 014 032 ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى. 041 MAR 014 033 ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. 041 MAR 014 034 ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېدى. 041 MAR 014 035 ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: 041 MAR 014 036 ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. 041 MAR 014 037 ئۇ [ئۈچەيلەننىڭ] يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ ئەي سىمون، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭمۇ؟! 041 MAR 014 038 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. 041 MAR 014 039 ئاندىن ئۇ يەنە بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قايتىدىن دۇئا قىلدى. 041 MAR 014 040 ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. 041 MAR 014 041 ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى! 041 MAR 014 042 قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. 041 MAR 014 043 ۋە شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، مانا، ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 041 MAR 014 044 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. 041 MAR 014 045 ئۇ كېلىپ ئۇدۇل [ئەيسانىڭ] ئالدىغا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. 041 MAR 014 046 ئۇلار ئۇنىڭغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 041 MAR 014 047 ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 041 MAR 014 048 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ 041 MAR 014 049 مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. 041 MAR 014 050 بۇ چاغدا، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. 041 MAR 014 051 پەقەت ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ياش ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىۋىدى، 041 MAR 014 052 لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى. 041 MAR 014 053 ئەمدى ئۇلار ئەيسانى باش كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. 041 MAR 014 054 پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارايىدىكى ھويلىنىڭ ئىچىگىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كەلدى؛ ئۇ قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئوتنىڭ نۇرىدا ئوتسىنىپ ئولتۇردى. 041 MAR 014 055 باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. 041 MAR 014 056 چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھچىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيتتى. 041 MAR 014 057 بەزى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: 041 MAR 014 058 ــ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېدى. 041 MAR 014 059 ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى. 041 MAR 014 060 ئاندىن باش كاھىن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 014 061 لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن: ــ سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 014 062 شۇنداق، مەن ئۆزۈم، ــ دېدى ئەيسا، ــ ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. 041 MAR 014 063 شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ 041 MAR 014 064 ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى. 041 MAR 014 065 ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، [پەيغەمبەرچىلىك] [قىلىپ] بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى. 041 MAR 014 066 پېترۇس ساراينىڭ تۆۋەنكى ھويلىسىدا تۇرغاندا، باش كاھىننىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، 041 MAR 014 067 ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: ــ سەنمۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىللە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. 041 MAR 014 068 لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، ــ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئايۋانىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسمادا خوراز بىر چىللىدى. 041 MAR 014 069 ئۇنى يەنە كۆرگەن ھېلىقى دېدەك يەنە ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئۇلاردىن بىرى، ــ دېگىلى تۇردى. 041 MAR 014 070 [پېترۇس] يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: ــ بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟! ــ دېيىشتى. 041 MAR 014 071 لېكىن ئۇ قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ سىلەر دەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. 041 MAR 014 072 دەل شۇ چاغدا خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى؛ ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى. 041 MAR 015 001 ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، [ۋالىي] پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. 041 MAR 015 002 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى. 041 MAR 015 003 باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. 041 MAR 015 004 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: ــ جاۋاب بەرمەمسەن؟ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ!؟ ــ دەپ سورىدى. 041 MAR 015 005 بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. 041 MAR 015 006 ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى. 041 MAR 015 007 ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى. 041 MAR 015 008 خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى. 041 MAR 015 009 پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى 041 MAR 015 010 (چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). 041 MAR 015 011 لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى. 041 MAR 015 012 پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ ئۇنداق بولسا، سىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىل دەۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. 041 MAR 015 013 ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 041 MAR 015 014 پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 041 MAR 015 015 شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. 041 MAR 015 016 ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى. 041 MAR 015 017 ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. 041 MAR 015 018 ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى. 041 MAR 015 019 ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. 041 MAR 015 020 ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى. 041 MAR 015 021 كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). [لەشكەرلەر] ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، [ئەيسانىڭ] كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 041 MAR 015 022 ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛ 041 MAR 015 023 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. 041 MAR 015 024 ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. 041 MAR 015 025 ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى. 041 MAR 015 026 ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى. 041 MAR 015 027 ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. 041 MAR 015 028 شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 041 MAR 015 029 ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ ئۇھۇي، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، 041 MAR 015 030 ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. 041 MAR 015 031 باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ: ــ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 041 MAR 015 032 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. 041 MAR 015 033 ئەمدى [كۈننىڭ] ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى. 041 MAR 015 034 توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. 041 MAR 015 035 ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: ــ مانا، ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 041 MAR 015 036 ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ: ــ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] ئۇنى چۈشۈرگىلى كېلەرمىكىن؟ ــ دېدى. 041 MAR 015 037 ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. 041 MAR 015 038 ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. 041 MAR 015 039 ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېدى. 041 MAR 015 040 ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. 041 MAR 015 041 ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ [ئۇنىڭ ئەھۋالىغا] قاراپ تۇراتتى. 041 MAR 015 042 كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)، 041 MAR 015 043 ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 041 MAR 015 044 پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى. 041 MAR 015 045 يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى. 041 MAR 015 046 يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى [كرېستتىن] چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى. 041 MAR 015 047 ۋە ماگداللىق مەريەم بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ئۇنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى. 041 MAR 016 001 شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. 041 MAR 016 002 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى. 041 MAR 016 003 ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى. 041 MAR 016 004 لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى. 041 MAR 016 005 ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 041 MAR 016 006 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي! 041 MAR 016 007 لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى. 041 MAR 016 008 ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى. 041 MAR 016 009 (note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. 041 MAR 016 010 مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى. 041 MAR 016 011 ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى. 041 MAR 016 012 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى. 041 MAR 016 013 بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى. 041 MAR 016 014 ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى. 041 MAR 016 015 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. 041 MAR 016 016 ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. 041 MAR 016 017 ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، 041 MAR 016 018 ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ. 041 MAR 016 019 شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 041 MAR 016 020 مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى. # # BOOK 042 LUK Luke لۇقا 042 LUK 001 001 گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، 042 LUK 001 002 (خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)، 042 LUK 001 003 مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم. 042 LUK 001 004 بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. 042 LUK 001 005 يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى. 042 LUK 001 006 ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى. 042 LUK 001 007 ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى. 042 LUK 001 008 ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا [ئىبادەتخانىدا] نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا، 042 LUK 001 009 [شۇ چاغدىكى] كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى. 042 LUK 001 010 ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 042 LUK 001 011 تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. 042 LUK 001 012 ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. 042 LUK 001 013 بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. 042 LUK 001 014 ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. 042 LUK 001 015 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. 042 LUK 001 016 ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. 042 LUK 001 017 ئۇ [رەبنىڭ] ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 001 018 زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 001 019 پەرىشتە جاۋابەن: ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم. 042 LUK 001 020 ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى. 042 LUK 001 021 ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى. 042 LUK 001 022 ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. 042 LUK 001 023 شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ [ئىبادەتخانىدىكى] خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى. 042 LUK 001 024 دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي: 042 LUK 001 025 «ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى. 042 LUK 001 026 [ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. 042 LUK 001 028 جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى. 042 LUK 001 029 ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. 042 LUK 001 030 پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. 042 LUK 001 031 مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. 042 LUK 001 032 ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. 042 LUK 001 033 ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. 042 LUK 001 034 مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 001 035 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. 042 LUK 001 036 ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 042 LUK 001 037 چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 001 038 مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. 042 LUK 001 039 مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 042 LUK 001 040 ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى. 042 LUK 001 041 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! 042 LUK 001 043 ماڭا شۇنداق [شەرەپ] نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! 042 LUK 001 044 چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى. 042 LUK 001 045 ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ! 042 LUK 001 046 مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ «جېنىم رەبنى ئۇلۇغلايدۇ، 042 LUK 001 047 روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى، 042 LUK 001 048 چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛ چۈنكى مانا، شۇندىن باشلاپ بارلىق دەۋرلەر مېنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ؛ 042 LUK 001 049 چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى. 042 LUK 001 050 ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، 042 LUK 001 051 ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى، ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى. 042 LUK 001 052 ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى، پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى. 042 LUK 001 053 ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى، لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى. 042 LUK 001 055 ‏ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى». 042 LUK 001 056 مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. 042 LUK 001 057 ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 042 LUK 001 058 ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. 042 LUK 001 059 ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. 042 LUK 001 060 لېكىن ئانىسى جاۋابەن: ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى. 042 LUK 001 061 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى. 042 LUK 001 062 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى. 042 LUK 001 063 ئۇ بىر پارچە [موم] تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 042 LUK 001 064 شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى. 042 LUK 001 065 ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى. 042 LUK 001 066 بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى. 042 LUK 001 067 شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ 042 LUK 001 068 «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى. 042 LUK 001 070 ‏ ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛ بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر. 042 LUK 001 072 ‏ ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى. 042 LUK 001 076 ئەمدى سەن، ئى بالام، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن. 042 LUK 001 077 ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛ 042 LUK 001 078 چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن، پۇتلىرىمىزنى ئامانلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن، ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى. 042 LUK 001 080 بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى. 042 LUK 002 001 ئەمدى شۇ كۈنلەردە، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى. 042 LUK 002 002 تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. 042 LUK 002 003 شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى. 042 LUK 002 004 يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى. 042 LUK 002 005 نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى. 042 LUK 002 006 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. 042 LUK 002 007 بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى. 042 LUK 002 008 شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى. 042 LUK 002 009 ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى. 042 LUK 002 010 بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن. 042 LUK 002 011 چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر! 042 LUK 002 012 [ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى. 042 LUK 002 013 بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: 042 LUK 002 014 «ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى. 042 LUK 002 015 پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى. 042 LUK 002 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى. 042 LUK 002 017 پادىچىلار [بوۋاقنى] كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى. 042 LUK 002 018 بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 042 LUK 002 019 مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى. 042 LUK 002 020 پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى. 042 LUK 002 021 بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى. 042 LUK 002 022 ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەرگە] چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى 042 LUK 002 023 (پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك) 042 LUK 002 024 ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى. 042 LUK 002 025 ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى. 042 LUK 002 026 ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. 042 LUK 002 027 ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ [ھويلىلىرىغا] كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، 042 LUK 002 028 سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ 042 LUK 002 029 «ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛ 042 LUK 002 030 چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى، 042 LUK 002 031 ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛ 042 LUK 002 032 ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىدۇر!» 042 LUK 002 033 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 042 LUK 002 034 سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، [خۇدانىڭ] بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ. 042 LUK 002 035 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ! 042 LUK 002 036 شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، 042 LUK 002 037 ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. 042 LUK 002 038 ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى. 042 LUK 002 039 [يۈسۈپ] بىلەن [مەريەم] تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى. 042 LUK 002 040 بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 042 LUK 002 041 ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. 042 LUK 002 042 ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى. 042 LUK 002 043 ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى، 042 LUK 002 044 بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛ 042 LUK 002 045 ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى. 042 LUK 002 046 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى. 042 LUK 002 047 ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 042 LUK 002 048 ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! ــ دېدى. 042 LUK 002 049 ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. 042 LUK 002 050 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى. 042 LUK 002 051 ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. 042 LUK 002 052 شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئاقىلانىلىك-دانالىقتا ۋە قامەتتە يېتىلىپ، خۇدا ۋە كىشىلەر ئالدىدا بارغانسېرى سۆيۈلمەكتە ئىدى. 042 LUK 003 001 رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا، 042 LUK 003 002 ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى. 042 LUK 003 003 ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى. 042 LUK 003 004 خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك: «باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 042 LUK 003 005 بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛ ئەگرى-توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ. 042 LUK 003 006 شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ». 042 LUK 003 007 يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! 042 LUK 003 008 ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 042 LUK 003 009 پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى. 042 LUK 003 010 [ئۇنىڭ ئەتراپىغا] توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 003 011 ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. 042 LUK 003 012 بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 003 013 ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 003 014 ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 003 015 ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. 042 LUK 003 016 يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 042 LUK 003 017 ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 003 018 ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى. 042 LUK 003 019 [كېيىن]، ھاكىم ھېرود [ئۆگەي] ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى [تارتىۋالغانلىقى] تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، 042 LUK 003 020 ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى. 042 LUK 003 021 شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، 042 LUK 003 022 مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 042 LUK 003 023 ئەيسا ئۆز [خىزمىتىنى] باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 024 خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 025 يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 026 ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 027 يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 028 نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 029 ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 030 لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 031 ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 032 داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 033 ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 034 يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 035 ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 036 شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 037 لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، 042 LUK 003 038 قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. 042 LUK 004 001 ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 042 LUK 004 002 ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 042 LUK 004 003 ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى. 042 LUK 004 004 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 042 LUK 004 005 ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 042 LUK 004 006 ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. 042 LUK 004 007 ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 004 008 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 042 LUK 004 009 ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! 042 LUK 004 010 چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ 042 LUK 004 011 ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 042 LUK 004 012 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. 042 LUK 004 013 ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. 042 LUK 004 014 ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 042 LUK 004 015 ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. 042 LUK 004 016 ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى 042 LUK 004 017 ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: 042 LUK 004 018 ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». 042 LUK 004 020 ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. 042 LUK 004 021 ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. 042 LUK 004 022 ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. 042 LUK 004 023 ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى. 042 LUK 004 024 ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. 042 LUK 004 025 مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ 042 LUK 004 026 بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. 042 LUK 004 027 ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. 042 LUK 004 028 سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ 042 LUK 004 029 ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. 042 LUK 004 030 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. 042 LUK 004 031 ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. 042 LUK 004 032 ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. 042 LUK 004 033 ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: 042 LUK 004 034 ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. 042 LUK 004 035 لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. 042 LUK 004 036 ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. 042 LUK 004 037 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 042 LUK 004 038 ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. 042 LUK 004 039 ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. 042 LUK 004 040 كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. 042 LUK 004 041 كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. 042 LUK 004 042 كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. 042 LUK 004 043 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. 042 LUK 004 044 شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى. 042 LUK 005 001 شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى. 042 LUK 005 002 ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، [قىرغاقتا] تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 042 LUK 005 003 ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى. 042 LUK 005 004 سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 005 005 سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى. 042 LUK 005 006 ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. 042 LUK 005 007 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، [بېلىقلارنى] ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. 042 LUK 005 008 سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى. 042 LUK 005 009 چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى. 042 LUK 005 010 ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا: ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى. 042 LUK 005 011 ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 042 LUK 005 012 شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى. 042 LUK 005 013 ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى. 042 LUK 005 014 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر [قۇربانلىقنى] سۇنغىن، ــ دېدى. 042 LUK 005 015 لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى. 042 LUK 005 016 ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى. 042 LUK 005 017 شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. 042 LUK 005 018 شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. 042 LUK 005 019 بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 042 LUK 005 020 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى. 042 LUK 005 021 تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى. 042 LUK 005 022 بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ 042 LUK 005 023 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ 042 LUK 005 024 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى. 042 LUK 005 025 ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى. 042 LUK 005 026 ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. 042 LUK 005 027 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. 042 LUK 005 028 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 042 LUK 005 029 لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى. 042 LUK 005 030 بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى. 042 LUK 005 031 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر. 042 LUK 005 032 مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. 042 LUK 005 033 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى. 042 LUK 005 034 ئۇ ئۇلارغا: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟ 042 LUK 005 035 ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ. 042 LUK 005 036 ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى: ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ. 042 LUK 005 037 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ [كۆپۈشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. 042 LUK 005 038 شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. 042 LUK 005 039 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ: «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ. 042 LUK 006 001 ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى. 042 LUK 006 002 لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 042 LUK 006 003 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر ھەتتا داۋۇت [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ 042 LUK 006 004 دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، [تەۋراتتا] كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ] ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى. 042 LUK 006 005 ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى. 042 LUK 006 006 يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 042 LUK 006 007 ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 042 LUK 006 008 بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. 042 LUK 006 009 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 006 010 ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى. 042 LUK 006 011 لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. 042 LUK 006 012 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 042 LUK 006 013 تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى. 042 LUK 006 014 ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، 042 LUK 006 015 ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون، 042 LUK 006 016 ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى. 042 LUK 006 017 ئەيسا [روسۇللىرى] بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. 042 LUK 006 018 ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. 042 LUK 006 019 بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى. 042 LUK 006 020 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر. 042 LUK 006 021 مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر. 042 LUK 006 022 كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! 042 LUK 006 023 شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى [بۇرۇنقى] پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان. 042 LUK 006 024 ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت-پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار! 042 LUK 006 025 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر. 042 LUK 006 026 ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ [بۇرۇنقى] ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان». 042 LUK 006 027 ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. 042 LUK 006 028 سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 042 LUK 006 029 بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. 042 LUK 006 030 بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. 042 LUK 006 031 باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. 042 LUK 006 032 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 042 LUK 006 033 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 042 LUK 006 034 ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 042 LUK 006 035 لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. 042 LUK 006 036 ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. 042 LUK 006 037 ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. 042 LUK 006 038 بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ. 042 LUK 006 039 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟ 042 LUK 006 040 مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ. 042 LUK 006 041 ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! 042 LUK 006 042 سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. 042 LUK 006 043 چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 042 LUK 006 044 ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس. 042 LUK 006 045 ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. 042 LUK 006 046 ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ 042 LUK 006 047 ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. 042 LUK 006 048 ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. 042 LUK 006 049 لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. [كەلكۈن] ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى! 042 LUK 007 001 ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە [قايتا] كىردى. 042 LUK 007 002 ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. 042 LUK 007 003 يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. 042 LUK 007 004 ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. 042 LUK 007 005 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. 042 LUK 007 006 ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. 042 LUK 007 007 شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. 042 LUK 007 008 چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». 042 LUK 007 009 ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى. 042 LUK 007 010 يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى. 042 LUK 007 011 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 042 LUK 007 012 ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. 042 LUK 007 013 رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى. 042 LUK 007 014 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى. 042 LUK 007 015 ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 042 LUK 007 016 ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى. 042 LUK 007 017 ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. 042 LUK 007 018 يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، 042 LUK 007 019 ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 042 LUK 007 020 ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى. 042 LUK 007 021 دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. 042 LUK 007 022 شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. 042 LUK 007 023 [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 007 024 يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ: ــ «سىلەر [بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ 042 LUK 007 025 ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! 042 LUK 007 026 ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. 042 LUK 007 027 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر. 042 LUK 007 028 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ 042 LUK 007 029 (ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. 042 LUK 007 030 لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى). 042 LUK 007 031 لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ 042 LUK 007 032 ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. 042 LUK 007 033 چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. 042 LUK 007 034 ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر. 042 LUK 007 035 لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». 042 LUK 007 036 پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى. 042 LUK 007 037 ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. 042 LUK 007 038 ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. 042 LUK 007 039 ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى. 042 LUK 007 040 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى. ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون. 042 LUK 007 041 ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. 042 LUK 007 042 لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا. 042 LUK 007 043 سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، [قەرزى] كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى. ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا. 042 LUK 007 044 ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. 042 LUK 007 045 سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. 042 LUK 007 046 سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. 042 LUK 007 047 شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 007 048 ئاندىن ئۇ ئايالغا: ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. 042 LUK 007 049 ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. 042 LUK 007 050 ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى. 042 LUK 008 001 كېيىن، [ئەيسا] شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 042 LUK 008 002 ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)، 042 LUK 008 003 ھېرود [خان]نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ [ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ] ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى. 042 LUK 008 004 چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: 042 LUK 008 005 ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 042 LUK 008 006 باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ. 042 LUK 008 007 باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. 042 LUK 008 008 باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى. 042 LUK 008 009 كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 008 010 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ». 042 LUK 008 011 ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. 042 LUK 008 012 چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. 042 LUK 008 013 تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. 042 LUK 008 014 تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. 042 LUK 008 015 لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ. 042 LUK 008 016 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. 042 LUK 008 017 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. 042 LUK 008 018 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 042 LUK 008 019 ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. 042 LUK 008 020 شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 008 021 لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى. 042 LUK 008 022 ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. 042 LUK 008 023 كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. 042 LUK 008 024 مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. 042 LUK 008 025 ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 042 LUK 008 026 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. 042 LUK 008 027 ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. 042 LUK 008 028 لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. 042 LUK 008 029 چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). 042 LUK 008 030 ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. 042 LUK 008 031 ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. 042 LUK 008 032 شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. 042 LUK 008 033 جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. 042 LUK 008 034 توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. 042 LUK 008 035 خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. 042 LUK 008 036 بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. 042 LUK 008 037 ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. 042 LUK 008 038 ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ: 042 LUK 008 039 ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 042 LUK 008 040 ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. 042 LUK 008 041 ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. 042 LUK 008 042 چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى. 042 LUK 008 043 ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. 042 LUK 008 044 ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. 042 LUK 008 045 ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: ــ ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى. 042 LUK 008 046 لېكىن ئەيسا: ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى. 042 LUK 008 047 ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. 042 LUK 008 048 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. 042 LUK 008 049 ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى. 042 LUK 008 050 لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 008 051 ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. 042 LUK 008 052 ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى. 042 LUK 008 053 ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 042 LUK 008 054 لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى. 042 LUK 008 055 [قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. 042 LUK 008 056 قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. 042 LUK 009 001 ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. 042 LUK 009 002 ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. 042 LUK 009 003 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. 042 LUK 009 004 ۋە قايسى ئۆيگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار. 042 LUK 009 005 ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. 042 LUK 009 006 مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى. 042 LUK 009 007 ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، 042 LUK 009 008 يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر [قايتا] پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. 042 LUK 009 009 ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى. 042 LUK 009 010 روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. 042 LUK 009 011 بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى. 042 LUK 009 012 كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى. 042 LUK 009 013 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار. 042 LUK 009 014 چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 009 015 ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. 042 LUK 009 016 ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. 042 LUK 009 017 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى. 042 LUK 009 018 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن: ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 009 019 ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر]، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 009 020 ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى. 042 LUK 009 021 ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. 042 LUK 009 022 ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى. 042 LUK 009 023 ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 042 LUK 009 024 چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. 042 LUK 009 025 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 042 LUK 009 026 چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. 042 LUK 009 027 لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. 042 LUK 009 028 بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. 042 LUK 009 029 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى. 042 LUK 009 030 ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئىدى. 042 LUK 009 031 ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. 042 LUK 009 032 ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى. 042 LUK 009 033 ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى. 042 LUK 009 034 لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. 042 LUK 009 035 بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى. 042 LUK 009 036 ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى. 042 LUK 009 037 ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. 042 LUK 009 038 مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. 042 LUK 009 039 مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. 042 LUK 009 040 مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى. 042 LUK 009 041 ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى. 042 LUK 009 042 بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. 042 LUK 009 043 ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى: 042 LUK 009 044 ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 009 045 بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. 042 LUK 009 046 ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. 042 LUK 009 047 ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 042 LUK 009 048 ئۇلارغا: ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 009 049 يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. 042 LUK 009 050 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى. 042 LUK 009 051 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. 042 LUK 009 052 [شۇنىڭ ئۈچۈن] ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى. 042 LUK 009 053 بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. 042 LUK 009 054 ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى. 042 LUK 009 055 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. 042 LUK 009 056 ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى. 042 LUK 009 057 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى. 042 LUK 009 058 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. 042 LUK 009 059 ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. لېكىن ئۇ: ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. 042 LUK 009 060 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى. 042 LUK 009 061 يەنە بىرسى: ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. 042 LUK 009 062 ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى. 042 LUK 010 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى. 042 LUK 010 002 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن كۆپرەك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ھوسۇلۇڭنى يىغىشقا ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار. 042 LUK 010 003 مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن. 042 LUK 010 004 ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا [توختىماڭلار]. 042 LUK 010 005 قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار. 042 LUK 010 006 ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 042 LUK 010 007 ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. 042 LUK 010 008 سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار. 042 LUK 010 009 ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار. 042 LUK 010 010 بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە: 042 LUK 010 011 «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە [راستتىنلا] يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار. 042 LUK 010 012 مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 042 LUK 010 013 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. 042 LUK 010 014 قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 042 LUK 010 015 ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر! 042 LUK 010 016 [ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە]: ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 010 017 يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ: ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى. 042 LUK 010 018 ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. 042 LUK 010 019 مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. 042 LUK 010 020 لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 010 021 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. 042 LUK 010 022 ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». 042 LUK 010 023 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا: سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر! 042 LUK 010 024 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى. 042 LUK 010 025 ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 010 026 ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى. 042 LUK 010 027 ھېلىقى كىشى جاۋابەن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى. 042 LUK 010 028 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى. 042 LUK 010 029 لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ: ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى. 042 LUK 010 030 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. 042 LUK 010 031 ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 042 LUK 010 032 شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق [روھانىي] بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 042 LUK 010 033 لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ 042 LUK 010 034 ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 042 LUK 010 035 ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ. 042 LUK 010 036 [ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن]: ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە [ھەقىقىي] قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 010 037 ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى. 042 LUK 010 038 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە] يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. 042 LUK 010 039 مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى. 042 LUK 010 040 ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، سىڭلىمنىڭ مېنى مېھمان كۈتكىلى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا كارىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى ماڭا ياردەملىشىشكە بۇيرۇغىن! ــ دېدى. 042 LUK 010 041 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەي مارتا، مارتا، سەن كۆپ ئىشلارنىڭ غېمىنى يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. 042 LUK 010 042 بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى. 042 LUK 011 001 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، يەھيا ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سەنمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتسەڭ، ــ دېدى. 042 LUK 011 002 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتا، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي. 042 LUK 011 003 ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن. 042 LUK 011 004 بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن». 042 LUK 011 005 ئۇ سۆزىنى [داۋام قىلىپ] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛ 042 LUK 011 006 چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە، 042 LUK 011 007 ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن. 042 LUK 011 008 سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ. 042 LUK 011 009 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. 042 LUK 011 010 چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. 042 LUK 011 011 ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 042 LUK 011 012 تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 042 LUK 011 013 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟ 042 LUK 011 014 ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 042 LUK 011 015 بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى. 042 LUK 011 016 ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى. 042 LUK 011 017 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ۋە ھەرقانداق ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. 042 LUK 011 018 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. 042 LUK 011 019 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! 042 LUK 011 020 لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ. 042 LUK 011 021 تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛ 042 LUK 011 022 لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. 042 LUK 011 023 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە [ئادەملەرنى] يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. 042 LUK 011 024 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ. 042 LUK 011 025 شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، 042 LUK 011 026 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. 042 LUK 011 027 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى. 042 LUK 011 028 بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى. 042 LUK 011 029 شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بۇ دەۋر دەرۋەقە رەزىل بىر دەۋردۇر؛ ئۇ مۆجىزىلىك بىر ئالامەتنىڭ كۆرىستىلىشنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. 042 LUK 011 030 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەرگە ئالامەت-كارامەت بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ بۇ دەۋرگە يەنە شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 011 031 قىيامەت كۈنى «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. 042 LUK 011 032 قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ! 042 LUK 011 033 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن جايدا قويماس، ياكى ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. 042 LUK 011 034 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. 042 LUK 011 035 شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن! 042 LUK 011 036 ئەمدى ئەگەر بارچە ۋۇجۇدۇڭ يورۇق بولسا ۋە ئۇنىڭ ھېچ يېرى قاراڭغۇ بولمىسا، ۋۇجۇدۇڭ خۇددى چىراغ پارلاق نۇرى بىلەن سېنى يورۇتقاندەك تامامەن ئايدىڭ بولىدۇ. 042 LUK 011 037 ئەيسا سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە غىزاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 042 LUK 011 038 لېكىن ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 042 LUK 011 039 لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر. 042 LUK 011 040 ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟! 042 LUK 011 041 ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ. 042 LUK 011 042 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. 042 LUK 011 043 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان [ھۆرمەتلىك] سالاملىرىغا ئامراقسىلەر. 042 LUK 011 044 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى. 042 LUK 011 045 تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بۇلارنى ئېيتقىنىڭ بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! ــ دېدى. 042 LUK 011 046 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر! 042 LUK 011 047 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. 042 LUK 011 048 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. 042 LUK 011 049 بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ». 042 LUK 011 050 شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان [كاھىن] زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ! 042 LUK 011 052 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى ھېكمەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار ۋە كىرەي دېگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار. 042 LUK 011 053 ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى 042 LUK 011 054 ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا سۆزىدىن بىرەر ئەيىب تېپىۋېلىشقا پايلاپ يۈرەتتى. 042 LUK 012 001 شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 042 LUK 012 002 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. 042 LUK 012 003 شۇڭا سىلەرنىڭ قاراڭغۇدا ئېيتقانلىرىڭلار يورۇقتا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىچكىرىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلارمۇ ئۆگزىلەردە جاكارلىنىدۇ. 042 LUK 012 004 مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. 042 LUK 012 005 لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! 042 LUK 012 006 بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق. 042 LUK 012 007 لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر! 042 LUK 012 008 ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. 042 LUK 012 009 بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ. 042 LUK 012 010 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان ھەرقانداق كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. 042 LUK 012 011 لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «[ئەرزگە] قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. 042 LUK 012 012 چۈنكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ. 042 LUK 012 013 كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، ئاكامغا [ئاتىمىزدىن] [قالغان] مىراسنى مەن بىلەن تەڭ ئۈلىشىشكە بۇيرۇغايلا ــ دېدى. 042 LUK 012 014 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟ ــ دېدى. 042 LUK 012 015 ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى. 042 LUK 012 016 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: ــ «بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. 042 LUK 012 017 ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلاي؟ چۈنكى بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويغۇدەك يېرىم يوق» ــ دەپ ئويلاپتۇ. 042 LUK 012 018 ئاندۇن ئۇ: ــ «مۇنداق قىلاي: ــ ھازىرقى ئامبارلىرىمنى چۇۋۇۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭىنى ياساپ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىم ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە يىغىپ ساقلاي! 042 LUK 012 019 ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 042 LUK 012 020 لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا جېنىڭ سەندىن تەلەپ قىلىپ ئېلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ توپلىغىنىڭ كىمگە قالىدۇ؟» دەپتۇ. 042 LUK 012 021 خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار». 042 LUK 012 022 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، تۇرمۇشۇڭلار توغرۇلۇق، نېمە يەرمىز ياكى نېمە كىيەرمىز، دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. 042 LUK 012 023 چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر. 042 LUK 012 024 قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! 042 LUK 012 025 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ 042 LUK 012 026 ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟ 042 LUK 012 027 نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. 042 LUK 012 028 ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟! 042 LUK 012 029 شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار. 042 LUK 012 030 چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ 042 LUK 012 031 شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. 042 LUK 012 032 قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى. 042 LUK 012 033 مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ. 042 LUK 012 034 چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. 042 LUK 012 035 سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ 042 LUK 012 036 خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ. 042 LUK 012 037 خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ! 042 LUK 012 038 ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر! 042 LUK 012 039 لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى! 042 LUK 012 040 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ. 042 LUK 012 041 پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 012 042 رەب مۇنداق دېدى: ــ خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟ 042 LUK 012 043 خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! 042 LUK 012 044 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 042 LUK 012 045 لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا، 042 LUK 012 046 شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. 042 LUK 012 047 ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ. 042 LUK 012 048 بىراق خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان چاكار ئازراق تاياق يەيدۇ. كىمگە كۆپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئادەملەر كىمگە كۆپ ئامانەت قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. 042 LUK 012 049 مەن يەر يۈزىگە ئوت تاشلاپ تۇتاشتۇرۇشقا كەلدىم ۋە بۇ ئوتنىڭ تۇتىشىشىغا نەقەدەر تەقەززامەن! 042 LUK 012 050 لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن! 042 LUK 012 051 سىلەر مېنى يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ياق، مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! 042 LUK 012 052 چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئۆيدىكى بەش كىشى بۆلۈنىدۇ؛ ئۈچى ئىككىسىگە قارسى ۋە ئىككىسى ئۈچىگە قارشى بۆلۈنىدۇ. 042 LUK 012 053 ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. 042 LUK 012 054 ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتىن بۇلۇتنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، دەرھال «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر، ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 012 055 جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 012 056 ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟! 042 LUK 012 057 ئەمدى نېمىشقا قايسى ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! 042 LUK 012 058 چۈنكى دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ ۋە گۇندىپاي سېنى زىندانغا تاشلايدۇ. 042 LUK 012 059 مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن. 042 LUK 013 001 شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. 042 LUK 013 002 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ 042 LUK 013 003 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. 042 LUK 013 004 سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ 042 LUK 013 005 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. 042 LUK 013 006 ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. 042 LUK 013 007 ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. 042 LUK 013 008 لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 042 LUK 013 009 ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن. 042 LUK 013 010 بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. 042 LUK 013 011 مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. 042 LUK 013 012 ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى. 042 LUK 013 013 ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 042 LUK 013 014 بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 013 015 شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! 042 LUK 013 016 ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! 042 LUK 013 017 ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى. 042 LUK 013 018 ئۇ سۆزىنى [داۋاملاشتۇرۇپ] مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ 042 LUK 013 019 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى. 042 LUK 013 020 ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى. 042 LUK 013 022 [ئەيسا] يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. 042 LUK 013 023 بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: 042 LUK 013 024 ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. 042 LUK 013 025 ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. 042 LUK 013 026 ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 042 LUK 013 027 ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 042 LUK 013 028 سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. 042 LUK 013 029 ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 042 LUK 013 030 شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ. 042 LUK 013 031 دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى. 042 LUK 013 032 ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار. 042 LUK 013 033 ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس. 042 LUK 013 034 ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. 042 LUK 013 035 مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. 042 LUK 014 001 ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى. 042 LUK 014 002 ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. 042 LUK 014 003 ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 014 004 بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. 042 LUK 014 005 ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە: ــ ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقارمايدىغان زادى كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 014 006 ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى. 042 LUK 014 007 ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: 042 LUK 014 008 ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، 042 LUK 014 009 ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. 042 LUK 014 010 لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. 042 LUK 014 011 چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ. 042 LUK 014 012 ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: ــ مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. 042 LUK 014 013 شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن 042 LUK 014 014 ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ. 042 LUK 014 015 ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى. 042 LUK 014 016 بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر كىشى كاتتا زىياپەتكە تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى چاقىرىپ قويۇپتۇ. 042 LUK 014 017 داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. 042 LUK 014 018 بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. 042 LUK 014 019 يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. 042 LUK 014 020 يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ. 042 LUK 014 021 چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ. 042 LUK 014 022 ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. 042 LUK 014 023 شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن! 042 LUK 014 024 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ. 042 LUK 014 025 ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: 042 LUK 014 026 ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. 042 LUK 014 027 كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس. 042 LUK 014 028 ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟ 042 LUK 014 029 ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ. 042 LUK 014 031 ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! 042 LUK 014 032 ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ. 042 LUK 014 033 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم [كۆڭلىدە] ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس. 042 LUK 014 034 تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ 042 LUK 014 035 ئۇ تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 042 LUK 015 001 ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى. 042 LUK 015 002 لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى. 042 LUK 015 003 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: 042 LUK 015 004 ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ 042 LUK 015 005 ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ 042 LUK 015 006 ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. 042 LUK 015 007 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر. 042 LUK 015 008 ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟ 042 LUK 015 009 ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ. 042 LUK 015 010 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ. 042 LUK 015 011 ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. 042 LUK 015 012 كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. 042 LUK 015 013 ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. 042 LUK 015 014 دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. 042 LUK 015 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. 042 LUK 015 016 ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. 042 LUK 015 017 ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! 042 LUK 015 018 ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. 042 LUK 015 019 ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 042 LUK 015 020 شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. 042 LUK 015 021 ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ. 042 LUK 015 022 بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ 042 LUK 015 023 ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! 042 LUK 015 024 چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ. 042 LUK 015 025 ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. 042 LUK 015 026 ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ. 042 LUK 015 027 چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. 042 LUK 015 028 لېكىن [چوڭ ئوغلى] خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. 042 LUK 015 029 ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! 042 LUK 015 030 لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ. 042 LUK 015 031 بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. 042 LUK 015 032 ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ. 042 LUK 016 001 ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. 042 LUK 016 002 ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ. 042 LUK 016 003 غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن. 042 LUK 016 004 ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ 042 LUK 016 005 ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ. 042 LUK 016 006 ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. 042 LUK 016 007 ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. 042 LUK 016 008 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر. 042 LUK 016 009 ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان [كۈنىدە] شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ. 042 LUK 016 010 كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ. 042 LUK 016 011 شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ 042 LUK 016 012 ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟ 042 LUK 016 013 ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. 042 LUK 016 014 ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. 042 LUK 016 015 ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. 042 LUK 016 016 تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى [چۆمۈلدۈرگۈچى] يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ [پادىشاھلىققا] كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر. 042 LUK 016 017 لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر. 042 LUK 016 018 ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ». 042 LUK 016 019 ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. 042 LUK 016 020 ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا [ھەركۈنى] ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. 042 LUK 016 021 ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى. 042 LUK 016 022 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ 042 LUK 016 023 ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: 042 LUK 016 024 «ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى. 042 LUK 016 025 لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. 042 LUK 016 026 ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس». 042 LUK 016 027 ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن [لازارۇسنى] ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. 042 LUK 016 028 چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى. 042 LUK 016 029 بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى. 042 LUK 016 030 لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى. 042 LUK 016 031 ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى. 042 LUK 017 001 ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! 042 LUK 017 002 بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 042 LUK 017 003 ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. 042 LUK 017 004 مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن. 042 LUK 017 005 شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى. 042 LUK 017 006 ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى. 042 LUK 017 007 لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟ 042 LUK 017 008 ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟ 042 LUK 017 009 قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ. 042 LUK 017 010 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر. 042 LUK 017 011 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، 042 LUK 017 012 بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، 042 LUK 017 013 ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. 042 LUK 017 014 ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى. 042 LUK 017 015 ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. 042 LUK 017 016 ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. 042 LUK 017 017 ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 042 LUK 017 018 بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. 042 LUK 017 019 ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى. 042 LUK 017 020 [بىر كۈنى] پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ 042 LUK 017 021 كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر. 042 LUK 017 022 كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. 042 LUK 017 023 شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. 042 LUK 017 024 چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 017 025 لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر. 042 LUK 017 026 ۋە نۇھ [پەيغەمبەرنىڭ] كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 017 027 تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 042 LUK 017 028 ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 042 LUK 017 029 لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، [بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ] ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 042 LUK 017 030 ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ. 042 LUK 017 031 شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن. 042 LUK 017 032 لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! 042 LUK 017 033 كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 042 LUK 017 034 سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 042 LUK 017 035 ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ». 042 LUK 017 037 ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ! 042 LUK 018 001 ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 042 LUK 018 002 ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. 042 LUK 018 003 شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن. 042 LUK 018 004 ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، 042 LUK 018 005 لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» ــ دەپ ئويلاپتۇ». 042 LUK 018 006 رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە! 042 LUK 018 007 ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە [رەزىللىككە] ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ 042 LUK 018 008 مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى. 042 LUK 018 009 ئۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ قاراپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بەزىلەرگە قارىتىپ، مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتتى: 042 LUK 018 010 ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 042 LUK 018 011 پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! 042 LUK 018 012 ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن». 042 LUK 018 013 بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ. 042 LUK 018 014 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن [پەرىسىي] ئەمەس، بەلكى [باجگىر] كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر. 042 LUK 018 015 ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 042 LUK 018 016 ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. 042 LUK 018 017 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 018 018 مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 018 019 لېكىن ئەيسا: مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر. 042 LUK 018 020 ئەمرلەرنى بىلىسەن: ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى. 042 LUK 018 021 ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ. 042 LUK 018 022 ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. 042 LUK 018 023 ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 042 LUK 018 024 تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! 042 LUK 018 025 تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. 042 LUK 018 026 بۇنى ئاڭلىغانلار: ــ ئۇنداق بولسا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى. 042 LUK 018 027 ئەمما ئۇ جاۋابەن: ــ ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر ــ دېدى. 042 LUK 018 028 ئەمدى پېترۇس: ــ مانا، بىز بار-يوقىمىزنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېدى. 042 LUK 018 029 ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى 042 LUK 018 030 بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى. 042 LUK 018 031 ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى [شۇ يەردە] ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 042 LUK 018 032 چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ 042 LUK 018 033 ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 018 034 بىراق ئۇلار بۇ سۆزلەردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئېيتقىنىنى بىلەلمەي قالدى. 042 LUK 018 035 ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 042 LUK 018 036 ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ــ نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 018 037 خەق ئۇنىڭغا: ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ــ دەپ خەۋەر بەردى. 042 LUK 018 038 ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. 042 LUK 018 039 ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. 042 LUK 018 040 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: 042 LUK 018 041 ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى ئۇ. 042 LUK 018 042 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى. 042 LUK 018 043 ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. 042 LUK 019 001 ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. 042 LUK 019 002 مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى. 042 LUK 019 003 ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى. 042 LUK 019 004 شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى. 042 LUK 019 005 ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى. 042 LUK 019 006 ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى [ئۆيىدە] مېھمان قىلدى. 042 LUK 019 007 بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. 042 LUK 019 008 لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى. 042 LUK 019 009 بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا [قاراپ]: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر! 042 LUK 019 010 چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى. 042 LUK 019 011 خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى. 042 LUK 019 012 شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. 042 LUK 019 013 [ئاۋۋال] ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە [بۇنىڭ بىلەن] ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ. 042 LUK 019 014 بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ. 042 LUK 019 015 ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ. 042 LUK 019 016 ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. 042 LUK 019 017 «يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا. 042 LUK 019 018 ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. 042 LUK 019 019 خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ. 042 LUK 019 020 لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم. 042 LUK 019 021 چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ. 042 LUK 019 022 ئەمما [خوجايىنى] ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، 042 LUK 019 023 نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ. 042 LUK 019 024 ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ. 042 LUK 019 025 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن، 042 LUK 019 026 [ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ]: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 042 LUK 019 027 ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار». 042 LUK 019 028 ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. 042 LUK 019 029 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: 042 LUK 019 030 ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. 042 LUK 019 031 ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار. 042 LUK 019 032 شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى. 042 LUK 019 033 ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 019 034 ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى. 042 LUK 019 035 ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى. 042 LUK 019 036 ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. 042 LUK 019 037 ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. 042 LUK 019 039 لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا [مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن] تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى. 042 LUK 019 040 بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى. 042 LUK 019 041 ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى: 042 LUK 019 042 ــ [ئى يېرۇسالېم]! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر. 042 LUK 019 043 چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ. 042 LUK 019 044 ئۇلار سېنى ۋە [سېپىلىڭ]نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى [خۇدا]نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ. 042 LUK 019 045 ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 042 LUK 019 046 ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى. 042 LUK 019 047 شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. 042 LUK 019 048 لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى. 042 LUK 020 001 ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: 042 LUK 020 002 ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 020 003 ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، 042 LUK 020 004 ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 020 005 ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن [يەھياغا] ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 042 LUK 020 006 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى. 042 LUK 020 007 ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 042 LUK 020 008 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى. 042 LUK 020 009 ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 042 LUK 020 010 ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. 042 LUK 020 011 ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. 042 LUK 020 012 ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 042 LUK 020 013 [ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. 042 LUK 020 014 بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. 042 LUK 020 015 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ 042 LUK 020 016 ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى. 042 LUK 020 017 لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ 042 LUK 020 018 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. 042 LUK 020 019 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. 042 LUK 020 020 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. 042 LUK 020 021 ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. 042 LUK 020 022 [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟». 042 LUK 020 023 ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ 042 LUK 020 024 ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى. 042 LUK 020 025 ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 020 026 ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. 042 LUK 020 027 ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: 042 LUK 020 028 ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان. 042 LUK 020 029 ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 042 LUK 020 030 ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 042 LUK 020 031 ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. 042 LUK 020 032 ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. 042 LUK 020 033 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! 042 LUK 020 034 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. 042 LUK 020 035 لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. 042 LUK 020 036 چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر. 042 LUK 020 037 ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى [تەۋراتتىكى] «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. 042 LUK 020 038 ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! 042 LUK 020 039 شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. 042 LUK 020 040 چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. 042 LUK 020 041 ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ 042 LUK 020 042 چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟ 042 LUK 020 044 ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ 042 LUK 020 045 ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ 042 LUK 020 046 ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. 042 LUK 020 047 ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! 042 LUK 021 001 ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى [ئىبادەتخانىدىكى] ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى. 042 LUK 021 002 ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. 042 LUK 021 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. 042 LUK 021 004 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى. 042 LUK 021 005 ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ: 042 LUK 021 006 ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 021 007 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 021 008 ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. 042 LUK 021 009 سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. 042 LUK 021 010 ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. 042 LUK 021 011 جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. 042 LUK 021 012 بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، 042 LUK 021 013 ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. 042 LUK 021 014 ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. 042 LUK 021 015 چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. 042 LUK 021 016 ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. 042 LUK 021 017 سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. 042 LUK 021 018 ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! 042 LUK 021 019 سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر. 042 LUK 021 020 ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. 042 LUK 021 021 ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. 042 LUK 021 022 چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 042 LUK 021 023 ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ 042 LUK 021 024 ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ. 042 LUK 021 025 ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. 042 LUK 021 026 ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 042 LUK 021 027 ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 042 LUK 021 028 لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر. 042 LUK 021 029 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. 042 LUK 021 030 ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 042 LUK 021 031 شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. 042 LUK 021 032 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 042 LUK 021 033 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. 042 LUK 021 034 ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. 042 LUK 021 035 چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 042 LUK 021 036 شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 021 037 ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. 042 LUK 021 038 ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى. 042 LUK 022 001 ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى. 042 LUK 022 002 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى. 042 LUK 022 003 شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. 042 LUK 022 004 ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. 042 LUK 022 005 ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى. 042 LUK 022 006 يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى. 042 LUK 022 007 ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ [بىرىنچى] كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق [قوزا] سويۇلاتتى. 042 LUK 022 008 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [قوزىسىنى] بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى. 042 LUK 022 009 ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. 042 LUK 022 010 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار. 042 LUK 022 011 ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 042 LUK 022 012 ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار. 042 LUK 022 013 شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. 042 LUK 022 014 ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. 042 LUK 022 015 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. 042 LUK 022 016 چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ [ئەھمىيىتى] خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى. 042 LUK 022 017 ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا: ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ [ئىچىڭلار]. 042 LUK 022 018 چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى. 042 LUK 022 019 ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 022 020 ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر. 042 LUK 022 021 لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. 042 LUK 022 022 ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك [ئالەمدىن] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! 042 LUK 022 023 ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى. 042 LUK 022 024 ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. 042 LUK 022 025 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ. 042 LUK 022 026 بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار [ھەممەيلەنگە] خىزمەتكاردەك بولسۇن. 042 LUK 022 027 كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن. 042 LUK 022 028 سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. 042 LUK 022 029 ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. 042 LUK 022 030 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. 042 LUK 022 031 رەب يەنە [پېترۇسقا]: ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن. 042 LUK 022 032 لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى. 042 LUK 022 033 ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن! 042 LUK 022 034 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى. 042 LUK 022 035 ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز [سەپەرگە] ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى. 042 LUK 022 036 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. 042 LUK 022 037 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى. 042 LUK 022 038 ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار. ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 042 LUK 022 039 ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 042 LUK 022 040 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 022 041 ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: 042 LUK 022 042 ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ 042 LUK 022 043 ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 042 LUK 022 044 ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. 042 LUK 022 045 ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا: 042 LUK 022 046 ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. 042 LUK 022 047 ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا [سالام بېرىپ] سۆيگىلى قېشىغا باردى. 042 LUK 022 048 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى. 042 LUK 022 049 ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى. 042 LUK 022 050 ۋە ئۇلاردىن بىرى [قىلىچىنى كۆتۈرۈپ]، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. 042 LUK 022 051 بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى. 042 LUK 022 052 ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟ 042 LUK 022 053 مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى. 042 LUK 022 054 ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. 042 LUK 022 055 ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە [ئىسسىنىپ] ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. 042 LUK 022 056 ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى. 042 LUK 022 057 لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. 042 LUK 022 058 ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى. 042 LUK 022 059 ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. 042 LUK 022 060 لېكىن پېترۇس: ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى. 042 LUK 022 061 ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. 042 LUK 022 062 ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. 042 LUK 022 063 ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ 042 LUK 022 064 ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى 042 LUK 022 065 ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى. 042 LUK 022 066 تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ 042 LUK 022 067 ئۇنىڭدىن: ــ ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر. 042 LUK 022 068 سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر. 042 LUK 022 069 لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى. 042 LUK 022 070 ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 042 LUK 022 071 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى. 042 LUK 023 001 ئاندىن [كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ] ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 042 LUK 023 002 ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى. 042 LUK 023 003 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 042 LUK 023 004 ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە: ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى. 042 LUK 023 005 لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ. 042 LUK 023 006 پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى 042 LUK 023 007 ۋە ئۇنىڭ ھېرود [خاننىڭ] ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى). 042 LUK 023 008 ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. 042 LUK 023 009 ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 042 LUK 023 010 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. 042 LUK 023 011 ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى. 042 LUK 023 012 مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى. 042 LUK 023 013 ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، [يەھۇدىي] ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، 042 LUK 023 014 ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. 042 LUK 023 015 ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. 042 LUK 023 016 شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى 042 LUK 023 017 (ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، [يەھۇدىي] [مەھبۇسلاردىن] بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). 042 LUK 023 018 لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى 042 LUK 023 019 (بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). 042 LUK 023 020 شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. 042 LUK 023 021 لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 042 LUK 023 022 [پىلاتۇس] ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى. 042 LUK 023 023 بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. 042 LUK 023 024 پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. 042 LUK 023 025 ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 042 LUK 023 026 ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. 042 LUK 023 027 ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 042 LUK 023 028 لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا: ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 042 LUK 023 029 چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. 042 LUK 023 030 شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. 042 LUK 023 031 چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى. 042 LUK 023 032 ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. 042 LUK 023 033 ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. 042 LUK 023 034 ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 042 LUK 023 035 خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى. 042 LUK 023 036 لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ: 042 LUK 023 037 ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى. 042 LUK 023 038 ئۇنىڭ ئۈستىدىكى [تاختايغا] گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. 042 LUK 023 039 ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى. 042 LUK 023 040 بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ 042 LUK 023 041 بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 042 LUK 023 042 ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى. 042 LUK 023 043 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى. 042 LUK 023 044 ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. 042 LUK 023 045 قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. 042 LUK 023 046 ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. 042 LUK 023 047 ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 042 LUK 023 048 ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 042 LUK 023 049 ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى. 042 LUK 023 050 ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. 042 LUK 023 052 ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ 042 LUK 023 053 ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. 042 LUK 023 054 بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. 042 LUK 023 055 ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار [يۈسۈپكە] ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. 042 LUK 023 056 ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە [تەۋراتتىكى] ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى. 042 LUK 024 001 ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. 042 LUK 024 002 ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ 042 LUK 024 003 ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى. 042 LUK 024 004 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. 042 LUK 024 005 ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 042 LUK 024 006 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى. 042 LUK 024 008 ۋە ئۇلار ئۇنىڭ [دەل] شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ 042 LUK 024 009 ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. 042 LUK 024 010 روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. 042 LUK 024 011 لېكىن [ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى] ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 042 LUK 024 012 بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى. 042 LUK 024 013 ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. 042 LUK 024 014 ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 042 LUK 024 015 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ 042 LUK 024 016 لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى. 042 LUK 024 017 ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، 042 LUK 024 018 ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى. 042 LUK 024 019 ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، 042 LUK 024 020 باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. 042 LUK 024 021 بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ 042 LUK 024 022 يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، 042 LUK 024 023 ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ. 042 LUK 024 024 بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ». 042 LUK 024 025 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! 042 LUK 024 026 مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى. 042 LUK 024 027 ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى. 042 LUK 024 028 ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. 042 LUK 024 029 لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى. 042 LUK 024 030 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. 042 LUK 024 031 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. 042 LUK 024 032 ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى. 042 LUK 024 033 ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. 042 LUK 024 035 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 042 LUK 024 036 ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، [ئەيسا] ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 042 LUK 024 037 ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى. 042 LUK 024 038 ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ 042 LUK 024 039 قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى. 042 LUK 024 040 ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 042 LUK 024 041 ئۇلار خۇشلۇقتىن [كۆزلىرىگە] ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 042 LUK 024 042 ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، 042 LUK 024 043 ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. 042 LUK 024 044 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 042 LUK 024 045 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى 042 LUK 024 046 ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، 042 LUK 024 047 ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. 042 LUK 024 048 سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. 042 LUK 024 049 ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار». 042 LUK 024 050 ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. 042 LUK 024 051 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 042 LUK 024 052 ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 042 LUK 024 053 ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى. # # BOOK 043 JOH John يۇھاننا 043 JOH 001 001 مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. 043 JOH 001 002 ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 043 JOH 001 003 ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 043 JOH 001 004 ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 043 JOH 001 005 ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. 043 JOH 001 006 بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 043 JOH 001 007 ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى. 043 JOH 001 008 [يەھيانىڭ] ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 043 JOH 001 009 ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى. 043 JOH 001 010 ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 043 JOH 001 011 ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 043 JOH 001 012 شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. 043 JOH 001 013 ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. 043 JOH 001 014 كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. 043 JOH 001 015 (يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) 043 JOH 001 016 چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق. 043 JOH 001 017 چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 043 JOH 001 018 خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى. 043 JOH 001 019 يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى: 043 JOH 001 020 ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى. 043 JOH 001 021 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس [پەيغەمبەر]مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى. 043 JOH 001 022 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، [بىزگە ئېيتقىن]، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 001 023 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن! 043 JOH 001 024 ئەمدى [يېرۇسالېمدىن] ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن: ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 001 026 يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛ 043 JOH 001 027 ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! 043 JOH 001 028 بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى [سۇغا] چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. 043 JOH 001 029 ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! 043 JOH 001 030 مانا، مەن [سىلەرگە]: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! 043 JOH 001 031 مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. 043 JOH 001 032 يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. 043 JOH 001 033 مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. 043 JOH 001 034 مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم! 043 JOH 001 035 ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. 043 JOH 001 036 ئۇ [ئۇ يەردىن] مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى. 043 JOH 001 037 ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 043 JOH 001 038 ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ راببى (بۇ [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى. 043 JOH 001 039 ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى). 043 JOH 001 040 يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى. 043 JOH 001 041 ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) 043 JOH 001 042 ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر). 043 JOH 001 043 ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى 043 JOH 001 044 (فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). 043 JOH 001 045 فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ [يازمىلىرىدا] بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى. 043 JOH 001 046 بىراق ناتانىيەل: ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى. كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ. 043 JOH 001 047 ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى. 043 JOH 001 048 ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى. 043 JOH 001 049 ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى. 043 JOH 001 050 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى 043 JOH 001 051 ۋە يەنە: ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى. 043 JOH 002 001 ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى [مەريەم] ئۇ يەردە ئىدى 043 JOH 002 002 ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. 043 JOH 002 003 تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى. 043 JOH 002 004 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى. 043 JOH 002 005 ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. 043 JOH 002 006 ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. 043 JOH 002 007 ئەيسا چاكارلارغا: ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. 043 JOH 002 008 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. 043 JOH 002 009 توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، 043 JOH 002 010 ئۇنىڭغا: ــ ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى. 043 JOH 002 011 بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 002 012 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. 043 JOH 002 013 يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 043 JOH 002 014 ئۇ ئىبادەتخانا [ھويلىلىرىدا] كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. 043 JOH 002 015 ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى 043 JOH 002 016 ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى. 043 JOH 002 017 بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». 043 JOH 002 018 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 002 019 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 002 020 شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى. 043 JOH 002 021 ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى. 043 JOH 002 022 شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى. 043 JOH 002 023 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى. 043 JOH 002 024 لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. 043 JOH 002 025 ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى. 043 JOH 003 001 يەھۇدىيلار [كېڭەشمىسىنىڭ] پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى. 043 JOH 003 002 بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى. 043 JOH 003 003 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى. 043 JOH 003 004 نىكودىم: ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 003 005 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! 043 JOH 003 006 ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. 043 JOH 003 007 ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما. 043 JOH 003 008 شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر. 043 JOH 003 009 نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى. 043 JOH 003 010 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ 043 JOH 003 011 بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر. 043 JOH 003 012 سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ 043 JOH 003 013 ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. 043 JOH 003 014 مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. 043 JOH 003 015 شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». 043 JOH 003 016 چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. 043 JOH 003 017 خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. 043 JOH 003 018 كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. 043 JOH 003 019 ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. 043 JOH 003 020 چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ 043 JOH 003 021 لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ. 043 JOH 003 022 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. 043 JOH 003 023 شۇ چاغدا يەھيا [پەيغەمبەرمۇ] سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى 043 JOH 003 024 (چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى). 043 JOH 003 025 [شۇ ۋاقىتلاردا] يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. 043 JOH 003 026 ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ [تەرىپلەپ] گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 003 027 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. 043 JOH 003 028 مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. 043 JOH 003 029 كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. 043 JOH 003 030 ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر. 043 JOH 003 031 ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ 043 JOH 003 032 ئۆزىنىڭ [ئەرشتە] كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 043 JOH 003 033 [ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ. 043 JOH 003 034 چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس. 043 JOH 003 035 ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. 043 JOH 003 036 ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. 043 JOH 004 001 ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن 043 JOH 004 002 (ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) 043 JOH 004 003 ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى. 043 JOH 004 004 ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 043 JOH 004 005 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى. 043 JOH 004 006 شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى. 043 JOH 004 007 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى. 043 JOH 004 009 ئايال ئۇنىڭدىن: ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى). 043 JOH 004 010 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. 043 JOH 004 011 ئايال ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟ 043 JOH 004 012 ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە [مىراس] قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى. 043 JOH 004 013 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. 043 JOH 004 014 ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 004 015 ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى. 043 JOH 004 016 ئەيسا: ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى. 043 JOH 004 017 ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. 043 JOH 004 018 چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا. 043 JOH 004 019 ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! 043 JOH 004 020 ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر [يەھۇدىيلار] «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى. 043 JOH 004 021 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 043 JOH 004 022 سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. 043 JOH 004 023 لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. 043 JOH 004 024 خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر. 043 JOH 004 025 ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى. 043 JOH 004 026 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى. 043 JOH 004 027 شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى. 043 JOH 004 028 شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: 043 JOH 004 029 ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى. 043 JOH 004 030 بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. 043 JOH 004 031 شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى. 043 JOH 004 032 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى. 043 JOH 004 033 مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 004 034 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر. 043 JOH 004 035 ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! 043 JOH 004 036 ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. 043 JOH 004 037 چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 043 JOH 004 038 مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار. 043 JOH 004 039 شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 004 040 شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. 043 JOH 004 041 ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 004 042 ئۇلار ئايالغا: ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى. 043 JOH 004 043 بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى 043 JOH 004 044 (چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). 043 JOH 004 045 شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). 043 JOH 004 046 ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 043 JOH 004 047 ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: ــ [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى. 043 JOH 004 048 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى. 043 JOH 004 049 ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى. 043 JOH 004 050 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 043 JOH 004 051 يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. 043 JOH 004 052 ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى. 043 JOH 004 053 بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى. 043 JOH 004 054 بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى. 043 JOH 005 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى. 043 JOH 005 002 يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. 043 JOH 005 003 بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. 043 JOH 005 004 چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. 043 JOH 005 005 ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. 043 JOH 005 006 ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 005 007 بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 005 008 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى. 043 JOH 005 009 ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى. 043 JOH 005 010 شۇڭا [بەزى] يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە: ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش [تەۋراتتا] ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى. 043 JOH 005 011 لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى. 043 JOH 005 012 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 005 013 بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى. 043 JOH 005 014 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى. 043 JOH 005 015 ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 043 JOH 005 016 ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. 043 JOH 005 017 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى. 043 JOH 005 018 شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى. 043 JOH 005 019 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. 043 JOH 005 020 چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ. 043 JOH 005 021 چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 043 JOH 005 022 شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. 043 JOH 005 023 بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. 043 JOH 005 024 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. 043 JOH 005 025 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. 043 JOH 005 026 چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى 043 JOH 005 027 ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. 043 JOH 005 028 بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ 043 JOH 005 029 ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ. 043 JOH 005 030 مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت [ئاتامدىن] ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. 043 JOH 005 031 ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ. 043 JOH 005 032 لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. 043 JOH 005 033 سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن 043 JOH 005 034 ([ئەمەلىيەتتە]، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ [يەھيا توغرۇلۇق] شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر). 043 JOH 005 035 [يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار. 043 JOH 005 036 لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 043 JOH 005 037 ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار 043 JOH 005 038 ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر. 043 JOH 005 039 مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 043 JOH 005 040 شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر. 043 JOH 005 041 مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛ 043 JOH 005 042 لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق. 043 JOH 005 043 مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. 043 JOH 005 044 سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟! 043 JOH 005 045 بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا [پەيغەمبەردۇر]. 043 JOH 005 046 چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا [پەيغەمبەرگە] ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر. 043 JOH 005 047 لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەنلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟! 043 JOH 006 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. 043 JOH 006 002 زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. 043 JOH 006 003 ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. 043 JOH 006 004 ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. 043 JOH 006 005 ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدى 043 JOH 006 006 (لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى). 043 JOH 006 007 فىلىپ جاۋابەن: ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ! 043 JOH 006 008 مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا: 043 JOH 006 009 ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى. 043 JOH 006 010 ئەيسا: ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى. 043 JOH 006 011 ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. 043 JOH 006 012 ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، ــ دېدى. 043 JOH 006 013 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. 043 JOH 006 014 ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. 043 JOH 006 015 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى. 043 JOH 006 016 كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى. 043 JOH 006 017 ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى). 043 JOH 006 018 قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. 043 JOH 006 019 مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. 043 JOH 006 020 لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. 043 JOH 006 021 شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى. 043 JOH 006 022 ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق [ئالدىنقى كۈنى] ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى. 043 JOH 006 023 ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. 043 JOH 006 024 شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى. 043 JOH 006 025 ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 006 026 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر. 043 JOH 006 027 بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. 043 JOH 006 028 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىگە ئىنتىلىپ ئىشلىسەك ئاندىن خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىگەن بولىمىز؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 006 029 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى. 043 JOH 006 030 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە: ــ ئۇنداق بولسا سەن بىزنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگۈدەك قانداق مۆجىزىلىك ئالامەت يارىتىسەن؟ زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىسەن؟ 043 JOH 006 031 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، [زەبۇردا]: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى. 043 JOH 006 032 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ [ھازىرمۇ] سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ. 043 JOH 006 033 چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر. 043 JOH 006 034 ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار. 043 JOH 006 035 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 043 JOH 006 036 لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. 043 JOH 006 037 ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 043 JOH 006 038 چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 043 JOH 006 039 مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. 043 JOH 006 040 چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن. 043 JOH 006 041 ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى: 043 JOH 006 042 ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار. 043 JOH 006 043 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مېنىڭ توغرامدا] ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار. 043 JOH 006 044 مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 043 JOH 006 045 پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ [سۆزىنى] تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. 043 JOH 006 046 بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر. 043 JOH 006 047 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. 043 JOH 006 048 ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن. 043 JOH 006 049 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى. 043 JOH 006 050 لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ. 043 JOH 006 051 ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن. 043 JOH 006 052 بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ: ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت-تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى. 043 JOH 006 053 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ. 043 JOH 006 054 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 043 JOH 006 055 چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. 043 JOH 006 056 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. 043 JOH 006 057 ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ. 043 JOH 006 058 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «[ماننا]»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «[ماننا]»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! 043 JOH 006 059 بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. 043 JOH 006 060 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 006 061 بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟ 043 JOH 006 062 ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟! 043 JOH 006 063 [ئىنسانغا] ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر. 043 JOH 006 064 لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى). 043 JOH 006 065 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ! 043 JOH 006 066 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى. 043 JOH 006 067 شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن: ــ سىلەرمۇ، ھەم [مەندىن] كېتىشنى خالامسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 006 068 سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر! 043 JOH 006 069 ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى. 043 JOH 006 070 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى 043 JOH 006 071 (ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدانى كۆرسەتكەنىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى بولغىنى بىلەن، كېيىن ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدۇ). 043 JOH 007 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى [شۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى. 043 JOH 007 002 بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. 043 JOH 007 003 شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ [كارامەت] ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ! 043 JOH 007 004 چۈنكى ئۆزىنى خەلق-ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 005 چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. 043 JOH 007 006 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر. 043 JOH 007 007 بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. 043 JOH 007 008 سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى. 043 JOH 007 009 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى. 043 JOH 007 010 ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. 043 JOH 007 011 ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى. 043 JOH 007 012 كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. 043 JOH 007 013 بىراق يەھۇدىي [چوڭلىرىدىن] قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى. 043 JOH 007 014 ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 043 JOH 007 015 يەھۇدىيلار: ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. 043 JOH 007 016 ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر. 043 JOH 007 017 ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. 043 JOH 007 018 ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر. 043 JOH 007 019 مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى. 043 JOH 007 020 كۆپچىلىك: ــ ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 021 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار. 043 JOH 007 022 ــ ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە [توغرا كېلىپ قالسىمۇ] شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. 043 JOH 007 023 ئەمدى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنمىسۇن دەپ شابات كۈنىدە ئادەم خەتنە قىلىنغان يەردە، مەن شابات كۈنىدە بىر ئادەمنى سەللىمازا ساقايتسام، سىلەر نېمە دەپ ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ 043 JOH 007 024 سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار! 043 JOH 007 025 ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: ــ [چوڭلار] ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشى بۇ ئەمەسمىدى؟ 043 JOH 007 026 ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمىدىغۇ! دەرۋەقە، ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنمۇ؟ 043 JOH 007 027 ھالبۇكى، بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز. لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 028 شۇڭا ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، [دەۋاتىسىلەر]؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن [كەلدىم]، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر. 043 JOH 007 029 مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى. 043 JOH 007 030 شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. 043 JOH 007 031 لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق [مۆجىزە] يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى. 043 JOH 007 032 پەرىسىيلەر خالايىقنىڭ ئۇ توغرۇلۇق غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن باش كاھىنلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بىرنەچچە قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى. 043 JOH 007 033 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا: ــ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن، ئاندىن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. 043 JOH 007 034 مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، ــ دېدى. 043 JOH 007 035 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ 043 JOH 007 036 «مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 037 ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن! 043 JOH 007 038 ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى 043 JOH 007 039 (ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. [خۇدانىڭ] روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى). 043 JOH 007 040 خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ [كېلىشى مۇقەررەر بولغان] پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن! ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 041 بەزىلەر: «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟ 043 JOH 007 042 مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 043 بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 043 JOH 007 044 بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى. 043 JOH 007 045 قاراۋۇللار [ئىبادەتخانىدىن] باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا: ــ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 007 046 قاراۋۇللار: ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 043 JOH 007 047 پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلدۇڭلارمۇ؟ 043 JOH 007 048 ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟! 043 JOH 007 049 لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى. 043 JOH 007 050 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا: 043 JOH 007 051 ــ تەۋرات قانۇنىمىز ئاۋۋال كىشىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرامدۇ! 043 JOH 007 052 ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلارنى] كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى. 043 JOH 007 053 شۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ] ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى. 043 JOH 008 001 ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. 043 JOH 008 002 ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 043 JOH 008 003 [شۇ چاغدا]، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 043 JOH 008 004 ئىنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 043 JOH 008 005 مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 008 006 ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 043 JOH 008 007 ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا: ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، [بۇ] [ئايالغا] بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى. 043 JOH 008 008 ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 043 JOH 008 009 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ [ھەممىسى] ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 043 JOH 008 010 ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن: خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 043 JOH 008 011 ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال. ئەيسا: ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى. 043 JOH 008 012 شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 008 013 پەرىسىيلەر: ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى. 043 JOH 008 014 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. 043 JOH 008 015 سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. 043 JOH 008 016 مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا [بۇ ئىشتا] مەن بىلەن بىللىدۇر. 043 JOH 008 017 سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. 043 JOH 008 018 راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 043 JOH 008 019 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى. 043 JOH 008 020 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. 043 JOH 008 021 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە: مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى. 043 JOH 008 022 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار: ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 008 023 ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. 043 JOH 008 024 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. 043 JOH 008 025 سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. 043 JOH 008 026 ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 008 027 ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. 043 JOH 008 028 شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. 043 JOH 008 029 مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. 043 JOH 008 030 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 008 031 ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، 043 JOH 008 032 ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 008 033 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى. 043 JOH 008 034 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. 043 JOH 008 035 قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. 043 JOH 008 036 شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر. 043 JOH 008 037 سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى. 043 JOH 008 038 مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر! 043 JOH 008 039 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! 043 JOH 008 040 بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. 043 JOH 008 041 سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى. ــ بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز! بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! ــ دېيىشتى ئۇلار. 043 JOH 008 042 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. 043 JOH 008 043 سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! 043 JOH 008 044 سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. 043 JOH 008 045 لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. 043 JOH 008 046 قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ 043 JOH 008 047 خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر! 043 JOH 008 048 يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 008 049 ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. 043 JOH 008 050 مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار. 043 JOH 008 051 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ. 043 JOH 008 052 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا [ھەزرىتى] ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ 043 JOH 008 053 ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟ 043 JOH 008 054 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. 043 JOH 008 055 سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن. 043 JOH 008 056 ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى. 043 JOH 008 057 ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. 043 JOH 008 058 ئەيسا ئۇلارغا: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى. 043 JOH 008 059 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى. 043 JOH 009 001 ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 043 JOH 009 002 مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 009 003 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. 043 JOH 009 004 كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 043 JOH 009 005 مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. 043 JOH 009 006 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 043 JOH 009 007 ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. 043 JOH 009 008 قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى. 043 JOH 009 009 بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئۇ ئۆزى: ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى. 043 JOH 009 010 ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. 043 JOH 009 011 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى [تۈكۈرۈكىدىن] لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 043 JOH 009 012 ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ. 043 JOH 009 013 خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى 043 JOH 009 014 (ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). 043 JOH 009 015 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي [سۈرۈپ] قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى. 043 JOH 009 016 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 043 JOH 009 017 ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى. 043 JOH 009 018 يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 043 JOH 009 019 ئۇلاردىن: ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 009 020 ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ 043 JOH 009 021 لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 043 JOH 009 022 ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. 043 JOH 009 023 شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. 043 JOH 009 024 پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ [قەسەم قىل]! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى. 043 JOH 009 025 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 043 JOH 009 026 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 009 027 ئۇ جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى. 043 JOH 009 028 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرىمىز. 043 JOH 009 029 خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. 043 JOH 009 030 ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. 043 JOH 009 031 بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. 043 JOH 009 032 دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. 043 JOH 009 033 ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. 043 JOH 009 034 ئۇلار ئۇنى: ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى. 043 JOH 009 035 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 009 036 ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى. 043 JOH 009 037 ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. 043 JOH 009 038 ھېلىقى ئادەم: ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 043 JOH 009 039 ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا. 043 JOH 009 040 ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 043 JOH 009 041 ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 010 001 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. 043 JOH 010 002 ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. 043 JOH 010 003 ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. 043 JOH 010 004 ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. 043 JOH 010 005 لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. 043 JOH 010 006 ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى. 043 JOH 010 007 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن. 043 JOH 010 008 مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 043 JOH 010 009 ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. 043 JOH 010 010 ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. 043 JOH 010 011 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. 043 JOH 010 012 لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. 043 JOH 010 013 ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ. 043 JOH 010 014 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. 043 JOH 010 016 بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. 043 JOH 010 017 ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. 043 JOH 010 018 جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن. 043 JOH 010 019 بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 043 JOH 010 020 ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 010 021 يەنە بەزىلەر بولسا: ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى. 043 JOH 010 022 قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 043 JOH 010 023 ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 043 JOH 010 024 يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى. 043 JOH 010 025 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 043 JOH 010 026 بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 043 JOH 010 027 مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 043 JOH 010 028 مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. 043 JOH 010 029 ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. 043 JOH 010 030 مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز. 043 JOH 010 031 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. 043 JOH 010 032 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. 043 JOH 010 033 ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن. 043 JOH 010 034 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ 043 JOH 010 035 خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ) 043 JOH 010 036 نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 043 JOH 010 037 ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. 043 JOH 010 038 بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر. 043 JOH 010 039 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. 043 JOH 010 040 ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا [پەيغەمبەر] دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 043 JOH 010 041 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى. 043 JOH 010 042 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 011 001 لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى 043 JOH 011 002 (بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى). 043 JOH 011 003 لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن [دوستۇڭ] كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى. 043 JOH 011 004 لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى. 043 JOH 011 005 ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى. 043 JOH 011 006 شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى. 043 JOH 011 007 ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى. 043 JOH 011 008 مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، يېقىندىلا [ئۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 011 009 ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. 043 JOH 011 010 لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر. 043 JOH 011 011 بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ: ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى. 043 JOH 011 012 شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 011 013 ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. 043 JOH 011 014 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى. 043 JOH 011 015 ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، [ئۇنىڭ قېشىدا] بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى. 043 JOH 011 016 «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا: ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى. 043 JOH 011 017 ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى. 043 JOH 011 018 بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، 043 JOH 011 019 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 043 JOH 011 020 مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى. 043 JOH 011 021 مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى. 043 JOH 011 022 ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 011 023 ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا. 043 JOH 011 024 مارتا: ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 011 025 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ 043 JOH 011 026 ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ 043 JOH 011 027 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. 043 JOH 011 028 بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 011 029 مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى 043 JOH 011 030 (شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى). 043 JOH 011 031 ئەمدى [مەريەمگە] تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 043 JOH 011 032 مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى. 043 JOH 011 033 ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: 043 JOH 011 034 ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار. 043 JOH 011 035 ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. 043 JOH 011 036 يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى. 043 JOH 011 037 ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى: ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 011 038 ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. 043 JOH 011 039 ئەيسا: ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى. 043 JOH 011 040 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى. 043 JOH 011 041 بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. 043 JOH 011 042 تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! 043 JOH 011 043 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى. 043 JOH 011 044 ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى. 043 JOH 011 045 مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 043 JOH 011 046 لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. 043 JOH 011 047 شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. 043 JOH 011 048 ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى. 043 JOH 011 049 ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا: ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! 043 JOH 011 050 پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى 043 JOH 011 051 (بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ [يەھۇدىي] خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى). 043 JOH 011 053 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى. 043 JOH 011 054 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى. 043 JOH 011 055 ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 043 JOH 011 056 شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. 043 JOH 011 057 باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى. 043 JOH 012 001 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى. 043 JOH 012 002 شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. 043 JOH 012 003 مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى. 043 JOH 012 004 لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت: 043 JOH 012 005 ــ نېمىشقا بۇ [قىممەت باھالىق] ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى 043 JOH 012 006 (ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ [مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق] ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى). 043 JOH 012 007 ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛ 043 JOH 012 008 چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى. 043 JOH 012 009 زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. 043 JOH 012 010 لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛ 043 JOH 012 011 چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى. 043 JOH 012 012 ئەتىسى، «[ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 043 JOH 012 013 قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى. 043 JOH 012 014 ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ 043 JOH 012 015 «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!». 043 JOH 012 016 ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. 043 JOH 012 017 ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى. 043 JOH 012 018 ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى. 043 JOH 012 019 پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: ــ قاراڭلار، [بارلىق] قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى. 043 JOH 012 020 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. 043 JOH 012 021 بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى. 043 JOH 012 022 فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. 043 JOH 012 023 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 043 JOH 012 024 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. 043 JOH 012 025 كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. 043 JOH 012 026 كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ. 043 JOH 012 027 ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم. 043 JOH 012 028 ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى. 043 JOH 012 029 بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق: ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى. 043 JOH 012 030 ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. 043 JOH 012 031 ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى. 043 JOH 012 032 ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى 043 JOH 012 033 (ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى). 043 JOH 012 034 خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 012 035 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا [ئۇنىڭدا] مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 043 JOH 012 036 نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 043 JOH 012 037 گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. 043 JOH 012 038 شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» 043 JOH 012 039 خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». 043 JOH 012 041 بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى. 043 JOH 012 042 ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. 043 JOH 012 043 بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى. 043 JOH 012 044 بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر. 043 JOH 012 045 كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. 043 JOH 012 046 مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. 043 JOH 012 047 بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. 043 JOH 012 048 بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. 043 JOH 012 049 چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. 043 JOH 012 050 ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. 043 JOH 013 001 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى. 043 JOH 013 002 ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. 043 JOH 013 003 ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، 043 JOH 013 004 داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. 043 JOH 013 005 ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. 043 JOH 013 006 نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى. 043 JOH 013 007 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى. 043 JOH 013 008 پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 013 009 سىمون پېترۇس: ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى. 043 JOH 013 010 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى 043 JOH 013 011 (چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). 043 JOH 013 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟ 043 JOH 013 013 سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. 043 JOH 013 014 ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. 043 JOH 013 015 مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. 043 JOH 013 016 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 043 JOH 013 017 بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر! 043 JOH 013 018 مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ. 043 JOH 013 019 مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. 043 JOH 013 020 بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 043 JOH 013 021 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! 043 JOH 013 022 مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. 043 JOH 013 023 ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى. 043 JOH 013 024 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن [ئەيسانىڭ] كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى. 043 JOH 013 025 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 013 026 ئەيسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى [ئاشقا] تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. 043 JOH 013 027 يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. 043 JOH 013 028 (ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ [يەھۇداغا] بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى. 043 JOH 013 029 يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى). 043 JOH 013 030 يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى). 043 JOH 013 031 يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. 043 JOH 013 032 ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. 043 JOH 013 033 بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن. 043 JOH 013 034 سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 043 JOH 013 035 ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ. 043 JOH 013 036 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى. 043 JOH 013 037 پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى. 043 JOH 013 038 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن! 043 JOH 014 001 كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 043 JOH 014 002 ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 043 JOH 014 003 مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. 043 JOH 014 004 سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر. 043 JOH 014 005 توماس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، يولنى قانداق بىلىمىز؟ ــ دېدى. 043 JOH 014 006 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. 043 JOH 014 007 ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، ــ دېدى. 043 JOH 014 008 ــ ئى رەب، ئاتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلا، شۇ كۇپايە، ــ دېدى فىلىپ. 043 JOH 014 009 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟ 043 JOH 014 010 مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 043 JOH 014 011 مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار. 043 JOH 014 012 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كېتىمەن. 043 JOH 014 013 ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 043 JOH 014 014 مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن». 043 JOH 014 015 ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 043 JOH 014 016 مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. 043 JOH 014 017 ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ. 043 JOH 014 018 مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 043 JOH 014 019 ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 043 JOH 014 020 شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر. 043 JOH 014 021 كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن». 043 JOH 014 022 يەھۇدا (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 014 023 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە [ئاتام] بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. 043 JOH 014 024 مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر. 043 JOH 014 025 مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 043 JOH 014 026 لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ. 043 JOH 014 027 سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار. 043 JOH 014 028 سىلەر مېنىڭ: «مەن [سىلەردىن] ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر. 043 JOH 014 029 سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ [ئىشلار] يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم. 043 JOH 014 030 مۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپ سۆزلەشمەيمەن؛ چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ. 043 JOH 014 031 لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ مېنىڭ ئاتىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى». 043 JOH 015 001 ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر. 043 JOH 015 002 باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ. 043 JOH 015 003 ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. 043 JOH 015 004 سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. 043 JOH 015 005 «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. 043 JOH 015 006 بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 043 JOH 015 007 سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. 043 JOH 015 008 سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ. 043 JOH 015 009 ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. 043 JOH 015 010 ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر. 043 JOH 015 011 مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 043 JOH 015 012 مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 043 JOH 015 013 ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. 043 JOH 015 014 سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. 043 JOH 015 015 ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 043 JOH 015 016 سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم. 043 JOH 015 017 سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 043 JOH 015 018 بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 043 JOH 015 019 سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 043 JOH 015 020 مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ. 043 JOH 015 021 بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 043 JOH 015 022 ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر. 043 JOH 015 023 كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. 043 JOH 015 024 مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر [ئەمەللىرىمنى] كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى. 043 JOH 015 025 لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى. 043 JOH 015 026 لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 043 JOH 015 027 سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. 043 JOH 016 001 سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 043 JOH 016 002 ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. 043 JOH 016 003 ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. 043 JOH 016 004 لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر. 043 JOH 016 005 ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. 043 JOH 016 006 ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. 043 JOH 016 007 ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. 043 JOH 016 008 ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ. 043 JOH 016 009 ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. 043 JOH 016 010 ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. 043 JOH 016 011 ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى. 043 JOH 016 012 سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر. 043 JOH 016 013 لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ. 043 JOH 016 014 ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ. 043 JOH 016 015 ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم. 043 JOH 016 016 ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن». 043 JOH 016 017 شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ 043 JOH 016 018 «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ. 043 JOH 016 019 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ 043 JOH 016 020 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ. 043 JOH 016 021 ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 043 JOH 016 022 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. 043 JOH 016 023 شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. 043 JOH 016 024 ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ! 043 JOH 016 025 سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن. 043 JOH 016 026 شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛ 043 JOH 016 027 چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار. 043 JOH 016 028 مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن». 043 JOH 016 029 مۇخلىسلىرى: ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ! 043 JOH 016 030 بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى. 043 JOH 016 031 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟ 043 JOH 016 032 مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر. 043 JOH 016 033 سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! 043 JOH 017 001 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛ 043 JOH 017 002 يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. 043 JOH 017 003 مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. 043 JOH 017 004 مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم. 043 JOH 017 005 ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. 043 JOH 017 006 سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى. 043 JOH 017 007 ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى. 043 JOH 017 008 چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. 043 JOH 017 009 بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. 043 JOH 017 010 مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم. 043 JOH 017 011 مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي. 043 JOH 017 012 مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. 043 JOH 017 013 مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم. 043 JOH 017 014 مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. 043 JOH 017 015 ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن. 043 JOH 017 016 مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر. 043 JOH 017 017 ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر. 043 JOH 017 018 سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. 043 JOH 017 019 ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن. 043 JOH 017 020 مەن يالغۇز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. 043 JOH 017 021 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. 043 JOH 017 022 سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛ 043 JOH 017 023 يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 043 JOH 017 024 ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن. 043 JOH 017 025 ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى. 043 JOH 017 026 ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي. 043 JOH 018 001 ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. 043 JOH 018 002 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى. 043 JOH 018 003 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. 043 JOH 018 004 ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 018 005 ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ مانا مەن بولىمەن، ــ دېدى. (ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى). 043 JOH 018 006 ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. 043 JOH 018 007 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دېيىشتى ئۇلار. 043 JOH 018 008 ئەيسا: ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى. 043 JOH 018 009 بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ: «[ئاتا]، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 043 JOH 018 010 سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى. 043 JOH 018 011 ئەيسا پېترۇسقا: ــ قىلىچنى غىلاپقا سال! ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟ ــ دېدى. 043 JOH 018 012 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. 043 JOH 018 013 ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى. 043 JOH 018 014 بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە: «پۈتۈن خەلقنىڭ [ھالاك بولۇشىنىڭ] ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى. 043 JOH 018 015 ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى. 043 JOH 018 016 لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. 043 JOH 018 017 دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن: ــ سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ياق، ئەمەس، ــ دېدى پېترۇس. 043 JOH 018 018 ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى. 043 JOH 018 019 باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى. 043 JOH 018 020 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم. 043 JOH 018 021 بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ. 043 JOH 018 022 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: ــ باش كاھىنغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ــ دېدى. 043 JOH 018 023 ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. 043 JOH 018 024 بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى. 043 JOH 018 025 سىمون پېترۇس [ئوتنىڭ] ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. [يېنىدىكىلەر]: ــ سەنمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمىدىڭ؟ ــ دېيىشتى. ــ ياق، ئەمەسمەن، ــ دەپ تاندى پېترۇس. 043 JOH 018 026 ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا: ــ باغچىدە سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنىدىمغۇ؟! ــ دېدى. 043 JOH 018 027 پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى. 043 JOH 018 028 ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن [يەھۇدىيلار] بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى. 043 JOH 018 029 شۇڭا [ۋالىي] پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئەرز قىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 018 030 ئۇلار: ــ بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 043 JOH 018 031 ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. يەھۇدىيلار: ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى. 043 JOH 018 032 بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى. 043 JOH 018 033 ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 018 034 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بۇ سوئالنى ئۆزۈڭ سوراۋاتامەسەن، ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق ساڭا شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ ــ دېدى. 043 JOH 018 035 ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە [جىنايەت] ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس. 043 JOH 018 036 ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى. 043 JOH 018 037 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن: ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 018 038 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. پىلاتۇس مۇشۇلارنى دەپ، يەنە تاشقىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. 043 JOH 018 039 لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن [مەھبۇسلاردىن] بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى. 043 JOH 018 040 ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دەپ قىيقاس-سۈرەن سېلىشتى (بارابباس بولسا بىر قاراقچى ئىدى). 043 JOH 019 001 شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى. 043 JOH 019 002 لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا [شاھانە] سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، 043 JOH 019 003 ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى. 043 JOH 019 004 پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى. 043 JOH 019 005 بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى. 043 JOH 019 006 باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى. 043 JOH 019 007 يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى. 043 JOH 019 008 پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، 043 JOH 019 009 يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن: ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 043 JOH 019 010 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى. 043 JOH 019 011 ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى. 043 JOH 019 012 شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ: ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. 043 JOH 019 013 پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى 043 JOH 019 014 (ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى. 043 JOH 019 015 لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 043 JOH 019 016 [لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 043 JOH 019 018 ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى. 043 JOH 019 019 پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 043 JOH 019 020 ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. 043 JOH 019 021 شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا: ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى. 043 JOH 019 022 بىراق پىلاتۇس جاۋابەن: ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى. 043 JOH 019 023 لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. 043 JOH 019 024 شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى. 043 JOH 019 025 ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. 043 JOH 019 026 ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى. 043 JOH 019 027 ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. 043 JOH 019 028 ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى. 043 JOH 019 029 ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. 043 JOH 019 030 ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: ــ تامام بولدى! ــ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 043 JOH 019 031 ئۇ كۈنى [ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ] تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. 043 JOH 019 032 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى. 043 JOH 019 033 لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 043 JOH 019 034 ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. 043 JOH 019 035 بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. 043 JOH 019 036 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى. 043 JOH 019 038 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. 043 JOH 019 039 بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، [ئۇنىڭ] [بىلەن بىللە] كەلدى. 043 JOH 019 040 ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. 043 JOH 019 041 ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. 043 JOH 019 042 بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى. 043 JOH 020 001 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 043 JOH 020 002 شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى. 043 JOH 020 003 پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. 043 JOH 020 004 ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. 043 JOH 020 005 ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. 043 JOH 020 006 ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، 043 JOH 020 007 شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. 043 JOH 020 008 ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى 043 JOH 020 009 (چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). 043 JOH 020 010 شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى. 043 JOH 020 011 ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، 043 JOH 020 012 مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. 043 JOH 020 013 ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 043 JOH 020 014 ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 043 JOH 020 015 ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 020 016 مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە). 043 JOH 020 017 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى. 043 JOH 020 018 شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 043 JOH 020 019 شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 043 JOH 020 020 بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. 043 JOH 020 021 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. 043 JOH 020 022 بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. 043 JOH 020 023 كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى. 043 JOH 020 024 ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 043 JOH 020 025 شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى. 043 JOH 020 026 سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 043 JOH 020 027 ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى. 043 JOH 020 028 توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 043 JOH 020 029 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى. 043 JOH 020 030 ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. 043 JOH 020 031 لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. 043 JOH 021 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى: 043 JOH 021 002 سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى. 043 JOH 021 003 سىمون پېترۇس: مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، ــ دېدى. كۆپچىلىك: بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، ــ دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى. 043 JOH 021 004 تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 043 JOH 021 005 شۇڭا ئەيسا: ــ بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 043 JOH 021 006 ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى [شۇ ياققا] تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. 043 JOH 021 007 ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى. 043 JOH 021 008 قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى. 043 JOH 021 009 ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. 043 JOH 021 010 ئەيسا: ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى. 043 JOH 021 011 سىمون پېترۇس [كېمىگە] چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى. 043 JOH 021 012 ئەيسا: ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى. 043 JOH 021 013 ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 043 JOH 021 014 مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى. 043 JOH 021 015 ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى. 043 JOH 021 016 ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى. 043 JOH 021 017 ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. 043 JOH 021 018 بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 043 JOH 021 019 ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى. 043 JOH 021 020 پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى). 043 JOH 021 021 پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن: ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى. 043 JOH 021 022 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى. 043 JOH 021 023 بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى. 043 JOH 021 024 بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. 043 JOH 021 025 ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى! # # BOOK 044 ACT Acts روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 044 ACT 001 001 ئى [ھۆرمەتلىك] تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى. 044 ACT 001 003 ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ 044 ACT 001 004 ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. 044 ACT 001 005 چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر». 044 ACT 001 006 روسۇللار [ئۇنىڭ بىلەن] جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. 044 ACT 001 007 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق. 044 ACT 001 008 بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. 044 ACT 001 009 ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. 044 ACT 001 010 ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: 044 ACT 001 011 ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى. 044 ACT 001 012 ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 044 ACT 001 013 ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. 044 ACT 001 014 بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. 044 ACT 001 015 شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى: 044 ACT 001 016 ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. 044 ACT 001 017 چۈنكى [يەھۇدا]مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە [خۇدانىڭ] بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى 044 ACT 001 018 (ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ 044 ACT 001 019 بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) 044 ACT 001 020 چۈنكى زەبۇردا [يەھۇداغا] [قارىتىلغان] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ۋە: ــ «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» 044 ACT 001 021 شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا [پەيغەمبەر]دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى. 044 ACT 001 023 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: 044 ACT 001 024 ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن! 044 ACT 001 026 ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى. 044 ACT 002 001 ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. 044 ACT 002 002 ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. 044 ACT 002 003 ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. 044 ACT 002 004 ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى. 044 ACT 002 005 ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. 044 ACT 002 006 ئەمدى [ئېتىقادچىلارنىڭ] بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە [ئېتىقادچىلارنىڭ] ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى. 044 ACT 002 007 ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟ 044 ACT 002 008 قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟ 044 ACT 002 009 ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 044 ACT 002 010 فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى. 044 ACT 002 012 ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى. 044 ACT 002 013 ئەمما بەزىلەر: ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى. 044 ACT 002 014 ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 044 ACT 002 015 بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 044 ACT 002 016 ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر: 044 ACT 002 017 ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ 044 ACT 002 018 بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ. 044 ACT 002 019 مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. 044 ACT 002 020 رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 044 ACT 002 021 ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ». 044 ACT 002 022 ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ 044 ACT 002 023 ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. 044 ACT 002 024 لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. 044 ACT 002 025 داۋۇت [زەبۇردا] ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. 044 ACT 002 026 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛ 044 ACT 002 027 چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. 044 ACT 002 028 سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن». 044 ACT 002 029 قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز [پادىشاھ] داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. 044 ACT 002 030 ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 044 ACT 002 031 ئۇ مەسىھنىڭ [ئۆلگەندىن كېيىن] تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. 044 ACT 002 032 خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. 044 ACT 002 033 ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ [بىزلەرگە] چۈشۈردى. 044 ACT 002 034 چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى [زەبۇردا] ئېيتقان: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»». 044 ACT 002 036 شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!». 044 ACT 002 037 بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن: ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. 044 ACT 002 038 پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. 044 ACT 002 039 چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ. 044 ACT 002 040 پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى. 044 ACT 002 041 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. 044 ACT 002 042 ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. 044 ACT 002 043 ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. 044 ACT 002 044 پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. 044 ACT 002 045 ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. 044 ACT 002 046 ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، 044 ACT 002 047 خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى. 044 ACT 003 001 بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى. 044 ACT 003 002 شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. 044 ACT 003 003 ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. 044 ACT 003 004 پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بىزگە قارا! ــ دېدى. 044 ACT 003 005 ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. 044 ACT 003 006 بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى، 044 ACT 003 007 ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، 044 ACT 003 008 ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. 044 ACT 003 009 بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ 044 ACT 003 010 ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 044 ACT 003 011 [ساقايغان كىشى] پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا [ئىبادەتخانىدىكى] «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. 044 ACT 003 012 بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ 044 ACT 003 013 ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى [رىملىقلارغا] تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن [ۋالىي] پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار. 044 ACT 003 014 مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ [ۋالىي پىلاتۇستىن] ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. 044 ACT 003 015 شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز. 044 ACT 003 016 مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى. 044 ACT 003 017 ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. 044 ACT 003 018 لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. 044 ACT 003 019 شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ 044 ACT 003 020 ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. 044 ACT 003 021 ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. 044 ACT 003 022 مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك! 044 ACT 003 023 چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». 044 ACT 003 024 دەرۋەقە، سامۇئىل [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان. 044 ACT 003 025 سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. 044 ACT 003 026 شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى. 044 ACT 004 001 پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. 044 ACT 004 002 ئۇلار [روسۇللارنىڭ] خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى. 044 ACT 004 003 ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى. 044 ACT 004 004 لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. 044 ACT 004 005 ئەتىسى، [يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى] باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. 044 ACT 004 006 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى. 044 ACT 004 007 ئۇلار [پېترۇس بىلەن يۇھاننانى] ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ: ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 004 008 پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى! 044 ACT 004 009 ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، 044 ACT 004 010 سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! 044 ACT 004 011 بۇ [ئەيسا] بولسا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. 044 ACT 004 012 ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر. 044 ACT 004 013 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. 044 ACT 004 014 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. 044 ACT 004 015 شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: 044 ACT 004 016 ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. 044 ACT 004 017 لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى. 044 ACT 004 018 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى. 044 ACT 004 019 لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا: ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! 044 ACT 004 020 ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 044 ACT 004 021 [ھۆكۈمرانلار] بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. 044 ACT 004 022 چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى. 044 ACT 004 023 ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. 044 ACT 004 024 ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن. 044 ACT 004 025 سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ 044 ACT 004 026 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى». 044 ACT 004 027 ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، 044 ACT 004 028 شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. 044 ACT 004 029 ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ 044 ACT 004 030 ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. 044 ACT 004 031 ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 044 ACT 004 032 توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. 044 ACT 004 033 روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. 044 ACT 004 034 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ 044 ACT 004 035 روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى. 044 ACT 004 036 ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ 044 ACT 004 037 ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئېتىزى بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا تاپشۇردى. 044 ACT 005 001 ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. 044 ACT 005 002 ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. 044 ACT 005 003 بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟ 044 ACT 005 004 يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى. 044 ACT 005 005 ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. 044 ACT 005 006 ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. 044 ACT 005 007 تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، [ئانانىياسنىڭ] ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى. 044 ACT 005 008 پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 044 ACT 005 009 پېترۇس: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى. 044 ACT 005 010 ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. 044 ACT 005 011 پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. 044 ACT 005 012 روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. 044 ACT 005 013 بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. 044 ACT 005 014 شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). 044 ACT 005 015 شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. 044 ACT 005 016 يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى. 044 ACT 005 017 باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ، 044 ACT 005 018 روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. 044 ACT 005 019 لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: 044 ACT 005 020 ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى. 044 ACT 005 021 روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى. 044 ACT 005 022 لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە: 044 ACT 005 023 ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى. 044 ACT 005 024 بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى [مەسئۇل] كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى. 044 ACT 005 025 دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. 044 ACT 005 026 بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى. 044 ACT 005 027 ئۇلار [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ: 044 ACT 005 028 ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى. 044 ACT 005 029 لېكىن پېترۇس ۋە [باشقا] روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك! 044 ACT 005 030 سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى. 044 ACT 005 031 خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى. 044 ACT 005 032 بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر. 044 ACT 005 033 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ [روسۇللارنى] ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى. 044 ACT 005 034 لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. 044 ACT 005 035 ئاندىن ئۇ [كېڭەشمىدىكىلەرگە] مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار! 044 ACT 005 036 ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى. 044 ACT 005 037 ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. 044 ACT 005 038 ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ. 044 ACT 005 039 لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر! 044 ACT 005 040 ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى. 044 ACT 005 041 روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى. 044 ACT 005 042 ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى. 044 ACT 006 001 شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. 044 ACT 006 002 شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بىزنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ. 044 ACT 006 003 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز. 044 ACT 006 004 بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز. 044 ACT 006 005 بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، 044 ACT 006 006 ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ [بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن] قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى. 044 ACT 006 007 ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى. 044 ACT 006 008 ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. 044 ACT 006 009 بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى [يەھۇدىيلار] ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. 044 ACT 006 010 لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. 044 ACT 006 011 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى. 044 ACT 006 012 ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. 044 ACT 006 013 ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ. 044 ACT 006 014 چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. 044 ACT 006 015 كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى. 044 ACT 007 001 باش كاھىن ئىستىپاندىن: ــ بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 007 002 ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاتىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەنى ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلىشىشتىن ئىلگىرى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ: 044 ACT 007 003 «سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن» دېگەنىدى. 044 ACT 007 004 بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى. 044 ACT 007 005 ئۇ ۋاقىتتا، [خۇدا] ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، [خۇدا] بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى. 044 ACT 007 006 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرتتىكىلەر ئۇلارنى قۇل قىلىپ تۆت يۈز يىل خورلايدۇ. 044 ACT 007 007 بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن»، دېدى خۇدا، «ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، [نەسىللىرىڭ] ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ». 044 ACT 007 008 كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇنىڭدىن تۆرەلدى؛ [ئىبراھىم] ئۇنى سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسھاقتىن ياقۇپ [تۆرەلدى]، ياقۇپتىن ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى» [تۆرەلدى]. 044 ACT 007 009 كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، 044 ACT 007 010 ئۇنى بارلىق جەبىر-جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى. 044 ACT 007 011 كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر ۋە قانائان يەرلىرىنى بېسىپ، زور قىيىنچىلىق بولدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈك تاپالمىدى. 044 ACT 007 012 ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، [ئوغۇللىرىنى]، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى. 044 ACT 007 013 ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر پىرەۋن پادىشاھقا مەلۇم بولدى. 044 ACT 007 014 ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى. 044 ACT 007 015 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ مىسىرغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى؛ كېيىن [ئۇنىڭدىن بولغان] ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 044 ACT 007 016 ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئىبراھىم بۇرۇن ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەلۇم پۇلغا سېتىۋالغان، شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى. 044 ACT 007 017 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مىسىردا تۇرۇۋاتقان [ئىسرائىل] خەلقىنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. 044 ACT 007 018 ئۇ ۋاقىتتا، يۈسۈپتىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 044 ACT 007 019 بۇ پادىشاھ قوۋمىمىزغا ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. 044 ACT 007 020 مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى. 044 ACT 007 021 كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا، پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى [سۇدىن] ئېلىپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 044 ACT 007 022 مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق بىلىم-ھېكمىتى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆزدە ۋە ئەمەلدە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقتى. 044 ACT 007 023 لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا قىرىق يىل توشقاندا، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتىگە كەلدى. 044 ACT 007 024 ئۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۇۋال قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، خارلانغان كىشى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ خارلىغۇچى مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى. 044 ACT 007 025 چۈنكى ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى: ــ خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بىزگە قۇتقۇزۇش يولىنى ئاچقان دەپ چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 044 ACT 007 026 ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ: سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. 044 ACT 007 027 بىراق قېرىندىشىنى يولسىز بوزەك قىلغان كىشى ئۇنى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ: ــ كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟! 044 ACT 007 028 مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. 044 ACT 007 029 مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 044 ACT 007 030 قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 044 ACT 007 031 بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن مۇسا ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قالدى؛ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ يېقىنراق بارغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: 044 ACT 007 032 «مەن سېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. مۇسا قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 044 ACT 007 033 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئايىغىڭنى سېلىۋەت؛ چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 044 ACT 007 034 مەن دەرھەقىقەت مىسىردا تۇرۇۋاتقان خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى. 044 ACT 007 035 مانا ھېلىقى كىشىلەر: «كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغان دەل مۇشۇ مۇسانى، خۇدا ئۇنىڭغا چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن پەرىشتىنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىللارغا ھەم باش ھەم قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. 044 ACT 007 036 ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى [مىسىردىن] چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. 044 ACT 007 037 ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. 044 ACT 007 038 چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ 044 ACT 007 039 شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛ 044 ACT 007 040 شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 044 ACT 007 041 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى. 044 ACT 007 042 لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، [خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى]: ــ «سىلەر چۆل-باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ 044 ACT 007 043 بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن». 044 ACT 007 044 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى. 044 ACT 007 045 شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان. 044 ACT 007 046 داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان. 044 ACT 007 047 بىراق كېيىن، [خۇدا] ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان [داۋۇت ئەمەس]، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى. 044 ACT 007 048 ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ 044 ACT 007 049 «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ 044 ACT 007 050 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟» 044 ACT 007 051 ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر! 044 ACT 007 052 پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار، 044 ACT 007 053 ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!» 044 ACT 007 054 [ئىستىپاننىڭ] بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان [ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر] يۈرىكىگە [خەنجەر] سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. 044 ACT 007 055 لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، 044 ACT 007 056 ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! ــ دېدى. 044 ACT 007 057 ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، 044 ACT 007 058 ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. [ئۇنى ئەرز قىلغان] گۇۋاھچىلار [ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال] چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى. 044 ACT 007 059 ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: ــ ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەپ نىدا قىلدى. 044 ACT 007 060 ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى. 044 ACT 008 001 ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. 044 ACT 008 002 بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى. 044 ACT 008 003 لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى. 044 ACT 008 004 ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى. 044 ACT 008 005 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى. 044 ACT 008 006 توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. 044 ACT 008 007 چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ 044 ACT 008 008 زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى. 044 ACT 008 009 ئۇ شەھەردە ئەسلى جادۇگەر-سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يول بىلەن پۈتكۈل سامارىيەدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس زات كۆرسەتمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. 044 ACT 008 010 پېقىردىن تارتىپ ئامبالغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىپ قارايتتى ۋە «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ!» دېيىشەتتى. 044 ACT 008 011 خالايىق ئۇنىڭغا شۇنداق ئىخلاس قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى جادۇگەر-سېھىرگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى. 044 ACT 008 012 لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 044 ACT 008 013 سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 044 ACT 008 014 يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛ 044 ACT 008 015 ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى. 044 ACT 008 016 چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. 044 ACT 008 017 پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى. 044 ACT 008 018 لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ: 044 ACT 008 019 ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى. 044 ACT 008 020 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن! 044 ACT 008 021 سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس! 044 ACT 008 022 شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن! 044 ACT 008 023 چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. 044 ACT 008 024 سىمون ئۇلارغا: ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى. 044 ACT 008 025 پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. 044 ACT 008 026 شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر). 044 ACT 008 027 شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. 044 ACT 008 029 روھ فىلىپقا: ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى. 044 ACT 008 030 فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، [ۋەزىرنىڭ] يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 008 031 ۋەزىر ئۇنىڭغا: ــ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! ــ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئۆتۈندى. 044 ACT 008 032 ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. 044 ACT 008 033 ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى». 044 ACT 008 034 ئاغۋات فىلىپتىن: ــ دەپ بەرسىڭىز، پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقا بىرسىگىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 008 035 فىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ شۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى. 044 ACT 008 036 ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى. 044 ACT 008 038 ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. 044 ACT 008 039 ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. 044 ACT 008 040 فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى. 044 ACT 009 001 ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، 044 ACT 009 002 دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى. 044 ACT 009 003 سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. 044 ACT 009 004 ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. 044 ACT 009 005 ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. 044 ACT 009 006 ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى. 044 ACT 009 007 ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. 044 ACT 009 008 سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 044 ACT 009 009 ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى. 044 ACT 009 010 دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى: ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 044 ACT 009 011 رەب ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. 044 ACT 009 012 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى. 044 ACT 009 013 ئانانىياس: ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن! 044 ACT 009 014 ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى. 044 ACT 009 015 لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر. 044 ACT 009 016 چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى. 044 ACT 009 017 بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى، 044 ACT 009 018 سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 044 ACT 009 019 ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى. 044 ACT 009 020 [سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. 044 ACT 009 021 ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 044 ACT 009 022 لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى. 044 ACT 009 023 كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. 044 ACT 009 024 لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. 044 ACT 009 025 لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل [كامارىدىن] چۈشۈردى. 044 ACT 009 026 سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. 044 ACT 009 027 بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 044 ACT 009 028 بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. 044 ACT 009 029 ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى. 044 ACT 009 030 قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى. 044 ACT 009 031 ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر [بىر مەزگىل] تىنچلىققا ئېرىشىپ، [ئېتىقادتا] قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. 044 ACT 009 032 شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى. 044 ACT 009 033 ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. 044 ACT 009 034 پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 044 ACT 009 035 [ئەنېياسنى] كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. 044 ACT 009 036 يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. 044 ACT 009 037 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. 044 ACT 009 038 يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى. 044 ACT 009 039 پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى. 044 ACT 009 040 لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى. 044 ACT 009 041 پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. 044 ACT 009 042 بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. 044 ACT 009 043 شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى. 044 ACT 010 001 قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ [رىم] قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى. 044 ACT 010 002 ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. 044 ACT 010 003 بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى. 044 ACT 010 004 كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ: ــ تەقسىر، نېمە ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى. 044 ACT 010 005 ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. 044 ACT 010 006 ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى. 044 ACT 010 007 ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. 044 ACT 010 008 بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى. 044 ACT 010 009 ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. 044 ACT 010 010 ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلاۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى. 044 ACT 010 011 ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى. 044 ACT 010 012 داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى. 044 ACT 010 013 ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» 044 ACT 010 014 ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس. 044 ACT 010 015 ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى. 044 ACT 010 016 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. 044 ACT 010 017 پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. 044 ACT 010 018 ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 010 019 پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. 044 ACT 010 020 ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى. 044 ACT 010 021 پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى. 044 ACT 010 022 ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى. 044 ACT 010 023 شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. 044 ACT 010 024 ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. 044 ACT 010 025 پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى. 044 ACT 010 026 لېكىن پېترۇس [دەرھال] ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى. 044 ACT 010 027 ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى. 044 ACT 010 028 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى. 044 ACT 010 029 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى. 044 ACT 010 030 كورنىلىي مۇنداق دېدى: ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: 044 ACT 010 031 «كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. 044 ACT 010 032 شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. 044 ACT 010 033 شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز. 044 ACT 010 034 پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر. 044 ACT 010 036 خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ 044 ACT 010 037 سىلەرنىڭمۇ يەھيا [پەيغەمبەر] چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ــ يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 044 ACT 010 039 بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. 044 ACT 010 040 بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. 044 ACT 010 042 ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. 044 ACT 010 043 بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 044 ACT 010 044 پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. 044 ACT 010 045 پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. 044 ACT 010 046 چۈنكى ئۇلارنىڭ [كارامەت نامەلۇم] تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس: 044 ACT 010 047 ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى. 044 ACT 010 048 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى. 044 ACT 011 001 روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار [يات] ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. 044 ACT 011 002 شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان [ئىشەنگۈچىلەر] ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ: 044 ACT 011 003 ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى. 044 ACT 011 004 بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ 044 ACT 011 005 مۇنداق دېدى: ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى. 044 ACT 011 006 ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن. 044 ACT 011 007 ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 044 ACT 011 008 مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. 044 ACT 011 009 بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 044 ACT 011 010 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى. 044 ACT 011 011 مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. 044 ACT 011 012 مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. [قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ]، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. 044 ACT 011 013 بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، 044 ACT 011 014 ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن. 044 ACT 011 015 مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. 044 ACT 011 016 شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. 044 ACT 011 017 شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟ 044 ACT 011 018 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى. 044 ACT 011 019 ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. 044 ACT 011 020 لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. 044 ACT 011 021 رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. 044 ACT 011 022 بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. 044 ACT 011 023 بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. 044 ACT 011 024 چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى. 044 ACT 011 025 شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. 044 ACT 011 026 ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى. 044 ACT 011 027 ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى. 044 ACT 011 028 بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى). 044 ACT 011 029 بۇنىڭ بىلەن [ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. 044 ACT 011 030 ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق [يەھۇدىيەدىكى جامائەت] ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى. 044 ACT 012 001 شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى. 044 ACT 012 002 ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 044 ACT 012 003 ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى). 044 ACT 012 004 پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى. 044 ACT 012 005 شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 044 ACT 012 006 ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. 044 ACT 012 007 ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: ــ تېز تۇر! ــ دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. 044 ACT 012 008 پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! ــ دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: ــ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! ــ دېدى. 044 ACT 012 009 پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. 044 ACT 012 010 ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. 044 ACT 012 011 شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى. 044 ACT 012 012 ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. 044 ACT 012 013 ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. 044 ACT 012 014 ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. 044 ACT 012 015 لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. 044 ACT 012 016 بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. 044 ACT 012 017 پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى. 044 ACT 012 018 تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى. 044 ACT 012 019 ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى. 044 ACT 012 020 ئەسلىدە ھېرود [خان] بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى. 044 ACT 012 021 بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. 044 ACT 012 022 ئاڭلىغان خەلق: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 044 ACT 012 023 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى. 044 ACT 012 024 ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى. 044 ACT 012 025 بارناباس بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانى بىللە ئېلىپ باردى. 044 ACT 013 001 ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى. 044 ACT 013 002 ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 044 ACT 013 003 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى. 044 ACT 013 004 ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى. 044 ACT 013 005 سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. 044 ACT 013 006 ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى. 044 ACT 013 007 ئۇ كىشى بۇ [ئارالنىڭ] رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى. 044 ACT 013 008 لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى. 044 ACT 013 009 بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ 044 ACT 013 010 ئۇنىڭغا: ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! 044 ACT 013 011 ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى. شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. 044 ACT 013 012 يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 044 ACT 013 013 پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 044 ACT 013 014 پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى. 044 ACT 013 015 تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 044 ACT 013 016 پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار! 044 ACT 013 017 بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 044 ACT 013 018 ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى 044 ACT 013 019 ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى. 044 ACT 013 020 بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى. 044 ACT 013 021 ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ [سامۇئىل پەيغەمبەردىن] تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى. 044 ACT 013 022 بىراق [خۇدا] سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى. 044 ACT 013 023 ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! 044 ACT 013 024 ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا [پەيغەمبەر] چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى [بىلدۈرىدىغان] چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى. 044 ACT 013 025 يەھيا [پەيغەمبەر] ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!» 044 ACT 013 026 ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى! 044 ACT 013 027 يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 044 ACT 013 028 گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى. 044 ACT 013 029 ئۇلار [بۇ] [ئىشلارنى قىلىپ] مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى [ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا] ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى. 044 ACT 013 030 لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! 044 ACT 013 031 تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە [نەچچە قېتىم] كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر [ئىسرائىل] خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ. 044 ACT 013 032 بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى [ئارىمىزدا] تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم». 044 ACT 013 034 ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!» 044 ACT 013 035 شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «[ئى خۇدا]، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن». 044 ACT 013 036 چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى. 044 ACT 013 037 لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى. 044 ACT 013 038 ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ. 044 ACT 013 039 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ! 044 ACT 013 040 شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ 044 ACT 013 041 «قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!» 044 ACT 013 042 پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى. 044 ACT 013 043 سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. 044 ACT 013 044 كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. 044 ACT 013 045 بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى. 044 ACT 013 046 ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز! 044 ACT 013 047 چۈنكى پەرۋەردىگار [مۇقەددەس يازمىلاردا] بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ «مەن سېنى [يات] ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم». 044 ACT 013 048 ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى. 044 ACT 013 049 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى. 044 ACT 013 050 بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 044 ACT 013 051 ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 044 ACT 013 052 [ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى. 044 ACT 014 001 كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى 044 ACT 014 002 (ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار [يات] ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). 044 ACT 014 003 شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى. 044 ACT 014 004 بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى. 044 ACT 014 005 ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. 044 ACT 014 006 لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى. 044 ACT 014 008 شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. 044 ACT 014 009 پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، 044 ACT 014 010 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. 044 ACT 014 011 لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 044 ACT 014 012 ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. 044 ACT 014 013 شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ [بۇتخانىدىكى] كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. 044 ACT 014 014 لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: 044 ACT 014 015 ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! 044 ACT 014 016 بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. 044 ACT 014 017 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى. 044 ACT 014 018 ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى. 044 ACT 014 019 لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. 044 ACT 014 020 لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. 044 ACT 014 021 ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى [مەسىھگە] مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 044 ACT 014 022 ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى. 044 ACT 014 023 ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. 044 ACT 014 024 ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 044 ACT 014 025 ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. 044 ACT 014 026 ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، [سۇرىيەدىكى] ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا [جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن] خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى. 044 ACT 014 027 قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 044 ACT 014 028 ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى. 044 ACT 015 001 شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، [ئانتاكيادىكى] قېرىنداشلارغا: ــ سىلەر مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 044 ACT 015 002 بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، [قېرىنداشلار] پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن. 044 ACT 015 003 شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ [ئېتىقاد] يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى. 044 ACT 015 004 پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى. 044 ACT 015 005 لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: ــ مۇشۇ [يات ئەللىكلەرنى] خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى. 044 ACT 015 006 شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 044 ACT 015 007 ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار. 044 ACT 015 008 ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى. 044 ACT 015 009 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى. 044 ACT 015 010 [ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن]، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟! 044 ACT 015 011 ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز. 044 ACT 015 012 [بۇ سۆزدىن كېيىن]، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. 044 ACT 015 013 ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! 044 ACT 015 014 باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 044 ACT 015 015 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ 044 ACT 015 016 ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. 044 ACT 015 018 ‏ شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!» 044 ACT 015 019 ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ 044 ACT 015 020 پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 044 ACT 015 021 چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا [پەيغەمبەر]نىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن. 044 ACT 015 022 شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى. 044 ACT 015 023 خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام! 044 ACT 015 024 ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. 044 ACT 015 025 شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 044 ACT 015 026 بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر. 044 ACT 015 027 شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. 044 ACT 015 028 گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: 044 ACT 015 029 ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!» 044 ACT 015 030 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار [قېرىنداشلار] تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 044 ACT 015 031 ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى. 044 ACT 015 032 يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 044 ACT 015 033 [يەھۇدا ۋە سىلاسلار] ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] قېشىغا قايتتى. 044 ACT 015 034 لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى. 044 ACT 015 036 لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى. 044 ACT 015 037 بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 044 ACT 015 038 بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە [داۋاملىق] سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. 044 ACT 015 039 شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 044 ACT 015 040 پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. 044 ACT 015 041 ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، [ھەرقايسى جايلاردا] جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 044 ACT 016 001 ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. 044 ACT 016 002 لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. 044 ACT 016 003 پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى [تىموتىينىڭ] ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى. 044 ACT 016 004 ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار [يات ئەللەرگە] بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى. 044 ACT 016 005 شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. 044 ACT 016 006 مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، 044 ACT 016 007 مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى. 044 ACT 016 008 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى. 044 ACT 016 009 شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: ــ [دېڭىزدىن] ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن! ــ دەپ ئۆتۈندى. 044 ACT 016 010 ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. 044 ACT 016 011 بىز كېمىگە چىقىپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سامودراك ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق ۋە ئەتىسى [ماكېدونىيەدىكى] نېئاپولىس شەھىرىگە يېتىپ باردۇق. 044 ACT 016 012 ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. 044 ACT 016 013 شابات كۈنى، [شەھەر] دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق. 044 ACT 016 014 ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. 044 ACT 016 015 ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى [ھەقىقەتەن] رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! ــ دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى. 044 ACT 016 016 بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى. 044 ACT 016 017 ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: ــ بۇ كىشىلەر ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ قۇللىرى، ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ! ــ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى. 044 ACT 016 018 ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا: ــ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى. 044 ACT 016 019 دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 044 ACT 016 020 ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە. 044 ACT 016 021 بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى. 044 ACT 016 022 توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. 044 ACT 016 023 ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. 044 ACT 016 024 ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى. 044 ACT 016 025 تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. 044 ACT 016 026 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. 044 ACT 016 027 گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. 044 ACT 016 028 لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى. 044 ACT 016 029 گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 044 ACT 016 030 ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 016 031 رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار. 044 ACT 016 032 شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. 044 ACT 016 033 كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا [گۇندىپاي] ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ 044 ACT 016 034 ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى. 044 ACT 016 035 ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. 044 ACT 016 036 گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ: ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ-ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى. 044 ACT 016 037 بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى. 044 ACT 016 038 ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛ 044 ACT 016 039 ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا [زىندانغا] بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى. 044 ACT 016 040 ئىككىيلەن زىنداندىن چىقىشى بىلەن لىديانىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئاندىن ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يولغا چىقىپ كەتتى. 044 ACT 017 001 ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىلىپ ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگى بار ئىدى. 044 ACT 017 002 پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ، 044 ACT 017 003 ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە: ــ مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! ــ دېدى. 044 ACT 017 004 [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى. 044 ACT 017 005 بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى. 044 ACT 017 006 لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛ 044 ACT 017 007 ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. 044 ACT 017 008 ئۇلار بۇ سۆزلەر بىلەن خالايىقنى ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. 044 ACT 017 009 ئەمەلدارلار ياسون ۋە باشقا تۇتۇپ كېلىنگەنلەردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى. 044 ACT 017 010 قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. 044 ACT 017 011 ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى. 044 ACT 017 012 نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى. 044 ACT 017 013 لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى. 044 ACT 017 014 شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. 044 ACT 017 015 پاۋلۇسنى ئۇزىتىپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلار پاۋلۇسنىڭ: ــ «سىلەر سىلاس بىلەن تىموتىيغا مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزراق كەلسۇن دەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، [بېرىياغا] قايتىپ كەلدى. 044 ACT 017 016 پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى. 044 ACT 017 017 شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. 044 ACT 017 018 «ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى. 044 ACT 017 019 شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى ئېلىپ «ئارېئوپاگۇس» دېگەن [كېڭەش] مەيدانىغا ئاپىرىپ: ــ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىمىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلسەك قانداق؟ 044 ACT 017 020 چۈنكى سەن بەزى غەيرىي ئىشلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، بىز ئۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈمىز بار، ــ دېيىشتى 044 ACT 017 021 (ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى). 044 ACT 017 022 شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم. 044 ACT 017 023 چۈنكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ تاۋاپگاھلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، ئۈستىگە «نامەلۇم بىر خۇداغا ئاتالغان» دەپ پۈتۈلگەن بېغىشلىمىسى بار يەنە بىر قۇربانگاھنى كۆردۈم. ئەمدى مەن سىلەر تونۇماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان شۇ [خۇدانى] مانا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ جاكارلاي. 044 ACT 017 024 پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ، 044 ACT 017 025 ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا [ئېھتىياجلىق بولغان] ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ. 044 ACT 017 026 ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 044 ACT 017 027 بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس. 044 ACT 017 028 چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!». 044 ACT 017 029 شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. 044 ACT 017 030 شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا! 044 ACT 017 031 چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى. 044 ACT 017 032 [پاۋلۇسنىڭ] «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندا بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: ــ بۇ ئىش ھەققىدە سەندىن يەنە ئاڭلايلى، ــ دېدى. 044 ACT 017 033 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس مەيداندىن چىقىپ كەتتى. 044 ACT 017 034 بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى. 044 ACT 018 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن ئايرىلىپ كورىنت شەھىرىگە باردى. 044 ACT 018 002 ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار [رىم] [ئىمپېراتورى] كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، 044 ACT 018 003 ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى). 044 ACT 018 004 ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. 044 ACT 018 005 بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا: ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. 044 ACT 018 006 لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن [سىلەردىن بۇرۇلۇپ] يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى. 044 ACT 018 007 بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى. 044 ACT 018 008 ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 044 ACT 018 009 رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە، 044 ACT 018 010 چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى. 044 ACT 018 011 شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يىل ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆگەتتى. 044 ACT 018 012 ئەمما گاللىيو ئاخايا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ گاللىيونىڭ «سوراق تەختى»نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قايىل قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى. 044 ACT 018 014 پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا: ــ دەرۋەقە، ئى يەھۇدىيلار، بۇ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەقلىق ياكى ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولغان بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سالسام ئورۇنلۇق بولاتتى. 044 ACT 018 015 بىراق بۇ ئىش [پەقەت] بەزى نام-ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ [تەۋرات] قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى. 044 ACT 018 016 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى. 044 ACT 018 017 خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق [ۋالىي] گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. 044 ACT 018 018 پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. [يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى] ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. 044 ACT 018 019 ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى [شۇ يەردىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. 044 ACT 018 020 ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي، 044 ACT 018 021 «مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. 044 ACT 018 022 ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، [يېرۇسالېمغا] چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى. 044 ACT 018 023 ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى. 044 ACT 018 024 بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى. 044 ACT 018 025 ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا [پەيغەمبەر]نىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى. 044 ACT 018 026 ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى. 044 ACT 018 027 كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، [ئەفەسۇسلۇق] قېرىنداشلار [ئاخايادىكى] مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولدى. 044 ACT 018 028 چۈنكى ئۇ خەلق-ئالەم ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلىشى بىلەن مەسىھنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. 044 ACT 019 001 ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە بەزى مۇخلىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ، 044 ACT 019 002 ئۇلاردىن: ــ سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 044 ACT 019 003 پاۋلۇس يەنە: ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ بىز يەھيا [پەيغەمبەر] يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار. 044 ACT 019 004 پاۋلۇس: ــ يەھيا [پەيغەمبەر] خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى. 044 ACT 019 005 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى. 044 ACT 019 006 پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 044 ACT 019 007 ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى. 044 ACT 019 008 پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا [ئەفەسۇس شەھىرىدىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. 044 ACT 019 009 لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا [رەبنىڭ] يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. 044 ACT 019 010 بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىدى. 044 ACT 019 011 خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 044 ACT 019 012 كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى. 044 ACT 019 013 لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى. 044 ACT 019 014 بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 044 ACT 019 015 لېكىن [ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان] يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى، 044 ACT 019 016 يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. 044 ACT 019 017 بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى. 044 ACT 019 018 نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى. 044 ACT 019 019 سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب-پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ [بىر يەرگە دۆۋىلەپ]، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. 044 ACT 019 020 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 044 ACT 019 021 بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ: ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى. 044 ACT 019 022 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى. 044 ACT 019 023 دەل شۇ چاغدا، [ئەفەسۇس شەھىرىدە] [رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى. 044 ACT 019 024 ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى. 044 ACT 019 025 دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ 044 ACT 019 026 ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ. 044 ACT 019 027 ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان [بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ] شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى. 044 ACT 019 028 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. 044 ACT 019 029 بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى. 044 ACT 019 030 پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى. 044 ACT 019 031 ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى. 044 ACT 019 032 ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. 044 ACT 019 033 يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، [يەھۇدىيلارنى] ئاقلىماقچى بولدى. 044 ACT 019 034 بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى. 044 ACT 019 035 ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار! 044 ACT 019 036 بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. 044 ACT 019 037 چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە [سوراققا تارتىشقا] ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس. 044 ACT 019 038 ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛ 044 ACT 019 039 ۋە باشقا بىرەر مەسىلىلىرىڭلار بولسا، رەسمىي سورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. 044 ACT 019 040 بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! 044 ACT 019 041 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. 044 ACT 020 001 توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە قاراپ كەتتى. 044 ACT 020 002 ئۇ شۇ ئەتراپتىكى يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى نۇرغۇن سۆز-تەلىملەر بىلەن رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، 044 ACT 020 003 ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى بىلىنىپ قېلىپ، ماكېدونىيە ئارقىلىق [قۇرۇقلۇق بىلەن] قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. 044 ACT 020 004 ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار بېرىيالىق پىررۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، تېسالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىمۇسلار ئىدى. 044 ACT 020 005 ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. 044 ACT 020 006 بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق. 044 ACT 020 007 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى. 044 ACT 020 008 بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. 044 ACT 020 009 ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى. 044 ACT 020 010 پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! ــ دېدى. 044 ACT 020 011 قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى. 044 ACT 020 012 [تروئاستىكىلەر] بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى. 044 ACT 020 013 بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 044 ACT 020 014 ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق. 044 ACT 020 015 ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق. 044 ACT 020 016 چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. 044 ACT 020 017 ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى. 044 ACT 020 018 ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. 044 ACT 020 019 رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، 044 ACT 020 020 ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ، 044 ACT 020 021 يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم. 044 ACT 020 022 ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ 044 ACT 020 023 پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. 044 ACT 020 024 لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن. 044 ACT 020 025 مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 044 ACT 020 026 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن. 044 ACT 020 027 چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت-ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم. 044 ACT 020 028 مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار! 044 ACT 020 029 چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، 044 ACT 020 030 ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. 044 ACT 020 031 شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 044 ACT 020 032 ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز-كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك-مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر. 044 ACT 020 033 مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن-كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن. 044 ACT 020 034 سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 044 ACT 020 035 بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم. 044 ACT 020 036 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. 044 ACT 020 037 ھەممەيلەن قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى؛ پاۋلۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ، قىزغىن سۆيۈشتى. 044 ACT 020 038 ئۇلارنى ئەڭ ئازابلىغىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. 044 ACT 021 001 ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق. 044 ACT 021 002 پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 044 ACT 021 003 سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى. 044 ACT 021 004 ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى. 044 ACT 021 005 بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. 044 ACT 021 006 قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 044 ACT 021 007 تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 044 ACT 021 008 ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن [يېرۇسالېمدىكى] «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. 044 ACT 021 009 بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 044 ACT 021 010 بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى. 044 ACT 021 011 بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى. 044 ACT 021 012 بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق. 044 ACT 021 013 لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى. 044 ACT 021 014 بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق. 044 ACT 021 015 بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق. 044 ACT 021 016 قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى. 044 ACT 021 017 يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. 044 ACT 021 018 ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 044 ACT 021 019 پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. 044 ACT 021 020 بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا: ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا [ئەمەل قىلىشقا] ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن. 044 ACT 021 021 ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى. 044 ACT 021 022 ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ. 044 ACT 021 023 شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار. 044 ACT 021 024 سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە [تەۋراتتىكى] تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ [قۇربانلىق] چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ. 044 ACT 021 025 ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق. 044 ACT 021 026 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، [كاھىنلارغا] ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. 044 ACT 021 027 يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: 044 ACT 021 028 ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى 044 ACT 021 029 (ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى). 044 ACT 021 030 شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى. 044 ACT 021 031 بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى. 044 ACT 021 032 مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى. 044 ACT 021 033 مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ: ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 021 034 لېكىن [توپىلاڭچىلارنىڭ] ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 044 ACT 021 035 لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 044 ACT 021 036 چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ: ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 044 ACT 021 037 قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا: ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟ 044 ACT 021 038 ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 021 039 لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. 044 ACT 021 040 [مىڭبېشى] ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ 044 ACT 022 001 ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى. 044 ACT 022 002 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: 044 ACT 022 003 ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم. 044 ACT 022 004 مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم. 044 ACT 022 005 بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى [يەھۇدىي] قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ [يولدىكىلەرنى] جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم. 044 ACT 022 006 ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. 044 ACT 022 007 مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 044 ACT 022 008 «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى. 044 ACT 022 009 مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى. 044 ACT 022 010 مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى. 044 ACT 022 011 ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 044 ACT 022 012 ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 044 ACT 022 013 ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم. 044 ACT 022 014 ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. 044 ACT 022 015 چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن! 044 ACT 022 016 شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى. 044 ACT 022 017 شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورۇۋالدى 044 ACT 022 018 ۋە [رەبنىڭ] ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 044 ACT 022 019 مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 044 ACT 022 020 سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» ــ دېدىم. 044 ACT 022 021 بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى. 044 ACT 022 022 پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. 044 ACT 022 023 ئۇلار چىرقىرىشىپ، چاپان-يېپىنچىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، توپا-چاڭ سورۇۋاتقاندا، 044 ACT 022 024 مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 044 ACT 022 025 لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا، ئۇ يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: ــ بىر رىم پۇقراسىنى جىنايىتى بېكىتىلمەيلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دېدى. 044 ACT 022 026 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سىز نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسىز؟ چۈنكى ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن! ــ دېدى. 044 ACT 022 027 مىڭبېشى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ راست، دېدى ئۇ. 044 ACT 022 028 ــ مەن ناھايىتى يۇقىرى باھادا مۇشۇ پۇقرالىققا ئىگە بولدۇم، ــ دېدى مىڭبېشى. پاۋلۇس: ئەمما مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شۇنداق! ــ دېدى. 044 ACT 022 029 شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى. 044 ACT 022 030 مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. 044 ACT 023 001 پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى. 044 ACT 023 002 بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس [پاۋلۇسنىڭ] يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. 044 ACT 023 003 پاۋلۇس ئۇنىڭغا: ــ خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام! سەن ئۇ يەردە مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىشقا ئولتۇرىسەن، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مېنى ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇدىڭغۇ؟! ــ دېدى. 044 ACT 023 004 ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. 044 ACT 023 005 پاۋلۇس: ــ ئى قېرىنداشلار، مەن ئۇنىڭ باش كاھىن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!» دېيىلگەن، ــ دېدى. 044 ACT 023 006 لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە پەرىسىيلەرنىڭ پەرزەنتىمەن. مەن ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىشقا باغلىغان ئۈمىد توغرۇلۇق بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. 044 ACT 023 007 ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى 044 ACT 023 008 (چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ). 044 ACT 023 009 بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى. 044 ACT 023 010 چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى [يەھۇدىيلارنىڭ] پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى. 044 ACT 023 011 شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ــ جاسارەتلىك بول! چۈنكى يېرۇسالېمدا مەن توغرامدىكى ئىشلارغا تولۇق گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق قىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ! ــ دېدى. 044 ACT 023 012 ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. 044 ACT 023 013 بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. 044 ACT 023 014 ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق. 044 ACT 023 015 ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى. 044 ACT 023 016 لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى. 044 ACT 023 017 بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. 044 ACT 023 018 يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: ــ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ بالىنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. 044 ACT 023 019 مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: ــ ماڭا مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 023 020 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەيلى دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتى. 044 ACT 023 021 ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 044 ACT 023 022 مىڭبېشى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىمگە تىنما! ــ دەپ تاپىلاپ، بالىنى قايتۇردى. 044 ACT 023 023 مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار! 044 ACT 023 024 شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. 044 ACT 023 025 مىڭبېشى [فېلىكسكە] مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ 044 ACT 023 026 «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام! 044 ACT 023 027 ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. 044 ACT 023 028 مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. 044 ACT 023 029 ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم. 044 ACT 023 030 كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!». 044 ACT 023 031 لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. 044 ACT 023 032 ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر [يېرۇسالېمدىكى] قەلئەگە قايتىپ كەلدى. 044 ACT 023 033 ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى. 044 ACT 023 034 ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، 044 ACT 023 035 ئۇنىڭغا: ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى ۋە ئۇنى ھېرود خاننىڭ ئوردىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. 044 ACT 024 001 بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. 044 ACT 024 002 پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز ۋە ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز. 044 ACT 024 004 بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. 044 ACT 024 005 چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. 044 ACT 024 006 ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى. 044 ACT 024 008 ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا! 044 ACT 024 009 سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى. 044 ACT 024 010 ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن. 044 ACT 024 011 ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. 044 ACT 024 012 ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. 044 ACT 024 013 ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. 044 ACT 024 014 بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. 044 ACT 024 015 مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ. 044 ACT 024 016 شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن. 044 ACT 024 017 مەن [يېرۇسالېمدىن] ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. 044 ACT 024 018 مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. 044 ACT 024 019 ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى. 044 ACT 024 020 بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن! 044 ACT 024 021 پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. 044 ACT 024 022 [رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى. 044 ACT 024 023 ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى. 044 ACT 024 024 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى. 044 ACT 024 025 پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى. 044 ACT 024 026 ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. 044 ACT 024 027 لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى. 044 ACT 025 001 فېستۇس [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى. 044 ACT 025 002 باش كاھىنلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات سوراپ، ئادەم ئەۋىتىپ پاۋلۇسنى 044 ACT 025 003 يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. مەقسىتى، ئۇلار يول ئۈستىدە بۆكتۈرمە تەييارلاپ پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش ئىدى. 044 ACT 025 004 فېستۇس بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: ــ پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيەدە سولاقتا تۇرىۋەرسۇن. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كەتمەكچىمەن. 044 ACT 025 005 ئاراڭلاردىن ھوقۇقدار بولغانلار مەن بىلەن بىللە چۈشسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ئەيىبى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 044 ACT 025 006 فېستۇس ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىز-ئون كۈندىن ئارتۇق تۇرماي، قەيسەرىيەگە قايتىپ چۈشتى. ئەتىسى سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. 044 ACT 025 007 پاۋلۇس كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن چۈشكەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ شىكايەتلەرنى قىلدى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. 044 ACT 025 008 پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: ــ مەن ھېچقايسى ئىشتا يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، ئىبادەتخانىسىغا ياكى [ئىمپېراتور] قەيسەرگە قارشى بىرەر جىنايەتمۇ سادىر قىلمىدىم، ــ دېدى. 044 ACT 025 009 لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ پاۋلۇستىن: ــ يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە مېنىڭ ئالدىمدا بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىنىشقا رازى بولامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 044 ACT 025 010 لېكىن پاۋلۇس جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر قەيسەرنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزلىرىگە ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، مەن يەھۇدىيلارغا ھېچقانداق ناھەقلىق قىلمىدىم. 044 ACT 025 011 ئەگەر جىنايىتىم بولسا، شۇنداقلا ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمدىن قاچۇرمايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن! 044 ACT 025 012 ئاندىن فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا: ــ سەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلدىڭ ــ ئۇنىڭ ئالدىغا ئەمدى بارىسەن! ــ دېدى. 044 ACT 025 013 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپپا خان بىلەن [سىڭلىسى] بەرنىكى فېستۇسقا تەبرىك-سالامغا قەيسەرىيەگە كەلدى. 044 ACT 025 014 ئۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇسنىڭ ئىشىنى خانغا مەلۇم قىلىپ: ــ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار. 044 ACT 025 015 مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي باش كاھىنلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازاغا مەھكۇم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. 044 ACT 025 016 مەن ئۇلارغا، ئەرز قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگۈچە، ئۇنى جازاغا تاپشۇرۇش رىملىقلارنىڭ ئادىتى ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتىم. 044 ACT 025 017 شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، ئەتىسىلا سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇ كىشىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدۇم. 044 ACT 025 018 ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك رەزىل ئىشلار ئەمەس ئىدى، 044 ACT 025 019 بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىبادەت تۈزۈمى توغرۇلۇق ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە مەلۇم تالاش-تارتىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. 044 ACT 025 020 بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلەلمەي، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم. 044 ACT 025 021 پاۋلۇس سولاقتا تۇرۇپ ئىمپېراتور جانابلىرىنىڭ سوراق قارارىنى چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكۈچە، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. 044 ACT 025 022 ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ مېنىڭمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، ــ دېدى. ــ ئەتە ئاڭلايسىز، ــ دېدى ئۇ. 044 ACT 025 023 شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى. 044 ACT 025 024 فېستۇس مۇنداق دېدى: ــ ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرى ۋە مۇشۇ سورۇنغا يىغىلغان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ھەم يېرۇسالېمدا ھەم بۇ يەردە پۈتۈن يەھۇدىي ئاھالىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئەرز قىلىپ ماڭا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇ تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ! ــ دەپ چۇرقىراشقانىدى. 044 ACT 025 025 لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر بۇ كىشى ئىمپېراتور جانابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى [رىمغا] ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. 044 ACT 025 026 بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە غوجامغا مەلۇم قىلىپ يازغۇدەك ئىش يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنى رەسمىي تەكشۈرۈپ بىرەر يازغۇدەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ سىلى، ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. 044 ACT 025 027 چۈنكى مەھبۇسنى سوتقا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتلەرنى ئېنىق كۆرسەتمەسلىك ماڭا نىسبەتەن ئورۇنلۇق ئەمەستەك بىلىنىدۇ. 044 ACT 026 001 شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: 044 ACT 026 002 ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. 044 ACT 026 004 مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. 044 ACT 026 005 ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ. 044 ACT 026 006 ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن. 044 ACT 026 007 شۇ [ۋەدىنىڭ] نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر! 044 ACT 026 008 [خالايىق]، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟ 044 ACT 026 009 دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم 044 ACT 026 010 ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. 044 ACT 026 011 مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. 044 ACT 026 012 بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم. 044 ACT 026 013 چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. 044 ACT 026 014 ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 044 ACT 026 015 مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن! 044 ACT 026 016 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. 044 ACT 026 017 مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى. 044 ACT 026 019 شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم. 044 ACT 026 020 بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. 044 ACT 026 021 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 044 ACT 026 022 لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ 044 ACT 026 023 دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ. 044 ACT 026 024 پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى. 044 ACT 026 025 لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن. 044 ACT 026 026 چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس! 044 ACT 026 027 ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى. 044 ACT 026 028 ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. 044 ACT 026 029 پاۋلۇس: ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى. 044 ACT 026 030 شۇنىڭ بىلەن [ئاگرىپپا] خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، 044 ACT 026 031 [زالدىن] چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى. 044 ACT 026 032 ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى. 044 ACT 027 001 بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى. 044 ACT 027 002 بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. 044 ACT 027 003 ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. 044 ACT 027 004 بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. 044 ACT 027 005 كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. 044 ACT 027 006 شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى. 044 ACT 027 007 دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي [يېرىم ئارىلى]دىن ئۆتۈپ، 044 ACT 027 008 دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق. 044 ACT 027 009 سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ: 044 ACT 027 010 ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى. 044 ACT 027 011 بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى. 044 ACT 027 012 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى. 044 ACT 027 013 جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى. 044 ACT 027 014 لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى. 044 ACT 027 015 كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. 044 ACT 027 016 كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى. 044 ACT 027 018 بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. 044 ACT 027 019 ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 044 ACT 027 020 كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى. 044 ACT 027 021 كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار. 044 ACT 027 022 لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر. 044 ACT 027 023 چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ 044 ACT 027 024 ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى. 044 ACT 027 025 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 044 ACT 027 026 بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ. 044 ACT 027 027 سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى. 044 ACT 027 028 ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى. 044 ACT 027 029 ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى. 044 ACT 027 030 لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. 044 ACT 027 031 پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: ــ بۇ [كېمىچىلەر] كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى. 044 ACT 027 032 بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى. 044 ACT 027 033 تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. 044 ACT 027 034 ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى. 044 ACT 027 035 بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى. 044 ACT 027 036 شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى 044 ACT 027 037 (كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق). 044 ACT 027 038 ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 044 ACT 027 039 تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. 044 ACT 027 040 ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى. 044 ACT 027 041 ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى. 044 ACT 027 042 لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 044 ACT 027 043 لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى، 044 ACT 027 044 قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى. 044 ACT 028 001 بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. 044 ACT 028 002 يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. 044 ACT 028 003 پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. 044 ACT 028 004 شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى. 044 ACT 028 005 لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. 044 ACT 028 006 خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. 044 ACT 028 007 ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. 044 ACT 028 008 ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. 044 ACT 028 009 شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى. 044 ACT 028 010 ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. 044 ACT 028 011 مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. 044 ACT 028 012 سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 044 ACT 028 013 ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، [ئىتالىيەدىكى] رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 044 ACT 028 014 ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 044 ACT 028 015 كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، [بەزىلىرى] «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى. 044 ACT 028 016 رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. 044 ACT 028 017 ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. 044 ACT 028 018 رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. 044 ACT 028 019 لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس. 044 ACT 028 020 شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. 044 ACT 028 021 ئۇلار پاۋلۇسقا: ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. 044 ACT 028 022 لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ [سەن تەۋە بولغان] بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى. 044 ACT 028 023 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا [سۆز-كالامنى] شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى. 044 ACT 028 024 ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى. 044 ACT 028 025 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان: 044 ACT 028 026 ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. 044 ACT 028 027 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»». 044 ACT 028 028 شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. 044 ACT 028 030 [پاۋلۇس] ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، 044 ACT 028 031 تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى. # # BOOK 045 ROM Romans رىملىقلارغا 045 ROM 001 001 روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! 045 ROM 001 002 خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. 045 ROM 001 003 بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ 045 ROM 001 005 ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛ 045 ROM 001 006 سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر. 045 ROM 001 007 شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 045 ROM 001 008 ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى. 045 ROM 001 009 ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. 045 ROM 001 010 مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن. 045 ROM 001 011 چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛ 045 ROM 001 012 يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن. 045 ROM 001 013 قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. 045 ROM 001 014 مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن. 045 ROM 001 015 شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن. 045 ROM 001 016 چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! 045 ROM 001 017 چۈنكى [خۇش خەۋەردە] ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». 045 ROM 001 018 چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. 045 ROM 001 019 چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن 045 ROM 001 020 (چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) 045 ROM 001 021 ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. 045 ROM 001 022 ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ 045 ROM 001 023 چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى. 045 ROM 001 024 شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى. 045 ROM 001 025 ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! 045 ROM 001 026 مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛ 045 ROM 001 027 شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى. 045 ROM 001 028 ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. 045 ROM 001 029 ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، 045 ROM 001 030 تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 045 ROM 001 031 يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 045 ROM 001 032 ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ. 045 ROM 002 001 ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن. 045 ROM 002 002 بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى [مۇتلەق] ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر. 045 ROM 002 003 شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟ 045 ROM 002 004 ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟ 045 ROM 002 005 ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن. 045 ROM 002 006 خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ. 045 ROM 002 007 ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ 045 ROM 002 008 لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛ 045 ROM 002 009 يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛ 045 ROM 002 010 بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ. 045 ROM 002 011 چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر. 045 ROM 002 012 ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، [ئەيىبكە ئۇچراپ] ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ 045 ROM 002 013 (چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ. 045 ROM 002 014 چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ. 045 ROM 002 015 ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ) 045 ROM 002 016 ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، [يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ]. 045 ROM 002 017 سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ، 045 ROM 002 018 قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ، 045 ROM 002 019 تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ 045 ROM 002 021 ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 045 ROM 002 022 «زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟ 045 ROM 002 023 تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟! 045 ROM 002 024 خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا». 045 ROM 002 025 تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ. 045 ROM 002 026 ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟ 045 ROM 002 027 تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟ 045 ROM 002 028 چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى [ھەقىقىي] يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ [ھەقىقىي] خەتنە دېگىلى بولمايدۇ، 045 ROM 002 029 روھىدا يەھۇدىي بولغىنى [ھەقىقىي] يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ. 045 ROM 003 001 ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 045 ROM 003 002 ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. 045 ROM 003 003 ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟ 045 ROM 003 004 ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە] يېزىلغىنىدەك: ــ «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن». 045 ROM 003 005 لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟ 045 ROM 003 006 مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟ 045 ROM 003 007 [بەزىلەر يەنە]: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» [دېيىشى مۇمكىن]. 045 ROM 003 008 ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر! 045 ROM 003 009 ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز [يەھۇدىيلار] [يەھۇدىي ئەمەسلەردىن] ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق. 045 ROM 003 010 دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، 045 ROM 003 011 يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر. 045 ROM 003 012 ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. 045 ROM 003 013 ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ 045 ROM 003 014 ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان. 045 ROM 003 015 «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ 045 ROM 003 016 بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. 045 ROM 003 017 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس». 045 ROM 003 018 «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر». 045 ROM 003 019 تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. 045 ROM 003 020 شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ. 045 ROM 003 021 بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ [يازمىلىرىمۇ] گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ 045 ROM 003 022 يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر 045 ROM 003 023 (چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) 045 ROM 003 024 چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ. 045 ROM 003 025 خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ [ئىنسانلارنىڭ] ئۇنىڭ [قۇربانلىق] قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن [قۇربانلىق] ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. 045 ROM 003 026 بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ [قۇربانلىق] ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى. 045 ROM 003 027 ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى! ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟ ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن! 045 ROM 003 028 چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز! 045 ROM 003 029 ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر. 045 ROM 003 030 خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. 045 ROM 003 031 ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز. 045 ROM 004 001 ئۇنداقتا، بىز [يەھۇدىيلارنىڭ] جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟ 045 ROM 004 002 ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى). 045 ROM 004 003 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ. 045 ROM 004 004 ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. 045 ROM 004 005 بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ! 045 ROM 004 006 خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: ــ 045 ROM 004 007 «ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! 045 ROM 004 008 پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!». 045 ROM 004 009 ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز. 045 ROM 004 010 ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى! 045 ROM 004 011 ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ [ئېتىقادى بىلەن] ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ! 045 ROM 004 012 ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر. 045 ROM 004 013 چۈنكى [خۇدانىڭ] ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن. 045 ROM 004 014 چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى. 045 ROM 004 015 چۈنكى تەۋرات قانۇنى [خۇدانىڭ] غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ. 045 ROM 004 016 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ [پەقەت] ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى. 045 ROM 004 018 ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ [سان-ساناقسىز] بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى. 045 ROM 004 019 ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛ 045 ROM 004 020 خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى، 045 ROM 004 021 «ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى. 045 ROM 004 022 شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». 045 ROM 004 023 بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ [مەسىھ] بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى. 045 ROM 005 001 شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. 045 ROM 005 002 ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. 045 ROM 005 003 شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. 045 ROM 005 005 ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. 045 ROM 005 006 چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. 045 ROM 005 007 بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ 045 ROM 005 008 لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. 045 ROM 005 009 ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. 045 ROM 005 010 چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! 045 ROM 005 011 بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز. 045 ROM 005 012 شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى 045 ROM 005 013 (چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. 045 ROM 005 014 شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ 045 ROM 005 015 ھالبۇكى، [خۇدانىڭ] شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى! 045 ROM 005 016 شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. 045 ROM 005 017 ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ! 045 ROM 005 018 شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. 045 ROM 005 019 بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 045 ROM 005 020 ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. 045 ROM 005 021 شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. 045 ROM 006 001 ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟ 045 ROM 006 002 ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟ 045 ROM 006 003 ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ 045 ROM 006 004 بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. 045 ROM 006 005 چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. 045 ROM 006 006 شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن 045 ROM 006 007 (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). 045 ROM 006 008 مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. 045 ROM 006 009 چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. 045 ROM 006 010 چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. 045 ROM 006 011 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. 045 ROM 006 012 شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، 045 ROM 006 013 شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار. 045 ROM 006 014 گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. 045 ROM 006 015 ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس، مېھىر-شەپقەت ئاستىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز! 045 ROM 006 016 ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر. 045 ROM 006 017 خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق [مەسىھنىڭ] تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار. 045 ROM 006 018 سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. 045 ROM 006 019 ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ــ ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار. 045 ROM 006 020 سىلەر گۇناھنىڭ قۇللىرى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىيلىقنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ئىدىڭلار. 045 ROM 006 021 ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر. 045 ROM 006 022 بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. 045 ROM 006 023 چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. 045 ROM 007 001 ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 045 ROM 007 002 مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، [ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان] نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. 045 ROM 007 003 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ [نىكاھ] قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. 045 ROM 007 004 خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ [قۇربانلىق] تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر. 045 ROM 007 005 چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛ 045 ROM 007 006 لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز. 045 ROM 007 007 ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. 045 ROM 007 008 لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى. 045 ROM 007 009 بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. 045 ROM 007 010 ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى. 045 ROM 007 011 چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى. 045 ROM 007 012 بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر. 045 ROM 007 013 ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى. 045 ROM 007 014 تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن. 045 ROM 007 015 چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. 045 ROM 007 016 لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. 045 ROM 007 017 شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. 045 ROM 007 018 ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. 045 ROM 007 019 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. 045 ROM 007 020 ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر. 045 ROM 007 021 بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. 045 ROM 007 022 قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ 045 ROM 007 023 بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. 045 ROM 007 024 نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ 045 ROM 007 025 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن. 045 ROM 008 001 خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. 045 ROM 008 002 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى. 045 ROM 008 003 چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛ 045 ROM 008 004 بۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس] قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 045 ROM 008 005 چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ. 045 ROM 008 006 ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ 045 ROM 008 007 چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ 045 ROM 008 008 ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. 045 ROM 008 009 ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس. 045 ROM 008 010 لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر. 045 ROM 008 011 ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. 045 ROM 008 012 شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز. 045 ROM 008 013 چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. 045 ROM 008 014 چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 045 ROM 008 015 چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. 045 ROM 008 016 روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 045 ROM 008 017 خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز ــ خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز ــ پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. 045 ROM 008 018 چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. 045 ROM 008 019 چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. 045 ROM 008 020 چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 045 ROM 008 022 چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. 045 ROM 008 023 يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى [مۇقەددەس] روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە [خۇدانىڭ] ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 045 ROM 008 024 بىز ئۈمىدكە باغلانغاچقا، قۇتقۇزۇلغانىكەنمىز. لېكىن ئۈمىد قىلىنغان نەرسە كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ يەنە ئۈمىد بولامدۇ؟ كىممۇ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئۈمىد قىلسۇن؟ 045 ROM 008 025 بىراق، تېخى كۆرمىگىنىمىزگە ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەكتۇر. 045 ROM 008 026 شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا [مۇقەددەس] روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا. 045 ROM 008 027 ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، [مۇقەددەس] روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە. 045 ROM 008 028 شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا. 045 ROM 008 029 چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. 045 ROM 008 030 ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى. 045 ROM 008 031 ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟! 045 ROM 008 032 ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان [خۇدا]، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟ 045 ROM 008 033 كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە، 045 ROM 008 034 كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟! 045 ROM 008 035 كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ 045 ROM 008 036 [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز». 045 ROM 008 037 بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛ 045 ROM 008 038 شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، 045 ROM 008 039 پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ. 045 ROM 009 001 مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ 045 ROM 009 002 قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. 045 ROM 009 003 چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى [نىجات تاپقۇزالىسام] [خۇدانىڭ] لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، [خۇدانىڭ] شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە [تەۋرات] ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى. 045 ROM 009 005 ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! 045 ROM 009 006 ــ بىراق خۇدانىڭ [ئىسرائىلغا بولغان] سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛ 045 ROM 009 007 شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن. 045 ROM 009 008 دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن [ئىبراھىمدىن] تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى [خۇدانىڭ] ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر [ئىبراھىمنىڭ] ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ. 045 ROM 009 009 چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «[كېلەر يىلى] مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ». 045 ROM 009 010 ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن [قوشكېزەكگە] ھامىلىدار بولغاندا، 045 ROM 009 011 پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. 045 ROM 009 013 خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم». 045 ROM 009 014 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! 045 ROM 009 015 چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن». 045 ROM 009 016 دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر. 045 ROM 009 017 چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى». 045 ROM 009 018 دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ. 045 ROM 009 019 ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. 045 ROM 009 020 بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟ 045 ROM 009 021 خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ 045 ROM 009 022 خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ 045 ROM 009 023 ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ 045 ROM 009 025 بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛ 045 ROM 009 026 ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ». 045 ROM 009 027 يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ 045 ROM 009 028 چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ». 045 ROM 009 029 يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك [يوقالغان] بولاتتۇق». 045 ROM 009 030 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. 045 ROM 009 031 لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. 045 ROM 009 032 نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەققانىيلىققا] ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ 045 ROM 009 033 خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس». 045 ROM 010 001 قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر. 045 ROM 010 002 چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. 045 ROM 010 003 چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. 045 ROM 010 004 چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى. 045 ROM 010 005 چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ». 045 ROM 010 006 لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») 045 ROM 010 007 ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». 045 ROM 010 008 ئەمدى شۇ [ھەققانىيلىق] نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر. 045 ROM 010 009 دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! 045 ROM 010 010 چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. 045 ROM 010 011 مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». 045 ROM 010 012 چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. 045 ROM 010 013 چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ». 045 ROM 010 014 لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ 045 ROM 010 015 شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». 045 ROM 010 016 بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. 045 ROM 010 017 شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ. 045 ROM 010 018 لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى». 045 ROM 010 019 يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار [شۇ خەۋەردىن] ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا [ئىسرائىلغا] مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن». 045 ROM 010 020 كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى. 045 ROM 010 021 لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ. 045 ROM 011 001 ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! 045 ROM 011 002 خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس [پەيغەمبەر] ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ 045 ROM 011 003 «ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. 045 ROM 011 004 خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن. 045 ROM 011 005 خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. 045 ROM 011 006 [ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى. 045 ROM 011 007 نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى. 045 ROM 011 008 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى». 045 ROM 011 009 شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن! 045 ROM 011 010 كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!» 045 ROM 011 011 ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: [ئىسرائىللار] يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. 045 ROM 011 012 ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟! 045 ROM 011 013 ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، 045 ROM 011 014 جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. 045 ROM 011 015 چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟ 045 ROM 011 016 ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. 045 ROM 011 017 زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. 045 ROM 011 018 ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. 045 ROM 011 019 سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. 045 ROM 011 020 توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق! 045 ROM 011 021 چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. 045 ROM 011 022 مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن. 045 ROM 011 023 [يەھۇدىيلارمۇ] ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. 045 ROM 011 024 چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا [باغدىكى] ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟! 045 ROM 011 025 قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ 045 ROM 011 026 ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ. 045 ROM 011 027 مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ». 045 ROM 011 028 ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى [خۇش خەۋەرگە] دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر. 045 ROM 011 029 چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. 045 ROM 011 030 سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار. 045 ROM 011 031 يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ [خۇدانىڭ] بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. 045 ROM 011 032 چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. 045 ROM 011 033 ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! 045 ROM 011 034 «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟» 045 ROM 011 035 «ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». 045 ROM 011 036 چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن. 045 ROM 012 001 شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. 045 ROM 012 002 بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر. 045 ROM 012 003 ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. 045 ROM 012 004 چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، 045 ROM 012 005 بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز. 045 ROM 012 006 شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ 045 ROM 012 007 باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ 045 ROM 012 008 رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن. 045 ROM 012 009 مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ 045 ROM 012 010 بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار. 045 ROM 012 011 ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار. 045 ROM 012 012 ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. 045 ROM 012 013 مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ 045 ROM 012 014 سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. 045 ROM 012 015 شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار. 045 ROM 012 016 بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. 045 ROM 012 017 ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. 045 ROM 012 018 ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ 045 ROM 012 019 ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، [يامانلىق] مەن قايتۇرىمەن». 045 ROM 012 020 شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». 045 ROM 012 021 يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. 045 ROM 013 001 ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر. 045 ROM 013 002 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ 045 ROM 013 003 (چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. 045 ROM 013 004 چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! [ھۆكۈمران] قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. 045 ROM 013 005 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. 045 ROM 013 006 مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر. 045 ROM 013 007 ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار. 045 ROM 013 008 بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. 045 ROM 013 009 چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 045 ROM 013 010 مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. 045 ROM 013 011 ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. 045 ROM 013 012 كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى. 045 ROM 013 013 كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ 045 ROM 013 014 ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار. 045 ROM 014 001 ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. 045 ROM 014 002 بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ. 045 ROM 014 003 ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە [بەزى نەرسىنى] يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان. 045 ROM 014 004 باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە [شۇ خىزمەتكارمۇ] تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى [خۇجايىنى] رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر. 045 ROM 014 005 مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن. 045 ROM 014 006 مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. 045 ROM 014 007 چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛ 045 ROM 014 008 بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. 045 ROM 014 009 چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر. 045 ROM 014 010 ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. 045 ROM 014 011 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ». 045 ROM 014 012 شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز. 045 ROM 014 013 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. 045 ROM 014 014 رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. 045 ROM 014 015 ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ [قېرىندىشىڭنى] يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما! 045 ROM 014 016 ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار. 045 ROM 014 017 چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر. 045 ROM 014 018 بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. 045 ROM 014 019 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 045 ROM 014 020 يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن [ئېتىقادىدا] پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ. 045 ROM 014 021 شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك. 045 ROM 014 022 سېنىڭ [مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا] ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 045 ROM 014 023 لېكىن [يېمەكلىكتىن] گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە شۇنى يېگەن كىشى ئەيىبكە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئىشەنچ بىلەن يېمىگەن. ئىشەنچتىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. 045 ROM 015 001 ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. 045 ROM 015 002 ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. 045 ROM 015 003 چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى». 045 ROM 015 004 چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. 045 ROM 015 005 ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ 045 ROM 015 006 بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. 045 ROM 015 007 شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 045 ROM 015 008 چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى. 045 ROM 015 010 ۋە ئۇ يەنە: ــ «ئەي ئەللەر، [خۇدا]نىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ. 045 ROM 015 011 ۋە يەنە ئۇ: ــ «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ. 045 ROM 015 012 يەنە، يەشايا [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ». 045 ROM 015 013 ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. 045 ROM 015 014 ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن. 045 ROM 015 015 شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن. 045 ROM 015 016 شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. 045 ROM 015 017 شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. 045 ROM 015 018 چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم. 045 ROM 015 020 شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. 045 ROM 015 021 بۇ توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ». 045 ROM 015 022 مانا، شۇ [خىزمەتلىرىم] سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. 045 ROM 015 023 لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن] يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. 045 ROM 015 025 بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. 045 ROM 015 026 چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. 045 ROM 015 027 بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر [يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ] روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 045 ROM 015 028 مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلارنىڭ [جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ] بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. 045 ROM 015 029 يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 045 ROM 015 030 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە [مۇقەددەس] روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ 045 ROM 015 031 مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن 045 ROM 015 032 ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر. 045 ROM 015 033 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن! 045 ROM 016 001 كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ 045 ROM 016 002 ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. 045 ROM 016 003 مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر 045 ROM 016 004 (ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). 045 ROM 016 005 ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 006 سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 007 مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر. 045 ROM 016 008 رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 009 بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 010 سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 011 يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 012 رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك [سىڭلىم] پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 013 رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 014 ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 015 فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. 045 ROM 016 016 بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام! 045 ROM 016 017 قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. 045 ROM 016 018 بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ. 045 ROM 016 019 سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. 045 ROM 016 020 ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! 045 ROM 016 021 خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. 045 ROM 016 022 (ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن). 045 ROM 016 023 ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق. 045 ROM 016 024 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! 045 ROM 016 025 ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! 045 ROM 016 026 سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ 045 ROM 016 027 شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن! # # BOOK 046 1CO 1 Corinthians كورىنتۇسلۇقلارغا 1 046 1CO 001 001 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام! 046 1CO 001 003 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 046 1CO 001 004 خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 046 1CO 001 005 بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر، 046 1CO 001 006 خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك. 046 1CO 001 007 شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛ 046 1CO 001 008 ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛ 046 1CO 001 009 خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 046 1CO 001 010 ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ 046 1CO 001 011 چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. 046 1CO 001 012 دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. 046 1CO 001 013 ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟ 046 1CO 001 014 مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ 046 1CO 001 015 شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ. 046 1CO 001 016 دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. 046 1CO 001 017 چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [قۇربانلىقىنىڭ] كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. 046 1CO 001 018 چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر. 046 1CO 001 019 چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن». 046 1CO 001 020 ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 001 021 چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. 046 1CO 001 022 چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ 046 1CO 001 023 ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ 046 1CO 001 024 ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. 046 1CO 001 025 چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 046 1CO 001 026 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ 046 1CO 001 027 بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ 046 1CO 001 028 ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. 046 1CO 001 029 ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. 046 1CO 001 030 ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ 046 1CO 001 031 شۇنىڭدەك [تەۋراتتا] پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!». 046 1CO 002 001 مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ 046 1CO 002 002 چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ 046 1CO 002 003 مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛ 046 1CO 002 004 مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. 046 1CO 002 005 بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. 046 1CO 002 006 ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ 046 1CO 002 007 ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. 046 1CO 002 008 بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. 046 1CO 002 009 ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: ــ «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر». 046 1CO 002 010 ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛ 046 1CO 002 011 چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر. 046 1CO 002 012 ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز. 046 1CO 002 013 بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز. 046 1CO 002 014 ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. 046 1CO 002 015 روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ. 046 1CO 002 016 چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز. 046 1CO 003 001 لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. 046 1CO 003 002 مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛ 046 1CO 003 003 چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟ 046 1CO 003 004 چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ 046 1CO 003 005 ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 003 006 مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر. 046 1CO 003 007 شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. 046 1CO 003 008 ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ. 046 1CO 003 009 چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر. 046 1CO 003 010 خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن. 046 1CO 003 011 چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ. 046 1CO 003 012 ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، 046 1CO 003 013 ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. 046 1CO 003 014 بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ 046 1CO 003 015 بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 046 1CO 003 016 ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 046 1CO 003 017 بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر. 046 1CO 003 018 ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. 046 1CO 003 019 چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. 046 1CO 003 021 شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛ 046 1CO 003 022 پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛ 046 1CO 003 023 سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر. 046 1CO 004 001 بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن. 046 1CO 004 002 ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر. 046 1CO 004 003 ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. 046 1CO 004 004 چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر. 046 1CO 004 005 شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ. 046 1CO 004 006 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. 046 1CO 004 007 چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟ 046 1CO 004 008 سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! 046 1CO 004 009 چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق. 046 1CO 004 010 بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛ 046 1CO 004 011 ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ 046 1CO 004 012 ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ 046 1CO 004 013 تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، [بىز ئۇلارنى] چىرايلىقچە [توۋىغا] ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق. 046 1CO 004 014 بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛ 046 1CO 004 015 چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم. 046 1CO 004 016 شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. 046 1CO 004 017 دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ. 046 1CO 004 018 ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛ 046 1CO 004 019 بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي. 046 1CO 004 020 چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. 046 1CO 004 021 ئەمدى نېمىنى خالايسىلەر؟ يېنىڭلارغا تاياق كۆتۈرۈپ بېرىشىمنىمۇ، ياكى مېھىر-مۇلايىملىق روھىدا بېرىشىمنىمۇ؟ 046 1CO 005 001 ھەرتەرەپتىن شۇ ئاڭلىنىۋاتىدۇكى، ئاراڭلاردا بۇزۇقچىلىق بار ئىكەن ــ بۇنداق بۇزۇقچىلىق ھەتتا تائىپىلەر ئارىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ بىرسىنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالىغا چېقىلىشتىن ئىبارەت. 046 1CO 005 002 ئەمما سىلەر يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار! بۇ رەزىل ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئارىمىزدىن قوغلىۋېتىلسۇن دەپ ئۆكۈنۈشۈڭلارغا توغرا كەلمەمدۇ!؟ 046 1CO 005 003 چۈنكى گەرچە تەندە سىلەر بىلەن بىللە بولمىساممۇ، ئەمما روھتا سىلەر بىلەن بىللە بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان شۇنداق مەن شۇ ھۆكۈمنى چىقاردىمكى، 046 1CO 005 004 (ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ 046 1CO 005 005 شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن. 046 1CO 005 006 سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟ 046 1CO 005 007 كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»[دىكى قوزىمىز] بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛ 046 1CO 005 008 شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى. 046 1CO 005 009 مەن [ئالدىنقى] خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛ 046 1CO 005 010 ئەمما بۇ دېگىنىم بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، ياكى نەپسانىيەتچىلەر، ياكى كاززاپلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگىنىم ئەمەس؛ ئۇنداق بولغاندا دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار؛ 046 1CO 005 011 ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار. 046 1CO 005 012 سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 005 013 لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار». 046 1CO 006 001 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟ 046 1CO 006 002 مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ 046 1CO 006 003 پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟ 046 1CO 006 004 سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟ 046 1CO 006 005 مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟ 046 1CO 006 006 ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ! 046 1CO 006 007 ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟ 046 1CO 006 008 ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر! 046 1CO 006 009 ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، 046 1CO 006 010 ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ 046 1CO 006 011 بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار. 046 1CO 006 012 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن. 046 1CO 006 013 «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر. 046 1CO 006 014 خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ. 046 1CO 006 015 تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! 046 1CO 006 016 كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «[ئەر-ئايال] ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. 046 1CO 006 017 ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر. 046 1CO 006 018 بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. 046 1CO 006 019 سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ 046 1CO 006 020 چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار. 046 1CO 007 001 ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر». 046 1CO 007 002 دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. 046 1CO 007 003 ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن. 046 1CO 007 004 ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. 046 1CO 007 005 پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. 046 1CO 007 006 ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر. 046 1CO 007 007 ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش [بويتاق] بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق. 046 1CO 007 008 ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛ 046 1CO 007 009 ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى [ئىشق] ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى. 046 1CO 007 010 ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن 046 1CO 007 011 (ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن. 046 1CO 007 012 قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ 046 1CO 007 013 [ئېتىقادچى] ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. 046 1CO 007 014 چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا [ئېتىقاد قىلغان] قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. 046 1CO 007 015 لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار [نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە] باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. 046 1CO 007 016 ئەي [ئېتىقادچى] ئايال، ئېرىڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي [ئېتىقادچى] ئەر، خوتۇنۇڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ 046 1CO 007 017 ھالبۇكى، رەب ھەرقايسىمىزغا قانداق تەقسىم قىلغان بولسا، قانداق ھالەتتە چاقىرغان بولسا، ئۇ شۇنىڭدا مېڭىۋەرسۇن؛ مەن ھەممە جامائەتلەردە شۇنداق يوليورۇقنى تاپىلايمەن. 046 1CO 007 018 بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن؛ بىرسى سۈننەتسىز ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ ئەمدى سۈننەت قىلىنمىسۇن. 046 1CO 007 019 سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 046 1CO 007 020 ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن. 046 1CO 007 021 سەن چاقىرىلغاندا قۇل ھالىتىدە ئىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن؛ لېكىن ئەگەر ھۆرلۈك پۇرسىتى كەلسە، ئۇنى قولۇڭدىن بەرمە. 046 1CO 007 022 چۈنكى رەبتە چاقىرىلغان قۇل بولسا رەبنىڭ ھۆر ئادىمىدۇر؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش، چاقىرىلىپ ھۆر بولغۇچىمۇ مەسىھنىڭ قۇلىدۇر. 046 1CO 007 023 سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار. 046 1CO 007 024 ئى قېرىنداشلار، ھەربىرىڭلار قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولساڭلار، شۇ ھالەتتە خۇدا بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. 046 1CO 007 025 ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. 046 1CO 007 026 ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ [تەنھا] ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. 046 1CO 007 027 ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. 046 1CO 007 028 لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. 046 1CO 007 029 ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ــ ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛ 046 1CO 007 030 ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغانلاردەك بولسۇن؛ بەخت-خۇشاللىقتا بولغانلار بەخت-خۇشاللىقتا بولمىغانلاردەك بولسۇن؛ مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلار مال-مۈلۈكسىزلەردەك بولسۇن؛ 046 1CO 007 031 بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. 046 1CO 007 032 ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 046 1CO 007 033 ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ 046 1CO 007 034 يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 046 1CO 007 035 ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن. 046 1CO 007 036 ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن. 046 1CO 007 037 بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 046 1CO 007 038 قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش. 046 1CO 007 039 ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ. 046 1CO 007 040 لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن! 046 1CO 008 001 ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ. 046 1CO 008 002 «مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ. 046 1CO 008 003 ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ. 046 1CO 008 004 خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». 046 1CO 008 005 گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر) 046 1CO 008 006 بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز. 046 1CO 008 007 ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى [ئىشەنگۈچىلەر] بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ. 046 1CO 008 008 ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ. 046 1CO 008 009 بىراق ھەرھالدا [يېيىش] ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. 046 1CO 008 010 چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ 046 1CO 008 011 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. 046 1CO 008 012 شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. 046 1CO 008 013 شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن. 046 1CO 009 001 مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 009 002 ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر. 046 1CO 009 003 مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ 046 1CO 009 004 بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 009 005 بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ 046 1CO 009 006 ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ 046 1CO 009 007 كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ [ئەسكەر بولۇپ] جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟ 046 1CO 009 008 بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟! 046 1CO 009 009 چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ، 046 1CO 009 010 ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر. 046 1CO 009 011 بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ 046 1CO 009 012 باشقا [خىزمەتچىلەر] سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز. 046 1CO 009 013 ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 046 1CO 009 014 شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر. 046 1CO 009 015 ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك! 046 1CO 009 016 چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي! 046 1CO 009 017 چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس. 046 1CO 009 018 شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر. 046 1CO 009 019 چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن. 046 1CO 009 020 يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛ 046 1CO 009 021 تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛ 046 1CO 009 022 ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم. 046 1CO 009 023 ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن. 046 1CO 009 024 بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. 046 1CO 009 025 مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز. 046 1CO 009 026 شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن. 046 1CO 009 027 ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن. 046 1CO 010 001 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلۇت ئاستىدا يۈرگەنلىكىدىن ۋە ھەممىسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمەن؛ 046 1CO 010 002 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ [يېتەكچىلىكىگە] چۆمۈلدۈرۈلگەن؛ 046 1CO 010 003 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش روھىي تائامنى يېگەن، 046 1CO 010 004 ھەممىسى ئوخشاش روھىي ئىچىملىكنى ئىچكەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە [ھەمراھ بولۇپ] ئەگىشىپ يۈرگەن روھىي ئۇيۇلتاشتىن ئىچەتتى (ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ئۇيۇلتاش مەسىھنىڭ ئۆزى ئىدى)؛ 046 1CO 010 005 شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى بولمىغانىدى؛ چۈنكى «ئۇلار[نىڭ جەسەتلىرى] چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان». 046 1CO 010 006 ئەمما بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا بىزلەرگە ساۋاق-بېشارەت بولسۇن ئۈچۈن چۈشكەنىدى؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلارغا ھەۋەس قىلغىنىدەك ھەۋەس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. 046 1CO 010 007 سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار؛ بۇلار توغرۇلۇق: «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» دەپ پۈتۈلگەن. 046 1CO 010 008 بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى. 046 1CO 010 009 يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى. 046 1CO 010 010 يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى [پەرىشتە] تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 046 1CO 010 011 ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. 046 1CO 010 012 شۇنىڭ بىلەن «مەن [ئېتىقادتا] چىڭ تىرەپ تۇرماقتىمەن» دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ھېزى بولسۇن! 046 1CO 010 013 سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر. 046 1CO 010 014 شۇ سەۋەبتىن، سۆيۈملۈكلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار! 046 1CO 010 015 سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ شۇنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سۆزلىگەنلىرىمنى باھالاپ بېقىڭلار: ــ 046 1CO 010 016 بىز بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ تىلىگەن، بەرىكەتلىك جامدىكى شارابنى ئىچكىنىمىز، مەسىھنىڭ قېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئوشۇتقان ناننى يېگىنىمىز، مەسىھنىڭ تېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 010 017 بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز. 046 1CO 010 018 جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 010 019 ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ 046 1CO 010 020 ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. 046 1CO 010 021 رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. 046 1CO 010 022 رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟ 046 1CO 010 023 «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرالمايدۇ. 046 1CO 010 024 ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن. 046 1CO 010 025 گۆش بازىرىدا سېتىلغان ھەربىرنەرسىنى ۋىجدانىڭلارنى دەپ ئولتۇرماي، ھېچنېمىنى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىڭلار. 046 1CO 010 026 چۈنكى «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» [دەپ پۈتۈلگەن]. 046 1CO 010 027 ئەمما ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ بىرەرسى سېنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلسا ۋە كۆڭلۈڭ تارتسا، ئالدىڭغا قويۇلغان ھەممىنى ۋىجدانىڭنى دەپ ئولتۇرماي يەۋەر؛ 046 1CO 010 028 ئەمما بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمە؛ نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتقان ئادەمنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋىجداننىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر؛ 046 1CO 010 029 مەن دېگەن ۋىجدان سېنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھېلىقى كىشىنىڭ ۋىجدانى؛ مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى تەرىپىدىن يامان دەپ باھا بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ 046 1CO 010 030 مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ 046 1CO 010 031 شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار. 046 1CO 010 032 مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. 046 1CO 011 001 ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر. 046 1CO 011 003 ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. 046 1CO 011 004 شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. 046 1CO 011 005 ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. 046 1CO 011 006 ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. 046 1CO 011 007 چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. 046 1CO 011 008 چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر. 046 1CO 011 009 شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 046 1CO 011 010 بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. 046 1CO 011 011 ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ 046 1CO 011 012 چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. 046 1CO 011 013 ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ 046 1CO 011 014 تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ 046 1CO 011 015 ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. 046 1CO 011 016 [بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. 046 1CO 011 017 ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. 046 1CO 011 018 چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. 046 1CO 011 019 ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. 046 1CO 011 020 سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر [ھەقىقەتەن] «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. 046 1CO 011 021 چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. 046 1CO 011 022 يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن. 046 1CO 011 023 چۈنكى مەن سىلەرگە [رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق] يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، 046 1CO 011 024 تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 046 1CO 011 025 شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 046 1CO 011 026 چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. 046 1CO 011 027 شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. 046 1CO 011 028 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. 046 1CO 011 029 چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. 046 1CO 011 030 بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى. 046 1CO 011 031 لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. 046 1CO 011 032 ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. 046 1CO 011 033 شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، [رەبنىڭ زىياپىتىدە] يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، [ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە] بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. 046 1CO 011 034 بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن. 046 1CO 012 001 ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. 046 1CO 012 002 سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا [چوقۇنۇشقا] ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر. 046 1CO 012 003 شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ. 046 1CO 012 004 ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر. 046 1CO 012 005 خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما [بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان] رەب بىردۇر. 046 1CO 012 006 ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر. 046 1CO 012 007 ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. 046 1CO 012 008 چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ 046 1CO 012 009 يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق [كېسەللەرنى] ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، 046 1CO 012 010 بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. 046 1CO 012 011 ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. 046 1CO 012 012 چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. 046 1CO 012 013 چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق. 046 1CO 012 014 چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. 046 1CO 012 015 ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ 046 1CO 012 016 قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ 046 1CO 012 017 پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ 046 1CO 012 018 ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ 046 1CO 012 019 ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ 046 1CO 012 020 ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر. 046 1CO 012 021 كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ. 046 1CO 012 022 دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛ 046 1CO 012 023 ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛ 046 1CO 012 024 ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ. 046 1CO 012 025 بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. 046 1CO 012 026 بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ. 046 1CO 012 027 ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. 046 1CO 012 028 خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. 046 1CO 012 029 ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ 046 1CO 012 030 ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟ 046 1CO 012 031 ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي. 046 1CO 013 001 مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. 046 1CO 013 002 ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. 046 1CO 013 003 ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. 046 1CO 013 004 مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، 046 1CO 013 005 نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ 046 1CO 013 006 ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ 046 1CO 013 007 ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ. 046 1CO 013 008 مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: [مۆجىزىلىك] بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ. 046 1CO 013 009 چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛ 046 1CO 013 010 لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ. 046 1CO 013 011 مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم. 046 1CO 013 012 چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن [خۇدا] مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن. 046 1CO 013 013 ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 046 1CO 014 001 مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار. 046 1CO 014 002 چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. 046 1CO 014 003 لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. 046 1CO 014 004 نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ. 046 1CO 014 005 ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. 046 1CO 014 006 قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟ 046 1CO 014 007 ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەيلى نەي بولسۇن، چىلتار بولسۇن شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بولمىسا، ئۇلاردا چېلىنغان پەدە قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟ 046 1CO 014 008 [جەڭ] كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، كىم جەڭگە ھازىرلانسۇن؟ 046 1CO 014 009 شۇنىڭدەك سىلەر تىلدا ئېنىق چۈشىنەلىگۈدەك سۆز قىلمىساڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ سىلەر ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. 046 1CO 014 010 جاھاندا، شۈبھىسىزكى، خىلمۇخىل تىل-ئاۋازلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنىسىز ئەمەس؛ 046 1CO 014 011 ئەگەر ئەمدى مەن مەلۇم ئاۋاز-تىلنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەم، مەن سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن يات ۋە ئۇ ماڭا نىسبەتەن يات بولىدۇ. 046 1CO 014 012 ئەھۋال سىلەردىمۇ شۇنداق. شۇڭا، سىلەر روھىي ئىلتىپاتلارغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدىغان ئىلتىپاتلارغا باي بولۇشقا ئىنتىلىڭلار. 046 1CO 014 013 شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن. 046 1CO 014 014 چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ. 046 1CO 014 015 ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛ 046 1CO 014 016 بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن [تىلىڭنى] بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ. 046 1CO 014 017 سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق. 046 1CO 014 018 مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 046 1CO 014 019 ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن. 046 1CO 014 020 قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار. 046 1CO 014 021 تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر. 046 1CO 014 022 شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. 046 1CO 014 023 شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ 046 1CO 014 024 ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ 046 1CO 014 025 قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: ــ «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ. 046 1CO 014 026 ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا [بىر ئىلتىپات] بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن. 046 1CO 014 027 نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. 046 1CO 014 028 ئەمما [جامائەتتە] ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن. 046 1CO 014 029 ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛ 046 1CO 014 030 ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. 046 1CO 014 031 چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ. 046 1CO 014 032 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. 046 1CO 014 033 چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار. 046 1CO 014 034 ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن. 046 1CO 014 035 ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر. 046 1CO 014 036 خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! 046 1CO 014 037 بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. 046 1CO 014 038 بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. 046 1CO 014 039 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار. 046 1CO 014 040 [خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا]، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن. 046 1CO 015 001 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ 046 1CO 015 002 مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر. 046 1CO 015 003 چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ 046 1CO 015 004 ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ 046 1CO 015 005 ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ 046 1CO 015 006 ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ 046 1CO 015 007 ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛ 046 1CO 015 008 ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 046 1CO 015 009 چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. 046 1CO 015 010 لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن [خۇدانىڭ خىزمىتىدە] بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. 046 1CO 015 011 دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا [روسۇللار] بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. 046 1CO 015 012 ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ 046 1CO 015 013 ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. 046 1CO 015 014 شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. 046 1CO 015 015 ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. 046 1CO 015 016 چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. 046 1CO 015 017 مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، 046 1CO 015 018 شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. 046 1CO 015 019 ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز. 046 1CO 015 020 ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ 046 1CO 015 021 چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى. 046 1CO 015 022 ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 046 1CO 015 023 ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. 046 1CO 015 024 ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. 046 1CO 015 025 چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ 046 1CO 015 026 ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. 046 1CO 015 027 چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. 046 1CO 015 028 ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. 046 1CO 015 029 ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ 046 1CO 015 030 بىزلەر نېمە دەپ [ھەر كۈنى] ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ 046 1CO 015 031 رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. 046 1CO 015 032 ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ 046 1CO 015 033 ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». 046 1CO 015 034 ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟ 046 1CO 015 035 بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. 046 1CO 015 036 ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. 046 1CO 015 037 ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. 046 1CO 015 038 ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. 046 1CO 015 039 جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. 046 1CO 015 040 ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ 046 1CO 015 041 قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. 046 1CO 015 042 ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ 046 1CO 015 043 ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. 046 1CO 015 044 ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. 046 1CO 015 045 شۇڭا [تەۋراتتا] مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. 046 1CO 015 046 ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. 046 1CO 015 047 دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ 046 1CO 015 048 تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، [ئۇنىڭدىن] [بولغان] «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. 046 1CO 015 049 بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. 046 1CO 015 050 ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. 046 1CO 015 051 مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! 046 1CO 015 052 بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ 046 1CO 015 053 چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ 046 1CO 015 054 ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». 046 1CO 015 055 «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» 046 1CO 015 056 ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. 046 1CO 015 057 لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر! 046 1CO 015 058 شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 046 1CO 016 001 ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار. 046 1CO 016 002 ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ. 046 1CO 016 003 مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا [تونۇشتۇرۇش] خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن. 046 1CO 016 004 مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ. 046 1CO 016 005 ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ 046 1CO 016 006 بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. 046 1CO 016 007 چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار. 046 1CO 016 008 ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن. 046 1CO 016 009 چۈنكى [مۇشۇ يەردە] ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ. 046 1CO 016 010 تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 046 1CO 016 011 شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن. 046 1CO 016 012 ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ. 046 1CO 016 013 ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار! 046 1CO 016 014 سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن. 046 1CO 016 015 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، ئاخايا ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقاد مېۋىسى بولغان ستىفاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا قانداق ئۆزلىرىنى ئاتىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار. 046 1CO 016 017 ئەمما [يېنىڭلاردىن] ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. 046 1CO 016 018 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار. 046 1CO 016 019 ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ. 046 1CO 016 020 قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 046 1CO 016 021 مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن! 046 1CO 016 022 ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن! 046 1CO 016 023 رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! 046 1CO 016 024 مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن! # # BOOK 047 2CO 2 Corinthians كورىنتۇسلۇقلارغا 2 047 2CO 001 001 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام! 047 2CO 001 002 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 047 2CO 001 003 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي! 047 2CO 001 004 بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق. 047 2CO 001 005 چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. 047 2CO 001 006 ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز. 047 2CO 001 008 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛ 047 2CO 001 009 ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. 047 2CO 001 010 ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛ 047 2CO 001 011 سىلەرمۇ بۇنىڭدا ھەم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق قىلىپ تالاي ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات تۈپەيلىدىن تالاي ئادەملەر [خۇداغا] رەھمەتلەر ئېيتىدىغان بولىدۇ. 047 2CO 001 012 چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق. 047 2CO 001 013 چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 047 2CO 001 015 شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛ 047 2CO 001 016 يەنى، قېشىڭلاردىن ماكېدونىيەگە ئۆتۈپ، ئاندىن ماكېدونىيەدىن يەنە قېشىڭلارغا كېلىشنى، شۇنداقلا سىلەر تەرىپىڭلاردىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ئۇزىتىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدىم. 047 2CO 001 017 مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟ مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟ 047 2CO 001 018 ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛ 047 2CO 001 019 چۈنكى بىز (مەن ۋە سىلۋانۇس ۋە تىموتىي)نىڭ ئاراڭلاردا جاكارلىغىنىمىز ــ خۇدانىڭ ئوغلى، ئەيسا مەسىھ، بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» ئەمەستۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدا «بەرھەق»لا باردۇر. 047 2CO 001 020 چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر. 047 2CO 001 021 ئەمدى بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر. 047 2CO 001 022 ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ، قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى. 047 2CO 001 023 ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى. 047 2CO 001 024 ھەرگىز ئۆزىمىزنى ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرمىز، دېمەك، بەلكى سىلەرنىڭ شاد-خۇراملىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا سىلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارمىز؛ چۈنكى سىلەر ئېتىقاد ئارقىلىقلا مەزمۇت تۇرىسىلەر. 047 2CO 002 001 لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم. 047 2CO 002 002 چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟ 047 2CO 002 003 مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم. 047 2CO 002 004 چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 047 2CO 002 005 ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى. 047 2CO 002 006 بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛ 047 2CO 002 007 شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. 047 2CO 002 008 شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن. 047 2CO 002 009 شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم. 047 2CO 002 010 لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم. 047 2CO 002 011 شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز. 047 2CO 002 012 ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن [پۇرسەت] ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن، 047 2CO 002 013 قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم. 047 2CO 002 014 ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! 047 2CO 002 015 چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ 047 2CO 002 016 كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ 047 2CO 002 017 چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز. 047 2CO 003 001 بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟ 047 2CO 003 002 سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان. 047 2CO 003 003 سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر). 047 2CO 003 004 ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛ 047 2CO 003 005 ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر. 047 2CO 003 006 ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ. 047 2CO 003 007 ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)، 047 2CO 003 008 روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ 047 2CO 003 009 چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟ 047 2CO 003 010 چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛ 047 2CO 003 011 چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. 047 2CO 003 012 بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. 047 2CO 003 013 بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان [ئەھدىنىڭ] پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز. 047 2CO 003 014 ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. 047 2CO 003 015 ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. 047 2CO 003 016 ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 047 2CO 003 017 ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. 047 2CO 003 018 ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز. 047 2CO 004 001 شۇڭا [خۇدا] بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ 047 2CO 004 002 ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. 047 2CO 004 003 ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ 047 2CO 004 004 چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. 047 2CO 004 005 چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. 047 2CO 004 006 چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر. 047 2CO 004 007 ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. 047 2CO 004 008 مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ 047 2CO 004 009 زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ 047 2CO 004 010 ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. 047 2CO 004 011 چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. 047 2CO 004 012 شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. 047 2CO 004 013 ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛ 047 2CO 004 014 چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن [خۇدا] بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. 047 2CO 004 015 چۈنكى [بۇ] ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. 047 2CO 004 016 شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. 047 2CO 004 017 چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. 047 2CO 004 018 شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. 047 2CO 005 001 چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. 047 2CO 005 002 ئەمدى بۇ [كونا ئۆيىمىزدە] تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز 047 2CO 005 003 (بەرھەق، [ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى] كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز). 047 2CO 005 004 چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز. 047 2CO 005 005 ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى. 047 2CO 005 006 شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز 047 2CO 005 007 (چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ 047 2CO 005 008 بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز. 047 2CO 005 009 شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز. 047 2CO 005 010 چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ. 047 2CO 005 011 شۇنىڭ بىلەن رەبنىڭ دەھشىتىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ لېكىن بىز خۇداغا ئوچۇق-ئاشكارىمىز، شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلاردىمۇ ئاشكارە تونۇلساق دەپ ئۈمىد قىلىمەن. 047 2CO 005 012 بىز ھازىر ئۆزىمىزنى قايتىدىن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغىنىمىز يوق، بەلكى پەقەت سىلەردە قەلبدىكى ئىشلاردىن ئەمەس، تاشقى قىياپەتتىن پەخىرلىنىدىغانلارغا بەرگۈدەك جاۋاب بولسۇن دەپ، سىلەرگە بىزلەردىن پەخىرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. 047 2CO 005 013 چۈنكى ئىچ-ئىچىمىزگە سىغماي قالغان بولساقمۇ خۇدا ئالدىدا شۇنداق بولدۇق، سالماق بولساقمۇ سىلەر ئۈچۈن شۇنداق بولىمىز. 047 2CO 005 014 چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. 047 2CO 005 015 ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر. 047 2CO 005 016 شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. 047 2CO 005 017 شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى! 047 2CO 005 018 ۋە بارلىق ئىشلار خۇدادىندۇر؛ ئۇ بىزنى مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى: ــ 047 2CO 005 019 دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى. 047 2CO 005 020 شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. 047 2CO 005 021 گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. 047 2CO 006 001 ئەمدى [خۇدانىڭ] ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز 047 2CO 006 002 (چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!). 047 2CO 006 003 [رەبنىڭ] خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛ 047 2CO 006 004 بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا، 047 2CO 006 005 قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا، 047 2CO 006 006 پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، 047 2CO 006 007 ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن، 047 2CO 006 008 ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە [ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق]؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ، 047 2CO 006 009 نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛ 047 2CO 006 010 دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز. 047 2CO 006 011 سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار، بىزنىڭ باغرىمىز سىلەرگە كەڭ ئېچىلدى! 047 2CO 006 012 سىلەر بىز تەرەپتىن قىسىلغان ئەمەس، لېكىن ئۆز ئىچ-باغرىڭلارنىڭ تارلىقىدىن قىسىلىسىلەر؛ 047 2CO 006 013 ئەمدى ئادىل ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ ــ (ئۆز پەرزەنتلىرىمگە سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن) ــ باغرىڭلارنى بىزگىمۇ كەڭ ئېچىڭلار. 047 2CO 006 014 ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟ 047 2CO 006 015 مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟ 047 2CO 006 016 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛ 047 2CO 006 017 شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»، 047 2CO 006 018 ۋە: «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر» ــ دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب. 047 2CO 007 001 ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى. 047 2CO 007 002 بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! بىز ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق، ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق، ھېچكىمدىن پايدىلانمىدۇق. 047 2CO 007 003 مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز. 047 2CO 007 004 سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى. 047 2CO 007 005 چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى. 047 2CO 007 006 ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛ 047 2CO 007 007 تاپقان رىغبەت-تەسەللىمىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن تاپقان رىغبەت-تەسەللىسى ئارقىلىقمۇ بولدى؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ [بىزگە] زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى، سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى ئېيتىپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ خۇشاللاندىم. 047 2CO 007 008 چۈنكى گەرچە مەن سىلەرنى خېتىم بىلەن ئازابلىغان بولساممۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن؛ لېكىن ئەسلىدە مەن شۇ خېتىمنىڭ سىلەرنى ئازابلىغىنىنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلغانىدىم (ئەمەلىيەتتە، سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار قىسقىغىنە بىر مەزگىللا بولغان). 047 2CO 007 009 ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار. 047 2CO 007 010 چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 047 2CO 007 011 چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار. 047 2CO 007 012 ئەمدى سىلەرگە [شۇ] خەتنى يازغان بولساممۇ، ئۇ خەتنى زىيان-زەخمەت قىلغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ياكى زىيان-زەخمەت قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم. 047 2CO 007 013 بۇ سەۋەبتىن بىز رىغبەت-تەسەللىگە ئېرىشتۇق. ۋە رىغبەت-تەسسەللىمىز ئۈستىگە بىز تىتۇسنىڭ خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور شادلاندۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ روھى سىلەر تەرىپىڭلاردىن يېڭىلاندى. 047 2CO 007 014 چۈنكى مەن سىلەر توغراڭلاردا بىرەر ئىشتا پەخىرلىنىپ ماختىغان بولسام، ئۇ ئىشتا ھېچ خىجىل قالدۇرۇلمىدىم؛ بەلكى سىلەرگە ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىتۇسقا سىلەرنى پەخىرلىنىپ ماختىشىمىزمۇ ھەقىقەت بولۇپ ئىسپاتلاندى. 047 2CO 007 015 ئۇ سىلەرنىڭ ئىتائەتمەنلىكىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئەيمەنگەن ۋە تىترىگەن ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىنىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئىچ-باغرىدىكى مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. 047 2CO 007 016 مەن سىلەرگە ھەربىر ئىشتا ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقىدىن شادلىنىمەن. 047 2CO 008 001 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛ 047 2CO 008 002 ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ 047 2CO 008 003 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، 047 2CO 008 004 بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ 047 2CO 008 005 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛ 047 2CO 008 006 شۇڭا، تىتۇس سىلەردە [بۇ] مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق. 047 2CO 008 007 ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. 047 2CO 008 008 مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. 047 2CO 008 009 چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر. 047 2CO 008 010 مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. 047 2CO 008 011 ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار. 047 2CO 008 012 چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. 047 2CO 008 013 چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس، 047 2CO 008 014 سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، [كۈنلەرنىڭ بىرىدە] ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. 047 2CO 008 015 خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي. 047 2CO 008 016 ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛ 047 2CO 008 017 چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛ 047 2CO 008 018 ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ 047 2CO 008 019 شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛ 047 2CO 008 020 شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز. 047 2CO 008 021 چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. 047 2CO 008 022 بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. 047 2CO 008 023 تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. 047 2CO 008 024 شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار. 047 2CO 009 001 چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 047 2CO 009 002 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى [قېرىنداشلارغا] پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ [خەير-سەدىقە] [بېرىشىگە] تۈرتكە بولدى. 047 2CO 009 003 لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. 047 2CO 009 004 مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر. 047 2CO 009 005 شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن. 047 2CO 009 006 ئەمما بۇنى [ئەسلەڭلار]: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ. 047 2CO 009 007 ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. 047 2CO 009 008 ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ. 047 2CO 009 009 [مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگىنىدەك: ــ «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ». 047 2CO 009 010 ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. 047 2CO 009 011 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ 047 2CO 009 012 چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ. 047 2CO 009 013 بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ [ھاجەتمەن] بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. 047 2CO 009 014 ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ. 047 2CO 009 015 ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي! 047 2CO 010 001 ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن، 047 2CO 010 002 ــ شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار؛ 047 2CO 010 003 گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز. 047 2CO 010 004 چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛ 047 2CO 010 005 بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛ 047 2CO 010 006 سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، [ئاراڭلاردا] قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز. 047 2CO 010 007 سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى مەسىھكە تەۋەمەن دەپ قارىسا، ئۇ يەنە شۇنىڭ ئۈستىگە ئويلانسۇنكى، ئۇ مەسىھكە تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز. 047 2CO 010 008 چۈنكى، رەب تەرىپىدىن سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ئامانەت قىلىنغان ھوقۇقىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ زىيادىرەك ماختانساممۇ، بۇنىڭدا ھېچ يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ 047 2CO 010 009 ئەمدى مەن پەقەت خەتلەردىلا سىلەرنى قورقاتماقچى ئەمەسمەن؛ 047 2CO 010 010 چۈنكى بەزىلەر: «ئۇنىڭ خەتلىرى دەرۋەقە ۋەزىنلىك ھەم كۈچلۈك؛ لېكىن ئۇ يېتىپ كەلگەندە سالاپەتسىز، گېپىنىڭ تۇتامى يوق بولىدۇ» دېيىشىدۇ. 047 2CO 010 011 ئەمدى بۇنداق خىيال قىلغۇچىلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز يىراقتا بولغىنىمىزدا خەتلەردىكى سۆزىمىز قانداق بولغان بولسا بىز يېتىپ بارغىنىمىزدا ئەمەلىيىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ. 047 2CO 010 012 چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇشقا ياكى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پېتىنمايمىز؛ شۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلاردىندۇر. 047 2CO 010 013 بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ [خىزمىتىڭلارغىمۇ] يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز. 047 2CO 010 014 چۈنكى ئۆلچىمى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا يەتمەيدىغان كىشىلەردەك، [خىزمىتىڭلاردا بولغىنىمىزدا] دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە [بىرىنچى بولۇپ] يېنىڭلارغىمۇ كەلدۇق. 047 2CO 010 015 بىز خىزمەت دائىرىمىزدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپا-ئەجىرلىرى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق؛ لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۆسكەنسېرى ئاراڭلاردىكى خىزمىتىمىز بىزگە بېكىتىلگەن دائىرىمىز ئىچىدە تېخىمۇ زىيادە كېڭەيتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛ 047 2CO 010 016 شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىن تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ جاكارلايدىغان بولىمىز؛ تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات. 047 2CO 010 017 ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!». 047 2CO 010 018 چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر. 047 2CO 011 001 [ماختانغان] بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر. 047 2CO 011 002 چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن. 047 2CO 011 003 ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. 047 2CO 011 004 چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن! 047 2CO 011 005 ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن! 047 2CO 011 006 گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق. 047 2CO 011 007 ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟ 047 2CO 011 008 مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم. 047 2CO 011 009 سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. 047 2CO 011 010 مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ! 047 2CO 011 011 نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ! 047 2CO 011 012 لېكىن [بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش] پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. 047 2CO 011 013 چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. 047 2CO 011 014 بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. 047 2CO 011 015 شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ. 047 2CO 011 016 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي. 047 2CO 011 017 مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس. 047 2CO 011 018 نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 047 2CO 011 019 چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر! 047 2CO 011 020 مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر. 047 2CO 011 021 ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا [ماختىنىشقا] پېتىنىمەن. 047 2CO 011 022 ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. 047 2CO 011 023 ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ 047 2CO 011 024 يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، 047 2CO 011 025 ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. 047 2CO 011 026 دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ 047 2CO 011 027 ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. 047 2CO 011 028 بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. 047 2CO 011 029 ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! 047 2CO 011 030 ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. 047 2CO 011 031 رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. 047 2CO 011 032 دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى. 047 2CO 011 033 لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم. 047 2CO 012 001 [ئەپسۇس]، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. 047 2CO 012 002 مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 047 2CO 012 003 مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ 047 2CO 012 004 ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. 047 2CO 012 005 شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن. 047 2CO 012 006 ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر. 047 2CO 012 008 بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ 047 2CO 012 009 لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ 047 2CO 012 010 شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن. 047 2CO 012 011 مەن [ماختىنىپ] دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن. 047 2CO 012 012 دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن. 047 2CO 012 013 سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! 047 2CO 012 014 مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. 047 2CO 012 015 ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ. 047 2CO 012 016 ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم! 047 2CO 012 017 ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟! 047 2CO 012 018 مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرىۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟ 047 2CO 012 019 ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ [ئىش ئۇنداق ئەمەس]. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر. 047 2CO 012 020 چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ 047 2CO 012 021 ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن. 047 2CO 013 001 بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك». 047 2CO 013 002 مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛ 047 2CO 013 004 ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز. 047 2CO 013 005 ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟ 047 2CO 013 006 ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 047 2CO 013 007 سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار. 047 2CO 013 008 چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس. 047 2CO 013 009 چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر. 047 2CO 013 010 سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم. 047 2CO 013 011 ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 047 2CO 013 012 بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 047 2CO 013 013 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. 047 2CO 013 014 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي! # # BOOK 048 GAL Galatians گالاتىيالىقلارغا 048 GAL 001 001 مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن) 048 GAL 001 002 ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام. 048 GAL 001 003 خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 048 GAL 001 004 ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ 048 GAL 001 005 خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! 048 GAL 001 006 سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! 048 GAL 001 007 ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس. 048 GAL 001 008 لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! 048 GAL 001 009 بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! 048 GAL 001 010 مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. 048 GAL 001 011 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. 048 GAL 001 012 چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. 048 GAL 001 013 چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر. 048 GAL 001 014 ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم. 048 GAL 001 015 ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، 048 GAL 001 017 ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم. 048 GAL 001 018 ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. 048 GAL 001 019 ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم. 048 GAL 001 020 مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس! 048 GAL 001 021 كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 048 GAL 001 022 ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى. 048 GAL 001 023 ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛ 048 GAL 001 024 شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 048 GAL 002 001 يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم. 048 GAL 002 002 مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم. 048 GAL 002 003 نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛ 048 GAL 002 004 [شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»] بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى. 048 GAL 002 005 لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛ 048 GAL 002 006 لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق [ئەربابلار] دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى [خۇش خەۋەرگە] قوشقىنى يوق ئىدى. 048 GAL 002 007 دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ 048 GAL 002 008 (چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە [روسۇل بولۇشقا] كۈچلەندۈرگەنىدى)، 048 GAL 002 009 ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر-شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى. 048 GAL 002 010 ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. 048 GAL 002 011 بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. 048 GAL 002 012 چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ [شۇ قېرىنداشلاردىن] ئۆزىنى تارتتى. 048 GAL 002 013 ھەتتا باشقا يەھۇدىي [قېرىنداشلار] ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. 048 GAL 002 014 ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم، 048 GAL 002 015 ۋە يەنە: «بىز [ئىككىمىز] تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز، 048 GAL 002 016 لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم. 048 GAL 002 017 ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز! 048 GAL 002 018 ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى [تەۋرات قانۇنىغا] خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن. 048 GAL 002 019 چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن. 048 GAL 002 020 مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر. 048 GAL 002 021 مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى. 048 GAL 003 001 ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى؟ 048 GAL 003 002 مەن پەقەت شۇنىلا سىلەردىن سوراپ بىلەيكى: ــ سىلەر روھنى تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ، ياكى [خۇش خەۋەرنى] ئاڭلاپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ 048 GAL 003 003 سىلەر شۇنچە ئەقىلسىزمۇ؟ روھقا تايىنىپ [ھاياتنى] باشلىغانىكەنسىلەر، ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟ 048 GAL 003 004 سىلەر [ئېتىقاد يولىدا] بولغان شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىكارغا تارتتىڭلارمۇ؟ دەرۋەقە بىكارغا كەتتىغۇ؟! 048 GAL 003 005 سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى، ئاراڭلاردا مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقۇچى بۇ كارامەتلەرنى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىپ تايانغىنىڭلاردىن قىلامدۇ، ياكى ئاڭلىغان خەۋەرگە باغلىغان ئىشەنچ-ئېتىقادىڭلاردىن قىلامدۇ؟ 048 GAL 003 006 [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك]: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». 048 GAL 003 007 شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى چۈشىنىشىڭلار كېرەككى، ئېتىقادتىن تۇغۇلغانلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدۇر. 048 GAL 003 008 مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا: «سەندە بارلىق ئەل-مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ خۇش خەۋەرنى ئالدىن ئېيتقانلىقى خاتىرىلەنگەنىدى. 048 GAL 003 009 شۇنىڭ بىلەن، ئېتىقادتىن بولغانلار ئېتىقاد قىلغۇچى ئىبراھىم بىلەن تەڭ بەخت تاپىدۇ. 048 GAL 003 010 لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ». 048 GAL 003 011 يەنە روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئىنتىلىش ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى [مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغىنىدەك]: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». 048 GAL 003 012 ئەمما قانۇن يولى ئېتىقاد يولىغا ئاساسلانغان ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس كىتابتا]: ــ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغۇچى شۇ ئىشلار بىلەن ھايات بولىدۇ» دېيىلگەندەكتۇر. 048 GAL 003 013 ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان. 048 GAL 003 014 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئىبراھىمغا ئاتا قىلىنغان بەخت يات ئەللىكلەرگىمۇ كەلتۈرۈلۈپ، بىز ۋەدە قىلىنغان روھنى ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلالايمىز. 048 GAL 003 015 قېرىنداشلار، مەن ئىنسانلارچە سۆزلەيمەن؛ ھەتتا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئەھدە تۈزۈلسىمۇ، باشقا ھېچكىم ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە قوشالمايدۇ. 048 GAL 003 016 شۇنىڭدەك، [خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى] ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. [مۇقەددەس كىتابتا] ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر. 048 GAL 003 017 مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ مەسىھكە ئالدىن تۈزگەن بىر ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ، خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى ھېچ بىكار قىلالمايدۇ. 048 GAL 003 018 چۈنكى [ۋەدە قىلىنغان] مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان. 048 GAL 003 019 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ مىراسى ۋەدە قىلىنغۇچى، يەنى ئىبراھىمنىڭ نەسلى دۇنياغا كەلگۈچە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن؛ ئۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق بىر ۋاسىتىچىنىڭ قولى بىلەن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان. 048 GAL 003 020 ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر. 048 GAL 003 021 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز! ئەگەر بىرەر قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەققانىيلىق جەزمەن شۇ قانۇنغا ئاساسلانغان بولاتتى. 048 GAL 003 022 ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئالەمنى گۇناھنىڭ ئىلكىگە قاماپ قويغان؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەت-ئېتىقادى ئارقىلىق ۋەدىنىڭ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر. 048 GAL 003 023 لېكىن ئېتىقاد يولى كېلىپ ئاشكارە بولغۇچە، بىز تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئاشكارە بولىدىغان ئېتىقادنى كۈتۈشكە قاماپ قويۇلغانىدۇق. 048 GAL 003 024 شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى. 048 GAL 003 025 لېكىن ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولۇپ، بىز ئەمدى يەنە «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. 048 GAL 003 026 چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار. 048 GAL 003 027 چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار. 048 GAL 003 028 مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر. 048 GAL 003 029 سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان [بەخت-سائادەتكە] مىراسخوردۇرسىلەر. 048 GAL 004 001 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 048 GAL 004 003 شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق. 048 GAL 004 004 لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى. 048 GAL 004 005 بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. 048 GAL 004 006 ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى. 048 GAL 004 007 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر. 048 GAL 004 008 بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر. 048 GAL 004 009 ئەمدىلىكتە، ھازىر [ھەقىقىي] خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟ 048 GAL 004 010 سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار! 048 GAL 004 011 مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن. 048 GAL 004 012 قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. 048 GAL 004 013 ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 048 GAL 004 014 ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. 048 GAL 004 015 ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار! 048 GAL 004 016 ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ 048 GAL 004 017 [مەن ئېيتىپ ئۆتكەن] ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى [نىجاتنىڭ] سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. 048 GAL 004 018 ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە. 048 GAL 004 019 سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن! 048 GAL 004 020 مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن! 048 GAL 004 021 ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ 048 GAL 004 022 تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن. 048 GAL 004 023 دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر. 048 GAL 004 024 بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال [خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن] تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي [تېغىدىن] كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛ 048 GAL 004 025 دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا. 048 GAL 004 026 ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛ 048 GAL 004 027 چۈنكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: ــ «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!» 048 GAL 004 028 ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز. 048 GAL 004 029 لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ. 048 GAL 004 030 لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن. 048 GAL 004 031 ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار. 048 GAL 005 001 مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. 048 GAL 005 003 مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە [تولۇق ئەمەل قىلىش] مەجبۇرىيىتى باردۇر. 048 GAL 005 004 ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار. 048 GAL 005 005 چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز. 048 GAL 005 006 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر. 048 GAL 005 007 سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟ 048 GAL 005 008 بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس! 048 GAL 005 009 «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!» 048 GAL 005 010 ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. 048 GAL 005 011 قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن [يەھۇدىيلاردىن] زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! 048 GAL 005 012 سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن! 048 GAL 005 013 چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. 048 GAL 005 014 چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. 048 GAL 005 015 لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە! 048 GAL 005 016 ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. 048 GAL 005 017 چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 048 GAL 005 018 ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. 048 GAL 005 019 ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 048 GAL 005 020 بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، 048 GAL 005 021 ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. 048 GAL 005 022 ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، 048 GAL 005 023 مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. 048 GAL 005 024 لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. 048 GAL 005 025 روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى. 048 GAL 005 026 بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى. 048 GAL 006 001 قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. 048 GAL 006 002 بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. 048 GAL 006 003 چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس. 048 GAL 006 004 لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ. 048 GAL 006 005 چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. 048 GAL 006 006 خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن. 048 GAL 006 007 ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. 048 GAL 006 008 ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. 048 GAL 006 009 شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. 048 GAL 006 010 شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. 048 GAL 006 011 مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار! 048 GAL 006 012 سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس. 048 GAL 006 013 چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ. 048 GAL 006 014 ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [ئۆلۈمى]دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن. 048 GAL 006 015 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! 048 GAL 006 016 بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي! 048 GAL 006 017 بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن! 048 GAL 006 018 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! # # BOOK 049 EPH Ephesians ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 049 EPH 001 001 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام! 049 EPH 001 002 ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 049 EPH 001 003 بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي! 049 EPH 001 004 چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ 049 EPH 001 005 ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛ 049 EPH 001 006 بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى. 049 EPH 001 007 بىز ئۇنىڭدا [ئاتىنىڭ] مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛ 049 EPH 001 008 ئۇ [بۇ مېھىر-شەپقەتنى] بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى، 049 EPH 001 009 ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛ 049 EPH 001 011 ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ 049 EPH 001 012 شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ 049 EPH 001 013 ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. 049 EPH 001 014 خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ. 049 EPH 001 015 شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، 049 EPH 001 016 دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛ 049 EPH 001 017 تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، 049 EPH 001 018 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى 049 EPH 001 019 ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ 049 EPH 001 020 دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ 049 EPH 001 021 پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ 049 EPH 001 022 بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. 049 EPH 001 023 جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر. 049 EPH 002 001 ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ، 049 EPH 002 002 بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ 049 EPH 002 003 بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛ 049 EPH 002 004 بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ 049 EPH 002 005 ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)، 049 EPH 002 006 بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛ 049 EPH 002 007 مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ 049 EPH 002 008 چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات، 049 EPH 002 009 ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر. 049 EPH 002 010 چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى. 049 EPH 002 011 شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى، 049 EPH 002 012 شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ 049 EPH 002 013 لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛ 049 EPH 002 014 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛ 049 EPH 002 015 يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛ 049 EPH 002 016 كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛ 049 EPH 002 017 ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى. 049 EPH 002 018 چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر. 049 EPH 002 019 شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛ 049 EPH 002 020 سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ 049 EPH 002 021 ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. 049 EPH 002 022 سىلەرمۇ [قوشۇلۇپ] ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر. 049 EPH 003 001 شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ 049 EPH 003 002 (سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق، 049 EPH 003 003 يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛ 049 EPH 003 004 سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر) 049 EPH 003 005 ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس. 049 EPH 003 006 دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛ 049 EPH 003 007 خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛ 049 EPH 003 008 ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش 049 EPH 003 009 ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. 049 EPH 003 010 بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. 049 EPH 003 011 بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ 049 EPH 003 012 ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ 049 EPH 003 013 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ). 049 EPH 003 014 مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، 049 EPH 003 015 ( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ) 049 EPH 003 016 ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛ 049 EPH 003 017 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، 049 EPH 003 018 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. 049 EPH 003 020 ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ 049 EPH 003 021 ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! 049 EPH 004 001 ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، 049 EPH 004 002 ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ، 049 EPH 004 003 ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى [ئۆتۈنىمەن]. 049 EPH 004 004 تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، ــ خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ 049 EPH 004 005 رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر، 049 EPH 004 006 ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر. 049 EPH 004 007 شۇنداقتىمۇ ھازىر ھەربىرىمىزگە مەسىھنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەپقەت تەقدىم قىلىنغاندۇر؛ 049 EPH 004 008 شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا [خۇدا] ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، [ئىنسانلارنى] تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى». 049 EPH 004 009 ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، [ئاۋۋال] يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ 049 EPH 004 010 چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ 049 EPH 004 011 شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر. 049 EPH 004 012 بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛ 049 EPH 004 013 ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛ 049 EPH 004 014 شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ 049 EPH 004 015 ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ 049 EPH 004 016 ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە. 049 EPH 004 017 شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛ 049 EPH 004 018 ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن، 049 EPH 004 019 ئار-نومۇسنى تاشلىۋېتىپ، نەپسانىيەتچىلىكى ئاۋۇپ ھەرخىل ئىپلاسلىقلارنى يۈرگۈزۈشكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن. 049 EPH 004 020 ئەمما سىلەر بولساڭلار، مەسىھنى شۇنداق يولدا ئۆگىنىپ تونۇغان ئەمەسسىلەر ــ 049 EPH 004 021 (ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ 049 EPH 004 022 دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، 049 EPH 004 023 ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ، 049 EPH 004 024 خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر. 049 EPH 004 025 شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز. 049 EPH 004 026 «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»؛ غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن؛ 049 EPH 004 027 ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار. 049 EPH 004 028 ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن. 049 EPH 004 029 ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار. 049 EPH 004 030 خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛ 049 EPH 004 031 ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛ 049 EPH 004 032 بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. 049 EPH 005 001 شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. 049 EPH 005 003 ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ 049 EPH 005 004 شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. 049 EPH 005 005 چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ. 049 EPH 005 006 ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 049 EPH 005 007 شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ 049 EPH 005 008 چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار 049 EPH 005 009 (چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، 049 EPH 005 010 نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. 049 EPH 005 011 قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ 049 EPH 005 012 چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر. 049 EPH 005 013 ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. 049 EPH 005 014 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ». 049 EPH 005 015 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ 049 EPH 005 016 ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر. 049 EPH 005 017 بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ 049 EPH 005 018 ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، 049 EPH 005 019 بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ 049 EPH 005 020 ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، 049 EPH 005 021 مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. 049 EPH 005 022 سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ 049 EPH 005 023 چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. 049 EPH 005 024 ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. 049 EPH 005 025 ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ 049 EPH 005 026 [مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، 049 EPH 005 027 شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 049 EPH 005 028 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. 049 EPH 005 029 چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. 049 EPH 005 030 چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ 049 EPH 005 031 «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». 049 EPH 005 032 بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. 049 EPH 005 033 ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن. 049 EPH 006 001 بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. 049 EPH 006 002 «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ 049 EPH 006 003 «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. 049 EPH 006 004 سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار. 049 EPH 006 005 سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛ 049 EPH 006 006 پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار، 049 EPH 006 007 ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛ 049 EPH 006 008 شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ. 049 EPH 006 009 سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر. 049 EPH 006 010 ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛ 049 EPH 006 011 ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ 049 EPH 006 012 چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. 049 EPH 006 013 مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. 049 EPH 006 014 ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. 049 EPH 006 016 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. 049 EPH 006 017 ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ 049 EPH 006 018 ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ 049 EPH 006 019 مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. 049 EPH 006 020 مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. 049 EPH 006 021 ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 049 EPH 006 022 مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر. 049 EPH 006 023 قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي! 049 EPH 006 024 رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي! # # BOOK 050 PHI Philippians فىلىپپىلىقلارغا 050 PHI 001 001 ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام! 050 PHI 001 002 سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! 050 PHI 001 003 ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 050 PHI 001 004 ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛ 050 PHI 001 006 چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛ 050 PHI 001 007 مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ [خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن] مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر. 050 PHI 001 008 مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر. 050 PHI 001 009 مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، 050 PHI 001 010 سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر 050 PHI 001 011 ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر. 050 PHI 001 012 بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛ 050 PHI 001 013 چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى. 050 PHI 001 014 شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛ 050 PHI 001 015 دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛ 050 PHI 001 016 كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛ 050 PHI 001 017 ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا. 050 PHI 001 018 ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن. 050 PHI 001 019 چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن، 050 PHI 001 020 ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! 050 PHI 001 021 چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. 050 PHI 001 022 جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ 050 PHI 001 023 مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛ 050 PHI 001 024 ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن. 050 PHI 001 025 ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛ 050 PHI 001 026 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ! 050 PHI 001 027 پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار، 050 PHI 001 028 شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ 050 PHI 001 029 چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر. 050 PHI 001 030 چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر. 050 PHI 002 001 ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، 050 PHI 002 002 ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. 050 PHI 002 004 ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. 050 PHI 002 005 مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ 050 PHI 002 006 ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ 050 PHI 002 007 ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، 050 PHI 002 008 ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛ 050 PHI 002 009 شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، 050 PHI 002 010 ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، 050 PHI 002 011 خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 050 PHI 002 012 شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. 050 PHI 002 013 چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 050 PHI 002 014 ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ 050 PHI 002 015 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ 050 PHI 002 016 شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن. 050 PHI 002 017 ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. 050 PHI 002 018 سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك. 050 PHI 002 019 لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ 050 PHI 002 020 چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر. 050 PHI 002 021 چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ 050 PHI 002 022 ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 050 PHI 002 023 ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ 050 PHI 002 024 ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار. 050 PHI 002 025 ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، 050 PHI 002 026 چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. 050 PHI 002 027 ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. 050 PHI 002 028 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. 050 PHI 002 029 ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ 050 PHI 002 030 چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى. 050 PHI 003 001 ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 050 PHI 003 002 ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! 050 PHI 003 003 چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز. 050 PHI 003 004 مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ 050 PHI 003 005 سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛ 050 PHI 003 006 خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛ 050 PHI 003 007 ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ 050 PHI 003 008 مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، 050 PHI 003 009 مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ 050 PHI 003 010 مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 050 PHI 003 011 شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن. 050 PHI 003 012 ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 050 PHI 003 013 قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، 050 PHI 003 014 نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 050 PHI 003 015 ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 050 PHI 003 016 قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى. 050 PHI 003 017 مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. 050 PHI 003 018 چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. 050 PHI 003 019 ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. 050 PHI 003 020 ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. 050 PHI 003 021 ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ. 050 PHI 004 001 ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم! 050 PHI 004 002 ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار! 050 PHI 004 003 دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان. 050 PHI 004 004 رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار! 050 PHI 004 005 سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر! 050 PHI 004 006 ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ 050 PHI 004 007 شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ. 050 PHI 004 008 ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار. 050 PHI 004 009 مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. 050 PHI 004 010 ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى). 050 PHI 004 011 مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. 050 PHI 004 012 مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. 050 PHI 004 013 ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. 050 PHI 004 014 ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار. 050 PHI 004 015 سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان. 050 PHI 004 016 چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار. 050 PHI 004 017 مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا [روھىي] مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. 050 PHI 004 018 لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى. 050 PHI 004 019 ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ. 050 PHI 004 020 ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. 050 PHI 004 021 مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام! 050 PHI 004 022 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر [ئىمپېراتورنىڭ] ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام! 050 PHI 004 023 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! # # BOOK 051 COL Colossians كولوسسىلىكلەرگە 051 COL 001 001 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي! 051 COL 001 003 بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ 051 COL 001 005 سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛ 051 COL 001 006 بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛ 051 COL 001 007 سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛ 051 COL 001 008 ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى. 051 COL 001 009 بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. 051 COL 001 010 شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ 051 COL 001 011 بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. 051 COL 001 013 ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ 051 COL 001 014 ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. 051 COL 001 015 ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ 051 COL 001 016 چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 051 COL 001 017 ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ 051 COL 001 018 ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. 051 COL 001 019 چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، 051 COL 001 020 ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ 051 COL 001 021 ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان 051 COL 001 023 (ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم. 051 COL 001 024 ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ 051 COL 001 025 مەن [جامائەت] ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ 051 COL 001 026 بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ 051 COL 001 027 چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. 051 COL 001 028 بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز. 051 COL 001 029 مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر. 051 COL 002 001 چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛ 051 COL 002 002 كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛ 051 COL 002 003 چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر. 051 COL 002 004 مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛ 051 COL 002 005 چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن. 051 COL 002 006 مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار، 051 COL 002 007 سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛ 051 COL 002 008 ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛ 051 COL 002 009 چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ 051 COL 002 010 ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛ 051 COL 002 011 سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ 051 COL 002 012 ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر. 051 COL 002 013 ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، 051 COL 002 014 بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. 051 COL 002 015 ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، [كرېستتە] ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى. 051 COL 002 016 ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ 051 COL 002 017 بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر! 051 COL 002 018 ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر [گۇناھلىق] ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛ 051 COL 002 019 ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا. 051 COL 002 020 ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر 051 COL 002 022 (بۇنداق [بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى] نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ 051 COL 002 023 ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە [بۇنداق دانالىقنىڭ] پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس. 051 COL 003 001 سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. 051 COL 003 002 كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ 051 COL 003 003 چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. 051 COL 003 004 ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر. 051 COL 003 005 شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛ 051 COL 003 006 چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ. 051 COL 003 007 سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر. 051 COL 003 008 ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. 051 COL 003 009 بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، 051 COL 003 010 ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ 051 COL 003 011 ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر. 051 COL 003 012 شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ 051 COL 003 013 بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. 051 COL 003 014 مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. 051 COL 003 015 مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. 051 COL 003 016 مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ 051 COL 003 017 ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار. 051 COL 003 018 سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ 051 COL 003 019 سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. 051 COL 003 020 سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. 051 COL 003 021 سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ. 051 COL 003 022 سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار. 051 COL 003 023 نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛ 051 COL 003 024 چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر. 051 COL 003 025 ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر. 051 COL 004 001 سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر. 051 COL 004 002 دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ 051 COL 004 003 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛ 051 COL 004 004 شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. 051 COL 004 005 سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار. 051 COL 004 006 سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر. 051 COL 004 007 سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 051 COL 004 008 مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر. 051 COL 004 009 مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 051 COL 004 010 تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ 051 COL 004 011 يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان. 051 COL 004 012 سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. 051 COL 004 013 چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ. 051 COL 004 014 سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق. 051 COL 004 015 لائودىكىئادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار. 051 COL 004 016 بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ 051 COL 004 017 ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار. 051 COL 004 018 مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي! # # BOOK 052 1TH 1 Thessalonians تېسالونىكالىقلارغا 1 052 1TH 001 001 مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 052 1TH 001 002 بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛ 052 1TH 001 003 خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. 052 1TH 001 004 چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان. 052 1TH 001 005 چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر. 052 1TH 001 006 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار، 052 1TH 001 007 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛ 052 1TH 001 008 چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ [شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق] ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. 052 1TH 001 009 چۈنكى [بىز بارغانلىكى جايدىكى] كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ. 052 1TH 002 001 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى. 052 1TH 002 002 سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق. 052 1TH 002 003 چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر. 052 1TH 002 004 ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز. 052 1TH 002 005 چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ 052 1TH 002 006 گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق. 052 1TH 002 007 ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. 052 1TH 002 008 شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. 052 1TH 002 009 چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 052 1TH 002 010 ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر. 052 1TH 002 011 ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق. 052 1TH 002 013 خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە. 052 1TH 002 014 چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار [شۇ يەردە] يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار. 052 1TH 002 015 ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ، 052 1TH 002 016 «يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. 052 1TH 002 017 لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق! 052 1TH 002 018 شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى. 052 1TH 002 019 چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟ 052 1TH 002 020 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز! 052 1TH 003 001 شۇنىڭ بىلەن بىز [سىلەردىن خەۋەرسىز] تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، 052 1TH 003 002 ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛ 052 1TH 003 003 [بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. 052 1TH 003 004 چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. 052 1TH 003 005 شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. 052 1TH 003 006 لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 052 1TH 003 007 شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛ 052 1TH 003 008 چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز [ئۆلمەي]، ھايات قالىمىز! 052 1TH 003 009 ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟! 052 1TH 003 010 سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز. 052 1TH 003 011 ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛ 052 1TH 003 012 ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ 052 1TH 003 013 ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ! 052 1TH 004 001 ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي. 052 1TH 004 002 چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. 052 1TH 004 003 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، 052 1TH 004 004 يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر. 052 1TH 004 006 بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. 052 1TH 004 007 چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى. 052 1TH 004 008 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ [ھەقىقەتنى] رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ. 052 1TH 004 009 ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. 052 1TH 004 010 چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى، 052 1TH 004 011 شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، [باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا] [ئارىلاشماي]، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. 052 1TH 004 012 مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر. 052 1TH 004 013 لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. 052 1TH 004 014 چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 052 1TH 004 015 چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛ 052 1TH 004 016 چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ 052 1TH 004 017 ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. 052 1TH 004 018 شۇڭا، بىر-بىرىڭلارغا بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىڭلار. 052 1TH 005 001 لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 052 1TH 005 002 چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش [تۇيۇقسىز] كېلىدۇ. 052 1TH 005 003 ئەمدى كىشىلەر «[دۇنيا] تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 052 1TH 005 004 لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 052 1TH 005 005 چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرى، كۈندۈزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ بىز كېچىگە تەۋە ياكى قاراڭغۇلۇققا مەنسۇپ ئەمەسمىز. 052 1TH 005 006 شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى. 052 1TH 005 007 چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. 052 1TH 005 008 بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛ 052 1TH 005 009 چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن. 052 1TH 005 010 ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى ــ مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. 052 1TH 005 011 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرۇڭلار. 052 1TH 005 012 ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. 052 1TH 005 013 بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 052 1TH 005 014 ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. 052 1TH 005 015 ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار. 052 1TH 005 016 ھەردائىم شادلىنىڭلار. 052 1TH 005 017 توختىماي دۇئا قىلىڭلار. 052 1TH 005 018 ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 052 1TH 005 019 روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. 052 1TH 005 020 ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار؛ 052 1TH 005 021 ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ [قولدىن بەرمەڭلار]. 052 1TH 005 022 يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. 052 1TH 005 023 خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. 052 1TH 005 024 سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ. 052 1TH 005 025 قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 052 1TH 005 026 ھەممە قېرىنداشلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 052 1TH 005 027 مەن رەبدە سىلەرگە شۇنى جىددىي تاپىلايمەنكى، بۇ خەتنى [شۇ يەردىكى] ھەممە مۇقەددەس قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار! 052 1TH 005 028 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! # # BOOK 053 2TH 2 Thessalonians تېسالونىكالىقلارغا 2 053 2TH 001 001 مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. 053 2TH 001 002 خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! 053 2TH 001 003 سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. 053 2TH 001 004 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ 053 2TH 001 005 بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ 053 2TH 001 006 شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ 053 2TH 001 008 شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. 053 2TH 001 009 بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. 053 2TH 001 010 ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ. 053 2TH 001 011 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز [ئۇلۇغ] چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 053 2TH 001 012 شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. 053 2TH 002 001 ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى، 053 2TH 002 002 ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار! 053 2TH 002 003 بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ. 053 2TH 002 004 شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ. 053 2TH 002 005 مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ 053 2TH 002 006 ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم. 053 2TH 002 007 چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛ 053 2TH 002 008 ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ. 053 2TH 002 009 «قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، 053 2TH 002 010 ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. 053 2TH 002 011 شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. 053 2TH 002 012 نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. 053 2TH 002 013 لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى. 053 2TH 002 014 ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى شۇ نىجاتقا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشكە چاقىردى. 053 2TH 002 015 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار! 053 2TH 002 016 ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي! 053 2TH 003 001 ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، [ھەرقانداق يەردە] تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛ 053 2TH 003 002 شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ. 053 2TH 003 003 ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ. 053 2TH 003 004 ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز. 053 2TH 003 005 ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي. 053 2TH 003 006 ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار. 053 2TH 003 007 بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق. 053 2TH 003 008 ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق. 053 2TH 003 009 بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 053 2TH 003 010 چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق. 053 2TH 003 011 چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. 053 2TH 003 012 بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار. 053 2TH 003 013 لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار. 053 2TH 003 014 ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. 053 2TH 003 015 بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار. 053 2TH 003 016 خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! 053 2TH 003 017 مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. 053 2TH 003 018 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! # # BOOK 054 1TI 1 Timothy تىموتىيغا 1 054 1TI 001 001 قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن 054 1TI 001 002 ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 054 1TI 001 003 ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك [شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى]، [شۇ يەردىكى] بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛ 054 1TI 001 004 ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. 054 1TI 001 005 ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. 054 1TI 001 006 بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. 054 1TI 001 007 ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. 054 1TI 001 008 ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. 054 1TI 001 009 چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، 054 1TI 001 010 بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. 054 1TI 001 011 بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان. 054 1TI 001 012 ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، 054 1TI 001 013 ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. 054 1TI 001 014 ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى. 054 1TI 001 016 ‏ مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. 054 1TI 001 017 ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! 054 1TI 001 018 ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى. 054 1TI 001 020 خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم. 054 1TI 002 001 مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، [ئېتىقادچىلارغا] پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، 054 1TI 002 002 بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. 054 1TI 002 003 بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 054 1TI 002 004 چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. 054 1TI 002 005 چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. 054 1TI 002 006 ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى. 054 1TI 002 007 مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. 054 1TI 002 008 شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. 054 1TI 002 009 ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، 054 1TI 002 010 بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. 054 1TI 002 011 [جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. 054 1TI 002 012 لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. 054 1TI 002 013 چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. 054 1TI 002 014 ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. 054 1TI 002 015 لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ. 054 1TI 003 001 «ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. 054 1TI 003 002 ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، 054 1TI 003 003 شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى، 054 1TI 003 004 ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. 054 1TI 003 005 چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ 054 1TI 003 006 [يېتەكچى] يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ. 054 1TI 003 007 ئۇ [جامائەتنىڭ] سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ. 054 1TI 003 008 خۇددى [يېتەكچىلەرگە] ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى، 054 1TI 003 009 پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم. 054 1TI 003 010 بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ. 054 1TI 003 011 شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. 054 1TI 003 012 خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. 054 1TI 003 013 خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ. 054 1TI 003 014 مەن گەرچە پات ئارىدا يېنىڭغا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم؛ 054 1TI 003 015 مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر. 054 1TI 003 016 ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ــ «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، ئۇ شان-شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى». 054 1TI 004 001 ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. 054 1TI 004 002 بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛ 054 1TI 004 003 ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما [ئۇلار مەنئى قىلىدىغان] يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى. 054 1TI 004 004 چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. 054 1TI 004 005 چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ. 054 1TI 004 006 بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. 054 1TI 004 007 ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن. 054 1TI 004 008 چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» 054 1TI 004 009 ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. 054 1TI 004 010 ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. 054 1TI 004 011 بۇ ئىشلارنى [جامائەتكە] توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. 054 1TI 004 012 ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. 054 1TI 004 013 مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. 054 1TI 004 014 [جامائىتىڭنىڭ] ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، [خۇدانىڭ] ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. 054 1TI 004 015 بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. 054 1TI 004 016 ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن. 054 1TI 005 001 ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن. 054 1TI 005 002 ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. 054 1TI 005 003 ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. 054 1TI 005 004 لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 054 1TI 005 005 ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. 054 1TI 005 006 لېكىن ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن تۇل خوتۇن ھايات بولسىمۇ، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر. 054 1TI 005 007 ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن. 054 1TI 005 008 لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ. 054 1TI 005 009 تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك، 054 1TI 005 010 يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك. 054 1TI 005 011 لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى [تىزىملىككە] كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ 054 1TI 005 012 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ. 054 1TI 005 013 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 054 1TI 005 014 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ. 054 1TI 005 015 چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. 054 1TI 005 016 ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ. 054 1TI 005 017 جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن. 054 1TI 005 018 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. 054 1TI 005 019 ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. 054 1TI 005 020 ئەگەر [ئاقساقاللاردىن] بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن. 054 1TI 005 021 خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن. 054 1TI 005 022 بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن 054 1TI 005 023 (ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن). 054 1TI 005 024 بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ. 054 1TI 005 025 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ھازىر ئاشكارا بولمىسا كېيىن ئاشكارىلانماي قالمايدۇ. 054 1TI 006 001 قۇللۇق بويۇنتۇرۇق ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەر تەرەپتە ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 054 1TI 006 002 خوجايىنلىرى ئېتىقادچى بولسا، قۇللىرى: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دەل سادىق ئېتىقادچىلار ھەم سۆيۈملۈك بەندىلەردۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە جېكىلىگىن. 054 1TI 006 003 ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا، 054 1TI 006 004 ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ، 054 1TI 006 005 ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ. 054 1TI 006 006 دەرۋەقە، [خۇداغا] ئىخلاسمەن ۋە رازىمەن بولۇش غايەت زور پايدىدۇر. 054 1TI 006 007 چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 054 1TI 006 008 شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز. 054 1TI 006 009 لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ. 054 1TI 006 010 چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەرخىل رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىنتىلىشى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن دەرد-قايغۇلار بىلەن سانجىدى. 054 1TI 006 011 ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا. 054 1TI 006 012 ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ. 054 1TI 006 013 ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، 054 1TI 006 014 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. 054 1TI 006 016 ‏ ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! 054 1TI 006 017 بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛ 054 1TI 006 018 ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا [ھەقىقىي] باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن. 054 1TI 006 019 ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. 054 1TI 006 020 ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان [ھەقىقەتلەرنى] قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن. 054 1TI 006 021 بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە [ئىلىمگە] ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي! # # BOOK 055 2TI 2 Timothy تىموتىيغا 2 055 2TI 001 001 مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 055 2TI 001 003 مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ 055 2TI 001 004 كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ 055 2TI 001 005 چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن. 055 2TI 001 006 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، [خۇدا] ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن. 055 2TI 001 007 چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. 055 2TI 001 008 شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ 055 2TI 001 009 خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ 055 2TI 001 010 لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. 055 2TI 001 011 مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 055 2TI 001 012 مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. 055 2TI 001 013 مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ 055 2TI 001 014 بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا. 055 2TI 001 015 سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى [ئېتىقادچىلارنىڭ] ھەممىسى [دېگۈدەك] مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. 055 2TI 001 016 رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. 055 2TI 001 017 ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. 055 2TI 001 018 رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. 055 2TI 002 001 شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛ 055 2TI 002 002 ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن. 055 2TI 002 003 ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن. 055 2TI 002 004 جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك. 055 2TI 002 005 مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ. 055 2TI 002 006 ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر. 055 2TI 002 007 بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ. 055 2TI 002 008 سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت. 055 2TI 002 009 بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! 055 2TI 002 010 ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. 055 2TI 002 011 تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ــ «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز. 055 2TI 002 012 قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ. 055 2TI 002 013 بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ». 055 2TI 002 014 بۇ ئىشلارنى داۋاملىق [قېرىنداشلارنىڭ] سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ. 055 2TI 002 015 ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛ 055 2TI 002 016 لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ. 055 2TI 002 017 مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ 055 2TI 002 018 ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ. 055 2TI 002 019 ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر. 055 2TI 002 020 باي-باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ. 055 2TI 002 021 ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ. 055 2TI 002 022 شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچى بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە. 055 2TI 002 023 لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. 055 2TI 002 024 ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ 055 2TI 002 025 شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ 055 2TI 002 026 بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ. 055 2TI 003 001 ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. 055 2TI 003 002 ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، 055 2TI 003 003 كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، 055 2TI 003 004 ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، 055 2TI 003 005 سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. 055 2TI 003 006 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. 055 2TI 003 007 بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 055 2TI 003 008 ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. 055 2TI 003 009 لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى [ياننىس بىلەن يامبرىس]نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ. 055 2TI 003 010 لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. 055 2TI 003 012 دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 055 2TI 003 013 لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. 055 2TI 003 014 لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، 055 2TI 003 015 ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. 055 2TI 003 016 پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. 055 2TI 003 017 بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ. 055 2TI 004 001 مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، 055 2TI 004 002 [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. 055 2TI 004 003 چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. 055 2TI 004 004 ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. 055 2TI 004 005 لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. 055 2TI 004 006 چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى. 055 2TI 004 007 گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم. 055 2TI 004 008 ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ. 055 2TI 004 009 ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كەل. 055 2TI 004 010 چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. 055 2TI 004 011 يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەل، چۈنكى ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا كۆپ ئەسقاتىدۇ. 055 2TI 004 012 تىكىكۇسنى بولسا ئەفەسۇس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. 055 2TI 004 013 كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. 055 2TI 004 014 مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا تولا ئەسكىلىك قىلدى. رەب ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق ياندۇرماي قالمايدۇ. 055 2TI 004 015 سەن ھەم ئۇنىڭدىن ھوشيار بول؛ چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن سۆزلىرىمىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. 055 2TI 004 016 تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي! 055 2TI 004 017 لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم. 055 2TI 004 018 رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! 055 2TI 004 019 پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت. 055 2TI 004 020 ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. لېكىن تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېتۇس شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. 055 2TI 004 021 قىش چۈشۈپ كەتكۈچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەرگە كەلگىن. يۇبۇلۇس، پۇدىس، لىنوس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. 055 2TI 004 022 رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي! مېھىر-شەپقەت سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! # # BOOK 056 TIT Titus تىتۇسقا 056 TIT 001 001 خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ 056 TIT 001 002 (بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ 056 TIT 001 003 لېكىن [ھازىر] ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى) 056 TIT 001 004 ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 056 TIT 001 005 سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. 056 TIT 001 006 ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. 056 TIT 001 007 چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، 056 TIT 001 008 بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. 056 TIT 001 009 ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. 056 TIT 001 010 چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. 056 TIT 001 011 ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. 056 TIT 001 012 شۇلاردىن بىرى، يەنى [كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ] ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. 056 TIT 001 013 بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. 056 TIT 001 015 پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. 056 TIT 001 016 ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر. 056 TIT 002 001 لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. 056 TIT 002 002 ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. 056 TIT 002 003 شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. 056 TIT 002 004 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. 056 TIT 002 006 شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. 056 TIT 002 007 ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، 056 TIT 002 008 ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. 056 TIT 002 009 قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، 056 TIT 002 010 ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. 056 TIT 002 011 چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ 056 TIT 002 012 ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، 056 TIT 002 013 ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ. 056 TIT 002 014 ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. 056 TIT 002 015 بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. 056 TIT 003 001 [جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، 056 TIT 003 002 ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. 056 TIT 003 003 چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. 056 TIT 003 004 بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، 056 TIT 003 005 (ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛ 056 TIT 003 006 بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى. 056 TIT 003 007 بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. 056 TIT 003 008 بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق. 056 TIT 003 009 بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. 056 TIT 003 010 ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ 056 TIT 003 011 چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن. 056 TIT 003 012 ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. 056 TIT 003 013 ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. 056 TIT 003 014 بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. 056 TIT 003 015 يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! # # BOOK 057 PHM Philemon فىلېمونغا 057 PHM 001 001 مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا 057 PHM 001 002 ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، سەپدىشىمىز ئاركىپپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە يىغىلىدىغان جامائەتكە سالام! 057 PHM 001 003 خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 057 PHM 001 004 رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 057 PHM 001 006 بىزگە نېسىپ بولغان، مەسىھنى ئۇلۇغلايدىغان بارلىق ياخشى ئىلتىپاتنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭ بىلەن، سېنىڭ ئېتىقادنىڭ ئەمەللىرىدە مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ كۈچەيتىلسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن. 057 PHM 001 007 چۈنكى سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى؛ چۈنكى ئى قېرىندىشىم، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئىچ-باغىرلىرى سېنىڭ ئارقىلىق كۆپ سۆيۈندۈرۈلدى. 057 PHM 001 008 شۇڭا، گەرچە سېنى لايىق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا مەسىھدە جۈرئەتلىك بولالىساممۇ، 057 PHM 001 009 لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ 057 PHM 001 010 كىشەنلەردە تۇرۇپ تۇغقان بالام، يەنى ئونېسىمۇس توغرۇلۇق ئىلتىماسىم بار. 057 PHM 001 011 ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر. 057 PHM 001 012 مەن ھازىر ئۇنى ــ جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىمەن. 057 PHM 001 013 خۇش خەۋەرنى دەپ كىشەنلەردە تۇرغىنىمدا ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمدا قالدۇرۇپ قالغۇم بار ئىدى؛ 057 PHM 001 014 بىراق سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالماي ھېچنېمىنى قىلغۇم يوق؛ شۇنداق قىلغاندا سېنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن بولىدۇ. 057 PHM 001 015 چۈنكى سېنىڭ ئونېسىمۇستىن ۋاقىتلىق مەھرۇم بولغىنىڭنىڭ سەۋەبى، بەلكىم دەل سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە نېسىۋە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى. 057 PHM 001 016 مېنىڭ شۇنداق دېگىنىم، ئۇنىڭغا قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن ــ ماڭا نەقەدەر سۆيۈملۈك، شۇنداقلا ساڭا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغان (ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن ھەم رەبدە بولغان مۇناسىۋەت بىلەن)، سۆيۈملۈك قېرىنداش قاتارىدا ئىگە بولىسەن؛ 057 PHM 001 017 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى ھەمداش قاتارىدا كۆرسەڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن. 057 PHM 001 018 ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى ساڭا قەرزدار بولغان بولسا، بۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا يازغىن. 057 PHM 001 019 مانا مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: قەرزى بولسا ئۆزۈم قايتۇرىمەن؛ لېكىن مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ جېنىڭ بىلەن ماڭا قەرزدار بولغىنىڭنى تىلغا ئالمايمەن. 057 PHM 001 020 شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، مەن رەبدە سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچىمەن؛ ئىچ-باغىرلىرىمنى مەسىھدە سۆيۈندۈرگىن. 057 PHM 001 021 ئىشەنچىم سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا كامىل بولۇپ ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا مۇشۇنداق يازدىم. 057 PHM 001 022 بۇلاردىن باشقا، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. 057 PHM 001 023 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن زىنداندىشىم بولغان ئەپافراس، 057 PHM 001 024 خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. 057 PHM 001 025 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! # # BOOK 058 HEB Hebrews ئىبرانىيلارغا 058 HEB 001 001 خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، 058 HEB 001 002 مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. 058 HEB 001 003 ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 058 HEB 001 004 شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى. 058 HEB 001 005 چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ 058 HEB 001 006 ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. 058 HEB 001 007 ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛ 058 HEB 001 008 لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. 058 HEB 001 009 سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى». 058 HEB 001 010 خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ 058 HEB 001 011 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ 058 HEB 001 012 سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر». 058 HEB 001 013 يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟ 058 HEB 001 014 شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟ 058 HEB 002 001 بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. 058 HEB 002 002 چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، 058 HEB 002 003 شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛ 058 HEB 002 004 ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن. 058 HEB 002 005 بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛ 058 HEB 002 006 بەلكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسان دېگەن نېمىدى، سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟ ئادەم بالىسى نېمىدى، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟ 058 HEB 002 007 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛ ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ 058 HEB 002 008 سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن». ئەمدى «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قالدۇرۇلمىغان، دېگەنلىكتۇر. بىراق، ھازىرچە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى تېخى كۆرمەيۋاتىمىز. 058 HEB 002 009 لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. 058 HEB 002 010 چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى. 058 HEB 002 011 چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. 058 HEB 002 012 خۇددى ئۇ [خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)]: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن. 058 HEB 002 013 ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن. 058 HEB 002 014 پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، 058 HEB 002 015 ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. 058 HEB 002 016 چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛ 058 HEB 002 017 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 058 HEB 002 018 چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ. 058 HEB 003 001 شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار. 058 HEB 003 002 خۇددى مۇسا [پەيغەمبەر] خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغۇچىغا سادىق بولدى. 058 HEB 003 003 لېكىن ئۆينى بەرپا قىلغۇچى ئۆزى بەرپا قىلغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق شۆھرەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، ئۇمۇ مۇسادىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر. 058 HEB 003 004 چۈنكى ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر؛ لېكىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر. 058 HEB 003 005 مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان. 058 HEB 003 006 لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز. 058 HEB 003 007 شۇڭا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، 058 HEB 003 008 ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار! 058 HEB 003 009 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى. 058 HEB 003 010 مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن. 058 HEB 003 011 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم». 058 HEB 003 012 ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ 058 HEB 003 013 پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار. 058 HEB 003 014 دەسلەپتىكى خاتىرجەملىكىمىزنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساقلا، دەرۋەقە مەسىھ بىلەن شېرىك بولغان بولىمىز. 058 HEB 003 015 يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا [ئۇنى] غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!» 058 HEB 003 016 (ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن [قۇتۇلۇپ] چىققان ئاشۇ [ئىسرائىللارنىڭ] ھەممىسى ئەمەسمۇ؟ 058 HEB 003 017 ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ 058 HEB 003 018 شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ 058 HEB 003 019 شۇڭا بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلارنىڭ [ئاراملىققا] كىرمەسلىكى ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى). 058 HEB 004 001 ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى [بىزگە] قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى. 058 HEB 004 002 چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى [چۆلدىكى ئىسرائىللارغا] ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. 058 HEB 004 003 چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ ــ دېگەن». خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛ 058 HEB 004 004 چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى». 058 HEB 004 005 يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى. 058 HEB 004 006 بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى. 058 HEB 004 007 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ [ئاراملىق توغرىسىدا] ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: ــ «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!» 058 HEB 004 008 ئەگەر يەشۇئا [پەيغەمبەر] [ئىسرائىللارنى] ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر [ئاراملىق] كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى. 058 HEB 004 009 قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە. 058 HEB 004 010 چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. 058 HEB 004 011 شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ [ئىسرائىللاردەك] ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى. 058 HEB 004 012 چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. 058 HEB 004 013 ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. 058 HEB 004 014 شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. 058 HEB 004 015 چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. 058 HEB 004 016 شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت [ئايان قىلىنغۇچى] تەختكە يېقىنلىشايلى. 058 HEB 005 001 ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. 058 HEB 005 002 ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. 058 HEB 005 003 شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. 058 HEB 005 004 ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. 058 HEB 005 005 خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى [ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا] ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن. 058 HEB 005 006 ئۇ [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. 058 HEB 005 007 [مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. 058 HEB 005 008 گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. 058 HEB 005 009 ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، 058 HEB 005 010 خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. 058 HEB 005 011 بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. 058 HEB 005 012 چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. 058 HEB 005 013 چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. 058 HEB 005 014 بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر. 058 HEB 006 002 ‏ شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. 058 HEB 006 003 خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز. 058 HEB 006 005 ‏ چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. 058 HEB 006 007 چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. 058 HEB 006 008 بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 058 HEB 006 009 لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. 058 HEB 006 010 چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس. 058 HEB 006 011 ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ 058 HEB 006 012 شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر. 058 HEB 006 013 چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: 058 HEB 006 014 «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى. 058 HEB 006 015 شۇنىڭ بىلەن، [ئىبراھىم] ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى. 058 HEB 006 016 چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. 058 HEB 006 017 شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى. 058 HEB 006 018 شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن [ھالاكەتتىن] ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). 058 HEB 006 019 بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكى] پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. 058 HEB 006 020 ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى. 058 HEB 007 001 چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. 058 HEB 007 002 ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق [ئولجىسىنىڭ] ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. [مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ] بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ 058 HEB 007 003 ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ. 058 HEB 007 004 ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. 058 HEB 007 005 دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان. 058 HEB 007 006 لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن. 058 HEB 007 007 شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 058 HEB 007 008 بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر. 058 HEB 007 009 ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ [ئەجدادى] ئىبراھىم ئارقىلىق [مەلكىزەدەككە] ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. 058 HEB 007 010 چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى [كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە] يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. 058 HEB 007 011 ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟ 058 HEB 007 012 ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. 058 HEB 007 013 چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. 058 HEB 007 014 چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى. 058 HEB 007 015 ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛ 058 HEB 007 016 ئۇنىڭ [كاھىنلىققا] تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر. 058 HEB 007 017 چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. 058 HEB 007 018 چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان 058 HEB 007 019 (ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى. 058 HEB 007 021 ‏ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش [خۇدانىڭ] قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار [خۇدانىڭ] قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). 058 HEB 007 022 ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى. 058 HEB 007 023 يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەربىرى] ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. 058 HEB 007 024 لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. 058 HEB 007 025 شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر. 058 HEB 007 026 مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. 058 HEB 007 027 ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. 058 HEB 007 028 چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. 058 HEB 008 001 ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار. 058 HEB 008 002 ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر. 058 HEB 008 003 ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، [بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ] بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى. 058 HEB 008 004 دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر 058 HEB 008 005 (بۇ [كاھىنلار] خىزمەت قىلىدىغان [ئىبادەت چېدىرى] پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان). 058 HEB 008 006 لېكىن ھازىر ئۇ ([كونا ئەھدىگە ئائىت] ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ. 058 HEB 008 007 ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. 058 HEB 008 008 لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، [ئىسرائىللارغا] مۇنداق دېگەن: ــ «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 058 HEB 008 009 بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 058 HEB 008 010 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 058 HEB 008 011 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛ 058 HEB 008 012 چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن». 058 HEB 008 013 ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ. 058 HEB 009 001 بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. 058 HEB 009 002 بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى. 058 HEB 009 003 ئۇنىڭ ئىككىنچى، [يەنى ئىچكى] پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى. 058 HEB 009 004 شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە [تاش] تاختىسى بار ئىدى. 058 HEB 009 005 [ساندۇق] ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس. 058 HEB 009 006 بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە [(يەبى «مۇقەددەس جاي»غا)] ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ. 058 HEB 009 007 بىراق، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان] ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان [قۇربانلىق] قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ. 058 HEB 009 008 بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ. 058 HEB 009 009 مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. 058 HEB 009 010 ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر. 058 HEB 009 011 لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. 058 HEB 009 012 ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. 058 HEB 009 013 [كونا ئەھدە دەۋرىدە] ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، 058 HEB 009 014 ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! 058 HEB 009 015 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. 058 HEB 009 016 ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 058 HEB 009 017 چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. 058 HEB 009 018 شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. 058 HEB 009 019 چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: 058 HEB 009 020 «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. 058 HEB 009 021 ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. 058 HEB 009 022 دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. 058 HEB 009 023 خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق [قۇربانلىقلار] بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. 058 HEB 009 024 چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. 058 HEB 009 025 [يەر يۈزىدىكى] باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى [قۇربانلىقلارنىڭ] قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. 058 HEB 009 026 ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. 058 HEB 009 027 ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، 058 HEB 009 028 مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ. 058 HEB 010 001 تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق [خۇداغا] يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ. 058 HEB 010 002 بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. 058 HEB 010 003 ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 058 HEB 010 004 چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ. 058 HEB 010 005 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ «نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛ 058 HEB 010 006 نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛ 058 HEB 010 007 شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم». 058 HEB 010 008 ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن 058 HEB 010 009 يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، [خۇدا] كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 058 HEB 010 010 خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، [خۇداغا] ئاتالدۇق. 058 HEB 010 011 ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى [خۇداغا] قايتا-قايتا سۇنىدۇ. 058 HEB 010 012 بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛ 058 HEB 010 013 ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. 058 HEB 010 014 ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. 058 HEB 010 015 [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ 058 HEB 010 016 «ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ 058 HEB 010 017 «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن. 058 HEB 010 018 ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ. 058 HEB 010 019 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، 058 HEB 010 020 (ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) 058 HEB 010 021 شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، 058 HEB 010 022 دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى! 058 HEB 010 023 ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر) 058 HEB 010 024 ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. 058 HEB 010 025 بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. 058 HEB 010 026 ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، 058 HEB 010 027 بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. 058 HEB 010 028 ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. 058 HEB 010 029 ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟ 058 HEB 010 030 چۈنكى [تەۋراتتا] «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. 058 HEB 010 031 مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە! 058 HEB 010 032 ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 058 HEB 010 033 بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. 058 HEB 010 034 چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. 058 HEB 010 035 شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ. 058 HEB 010 036 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. 058 HEB 010 037 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدا] مۇنداق دېگەن: ــ «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ. 058 HEB 010 038 بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ». 058 HEB 010 039 ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز. 058 HEB 011 001 ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر. 058 HEB 011 002 چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن [خۇدادىن كەلگەن] ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان. 058 HEB 011 003 بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. 058 HEB 011 004 ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا. 058 HEB 011 005 ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا [ئەرشكە] كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى. 058 HEB 011 006 ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. 058 HEB 011 007 ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى. 058 HEB 011 008 ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. 058 HEB 011 009 ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى. 058 HEB 011 010 ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر. 058 HEB 011 011 ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى. 058 HEB 011 012 بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. 058 HEB 011 013 بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. 058 HEB 011 014 بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. 058 HEB 011 015 دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. 058 HEB 011 016 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان. 058 HEB 011 017 ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى. 058 HEB 011 019 چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى. 058 HEB 011 020 ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى. 058 HEB 011 021 ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. 058 HEB 011 022 ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى. 058 HEB 011 023 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. 058 HEB 011 024 ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، 058 HEB 011 025 گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. 058 HEB 011 026 ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. 058 HEB 011 027 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى. 058 HEB 011 028 ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» [پەرىشتىنىڭ] [ئىسرائىللارغا] تەگمەسلىكى ئۈچۈن [تۇنجى] «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى [بۇيرۇلغىنى بويىچە] سېپىپ-سۈركىدى. 058 HEB 011 029 ئېتىقادى بولغاچقا، [ئىسرائىللار] قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق [ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن] مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى. 058 HEB 011 030 ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى. 058 HEB 011 031 ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر [بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر] بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى. 058 HEB 011 032 مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. 058 HEB 011 033 ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، 058 HEB 011 034 دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. 058 HEB 011 035 [ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. 058 HEB 011 036 يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ 058 HEB 011 037 ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى 058 HEB 011 038 (ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. 058 HEB 011 039 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. 058 HEB 011 040 ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ. 058 HEB 012 001 ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى. 058 HEB 012 003 كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار. 058 HEB 012 004 گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. 058 HEB 012 005 خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان [مۇقەددەس يازمىلاردىكى] مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: ــ «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن، 058 HEB 012 006 چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ». 058 HEB 012 007 ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ 058 HEB 012 008 ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر. 058 HEB 012 009 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟ 058 HEB 012 010 ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. 058 HEB 012 011 ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ. 058 HEB 012 012 شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار» 058 HEB 012 013 ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار. 058 HEB 012 014 بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ. 058 HEB 012 015 ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن. 058 HEB 012 016 ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن. 058 HEB 012 017 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن [ئاتىسىنىڭ] خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ [بۇ ئىشلارنى ئورنىغا] [كەلتۈرىدىغان] توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى. 058 HEB 012 018 چۈنكى سىلەر قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار ــ 058 HEB 012 019 (ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ [خۇداغا] يالۋۇرۇشتى؛ 058 HEB 012 020 چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» [دەپ تاپىلانغانىدى]؛ 058 HEB 012 021 ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى). 058 HEB 012 022 ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، 058 HEB 012 023 ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا 058 HEB 012 024 ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ. 058 HEB 012 025 بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟ 058 HEB 012 026 ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. 058 HEB 012 027 «يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز تەۋرىتىلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىتىلىشى بىلەن يوقىتىلىدىغانلىقىنى، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 058 HEB 012 028 شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى. 058 HEB 012 029 چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر. 058 HEB 013 001 ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن. 058 HEB 013 002 ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. 058 HEB 013 003 زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە [زىنداندا] زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار. 058 HEB 013 004 ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ. 058 HEB 013 005 مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن». 058 HEB 013 006 شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» 058 HEB 013 007 سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ 058 HEB 013 008 ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ! 058 HEB 013 009 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى [قۇربانلىققا خاس] يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس. 058 HEB 013 010 بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. 058 HEB 013 011 چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى. 058 HEB 013 012 شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. 058 HEB 013 013 شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. 058 HEB 013 014 چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. 058 HEB 013 015 شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. 058 HEB 013 016 ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. 058 HEB 013 017 يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن. 058 HEB 013 018 بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق. 058 HEB 013 019 يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن. 058 HEB 013 020 ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا 058 HEB 013 021 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! 058 HEB 013 022 سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس. 058 HEB 013 023 قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ. 058 HEB 013 024 بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى. 058 HEB 013 025 مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ # # BOOK 059 JAM James ياقۇپ 059 JAM 001 001 خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام! 059 JAM 001 002 ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. 059 JAM 001 003 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ 059 JAM 001 004 سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. 059 JAM 001 005 بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. 059 JAM 001 006 بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. 059 JAM 001 007 ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ 059 JAM 001 008 ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر. 059 JAM 001 009 نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. 059 JAM 001 011 قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. 059 JAM 001 012 سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 059 JAM 001 013 ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. 059 JAM 001 014 بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ 059 JAM 001 015 ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 059 JAM 001 016 شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! 059 JAM 001 017 بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. 059 JAM 001 018 ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. 059 JAM 001 019 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. 059 JAM 001 020 چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. 059 JAM 001 021 شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. 059 JAM 001 022 ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. 059 JAM 001 023 چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. 059 JAM 001 025 لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. 059 JAM 001 026 بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. 059 JAM 001 027 خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر. 059 JAM 002 001 قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار. 059 JAM 002 002 چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە، 059 JAM 002 003 سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 059 JAM 002 004 ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟! 059 JAM 002 005 قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟ 059 JAM 002 006 بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟ 059 JAM 002 007 ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ [بايلار] ئەمەسمۇ؟ 059 JAM 002 008 مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 059 JAM 002 009 لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر. 059 JAM 002 010 چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، [ھەتتا] ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. 059 JAM 002 011 چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا [پۈتۈن] تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر. 059 JAM 002 012 شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. 059 JAM 002 013 چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ. 059 JAM 002 014 ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما [ئۇنىڭدا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ [بۇنداق] ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ 059 JAM 002 015 ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 059 JAM 002 017 شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر. 059 JAM 002 018 لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ [تالىشىدۇ]. لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!»، «مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللەر بىلەن كۆرسىتىمەن» دەيمەن. 059 JAM 002 019 ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ! 059 JAM 002 020 ئەي، قۇرۇق خىيال ئادەم! ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 059 JAM 002 021 ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق ھەققانىي دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 059 JAM 002 022 ئەمدى شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇناسىپ ئەمەللەرنى قىلدى ۋە ئېتىقادى ئەمەللەر ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىندى. 059 JAM 002 023 مانا بۇ ئىش [تەۋراتتىكى]: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى. 059 JAM 002 024 بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ. 059 JAM 002 025 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، پاھىشە ئايال راھاب [ئىسرائىل] چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟ 059 JAM 002 026 تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. 059 JAM 003 001 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز [تەلىم بەرگۈچىلەر] باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز. 059 JAM 003 002 چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ. 059 JAM 003 003 مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى [خالىغان تەرەپكە] بۇرىيالايمىز. 059 JAM 003 004 مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ. 059 JAM 003 005 شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار! 059 JAM 003 006 تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ! 059 JAM 003 007 چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى. 059 JAM 003 008 ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر. 059 JAM 003 009 بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ-تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز. 059 JAM 003 010 دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر-مۇبارەك ھەم لەنەت-قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! 059 JAM 003 011 بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟ 059 JAM 003 012 ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق [بۇلاق] تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ. 059 JAM 003 013 ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! 059 JAM 003 014 لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار. 059 JAM 003 015 بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر. 059 JAM 003 016 چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 059 JAM 003 017 لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. 059 JAM 003 018 ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ. 059 JAM 004 001 ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟ 059 JAM 004 002 سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر. 059 JAM 004 003 تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر. 059 JAM 004 004 ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ. 059 JAM 004 005 مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟ 059 JAM 004 006 لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. 059 JAM 004 007 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. 059 JAM 004 008 خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. 059 JAM 004 009 [گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. 059 JAM 004 010 رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 059 JAM 004 011 ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن [توغرا-ناتوغرا دەپ] ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن. 059 JAM 004 012 قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟ 059 JAM 004 013 ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى-پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! 059 JAM 004 014 ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس. 059 JAM 004 015 بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك. 059 JAM 004 016 لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر. 059 JAM 004 017 شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 059 JAM 005 001 ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار. 059 JAM 005 002 بايلىقىڭلار چىرىپ كەتتى، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كەتتى، 059 JAM 005 003 ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى، بۇ دات [قىيامەتتە] ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ، گۆشۈڭلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندەك يەۋېتىدۇ. سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى! 059 JAM 005 004 مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 059 JAM 005 005 سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر. [قويلار] بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر. 059 JAM 005 006 سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. 059 JAM 005 007 شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى. 059 JAM 005 009 قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلار سوراققا تارتىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ مانا، سوراق قىلغۇچى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. 059 JAM 005 010 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. 059 JAM 005 011 بىز مانا مۇشۇنداق [سەۋر-تاقەت بىلەن] بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر. 059 JAM 005 012 ئەمدى ئى قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار ــ نە ئاسمان نە زېمىن نە ھېچقانداق باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار، بەلكى «بولىدۇ» دېسەڭلار ھەقىقىي «بولىدۇ» بولسۇن، «ياق» دېسەڭلار ھەقىقىي «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، [خۇدانىڭ] جازاسىغا چۈشمەيسىلەر. 059 JAM 005 013 ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 059 JAM 005 014 ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. 059 JAM 005 015 شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 059 JAM 005 016 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 059 JAM 005 017 ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى. 059 JAM 005 018 ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى. 059 JAM 005 019 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى [ھەقىقەتكە] قايتۇرسا، 059 JAM 005 020 مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. # # BOOK 060 1PE 1 Peter پېترۇس 1 060 1PE 001 001 ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام. 060 1PE 001 002 سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي! 060 1PE 001 003 ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! 060 1PE 001 004 دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. 060 1PE 001 005 ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر. 060 1PE 001 006 سىلەر بۇ [نىجاتتىن] زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ. 060 1PE 001 007 ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ [قايتا] ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. 060 1PE 001 008 ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ. 060 1PE 001 009 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر. 060 1PE 001 010 سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان [ئىلگىرىكى] پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى. 060 1PE 001 011 ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 060 1PE 001 012 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە. 060 1PE 001 013 شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك-سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. 060 1PE 001 014 [خۇدانىڭ] ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. 060 1PE 001 015 ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. 060 1PE 001 016 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن. 060 1PE 001 017 سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى [ئۇنىڭ] قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار. 060 1PE 001 018 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ [قۇللۇقىدىن] ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس، 060 1PE 001 019 بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. 060 1PE 001 020 ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا [خۇدا تەرىپىدىن] شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن [بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ] ئاشكارا قىلىندى. 060 1PE 001 021 سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ [شۇنى قىلغىنى] ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر. 060 1PE 001 022 سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. 060 1PE 001 023 چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. 060 1PE 001 024 چۈنكى [خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، 060 1PE 001 025 بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر. 060 1PE 002 001 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ، 060 1PE 002 002 رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر. 060 1PE 002 004 ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ 060 1PE 002 005 سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛ 060 1PE 002 006 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ــ «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ». 060 1PE 002 007 ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: ــ «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: ــ «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. 060 1PE 002 009 لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت. 060 1PE 002 010 بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن [خۇدانىڭ] رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار. 060 1PE 002 011 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. 060 1PE 002 012 يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، [خۇدانىڭ] ئۇلارنى [ئويغىتىپ] يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن. 060 1PE 002 013 شۇڭا رەبنىڭ ھۆرمىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەربىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈمىگە، مەيلى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھقا بولسۇن ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. چۈنكى بۇ ھوقۇقدارلار [پادىشاھ] تەرىپىدىن يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر. 060 1PE 002 015 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن نادان ئادەملەرنىڭ ئورۇنسىز شىكايەتلىرىنى تۇۋاقلاشتۇر. 060 1PE 002 016 سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن، بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار، بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ، 060 1PE 002 017 بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، [ئېتىقادچى] قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار. 060 1PE 002 018 قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. 060 1PE 002 019 چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 060 1PE 002 020 چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 060 1PE 002 021 چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ 060 1PE 002 022 «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». 060 1PE 002 023 ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى. 060 1PE 002 024 ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. 060 1PE 002 025 چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار. 060 1PE 003 001 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ. 060 1PE 003 003 گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن، 060 1PE 003 004 بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. 060 1PE 003 005 چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق [گۈزەللىك بىلەن] ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. 060 1PE 003 006 دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ [ساراھنىڭ] پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. 060 1PE 003 007 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن [خۇدا] شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. 060 1PE 003 008 ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار. 060 1PE 003 009 يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر. 060 1PE 003 010 چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: ــ «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ 060 1PE 003 011 يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن. 060 1PE 003 012 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ». 060 1PE 003 013 ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟ 060 1PE 003 014 لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛ 060 1PE 003 015 بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار. 060 1PE 003 016 ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. 060 1PE 003 017 چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، [ئەلۋەتتە]. 060 1PE 003 018 چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛ 060 1PE 003 019 شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، [ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى] جاكارلىدى. 060 1PE 003 020 [سولاپ قويۇلغان] بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ [پەيغەمبەر]نىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن [كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى] كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى. 060 1PE 003 021 مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ 060 1PE 003 022 (مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا). 060 1PE 004 001 ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى [خۇدا يولىدا] ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛ 060 1PE 004 002 ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ). 060 1PE 004 003 چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار! 060 1PE 004 004 بۇ ئىشلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇنداق ئىپلاسلىققا يۈگۈرمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. 060 1PE 004 005 ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ. 060 1PE 004 006 شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار [سوراق قىلىنىدىغان]دەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن. 060 1PE 004 007 ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار. 060 1PE 004 008 لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار». 060 1PE 004 009 بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. 060 1PE 004 010 خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. 060 1PE 004 011 كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن! 060 1PE 004 012 سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. 060 1PE 004 013 بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. 060 1PE 004 014 سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ. 060 1PE 004 015 ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 060 1PE 004 016 بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام [بىلەن] [ئاتالغانلىقى] ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن. 060 1PE 004 017 چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟ 060 1PE 004 018 [دەل] [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: ــ «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» 060 1PE 004 019 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن. 060 1PE 005 001 ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، 060 1PE 005 002 ــ خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار؛ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار؛ پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار. 060 1PE 005 003 خۇدانىڭ پادىسىغا غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار. 060 1PE 005 004 شۇنداق قىلساڭلار، باش پادىچى ئاشكارە بولغاندا، مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر. 060 1PE 005 005 ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ». 060 1PE 005 006 ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ 060 1PE 005 007 بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ. 060 1PE 005 008 ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ 060 1PE 005 009 سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ. 060 1PE 005 010 ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ. 060 1PE 005 011 ئۇنىڭغا [بارلىق] شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! 060 1PE 005 012 مەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يېزىپ، ئۆزۈم سادىق قېرىندىشىم دەپ بىلىدىغان سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە يوللىدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمنىڭ مەقسىتى، سىلەرگە جېكىلەش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. 060 1PE 005 013 سىلەر بىلەن بىللە تاللانغان بابىلدا تۇرۇۋاتقان جامائەت ۋە ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام. 060 1PE 005 014 بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سۆيۈشۈپ سالاملىشىڭلار. سىلەرگە، يەنى مەسىھدە بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق-خاتىرجەملىك يار بولغاي! # # BOOK 061 2PE 2 Peter پېترۇس 2 061 2PE 001 001 ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! 061 2PE 001 002 سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي! 061 2PE 001 003 بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى. 061 2PE 001 004 ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر. 061 2PE 001 005 دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، 061 2PE 001 006 بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، 061 2PE 001 007 ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار. 061 2PE 001 008 چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا [ئىنتىلىشتە] ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ. 061 2PE 001 009 ئەممە ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. 061 2PE 001 010 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر [خۇدا تەرىپىدىن] چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. 061 2PE 001 011 شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. 061 2PE 001 012 شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 061 2PE 001 013 دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. 061 2PE 001 014 چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. 061 2PE 001 015 بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن. 061 2PE 001 016 چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. 061 2PE 001 017 چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. 061 2PE 001 018 مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. 061 2PE 001 019 ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). 061 2PE 001 020 شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. 061 2PE 001 021 چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر. 061 2PE 002 001 لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 061 2PE 002 002 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. 061 2PE 002 003 ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ. 061 2PE 002 004 چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە، 061 2PE 002 005 شۇنداقلا قەدىمكى دۇنيادىكىلەرنىمۇ ئاياپ قويماي، خۇداسىزلىققا بېرىلگەن دۇنيانى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە ــ 061 2PE 002 006 ھەمدە كېيىن سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى خۇداسىزلىققا بېرىلگەنلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ بېكىتىپ، بېشىغا كۈلپەتلىك جازانى چۈشۈرۈپ كۈل قىلغان، 061 2PE 002 007 شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ ئازابلانغان، ھەققانىي بولغان لۇتنى ئۇلار ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرغان يەردە ــ 061 2PE 002 008 (ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان ھەققانىي لۇتنىڭ ھەققانىي قەلبى ھەر كۈنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىتائەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىناتتى) 061 2PE 002 009 ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ. 061 2PE 002 010 بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «[روھىي] ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر. 061 2PE 002 011 ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «[ئۇلۇغلار]»[نى] ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ. 061 2PE 002 012 ئەمما بۇلار خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك كېلىپ، ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە ھاقارەتلىك سۆز قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ، 061 2PE 002 013 شۇنداقلا ئۆز ھەققانىيسىزلىقىغا تۇشلۇق جازانىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلار [سىلەرگە] نومۇس ۋە داغ كەلتۈرۈپ سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئۆز مەككارلىقلىرىدىن زوقلىنىدۇ. 061 2PE 002 014 ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر! 061 2PE 002 015 ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى، 061 2PE 002 016 لېكىن ئۇ قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى). 061 2PE 002 017 مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان. 061 2PE 002 018 چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ. 061 2PE 002 019 ئۇلار مۇشۇ كىشىلەرگە «سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇزۇقلۇقنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. 061 2PE 002 020 چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. 061 2PE 002 021 چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 061 2PE 002 022 مۇشۇ ئىشەنچلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: ــ «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا قايتىدىن پاتقاقتا ئېغىنار». 061 2PE 003 001 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى، 061 2PE 003 002 مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن. 061 2PE 003 003 ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ: 061 2PE 003 004 «قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. 061 2PE 003 005 ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ. 061 2PE 003 006 شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى. 061 2PE 003 007 ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ. 061 2PE 003 008 ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. 061 2PE 003 009 رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا]. 061 2PE 003 010 لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك [كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا] بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. 061 2PE 003 011 ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ، 061 2PE 003 012 خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ. 061 2PE 003 013 لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر. 061 2PE 003 014 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، [شۇ تاپتا] خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار. 061 2PE 003 015 ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛ 061 2PE 003 016 بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. 061 2PE 003 017 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، [مەن ئېيتقان] بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. 061 2PE 003 018 ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! # # BOOK 062 1JO 1 John يۇھاننا 1 062 1JO 001 001 ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا [سىلەرگە بايان قىلىمىز] 062 1JO 001 002 (بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) 062 1JO 001 003 ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر. 062 1JO 001 004 سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز. 062 1JO 001 005 ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. 062 1JO 001 006 ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 062 1JO 001 007 لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ. 062 1JO 001 008 ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ. 062 1JO 001 009 گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر. 062 1JO 001 010 ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 062 1JO 002 001 ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر. 062 1JO 002 002 ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن [جازانى كۆتۈرگۈچى] كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. 062 1JO 002 003 بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. 062 1JO 002 004 «ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. 062 1JO 002 005 لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. 062 1JO 002 006 «خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك. 062 1JO 002 007 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە [بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان] يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر. 062 1JO 002 008 لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر [دېسەكمۇ بولىدۇ]؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى. 062 1JO 002 009 كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. 062 1JO 002 010 قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. 062 1JO 002 011 لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن. 062 1JO 002 012 مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى. 062 1JO 002 013 مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. 062 1JO 002 014 مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى سىلەر ئاتىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر كۈچلۈكسىلەر، خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردە تۇرىدۇ ۋە سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار. 062 1JO 002 015 بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر. 062 1JO 002 016 چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛ 062 1JO 002 017 ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. 062 1JO 002 018 ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ [ئاخىر زاماندا] كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. 062 1JO 002 019 ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى. 062 1JO 002 020 ھالبۇكى، سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر. 062 1JO 002 021 سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. 062 1JO 002 022 ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر. 062 1JO 002 023 كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ. 062 1JO 002 024 سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزىۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛ 062 1JO 002 025 ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. 062 1JO 002 026 سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛ 062 1JO 002 027 سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر. 062 1JO 002 028 ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز. 062 1JO 002 029 [خۇدانىڭ] ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك. 062 1JO 003 001 قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 062 1JO 003 002 سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ [قايتىدىن] ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز. 062 1JO 003 003 ۋە [مەسىھگە] ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا. 062 1JO 003 004 گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 062 1JO 003 005 ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر. 062 1JO 003 006 ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ. 062 1JO 003 007 ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. 062 1JO 003 008 لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر. 062 1JO 003 009 خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. 062 1JO 003 010 خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر. 062 1JO 003 011 چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر. 062 1JO 003 012 ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. 062 1JO 003 013 شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. 062 1JO 003 014 بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. 062 1JO 003 015 قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 062 1JO 003 016 بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. 062 1JO 003 017 ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 062 1JO 003 018 ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. 062 1JO 003 019 بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە [خۇدانىڭ] ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. 062 1JO 003 020 شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 062 1JO 003 021 سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز 062 1JO 003 022 ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. 062 1JO 003 023 ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. 062 1JO 003 024 ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى [خۇدادا] ياشايدىغان ۋە [خۇدامۇ] ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر. 062 1JO 004 001 سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى. 062 1JO 004 002 خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ. 062 1JO 004 003 ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى. 062 1JO 004 004 ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر. 062 1JO 004 005 ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ. 062 1JO 004 006 بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز. 062 1JO 004 007 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. 062 1JO 004 008 مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 062 1JO 004 009 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. 062 1JO 004 010 مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر. 062 1JO 004 011 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز. 062 1JO 004 012 ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. 062 1JO 004 013 بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان. 062 1JO 004 014 بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. 062 1JO 004 015 ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. 062 1JO 004 016 بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 062 1JO 004 017 مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. 062 1JO 004 018 مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر. 062 1JO 004 019 بىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. 062 1JO 004 020 ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ 062 1JO 004 021 شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر. 062 1JO 005 001 ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ. 062 1JO 005 002 بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. 062 1JO 005 003 خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر. 062 1JO 005 004 چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. 062 1JO 005 005 بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟ 062 1JO 005 006 ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر. 062 1JO 005 007 چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ 062 1JO 005 008 بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ [گۇۋاھلىقى] بىردۇر. 062 1JO 005 009 ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ 062 1JO 005 010 (خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن) 062 1JO 005 011 گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. 062 1JO 005 012 شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. 062 1JO 005 013 مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. 062 1JO 005 014 ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. 062 1JO 005 015 ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز. 062 1JO 005 016 بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن. 062 1JO 005 017 ھەممە ھەققانىيەتسىزلىك گۇناھتۇر؛ ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھمۇ بار. 062 1JO 005 018 خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. 062 1JO 005 019 ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە مەلۇم؛ ئەمما پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر. 062 1JO 005 020 يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر! 062 1JO 005 021 ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار. # # BOOK 063 2JO 2 John يۇھاننا 2 063 2JO 001 002 ‏ مەنكى ئاقساقالدىن [خۇدا تەرىپىدىن] تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ. 063 2JO 001 003 خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي! 063 2JO 001 004 بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. 063 2JO 001 005 ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر 063 2JO 001 006 (مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر. 063 2JO 001 007 چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر. 063 2JO 001 008 بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. 063 2JO 001 009 كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. 063 2JO 001 010 ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. 063 2JO 001 011 چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر. 063 2JO 001 012 سىلەرگە پۈتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. 063 2JO 001 013 خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام! # # BOOK 064 3JO 3 John يۇھاننا 3 064 3JO 001 001 مەنكى ئاقساقال ئۆزۈم ھەقىقەتتە سۆيگەن سۆيۈملۈك گايۇسقا سالام! 064 3JO 001 002 ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن. 064 3JO 001 003 قېرىنداشلار كېلىپ، سەندە بولغان ھەقىقەت توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەندە، مەن ئىنتايىن بەك خۇشاللاندىم؛ چۈنكى سەن ھەقىقەتتە داۋاملىق مېڭىۋاتىسەن. 064 3JO 001 004 ماڭا نىسبەتەن، ئەزىز بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. 064 3JO 001 005 سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يېنىڭغا بارغان قېرىنداشلارغا (گەرچە ئۇلار ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ) قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە ئىخلاسمەنلىكىڭ ئىسپاتلىنىدۇ. 064 3JO 001 006 ئۇلار جامائەت ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى يەنە خۇدانىڭ يولىغا لايىق سەپىرىگە ئۇزىتىپ قويساڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. 064 3JO 001 007 چۈنكى ئۇلار [سەپەردە] يات ئەللىك [ئېتىقادسىزلاردىن] ھېچ نېمە ئالماي، شۇ مۇبارەك نام ئۈچۈن يولغا چىقتى. 064 3JO 001 008 شۇڭا، ھەقىقەت بىلەن خىزمەتداش بولۇپ تەڭ ئىشلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن بىز شۇنداقلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. 064 3JO 001 009 بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. 064 3JO 001 010 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. 064 3JO 001 011 ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر. 064 3JO 001 012 دېمىترىئۇسنى بولسا ھەممەيلەن، ھەتتا ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ياخشى گۇۋاھلىق بېرىپ تەرىپلەيدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز ۋە گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سەنمۇ بىلىسەن. 064 3JO 001 013 ساڭا يازىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، 064 3JO 001 014 سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؛ شۇ چاغدا دەرقەمدە سۆزلىشىمىز. ساڭا خاتىرجەملىك يار بولغاي! دوستلاردىن ساڭا سالام. سەنمۇ [ئۇ يەردىكى] دوستلارغا ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە مەندىن سالام ئېيتقايسەن. # # BOOK 065 JUD Jude يەھۇدا 065 JUD 001 001 ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام. 065 JUD 001 002 سىلەرگە رەھىمدىللىك، ئامانلىق-خاتىرجەملىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي! 065 JUD 001 003 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى. 065 JUD 001 004 چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر. 065 JUD 001 005 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب [ئۆزى ئۈچۈن] بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى [ئۆزىگە] ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. 065 JUD 001 006 [ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. 065 JUD 001 007 سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ [پەرىشتىلەرگە] ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، [كېيىنكى دەۋرلەر] ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. 065 JUD 001 008 لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا. 065 JUD 001 009 لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان. 065 JUD 001 010 لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 065 JUD 001 011 بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا [ئوخشاش] ئاخىر ھالاك بولىدۇ. 065 JUD 001 012 ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر! 065 JUD 001 013 ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر. 065 JUD 001 014 ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ «مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ، 065 JUD 001 015 ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ». 065 JUD 001 016 بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ. 065 JUD 001 017 لېكىن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، 065 JUD 001 018 ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى. 065 JUD 001 019 مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر. 065 JUD 001 020 لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، 065 JUD 001 021 ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. 065 JUD 001 022 ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ 065 JUD 001 023 بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار. 065 JUD 001 024 ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر 065 JUD 001 025 خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن! # # BOOK 066 REV Revelation ۋەھىي 066 REV 001 001 بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى. 066 REV 001 002 يۇھاننا بولسا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھەمدە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى گۇۋاھلىققا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. 066 REV 001 003 بۇ بېشارەتنى ئوقۇپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئىتائەت قىلغۇچى بەختلىكتۇر! چۈنكى ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر. 066 REV 001 004 مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن 066 REV 001 005 ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان 066 REV 001 006 ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! 066 REV 001 007 مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن! 066 REV 001 008 مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا. 066 REV 001 009 سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەم سىلەر بىلەن بىرگە ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار بولغان مەنكى يۇھاننا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن پاتموس دېگەن ئارالدا [مەھبۇس] بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. 066 REV 001 010 «رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن، كەينىمدىن كاناي ئاۋازىدەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 066 REV 001 011 بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى. 066 REV 001 012 ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان 066 REV 001 013 ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. 066 REV 001 014 ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. 066 REV 001 015 پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. 066 REV 001 016 ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى. 066 REV 001 017 ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى 066 REV 001 018 ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر! 066 REV 001 019 شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. 066 REV 001 020 سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق ــ يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر. 066 REV 002 001 ــ ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 066 REV 002 002 ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 066 REV 002 003 شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن. 066 REV 002 004 لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. 066 REV 002 005 شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن. 066 REV 002 006 بىراق، سېنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن. 066 REV 002 007 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن». 066 REV 002 008 ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: 066 REV 002 009 ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. 066 REV 002 010 ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن. 066 REV 002 011 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!». 066 REV 002 012 ــ پەرگامۇمدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 066 REV 002 013 ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ. 066 REV 002 014 لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا ــ بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. 066 REV 002 015 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. 066 REV 002 016 شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. 066 REV 002 017 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». 066 REV 002 018 ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: 066 REV 002 019 ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. 066 REV 002 020 لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. 066 REV 002 021 مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. 066 REV 002 022 ئەمدى مانا، مەن ئۇنى [ئېغىر كېسەل] ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. 066 REV 002 023 ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. 066 REV 002 024 لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. 066 REV 002 026 غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 066 REV 002 027 مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: ــ «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». 066 REV 002 028 مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. 066 REV 002 029 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» 066 REV 003 001 ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. 066 REV 003 002 شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان [خىسلەتلىرىڭنى] كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. 066 REV 003 003 ئۇنىڭ ئۈچۈن [سۆز-كالامنى] قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن. 066 REV 003 004 لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. 066 REV 003 005 غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. 066 REV 003 006 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» 066 REV 003 007 ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: 066 REV 003 008 ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. 066 REV 003 009 مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن. 066 REV 003 010 سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن. 066 REV 003 011 مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. 066 REV 003 012 غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. 066 REV 003 013 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» 066 REV 003 014 ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مۇنداق دەيدۇ: 066 REV 003 015 سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! 066 REV 003 016 سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. 066 REV 003 017 سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، 066 REV 003 018 باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. 066 REV 003 019 مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل. 066 REV 003 020 مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. 066 REV 003 021 غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. 066 REV 003 022 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» 066 REV 004 001 ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى 066 REV 004 002 ۋە دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم؛ مانا، ئەرشتە بىر تەخت، تەختتە بىر زات ئولتۇراتتى. 066 REV 004 003 تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. تەختنىڭ چۆرىسىنى زۇمرەتتەك بىر ھەسەن-ھۈسەن ئوراپ تۇراتتى. 066 REV 004 004 تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى. 066 REV 004 005 تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. 066 REV 004 006 تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. 066 REV 004 007 بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 066 REV 004 008 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: ــ «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولغۇچى، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» ــ دېيىشەتتى. 066 REV 004 009 ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، 066 REV 004 010 يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ 066 REV 004 011 «سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!» 066 REV 005 001 ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. 066 REV 005 002 يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. 066 REV 005 003 لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى. 066 REV 005 004 ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. 066 REV 005 005 ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. 066 REV 005 006 ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. 066 REV 005 007 قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. 066 REV 005 008 يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى). 066 REV 005 009 ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. 066 REV 005 010 ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ». 066 REV 005 011 ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. 066 REV 005 012 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. 066 REV 005 013 ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 005 014 تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى. 066 REV 006 001 ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 006 002 كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. 066 REV 006 003 قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 006 004 يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى. 066 REV 006 005 قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. 066 REV 006 006 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ «بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا، ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ. ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!» ــ دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 066 REV 006 007 قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 006 008 كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. 066 REV 006 009 قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. 066 REV 006 010 ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ــ ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ ــ دېيىشەتتى. 066 REV 006 011 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى. 066 REV 006 012 ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. 066 REV 006 013 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. 066 REV 006 014 ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ 066 REV 006 015 ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 066 REV 006 016 ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار! 066 REV 006 017 چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!». 066 REV 007 001 ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. 066 REV 007 002 مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: 066 REV 007 003 «بىز خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى. 066 REV 007 004 مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم ــ ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى، يەنى: ــ 066 REV 007 005 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، رۇبەن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، گاد قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، 066 REV 007 006 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، نافتالى قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، 066 REV 007 007 شىمېئون قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، 066 REV 007 008 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى. 066 REV 007 009 بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. 066 REV 007 010 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 066 REV 007 011 بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ 066 REV 007 012 «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» 066 REV 007 013 ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن: ــ بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ ــ دەپ سورىدى. 066 REV 007 014 ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، ــ دېدىم. ئۇ ماڭا: ــ بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان. 066 REV 007 015 شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. 066 REV 007 016 ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. 066 REV 007 017 چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، ــ دېدى. 066 REV 008 001 قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 066 REV 008 002 ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. 066 REV 008 003 ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى. 066 REV 008 004 ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. 066 REV 008 005 ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. 066 REV 008 006 ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. 066 REV 008 007 بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى. 066 REV 008 008 ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى 066 REV 008 009 ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. 066 REV 008 010 ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. 066 REV 008 011 يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى. 066 REV 008 012 تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. 066 REV 008 013 يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 009 001 بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى، 066 REV 009 002 ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى. 066 REV 009 003 تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. 066 REV 009 004 ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە زەرەر يەتكۈزمەڭلار، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھۈرى بولمىغان ئادەملەرگىلا زەرەر قىلىڭلار، دەپ ئېيتىلدى. 066 REV 009 005 ئۇلارغا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى بەش ئايغىچە قىيناشقا يول قويۇلدى؛ ئۇلار يەتكۈزىدىغان ئازاب ئادەمنى چايان چاققاندىكىدەك ئازاب ئىدى. 066 REV 009 006 شۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ. 066 REV 009 007 چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجقا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ، چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. 066 REV 009 008 چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. 066 REV 009 009 ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى؛ قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. 066 REV 009 010 چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقلىرى ۋە نەشتەرلىرى بار ئىدى. ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالىدىغان كۈچ بولسا قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. 066 REV 009 011 ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى. 066 REV 009 012 بىرىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى. مانا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى «ۋاي» كېلىدۇ. 066 REV 009 013 ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: ــ چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. 066 REV 009 015 دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. 066 REV 009 016 بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 009 017 غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئۈستىگە مىنگەنلەر مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىدەك ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت چىقىپ تۇراتتى. 066 REV 009 018 بۇ ئۈچ بالادىن، يەنى ئاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ۋە تۈتۈن ۋە گۈنگۈرتتىن ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلتۈرۈلدى. 066 REV 009 019 چۈنكى ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانلارغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى. 066 REV 009 020 قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. 066 REV 009 021 ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي بۇزۇقلۇق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى. 066 REV 010 001 ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ 066 REV 010 002 قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، 066 REV 010 003 شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. 066 REV 010 004 يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 066 REV 010 005 دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، 066 REV 010 006 ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ 066 REV 010 007 بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. 066 REV 010 008 مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. 066 REV 010 009 مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. 066 REV 010 010 مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. 066 REV 010 011 شۇنىڭ بىلەن ماڭا: ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى. 066 REV 011 001 ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن. 066 REV 011 002 لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. 066 REV 011 003 مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» 066 REV 011 004 (بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر). 066 REV 011 005 بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. 066 REV 011 006 ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. 066 REV 011 007 ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. 066 REV 011 008 جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى. 066 REV 011 009 ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. 066 REV 011 010 يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى. 066 REV 011 011 لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. 066 REV 011 012 ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 066 REV 011 013 دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. 066 REV 011 014 ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى. 066 REV 011 015 ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». 066 REV 011 016 خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ 066 REV 011 017 «شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ. 066 REV 011 018 ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى». 066 REV 011 019 ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى. 066 REV 012 001 ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. 066 REV 012 002 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. 066 REV 012 003 ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. 066 REV 012 004 ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 066 REV 012 005 ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. 066 REV 012 006 ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى. 066 REV 012 007 ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. 066 REV 012 008 لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. 066 REV 012 009 شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى. 066 REV 012 010 ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛ 066 REV 012 011 قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى. 066 REV 012 012 شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!». 066 REV 012 013 ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 066 REV 012 014 ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى [ئۈچۈن ھازىرلانغان] ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. 066 REV 012 015 ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. 066 REV 012 016 لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. 066 REV 012 017 بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى. 066 REV 013 001 ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى. 066 REV 013 002 مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. 066 REV 013 003 دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا [ئەگەشتى]. 066 REV 013 004 ئەجدىھا دىۋىگە [سەلتەنەتلىك] ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى. 066 REV 013 005 دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. 066 REV 013 006 ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى. 066 REV 013 007 ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. 066 REV 013 008 يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. 066 REV 013 009 قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن! 066 REV 013 010 ««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ». مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. 066 REV 013 011 مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. 066 REV 013 012 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. 066 REV 013 013 ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. 066 REV 013 014 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. 066 REV 013 015 دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. 066 REV 013 016 ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. 066 REV 013 017 ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. 066 REV 013 018 مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر. 066 REV 014 001 ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى. 066 REV 014 002 ئاسماندىن خۇددى [شارقىراپ ئېقىۋاتقان] نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛ 066 REV 014 003 ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى [گۇناھلىرىنىڭ] بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى. 066 REV 014 004 ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان. 066 REV 014 005 ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ. 066 REV 014 006 ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. 066 REV 014 007 ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! ــ دەيتتى. 066 REV 014 008 ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن». 066 REV 014 009 ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ «كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا، 066 REV 014 010 خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ. 066 REV 014 011 ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ». 066 REV 014 012 مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. 066 REV 014 013 مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! ــ دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ــ ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»». 066 REV 014 014 مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى. 066 REV 014 015 ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى. 066 REV 014 016 بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى. 066 REV 014 017 ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. 066 REV 014 018 ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، ــ دېدى. 066 REV 014 019 بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. 066 REV 014 020 شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى. 066 REV 015 001 ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ). 066 REV 015 002 مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 066 REV 015 003 ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى! 066 REV 015 004 ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى». 066 REV 015 005 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى! 066 REV 015 006 يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 066 REV 015 007 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 066 REV 015 008 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. 066 REV 016 001 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 016 002 بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. 066 REV 016 003 ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. 066 REV 016 004 ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. 066 REV 016 005 ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! 066 REV 016 006 مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». 066 REV 016 007 ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 066 REV 016 008 تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. 066 REV 016 009 شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. 066 REV 016 010 بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى 066 REV 016 011 ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. 066 REV 016 012 ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. 066 REV 016 013 ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. 066 REV 016 014 بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى 066 REV 016 015 («مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). 066 REV 016 016 ئەمدى [ناپاك روھلار] [پادىشاھلارنى] ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى. 066 REV 016 017 يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. 066 REV 016 018 شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. 066 REV 016 019 كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. 066 REV 016 020 بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ 066 REV 016 021 ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى. 066 REV 017 001 يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. 066 REV 017 002 يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى. 066 REV 017 003 شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. 066 REV 017 004 ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. 066 REV 017 005 پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى. 066 REV 017 006 مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. 066 REV 017 007 پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. 066 REV 017 008 سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. 066 REV 017 009 مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 066 REV 017 010 بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. 066 REV 017 011 بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. 066 REV 017 012 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. 066 REV 017 013 بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ. 066 REV 017 014 دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر». 066 REV 017 015 پەرىشتە ماڭا يەنە: ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. 066 REV 017 016 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 066 REV 017 017 چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ [ئون پادىشاھنىڭ] كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى. 066 REV 017 018 سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى. 066 REV 018 001 ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى. 066 REV 018 002 پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! 066 REV 018 003 چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى». 066 REV 018 004 ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار! 066 REV 018 005 چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى. 066 REV 018 006 ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛ ئۇ [باشقىلارغا] ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار. 066 REV 018 007 ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا، قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛ ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛ مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 066 REV 018 008 بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!». 066 REV 018 009 ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. 066 REV 018 010 ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!» 066 REV 018 011 يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، 066 REV 018 012 يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، 066 REV 018 013 شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. 066 REV 018 014 ([ئى بابىل]، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى، بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى. ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!) 066 REV 018 015 بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ 066 REV 018 016 «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن! 066 REV 018 017 بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!» بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، 066 REV 018 018 ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ــ بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ ــ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. 066 REV 018 019 ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ: ــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر! ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى! بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! ــ دېيىشىدۇ. 066 REV 018 020 ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!». 066 REV 018 021 ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ! 066 REV 018 022 چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ، نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ، تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، 066 REV 018 023 ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛ 066 REV 018 024 پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى». 066 REV 019 001 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ ــ ھەمدۇسانا! نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر! 066 REV 019 002 چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛ ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى، ــ دېيىشەتتى. 066 REV 019 003 ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! 066 REV 019 004 يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. 066 REV 019 005 ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» 066 REV 019 006 ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى! 066 REV 019 007 شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» 066 REV 019 008 قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). 066 REV 019 009 ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: ــ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: ــ «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، ــ دېدى. 066 REV 019 010 مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى. 066 REV 019 011 ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. 066 REV 019 012 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. 066 REV 019 013 ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. 066 REV 019 014 ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. 066 REV 019 015 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. 066 REV 019 016 ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى. 066 REV 019 017 ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! 066 REV 019 018 پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى. 066 REV 019 019 شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. 066 REV 019 020 ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. 066 REV 019 021 قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى. 066 REV 020 001 ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 066 REV 020 002 پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. 066 REV 020 003 ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر. 066 REV 020 004 ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى 066 REV 020 005 (ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. 066 REV 020 006 دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. 066 REV 020 007 مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، 066 REV 020 008 يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ. 066 REV 020 009 ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ. 066 REV 020 010 ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ. 066 REV 020 011 ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. 066 REV 020 012 مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 066 REV 020 013 دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 066 REV 020 014 ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. 066 REV 020 015 كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى. 066 REV 021 001 ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى. 066 REV 021 002 مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم. 066 REV 021 003 ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. 066 REV 021 004 ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». 066 REV 021 005 تەختتە ئولتۇرغۇچى: ــ مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، ــ دېدى. 066 REV 021 006 ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. 066 REV 021 007 غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. 066 REV 021 008 لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر». 066 REV 021 009 ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، ــ دېدى. 066 REV 021 010 ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 066 REV 021 011 ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. 066 REV 021 012 ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. 066 REV 021 013 مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. 066 REV 021 014 شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر. 066 REV 021 015 ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. 066 REV 021 016 شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ــ ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). 066 REV 021 017 ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ [قېلىنلىقى] ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. 066 REV 021 018 سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. 066 REV 021 019 شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، 066 REV 021 020 بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. 066 REV 021 021 ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى. 066 REV 021 022 شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. 066 REV 021 023 شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. 066 REV 021 024 ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. 066 REV 021 025 ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). 066 REV 021 026 ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. 066 REV 021 027 ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 066 REV 022 001 ئاندىن [پەرىشتە] ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ، 066 REV 022 002 شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى. 066 REV 022 003 لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. 066 REV 022 004 ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ. 066 REV 022 005 ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 066 REV 022 006 پەرىشتە ماڭا: ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى. 066 REV 022 007 («مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!») 066 REV 022 008 بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. 066 REV 022 009 لېكىن ئۇ ماڭا: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى. 066 REV 022 010 ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى. 066 REV 022 011 قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى. 066 REV 022 012 «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. 066 REV 022 013 مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن». 066 REV 022 014 ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر! 066 REV 022 015 شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر. 066 REV 022 016 «مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!» 066 REV 022 017 روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن. 066 REV 022 018 مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. 066 REV 022 019 كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 066 REV 022 020 ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» 066 REV 022 021 رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!